پەيغەمبەرگە تەسەللىي
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرگە قىيىنچىلىق ۋە رەت قىلىنىش جەريانىدا بىۋاسىتە تەسەللى بېرىپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەتلەر.
ئېنگلىزچىسى: Comforting the Prophet
44 ئايەت
22 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 پەيغەمبەرگە خىتاب /
- 📄 پەيغەمبەرگە تەسەللىي
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ فَلَا تَكُنْ مِنَ الْمُمْتَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئىيسا ھەققىدىكى بۇ سۆز) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، سەن شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، شۇڭا سەن شەك كەلتۈرگۈچىلەردىن بولمىغىن
ئەنەس ئالىم: بۇ ھەقىقەت رەببىڭدىندۇر. ئۇنداقتا شۈبھىلەنگۈچىلەردىن بولمىغىن.
3 : 139 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَهِنُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَنْتُمُ الْأَعْلَوْنَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (جىھادتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر[139].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ھەقىقىي مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن تۇرۇقلۇق، (بەزى ئوڭۇشسىزلىقلار تۈپەيلىدىن) بوشىشىپ قالماڭلار ۋە قايغۇرماڭلار
ئەنەس ئالىم: بوشاڭلىق قىلماڭلار ۋە قايغۇرماڭلار. ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، ئەڭ ئۈستۈن بولغۇچىلار سىلەر بولىسىلەر.
3 : 176 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحْزُنْكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ ۚ إِنَّهُمْ لَنْ يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا ۗ يُرِيدُ اللَّهُ أَلَّا يَجْعَلَ لَهُمْ حَظًّا فِي الْآخِرَةِ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كۇفرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن (كۇفرى بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇلارغا (ساۋابتىن) ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ[176].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كۇفرغا ئۆزىنى ئاتقانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇلارغا ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى ئىرادە قىلىدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! كۇفرىلىقتا بەسلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋە بەرمەسلىكنى ئىرادە قىلىدۇ. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
3 : 184 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ كَذَّبُوكَ فَقَدْ كُذِّبَ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِكَ جَاءُوا بِالْبَيِّنَاتِ وَالزُّبُرِ وَالْكِتَابِ الْمُنِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن)، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن، مۆجىزىلەرنى، كىتابلارنى (يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش ساماۋى كىتابلارنى) ۋە نۇرلۇق كىتابنى (يەنى تەۋرات، ئىنجىلغا ئوخشاشلارنى) ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانغا چىقىرىلغان ئىدى[184].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سېنى يالغانچى دېگەن بولسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن)، سەندىن ئىلگىرى مۆجىزىلەرنى، سەھىپىلەرنى ۋە نۇرلۇق كىتابنى ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سېنى يالغانچى دېسە، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئەلچىلەر يالغانچى دېيىلگەن. ئۇلار روشەن دەلىللەرنى، ئىلاھىي سەھىپىلەرنى ۋە نۇرلۇق كىتابنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكَ وَرَحْمَتُهُ لَهَمَّتْ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ أَنْ يُضِلُّوكَ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ ۖ وَمَا يَضُرُّونَكَ مِنْ شَيْءٍ ۚ وَأَنْزَلَ اللَّهُ عَلَيْكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَكَ مَا لَمْ تَكُنْ تَعْلَمُ ۚ وَكَانَ فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكَ عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ساڭا ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم چوقۇم سېنى ئازدۇرۇشنى قەستلەيتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى ئازدۇرىدۇ، ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە غەيب ئىشلارنى) بىلدۈردى. ئاللاھنىڭ ساڭا پەزلى چوڭدۇر[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ساڭا ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم چوقۇم سېنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇناتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆزىنى ئازدۇرىدۇ، ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ساڭا قۇرئاننى ۋە ھېكمەتنى نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى. ئاللاھنىڭ ساڭا قىلغان ئىلتىپاتى كاتتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ساڭا ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ سېنى ئازدۇرۇشقا چوقۇم ئۇرۇناتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ، ئۇلار ساڭا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ساڭا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان پەزلى ھەقىقەتەن چوڭدۇر.
ئەنئام سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِنْ قَبْلِكَ فَحَاقَ بِالَّذِينَ سَخِرُوا مِنْهُمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر (مۇ كاپىرلار تەرىپىدىن) مەسخىرە قىلىندى، مەسخىرە قىلغۇچىلار مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆردى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىنغان ئىدى، مەسخىرە قىلغۇچىلارغا ئۇلار كۆزگە ئىلمىغان ئازاب چۈشتى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ مەسخىرە قىلىندى. مەسخىرە قىلغانلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى2.
6 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ نَعْلَمُ إِنَّهُ لَيَحْزُنُكَ الَّذِي يَقُولُونَ ۖ فَإِنَّهُمْ لَا يُكَذِّبُونَكَ وَلَٰكِنَّ الظَّالِمِينَ بِآيَاتِ اللَّهِ يَجْحَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار سېنى (ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)، (ھەقىقەتتە) زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار سېنى (ئىچىدە) يالغانچى دېمەيدۇ، لېكىن جېنىغا ئىچى ئاغرىمايدىغانلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سېلىۋاتقانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇلار سېنى يالغانچى دېمەيدۇ، لېكىن ئۇ زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدۇ.
6 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ كُذِّبَتْ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِكَ فَصَبَرُوا عَلَىٰ مَا كُذِّبُوا وَأُوذُوا حَتَّىٰ أَتَاهُمْ نَصْرُنَا ۚ وَلَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَاتِ اللَّهِ ۚ وَلَقَدْ جَاءَكَ مِنْ نَبَإِ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىندى، ئۇلار ئىنكار قىلىنغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى، ئاخىر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشتى، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچقانداق ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرى ساڭا نازىل بولدى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. ئۇلار بۇ بوھتانلارغا ۋە ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى، ئاخىر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشتى. ئاللاھنىڭ سۆزىنى ھەر قانداق ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرىنىڭ بىر قىسمى ھەقىقەتەن ساڭا يەتكۈزۈلدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە چاپلانغان بوھتانلارغا ۋە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى. ئاخىرى ئۇلارغا نۇسرىتىمىز كەلدى. ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ساڭا ئۇ ئەلچىلەرنىڭ بىر قىسىم خەۋەرلىرى كەلدى.
6 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَانَ كَبُرَ عَلَيْكَ إِعْرَاضُهُمْ فَإِنِ اسْتَطَعْتَ أَنْ تَبْتَغِيَ نَفَقًا فِي الْأَرْضِ أَوْ سُلَّمًا فِي السَّمَاءِ فَتَأْتِيَهُمْ بِآيَةٍ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَمَعَهُمْ عَلَى الْهُدَىٰ ۚ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْجَاهِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا يەر ئاستىغا كىرىشكە يول ياكى ئاسمانغا چىقىشقا شوتا تېپىپ بىر مۆجىزە كەلتۈرەلىسەڭ (كەلتۈرگىن)، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھىدايەتكە بىرلەشتۈرەتتى. سەن ھەرگىز (ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى) چۈشەنمەيدىغانلاردىن بولمىغىن[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا سەن يەر ئاستىغا كىرىشكە يول ياكى ئاسمانغا چىقىشقا شوتا تېپىپ ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلىسەڭ (كەلتۈرگىن)، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھىدايەتكە يىغقان بولاتتى، شۇڭا سەن ھەرگىز نادانلاردىن بولمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈشى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، سەن يەر ئاستىغا كىرەلەيدىغان تۆشۈك ياكى ئاسمانغا چىقالايدىغان شوتا ئىزدەپ، ئاندىن ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە ئېلىپ كېلىشكە كۈچۈڭ يەتسە شۇنداق قىلغىن. ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلارنى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرەتتى. ئۇنداقتا جاھىللاردىن بولمىغىن!
6 : 147 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ كَذَّبُوكَ فَقُلْ رَبُّكُمْ ذُو رَحْمَةٍ وَاسِعَةٍ وَلَا يُرَدُّ بَأْسُهُ عَنِ الْقَوْمِ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سېنى ئىنكار قىلسا، سەن: «پەرۋەردىگارىڭلار (قىلمىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىغانلىقتىن) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مەغرۇر بولماڭلاركى) ئاللاھنىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ» دېگىن[147].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سېنى ئىنكار قىلسا، سەن: «پەرۋەردىگارىڭلار كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر، (لېكىن) ئاللاھنىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانچى دېسە، ئېيتقىنكى: «رەببىڭلار كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر. لېكىن ئۇنىڭ شىددەتلىك ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ».
ئەنفال سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ حَسْبُكَ اللَّهُ وَمَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! (يالغۇز) ئاللاھ ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭىمۇ ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگىمۇ يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلارغا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.
8 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُلْ لِمَنْ فِي أَيْدِيكُمْ مِنَ الْأَسْرَىٰ إِنْ يَعْلَمِ اللَّهُ فِي قُلُوبِكُمْ خَيْرًا يُؤْتِكُمْ خَيْرًا مِمَّا أُخِذَ مِنْكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى، ئەگەر ئاللاھ دىلىڭلاردا ئىمان بارلىقىنى بىلسە (يەنى دىلىڭلاردا ئىمان بولسا، ئاللاھ ئۇنى بىلىدۇ)، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئېلىنغان فىدىيىدىن ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ، (ئىلگىرىكى گۇناھلىرىڭلارنى) مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ دىلىڭلاردا بىرەر ياخشىلىقنىڭ بارلىقىنى بىلسە، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئېلىنغان فىدىيىدىن ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! قوللىرىڭلاردىكى ئەسىرلەرگە: «ئەگەر ئاللاھ قەلبىڭلاردا بىرەر ياخشىلىق بارلىقىنى بىلسە، سىلەرگە سىلەردىن ئېلىنغان فىديەلەردىن ياخشىسىنى بېرىدۇ ۋە سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» دېگىن.
تەۋبە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا تَنْصُرُوهُ فَقَدْ نَصَرَهُ اللَّهُ إِذْ أَخْرَجَهُ الَّذِينَ كَفَرُوا ثَانِيَ اثْنَيْنِ إِذْ هُمَا فِي الْغَارِ إِذْ يَقُولُ لِصَاحِبِهِ لَا تَحْزَنْ إِنَّ اللَّهَ مَعَنَا ۖ فَأَنْزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَيْهِ وَأَيَّدَهُ بِجُنُودٍ لَمْ تَرَوْهَا وَجَعَلَ كَلِمَةَ الَّذِينَ كَفَرُوا السُّفْلَىٰ ۗ وَكَلِمَةُ اللَّهِ هِيَ الْعُلْيَا ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار ئۇنى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭغا پەقەت بىر كىشى (يەنى ئەبۇبەكرى سىددىق) ھەمراھ ئىدى. ئەينى زاماندا ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە» دەيتتى، ئاللاھ ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبىرىگە) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، ئۇنىڭغا (پەرىشتىلەردىن بولغان) قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار، كاپىرلارنىڭ سۆزىنى (يەنى شېرىك كەلىمىسىنى) پەس قىلدى، ئاللاھنىڭ سۆزى (يەنى كەلىمە تەۋھىد) ئۈستۈندۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار ئۇنى (مەككىدىن) پەقەت بىرلا كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەيدەپ چىقارغاندا، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۇ ئىككىسى غاردىكى ۋاقتىدا (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە» دېگەندە، ئاللاھ ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك بېغىشلىغان، ئۇنىڭغا سىلەر كۆرمىگەن (پەرىشتىلەردىن بولغان) قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەرگەن، كافىرلارنىڭ سۆزىنى ئەڭ پەس قىلغان ئىدى. ئاللاھنىڭ سۆزى بولسا ئەڭ ئۈستۈندۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ياردەم قىلمىساڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياردەم قىلدى4. ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار ئۇنى ئىككى كىشىنىڭ بىرى ھالىتىدە يۇرتىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى. ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. ئۇ ھەمراھىغا: «قايغۇرمىغىن، ئاللاھ چوقۇم بىز بىلەن بىللىدۇر» دېگەن ئىدى. ئۇ ئەسنادا ئاللاھ ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى رەھمىتىنى چۈشۈرگەن ئىدى. ئۇنى سىلەر كۆرمىگەن قوشۇنلار بىلەن كۈچلەندۈرگەن ئىدى. كافىرلارنىڭ سۆزىنى پەس قىلغان ئىدى. ئاللاھنىڭ سۆزىلا ئەڭ ئۈستۈندۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
9 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
عَفَا اللَّهُ عَنْكَ لِمَ أَذِنْتَ لَهُمْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكَ الَّذِينَ صَدَقُوا وَتَعْلَمَ الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سېنى كەچۈردى، (ئۆزرىسىدە) راستچىللار بىلەن يالغانچىلار (ساڭا ئېنىق بولمىغىچە نېمىشقا ئۇلارغا چىقماسلىققا) رۇخسەت بەردىڭ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سېنى كەچۈردى، (ئۆزرىسىدە) راستچىللار ساڭا ئېنىق بولمىغۇچە ۋە سەن يالغانچىلارنى بىلمىگۈچە، نېمىشقا ئۇلارغا (چىقماسلىققا) رۇخسەت بەردىڭ؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سېنى ئەپۇ قىلسۇن! راستچىللار ساڭا ئېنىق بولماستىن ۋە سەن يالغانچىلارنى بىلمەستىن نېمىشقا ئۇلارغا رۇخسەت بەردىڭ؟
يۇنۇس سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا مَرْجِعُهُمْ ثُمَّ اللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسىتىمىز (يەنى بۇ دۇنيادىلا، سەن ھايات ۋاقىتتىلا كۆرسىتىمىز)، ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى قەبزى روھ قىلىمىز، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ (مەيلى بالدۇر بولسۇن، مەيلى كېيىن بولسۇن، ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز)، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھ بولىدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەيلى بىز ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسىتەيلى ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى قەبزى روھ قىلايلى، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرۈشنى ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى سېنى ۋاپات قىلدۇرساقمۇ7، ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھچى بولىدۇ.
10 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحْزُنْكَ قَوْلُهُمْ ۘ إِنَّ الْعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا ۚ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەت ئاللاھقا مەنسۈپ (ئاللاھ ساڭا مەدەتكاردۇر). ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، پۈتۈن ئىززەت-شەرەپ ئاللاھقا مەنسۈپتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. شۈبھىسىزكى، ئىززەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ھۇد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
وَكُلًّا نَقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنْبَاءِ الرُّسُلِ مَا نُثَبِّتُ بِهِ فُؤَادَكَ ۚ وَجَاءَكَ فِي هَٰذِهِ الْحَقُّ وَمَوْعِظَةٌ وَذِكْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كۆڭلۈڭنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ساڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرىنى بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنىڭدا ساڭا ھەقىقەت كەلدى، مۆمىنلەر ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەت ۋە ئىبرەتلەر باردۇرقىسسەلەر[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆڭلۈڭنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ساڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇ سۈرىدە ساڭا ھەقىقەت، مۇئمىنلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت ۋە ئىبرەتلەر كەلدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئەلچىلەرنىڭ خەۋەرلىرىدىن سېنىڭ دىلىڭنى كۈچلەندۈرىدىغان ھەر نەرسىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلاردا ساڭا ھەق، مۇئمىنلارغا نەسىھەت ۋە ئەسلىتىش كەلدى.
ھىجىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ نَعْلَمُ أَنَّكَ يَضِيقُ صَدْرُكَ بِمَا يَقُولُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سېقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
وَاصْبِرْ وَمَا صَبْرُكَ إِلَّا بِاللَّهِ ۚ وَلَا تَحْزَنْ عَلَيْهِمْ وَلَا تَكُ فِي ضَيْقٍ مِمَّا يَمْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) (ئاللاھنىڭ يولىدا ساڭا يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن، سەۋرەڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتمىغانلىقى) غا قايغۇرمىغىن. ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىسىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئاللاھنىڭ يولىدا ساڭا يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە سەۋر قىلغىن، سەۋرەڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمىغىن. ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىسىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن
ئەنەس ئالىم: سەۋر قىلغىن، سەۋر قىلىشىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا بولىدۇ. ئۇلارغا قايغۇرمىغىن ۋە ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن.
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَعَلَّكَ بَاخِعٌ نَفْسَكَ عَلَىٰ آثَارِهِمْ إِنْ لَمْ يُؤْمِنُوا بِهَٰذَا الْحَدِيثِ أَسَفًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىسا، ئەپسۇسلىنىپ، ئۇلارنىڭ (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىسا، ئەپسۇسلىنىپ، ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىسا، سەن ئارقىلىرىدىن ئەپسۇسلىنىپ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن!
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَحْزَنْ عَلَيْهِمْ وَلَا تَكُنْ فِي ضَيْقٍ مِمَّا يَمْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىدىن ئىچىڭ پۇشمىسۇن (ئاللاھ سېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ)[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەمممەد!- سەن ئۇلارغا قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىدىن ئىچىڭ پۇشمىسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىدىن ئىچىڭنى پۇشۇرمىغىن!
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا يَحْزُنْكَ قَوْلُهُمْ ۘ إِنَّا نَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى، مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ سۆزى (يەنى سېنى ئىنكار قىلغانلىقى) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ۋە ئاشكارا قىلغان (سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى) نى بىلىپ تۇرىمىز[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ يۇشۇرغانلىرىنىمۇ، ئاشكارا قىلغانىمۇ بىلىپ تۇرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. بىز ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغان نەرسىلىرىنى بىلىپ تۇرىمىز.
ساففات سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 174 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَوَلَّ عَنْهُمْ حَتَّىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) دىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن[174].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن بىر مۇددەتكىچە يۈز ئۆرۈگىن.
37 : 175 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَبْصِرْهُمْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ[175].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى كۆزەتكىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي كۆرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى كۆرگىن، ئۇلارمۇ يېقىندا كۆرىدۇ6.
37 : 178 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَوَلَّ عَنْهُمْ حَتَّىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن[178].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن بىر مۇددەتكىچە يۈز ئۆرۈگىن.
37 : 179 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَبْصِرْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ[179].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى كۆزەتكىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي كۆرىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۆرگىن، ئۇلارمۇ يېقىندا كۆرىدۇ.
غافىر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَاسْتَغْفِرْ لِذَنْبِكَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ساڭا ۋە سېنىڭ تەۋەلىرىڭگە ياردەم بېرىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ـ ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ـ ئەتىگىنى رەببىڭگە ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇ ھالدا سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، گۇناھىڭنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلىگىن، چۈشتىن كېيىن ۋە چۈشتىن ئىلگىرى رەببىڭغا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
40 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ ۚ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ئۇلارنى ئازابلاش توغرىسىدىكى) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، ساڭا بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك (بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىدۇر) ياكى سېنى (ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساق، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ، (قىيامەتتە ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ)[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن سەن سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، بىز ساڭا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىمىز ياكى سېنى ۋاپات قىلدۇرىمىز، ئاخىرىدا ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! شۇڭا سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرۈشنى ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى ۋاپات قىلدۇرساقمۇ، ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ.
شۇرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ أَعْرَضُوا فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا ۖ إِنْ عَلَيْكَ إِلَّا الْبَلَاغُ ۗ وَإِنَّا إِذَا أَذَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنَّا رَحْمَةً فَرِحَ بِهَا ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ فَإِنَّ الْإِنْسَانَ كَفُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر، ئەگەر ئىنسانغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى تېتىتساق خۇش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (بېشىغا) بىرەر ھادىسە كەلسە، ئىنسان تولىمۇ كۇفرانە نېمەت قىلغۇچىدۇر[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلگىنكى بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر، ئەگەر ئىنسانغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى تېتىتساق خۇش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بېشىغا بىرەر ھادىسە كەلسە، قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىندۇر، ئىنسان تولىمۇ كۇفرانە نېمەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلگىنكى، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق. سېنىڭ تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ۋەزىپەڭ يوق. بىز ئىنسانغا ئۆز تەرىپىمىزدىن بىرەر رەھمەت تېتىتساق خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. ناۋادا ئىنسانلارغا ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىرەر يامانلىق يەتسە تۇزكورلۇق قىلىدۇ، چۈنكى ئىنسان ھەقىقەتەن تۇزكوردۇر.
زۇخرۇف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِمَّا نَذْهَبَنَّ بِكَ فَإِنَّا مِنْهُمْ مُنْتَقِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنى جازالاشتىن ئىلگىرى) سېنى ئېلىپ كەتسەك (يەنى ۋاپات قىلدۇرساق ۋاپاتىڭدىن كېيىن) ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئەھۋالدا بىز سېنى ئېلىپ كەتسەك، ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز يا سېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالىمىز،
43 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ نُرِيَنَّكَ الَّذِي وَعَدْنَاهُمْ فَإِنَّا عَلَيْهِمْ مُقْتَدِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى بىز ساڭا (ھاياتىڭدا) ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىمىز، بىز، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا (يەنى ئۇلارغا ئازاب قىلىشقا) قادىرمىز[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بىز ساڭا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىمىز، شۈبھە يوقكى، بىزنىڭ ئۇلارغا كۈچىمىز يېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىشنى ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرىمىز. شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا خالىغىنىمىزنى قىلىشقا قادىرمىز.
43 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
وَقِيلِهِ يَا رَبِّ إِنَّ هَٰؤُلَاءِ قَوْمٌ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) «ئى پەرۋەردىگارىم! بۇلار ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمدۇر» دېگەن سۆزىنى (بىلىدۇ)[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرنىڭ سۆزى شۇدۇر: «ئى رەببىم! بۇلار ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ: «ئى رەببىم! شۈبھىسىزكى، بۇلار ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمدۇر» دېگەن سۆزىنىمۇ بىلىدۇ.
43 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْفَحْ عَنْهُمْ وَقُلْ سَلَامٌ ۚ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سالام دېگىن (يەنى ئۇلارغا بەتدۇئامۇ قىلمىغىن، دىنغا دەۋەتمۇ قىلمىغىن)، ئۇلار كەلگۈسىدە (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن ۋە سالام دېگىن، ئۇلار كەلگۈسىدە كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇڭا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن ۋە «سالام» دېگىن. ئۇلار يېقىندا بىلىدۇ.
ئەھقاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ كَمَا صَبَرَ أُولُو الْعَزْمِ مِنَ الرُّسُلِ وَلَا تَسْتَعْجِلْ لَهُمْ ۚ كَأَنَّهُمْ يَوْمَ يَرَوْنَ مَا يُوعَدُونَ لَمْ يَلْبَثُوا إِلَّا سَاعَةً مِنْ نَهَارٍ ۚ بَلَاغٌ ۚ فَهَلْ يُهْلَكُ إِلَّا الْقَوْمُ الْفَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا) ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، ئۇلارغا بولىدىغان ئازابقا ئالدىراپ كەتمىگىن. ئۇلار (ئاخىرەتتە) ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەندە، (ئۇلار دۇنيادا) گويا كۈندۈزدە بىر دەملا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، (بۇ قۇرئان سىلەرگە) تەبلىغدۇر، پەقەت پاسىق قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭلاشقا سەن ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئالدىراپ كەتمىگىن. ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەندە، -دۇنيادا- گويا كۈندۈزدە بىر دەملا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ بىر تەبلىغدۇر، پەقەت پاسىق قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! شۇڭا ئاللاھنىڭ ئىرادىلىك ئەلچىلىرى سەۋر قىلغاندەك سەنمۇ سەۋر قىلغىن، كافىرلار ئۈچۈن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلمىغىن. ئۇلار ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىنى كۆرىدىغان كۈنى دۇنيادا خۇددى كۈندۈزنىڭ ئاز بىر ۋاقتىدىلا تۇرغاندەك بولىدۇ. بۇ ئۇقتۇرۇشتۇر. فاسىق قەۋمدىن باشقىسى ھالاك قىلىنامدۇ؟
قاف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق بولغانىكەن، كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، قۇياش چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
50 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَقُولُونَ ۖ وَمَا أَنْتَ عَلَيْهِمْ بِجَبَّارٍ ۖ فَذَكِّرْ بِالْقُرْآنِ مَنْ يَخَافُ وَعِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرىنىڭ) ئېيتىدىغان سۆزلىرىنى ئوبدان بىلىمىز، سەن ئۇلارنى (ئىسلامغا) زورلىغۇچى ئەمەسسەن، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغانلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلارنىڭ ئېيتىدىغان سۆزلىرىنى ئوبدان بىلىمىز، سەن ئۇلارنى زورلىغۇچى ئەمەسسەن، شۇڭا مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغانلارغا قۇرئان بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە زورلىغۇچى ئەمەس. سەن مېنىڭ تەھدىتىمدىن قورقىدىغان كىشىگە قۇرئان بىلەن ئەسلەتكىن9.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَوَلَّ عَنْهُمْ فَمَا أَنْتَ بِمَلُومٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سەن مالامەت قىلىنغۇچى ئەمەسسەن[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سەن مالامەت قىلىنغۇچى ئەمەسسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. سەن ئەيىبلەنمەيسەن.
تۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَكِّرْ فَمَا أَنْتَ بِنِعْمَتِ رَبِّكَ بِكَاهِنٍ وَلَا مَجْنُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! سەن قۇرئان بىلەن قەۋمىڭگە) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەسسەن ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق بولغانىكەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەسسەن ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەسلەتكىن. سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەس، جىن چاپلىشىۋالغان ئادەممۇ ئەمەس.
زۇھا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
93 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- رەببىڭ سېنى تاشلىۋەتمىدى ۋە يامان كۆرۈپمۇ قالمىدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! رەببىڭ سېنى تاشلىۋەتمىدى ۋە يامان كۆرمىدى.
93 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَلْآخِرَةُ خَيْرٌ لَكَ مِنَ الْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر[4]،
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۈچۈن ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن تېخىمۇ ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاخىرقىسى سەن ئۈچۈن ئاۋۋالقىسىدىن ياخشىدۇر.
93 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَسَوْفَ يُعْطِيكَ رَبُّكَ فَتَرْضَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ ساڭا بېرىدۇ، ئاندىن سەن مەمنۇن بولىسەن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ساڭا يېقىندا بېرىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن.
93 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَجَدَكَ عَائِلًا فَأَغْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سېنى يوقسۇز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟[8]
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنى يوقسىز كۆرۈپ، بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ سېنى موھتاج كۆرۈپ بىھاجەت قىلدى.
ئىنشىراھ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
94 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَلَمْ نَشْرَحْ لَكَ صَدْرَكَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ كۆكسىڭنى (ھىدايەت، ھېكمەت ۋە قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن) كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟[1]
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەن ئۈچۈن كۆكسىڭنى ئېچىپ كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز سېنىڭ كۆكسۈڭنى كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟
94 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَضَعْنَا عَنْكَ وِزْرَكَ
مۇھەممەد سالىھ: سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق[2ـ3].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىمىدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: سەندىن ئېغىر يۈكۈڭنى ئېلىپ تاشلىدۇق.