نەبە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 40 ئايەت
مەنىسى: ئۇچۇر. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەت، قايتا تىرىلدۈرۈش... ھەققىدە ئۇچۇر بىرىلگەن
  1. (78-سۈرە نەبە، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ عَمَّ يَتَسَاءَلُونَ
    (مۇشرىكلار ئۆزئارا نېمە توغرۇلۇق) سورىشىدۇ؟

    ئۇلار نېمىنى سورىشىدۇ؟

  2. (78-سۈرە نەبە، 2-ئايەت)
    عَنِ النَّبَإِ الْعَظِيمِ
    ئۇلار چوڭ بىر خەۋەر (يەنى قىيامەت توغرۇلۇق) سورىشىدۇ

    ئۇلار چوڭ بىر خەۋەر - قىيامەت توغرۇلۇق- سورىشىدۇ

  3. (78-سۈرە نەبە، 3-ئايەت)
    الَّذِي هُمْ فِيهِ مُخْتَلِفُونَ
    ئۇلار شۇ (يەنى قىيامەت) توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر

    ئۇلار شۇ قىيامەت توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر

  4. (78-سۈرە نەبە، 4-ئايەت)
    كَلَّا سَيَعْلَمُونَ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (قىيامەت ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك يالغان ئەمەس)، ئۇلار (ھەقىقىي ئەھۋالنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ

    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار كەلگۈسىدە بىلىدۇ

  5. (78-سۈرە نەبە، 5-ئايەت)
    ثُمَّ كَلَّا سَيَعْلَمُونَ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (بېشىغا كەلگەن ئازابنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ

    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار كەلگۈسىدە بىلىدۇ

  6. (78-سۈرە نەبە، 6-ئايەت)
    أَلَمْ نَجْعَلِ الْأَرْضَ مِهَادًا
    (زېمىننىڭ ئۈستىدە مۇقىملىشىشىڭلار ۋە كەڭ تۈزلەڭلىكلەرگە زىرائەت تېرىپ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن) زېمىننى بىسات قىلمىدۇقمۇ؟

    بىز زېمىننى بىسات قىلمىدۇقمۇ؟

  7. (78-سۈرە نەبە، 7-ئايەت)
    وَالْجِبَالَ أَوْتَادًا
    (زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟

    تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟

  8. (78-سۈرە نەبە، 8-ئايەت)
    وَخَلَقْنَاكُمْ أَزْوَاجًا
    سىلەرنى ئەر ـ ئايال قىلىپ ياراتتۇق

    سىلەرنى ئەر ـ ئايال قىلىپ ياراتتۇق

  9. (78-سۈرە نەبە، 9-ئايەت)
    وَجَعَلْنَا نَوْمَكُمْ سُبَاتًا
    ئۇيقۇنى سىلەرنىڭ (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدۇق

    ئۇيقۇڭلارنى راھەتلىنىش قىلدۇق

  10. (78-سۈرە نەبە، 10-ئايەت)
    وَجَعَلْنَا اللَّيْلَ لِبَاسًا
    كېچىنى لىباس قىلدۇق

    كېچىنى لىباس قىلدۇق

  11. (78-سۈرە نەبە، 11-ئايەت)
    وَجَعَلْنَا النَّهَارَ مَعَاشًا
    كۈندۈزنى (سىلەر) تىرىكچىلىك قىلىدىغان (ۋاقىت) قىلدۇق

    كۈندۈزنى تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋاقىت قىلدۇق

  12. (78-سۈرە نەبە، 12-ئايەت)
    وَبَنَيْنَا فَوْقَكُمْ سَبْعًا شِدَادًا
    ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسماننى بىنا قىلدۇق

    ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسماننى بىنا قىلدۇق

  13. (78-سۈرە نەبە، 13-ئايەت)
    وَجَعَلْنَا سِرَاجًا وَهَّاجًا
    (سىلەر ئۈچۈن) يېنىپ تۇرغان چىراغنى (قۇياشنى) ياراتتۇق

    يېنىپ تۇرغان چىراغنى ياراتتۇق

  14. (78-سۈرە نەبە، 14-ئايەت)
    وَأَنْزَلْنَا مِنَ الْمُعْصِرَاتِ مَاءً ثَجَّاجًا
    ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق

    بىز قېلىن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق

  15. (78-سۈرە نەبە، 15-ئايەت)
    لِنُخْرِجَ بِهِ حَبًّا وَنَبَاتًا
    ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق

    ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈشىمىز ئۈچۈن

  16. (78-سۈرە نەبە، 16-ئايەت)
    وَجَنَّاتٍ أَلْفَافًا
    ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق

    دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈشىمىز ئۈچۈن

  17. (78-سۈرە نەبە، 17-ئايەت)
    إِنَّ يَوْمَ الْفَصْلِ كَانَ مِيقَاتًا
    قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن (مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش) ۋاقتىدۇر

    قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن بەلگۈلەنگەن بىر ۋاقتىدۇر

  18. (78-سۈرە نەبە، 18-ئايەت)
    يَوْمَ يُنْفَخُ فِي الصُّورِ فَتَأْتُونَ أَفْوَاجًا
    ئۇ كۈنى سۇر چېلىنىدۇ، سىلەر توپ ـ توپ بولۇپ كېلىسىلەر

    سۇر چېلىنىدىغان كۈنى، سىلەر توپ ـ توپ بولۇپ كېلىسىلەر

  19. (78-سۈرە نەبە، 19-ئايەت)
    وَفُتِحَتِ السَّمَاءُ فَكَانَتْ أَبْوَابًا
    ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ

    ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ

  20. (78-سۈرە نەبە، 20-ئايەت)
    وَسُيِّرَتِ الْجِبَالُ فَكَانَتْ سَرَابًا
    تاغلار ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ سەرابتەك بولۇپ قالىدۇ (يەنى تاغلار توزۇپ يىراقتىن قارىغۇچىغا سۇدەك تۇيۇلىدۇ)

    تاغلار ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ سەرابتەك بولۇپ قالىدۇ

  21. (78-سۈرە نەبە، 21-ئايەت)
    إِنَّ جَهَنَّمَ كَانَتْ مِرْصَادًا
    جەھەننەم ھەقىقەتەن (كۇففارلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ

    جەھەننەم ھەقىقەتەن بىر كۈزىتىش ئورنىدۇر

  22. (78-سۈرە نەبە، 22-ئايەت)
    لِلطَّاغِينَ مَآبًا
    جەھەننەم، شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلارنىڭ جايىدۇر

    گۇناھكارلارنىڭ جايىدۇر

  23. (78-سۈرە نەبە، 23-ئايەت)
    لَابِثِينَ فِيهَا أَحْقَابًا
    ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ

    ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ

  24. (78-سۈرە نەبە، 24-ئايەت)
    لَا يَذُوقُونَ فِيهَا بَرْدًا وَلَا شَرَابًا
    ئۇلار جەھەننەمدە (جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى يىنىكلىتىلگەن) بىرەر سۆرۈنلۈككە ۋە (تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ

    ئۇلار جەھەننەمدە سۆرۈنلۈككە ۋە بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ

  25. (78-سۈرە نەبە، 25-ئايەت)
    إِلَّا حَمِيمًا وَغَسَّاقًا
    ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىنلا ئىبارەت بولىدۇ

    يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىن باشقا

  26. (78-سۈرە نەبە، 26-ئايەت)
    جَزَاءً وِفَاقًا
    بۇ (ئۇلارغا بېرىلىدىغان) مۇۋاپىق جازادۇر

    بۇ مۇۋاپىق بىر جازادۇر

  27. (78-سۈرە نەبە، 27-ئايەت)
    إِنَّهُمْ كَانُوا لَا يَرْجُونَ حِسَابًا
    چۈنكى ئۇلار (قىلمىشلىرىدىن) ھېساب ئېلىنىشتىن قورقمايتتى

    چۈنكى ئۇلار ھېساب ئېلىنىشنى كۈتمەيتتى

  28. (78-سۈرە نەبە، 28-ئايەت)
    وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا كِذَّابًا
    ھەمدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قاتتىق ئىنكار قىلاتتى

    ھەمدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قوللىرىدىن كېلىشىچە يالغانغا چىقىراتتى

  29. (78-سۈرە نەبە، 29-ئايەت)
    وَكُلَّ شَيْءٍ أَحْصَيْنَاهُ كِتَابًا
    ھەر نەرسىنى تولۇق خاتىرىلەپ قويغان ئىدۇق

    ھەر نەرسىنى بىر كىتابتا تولۇق خاتىرىلەپ قويىمىز

  30. (78-سۈرە نەبە، 30-ئايەت)
    فَذُوقُوا فَلَنْ نَزِيدَكُمْ إِلَّا عَذَابًا
    (ئۇلارغا ئېيتىمىزكى) «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز»

    -ئۇلارغا ئېيتىمىزكى-: «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز»

  31. (78-سۈرە نەبە، 31-ئايەت)
    إِنَّ لِلْمُتَّقِينَ مَفَازًا
    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار نېمەتكە ئېرىشىدۇ

    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار ئۈچۈن نىجاتلىق باردۇر

  32. (78-سۈرە نەبە، 32-ئايەت)
    حَدَائِقَ وَأَعْنَابًا
    (ئۇ نېمەت) باغلار، ئۈزۈملەردۇر

    باغلار ۋە ئۈزۈملەر،

  33. (78-سۈرە نەبە، 33-ئايەت)
    وَكَوَاعِبَ أَتْرَابًا
    تەڭتۇش قىزلاردۇر

    تەڭتۇش قىزلار

  34. (78-سۈرە نەبە، 34-ئايەت)
    وَكَأْسًا دِهَاقًا
    (شاراب بىلەن) تولدۇرۇلغان جاملاردۇر

    ۋە تولدۇرۇلغان جاملار باردۇر

  35. (78-سۈرە نەبە، 35-ئايەت)
    لَا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا وَلَا كِذَّابًا
    ئۇلار جەننەتتە يالغان سۆز، بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ

    ئۇلار جەننەتتە يالغان بىلەن بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ

  36. (78-سۈرە نەبە، 36-ئايەت)
    جَزَاءً مِنْ رَبِّكَ عَطَاءً حِسَابًا
    (ئەنە شۇلار) پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەرگەن مۇكاپاتى، يېتەرلىك ئاتاسىدۇر

    #نامى؟

  37. (78-سۈرە نەبە، 37-ئايەت)
    رَبِّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا الرَّحْمَٰنِ ۖ لَا يَمْلِكُونَ مِنْهُ خِطَابًا
    ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر. (ئۇ كۈندە ھېچ كىشى) ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ

    ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر. ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر. ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ

  38. (78-سۈرە نەبە، 38-ئايەت)
    يَوْمَ يَقُومُ الرُّوحُ وَالْمَلَائِكَةُ صَفًّا ۖ لَا يَتَكَلَّمُونَ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ الرَّحْمَٰنُ وَقَالَ صَوَابًا
    جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)، ئۇلار(نىڭ ئارىسىدا) مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىزنىگە ئېرىشكەن ۋە توغرا سۆزنى قىلغانلاردىن باشقا ھېچ ئەھەدىنىڭ سۆز قىلىشىغا بولمايدۇ

    جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە، مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىزنىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىسى سۆز قىلالمايدۇ، ئۇمۇ توغرا سۆز قىلىدۇ

  39. (78-سۈرە نەبە، 39-ئايەت)
    ذَٰلِكَ الْيَوْمُ الْحَقُّ ۖ فَمَنْ شَاءَ اتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِ مَآبًا
    ئەنە شۇ چوقۇم بولىدىغان كۈندۇر. كىمكى (ئىمان بىلەن، ياخشى ئەمەل بىلەن) پەرۋەردىگارىغا قايتىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىسا (تۇتسۇن)

    ئەنە شۇ چوقۇم بولىدىغان كۈندۇر. شۇنداق بولغانىكەن خالىغان كىشى رەببىغا قايتىدىغان يولنى تۇتسۇن

  40. (78-سۈرە نەبە، 40-ئايەت)
    إِنَّا أَنْذَرْنَاكُمْ عَذَابًا قَرِيبًا يَوْمَ يَنْظُرُ الْمَرْءُ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ وَيَقُولُ الْكَافِرُ يَا لَيْتَنِي كُنْتُ تُرَابًا
    بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن (يۈز بېرىشى) يېقىن ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتكەن بولسامچۇ!» دەيدۇ

    بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن يېقىن ئازابتىن ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ ۋە كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ!» دەيدۇ