ئاللاھقا ئىتائەت
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھنىڭ يېقىنلىشىشىنىڭ يولى سۈپىتىدە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرىگە تولۇق بويسۇنۇش.
ئەرەبچىىسى: الطاعة
ئېنگلىزچىسى: Obedience to Allah
145 ئايەت
43 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئاللاھقا يېقىنلىق /
- 📄 ئاللاھقا ئىتائەت
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تَذْبَحُوا بَقَرَةً ۖ قَالُوا أَتَتَّخِذُنَا هُزُوًا ۖ قَالَ أَعُوذُ بِاللَّهِ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْجَاهِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن (يەنى مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن) بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «سەن بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «مەن (باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ) نادانلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھ سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى، قەۋمى ئۇنىڭغا: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سېغىنىمەن» دېدى.
2 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ ۚ قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا فَارِضٌ وَلَا بِكْرٌ عَوَانٌ بَيْنَ ذَٰلِكَ ۖ فَافْعَلُوا مَا تُؤْمَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە قانداق كالا ئىكەنلىكىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا: «ئاللاھ ئۇنى قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن، دەپ ئېيتتى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ قانداق كالا ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا: «ئاللاھ ئۇنى چوقۇم قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن دېدى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇساغا: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇ قانداق كالا؟» دېگەن ئىدى، مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بىر كالا› دەيدۇ. بۇيرۇلغىنىڭلارنى قىلىڭلار» دېدى.
2 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا لَوْنُهَا ۚ قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ صَفْرَاءُ فَاقِعٌ لَوْنُهَا تَسُرُّ النَّاظِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ رەڭگىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى، «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ رەڭگى قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ قانداق رەڭدە ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى، «ئاللاھ ئۇ كالىنىڭ رەڭگى چوقۇم قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇنىڭ رەڭگى قانداق؟» دېگەن ئىدى. مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ رەڭگى ساپسېرىق، كۆرگەنلەرنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر كالا› دەيدۇ» دېدى.
2 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ إِنَّ الْبَقَرَ تَشَابَهَ عَلَيْنَا وَإِنَّا إِنْ شَاءَ اللَّهُ لَمُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن، ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىزگە بايان قىلسۇن، (يەنى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلگەن كالىمۇ، ياكى سەمرىتىش ئۈچۈن بېقىلغان كالىمۇ؟) بۇ بىزگە مۈجمەل بولۇپ قالدى (بۇ ئېنىق بولىدىغان بولسا) خۇدا خالىسا (ئۇنى) بىز چوقۇم تاپىمىز» دېدى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن، بىزگە ئۇنىڭ قانداق كالا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق دەپ بەرسۇن، بۇ بىزگە تازا ئېنىق بولماي قالدى، (ئېنىق بولغاندىن كېيىن) خۇدا خالىسا ئۇنى بىز چوقۇم تاپىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇ قانداق كالا؟ چۈنكى بىزنىڭچە كالىلار ئوخشىشىپ قالدى، ئىنشائاللاھ ئۇنى تاپىمىز» دېدى.
2 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا ذَلُولٌ تُثِيرُ الْأَرْضَ وَلَا تَسْقِي الْحَرْثَ مُسَلَّمَةٌ لَا شِيَةَ فِيهَا ۚ قَالُوا الْآنَ جِئْتَ بِالْحَقِّ ۚ فَذَبَحُوهَا وَمَا كَادُوا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «ئاللاھ ئۇنىڭ يەر ھەيدەپ، ئېكىن سۇغىرىپ كۆندۈرۈلگەن بولماسلىقىنى، بېجىرىم، ئالىسى يوق (يەنى رەڭگىدە سېرىقلىقتىن باشقا رەڭ يوق) بولۇشىنى ئېيتتى» دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئۇلار (كالىنى) تېپىپ كېلىپ بوغۇزلىدى، (ئۇلار سوئال سوراۋەرگەنلىكتىن) بۇنى ئورۇنلىيالمىغىلى تاس قالدى[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «ئاللاھ ئۇ يەر ھەيدەشكە، زىرائەت سۇغىرىشقا كۆندۈرۈلمىگەن، بېجىرىم، ئالىسى يوق كالا بولسۇن دەيدۇ» دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئۇلار كالىنى (تېپىپ كېلىپ) بوغۇزلىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بوغۇزلىيالمىغىلى تاس قالغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ تېخى بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ يەر ھەيدىمىگەن ۋە ئېكىن سۇغارمىغان، ئەركىن قويۇۋېتىلگەن ۋە ھېچ ئالىسى بولمىغان بىر كالا› دەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «مانا ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئاندىن ئۇ كالىنى تېپىپ بوغۇزلىدى. ئۇلار بۇنى قىلمىغىلى تاس قالغان ئىدى.
2 : 208 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ادْخُلُوا فِي السِّلْمِ كَافَّةً وَلَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار. شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر[208].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! تىنچلىققا تولۇق كىرىڭلار، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار60. چۈنكى شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر.
2 : 238 - ئايەت
كۆرۈش
حَافِظُوا عَلَى الصَّلَوَاتِ وَالصَّلَاةِ الْوُسْطَىٰ وَقُومُوا لِلَّهِ قَانِتِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (بەش) نامازغا بولۇپمۇ نامازدىگەرگە ئەھمىيەت بېرىڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار). ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا (يەنى نامازدا) ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار[238].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر نامازلارغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرىدىكى نامازغا(يەنى ناماز دىگەرگە) ئەھمىيەت بېرىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرى (يەنى ناماز) دا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار
ئەنەس ئالىم: نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى69 مۇھاپىزەت قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار.
2 : 244 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَاتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى، ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[244].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 278 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار[278].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ھەقىقي مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە قېلىپ قالغان جازانىنى ئالماڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار.
2 : 285 - ئايەت
كۆرۈش
آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِ مِنْ رَبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ ۚ كُلٌّ آمَنَ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْ رُسُلِهِ ۚ وَقَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۖ غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز)» دەيدۇ. ئۇلار: «بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دەيدۇ[285].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابغا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. ئۇلار: «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئېيتىمىز» دەيدۇ. ئۇلار: «بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، ئى رەببىمىز! بىز سېنىڭ مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر قايتىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ بۇ ئەلچىسى رەببى تەرىپىدىن ئۆزىگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئىشەندى. مۇئمىنلارمۇ قۇرئانغا ئىشەندى. ھەممىسى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەندى ۋە: «بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىدىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز» دېدى. ئۇلار يەنە: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق. رەببىمىز! بىزنى كەچۈرگىن، ئاخىرى سېنىڭ ھۇزۇرىڭغا قايتىمىز» دەيدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ حَاجُّوكَ فَقُلْ أَسْلَمْتُ وَجْهِيَ لِلَّهِ وَمَنِ اتَّبَعَنِ ۗ وَقُلْ لِلَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْأُمِّيِّينَ أَأَسْلَمْتُمْ ۚ فَإِنْ أَسْلَمُوا فَقَدِ اهْتَدَوْا ۖ وَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن (دىن بارىسىدا) مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزەمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىگە بويسۇنغۇچىمىز)» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە ئۇممىيلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا) : «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭ بار، ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ھەممە ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزۈمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە بىلىمسىزلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا) : «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولۇشتىن باش تارتسا، ئۇ ھالدا، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلا بار، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن دەتالاش قىلىشسا، ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزەمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم، ماڭا ئەگەشكەنلەرمۇ ئۆزلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇردى». كىتاب بېرىلگەنلەر بىلەن ئۇممىيلارغا: «ئىسلامنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن. ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، توغرا يولغا كىرگەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، سېنىڭ ۋەزىپەڭ تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان بولساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
3 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَطِيعُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ ۖ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ كاپىرلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنى) دوست تۇتمايدۇ[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتسا، ئاللاھ بۇنداق كافىرلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ كافىرلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
3 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
يَا مَرْيَمُ اقْنُتِي لِرَبِّكِ وَاسْجُدِي وَارْكَعِي مَعَ الرَّاكِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىل»[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىلغىن، سەجدە قىلغىن ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: ئى مەريەم! رەببىڭگە چىن كۆڭلۈڭدىن ئىتائەت قىلغىن، سەجدە قىلغىن ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلغىن».
3 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَمُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَلِأُحِلَّ لَكُمْ بَعْضَ الَّذِي حُرِّمَ عَلَيْكُمْ ۚ وَجِئْتُكُمْ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم)، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن (كەلدىم). سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە (مېنىڭ ئەمرىمگە) ئىتائەت قىلىڭلار[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان ھالدا كەلدىم، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن كەلدىم. مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: مەن ئالدىمدىكى تەۋراتنى تەستىقلاش ۋە سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم. مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن ئايەت ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
3 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَغَيْرَ دِينِ اللَّهِ يَبْغُونَ وَلَهُ أَسْلَمَ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَإِلَيْهِ يُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئاللاھنىڭ دىنىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) باشقا دىننى تىلەمدۇ؟ ھالبۇكى، ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئاللاھقا بويسۇنغان تۇرسا، ئۇلار (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ تەرىپىگە قايتۇرۇلىدۇ[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئاللاھقا بويسۇنۇۋاتقان تۇرسا، ئەھلى كىتاب ئاللاھنىڭ دىنىدىن باشقا دىنغا ئىنتىلسە بولامدۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن باشقا دىن ئىزدەۋاتامدۇ؟ ھالبۇكى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ئىخىتىيارىي ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ئاللاھقا تەسلىم بولغان ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدىغان تۇرسا!
3 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ھەقىقىي رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا، لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ئاخىرقى نەپىسىڭلارغا قەدەر مۇسۇلمان بولۇڭلار.
3 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر.
3 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنْ تُطِيعُوا الَّذِينَ كَفَرُوا يَرُدُّوكُمْ عَلَىٰ أَعْقَابِكُمْ فَتَنْقَلِبُوا خَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر كاپىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئارقاڭلارغا (يەنى كۇفرىغا) ياندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتىپ قالىسىلەر[149].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر كافىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى كۇفرغا ياندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتىپ قالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئەگەر كافىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئارقاڭلارغا ياندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتىپ كېتىسىلەر.
3 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ صَدَقَكُمُ اللَّهُ وَعْدَهُ إِذْ تَحُسُّونَهُمْ بِإِذْنِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا فَشِلْتُمْ وَتَنَازَعْتُمْ فِي الْأَمْرِ وَعَصَيْتُمْ مِنْ بَعْدِ مَا أَرَاكُمْ مَا تُحِبُّونَ ۚ مِنْكُمْ مَنْ يُرِيدُ الدُّنْيَا وَمِنْكُمْ مَنْ يُرِيدُ الْآخِرَةَ ۚ ثُمَّ صَرَفَكُمْ عَنْهُمْ لِيَبْتَلِيَكُمْ ۖ وَلَقَدْ عَفَا عَنْكُمْ ۗ وَاللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە قىلغان (دۈشمىنىڭلارغا قارشى نۇسرەت ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت) ۋەدىسىدە تۇردى؛ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار، ئاللاھ سىلەر ياقتۇرىدىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن زەئىپلىشىپ قالدىڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى توغرىسىدا جاڭجاللاشتىڭلار، (پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنمىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى دۈشمەندىن قايتۇردى (يەنى سىلەرنى غەلىبىدىن مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى) ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۆمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[152].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە قىلغان ۋەدىسىدە تۇردى. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار، ئاللاھ سىلەر ياقتۇرىدىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن زەئىپلىشىپ قالدىڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى توغرىسىدا دەتالاش قىلدىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنمىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى دۈشمەن بىلەن ئېلىشىشتىن چېكىندۈردى (يەنى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى) ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۆمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇردى، سىلەر ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن دۈشمىنىڭلارنى قىرىپ تاشلايتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ سىلەر ئارزۇ قىلغان نەرسىنى سىلەرگە كۆرسەتكەندىن كېيىن بوشاڭلىق قىلدىڭلار، بېرىلگەن ئەمر توغرىسىدا تالاش - تارتىش قىلىشتىڭلار ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلدىڭلار. ئىچىڭلاردىن بەزىلەر دۇنيانى ئىرادە قىلاتتى، بەزىلەر ئاخىرەتنى ئىرادە قىلاتتى. ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۇئمىنلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر.
نىسا سۈرىسى
17 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ ۚ وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ يُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن يۇقىرىدىكى ئەھكاملار) ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ ئەھكاملار ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ شۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
4 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَتَعَدَّ حُدُودَهُ يُدْخِلْهُ نَارًا خَالِدًا فِيهَا وَلَهُ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ. ئۇ كىشى دوزاختا يالغۇز ھالدا مەڭگۈ قالغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
4 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تَجْتَنِبُوا كَبَائِرَ مَا تُنْهَوْنَ عَنْهُ نُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَنُدْخِلْكُمْ مُدْخَلًا كَرِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىمىز[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىمىز
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر چەكلەنگەن گۇناھلارنىڭ چوڭلىرىدىن ساقلانساڭلار، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل جايغا كىرگۈزىمىز.
4 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّهُ بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ وَبِمَا أَنْفَقُوا مِنْ أَمْوَالِهِمْ ۚ فَالصَّالِحَاتُ قَانِتَاتٌ حَافِظَاتٌ لِلْغَيْبِ بِمَا حَفِظَ اللَّهُ ۚ وَاللَّاتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ وَاضْرِبُوهُنَّ ۖ فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ فَلَا تَبْغُوا عَلَيْهِنَّ سَبِيلًا ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيًّا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ ـ قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر). ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئاللاھنىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر. سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەبلەپ قويۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (ئاللاھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ)(ئىزاھات: بۇ ئىسلامنىڭ دەسلىۋېدىكى ھۆكۈم بولۇپ، كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.)[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەرلەر ئاياللارنى باشقۇرغۇچىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئەرلەرنى ئاياللاردىن ئارتۇقچىلىققا ئىگە قىلغانلىقىدىن ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ـ ماللىرىنى ئۇلارغا سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر. ياخشى ئاياللار ئىتائەتمەن، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردىمۇ ئاللاھنىڭ تەلىپى بويىچە ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلايدىغان ئاياللاردۇر. سىلەر ئۆزۈڭلارغا بوي ئەگمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەپلەپ قويۇڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئەرلەر ئاياللىرىنى باشقۇرغۇچى ۋە ساقلىغۇچىلاردۇر. بۇ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقى17 ۋە ئەرلەرنىڭ ماللىرىدىن چىقىم قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر18. ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر ۋە ئاللاھ ساقلىغانلىقى ئۈچۈن يالغۇز چاغلىرىدا ئۆزلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر19. سىلەر نۇشۇزىدىن20 قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، ئۇلارنى تۆشەكلەردە يالغۇز قويۇڭلار، ئۇلارنى ئۇرۇڭلار21. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا قارشى باشقا يول ئىزدىمەڭلار22. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر.
4 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تُؤَدُّوا الْأَمَانَاتِ إِلَىٰ أَهْلِهَا وَإِذَا حَكَمْتُمْ بَيْنَ النَّاسِ أَنْ تَحْكُمُوا بِالْعَدْلِ ۚ إِنَّ اللَّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُمْ بِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ سَمِيعًا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇشقا ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغان چېغىڭلاردا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان بۇ ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنْكُمْ ۖ فَإِنْ تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر ئىشتا ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە (يەنى قۇرئانغا ۋە ھەدىسكە) مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگىمۇ ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر بىرەر نەرسىدە تالاش - تارتىش قىلىشىپ قالساڭلار، ئۇنى ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا قايتۇرۇڭلار، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار. ئەنە شۇ خەيرلىكتۇر ۋە نەتىجە جەھەتتە بەك ياخشىدۇر.
4 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ رَسُولٍ إِلَّا لِيُطَاعَ بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ إِذْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ جَاءُوكَ فَاسْتَغْفَرُوا اللَّهَ وَاسْتَغْفَرَ لَهُمُ الرَّسُولُ لَوَجَدُوا اللَّهَ تَوَّابًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەر قانداق پەيغەمبەرنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەقەت ئىتائەت قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ)، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (سېنىڭ ھۆكمىڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، سېنىڭ يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، پەيغەمبەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاللاھنى كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان تاپاتتى[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەربىر پەيغەمبەرنى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىنسۇن دەپلا ئەۋەتتۇق، مۇناپىقلار (سېنىڭ ھۆكمۈڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغاندا، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسا، سەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئاللاھنىڭ كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالاتتى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ھەر ئەلچىنى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىتائەت قىلىنىشى ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغلىرىدا يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان سەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگەن بولساڭ31، ئۇلار ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى، كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرەتتى.
4 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لَا يَجِدُوا فِي أَنْفُسِهِمْ حَرَجًا مِمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغىچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، مۇناپىقلار دەتالاش توغرىسىدا ساڭا ھۆكۈم چىقارغۇزمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمۈڭگە چىن كۆڭلىدىن رازى بولمىغۇچە ۋە ساڭا پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئىش ئۇ مۇنافىقلار ئويلىغاندەك ئەمەس. رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىلىرىدا چىققان تالاش - تارتىشلاردا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەيىنلەپ، ئاندىن سەن چىقارغان ھۆكۈمگە دىللىرىدا قىلچە غۇم ھېس قىلماستىن تولۇق تەسلىم بولمىغىچە ھەرگىزمۇ مۇئمىن بولمايدۇ.
4 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّا كَتَبْنَا عَلَيْهِمْ أَنِ اقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ أَوِ اخْرُجُوا مِنْ دِيَارِكُمْ مَا فَعَلُوهُ إِلَّا قَلِيلٌ مِنْهُمْ ۖ وَلَوْ أَنَّهُمْ فَعَلُوا مَا يُوعَظُونَ بِهِ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ وَأَشَدَّ تَثْبِيتًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ ئەمر قىلغان بولساق (يەنى ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگەندەك ئېغىر تەكلىپنى ئۇلارغا يۈكلىسەك) ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى. ئەگەر ئۇلار قىلىنغان ۋەز ـ نەسىھەتكە ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ياخشى بولاتتى ۋە ئىمانى مۇستەھكەم بولغان بولاتتى (گۇمراھلىق ۋە نىفاقتىن ئەڭ يىراق بولغان بولاتتى)[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ ئەمر قىلغان بولساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى؛ ئەگەر ئۇلار قىلىنغان ۋەز ـ نەسىھەتكە ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ياخشى بولاتتى ۋە ئىمانى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان بولاتتى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ يازغان بولساق، بۇنى ئۇلاردىن پەقەت ئازغىنە كىشى قىلاتتى. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتكە ئەمەل قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن خەيرلىك ۋە مۇستەھكەملىگۈچى بولاتتى.
4 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذًا لَآتَيْنَاهُمْ مِنْ لَدُنَّا أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ چاغدا دەرگاھىمىزدىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلاتتۇق[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ چاغدا دەرگاھىمىزدىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلاتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇ تەقدىردە بىز ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئۆز تەرىپىمىزدىن كاتتا ئەجىر ئاتا قىلاتتۇق،
4 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهَدَيْنَاهُمْ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا ھىدايەت قىلاتتۇق[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا باشلايتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئەلۋەتتە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلاتتۇق.
4 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَالرَّسُولَ فَأُولَٰئِكَ مَعَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ وَالصِّدِّيقِينَ وَالشُّهَدَاءِ وَالصَّالِحِينَ ۚ وَحَسُنَ أُولَٰئِكَ رَفِيقًا
مۇھەممەد سالىھ: كىملەركى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار![69]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان كىشىلەر (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلغانلار ئاللاھ ئىنئام قىلغان نەبىيلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ. ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلاردۇر!
4 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ ۖ وَمَنْ تَوَلَّىٰ فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ (چۈنكى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزىدۇ). كىمكى (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ، ئەمەللىرىگە قاراپ ھېساب ئالغۇچى) قىلىپ ئەۋەتمىدۇق[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ئىتائەتتىن باش تارتىدىكەن، (ئى مۇھەممەد! بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق
ئەنەس ئالىم: كىم رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ چوقۇم ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق.
4 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُشَاقِقِ الرَّسُولَ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ الْهُدَىٰ وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ الْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئۆزىگە (مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![115].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يولغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: كىمكى توغرا يولنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلسا ۋە مۇئمىنلارنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگەشسە، بىز ئۇنى كىرگەن يولىغا قويۇپ بېرىمىز ۋە جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
4 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَحْسَنُ دِينًا مِمَّنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ وَاتَّبَعَ مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۗ وَاتَّخَذَ اللَّهُ إِبْرَاهِيمَ خَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلغان)، باتىل دىنلاردىن بۇرالغان ھالدا ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىن دىنىي جەھەتتە ياخشىراق ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان، ئىبىراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ياخشىراق ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى
ئەنەس ئالىم: دىن جەھەتتە سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ۋە ھەقكە يۆنەلگەن ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ياخشى ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى.
4 : 144 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الْكَافِرِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ الْمُؤْمِنِينَ ۚ أَتُرِيدُونَ أَنْ تَجْعَلُوا لِلَّهِ عَلَيْكُمْ سُلْطَانًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! مۆمىنلەرنى قويۇپ، كاپىرلارنى ۋەلى قىلىۋالماڭلار، سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا (يەنى مۇناپىق ئىكەنلىكىڭلارغا) ئاللاھنىڭ روشەن پاكىتى بولۇشىنى خالامسىلەر؟[144].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! مۆمىنلەرنى قويۇپ، كافىرلارنى دوست تۇتماڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ زىيىنى (يەنى مۇناپىق ئىكەنلىكىڭلار) غا ئاللاھنىڭ روشەن پاكىتى بولۇشىنى خالامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! مۇئمىنلارنى قويۇپ كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋالماڭلار62. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ زىيىنىغا ئاللاھنىڭ روشەن دەلىلى بولۇشىنى خالامسىلەر؟
4 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَفَعْنَا فَوْقَهُمُ الطُّورَ بِمِيثَاقِهِمْ وَقُلْنَا لَهُمُ ادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُلْنَا لَهُمْ لَا تَعْدُوا فِي السَّبْتِ وَأَخَذْنَا مِنْهُمْ مِيثَاقًا غَلِيظًا
مۇھەممەد سالىھ: (تەۋرات شەرىئىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقلىرى سەۋەبلىك) ئۇلاردىن ئەھدە ئالماق ئۈچۈن ئۈستىگە تۇر (تېغى) نى تىكلەپ قويدۇق، ئۇلارغا: «(بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاڭلار (يەنى شەنبىدە بېلىق تۇتۇش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار)» دېدۇق. ئۇلاردىن (بۇ ھەقتە) مەھكەم ۋەدە ئالدۇق[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئەھدە ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇر تېغىنى تىكلەپ قويۇپ: «سىلەر بەيتۇلمۇقەددەس دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار» دېگەن ھەمدە: «شەنبىدە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار (يەنى بېلىق تۇتماڭلار)» دەپ، ئۇلاردىن مەھكەم ۋەدە ئالغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىن ئەھدە ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇر تېغىنى كۆتۈردۇق ۋە ئۇلارغا: «دەرۋازىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبە كۈنىدە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار» دېدۇق ۋە ئۇلاردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق.
مائىد سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمِيثَاقَهُ الَّذِي وَاثَقَكُمْ بِهِ إِذْ قُلْتُمْ سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن (ئۇلۇغ) نېمىتىنى ۋە سىلەر بىلەن قىلغان مۇئاھىدىسىنى ئەسلەڭلار. ئەينى زاماندا سىلەر: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېگەن ئىدىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار (يەنى ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى بۇزۇشتىن ساقلىنىڭلار). ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ) دىللىرىدىكى سىرلىرىنى بىلگۈچىدۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ۋە ئەينى چاغدا ئۆزۈڭلارنىڭ: «چوقۇم ئاڭلايمىز ۋە ئىتائەت قىلىمىز» دەپ ئاللاھقا چىن ۋەدە بەرگەنلىكىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىلىڭلاردىكىنىمۇ بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ۋە سىلەردىن ئالغان مۇستەھكەم ئەھدىنى ياد ئېتىڭلار. سىلەر ئۇ چاغدا: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېگەن ئىدىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.
5 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
يَا قَوْمِ ادْخُلُوا الْأَرْضَ الْمُقَدَّسَةَ الَّتِي كَتَبَ اللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَرْتَدُّوا عَلَىٰ أَدْبَارِكُمْ فَتَنْقَلِبُوا خَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان (يەنى سىلەرنى كىرىشكە ئەمر قىلغان) مۇقەددەس زېمىنغا (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئارقاڭلارغا چېكىنمەڭلار، بولمىسا (ئىككىلا دۇنيادا) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر»[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە كىرىشنى بۇيرۇغان مۇقەددەس زېمىنغا (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئارقاڭلارغا چېكىنمەڭلار، بولمىسا، زىيان تارتقۇچى بولۇپ قالىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە يازغان مۇقەددەس زېمىنغا كىرىڭلار ۋە ئارقاڭلارغا يانماڭلار. بولمىسا زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ قالىسىلەر».
5 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَابْتَغُوا إِلَيْهِ الْوَسِيلَةَ وَجَاهِدُوا فِي سَبِيلِهِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! مەقسەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا (تائەت ـ ئىبادەت قىلىش، گۇناھتىن ساقلىنىش بىلەن) يېقىنچىلىقنى تىلەڭلار، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! مەقسەتكە يېتىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى ئىزدەڭلار15، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
5 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَلْيَحْكُمْ أَهْلُ الْإِنْجِيلِ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فِيهِ ۚ وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى ئىنجىللار (يەنى ناسارالار) ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنجىل ئەھلى ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنجىل ئەھلى، ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلسۇن. كىم ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار فاسىقلاردۇر.
5 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنِ احْكُمْ بَيْنَهُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ وَاحْذَرْهُمْ أَنْ يَفْتِنُوكَ عَنْ بَعْضِ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ إِلَيْكَ ۖ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَاعْلَمْ أَنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُصِيبَهُمْ بِبَعْضِ ذُنُوبِهِمْ ۗ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ لَفَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ بىر قىسمىدىن سېنى ۋاز كەچتۈرۈشىدىن ساقلانغىن. ئەگەر ئۇلار (ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان ھۆكۈمدىن) يۈز ئۆرۈسە، (ئى مۇھەممەد!) بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شەك ـ شۈبھىسىزكى، كىشىلەردىن نۇرغۇنى پاسىقتۇر (يەنى پەرۋەردىگارىنىڭ تائىتىدىن باش تارتىپ، ھەققە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھقا چۆمگۈچىلەردۇر)[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ بىر قىسمىدىن سېنى ۋاز كەچتۈرۈشىدىن ھەزەر ئەيلىگىن. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، (ئى مۇھەممەد!) بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شەك ـ شۈبھىسىزكى، كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنى پاسىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، ئۇلار سېنى ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ بىر قىسمىدىن ۋاز كەچۈرمىسۇن. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە بىلگىنكى، ئاللاھ ئۇلارغا بەزى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن مۇسىبەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتەن فاسىقلاردۇر.
5 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا وَلِيُّكُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَالَّذِينَ آمَنُوا الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ رَاكِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە نامازنى تەلەپكە لايىق ئۆتەيدىغان، زاكات بېرىدىغان ۋە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) كەمتەرلىك بىلەن بويسۇىدىغان مۆمىنلەردۇر [55].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە نامازنى مۇكەممەل ئۆتەيدىغان، زاكات بېرىدىغان، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) كەمتەرلىك بىلەن بويسۇنىدىغان مۆمىنلەردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ ۋەلىيىڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، زاكاتنى بېرىدىغان مۇئمىنلاردۇر. ئۇ مۇئمىنلار ئاللاھقا تولۇق ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر.
5 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَتَوَلَّ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَالَّذِينَ آمَنُوا فَإِنَّ حِزْبَ اللَّهِ هُمُ الْغَالِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە مۆمىنلەرنى دوست تۇتىدىكەن، (ئۇ ئاللاھنىڭ جامائەسىدىندۇر). ئاللاھنىڭ جامائەسى (ئەلۋەتتە) غالىبتۇر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە مۆمىنلەرنى دوست تۇتىدىكەن، ئاللاھنىڭ بۇنداق جامائەسى ئەلۋەتتە غالىبتۇر
ئەنەس ئالىم: كىم ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى ۋە مۇئمىنلارنى ۋەلىي قىلىۋالىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھنىڭ گۇرۇھى چوقۇم غالىب كەلگۈچىلەردۇر.
5 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ كَانُوا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالنَّبِيِّ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِ مَا اتَّخَذُوهُمْ أَوْلِيَاءَ وَلَٰكِنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ فَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتسا ئىدى، كاپىرلارنى دوست تۇتمايتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتقان بولسا ئىدى ، كافىرلارنى دوست تۇتمايتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى پاسىقلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، نەبىيگە ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتقان بولسا، كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋالمايتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقتۇر.
5 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُحَرِّمُوا طَيِّبَاتِ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَعْتَدُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزۈڭلارغا) ھارام قىلماڭلار، (ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ (ئىزاھات: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋېتىش، گۆش يېمەسلىك، ئاياللارغا يېقىن يولىماسلىق نىيىتىگە كەلگەن ئىدى، بۇ توغرىدا بۇ ئايەت نازىل بولغان.) [87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ئۆزۈڭلارغا ھارام قىلماڭلار،بەلگىلەنگەن چەكتىن ئاشماڭلار. ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلماڭلار ۋە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
5 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَاحْذَرُوا ۚ فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، رەسۇلىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئاسىيلىق قىلىشتىن ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، ئەلچىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار27. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئەلچىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر.
5 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا عَلَيْكُمْ أَنْفُسَكُمْ ۖ لَا يَضُرُّكُمْ مَنْ ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ ۚ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى (گۇناھتىن) ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا ماڭساڭلار، توغرا يولدىن ئاداشقانلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ساقلاڭلار. سىلەر توغرا يولدا بولساڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەر سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
5 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
مَا قُلْتُ لَهُمْ إِلَّا مَا أَمَرْتَنِي بِهِ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ ۚ وَكُنْتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَا دُمْتُ فِيهِمْ ۖ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنْتَ أَنْتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنْتَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان: <مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار> دېگەن سۆزنىلا ئېيتقان ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى ئېلىپ كەتكىنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ. سەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: ‹مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار›. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتكۈچى پەقەتلا سەن ئىدىڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن.
ئەنئام سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا يەنە) ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام (يەنى پەرۋەردىگارىمدىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلسام)، بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن ئەلۋەتتە قورقىمەن»[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇلارغا يەنە) ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن ئەلۋەتتە قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن».
6 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
اتَّبِعْ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ وَأَعْرِضْ عَنِ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەمەل قىلغىن؛ ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مۇشرىكلار بىلەن تەڭ بولمىغىن[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغان قۇرئانغا ئەمەل قىلغىن. ئاللاھتىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، مۇشرىكلارغا پەرۋا قىلمىغىن
ئەنەس ئالىم: رەببىڭدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈگىن.
6 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
وَذَرُوا ظَاهِرَ الْإِثْمِ وَبَاطِنَهُ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَكْسِبُونَ الْإِثْمَ سَيُجْزَوْنَ بِمَا كَانُوا يَقْتَرِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلارنى تەرك ئېتىڭلار، شۈبھىسىزكى، گۇناھ قىلغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئاخىرەتتە) جازاغا تارتىلىدۇ[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلارنى تەرك ئېتىڭلار، شۈبھىسىزكى، گۇناھ قىلغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئاخىرەتتە) جازاغا تارتىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: گۇناھنىڭ ئاشكارىسىنىمۇ، مەخپىيسىنىمۇ تەرك ئېتىڭلار. شۈبھىسىزكى، گۇناھ قىلغۇچىلارغا يېقىندا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
6 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَهَٰذَا صِرَاطُ رَبِّكَ مُسْتَقِيمًا ۗ قَدْ فَصَّلْنَا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَذَّكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى ئىسلام دىنى) پەرۋەردىگارىڭنىڭ توغرا يولىدۇر، ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلدۇق[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا تەلىم بېرىلىۋاتقان بۇ يول پەرۋەردىگارىڭنىڭ توغرا يولىدۇر، ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: مانا بۇ رەببىڭنىڭ توغرا يولىدۇر. شۈبھىسىزكى، بىز ئويلىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق.
6 : 153 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّ هَٰذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ ۖ وَلَا تَتَّبِعُوا السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَنْ سَبِيلِهِ ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، (ناتوغرا) يوللاردا ماڭماڭلار. ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ[153].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ھەقىقەتەن مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇڭا، سىلەر مۇشۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار ناتوغرا يوللار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، دوزاختىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى
ئەنەس ئالىم: مانا بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر. ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. باشقا يوللارغا ئەگەشمەڭلار. چۈنكى ئۇ باشقا يوللار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى. تەقۋادار بولغايسىلەر».
6 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
وَهَٰذَا كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ مُبَارَكٌ فَاتَّبِعُوهُ وَاتَّقُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ بىز نازىل قىلغان (قۇرئان) مۇبارەك كىتابتۇر، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار[155].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ (قۇرئان) بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار
ئەنەس ئالىم: بۇ بىز نازىل قىلغان كىتابتۇر، بەرىكەتلىكتۇر. ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر.
ئەنفال سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَا تَوَلَّوْا عَنْهُ وَأَنْتُمْ تَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (قۇرئاننى) ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار،
8 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَجِيبُوا لِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ إِذَا دَعَاكُمْ لِمَا يُحْيِيكُمْ ۖ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَحُولُ بَيْنَ الْمَرْءِ وَقَلْبِهِ وَأَنَّهُ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان ئىمانغا دەۋەت قىلسا، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئىنسان بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىغا پەردە سالالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئۆزى خالىغان تەرەپكە بۇرىيالايدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھ سىلەرنى، سىلەرگە ھايات بېغىشلايدىغان نەرسىگە چاقىرسا، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولىدۇ، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر.
8 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَا تَنَازَعُوا فَتَفْشَلُوا وَتَذْهَبَ رِيحُكُمْ ۖ وَاصْبِرُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (پۈتۈن سۆز- ھەرىكەتلىرىڭلاردا) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ ـ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەۋر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، ئاجىزلىشىپ قالىسىلەر، كۈچ ـ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەۋر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۆزئارا نىزا قىلىشماڭلار، بولمىسا قورقۇپ بوشىشىپ كېتىسىلەر ۋە شامىلىڭلار كېتىپ قالىدۇ7. سەۋر قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
تەۋبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، سەن: «ئاللاھ ماڭا كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىم، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئەھەدىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن ۋە قورقمايمەن)، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى پەيغەمبەر!- ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈسە، سەن: «ئاللاھ مېنى كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر» دېگىن[
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ماڭا يېتەرلىك، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مەن ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشىنىڭ رەببىدۇر».
ھۇد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ وَمَنْ تَابَ مَعَكَ وَلَا تَطْغَوْا ۚ إِنَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، ساڭا ئىمان ئېيتقانلارمۇ توغرا يولدا بولسۇن. (مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ) ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن چىقىپ كەتمەڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەن ئاللاھ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، سەن بىلەن بىرگە تەۋبە قىلغانلارمۇ توغرا يولدا بولسۇن. ئاللاھنىڭ چەكلىرىدىن چىقىپ كەتمەڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇنداقتا سەن ئەمر قىلىنغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭغىن! يېنىڭدىكى تەۋبە قىلغانلارمۇ شۇنداق قىلسۇن. ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
11 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلْ لِلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ اعْمَلُوا عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنَّا عَامِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، بىزمۇ ئۆز يولىمىز بويىچە ھەرىكەت قىلايلى[121].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، بىزمۇ ئۆز يولىمىز بويىچە ھەرىكەت قىلايلى
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتمىغانلارغا ئېيتقىنكى: «قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار، بىزمۇ قىلىمىز!
يۈسۈف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَاوَدَتْهُ الَّتِي هُوَ فِي بَيْتِهَا عَنْ نَفْسِهِ وَغَلَّقَتِ الْأَبْوَابَ وَقَالَتْ هَيْتَ لَكَ ۚ قَالَ مَعَاذَ اللَّهِ ۖ إِنَّهُ رَبِّي أَحْسَنَ مَثْوَايَ ۖ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال (يەنى زۈلەيخا) يۈسۈفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: «بېرى كەل!» دېدى. يۈسۈف: «خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ(يەنى ئېرىڭ) ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ» دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال - زۈلەيخا-، يۈسۈفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: «بېرى كەل» دېدى. يۈسۈف: «خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ - ئېرىڭ- ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى، يۇسۇفنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇندى، ئىشىكلەرنى مەھكەم تاقىۋەتتى ۋە: «قېنى، كەلسەڭچۇ!» دېدى. يۇسۇف: «ئاللاھ ساقلىسۇن! شۈبھىسىزكى، ئۇ مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. زالىملار ئەسلا مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ» دېدى.
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
يَخَافُونَ رَبَّهُمْ مِنْ فَوْقِهِمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆز ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆز ئۈستىدىكى رەببىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى رەببىدىن قورقىدۇ ۋە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَرَادَ الْآخِرَةَ وَسَعَىٰ لَهَا سَعْيَهَا وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولَٰئِكَ كَانَ سَعْيُهُمْ مَشْكُورًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۇئمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم ئاخىرەتنى ئىرادە قىلسا ۋە مۇئمىن بولغان ھالدا ئۇنىڭ ئۈچۈن لايىق رەۋىشتە تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، ئەنە شۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى تەقدىرلىنىدۇ.
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ صَابِرًا وَلَا أَعْصِي لَكَ أَمْرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى كۆرىسەن، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلمايمەن»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى كۆرىسەن، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلمايمەن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئىنشائاللاھ، مېنى سەۋرچان كۆرىسەن، سېنىڭ ھېچ ئىشىڭغا قارشى چىقمايمەن» دېدى.
مەريەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
فَكُلِي وَاشْرَبِي وَقَرِّي عَيْنًا ۖ فَإِمَّا تَرَيِنَّ مِنَ الْبَشَرِ أَحَدًا فَقُولِي إِنِّي نَذَرْتُ لِلرَّحْمَٰنِ صَوْمًا فَلَنْ أُكَلِّمَ الْيَوْمَ إِنْسِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ شېرىن خورمىدىن) يېگىن، (بۇ تاتلىق سۇدىن) ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن، بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ (ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا): مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن دېگىن»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شېرىن خورمىدىن يېگىن، بۇ تاتلىق سۇدىن ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن، بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا: مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن دېگىن»
ئەنەس ئالىم: يېگىن، ئىچكىن، كۆزلىرىڭ چاقنىسۇن4. بىرەر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالساڭ: ‹مەن رەھمانغا بىر مۇددەت گەپ قىلماسلىققا ۋەدە بەردىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ھېچكىمگە گەپ قىلمايمەن› دېگىن».
19 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا نَتَنَزَّلُ إِلَّا بِأَمْرِ رَبِّكَ ۖ لَهُ مَا بَيْنَ أَيْدِينَا وَمَا خَلْفَنَا وَمَا بَيْنَ ذَٰلِكَ ۚ وَمَا كَانَ رَبُّكَ نَسِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: بىز (يەنى پەرىشتىلەر دۇنياغا) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرى بىلەن چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، ئارقىمىزدىكى ۋە ئالدى ـ كەينىمىز ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئۇنتۇمايدۇ[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز - دۇنياغا- رەببىڭنىڭ ئەمرى بىلەن چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، ئارقىمىزدىكى ۋە ئالدى ـ كەينىمىز ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، رەببىڭ-بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىنى-ئۇنتۇمايدۇ
ئەنەس ئالىم: جىبرىئىل مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد! بىز رەببىڭ بۇيرۇمىسا زېمىنغا چۈشەلمەيمىز. ئۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، بىزنىڭ ئارقىمىزدىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق ئىشلارنىڭ ئىگىسىدۇر. رەببىڭ قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
تاھا سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَلْقِهَا يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى (يەرگە) تاشلىغىن» دېدى[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى يەرگە تاشلىغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى يەرگە تاشلىغىن» دېدى.
20 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَلْ أَلْقُوا ۖ فَإِذَا حِبَالُهُمْ وَعِصِيُّهُمْ يُخَيَّلُ إِلَيْهِ مِنْ سِحْرِهِمْ أَنَّهَا تَسْعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «ئۇنداقتا سىلەر ئالدىدا تاشلاڭلار!» دېدى. (ئۇلار تاشلىغان ئىدى) ناگاھان ئۇلارنىڭ ئاغامچىلىرى، ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھىرىدىن (يەنى سېھىرنىڭ تەسىرىدىن) ئۇنىڭغا ھەرىكەتلىنىپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلدى[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «بەلكى سىلەر ئاۋۋال تاشلاڭلار!» دېدى. -ئۇلار تاشلىغان ئىدى- ناگاھان ئۇلارنىڭ ئاغامچىلىرى، ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھرىدىن ئۇنىڭغا ھەرىكەتلىنىپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ياق، ئاۋۋال سىلەر تاشلاڭلار» دېدى. ئۇلار تاشلىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارغامچىلىرى ۋە ھاسىلىرى، ئۇلارنىڭ سېھىرلىرى تەسىرىدىن بىردىنلا مۇساغا مېڭىۋاتقاندەك كۆرۈندى.
20 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَلْقِ مَا فِي يَمِينِكَ تَلْقَفْ مَا صَنَعُوا ۖ إِنَّمَا صَنَعُوا كَيْدُ سَاحِرٍ ۖ وَلَا يُفْلِحُ السَّاحِرُ حَيْثُ أَتَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭدىكىنى تاشلىغىن، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر، سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭدىكىنى تاشلىغىن، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر، سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئوڭ قولۇڭدىكىنى تاشلغىن، ئۇلارنىڭ قىلغان سېھىرلىرىنى يۇتۇۋەتسۇن. ئۇلارنىڭ قىلغىنى پەقەت سېھىرگەر ھىيلىسىدىنلا ئىبارەتتۇر. سېھىرگەر ھېچقانداق يەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ».
20 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِي فَاضْرِبْ لَهُمْ طَرِيقًا فِي الْبَحْرِ يَبَسًا لَا تَخَافُ دَرَكًا وَلَا تَخْشَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بىز شەك ـ شۈبھىسىز مۇساغا ۋەھىي قىلدۇقكى، «سەن مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە (مىسىردىن) ئېلىپ چىقىپ كەت، سەن (ھاساڭنى) دېڭىزغا ئۇرۇپ ئۇلارغا بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، (پىرئەۋننىڭ ئارقاڭدىن قوغلاپ) يېتىۋېلىشىدىن قورقمىغىن، (دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ) قورقمىغىن»[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز شەك ـ شۈبھىسىز مۇساغا ۋەھيى قىلدۇقكى، «سەن مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە - مىسىردىن- ئېلىپ چىقىپ كەت، سەن - ھاساڭنى- دېڭىزغا ئۇرۇپ ئۇلارغا بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، -پىرئەۋننىڭ ئارقاڭدىن قوغلاپ- يېتىۋېلىشىدىن قورقمىغىن، -دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ- قورقمىغىن»
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا: «بەندىلىرىم بىلەن بىرلىكتە كېچىسى يولغا چىققىن، دېڭىزدا ئۇلارغا قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، بۇ ئەسنادا تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقمىغىن، غەرق بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىمىگىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
20 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هُمْ أُولَاءِ عَلَىٰ أَثَرِي وَعَجِلْتُ إِلَيْكَ رَبِّ لِتَرْضَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار ئىزىمنى قوغلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، پەرۋەردىگارىم! سېنى رازى بولسۇن دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم»[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار ئىزىمنى قوغلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، رەببىم! سېنى رازى بولسۇن دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئۇلار مېنىڭ ئىزىمدىدۇر. مەن رازىلىقىڭغا ئېرىشەي دەپ ئالدىراپ كەلدىم رەببىم!» دېدى.
20 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَّا تَتَّبِعَنِ ۖ أَفَعَصَيْتَ أَمْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا (خۇدالىق ئۈچۈن غەزەپلىنىشتە) ماڭا ئەگىشىشتىن نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرۇقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟»[92 ـ 93].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ماڭا ئەگەشمەمسەن؟ ياكى بولمىسا مېنىڭ بۇيرىقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: نېمە ئۈچۈن مېنىڭ يولۇمدا ماڭمىدىڭ؟ سەن مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟».
ئەنبىيا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَرْكُضُوا وَارْجِعُوا إِلَىٰ مَا أُتْرِفْتُمْ فِيهِ وَمَسَاكِنِكُمْ لَعَلَّكُمْ تُسْأَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (پەرىشتىلەر ئۇلارغا مەسخىرە قىلىپ ئېيتتى) « قاچماڭلار، باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا، تۇرالغۇ جايلىرىڭلارغا قايتىڭلار، سىلەردىن (مۇھىم ئىشلاردا مەسلىھەت) سورىلىشى مۇمكىن»[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلارغا-:«قاچماڭلار، باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا، تۇرالغۇ جايلىرىڭلارغا قايتىڭلار، سىلەردىن -مۇھىم ئىشلاردا مەسلىھەت- سورىلىشى مۇمكىن»ـ دېيلىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «قاچماڭلار! سىلەرنى ئەركىلەتكەن باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا ۋە يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار، سىلەردىن بىرەر نەرسە سورىلىشى مۇمكىن» دېيىلەتتى.
21 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَسْبِقُونَهُ بِالْقَوْلِ وَهُمْ بِأَمْرِهِ يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئالدى بىلەن سۆز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھقا ئالدى بىلەن سۆز قىلىشقا پېتىنىلمايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھتىن ئىلگىرى سۆز قىلمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ.
21 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْنَا يَا نَارُ كُونِي بَرْدًا وَسَلَامًا عَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق (بەخش ئېتىدىغان) بولۇپ بەرگىن» دېدۇق[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق بەخش ئېتىدىغان بولۇپ بەرگىن» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىم ئۈچۈن سوغۇق ۋە زىيانسىز بول» دېدۇق.
21 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰذِهِ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَأَنَا رَبُّكُمْ فَاعْبُدُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى ئىنسانلار!- سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇرمەن، شۇڭا ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! ئەنە شۇلارنىڭ دىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردۇر. ھەممىڭلارنىڭ دىنى بىردۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇرمەن. ئۇ ھالدا ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِ أَنِ اصْنَعِ الْفُلْكَ بِأَعْيُنِنَا وَوَحْيِنَا فَإِذَا جَاءَ أَمْرُنَا وَفَارَ التَّنُّورُ ۙ فَاسْلُكْ فِيهَا مِنْ كُلٍّ زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ وَأَهْلَكَ إِلَّا مَنْ سَبَقَ عَلَيْهِ الْقَوْلُ مِنْهُمْ ۖ وَلَا تُخَاطِبْنِي فِي الَّذِينَ ظَلَمُوا ۖ إِنَّهُمْ مُغْرَقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز نۇھقا: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھىيمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا، ھايۋانلاردىن (ئەركەك ـ چىشى بولۇپ) بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەرنىمۇ ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن (يەنى ئۇلارغا شاپائەت قىلمىغىن)، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز نۇھقا: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا، ھايۋانلاردىن بىر جۈپتىن ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن، ئۇلار چوقۇم غەرق قىلىنغۇچىلاردۇر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز نۇھقا مۇنداق ۋەھىي قىلدۇق: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن. بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز كېلىپ تونۇر قاينىغاندا ھەر ھايۋاندىن ئەركەك - چىشى بولۇپ بىر جۈپتىن ئالغىن. ئائىلەڭنىمۇ ئالغىن. ئۇلاردىن غەرق قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار مۇستەسنا. ماڭا زالىملار توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىغىن. شۈبھىسىزكى، ئۇلار غەرق قىلىنىدىغان كىشىلەردۇر.
نۇر سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سُورَةٌ أَنْزَلْنَاهَا وَفَرَضْنَاهَا وَأَنْزَلْنَا فِيهَا آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بۇ بىر سۈرىدۇركى، ئۇنى بىز (ساڭا) نازىل قىلدۇق، ئۇنىڭدىكى (ئەھكاملارنى) پەرز قىلىپ بېكىتتۇق، (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدا (سىلەرنى ئەمەل قىلسۇن دەپ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ بىر سۈرىدۇركى، ئۇنى بىز نازىل قىلدۇق، ئۇ-نىڭدىكى ئەھكاملار-نى بىز پەرز قىلىپ بېكىتتۇق، -ئى مۇئمىنلار!- سىلەرنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدا روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بۇ بىز نازىل قىلغان ۋە ئىجرا قىلىنىشىنى پەرز قىلغان سۈرىدۇر. بىز بۇ سۈرىدە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر!
24 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا كَانَ قَوْلَ الْمُؤْمِنِينَ إِذَا دُعُوا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ أَنْ يَقُولُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (پەيغەمبەر) مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلار: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق، دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلار، ئارىلىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلارنىڭ سۆزى: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت» دېگەندىن ئىبارەت بولدى، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلار ئارىلىرىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە چاقىرىلسا: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېگەن سۆزنىلا قىلىدۇ. ئەنە شۇلار مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.
24 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَخْشَ اللَّهَ وَيَتَّقْهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَائِزُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن ئەيمەنگەن ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردۇر.
24 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لَئِنْ أَمَرْتَهُمْ لَيَخْرُجُنَّ ۖ قُلْ لَا تُقْسِمُوا ۖ طَاعَةٌ مَعْرُوفَةٌ ۚ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇناپىقلار) ئەگەر سەن ئۇلارنى (جىھادقا) چىقىشقا ئەمر قىلساڭ، چوقۇم چىقىدىغانلىقىغا ئاللاھ بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلىدۇ. ئېيتقىنكى، «قەسەم قىلماڭلار، (قەسىمىڭلار يالغان، سىلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى) ساداقەتلىك بىلەن ئىتائەت قىلىشتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرداردۇر»[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: -مۇناپىقلار- ئەگەر سەن ئۇلارنى جىھادقا- چىقىشقا ئەمر قىلساڭ، چوقۇم چىقىدىغانلىقىغا ئاللاھ بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلىدۇ. ئېيتقىنكى: «قەسەم قىلماڭلار، -تەلەپ قىلىنغىنى- ساداقەتلىك بىلەن ئىتائەت قىلىشتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرداردۇر»
ئەنەس ئالىم: مۇنافىقلار: «ئى مۇھەممەد! ئەگەر سەن بىزنى ئۇرۇشقا چىقىشقا ئەمر قىلساڭ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى چوقۇم چىقىمىز» دەپ كۈچلۈك قەسەم قىلىدۇ. ئېيتقىنكى: «قەسەم قىلماڭلار، سەمىمىي ئىتائەت قىلىشىڭلار يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر».
24 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ ۖ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْهِ مَا حُمِّلَ وَعَلَيْكُمْ مَا حُمِّلْتُمْ ۖ وَإِنْ تُطِيعُوهُ تَهْتَدُوا ۚ وَمَا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتسا، پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى بار، سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلار بار، ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار»[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار باش تارتسا، -ئى مۇھەممەد بىلگىنكى-پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتۇر، سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلارمۇ مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلىشتۇر، ئەگەر پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ ئۆز ۋەزىپىسىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، سىلەرمۇ ئۆز ۋەزىپەڭلاردىن جاۋابكارلىققا تارتىلىسىلەر. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلساڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر. رەسۇلنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر.
24 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلەيسىلەر.
24 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِذَا كَانُوا مَعَهُ عَلَىٰ أَمْرٍ جَامِعٍ لَمْ يَذْهَبُوا حَتَّىٰ يَسْتَأْذِنُوهُ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَأْذِنُونَكَ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ۚ فَإِذَا اسْتَأْذَنُوكَ لِبَعْضِ شَأْنِهِمْ فَأْذَنْ لِمَنْ شِئْتَ مِنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمُ اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر كامىل مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق) بىر ئىش ئۈستىدە (مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن) پەيغەمبەر بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، پەيغەمبەردىن ئىجازەت سورىمىغىچە كېتىپ قالمايدۇ، سەندىن ئىجازەت سورايدىغانلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەردۇر، بەزى شەخسىي ئىش ئۈچۈن ئۇلار سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن خالىغان ئادەملەرگە ئىجازەت بەرگىن، ئۇلارغا سەن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى كامىل مۇئمىنلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دۇر، ئۇلار بىر ئىش ئۈستىدە پەيغەمبەر بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، پەيغەمبەردىن ئىجازەت سورىمىغىچە كېتىپ قالمايدۇ، سەندىن ئىجازەت سورايدىغانلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەردۇر، بەزى شەخسىي ئىش ئۈچۈن ئۇلار سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن خالىغان ئادەملەرگە ئىجازەت بەرگىن، سەن ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇ، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىدۇ، ئومۇمىي بىر ئىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا بولغان چاغلىرىدا ئۇنىڭدىن ئىجازەت ئالماستىن قايتىپ كەتمەيدۇ. سەندىن ئىجازەت سورىغانلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەزى شەخسىي ئىشلىرى ئۈچۈن سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلاردىن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ئىجازەت بەرگىن ۋە ئاللاھتىن ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
فۇرقان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ إِلَّا مَنْ شَاءَ أَنْ يَتَّخِذَ إِلَىٰ رَبِّهِ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «مەن (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت (مېنىڭ تىلەيدىغىنىم شۇكى، مېنىڭ دىنىمغا ئەگىشىش بىلەن) پەرۋەردىگارى تەرەپكە يول ئېلىشنى خالايدىغانلار (يول ئالسۇن)»[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مەن سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت رەببى تەرەپكە يول ئېلىشنى خالايدىغانلارنىڭ يول ئېلىشىنىلا تەلەپ قىلىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مەن تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن. لېكىن مەن سىلەرنىڭ، رەببىنىڭ يولىغا كىرىشكە بەل باغلىغان كىشىلەر بولۇشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن».
شۇئەرا سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ نَادَىٰ رَبُّكَ مُوسَىٰ أَنِ ائْتِ الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ مۇساغا نىدا قىلدى: «سەن زالىم قەۋمگە بارغىن[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ مۇساغا نىدا قىلدى: «سەن زالىم قەۋمگە بارغىن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ مۇساغا مۇنداق نىدا قىلدى: «زالىم قەۋمنىڭ يېنىغا بارغىن،
26 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ أَرْسِلْ مَعَنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قۇللۇقۇڭدىن) بوشاتقىن، ئۇلار بىز بىلەن (شامغا) كەتسۇن دەڭلار»[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادىنى -قۇللۇقۇڭدىن- بوشاتقىن، ئۇلار بىز بىلەن كەتسۇن دەڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن بىللە كەتكىلى قويغىن›».
26 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِي إِنَّكُمْ مُتَّبَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇساغا: «كېچىدە بەندىلىرىمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) ئېلىپ ئاتلانغىن. سىلەر ئەلۋەتتە قوغلىنىسىلەر، (يەنى پىرئەۋن ئۆز قەۋمى بىلەن سىلەرنى قوغلاپ چىقىدۇ)» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇساغا: «كېچىدە بەندىلىرىم-بەنى ئىسرائىل-نى ئېلىپ ئاتلانغىن. سىلەر ئەلۋەتتە قوغلىنىسىلەر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا: «بەندىلىرىم بىلەن بىرلىكتە كېچىدە يولغا چىققىن، چۈنكى سىلەر قوغلىنىسىلەر2» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
26 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
26 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار»[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار».
26 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
26 : 131 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[131].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
26 : 144 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[144].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
26 : 150 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[150].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداقتا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
26 : 163 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[163].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
26 : 179 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[179].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
نەمىل سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَّا تَعْلُوا عَلَيَّ وَأْتُونِي مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولغان ھالدا كېلىڭلار»[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنىڭدا- سىلەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا تەسلىم بولغان ھالدا كېلىڭلار» دېيىلىپتۇ
ئەنەس ئالىم: ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، تەسلىم بولۇپ يېنىمغا كېلىڭلار›».
27 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
قِيلَ لَهَا ادْخُلِي الصَّرْحَ ۖ فَلَمَّا رَأَتْهُ حَسِبَتْهُ لُجَّةً وَكَشَفَتْ عَنْ سَاقَيْهَا ۚ قَالَ إِنَّهُ صَرْحٌ مُمَرَّدٌ مِنْ قَوَارِيرَ ۗ قَالَتْ رَبِّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي وَأَسْلَمْتُ مَعَ سُلَيْمَانَ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا (يەنى بىلقىسقا): «سارايغا كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ (يەنى بىلقىس) ساراينى چوڭ سۇ دەپ گۇمانلىنىپ (كىيىمىنى كۆتۈرۈپ) ئىككى پاچىقىنى ئاچتى، سۇلايمان ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ ئەينەكتىن ياسالغان سارايدۇر». ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم، مەن ھەقىقەتەن (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ، قۇياشقا چوقۇنۇش بىلەن) ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، سۇلايمان بىلەن بىللە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بويسۇندۇم (يەنى سۇلايماننىڭ دىنىغا ئەگىشىپ ئىسلامغا كىردىم)»[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا: «سارايغا كىرگىن» دېيىلدى، بىلقىس ساراينى كۆرۈپ ئۇنى چوڭ سۇ دەپ گۇمانلىنىپ ئىككى پاچىقىنى ئاچتى، سۇلايمان ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ ئەينەكتىن ياسالغان سارايدۇر». بىلقىس ئېيتتى: «رەببىم، مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، سۇلايمان بىلەن بىللە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا بويسۇندۇم»
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا: «سارايغا كىرگىن» دېيىلدى. ئۇ ساراينى كۆرۈپ، چوڭقۇر سۇ دەپ ئويلىدى ۋە ئىككى پاچىقىنى ئاچتى. سۇلەيمان: «بۇ ئەينەكتىن ياسالغان سارايدۇر» دېدى. ئۇ: «رەببىم! مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم. مەن سۇلەيمان بىلەن بىرلىكتە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا تەسلىم بولدۇم» دېدى.
27 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ رَبَّ هَٰذِهِ الْبَلْدَةِ الَّذِي حَرَّمَهَا وَلَهُ كُلُّ شَيْءٍ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «مەن پەقەت ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن (ئۇنىڭ ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ). سەن (ئۇنىڭغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن»[91- 92].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى-: «مەن پەقەت ئاللاھ ھۈرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر - مەككە مۇكەررەمە- نىڭ رەببىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، يەنە مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن پەقەت بۇ شەھەرنىڭ رەببىگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئۇ، بۇ شەھەرنى ھۆرمەتلىك قىلغان زاتتۇر. ھەر نەرسە ئۇنىڭدۇر. مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم.
قەسەس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا يُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ قَالُوا آمَنَّا بِهِ إِنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّنَا إِنَّا كُنَّا مِنْ قَبْلِهِ مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار: «بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر. بىز ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدۇق» دەيدۇ[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار: «بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ رەببىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر. بىز ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدۇق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار، ئۆزلىرىگە قۇرئان ئوقۇلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇنىڭغا ئىشەندۇق. بۇ، چوقۇم رەببىمىزدىن كەلگەن ھەقتۇر. بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇسۇلمان ئىدۇق».
رۇم سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ كُلٌّ لَهُ قَانِتُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغۇچىدۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھنىڭدۇر، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ھەممىسى ئاللاھقا ئىتائەت قىلماقتىدۇر.
30 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
فَآتِ ذَا الْقُرْبَىٰ حَقَّهُ وَالْمِسْكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ لِلَّذِينَ يُرِيدُونَ وَجْهَ اللَّهِ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (سىلە ـ رەھىم ۋە ياخشىلىقتىن تېگىشلىك) ھەققىنى بەرگىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن مۇنداق قىلىش ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە ھەققىنى بەرگىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن مۇنداق قىلىش ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: تۇغقانلىرىڭنىڭ ھەققىنى بەرگىن. مىسكىنلەر ۋە يولۇچىلارنىڭمۇ ھەققىنى بەرگىن. بۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەنە شۇلار مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.
30 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَنْتَ بِهَادِ الْعُمْيِ عَنْ ضَلَالَتِهِمْ ۖ إِنْ تُسْمِعُ إِلَّا مَنْ يُؤْمِنُ بِآيَاتِنَا فَهُمْ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كورلارنىمۇ گۇمراھلىقتىن قۇتقۇزۇپ توغرا يولغا سالالمايسەن، سەن پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغىلا (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالايسەن، ئۇلار مۇسۇلمانلاردۇر[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: كورلارنىمۇ گۇمراھلىقتىن قۇتقۇزۇپ توغرا يولغا سالالمايسەن، سەن پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغىلا سۆزۈڭنى ئاڭلىتالايسەن، ئۇلار مۇسۇلمانلاردۇر
ئەنەس ئالىم: سەن كورلارنى گۇمراھلىقلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ھىدايەت قىلالمايسەن. سەن پەقەت ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىپ تەسلىم بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن.
لوقمان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ جَاهَدَاكَ عَلَىٰ أَنْ تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا ۖ وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفًا ۖ وَاتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَيَّ ۚ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار سېنى ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان بىرەر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن2، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتكىن. ماڭا داۋاملىق يۆنەلگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن».
31 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُسْلِمْ وَجْهَهُ إِلَى اللَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ ۗ وَإِلَى اللَّهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى ئىش قىلغۇچى بولغان ھالدا ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغان ئادەم مەھكەم تۇتقىغا ئېسىلغان بولىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر[22]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى ئىش قىلغان ھالدا ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغان ئادەم مەھكەم تۇتقىغا ئېسىلغان بولىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر
ئەنەس ئالىم: سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ، ياخشى ئىش قىلغانلار مۇستەھكەم تۇتقىنى چىڭ تۇتقان بولىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا ئائىتتۇر.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَانْتَظِرْ إِنَّهُمْ مُنْتَظِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن (يەنى سۆزلىرىگە پەرۋا قىلىپ كەتمىگىن). سەن (ئاللاھنىڭ ئۇلارغا چۈشىدىغان ئازابىنى) كۈتكىن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن (سىلەرگە چۈشىدىغان نەرسىلەرنى) كۈتكۈچىلەردۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن ۋە كۈتكىن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن كۈتكۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: شۇڭا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، كۈتۈپ تۇرغىن، ئۇلارمۇ كۈتۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ئەھزاب سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ اتَّقِ اللَّهَ وَلَا تُطِعِ الْكَافِرِينَ وَالْمُنَافِقِينَ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى (داۋاملاشتۇرغىن)، كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى) ھېكمەت بىلەن باشقۇرغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن، كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن باشقۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن، كافىرلارغا ۋە مۇنافىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
33 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كُنْتُنَّ تُرِدْنَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَالدَّارَ الْآخِرَةَ فَإِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْمُحْسِنَاتِ مِنْكُنَّ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى (يەنى كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نازۇنېمەتلەر بار جەننەتنى) تەييار قىلدى»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر ئاللاھ نى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى تەييار قىلدى»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەردىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا كاتتا ئەجىر تەييارلىدى».
33 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَقْنُتْ مِنْكُنَّ لِلَّهِ وَرَسُولِهِ وَتَعْمَلْ صَالِحًا نُؤْتِهَا أَجْرَهَا مَرَّتَيْنِ وَأَعْتَدْنَا لَهَا رِزْقًا كَرِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ساۋابنى ئىككى قاتلاپ بېرىمىز، ئۇنىڭغا (جەننەتتە) ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ساۋابنى ئىككى قاتلاپ بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا ئەجرىنى ئىككى قېتىم بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق.
33 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَنْ يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ ۗ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۇئمىنلارنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىرەر ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغاندا، ھېچبىر مۇئمىن ئەرنىڭ ۋە ھېچبىر مۇئمىن ئايالنىڭ ئۇ ئىش توغرۇلۇق تاللاش ھوقۇقى بولمايدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسا، ئوچۇق - ئاشكارا ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ.
33 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ عَلَى النَّبِيِّ مِنْ حَرَجٍ فِيمَا فَرَضَ اللَّهُ لَهُ ۖ سُنَّةَ اللَّهِ فِي الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلُ ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ قَدَرًا مَقْدُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ پەيغەمبەرگە ھالال قىلغان ئىشقا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (بۇ) ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى (پەيغەمبەرلەرگە) تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىتىلىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پەيغەمبەرگە ھالال قىلغان ئىشقا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىچىدە تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغاندۇر
ئەنەس ئالىم: نەبىي ئاللاھ ئەمر قىلغان ئىشنى قىلسا ئەيىبلەنمەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنى. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدىغان ھۆكۈمدۇر.
33 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَحِلُّ لَكَ النِّسَاءُ مِنْ بَعْدُ وَلَا أَنْ تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنْ أَزْوَاجٍ وَلَوْ أَعْجَبَكَ حُسْنُهُنَّ إِلَّا مَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ رَقِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى پەيغەمبەر! ئىلكىڭدىكى ئاياللىرىڭدىن باشقا) يەنە خوتۇن ئالساڭ، ساڭا ھالال بولمايدۇ، باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى جەلپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئاياللىرىڭنى قويۇۋېتىپ ئۇلارنى ئەمرىڭگە ئېلىش (ساڭا ھالال بولمايدۇ). پەقەت سېنىڭ ئىلكىڭدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇندىن كېيىن يەنە خوتۇن ئالساڭ، ساڭا ھالال بولمايدۇ، باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى يەڭگۈشلىشىڭمۇ ھالال ئەمەس. پەقەت سېنىڭ ئىلكىڭدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشقا ئاياللارنى ئېلىشىڭ، ئاياللىرىڭنى ئالماشتۇرۇشۇڭ - باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ - ساڭا ھالال بولمايدۇ. قول ئاستىڭدىكى مۇستەسنا. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
33 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
يُصْلِحْ لَكُمْ أَعْمَالَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ فَازَ فَوْزًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ ۋە گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى ئىسلاھ قىلىدۇ ۋە گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلسا، چوقۇم كاتتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ.
سەبەئ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
أَنِ اعْمَلْ سَابِغَاتٍ وَقَدِّرْ فِي السَّرْدِ ۖ وَاعْمَلُوا صَالِحًا ۖ إِنِّي بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (بىز ئۇنىڭغا ئېيتتۇق) «مۇكەممەل ساۋۇتلارنى ياسىغىن، ساۋۇتلارنى ياساشتا (ھالقىلىرىنى بىر ـ بىرىگە) تەكشى قىلغىن، (ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر!) ياخشى ئىش قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىمەن»[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: -بىز ئۇنىڭغا ئېيتتۇق-كى، «مۇكەممەل ساۋۇتلارنى ياسىغىن، ساۋۇتلارنى ياساشتا ھالقىلىرىنى بىر ـ بىرىگە تەكشى قىلغىن، -ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر!- ياخشى ئىش قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا: «كەڭ ساۋۇتلار ياسىغىن، ئۇلارنىڭ توقۇلۇشىنى ئۆلچەملىك ۋە مۇستەھكەم قىلغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. ئۇنىڭغا ۋە ئائىلىسىگە ئېيتتۇق: «ياخشى ئەمەل قىلىڭلار. مەن قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن».
ساففات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَسْلَمَا وَتَلَّهُ لِلْجَبِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى يېنى ياتقۇزدى
ئەنەس ئالىم: ئاتا - بالا ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تەسلىم بولۇپ، ئىبراھىم ئوغلىنى دۈم ياتقۇزغاندا،
ساد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَجَدَ الْمَلَائِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي، ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى سەجدە قىلدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك سەجدە قىلدى.
زۇمەر سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُمِرْتُ لِأَنْ أَكُونَ أَوَّلَ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەمدە (بۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدە) مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم»[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم»
ئەنەس ئالىم: ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم».
39 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، شۈبھىسىزكى، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلسام، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنى جەھەننەم ئوتى بىلەن ئازابلىشىدىن قورقىمەن)»[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئەگەر مەن رەببىمغا ئاسىيلىق قىلسام، شۈبھىسىزكى، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن[1]»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن».
39 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنِيبُوا إِلَىٰ رَبِّكُمْ وَأَسْلِمُوا لَهُ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ ثُمَّ لَا تُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىڭلاردىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىڭلاردىن بۇرۇن رەببىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن رەببىڭلارغا يۆنىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇڭلار. سىلەر ئازاب كەلگەندىن كېيىن ھېچ ياردەم كۆرمەيسىلەر.
39 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّبِعُوا أَحْسَنَ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ بَغْتَةً وَأَنْتُمْ لَا تَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار»[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار»
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ چىرايلىق قۇرئانغا ئەگىشىڭلار6. بۇنى ئازاب سىلەرگە تۇيماي قالغان چېغىڭلاردا ئۇشتۇمتۇت كېلىشتىن بۇرۇن قىلىڭلار.
39 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أُوحِيَ إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكَ لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، بەلكى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھىي قىلىندى[65 ـ 66].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، ئەمەلىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن» دەپ ۋەھىي قىلىندى.
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە: «ئەگەر شېرىك كەلتۈرسەڭ، ئەمىلىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىسەن» دەپ ۋەھىي قىلىندى.
غافىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَمَّا جَاءَنِيَ الْبَيِّنَاتُ مِنْ رَبِّي وَأُمِرْتُ أَنْ أُسْلِمَ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم»[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «رەببىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ يالۋۇرىۋاتقانلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم، مەن ئالەملەرنىڭ رەببىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا مۇنداق دېگىن: «شۈبھىسىزكى، ماڭا رەببىمدىن روشەن دەلىللەر كەلگەندە، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلارغا چوقۇنۇشتىن مەنئى قىلىندىم ۋە ئالەملەرنىڭ رەببىگە تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇلدۇم».
فۇسسىلەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ اسْتَوَىٰ إِلَى السَّمَاءِ وَهِيَ دُخَانٌ فَقَالَ لَهَا وَلِلْأَرْضِ ائْتِيَا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا قَالَتَا أَتَيْنَا طَائِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا) يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار (يەنى ئەمرىمنى قوبۇل قىلىڭلار)» دېدى. ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇ ئاسماننى -يارىتىشقا- يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار» دېدى، ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن تۇمان ھالىتىدىكى ئاسمانغا يۆنەلدى، ئۇنىڭغا ۋە زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار» دېدى. ئۇ ئىككىسى: «ئىختىيارىي ھالدا كەلدۇق» دېدى.
زۇخرۇف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَ عِيسَىٰ بِالْبَيِّنَاتِ قَالَ قَدْ جِئْتُكُمْ بِالْحِكْمَةِ وَلِأُبَيِّنَ لَكُمْ بَعْضَ الَّذِي تَخْتَلِفُونَ فِيهِ ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىيسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: «سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ (يەنى دىنىي ئىشلارنىڭ) بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىمەن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: «سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىمەن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئىيسا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە ھېكمەتنى ئېلىپ كەلدىم. سىلەر ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بەزىسىنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلدىم. ئۇ ھالدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
43 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ آمَنُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقان ۋە مۇسۇلمان بولغانلار ئىدى[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقان ۋە مۇسۇلمان بولغانلار ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئى ئايەتلىرىمىزگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە مۇسۇلمان بولغان كىشىلەر!
مۇھەممەد سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنْ تَنْصُرُوا اللَّهَ يَنْصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئاللاھقا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە قەدىمىڭلارنى بەرقارار قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاللاھقا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە قەدەملىرىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىدۇ1.
47 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
طَاعَةٌ وَقَوْلٌ مَعْرُوفٌ ۚ فَإِذَا عَزَمَ الْأَمْرُ فَلَوْ صَدَقُوا اللَّهَ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى[20 ـ 21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىتائەت ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشتۇر، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئىتائەت قىلىش ۋە چىرايلىق سۆز قىلىش ئىدى. ئۇرۇش قارار قىلىنغاندا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى.
47 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لِلَّذِينَ كَرِهُوا مَا نَزَّلَ اللَّهُ سَنُطِيعُكُمْ فِي بَعْضِ الْأَمْرِ ۖ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِسْرَارَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى شەيتاننىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇشى) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى يامان كۆرگەن كاپىرلارغا: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى يامان كۆرگەن كاپىرلارغا: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېدى، ئاللاھ تەئەلا بولسا، ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى يامان كۆرگەنلەرگە: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ.
47 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَلَا تُبْطِلُوا أَعْمَالَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى (كۇفرى، نىفاق ۋە رىيا بىلەن) بىكار قىلىۋەتمەڭلار[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار.
فەتىھ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لِلْمُخَلَّفِينَ مِنَ الْأَعْرَابِ سَتُدْعَوْنَ إِلَىٰ قَوْمٍ أُولِي بَأْسٍ شَدِيدٍ تُقَاتِلُونَهُمْ أَوْ يُسْلِمُونَ ۖ فَإِنْ تُطِيعُوا يُؤْتِكُمُ اللَّهُ أَجْرًا حَسَنًا ۖ وَإِنْ تَتَوَلَّوْا كَمَا تَوَلَّيْتُمْ مِنْ قَبْلُ يُعَذِّبْكُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (ھۇدەيبىيىگە چىقماي) قېلىپ قالغان ئەئرابىيلارغا: «سىلەر جەڭگىۋار بىر قەۋم بىلەن (ئۇرۇشۇشقا) چاقىرىلىسىلەر، ياكى ئۇلار (ئۇرۇشسىزلا) مۇسۇلمان بولىدۇ (ئۇلار بىلەن ئۇرۇشمايسىلەر)، ئەگەر سىلەر (بۇيرۇققا) بويسۇنساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە چىرايلىق ئەجىر ئاتا قىلدۇ، ئەگەر سىلەر ئىلگىرى قېلىپ قالغاندەك، يەنە قېلىپ قالساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ» دېگىن[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ھۇدەيبىيىگە چىقماي- قېلىپ قالغان ئەئرابىلارغا: «سىلەر جەڭگىۋار بىر قەۋم بىلەن ئۇرۇشۇشقا چاقىرىلىسىلەر، يا ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىسىلەر ياكى ئۇلار تەسلىم بولىدۇ. ئەگەر سىلەر بۇيرۇققا بويسۇنساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە چىرايلىق ئەجىر ئاتا قىلدۇ، ئەگەر سىلەر ئىلگىرى قېلىپ قالغاندەك، يەنە قېلىپ قالساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئايرىلىپ قالغان سەھرالىق ئەرەبلەرگە ئېيتقىنكى: «سىلەر يېقىندا قاتتىق جەڭگىۋار قەۋم بىلەن ئۇرۇشۇشقا چاقىرىلىسىلەر. ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىسىلەر ياكى ئۇلار تەسلىم بولىدۇ. ئەگەر ئىتائەت قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرگە ياخشى ئەجىر ئاتا قىلىدۇ. ئەگەر ئىلگىرى يۈز ئۆرۈگىنىڭلاردەك، يەنە يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازاب قىلىدۇ».
48 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ عَلَى الْأَعْمَىٰ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْأَعْرَجِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْمَرِيضِ حَرَجٌ ۗ وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ يُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ وَمَنْ يَتَوَلَّ يُعَذِّبْهُ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (جىھادقا چىقمىسا) ئەماغا گۇناھ بولمايدۇ، توكۇرغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كېسەلگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇنى ئاللاھ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كىمكى (ئۆزرىسىز جىھادتىن) باش تارتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى (دۇنيادا خورلۇق بىلەن، ئاخىرەتتە ئوت بىلەن) قاتتىق ئازابلايدۇ[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەماغا گۇناھ بولمايدۇ، توكۇرغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كېسەلگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇنى ئاللاھ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كىمكى ئۆزرىسىز جىھادتىن باش تارتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇرۇشقا چىقمىغان ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغىمۇ گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگىمۇ گۇناھ يوقتۇر. كىم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. كىم يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازاب قىلىدۇ.
ھۇجۇرات سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
49 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيِ اللَّهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا (ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋە سۆزنى) ئالدى بىلەن قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى ۋە ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا ئالدىپەشلىك قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئالدىغا ئۆتمەڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
49 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَرْفَعُوا أَصْوَاتَكُمْ فَوْقَ صَوْتِ النَّبِيِّ وَلَا تَجْهَرُوا لَهُ بِالْقَوْلِ كَجَهْرِ بَعْضِكُمْ لِبَعْضٍ أَنْ تَحْبَطَ أَعْمَالُكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! (رەسۇلۇللاھقا سۆز قىلغان چېغىڭلاردا) ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك، پەيغەمبەرگە (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن، (قىلغان ياخشى) ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھقا سۆز قىلغان چېغىڭلاردا ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك، پەيغەمبەرگە يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاۋازلىرىڭلارنى نەبىينىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى كۆتۈرمەڭلار. ئۇنىڭغا، بىر - بىرىڭلارغا توۋلىغاندەك يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سۆز قىلماڭلار. بولمىسا، سىلەر تۇيماستىن ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ.
49 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتِ الْأَعْرَابُ آمَنَّا ۖ قُلْ لَمْ تُؤْمِنُوا وَلَٰكِنْ قُولُوا أَسْلَمْنَا وَلَمَّا يَدْخُلِ الْإِيمَانُ فِي قُلُوبِكُمْ ۖ وَإِنْ تُطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ لَا يَلِتْكُمْ مِنْ أَعْمَالِكُمْ شَيْئًا ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەئرابىيلار: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(تېخى) ئىمان ئېيتمىدىڭلار ۋەلېكىن سىلەر، بويسۇندۇق، دەڭلار، ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلاردىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەئرابىيلار: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئېيتقىنكى: «تېخى ئىمان ئېيتمىدىڭلار ۋە لېكىن سىلەر «بويسۇندۇق» دەڭلار، ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلاردىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەھرالىق ئەرەبلەر: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئىمان ئېيتمىدىڭلار، لېكىن ‹تەسلىم بولدۇق› دەڭلار، ئىمان تېخى قەلبىڭلارغا كىرمىدى. ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئاللاھ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە كېمەيتىۋەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
تەغابۇن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ ۚ فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَإِنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر (پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار (پەيغەمبەرگە زىيان يوق، ئۆزۈڭلارغا زىيان)، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت (دەۋەتنى) روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى ئەلچىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر.
64 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ وَاسْمَعُوا وَأَطِيعُوا وَأَنْفِقُوا خَيْرًا لِأَنْفُسِكُمْ ۗ وَمَنْ يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار، (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار، (ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار، (بۇ) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ئەمرىگە ئىتائەت قىلىڭلار ۋە -ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى- سەرپ قىلىڭلار، بۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ئىتائەت قىلىڭلار ۋە مال چىقىم قىلىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. كىم نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر.
تالاق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
65 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ أَمْرُ اللَّهِ أَنْزَلَهُ إِلَيْكُمْ ۚ وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يُكَفِّرْ عَنْهُ سَيِّئَاتِهِ وَيُعْظِمْ لَهُ أَجْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ھۆكمىدۇر. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ھۆكمىدۇر، كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ئەمرىدۇر. كىم ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ.
نوھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
جىن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْ لَوِ اسْتَقَامُوا عَلَى الطَّرِيقَةِ لَأَسْقَيْنَاهُمْ مَاءً غَدَقًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (يەنى كۇففارلار) توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق (يەنى رىزقىنى كەڭ قىلىپ بېرەتتۇق)، كىمكى پەرۋەردىگارىنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ[16ـ17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار توغرا يولدا بولسا ئىدى مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ماڭا يەنە مۇنداق ۋەھىي قىلىندى: ئەگەر ئىنسان ۋە جىنلار توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭسا ئىدى، بىز ئۇلارنى مول سۇ بىلەن سۇغارغان بولاتتۇق2.
72 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا بَلَاغًا مِنَ اللَّهِ وَرِسَالَاتِهِ ۚ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَإِنَّ لَهُ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا
مۇھەممەد سالىھ: مەن پەقەت (سىلەرگە) ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈشكە قادىرمەن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنمەيدىكەن، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن يۈز ئۆرۈيدىكەن)، ئۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن پەقەتلا ئاللاھنىڭ ۋەھيىنى يەتكۈزۈشكە ۋە ئەلچىلىك ۋەزىپىلىرىمنى ئۇرۇنداشقا قادىرمەن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: مېنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى ۋە ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈشكىلا كۈچۈم يېتىدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا چوقۇم جەھەننەم ئوتى بار. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ.
ئىنسان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآنَ تَنْزِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىغا بويسۇنمىغىن[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭا سەن رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىغا بويسۇنمىغىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى تۇزكورغا ئىتائەت قىلمىغىن،
ئەبەسە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا لَمَّا يَقْضِ مَا أَمَرَهُ
مۇھەممەد سالىھ: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى بۇ كاپىر ئىنسان تەكەببۇرلۇقىدىن يانسۇن)، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ يولىدىن يانسۇن، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تېخىچە بەجا كەلتۈرمىدى.
ئىنشىراھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
94 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا فَرَغْتَ فَانْصَبْ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! دەۋەتتىن) بوشىغان چېغىڭدا (ئاللاھقا) ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن بوشىغان چېغىڭدا دەرھال تىرىشقىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا بىر ئىشتىن بوشىغان چېغىڭدا، يەنە بىر ئىشقا كىرىشكىن.
ئەلەق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
96 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
سَنَدْعُ الزَّبَانِيَةَ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن، (ئاللاھقا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئەسلا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن! سەجدە قىلغىن ۋە يېقىنلاشقىن
ئەنەس ئالىم: ياق!3 ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمغىن، سەجدە قىلغىن ۋە يېقىنلاشقىن4.