كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئەخلاق
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئەخلاق (ئەخلاق ۋە خاراكتېر): كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئەخلاق
ئەرەبچىىسى: الأخلاق
ئېنگلىزچىسى: Interpersonal Ethics
95 ئايەت
33 سۈرە
6 تارماق تېما
تېمىلار
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقُولُوا رَاعِنَا وَقُولُوا انْظُرْنَا وَاسْمَعُوا ۗ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! (پەيغەمبەرگە) رائىنا دەپ خىتاب قىلماي، ئۇنزۇرنا دەپ خىتاب قىلىڭلار، (سۆزىگە) قۇلاق سېلىڭلار، كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! (پەيغەمبەرگە) رائىنا دەپ خىتاب قىلماي، ئۇنزۇرنا دەپ خىتاب قىلىڭلار*[1]، (ئۇنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سېلىڭلار، كافىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! «رائىنا» دېمەڭلار، «ئۇنزۇرنا» دەڭلار، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار. كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب بار28.
2 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَّ كَثِيرٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَوْ يَرُدُّونَكُمْ مِنْ بَعْدِ إِيمَانِكُمْ كُفَّارًا حَسَدًا مِنْ عِنْدِ أَنْفُسِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْحَقُّ ۖ فَاعْفُوا وَاصْفَحُوا حَتَّىٰ يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر (يەنى ئاللاھ سىلەرگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغىچە) ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىگە ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئىچ-ئىچىدىن ھەسەت قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى پەرمانى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن نۇرغۇن كىشىلەر ھەق ئۆزلىرىگە ئېنىق ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ئىچ - ئىچىدىن ھەسەت قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن ئايرىپ قايتا كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ ئەمرىنى كەلتۈرگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار31. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
2 : 177 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ الْبِرَّ أَنْ تُوَلُّوا وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَٰكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآتَى الْمَالَ عَلَىٰ حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّائِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُوا ۖ وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ وَحِينَ الْبَأْسِ ۗ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش ـ ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل ـ مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل ـ مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر[177].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈزلىنىشىڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەبغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن يېقىن تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يول خىراجىتى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل ـ مال ياردەم بېرىش، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇ يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر ئىمانىدا راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر
ئەنەس ئالىم: مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەنلىكىڭلار ياخشىلىق ئەمەس. لېكىن ياخشىلىق ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە نەبىيلەرگە ئىمان ئېيتقان، مېلىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يولۇچىلارغا، ياردەم سورىغۇچىلارغا ۋە قۇللارنى ئازاد قىلىشقا بەرگەن، نامازنى كامىل ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەن كىشىنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. شۇنىڭدەك، قىلىشقان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. بولۇپمۇ قىيىنچىلىقتا، جاپا - مۇشەققەتتە ۋە ئۇرۇش ۋاقتىدا سەۋر قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. ئەنە شۇلار راست سۆزلىگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار بولغۇچىلاردۇر.
2 : 263 - ئايەت
كۆرۈش
قَوْلٌ مَعْرُوفٌ وَمَغْفِرَةٌ خَيْرٌ مِنْ صَدَقَةٍ يَتْبَعُهَا أَذًى ۗ وَاللَّهُ غَنِيٌّ حَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈش كېيىن ئەزىيەت ئېلىپ كېلىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سەدىقىسىدىن) بىھاجەتتۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[263].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈۋېتىش ئەزىيەت ئەگىشىپ كېلىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەت، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: چىرايلىق سۆز قىلىش ۋە ئەپۇ قىلىش سەدىقە قىلىپ بولۇپ رەنجىتكەندىن ياخشىدۇر. ئاللاھ غەنىيدۇر، ھەلىمدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
بَلَىٰ مَنْ أَوْفَىٰ بِعَهْدِهِ وَاتَّقَىٰ فَإِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار باشقا دىندىكىلەرگە زۇلۇم قىلسا گۇناھ بولىدۇ). ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ۋە گۇناھتىن ساقلانغانلار (ئاللاھ دوست تۇتقان كىشىلەردۇر)، چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرگىز ئۇلار دېگەندەك بولمايدۇ. كىمكى ئەھدىگە ۋاپا قىلسا ۋە گۇناھتىن ساقلانسا، ئاللاھ ئەنە شۇنداق تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىش ئۇنداق ئەمەس! ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان ۋە تەقۋادار بولغانلار بىلسۇنكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
3 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا بِطَانَةً مِنْ دُونِكُمْ لَا يَأْلُونَكُمْ خَبَالًا وَدُّوا مَا عَنِتُّمْ قَدْ بَدَتِ الْبَغْضَاءُ مِنْ أَفْوَاهِهِمْ وَمَا تُخْفِي صُدُورُهُمْ أَكْبَرُ ۚ قَدْ بَيَّنَّا لَكُمُ الْآيَاتِ ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلاردىن بولمىغانلارنى سىرداش قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ قالمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى، ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلاردىن بولمىغانلارنى سىرداش قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشىشىپ قالمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى، ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن بولمىغانلارنى ئۆزۈڭلارغا سىرداش قىلىۋالماڭلار. ئۇلار سىلەرگە قولىدىن كېلىشىچە يامانلىق قىلىدۇ، سىلەرنىڭ مۇشەققەت تارتىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن چىقىپ تۇرىدۇ، دىللىرىدا يوشۇرۇۋاتقان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتسەڭلار بىز سىلەرگە ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق.
3 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُنْفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىدىغان، ئاچچىقىنى باسالايدىغان، كىشىلەرنى كەچۈرىدىغان ئادەملەردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى، باياشاتچىلىقتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ مال چىقىم قىلىدۇ، ئاچچىقىنى يۇتىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ. ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.
نىسا سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا حَضَرَ الْقِسْمَةَ أُولُو الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينُ فَارْزُقُوهُمْ مِنْهُ وَقُولُوا لَهُمْ قَوْلًا مَعْرُوفًا
مۇھەممەد سالىھ: تەقسىمات ۋاقتىدا (ۋارىس ئەمەس) تۇغقانلار، (تۇغقان ئەمەس) يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا بۇنىڭدىن (يەنى تەرەكىدىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاز نەرسە) بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار (يەنى مىراسخورلارنىڭ مېلى، بىزنىڭ ئەمەس دېگەنگە ئوخشاش ئۆزرىنى ئېيتىڭلار)[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەقسىمات ۋاقتىدا (ۋارىس ئەمەس) تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا بۇ مىراستىن ئاز-تولا بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: تەقسىمات ئەسناسىدا مىراس تەگمەيدىغان تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا ئۇنىڭدىن يەپ - ئىچكۈدەك بىرەر نەرسە بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار.
4 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَلْيَخْشَ الَّذِينَ لَوْ تَرَكُوا مِنْ خَلْفِهِمْ ذُرِّيَّةً ضِعَافًا خَافُوا عَلَيْهِمْ فَلْيَتَّقُوا اللَّهَ وَلْيَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: (كىملەركى) ئۆزلىرىدىن قېلىپ قالىدىغان كىچىك بالىلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن قانداق ئەندىشە قىلىدىغان بولسا، باشقىلارنىڭ قېلىپ قالغان كىچىك بالىلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئەندىشە قىلسۇن، (يېتىملەرنىڭ ئىشىدا) ئاللاھتىن قورقسۇن ۋە توغرا سۆزنى ئېيتسۇن[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزىدىن كېيىن قالىدىغان كىچىك بالىلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلار باشقىلارنىڭ قېلىپ قالغان كىچىك بالىلىرى ئۈچۈنمۇ ئەندىشە قىلسۇن، (يېتىملەرنىڭ ئىشىدا) ئاللاھتىن قورقسۇن ۋە لىللا گەپ قىلسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۆزىنىڭ كۈچسىز بالىلىرى ئۈچۈن بۇلار مەندىن كېيىن قالسا ھالى نېمە بولار؟ دەپ ئەندىشە قىلىدىغانلار، يېتىملەرگە ھەقسىزلىق قىلىشتىن قورقۇپ تىترىسۇن. ئۇلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسۇن ۋە توغرا گەپ قىلسۇن.
4 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَيْفَ تَأْخُذُونَهُ وَقَدْ أَفْضَىٰ بَعْضُكُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ وَأَخَذْنَ مِنْكُمْ مِيثَاقًا غَلِيظًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزئارا خىلۋەتتە بولۇشقان تۇرساڭلار ۋە ئاياللار سىلەردىن (نىكاھ ئەقدىسىدىن ئىبارەت) مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ قايتۇرۇۋالىسىلەر؟[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزئارا بىر يەردە بولۇشقان تۇرساڭلار ۋە ئۇ خوتۇن سىلەردىن (نىكاھ ئارقىلىق) مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ قايتۇرۇۋالىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۇنى قانداقمۇ ئېلىۋالىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر بىر يەردە بولۇشقان ۋە ئۇلار سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا!
4 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ يَعْلَمُ اللَّهُ مَا فِي قُلُوبِهِمْ فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَعِظْهُمْ وَقُلْ لَهُمْ فِي أَنْفُسِهِمْ قَوْلًا بَلِيغًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (يالغان ئېيتىدۇ)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى (يەنى مۇناپىقلىقىنى، مىكرىنى) بىلىدۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن، ئۇلارغا تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلغىن[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىلىغا تەسىر قىلغۇدەك سۆزلەرنى قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىدىكىنى بىلىدىغان كىشىلەردۇر. سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن ۋە ئۇلارغا تەسىرلىك سۆز قىلغىن.
4 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا حُيِّيتُمْ بِتَحِيَّةٍ فَحَيُّوا بِأَحْسَنَ مِنْهَا أَوْ رُدُّوهَا ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ حَسِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار (يەنى بىر كىشى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دەڭلار) ياكى ئۇنىڭ سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار (يەنى ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەڭلار). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىدىن (يەنى بەندىلىرىنىڭ چوڭ ـ كىچىك ئىشلىرىدىن) ھېساب ئالغۇچىدۇر[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار ياكى ئۇنىڭ سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىدىن ھېساب ئالغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە بىرەر سالام بىلەن سالام بېرىلگەن چاغدا، ئۇنىڭدىن ياخشىراقى بىلەن سالام بېرىڭلار ياكى ئۇنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار40. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ھېسابىنى ئالغۇچىدۇر.
4 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا ضَرَبْتُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَتَبَيَّنُوا وَلَا تَقُولُوا لِمَنْ أَلْقَىٰ إِلَيْكُمُ السَّلَامَ لَسْتَ مُؤْمِنًا تَبْتَغُونَ عَرَضَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا فَعِنْدَ اللَّهِ مَغَانِمُ كَثِيرَةٌ ۚ كَذَٰلِكَ كُنْتُمْ مِنْ قَبْلُ فَمَنَّ اللَّهُ عَلَيْكُمْ فَتَبَيَّنُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ يولىغا (يەنى غازاتقا) ئاتلانغان ۋاقتىڭلاردا ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار (يەنى مۆمىن ياكى كاپىرلىقى ئېنىق بولغىچە ئۆلتۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەڭلار)، سىلەرگە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سالام بەرگەن ئادەمگە ـ دۇنيانىڭ مال ـ مۈلكىنى (غەنىيمەتنى) كۆزلەپ ـ سەن مۆمىن ئەمەسسەن دېمەڭلار (يەنى ئۆلۈشتىن قورقۇپ سالام بەردىڭ دەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار). ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (مۇنداقلارنى ئۆلتۈرۈشتىن سىلەرنى بىھاجەت قىلىدىغان) نۇرغۇن غەنىيمەتلەر (يەنى ساۋاب) بار. ئىلگىرى سىلەرمۇ ئەنە شۇنداق (كاپىر) ئىدىڭلار، كېيىن ئاللاھ سىلەرگە (ئىماننى) ئىلتىپات قىلدى، (ئۇلارنى ئۆزۈڭلارغا سېلىشتۇرۇپ) ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ يولىغا (يەنى ئۇرۇشقا) ئاتلانغان ۋاقتىڭلاردا (ئۇچرىغانلارنىڭ ئىمانى بار-يوقلۇقىنى) ئېنىقلاپ ئىش كۆرۈڭلار. سىلەرگە ئىسلامىي سالام بەرگەن ئادەمگە ـ دۇنيانىڭ مال ـ مۈلكىنى كۆزلەپ ـ سەن مۆمىن ئەمەس دېمەڭلار (يەنى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار)، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بار. ئىلگىرى سىلەرمۇ ئەنە شۇنداق (كافىر) ئىدىڭلار، كېيىن ئاللاھ سىلەرگە (ئىماننى) ئىلتىپات قىلدى، شۇڭا (ئۇلارنى ئۆزۈڭلارغا سېلىشتۇرۇپ) ئېنىقلاپ ئىش قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ يولىدا چىققان ۋاقتىڭلاردا ئېنىقلاپ ئىش قىلىڭلار، سىلەرگە تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن كىشىگە دۇنيا ھاياتىنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى كۆزلەپ: «سەن مۇئمىن ئەمەس» دېمەڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا كۆپ غەنىيمەتلەر بار. بۇرۇن سىلەرمۇ ئاشۇنداق ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياخشىلىق قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېنىقلاپ ئىش قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
4 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
لَا خَيْرَ فِي كَثِيرٍ مِنْ نَجْوَاهُمْ إِلَّا مَنْ أَمَرَ بِصَدَقَةٍ أَوْ مَعْرُوفٍ أَوْ إِصْلَاحٍ بَيْنَ النَّاسِ ۚ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمىر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش) لارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ كۆپىنچىسىدە ياخشىلىق يوقتۇر. پەقەت سەدىقىگە ياكى ياخشىلىققا، ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە بۇيرۇغان كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى يۇقىرىقى ئىشلارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا پات يېقىندا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ مەخپىي قىلىشقان سۆزلىرىنىڭ تولىسىدا ياخشىلىق يوق. لېكىن سەدىقىگە ياكى ياخشىلىققا ۋە ياكى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا بۇيرۇغان كىشىلەرنىڭ مەخپىي قىلىشقان سۆزلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىم ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىكەن، بىز يېقىندا ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر بېرىمىز.
4 : 148 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يُحِبُّ اللَّهُ الْجَهْرَ بِالسُّوءِ مِنَ الْقَوْلِ إِلَّا مَنْ ظُلِمَ ۚ وَكَانَ اللَّهُ سَمِيعًا عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىدىن باشقا (ھەر قانداق كىشىنىڭ) ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ زالىمدىن شىكايەت قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا دۇئايىبەت قىلىشىغا بولىدۇ)، ئاللاھ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىنى) ئاڭلىغۇچىدۇر، (زالىمنى) بىلگۈچىدۇر[148].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى (نىڭ زالىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلغىنى) دىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يامان سۆزنى ئاشكارا سۆزلەشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى مۇستەسنا63. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُبْدُوا خَيْرًا أَوْ تُخْفُوهُ أَوْ تَعْفُوا عَنْ سُوءٍ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ عَفُوًّا قَدِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بىر ياخشىلىقنى قىلساڭلار ياكى بىرەر يامانلىقنى كەچۈرسەڭلار (ساۋاب تاپىسىلەر). شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر[149].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بىر ياخشىلىقنى قىلساڭلار ياكى (باشقىلار قىلغان) بىرەر يامانلىقنى كەچۈرسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاشكارا بىرەر ياخشىلىق قىلساڭلار ياكى يوشۇرۇن بىرەر قىلساڭلار ۋە ياكى بىرەر يامانلىقنى ئەپۇ قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر.
مائىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَوْفُوا بِالْعُقُودِ ۚ أُحِلَّتْ لَكُمْ بَهِيمَةُ الْأَنْعَامِ إِلَّا مَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ غَيْرَ مُحِلِّي الصَّيْدِ وَأَنْتُمْ حُرُمٌ ۗ إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ مَا يُرِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە (يەنى ئاللاھ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار. سىلەرگە ھاراملىقى بايان قىلىنىدىغانلاردىنباشقا، ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن (يېيىش) ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر ئېھرام (ياكى ھەرەم) دە بولغىنىڭلاردا شىكارنى ھالال سانىماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھالال ـ ھارام توغرۇلۇق) خالىغان نەرسىنى ھۆكۈم قىلىدۇ[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلارغا ۋاپا قىلىڭلار. تۆۋەندە سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىلىدىغانلاردىن باشقا چارۋىلارنىڭ ھەممىسىنى (بوغۇزلىغاندىن كېيىن يېيىش) ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر ئېھرامدا بولغىنىڭلاردا ئوۋ ئوۋلاشنى ھالال سانىماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! توختاملىرىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار. سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلار ھالال قىلىندى. پەقەت ئۇلاردىن سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا1. ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاشنى ھالال سانىماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ.
5 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِمَا نَقْضِهِمْ مِيثَاقَهُمْ لَعَنَّاهُمْ وَجَعَلْنَا قُلُوبَهُمْ قَاسِيَةً ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَنْ مَوَاضِعِهِ ۙ وَنَسُوا حَظًّا مِمَّا ذُكِّرُوا بِهِ ۚ وَلَا تَزَالُ تَطَّلِعُ عَلَىٰ خَائِنَةٍ مِنْهُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاصْفَحْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ئىماننى قوبۇل قىلىشقا يۇمشىمايدىغان دەرىجىدە) قاتتىق قىلدۇق، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، (ئەگەر تەۋبە قىلسا) ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، (ئەگەر ئىمان ئېيتسا) ئۇلارنى كەچۈرگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ۋەدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلدۇق. ئۇلار تەۋراتتىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلارنى كەچۈرگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇستەھكەم ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى قاتتىق قىلدۇق. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن خائىنلىق بايقاپ تۇرىسەن، ئۇلاردىن ئازغىنە كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا10. سەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن11. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا رَأَيْتَ الَّذِينَ يَخُوضُونَ فِي آيَاتِنَا فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ حَتَّىٰ يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ ۚ وَإِمَّا يُنْسِيَنَّكَ الشَّيْطَانُ فَلَا تَقْعُدْ بَعْدَ الذِّكْرَىٰ مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا (تەنە ۋە مەسخىرە قىلىپ) پاراڭ سېلىشىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭدە، ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن. ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىقنى شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئېسىڭگە كەلگەندىن كېيىن، زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا قالايمىقان گەپ قىلىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭدە، ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا گەپكە يۆتكەلمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىقنى شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئېسىڭگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنداق ئەسكى قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرىۋەرمىگىن
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىشىۋاتقانلارنى كۆرگەن چېغىڭدا، ئۇلار باشقا سۆز توغرىسىدا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. ئەگەر شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئەسلىگىنىڭدىن كېيىن ئۇ زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن!
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُمُ الرِّجْزَ إِلَىٰ أَجَلٍ هُمْ بَالِغُوهُ إِذَا هُمْ يَنْكُثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن بالانى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن ئەھدىلىرىنى بۇزدى[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئاپەتنى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن يۇقىرىقى ۋەدىسىنى بۇزدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئۇ پاسكىنىلىقنى ئۇلار تولدۇرىدىغان بىر مۇددەتنىڭ ئاخىرىغىچە كۆتۈرۈۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلار بىردىنلا سۆزلىرىدىن يېنىۋالدى.
ئەنفال سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَخُونُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ وَتَخُونُوا أَمَانَاتِكُمْ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا خىيانەت قىلماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئامانەتلىرىڭلارغا خىيانەت قىلماڭلار.
8 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ عَاهَدْتَ مِنْهُمْ ثُمَّ يَنْقُضُونَ عَهْدَهُمْ فِي كُلِّ مَرَّةٍ وَهُمْ لَا يَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەلۇم كىشىلەر بىلەن (مۇشرىكلارغا ياردەم بەرمەسلىكلىرى ئۈستىدە) مۇئاھىدە تۈزدۈڭ، ئۇلار بولسا ھەر قېتىمدا مۇئاھىدىسىنى بۇزىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن قورقمايدۇ[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەلۇم كىشىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزسەڭ، ئۇلار ئاللاھتىن قورقماي، ھەر قېتىمدا كېلىشىمنى بۇزىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، سەن ئەھدە تۈزۈشكەندىن كېيىن ھەر قېتىمدا ھېچ تارتىنماستىن ئەھدىسىنى بۇزىدۇ.
