زاكات ۋە سەدىقە
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىبادەت: زاكات ۋە سەدىقە
ئېنگلىزچىسى: Zakat and Sadaqah
106 ئايەت
41 سۈرە
4 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
26 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ وَيُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىز بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىغا) سەرپ قىلىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدىغان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، بىز بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئۇلار غەيىبكە ئىشىنىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدىغان كىشىلەردۇر4.
2 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَارْكَعُوا مَعَ الرَّاكِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار(يەنى نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇڭلار)
ئەنەس ئالىم: نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە رۇكۇ قىلىڭلار.
2 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَقُولُوا لِلنَّاسِ حُسْنًا وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْكُمْ وَأَنْتُمْ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا ـ ئانىغا، خىش ـ ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، ناماز ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق. ئاندىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە (ئەھدەڭلاردىن) يېنىۋالىسىلەر[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا ـ ئانىغا، يېقىن تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، نامازنى مۇكەممەل ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە يېنىۋالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن: «ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار؛ ئاتا -ئاناڭلارغا، ئۇرۇق -تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار؛ ئىنسانلارغا ياخشى گەپ قىلىڭلار؛ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار!» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. ئاندىن كېيىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنە كىشىلەردىن باشقا ھەممىڭلار بۇ ئەھدىڭلاردىن يېنىۋالدىڭلار. سىلەر سۆزىدە تۇرمايدىغان كىشىلەرسىلەر.
2 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ ۚ وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئىشلىگەن ھەرقانداق ياخشى ئەمەل بولسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قىلغان ھەرقانداق ياخشى ئەمەل بولسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تاپىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 177 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ الْبِرَّ أَنْ تُوَلُّوا وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَٰكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآتَى الْمَالَ عَلَىٰ حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّائِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُوا ۖ وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ وَحِينَ الْبَأْسِ ۗ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش ـ ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل ـ مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل ـ مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر[177].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈزلىنىشىڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەبغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن يېقىن تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يول خىراجىتى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل ـ مال ياردەم بېرىش، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇ يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر ئىمانىدا راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر
ئەنەس ئالىم: مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەنلىكىڭلار ياخشىلىق ئەمەس. لېكىن ياخشىلىق ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە نەبىيلەرگە ئىمان ئېيتقان، مېلىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يولۇچىلارغا، ياردەم سورىغۇچىلارغا ۋە قۇللارنى ئازاد قىلىشقا بەرگەن، نامازنى كامىل ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەن كىشىنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. شۇنىڭدەك، قىلىشقان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. بولۇپمۇ قىيىنچىلىقتا، جاپا - مۇشەققەتتە ۋە ئۇرۇش ۋاقتىدا سەۋر قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. ئەنە شۇلار راست سۆزلىگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار بولغۇچىلاردۇر.
2 : 195 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ ۛ وَأَحْسِنُوا ۛ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ[195].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا ماللىرىڭلارنى چىقىم قىلىڭلار ۋە ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئاتماڭلار. ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
2 : 196 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ ۚ فَإِنْ أُحْصِرْتُمْ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ ۖ وَلَا تَحْلِقُوا رُءُوسَكُمْ حَتَّىٰ يَبْلُغَ الْهَدْيُ مَحِلَّهُ ۚ فَمَنْ كَانَ مِنْكُمْ مَرِيضًا أَوْ بِهِ أَذًى مِنْ رَأْسِهِ فَفِدْيَةٌ مِنْ صِيَامٍ أَوْ صَدَقَةٍ أَوْ نُسُكٍ ۚ فَإِذَا أَمِنْتُمْ فَمَنْ تَمَتَّعَ بِالْعُمْرَةِ إِلَى الْحَجِّ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ ۚ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ فِي الْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ ۗ تِلْكَ عَشَرَةٌ كَامِلَةٌ ۗ ذَٰلِكَ لِمَنْ لَمْ يَكُنْ أَهْلُهُ حَاضِرِي الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا نېمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار)، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى كېسەل (يەنى چېچىنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بېشىدا ئىللەت (يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (چېچىنى چۈشۈرسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن، ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر[196].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا (قۇربانلىققا يارايدىغان چارۋىلاردىن) نېمىنى تاپلىساڭلار، شۇنى ھەديە قىلىڭلار. ھەيدە قىلىنىدىغان مال بەلگىلەنگەن جايىغا يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا ئىللەت بولۇپ چېچىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرسە، فىديە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن. ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى ھەديە قىلسۇن، ھەيدە قىلالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، ھەجدىن قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، بۇ تولۇق ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ ھۆكۈم ھەرەم مەسجىدى دائىرىسى (يەنى مەككە) دە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ھەج ۋە ئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن تاماملاڭلار. ئەگەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزۈڭلارغا ئاسان بولغىنىنى ئەۋەتىڭلار. بۇ مال جايىغا يېتىپ بارمىغىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. لېكىن ئىچىڭلاردىن بىرى كېسەل بولغانلىقى ياكى بېشىدىن بىرەر ئەزىيەت چەككەنلىكى ئۈچۈن چېچىنى ۋاقتىدىن ئىلگىرى چۈشۈرسە فىدىيە بەرسۇن. فىدىيە روزا تۇتۇش ياكى سەدىقە بېرىش ياكى قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا، كىمكى ھەجگىچىلىك ئۆمرە بىلەن پايدىلانسا59 قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزىگە ئاسان بولغىنىنى قۇربانلىق قىلسۇن. تاپالمىغانلار ھەج ئەسناسىدا ئۈچ كۈن، قايتقان چېغىڭلاردا ۋەتىنىدە يەتتە كۈن بولۇپ، جەمئىي تولۇق ئون كۈن روزا تۇتسۇن. بۇ ھۆكۈم ئائىلىسى مەسجىدى ھەرەمنىڭ تەۋەلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغانلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ جازاسى بەك قاتتىقتۇر.
2 : 207 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْرِي نَفْسَهُ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ رَءُوفٌ بِالْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ (قىلغان ئەمەلى بىلەن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنىلا تىلەيدۇ). ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر[207].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەپ جېنىنى پىدا قىلىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە شەپقەتلىكتۇر.
2 : 215 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنْفِقُونَ ۖ قُلْ مَا أَنْفَقْتُمْ مِنْ خَيْرٍ فَلِلْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ماللىرىدىن) قانداق نەرسىنى سەرپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «مال ـ مۈلكىڭلاردىن نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا - ئاناڭلارغا، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئىبن سەبىللەرگە سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ»[215].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قانداق نەرسىنى نەگە سەرپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «مال ـ مۈلكۈڭلاردىن قانداق نەرسىنى سەرپ قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا-ئاناڭلارغا، يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە يول خىراجىتى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. سىلەر قانداقلا ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن نېمە چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «قانداق مال چىقىم قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا - ئاناڭلارغا، ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە يولۇچىلارغا چىقىم قىلىڭلار. قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ».
2 : 219 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ ۖ قُلْ فِيهِمَا إِثْمٌ كَبِيرٌ وَمَنَافِعُ لِلنَّاسِ وَإِثْمُهُمَا أَكْبَرُ مِنْ نَفْعِهِمَا ۗ وَيَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنْفِقُونَ قُلِ الْعَفْوَ ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا: «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە (ئازغىنا ماددى) پايدىمۇ بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ پايدىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ» دېگىن، ئۇلار سەندىن نېمىنى سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ، «(ئېھتىياجدىن) ئارتۇقىنى (سەدىقە قىلىڭلار)» دېگىن. دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ (ئىشلىرىنى) تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئۆز ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ[219].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا: «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە ئازغىنا نەپمۇ بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ نەپكە قارىغاند چوڭدۇر» دېگىن*[1]، ئۇلار سەندىن قانداق نەرسىنى سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ، «ئېھتىياجدىن ئارتۇقىنى سەدىقە قىلىڭلار» دېگىن. دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنى تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆز ئايەتلىرىنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن بىر قىسىم پايدىلار بار. لېكىن ئىككىسىنىڭ گۇناھى پايدىسىدىن چوڭدۇر». ئۇلار سەندىن نېمىنى چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەفۋەنى چىقىم قىلىڭلار»61. ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. تەپەككۇر قىلغايسىلەر.
2 : 245 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ ذَا الَّذِي يُقْرِضُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَاعِفَهُ لَهُ أَضْعَافًا كَثِيرَةً ۚ وَاللَّهُ يَقْبِضُ وَيَبْسُطُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە (يەنى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگۈچە) كۆپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ (سىناش ئۈچۈن، بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، (بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) كەڭ قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[245].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھ يولىدا پۇل ـ مېلىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە كۆپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ بولسا كەڭ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىغان كىم بار؟ ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ ئازمۇ بېرىدۇ، كۆپمۇ بېرىدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
2 : 254 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنْفِقُوا مِمَّا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ يَوْمٌ لَا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خُلَّةٌ وَلَا شَفَاعَةٌ ۗ وَالْكَافِرُونَ هُمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سودا ـ سېتىق، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز) شاپائەت بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كاپىر بولغۇچىلار زالىملاردۇر[254].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سودا ـ سېتىق، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز) شاپائەت بولمايدىغان كۈنى يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كافىرلار ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن، ئېلىم - سېتىم، دوستلۇق ۋە شاپائەت يوق كۈن كېلىشتىن بۇرۇن چىقىم قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، كافىرلار زالىملاردۇر.
