دوزاخنىڭ تەسۋىرى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئاندا جەھەننەمنىڭ تەسۋىرلىرى - ئۇنىڭ ئوتى، چوڭقۇرلۇقى، دەرۋازىلىرى ۋە قورقۇنچلۇق سۈپەتلىرى.
ئېنگلىزچىسى: Description of Hellfire
175 ئايەت
53 سۈرە
0 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا وَلَنْ تَفْعَلُوا فَاتَّقُوا النَّارَ الَّتِي وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ ۖ أُعِدَّتْ لِلْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر مۇنداق قىلالمىساڭلار - ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر - كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بۇنداق قىلالمىساڭلار ـ ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلالمايسىلەر ـ كافىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولغان دوزاختىن قورقۇپ، گۇناھتىن ساقلىنىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئەگەر قىلمىساڭلار - ھەرگىزمۇ قىلالمايسىلەر - دوزاختىن ساقلىنىڭلاركى، ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلار ۋە تاشلاردۇر. ئۇ دوزاخ كافىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان.
2 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقنى ئىنكار قىلغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان كافىرلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر بولسا دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
2 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
بَلَىٰ مَنْ كَسَبَ سَيِّئَةً وَأَحَاطَتْ بِهِ خَطِيئَتُهُ فَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس (سىلەرنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرىدۇ)، گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمەلىيەت سىلەر دېگەندەك ئەمەس. گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا پېتىپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر، ئەنە شۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياق، ئۇنداق ئەمەس. كىمكى يامانلىق قىلىدىكەن ۋە خاتالىقى ئۇنى قورشىۋالىدىكەن، ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
2 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ بِالْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا ۖ وَلَا تُسْأَلُ عَنْ أَصْحَابِ الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سېنى ھەقىقەتەن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى دوزاخ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق (دىن) بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن ئەھلى دوزاخ (يەنى كاپىرلاردىن ئىمان ئېيتمىغانلار) توغرىسىدا جاۋابكار ئەمەسسەن[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، بىز سېنى خوش خەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن ئەھلى دوزاخ توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن
ئەنەس ئالىم: بىز سېنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن دوزاخ ئەھلى توغرىسىدا جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن.
2 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
خَالِدِينَ فِيهَا ۖ لَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب كېچىكتۈرۈلمەيدۇ[162].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب كېچىكتۈرۈلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ.
2 : 167 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ اتَّبَعُوا لَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَتَبَرَّأَ مِنْهُمْ كَمَا تَبَرَّءُوا مِنَّا ۗ كَذَٰلِكَ يُرِيهِمُ اللَّهُ أَعْمَالَهُمْ حَسَرَاتٍ عَلَيْهِمْ ۖ وَمَا هُمْ بِخَارِجِينَ مِنَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەشكۈچىلەر: «كاشكى بىزلەرگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، ئۇلار بىزدىن ئادا ـ جۇدا بولغاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا ـ جۇدا بولاتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا (يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەسرەت بولغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن چىقمايدۇ[167].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەشكۈچىلەر: «كاشكى بىزگە دۇنياغا قايتىشقا مۇمكىن بولسا ئىدى، ئۇلار بىزنى تاشلاپ كەتكەندەك، بىزمۇ ئۇلارنى تاشلاپ كېتەتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا يامان ئىشلىرىنىڭ پۇشايمان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن ھەرگىز چىقالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئەگەشكۈچىلەر مۇنداق دەيدۇ: «كاشكى قولىمىزغا پۇرسەت كەلسە، ئۇلار بىزدىن ئادا - جۇدا بولغـاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا - جۇدا بولساق!». ئاللاھ ئۇلارغا پۈتۈن قىلمىشلىرىنى ئەنە شۇنداق ئۆزلىرىنى بېسىۋالغان ھەسرەتلەر ھالىتىدە كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەس50.
2 : 206 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُ اتَّقِ اللَّهَ أَخَذَتْهُ الْعِزَّةُ بِالْإِثْمِ ۚ فَحَسْبُهُ جَهَنَّمُ ۚ وَلَبِئْسَ الْمِهَادُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا (ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىپ يامان سۆز ـ ھەرىكەتلىرىڭدىن قايتىپ) ئاللاھتىن قورققىن، دېيىلسە، غۇرۇرى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ (يەنى ھەقتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتىپ، پىتنە ـ پاساتتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر[206].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا ئاللاھتىن قورققىن دېيىلسە، تەكەببۇرلۇقى تۇتۇپ، گۇناھقا پاتىدۇ، بۇنداق ئادەمگە جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن!» دېيىلسە، گۇناھى بىلەن مەغرۇرلىنىپ تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئال ئىمران سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَنْ تُغْنِيَ عَنْهُمْ أَمْوَالُهُمْ وَلَا أَوْلَادُهُمْ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمْ وَقُودُ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارنىڭ ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار) دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىرلارنىڭ پۇل-ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ. ئۇلار دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ماللىرىمۇ، بالىلىرىمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر.
3 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لِلَّذِينَ كَفَرُوا سَتُغْلَبُونَ وَتُحْشَرُونَ إِلَىٰ جَهَنَّمَ ۚ وَبِئْسَ الْمِهَادُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر (دۇنيادا) مەغلۇپ قىلىنىسىلەر ۋە (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلىنىسىلەر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان تۆشەك»[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كافىرلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر (دۇنيادا) مەغلۇپ قىلىنىسىلەر ۋە (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلىنىسىلەر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!»
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا: «يېقىندا مەغلۇپ قىلىنىسىلەر ۋە جەھەننەمگە ھەيدىلىسىلەر. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!» دېگىن.
3 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا فَأُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمَا لَهُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارغا بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب قىلىمەن، ئۇلارغا (ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسىدىغان) ھېچ مەدەتكار بولمايدۇ»[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىرلارغا بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب قىلىمەن، ئۇلارغا ھېچ مەدەتكار بولمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: كافىرلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلايمەن. ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ.
3 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
خَالِدِينَ فِيهَا لَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. كېچىكتۈرۈلمەيدۇ[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. كېچىكتۈرۈلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ.
3 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَنْ تُغْنِيَ عَنْهُمْ أَمْوَالُهُمْ وَلَا أَوْلَادُهُمْ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۖ وَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۚ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، كاپىرلارنىڭ ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھەرگىز ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ؛ ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، كافىرلارنىڭ مال-دۇنيالىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ؛ ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ماللىرىمۇ، بالىلىرىمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
3 : 131 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّقُوا النَّارَ الَّتِي أُعِدَّتْ لِلْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاختىن (يەنى دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان يامان ئىشلاردىن) ساقلىنىڭلار[131].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار
ئەنەس ئالىم: كافىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار.
3 : 151 - ئايەت
كۆرۈش
سَنُلْقِي فِي قُلُوبِ الَّذِينَ كَفَرُوا الرُّعْبَ بِمَا أَشْرَكُوا بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا ۖ وَمَأْوَاهُمُ النَّارُ ۚ وَبِئْسَ مَثْوَى الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىلاھلىقى) ھەققىدە ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، زالىملارنىڭ جايى (يەنى دوزاخ) ھەقىقەتەن يامان جايدۇر[151].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىلاھلىقىغا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، كافىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بۇ كافىرلارنىڭ تۇرار جايى نېمىدىگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: بىز كافىرلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالىمىز. چۈنكى ئۇلار ئىلاھلىقىغا ئاللاھ ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر. زالىملارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى نېمىدېگەن يامان!
3 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنِ اتَّبَعَ رِضْوَانَ اللَّهِ كَمَنْ بَاءَ بِسَخَطٍ مِنَ اللَّهِ وَمَأْوَاهُ جَهَنَّمُ ۚ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىگە ئوخشامدۇ؟ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![162].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىگە ئوخشامدۇ؟ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان ۋە بارىدىغان جايى جەھەننەم بولغان كىشى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
3 : 181 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ سَمِعَ اللَّهُ قَوْلَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ فَقِيرٌ وَنَحْنُ أَغْنِيَاءُ ۘ سَنَكْتُبُ مَا قَالُوا وَقَتْلَهُمُ الْأَنْبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَنَقُولُ ذُوقُوا عَذَابَ الْحَرِيقِ
مۇھەممەد سالىھ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز (يەنى نامە ـ ئەمالىغا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە بۇنى ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالىغا يېزىشنى بۇيرۇيمىز) ھەمدە ئاخىرەتتە پەرىشتىلەر تىلى ئارقىلىق، كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار، دەيمىز[181].
تەرجىمە ھەيئىتى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكىنى خاتىرىلەپ قويىمىز ھەمدە ئۇلارغا: «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ «ئاللاھ پېقىر، بىز باي» دېگەنلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى. بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكىنى يازىمىز ۋە مۇنداق دەيمىز: كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار!
3 : 192 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا إِنَّكَ مَنْ تُدْخِلِ النَّارَ فَقَدْ أَخْزَيْتَهُ ۖ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنْصَارٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! سەن كىمنىكى دوزاخقا كىرگۈزىدىكەنسەن، ئۇنى ئەلۋەتتە خار قىلغان بولىسەن. زالىملارغا ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ[192].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! سەن كىمنى دوزاخقا كىرگۈزسەڭ، سەن ئۇنى ئەلۋەتتە رەسۋا قىلغان بولىسەن. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارغا ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! سەن كىمنى دوزاخقا كىرگۈزسەڭ، ئۇنى رەسۋا قىلغان بولىسەن. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ.