8 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِمَّا تَخَافَنَّ مِنْ قَوْمٍ خِيَانَةً فَانْبِذْ إِلَيْهِمْ عَلَىٰ سَوَاءٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْخَائِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن (مۇئاھىدە تۈزگەن) قەۋمدىن خىيانەت (ئالامەتلىرىنى) سەزسەڭ، مۇئاھىدىسىنى ئۇلارغا ئوچۇق ـ يورۇقلۇق بىلەن تاشلاپ بەرگىن (يەنى سەن بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن قەۋمدىن خىيانەت شەپىسى كۆرۈلسە، ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماستىن، مۇئاھىدىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن). ئاللاھ ھەقىقەتەن خائىنلارنى دوست تۇتمايدۇ[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن بىرەر قەۋمنىڭ كېلىشىمگە ۋاپاسىزلىق قىلىشىدىن ئەنسىرىسەڭ، ئۇلارنىڭ كېلىشىمىنى ئۆزىگە ئوچۇق ـ يورۇقلۇق بىلەن تاشلاپ بەرگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ۋاپاسىزلارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىرەر قەۋمنىڭ خائىنلىق قىلىشىدىن ھەقىقەتەن قورقساڭ، ئۇلارغا ئەھدىسىنى ئوچۇقچە تاشلاپ بەرگىن. ئاللاھ خائىنلارنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.
تەۋبە سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِينَ عَاهَدْتُمْ مِنَ الْمُشْرِكِينَ ثُمَّ لَمْ يَنْقُصُوكُمْ شَيْئًا وَلَمْ يُظَاهِرُوا عَلَيْكُمْ أَحَدًا فَأَتِمُّوا إِلَيْهِمْ عَهْدَهُمْ إِلَىٰ مُدَّتِهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەمما مۇشرىكلار ئىچىدىكى سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزگەن، مۇئاھىدىگە ھېچقانداق خىلاپلىق قىلمىغان، سىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئادەمگە ياردەم بەرمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار بىلەن تۈزگەن بۇ مۇئاھىدىگە ئۇنىڭ ۋاقتى توشقانغا قەدەر رىئايە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمما مۇشرىكلار ئىچىدىكى سىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەن، كېلىشىمگە ھېچقانداق خىلاپلىق قىلمىغان، سىلەرگە قارشى تۇرىدىغان ھېچقانداق ئادەمگە ياردەم بەرمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار بىلەن تۈزگەن بۇ كېلىشىمگە ئۇنىڭ ۋاقتى توشقانغا قەدەر رىئايە قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇ مۇشرىكلاردىن، ئەھدە شەرتلىرىگە تولۇق رىئايە قىلغان ۋە سىلەرگە قارشى ھېچكىمگە ياردەم قىلمىغانلار مۇستەسنا. بۇلار بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىڭلارغا مۇددىتىنىڭ ئاخىرىغىچە رىئايە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
9 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
كَيْفَ وَإِنْ يَظْهَرُوا عَلَيْكُمْ لَا يَرْقُبُوا فِيكُمْ إِلًّا وَلَا ذِمَّةً ۚ يُرْضُونَكُمْ بِأَفْوَاهِهِمْ وَتَأْبَىٰ قُلُوبُهُمْ وَأَكْثَرُهُمْ فَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلار ئەھدىسىگە قانداقمۇ ۋاپا قىلسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غەلىبە قىلسا، سىلەرنىڭ ھەققىڭلاردا نە تۇغقانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. سىلەرنى ئېغىزلىرىدا خۇش قىلىدۇ، دىللىرىدا (ۋەدىسىدە تۇرۇشنى) خالىمايدۇ (يەنى ئاغزىدا چىرايلىق سۆزلىگىنى بىلەن، كۆڭۈللىرى ئاداۋەت، نىفاق بىلەن تولغان). ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار كېلىشىمگە قانداقمۇ ۋاپا قىلسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غەلىبە قىلسا، سىلەرنىڭ توغراڭلاردا نە تۇغقانچىلىققىمۇ، كېلىشىمگىمۇ رىئايە قىلمايدۇ. سىلەرنى شېرىن گەپلەر خۇش قىلىدۇ، دىللىرىدا بولسا (ئۇنداق قىلىشنى) خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى پاسىقلاردۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنداق، ئۇلاردا قانداقمۇ ئەھدە دېگەن نەرسە بولسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرگە غالىب كەلسە، سىلەر توغرۇلۇق تۇغقانچىلىققىمۇ، ئەھدىگىمۇ رىئايە قىلمايدۇ. ئۇلار سىلەرنى ئېغىزلىرى بىلەن رازى قىلىدۇ، قەلبلىرى ئۇنىمايدۇ. ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقلاردۇر.
9 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ نَكَثُوا أَيْمَانَهُمْ مِنْ بَعْدِ عَهْدِهِمْ وَطَعَنُوا فِي دِينِكُمْ فَقَاتِلُوا أَئِمَّةَ الْكُفْرِ ۙ إِنَّهُمْ لَا أَيْمَانَ لَهُمْ لَعَلَّهُمْ يَنْتَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار ئەھدە بەرگەندىن كېيىن، قەسەملىرىنى بۇزسا ۋە دىنىڭلارنى ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ (بۇنىڭدىن) چەكلىنىشلىرى ئۈچۈن، كۇفرىنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. ئۇلارنىڭ قەسىمىنىڭ ھەقىقەتەن ئېتىبارى يوق[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار ۋەدە بەرگەندىن كېيىن قەسەملىرىنى بۇزسا ۋە دىنىڭلارنى ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ (بۇنىڭدىن) چەكلىنىشى ئۈچۈن، كۇفرغا يېتەكلەيدىغان كاتتىباشلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. ئۇلارنىڭ قەسىمىنىڭ ھەقىقەتەن ئېتىبارى يوق
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار ئەھدە بەرگەندىن كېيىن قەسەملىرىنى بۇزسا ۋە دىنىڭلارغا تىل ئۇزارتسا، ئۇ چاغدا ئۇ كافىرلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەسەملىرىنىڭ ھېچقانداق ئېتىبارى يوق. شۇنداق قىلساڭلار ئۇلار توختايدۇ.
9 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ عَاهَدَ اللَّهَ لَئِنْ آتَانَا مِنْ فَضْلِهِ لَنَصَّدَّقَنَّ وَلَنَكُونَنَّ مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر: «ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا (يەنى رىزقىمىزنى كەڭ قىلسا) ئەلۋەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق» دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلدى[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر: «ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا، ئەلۋەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق» دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، «ئەگەر بىزگە ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا ئەلۋەتتە سەدىقە بېرىمىز ۋە ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھقا ئەھدە بەردى.
9 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ اسْتِغْفَارُ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ إِلَّا عَنْ مَوْعِدَةٍ وَعَدَهَا إِيَّاهُ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ أَنَّهُ عَدُوٌّ لِلَّهِ تَبَرَّأَ مِنْهُ ۚ إِنَّ إِبْرَاهِيمَ لَأَوَّاهٌ حَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاتىسى بىلەن ئادا ـ جۇدا بولدى. ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆپ ئاھ چەككۈچى (يەنى كۆڭلى يۇمشاق)، (يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) چىداملىق ئىدى[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى، ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندا، ئۇ ئاتىسى بىلەن ئادا ـ جۇدا بولدى. ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆپ ئاھ چەككۈچى -كۆڭلى يۇمشاق- ۋە چىداملىق بىر كىشى ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى، پەقەت ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىسى ئۈچۈن ئىدى. كېيىن ئىبراھىمغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندا، ئۇنىڭدىن ئادا - جۇدا بولدى. شۈبھىسىزكى، ئىبراھىم باغرى يۇمشاق، ئېغىر - بېسىق كىشى ئىدى.
9 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَكُونُوا مَعَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بۇلۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار.
يۈسۈف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَا تَثْرِيبَ عَلَيْكُمُ الْيَوْمَ ۖ يَغْفِرُ اللَّهُ لَكُمْ ۖ وَهُوَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف ئېيتتى: «بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن، ئاللاھ ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف ئېيتتى: «بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن، ئاللاھ مەرھەتلىكلەرنىڭ ئەڭ مەرھەمەتلىكىدۇر
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ھېچ ئەيىبلەنمەيسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن! ئۇ رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسىدۇر.
رەئد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُوفُونَ بِعَهْدِ اللَّهِ وَلَا يَنْقُضُونَ الْمِيثَاقَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەھدىگە (يەنى ئاللاھ تاپشۇرغان ئىشلارغا) ۋاپا قىلىدۇ، بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلىدۇ، بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان ۋە توختامىنى بۇزمايدىغان كىشىلەردۇر.
13 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَنْقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ ۙ أُولَٰئِكَ لَهُمُ اللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوءُ الدَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھنىڭ سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە (ئۇلارنىڭ) ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھنىڭ سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزىدىغان، ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمر قىلغان نەرسىنى ئۈزىدىغان ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار لەنەتكە ۋە ئاخرەتتە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ.
ھىجىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ ۗ وَإِنَّ السَّاعَةَ لَآتِيَةٌ ۖ فَاصْفَحِ الصَّفْحَ الْجَمِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدىلا ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، (ئى مۇھەممەد! نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن، ئۇلارغا) چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدىلا ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، -ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق بىلەن ياراتتۇق. قىيامەت ئەلۋەتتە قايىم بولىدۇ. شۇڭا چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن7.