2 : 261 - ئايەت
كۆرۈش
مَثَلُ الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ كَمَثَلِ حَبَّةٍ أَنْبَتَتْ سَبْعَ سَنَابِلَ فِي كُلِّ سُنْبُلَةٍ مِائَةُ حَبَّةٍ ۗ وَاللَّهُ يُضَاعِفُ لِمَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ (سەرپ قىلغان نەرسىسى يەرگە تېرىلىپ) يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا 100 دان تۇتقان بىر دانغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى (چەكلىك ئەمەس) كەڭدۇر (ئاللاھ مال سەرپ قىلغۇچىنىڭ نىيىتىنى بىلگۈچىدۇر)(ئىزاھات: بۇ، ئاللاھ ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان پۇل ـ مالنىڭ ساۋابىنىڭ ھەسسىلەپ كۆپ بولىدىغانلىقىغا مىسال.)[261].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ سەرپ قىلغان نەرسىسى (يەرگە تېرىلىپ) يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا يۈز تالدىن دان تۇتقان بىر تال ئۇرۇققا ئوخشايدۇ*[1]. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى، يەتتە باشاق ئۈندۈرگەن ۋە ھەر باشىقىدا يۈز دانە دان تۇتقان بىر داننىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 262 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ لَا يُتْبِعُونَ مَا أَنْفَقُوا مَنًّا وَلَا أَذًى ۙ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پۇل ـ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان، ۋە (خەير ـ ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (قىيامەت كۈنى) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم ـ ئەنشدىشە قىلمايدۇ[262].
تەرجىمە ھەيئىتى: پۇل ـ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، كېيىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان، ۋە خەير ـ ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىپ ئاندىن مىننەت قىلمايدىغان ۋە رەنجىتمەيدىغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
2 : 263 - ئايەت
كۆرۈش
قَوْلٌ مَعْرُوفٌ وَمَغْفِرَةٌ خَيْرٌ مِنْ صَدَقَةٍ يَتْبَعُهَا أَذًى ۗ وَاللَّهُ غَنِيٌّ حَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈش كېيىن ئەزىيەت ئېلىپ كېلىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سەدىقىسىدىن) بىھاجەتتۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[263].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈۋېتىش ئەزىيەت ئەگىشىپ كېلىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەت، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: چىرايلىق سۆز قىلىش ۋە ئەپۇ قىلىش سەدىقە قىلىپ بولۇپ رەنجىتكەندىن ياخشىدۇر. ئاللاھ غەنىيدۇر، ھەلىمدۇر.
2 : 264 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُبْطِلُوا صَدَقَاتِكُمْ بِالْمَنِّ وَالْأَذَىٰ كَالَّذِي يُنْفِقُ مَالَهُ رِئَاءَ النَّاسِ وَلَا يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۖ فَمَثَلُهُ كَمَثَلِ صَفْوَانٍ عَلَيْهِ تُرَابٌ فَأَصَابَهُ وَابِلٌ فَتَرَكَهُ صَلْدًا ۖ لَا يَقْدِرُونَ عَلَىٰ شَيْءٍ مِمَّا كَسَبُوا ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! پۇل ـ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى (نىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق (پۇل ـ مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان) ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا ـ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن (يۇيۇلۇپ) بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ. ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[264].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! پۇل ـ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشىگە ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا ـ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن يۇيۇلۇپ كەتكەن سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمىنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سەدىقىلىرىڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە رەنجىتىش ئارقىلىق بىكار قىلىۋەتمەڭلار. سىلەر بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مېلىنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىدەك بولماڭلار. بۇنداق كىشىنىڭ ئەھۋالى، قاتتىق يامغۇر يېغىش بىلەن ئۈستىدىكى توپىلار كېتىپ، ئەسلى ھالىتى چىقىپ قالغان سىلىق قورام تاشنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار ئۆز ئەمەللىرىدىن ھېچبىر ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
2 : 265 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَثَلُ الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمُ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ وَتَثْبِيتًا مِنْ أَنْفُسِهِمْ كَمَثَلِ جَنَّةٍ بِرَبْوَةٍ أَصَابَهَا وَابِلٌ فَآتَتْ أُكُلَهَا ضِعْفَيْنِ فَإِنْ لَمْ يُصِبْهَا وَابِلٌ فَطَلٌّ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ۋە چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ سەرپ قىلىدىغانلار ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولمىسا شەبنەم بىلەنمۇ قانىدىغان (قايسى ھالدا بولسۇن مېۋە بېرىدىغان) بىر باغقا ئوخشايدۇ (دېمەك، بۇنداق خەير ـ ساخاۋەتلىك ئادەم مېلى كۆپ بولسا كۆپكە يارىشا، ئاز بولسا ئازغا يارىشا بېرىدۇ). ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[265].
تەرجىمە ھەيئىتى: پۇل-ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ۋە ئۆزىنىڭ چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ سەرپ قىلىدىغانلار ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولمىسا شەبنەم بىلەنمۇ قانىدىغان (يەنى قايسى ھالدا بولسۇن مېۋە بېرىدىغان) بىر باغقا ئوخشايدۇ. ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئىمانىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى خۇددى ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇر ياغسا ئىككى قات مەھسۇلات بېرىدىغان، كۆپ يامغۇر ياغمىسا چۈشكەن شەبنەم بىلەن قېنىپ مەھسۇلات بېرىدىغان گۈزەل باغنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 267 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنْفِقُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا كَسَبْتُمْ وَمِمَّا أَخْرَجْنَا لَكُمْ مِنَ الْأَرْضِ ۖ وَلَا تَيَمَّمُوا الْخَبِيثَ مِنْهُ تُنْفِقُونَ وَلَسْتُمْ بِآخِذِيهِ إِلَّا أَنْ تُغْمِضُوا فِيهِ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر (يەنى ئاشلىقلار، مېۋىلەر) نىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارمۇ پەقەت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالىدىغان ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ (بۇنداق سەدىقەڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، ھەمدىگە لايىقتۇر[267].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارمۇ پەقەت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپلا ئالىدىغان (نەرسىلەردەك) ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ (بۇنداق سەدىقەڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! تاپقان مېلىڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن چىقىم قىلىڭلار. ئۆزۈڭلار كۆز يۇممىساڭلار ئالمايدىغان ناچارلىرىنى چىقىم قىلىشقا ئۇرۇنماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
2 : 270 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَنْفَقْتُمْ مِنْ نَفَقَةٍ أَوْ نَذَرْتُمْ مِنْ نَذْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ يَعْلَمُهُ ۗ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنْصَارٍ
مۇھەممەد سالىھ: نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار ياكى (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنى ۋەدە قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىدۇ. زالىملار (زاكاتنى مەنئى قىلغۇچىلار ياكى پۇل ـ مېلىنى گۇناھ ئىشلارغا سەرپ قىلغۇچىلار) غا ھېچقانداق مەدەتكار چىقمايدۇ[270].
تەرجىمە ھەيئىتى: نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلساڭلار ياكى نېمىنى ۋەدە قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىدۇ. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى پۇل ـ مېلىنى گۇناھ ئىشلارغا سەرپ قىلغۇچىلار) غا ھېچقانداق مەدەتكار چىقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: نېمە چىقىم قىلساڭلار ياكى قانداق نەزىرنى77 نەزىر قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ.
2 : 271 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُبْدُوا الصَّدَقَاتِ فَنِعِمَّا هِيَ ۖ وَإِنْ تُخْفُوهَا وَتُؤْتُوهَا الْفُقَرَاءَ فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۚ وَيُكَفِّرُ عَنْكُمْ مِنْ سَيِّئَاتِكُمْ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار، تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ، سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارغا كەففارەت بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[271].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: سەدىقىلەرنى78 ئاشكارا بەرسەڭلار، نېمىدېگەن ياخشى! ئەگەر ئۇلارنى مەخپىي بەرسەڭلار ۋە پېقىرلارغا بەرسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئاللاھ بەزى يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
2 : 272 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ عَلَيْكَ هُدَاهُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۗ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ خَيْرٍ فَلِأَنْفُسِكُمْ ۚ وَمَا تُنْفِقُونَ إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ اللَّهِ ۚ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ خَيْرٍ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزەڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير ـ ئېھسان قىلىسىلەر (خەير ـ ئېھسانىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار)، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)[272].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس. لېكىن، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. پۇل-مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير ـ ئېھسان قىلىڭلار، پۇل-مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلساڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈش سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئەمەس. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. قانداق مال چىقىم قىلساڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن چىقىم قىلغان بولىسىلەر. ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا چىقىم قىلىشىڭلار كېرەك. چىقىم قىلغان مېلىڭلارنىڭ ساۋابى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
2 : 273 - ئايەت
كۆرۈش
لِلْفُقَرَاءِ الَّذِينَ أُحْصِرُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ لَا يَسْتَطِيعُونَ ضَرْبًا فِي الْأَرْضِ يَحْسَبُهُمُ الْجَاهِلُ أَغْنِيَاءَ مِنَ التَّعَفُّفِ تَعْرِفُهُمْ بِسِيمَاهُمْ لَا يَسْأَلُونَ النَّاسَ إِلْحَافًا ۗ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، (تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن) يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا خەير ـ ئېھسان قىلىنىشى كېرەك. ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر[273].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا خەير ـ ئېھسان قىلىنىشى كېرەك. ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى بايمىكىن دەپ قالىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ نامراتلىقىنى ئەپتىدىن بىلىۋالالايسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ. پۇل-مېلىڭلاردىن قانداق نەرسىنى خەير ـ ئېھسان قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ چىقىملار ئۆزلىرىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان پېقىرلەر ئۈچۈندۇر. ئۇلار زېمىندا سەپەر قىلالمايدۇ. نومۇسىنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن79 بىلمىگەنلەر ئۇلارنى باي دەپ ھېسابلايدۇ. سەن ئۇلارنى سېيماسىدىن تونۇيسەن. ئۇلار ئىنسانلاردىن ئېسىلىۋېلىپ بىر نەرسە تىلىمەيدۇ. قانداق ياخشىلىق چىقىم قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ.
2 : 274 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ سِرًّا وَعَلَانِيَةً فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ماللىرىنى كېچە ـ كۈندۈز (ھەممە ۋاقىت)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير ـ ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم ـ ئەندىشە قىلمايدۇ[274].
تەرجىمە ھەيئىتى: پۇل-ماللىرىنى كېچە ـ كۈندۈز يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير ـ ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ماللىرىنى كېچە - كۈندۈز، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلىدىغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
2 : 276 - ئايەت
كۆرۈش
يَمْحَقُ اللَّهُ الرِّبَا وَيُرْبِي الصَّدَقَاتِ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ جازانىنىڭ (بەرىكىتىنى) ئۆچۈرۈۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ (بەرىكىتىنى) زىيادە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەربىر ناشۈكۈر (يەنى جازانىنى ھالال سانىغۇچى) گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ[276].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ جازانىنىڭ پايدىسىنى توزۇتۇۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ پايدىسىنى زىيادە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەرقانداق تۇزكور گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ جازانىنى خورىتىدۇ، سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ كۇفرىلىقتا ۋە گۇناھتا چىڭ تۇرىدىغانلارنىڭ ھېچبىرىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
2 : 277 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (چوڭ) ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم ـ ئەندىشە قىلمايدۇ[277].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇغان ۋە زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەنلەر رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
2 : 280 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَىٰ مَيْسَرَةٍ ۚ وَأَنْ تَصَدَّقُوا خَيْرٌ لَكُمْ ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغىچە كۈتۈڭلار، ئەگەر (خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا) سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر[280].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇنى سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر قەرزدار قىينچىلىق تارتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
الصَّابِرِينَ وَالصَّادِقِينَ وَالْقَانِتِينَ وَالْمُنْفِقِينَ وَالْمُسْتَغْفِرِينَ بِالْأَسْحَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار) سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ ماللىرىنى) سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ تەقۋادارلار سەۋر قىلغۇچى، راست سۆزلىگۈچى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى، پۇل -ماللىرىدىن ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغۇچى ۋە تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىتلاردا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگۈچى كىشىلەردۇر.
3 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
لَنْ تَنَالُوا الْبِرَّ حَتَّىٰ تُنْفِقُوا مِمَّا تُحِبُّونَ ۚ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ شَيْءٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە غىچەھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، سىلەر نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىڭلاردىن چىقىم قىلمىغىچە ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر. قانداق نەرسە چىقىم قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ.
3 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُنْفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىدىغان، ئاچچىقىنى باسالايدىغان، كىشىلەرنى كەچۈرىدىغان ئادەملەردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى، باياشاتچىلىقتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ مال چىقىم قىلىدۇ، ئاچچىقىنى يۇتىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ. ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.
3 : 180 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَبْخَلُونَ بِمَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ هُوَ خَيْرًا لَهُمْ ۖ بَلْ هُوَ شَرٌّ لَهُمْ ۖ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُوا بِهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ وَلِلَّهِ مِيرَاثُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە (يەنى پۇل ـ مالغا) بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئەمەلدە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇلار پانىي بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). ئاللاھ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[180].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلىمىسۇن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە بېخىللىق قىلىدىغانلار، بۇ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ھېسابلىمىسۇن. بەلكى بۇ ئۇلار ئۈچۈن يامانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىلىرى قىيامەت كۈنى بويۇنلىرىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر29. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
نىسا سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَبْخَلُونَ وَيَأْمُرُونَ النَّاسَ بِالْبُخْلِ وَيَكْتُمُونَ مَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ ۗ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇتەكەببىرلەر ، ماختانچاقلار) بېخىللىق قىلىدۇ، كىشىلەرنى بېخىللىققا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرىدۇ، (ئاللاھنىڭ نېمىتىنى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا خورلىغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداقلار بېخىللىق قىلىدۇ، كىشىلەرنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرىدۇ، بىز بۇنداق كافىرلارغا خارلىغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان، ئىنسانلارنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغان ۋە ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىنى يوشۇرىدىغان كىشىلەردۇر. بىز ئۇ كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق.
4 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ رِئَاءَ النَّاسِ وَلَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَلَا بِالْيَوْمِ الْآخِرِ ۗ وَمَنْ يَكُنِ الشَّيْطَانُ لَهُ قَرِينًا فَسَاءَ قَرِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىشەنمەيدۇ، ئاخىرەت كۈنىگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. كىمكى ئۆزىگە شەيتاننى ھەمراھ قىلىدىكەن (ئۇ شەيتاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىدۇ)، شەيتان نېمىدېگەن يامان ھەمراھ![38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىشەنمەيدۇ، ئاخىرەت كۈنىگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. كىمكى ئۆزىگە شەيتاننى ھەمراھ قىلىدىكەن، شەيتان نېمىدېگەن يامان ھەمراھ!
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە ماللىرىنى ئىنسانلارغا رىيا قىلىش ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەردۇر. شەيتان كىمنىڭ يېقىنى ھەمراھ بولسا، ئۇ نېمىدېگەن يامان يېقىندۇر!
4 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَاذَا عَلَيْهِمْ لَوْ آمَنُوا بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَأَنْفَقُوا مِمَّا رَزَقَهُمُ اللَّهُ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِهِمْ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە ۋە ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن مالدىن سەرپ قىلسا، ئۇلارغا نېمە زىيىنى بولاتتى؟ ئاللاھ ئۇلارنى ئوبدان بىلىدۇ (قىلمىشىغا قاراپ جازالايدۇ)[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە ۋە ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن پۇل-مالنىڭ بىر قىسمىنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلەتسە، ئۇلارغا نېمە زىيىنى بولاتتى؟ ئاللاھ ئۇلارنى ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە، ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن چىقىم قىلسا، ئۇلارغا بۇنىڭ نېمە زىيىنى بولار ئىدى؟ ئاللاھ ئۇلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ قِيلَ لَهُمْ كُفُّوا أَيْدِيَكُمْ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقِتَالُ إِذَا فَرِيقٌ مِنْهُمْ يَخْشَوْنَ النَّاسَ كَخَشْيَةِ اللَّهِ أَوْ أَشَدَّ خَشْيَةً ۚ وَقَالُوا رَبَّنَا لِمَ كَتَبْتَ عَلَيْنَا الْقِتَالَ لَوْلَا أَخَّرْتَنَا إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ ۗ قُلْ مَتَاعُ الدُّنْيَا قَلِيلٌ وَالْآخِرَةُ خَيْرٌ لِمَنِ اتَّقَىٰ وَلَا تُظْلَمُونَ فَتِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى مەككىدە تۇرۇپ ئۇرۇشۇشنى تەلەپ قىلغانلارغا): «(ئۇرۇشتىن) قولۇڭلارنى يىغىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار» دېگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (يەنى ئۇلاردىن ئەجەبلەنمەمسەن؟) بۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر دۈشمەندىن گويا ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورققاندەك بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەررەك قورقىدۇ. ئۇلار (ئۆلۈمدىن قورقۇپ): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن جىھادنى پەرز قىلدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ئۇزاققا قالماي كېلىدىغان ئەجەلگۈچە تەخىر قىلمىدىڭ؟ (يەنى ئەجىلىمىز يەتكۈچە تەخىر قىلساڭ، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلمىسەك بولماسمىدى؟)» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دۇنيانىڭ مەنپەئەتى ئازدۇر (يەنى دۇنيانىڭ نېمىتى پانىيدۇر)، (ئاللاھتىن) قورققان (ۋە ئۇنىڭ ئەمرىنى تۇتقانلار) ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)»[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «(جىھاد قىلىشتىن) قولۇڭلارنى يىغىڭلار، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار» دېيىلگەن، ئۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا بولسا بىر تۈركۈمى دۈشمەندىن خۇددى ئاللاھتىن قورققاندەك، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك قورقۇپ: «ئى رەببىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن جىھاد قىلىشنى پەرز قىلدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن بىزگە يېقىندا كېلىدىغان ئەجەل يېتىپ كەلگۈچە تەخىر قىلمىدىڭ؟» دېگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دۇنيانىڭ مەنپەئىتى ئازدۇر، تەقۋادارلار ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك ئۇۋال قىلىنمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! «ئۇرۇشتىن قوللىرىڭلارنى يىغىڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار» دېيىلگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلارغا ئۇرۇش پەرز قىلىنغاندا، ئۇلاردىن بىر پىرقە، ئىنسانلاردىن خۇددى ئاللاھتىن قورققاندەك قورقىدۇ ياكى تېخىمۇ قاتتىق قورقىدۇ ۋە: «رەببىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن ئۇرۇشنى پەرز قىلدىڭ! بىزنى يېقىن مۇددەتكە قەدەر كېچىكتۈرسەڭ بولماسمىدى؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «دۇنيانىڭ مەنپەئەتى ئازدۇر. تەقۋادارلار ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىمايسىلەر».
4 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَسْتَوِي الْقَاعِدُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ غَيْرُ أُولِي الضَّرَرِ وَالْمُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ ۚ فَضَّلَ اللَّهُ الْمُجَاهِدِينَ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ عَلَى الْقَاعِدِينَ دَرَجَةً ۚ وَكُلًّا وَعَدَ اللَّهُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَفَضَّلَ اللَّهُ الْمُجَاهِدِينَ عَلَى الْقَاعِدِينَ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەردىن ئۆزرىسىز (ئەما، توكۇر، كېسەلگە ئوخشاش ئۆزرىسى بارلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا) جىھادقا چىقمىغانلار ئاللاھ يولىدا ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلارنى جىھادقا چىقمىغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. بۇ ئىككى خىل كىشىلەر (يەنى ئۆزرىسى بولۇپ جىھادقا چىقالمىغانلار ۋە جىھادقا چىققۇچىلار) نىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ جىھاد قىلغۇچىلارغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقمىغانلاردىن) ئارتۇق قىلدى[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۆمىنلەردىن ئۆزرىسىز جىھادقا چىقمىغانلار ئاللاھ يولىدا پۇل-ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ پۇل-ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلارنى جىھادقا چىقمىغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. بۇ ئىككى خىل كىشىنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ جىھاد قىلغۇچىلارنى بۈيۈك ئەجىر بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ) جىھادقا چىقمىغانلاردىن ئۈستۈن قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۆزرىسى بولمىغان تۇرۇقلۇق جىھادقا چىقماي ئولتۇرغۇچى مۇئمىنلار ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغۇچى مۇئمىنلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغۇچىلارنى ئولتۇرغۇچىلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. ئاللاھ ھەر بىرىگە ئەڭ ياخشىنى ۋەدە قىلدى46. ئاللاھ جىھاد قىلغۇچىلارنى ئولتۇرغۇچىلاردىن كاتتا ئەجىر بېرىپ ئۈستۈن قىلدى.
4 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
لَا خَيْرَ فِي كَثِيرٍ مِنْ نَجْوَاهُمْ إِلَّا مَنْ أَمَرَ بِصَدَقَةٍ أَوْ مَعْرُوفٍ أَوْ إِصْلَاحٍ بَيْنَ النَّاسِ ۚ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمىر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش) لارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ كۆپىنچىسىدە ياخشىلىق يوقتۇر. پەقەت سەدىقىگە ياكى ياخشىلىققا، ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە بۇيرۇغان كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى يۇقىرىقى ئىشلارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا پات يېقىندا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ مەخپىي قىلىشقان سۆزلىرىنىڭ تولىسىدا ياخشىلىق يوق. لېكىن سەدىقىگە ياكى ياخشىلىققا ۋە ياكى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا بۇيرۇغان كىشىلەرنىڭ مەخپىي قىلىشقان سۆزلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىم ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىكەن، بىز يېقىندا ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر بېرىمىز.
4 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
لَٰكِنِ الرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ مِنْهُمْ وَالْمُؤْمِنُونَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ ۚ وَالْمُقِيمِينَ الصَّلَاةَ ۚ وَالْمُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالْمُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ أُولَٰئِكَ سَنُؤْتِيهِمْ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، سەندىن ئىلگىرى (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدىغان مۆمىنلەرگە، نامازنى ئۆتىگۈچىلەرگە، زاكات بەرگۈچىلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا (جەننەتتە مەڭگۈ قېلىشتىن ئىبارەت) كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز[162].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدىغان مۆمىنلەرگە، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغۇچىلارغا، زاكات بەرگۈچىلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلاردىن ئىلىمدە چوڭقۇرلاشقانلار ۋە مۇئمىنلار، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. خۇسۇسەن نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچىلەر، زاكاتنى بەرگۈچىلەر، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگۈچىلەر قۇرئانغا ۋە ئۇ كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. بىز ئەنە شۇلارغا يېقىندا كاتتا ئەجىر بېرىمىز.
مائىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَبَعَثْنَا مِنْهُمُ اثْنَيْ عَشَرَ نَقِيبًا ۖ وَقَالَ اللَّهُ إِنِّي مَعَكُمْ ۖ لَئِنْ أَقَمْتُمُ الصَّلَاةَ وَآتَيْتُمُ الزَّكَاةَ وَآمَنْتُمْ بِرُسُلِي وَعَزَّرْتُمُوهُمْ وَأَقْرَضْتُمُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا لَأُكَفِّرَنَّ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَلَأُدْخِلَنَّكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۚ فَمَنْ كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ مِنْكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مەھكەم ئەھدە ئالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن (يەنى ئون ئىككى ئايماقنىڭ ھەر بىرسىدىن بىردىن) ئون ئىككى باشلىقنى (كېپىللىك ئۈچۈن جەببارلارغا يەنى ئەمالىقەلەرگە) ئەۋەتتۇق ھەمدە ئاللاھ : «مەن سىلەرگە ياردەم بېرىمەن، (ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى) ئەگەر سىلەر نامازنى (تەلەپكە لايىق) ئۆتىسەڭلار، زاكات بەرسەڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىڭلارنى سەرپ قىلساڭلار)، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىمەن، سىلەرنى ئەلۋەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. شۇنىڭدىن (يەنى مەھكەم ئەھدىدىن) كېيىن سىلەردىن كىمكى (ئەمر قىلغان نەرسىلىرىمنى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ» دېدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن چىن ۋەدە ئالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئون ئىككى باشلىقنى تاللاپ چىقىتۇق ھەمدە ئاللاھ: «مەن سىلەر بىلەن بىللە، ئەگەر سىلەر نامازنى مۇكەممەل ئۆتىسەڭلار، زاكات بەرسەڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىڭلارنى سەرپ قىلساڭلار، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىمەن، سىلەرنى ئەلۋەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. شۇنىڭدىن (يەنى چىن ۋەدىدىن) كېيىن سىلەردىن كىمكى ئۇنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدى. بىز ئۇلاردىن ئون ئىككى باشلىقنى خىزمەتكە بەلگىلىدۇق. ئاللاھ ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن. ئەگەر نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسەڭلار، زاكاتنى بەرسەڭلار، ئەلچىلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار، ئۇلارنى قوللاپ ھۆرمەتلىسەڭلار ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار، مەن سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىمەن ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. سىلەردىن كىم ئۇنىڭدىن كېيىن كافىر بولىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ».
5 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا وَلِيُّكُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَالَّذِينَ آمَنُوا الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ رَاكِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە نامازنى تەلەپكە لايىق ئۆتەيدىغان، زاكات بېرىدىغان ۋە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) كەمتەرلىك بىلەن بويسۇىدىغان مۆمىنلەردۇر [55].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە نامازنى مۇكەممەل ئۆتەيدىغان، زاكات بېرىدىغان، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) كەمتەرلىك بىلەن بويسۇنىدىغان مۆمىنلەردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ ۋەلىيىڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، زاكاتنى بېرىدىغان مۇئمىنلاردۇر. ئۇ مۇئمىنلار ئاللاھقا تولۇق ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 141 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي أَنْشَأَ جَنَّاتٍ مَعْرُوشَاتٍ وَغَيْرَ مَعْرُوشَاتٍ وَالنَّخْلَ وَالزَّرْعَ مُخْتَلِفًا أُكُلُهُ وَالزَّيْتُونَ وَالرُّمَّانَ مُتَشَابِهًا وَغَيْرَ مُتَشَابِهٍ ۚ كُلُوا مِنْ ثَمَرِهِ إِذَا أَثْمَرَ وَآتُوا حَقَّهُ يَوْمَ حَصَادِهِ ۖ وَلَا تُسْرِفُوا ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بىدىشلىك ۋە بىدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلدى، مېۋىلىرى، دانلىرى (رەڭگى، تەمى، ھەجمى ۋە پۇرىقى) بىر ـ بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، (رەڭگى ۋە شەكلى) بىر ـ بىرىگە ئوخشايدىغان، (تەمى) ئوخشىمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارنى ياراتتى. مېۋىسى پىشقاندا، ئۇلاردىن يەڭلار، مېۋە (نىڭ ھوسۇلى) نى يىغقان كۈندە (يەنى يىغقان ۋاقىتتا)، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ[141].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بېدىشلىك ۋە بېدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلدى، مېۋىلىرى، دانلىرى (رەڭگى، تەمى، ھەجمى ۋە پۇرىقى) بىر ـ بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، (رەڭگى ۋە شەكلى) بىر ـ بىرىگە ئوخشايدىغان، (تەمى) ئوخشىمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارنى ياراتتى، مېۋىلىگەندە ئۇلاردىن يەڭلار، مېۋىنى يىغقان كۈندە ئۇنىڭ ھەققىنى (ئۆشرىسىنى) ئادا قىلىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، باراڭلىق ۋە باراڭسىز باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر -بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى، ئانارلارنى بار قىلدى. ھەربىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار24، ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ئەنفال سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار نامازنى مۇكەممەل ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن پۇل ـ مالدىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدۇ، بىز بەرگەن رىزىقتىن چىقىم قىلىدۇ.
8 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ لِيَصُدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ فَسَيُنْفِقُونَهَا ثُمَّ تَكُونُ عَلَيْهِمْ حَسْرَةً ثُمَّ يُغْلَبُونَ ۗ وَالَّذِينَ كَفَرُوا إِلَىٰ جَهَنَّمَ يُحْشَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، كاپىرلار مال ـ مۈلۈكلىرىنى (باشقىلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، سەرپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىر ئۇلار يېڭىلىدۇ. كاپىرلار جەھەننەمگىلا ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، كافىرلار مال ـ مۈلۈكلىرىنى باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، سەرپ قىلىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىر ئۇلار يېڭىلىدۇ. كافىرلار جەھەننەمگىلا ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، كافىرلار ماللىرىنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن خەجلەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە شۇنداق خەجلەيدۇ، ئاندىن بۇ ئۇلار ئۈچۈن ھەسرەت بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ. كافىرلار جەھەننەمگە يىغىلىدۇ.
8 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَاعْلَمُوا أَنَّمَا غَنِمْتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَأَنَّ لِلَّهِ خُمُسَهُ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ إِنْ كُنْتُمْ آمَنْتُمْ بِاللَّهِ وَمَا أَنْزَلْنَا عَلَىٰ عَبْدِنَا يَوْمَ الْفُرْقَانِ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان غەنىيمەتنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاستۇر. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا، ئىككى گۇرۇھ (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلار) ئۇچرىشىپ ھەق بىلەن ناھەق ئايرىلغان كۈندە (يەنى بەدرى ئۇرۇشى بولغان كۈندە) بەندىمىزگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز نازىل قىلغان نەرسىلەر (يەنى ئايەتلەر ۋە پەرىشتىلەر) گە ئىشەنسەڭلار (ئاللاھنىڭ غەنىيمەت توغرىسىدىكى ھۆكمىنىڭ ئەنە شۇ ئىكەنلىكىنى بىلىڭلار). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) ئەگەر سىلەر ئاللاھقا، ئىككى گۇرۇھ (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن كافىرلار) ئۇچرىشىپ ھەق بىلەن ناھەق ئايرىلغان (بەدرى ئۇرۇشى بولغان) كۈندە بەندىمىز (مۇھەممەد) گە بىز نازىل قىلغان نەرسىلەرگە ئىشەنسەڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان ئولجىلارنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا خاستۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: بىلىڭلاركى، ئالغان غەنىيمەتلىرىڭلارنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە يولۇچىلارغا خاستۇر، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ھەق بىلەن باتىل ئايرىلغان كۈندە، يەنى ئىككى قوشۇن توقۇنۇشقان كۈندە6 بىز بەندىمىزگە چۈشۈرگەن نەرسىلەرگە ئىشەنگەن بولساڭلار. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
تەۋبە سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ ۗ وَنُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلسا، ناماز ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولىدۇ (يەنى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتە ئۇلار سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر). ئۇقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، نامازنى مۇكەممەل ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇقىدىغان قەۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسە، زاكاتنى بەرسە، سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلار بولىدۇ. بىز بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز.
9 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
انْفِرُوا خِفَافًا وَثِقَالًا وَجَاهِدُوا بِأَمْوَالِكُمْ وَأَنْفُسِكُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر يىنىك بولغان ياكى ئېغىر بولغان ھالەتتە (يەنى مەيلى ياش ـ قېرى، پىيادە، ئۇلاغلىق بولۇڭلار ، ئوڭۇشلۇق ۋە قىيىن شارائىتتا بولۇڭلار ، ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز بولۇڭلار ، ھەممە ئەھۋالدا) جىھادقا چىقىڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر يەڭگىل بولغان ھالەتتىمۇ، ئېغىر بولغان ھالەتتىمۇ جىھادقا چىقىڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل-مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، مۇشۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: يېنىك بولغان ۋە ئېغىر بولغان ھالىتىڭلاردا ئۇرۇشقا چىقىڭلار. ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلار بىلەن ۋە جانلىرىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
9 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَلْمِزُكَ فِي الصَّدَقَاتِ فَإِنْ أُعْطُوا مِنْهَا رَضُوا وَإِنْ لَمْ يُعْطَوْا مِنْهَا إِذَا هُمْ يَسْخَطُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ بەزىسى سېنىڭ سەدىقە (ۋە غەنىيمەت) لەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارغا ئۇنىڭدىن بېرىلسە خۇش بولۇشىدۇ، بېرىلمىسە خاپا بولۇشىدۇ[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇھەممەد!- ئۇلارنىڭ بەزىسى سېنىڭ سەدىقە ۋە غەنىيمەتلەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارغا ئۇنىڭدىن بېرىلسە خۇش بولىدۇ، بېرىلمىسە خاپا بولۇشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، سەدىقىلەرنىڭ تەقسىماتى توغرىسىدا سېنى ئەيىبلەيدۇ. ئۇلار ئەگەر ئۆزلىرىگە سەدىقە كىرىملىرىدىن نېسىۋە بېرىلسە رازى بولىدۇ. ئەگەر ئۆزلىرىگە ئۇ كىرىملەردىن نېسىۋە بېرىلمىسە، بىردىنلا ئاچچىقلاپ كېتىشىدۇ.
9 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّهِ وَابْنِ السَّبِيلِ ۖ فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، ئىنسانلارنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشكە، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سەدىقىلەر7 پەقەت پېقىرلەرگە، مىسكىنلەرگە، سەدىقە خادىملىرىغا ۋە قەلبلىرى ئىسلامغا مايىل قىلىنىدىغانلارغا بېرىلىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇللارنى ئازاد قىلىش ۋە قەرزدارلارنى قەرزدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ يولى ۋە يولۇچىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر8.
9 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَلْمِزُونَ الْمُطَّوِّعِينَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ فِي الصَّدَقَاتِ وَالَّذِينَ لَا يَجِدُونَ إِلَّا جُهْدَهُمْ فَيَسْخَرُونَ مِنْهُمْ ۙ سَخِرَ اللَّهُ مِنْهُمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇناپىقلار) مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقتىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلار مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن كۆپ سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچىلا سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، سەدىقىلەر توغرىسىدا مۇئمىنلاردىن مەردلىك بىلەن بەرگۈچىلەرنى ئەيىبلەيدۇ ۋە تاقىتىنىڭ يېتىشىچە بېرەلىگەنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
9 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ الْأَعْرَابِ مَنْ يَتَّخِذُ مَا يُنْفِقُ مَغْرَمًا وَيَتَرَبَّصُ بِكُمُ الدَّوَائِرَ ۚ عَلَيْهِمْ دَائِرَةُ السَّوْءِ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەئرابىيلاردىن بەزىلىرى (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى سېلىق ھېسابلايدۇ، سىلەرنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشىڭلارنى كۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھالاكەتكە ئۇچرىسۇن، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەئرابىلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھ يولىدا بەرگەن نەرسىلىرىنى جەرىمانە ھېسابلايدۇ ۋە سىلەرنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشىڭلارنى كۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھالاكەتكە ئۇچرىسۇن، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچى، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[
ئەنەس ئالىم: سەھرالىق ئەرەبلەردىن شۇنداق كىشى باركى، چىقىم قىلغان نەرسىسىنى ئالۋان - سېلىق ھېسابلايدۇ ۋە بېشىڭلارغا بالا - قازالارنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ. بالا -قازانىڭ يامىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلسۇن! ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
9 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ الْأَعْرَابِ مَنْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَيَتَّخِذُ مَا يُنْفِقُ قُرُبَاتٍ عِنْدَ اللَّهِ وَصَلَوَاتِ الرَّسُولِ ۚ أَلَا إِنَّهَا قُرْبَةٌ لَهُمْ ۚ سَيُدْخِلُهُمُ اللَّهُ فِي رَحْمَتِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەئرابىيلارنىڭ بەزىلىرى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى ئاللاھقا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق راستتىنلا ئاللاھقا بولغان يېقىنچىلىققا ئېرىشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (مۆمىن بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) تولىمۇ مېھرىباندۇر[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەئرابىلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، ئاللاھ يولىدا بەرگەن نەرسىلىرىنى ئاللاھقا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق راستتىنلا ئاللاھقا بولغان يېقىنچىلىققا ئېرىشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: سەھرالىق ئەرەبلەردىن شۇنداق كىشىمۇ باركى، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ. چىقىم قىلغان نەرسىسىنى ئاللاھقا يېقىن بولۇشقا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئالىرىنى ئېلىشقا ۋاسىتە ھېسابلايدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ چىقىم قىلغان نەرسىسى ئۇلارنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان سەۋەبتۇر. ئاللاھ ئۇلارنى كەلگۈسىدە رەھمىتىگە كىرگۈزىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
9 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِمْ بِهَا وَصَلِّ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّ صَلَاتَكَ سَكَنٌ لَهُمْ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (سۆزىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، نىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن. ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، چۈنكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
9 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ هُوَ يَقْبَلُ التَّوْبَةَ عَنْ عِبَادِهِ وَيَأْخُذُ الصَّدَقَاتِ وَأَنَّ اللَّهَ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى تەۋبە قىلغۇچىلار) ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، (خالىس نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ) سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟[104]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە سەدىقىلىرىنى ئالىدۇ. ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
9 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يُنْفِقُونَ نَفَقَةً صَغِيرَةً وَلَا كَبِيرَةً وَلَا يَقْطَعُونَ وَادِيًا إِلَّا كُتِبَ لَهُمْ لِيَجْزِيَهُمُ اللَّهُ أَحْسَنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ يولىدا) مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، سەرپ قىلغان نەرسىسى ۋە جىھاد ئۈچۈن باسقان ھەر بىر مۇساپىسى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا يېزىلىدۇ[121].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ يولىدا مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن سەرپ قىلغانلىرى ۋە جىھاد ئۈچۈن باسقان ھەر بىر مۇساپىسى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىشى يۈزىسىدىن ئۇلارغا يېزىلىدۇ[
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، ئۇلار كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن قانداق چىقىمنى چىقىم قىلسا ۋە ئاللاھ يولىدا قانداق ۋادىدىن ئۆتسە ئۇلارنىڭ پايدىسىغا يېزىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىشى ئۈچۈندۇر.
يۈسۈف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا دَخَلُوا عَلَيْهِ قَالُوا يَا أَيُّهَا الْعَزِيزُ مَسَّنَا وَأَهْلَنَا الضُّرُّ وَجِئْنَا بِبِضَاعَةٍ مُزْجَاةٍ فَأَوْفِ لَنَا الْكَيْلَ وَتَصَدَّقْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّ اللَّهَ يَجْزِي الْمُتَصَدِّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، (ئالدىڭغا) ناچار، ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، -ئالدىڭغا- ناچار، ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىرغا قايتىپ بېرىپ يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەن چېغىدا: «ئى ئەزىز! بىز ۋە ئائىلىمىز يەنە قىيىنچىلىقتا قالدۇق. بۇ قېتىم ئەرزىمەس سەرمايە ئېلىپ كەلدۇق. لېكىن سەن بىزگە ئاشلىقنى يەنىلا تولۇق بەرگىن ۋە بىزگە سەدىقە قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ» دېدى.
رەئد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ صَبَرُوا ابْتِغَاءَ وَجْهِ رَبِّهِمْ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَنْفَقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً وَيَدْرَءُونَ بِالْحَسَنَةِ السَّيِّئَةَ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عُقْبَى الدَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ (يەتكەن كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغانلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدىغانلار (يەنى يامان ئىش قىلىپ قالسا، ئارقىدىن ياخشى ئىش قىلىدىغانلار، يامانلىق قىلغۇچىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلار) ـ ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغانلار، نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن ئاللاھ يولىدا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدىغانلار؛ ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەببىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ سەۋر قىلغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، بىز بەرگەن رىزىقتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلغان، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار ئاخىرەتتە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدۇ.
ئىبراھىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لِعِبَادِيَ الَّذِينَ آمَنُوا يُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُنْفِقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ يَوْمٌ لَا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خِلَالٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار نامازنى ئادا قىلسۇن، ئالدى ـ ساتتىمۇ، دوستلۇقمۇ بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) كېلىشتىن بۇرۇن، بىز ئۇلارغا بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەدىقە قىلسۇن[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىن بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى: ئۇلار نامازنى ئادا قىلسۇن، ئالدى ـ ساتتىمۇ، دوستلۇقمۇ بولمايدىغان قىيامەت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، بىز ئۇلارغا بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەدىقە قىلسۇن
ئەنەس ئالىم: مۇئمىن بەندىلىرىمگە ئېيتقىن: «نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسۇن، ئېلىم - سېتىم ۋە دوستلۇق بولمايدىغان كۈن كېلىشتىن ئىلگىرى، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلسۇن».
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتِ ذَا الْقُرْبَىٰ حَقَّهُ وَالْمِسْكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَلَا تُبَذِّرْ تَبْذِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: تۇغقانغا، مىسكىنگە، ئىبىن ـ سەبىلگە (خەيرى ـ ساخاۋەتتىن) ھەققىنى بەرگىن، (پۇل ـ مېلىڭنى ناتوغرا يوللارغا) ئىسراپ قىلمىغىن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: تۇغقانغا، مىسكىنگە، ئىبىن ـ سەبىلگە خەيرى ـ ساخاۋەتتىن ھەققىنى بەرگىن، ئىسراپ قىلمىغىن
ئەنەس ئالىم: تۇغقانلىرىڭنىڭ ھەققىنى بەرگىن. مىسكىنلەرنىڭمۇ، يولۇچىلارنىڭمۇ ھەققىنى بەرگىن. بۇزۇپ چاچمىغىن.
مەريەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلَنِي مُبَارَكًا أَيْنَ مَا كُنْتُ وَأَوْصَانِي بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ مَا دُمْتُ حَيًّا
مۇھەممەد سالىھ: قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى
ئەنەس ئالىم: مېنى قەيەردە بولسام ئىنسانلارغا پايدىلىق بىرى قىلدى، ھاياتلا بولسام نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇدى،
19 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَانَ يَأْمُرُ أَهْلَهُ بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ وَكَانَ عِنْدَ رَبِّهِ مَرْضِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى، رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئائىلىسىنى نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇيتتى. ئۇ رەببىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن بىرى ئىدى.
ھەج سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَالصَّابِرِينَ عَلَىٰ مَا أَصَابَهُمْ وَالْمُقِيمِي الصَّلَاةِ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى ئاللاھ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى قورقۇپ (تىترەيدۇ)، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ناماز ئۆتەيدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) بېرىدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى ئاللاھ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى قورقۇپ -تىترەيدۇ-، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ناماز ئۆتەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار «ئاللاھ» دېيىلسە قورقۇپ يۈرەكلىرى تىترەيدىغان، باشلىرىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
22 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ إِنْ مَكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ أَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ وَأَمَرُوا بِالْمَعْرُوفِ وَنَهَوْا عَنِ الْمُنْكَرِ ۗ وَلِلَّهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر (يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ئاللاھقا قايتىدۇ)[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، بىز زېمىندا ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدۇ، زاكاتنى بېرىدۇ، ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقدىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا ئائىتتۇر10.
22 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاهِدُوا فِي اللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِ ۚ هُوَ اجْتَبَاكُمْ وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ ۚ مِلَّةَ أَبِيكُمْ إِبْرَاهِيمَ ۚ هُوَ سَمَّاكُمُ الْمُسْلِمِينَ مِنْ قَبْلُ وَفِي هَٰذَا لِيَكُونَ الرَّسُولُ شَهِيدًا عَلَيْكُمْ وَتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ ۚ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَاعْتَصِمُوا بِاللَّهِ هُوَ مَوْلَاكُمْ ۖ فَنِعْمَ الْمَوْلَىٰ وَنِعْمَ النَّصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن) تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە جىھاد قىلىڭلار، ئاللاھ (دىنغا ياردەم بېرىشكە ئۈممەتلەر ئارىسىدىن) سىلەرنى تاللىدى. (ئەڭ مۇكەممەل شەرىئەت ۋە ئۇلۇغ پەيغەمبەرنى سىلەرگە خاس قىلدى). سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى). (بۇ) ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر (بۇ توغرا دىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مەھكەم ئۇچلاڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرى (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرىكى كىتابلاردا) مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان ئىدى. قۇرئاندىمۇ شۇنداق ئاتىدى. (ئاللاھ) پەيغەمبەرنى سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا ۋە سىلەرنى كىشىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا (تاللىدى)، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا يېپىشىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە! نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار![78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ يولىدا لايىق رەۋىشتە جىھاد قىلىڭلار، سىلەرنى ئاللاھ تاللىدى ۋە سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى. بۇ، ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشى ۋە سىلەرنىڭ ئىنسانلارغا گۇۋاھ بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرىمۇ ۋە بۇ قۇرئاندىمۇ مۇسۇلمان دەپ ئاتىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار ۋە ئاللاھقا ئېسىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە! نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا ئۆز لايىقىدا جىھاد قىلىڭلار. ئۇ سىلەرنى بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن تاللىدى. دىندا سىلەرنى ھېچبىر ئېغىر ئىشقا تەكلىپ قىلمىدى. بۇ ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرىكى كىتابلاردا ۋە قۇرئاندا «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىدى. ئاللاھ بۇنى، ئەلچىسىنى سىلەرگە شاھىت بولسۇن، سىلەرنى باشقا ئىنسانلارغا شاھىت بولسۇن دەپ قىلدى. ئۇنداقتا نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە ۋە نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچىدۇر!
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ هُمْ لِلزَّكَاةِ فَاعِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار زاكات ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلغۇچى كىشىلەردۇر1.
نۇر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
رِجَالٌ لَا تُلْهِيهِمْ تِجَارَةٌ وَلَا بَيْعٌ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَإِقَامِ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءِ الزَّكَاةِ ۙ يَخَافُونَ يَوْمًا تَتَقَلَّبُ فِيهِ الْقُلُوبُ وَالْأَبْصَارُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا ـ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن قورقىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا ـ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھ نى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان - قىيامەت كۈنى-دىن قورقىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، تىجارەت ۋە ئېلىم - سېتىمغا بېرىلىپ ئاللاھنىڭ زىكرىدىن، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشتىن، زاكاتنى بېرىشتىن غەپلەتتە قالمايدۇ. ئۇلار قەلبلەر ۋە كۆزلەر دەھشەت بىلەن سىلكىنىدىغان كۈندىن قورقىدۇ.
24 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلەيسىلەر.
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق مۇئمىنلاركى، ئۇلار نامازنى تەلەكپە لايىق ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدۇ، زاكاتنى بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ.
قەسەس سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ يُؤْتَوْنَ أَجْرَهُمْ مَرَّتَيْنِ بِمَا صَبَرُوا وَيَدْرَءُونَ بِالْحَسَنَةِ السَّيِّئَةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ قىلغان سەۋر ـ تاقىتى ئۈچۈن ئۇلارغا قوش ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى دەپئى قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ قىلغان سەۋر ـ تاقىتى ئۈچۈن ئۇلارغا قوش ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى دەپئى قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلارغا، سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەجىرلىرى ئىككى قېتىم بېرىلىدۇ. ئۇلار يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلىدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدۇ.
28 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
وَابْتَغِ فِيمَا آتَاكَ اللَّهُ الدَّارَ الْآخِرَةَ ۖ وَلَا تَنْسَ نَصِيبَكَ مِنَ الدُّنْيَا ۖ وَأَحْسِنْ كَمَا أَحْسَنَ اللَّهُ إِلَيْكَ ۖ وَلَا تَبْغِ الْفَسَادَ فِي الْأَرْضِ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ»[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ساڭا ئاتا قىلغان نەرسىلەر بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقىن، دۇنيادىنمۇ نېسىۋەڭنى ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ ياخشىلىق قىلغىن، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغىن، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ».
رۇم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
فَآتِ ذَا الْقُرْبَىٰ حَقَّهُ وَالْمِسْكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ لِلَّذِينَ يُرِيدُونَ وَجْهَ اللَّهِ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (سىلە ـ رەھىم ۋە ياخشىلىقتىن تېگىشلىك) ھەققىنى بەرگىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن مۇنداق قىلىش ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە ھەققىنى بەرگىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن مۇنداق قىلىش ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: تۇغقانلىرىڭنىڭ ھەققىنى بەرگىن. مىسكىنلەر ۋە يولۇچىلارنىڭمۇ ھەققىنى بەرگىن. بۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەنە شۇلار مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.
30 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا آتَيْتُمْ مِنْ رِبًا لِيَرْبُوَ فِي أَمْوَالِ النَّاسِ فَلَا يَرْبُو عِنْدَ اللَّهِ ۖ وَمَا آتَيْتُمْ مِنْ زَكَاةٍ تُرِيدُونَ وَجْهَ اللَّهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُضْعِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر كىشىلەرنىڭ پۇل ـ مېلى ئىچىدە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بىرەر پۇل ـ مال بەرسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئۆسمەيدۇ (يەنى كىشىلەر بەرگىنىمدىن جىقراق قايتۇرسۇن دېگەن نىيەت بىلەن بېرىلگەن سوۋغىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ساۋابى بولمايدۇ)، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن سەدىقەڭلار (ياكى ئېھسانىڭلار) غا ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ پۇل ـ مېلى ئىچىدە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن سىلەر بەرگەن ئۆسۈم، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۆسمەيدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن سەدىقەڭلارغا ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە ئۆسسۇن دەپ جازانىگە بەرگەن نەرسەڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆسمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن زاكىتىڭلار ئۇنداق ئەمەس. زاكات بەرگەنلەر قاتمۇقات كۆپەيتكۈچىلەردۇر.
لوقمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ) (تەئدىل ئەركان بىلەن) ناماز ئوقۇيدىغان، (ئاللاھنىڭ رىزاسىنى تىلەش يۈزىسىدىن كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن) زاكات بېرىدىغان ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان ياخشى ئىش قىلغۇچى كىشىلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر[3ـ4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار، تەئدىل ئەركان بىلەن ناماز ئوقۇيدىغان، زاكات بېرىدىغان ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغانلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، زاكاتنى بېرىدىغان، ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
تَتَجَافَىٰ جُنُوبُهُمْ عَنِ الْمَضَاجِعِ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ خَوْفًا وَطَمَعًا وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن ـ كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن ـ كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ، ئۇلار رەببىنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ، رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ ۋە ئۇلار، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ يانلىرى تۆشەكلىرىدىن يىراقلىشىدۇ2، قورقۇنچ ۋە ئۈمىد ئىچىدە رەببىگە دۇئا قىلىدۇ، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدۇ.
سەبەئ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّ رَبِّي يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَيَقْدِرُ لَهُ ۚ وَمَا أَنْفَقْتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَهُوَ يُخْلِفُهُ ۖ وَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ، (ئاللاھنىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر»[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ھەقىقەتەن، رەببىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، -قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى- تار قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدا بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مېنىڭ رەببىم رىزىقنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە تار قىلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ يولىدا نېمە چىقىم قىلساڭلار، ئۇ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».
فاتىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَتْلُونَ كِتَابَ اللَّهِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَنْفَقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً يَرْجُونَ تِجَارَةً لَنْ تَبُورَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارغا ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر[30]. ساڭا بىز ۋەھىي قىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر. ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ (راستلىقىنى) ئىسپاتلىغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەر، ئەسلا كاسات بولمايدىغان بىر تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، بىز بەرگەن رىزىقتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلىدىغان كىشىلەر، ھەرگىزمۇ كاساتلاشمايدىغان تىجارەت ئۈمىد قىلسا بولىدۇ.
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ أَنْفِقُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ قَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلَّذِينَ آمَنُوا أَنُطْعِمُ مَنْ لَوْ يَشَاءُ اللَّهُ أَطْعَمَهُ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (پېقىرلارغا) سەدىقە قىلىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، كاپىرلار مۆمىنلەرگە (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئەگەر ئاللاھ خالىسا رىزىق تەمىنلەيدىغان ئادەمنى بىز تەمىنلەمدۇق؟ سىلەر پەقەت روشەن گۇمراھلىقتاسىلەر» دەيدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، كاپىرلار مۇئمىنلارغا : «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئاچلىقىنى كەتكۈزىۋېتىدىغان ئادەمنى بىز تويغۇزامدۇق؟ سىلەر پەقەت روشەن گۇمراھلىقتاسىلەر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىڭلار» دېيىلسە، كافىرلار مۇئمىنلارغا: «ئاللاھ خالىسا تائام بېرىدىغان كىشىگە بىز تائام بېرەمدۇق؟ سىلەر ھەقىقەتەن ئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنسىلەر» دەيدۇ6.
فۇسسىلەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ لَا يُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زاكات بەرمەيدۇ، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زاكات بەرمەيدۇ، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار زاكاتنى بەرمەيدىغان ۋە ئاخىرەتنى قىلغان كىشىلەردۇر.
شۇرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِرَبِّهِمْ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَمْرُهُمْ شُورَىٰ بَيْنَهُمْ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر[36ـ39].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇلار، رەببىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغان، نامازنى تەئدىل ئەركان بىلەن ئۆتەيدىغان، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغان، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خەجلىيەلەيدىغانلاردۇر
ئەنەس ئالىم: رەببىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، كېڭىشىپ قارار قىلىدىغان ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدىغان كىشىلەر ئېرىشىدۇ،
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
هَا أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ تُدْعَوْنَ لِتُنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَمِنْكُمْ مَنْ يَبْخَلُ ۖ وَمَنْ يَبْخَلْ فَإِنَّمَا يَبْخَلُ عَنْ نَفْسِهِ ۚ وَاللَّهُ الْغَنِيُّ وَأَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ ۚ وَإِنْ تَتَوَلَّوْا يَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُونُوا أَمْثَالَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار، كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ، ئاللاھ (سىلەرنىڭ مال ـ مۈلكۈڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، سىلەر بولساڭلار (ئاللاھقا) موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر (ئاللاھنىڭ تائىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ (بەلكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدۇ)[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر شۇنداق كىشىلەرسلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار، كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ مال ـ مۈلكۈڭلارغا ئىتىياجلىق ئەمەس، سىلەر بولساڭلار موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئاندىن ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئەنە شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىشقا چاقىرىلىسىلەر، لېكىن سىلەردىن بەزىلەر بېخىللىق قىلىدۇ. كىم بېخىللىق قىلسا، ئۆزىگە بېخىللىق قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ غەنىيدۇر، سىلەر موھتاجسىلەر. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا قەۋم كەلتۈرىدۇ. ئاندىن ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِي أَمْوَالِهِمْ حَقٌّ لِلسَّائِلِ وَالْمَحْرُومِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ پۇل ـ ماللىرىدا سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكلىكىدىن سائىللىق قىلمايدىغان) موھتاجلار ھوقۇققا ئىگە ئىدى (يەنى ئۇلار سائىللارغا ۋە موھتاجلارغا سەدىقە قىلاتتى)[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ پۇل ـ ماللىرىدا سائىللار ۋە موھتاجلار ئۈچۈن بىر ھەق بار ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ماللىرىدا تەلەپ قىلغۇچى ۋە تەلەپ قىلمىغۇچى موھتاجلار ئۈچۈن ھەق بار ئىدى.
ھەدىد سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
آمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَأَنْفِقُوا مِمَّا جَعَلَكُمْ مُسْتَخْلَفِينَ فِيهِ ۖ فَالَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ وَأَنْفَقُوا لَهُمْ أَجْرٌ كَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئىگە قىلغان ماللاردىن سەدىقە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە سەدىقە قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئىگە بولىدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئىگە قىلغان ماللاردىن سەدىقە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە سەدىقە قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئىگە بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئورۇن باسارلىرى قىلغان نەرسىلەردىن چىقىم قىلىڭلار. سىلەردىن ئىشەنگەن ۋە چىقىم قىلغانلارغا كاتتا ئەجىر بار.
57 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا لَكُمْ أَلَّا تُنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلِلَّهِ مِيرَاثُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ لَا يَسْتَوِي مِنْكُمْ مَنْ أَنْفَقَ مِنْ قَبْلِ الْفَتْحِ وَقَاتَلَ ۚ أُولَٰئِكَ أَعْظَمُ دَرَجَةً مِنَ الَّذِينَ أَنْفَقُوا مِنْ بَعْدُ وَقَاتَلُوا ۚ وَكُلًّا وَعَدَ اللَّهُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: نېمىشقا سىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلمايسىلەر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھقا خاستۇر، سىلەردىن مەككە پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى پۇل ـ مال سەرپ قىلغانلار ۋە (رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن) ئۇرۇشقانلار، (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن پۇل ـ مال) نەپىقە قىلغانلار ۋە ئۇرۇشقانلار (بىر ـ بىرى بىلەن) باراۋەر ئەمەس، ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن) كېيىن نەپىقە قىلىنغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ (دەرىجىسىدىن) چوڭدۇر، (ئۇلارنىڭ) ھەر بىرىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: نېمىشقا سىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا -پۇل ـ مال- سەرپ قىلمايسىلەر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھقا خاستۇر، مەككە پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى سىلەردىن پۇل ـ مال سەرپ قىلغانلار ۋە ئۇرۇشقانلار بىلەن- كى، ئۇلارنىڭ دەرىجىسى ئۈستۈندۇر -، مەككە پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن نەپىقە قىلغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ دەرىجىسى باراۋەر بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا نېمىشقا مال چىقىم قىلمايسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر. ئىچىڭلاردىن فەتىھتىن ئىلگىرى مال چىقىم قىلغان ۋە ئۇرۇشقانلار، بۇنداق قىلمىغانلار بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى فەتىھتىن كېيىن مال چىقىم قىلغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ دەرىجىسىدىن ئۈستۈندۇر. ھەر بىرىگە ئاللاھ ئەڭ ياخشىنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
57 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ ذَا الَّذِي يُقْرِضُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَاعِفَهُ لَهُ وَلَهُ أَجْرٌ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئۇنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ ساۋاب بېرىدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھقا قەرزىي ھەسەن بېرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ ساۋاب بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئېسىل ئەجىر بار.
57 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُصَّدِّقِينَ وَالْمُصَّدِّقَاتِ وَأَقْرَضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعَفُ لَهُمْ وَلَهُمْ أَجْرٌ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەرگە، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا ۋە ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بەرگۈچىلەرگە (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ كەمبەغەللەرگە سەدىقە بەرگۈچىلەر، ياخشىلىق يوللىرىغا خۇشاللىق بىلەن پۇل ـ مال سەرپ قىلغۇچىلارغا) ھەسسىلەپ (ساۋاب) بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زور مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىلىدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەرگە، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا ۋە ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بەرگۈچىلەرگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئېسىل مۇكاپات باردۇر
ئەنەس ئالىم: سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللار ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگەنلەرگە بەرگەن سەدىقىلىرى ھەسسىلەپ قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارغا ئېسىل ئەجىر بار.
57 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَبْخَلُونَ وَيَأْمُرُونَ النَّاسَ بِالْبُخْلِ ۗ وَمَنْ يَتَوَلَّ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان ۋە كىشىلەرنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغانلاردۇر، كىمكى (ئاللاھنىڭ يولىدا نەپىقە قىلىشتىن) باش تارتىدىكەن (ئاللاھقا ھېچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، چۈنكى ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان ۋە كىشىلەرنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغانلاردۇر، كىمكى يۈز ئۆرۈسە، بىلسۇنكى، ئاللاھ بىھاجەتتۇر ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان ۋە ئىنسانلارنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغان كىشىلەردۇر. كىم يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر.
مۇجادىلە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نَاجَيْتُمُ الرَّسُولَ فَقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيْ نَجْوَاكُمْ صَدَقَةً ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ لَكُمْ وَأَطْهَرُ ۚ فَإِنْ لَمْ تَجِدُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن (يوقسۇللارغا) سەدىقە بېرىپ، ئاندىن سۆزلىشىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىراقتۇر ۋە پاكراقتۇر، ئەگەر (سەدىقە قىلىدىغان نەرسە) تاپالمىساڭلار (سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن سەدىقە بېرىپ، ئاندىن سۆزلىشىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىراقتۇر ۋە پاكراقتۇر، ئەگەر سەدىقە قىلىدىغان نەرسە تاپالمىساڭلار، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن سەدىقە بېرىپ ئاندىن سۆزلىشىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ پاكتۇر. ئەگەر تاپالمىساڭلار، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
58 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
أَأَشْفَقْتُمْ أَنْ تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيْ نَجْوَاكُمْ صَدَقَاتٍ ۚ فَإِذْ لَمْ تَفْعَلُوا وَتَابَ اللَّهُ عَلَيْكُمْ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقىلەر بېرىشتىن (كەمبەغەل بولۇپ قالىمىز) دەپ قورقتۇڭلارمۇ؟ سىلەر سەدىقە بەرمىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن ئاللاھ تولۇق خەۋەرداردۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقىلەر بېرىشتىن قورقتۇڭلارمۇ؟ سىلەر سەدىقە بەرمىدىڭلار ۋە ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قۇبۇل قىلدى، ئەمدى نامازنى تەلەپكە لايىق ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۇنىڭ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقىلەرنى بېرىشتىن قورقتۇڭلارمۇ؟ سىلەر سەدىقە بەرمىدىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئۇ ھالدا نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
ھەشر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
لِلْفُقَرَاءِ الْمُهَاجِرِينَ الَّذِينَ أُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ وَأَمْوَالِهِمْ يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانًا وَيَنْصُرُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ غەنىيمەتنىڭ بىر قىسمى) دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال ـ مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار (ئىماندا) سادىق ئادەملەردۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ غەنىمەتنىڭ بىر قىسمى ئۆز دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال ـ مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار راستچىل ئادەملەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ماللار يەنە يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ماللىرىدىن ئايرىلغان، ئاللاھتىن پەزل ۋە رازىلىق تىلەيدىغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ياردەم بېرىدىغان مۇھاجىرلار ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلار راستچىللاردۇر.
سەپ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
61 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ تِجَارَةٍ تُنْجِيكُمْ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟[10]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! مەن سىلەرگە، سىلەرنى ئەلەملىك ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟
61 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَتُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ بِأَمْوَالِكُمْ وَأَنْفُسِكُمْ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە (چىن) ئىمان ئېيتقايسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلغايسىلەر، ئەگەر بىلسەڭلار، سىلەر ئۈچۈن بۇ ياخشىدۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چىن ئىمان ئېيتقايسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلغايسىلەر، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ، سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدا مال ۋە جانلىرىڭلار بىلەن جىھاد قىلىسىلەر. ئەنە شۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار.
مۇنافىقۇن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
63 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
هُمُ الَّذِينَ يَقُولُونَ لَا تُنْفِقُوا عَلَىٰ مَنْ عِنْدَ رَسُولِ اللَّهِ حَتَّىٰ يَنْفَضُّوا ۗ وَلِلَّهِ خَزَائِنُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَٰكِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَا يَفْقَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەڭلار، ئۇلار تاراپ كەتسۇن» دەيدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ۋەلېكىن مۇناپىقلار (بۇنى) چۈشەنمەيدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرنى تەمىنلىمەڭلار، ئۇلار تاراپ كەتسۇن» دەيدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ۋە لېكىن مۇناپىقلار چۈشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە بىر نەرسە بەرمەڭلار، تارقىلىپ كەتسۇن» دەيدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھقا خاستۇر. لېكىن مۇنافىقلار چۈشەنمەيدۇ.
63 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْفِقُوا مِنْ مَا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُنْ مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەردىن ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىڭلار[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «رەببىم! نېمىشقا مېنى بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەردىن نەپەقە قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «رەببىم! مېنى نېمىشقا ئازغىنە ۋاقىت كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلار ئىدىم، ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن ئىلگىرى، بىز سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن چىقىم قىلىڭلار.
تەغابۇن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ وَاسْمَعُوا وَأَطِيعُوا وَأَنْفِقُوا خَيْرًا لِأَنْفُسِكُمْ ۗ وَمَنْ يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار، (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار، (ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار، (بۇ) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ئەمرىگە ئىتائەت قىلىڭلار ۋە -ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى- سەرپ قىلىڭلار، بۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ئىتائەت قىلىڭلار ۋە مال چىقىم قىلىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. كىم نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر.
64 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعِفْهُ لَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۚ وَاللَّهُ شَكُورٌ حَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا قەرزى ھەسەنەقەرزى ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى مەمنۇنىيەت بىلەن پۇل – مال سەرپ قىلساڭلار)، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى بەندىلىرىنى ئازابلاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ ۋە سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىغا كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر، ھەلىيمدۇر،
ھاققە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ الْمِسْكِينِ
مۇھەممەد سالىھ: مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايتتى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايتتى
ئەنەس ئالىم: مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەرغىبمۇ قىلمايتتى،
مائارىج سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ فِي أَمْوَالِهِمْ حَقٌّ مَعْلُومٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ[24ـ25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ماللىرىدا مۇئەييەن ھەق باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ماللىرىدا مەلۇم ھەق بولغان كىشىلەردۇر،
70 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
لِلسَّائِلِ وَالْمَحْرُومِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ[24ـ25].
تەرجىمە ھەيئىتى: تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا
ئەنەس ئالىم: تىلىگۈچى ۋە مەھرۇم بولغۇچىلار ئۈچۈن1.
ئىنسان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُطْعِمُونَ الطَّعَامَ عَلَىٰ حُبِّهِ مِسْكِينًا وَيَتِيمًا وَأَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىغا تارتقىنىغا قارىماي، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: تائامنى ئۆزلىرىنىڭ يېگۈسى كېلىپ تۇرسىمۇ مىسكىن، يېتىم ۋە ئەسىرلەرگە يېگۈزىدۇ،
76 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا نُطْعِمُكُمْ لِوَجْهِ اللَّهِ لَا نُرِيدُ مِنْكُمْ جَزَاءً وَلَا شُكُورًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار ئېيتىدۇ) «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلار ئېيتىدۇ- «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا تائام بېرىمىز، سىلەردىن ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا تائام يېگۈزىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن تائام يىگۈزىمىز، سىلەردىن مۇكاپاتمۇ، تەشەككۈرمۇ كۆزلىمەيمىز.
فەجر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَحَاضُّونَ عَلَىٰ طَعَامِ الْمِسْكِينِ
مۇھەممەد سالىھ: بىر ـ بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر ـ بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەشۋىقمۇ قىلمايسىلەر.
بەلەد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
90 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ إِطْعَامٌ فِي يَوْمٍ ذِي مَسْغَبَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر[14ـ16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئاچارچىلىق كۈنىدە تاماق بېرىش
ئەنەس ئالىم: ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تائام بېرىشتۇر:
90 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ مِسْكِينًا ذَا مَتْرَبَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر[14ـ16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا توپىدا ياتقان مىسكىنگە تاماق بېرىشتۇر
ئەنەس ئالىم: ياكى توپىدا قالغان مىسكىنگە.
لەيل سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
92 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا مَنْ أَعْطَىٰ وَاتَّقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك[5ـ6]،
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: كىمكى بېرىدىكەن، تەقۋادارلىق قىلىدىكەن
92 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَيُجَنَّبُهَا الْأَتْقَى
مۇھەممەد سالىھ: پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ[17ـ18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ، پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى سەرپ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ پاكلىنىش ئۈچۈن مېلىنى بېرىدىغان كىشىدۇر.
92 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي يُؤْتِي مَالَهُ يَتَزَكَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ يېنىدا ھېچكىمنىڭ ياندۇرۇلىدىغان ياخشىلىقى يوق3.
بەييىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
98 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ ۚ وَذَٰلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھالبۇكى ئۇلار، دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلغانىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، ئۇلار دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان ۋە ھەقىقەتنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشكە، زاكاتنى بېرىشكە ئەمر قىلىنغان ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر.
مائۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
107 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَمْنَعُونَ الْمَاعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قولقا بەرمەيدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: نەرسە-كېرەكلەرنى ئۆتنە-يېرىم قىلمايدىغان كىشىلەردۇر.
ئەنەس ئالىم: ۋە ئاز نەرسىنى1 مەنئى قىلىدۇ.