3 : 197 - ئايەت
كۆرۈش
مَتَاعٌ قَلِيلٌ ثُمَّ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۚ وَبِئْسَ الْمِهَادُ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ ئازغىنا بەھرىمەن بولۇشتۇر، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان تۆشەك![197].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئازغىنا بەھرىمەن بولۇشتۇر، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان ئورۇن!
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئازغىنە بەھرىمەن بولۇشتۇر. ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
نىسا سۈرىسى
14 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَأْكُلُونَ أَمْوَالَ الْيَتَامَىٰ ظُلْمًا إِنَّمَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ نَارًا ۖ وَسَيَصْلَوْنَ سَعِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى ناھەق يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا يېنىپ تۇرىدىغان ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان دوزاخقا كىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: يېتىملەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالىدىغانلار قورساقلىرىغا چوقۇم ئوت يەيدۇ ۋە يېقىندا دوزاخقا كىرىپ كۆيىدۇ.
4 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَتَعَدَّ حُدُودَهُ يُدْخِلْهُ نَارًا خَالِدًا فِيهَا وَلَهُ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ. ئۇ كىشى دوزاختا يالغۇز ھالدا مەڭگۈ قالغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
4 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ عُدْوَانًا وَظُلْمًا فَسَوْفَ نُصْلِيهِ نَارًا ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى (يەنە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى) قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە ھەقتىن چەتلەپ، چەكلەنگەن بۇ ئىشلارنى قىلىدىكەن، ئۇنى ئۇزاققا قالماي دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر
ئەنەس ئالىم: كىم ھەددىدىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى قىلىدىكەن، بىز يېقىندا ئۇ كىشىنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرىمىز. بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر.
4 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
فَمِنْهُمْ مَنْ آمَنَ بِهِ وَمِنْهُمْ مَنْ صَدَّ عَنْهُ ۚ وَكَفَىٰ بِجَهَنَّمَ سَعِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتقانلارمۇ بار، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ بار، ئۇلارغا (ئۇلارنىڭ كۇفرىغا جازا بېرىش يۈزىسىدىن) جەھەننەمنىڭ يېنىپ تۇرغان ئوتى يېتەرلىكتۇر[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەدكە) ئىمان ئېيتقانلارمۇ بولدى، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ بولدى، يۈز ئۆرۈگەنلەرگە جەھەننەمنىڭ يېنىپ تۇرغان ئوتى يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلارمۇ بار، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ بار29. يۈز ئۆرۈگۈچىلەرگە يالقۇنلاپ تۇرغۇچى جەھەننەم يېتەرلىكتۇر.
4 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِنَا سَوْفَ نُصْلِيهِمْ نَارًا كُلَّمَا نَضِجَتْ جُلُودُهُمْ بَدَّلْنَاهُمْ جُلُودًا غَيْرَهَا لِيَذُوقُوا الْعَذَابَ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَزِيزًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى كۆيۈپ پىشىپ قالغاندا ئازابنى تېتىشى ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەپ تۇرىمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى يېقىندا ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرىمىز. قاچانىكى ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشسا، ئازابنى تېتىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا باشقا تېرىلەر يەڭگۈشلەپ قويىمىز. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَقْتُلْ مُؤْمِنًا مُتَعَمِّدًا فَجَزَاؤُهُ جَهَنَّمُ خَالِدًا فِيهَا وَغَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَلَعَنَهُ وَأَعَدَّ لَهُ عَذَابًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ
ئەنەس ئالىم: كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ، لەنەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ ئازاب تەييارلايدۇ.
4 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ تَوَفَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ ظَالِمِي أَنْفُسِهِمْ قَالُوا فِيمَ كُنْتُمْ ۖ قَالُوا كُنَّا مُسْتَضْعَفِينَ فِي الْأَرْضِ ۚ قَالُوا أَلَمْ تَكُنْ أَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةً فَتُهَاجِرُوا فِيهَا ۚ فَأُولَٰئِكَ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى ھىجرەتنى تەرك ئېتىپ كۇففارلار بىلەن بىللە تۇرغۇچىلار) نىڭ جانلىرى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان چاغدا، پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «(دىنىڭلارنىڭ ئىشىدا) قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «زېمىندا (يەنى مەككە زېمىنىدا) بىز (دىننى بەرپا قىلىشتىن) بوزەك قىلىنغان ئىدۇق» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ھىجرەت قىلساڭلار ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟» دەيدۇ. ئەنە شۇ (ھىجرەت قىلمىغان) لارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى ھىجرەتنى تەرك ئەتكۈچىلەر) نىڭ جانلىرى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان چاغدا، پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەر بۇرۇن قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «زېمىندا بىز بوزەك قىلىنغان ئىدۇق» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ھىجرەت قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟» دەيدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلارنى ۋاپات قىلدۇرغان چاغدا ئۇلارغا: «قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟» دەيدۇ. ئۇلار: «زېمىندا بوزەك قىلىنغۇچىلار ئىدۇق» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟ ئۇ زېمىندا ھىجرەت قىلساڭلار بولماسمىدى!» دەيدۇ47. ئەنە شۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
4 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُشَاقِقِ الرَّسُولَ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ الْهُدَىٰ وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ الْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئۆزىگە (مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![115].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يولغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: كىمكى توغرا يولنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلسا ۋە مۇئمىنلارنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگەشسە، بىز ئۇنى كىرگەن يولىغا قويۇپ بېرىمىز ۋە جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
4 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ وَلَا يَجِدُونَ عَنْهَا مَحِيصًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمدىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ[121]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمدىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر. ئۇلار ئۇنىڭدىن قاچقىلى يەر تاپالمايدۇ.
4 : 138 - ئايەت
كۆرۈش
بَشِّرِ الْمُنَافِقِينَ بِأَنَّ لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلارغا بېشارەت بەرگىنكى، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[138].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلارغا بېشارەت بەرگىنكى، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنافىقلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن: ئۇلارغا چوقۇم ئەلەملىك ئازاب بار.
4 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَدْ نَزَّلَ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ أَنْ إِذَا سَمِعْتُمْ آيَاتِ اللَّهِ يُكْفَرُ بِهَا وَيُسْتَهْزَأُ بِهَا فَلَا تَقْعُدُوا مَعَهُمْ حَتَّىٰ يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ ۚ إِنَّكُمْ إِذًا مِثْلُهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ جَامِعُ الْمُنَافِقِينَ وَالْكَافِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار. بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە: «سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلار) باشقا پاراڭغا يۆتكەلمىگۈچە، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر» دەپ ھۆكۈم چۈشۈردى. ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ ھەممىسىنى جەھەننەمگە توپلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىتابتا سىلەرگە شۇنى نازىل قىلدى60: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئىنكار قىلغۇچىلار ۋە مەسخىرە قىلغۇچىلار باشقا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار. بولمىسا ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇنافىقلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ ھەممىسىنى جەھەننەمگە توپلايدۇ.
4 : 145 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُنَافِقِينَ فِي الدَّرْكِ الْأَسْفَلِ مِنَ النَّارِ وَلَنْ تَجِدَ لَهُمْ نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن[145].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەدەتكار تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇنافىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىن قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ. ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ياردەمچى تاپالمايسەن.
4 : 151 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ حَقًّا ۚ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار (ئىماننى دەۋا قىلغان تەقدىردىمۇ) راستىنلا كاپىرلاردۇر، كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق[151].
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ھەقىقىي كافىرلاردۇر. بىز كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق.
4 : 169 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا طَرِيقَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنى) پەقەت جەھەننەمنىڭ يولىغا قويىۋىتىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ (يەنى ئۇلارنى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالدۇرۇش) ئاللاھقا ئاسان[169].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى پەقەت جەھەننەمنىڭ يولىغىلا قويۇۋېتىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا پەقەت جەھەننەمنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.
مائىد سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان كىشىلەر ئەھلى دوزاختۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان كىشىلەر ئەھلى دوزاختۇر
ئەنەس ئالىم: كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر.
5 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي أُرِيدُ أَنْ تَبُوءَ بِإِثْمِي وَإِثْمِكَ فَتَكُونَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك (يەنى مېنى ئۆلتۈرگەنلىك) ۋە ئۆزۈڭنىڭ (ئىلگىرىكى) گۇناھىڭنى (يەنى ئاتاڭ ئادەمنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق گۇناھىڭنى) ئۈستۈڭگە ئېلىپ ئەھلى دوزاخلاردىن بولۇشۇڭنى تىلەيمەن، (كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن (ئامالسىزلىقتىن) سېنىڭ مېنىڭ گۇناھىمنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ ئەھلى دوزاخ بولۇشۇڭنى خالايمەن، زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر»
ئەنەس ئالىم: مەن سېنىڭ، مېنىڭ گۇناھىم بىلەن ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشۇڭنى تىلەيمەن. مانا بۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر».
5 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ أَنَّ لَهُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لِيَفْتَدُوا بِهِ مِنْ عَذَابِ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَا تُقُبِّلَ مِنْهُمْ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان نەرسىلەر كاپىرلارنىڭ بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنى (ئاللاھ) نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنى فىدىيە قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ (فىدىيەسى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلار قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان نەرسىلەر كافىرلارنىڭ بولغان، ئۇلار قىيامەت كۈنىدىكى ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇنى فىديە قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ فىدىيىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلار قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا كەلسەك، ئەگەر يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ بىر ئوخشىشى ئۇلارنىڭ بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى فىديە قىلىپ بەرسىمۇ، بۇ ئۇلاردىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
5 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُونَ أَنْ يَخْرُجُوا مِنَ النَّارِ وَمَا هُمْ بِخَارِجِينَ مِنْهَا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇ-يۇ، ھەرگىز چىقالمايدۇ، ئۇلار دائىملىق ئازابقا قالىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇ-يۇ، ھەرگىز چىقالمايدۇ، ئۇلار دائىملىق ئازابقا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ چىقالمايدۇ. ئۇلارغا مۇقىم ئازاب بار.
5 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ ۖ وَقَالَ الْمَسِيحُ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ ۖ إِنَّهُ مَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدْ حَرَّمَ اللَّهُ عَلَيْهِ الْجَنَّةَ وَمَأْوَاهُ النَّارُ ۖ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنْصَارٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسادۇر، دېگۈچىلەر كاپىر بولدى، ئىيسا: «ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ» دېدى[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسادۇر» دېگۈچىلەر كافىر بولدى، ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېگەنلەر كافىر بولدى. ئەمەلىيەتتە مەسىھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاخ بولىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ».
5 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىر بولغانلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتمىغان، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر
ئەنەس ئالىم: كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر دوزاخ ئەھلىدۇر.
ئەنئام سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ تَرَىٰ إِذْ وُقِفُوا عَلَى النَّارِ فَقَالُوا يَا لَيْتَنَا نُرَدُّ وَلَا نُكَذِّبَ بِآيَاتِ رَبِّنَا وَنَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (دەھشەتلىك بىر ھالىنى كۆرەتتىڭ). ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دەيدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرگەن بولساڭ (دەھشەتلىك بىر ھالنى كۆرگەن بولاتتىڭ). ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان بولساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى دوزاخ ئوتىنىڭ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا بىر كۆرگەن بولساڭ! ئۇلار ئۇ چاغدا: «ئاھ! كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان، رەببىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېمىگەن ۋە مۇئمىنلاردىن بولغان بولساقچۇ!» دەيدۇ.
6 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
وَذَرِ الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَهُمْ لَعِبًا وَلَهْوًا وَغَرَّتْهُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا ۚ وَذَكِّرْ بِهِ أَنْ تُبْسَلَ نَفْسٌ بِمَا كَسَبَتْ لَيْسَ لَهَا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلِيٌّ وَلَا شَفِيعٌ وَإِنْ تَعْدِلْ كُلَّ عَدْلٍ لَا يُؤْخَذْ مِنْهَا ۗ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ أُبْسِلُوا بِمَا كَسَبُوا ۖ لَهُمْ شَرَابٌ مِنْ حَمِيمٍ وَعَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دىننى ئويۇن ـ كۈلكە قىلىۋالغان، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە ئالدانغانلارنى تەرك ئەت. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆز قىلمىشى تۈپەيلى ھالاك بولۇشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، (كىشىلەرگە) قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئۇ ھەر قانداق فىدىيە (تۆلەم) بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولىدىغانلاردۇر، ئۇلار كۇفرى تۈپەيلىدىن (ئۈچەيلىرىنى ئۆرتىۋېتىدىغان) قايناقسۇدىن بولغان شارابقا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: دىننى ئويۇن ـ تاماشا قىلىۋالغان، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە ئالدانغانلارنى (مېنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىمغا) قويغىن. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆز قىلمىشى سەۋەبى بىلەن ھالاك بولۇشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، (ئۇنىڭغا) قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئۇ ھەر قانداق فىديە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولىدىغانلاردۇر، ئۇلار كۇفرلىقى تۈپەيلىدىن، (ئۈچەيلىرىنى ئۆرتىۋېتىدىغان) قايناپ تۇرغان شارابقا ۋە قاتتىق ئازاب بار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! دىنىنى ئويناش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئوبيېكتى قىلىۋالغان، دۇنيا ھاياتىغا ئالدانغان كىشىلەرنى تەرك ئەتكىن! قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىنكى، ھېچ كىشى ئۆز قىلمىشى تۈپەيلىدىن ھالاك بولمىسۇن. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاللاھتىن باشقا ۋەلىيسى ۋە شاپائەتچىسى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ ھەر تۈرلۈك فىدىيەنى بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا كافىر بولغانلىقى ئۈچۈن قىزىق ئىچىملىك ۋە ئەلەملىك ئازاب بار.
6 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ قَدِ اسْتَكْثَرْتُمْ مِنَ الْإِنْسِ ۖ وَقَالَ أَوْلِيَاؤُهُمْ مِنَ الْإِنْسِ رَبَّنَا اسْتَمْتَعَ بَعْضُنَا بِبَعْضٍ وَبَلَغْنَا أَجَلَنَا الَّذِي أَجَّلْتَ لَنَا ۚ قَالَ النَّارُ مَثْوَاكُمْ خَالِدِينَ فِيهَا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىنسانلارنى، جىنلارنى ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈننى ئەسلىگىن، (بۇ كۈندە ئاللاھ ئېيتىدۇكى) «ئى جىنلار جامائەسى!سىلەر نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار». ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىر ـ بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىق ھالدا ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىنسانلارنى، جىنلارنى (ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈنى: «ئى جىنلار جامائەسى! سىلەر ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار» (دەپ خىتاب قىلىدۇ). ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى رەببىمىز! بىز بىر ـ بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىتلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگە يىغقان كۈندە: «ئى جىنلار جامائەسى! ئىنسانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردۇڭلار» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان ۋەلىيلىرى: «رەببىمىز! بىز بىر -بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق ۋە سەن بىزگە بەلگىلىگەن ئەجەلنىڭ ئاخىرىغا يەتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىت ئۇنىڭدىن مۇستەسنا» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئەئراف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
لَهُمْ مِنْ جَهَنَّمَ مِهَادٌ وَمِنْ فَوْقِهِمْ غَوَاشٍ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ، زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ. كۇفرلىق قىلغانلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا جەھەننەمدىن تۆشەك ۋە ئۈستىلىرىگە يوتقانلار بار. بىز زالىملارنى مۇشۇنداق جازالايمىز.
7 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا صُرِفَتْ أَبْصَارُهُمْ تِلْقَاءَ أَصْحَابِ النَّارِ قَالُوا رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئەھلى دوزاخ تەرەپكە بۇرۇلغاندا: ‹‹ئى پەرۋەردىگارىمىز!بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن›› دەيدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ كۆزلىرى دوزاخ ئەھلى تەرەپكە بۇرۇلغاندا: «ئى رەببىمى! بىزنى بۇ زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ كۆزلىرى دوزاخ ئەھلى تەرەپكە بۇرالغاندا: «رەببىمىز! بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەيدۇ.
7 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَادَىٰ أَصْحَابُ الْأَعْرَافِ رِجَالًا يَعْرِفُونَهُمْ بِسِيمَاهُمْ قَالُوا مَا أَغْنَىٰ عَنْكُمْ جَمْعُكُمْ وَمَا كُنْتُمْ تَسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەئرافتىكىلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى تەڭ بولۇپ قالغان، جەننەتتىمۇ ئەمەس، دوزاختىمۇ ئەمەس كىشىلەر) سىماسىدىن تونۇۋالىدىغان (دوزىخى) ئادەملەرگە: ‹‹توپلىغان پۇل ـ ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار سىلەرگە نېمىگە ئەسقاتتى؟›› دەپ توۋلايدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: توسۇق ئۈستىدىكىلەر سىيماسىدىن تونۇيدىغان (دوزىخىي) ئادەملەرگە: «توپلىغان پۇل ـ ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار نېمىگە ئەسقاتتى؟» دەپ توۋلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېگىز جايلاردىكى كىشىلەر ئۆزلىرى سېيماسىدىن تونۇيدىغان بىر قىسىم ئادەملەرگە مۇنداق دەپ توۋلايدۇ: «توپلىغىنىڭلار10 ۋە كىبىر قىلغىنىڭلار نېمىگە ئەسقاتتى؟
7 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَادَىٰ أَصْحَابُ النَّارِ أَصْحَابَ الْجَنَّةِ أَنْ أَفِيضُوا عَلَيْنَا مِنَ الْمَاءِ أَوْ مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ ۚ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ حَرَّمَهُمَا عَلَى الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: ‹‹سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار!›› دەپ توۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): ‹‹ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان›› دەيدۇ[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: دوزاخ ئەھلى جەننەت ئەھلىگە: «سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار!» دەپ توۋلايدۇ، جەننەت ئەھلى ئۇلارغا (جاۋابەن): «ئاللاھ ئۇ نەرسىلەرنى كافىرلارغا ھارام قىلغان» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: جەھەننەم ئەھلى جەننەت ئەھلىگە: «سۈيۈڭلاردىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن بىرئاز بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئېقىتىڭلار» دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇ ئىككىسىنى كافىرلارغا ھارام قىلدى» دەيدۇ.
تەۋبە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يُحْمَىٰ عَلَيْهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكْوَىٰ بِهَا جِبَاهُهُمْ وَجُنُوبُهُمْ وَظُهُورُهُمْ ۖ هَٰذَا مَا كَنَزْتُمْ لِأَنْفُسِكُمْ فَذُوقُوا مَا كُنْتُمْ تَكْنِزُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن ـ كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى ، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيالىرىڭلاردىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن ـ كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، بىقىنىلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلار، يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلارنىڭ دەردىنى تارتىڭلار» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: يىغىلغان بۇ ئالتۇن - كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇ كىشىلەرنىڭ پېشانىلىرى، بېقىنلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدىغان كۈنى ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان خەزىنىدۇر. ئەمدى يىغقان خەزىنەڭلەرنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار!» دېيىلىدۇ.
9 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَدَ اللَّهُ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْكُفَّارَ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ هِيَ حَسْبُهُمْ ۚ وَلَعَنَهُمُ اللَّهُ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مۇناپىق ئەرلەرگە، مۇناپىق ئاياللار ۋە كۇففارلارغا دوزاخنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ ئۇلارنى (ئازابلاشقا) يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ مۇناپىق ئەرلەرگە، مۇناپىق ئاياللارغا ۋە كۇففارلارغا دوزاخنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ ئۇلارغا يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنافىق ئەرلەرگە، مۇنافىق ئاياللارغا ۋە كافىرلارغا جەھەننەمنىڭ ئوتىنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. جەھەننەم ئۇلارغا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنى لەنەتلىدى. ئۇلار ئۈچۈن مۇقىم ئازاب بار.
يۇنۇس سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ مَأْوَاهُمُ النَّارُ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلارنىڭ جايى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، دوزاخ بولىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلارنىڭ جايى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاختۇر.
10 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَسَبُوا السَّيِّئَاتِ جَزَاءُ سَيِّئَةٍ بِمِثْلِهَا وَتَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۖ مَا لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۖ كَأَنَّمَا أُغْشِيَتْ وُجُوهُهُمْ قِطَعًا مِنَ اللَّيْلِ مُظْلِمًا ۚ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار (بىر يامانلىقنى قىلسا، قىلغان يامانلىقىغا) ئوخشاش (يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: يامان ئىشلارنى قىلغانلار بولسا، پەقەت قىلغان يامانلىقىنىڭلا جازاسىنى تارتىدۇ. ئۇلارنى خارلىق قاپلايدۇ. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىلىرى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
10 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
مَتَاعٌ فِي الدُّنْيَا ثُمَّ إِلَيْنَا مَرْجِعُهُمْ ثُمَّ نُذِيقُهُمُ الْعَذَابَ الشَّدِيدَ بِمَا كَانُوا يَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بۇ دۇنيادىن (ئازغىنا ۋاقىتلا) بەھرىمەن بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن كاپىر بولغانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بۇ دۇنيادىن -ئازغىنا ۋاقىتلا- بەھرىمەن بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن كاپىر بولغانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇ9 بۇ دۇنيادا ئازغىنە بەھرىمەن بولۇشتۇر. ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ. ئاندىن بىز ئۇلارغا كافىر بولغانلىقلىرى ئۈچۈن شىددەتلىك ئازابنى تېتىتىمىز.
ساففات سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
فَاطَّلَعَ فَرَآهُ فِي سَوَاءِ الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ قاراپلا ئۇنى (يەنى كاپىر دوستىنى) دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ قاراپلا ئۇنى دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇ قارايدۇ ۋە يېقىنىنى دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ،
37 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
أَذَٰلِكَ خَيْرٌ نُزُلًا أَمْ شَجَرَةُ الزَّقُّومِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى) ياخشى زىياپەتمۇ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟[62]
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ياخشى زىياپەتمۇ؟ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇنداق كۈتۈلۈش ياخشىمۇ؟ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟
37 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا جَعَلْنَاهَا فِتْنَةً لِلظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زەققۇمنى بىز زالىملار (يەنى گۇمراھلار) ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئازاب قىلدۇق[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەققۇمنى بىز زالىملار ئۈچۈن بىر پىتنە قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز زەققۇم دەرىخىنى زالىملار ئۈچۈن ئىمتىھان ۋاسىتىسى قىلدۇق.
37 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهَا شَجَرَةٌ تَخْرُجُ فِي أَصْلِ الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ دوزاخنىڭ تېگىدە چىقىدىغان دەرەختۇر.
37 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
طَلْعُهَا كَأَنَّهُ رُءُوسُ الشَّيَاطِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ مېۋىلىرى خۇددى شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ.
37 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنَّهُمْ لَآكِلُونَ مِنْهَا فَمَالِئُونَ مِنْهَا الْبُطُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار شۈبھىسىز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شۈبھىسىز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ زالىملار بۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ ۋە قورساقلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن تولدۇرىدۇ.
37 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ إِنَّ لَهُمْ عَلَيْهَا لَشَوْبًا مِنْ حَمِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە (يىرىڭ بىلەن) قايناقسۇنىڭ ئارىلاشتۇرمىسىنى ئىچىدۇ[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناقسۇنىڭ ئارىلاشتۇرمىسىنى ئىچىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناقسۇ ئېلىشتۇرۇلغان ئىچىملىك ئىچىدۇ.
37 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ إِنَّ مَرْجِعَهُمْ لَإِلَى الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان يېرى دوزاختۇر.
ساد سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا ۚ وَإِنَّ لِلطَّاغِينَ لَشَرَّ مَآبٍ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (ھەقىقەتتۇر)، كاپىرلارنىڭ (ئاخىرەتتە بولىدىغان جايى) ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جايدۇر[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ مۇشۇنداق. شۈبھىسىزكى كاپىرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جاي باردۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ مۇشۇنداقتۇر. ھەددىدىن ئاشقۇچىلارغا ئەلۋەتتە يامان ئاقىۋەت بار:
38 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
جَهَنَّمَ يَصْلَوْنَهَا فَبِئْسَ الْمِهَادُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي![56]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: جەھەننەم. ئۇلار ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان تۆشەك!
38 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا فَلْيَذُوقُوهُ حَمِيمٌ وَغَسَّاقٌ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (كۆيدۈرگۈچى) قىزىق سۇدۇر، قان ـ يىرىڭدۇر، ئۇلار بۇنى تېتىسۇن[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ مۇشۇنداق، قېنى ئۇلار تېتىپ باقسۇن قىزىق سۇ بىلەن قان ـ يىرىڭلارنى!
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بۇنى تېتىسۇن. ئۇ قايناقسۇ، يىرىڭ
38 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَآخَرُ مِنْ شَكْلِهِ أَزْوَاجٌ
مۇھەممەد سالىھ: يەنە (ئۇلارغا) مۇشۇ خىلدىكى باشقا تۈرلۈك ئازابلار بار[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: ۋە ئۇ خىلدىكى تۈرلۈك ئازابلاردۇر.
38 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا فَوْجٌ مُقْتَحِمٌ مَعَكُمْ ۖ لَا مَرْحَبًا بِهِمْ ۚ إِنَّهُمْ صَالُو النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن دوزاخقا كىرگەن چاغدا، ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە ئېيتىلىدۇ) «بۇ جامائە سىلەر بىلەن بىرگە كىرگۈچىدۇر». (ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئېيتىدۇ) «ئۇلار قارشى ئېلىنمايدۇ، ئۇلار چوقۇم (بىزگە ئوخشاش) ئازابنى تېتىغۇچىدۇر»[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: «مانا بۇ جامائە سىلەر بىلەن بىرگە جەھەننەمگە كىرگۈچىدۇر، ئۇلارغا سالام يوق، ئۇلار چوقۇم ئازابنى تېتىغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرىگە: «بۇ سىلەر بىلەن بىللە ھەقىقەتكە قارشى چىققۇچى گۇرۇھتۇر» دېيىلىدۇ. يېتەكچىلەر: «ئۇلار راھەت يۈزى كۆرمىگەي! چۈنكى ئۇلار دوزاخقا كىرگۈچىلەردۇر» دەيدۇ.
38 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ ذَٰلِكَ لَحَقٌّ تَخَاصُمُ أَهْلِ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى دوزاخنىڭ بۇ رەۋىشتە ئۆزئارا جاڭجاللىشىشى چوقۇمدۇر[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى دوزاخنىڭ بۇ رەۋىشتە ئۆزئارا جاڭجاللىشىشى چوقۇمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ھەقتۇر، دوزاخ ئەھلىنىڭ جاڭجاللىشىشىدۇر.
غافىر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يَتَحَاجُّونَ فِي النَّارِ فَيَقُولُ الضُّعَفَاءُ لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنْتُمْ مُغْنُونَ عَنَّا نَصِيبًا مِنَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىز (ئەگەشكۈچىلەر) ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىدىن بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىزلار ھاكاۋۇرلارغا: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىنىڭ بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئوتنىڭ ئىچىدە بىر - بىرلىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ: ئاجىزلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلارغا: «ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار ئىدۇق. ھازىر سىلەر بىزنى بۇ ئوتنىڭ بىر قىسمىدىن بولسىمۇ قۇتقۇزالامسىلەر؟» دەيدۇ.
40 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ فِي النَّارِ لِخَزَنَةِ جَهَنَّمَ ادْعُوا رَبَّكُمْ يُخَفِّفْ عَنَّا يَوْمًا مِنَ الْعَذَابِ
مۇھەممەد سالىھ: دوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن» دەيدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: دوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر رەببىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئوتنىڭ ئىچىدىكىلەر، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىۋەنلىرىگە: «رەببىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئازابىمىزنى بىر كۈن بولسىمۇ يېنىكلەتسۇن» دەيدۇ.
زۇخرۇف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يُفَتَّرُ عَنْهُمْ وَهُمْ فِيهِ مُبْلِسُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئازاب (بىردەممۇ) يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلار دوزاختا (ھەر قانداق ياخشىلىقتىن) ئۈمىدسىزلەردۇر[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئازاب بىردەممۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلار دوزاختا ئۈمىدسىزلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن ئازاب يىنىكلىتىلمەيدۇ. ئۇلار ئازابنىڭ ئىچىدە ئۈمىدسىز بولغۇچىلاردۇر.
43 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَادَوْا يَا مَالِكُ لِيَقْضِ عَلَيْنَا رَبُّكَ ۖ قَالَ إِنَّكُمْ مَاكِثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى كۇففارلار) (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە): «ئى مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن» دەپ توۋلايدۇ. مالىك: «سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر» دەيدۇ[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار -دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە- : «ئى مالىك! رەببىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن» دەپ توۋلايدۇ. مالىك: «سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار جەھەننەمنىڭ كۆزەتچىسىگە: «ئى مالىك! رەببىڭ بىزنى ئۆلتۈرۈپ ئىشىمىزنى تۈگەتسۇن» دەپ توۋلايدۇ. كۆزەتچى: «سىلەر مەڭگۈ قالغۇچىلارسىلەر» دەيدۇ.
دۇخان سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ شَجَرَتَ الزَّقُّومِ
مۇھەممەد سالىھ: زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر[43ـ44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن زەققۇم دەرىخى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، زەققۇم دەرىخى
44 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
كَالْمُهْلِ يَغْلِي فِي الْبُطُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق) دۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناقسۇدەك قاينايدۇ[45ـ46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك قىزىقتۇر، ئۇ قورساقلاردا قاينايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشايدۇ، قورساقلاردا قاينايدۇ،
44 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
كَغَلْيِ الْحَمِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق) دۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناقسۇدەك قاينايدۇ[45ـ46].
تەرجىمە ھەيئىتى: قايناقسۇدەكلا!
ئەنەس ئالىم: قايناق سۇنىڭ قاينىغىنىدەك.
44 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
خُذُوهُ فَاعْتِلُوهُ إِلَىٰ سَوَاءِ الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ[47ـ48].
تەرجىمە ھەيئىتى: -دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە-: «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەرگە مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۇ گۇناھكارنى تۇتۇپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۆرەپ ئېلىپ بېرىڭلار.
44 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ صُبُّوا فَوْقَ رَأْسِهِ مِنْ عَذَابِ الْحَمِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ[47ـ48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگە قايناق سۇ ئازابىدىن تۆكۈڭلار».
جاسىيە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ وَرَائِهِمْ جَهَنَّمُ ۖ وَلَا يُغْنِي عَنْهُمْ مَا كَسَبُوا شَيْئًا وَلَا مَا اتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْلِيَاءَ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ئالدىدا جەھەننەم (كۈتۈپ تۇرىدۇ)، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن نەرسىلىرى (يەنى دۇنيادا تاپقان ماللىرى ۋە بالىلىرى) ۋە ئاللاھنى قويۇپ دوست تۇتقان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) ئۇلارغا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ئالدىدا جەھەننەم كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن نەرسىلىرى ۋە ئاللاھنى قويۇپ دوست تۇتقان نەرسىلىرى ئۇلارغا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئالدىدا جەھەننەم كۈتۈپ تۇرماقتىدۇر. ئۇلارنىڭ تاپقان مال - دۇنياسى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ۋەلىي قىلىۋالغان نەرسىلىرىمۇ ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
45 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَقِيلَ الْيَوْمَ نَنْسَاكُمْ كَمَا نَسِيتُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) دېيىلىدۇ: «سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى مۇلاقاتنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز (يەنى سىلەرنى ئازابقا تاشلاپ قويۇپ ئۇنتۇپ قالغاندەك مۇئامىلە قىلىمىز)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە (سىلەرنى ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچىمۇ بولمايدۇ[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلارغا- دېيىلىدۇ: «سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى مۇلاقاتنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە ھېچقانداق ياردەمچىمۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەر بۇ كۈنۈڭلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇغاندەك، بىزمۇ بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر.
45 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكُمْ بِأَنَّكُمُ اتَّخَذْتُمْ آيَاتِ اللَّهِ هُزُوًا وَغَرَّتْكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا ۚ فَالْيَوْمَ لَا يُخْرَجُونَ مِنْهَا وَلَا هُمْ يُسْتَعْتَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالدىڭلار ۋە سىلەرنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى». بۈگۈن ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلاردىن (تەۋبە قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىش بىلەن) ئاللاھنى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالدىڭلار ۋە سىلەرنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى». بۈگۈن ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلاردىن ئاللاھنى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: چۈنكى سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلار ۋە دۇنيا ھاياتى سىلەرنى ئالدىدى». بۈگۈن ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشلىرىمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ.
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
مَثَلُ الْجَنَّةِ الَّتِي وُعِدَ الْمُتَّقُونَ ۖ فِيهَا أَنْهَارٌ مِنْ مَاءٍ غَيْرِ آسِنٍ وَأَنْهَارٌ مِنْ لَبَنٍ لَمْ يَتَغَيَّرْ طَعْمُهُ وَأَنْهَارٌ مِنْ خَمْرٍ لَذَّةٍ لِلشَّارِبِينَ وَأَنْهَارٌ مِنْ عَسَلٍ مُصَفًّى ۖ وَلَهُمْ فِيهَا مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ وَمَغْفِرَةٌ مِنْ رَبِّهِمْ ۖ كَمَنْ هُوَ خَالِدٌ فِي النَّارِ وَسُقُوا مَاءً حَمِيمًا فَقَطَّعَ أَمْعَاءَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە ـ پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە رەببى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، مۇنداق تەقۋادارلار، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ قىزىقلىقىدىن ئۈچەيلىرى پارە ـ پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟
ئەنەس ئالىم: تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەت مۇنداق: ئىچىدە بۇزۇلمىغان سۇ ئۆستەڭلىرى، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈت ئۆستەڭلىرى، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەي ئۆستەڭلىرى ۋە سۈزۈلدۈرۈلگەن ھەسەل ئۆستەڭلىرى بار. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتتە ھەر تۈرلۈك مېۋە ۋە رەببىدىن مەغپىرەت بار. بۇ نېمەتلەرگە ئېرىشكەن تەقۋادارلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناق سۇ بىلەن سۇغىرىلغان، قايناق سۇ ئۈچەيلىرىنى پارچە - پارچە قىلىۋەتكەن كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟
فەتىھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ لَمْ يُؤْمِنْ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ فَإِنَّا أَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ سَعِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەيدىكەن (ئۇ كاپىردۇر)، شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا دوزاخنى تەييارلىدۇق[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەيدىكەن بىلسۇنكى، بىز كاپىرلارغا يالقۇنلۇق بىر ئوت تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: كىم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنمىسە، بىلىپ قويسۇنكى بىز كافىرلارغا دوزاخنى تەييارلىدۇق.
قاف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
أَلْقِيَا فِي جَهَنَّمَ كُلَّ كَفَّارٍ عَنِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ)[24ـ26].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەرگە: « ھەر بىر تەرسا كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار
ئەنەس ئالىم: ئىككى پەرىشتىگە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ھەقىقەتكە قارشى چىققۇچى ھەر كافىرنى جەھەننەمگە تاشلاڭلار!
50 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي جَعَلَ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَأَلْقِيَاهُ فِي الْعَذَابِ الشَّدِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ)[24ـ26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ قىلىۋالغانلارنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار»دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ۋە ئاللاھقا باشقا ئىلاھنى تەڭ قىلغۇچى كىشىدۇر. ئۇنى قاتتىق ئازابنىڭ ئىچىگە تاشلاڭلار».
50 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ نَقُولُ لِجَهَنَّمَ هَلِ امْتَلَأْتِ وَتَقُولُ هَلْ مِنْ مَزِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ؟» دەيمىز، جەھەننەم: «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ؟» دەيمىز، جەھەننەم: «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى جەھەننەمگە: «تولدۇڭمۇ؟» دەيمىز، ئۇ: «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ هُمْ عَلَى النَّارِ يُفْتَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ بولسا ئۇ كۈندە دوزاختا ئازابلىنىدىغان كۈندۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئۇلار ئوتتا تۇتۇپ تۇرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: جاۋاب: ئۇلار دوزاختا ئازابلىنىدىغان كۈنى بولىدۇ.
تۇر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْبَحْرِ الْمَسْجُورِ
مۇھەممەد سالىھ: (قىيامەت كۈنى) ئوت بولۇپ ياندۇرۇلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى[6]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قىزىتىلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: ۋە ياندۇرۇلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى،
52 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يُدَعُّونَ إِلَىٰ نَارِ جَهَنَّمَ دَعًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئۇلار جەھەننەم ئوتىغا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ.
52 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذِهِ النَّارُ الَّتِي كُنْتُمْ بِهَا تُكَذِّبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) «مانا بۇ سىلەر يالغانغا چىقارغان دوزاختۇر» (دېيىلىدۇ)[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاختۇر» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «مانا بۇ سىلەر يالغان دېگەن ئوتتۇر.
52 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَسِحْرٌ هَٰذَا أَمْ أَنْتُمْ لَا تُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) «(كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئازاب) سېھىرمۇ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر؟[15]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «بۇ سېھىرمۇ؟ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: بۇ سېھىرمىكەن ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر؟
قەمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يُسْحَبُونَ فِي النَّارِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ ذُوقُوا مَسَّ سَقَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سورىلىدىغان كۈندە، (ئۇلارغا) «دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سورىلىدىغان كۈندە، ئۇلارغا: «دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئوتنىڭ ئىچىدە يۈزلىرى بىلەن سۆرىلىدىغان كۈندە، ئۇلارغا: «دوزاخ ئازابىنىڭ تەمىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.
رەھمان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذِهِ جَهَنَّمُ الَّتِي يُكَذِّبُ بِهَا الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ، گۇناھكارلار ئىنكار قىلىدىغان جەھەننەمدۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، گۇناھكارلار ئىنكار قىلىدىغان جەھەننەمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «ئەنە شۇ، گۇناھكارلار يالغان دېگەن جەھەننەمدۇر!» دېيىلىدۇ.
55 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
يَطُوفُونَ بَيْنَهَا وَبَيْنَ حَمِيمٍ آنٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاخ بىلەن قايناقسۇ ئارىسىدا بېرىپ ـ كېلىپ تۇرىدۇ (يەنى گاھىدا ئوت بىلەن، گاھىدا قايناقسۇ بىلەن ئازابلىنىدۇ[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاخ بىلەن قايناقسۇ ئارىسىدا بېرىپ ـ كېلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى ھارارەتلىك قايناق سۇ ئارىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ6.
ۋاقىئە سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَصْحَابُ الشِّمَالِ مَا أَصْحَابُ الشِّمَالِ
مۇھەممەد سالىھ: بەختسىزلەر (يەنى نامە ـ ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلگەنلەر) (دوزىخىلاردۇر). بەختسىزلەر قانداق ئادەملەر؟[41]
تەرجىمە ھەيئىتى: بەختسىزلەرگە كەلسەك؛ بەختسىزلەر قانداق ئادەملەر؟
ئەنەس ئالىم: ئەمەل دەپتىرى سول قولىغا بېرىلگەنلەر، نېمىدېگەن بەختسىز بۇ ئەمەل دەپتىرى سول قولىغا بېرىلگەنلەر!
56 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
فِي سَمُومٍ وَحَمِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان) ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ[42ـ44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ئىچىدە بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئوتلۇق شامال، قايناق سۇ
56 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَظِلٍّ مِنْ يَحْمُومٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان) ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ[42ـ44].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارا تۈتۈندىن بولغان بىر سايىنىڭ ئىچىدە
ئەنەس ئالىم: ۋە قاپقارا سايە قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.
56 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
لَا بَارِدٍ وَلَا كَرِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان) ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ[42ـ44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سايە، سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس
ئەنەس ئالىم: ئۇ سايە سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس.
56 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
لَآكِلُونَ مِنْ شَجَرٍ مِنْ زَقُّومٍ
مۇھەممەد سالىھ: چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر،
56 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَالِئُونَ مِنْهَا الْبُطُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر
ئەنەس ئالىم: قورساقلىرىڭلارنى ئۇنىڭدىن تولدۇرىسىلەر،
56 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
فَشَارِبُونَ عَلَيْهِ مِنَ الْحَمِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر»[54ـ55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى ئىچىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناق سۇدىن ئىچىسىلەر،
56 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
فَشَارِبُونَ شُرْبَ الْهِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر»[54ـ55].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇغا تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر
ئەنەس ئالىم: تەشنا تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر».
56 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
فَنُزُلٌ مِنْ حَمِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ[92ـ93].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا قايناق سۇدىن زىياپەت
56 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَصْلِيَةُ جَحِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: جەھەننەمدە كۆيدۈرۈلىدۇ[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: جەھەننەمدە كۆيدۈرۈلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ۋە دوزاخقا تاشلىنىپ كۆيۈش بار.
ھەدىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَقُولُ الْمُنَافِقُونَ وَالْمُنَافِقَاتُ لِلَّذِينَ آمَنُوا انْظُرُونَا نَقْتَبِسْ مِنْ نُورِكُمْ قِيلَ ارْجِعُوا وَرَاءَكُمْ فَالْتَمِسُوا نُورًا فَضُرِبَ بَيْنَهُمْ بِسُورٍ لَهُ بَابٌ بَاطِنُهُ فِيهِ الرَّحْمَةُ وَظَاهِرُهُ مِنْ قِبَلِهِ الْعَذَابُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر، مۇناپىق ئاياللار مۆمىنلەرگە: «بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق ئالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا (مەسخىرە يۈزىسىدىن): «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر تىلەڭلار» دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ، دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بولىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر، مۇناپىق ئاياللار مۇئمىنلارغا: «بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق ئالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا: «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر تىلەڭلار» دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ، دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى مۇنافىق ئەر ۋە مۇنافىق ئاياللار مۇئمىنلارغا: «بىزگە قاراڭلار، نۇرۇڭلاردىن ئېلىۋالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا: «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر ئىزدەڭلار» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا دەرۋازىسى بولغان بىر سېپىل سوقۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بار.
57 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْيَوْمَ لَا يُؤْخَذُ مِنْكُمْ فِدْيَةٌ وَلَا مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ مَأْوَاكُمُ النَّارُ ۖ هِيَ مَوْلَاكُمْ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: بۈگۈن سىلەردىن ۋە كاپىرلاردىن فىدىيە ئېلىنمايدۇ، جايىڭلار دوزاختۇر، دوزاخ سىلەرگە ئەڭ لايىقتۇر، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي![15].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۈگۈن سىلەردىن ۋە كاپىرلاردىن فىدىيە ئېلىنمايدۇ، جايىڭلار دوزاختۇر، دوزاخ سىلەرگە ئەڭ لايىقتۇر، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: بۈگۈن سىلەردىنمۇ، كافىرلاردىنمۇ فىدىيە ئېلىنمايدۇ. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايىڭلار دوزاختۇر. ئۇ سىلەرگە لايىقتۇر ۋە نېمىدېگەن يامان جايدۇر!».
ھەشر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَانَ عَاقِبَتَهُمَا أَنَّهُمَا فِي النَّارِ خَالِدَيْنِ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى شەيتان بىلەن ئىنساننىڭ) ئاقىۋىتى بىرلىكتە دوزاخقا كىرىش، دوزاختا مەڭگۈ قىلىش بولدى، ئەنە شۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى بىرلىكتە دوزاخقا كىرىش، دوزاختا مەڭگۈ قىلىش بولدى، ئەنە شۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر
ئەنەس ئالىم: نەتىجىدە بۇ ئىككىسىنىڭ ئاقىۋىتى، دوزاخقا تاشلىنىش ۋە دوزاختا مەڭگۈ قېلىش بولدى. ئەنە شۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر.
تەغابۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى) ئىنكار قىلغانلار، ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي![10]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلار ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
تەھرىم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
66 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنْفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلار ۋە تاشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشىدا قوپال ۋە قاتتىق قول پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەمرلەرنى ئىجرا قىلىدۇ.
66 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ جَاهِدِ الْكُفَّارَ وَالْمُنَافِقِينَ وَاغْلُظْ عَلَيْهِمْ ۚ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! سەن كۇففار ۋە مۇناپىقلار بىلەن كۈرەش قىلغىن. ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن. ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! سەن كۇففارلار بىلەن ۋە مۇناپىقلار بىلەن كۈرەش قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! كافىرلارغا ۋە مۇنافىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق قول بولغىن. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
مۈلك سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ زَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِمَصَابِيحَ وَجَعَلْنَاهَا رُجُومًا لِلشَّيَاطِينِ ۖ وَأَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابَ السَّعِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: (بىزگە بارلىق ئاسمانلاردىن) ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار (يەنى يورۇق يۇلتۇزلار) بىلەن بېزىدۇق ۋە ئۇلارنى (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشقا ئۇرۇنغان) شەيتانلارنى ئاتىدىغان نەرسە قىلدۇق (يەنى شەيتانلار يۇلتۇزلاردىن چىققان نۇر بىلەن ئېتىلىدۇ)، شەيتانلارغا (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار بىلەن بېزىدۇق ۋە ئۇلارنى شەيتانلارنى ئاتىدىغان نەرسە قىلدۇق، شەيتانلارغا لاۋۇلداپ تۇرىدىغان دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز زېمىنغا ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار بىلەن زىننەتلىدۇق، ئۇلارنى شەيتانلارغا ئېتىلىدىغان نەرسىلەر قىلدۇق، ئۇ شەيتانلارغا يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئازابىنى تەييارلىدۇق.
67 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلارمۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي![6]
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىنى ئىنكار قىلغانلارمۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: رەببىگە كافىر بولغانلارغا جەھەننەم ئازابى بار. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
67 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
إِذَا أُلْقُوا فِيهَا سَمِعُوا لَهَا شَهِيقًا وَهِيَ تَفُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا، قايناپ تۇرغان دوزاخنىڭ (ئېشەك ھاڭرىغاندەك) سەت ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا، قايناپ تۇرغان دوزاخنىڭ سەت ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇنىڭغا تاشلانغاندا ئۇنىڭ قايناپ چىقارغان خىرتىلدىشىنى ئاڭلايدۇ.
67 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
تَكَادُ تَمَيَّزُ مِنَ الْغَيْظِ ۖ كُلَّمَا أُلْقِيَ فِيهَا فَوْجٌ سَأَلَهُمْ خَزَنَتُهَا أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَذِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: دوزاخ غەزەپتىن پارچىلىنىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلمىگەنمىدى؟» دەپ سورايدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: دوزاخ غەزەپتىن پارچىلىنىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەنمىدى؟ » دەپ سورايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاچچىقىدىن پارچىلىنىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. قاچانىكى ئۇنىڭغا بىر گۇرۇھ تاشلانسا، ئۇنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەنمۇ؟» دەپ سورايدۇ.
ھاققە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
خُذُوهُ فَغُلُّوهُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) ئېيتىدۇ: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار[30]،
تەرجىمە ھەيئىتى: -دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە ئەمر قىلىنىدۇكى-: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار
ئەنەس ئالىم: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار.
69 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ الْجَحِيمَ صَلُّوهُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار[31]، ئ
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزۈپ ئوتقا قاقلاڭلار.
69 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ فِي سِلْسِلَةٍ ذَرْعُهَا سَبْعُونَ ذِرَاعًا فَاسْلُكُوهُ
مۇھەممەد سالىھ: اندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار»[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئۇنى يەتمىش گەز ئۇزۇنلۇقتىكى زەنجىرگە كىرگۈزۈڭلار6.
69 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا طَعَامٌ إِلَّا مِنْ غِسْلِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا يىرىڭدىن باشقا تاماق يوقتۇر[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا يىرىڭدىن باشقا تاماق يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: يىرىڭدىن باشقا تاماقمۇ يوقتۇر.
69 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَأْكُلُهُ إِلَّا الْخَاطِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى پەقەت ئازغان ئادەملەرلا (يەنى كاپىرلارلا) يەيدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ تاماقنى يۇقىرىقىدەك خاتا ئىش قىلغۇچىلارلا يەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ يىرىڭنى پەقەت خاتالىق ئۆتكۈزگۈزچىلەرلا يەيدۇ»7.
مائارىج سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا ۖ إِنَّهَا لَظَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ياق، ئۇ مۇقەررەر دوزاختۇر[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياق، ئۇ مۇقەررەر دوزاختۇركى،
ئەنەس ئالىم: بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. شۈبھىسىزكى، دوزاخ يالقۇندۇر،
70 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
نَزَّاعَةً لِلشَّوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (يەنى بۇ گۇناھكار كاپىر مۇنداق ئارزۇدىن يانسۇن، پىدا قىلىنغان ھېچقانداق نەرسە ئۇنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا دوزاخ يېنىپ تۇرىدۇ). (ئۇ ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقىدىن) باشنىڭ تېرىسىنى شىلىدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: تېرىلەرنى كۆيدۈرۈپ سويىدۇ
ئەنەس ئالىم: باشنىڭ تېرىلىرىنى شىلغۇچىدۇر.
نوھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
مِمَّا خَطِيئَاتِهِمْ أُغْرِقُوا فَأُدْخِلُوا نَارًا فَلَمْ يَجِدُوا لَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَنْصَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (توپان بىلەن) غەرق قىلىندى، دوزاخقا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچى تاپالمىدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن -توپان بىلەن- غەرق قىلىندى ئاندىن دوزاخقا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچىلەر تاپالمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن سۇغا غەرق قىلىندى، ئوتقا كىرگۈزۈلدى، ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىلەر تاپالمىدى.
جىن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا الْقَاسِطُونَ فَكَانُوا لِجَهَنَّمَ حَطَبًا
مۇھەممەد سالىھ: توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ»[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ»
ئەنەس ئالىم: زالىملارغا كەلسەك، ئۇلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولدى».
72 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا بَلَاغًا مِنَ اللَّهِ وَرِسَالَاتِهِ ۚ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَإِنَّ لَهُ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا
مۇھەممەد سالىھ: مەن پەقەت (سىلەرگە) ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈشكە قادىرمەن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنمەيدىكەن، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن يۈز ئۆرۈيدىكەن)، ئۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن پەقەتلا ئاللاھنىڭ ۋەھيىنى يەتكۈزۈشكە ۋە ئەلچىلىك ۋەزىپىلىرىمنى ئۇرۇنداشقا قادىرمەن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: مېنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى ۋە ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈشكىلا كۈچۈم يېتىدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا چوقۇم جەھەننەم ئوتى بار. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ.
مۇزەممىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ لَدَيْنَا أَنْكَالًا وَجَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (ئۇلارغا) ئېغىر ئىشكەللەر ۋە (كۆيدۈرگۈچى) دوزاخ بار[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئۇلارغا ئېغىر ئىشكەللەر ۋە دوزاخ بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ يېنىمىزدا ئېغىر ئىشكەللەر ۋە دوزاخ بار،
73 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَطَعَامًا ذَا غُصَّةٍ وَعَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (زەققۇم، زەرىدىن ئىبارەت) گالدىن ئۆتمەيدىغان تاماق ۋە قاتتىق ئازاب بار[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: گالدىن ئۆتمەيدىغان تاماق ۋە قاتتىق ئازاب بار
ئەنەس ئالىم: گالغا تۇرۇپ قالىدىغان تائام ۋە ئەلەم بېرىدىغان ئازاب بار.
مۇدەسسىر سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
سَأُصْلِيهِ سَقَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى مەن سەقەرگە سالىمەن
ئەنەس ئالىم: مەن يېقىندا ئۇنى سەقەرگە كىرگۈزىمەن.
74 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَدْرَاكَ مَا سَقَرُ
مۇھەممەد سالىھ: سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[27]
تەرجىمە ھەيئىتى: سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
ئەنەس ئالىم: سەقەر نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟
74 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تُبْقِي وَلَا تَذَرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ قالدۇرۇپ قويمايدۇ ۋە قويۇۋەتمەيدۇ.
74 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
لَوَّاحَةٌ لِلْبَشَرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىنسانلارنى بەك كۆيدۈرگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئىنسانلارنىڭ تېرىلىرنى كۆيدۈرۈپ قاپقارا قىلىۋەتكۈچىدۇر.
74 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
عَلَيْهَا تِسْعَةَ عَشَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ ئۈستىدە ئون توققۇز خادىم بار.
74 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا جَعَلْنَا أَصْحَابَ النَّارِ إِلَّا مَلَائِكَةً ۙ وَمَا جَعَلْنَا عِدَّتَهُمْ إِلَّا فِتْنَةً لِلَّذِينَ كَفَرُوا لِيَسْتَيْقِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَيَزْدَادَ الَّذِينَ آمَنُوا إِيمَانًا ۙ وَلَا يَرْتَابَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْمُؤْمِنُونَ ۙ وَلِيَقُولَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ وَالْكَافِرُونَ مَاذَا أَرَادَ اللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَا يَعْلَمُ جُنُودَ رَبِّكَ إِلَّا هُوَ ۚ وَمَا هِيَ إِلَّا ذِكْرَىٰ لِلْبَشَرِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق، تاكى ئەھلى كىتاب (ئۆزلىرىنىڭ ساماۋى كىتابلىرىدىكى بۇ ساننى كۆرۈپ قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتماي، مۆمىنلەرنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئىشەنگەنلىكلىرىدىن ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرئان خەۋەرلىرىنىڭ تەۋرات، ئىنجىلدىكى خەۋەرلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن) ئىمانى كۈچەيگەي! ئەھلى كىتاب ۋە مۆمىنلەر (بۇنىڭدىن) شەكلەنمەيدۇ، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار)، كاپىرلار: «بۇ مىسالدىن ئاللاھ نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ» دەيدۇ، ئاللاھ مۇشۇنداق خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنىنى (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ يارىتىلىشتىكى چوڭلۇقىنى) پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ، (يەنى ئاللاھ بايان قىلغان دوزاخ) پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق، تاكى ئەھلى كىتاب كەسكىن رەۋىشتە ئىمان ئېيتقاي، مۇئمىنلارنىڭ ئىمانى كۈچەيگەي، ئەھلى كىتاب بىلەن مۇئمىنلەر بۇنىڭدىن شەكلەنمەيدۇ، دىللىرىدا كېسەل بارلار بىلەن كاپىرلار دېسۇنكى: «بۇ مىسالدىن ئاللاھ نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟»، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، رەببىڭنىڭ قوشۇنىنى پەقەت ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ، پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر
ئەنەس ئالىم: بىز دوزاخنىڭ خادىملىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق. ئۇلارنىڭ سانىنى كافىرلار ئۈچۈن پەقەتلا ئىمتىھان ۋاسىتىسى قىلدۇق. بىز بۇنى كىتاب بېرىلگەنلەر ھەقىقىي ئىشەنسۇن، ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىمانى زىيادە بولسۇن، كىتاب بېرىلگەنلەر ۋە مۇئمىنلار شۈبھىلەنمىسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدۇق. بىز بۇنى يەنە قەلبلىرىدە كېسەل بارلار ۋە كافىرلار: «ئاللاھ بۇ مىسالدىن نېمىنى ئىرادە قىلدى؟» دېسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدۇق. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئەنە شۇنداق ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى ئەنە شۇنداق ھىدايەت قىلىدۇ. رەببىڭنىڭ قوشۇنلىرىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇ ئىنسانلار ئۈچۈن پەقەتلا توغرا ئىلىمدۇر.
74 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهَا لَإِحْدَى الْكُبَرِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، دوزاخ بالالاردىن بىرىدۇر (ئۇنى قانداقمۇ مەسخىرە قىلىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا چىنپۈتمەيسىلەر؟)[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئەلۋەتتە بالالاردىن بىرىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ سەقەر ئەڭ بۈيۈك پالاكەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
74 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
مَا سَلَكَكُمْ فِي سَقَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ[40ـ42].
تەرجىمە ھەيئىتى: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟»
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن «سىلەر نېمە ئۈچۈن سەقەرگە كىردىڭلار؟» دەپ سورايدۇ.
ئىنسان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ سَلَاسِلَ وَأَغْلَالًا وَسَعِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا (پۇتلىرىغا سېلىنىدىغان) زەنجىرلەرنى، (بويۇنلىرىغا سېلىنىدىغان) تاقاقلارنى ۋە يېنىپ تۇرغان دوزاخنى تەييارلىدۇق[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا زەنجىرلەرنى، تاقاقلارنى ۋە يېنىپ تۇرغان دوزاخنى تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز كافىرلارغا زەنجىرلەرنى، تاقاقلارنى ۋە دوزاخنى تەييارلىدۇق.
مۇرسەلات سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
77 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
انْطَلِقُوا إِلَىٰ مَا كُنْتُمْ بِهِ تُكَذِّبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى): «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار، ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ)[29ـ30].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنى ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» دېيىلىدۇ.
77 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
انْطَلِقُوا إِلَىٰ ظِلٍّ ذِي ثَلَاثِ شُعَبٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سايە (جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى بولۇپ كىشىنى) سەگىدەتمەيدۇ، (جەھەننەمنىڭ) يالقۇنىنىمۇ توسمايدۇ[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سايە سەگىدەتمەيدۇ ۋە يالقۇننى توسمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ سايە ھەم سايىداتمايدۇ، ھەم يالقۇندىن ساقلىمايدۇ.
77 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
لَا ظَلِيلٍ وَلَا يُغْنِي مِنَ اللَّهَبِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ يالقۇن قەسىردەك (چوڭ) ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ يالقۇن قەسىردەك ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ يالقۇن قەسىردەك ئۇچقۇنلارنى ئاتىدۇ.
77 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهَا تَرْمِي بِشَرَرٍ كَالْقَصْرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئۇچقۇنلار قارا ـ سېرىق تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئۇچقۇنلار قارا ـ سېرىق تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەر ئۇچقۇن خۇددى بىرەر سېرىق تۆگىدۇر.
نەبە سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
78 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ جَهَنَّمَ كَانَتْ مِرْصَادًا
مۇھەممەد سالىھ: جەھەننەم ھەقىقەتەن (كۇففارلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: جەھەننەم ھەقىقەتەن بىر كۈزىتىش ئورنىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، جەھەننەم كۆزەتكۈچى بولىدۇ،
78 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
لِلطَّاغِينَ مَآبًا
مۇھەممەد سالىھ: جەھەننەم، شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلارنىڭ جايىدۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: گۇناھكارلارنىڭ جايىدۇر
ئەنەس ئالىم: ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ بارىدىغان جايى بولىدۇ.
78 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
لَابِثِينَ فِيهَا أَحْقَابًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ يەردە ئەبەدىي قالىدۇ.
78 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَذُوقُونَ فِيهَا بَرْدًا وَلَا شَرَابًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار جەھەننەمدە (جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى يىنىكلىتىلگەن) بىرەر سۆرۈنلۈككە ۋە (تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار جەھەننەمدە سۆرۈنلۈككە ۋە بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ يەردە بىرەر سۆرۈنلۈكمۇ، بىرەر ئىچىملىكمۇ تېتىمايدۇ.
78 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا حَمِيمًا وَغَسَّاقًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىنلا ئىبارەت بولىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىن باشقا
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پەقەت قايناقسۇ ۋە يىرىڭ تېتىيدۇ.
78 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَذُوقُوا فَلَنْ نَزِيدَكُمْ إِلَّا عَذَابًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا ئېيتىمىزكى) «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز»[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلارغا ئېيتىمىزكى-: «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز»
ئەنەس ئالىم: شۇڭا تېتىڭلار! سىلەرگە ئازابتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمايمىز.
نازىئات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَبُرِّزَتِ الْجَحِيمُ لِمَنْ يَرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۆرىدىغانلار ئۈچۈن دوزاخ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ.
79 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنَّ الْجَحِيمَ هِيَ الْمَأْوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ جايى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ.
تەكۋىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
81 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْجَحِيمُ سُعِّرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا[12]،
تەرجىمە ھەيئىتى: دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا،
ئىنفىتار سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
82 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ الْفُجَّارَ لَفِي جَحِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار شەك ـ شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە شەك ـ شۈبھىسىزكى، كاپىرلار دوزاختا بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، يامانلار دوزاختا بولىدۇ.
82 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
يَصْلَوْنَهَا يَوْمَ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى كىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار جازا ۋە مۇكاپات كۈنى ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيىدۇ.
82 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا هُمْ عَنْهَا بِغَائِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ يوقالمايدۇ.
مۇتەففىفىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
83 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ إِنَّهُمْ لَصَالُو الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار ھەقىقەتەن دوزاخقا داخىل بولغۇچىلاردۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار چوقۇم دوزاخقا كىرگۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلار دوزاخقا كىرىپ كۆيگۈچىلەردۇر.
ئىنىشقاق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
84 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَصْلَىٰ سَعِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: دوزاخقا كىرىدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ۋە يالقۇنلاپ تۇرىدىغان ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ.
بۇرۇج سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
85 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
النَّارِ ذَاتِ الْوَقُودِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئورەكلەر لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتلار بىلەن تولدۇرۇلغان ئىدى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنى تۇتۇشتۇرغانلارغا
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئورەكتە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت بار ئىدى.
85 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ فَتَنُوا الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَتُوبُوا فَلَهُمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمْ عَذَابُ الْحَرِيقِ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىنە ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى قىيناپ، ئاندىن تەۋبە قىلمىغانلارغا جەھەننەم ئازابى بار، ئۇلارغا كۆيدۈرگۈچى ئازاب بار.
ئەئلا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي يَصْلَى النَّارَ الْكُبْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كاتتا ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئەڭ چوڭ ئوتقا كىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق كىشىكى، ئەڭ شىددەتلىك ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ،
87 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحْيَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە ياشىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇ يەردە ئۆلمەيدۇ ۋە ياشىمايدۇ.
غاشىيە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
88 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
عَامِلَةٌ نَاصِبَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دۇنيادا ئىشلىگۈچىلەردۇر، بىكارغا جاپا تارتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئىش قىلغۇچىدۇر. ھارغۇچىدۇر.
88 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
تَصْلَىٰ نَارًا حَامِيَةً
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ھارارىتى قاتتىق ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ،
88 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
تُسْقَىٰ مِنْ عَيْنٍ آنِيَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: (سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: قايناپ تۇرغۇچى بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ.
88 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ لَهُمْ طَعَامٌ إِلَّا مِنْ ضَرِيعٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۈچۈن بەتبۇي، قۇرۇق تىكەندىن باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا بەتبۇي ۋە ئاچچىق تىكەندىن باشقا يېمەكلىك يوق.
88 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يُسْمِنُ وَلَا يُغْنِي مِنْ جُوعٍ
مۇھەممەد سالىھ: زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ، كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھەم سەمرىتمەيدۇ، ھەم ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ.
فەجر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَجِيءَ يَوْمَئِذٍ بِجَهَنَّمَ ۚ يَوْمَئِذٍ يَتَذَكَّرُ الْإِنْسَانُ وَأَنَّىٰ لَهُ الذِّكْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (گۇناھكارلارنى كۆرۈش ئۈچۈن) جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (يەنى كاپىر) (دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، ئەنە شۇ كۈندە ئىنسان ئەسلەيدۇ، ھالبۇكى، ئەمدى ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى جەھەننەم كەلتۈرۈلىدۇ. ئەنە شۇ كۈندە ئىنسان ئەسلەيدۇ. لېكىن بۇ ئەسلەشنىڭ ئۇنىڭغا قانداقمۇ پايدىسى بولسۇن!5
بەلەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
90 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
عَلَيْهِمْ نَارٌ مُؤْصَدَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاخقا سولىنىدۇ[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ھەر تەرىپى ئىتىۋېتىلگەن بىر دۇزاخ باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى ئوت قورشاپ تۇرىدۇ.
لەيل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
92 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ لَنَا لَلْآخِرَةَ وَالْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەرنى لاۋۇلداپ كۆيىدىغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم.
92 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَنْذَرْتُكُمْ نَارًا تَلَظَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ[15ـ16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بەخىتسىزدىن باشقىسى كىرمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا بەختسىز كىشىدىن باشقىسى كىرمەيدۇ.
ئەلەق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
96 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
فَلْيَدْعُ نَادِيَهُ
مۇھەممەد سالىھ: بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك ـ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز زابانىيىلەرنى چاقىرىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز زەبانىيلەرنى چاقىرىمىز.
بەييىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
98 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ فِي نَارِ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ أُولَٰئِكَ هُمْ شَرُّ الْبَرِيَّةِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدۇ. دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدۇ. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت بولغان كافىرلار جەھەننەم ئوتىنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇ يەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر.
قارىئە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
101 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
فَأُمُّهُ هَاوِيَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ[8ـ9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ جايى ھاۋىيەدۇر.
101 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَدْرَاكَ مَا هِيَهْ
مۇھەممەد سالىھ: ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟[10]
تەرجىمە ھەيئىتى: ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟
ئەنەس ئالىم: ھاۋىيە نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟
101 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
نَارٌ حَامِيَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ قىزىق ئوتتۇر.
تەكاسۇر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
102 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
لَتَرَوُنَّ الْجَحِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەر دوزاخنى كۆرىسىلەر.
102 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ لَتَرَوُنَّهَا عَيْنَ الْيَقِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن ئەلۋەتتە كۆرىسىلەر.
ھۇمەزە سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
104 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا ۖ لَيُنْبَذَنَّ فِي الْحُطَمَةِ
مۇھەممەد سالىھ: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمەلىيەت ھەرگىز ئۇ ئويلىغاندەك بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم ھۆتەمەگە تاشلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنداق ئەمەس. ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ.
104 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْحُطَمَةُ
مۇھەممەد سالىھ: ھۇتەمەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[5]
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ھۆتەمەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: ھۇتەمە نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
104 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
نَارُ اللَّهِ الْمُوقَدَةُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ[6ـ7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاللاھ ياندۇرغان يۈرەكلەرگىمۇ تۇتىشىدىغان ئوتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھنىڭ يېقىلغان ئوتىدۇر.
104 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
الَّتِي تَطَّلِعُ عَلَى الْأَفْئِدَةِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ[6ـ7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاللاھ ياندۇرغان يۈرەكلەرگىمۇ تۇتىشىدىغان ئوتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق ئوتكى، دىللارغا يامىشىدۇ.
104 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهَا عَلَيْهِمْ مُؤْصَدَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار چوقۇم دوزاخقا سولىنىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چوقۇم ئۇزۇن دەملەر بىلەن تاقىلىدىغان دوزاخقا سولىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇ ئوت ئۇلارنى قورشىغۇچىدۇر.
104 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
فِي عَمَدٍ مُمَدَّدَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئېگىز تۈۋرۈكلەرگە باغلىنىدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چوقۇم ئۇزۇن دەملەر بىلەن تاقىلىدىغان دوزاخقا سولىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سوزۇلغۇچى تۈۋرۈكلەرگە باغلانغۇچىدۇر.
مەسەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
111 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَصْلَىٰ نَارًا ذَاتَ لَهَبٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ يېقىندا يالقۇنلۇق ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ.