ئاللاھقا ئىشىنىش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قولىمىزدىن كېلىدىغاننى، قىلالايدىغان ھەممە لازىملىقلارنى قىلغاندىن كېيىن، ئىشلارنى تولۇق ئاللاھقا تاپشۇرۇش (تەۋەككۈل قىلىش).
ئېنگلىزچىسى: Trust in Allah
158 ئايەت
53 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 تەقدىر (ئىلاھىي ھۆكۈم) /
- 📄 ئاللاھقا ئىشىنىش
قۇرئان ئايەتلىرى
فاتىھە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
1 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ
مۇھەممەد سالىھ: (رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى رەببىمىز!) بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا مەدەت تىلەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز7 ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز8.
بەقەرە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 153 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر[153].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
2 : 186 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ ۖ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ ۖ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن)[186].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، (ئۇلارغا ئېيتىپ قوي) مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىندۇرمەن، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ئىمانىدا چىڭ تۇرسۇن
ئەنەس ئالىم: بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، مەن ئۇلارغا ناھايىتى يېقىن. مەن ماڭا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇنداقتا ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن. شۇنداق قىلسا كامالەتكە يېتەلەيدۇ.
2 : 214 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ حَسِبْتُمْ أَنْ تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُمْ مَثَلُ الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلِكُمْ ۖ مَسَّتْهُمُ الْبَأْسَاءُ وَالضَّرَّاءُ وَزُلْزِلُوا حَتَّىٰ يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ مَتَىٰ نَصْرُ اللَّهِ ۗ أَلَا إِنَّ نَصْرَ اللَّهِ قَرِيبٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۆمىن) لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: «ئاللاھنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟» دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر[214].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۆمىنلەرمۇ ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە پاراكەندىچىلىككە سېلىنغان ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچانمۇ كېلەر؟» دېيىشكەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟ سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرنىڭ ئوخشىشى تېخى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلمىدىغۇ! ئۇلار چىدىغۇسىز بېسىم ۋە قاتتىق ئېغىرچىلىقلارغا ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى. بۇ شۇ دەرىجىدە بولغان ئىدىكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلار: «ئاللاھنىڭ نۇسرىتى قاچان كېلىدۇ؟» دەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ناھايىتى يېقىندۇر.
2 : 249 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا فَصَلَ طَالُوتُ بِالْجُنُودِ قَالَ إِنَّ اللَّهَ مُبْتَلِيكُمْ بِنَهَرٍ فَمَنْ شَرِبَ مِنْهُ فَلَيْسَ مِنِّي وَمَنْ لَمْ يَطْعَمْهُ فَإِنَّهُ مِنِّي إِلَّا مَنِ اغْتَرَفَ غُرْفَةً بِيَدِهِ ۚ فَشَرِبُوا مِنْهُ إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ ۚ فَلَمَّا جَاوَزَهُ هُوَ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ قَالُوا لَا طَاقَةَ لَنَا الْيَوْمَ بِجَالُوتَ وَجُنُودِهِ ۚ قَالَ الَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُمْ مُلَاقُو اللَّهِ كَمْ مِنْ فِئَةٍ قَلِيلَةٍ غَلَبَتْ فِئَةً كَثِيرَةً بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ مَعَ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: تالۇت ئەسكەرلىرى بىلەن (بەيتۇلمۇقەددەستىن) ئايرىلغان چاغدا: «ئاللاھ سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ، كىمكى ئۇنىڭدىن ئىچىدىكەن، ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، كىمكى دەريا سۈيىنى تېتىمايدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ماڭا تەۋەدۇر، ئۇنىڭدىن (ئۇسسۇزلۇقىنى بىرئاز بېسىش ئۈچۈن) بىر ئۇچۇم ئىچكەن ئادەم (بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ)» دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دەريادىن ئۆتكەن چاغدا (دۈشمەننىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ قورقۇنچقا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى): «بۈگۈن بىزنىڭ جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا كۈچىمىز يەتمەيدۇ» دېدى. (تالۇتنىڭ تەۋەلىرىدىن) ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشقا ئىشىنىدىغانلار: «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ» دېدى. ئاللاھ بەرداشلىق بەرگۈچىلەر بىلەن بىللىدۇر[249].
تەرجىمە ھەيئىتى: تالۇت ئەسكەرلىرى بىلەن يولغا چىققان چاغدا: «ئاللاھ سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ، كىمكى دەريا سۈيىدىن ئىچىدىكەن، ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، كىمكى دەريا سۈيىنى ئىچمەيدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ماڭا تەۋەدۇر، ئۇنىڭدىن بىر ئۇچۇم ئىچكەن ئادەم بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان مۆمىنلەر دەريادىن ئۆتكەن چاغدا (دۈشمەننىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ) ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى: «بۈگۈن بىز جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيمىز» دېدى. (تالۇتنىڭ تەۋەلىرىدىن) ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشقا ئىشىنىدىغانلار: «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ» دېدى. ئاللاھ چىداملىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن بىللىدۇر
ئەنەس ئالىم: تالۇت قوشۇنلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قارارگاھتىن چىقارغاندا ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرنى بىر ئۆستەڭ بىلەن سىنايدۇ. كىمكى ئۇنىڭدىن ئىچىدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس. كىمكى ئۇنىڭدىن ئىستېمال قىلمايدىكەن، ئۇ مەندىندۇر. لېكىن قولى بىلەن بىر ئوچۇم ئېلىپ ئىچكەنلەر ئەپۇ قىلىنىدۇ» دېدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىلار ئۇ ئۆستەڭدىن سۇ ئىچتى. ئاندىن تالۇت ۋە مۇئمىنلار بىرلىكتە ئۇ ئۆستەڭدىن ئۆتكەن چاغدا ئۇلار: «بىزنىڭ بۈگۈن جالۇت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا ھەرگىزمۇ تاقىتىمىز يەتمەيدۇ!» دېدى. ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلار بولسا: «نۇرغۇن كىچىك قوشۇنلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن چوڭ قوشۇنلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» دېدى.
2 : 250 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا بَرَزُوا لِجَالُوتَ وَجُنُودِهِ قَالُوا رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَانْصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «پەرۋەردىگارىمىز! (قەلبىمىزنى) چىدامچانلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى[250].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «ئى رەببىمىز! قەلبىمىزنى چىداملىقلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەندە مۇنداق دۇئا قىلىشتى: «رەببىمىز! ئۈستىمىزگە سەۋر ياغدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، شۇ كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن!».
ئال ئىمران سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا لَا تُزِغْ قُلُوبَنَا بَعْدَ إِذْ هَدَيْتَنَا وَهَبْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ رَحْمَةً ۚ إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن (بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن دىلىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن بەكمۇ ئاتا قىلغۇچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن قەلبلىرىمىزنى بۇرىۋەتمىگىن. بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. سەن ناھايىتى كۆپ بېغىشلىغۇچىسەن.
3 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تَمْسَسْكُمْ حَسَنَةٌ تَسُؤْهُمْ وَإِنْ تُصِبْكُمْ سَيِّئَةٌ يَفْرَحُوا بِهَا ۖ وَإِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا لَا يَضُرُّكُمْ كَيْدُهُمْ شَيْئًا ۗ إِنَّ اللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەرگە (كەڭچىلىك، مولچىلىق، نۇسرەت، غەنىيمەت قاتارلىق) بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە (ئېغىرچىلىق، قەھەتچىلىك ۋە مەغلۇبىيەت قاتارلىق) بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر (ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە) سەۋر قىلساڭلار ۋە (سۆزۈڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر سەۋر قىلساڭلار ۋە ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدۇ. ئەگەر سىلەرگە بىرەر يامانلىق كەلسە ئۇلار خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ هَمَّتْ طَائِفَتَانِ مِنْكُمْ أَنْ تَفْشَلَا وَاللَّهُ وَلِيُّهُمَا ۗ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن ئىككى گۇرۇھ (يەنى سەلەمە ئايمىقى بىلەن بەنى ھارىسە ئايمىقى) ئاجىزلىق كۆرسەتمەكچى (يەنى قورقۇپ ئۇرۇش مەيدانىدىن قايتماقچى) بولدى؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەدەتكارى ئىدى. (مۆمىنلەر جىمى ئەھۋالى ۋە جىمى ئىشلىرىدا) ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن![122].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ چاغدا سىلەردىن ئىككى توپ ئادەم مەغلۇپ بولۇشتىن ئەنسىرەپ قالدى، ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەدەتكارى ئىدى، شۇڭا مۆمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىشى لازىم
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن ئىككى گۇرۇھ، ئاللاھ ئۆزلىرىنىڭ ۋەلىيسى21 تۇرۇقلۇق ئۇرۇشتىن چېكىنمەكچى بولدى. مۇئمىنلار پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن.
3 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا جَعَلَهُ اللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ لَكُمْ وَلِتَطْمَئِنَّ قُلُوبُكُمْ بِهِ ۗ وَمَا النَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنى (يەنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى) پەقەت سىلەرگە خۇشخەۋەر بولسۇن ۋە دىلىڭلار شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولسۇن (شۇنىڭ بىلەن دۈشمەننىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن قورقمىسۇن) دەپ قىلدى. ياردەم پەقەت غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پەقەت سىلەرگە خۇش خەۋەر بولسۇن ۋە دىلىڭلار شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولسۇن دەپ شۇنداق قىلدى. ياردەم پەقەت ھەممىگە غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بۇ ياردەمنى سىلەرگە خۇش خەۋەر بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈنلا قىلدى. نۇسرەت پەقەت ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىندۇر.
3 : 150 - ئايەت
كۆرۈش
بَلِ اللَّهُ مَوْلَاكُمْ ۖ وَهُوَ خَيْرُ النَّاصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىدىغان مەدەتكارىڭلار ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار)، ئۇ ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر[150].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇلار سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلار ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر، ئەڭ ياخشى ياردەمچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، سىلەرنىڭ ئىگەڭلار ئاللاھتۇر. ئۇ ياردەمچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
3 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِمَا رَحْمَةٍ مِنَ اللَّهِ لِنْتَ لَهُمْ ۖ وَلَوْ كُنْتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لَانْفَضُّوا مِنْ حَوْلِكَ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمْ وَشَاوِرْهُمْ فِي الْأَمْرِ ۖ فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا (ساھابىلەرگە) سىلىق مۇئامىلە قىلدىڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭدىن تارقىلىپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، جامائەت ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ ئاندىن بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرىڭگە سىلىق مۇئامىلە قىلدىڭ. ئەگەر سەن قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار سەندىن يىراقلىشىپ كېتەتتى. ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشلىرىڭدا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن. بىر قارارغا كەلسەڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ئۆزىگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
3 : 160 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَنْصُرْكُمُ اللَّهُ فَلَا غَالِبَ لَكُمْ ۖ وَإِنْ يَخْذُلْكُمْ فَمَنْ ذَا الَّذِي يَنْصُرُكُمْ مِنْ بَعْدِهِ ۗ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردىمىنى تەرك ئەتسە، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۆمىنلەر يالغۇز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن! (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)[160].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرمىسە، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۆمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ياردەمسىز قويسا، ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن.
3 : 173 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ قَالَ لَهُمُ النَّاسُ إِنَّ النَّاسَ قَدْ جَمَعُوا لَكُمْ فَاخْشَوْهُمْ فَزَادَهُمْ إِيمَانًا وَقَالُوا حَسْبُنَا اللَّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇشرىكلار تەرەپدارى بولغان) ئادەملەر ئۇلارغا: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!» دېدى[173].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئايرىم ئادەملەر ئۇلارغا: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە شۇنداق كىشىلەركى، ئىنسانلار ئۇلارغا: «دۈشمەنلىرىڭلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېسە، بۇ سۆزدىن ئىمانلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئۇ نېمىدېگەن ياخشى ۋەكىل!» دېدى.
3 : 175 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا ذَٰلِكُمُ الشَّيْطَانُ يُخَوِّفُ أَوْلِيَاءَهُ فَلَا تَخَافُوهُمْ وَخَافُونِ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ شەيتان ئۆز دوستلىرىنى (يەنى كۇففارلارنى) قورقىتىدۇ. ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار[175].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت ئاشۇ شەيتان سىلەرنى ئۆز يېقىنلىرىدىن (يەنى كافىرلاردىن) قورقىتىدۇ. ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۇ خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن كىشى شەيتاندۇر. ئۇ سىلەرنى ئۆز ۋەلىيلىرىدىن قورقۇتۇشقا تىرىشىدۇ28. لېكىن سىلەر مۇئمىن بولساڭلار ئۇلاردىن قورقماي مەندىن قورقۇڭلار.
نىسا سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَاذَا عَلَيْهِمْ لَوْ آمَنُوا بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَأَنْفَقُوا مِمَّا رَزَقَهُمُ اللَّهُ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِهِمْ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە ۋە ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن مالدىن سەرپ قىلسا، ئۇلارغا نېمە زىيىنى بولاتتى؟ ئاللاھ ئۇلارنى ئوبدان بىلىدۇ (قىلمىشىغا قاراپ جازالايدۇ)[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە ۋە ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن پۇل-مالنىڭ بىر قىسمىنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلەتسە، ئۇلارغا نېمە زىيىنى بولاتتى؟ ئاللاھ ئۇلارنى ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە، ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن چىقىم قىلسا، ئۇلارغا بۇنىڭ نېمە زىيىنى بولار ئىدى؟ ئاللاھ ئۇلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِأَعْدَائِكُمْ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَلِيًّا وَكَفَىٰ بِاللَّهِ نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ساقلاشقا يېتەرلىكتۇر ۋە سىلەرگە مەدەتكار بولۇشقا يېتەرلىكتۇر (يەنى سىلەرنى يەھۇدىيلارنىڭ مىكرىدىن ساقلاشقا ئاللاھ كۇپايىدۇر)[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ساقلاشقا ۋە سىلەرگە مەدەتكار بولۇشقا يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ دۈشمەنلىرىڭلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ يېتەرلىك ۋەلىي25، ئاللاھ يېتەرلىك ياردەمچىدۇر.
4 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُونَ طَاعَةٌ فَإِذَا بَرَزُوا مِنْ عِنْدِكَ بَيَّتَ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ غَيْرَ الَّذِي تَقُولُ ۖ وَاللَّهُ يَكْتُبُ مَا يُبَيِّتُونَ ۖ فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار): «ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلدۇق» دەيدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى ئۆزلىرىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى ئەمرىڭگە خىلاپلىق قىلىدۇ)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆزگەرتكەنلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن (يەنى كەچۈرگىن)، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (تەۋەككۈل قىلغۇچىغا) ئاللاھنىڭ ھامىيلىقى يېتەرلىكتۇر[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلار: «سېنىڭ ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلىمىز» دەيدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا بولسا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى يوشۇرۇن ھالدا سېنىڭ دېگىنىڭنىڭ ئەكسىنى قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى (پەرىشتىلەر ئارقىلىق) خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. سەن ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ ساڭا يېتەرلىك ھامىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئىتائەت قىلىمىز» دەيدۇ. ئاندىن يېنىڭدىن ئايرىلىپ چىققاندا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ سېنىڭ دېگىنىڭدىن باشقىسىنى كېچىدە پىلانلايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېچىدە پىلانلىغان نەرسىسىنى يازىدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر.
4 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ لَا تُكَلَّفُ إِلَّا نَفْسَكَ ۚ وَحَرِّضِ الْمُؤْمِنِينَ ۖ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَكُفَّ بَأْسَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ وَاللَّهُ أَشَدُّ بَأْسًا وَأَشَدُّ تَنْكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغىن (يەنى ئۆزۈڭ يالغۇز بولساڭمۇ جىھاد قىلغىن، ساڭا غەلىبە ۋەدە قىلىنغان. مۇناپىقلارنىڭ جىھادتىن قېلىپ قالغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمە.) سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا جاۋابكار سەن، مۆمىنلەرنى (جىھادقا) قىزىقتۇرغىن، ئاللاھنىڭ كاپىرلار كۈچىنى توسىدىغانلىقىمۇ ھەقىقەتتۇر. ئاللاھنىڭ كۈچى ئەڭ زوردۇر، ئاللاھنىڭ جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغىن، بۇ ساڭىلا قويۇلغان تەلەپ، مۆمىنلەرنى ئۇرۇش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ، ئاللاھ كافىرلارنىڭ ئۇرۇشىنى توسۇپ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ كۈچى ئەڭ زوردۇر. ئاللاھنىڭ جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇنداقتا ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقىن38، سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا مەسئۇل قىلىنغانسەن، مۇئمىنلارنى قىزىقتۇرغىن. ئاللاھ كافىرلارنىڭ كۈچىنى توسۇشى مۇمكىن. ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، قاتتىق جازالىغۇچىدۇر.
4 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَهِنُوا فِي ابْتِغَاءِ الْقَوْمِ ۖ إِنْ تَكُونُوا تَأْلَمُونَ فَإِنَّهُمْ يَأْلَمُونَ كَمَا تَأْلَمُونَ ۖ وَتَرْجُونَ مِنَ اللَّهِ مَا لَا يَرْجُونَ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا سۇسلۇق قىلماڭلار؛ ئەگەر سىلەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ، سىلەر ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى (يەنى شېھىت بولۇشنى، ساۋابنى ۋە غەلىبىنى) ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا سۇسلۇق قىلماڭلار؛ ئەگەر سىلەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ، سىلەر ئاللاھتىن ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسە (يەنى شېھىت بولۇشى، ساۋاب)نى ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ قەۋمنى قوغلاشتا بوشاڭلىق قىلماڭلار50. ئەگەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ سىلەر قىينالغاندەك قىينىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر ئاللاھتىن ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يَتَفَرَّقَا يُغْنِ اللَّهُ كُلًّا مِنْ سَعَتِهِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ وَاسِعًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئىككىسى ئۈزلۈشۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرسىنى ئىككىنچىسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتسە، ئاللاھ ئۆز مەرھەمىتى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرىنى ئىككىنچىسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتسە، ئاللاھ ھەر بىرىنى كەڭ پەزلىدىن بېرىپ بىھاجەت قىلىدۇ. ئاللاھ كۆپ بەرگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ھەممە ئىشنى باشقۇرۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ھەممە ئىشنى باشقۇرۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر.
4 : 175 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَاعْتَصَمُوا بِهِ فَسَيُدْخِلُهُمْ فِي رَحْمَةٍ مِنْهُ وَفَضْلٍ وَيَهْدِيهِمْ إِلَيْهِ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئانغا) چىڭ يېپىشقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىگە ۋە نېمىتىگە (يەنى جەننىتىگە) داخىل قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ[175].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھقا بولغان ئىمانىدا چىڭ تۇرغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتى ۋە پەزلى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، توغرا يولغا باشلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭ پاناھىغا سېغىنغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنى رەھمىتى ۋە ئىلتىپاتىغا كىرگۈزىدۇ، ئۇلارنى ئۆزىگە يەتكۈزىدىغان توغرا يولغا باشلايدۇ.
مائىد سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ هَمَّ قَوْمٌ أَنْ يَبْسُطُوا إِلَيْكُمْ أَيْدِيَهُمْ فَكَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنْكُمْ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن (سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن ساقلىغانلىق) نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئەينى زاماندا بىر جامائە سىلەرگە قوللىرىنى ئۇزاتماقچى (يەنى سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى) بولغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توستى (يەنى سىلەرنى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقلىدى). ئاللاھتىن (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن) قورقۇڭلار، مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئەينى زاماندا بىر جامائە سىلەرگە (ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن) قول سالماقچى بولغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توسۇپ قالدى. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مۆمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار: ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋم سىلەرگە قوللىرىنى ئۇزاتماقچى بولغاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توسقان ئىدى. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن.
5 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَجُلَانِ مِنَ الَّذِينَ يَخَافُونَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمَا ادْخُلُوا عَلَيْهِمُ الْبَابَ فَإِذَا دَخَلْتُمُوهُ فَإِنَّكُمْ غَالِبُونَ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَتَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن بولغان، ئاللاھنىڭ (ئىمان بىلەن تائەتتىن ئىبارەت) نېمىتىگە ئېرىشكەن ئىككى ئادەم (يەنى كالب ئىبن يەفۇننە بىلەن يۇشە ئىبن نۇن) ئۇلارغا: «(شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، (شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئەگەر (ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغان ياردىمىگە) ئىشەنسەڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن بولغان، ئاللاھنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشكەن ئىككى ئادەم*[1] ئۇلارغا: «شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، دەرۋازىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھتىن قورقىدىغانلاردىن ئاللاھ ئىنئام قىلغان ئىككى ئەر كىشى: «ئۇلارغا شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار چوقۇم غالىب كېلىسىلەر. ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار» دېدى13.
5 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي لَا أَمْلِكُ إِلَّا نَفْسِي وَأَخِي ۖ فَافْرُقْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا دېدى: «پەرۋەردىگارىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىنداشلىرىمغىلا ئىگىمەن، سەن بىز بىلەن (ئىتائىتىڭدىن باش تارتقان) قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن»[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا دېدى: «ئى رەببىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىندىشىمغىلا ئىگە، سەن بىز بىلەن بۇ پاسىق قەۋم ئارىسىدا بىر ھۆكۈم قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىندىشىمغا ئىگە بولالايمەن14. بىز بىلەن بۇ فاسىق قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن» دېدى.
5 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَرَى الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ يُسَارِعُونَ فِيهِمْ يَقُولُونَ نَخْشَىٰ أَنْ تُصِيبَنَا دَائِرَةٌ ۚ فَعَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَ بِالْفَتْحِ أَوْ أَمْرٍ مِنْ عِنْدِهِ فَيُصْبِحُوا عَلَىٰ مَا أَسَرُّوا فِي أَنْفُسِهِمْ نَادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: دىللىرىدا كېسەللىك (يەنى مۇناپىقلىق) بارلارنىڭ (زامان ئۆزگىرىپ كاپىرلار زەپەر تاپسا) ئۆزىمىزگە بىر پالاكەتچىلىك كېلىشىدىن قورقىمىز دەپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىرىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ (رەسۇلۇللاھقا، مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىشنى) ئاتا قىلىدۇ ياكى بىر ئىشنى (يەنى ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشنى) مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ـ دە، كۆڭلىدە يوشۇرغىنى (يەنى مۆمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتقانلىقى) ئۈچۈن ئۇلار نادامەت چېكىدۇ[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: دىللىرىدا كېسەللىك بارلار (مۇناپىقلار) نىڭ بىزگە بىرەر پالاكەتچىلىك كېلىپ قالمىسۇن دەپ، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ يېقىندا (مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە ئاتا قىلىدۇ ياكى بىرەر ھۆكۈمنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ـ دە، دىلىدا كېسىلى بارلار ئۇلارنى كۆڭلىدە يۇشۇرۇن دوست تۇتقانلىقى ئۈچۈن نادامەت چېكىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن قەلبلىرىدە كېسەل بار كىشىلەرنىڭ: «بىزگە پالاكەت كېلىشىدىن قورقىمىز» دەپ ئۇلارنى ۋەلىي قىلىۋېلىشتا بەسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. يېقىندا ئاللاھ پەتىھنى ياكى ئۆز تەرىپىدىن بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى، ئاندىن ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوشۇرغان نەرسىگە پۇشايمان قىلغۇچىلار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن17.
5 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَتَوَلَّ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَالَّذِينَ آمَنُوا فَإِنَّ حِزْبَ اللَّهِ هُمُ الْغَالِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە مۆمىنلەرنى دوست تۇتىدىكەن، (ئۇ ئاللاھنىڭ جامائەسىدىندۇر). ئاللاھنىڭ جامائەسى (ئەلۋەتتە) غالىبتۇر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە مۆمىنلەرنى دوست تۇتىدىكەن، ئاللاھنىڭ بۇنداق جامائەسى ئەلۋەتتە غالىبتۇر
ئەنەس ئالىم: كىم ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى ۋە مۇئمىنلارنى ۋەلىي قىلىۋالىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھنىڭ گۇرۇھى چوقۇم غالىب كەلگۈچىلەردۇر.
5 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ ۖ وَإِنْ لَمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ ۚ وَاللَّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، سەن ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپەڭنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى ئەلچى! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى تەبلىغ قىلغىن22. ئەگەر قىلمىساڭ ئۇ تاپشۇرغان ئەلچىلىكنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن. ئاللاھ سېنى ئىنسانلاردىن ساقلايدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ.
ئەنئام سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يَمْسَسْكَ اللَّهُ بِضُرٍّ فَلَا كَاشِفَ لَهُ إِلَّا هُوَ ۖ وَإِنْ يَمْسَسْكَ بِخَيْرٍ فَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرىۋېتەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ سېنى بىرەر زىيانغا ئۇچراتسا، ئۇنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە، شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
6 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ إِيَّاهُ تَدْعُونَ فَيَكْشِفُ مَا تَدْعُونَ إِلَيْهِ إِنْ شَاءَ وَتَنْسَوْنَ مَا تُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس، سىلەر پەقەت ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىسىلەر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەر ئاللاھنىڭ كۆتۈرۈۋېتىشىنى ئىلتىجا قىلغان بالانى ئاللاھ كۆتۈرۈۋېتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى قىلىۋالغىنىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر»[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق قىلمايسىلەر. سىلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىلتىجا قىلىسىلەر، ئاللاھ خالىسا، سىلەر كۆتۈرۈۋېتىشنى ئىلتىجا قىلغان بالانى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان بۇتلارنى ئۇنتۇيسىلەر»
ئەنەس ئالىم: بەلكى پەقەت ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ خالىسا سىلەر كۆتۈرۈۋېتىشىنى تىلەپ دۇئا قىلغان بالانى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىدىغان نەرسىلىرىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر».
6 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ يُنَجِّيكُمْ مِنْ ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ تَدْعُونَهُ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً لَئِنْ أَنْجَانَا مِنْ هَٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى (يەنى بالايىئاپەتلىرى) دىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (بۇ قاراڭغۇلۇقلارنى كۆرگەن چېغىڭلاردا) ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ ئاللاھقا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىلتىجا قىلىسىلەر»[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! بۇ كافىرلارغا) ئېيتقىنكى، «قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ بالايىئاپەتلىرى كەلگەندە، سىلەر <ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا، چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز> دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ ۋە تۆۋەن ئاۋازدا دۇئا قىلىسىلەر. ئاشۇ زۇلمەتتىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ يالۋۇرۇپ يوشۇرۇنچە دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا، قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟
6 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَاجَّهُ قَوْمُهُ ۚ قَالَ أَتُحَاجُّونِّي فِي اللَّهِ وَقَدْ هَدَانِ ۚ وَلَا أَخَافُ مَا تُشْرِكُونَ بِهِ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ رَبِّي شَيْئًا ۗ وَسِعَ رَبِّي كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا ۗ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، مەن بىلەن ئاللاھ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن، پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭلا خالىغان نەرسىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، (مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ماڭا ھېچبىر زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى) ئويلىمامسىلەر؟[80]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، سىلەر مەن بىلەن ئاللاھ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەلەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن؛ پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىرادە قىلغىنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇنى ئويلىمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن دەتالاش قىلىشتى. ئىبراھىم دېدىكى: «سىلەر مەن بىلەن ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشامسىلەر؟ ئۇ مېنى ھىدايەت قىلغان تۇرسا. مەن سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك قىلغان نەرسىلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. لېكىن رەببىمنىڭ بىرەر نەرسە خالىشىدىن قورقىمەن8. رەببىمنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئويلىمامسىلەر؟9.
ئەئراف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
قَدِ افْتَرَيْنَا عَلَى اللَّهِ كَذِبًا إِنْ عُدْنَا فِي مِلَّتِكُمْ بَعْدَ إِذْ نَجَّانَا اللَّهُ مِنْهَا ۚ وَمَا يَكُونُ لَنَا أَنْ نَعُودَ فِيهَا إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّنَا ۚ وَسِعَ رَبُّنَا كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا ۚ عَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْنَا ۚ رَبَّنَا افْتَحْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ قَوْمِنَا بِالْحَقِّ وَأَنْتَ خَيْرُ الْفَاتِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (شۇئەيب يەنە ئېيتتى) «ئاللاھ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىمىز. پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ خالىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاللاھقا تەۋۋەككۈل قىلدۇق (يەنى ھەممە ئىشىمىزنى ئاللاھقا تاپشۇرىمىز). پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن»[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: (شۇئەيب يەنى ئېيتتى) «ئاللاھ بىزنى دىنىڭلاردىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتقان بولىمىز. پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ خالىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھقا تەۋۋەككۈل قىلدۇق. ئى رەببىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن بىز يەنە ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىمىز. رەببىمىز ئاللاھ خالىمىغىچە ئۇنىڭغا قايتىشىمىز بىز ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ. رەببىمىزنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق. رەببىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىنى ھەق بىلەن ئايرىغىن18. سەن ئايرىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».
7 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَأَمِنُوا مَكْرَ اللَّهِ ۚ فَلَا يَأْمَنُ مَكْرَ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ مەكرىدىن (يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا ئاللاھنىڭ ئازاب نازىل قىلىشىدىن) قورقمامدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن قورقمايدۇ[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ چارە كۆرۈشىدىن ئەنسىرىمەمدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ چارە كۆرۈشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ تۇيۇقسىز جازالىشىدىن ئەنسىرىمىدىمۇ؟ ئاللاھنىڭ تۇيۇقسىز جازالىشىدىن پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئەنسىرىمەيدۇ.
7 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا إِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا مُنْقَلِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر ئېيتتى: «بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، بىز رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچى كىشىلەرمىز.
7 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ اسْتَعِينُوا بِاللَّهِ وَاصْبِرُوا ۖ إِنَّ الْأَرْضَ لِلَّهِ يُورِثُهَا مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ئىگە قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار ۋە سەۋر قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، زېمىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە مىراس قىلىپ بېرىدۇ. ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارنىڭ بولىدۇ» دېدى.
7 : 196 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ وَلِيِّيَ اللَّهُ الَّذِي نَزَّلَ الْكِتَابَ ۖ وَهُوَ يَتَوَلَّى الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلغان ئاللاھ مېنىڭ ئىگەمدۇر، ئۇ ياخشىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ[196].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن كىتاب (يەنى قۇرئان) نى نازىل قىلغان ئاللاھ مېنىڭ ئىگەمدۇر، ئۇ ياخشىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىگەم بۇ كىتابنى نازىل قىلغان ئاللاھتۇر. ئۇ ياخشىلارنى دوست تۇتىدۇ.
ئەنفال سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا جَعَلَهُ اللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ وَلِتَطْمَئِنَّ بِهِ قُلُوبُكُمْ ۚ وَمَا النَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە پەقەت (غەلىبە قىلىدىغانلىقىڭلارغا) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە پەقەت (غەلىبىدىن) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بۇ ياردەمنى خۇش خەۋەر بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈنلا قىلدى. نۇسرەت پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
8 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرُوا إِذْ أَنْتُمْ قَلِيلٌ مُسْتَضْعَفُونَ فِي الْأَرْضِ تَخَافُونَ أَنْ يَتَخَطَّفَكُمُ النَّاسُ فَآوَاكُمْ وَأَيَّدَكُمْ بِنَصْرِهِ وَرَزَقَكُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زېمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغان ئىدىڭلار، كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تالان ـ تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار ، شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى (مەدىنىدە) يەرلەشتۈردى، (بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە ھالال نەرسىلەر (يەنى غەنىيمەتلەر) نى رىزىق قىلىپ بەردى[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زېمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغان ئىدىڭلار، كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تالان ـ تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار. شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى (مەدىنىدە) ماكانلاشتۇردى، (بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە ھالال نەرسىلەر (يەنى ئولجىلار) نى رىزىق قىلىپ بەردى
ئەنەس ئالىم: ئەسلەڭلاركى، سىلەر ئۆز ۋاقتىدا زېمىندا بوزەك قىلىنغان ئاز سانلىق ئىدىڭلار. ئىنسانلارنىڭ سىلەرنى تۇيۇقسىز تۇتۇۋېلىپ ئېلىپ كېتىشىدىن قورقاتتىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە يەر - زېمىن بەردى، ئۆز نۇسرىتى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى ۋە سىلەرگە پاك نەرسىلەردىن رىزىق بەردى. شۈكۈر قىلغايسىلەر!
8 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يَمْكُرُ بِكَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِيُثْبِتُوكَ أَوْ يَقْتُلُوكَ أَوْ يُخْرِجُوكَ ۚ وَيَمْكُرُونَ وَيَمْكُرُ اللَّهُ ۖ وَاللَّهُ خَيْرُ الْمَاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن مىكىر ئىشلەتتى، ئۇلار مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ مىكرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار سېنى قاماققا ئېلىش، ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن ھىيلە-مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى، ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى يۇرتۇڭدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ساڭا ھىيلە - مىكىر قىلغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىنى بەربات قىلغان ئىدى. ئاللاھ ھىيلە - مىكىرنى بەربات قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
8 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ تَوَلَّوْا فَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَوْلَاكُمْ ۚ نِعْمَ الْمَوْلَىٰ وَنِعْمَ النَّصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار، نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچى![40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار، نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچى!
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇ كافىرلار يۈز ئۆرۈسە، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە ۋە نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچى!
8 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ يَقُولُ الْمُنَافِقُونَ وَالَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ غَرَّ هَٰؤُلَاءِ دِينُهُمْ ۗ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَإِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا كېسىلى (يەنى شەك) بارلار: «بۇلارنى (يەنى مۇسۇلمانلارنى) ئۇلارنىڭ دىنى ئالدىدى (يەنى مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىغا مەغرۇر بولۇپ، ئۆزلىرىنى يېڭىلمەس دەپ گۇمان قىلىپ، ئاز سانلىق تۇرۇقلۇق كۆپ سانلىقلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا چىقتى)» دېدى. كىمكى ئاللاھقا يۆلىنىدىكەن (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىدۇ). چۈنكى ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا كېسىلى (يەنى شەك) بارلار: «بۇلار (يەنى مۇسۇلمانلار) نى ئۆزىنىڭ دىنى مەغرۇرلاندۇردى (يەنى ئۇلار ئۆزىنى يېڭىلمەس دەپ قاراپ، كۆپ سانلىقلار بىلەن ئۇرۇشتى)» دېگەن ئىدى. كىمكى ئاللاھقا يۆلىنىدىكەن ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئەسنادا مۇنافىقلار ۋە قەلبلىرىدە كېسەل بولغانلار: «ئۇلارنى دىنى ئالدىدى» دەيتتى8. كىم ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
8 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ جَنَحُوا لِلسَّلْمِ فَاجْنَحْ لَهَا وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
8 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يُرِيدُوا أَنْ يَخْدَعُوكَ فَإِنَّ حَسْبَكَ اللَّهُ ۚ هُوَ الَّذِي أَيَّدَكَ بِنَصْرِهِ وَبِالْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن سۈلھى بىلەن) سېنى ئالدىماقچى بولسا، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن) شەكسىز ساڭا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ سېنى ئۆزىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋە مۆمىنلەر بىلەن كۈچلەندۈردى[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار (سۈلھى بىلەن) سېنى ئالدىماقچى بولسا، ئاللاھ (پاناھ بولۇشقا) شەكسىز ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ سېنى ئۆزنىڭ ياردىمى بىلەن ۋە مۆمىنلەر بىلەن كۈچلەندۈردى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار سېنى ئالدىماقچى بولسا، ئاللاھ ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سېنى نۇسرىتى بىلەن ۋە مۇئمىنلار بىلەن كۈچلەندۈردى،
8 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ حَسْبُكَ اللَّهُ وَمَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! (يالغۇز) ئاللاھ ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭىمۇ ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگىمۇ يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلارغا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.
تەۋبە سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ نَصَرَكُمُ اللَّهُ فِي مَوَاطِنَ كَثِيرَةٍ ۙ وَيَوْمَ حُنَيْنٍ ۙ إِذْ أَعْجَبَتْكُمْ كَثْرَتُكُمْ فَلَمْ تُغْنِ عَنْكُمْ شَيْئًا وَضَاقَتْ عَلَيْكُمُ الْأَرْضُ بِمَا رَحُبَتْ ثُمَّ وَلَّيْتُمْ مُدْبِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۈنەين كۈنىدە (يەنى جېڭىدە) ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خۇشاللىنىپ كەتتىڭلار (يەنى بۈگۈن بىزنىڭ سانىمىز كۆپ، مەغلۇپ بولمايمىز دېدىڭلار، بۇ چاغدا سىلەرنىڭ سانىڭلار 12 مىڭ، دۈشمىنىڭلارنىڭ سانى 4000 ئىدى)، سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. (قاتتىق قورققىنىڭلاردىن) كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن (مەغلۇپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئازغىنا مۆمىنلەر بىلەن تاشلاپ) ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۇنەين جېڭى كۈنىدە ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرنى مەغرۇرلاندۇرغان ئىدى، بۇ سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. شۇنچە كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن ئۇرۇش مەيدانلىرىدا نۇسرەت بەردى. ھۇنەين كۈنىدىمۇ نۇسرەت بەردى. ئۇ كۈنى سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرنى مەغرۇرلاندۇرغان ئىدى، لېكىن كۆپلۈكىڭلار سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىغان ئىدى. شۇنچە كەڭ زېمىن سىلەرگە تار كەلگەن ئىدى. ئاخىرىدا ئارقاڭلارنى قىلىپ قاچقان ئىدىڭلار.
9 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا تَنْصُرُوهُ فَقَدْ نَصَرَهُ اللَّهُ إِذْ أَخْرَجَهُ الَّذِينَ كَفَرُوا ثَانِيَ اثْنَيْنِ إِذْ هُمَا فِي الْغَارِ إِذْ يَقُولُ لِصَاحِبِهِ لَا تَحْزَنْ إِنَّ اللَّهَ مَعَنَا ۖ فَأَنْزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَيْهِ وَأَيَّدَهُ بِجُنُودٍ لَمْ تَرَوْهَا وَجَعَلَ كَلِمَةَ الَّذِينَ كَفَرُوا السُّفْلَىٰ ۗ وَكَلِمَةُ اللَّهِ هِيَ الْعُلْيَا ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار ئۇنى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭغا پەقەت بىر كىشى (يەنى ئەبۇبەكرى سىددىق) ھەمراھ ئىدى. ئەينى زاماندا ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە» دەيتتى، ئاللاھ ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبىرىگە) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، ئۇنىڭغا (پەرىشتىلەردىن بولغان) قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار، كاپىرلارنىڭ سۆزىنى (يەنى شېرىك كەلىمىسىنى) پەس قىلدى، ئاللاھنىڭ سۆزى (يەنى كەلىمە تەۋھىد) ئۈستۈندۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار ئۇنى (مەككىدىن) پەقەت بىرلا كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەيدەپ چىقارغاندا، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۇ ئىككىسى غاردىكى ۋاقتىدا (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە» دېگەندە، ئاللاھ ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك بېغىشلىغان، ئۇنىڭغا سىلەر كۆرمىگەن (پەرىشتىلەردىن بولغان) قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەرگەن، كافىرلارنىڭ سۆزىنى ئەڭ پەس قىلغان ئىدى. ئاللاھنىڭ سۆزى بولسا ئەڭ ئۈستۈندۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ياردەم قىلمىساڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياردەم قىلدى4. ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار ئۇنى ئىككى كىشىنىڭ بىرى ھالىتىدە يۇرتىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى. ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. ئۇ ھەمراھىغا: «قايغۇرمىغىن، ئاللاھ چوقۇم بىز بىلەن بىللىدۇر» دېگەن ئىدى. ئۇ ئەسنادا ئاللاھ ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى رەھمىتىنى چۈشۈرگەن ئىدى. ئۇنى سىلەر كۆرمىگەن قوشۇنلار بىلەن كۈچلەندۈرگەن ئىدى. كافىرلارنىڭ سۆزىنى پەس قىلغان ئىدى. ئاللاھنىڭ سۆزىلا ئەڭ ئۈستۈندۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
9 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَنْ يُصِيبَنَا إِلَّا مَا كَتَبَ اللَّهُ لَنَا هُوَ مَوْلَانَا ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى مۆمىنلەر ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن، ئۇندىن باشقا ھېچ ئەھەدىگە يۆلەنمىسۇن)»[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئمىنلار ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن، ئۇندىن باشقا ھېچ ئەھەدىگە يۆلەنمىسۇن»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «بېشىمىزغا پەقەت ئاللاھ بىز ئۈچۈن يازغان نەرسىلا كېلىدۇ. ئاللاھ بىزنىڭ ئىگىمىزدۇر. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن».
9 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هَلْ تَرَبَّصُونَ بِنَا إِلَّا إِحْدَى الْحُسْنَيَيْنِ ۖ وَنَحْنُ نَتَرَبَّصُ بِكُمْ أَنْ يُصِيبَكُمُ اللَّهُ بِعَذَابٍ مِنْ عِنْدِهِ أَوْ بِأَيْدِينَا ۖ فَتَرَبَّصُوا إِنَّا مَعَكُمْ مُتَرَبِّصُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «سىلەر پەقەت بىزنىڭ (غەلىبە قىلىش ياكى شېھىت بولۇشتىن ئىبارەت) ئىككى خىل ياخشى ئاقىۋەتنىڭ بىرىگە ئېرىشىشىمىزنى كۈتۈۋاتىسىلەر، بىزمۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن ئازاب چۈشۈرۈشنى ياكى بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىق سىلەرنى جازالىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتەيلى»[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەر پەقەت بىزنىڭ -غەلىبە قىلىش ياكى شېھىت بولۇشتىن ئىبارەت- ئىككى خىل ياخشى ئاقىۋەتنىڭ بىرىگە ئېرىشىشىمىزنى كۈتۈۋاتىسىلەر، بىزمۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن ئازاب چۈشۈرۈشنى ياكى بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىق سىلەرنى جازالىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتكۈچىلەرمىز»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «سىلەر بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىككى ئاقىۋەتنىڭ بىرىنىلا كۈتۈۋاتىسىلەر. بىز بولساق، سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يا ئۆز تەرىپىدىن ياكى بىزنىڭ قولىمىز بىلەن سىلەرگە ئازاب يەتكۈزىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. ئۇنداقتا كۈتۈڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتمەكتىمىز».
9 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّهُمْ رَضُوا مَا آتَاهُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَقَالُوا حَسْبُنَا اللَّهُ سَيُؤْتِينَا اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ وَرَسُولُهُ إِنَّا إِلَى اللَّهِ رَاغِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگىنىگە رازى بولسا ۋە: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن ئاللاھتىن (ئاللاھنىڭ پەزلىنى، ئېھسانىنى) ئۆتۈنۈپ سورىغۇچىلارمىز» دېسە، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگىنىگە رازى بولسا ۋە: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن ئاللاھتىن ئاللاھنىڭ پەزلىنى، ئېھسانىنى ئۆتۈنۈپ سورىغۇچىلارمىز» دېسە، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بەرگەن نەرسىگە رازى بولغان ۋە: «ئاللاھ بىزگە يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ بىزگە يېقىندا ئۆز پەزلىدىن بېرىدۇ، ئەلچىسىمۇ بېرىدۇ، بىز ئاللاھقىلا ئۈمىد باغلىغۇچىلارمىز» دېگەن بولسا ئىدى، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى.
9 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، سەن: «ئاللاھ ماڭا كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىم، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئەھەدىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن ۋە قورقمايمەن)، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى پەيغەمبەر!- ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈسە، سەن: «ئاللاھ مېنى كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر» دېگىن[
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ماڭا يېتەرلىك، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مەن ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشىنىڭ رەببىدۇر».
يۇنۇس سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَا إِنَّ أَوْلِيَاءَ اللَّهِ لَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: راستتىنلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش يوقتۇر، ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا قورقۇش يوقتۇر. ئۇلار -دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانلىرىغا- قايغۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ۋەلىيلىرىگە ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
10 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحْزُنْكَ قَوْلُهُمْ ۘ إِنَّ الْعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا ۚ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەت ئاللاھقا مەنسۈپ (ئاللاھ ساڭا مەدەتكاردۇر). ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، پۈتۈن ئىززەت-شەرەپ ئاللاھقا مەنسۈپتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. شۈبھىسىزكى، ئىززەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
10 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ نُوحٍ إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ إِنْ كَانَ كَبُرَ عَلَيْكُمْ مَقَامِي وَتَذْكِيرِي بِآيَاتِ اللَّهِ فَعَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْتُ فَأَجْمِعُوا أَمْرَكُمْ وَشُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُنْ أَمْرُكُمْ عَلَيْكُمْ غُمَّةً ثُمَّ اقْضُوا إِلَيَّ وَلَا تُنْظِرُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسەسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ ئىچىڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىتىشىم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىم، سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن). سىلەر بۇتلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە (مېنى قەستلەيدىغان) ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە غۇۋا بولۇپ قالمىسۇن (يەنى مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلار ئاشكارا بولسۇن)، ئاندىن مېنى بىردەممۇ كېچىكتۈرمەي، مېنىڭ ھەققىمدە (خالىغىنىڭلارنى) ئىجرا قىلىۋېرىڭلار[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ ئىچىڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن قورقۇتۇشۇم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم. سىلەر شېرىكلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن، ئاندىن مېنىڭ ھەققىمدە خالىغىنىڭلارنى ئىجرا قىلىۋېرىڭلار، بىردەممۇ كېچىكتۈرمەڭلار!
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا نۇھنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئەگەر مېنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىتىشىم سىلەرگە ئېغىر كەلگەن بولسا مەن پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە ئىشىڭلارنى قارارلاشتۇرۇڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن. ئاندىن ماڭا ھېچ مۆھلەت بەرمەستىن ھەققىمدىكى ھۆكۈمىڭلارنى ئىجرا قىلىڭلار.
10 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَمَا سَأَلْتُكُمْ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر (مېنىڭ نەسىھىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن (ئاللاھقا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر مېنىڭ نەسىھىتىمدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، مەن سىلەردىن ھېچقانداق ئەجىر سورىمىدىم. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم».
10 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ يَا قَوْمِ إِنْ كُنْتُمْ آمَنْتُمْ بِاللَّهِ فَعَلَيْهِ تَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار (يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار)» دېدى[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، ئەگەر مۇسۇلمان بولىدىغان بولساڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى.
10 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالُوا عَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْنَا رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق، رەببىمىز، زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدۇق، رەببىمىز! بىزنى زالىم قەۋمنىڭ قىينىشى بىلەن ئىمتىھان قىلمىغىن،
10 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يَمْسَسْكَ اللَّهُ بِضُرٍّ فَلَا كَاشِفَ لَهُ إِلَّا هُوَ ۖ وَإِنْ يُرِدْكَ بِخَيْرٍ فَلَا رَادَّ لِفَضْلِهِ ۚ يُصِيبُ بِهِ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۚ وَهُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ئۇنى دەپئى قىلغۇچى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ پەزلىنى قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) مېھرىباندۇر» (دېيىلدى)[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ئۇنى دەپئى قىلغۇچى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ پەزلىنى قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھرىباندۇر» -دېيىلدى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان يەتكۈزسە، ئۇنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ پەزلىنى قايتۇرۇۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئاللاھ ياخشىلىقنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە يەتكۈزىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
10 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّبِعْ مَا يُوحَىٰ إِلَيْكَ وَاصْبِرْ حَتَّىٰ يَحْكُمَ اللَّهُ ۚ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەگەشكىن (يەنى ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئۇنى يەتكۈزگىن). ئاللاھ (سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقارغىچە (دىنغا دەۋەت قىلىش يولىدىكى مۇشەققەتلەرگە) چىدىغىن، ئاللاھ ئەڭ ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەگەشكىن. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچە دىنغا دەۋەت قىلىش يولىدىكى مۇشەققەتلەرگە چىدىغىن، ئاللاھ ئەڭ ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن ۋە ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچە سەۋر قىلغىن. ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
ھۇد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي تَوَكَّلْتُ عَلَى اللَّهِ رَبِّي وَرَبِّكُمْ ۚ مَا مِنْ دَابَّةٍ إِلَّا هُوَ آخِذٌ بِنَاصِيَتِهَا ۚ إِنَّ رَبِّي عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا مەن تەۋەككۈل قىلدىم، ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر؛ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر (يەنى ئادىل بولۇپ، ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ)[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، مەن مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر؛ رەببىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر
ئەنەس ئالىم: مەن مېنىڭمۇ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدىم. ئاللاھ كوكۇلىسىدىن تۇتمىغان ھېچبىر جانلىق يوق5. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم توغرا يولدىدۇر.
11 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كُنْتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّي وَرَزَقَنِي مِنْهُ رِزْقًا حَسَنًا ۚ وَمَا أُرِيدُ أَنْ أُخَالِفَكُمْ إِلَىٰ مَا أَنْهَاكُمْ عَنْهُ ۚ إِنْ أُرِيدُ إِلَّا الْإِصْلَاحَ مَا اسْتَطَعْتُ ۚ وَمَا تَوْفِيقِي إِلَّا بِاللَّهِ ۚ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ أُنِيبُ
مۇھەممەد سالىھ: شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، پەرۋەردىگارىم ماڭا روشەن پاكىت (يەنى پەيغەمبەرلىك) ۋە كەڭتاشا ھالال رىزىق ئاتا قىلغان تۇرسا، (مەن شۇنداق نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلامدىم؟) سىلەرگە قىلىش مەنئى قىلىنغان ئىشنى ئۆزۈممۇ قىلىشنى خالىمايمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى) قولۇمدىن كېلىشىچە تۈزەشنىلا خالايمەن، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا تايىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىمەن[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، رەببىم ماڭا روشەن پاكىت ۋە كەڭتاشا ھالال رىزىق ئاتا قىلغان تۇرسا، سىلەرگە قىلىش مەنئى قىلىنغان نەرسىنى ئۆزۈممۇ قىلىشنى خالىمايمەن، مەن پەقەت سىلەرنى قولۇمدىن كېلىشىچە تۈزەشنى خالايمەن، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن، ھەممە ئىشتا ئاللاھقا تايىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىمەن
ئەنەس ئالىم: شۇئەيب مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! مەن رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان بولسام، ئۇ ماڭا ئۆز تەرىپىدىن گۈزەل رىزىق ئاتا قىلغان بولسا، بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ مەن سىلەرنى توسقان نەرسىلەرنى ئۆزۈم قىلىشنى ئىرادە قىلمايمەن. مەن پەقەت كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سىلەرنى ئىسلاھ قىلىشنى ئىرادە قىلىمەن. مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم پەقەتلا ئاللاھنىڭ ياردىمىگە باغلىق. مەن ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلدىم ۋە ئۇنىڭغىلا يۆنىلىمەن.
11 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ غَيْبُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَإِلَيْهِ يُرْجَعُ الْأَمْرُ كُلُّهُ فَاعْبُدْهُ وَتَوَكَّلْ عَلَيْهِ ۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن). پەرۋەردىگارىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ، شۇنداق ئىكەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. رەببىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. بارلىق ئىشلار ئۇنىڭغىلا قايتۇرۇلىدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلغىن. رەببىڭ قىلىمىشلىرىڭلاردىن ھەرگىزمۇ خەۋەرسىز ئەمەس.
يۈسۈف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هَلْ آمَنُكُمْ عَلَيْهِ إِلَّا كَمَا أَمِنْتُكُمْ عَلَىٰ أَخِيهِ مِنْ قَبْلُ ۖ فَاللَّهُ خَيْرٌ حَافِظًا ۖ وَهُوَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (يەئقۇب) ئۇلارغا ئېيتتى: «ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىلگىرى سىلەرگە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى يۈسۈف) توغرىسىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ (مەن سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئۇنى ساقلىشىڭلارغا ئىشەنمەيمەن) ئاللاھ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر»[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: -يەئقۇب- ئۇلارغا ئېيتتى: «ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىلگىرى سىلەرگە ئۇنىڭ قېرىندىشى-يۈسۈف- توغرىسىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ ئاللاھ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: ئاتىسى ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بۇنىڭ توغرىسىدا قانداقمۇ ئىشىنىمەن؟ ئىلگىرى سىلەرگە بۇنىڭ قېرىندىشى توغرىسىدا ئىشەنگىنىمدەكمۇ؟ ئاللاھ ئەڭ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر. ئۇ رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسىدۇر!» دېدى.
12 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ يَا بَنِيَّ لَا تَدْخُلُوا مِنْ بَابٍ وَاحِدٍ وَادْخُلُوا مِنْ أَبْوَابٍ مُتَفَرِّقَةٍ ۖ وَمَا أُغْنِي عَنْكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۖ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَعَلَيْهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُتَوَكِّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ يەنە) «ئى ئوغۇللىرىم! (مىسىرغا) ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا- باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاس، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇ يەنە: «ئى ئوغۇللىرىم! - مىسىرغا- ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ قازاسى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاس، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەنە: «ئى ئوغۇللىرىم! شەھەرگە ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا - باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. مەن ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچ نەرسىنى سىلەردىن دەپئى قىلالمايمەن. ھۆكۈم قىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر8. مەن ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمۇ ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن» دېدى.
12 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَنِي بِهِمْ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈچ ئوغلۇمنىڭ) ھەممىسىنى ماڭا دەرقەمتە قىلىپ بېرىشنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مېنىڭ ھالىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، بەلكىدە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئاكىسى دېگەن سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتقان ئىدى ئۇ: «ياق، يەنە نەپسىڭلار سىلەرنى بىر ئىشقا كۈشكۈرتۈپتۇ. ئەمدى مەن چىرايلىقچە سەۋر قىلىشىم كېرەك. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېنىمغا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دېدى،
12 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِيَّ اذْهَبُوا فَتَحَسَّسُوا مِنْ يُوسُفَ وَأَخِيهِ وَلَا تَيْأَسُوا مِنْ رَوْحِ اللَّهِ ۖ إِنَّهُ لَا يَيْأَسُ مِنْ رَوْحِ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ»[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۇسۇفنى ۋە قېرىندىشىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كافىر قەۋملا نائۈمىد بولىدۇ».
رەئد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ أَرْسَلْنَاكَ فِي أُمَّةٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهَا أُمَمٌ لِتَتْلُوَ عَلَيْهِمُ الَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَهُمْ يَكْفُرُونَ بِالرَّحْمَٰنِ ۚ قُلْ هُوَ رَبِّي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ مَتَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلماقتا، (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن»[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھ نى ئىنكار قىلماقتا، -ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا- ئېيتقىنكى: «ئۇ مېنىڭ رەببىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھيۇقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز بۇرۇنقى ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەندەك سېنى شۇنداق ئۇممەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇقكى، ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇممەتلەر ئۆتكەن. ۋەزىپەڭ بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىشتۇر. ئۇلار بولسا رەھمانغا كافىر بولۇۋاتىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ رەھمان مېنىڭ رەببىمدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. مەن ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىمەن».
ئىبراھىم سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ رُسُلُهُمْ أَفِي اللَّهِ شَكٌّ فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ يَدْعُوكُمْ لِيَغْفِرَ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرَكُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۚ قَالُوا إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا تُرِيدُونَ أَنْ تَصُدُّونَا عَمَّا كَانَ يَعْبُدُ آبَاؤُنَا فَأْتُونَا بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرلىرى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ (بىرلىكىدە) شەك بارمۇ؟ ئاللاھ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى (ئىمانغا) چاقىرىدۇ، سىلەرنى (جازالاشنى) مەلۇم مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلىڭلار يەتكۈچە) تەخىر قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان (بۇتلار) غا ئىبادەت قىلىشىمىزدىن توسماقچى بولىسىلەر، (راستلىقىڭلار ئۈچۈن) بىزگە ئېنىق پاكىت كۆرسىتىڭلار» دېدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرلىرى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھ ھەققىدە شەك بارمۇ؟ ئاللاھ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى ئىمانغا دەۋەت قىلىدۇ، سىلەرنى جازالاشنى مەلۇم مۇددەتكىچە تەخىر قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىشىمىزدىن توسماقچى بولىسىلەر، بىزگە ئېنىق پاكىت كۆرسىتىڭلار!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھ توغرىسىدا شەك قىلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنى بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن توغرا يولغا دەۋەت قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانسىلەر، بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلغان نەرسىدىن توسماقچى بولۇۋاتىسلەر. بىزگە روشەن دەلىل كەلتۈرۈڭلار» دېدى.
14 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ لَهُمْ رُسُلُهُمْ إِنْ نَحْنُ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَمُنُّ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ وَمَا كَانَ لَنَا أَنْ نَأْتِيَكُمْ بِسُلْطَانٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «بىز پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمىز، لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلىكىنى) مەرھەمەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز سىلەرگە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمەيمىز، مۆمىنلەر (ھەممە ئىشتا) يالغۇز بىر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)[11]
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «بىز پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمىز، لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە پەيغەمبەرلىكىنى مەرھەمەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز سىلەرگە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمەيمىز، مۇئمىنلار يالغۇز بىر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!
ئەنەس ئالىم: كەلگەن ئەلچىلەر ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «بىز سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان. لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە ياخشىلىق قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز بىزنىڭ سىلەرگە دەلىل كەلتۈرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن.
14 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا لَنَا أَلَّا نَتَوَكَّلَ عَلَى اللَّهِ وَقَدْ هَدَانَا سُبُلَنَا ۚ وَلَنَصْبِرَنَّ عَلَىٰ مَا آذَيْتُمُونَا ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُتَوَكِّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بىزنى (ئاللاھنى تونۇيدىغان) يوللىرىمىزغا يېتەكلىگەن تۇرسا، نېمىشقا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلمايلى؟ بىزگە يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىڭلارغا، ئەلۋەتتە، سەۋر قىلىمىز، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار پەقەت ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن» دېدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىزنى يوللىرىمىزغا يېتەكلىگەن تۇرسا، نېمىشقا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلمايلى؟ بىزگە يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىڭلارغا، ئەلۋەتتە، سەۋر قىلىمىز، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار پەقەتلا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز نېمىشقا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلمايلى؟ بىزگە يوللىرىمىزنى ئاللاھ كۆرسەتكەن تۇرسا! سىلەرنىڭ بىزگە قىلغان ئەزىيىتىڭلارغا چوقۇم سەۋر قىلىمىز. تەۋەككۈل قىلغۇچىلار پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن».
نەھىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ صَبَرُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئېغىرچىلىقلارغا) سەۋر قىلدى، ئۇلار (ھەممە ئىشتا) پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلدى، ئۇلار ھەممە ئىشتا رەببىغا تەۋەككۈل قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەۋر قىلغان ۋە رەببىگىلا تەۋەككۇل قىلغان كىشىلەردۇر.
16 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُ لَيْسَ لَهُ سُلْطَانٌ عَلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەرنىڭ ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلار (يەنى يۆلەنگۈچىلەر) نىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ (يەنى پەرۋەردىگارىغا چىن يۆلەنگەن مۆمىنلەرگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى تەسىر قىلالمايدۇ)[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلارنىڭ ۋە رەببىغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: چۈنكى شەيتاننىڭ كۈچى ئىمان ئېيتقان ۋە رەببىگىلا تەۋەككۇل قىلىدىغان كىشىلەرگە ھەرگىزمۇ يەتمەيدۇ.
ئىسرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْلَا أَنْ ثَبَّتْنَاكَ لَقَدْ كِدْتَ تَرْكَنُ إِلَيْهِمْ شَيْئًا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: سېنى بىز (ھەقتە تۇرۇشتا) مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا مايىل بولۇپ كەتكىلى ھەقىقەتەن تاس قالغان ئىدىڭ[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنى بىز قەدىمىڭزنى مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا مايىل بولۇپ كەتكىلى ھەقىقەتەن تاس قالغان ئىدىڭ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز سېنى ئىرادىلىك ۋە چىداملىق قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا ئازراق مايىل بولۇپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىڭ.
17 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلْ رَبِّ أَدْخِلْنِي مُدْخَلَ صِدْقٍ وَأَخْرِجْنِي مُخْرَجَ صِدْقٍ وَاجْعَلْ لِي مِنْ لَدُنْكَ سُلْطَانًا نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: «پەرۋەردىگارىم! مېنى (قەبرەمگە) ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، (قەبرەمدىن) ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن» دېگىن[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: «رەببىم! مېنى قەبرەمگە ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، قەبرەمدىن ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن» دېگىن
ئەنەس ئالىم: مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! مېنى كىرىدىغان يېرىمگە توغرىلىق بىلەن كىرگۈزگىن، چىقىدىغان يېرىمدىن توغرىلىق بىلەن چىقارغىن، ماڭا ئۆز تەرىپىڭدىن ياردەمچى كۈچ ئاتا قىلغىن».
كەھف سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
نَحْنُ نَقُصُّ عَلَيْكَ نَبَأَهُمْ بِالْحَقِّ ۚ إِنَّهُمْ فِتْيَةٌ آمَنُوا بِرَبِّهِمْ وَزِدْنَاهُمْ هُدًى
مۇھەممەد سالىھ: بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى راستلىقى بىلەن ئېيتىپ بېرىمىز، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان، بىز ھىدايەتنى زىيادە قىلغان يىگىتلەردۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى راستلىقى بىلەن ئېيتىپ بېرىمىز، ئۇلار ھەقىقەتەن رەببىغا ئىمان ئېيتقان، بىز ھىدايەتنى زىيادە قىلغان يىگىتلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بىز ساڭا توغرا شەكىلدە ئېيتىپ بېرىمىز: ئۇلار رەببىگە ئىمان ئېيتقان بىر قانچە يىگىت ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلغان ئىدۇق.
18 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْلَا إِذْ دَخَلْتَ جَنَّتَكَ قُلْتَ مَا شَاءَ اللَّهُ لَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ ۚ إِنْ تَرَنِ أَنَا أَقَلَّ مِنْكَ مَالًا وَوَلَدًا
مۇھەممەد سالىھ: سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە، مېنىڭ مېلىم ۋە ئەۋلادىم سېنىڭدىن ئاز بولسىمۇ[39]،
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە، مېنىڭ مېلىم ۋە ئەۋلادىم سېنىڭدىن ئاز بولسىمۇ
ئەنەس ئالىم: بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا «بۇنى ماڭا ئاللاھ ئاتا قىلدى، پۈتۈن كۈچ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە» دېسەڭچۇ! سەن ئەگەر مېنىڭ مال - مۈلكۈمنى ۋە بالا - چاقامنى ئۆزۈڭنىڭكىدىن ئاز كۆرسەڭ، شۇنى بىلگىنكى:
18 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا الْغُلَامُ فَكَانَ أَبَوَاهُ مُؤْمِنَيْنِ فَخَشِينَا أَنْ يُرْهِقَهُمَا طُغْيَانًا وَكُفْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۆلتۈرۈلگەن) بالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى مۆمىن ئىدى. ئۇنىڭ گۇمراھلىق بىلەن كۇفرىنى ئاتا ـ ئانىسىغا تېڭىشىدىن قورقتۇق[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆلتۈرۈلگەن بالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى مۇئمىن ئىدى؛ ئۇنىڭ گۇمراھلىق بىلەن كۇفرىنى ئاتا ـ ئانىسىغا تېڭىشىدىن قورقتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئوغۇل بالىغا كەلسەك، ئاتا - ئانىسى مۇئمىن كىشىلەر ئىدى. ئۇ بالىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇلارنى ئازغۇنلۇققا ۋە كۇفرىلىققا زورلىشىدىن قورقتۇق - دە،
18 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا مَكَّنَّا لَهُ فِي الْأَرْضِ وَآتَيْنَاهُ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ سَبَبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا بىز زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئۆز مەقسىتىگە يېتىشنىڭ پۈتۈن يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بىز زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئۆز مەقسىتىگە يېتىشنىڭ پۈتۈن يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا زېمىندا كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ھەر نەرسىنىڭ سەۋەبىنى بەردۇق.
18 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ مَطْلِعَ الشَّمْسِ وَجَدَهَا تَطْلُعُ عَلَىٰ قَوْمٍ لَمْ نَجْعَلْ لَهُمْ مِنْ دُونِهَا سِتْرًا
مۇھەممەد سالىھ: زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپكە بارغاندا، كۈن نۇرىنىڭ شۇنداق بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، ئۇ قەۋمگە بىز (كۈننىڭ ھارارىتىدىن) ساقلىنىدىغان (كىيىم، ئىمارەت قاتارلىق) نەرسىلەرنى ئاتا قىلمىدۇق[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپكە بارغاندا، كۈننىڭ شۇنداق بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، ئۇ قەۋمگە بىز -كۈننىڭ ھارارىتىدىن- ساقلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئاتا قىلمىدۇق
ئەنەس ئالىم: تاكى كۈننىڭ چىقىدىغان يېرىگە بارغاندا، كۈننىڭ شۇنداق قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، بىز ئۇ قەۋم بىلەن كۈننىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەردە قىلمىغان.
18 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مَا مَكَّنِّي فِيهِ رَبِّي خَيْرٌ فَأَعِينُونِي بِقُوَّةٍ أَجْعَلْ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ رَدْمًا
مۇھەممەد سالىھ: زۇلقەرنەين ئېيتتى: «ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرى (يەنى كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە پادىشاھلىق سىلەرنىڭ ماڭا بېرىدىغان مېلىڭلاردىن) ئارتۇقتۇر، ماڭا ئادەم كۈچى ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلقەرنەين ئېيتتى: «ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرى ئارتۇقتۇر، ماڭا ئادەم كۈچى ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي
ئەنەس ئالىم: زۇلقەرنەين ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ماڭا رەببىمنىڭ بەرگىنى يېتىپ ئاشىدۇ. ماڭا كۈچۈڭلار بىلەن ياردەم قىلىڭلار، سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا توسما سېلىپ بېرەي.
18 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
آتُونِي زُبَرَ الْحَدِيدِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا سَاوَىٰ بَيْنَ الصَّدَفَيْنِ قَالَ انْفُخُوا ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَعَلَهُ نَارًا قَالَ آتُونِي أُفْرِغْ عَلَيْهِ قِطْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار، (تۆمۈر پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ) ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تەكشى بولغاندا، كۆيۈكلەرنى بېسىڭلار». تۆمۈر پارچىلىرى (قىزىپ) ئوتتەك بولغاندا، ئۇ: «ماڭا (ئېرىتىلگەن مىسنى) بېرىڭلار، ئۈستىگە تۆكەي» دېدى[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار، -تۆمۈر پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ- ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تەكشى بولغاندا، كۆيۈكلەرنى بېسىڭلار». تۆمۈر پارچىلىرى قىزىپ ئوتتەك بولغاندا، ئۇ: «ماڭا بېرىڭلار، ئۈستىگە تۆكەي» دېدى
ئەنەس ئالىم: ماڭا تۆمۈر پارچىلىرى كەلتۈرۈڭلار». زۇلقەرنەين يېغىلغان تۆمۈر پارچىلىرى بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىككى تاغنىڭ ئارىسىنى تولدۇرۇپ، تاغلار بىلەن تەڭ سەۋىيەگە كەلتۈرگەن چېغىدا: «ئوت يېقىپ پۈۋلەڭلار» دېدى. ئۇ تۆمۈر پارچىلىرىنى قىزىتىپ ئوتتەك قىلغان چېغىدا بولسا: «ماڭا ئېرىتىلگەن مىس كەلتۈرۈڭلار ئۈستىگە تۆكەي» دېدى.
18 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا اسْطَاعُوا أَنْ يَظْهَرُوهُ وَمَا اسْتَطَاعُوا لَهُ نَقْبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەجۇج ـ مەجۇج) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن يەئجۇج ۋە مەئجۇج ئۇ توسمىدىن ئاشالمىدى، ھەم ئۇنى تېشەلمىدى.
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَعْتَزِلُكُمْ وَمَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَأَدْعُو رَبِّي عَسَىٰ أَلَّا أَكُونَ بِدُعَاءِ رَبِّي شَقِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق بولىمەن، پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن»[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق بولىمەن، رەببىمغا ئىبادەت قىلىمەن، رەببىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن»
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئايرىلىمەن. رەببىمگە دۇئا قىلىمەن. ئۈمىد قىلىمەنكى، رەببىمگە دۇئا قىلىش بىلەن بەختسىز بولمىغايمەن6».
تاھا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسِّرْ لِي أَمْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن
ئەنەس ئالىم: ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن،
20 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَاجْعَلْ لِي وَزِيرًا مِنْ أَهْلِي
مۇھەممەد سالىھ: ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن[30 ـ 29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ماڭا ئائىلەمدىن بىر ياردەمچى قىلىپ بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئائىلەمدىن بىرىنى ماڭا ياردەمچى قىلىپ بەرگىن:
20 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ قَدْ أُوتِيتَ سُؤْلَكَ يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! سېنىڭ سورىغان نەرسىلىرىڭ ساڭا بېرىلدى[36] .
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! سېنىڭ سورىغان نەرسىلىرىڭ ساڭا بېرىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئى مۇسا! سورىغانلىرىڭ ساڭا بېرىلدى.
20 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ أَوْحَيْنَا إِلَىٰ أُمِّكَ مَا يُوحَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق بىلىنىدىغان نەرسىلەرنى سالدۇق»[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق بىلىنىدىغان نەرسىلەرنى سالدۇق»
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ چاغدا ئاناڭغا مۇنداق ۋەھىي قىلغان ئىدۇق:
20 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَا تَخَافَا ۖ إِنَّنِي مَعَكُمَا أَسْمَعُ وَأَرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر قورقماڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (ئۇنىڭ سىلەرگە بەرگەن جاۋابىنى) ئاڭلاپ تۇرىمەن، (ئۇنىڭ سىلەرگە قىلىدىغانلىرىنى) كۆرۈپ تۇرىمەن[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر قورقماڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە، ئاڭلاپ تۇرىمەن، ۋە كۆرۈپ تۇرىمەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «قورقماڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن. ئاڭلاپ تۇرىمەن، كۆرۈپ تۇرىمەن.
ئەنبىيا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا السَّمَاءَ سَقْفًا مَحْفُوظًا ۖ وَهُمْ عَنْ آيَاتِهَا مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاسماندىكى (كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار ئاسماندىكى ئالامەتلەردىن غەپلەتتىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز يەنە ئاسماننى مۇھاپىزەت قىلىنغان تورۇس قىلدۇق. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنىڭدىكى ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.
21 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ يَكْلَؤُكُمْ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ مِنَ الرَّحْمَٰنِ ۗ بَلْ هُمْ عَنْ ذِكْرِ رَبِّهِمْ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مەسخىرە قىلغۇچىلارغا) «سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كىم ساقلايدۇ؟» دېگىن، بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ كالامىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- «سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كىم ساقلايدۇ؟» دېگىن، بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ كالامىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە رەھماندىن كىم ساقلايدۇ؟» بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.
21 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَرَادُوا بِهِ كَيْدًا فَجَعَلْنَاهُمُ الْأَخْسَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ زىيان تارتقۇچىلار قىلدۇق[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ زىيان تارتقۇچىلار قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، ئەمما بىز ئۇلارنى ناھايىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتۇق.
ھەج سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ كَانَ يَظُنُّ أَنْ لَنْ يَنْصُرَهُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ فَلْيَمْدُدْ بِسَبَبٍ إِلَى السَّمَاءِ ثُمَّ لْيَقْطَعْ فَلْيَنْظُرْ هَلْ يُذْهِبَنَّ كَيْدُهُ مَا يَغِيظُ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھ پەيغەمبەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىدىكەن، ئۇ تورۇسقا ئارغامچا سېلىپ بوغۇلۇپ ئالسۇن، قارىسۇنكى، ئۇنىڭ (بۇ) تەدبىرى غەزىپىنى باسالامدۇ؟ (يەنى ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بەرمەيدۇ، دەپ ئويلايدىكەن، ئۇ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالسۇن، ئەگەر بۇ ئۇنىڭ خاپىلىقىنى باسالايدىغان بولسا. چۈنكى ئاللاھ پەيغەمبەرگە چوقۇم ياردەم بېرىدۇ)[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدىغانلىقىنى گۇمان قىلىدىكەن، ئۇ ئاسمانغا بىر سەۋەب بىلەن -قولىنى- ئۇزاتسۇن، ئاندىن -باشقا مۇناسىۋەتلىرىنى-كەسسۇن، ئاندىن قارىسۇنكى، ئۇنىڭ بۇ تەدبىرى غەزىپىنى باسالامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: كىمكى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ماڭا ياردەم بەرمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىدىكەن، ئاسمانغا بىر سەۋەب ئۇزارتسۇن ئاندىن كەسسۇن. ئۇ كىشى قارىسۇن، بۇ چارىسى ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن نەرسىنى يوق قىلالامدۇ؟
22 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ يُدَافِعُ عَنِ الَّذِينَ آمَنُوا ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ خَوَّانٍ كَفُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مۆمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ، ئاللاھ ھەر قانداق خىيانەتچى، ناشۈكۈر بەندىنى دوست تۇتمايدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ مۇئمىنلارنى چوقۇم قوغدايدۇ، ئاللاھ ھەر قانداق خىيانەتچى، ناشۈكۈر بەندىنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلارنى قوغدايدۇ. ئاللاھ خائىنلارنى ۋە تۇزكورلارنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.
22 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ وَمَنْ عَاقَبَ بِمِثْلِ مَا عُوقِبَ بِهِ ثُمَّ بُغِيَ عَلَيْهِ لَيَنْصُرَنَّهُ اللَّهُ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىش مانا شۇنداق، كىمكى قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچراپ شۇنچىلىك ئىنتىقامىنى ئالغان بولسا، ئاندىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىش مانا شۇنداق، كىمكى قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچراپ شۇنچىلىك ئىنتىقامىنى ئالغان بولسا، ئاندىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ مانا مۇشۇنداقتۇر. كىمكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىنى، ئۆزىگە يەتكەن زۇلۇمنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالىغاندىن كېيىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرايدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
نۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِي الْأَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ الَّذِي ارْتَضَىٰ لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُمْ مِنْ بَعْدِ خَوْفِهِمْ أَمْنًا ۚ يَعْبُدُونَنِي لَا يُشْرِكُونَ بِي شَيْئًا ۚ وَمَنْ كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مۇنداق ۋەدە بەردى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى ھۆكۈمران قىلغىنىدەك، ئۇلارنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىنى ئۇلارغا مۇستەھكەم قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ، ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن رازى بولغان دىندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كافىر بولغانلار ھەقىقەتەن فاسىقلاردۇر.
فۇرقان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوًّا مِنَ الْمُجْرِمِينَ ۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ هَادِيًا وَنَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك (يەنى ساڭا قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلغاندەك) ھەربىر پەيغەمبەرگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئۇنىڭ دۈشمىنى قىلدۇق، پەرۋەردىگارىڭ يول كۆرسەتكۈچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا ساڭا يېتەرلىكتۇر[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك ھەربىر پەيغەمبەرگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئۇنىڭ دۈشمىنى قىلدۇق، رەببىڭ يول كۆرسەتكۈچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا ساڭا يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ھەر نەبىيگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئەنە شۇنداق دۈشمەن قىلدۇق. يېتەكچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا رەببىڭ كۇپايىدۇر.
25 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَوَكَّلْ عَلَى الْحَيِّ الَّذِي لَا يَمُوتُ وَسَبِّحْ بِحَمْدِهِ ۚ وَكَفَىٰ بِهِ بِذُنُوبِ عِبَادِهِ خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ھەممە ئىشىڭدا) ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئۇنىڭغا ھەمد ئېيتىش بىلەن ئاللاھنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن، ئۇ بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىشتە يېتەرلىكتۇر[ 58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئۇنىڭغا ھەمد ئېيتىش بىلەن ئاللاھ نى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن، ئۇ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىشتە يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ھېچ ئۆلمەيدىغان، مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن، ئۇنىڭغا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن. ئۇ، بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
شۇئەرا سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ كَلَّا ۖ فَاذْهَبَا بِآيَاتِنَا ۖ إِنَّا مَعَكُمْ مُسْتَمِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى سېنى ئۇلار ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيدۇ)، سىلەر مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (مۇنازىرەڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرىمىز[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئاڭلاپ تۇرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ھەرگىز قورقمىغىن! ئىككىڭلار ئايەتلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىڭلار، بىز سىلەر بىلەن بىللىدۇرمىز، ئاڭلاپ تۇرىمىز.
26 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ كَلَّا ۖ إِنَّ مَعِيَ رَبِّي سَيَهْدِينِ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئۇنداق بولمايدۇ (يەنى ھەرگىز يېتىشەلمەيدۇ) پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، مېنى (قۇتۇلۇش يولىغا) باشلايدۇ»[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇنداق بولمايدۇ، رەببىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، ماڭا يول كۆرسىتىدۇ»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىم مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ ماڭا چوقۇم يول كۆرسىتىدۇ» دېدى.
26 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْجَيْنَا مُوسَىٰ وَمَنْ مَعَهُ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى پۈتۈنلەي قۇتقۇزدۇق[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ھەمراھلىرىنى قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: مۇسانى ۋە ھەمراھلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق.
26 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَنْجَيْنَاهُ وَمَنْ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنى ۋە (ئادەملەر، ھايۋانلار بىلەن) لىق تولغان كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە لىق تولغان كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى توشقۇزۇلغان كېمىدە قۇتقۇزدۇق.
26 : 170 - ئايەت
كۆرۈش
فَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق[170].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق.
26 : 217 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَوَكَّلْ عَلَى الْعَزِيزِ الرَّحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ناھايىتى غالىب، مېھرىبان ئاللاھقا يۆلەنگىن[217].
تەرجىمە ھەيئىتى: ناھايىتى غالىب، مېھرىبان ئاللاھقا يۆلەنگىن
ئەنەس ئالىم: ئەزىز ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن.
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۖ إِنَّكَ عَلَى الْحَقِّ الْمُبِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ئىشىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن، ھەممە ئىشىڭدا ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئاللاھ ساڭا مەدەتكاردۇر)، (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، سەن روشەن ھەق (دىن) ئۈستىدەدۇرسەن[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، -ئى مۇھەممەد!- شۈبھىسىزكى، سەن روشەن ھەق ئۈستىدىسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن. شۈبھىسىزكى، سەن روشەن ھەق ئۈستىدىسەن.
قەسەس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ أُمِّ مُوسَىٰ أَنْ أَرْضِعِيهِ ۖ فَإِذَا خِفْتِ عَلَيْهِ فَأَلْقِيهِ فِي الْيَمِّ وَلَا تَخَافِي وَلَا تَحْزَنِي ۖ إِنَّا رَادُّوهُ إِلَيْكِ وَجَاعِلُوهُ مِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن، (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز»[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى دەرياغا تاشلىغىن، قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن، چۈنكى بىز ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز»
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسانىڭ ئانىسىغا مۇنداق ۋەھىي قىلدۇق: «ئۇنى ئېمىتكىن. ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق كېلىشتىن قورقساڭ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىغىن، قورقمىغىن، قايغۇرمىغىن. بىز ئۇنى چوقۇم ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمىز، ئۇنى چوقۇم ئەلچىلىرىمىزدىن قىلىمىز».
ئەنكەبۇت سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ صَبَرُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئاللاھنىڭ يولىدا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلىدۇ، (ھەممە ئىشلىرىدا) پەرۋەردىگارىغا يۆلىنىدۇ[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مۇئمىنلار سەۋر قىلىدۇ، ھەممە ئىشىدا رەببىغا يۆلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەۋر قىلغان ۋە رەببىگىلا تەۋەككۇل قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
29 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا جَعَلْنَا حَرَمًا آمِنًا وَيُتَخَطَّفُ النَّاسُ مِنْ حَوْلِهِمْ ۚ أَفَبِالْبَاطِلِ يُؤْمِنُونَ وَبِنِعْمَةِ اللَّهِ يَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۆرمەمدۇكى، بىز ھەرەمنى ئامان (جاي) قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئەسىر ئېلىنىۋاتىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلامدۇ؟[67]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز ھەرەمنى ئامان جاي قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئەسىر ئېلىنىۋاتىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىزنىڭ مەككىنى ھۆرمەتلىك ۋە ئامان شەھەر قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئىنسانلار تۇتۇلۇپ ئەسىر ئېلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنىلا باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟
29 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ جَاهَدُوا فِينَا لَنَهْدِيَنَّهُمْ سُبُلَنَا ۚ وَإِنَّ اللَّهَ لَمَعَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ يولىمىزدا كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ يولىمىزدا جىھاد قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارنى ئەلۋەتتە يوللىرىمىزغا يېتەكلەيمىز. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ رُسُلًا إِلَىٰ قَوْمِهِمْ فَجَاءُوهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَانْتَقَمْنَا مِنَ الَّذِينَ أَجْرَمُوا ۖ وَكَانَ حَقًّا عَلَيْنَا نَصْرُ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا (ئۆزلىرىنىڭ راست پەيغەمبەرلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان) نۇرغۇن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى (ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىپ ئاسىيلىق قىلدى). ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالىدۇق، مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلپ ئەۋەتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا نۇرغۇن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالىدۇق، مۇئمىنلارغا ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئۆز قەۋملىرىگە ئەۋەتتۇق. ئەلچىلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. بىز جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەردىن ئىنتىقام ئالدۇق. مۇئمىنلارغا ياردەم بېرىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر.
لوقمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُسْلِمْ وَجْهَهُ إِلَى اللَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ ۗ وَإِلَى اللَّهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى ئىش قىلغۇچى بولغان ھالدا ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغان ئادەم مەھكەم تۇتقىغا ئېسىلغان بولىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر[22]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى ئىش قىلغان ھالدا ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغان ئادەم مەھكەم تۇتقىغا ئېسىلغان بولىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر
ئەنەس ئالىم: سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ، ياخشى ئىش قىلغانلار مۇستەھكەم تۇتقىنى چىڭ تۇتقان بولىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا ئائىتتۇر.
ئەھزاب سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ھەممە ئىشىڭدا) ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئاللاھ (ساڭا) ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئاللاھ ساڭا ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر.
33 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ جَاءَتْكُمْ جُنُودٌ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا وَجُنُودًا لَمْ تَرَوْهَا ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا (كۇففارلاردىن ئۇيۇشقان ئۇرۇشقۇچى) قوشۇن كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا قوشۇن كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇن -پەرىشتىلەر- نى ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار. ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا قوشۇن كەلگەن ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بوران ۋە سىلەر كۆرمىگەن قوشۇنلارنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇراتتى.
33 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَنْ يَنْفَعَكُمُ الْفِرَارُ إِنْ فَرَرْتُمْ مِنَ الْمَوْتِ أَوِ الْقَتْلِ وَإِذًا لَا تُمَتَّعُونَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆلۈمدىن يا ئۆلتۈرۈلۈشتىن قاچساڭلار، قېچىشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، قاچقاندىمۇ سىلەر (دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولالايسىلەر»[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەر ئۆلۈمدىن يا ئۆلتۈرۈلۈشتىن قاچساڭلار، قېچىشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، قاچقاندىمۇ سىلەر -دۇنيادىن- ئازغىنا بەھرىمەن بولالايسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئۆلۈشتىن ياكى ئۆلتۈرۈلۈشتىن قاچساڭلار، بۇ قېچىشنىڭ سىلەرگە ھەرگىزمۇ پايدىسى بولمايدۇ. قاچساڭلار ئازغىنە زامان بەھرىمەن قىلىنىسىلەر6».
33 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُطِعِ الْكَافِرِينَ وَالْمُنَافِقِينَ وَدَعْ أَذَاهُمْ وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارنىڭ (ساڭا قىلغان) ئازار ـ كۈلپەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن (ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن)، ئاللاھ (ئۇنىڭغا) تەۋەككۈل قىلغانلارغا يېتەرلىكتۇر[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارنىڭ ئازار - كۈلپەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن، ئاللاھ تەۋەككۈل قىلغىن، ۋەكىللىككە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا ۋە مۇنافىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر.
33 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُلْ لِأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ ـ دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى: پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ ئىپپەتلىك دەپ تۇنۇلۇپ، باشقىلار تەرىپىدىن ئەزىيەتكە ئۇچرىماسلىقلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ يېقىندۇر. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىن: ئۈستىلىرىگە چوڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ تونۇلۇپ رەنجىتىلمەسلىكىگە ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
ياسىن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا وَيْلَنَا مَنْ بَعَثَنَا مِنْ مَرْقَدِنَا ۜ ۗ هَٰذَا مَا وَعَدَ الرَّحْمَٰنُ وَصَدَقَ الْمُرْسَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن (يەنى قەبرىمىزدىن) كىم ئويغاتتى؟» دەيدۇ (چۈنكى ئۇلار ئىككى سۇر ئارىسىدا ئۇيقۇدا بولۇپ ئازابتىن خالىي بولىدۇ)، (پەرىشتىلەر يا مۆمىنلەر ئۇنىڭغا جاۋابەن) «مېھرىبان ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغىنى مۇشۇ (كۈن)، پەيغەمبەرلەر راست ئېيتقان» دەيدۇ[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن كىم ئويغاتتى؟» دەيدۇ، ئۇلارغا: «مېھرىبان ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغىنى مۇشۇ، پەيغەمبەرلەر راست ئېيتقان» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ۋايجان، بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن كىم قوزغىدى؟ بۇ رەھمان بېشىمىزغا كېلىشىنى سۆزلىگەن نەرسىدۇر. دېمەك، ئەلچىلەر توغرا سۆزلىگەن ئىكەن» دەيدۇ.
36 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذِهِ جَهَنَّمُ الَّتِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەھەننەم مانا شۇ[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەھەننەم مانا شۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ، سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان جەھەننەم!
ساففات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ إِنِّي ذَاهِبٌ إِلَىٰ رَبِّي سَيَهْدِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن رەببىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن رەببىم بۇيرۇغان يەرگە كېتىمەن. ئۇ ماڭا يول كۆرسىتىدۇ.
زۇمەر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
لَٰكِنِ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ لَهُمْ غُرَفٌ مِنْ فَوْقِهَا غُرَفٌ مَبْنِيَّةٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ وَعْدَ اللَّهِ ۖ لَا يُخْلِفُ اللَّهُ الْمِيعَادَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن (دۇنيادا) پەرۋەردىگارىدىن قورققانلار (جەننەتتە) قەۋەت ـ قەۋەت ئالىي ئىمارەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، (بۇ) ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن دۇنيادا رەببىدىن قورققانلار جەننەتتە قەۋەت ـ قەۋەت ئالىي ئىمارەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىگە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا قەۋەتلەپ سېلىنغان ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئالىي سارايلار بار. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.
39 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَيْسَ اللَّهُ بِكَافٍ عَبْدَهُ ۖ وَيُخَوِّفُونَكَ بِالَّذِينَ مِنْ دُونِهِ ۚ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوغداشقا ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە) يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سېنى ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلار بىلەن قورقىتىدۇ، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بەندىسىگە يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سېنى ئاللاھتىن باشقىلار بىلەن قورقىتىدۇ، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆز بەندىسىنى قوغداشقا يەتمەمدۇ؟ ئۇلار سېنى ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرى بىلەن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.
39 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۚ قُلْ أَفَرَأَيْتُمْ مَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ أَرَادَنِيَ اللَّهُ بِضُرٍّ هَلْ هُنَّ كَاشِفَاتُ ضُرِّهِ أَوْ أَرَادَنِي بِرَحْمَةٍ هَلْ هُنَّ مُمْسِكَاتُ رَحْمَتِهِ ۚ قُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ ۖ عَلَيْهِ يَتَوَكَّلُ الْمُتَوَكِّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان» دەپ سورىساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «ئاللاھ ياراتقان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دەپئى قىلىشقا، يا ئاللاھ ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى توسۇۋېلىشقا ئاللاھتىن باشقا سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار قادىر بولالامدۇ؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ؟» ئېيتقىنكى، «ماڭا ئاللاھ كۇپايىدۇر، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)»[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان» دەپ سورىساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «ئاللاھ ياراتقان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دەپئى قىلىشقا، يا ئاللاھ ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى توسۇۋېلىشقا، سىلەر ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن يالۋۇرىۋاتقان نەرسىلەر قادىر بولالامدۇ؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ؟» ئېيتقىنكى: «ماڭا ئاللاھ كۇپايىدۇر، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلسۇن - ھەممە ئىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلاردىن «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى! ئەگەر ئاللاھ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ زىيىنىنى دەپئى قىلالامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ماڭا رەھمەت ئاتا قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى توسۇۋالالامدۇ؟». ئېيتقىنكى: «ماڭا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن».
غافىر سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا وَأَدْخِلْهُمْ جَنَّاتِ عَدْنٍ الَّتِي وَعَدْتَهُمْ وَمَنْ صَلَحَ مِنْ آبَائِهِمْ وَأَزْوَاجِهِمْ وَذُرِّيَّاتِهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! ئۇلارنى، سەن ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئەدن جەننەتلىرىگە كىرگۈزگىن. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن، جۈپلىرىدىن ۋە بالىلىرىدىن ياخشى بولغانلارنىمۇ كىرگۈزگىن. سەن ئەزىزدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن!
40 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ إِنِّي عُذْتُ بِرَبِّي وَرَبِّكُمْ مِنْ كُلِّ مُتَكَبِّرٍ لَا يُؤْمِنُ بِيَوْمِ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار (بولغان ئاللاھ) قا سىغىنىپ، ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) گە ئىشەنمەيدىغان ھەر بىر مۇتەكەببىر (نىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى) دىن پاناھ تىلەيمەن»[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھغا سېغىنىپ، ھېساب كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەر بىر مۇتەكەببىرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «مەن ھېساب كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەر مۇتەكەببىردىن، مېنىڭمۇ رەببىم سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا سېغىندىم».
40 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَتَذْكُرُونَ مَا أَقُولُ لَكُمْ ۚ وَأُفَوِّضُ أَمْرِي إِلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: (سىلەرگە ئازاب نازىل بولغان چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقانلىرىمنى پات يېقىندا ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: سىلەر سۆزلىرىمنى پات يېقىندا ئەسلەيسىلەر. مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
40 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا لَنَنْصُرُ رُسُلَنَا وَالَّذِينَ آمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيَوْمَ يَقُومُ الْأَشْهَادُ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبەرلىرىمىزگە، مۇئمىنلارغا ھاياتىي دۇنيادا ۋە گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئەلچىلىرىمىزگە ۋە مۇئمىنلارغا، دۇنيا ھاياتىدا ۋە گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدىغان كۈندە ياردەم بېرىمىز.
40 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ ۚ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ئۇلارنى ئازابلاش توغرىسىدىكى) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، ساڭا بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك (بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىدۇر) ياكى سېنى (ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساق، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ، (قىيامەتتە ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ)[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن سەن سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، بىز ساڭا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىمىز ياكى سېنى ۋاپات قىلدۇرىمىز، ئاخىرىدا ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! شۇڭا سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرۈشنى ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى ۋاپات قىلدۇرساقمۇ، ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ.
شۇرا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ اللَّهُ حَفِيظٌ عَلَيْهِمْ وَمَا أَنْتَ عَلَيْهِمْ بِوَكِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنى قويۇپ (باشقىلارنى) ئىگە قىلىۋالغانلارنىڭ (ئەمەللىرىنى) ئاللاھ كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن دوستلارنى قىلىۋالغانلارنى ئاللاھ كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھتىن غەيرىينى ۋەلىي قىلىۋالغانلارنى ئاللاھ كۆزىتىپ تۇرماقتىدۇر. سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ۋەكىل ئەمەسسەن.
42 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا اخْتَلَفْتُمْ فِيهِ مِنْ شَيْءٍ فَحُكْمُهُ إِلَى اللَّهِ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبِّي عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ أُنِيبُ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر (دىن ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا) ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) ئەنە شۇ ئاللاھ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىمەن[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ھەققىدىكى ھۆكۈم ئاللاھقا ئائىتتۇر. ئەنە شۇ ئاللاھ مېنىڭ رەببىمدۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، ھەممە ئىشتا ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىمەن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «سىلەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشساڭلار، ئۇنىڭ ھۆكمى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ1. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، مېنىڭ رەببىمدۇر. مەن ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلدىم ۋە ئۇنىڭغىلا يۆنىلىمەن» دېگىن.
42 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا أُوتِيتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَمَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَمَا عِنْدَ اللَّهِ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ لِلَّذِينَ آمَنُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر[36ـ39].
تەرجىمە ھەيئىتى: دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، رەببىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشى تېخىمۇ باقىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە بېرىلگەن ھەر نەرسە، بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتىدۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى نەرسە تېخىمۇ ياخشىدۇر ۋە تېخىمۇ باقىيدۇر. ئۇ نەرسىگە، ئىمان ئېيتقان ۋە رەببىگە تەۋەككۇل قىلىدىغان كىشىلەر ئېرىشىدۇ،
زۇخرۇف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا لَمُنْقَلِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر[12ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلارمىز».
دۇخان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنِّي عُذْتُ بِرَبِّي وَرَبِّكُمْ أَنْ تَرْجُمُونِ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلارغا سېغىنىپ، سىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشۈڭلاردىن پاناھ تىلەيمەن[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلارغا سېغىنىپ، سىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشۈڭلاردىن پاناھ تىلەيمەن
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ مېنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلاردىن مېنىڭمۇ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا سېغىندىم.
ئەھقاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى، (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا قورقۇش يوقتۇر ۋە ئۇلار قايغۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭغانلارغا ھېچقانداق قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
مۇھەممەد سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنْ تَنْصُرُوا اللَّهَ يَنْصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئاللاھقا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە قەدىمىڭلارنى بەرقارار قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاللاھقا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە قەدەملىرىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىدۇ1.
47 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ مَوْلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَأَنَّ الْكَافِرِينَ لَا مَوْلَىٰ لَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر، كاپىرلارغا مەدەتكار يوقتۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ مەدەتكارىدۇر، كاپىرلارغا مەدەتكار يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ قوغدىغۇچىسىدۇر، كافىرلارنىڭ قوغدىغۇچىسى يوقتۇر.
47 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا تَهِنُوا وَتَدْعُوا إِلَى السَّلْمِ وَأَنْتُمُ الْأَعْلَوْنَ وَاللَّهُ مَعَكُمْ وَلَنْ يَتِرَكُمْ أَعْمَالَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: (كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلغان چېغىڭلاردا) بوشاپ قالماڭلار، (كاپىرلارنى) سۈلھكە چاقىرماڭلار، ھالبۇكى، سىلەر غالىپتۇرسىلەر، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگىدۇر، ئاللاھ ھەرگىز ئەمەلىڭلارنىڭ (ساۋابىنى) كېمەيتىۋەتمەيدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن بوشاپ قالماڭلار، سىلەر غالىپتۇرۇپ -كاپىرلارنى- سۈلھكە چاقىرماڭلار، ھالبۇكى، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگىدۇر، ئاللاھ ھەرگىز ئەمەلىڭلارنىڭ كېمەيتىۋەتمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇڭا بوشاڭلىق قىلماڭلار ۋە سۈلھىگە چاقىرماڭلار. ھالبۇكى، سىلەر ئۈستۈنسىلەر. ئاللاھ سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى ھەرگىز كېمەيتىۋەتمەيدۇ.
47 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَسْأَلْكُمُوهَا فَيُحْفِكُمْ تَبْخَلُوا وَيُخْرِجْ أَضْغَانَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇ سىلەردىن مال ـ مۈلكۈڭلارنى جىددى سورىسا، بېخىللىق قىلىسىلەر، بۇ بېخىللىق سىلەرنىڭ (ئىسلامغا بولغان) ئاداۋىتىڭلارنى ئاشكارىلايدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇ سىلەردىن مال ـ مۈلكۈڭلارنى جىددى سورىسا، بېخىللىق قىلىسىلەر، بۇ بېخىللىق سىلەرنىڭ ئاداۋىتىڭلارنى ئاشكارىلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ سىلەردىن مال - مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي تەلەپ قىلسا، بېخىللىق قىلىسىلەر ۋە ئۇ سىلەرنىڭ ئاداۋىتىڭلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.
47 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
هَا أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ تُدْعَوْنَ لِتُنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَمِنْكُمْ مَنْ يَبْخَلُ ۖ وَمَنْ يَبْخَلْ فَإِنَّمَا يَبْخَلُ عَنْ نَفْسِهِ ۚ وَاللَّهُ الْغَنِيُّ وَأَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ ۚ وَإِنْ تَتَوَلَّوْا يَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُونُوا أَمْثَالَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار، كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ، ئاللاھ (سىلەرنىڭ مال ـ مۈلكۈڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، سىلەر بولساڭلار (ئاللاھقا) موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر (ئاللاھنىڭ تائىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ (بەلكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدۇ)[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر شۇنداق كىشىلەرسلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار، كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ مال ـ مۈلكۈڭلارغا ئىتىياجلىق ئەمەس، سىلەر بولساڭلار موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئاندىن ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئەنە شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىشقا چاقىرىلىسىلەر، لېكىن سىلەردىن بەزىلەر بېخىللىق قىلىدۇ. كىم بېخىللىق قىلسا، ئۆزىگە بېخىللىق قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ غەنىيدۇر، سىلەر موھتاجسىلەر. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا قەۋم كەلتۈرىدۇ. ئاندىن ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ.
فەتىھ سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ السَّكِينَةَ فِي قُلُوبِ الْمُؤْمِنِينَ لِيَزْدَادُوا إِيمَانًا مَعَ إِيمَانِهِمْ ۗ وَلِلَّهِ جُنُودُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (پەرىشتىلەردىن، جىنلاردىن، ھايۋانلاردىن ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن بولغان) قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ (خەلقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلارنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ -بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى- بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، مۇئمىنلار ئىمانىغا ئىمان قوشسۇن دەپ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى رەھمىتىنى نازىل قىلدى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
48 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَدَكُمُ اللَّهُ مَغَانِمَ كَثِيرَةً تَأْخُذُونَهَا فَعَجَّلَ لَكُمْ هَٰذِهِ وَكَفَّ أَيْدِيَ النَّاسِ عَنْكُمْ وَلِتَكُونَ آيَةً لِلْمُؤْمِنِينَ وَيَهْدِيَكُمْ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلدى، بۇنى (يەنى خەيبەرنىڭ غەنىيمىتىنى) ھەممىدىن بۇرۇن ئاتا قىلدى، سىلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ قول سېلىشىدىن ساقلىدى، (غەنىيمەتلەر، مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى، مەسجىدى ھەرامغا كىرىش) مۆمىنلەرگە نىشان بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن (ئاللاھ شۇنداق قىلدى)[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلدى، بۇنى ھەممىدىن بۇرۇن ئاتا قىلدى، سىلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ قول سېلىشىدىن ساقلىدى، مۇئمىنلارغا نىشان بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئاللاھ شۇنداق قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلارنى ئالىسىلەر. بۇنى سىلەر ئۈچۈن تېز ئاتا قىلدى، ئىنسانلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توستى. ئاللاھ بۇنى مۇئمىنلارغا ئالامەت بولۇشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن قىلدى.
48 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ جَعَلَ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي قُلُوبِهِمُ الْحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ الْجَاهِلِيَّةِ فَأَنْزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ وَعَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَأَلْزَمَهُمْ كَلِمَةَ التَّقْوَىٰ وَكَانُوا أَحَقَّ بِهَا وَأَهْلَهَا ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار قىزىق قانلىقىنى – جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىزىق قانلىقىنى – دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە تەمكىنلىكنى چۈشۈردى. ئۇلارغا تەقۋا كەلىمىسىنى (يەنى كەلىمە تەۋھىدنى) ئىختىيار قىلدى. مۆمىنلەر تەقۋا كەلىمىسىگە ئەڭ لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار قىزىققانلىقىنى - جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىزىققانلىقىنى - دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلارغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ تەقۋا كەلىمىسىگە رېئايە قىلىشلىرىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. مۇئمىنلار تەقۋا كەلىمىسىگە ئەڭ لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا كافىرلار قەلبلىرىگە ئەسەبىيلىكنى - جاھىلىيەت ئەسەبىيلىكىنى - پۈككەن ئىدى. ئاللاھ خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى رەھمىتىنى ئۆزىنىڭ ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا نازىل قىلدى، ئۇلارنى تەقۋا سۆزىگە باغلىق قىلدى. ئۇلار ئۇ سۆزگە لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
قاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِكُلِّ أَوَّابٍ حَفِيظٍ
مۇھەممەد سالىھ: مانا بۇ (نېمەتتىن) سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتقۇچى، (ئەمرىنى) ساقلىغۇچى ھەر بىر (بەندە) ئۈچۈندۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: مانا بۇ، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ تائىتىگە قايتقۇچى، ئەمرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ھەر بىر بەندە ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «مانا بۇ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىدۇر. بۇ ئاللاھقا يۆنەلگۈچى ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ساقلىغۇچى ھەر كىشى ئۈچۈندۇر،
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ هُوَ الرَّزَّاقُ ذُو الْقُوَّةِ الْمَتِينُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (ئاللاھنىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىدۇر، كۈچ - قۇۋۋەت ئىگىسىدۇر ۋە چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر.
تۇر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ تَرَبَّصُوا فَإِنِّي مَعَكُمْ مِنَ الْمُتَرَبِّصِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە (يولۇقۇشىنى) كۈتىمىز». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن (يەنى سىلەر مېنىڭ ھالاك بولۇشۇمنى كۈتسەڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن)»[30ـ31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەر كۈتۈڭلار، ھەقىقەتەن مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتكۈچىلەردىنمەن».
52 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ فَإِنَّكَ بِأَعْيُنِنَا ۖ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ حِينَ تَقُومُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى تەخىر قىلىش) ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، (ئۇيقۇدىن) تۇرغان ۋاقتىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەم رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، ئۇيقۇدىن تۇرغان ۋاقتىڭدا رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن. چۈنكى سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن. ئورنۇڭدىن تۇرغان چېغىڭدا رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
قەمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَدَعَا رَبَّهُ أَنِّي مَغْلُوبٌ فَانْتَصِرْ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ پەرۋەردىگارىڭغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ رەببىغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ، رەببىگە « مەن يېڭىلدىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى.
مۇجادىلە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا النَّجْوَىٰ مِنَ الشَّيْطَانِ لِيَحْزُنَ الَّذِينَ آمَنُوا وَلَيْسَ بِضَارِّهِمْ شَيْئًا إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: گۇناھ توغرىسىدا پىچىرلىشىش مۆمىنلەرنى قايغۇغا سېلىش ئۈچۈن شەيتان تەرىپىدىن بولغاندۇر، (بۇنداق پىچىرلىشىش) ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولمىسىلا مۆمىنلەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: گۇناھ توغرىسىدا پىچىرلىشىش مۇئمىنلارنى قايغۇغا سېلىش ئۈچۈن شەيتان تەرىپىدىن بولغاندۇر، بۇنداق پىچىرلىشىش، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولمىسىلا مۇئمىنلارغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، مۇئمىنلار ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىرىنچى تۈرلۈك پىچىرلىشىش شەيتاندىندۇر. بۇ مۇئمىنلارنى غەمكىن قىلىش ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ئۇ پىچىرلىشىش ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بولماستىن ئۇلارغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن.
مۇمتەھىنە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
60 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِلَّذِينَ كَفَرُوا وَاغْفِرْ لَنَا رَبَّنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! كاپىرلارنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن (ئۇلار بىزگە ھۆكۈمران بولۇپ، بىزنى كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئازاب بىلەن دىنىمىزدىن چىقارمىسۇن)، پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! بىزنى كاپىرلار ئۈچۈن ئىمتىھان قىلمىغىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن ئى رەببىمىز!، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! بىزنى كافىرلارنىڭ قىينىشى بىلەن ئىمتىھان قىلمىغىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەببىمىز! پەقەت سەنلا ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».
60 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِيهِمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ ۚ وَمَنْ يَتَوَلَّ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى!) ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەر سىلەرگە، ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارغا ياخشى نەمۇنىدۇر، كىمكى (ئىمانىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ (ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنداقلاردىن) بىھاجەتتۇر، (ئاللاھ) مەدھىيەگە لايىقتۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلاردە ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارغا ياخشى ئۈلگەلەر باردۇر، كىمكى يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سىلەرگە - ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان كىشىگە - ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر. كىمكى يۈز ئۆرۈسە بىلسۇنكى، ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
تەغابۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مۇئمىنلار ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يەككە - يېگانە ئىلاھتۇر. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن!
تالاق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
65 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ ۚ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ بَالِغُ أَمْرِهِ ۚ قَدْ جَعَلَ اللَّهُ لِكُلِّ شَيْءٍ قَدْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن بىر پىرىنسىپ قىلدى
ئەنەس ئالىم: ۋە ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يېرىدىن رىزىق ئاتا قىلىدۇ. كىم ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسە ئۈچۈن ئۆلچەم بەلگىلىدى.
مۈلك سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ هَٰذَا الَّذِي هُوَ جُنْدٌ لَكُمْ يَنْصُرُكُمْ مِنْ دُونِ الرَّحْمَٰنِ ۚ إِنِ الْكَافِرُونَ إِلَّا فِي غُرُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ئاللاھ ياردەم بەرگەندىن تاشقىرى، يەنە كىم سىلەرگە ياردەمچى قوشۇن بولالايدۇ؟ كاپىرلار پەقەت ئالدىنىش ئىچىدىدۇر (يەنى شەيتان ئۇلارنى ئازاب نازىل بولمايدۇ دەپ ئالدايدۇ)[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ئاللاھ ياردەم بەرگەندىن تاشقىرى، يەنە كىم سىلەرگە ياردەمچى قوشۇن بولالايدۇ؟ كاپىرلار پەقەت ئالدىنىش ئىچىدىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەھماندىن باشقا سىلەرگە ياردەم بېرىدىغان قوشۇنۇڭلار كىمدۇر؟ كافىرلار ئالدىنىپ تۇرماقتىدۇر.
67 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هُوَ الرَّحْمَٰنُ آمَنَّا بِهِ وَعَلَيْهِ تَوَكَّلْنَا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئۇ ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھتۇر، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدۇق، سىلەر كىمنىڭ روشەن گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى كەلگۈسىدە بىلىسىلەر»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئۇ ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدۇق، سىلەر كىمنىڭ روشەن گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئۇ رەھماندۇر. بىز ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلدۇق. كىمنىڭ ئاشكارا ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر».
قەلەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
عَسَىٰ رَبُّنَا أَنْ يُبْدِلَنَا خَيْرًا مِنْهَا إِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا رَاغِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بۇنىڭدىن ياخشىراق باغنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزدىن ئۈمىد قىلغۇچىلارمىز»[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇمىدكى، رەببىمىز بىزگە بۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ياخشىراقىنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزدىن ئۈمىد قىلغۇچىلارمىز»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز بىزگە ئۇ باغنىڭ ئورنىغا ئۇ باغدىن ياخشىراقىنى بەرگەي، بىز رەببىمىزگە ئۈمىد باغلىغۇچىلارمىز».
جىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي لَنْ يُجِيرَنِي مِنَ اللَّهِ أَحَدٌ وَلَنْ أَجِدَ مِنْ دُونِهِ مُلْتَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «(ئەگەر مەن ئاللاھقا ئاسىي بولسام) مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى قۇتقۇزالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن (شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى قانداق قوبۇل قىلالايمەن؟)[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى ئەسلا قۇتقۇزالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. مەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن باشقا باشپاناھ تاپالمايمەن.
مۇزەممىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
رَبُّ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَاتَّخِذْهُ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىبنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنى ھامىي قىلىۋالغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن)[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىبنىڭ رەببىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنى ھامىي قىلىۋالغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ مەشرىق ۋە مەغرىبنىڭ رەببىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنى ئۆزۈڭگە ۋەكىل قىلىۋالغىن.
ئىنشىراھ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
94 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار
ئەنەس ئالىم: دېمەككى، ھەر مۈشكۈللۈك بىلەن بىللە بىر ئاسانلىق بار.
94 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەلۋەتتە شۇ مۈشكۈللۈك بىلەن يەنە بىر ئاسانلىق بار[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇ مۈشكۈللۈك بىلەن بىللە يەنە بىر ئاسانلىق بار.