نەھىل سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْفُوا بِعَهْدِ اللَّهِ إِذَا عَاهَدْتُمْ وَلَا تَنْقُضُوا الْأَيْمَانَ بَعْدَ تَوْكِيدِهَا وَقَدْ جَعَلْتُمُ اللَّهَ عَلَيْكُمْ كَفِيلًا ۚ إِنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا تَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئەھدە تۈزۈشكەنلىرىڭلاردا ، ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، قەسىمىڭلارنى (ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ) پۇختىلىغاندىن كېيىن بۇزماڭلار، چۈنكى سىلەر ئاللاھنى گۇۋاھچى قىلدىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئەھدە تۈزۈشكىنىڭلاردا، ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىڭلار، قەسىمىڭلارنى ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ پۇختىلىغاندىن كېيىن بۇزماڭلار، چۈنكى سىلەر ئاللاھ نى گۇۋاھچى قىلدىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىلەن ئەھدىلەشسەڭلار ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. ئاللاھنى ئۆزۈڭلارغا گۇۋاھچى قىلىپ تۇرۇپ مۇستەھكەملىگەن قەسەملىرىڭلارنى بۇزماڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
16 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَكُونُوا كَالَّتِي نَقَضَتْ غَزْلَهَا مِنْ بَعْدِ قُوَّةٍ أَنْكَاثًا تَتَّخِذُونَ أَيْمَانَكُمْ دَخَلًا بَيْنَكُمْ أَنْ تَكُونَ أُمَّةٌ هِيَ أَرْبَىٰ مِنْ أُمَّةٍ ۚ إِنَّمَا يَبْلُوكُمُ اللَّهُ بِهِ ۚ وَلَيُبَيِّنَنَّ لَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ مَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار. بىر جامائە (سان ۋە مال ـ مۈلۈك جەھەتتە) يەنە بىر جامائەدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىسىلەر (يەنى ئۆز ئارا ياردەملىشىش ئۈستىدە بىر جامائە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەندىن كېيىن، سانى، پۇل ـ مېلى كۆپرەك يەنە بىر جامائەنى كۆرۈپلا ئىلگىرىكى جامائە بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىنى بۇزۇپ، كېيىنكى جامائە بىلەن ئەھدى تۈزىسىلەر)، ئاللاھ سىلەرنى ھەقىقەتەن بۇنىڭ (يەنى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئەمرى) بىلەن سىنايدۇ، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق ـ ناھەقنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە چوقۇم ئېنىق ئايرىپ بېرىدۇ.(ئىزاھات:بۇ، قەسەم ئىچىپ چىڭ ئەھدە قىلىشقاندىن كېيىن ئۆز ئەھدىنى بۇزغان ئادەمنىڭ مىسالىدۇر.)[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار[1]. بىر جامائە سان ۋە مال ـ مۈلۈك جەھەتتە يەنە بىر جامائەدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى ھەقىقەتەن بۇنىڭ بىلەن سىنايدۇ، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق ـ ناھەقنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە چوقۇم ئايرىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: يىپىنى پىششىق ئېگىرىپ بولۇپ چۇۋۇۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار. يەنى بىر ئۇممەتنىڭ يەنە بىر ئۇممەتتىن ئۈستۈن بولغانلىقىغا قاراپ، قەسەملىرىڭلار بىلەن بىر - بىرىڭلارنى ئالدىماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى بۇنىڭ بىلەن ئىمتىھان قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىدۇ.
16 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَتَّخِذُوا أَيْمَانَكُمْ دَخَلًا بَيْنَكُمْ فَتَزِلَّ قَدَمٌ بَعْدَ ثُبُوتِهَا وَتَذُوقُوا السُّوءَ بِمَا صَدَدْتُمْ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۖ وَلَكُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: قەدىمىڭلار (ئىسلام دىنىدا) ئىزچىل بولغاندىن كېيىن تېيىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئۆز ئاراڭلاردا ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭلار، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىڭلار) ئۈچۈن ئازابنى تېتىيسىلەر، (سىلەر ئاخىرەتتە دوزاختا) چوڭ ئازابقا قالىسىلەر[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەدىمىڭلار ئىسلام دىنىدا ئىزچىل بولغاندىن كېيىن تېيىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئۆز ئاراڭلاردا ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭلار، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىيسىلەر، سىلەر ئاخىرەتتە دوزاختا چوڭ ئازابقا قالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: قەسەملىرىڭلارنى ئاراڭلاردا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭلار، بولمىسا مۇستەھكەم دەسسەپ تۇرغان قەدىمىڭلار تېيىلىپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار ئۈچۈن يامانلىق تېتىيسىلەر، ئاندىن چوڭ ئازابقا دۇچار بولىسىلەر.
16 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَشْتَرُوا بِعَهْدِ اللَّهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۚ إِنَّمَا عِنْدَ اللَّهِ هُوَ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھنىڭ ئەھدىنى ئەرزىمەس نەرسىگە سېتىۋەتمەڭلار؛ سىلەر ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب سىلەر ئۈچۈن (پانى دۇنيانىڭ نەرسىلىرىدىن) ئارتۇقتۇر[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھنىڭ ئەھدىنى ئەرزىمەس نەرسىگە سېتىۋەتمەڭلار: سىلەر ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىڭلارنى ئازغىنە پۇلغا سېتىۋەتمەڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار ئاخىرەتتە ئاللاھ بېرىدىغان مۇكاپات سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ياخشىدۇر.
ئىسرا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰذَا الْقُرْآنَ يَهْدِي لِلَّتِي هِيَ أَقْوَمُ وَيُبَشِّرُ الْمُؤْمِنِينَ الَّذِينَ يَعْمَلُونَ الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ أَجْرًا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۇئمىنلارغا، مۇكاپاتلىرىنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ.
17 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ۚ إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِنْدَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُلْ لَهُمَا أُفٍّ وَلَا تَنْهَرْهُمَا وَقُلْ لَهُمَا قَوْلًا كَرِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا، ئوھوي! دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن). ئۇلارنى دۈشكەللىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا «ئوھوي» دېمىگىن، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئاتا - ئاناڭنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇف!»3 دېگەن سۆزنىمۇ قىلمىغىن. ئۇلارغا ئازار بەرمىگىن، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن.
17 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِمَّا تُعْرِضَنَّ عَنْهُمُ ابْتِغَاءَ رَحْمَةٍ مِنْ رَبِّكَ تَرْجُوهَا فَقُلْ لَهُمْ قَوْلًا مَيْسُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن پەرۋەردىگارىڭدىن كۈتۈۋاتقان مەرھەمەت نازىل بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارغا خەيرى ـ ساخاۋەت قىلماقچى بولساڭ (يەنى قولۇڭدا ئۇلارغا بېرىدىغان بىر نەرسە بولمىسا)، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن رەببىڭدىن كۈتۈۋاتقان مەرھەمەت نازىل بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارغا خەيرى ـ ساخاۋەت قىلماقچى بولساڭ، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سەن رەببىڭدىن ئۈمىد قىلغان رەھمەتنى ئىزدەۋاتقانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈسەڭ4، چىرايلىق گەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالغىن.
17 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقْرَبُوا مَالَ الْيَتِيمِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ حَتَّىٰ يَبْلُغَ أَشُدَّهُ ۚ وَأَوْفُوا بِالْعَهْدِ ۖ إِنَّ الْعَهْدَ كَانَ مَسْئُولًا
مۇھەممەد سالىھ: يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر (يېتىمگە) ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، (قىيامەت كۈنى) ئەھدە ئۈستىدە (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ـ قىلمىغانلىق ئۈستىدە) ئەلۋەتتە سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر يېتىمگە ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، چۈنكى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ـ قىلمىغانلىق ئۈستىدە ئەلۋەتتە سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر
ئەنەس ئالىم: يېتىمنىڭ مېلىغا يېقىنلاشماڭلار. لېكىن ئۇ قىرانلىق دەۋرىگە يەتكەنگە قەدەر ئەڭ ياخشى يول بىلەن يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، چۈنكى سىلەر ئەھدىدىن سوراققا تارتىلىسىلەر.
17 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلْ لِعِبَادِي يَقُولُوا الَّتِي هِيَ أَحْسَنُ ۚ إِنَّ الشَّيْطَانَ يَنْزَغُ بَيْنَهُمْ ۚ إِنَّ الشَّيْطَانَ كَانَ لِلْإِنْسَانِ عَدُوًّا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە قوزغايدۇ، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى: ئۇلار ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە قوزغايدۇ، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر
ئەنەس ئالىم: بەندىلىرىمگە ئېيتقىن: سۆزنىڭ ئەڭ چىرايلىقىنى قىلىسۇن. چۈنكى شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇشقا تىرىشىدۇ. شۈبھىسىزكى، شەيتان ئىنساننىڭ ئاشكارا دۈشمىنىدۇر.
كەھف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذِ اعْتَزَلْتُمُوهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ فَأْوُوا إِلَى الْكَهْفِ يَنْشُرْ لَكُمْ رَبُّكُمْ مِنْ رَحْمَتِهِ وَيُهَيِّئْ لَكُمْ مِنْ أَمْرِكُمْ مِرْفَقًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى يىگىتلەر!) سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، غارنى پاناھ جاي قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە كەڭ رەھمەت قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى يىگىتلەر!- سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، غارنى پاناھ جاي قىلىڭلار، رەببىڭلار سىلەرگە كەڭ رەھمەت قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى مۇنداق دېدى: «مادامىكى سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىلاھلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، ئۇنداقتا غارغا بېرىپ پاناھلىنىڭلار، رەببىڭلار سىلەرگە رەھمىتىنى يايسۇن، ئىشىڭلارنى ئاسان ۋە پايدىلىق قىلىپ بەرسۇن».
18 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقُولَنَّ لِشَيْءٍ إِنِّي فَاعِلٌ ذَٰلِكَ غَدًا
مۇھەممەد سالىھ: سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، «ئەتە شۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن» دېمەي[23]،
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، «ئەتە شۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن» دېمەي
ئەنەس ئالىم: ھېچبىر نەرسە ئۈچۈن: «مەن ئەتە چوقۇم ئۇنى قىلىمەن» دېمىگىن.
