ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئاندا ئاللاھنىڭ مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە ئاسمان ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئېنگلىزچىسى: Creation of the Heavens and Earth
85 ئايەت
47 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئالەمنىڭ يارىتىلىشى /
- 📄 ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي خَلَقَ لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا ثُمَّ اسْتَوَىٰ إِلَى السَّمَاءِ فَسَوَّاهُنَّ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ ۚ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يەر زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرنىڭ (پايدىلىنىشىڭلار) ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. ئاللاھ ھەرنەرسىنى بىلگۈچىدۇر[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسمانلارغا يۈزلىنىپ ئۇلارنى يەتتە ئاسمان قىلىپ تەكشىلىدى. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
2 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
بَدِيعُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَإِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلار ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر. بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقلۇقتىن بار قىلغۇچىدۇر. ئۇ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ بىرەر نەرسە ياراتماقچى بولسا، ئۇنىڭغا پەقەت: «بول!» دەيدۇ، ئۇ بولىدۇ34.
2 : 164 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَالْفُلْكِ الَّتِي تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِمَا يَنْفَعُ النَّاسَ وَمَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ السَّمَاءِ مِنْ مَاءٍ فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِنْ كُلِّ دَابَّةٍ وَتَصْرِيفِ الرِّيَاحِ وَالسَّحَابِ الْمُسَخَّرِ بَيْنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان ـ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر[164].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى جانلاندۇرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان ـ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئىنسانلارغا پايدىلىق يۈكلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەردە، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك تۇپراقنى تىرىلدۈرگەن ۋە زېمىندا ھەر تۈرلۈك جانلىقنى تارقاتقان سۇدا، شاماللارنىڭ پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىشىدا ۋە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا بۇيرۇققا ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇلۇتلاردا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
ئال ئىمران سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَغَيْرَ دِينِ اللَّهِ يَبْغُونَ وَلَهُ أَسْلَمَ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَإِلَيْهِ يُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئاللاھنىڭ دىنىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) باشقا دىننى تىلەمدۇ؟ ھالبۇكى، ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئاللاھقا بويسۇنغان تۇرسا، ئۇلار (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ تەرىپىگە قايتۇرۇلىدۇ[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئاللاھقا بويسۇنۇۋاتقان تۇرسا، ئەھلى كىتاب ئاللاھنىڭ دىنىدىن باشقا دىنغا ئىنتىلسە بولامدۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن باشقا دىن ئىزدەۋاتامدۇ؟ ھالبۇكى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ئىخىتىيارىي ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ئاللاھقا تەسلىم بولغان ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدىغان تۇرسا!
3 : 190 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لَآيَاتٍ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار[190].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.
3 : 191 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَذْكُرُونَ اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَىٰ جُنُوبِهِمْ وَيَتَفَكَّرُونَ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ رَبَّنَا مَا خَلَقْتَ هَٰذَا بَاطِلًا سُبْحَانَكَ فَقِنَا عَذَابَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن[191].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللانى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «ئى رەببىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان چاغلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھنى زىكىر قىلىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلىدۇ ۋە مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! بۇلارنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن ئۇلۇغسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
مائىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
لِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا فِيهِنَّ ۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
ئەنئام سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَجَعَلَ الظُّلُمَاتِ وَالنُّورَ ۖ ثُمَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ يَعْدِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر! ئاندىن (يەنى مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ) كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرىدۇ[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇقنى پەيدا قىلدى. كافىرلار مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، قاراڭغۇلۇقلارنى ۋە نۇرنى بار قىلدى. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، كافىرلار ئۆزلىرىنىڭ رەببىگە باشقىلارنى تەڭ قىلماقتىدۇر.
6 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَغَيْرَ اللَّهِ أَتَّخِذُ وَلِيًّا فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَهُوَ يُطْعِمُ وَلَا يُطْعَمُ ۗ قُلْ إِنِّي أُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَسْلَمَ ۖ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، «ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھتىن غەيرىينى مەبۇد تۇتامدىم؟ ئاللاھ رىزىق بېرىدۇ، ئۆزى رىزىققا موھتاج ئەمەس». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەن (بۇ ئۈممەت ئىچىدە خۇدانىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. (ماڭا دېيىلدىكى) سەن ھەرگىز مۇشرىكلاردىن بولمىغىن»[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، «ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھتىن باشقىنى مەبۇد قىلىۋالسام بولامتى؟ ئاللاھ رىزىق بېرىدۇ، ئۆزى رىزىققا موھتاج ئەمەس». ئېيتقىنكى، «مەن (بۇ ئۈممەت ئىچىدە) تۇنجى مۇسۇلمان بولۇشقا، ھەرگىز مۇشرىكلاردىن بولماسلىققا بۇيرۇلدۇم»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، تائام بېرىدىغان، تائامغا موھتاج بولمايدىغان ئاللاھتىن غەيرىينى ۋەلىي قىلىۋالامدىم؟». ئى مۇھەممەد! «مەن مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ئاۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېگىن ۋە ئەسلا مۇشرىكلاردىن بولمىغىن!
6 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ وَيَوْمَ يَقُولُ كُنْ فَيَكُونُ ۚ قَوْلُهُ الْحَقُّ ۚ وَلَهُ الْمُلْكُ يَوْمَ يُنْفَخُ فِي الصُّورِ ۚ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ئاللاھ (بىرەر شەيئىگە) «ۋۇجۇدقا كەل» دېسە (دەرھال) ۋۇجۇدقا كېلىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) ئازابتىن قورقۇڭلار. ئاللاھنىڭ سۆزى ھەقتۇر. سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن) خەۋەرداردۇر[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، ئاللاھ بىرەر شەيئىگە «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن كۈندە ئۇ دەرھال ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ سۆزى ھەقتۇر، سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ئۇ بىر نەرسىگە: «بول» دېگەن كۈنى ئۇ نەرسە بولىدۇ. ئۇنىڭ سۆزى ھەقتۇر. سۇر چېلىنىدىغان كۈنى ھاكىمىيەت پەقەتلا ئۇنىڭدۇر. ئۇ غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر».
6 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ حَنِيفًا ۖ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن، باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن باتىل دىنلاردىن يىراق بولۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مەن يۈزۈمنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، ھەقكە يۆنەلدىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن».
6 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ فَالِقُ الْحَبِّ وَالنَّوَىٰ ۖ يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَمُخْرِجُ الْمَيِّتِ مِنَ الْحَيِّ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەتەن ئاللاھتۇر. تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچى ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن داننى ۋە ئۇرۇقنى بىخلاندۇرغۇچىدۇر، تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچىدۇر، ئەنە شۇ ھەقىقىي ئىلاھتۇر. سىلەر قانداقمۇ (بۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇرۇقلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇ ئۆلۈكتىن تىرىكنى چىقىرىدۇ، تىرىكتىن ئۆلۈكنى چىقارغۇچىدۇر. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟
6 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
فَالِقُ الْإِصْبَاحِ وَجَعَلَ اللَّيْلَ سَكَنًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ حُسْبَانًا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سۈبھىنى (قاراڭغۇدىن) يېرىپ چىقارغۇچىدۇر (يەنى تاڭنى يورۇتقۇچىدۇر)، ئاللاھ كېچىنى (سىلەر ئۈچۈن) ئىستىراھەت قىلىپ ياراتتى. (سىلەرنىڭ) ۋاقىت ھېسابلىشىڭلار ئۈچۈن قۇياش بىلەن ئاينى ياراتتى، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سۈبھىنى قاراڭغۇدىن يېرىپ چىقارغان، سىلەر ئۈچۈن كېچىنى ئارام ۋاقتى، قۇياش بىلەن ئاينى ۋاقىت ھېسابلىغۇچ قىلىپ بەرگەن زاتتۇر. ئەنە شۇلار غالىب ۋە ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ قاراڭغۇلۇقلارنى يېرىپ تاڭنى چىقارغۇچىدۇر. ئۇ كېچىنى ئىستىراھەت زامانى، قۇياشنى ۋە ئاينى بىرەر ۋاقىت ھېسابلىغۇچ قىلدى. بۇ ئەزىز ۋە بىلگۈچى زاتنىڭ بەلگىلىشىدۇر.
6 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
بَدِيعُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُ وَلَدٌ وَلَمْ تَكُنْ لَهُ صَاحِبَةٌ ۖ وَخَلَقَ كُلَّ شَيْءٍ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ خوتۇنى يوق تۇرسا، قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟ ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ جۈپتى بولمىسا قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟ ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر. ئۇنىڭ رەپىقىسى بولمىغان تۇرسا قانداقمۇ بالىسى بولسۇن! ئاللاھ ھەر نەرسىنى ياراتقان. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ يَطْلُبُهُ حَثِيثًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ وَالنُّجُومَ مُسَخَّرَاتٍ بِأَمْرِهِ ۗ أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ ۗ تَبَارَكَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە (يەنى ئالتە دەۋردە) ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى. ئاللاھ كېچە بىلەن (كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن) كۈندۈزنى ياپىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈز بىر ـ بىرىنى قوغلىشىدۇ (يەنى داۋاملىق ئورۇن ئالمىشىپ تۇرىدۇ)؛ ئاللاھ قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتتى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتۇركى، ئۇ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى*[1]. كېچە بىلەن كۈندۈزنى يېپىپ، كېچە بىلەن كۈندۈزنى بىر ـ بىرىنى قوغلىشىدىغان (يەنى داۋاملىق ئالمىشىپ تۇرىدىغان) قىلدى. قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئۆزىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان قىلىپ ياراتتى. بىلىڭلاركى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى كاتتىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاللاھتۇر. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىگە يۈكسەلدى13. ئۇ كېچىنى كۈندۈزنىڭ ئۈستىگە ياپىدۇ، كېچە كۈندۈزنى ئۈزلۈكسىز قوغلايدۇ. ئۇ قۇياشنى، ئاينى ۋە يۇلتۇزلارنى بۇيرۇقىغا بويسۇنىدىغان قىلىپ ياراتتى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش پەقەت ئۇنىڭغىلا خاستۇر. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ!
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ ۖ مَا مِنْ شَفِيعٍ إِلَّا مِنْ بَعْدِ إِذْنِهِ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتۇر، ئۇ ئىنسانلارنى، زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئاللاھ خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى (ئۆز ھېكمىتىگە مۇۋاپىق) ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ھەر قانداق شاپائەت قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىزنىنى ئالىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاللاھدۇر، ئۇ ئىنسانلارنى، زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئاللاھ خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ھېكمىتىگە مۇۋاپىق ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ھەر قانداق شاپائەت قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىزنىنى ئالىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرش ئۈستىگە يۈكسەلگەن ئاللاھتۇر1. ئۇ ئىشلارنى پىلانلايدۇ. ئۇ رۇخسەت بەرمىگۈچە ھېچكىم شاپائەت قىلالمايدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئويلانمامسىلەر؟
ھۇد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ وَكَانَ عَرْشُهُ عَلَى الْمَاءِ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا ۗ وَلَئِنْ قُلْتَ إِنَّكُمْ مَبْعُوثُونَ مِنْ بَعْدِ الْمَوْتِ لَيَقُولَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. (ئاسمان ـ زېمىننى يارىتىشتىن ئىلگىرى) ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ (ئۇلارنى ياراتتى). (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن(مەككە كۇففارلىرىغا): «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ، كاپىرلار چوقۇم ئېيتىدۇ: «بۇپەقەت روشەن سېھىردۇر»[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ياراتتى. -ئى مۇھەممەد!- ئەگەر سەن-مەككە كۇففارلىرىغا-: «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ، كاپىرلار چوقۇم ئېيتىدۇ: «بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. بۇرۇن ئۇنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدە ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنى قايسىڭلارنىڭ ئەمىلىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ياراتتى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا: «ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر!» دېسەڭ، ئۇ كافىرلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دەيدۇ.
رەئد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي رَفَعَ السَّمَاوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ۖ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۚ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ بِلِقَاءِ رَبِّكُمْ تُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى پانى دۇنيانىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىغىچە) سەير قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بويسۇندۇردى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە سەير قىلىدۇ، ئاللاھ مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى رەببىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، ئايەتلەرنى بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى سىلەر كۆرەلمەيدىغان تۈۋرۈكلەر بىلەن كۆتۈردى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى، قۇياشنى ۋە ئاينى بۇيرۇقىغا بويسۇندۇردى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بەلگىلەنگەن مۇددەتكە قەدەر ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئىشلارنى پىلانلايدۇ، ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بۇلارنى رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدىغانلىقىڭلارغا جەزمەن ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن قىلىدۇ.
ئىبراھىم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۚ إِنْ يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَأْتِ بِخَلْقٍ جَدِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئاللاھنىڭ ھەق ئاساستا ياراتقانلىقىنى (يەنى بىكار ياراتمىغانلىقىنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا، (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ (ئورنۇڭلارغا سىلەردىن ياخشى) يېڭى ئادەملەرنى يارىتىدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئاللاھنىڭ ھەق ئاساستا ياراتقانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا، -ئى ئىنسانلار!- سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ يېڭى ئادەملەرنى يارىتىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ئاللاھ خالىسا سىلەرنى كەتكۈزىۋېتىپ يېڭى خەلق كەلتۈرىدۇ.
14 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَكُمْ ۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْفُلْكَ لِتَجْرِيَ فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ ۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْأَنْهَارَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، يامغۇر سۈيى بىلەن سىلەرگە رىزىق قىلىپ نۇرغۇن مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، يامغۇر سۈيى بىلەن سىلەرگە رىزىق قىلىپ نۇرغۇن مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، سىلەرگە رىزىق بولسۇن دەپ ئۇ سۇ ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋە ۋە مەھسۇلاتلارنى چىقاردى، ئۆز ئەمرى بىلەن دېڭىزدا ئۈزۈشى ئۈچۈن كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۆستەڭلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى،
ھىجىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ ۗ وَإِنَّ السَّاعَةَ لَآتِيَةٌ ۖ فَاصْفَحِ الصَّفْحَ الْجَمِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدىلا ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، (ئى مۇھەممەد! نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن، ئۇلارغا) چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدىلا ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، -ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق بىلەن ياراتتۇق. قىيامەت ئەلۋەتتە قايىم بولىدۇ. شۇڭا چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن7.
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۚ تَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن يۈكسەكتۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن يۈكسەكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى، ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن ئۈستۈندۇر.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّ اللَّهَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ قَادِرٌ عَلَىٰ أَنْ يَخْلُقَ مِثْلَهُمْ وَجَعَلَ لَهُمْ أَجَلًا لَا رَيْبَ فِيهِ فَأَبَى الظَّالِمُونَ إِلَّا كُفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنى يارىتالايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشى ئۈچۈن) شەك ـ شۈبھىسىز مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى، زالىملار پەقەت كۇفرىغىلا ئۇنايدۇ[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقات ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنى يارىتالايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشى ئۈچۈن شەك ـ شۈبھىسىز مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى، كاپىرلار پەقەت كۇفرىغىلا ئۇنايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىشىنى قايتا يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن كېلىشىدە ھېچ شۈبھە بولمىغان مۇددەت بەلگىلىدى. لېكىن ئۇ زالىملار كۇفرىلىقتا چىڭ تۇردى.
كەھف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا جَعَلْنَا مَا عَلَى الْأَرْضِ زِينَةً لَهَا لِنَبْلُوَهُمْ أَيُّهُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ قايسىلىرىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز زېمىندىكى نەرسىلەرنى زېمىننىڭ زىننىتى قىلدۇق. مەقسىتىمىز ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئەمىلىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناشتۇر.
18 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
مَا أَشْهَدْتُهُمْ خَلْقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَا خَلْقَ أَنْفُسِهِمْ وَمَا كُنْتُ مُتَّخِذَ الْمُضِلِّينَ عَضُدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى شەيتانلار) غا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىنىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىنىمۇ كۆرسەتكىنىم يوق (يەنى مەزكۇرلارنى خەلق ئەتكەن چېغىمدا ئۇلارنى ھازىر قىلغىنىم يوق)، (كىشىلەرنى) ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىنىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىنىمۇ كۆرسەتكىنىم يوق، كىشىلەرنى ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇلارنى ئاسمانلار بىلەن زېمىننى ياراتقان چېغىمدىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ياراتقان چېغىمدىمۇ يېنىمدا تۇرغۇزمىدىم. مېنىڭ ئۇ ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق.
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِنْ قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْئًا
مۇھەممەد سالىھ: (نىدا قىلغان پەرىشتە) ئېيتتى: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ (يەنى سېنى يوقتىن بار قىلغاندەك، يەھيانى ئىككىڭلاردىن تۆرەلدۈرۈشكە قادىرمەن)»[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: -نىدا قىلغان پەرىشتە- ئېيتتى: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، رەببىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «شۇنداق، لېكىن رەببىڭ دەيدۇكى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاسان. مەن بۇندىن ئىلگىرى سېنى ياراتقان ئىدىم، سەن ھېچ نەرسە ئەمەس ئىدىڭ» دېدى.
تاھا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
تَنْزِيلًا مِمَّنْ خَلَقَ الْأَرْضَ وَالسَّمَاوَاتِ الْعُلَى
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ زېمىننى ۋە (كەڭ) ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ زېمىننى ۋە - كەڭ- ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان
ئەنەس ئالىم: ئۇ، زېمىننى ۋە ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىندى.
20 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ مَهْدًا وَسَلَكَ لَكُمْ فِيهَا سُبُلًا وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ أَزْوَاجًا مِنْ نَبَاتٍ شَتَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ زېمىننى سىلەرگە بىسات قىلىپ بەردى، سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى ئېچىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى»[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ زېمىننى سىلەرگە بىسات قىلىپ بەردى، سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى ئېچىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى»
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، زېمىننى سىلەر ئۈچۈن بۆشۈك قىلدى، ئۇنىڭدا سىلەرگە يوللار ئاچتى ۋە ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن خىلمۇخىل جۈپ ئۆسۈملۈكلەرنى چىقاردۇق.
ئەنبىيا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ كَانَتَا رَتْقًا فَفَتَقْنَاهُمَا ۖ وَجَعَلْنَا مِنَ الْمَاءِ كُلَّ شَيْءٍ حَيٍّ ۖ أَفَلَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر ـ بىرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنمەمدۇ؟[30]
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر ـ بېرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار ئىشەنمەمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: كافىرلار كۆرمىدىمۇ؟ ئاسمانلار بىلەن زېمىن تۇتاش ئىدى، ئۇ ئىككىسىنى بىز ئايرىدۇق. بىز ھەر جانلىق نەرسىنى سۇدىن ياراتتۇق. ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەمدۇ؟
21 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى (ئۆزىگە خاس) پەلەكتە سەير قىلىدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر پەلەكتە سەير قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، كېچىنى، كۈندۈزنى، قۇياشنى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر ئوربىتىدا ئۈزمەكتىدۇر.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ خَلَقْنَا فَوْقَكُمْ سَبْعَ طَرَائِقَ وَمَا كُنَّا عَنِ الْخَلْقِ غَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قەۋەت ئاسماننى ياراتتۇق، بىز مەخلۇقاتتىن غاپىل ئەمەسمىز[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قەۋەت ئاسماننى ياراتتۇق، بىز مەخلۇقاتتىن غاپىل ئەمەسمىز
ئەنەس ئالىم: بىز سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە يول ياراتتۇق. بىز نېمە ياراتقانلىقىمىزنى بىلىمىز.
فۇرقان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۚ الرَّحْمَٰنُ فَاسْأَلْ بِهِ خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى، ئاللاھ ناھايىتى مەرھەمەتلىكتۇر، بۇنى (يەنى ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىنى) بىلىدىغان ئادەمدىن سورىغىن (ساڭا ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ)[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى، ئاللاھ ناھايىتى مەرھەمەتلىكتۇر، بۇنى بىلىدىغان ئادەمدىن سورىغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى. ئۇ رەھماندۇر. بۇنى، خەۋاردار بىرىدىن سورىغىن.
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَأَنْزَلَ لَكُمْ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَنْبَتْنَا بِهِ حَدَائِقَ ذَاتَ بَهْجَةٍ مَا كَانَ لَكُمْ أَنْ تُنْبِتُوا شَجَرَهَا ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ بَلْ هُمْ قَوْمٌ يَعْدِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇلار (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ بەرگەن زات ياخشىمۇ؟ بىز ئۇ سۇ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈردۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇ باغلارنىڭ دەرىخىنى يېتىشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەلكى ئۇلار ھەقتىن يىراقلىشىپ كەتكەن قەۋمدۇر.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا كَيْفَ يُبْدِئُ اللَّهُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئىنكار قىلغۇچىلار) ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى دەسلەپتە يوقتىن قانداق بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ بۇ ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاساندۇر (ئۇلار بۇنى قانداقمۇ ئىنكار ق ىلىدۇ، دەسلەپتە يارىتىشقا قادىر بولغان زات قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر)[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى دەسلەپتە يوقتىن قانداق بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن ئۇنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ بۇ ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاساندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ دەسلەپتە يوقتىن قانداق ياراتقانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر.
29 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَ اللَّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِلْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا مۇئمىنلار ئۈچۈن دەلىل بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. بۇنىڭدا مۇئمىنلار ئۈچۈن ئايەت بار.
29 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى كىم (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن) باش تارتىدۇ![61]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى كىم بويسۇندۇردى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ باش تارتىدۇ!
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان كىمدۇر؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟
رۇم سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَتَفَكَّرُوا فِي أَنْفُسِهِمْ ۗ مَا خَلَقَ اللَّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ وَأَجَلٍ مُسَمًّى ۗ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ بِلِقَاءِ رَبِّهِمْ لَكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى (يۇلتۇز قاتارلىق) نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ۋە مۇئەييەن ۋاقىتلىق قىلىپ ياراتتى، شەك – شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى (قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى، قىلغان ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ياكى جازالىنىدىغانلىقىنى) ئىنكار قىلغۇچىدۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ۋە مۇئەييەن ۋاقىتلىق قىلىپ ياراتتى، شەك -شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر رەببىغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرى توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق بىلەن ۋە بەلگىلەنگەن ئەجەل بىلەن ياراتتى. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى رەببىگە مۇلاقات بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر.
30 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب ئۈچۈن) قايتۇرۇلىسىلەر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە بار قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى يېڭىدىن يارىتىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ دەسلەپتە يوقتىن يارىتىدۇ، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
30 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ خَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافُ أَلْسِنَتِكُمْ وَأَلْوَانِكُمْ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِلْعَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى، تىللىرىڭلارنىڭ ۋە رەڭگىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا بىلىدىغانلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
30 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ وَهُوَ أَهْوَنُ عَلَيْهِ ۚ وَلَهُ الْمَثَلُ الْأَعْلَىٰ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلىدۈرىدىغان ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ (يەنى مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈش) ئاللاھقا (ئۇنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغانغا قارىغاندا) ئوڭايدۇر، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى تىرىلىدۈرىدىغان ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ ئاللاھقا ئوڭايدۇر، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ دەسلەپتە يوقتىن يارىتىدىغان، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان زاتتۇر. قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاللاھقا ئاساندۇر. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئۇلۇغ سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
لوقمان سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَ السَّمَاوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ۖ وَأَلْقَىٰ فِي الْأَرْضِ رَوَاسِيَ أَنْ تَمِيدَ بِكُمْ وَبَثَّ فِيهَا مِنْ كُلِّ دَابَّةٍ ۚ وَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ زَوْجٍ كَرِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتتىكى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر. يەر تەۋرەپ سىلەرنى خاتىرجەمسىز قىلمىسۇن دەپ، يەردە تاغلارنى ئورناتتى. زېمىندا تۈرلۈك جاندارلارنى تاراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتتىكى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، يەر تەۋرەپ سىلەرنى خاتىرجەمسىز قىلمىسۇن دەپ، يەردە تاغلارنى ئورناتتى، زېمىندا تۈرلۈك جاندارلارنى تاراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى سىلەر كۆرەلمەيدىغان تۈۋرۈكلەر بىلەن ياراتتى، زېمىندا سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلار قويدى، زېمىندا تۈرلۈك جانلىقلارنى يارىتىپ تارقاتتى. بىز ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا نۇرغۇن پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق.
31 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۚ قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم خەلق ئەتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ، ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر!» بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئۇقمايدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ، ئېيتقىنكى: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر!» بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئۇقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلاردىن «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەلھەمدۇ لىللاھ!». بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
31 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
مَا خَلْقُكُمْ وَلَا بَعْثُكُمْ إِلَّا كَنَفْسٍ وَاحِدَةٍ ۗ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ (دەسلەپتە) يارىتىلىشىڭلار، (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرۈلۈشىڭلار پەقەت بىر ئادەمنىڭ يارىتىلىشى، بىر ئادەمنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى ئىنسانلار!- سىلەرنىڭ دەسلەپتە يارىتىلىشىڭلار ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشىڭلار پەقەت بىر ئادەمنىڭ يارىتىلىشى، بىر ئادەمنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى يارىتىش ۋە سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈش، بىر كىشىنى يارىتىش ۋە بىر كىشىنى تىرىلدۈرۈش بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ مَا لَكُمْ مِنْ دُونِهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا شَفِيعٍ ۚ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىگە يوق، شاپائەت قىلغۇچىمۇ يوق (بۇنى) پىكىر قىلىپ (ئىمان ئېيتمامسىلەر؟)[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە -ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە- قارار ئالدى. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىگە يوق، شاپائەت قىلغۇچىمۇ يوق، پىكىر قىلىپ ئىبرەت ئالمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرش ئۈستىگە يۈكسەلگەن زاتتۇر1، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ۋەلىي ۋە شاپائەتچى يوقتۇر. ئويلانمامسىلەر؟
ياسىن سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
سُبْحَانَ الَّذِي خَلَقَ الْأَزْوَاجَ كُلَّهَا مِمَّا تُنْبِتُ الْأَرْضُ وَمِنْ أَنْفُسِهِمْ وَمِمَّا لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (پۈتۈن ئەيىب ـ نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر (يەنى ئاجايىپ مەخلۇقاتلار) نىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پۈتۈن ئەيىب ـ نۇقسانلاردىن پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار
ئەنەس ئالىم: پۈتكۈل جۈپلەرنى ياراتقان زات پاكتۇر. ئۇ جۈپلەر زېمىن ئۈندۈرۈۋاتقان نەرسىلەردىن، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ۋە ئىنسانلار بىلمەيدىغان نەرسىلەردىن ئىبارەتتۇر.
36 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَخَلَقْنَا لَهُمْ مِنْ مِثْلِهِ مَا يَرْكَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇ كېمىگە ئوخشاش ئۇلار چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتۇق[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇ كېمىگە ئوخشاش ئۇلار چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۈچۈن ئۇ كېمىگە ئوخشاش نەرسىلەرنى يارىتىپ بەردۇق. ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە مىنىدۇ.
36 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا خَلَقْنَا لَهُمْ مِمَّا عَمِلَتْ أَيْدِينَا أَنْعَامًا فَهُمْ لَهَا مَالِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئۇلار ئۈچۈن ھايۋانلارنى (قۇدرەت) قولىمىز بىلەن خەلق ئەتتۇق، ئۇلار ھايۋانلارنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىلاردۇر[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئۇلار ئۈچۈن ھايۋانلارنى قولىمىز بىلەن خەلق ئەتتۇق، ئۇلار ھايۋانلارنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كۆرمىدىمۇ: بىز ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئىشلەپ ئۇلارغا تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى يارىتىپ بەردۇق. ئۇلار ئۇ ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىدۇر.
36 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يُحْيِيهَا الَّذِي أَنْشَأَهَا أَوَّلَ مَرَّةٍ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ خَلْقٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر»[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئۇلارنى دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ. ئۇ ھەر يارىتىشنى بىلگۈچىدۇر».
36 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي جَعَلَ لَكُمْ مِنَ الشَّجَرِ الْأَخْضَرِ نَارًا فَإِذَا أَنْتُمْ مِنْهُ تُوقِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن يېشىل دەرەختىن ئوت پەيدا قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئوت ياقىسىلەر[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن يېشىل دەرەختىن ئوت پەيدا قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئوت ياقىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ يېشىل دەرەختىن سىلەرگە ئوت چىقىرىپ بەرگەن زاتتۇر. سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئوت ياقىسىلەر.
36 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَيْسَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِقَادِرٍ عَلَىٰ أَنْ يَخْلُقَ مِثْلَهُمْ ۚ بَلَىٰ وَهُوَ الْخَلَّاقُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇنىڭغا قادىر، ئاللاھ ماھىر ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇنىڭغا قادىر، ئاللاھ ماھىر ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتنىڭ ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا كۈچى يەتمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە يېتىدۇ! ئۇ ھەر نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر.
ساففات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا زَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِزِينَةٍ الْكَوَاكِبِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار (نۇرى) بىلەن زىننەتلىدۇق[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئەڭ يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت بولغان زىننەت بىلەن زىننەتلىدۇق،
ساد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاءَ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا بَاطِلًا ۚ ذَٰلِكَ ظَنُّ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مِنَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇ (يەنى ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش) كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، كاپىرلارغا دوزاختىن ۋاي![27].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇ كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، دوزاخقا كىرىدىغان بۇ كاپىرلارغا ئىسىت!
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق. ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش كافىرلارنىڭ گۇمانىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇ كافىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇ كافىرلار دوزاخقا كىرىدۇ.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ يُكَوِّرُ اللَّيْلَ عَلَى النَّهَارِ وَيُكَوِّرُ النَّهَارَ عَلَى اللَّيْلِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۗ أَلَا هُوَ الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇ (يەنى ئاللاھ ئۆز ئىشىدا) غالىبتۇر. (بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى) تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە سەير قىلىدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇ غالىبتۇر. بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزنىڭ ئۈستىگە يۆگەپ تۇرىدۇ، كۈندۈزنى كېچىنىڭ ئۈستىگە يۆگەپ تۇرىدۇ. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇردى، ھەر بىرى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
غافىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
لَخَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ أَكْبَرُ مِنْ خَلْقِ النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن كۆپ قىيىندۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (بۇنى) ئۇقمايدۇ[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن تېخمۇ چوڭ بىر ئىشتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى بۇنى ئۇقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئىنسانلارنى يارىتىشتىن چوڭ ئىشتۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
فۇسسىلەت سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَئِنَّكُمْ لَتَكْفُرُونَ بِالَّذِي خَلَقَ الْأَرْضَ فِي يَوْمَيْنِ وَتَجْعَلُونَ لَهُ أَنْدَادًا ۚ ذَٰلِكَ رَبُّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (سەن ئۇلارغا) «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان ئاللاھنى ئىنكار قىلامسىلەر ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەر كەلتۈرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان ئاللاھنى ئىنكار قىلامسىلەر ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەر كەلتۈرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان زاتقا تۇزكورلۇق قىلامسىلەر؟ بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش كۆرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر.
41 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ اسْتَوَىٰ إِلَى السَّمَاءِ وَهِيَ دُخَانٌ فَقَالَ لَهَا وَلِلْأَرْضِ ائْتِيَا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا قَالَتَا أَتَيْنَا طَائِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا) يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار (يەنى ئەمرىمنى قوبۇل قىلىڭلار)» دېدى. ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇ ئاسماننى -يارىتىشقا- يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار» دېدى، ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن تۇمان ھالىتىدىكى ئاسمانغا يۆنەلدى، ئۇنىڭغا ۋە زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار» دېدى. ئۇ ئىككىسى: «ئىختىيارىي ھالدا كەلدۇق» دېدى.
41 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَضَاهُنَّ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ فِي يَوْمَيْنِ وَأَوْحَىٰ فِي كُلِّ سَمَاءٍ أَمْرَهَا ۚ وَزَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِمَصَابِيحَ وَحِفْظًا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى (يەنى ھەر ئاسماننىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى). ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى. ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئاسمانلارنى ئىككى كۈندە يەتتە ئاسمان قىلىپ ئايرىدى ۋە ھەر ئاسمانغا ۋەزىپىسىنى ۋەھىي قىلدى. بىز ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق. بۇ ئەزىز ۋە بىلىپ تۇرغۇچى زاتنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر».
شۇرا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
تَكَادُ السَّمَاوَاتُ يَتَفَطَّرْنَ مِنْ فَوْقِهِنَّ ۚ وَالْمَلَائِكَةُ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِمَنْ فِي الْأَرْضِ ۗ أَلَا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىدىن) ئاسمانلار يۇقىرى تەرىپىدىن يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ، پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، يەر يۈزىدىكىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلار يۇقىرى تەرىپىدىن يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ، پەرىشتىلەر رەببىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ ۋە يەر يۈزىدىكىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلار يۇقىرى تەرىپىدىن يېرىلىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. پەرىشتىلەر رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە زېمىندىكى كىشىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
42 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَاطِرُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ جَعَلَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا وَمِنَ الْأَنْعَامِ أَزْوَاجًا ۖ يَذْرَؤُكُمْ فِيهِ ۚ لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ ۖ وَهُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى (يەنى ئاياللارنى) ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن جۈپلەر يارىتىپ بەردى. ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى جۈپلۈك قىلىپ يارىتىپ بەردى. ئاللاھ بۇ ئارقىلىق سىلەرنى كۆپەيتىدۇ. ئاللاھقا ئوخشايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
42 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ خَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَثَّ فِيهِمَا مِنْ دَابَّةٍ ۚ وَهُوَ عَلَىٰ جَمْعِهِمْ إِذَا يَشَاءُ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ يېيىلىشى ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر، ئاللاھ ئەگەر خالىسا، ئۇلارنى جەمئى قىلىشقا قادىردۇر[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ يېيىلىشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر، ئاللاھ خالىغان ۋاقىتتا، ئۇلارنى جەمئى قىلىشقا قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ يارىتىپ ئۇ ئىككىسىگە تارقاتقان جانلىقلارمۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئۇ خالىغان چېغىدا ئۇلارنى جەم قىلىشقا قادىردۇر.
زۇخرۇف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ خَلَقَهُنَّ الْعَزِيزُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلار ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى (ئاللاھ) ياراتتى» دەيدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ ياراتتى» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئۇلارنى ئەزىز ۋە بىلگۈچى زات ياراتتى» دەيدۇ.
دۇخان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا لَاعِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ (يەنى بىكارغا) ياراتقىنىمىز يوق[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ - بىكارغا ياراتقىنىمىز يوق
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناش ئۈچۈن ياراتمىدۇق.
ئەھقاف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
مَا خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ وَأَجَلٍ مُسَمًّى ۚ وَالَّذِينَ كَفَرُوا عَمَّا أُنْذِرُوا مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق ئاساستا مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە قالىدىغان) قىلىپ ياراتتۇق. كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق ئاساستا ۋە مۇئەييەن مۇددەت بىلەن ياراتتۇق. كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق بىلەن ۋە بەلگىلەنگەن ئەجەل بىلەن ياراتتۇق. كافىرلار ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىدىن يۈز ئۆرۈمەكتە.
46 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّ اللَّهَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَلَمْ يَعْيَ بِخَلْقِهِنَّ بِقَادِرٍ عَلَىٰ أَنْ يُحْيِيَ الْمَوْتَىٰ ۚ بَلَىٰ إِنَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كۇففارلار) بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ دۇرۇس، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان ئاللاھ، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، ئۇلارنى يارىتىش بىلەن چارچاپ قالمىغان ئاللاھنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئەلۋەتتە قادىردۇر، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
قاف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَعَيِينَا بِالْخَلْقِ الْأَوَّلِ ۚ بَلْ هُمْ فِي لَبْسٍ مِنْ خَلْقٍ جَدِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئىنسانلارنى) دەسلەپتە يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (بىز بۇنىڭدا ئاجىزلىق قىلمىغاچقا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈشتىمۇ ئاجىزلىق قىلمايمىز). ئۇلار يېڭىدىن يارىتىلىشقا (يەنى قىيامەتتە تىرىلدۈرۈشكە) قارىتا گۇماندىدۇر[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: دسلەپتە يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ بەلكى ئۇلار يېڭىدىن يارىتىلشقا قارىتا قاتتىق گۇماندىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز دەسلەپكى يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ ياق، ئۇلار يېڭىدىن يارىتىشتىن شۈبھىلەنمەكتە.
50 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ وَمَا مَسَّنَا مِنْ لُغُوبٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق، بىز ھېچقانداق چارچاپ قالغىنىمىز يوق[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق، بىزگە ھېچقانداق چارچاشمۇ كەلمىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق. بىزگە ھېچ ھارغىنلىق يەتمىدى.
زارىيات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّمَاءَ بَنَيْنَاهَا بِأَيْدٍ وَإِنَّا لَمُوسِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بەرپا قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى داۋاملىق كېڭەيتكۈچىلەرمىز[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بەرپا قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن قۇدرەتلىكمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بىنا قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، بىز كېڭەيتكۈچىمىز.
51 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ كُلِّ شَيْءٍ خَلَقْنَا زَوْجَيْنِ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق
ئەنەس ئالىم: ھەر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق. ئويلانغايسىلەر!
تۇر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّقْفِ الْمَرْفُوعِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان بىلەن قەسەمكى[5]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: كۆتۈرۈلگەن تورۇس بىلەن،
52 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ خَلَقُوا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ ۚ بَلْ لَا يُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار ئىشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۇلار ياراتتىمۇ؟ ياق، ئۇلار جەزمەن ئىشەنمەيدۇ.
رەھمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّمَاءَ رَفَعَهَا وَوَضَعَ الْمِيزَانَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى[7ـ8]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى ۋە تارازىنى بېكىتتى
ئەنەس ئالىم: رەھمان ئاسماننى كۆتۈردى ۋە مىزاننى قويدى.
ھەدىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۚ يَعْلَمُ مَا يَلِجُ فِي الْأَرْضِ وَمَا يَخْرُجُ مِنْهَا وَمَا يَنْزِلُ مِنَ السَّمَاءِ وَمَا يَعْرُجُ فِيهَا ۖ وَهُوَ مَعَكُمْ أَيْنَ مَا كُنْتُمْ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، (ئاندىن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، ئاللاھ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن -ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە- ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، ئاللاھ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىگە يۈكسەلدى. ئاللاھ زېمىنغا كىرىۋاتقان ۋە زېمىندىن چىقىۋاتقان، ئاسماندىن چۈشۇۋاتقان ۋە ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقان بارلىق نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئاللاھ قەيەردە بولساڭلار سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
57 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
اعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ قَدْ بَيَّنَّا لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىلىڭلاركى، ئاللاھ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قاقاس، قۇرغاق زېمىننى يامغۇر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ سىلەرگە (كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەرنى بايان قىلدۇق[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلىڭلاركى، ئاللاھ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ سىلەرگە ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ. بىز سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى بايان قىلدۇق. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر!
ھەشر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ اللَّهُ الْخَالِقُ الْبَارِئُ الْمُصَوِّرُ ۖ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ ۚ يُسَبِّحُ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ھەممىنى) ياراتقۇچىدۇر، (يوقلۇقتىن) پەيدا قىلغۇچىدۇر، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاللاھ ياراتقۇچىدۇر، يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە شەكىل بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملار ئۇنىڭدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھتۇر، ياراتقۇچىدۇر، بار قىلغۇچىدۇر، شەكىل ۋە ئالاھىدىلىك بەرگۈچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملار ئۇنىڭدۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تەغابۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ ۖ وَإِلَيْهِ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى، سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى، سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. سىلەرنى ئەڭ گۈزەل شەكىللەردە شەكىللەندۈردى. قايتىپ بارىدىغان جايىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر.
تالاق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
65 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ وَمِنَ الْأَرْضِ مِثْلَهُنَّ يَتَنَزَّلُ الْأَمْرُ بَيْنَهُنَّ لِتَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ وَأَنَّ اللَّهَ قَدْ أَحَاطَ بِكُلِّ شَيْءٍ عِلْمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى زېمىننىمۇ ئاسمانلارغا ئوخشاش (يەنى يەتتە قىلىپ) ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ، (سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈشۈم) ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى، زېمىندىنمۇ ئاسمانلارنىڭ ئوخشىشىنى ياراتتى، ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى. زېمىندىنمۇ ئۇ يەتتە ئاسماننىڭ ئوخشىشىنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەمر چۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
مۈلك سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا ۖ مَا تَرَىٰ فِي خَلْقِ الرَّحْمَٰنِ مِنْ تَفَاوُتٍ ۖ فَارْجِعِ الْبَصَرَ هَلْ تَرَىٰ مِنْ فُطُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن. سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن؟[3]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن، سەن ئاسمانلارغا تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەتتە ئاسماننى بىر - بىرىگە ماس قىلىپ ياراتقان زاتتۇر. رەھماننىڭ يارىتىشىدا ھېچ تەرتىپسىزلىك كۆرمەيسەن. قاراپ باققىن، بىرەر يوچۇق كۆرەمسەن؟
67 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ ارْجِعِ الْبَصَرَ كَرَّتَيْنِ يَنْقَلِبْ إِلَيْكَ الْبَصَرُ خَاسِئًا وَهُوَ حَسِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاندىن تەكرار - تەكرار قاراپ باققىن، كۆزۈڭ ساڭا ئۈمىدسىز ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ.
نوھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَوْا كَيْفَ خَلَقَ اللَّهُ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر كۆرمىدىڭلارمىكىن، ئاللاھ قانداق قىلىپ يەتتە ئاسماننى بىرىنىڭ ئۈستىدە بىرىنى قىلىپ ياراتتى[15]،
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر كۆرمىدىڭلارمىكىن، ئاللاھ قانداق قىلىپ يەتتە ئاسماننى بىرىنىڭ ئۈستىدە بىرىنى قىلىپ ياراتتى
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭلارمۇ، ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىر - بىرىگە ماس قىلىپ قانداق ياراتتى؟
نەبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
78 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَنَيْنَا فَوْقَكُمْ سَبْعًا شِدَادًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسماننى بىنا قىلدۇق[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسماننى بىنا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسمان بىنا قىلدۇق.
نازىئات سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
أَأَنْتُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَمِ السَّمَاءُ ۚ بَنَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى ياراتتى[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ياكى ئاللاھ ياراتقان ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى يارىتىش تەسمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىشمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى بىنا قىلدى،
79 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
رَفَعَ سَمْكَهَا فَسَوَّاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى يۈكسەك قىلدى ۋە كەم ـ كۈتىسىز قىلدى[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى يۈكسەك قىلدى ۋە كەم ـ كۈتىسىز قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ تورۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تەكشىلىدى،
79 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْأَرْضَ بَعْدَ ذَٰلِكَ دَحَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى (ئەھلى زېمىننىڭ تۇرۇشىغا لايىق قىلىپ) يايدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى يايدى
ئەنەس ئالىم: زېمىننى ئۇنىڭدىن كېيىن يايدى،
غاشىيە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
88 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَى السَّمَاءِ كَيْفَ رُفِعَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى[18]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى؟
ئەنەس ئالىم: ئاسمانغا قارىمامدۇ، ئۇ قانداق كۆتۈرۈلدى؟
شەمس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
91 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى[5]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن
ئەنەس ئالىم: ئاسمان ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى،