قىيىنچىلىقلار ئارقىلىق سىناش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
يوقىتىش، ئازاب-ئوقۇبەت، نامراتلىق، كېسەللىك ياكى ئاپەت شەكلىدە كېلىدىغان ئىلاھىي سىناقلار.
ئېنگلىزچىسى: Trials through Hardship
26 ئايەت
16 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 سىناقلار /
- 📄 قىيىنچىلىقلار ئارقىلىق سىناش
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ بِشَيْءٍ مِنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنْفُسِ وَالثَّمَرَاتِ ۗ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ، بىرئاز قەھەتچىلىك، ماللىرىڭلار، جانلىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋە زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن[155].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە پۇل-ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدۇرمىز، بىز چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ ۋە بىرئاز ئاچلىق بىلەن، مال، جان ۋە مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن كېمەيتىش بىلەن سىنايمىز. سەن سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
ئال ئىمران سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 141 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِيُمَحِّصَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَيَمْحَقَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەرنى (ئۇلارغا يەتكەن مۇسىبەت ئارقىلىق) پاكلىشى ئۈچۈندۇر، كاپىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر[141].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ يەنە ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرنى پاكلىشى ۋە كافىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ يەنە ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنى پاكلاپ، كافىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر.
3 : 165 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمَّا أَصَابَتْكُمْ مُصِيبَةٌ قَدْ أَصَبْتُمْ مِثْلَيْهَا قُلْتُمْ أَنَّىٰ هَٰذَا ۖ قُلْ هُوَ مِنْ عِنْدِ أَنْفُسِكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا (يەنى ئۇھۇد غازىتىدا سىلەردىن 70 كىشى شېھىت بولغان تۇرسا، بەدرى غازىتىدا بولسا مۇشرىكلاردىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 70 كىشىنى ئەسىر ئالغان تۇرساڭلار)، سىلەر يەنە: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنىيمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى». ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[165].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە يەتكەن تالاپەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن تالاپەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا، سىلەر يەنە: «بۇ تالاپەت قەيەردىن كەلدى؟» دەمسىلەر. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلاردىن بولدى». ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارغا يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمى كەلسە، «بۇ قەيەردىن كەلدى؟» دەمسىلەر؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «بۇ ئۆزۈڭلاردىن كەلدى». ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
3 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِلَّهِ وَالرَّسُولِ مِنْ بَعْدِ مَا أَصَابَهُمُ الْقَرْحُ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا مِنْهُمْ وَاتَّقَوْا أَجْرٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇھۇد غازىتىدا) يارىلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلار، ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) دىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ[172].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇھۇد ئۇرۇشىدا) يارىلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان مۆمىنلەر ئىچىدىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە تەقۋادار بولغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۇرۇشتا يارىدار بولغاندىن كېيىنمۇ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلدى. مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدىن مانا مۇشۇنداق ياخشى ئىش قىلغان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ مۇكاپات بار.
ئەنئام سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يَمْسَسْكَ اللَّهُ بِضُرٍّ فَلَا كَاشِفَ لَهُ إِلَّا هُوَ ۖ وَإِنْ يَمْسَسْكَ بِخَيْرٍ فَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرىۋېتەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ سېنى بىرەر زىيانغا ئۇچراتسا، ئۇنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە، شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
6 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا إِلَىٰ أُمَمٍ مِنْ قَبْلِكَ فَأَخَذْنَاهُمْ بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَتَضَرَّعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە (نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). ئۇلارنى (ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ) يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق ـ سىلاق بىلەن جازالىدۇق[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق (ئۇلار ئىنكار قىلدى). ئاندىن بىز ئۇ ئۈممەتلەرنى ئاللاھقا يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق ـ سىلاق بىلەن جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز سەندىن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگىمۇ ئەلچى ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئاندىن بىز ئۇلارنى يېلىنىپ -يالۋۇرسۇن دەپ قاتتىقچىلىق ۋە جاپا -مۇشەققەتكە مۇپتىلا قىلدۇق.
6 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هُوَ الْقَادِرُ عَلَىٰ أَنْ يَبْعَثَ عَلَيْكُمْ عَذَابًا مِنْ فَوْقِكُمْ أَوْ مِنْ تَحْتِ أَرْجُلِكُمْ أَوْ يَلْبِسَكُمْ شِيَعًا وَيُذِيقَ بَعْضَكُمْ بَأْسَ بَعْضٍ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ لَعَلَّهُمْ يَفْقَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن (نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋمىگە، ئەسھابۇلپىلگە ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن (پىرئەۋن ۋە قارۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ (يەنى ئۇرۇشقا سېلىپ) بىرىڭلارغا بىرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەرگە بۆلۈپ توقۇنۇشتۇرۇپ، بېرىڭلارغا بېرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». سەن بىزنىڭ ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىۋاتقانلىقىمىزغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرگە ئۈستۈڭلاردىن ياكى ئاياغلىرىڭلارنىڭ ئاستىدىن ئازاب ئەۋەتىشكە ياكى سىلەرنى ھەر خىل پىرقىلەرگە بۆلۈپ، بەزىڭلارغا بەزىڭلارنىڭ كۈچىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». قارىغىنا، ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلىرىمىزنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا قانداق بايان قىلىۋاتىمىز؟
ئەئراف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا فِي قَرْيَةٍ مِنْ نَبِيٍّ إِلَّا أَخَذْنَا أَهْلَهَا بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَضَّرَّعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مەيلى قايسى شەھەرگە بولسۇن، بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق (شەھەر ئەھلى ئۇنى ئىنكار قىلغان بولسا)، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يالۋۇرۇشلىرى (تەۋبە قىلىشلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز قايسىلا شەھەرگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق، ئۇلارنىڭ (گەدەنگەشلىك قىلماسلىقى) ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ يالۋۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز قانداقلا يۇرتقا نەبىي ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ ئەھلىنى يېلىنىپ - يالۋۇرسۇن دەپ قاتتىقچىلىق ۋە جاپا - مۇشەققەتكە مۇپتىلا قىلدۇق.
7 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أُوذِينَا مِنْ قَبْلِ أَنْ تَأْتِيَنَا وَمِنْ بَعْدِ مَا جِئْتَنَا ۚ قَالَ عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَنْ يُهْلِكَ عَدُوَّكُمْ وَيَسْتَخْلِفَكُمْ فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرَ كَيْفَ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قېلىشى، (مىسىر) زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىشى، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇھەققەقتۇر» دېدى[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سەن بىزگە (پەيغەمبەر بولۇپ) كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلار دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىپ، مىسىر زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىپ، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇمكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بولسا: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ بىزگە ئەزىيەت قىلىندى» دېدى. مۇسا: «رەببىڭلار دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىشى ۋە سىلەرنى بۇ يەردە ئورۇنباسار قىلىشى، ئاندىن سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇمكىن» دېدى.
7 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَخَذْنَا آلَ فِرْعَوْنَ بِالسِّنِينَ وَنَقْصٍ مِنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز فىرئەۋن خانىدانىنى ئويلانسۇن دەپ ئۇلارنى يىللارچە قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك بىلەن جازالىدۇق.
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاوَزَا قَالَ لِفَتَاهُ آتِنَا غَدَاءَنَا لَقَدْ لَقِينَا مِنْ سَفَرِنَا هَٰذَا نَصَبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىدىن) ئۆتكەندە، مۇسا ياش خادىمىغا: «ئەتىگەنلىك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن چارچاپ كەتتۇق» دېدى[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار -ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىدىن- ئۆتكەندە مۇسا ياش خادىمىغا: «ئەتىگەنلىك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن چارچاپ كەتتۇق» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ يەردىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇسا ياش خادىمىغا: «چۈشلۈك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە بەك چارچاپ كەتتۇق» دېدى.
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَجَاءَهَا الْمَخَاضُ إِلَىٰ جِذْعِ النَّخْلَةِ قَالَتْ يَا لَيْتَنِي مِتُّ قَبْلَ هَٰذَا وَكُنْتُ نَسْيًا مَنْسِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى (يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن) بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!»[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!»
ئەنەس ئالىم: ئاندىن تولغاق تۇتۇپ بىر خورما دەرىخىنىڭ ئاستىغا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى، «كاشكى بۇ ئىش بېشىمغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولسامچۇ!» دېدى.
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
لَهُمْ فِيهَا زَفِيرٌ وَهُمْ فِيهَا لَا يَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختا ھەمىشە پەرياد چېكىدۇ، (ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن) ئۇلار دوزاختا ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاختا ھەمىشە پەرياد چېكىدۇ ۋە ئۇلار ئۇ يەردە ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە توختىماي پەرياد چېكىپ تۇرىدۇ ۋە ھېچ نەرسە ئاڭلىمايدۇ.
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَعْبُدُ اللَّهَ عَلَىٰ حَرْفٍ ۖ فَإِنْ أَصَابَهُ خَيْرٌ اطْمَأَنَّ بِهِ ۖ وَإِنْ أَصَابَتْهُ فِتْنَةٌ انْقَلَبَ عَلَىٰ وَجْهِهِ خَسِرَ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةَ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: بەزىلەر ئاللاھقا شەك ـ شۈبھە بىلەن (يەنى تۇراقسىز ھالدا) ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا تۇرىدۇ (بۇنداق ئادەم ئاللاھقا دىلى بىلەن ئەمەس، پەقەت تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىلەر ئاللاھقا شەك ـ شۈبھە بىلەن-تۇراقسىز ھالدا- ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشى باركى، ئاللاھقا تۇراقسىز ھالدا ئىبادەت قىلىدۇ. ئەگەر ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسا خۇشال بولىدۇ، ئەگەر بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا يېنىۋالىدۇ. ئۇنداق بىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ. مانا بۇ ئوچۇق - ئاشكارا زىياندۇر.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَخَذْنَاهُمْ بِالْعَذَابِ فَمَا اسْتَكَانُوا لِرَبِّهِمْ وَمَا يَتَضَرَّعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى بىز ھەقىقەتەن ئازاب (يەنى قەھەتچىلىك) بىلەن جازالىدۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا بويسۇنمىدى، ئىلتىجا قىلىپ دۇئامۇ قىلمىدى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن بىز ئۇلارنى ئازاب بىلەن جازالىدۇق، يەنىلا ئۇلار رەببىغا بويسۇنمىدى ۋە ئىلتىجا قىلىپ دۇئامۇ قىلمىدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى ھەر خىل ئازابلارغا دۇچار قىلدۇق، لېكىن ئۇلار يەنىلا رەببىگە بويۇن ئەگمىدى. ئۇلار ئاللاھقا يېلىنمايدۇ.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنُذِيقَنَّهُمْ مِنَ الْعَذَابِ الْأَدْنَىٰ دُونَ الْعَذَابِ الْأَكْبَرِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا چوقۇم ئەڭ چوڭ ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئىلگىرى ئەڭ يېقىنقى ئازاب (يەنى دۇنيا ئازابى) نى تېتىتىمىز[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا چوقۇم ئەڭ چوڭ ئازاب -ئاخىرەت ئازاب-ىدىن ئىلگىرى ئەڭ يېقىنقى ئازابنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا ئەڭ چوڭ ئازابتىن بۇرۇن ئەڭ يېقىن ئازابنى تېتىتىمىز، ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ شۇنداق قىلىمىز.
ساففات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن (يەنى سۇدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنى ۋە ئەھلىنى بۈيۈك بالادىن قۇتقۇزدۇق.
37 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَجَّيْنَاهُمَا وَقَوْمَهُمَا مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) چوڭ غەمدىن (يەنى پىرئەۋننىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىدىن) خالاس تاپقۇزدۇق[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ غەمدىن خالاس تاپقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ بالادىن قۇتقۇزدۇق.
ساد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ عَبْدَنَا أَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الشَّيْطَانُ بِنُصْبٍ وَعَذَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: بەندىمىز ئەييۇبنى ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا (ئىلتىجا قىلىپ): «شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەندىمىز ئەييۇبنىمۇ ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىغا -ئىلتىجا قىلىپ-: «شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلدى
ئەنەس ئالىم: بەندىمىز ئەييۇبنى زىكىر قىلغىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «شەيتان ماڭا ھارغىنلىق ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلغان ئىدى.
38 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
ارْكُضْ بِرِجْلِكَ ۖ هَٰذَا مُغْتَسَلٌ بَارِدٌ وَشَرَابٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا: «پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن» دېدۇق، ئۇ پۇتى بىلەن يەرنى تېپىۋىدى، سۈزۈك بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. (بىز ئۇنىڭغا) «بۇ يۇيۇنسىمۇ بولىدىغان، ئىچسىمۇ بولىدىغان سوغۇق سۇدۇر» (دېدۇق)[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنىڭغا-: «پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن، مانا بۇ يۇيۇنسىمۇ بولىدىغان، ئىچسىمۇ بولىدىغان سوغۇق سۇدۇر» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا «پۇتۇڭنى يەرگە ئۇرغىن، ئەنە سوغۇق سۇ! يۇيۇنىسەن ۋە ئىچىسەن» دېدۇق.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ ضُرٌّ دَعَا رَبَّهُ مُنِيبًا إِلَيْهِ ثُمَّ إِذَا خَوَّلَهُ نِعْمَةً مِنْهُ نَسِيَ مَا كَانَ يَدْعُو إِلَيْهِ مِنْ قَبْلُ وَجَعَلَ لِلَّهِ أَنْدَادًا لِيُضِلَّ عَنْ سَبِيلِهِ ۚ قُلْ تَمَتَّعْ بِكُفْرِكَ قَلِيلًا ۖ إِنَّكَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، پەرۋەردىگارىغا يۈزلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۆز تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نېمەت ئاتا قىلغان (ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتكەن) چاغدا، ئاللاھقا زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋېتىش توغرۇلۇق ئىلگىرى قىلغان دۇئاسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، (باشقىلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا شېرىكلەرنى كەلتۈرىدۇ، ئېيتقىنكى، «سەن كۇفرىڭ بىلەن تۇرۇپ، (بۇ پانىي دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولغىن، سەن چوقۇم دوزىخىلاردىندۇرسەن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، رەببىغا يۈزلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۆز تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نېمەت ئاتا قىلغان چاغدا، ئاللاھقا زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋېتىش توغرۇلۇق ئىلگىرى قىلغان دۇئاسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ، ئېيتقىنكى: «سەن كۇفرىڭ بىلەن تۇرۇپ، بۇ پانىي دۇنيادىن ئازغىنا بەھرىمەن بولغىن، سەن چوقۇم دوزىخىلاردىندۇرسەن
ئەنەس ئالىم: ئىنسانغا بىرەر زىيان يەتسە رەببىگە يۆنەلگەن ھالدا دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن رەببى ئۇنىڭغا ئۆز تەرىپىدىن نېمەت ئاتا قىلسا، ئىلگىرى ئۇنىڭغا دۇئا قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ. ئېيتقىنكى: «كۇفرىلىقىڭ بىلەن ئازغىنە ۋاقىت بەھرىمەن بولۇپ تۇرغىن، شۈبھىسىزكى، سەن دوزاخ ئەھلىدىنسەن».
ۋاقىئە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا لَمُغْرَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)[66ـ67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتتۇق»
ئەنەس ئالىم: «بىز زىيان تارتىپ كەتتۇق،
56 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ نَحْنُ مَحْرُومُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)[66ـ67].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى «بىز مەھرۇم قالدۇق» دەيتتىڭلار
ئەنەس ئالىم: بەلكى تامامەن مەھرۇم قىلىندۇق» دەيتتىڭلار.
تالاق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
65 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
لِيُنْفِقْ ذُو سَعَةٍ مِنْ سَعَتِهِ ۖ وَمَنْ قُدِرَ عَلَيْهِ رِزْقُهُ فَلْيُنْفِقْ مِمَّا آتَاهُ اللَّهُ ۚ لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا مَا آتَاهَا ۚ سَيَجْعَلُ اللَّهُ بَعْدَ عُسْرٍ يُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: باي ئادەم (ئايالىنى ۋە بالىسىنى) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ (يەنى پېقىرلىقتىن كېيىن بايلىقنى بېرىدۇ)[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: باي ئادەم ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن. ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: رىزقى كەڭ كىشى، كەڭ رىزقىغا قارىتا نەپىقە بەرسۇن، رىزقى تار قىلىنغان كىشى، ئۆزىگە ئاللاھ بەرگەن نەرسىگە قارىتا نەپىقە بەرسۇن. ئاللاھ ھېچكىمنى ئۆزى ئۇنىڭغا بەرگىنىدىن باشقىسىغا تەكلىپ قىلمايدۇ. ئاللاھ تەسلىكتىن كېيىن ئاسانلىق بېرىدۇ.
ئىنشىراھ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
94 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار
ئەنەس ئالىم: دېمەككى، ھەر مۈشكۈللۈك بىلەن بىللە بىر ئاسانلىق بار.
94 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەلۋەتتە شۇ مۈشكۈللۈك بىلەن يەنە بىر ئاسانلىق بار[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇ مۈشكۈللۈك بىلەن بىللە يەنە بىر ئاسانلىق بار.