18 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَاصْبِرْ نَفْسَكَ مَعَ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ ۖ وَلَا تَعْدُ عَيْنَاكَ عَنْهُمْ تُرِيدُ زِينَةَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَا تُطِعْ مَنْ أَغْفَلْنَا قَلْبَهُ عَنْ ذِكْرِنَا وَاتَّبَعَ هَوَاهُ وَكَانَ أَمْرُهُ فُرُطًا
مۇھەممەد سالىھ: سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن، ھاياتى دۇنيانىڭ زىبۇ - زىننىتىنى دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، داۋاملىق ئاشقۇنلۇق قىلىدىغان ئادەمگە ئەگەشمىگىن[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن رەببىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن، ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇزىننىتىنى دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن
ئەنەس ئالىم: رەببىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغانلار بىلەن بللە بولۇشقا سەۋر - تاقەت قىلىغىن. بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتنىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى دەپ كۆزلىرىڭ ئۇلاردىن باشقىسىغا چۈشمىسۇن. بىز قەلبىنى زىكرىمىزدىن غاپىل قىلغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ۋە ئىشىدا ھەددىدىن ئاشقان كىشىگە ئىتائەت قىلمىغىن.
18 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَا تُؤَاخِذْنِي بِمَا نَسِيتُ وَلَا تُرْهِقْنِي مِنْ أَمْرِي عُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئەھدىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمغا مېنى ئەيىبلىمە، سەن بىلەن بىللە بولۇشتا مېنى قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويما»[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئەھدىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمغا مېنى ئەيىبلىمە، سەن بىلەن بىللە بولۇشتا مېنى قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويما»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئۇنتۇپ قېلىپ دەپ سالغان بۇ سۆزۈم ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمىگىن. بىلىمىڭدىن ئۆگىنىۋېلىشمنى قىيىنلاشتۇرمىغىن!» دېدى.
18 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ بَيْنَ السَّدَّيْنِ وَجَدَ مِنْ دُونِهِمَا قَوْمًا لَا يَكَادُونَ يَفْقَهُونَ قَوْلًا
مۇھەممەد سالىھ: زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى تاغ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى چۈشەنمەيدىغان (يەنى ئۆزىنىڭ تىلىدىن غەيرى تىلنى بىلمەيدىغان) بىر قەۋمنى ئۇچراتتى[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى تاغ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى چۈشەنمەيدىغان بىر قەۋمنى ئۇچراتتى
ئەنەس ئالىم: تاكى ئىككى سېپىلنىڭ ئارىسىغا بارغاندا، ئۇ يەردە ئاسانلىقچە سۆز چۈشىنەلمەيدىغان بىر قەۋم ئۇچراتتى.
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَتَتْ بِهِ قَوْمَهَا تَحْمِلُهُ ۖ قَالُوا يَا مَرْيَمُ لَقَدْ جِئْتِ شَيْئًا فَرِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم بوۋاقنى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى) كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم بوۋاق-ئىسا ئەلەيھىسسالام-نى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مەريەم بالىسىنى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ!
تاھا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَاحْلُلْ عُقْدَةً مِنْ لِسَانِي
مۇھەممەد سالىھ: تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن
ئەنەس ئالىم: تىلىمنى راۋان قىلغىن،
20 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يَفْقَهُوا قَوْلِي
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مېنىڭ سۆزۇمنى چۈشەنسۇن[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار مېنىڭ سۆزۇمنى چۈشەنسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سۆزۈمنى چۈشەنسۇن.
20 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُولَا لَهُ قَوْلًا لَيِّنًا لَعَلَّهُ يَتَذَكَّرُ أَوْ يَخْشَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىن[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى، ياكى قورقۇشى مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، نەسىھەت ئېلىشى ياكى ئەيمىنىشى مۇمكىن».
20 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا آمَنَّا بِرَبِّنَا لِيَغْفِرَ لَنَا خَطَايَانَا وَمَا أَكْرَهْتَنَا عَلَيْهِ مِنَ السِّحْرِ ۗ وَاللَّهُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى، سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ ئارقىسىدا بىزنىڭ سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دەپ بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزغا ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھنىڭ (ساۋابى سېنىڭ مۇكاپاتىڭدىن) ئارتۇقتۇر؛ ئاللاھنىڭ (ئازابى سېنىڭ جازايىڭدىن) دائىمىيدۇر»[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ خاتالىقىمىزنى، سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ ئارقىسىدا بىزنىڭ سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دەپ بىز ھەقىقەتەن رەببىمىزغا ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھنىڭ -ساۋابى سېنىڭ مۇكاپاتىڭدىن- ئارتۇقتۇر؛ ئاللاھنىڭ -ئازابى سېنىڭ جازايىڭدىن- دائىمىيدۇر»
ئەنەس ئالىم: بىز رەببىمىزگە ئىمان ئېيتتۇق. ئۇنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى، بولۇپمۇ سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ بىلەن سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى ياخشىدۇر، ئازابى باقىيدۇر».
20 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
فَرَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ أَلَمْ يَعِدْكُمْ رَبُّكُمْ وَعْدًا حَسَنًا ۚ أَفَطَالَ عَلَيْكُمُ الْعَهْدُ أَمْ أَرَدْتُمْ أَنْ يَحِلَّ عَلَيْكُمْ غَضَبٌ مِنْ رَبِّكُمْ فَأَخْلَفْتُمْ مَوْعِدِي
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا قەۋمىگە غەزەپلەنگەن ھالدا خاپا قايتتى، ئۇ ئېيتتى: «سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار چىرايلىق ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ (سىلەر ئەھدىنى ئۇنتۇغۇدەك) ۋاقىت شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى ئىرادە قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟»[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا قەۋمىگە غەزەپلەنگەن ھالدا خاپا قايتتى، ئۇ ئېيتتى: «سىلەرگە رەببىڭلار ياخشىلىقنى ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ -سىلەر ئەھدىنى ئۇنتۇغۇدەك- ۋاقىت شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار رەببىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى ئىرادە قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا قەۋمىنىڭ يېنىغا غەزەپلەنگەن ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا قايتىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! رەببىڭلار سىلەرگە چىرايلىق ۋەدە قىلمىدىمۇ؟ ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتىمۇ؟ ياكى ئۈستۈڭلارغا رەببىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشنى ئىرادە قىلىپ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟».
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُدُوا إِلَى الطَّيِّبِ مِنَ الْقَوْلِ وَهُدُوا إِلَىٰ صِرَاطِ الْحَمِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ياخشى سۆزگە (يەنى كەلىمە تەۋھىدكە) ھىدايەت قىلىندى. ئاللاھنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلىندى[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ياخشى سۆز-كەلىمە تەۋھىد-كە ھىدايەت قىلىندى؛ يەنە ئۇلار ماختالغان يولغا ھىدايەت قىلىندى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار چىرايلىق سۆز قىلىشقا ھىدايەت قىلىندى ۋە مەدھىيەگە لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلىندى.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ هُمْ عَنِ اللَّغْوِ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىھۇدە سۆز - ھەرىكەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر.
23 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇئمىنلار ئامانەتلىرىگە ۋە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر.
23 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ السَّيِّئَةَ ۚ نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنىڭ قىلغان) يامانلىقىغا (ئەپۇ قىلىش بىلەن) ياخشىلىق قىلغىن، ئۇلارنىڭ (سېنى) سۈپەتلەشلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان مەسخىرىسىنى) بىز ئوبدان بىلىمىز[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: يامانلىققا ئەڭ ياخشىسى بىلەن قارشى تۇرغىن، ئۇلارنىڭ سۈپەتلەشلىرىنى بىز ئوبدان بىلىمىز
ئەنەس ئالىم: سەن يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلغىن. بىز ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىنى ئوبدان بىلىمىز.
نۇر سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْلَا إِذْ سَمِعْتُمُوهُ ظَنَّ الْمُؤْمِنُونَ وَالْمُؤْمِنَاتُ بِأَنْفُسِهِمْ خَيْرًا وَقَالُوا هَٰذَا إِفْكٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا ئەر ـ ئايال مۆمىنلەر بىر-بىرىگە ياخشى گۇماندا بولۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ ئېنىق بوھتان دېمىدى؟[12]
تەرجىمە ھەيئىتى: بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا ئەر ـ ئايال مۇئمىنلار نېمىشقا ئۆزلىرىنى ياخشى دەپ قاراپ، «بۇ ئېنىق بوھتان دېمىدى»؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ بوھتاننى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا نېمە ئۈچۈن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولغان سىلەر ئۆزلىرىڭلارغا ياخشى گۇمان بىلەن قاراپ: «بۇ ئېنىق بوھتان» دېمىدىڭلار؟2
24 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ تَلَقَّوْنَهُ بِأَلْسِنَتِكُمْ وَتَقُولُونَ بِأَفْوَاهِكُمْ مَا لَيْسَ لَكُمْ بِهِ عِلْمٌ وَتَحْسَبُونَهُ هَيِّنًا وَهُوَ عِنْدَ اللَّهِ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بوھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار، بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار، ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە، ئۇ چوڭ گۇناھتۇر[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بوھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار، بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار، ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە، ئۇ چوڭ گۇناھتۇر
ئەنەس ئالىم: چۈنكى سىلەر ئۇ بوھتاننى ئېغىزدىن ئېغىزغا توشۇدۇڭلار. ئۇنى ئەسلىنى ھېچ بىلمەستىن ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، بۇنى ئاددىي چاغلىدىڭلار. ھالبۇكى، بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا چوڭ ۋەقە ئىدى.
24 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْلَا إِذْ سَمِعْتُمُوهُ قُلْتُمْ مَا يَكُونُ لَنَا أَنْ نَتَكَلَّمَ بِهَٰذَا سُبْحَانَكَ هَٰذَا بُهْتَانٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، نېمىشقا مۇنداق سۆزلەرنى قىلىش بىزگە مۇناسىپ ئەمەس، (ئى ئاللاھ!) سەن پاكتۇرسەنكى، بۇ چوڭ بوھتاندۇر دېمىدىڭلار[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، نېمىشقا «مۇنداق سۆزلەرنى قىلىش بىزگە مۇناسىپ ئەمەس، -ئى ئاللاھ!- سەن پاكتۇرسەنكى، بۇ چوڭ بوھتاندۇر» دېمىدىڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۇ بوھتاننى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا نېمىشقا «بۇنى سۆزلەش بىزگە لايىق بولمايدۇ، سۇبھانەللاھ، بۇ نېمىدېگەن چوڭ بوھتان!» دېمىدىڭلار؟
24 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَأْتَلِ أُولُو الْفَضْلِ مِنْكُمْ وَالسَّعَةِ أَنْ يُؤْتُوا أُولِي الْقُرْبَىٰ وَالْمَسَاكِينَ وَالْمُهَاجِرِينَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ وَلْيَعْفُوا وَلْيَصْفَحُوا ۗ أَلَا تُحِبُّونَ أَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاراڭلاردا ئەھلى كەرەم ۋە دۆلەتمەن بولغانلار خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە ۋە دىن يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا (بىر نەرسە) بەرمەسلىككە قەسەم قىلمىسۇن، (ئۇلارنىڭ گۇناھىنى) ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاراڭلاردا ئەھلى كەرەم ۋە دۆلەتمەن بولغانلار خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە ۋە دىن يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا بىر نەرسە بەرمەسلىككە قەسەم قىلمىسۇن، ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاراڭلاردىكى خەيرخاھ بايلار تۇغقانلىرىغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا ياردەم قىلىشقا سەل قارىمىسۇن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلسۇن ۋە ئۇلارغا كەڭ قورساقلىق قىلسۇن. ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
24 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
الْخَبِيثَاتُ لِلْخَبِيثِينَ وَالْخَبِيثُونَ لِلْخَبِيثَاتِ ۖ وَالطَّيِّبَاتُ لِلطَّيِّبِينَ وَالطَّيِّبُونَ لِلطَّيِّبَاتِ ۚ أُولَٰئِكَ مُبَرَّءُونَ مِمَّا يَقُولُونَ ۖ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر، ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر، ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ چاپلىغان بوھتانلىرىدىن پاكتۇر، ئۇلار مەغپىرەتتىن، (نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىكى) ئېسىل رىزىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر، ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر، ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ چاپلىغان بوھتانلىرىدىن پاكتۇر، ئۇلار مەغپىرەتتىن ۋە ئېسىل رىزىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ناپاك ئاياللار ناپاك ئەرلەر ئۈچۈندۇر، ناپاك ئەرلەر ناپاك ئاياللار ئۈچۈندۇر. پاك ئاياللار پاك ئەرلەر ئۈچۈندۇر، پاك ئەرلەر پاك ئاياللار ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇ پاك ئىنسانلار، ئۇلار چاپلىغان بوھتاندىن بەك يىراقتۇر. ئۇلارغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.
24 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَدْخُلُوا بُيُوتًا غَيْرَ بُيُوتِكُمْ حَتَّىٰ تَسْتَأْنِسُوا وَتُسَلِّمُوا عَلَىٰ أَهْلِهَا ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگۈچە كىرمەڭلار، ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىڭلار (يەنى بۇ گۈزەل ئەخلاق ـ ئەدەبكە ئەمەل قىلىشىڭلار) ئۈچۈن بۇ (يەنى ئىجازەت سوراپ ۋە سالام بېرىپ كىرىش ئۇشتۇمتۇت كىرىشتىن) سىلەرگە ياخشىدۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار، ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن باشقا ئۆيلەرگە ئۆزلىرىڭلارنى تونۇشتۇرۇپ، ئىجازەت ئالماستىن ۋە ئۆي ئەھلىگە سالام بەرمەستىن كىرمەڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. بۇ نەسىھەتنى ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر!
24 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ لَمْ تَجِدُوا فِيهَا أَحَدًا فَلَا تَدْخُلُوهَا حَتَّىٰ يُؤْذَنَ لَكُمْ ۖ وَإِنْ قِيلَ لَكُمُ ارْجِعُوا فَارْجِعُوا ۖ هُوَ أَزْكَىٰ لَكُمْ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھېچ ئادەم بولمىسا سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگۈچە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەرگە قايتىڭلار دېيىلسە قايتىپ كېتىڭلار، قايتىپ كېتىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھېچ ئادەم بولمىسا سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگىچە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەرگە قايتىڭلار دېيىلسە قايتىپ كېتىڭلار، قايتىپ كېتىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇ ئۆيلەردە ھېچ ئادەم تاپالمىساڭلار سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگۈچە ئۇلارغا كىرمەڭلار. ئەگەر سىلەرگە «قايتىڭلار» دېيىلسە قايتىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
24 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَدْخُلُوا بُيُوتًا غَيْرَ مَسْكُونَةٍ فِيهَا مَتَاعٌ لَكُمْ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا تَكْتُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەخسىي تۇرالغۇ بولمىغان (يەنى دۇكان ـ سارايلارغا ئوخشاش) ئۆيلەرگە ھاجىتىڭلار چۈشۈپ كىرسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارىلىغىنىڭلارنىمۇ، يوشۇرغىنىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەخسىي تۇرالغۇ بولمىغان ئۆيلەرگە ھاجىتىڭلار چۈشۈپ كىرسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارىلىغىنىڭلارنىمۇ، يوشۇرغىنىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئادەم ئولتۇرمايدىغان، ئىچىدە سىلەر ئۈچۈن بىرەر مەنپەئەت بولغان ئۆيلەرگە ئىجازەتسىز كىرىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغان پۈتكۈل قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
24 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لِيَسْتَأْذِنْكُمُ الَّذِينَ مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ وَالَّذِينَ لَمْ يَبْلُغُوا الْحُلُمَ مِنْكُمْ ثَلَاثَ مَرَّاتٍ ۚ مِنْ قَبْلِ صَلَاةِ الْفَجْرِ وَحِينَ تَضَعُونَ ثِيَابَكُمْ مِنَ الظَّهِيرَةِ وَمِنْ بَعْدِ صَلَاةِ الْعِشَاءِ ۚ ثَلَاثُ عَوْرَاتٍ لَكُمْ ۚ لَيْسَ عَلَيْكُمْ وَلَا عَلَيْهِمْ جُنَاحٌ بَعْدَهُنَّ ۚ طَوَّافُونَ عَلَيْكُمْ بَعْضُكُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە (ئۇخلاش ئۈچۈن) كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن (مۇشۇنداق) ئۈچ ۋاقىتتا (يېنىڭلارغا كىرسە) سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن، (بۇ) ئۈچ ۋاقىت سىلەرنىڭ ئەۋرىتىڭلار (ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتتۇر)، بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا (ئۇلار سىلەرگە كىرسە) سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن بېرىش ـ كېلىش قىلىپ تۇرىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى) ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە -ئۇخلاش ئۈچۈن- كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن؛ ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا، سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن، بۇ ئۈچ ۋاقىت سىلەرنىڭ ئەۋرىتىڭلار ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتتۇر، بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلار يېنىڭلارغا ئىجازەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن بېرىش ـ كېلىش قىلىپ تۇرىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلىرىڭلار مۇنۇ ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن: بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى، چۈشلۈك دەم ئېلىش ئۈچۈن كىيىملىرىڭلارنى سالىدىغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن. بۇ ئۈچ ۋاقىت، ئەۋرەتلىرىڭلار ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتلاردۇر. بۇلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلار يېنىڭلارغا ئىجازەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار يېنىڭلارغا كۆپ كىرىپ - چىقىدىغانلاردۇر. سىلەر بىر - بىرىڭلارنىڭ يېنىغا كىرىپ -چىقىپ تۇرىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
24 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا بَلَغَ الْأَطْفَالُ مِنْكُمُ الْحُلُمَ فَلْيَسْتَأْذِنُوا كَمَا اسْتَأْذَنَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىچىك بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە، ئۇلار ئىلگىرىكىلەر (يەنى چوڭلار كىرىشتە) ئىجازەت سورىغاندەك، (ئۆيگە كىرىشتە ھەممە ۋاقىت) ئىجازەت سورىسۇن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى (دىننىڭ ئىشلىرىنى) سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىچىك بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە، ئۇلار ئىلگىرىكى -چوڭلار- ئىجازەت سورىغاندەك، ئىجازەت سورىسۇن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە يېنىڭلارغا كىرىش ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەر ئىجازەت سورىغاندەك ئىجازەت سورىسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
24 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ عَلَى الْأَعْمَىٰ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْأَعْرَجِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْمَرِيضِ حَرَجٌ وَلَا عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ أَنْ تَأْكُلُوا مِنْ بُيُوتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ آبَائِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أُمَّهَاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ إِخْوَانِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخَوَاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَعْمَامِكُمْ أَوْ بُيُوتِ عَمَّاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخْوَالِكُمْ أَوْ بُيُوتِ خَالَاتِكُمْ أَوْ مَا مَلَكْتُمْ مَفَاتِحَهُ أَوْ صَدِيقِكُمْ ۚ لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَأْكُلُوا جَمِيعًا أَوْ أَشْتَاتًا ۚ فَإِذَا دَخَلْتُمْ بُيُوتًا فَسَلِّمُوا عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ تَحِيَّةً مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُبَارَكَةً طَيِّبَةً ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (جىھادقا چىقالمىسا) ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغا گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگە گۇناھ يوقتۇر. (ئى ئىنسانلار!) سىلەر ئۆز ئۆيلىرىڭلاردا (يەنى ئەرلىرىڭلارنىڭ، ئاياللىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە) ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، سىلەر ئاچقۇچلىرىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە (يەنى ئۆي ئىگىسى سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ئۆي بىلەن ئاچقۇچنى سىلەرگە تاپشۇرغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە)، ياكى دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە (ئىجازەتسىز) بىرەر نېمە يېسەڭلار گۇناھ يوقتۇر، سىلەر توپلىشىپ يېسەڭلارمۇ، يا يەككە يېسەڭلارمۇ گۇناھ يوقتۇر. سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى چۈشەنسۇن، دەپ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. (ئىزاھات: مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە غازاتقا چىققان ۋاقىتلىرىدا ئۆيلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى باشقىلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە قاراپ قويۇشنى ۋە ئۆيلىرىدىكى نەرسىلەردىن يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى، لېكىن ئۆيگە قارىغۇچىلار بۇ ئۆيلەردىن يېسەك بولمايدۇ دەپ قارايتتى. بۇ توغرىدا بۇ ئايەت نازىل بولغان.)[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: -جىھادقا چىقالمىسا- ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغا گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگە گۇناھ يوقتۇر. سىلەر ئۆز ئۆيلىرىڭلاردا، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداىشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا سىلەر ئاچقۇچلىرىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ[1] ئۆيلىرىدە، يا دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئىجازەتسىز بىرەر نېمە يېسەڭلار گۇناھ يوقتۇر، سىلەر توپلىشىپ يېسەڭلارمۇ، يا يەككە يېسەڭلارمۇ گۇناھ يوقتۇر، سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەما، توكۇر ۋە كېسەل كىشىلەر سىلەر بىلەن ھەمداستىخان بولسا ھېچ گۇناھكار بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، سىلەرمۇ ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ھەمشىرىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاچقۇچلىرىنى سىلەر باشقۇرۇۋاتقان ئۆيلەردىن ۋە دوستۇڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن بىر نەرسە يېسەڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر. ھەممىڭلار بىر يەرگە جەم بولۇپ يېسەڭلارمۇ، ئايرىم - ئايرىم يېسەڭلارمۇ ھېچ گۇناھكار بولمايسىلەر. ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئاللاھتىن بەرىكەت، سالامەتلىك ۋە ياخشىلىق تىلەپ ئۆزۈڭلارغا سالام بېرىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر.
فۇرقان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يَا وَيْلَتَىٰ لَيْتَنِي لَمْ أَتَّخِذْ فُلَانًا خَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ[27ـ29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟
ئەنەس ئالىم: ۋاي ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىسامچۇ!
25 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ لَا يَشْهَدُونَ الزُّورَ وَإِذَا مَرُّوا بِاللَّغْوِ مَرُّوا كِرَامًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، يامان سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، پايدىسىز سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدىغان، بىھۇدە سۆز - ھەرىكەتكە يولۇقسا، ئۇ يەردىن ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىغان كىشىلەردۇر.
قەسەس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا سَمِعُوا اللَّغْوَ أَعْرَضُوا عَنْهُ وَقَالُوا لَنَا أَعْمَالُنَا وَلَكُمْ أَعْمَالُكُمْ سَلَامٌ عَلَيْكُمْ لَا نَبْتَغِي الْجَاهِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ (يەنى قۇلاق سالماي): «بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز» دەيدۇ[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ : «بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىھۇدە سۆزنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىزگە، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار ئۆزۈڭلارغا. خەير - خوش، ئامان بولۇڭلار! بىزنىڭ نادانلار بىلەن ئىشىمىز يوق».
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَنُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَحْسَنَ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىمىز، ئۇلارنى ئەلۋەتتە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن مۇكاپاتلايمىز[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۆگەيمىز، ئۇلارنى ئەلۋەتتە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىمىز، ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن مۇكاپاتلايمىز.
لوقمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَاقْصِدْ فِي مَشْيِكَ وَاغْضُضْ مِنْ صَوْتِكَ ۚ إِنَّ أَنْكَرَ الْأَصْوَاتِ لَصَوْتُ الْحَمِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئوتتۇراھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر»[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئوتتۇراھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر»
ئەنەس ئالىم: مېڭىشىڭدا تەبىئىي بولغىن، ئاۋازىڭنى بىرئاز پەسەيتكىن، چۈنكى ئەڭ يامان ئاۋاز ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر».
ئەھزاب سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ كَانُوا عَاهَدُوا اللَّهَ مِنْ قَبْلُ لَا يُوَلُّونَ الْأَدْبَارَ ۚ وَكَانَ عَهْدُ اللَّهِ مَسْئُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئىلگىرى ئاللاھقا (جەڭدە) چېكىنمەسلىككە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسى سورىلىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئىلگىرى ئاللاھقا -جەڭدە- چېكىنمەسلىككە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بېرىلگەن ۋەدىدىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، ئۇلار ئىلگىرى «ئارقىمىزنى قىلىپ قاچمايمىز» دەپ ئاللاھقا ئەھدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىنىڭ ھېسابى چوقۇم سورىلىدۇ.
33 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَدْخُلُوا بُيُوتَ النَّبِيِّ إِلَّا أَنْ يُؤْذَنَ لَكُمْ إِلَىٰ طَعَامٍ غَيْرَ نَاظِرِينَ إِنَاهُ وَلَٰكِنْ إِذَا دُعِيتُمْ فَادْخُلُوا فَإِذَا طَعِمْتُمْ فَانْتَشِرُوا وَلَا مُسْتَأْنِسِينَ لِحَدِيثٍ ۚ إِنَّ ذَٰلِكُمْ كَانَ يُؤْذِي النَّبِيَّ فَيَسْتَحْيِي مِنْكُمْ ۖ وَاللَّهُ لَا يَسْتَحْيِي مِنَ الْحَقِّ ۚ وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِنْ وَرَاءِ حِجَابٍ ۚ ذَٰلِكُمْ أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ ۚ وَمَا كَانَ لَكُمْ أَنْ تُؤْذُوا رَسُولَ اللَّهِ وَلَا أَنْ تَنْكِحُوا أَزْوَاجَهُ مِنْ بَعْدِهِ أَبَدًا ۚ إِنَّ ذَٰلِكُمْ كَانَ عِنْدَ اللَّهِ عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، پەقەت تاماققا چاقىرىلغان ۋاقتىڭلاردىلا كىرىڭلار، (باشقا ۋاقىتتا رۇخسەت بىلەن كىرگەندە) تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار، لېكىن چاقىرىلغاندا كىرىڭلار يۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن تارقاپ كېتىڭلار، (تاماقتىن كېيىن) پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرماڭلار، بۇ (يەنى تاماقتىن كېيىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇش) پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ، پەيغەمبەر (بۇنى ئېيتىشقا) سىلەردىن خىجىل بولىدۇ، ئاللاھ ھەق (نى ئېيتىش) تىن خىجىل بولمايدۇ. سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ. سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭلار دۇرۇس ئەمەس، رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ مەڭگۈ دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق قىلىش (يەنى رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىش ۋە ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىش) ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ گۇناھتۇر[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، پەقەت تاماققا چاقىرىلىپ كىرسەڭلار، تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار، لېكىن چاقىرىلغاندا كىرىڭلار يۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن تارقاپ كېتىڭلار، پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرماڭلار، ئۇنداق قىلىشىڭلار پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ ئەمما پەيغەمبەر بۇنى ئېيتىشقا سىلەردىن خىجىل بولىدۇ، ئاللاھ ھەقتىن خىجىل بولمايدۇ، سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ ئالماقچى بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلار ئۈچۈنمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئۈچۈنمۇ ئەڭ پاكتۇر، سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭلار توغرا ئەمەس، رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ مەڭگۈ دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق قىلىشىڭلار ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ گۇناھتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! نەبىينىڭ ئۆيلىرىگە تاماققا چاقىرىلماستىن كىرىپ، تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار. لېكىن چاقىرىلغان چېغىڭلاردا كىرىڭلار، تاماقنى يەپ بولۇپ دەرھال تارقاپ كېتىڭلار. پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قالماڭلار. بۇ نەبىيگە ئەزىيەت بېرىدۇ، ئۇ سىلەرگە بىر نەرسە دېيىشتىن تارتىنىدۇ، لېكىن ئاللاھ ھەقنى سۆزلەشتىن تارتىنمايدۇ. ئەگەر سىلەر نەبىينىڭ ئاياللىرىدىن بىرەر نەرسە سورىماقچى بولساڭلار، ئۇنى پەردە ئارقىسىدىن سوراڭلار. مانا بۇ سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلار ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئەزىيەت بېرىشىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشىڭلار قەتئىي توغرا بولمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ناھايىتى چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.
33 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُبْدُوا شَيْئًا أَوْ تُخْفُوهُ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: بىرەر نەرسىنى ئاشكارىلىساڭلارمۇ، يا (دىلىڭلاردا) يوشۇرساڭلارمۇ (ئاللاھ ھامان بىلىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر نەرسىنى مەيلى ئاشكارىلاڭلار ياكى يۇشۇرۇڭلار بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر بىرەر نەرسىنى ئاشكارا قىلىساڭلارمۇ ياكى يوشۇرساڭلارمۇ ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
33 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە توغرا سۆزنى قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە توغرا گەپ قىلىڭلار.
ساففات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ قَائِلٌ مِنْهُمْ إِنِّي كَانَ لِي قَرِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) "سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن[51ـ52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ،
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ بىر يېقىنىم بار ئىدى.
فۇسسىلەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَحْسَنُ قَوْلًا مِمَّنْ دَعَا إِلَى اللَّهِ وَعَمِلَ صَالِحًا وَقَالَ إِنَّنِي مِنَ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ تەۋھىدىگە ۋە تائىتىگە) دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟[33]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا دەۋەت قىلغان، ياخشى ئىش قىلغان ۋە: «مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن ئادەمدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟
41 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ۚ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق يامان خىسلەتكە تاقابىل تۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوخشاش بولمايدۇ. يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلغىن، دۈشمىنىڭ خۇددى سەمىمىي دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ.
شۇرا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَائِرَ الْإِثْمِ وَالْفَوَاحِشَ وَإِذَا مَا غَضِبُوا هُمْ يَغْفِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر[36ـ39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار، كەبىرىلەردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچى، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرۈدىغانلاردۇر
ئەنەس ئالىم: چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىدىغان، غەزەپلەنگەن چاغلىرىدىمۇ كەچۈرۈۋېتىدىغان كىشىلەر ئېرىشىدۇ،
42 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَزَاءُ سَيِّئَةٍ سَيِّئَةٌ مِثْلُهَا ۖ فَمَنْ عَفَا وَأَصْلَحَ فَأَجْرُهُ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر (يەنى ساڭا بىر كىشى قانچىلىك چېقىلسا، شۇنچىلىك چېقىلماي ئاشۇرۇۋەتسەڭ بولمايدۇ)، كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر، كىمكى ئەپۇ قىلسا ۋە ئارىنى تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بىر يامانلىقنىڭ جازاسى، ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر. لېكىن كىم ئەپۇ قىلسا ۋە تۈزىتىش يولىنى تۇتسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
42 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَنْ صَبَرَ وَغَفَرَ إِنَّ ذَٰلِكَ لَمِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى (ئەزىيەتكە) سەۋر قىلسا، (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى سەۋر قىلسا ۋە ئەپۇ قىلسا، بۇ ئەلۋەتتە ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان ئىشلاردىندۇر
ئەنەس ئالىم: كىم سەۋر قىلسا ۋە كەچۈرۈۋەتسە، بىلسۇنكى بۇ قىلىشقا ھەقىقەتەن تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر.
زۇخرۇف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُمُ الْعَذَابَ إِذَا هُمْ يَنْكُثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇسانىڭ دۇئاسى بىلەن) ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىنىمىزدە، ناگاھان ئۇلار (ئەھدىنى) بۇزۇپ (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىنىمىزدە، ناگاھان ئۇلار ئەھدىنى بۇزۇپ كۇفرىدا چىڭ تۇردى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلار بىردىنلا سۆزلىرىدىن يېنىۋالدى.
43 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
الْأَخِلَّاءُ يَوْمَئِذٍ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ إِلَّا الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە دوستلار بىر ـ بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا (ئۇنداق ئەمەستۇر)[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە دوستلار بىر ـ بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت تەقۋادارلار مۇستەسنا
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى دوستلار بىر - بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ. تەقۋادارلار مۇستەسنا.
جاسىيە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لِلَّذِينَ آمَنُوا يَغْفِرُوا لِلَّذِينَ لَا يَرْجُونَ أَيَّامَ اللَّهِ لِيَجْزِيَ قَوْمًا بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، ئاللاھ ھەر قەۋمنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقمايدىغان كۇففارلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىنى) كەچۈرسۇن[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ ھەر قەۋمنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى كەچۈرسۇن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مۇئمىنلارغا ئېيتقىن: ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى1 ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى كەچۈرسۇن. چۈنكى ئاللاھ ھەر قەۋمنى ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن جازالايدۇ.
ھۇجۇرات سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
49 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يُنَادُونَكَ مِنْ وَرَاءِ الْحُجُرَاتِ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سېنى ھۇجرىلار (يەنى پاك ئاياللىرىڭنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى) ئارقىسىدىن توۋلايدىغانلارنىڭ تولىسى ئەقىلسىز كىشىلەردۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سېنى ھۇجرىلار ئارقىسىدىن توۋلايدىغانلارنىڭ تولىسى ئەقىلسىز كىشىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سېنى ھۇجرىلارنىڭ ئارقىسىدىن چاقىرىدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ.
49 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّهُمْ صَبَرُوا حَتَّىٰ تَخْرُجَ إِلَيْهِمْ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىنىڭغا قەدەر ئۇلار سەۋر قىلىپ تۇرۇشسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىنىڭغا قەدەر ئۇلار سەۋر قىلىپ تۇرۇشسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار سەن يانلىرىغا چىققانغا قەدەر سەۋر قىلسا ئىدى، ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولاتتى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
49 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنْ جَاءَكُمْ فَاسِقٌ بِنَبَإٍ فَتَبَيَّنُوا أَنْ تُصِيبُوا قَوْمًا بِجَهَالَةٍ فَتُصْبِحُوا عَلَىٰ مَا فَعَلْتُمْ نَادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئەگەر فاسىق بىر ئادەم سىلەرگە بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، تەكشۈرۈڭلار. بولمىسا بىلمەستىن بىرەر قەۋمگە يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالىسىلەر.
49 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا يَسْخَرْ قَوْمٌ مِنْ قَوْمٍ عَسَىٰ أَنْ يَكُونُوا خَيْرًا مِنْهُمْ وَلَا نِسَاءٌ مِنْ نِسَاءٍ عَسَىٰ أَنْ يَكُنَّ خَيْرًا مِنْهُنَّ ۖ وَلَا تَلْمِزُوا أَنْفُسَكُمْ وَلَا تَنَابَزُوا بِالْأَلْقَابِ ۖ بِئْسَ الِاسْمُ الْفُسُوقُ بَعْدَ الْإِيمَانِ ۚ وَمَنْ لَمْ يَتُبْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇۈمكىن، بىر ـ بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پىسقى بىلەن ئاتاش (يەنى مۆمىننى پاسىق) دەپ ئاتاش نېمىدېگەن يامان! (مۇنداق نەھيى قىلىنغان ئىشلاردىن) تەۋبە قىلمىغانلار زالىملاردۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى - بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى - مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۈمكىن، بىر ـ بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنى لەقەملەر بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پاسىقلىق بىلەن سۈپەتلەش نېمىدېگەن يامان! كىمكى تەۋبە قىلمىسا، ئەنە شۇلار زالىملاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! بىر قەۋم باشقا بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن، بەلكى مەسخىرە قىلىنغۇچى قەۋم مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ئاياللارمۇ باشقا ئاياللارنى مەسخىرە قىلمىسۇن، بەلكى مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. بىر - بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر -بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن فاسىق دەپ ئاتىلىش نېمىدېگەن يامان! كىمكى تەۋبە قىلمايدىكەن، ئۇلار ئەلۋەتتە زالىملاردۇر.
49 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اجْتَنِبُوا كَثِيرًا مِنَ الظَّنِّ إِنَّ بَعْضَ الظَّنِّ إِثْمٌ ۖ وَلَا تَجَسَّسُوا وَلَا يَغْتَبْ بَعْضُكُمْ بَعْضًا ۚ أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ أَنْ يَأْكُلَ لَحْمَ أَخِيهِ مَيْتًا فَكَرِهْتُمُوهُ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ تَوَّابٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، (مۆمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان) تەۋبىسىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر.(ئىزاھات:غەيۋەتنىڭ زىيادە قەبىھ ئىكەنلىكىگە تەمسىل.)[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، بىر-بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى[1] ياقتۇرامدۇ؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ تەۋبەقىلغۇچىلارنىڭ قىلغان تەۋبىسىنى بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! گۇماننىڭ تولىسىدىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى گۇماننىڭ بەزىسى گۇناھتۇر. بىر -بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىر - بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار. سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
مۇجادىلە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ نُهُوا عَنِ النَّجْوَىٰ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا نُهُوا عَنْهُ وَيَتَنَاجَوْنَ بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَمَعْصِيَتِ الرَّسُولِ وَإِذَا جَاءُوكَ حَيَّوْكَ بِمَا لَمْ يُحَيِّكَ بِهِ اللَّهُ وَيَقُولُونَ فِي أَنْفُسِهِمْ لَوْلَا يُعَذِّبُنَا اللَّهُ بِمَا نَقُولُ ۚ حَسْبُهُمْ جَهَنَّمُ يَصْلَوْنَهَا ۖ فَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: پىچىرلىشىشتىن مەنئى قىلىنغان، ئاندىن مەنئى قىلىنغان نەرسىگە قايتقان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار گۇناھ بىلەن، زۇلۇم بىلەن ۋە پەيغەمبەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن پىچىرلىشىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭغا كەلگەندە، ئاللاھ ساڭا سالام قىلىشتا قوللانمىغان سۆزلەر بىلەن سالام قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىچىدە: «ئاللاھ نېمىشقا بۇ سۆزىمىز بىلەن بىزنى جازالىمايدۇ؟» دەيدۇ، دوزاخ ئۇلارغا كۇپايىدۇر، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي![8]
تەرجىمە ھەيئىتى: پىچىرلىشىشتىن مەنئى قىلىنغان، ئاندىن مەنئى قىلىنغان نەرسىگە قايتقان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار گۇناھ بىلەن، زۇلۇم بىلەن ۋە پەيغەمبەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن پىچىرلىشىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭغا كەلگەندە، ئاللاھ ساڭا سالام قىلىشتا قوللانمىغان سۆزلەر بىلەن سالام قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىچىدە: «ئاللاھ نېمىشقا بۇ سۆزىمىز بىلەن بىزنى جازالىشى لازىم ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ، دوزاخ ئۇلارغا كۇپايىدۇر، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مەخپىي سۆزلىشىشتىن چەكلەنگەن ئاندىن ئۆزلىرى چەكلەنگەن نەرسىگە قايتىپ گۇناھ قىلىش، دۈشمەنلىك قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلىش توغرۇلۇق مەخپىي سۆزلىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار يېنىڭغا كەلگەندە، ساڭا ئاللاھ قىلغان سالامدىن باشقا سالام بىلەن سالام قىلىدۇ ۋە ئىچىدە: «ئاللاھ بۇ سۆزىمىز بىلەن بىزنى نېمىشقا ئازابلىمايدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر. ئۇلار ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
58 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا تَنَاجَيْتُمْ فَلَا تَتَنَاجَوْا بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَمَعْصِيَتِ الرَّسُولِ وَتَنَاجَوْا بِالْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر پىچىرلاشساڭلار گۇناھ، زۇلۇم ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدا پىچىرلاشماڭلار، ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق توغرىسىدا پىچىرلىشىڭلار، سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەر پىچىرلاشساڭلار گۇناھ، زۇلۇم ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدا پىچىرلاشماڭلار، ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق توغرىسىدا پىچىرلىشىڭلار، سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! پىچىرلاشقان چېغىڭلاردا گۇناھ قىلىش، دۈشمەنلىك قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلىش توغرۇلۇق پىچىرلاشماڭلار. ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق توغرىسىدا پىچىرلىشىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر.
تەغابۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ مِنْ أَزْوَاجِكُمْ وَأَوْلَادِكُمْ عَدُوًّا لَكُمْ فَاحْذَرُوهُمْ ۚ وَإِنْ تَعْفُوا وَتَصْفَحُوا وَتَغْفِرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلاردىن، بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر (ئۇلارنى) ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار، مەغپىرەت قىلساڭلار (ئاللاھ سىلەرنىمۇ مەغپىرەت قىلىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەرنىڭ ئاياللىرڭلاردىن، بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار ۋە مەغپىرەت قىلساڭلار بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! شۈبھىسىزكى، جۈپلىرىڭلاردىن ۋە بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرى بار. ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر ئەپۇ قىلساڭلار، ياخشى مۇئامىلىدە بولساڭلار ۋە ھىمايە قىلساڭلار4، بىلىڭلاركى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
مائارىج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئامانەتلىرىگە ۋە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر.