قۇرئاننىڭ قوغدىلىشى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھنىڭ قۇرئاننىڭ ئۆزگەرتىلەلمەيدىغانلىقىغا ۋە قوغداشقا بەرگەن كاپالىتى توغرىسىدىكى ئايەتلەر.
ئېنگلىزچىسى: Preservation of the Quran
12 ئايەت
10 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 قۇرئاننىڭ تەبىئىتى /
- 📄 قۇرئاننىڭ قوغدىلىشى
قۇرئان ئايەتلىرى
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَمَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ صِدْقًا وَعَدْلًا ۚ لَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَاتِهِ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى راستتۇر ، ناھايىتى توغرىدۇر، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى راستتۇر، ناھايىتى توغرىدۇر، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ سۆزى توغرا ۋە ئادىل رەۋىشتە ئەمەلگە ئاشتى14. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ھىجىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى بىز قوغدايمىز
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، قۇرئاننى بىز نازىل قىلدۇق، ئۇنى ئەلۋەتتە بىز قوغدايمىز.
ئىسرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ شِئْنَا لَنَذْهَبَنَّ بِالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ ثُمَّ لَا تَجِدُ لَكَ بِهِ عَلَيْنَا وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاننى ئەلۋەتتە (دىللاردىن ۋە مۇسھەفلەردىن) كۆتۈرۈۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بىزگە قارشى ھېچقانداق ھامىي تاپالمايتتىڭ[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق ساڭا ۋەھيى قىلغان قۇرئاننى ئەلۋەتتە كۆتۈرىۋېتەتتۇق، ئاندىن سەن بىزگە قارشى ھېچقانداق ھامىي تاپالمايتتىڭ
ئەنەس ئالىم: خالىساق بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاننى ئېلىۋالىمىز. ئاندىن سەن بىزگە قارشى ئۆزۈڭگە ياردەمچى تاپالمايسەن.
17 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ ۚ إِنَّ فَضْلَهُ كَانَ عَلَيْكَ كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت پەرۋەردىگارىڭ رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنى كۆتۈرۈۋەتمىدى. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ساڭا ھەقىقەتەن چوڭ بولدى[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت رەببىڭ رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنى كۆتۈرۈۋەتمىدى. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ساڭا ھەقىقەتەن چوڭ بولدى
ئەنەس ئالىم: لېكىن رەببىڭ ساڭا مەرھەمەت قىلىپ ئۇنداق قىلمايدۇ. رەببىڭنىڭ ساڭا بولغان پەزلى ھەقىقەتەن چوڭدۇر.
كەھف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَىٰ عَبْدِهِ الْكِتَابَ وَلَمْ يَجْعَلْ لَهُ عِوَجًا ۜ
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، (ئاللاھ ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد) گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى[1 ـ 2].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، بەندىسى –مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام- غا توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى.
ئەنەس ئالىم: بەندىسىگە بۇ كىتابنى نازىل قىلغان ۋە بۇ كىتابتا ھېچبىر ئەگرىلىك قىلمىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!
18 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنْ كِتَابِ رَبِّكَ ۖ لَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَاتِهِ وَلَنْ تَجِدَ مِنْ دُونِهِ مُلْتَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغاننى ئوقۇغىن، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچ كىشى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، سەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن بۆلەك ئىلتىجاگاھ تاپالمايسەن[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەن رەببىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا ۋەھيى قىلىنغاننى ئوقۇغىن، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچ كىشى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، سەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن باشقا ئىلتىجاگاھ تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىنى تىلاۋەت قىلغىن. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. سەن ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ باشپاناھ تاپالمايسەن.
فۇسسىلەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَأْتِيهِ الْبَاطِلُ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَلَا مِنْ خَلْفِهِ ۖ تَنْزِيلٌ مِنْ حَكِيمٍ حَمِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ-قۇرئان-غا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ باتىل كەلمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، كەينىدىنمۇ باتىل يېقىنلىشالمايدۇ. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ۋە مەدھىيەلەنگۈچى زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغـان.
دۇخان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنَّمَا يَسَّرْنَاهُ بِلِسَانِكَ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇردۇق. ئۇلار ئويلانغاي!
قىيامەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُ وَقُرْآنَهُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى توپلاش ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى توپلاش ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇنى جەملەش ۋە ئوقۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
ئەبەسە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
مَرْفُوعَةٍ مُطَهَّرَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر[13ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھۆرمەتلىك ۋە پاك
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئالىي سۈپەتلىك پاك سەھىپىلەردۇر،
بۇرۇج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
85 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ هُوَ قُرْآنٌ مَجِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر[21ـ22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياق ئۇنداق ئەمەس! ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئۇ3 ئۇلۇغ قۇرئاندۇر،
ئەئلا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
سَنُقْرِئُكَ فَلَا تَنْسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ[6ـ7].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- بىز ساڭا قۇرئاننى ئوقۇتىمىز، ئاندىن سەن ئۇنتۇمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا قۇرئاننى ئوقۇتىمىز. سەن ئۇنتۇمايسەن.