قەلبلەرنىڭ پېچەتلىنىش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
توغرا يولنى كۆرۈپ تۇرۇپ رەت قىلغان ۋە ئازغۇنلۇقتا چىڭ تۇرغانلارغا جازا شەكلىدە ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پىچەتلىۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئايەتلەر
ئەرەبچىىسى: ختم على القلوب
ئېنگلىزچىسى: Sealing of Hearts
42 ئايەت
18 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇق /
- 📄 قەلبلەرنىڭ پېچەتلىنىش
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
خَتَمَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَعَلَىٰ سَمْعِهِمْ ۖ وَعَلَىٰ أَبْصَارِهِمْ غِشَاوَةٌ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن (ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ)، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن (ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ)، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنىڭ (گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن) دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن، ئۇلارغا ناھايىتى چوڭ ئازاب باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ۋە ئاڭلاش قابىلىيىتىنى پېچەتلىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ئۈستىدىمۇ بىر تۈرلۈك پەردە بار. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار7.
2 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
صُمٌّ بُكْمٌ عُمْيٌ فَهُمْ لَا يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار گاستۇر (يەنى گاس ئاڭلىمىغاندەك، ياخشىلىقنى ئاڭلىمايدۇ)، گاچىدۇر (يەنى گاچا سۆزلىيەلمىگەندەك، ياخشى ئىشنى سۆزلىيەلمەيدۇ)، كوردۇر (يەنى كور بولۇپ قالغاندەك، توغرا يولنى كۆرمەيدۇ)، شۇڭا ئۇلار (گۇمراھلىقتىن) قايتمايدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار گاستۇر (يەنى ياخشى گەپنى ئاڭلىمايدۇ)، گاچىدۇر (يەنى ھەق سۆزنى قىلمايدۇ)، كوردۇر (يەنى توغرا يولنى كۆرمەيدۇ)، شۇڭا ئۇلار (گۇمراھلىقتىن) قايتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار گاس، گاچا ۋە كوردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قايتمايدۇ8.
2 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا قُلُوبُنَا غُلْفٌ ۚ بَلْ لَعَنَهُمُ اللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَقَلِيلًا مَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «دىللىرىمىز پەردىلەنگەن» دېدى. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتىدىغانلار ناھايىتى ئاز[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار(يەھۇدىي)لار: «بىزنىڭ دىللىرىمىز پەردىلەنگەن» دېدى. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار كۇفرلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتىدىغانلار ناھايىتى ئاز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «قەلبلىرىمىز پەردىلىكتۇر» دېدى. ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ ئۇلارغا كۇفرىلىقى سەۋەبىدىن لەنەت قىلدى. شۇڭا ئۇلار بەك ئاز ئىشىنىدۇ.
نىسا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
مُذَبْذَبِينَ بَيْنَ ذَٰلِكَ لَا إِلَىٰ هَٰؤُلَاءِ وَلَا إِلَىٰ هَٰؤُلَاءِ ۚ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇناپىقلار كۇفرى بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، نە ئۇلارغا، نە بۇلارغا مەنسۈپ ئەمەس (يەنى مۆمىنلەرگىمۇ، كاپىرلارغىمۇ مەنسۈپ ئەمەس). كىمنى ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئىكەن (يەنى ئۆزلىرىنىڭ خاتا يولغا كىرىۋالغانلىقلىرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئازغۇنلۇقىدا تاشلىۋەتكەن بولسا)، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن[143].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلار كۇفر بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارغا مۆمىنلەرگىمۇ، كافىرلارغىمۇ تەۋە ئەمەس. كىمنى ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئىكەن، (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىتتىرىلىپ تۇرماقتىدۇر، ئۇلارغىمۇ مەنسۇپ بولالمايدۇ، بۇلارغىمۇ مەنسۇپ بولالمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشى ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولى تاپالمايسەن.
4 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِمَا نَقْضِهِمْ مِيثَاقَهُمْ وَكُفْرِهِمْ بِآيَاتِ اللَّهِ وَقَتْلِهِمُ الْأَنْبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَقَوْلِهِمْ قُلُوبُنَا غُلْفٌ ۚ بَلْ طَبَعَ اللَّهُ عَلَيْهَا بِكُفْرِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُونَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ۋە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) دىللىرىمىز پەردىلەنگەن (يەنى سۆزۈڭنى چۈشەنمەيمىز) دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق)، بەلكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبىدىن دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ[155].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئەھدىنى بۇزغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە دىللىرىمىز پەردىلەنگەن (يەنى سۆزۈڭنى چۈشەنمەيمىز) دېگەنلىكى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق)، ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى سەۋەبىدىن دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولغانلىقى، نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە «قەلبلىرىمىز پەردىلىكتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق65. بەلكى ئاللاھ ئۇ قەلبلەرنى ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقى سەۋەبىدىن پېچەتلىۋەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاز ئىشىنىدۇ.
4 : 168 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَظَلَمُوا لَمْ يَكُنِ اللَّهُ لِيَغْفِرَ لَهُمْ وَلَا لِيَهْدِيَهُمْ طَرِيقًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار ۋە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ، توغرا يولغىمۇ (يەنى جەننەتنىڭ يولىغىمۇ) باشلىمايدۇ[168].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ھەقنى ئىنكار قىلىپ) كافىر بولغان ۋە (كۇفرلىقتا چىڭ تۇرۇپ) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلمايدۇ، توغرا يولغىمۇ باشلىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىر بولغان ۋە زۇلۇم قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ھەرگىزمۇ يول كۆرسەتمەيدۇ.
ئەنئام سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَسْتَمِعُ إِلَيْكَ ۖ وَجَعَلْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ أَكِنَّةً أَنْ يَفْقَهُوهُ وَفِي آذَانِهِمْ وَقْرًا ۚ وَإِنْ يَرَوْا كُلَّ آيَةٍ لَا يُؤْمِنُوا بِهَا ۚ حَتَّىٰ إِذَا جَاءُوكَ يُجَادِلُونَكَ يَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىچىدە (قۇرئان ئوقۇغان چېغىڭدا، يامان غەرەزدە) ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، قۇرئاننى چۈشەنمەسلىكلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. ئۇلار ھەممە مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدۇ. ھەتتا كاپىرلار سېنىڭ يېنىڭغا مۇنازىرىلىشىپ كەلگەندىمۇ: «بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر» دەيدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىچىدە سېنىڭ قىرائىتىڭگە قۇلاق سالىدىغانلار بار، قۇرئاننى چۈشىنىش جەھەتتە بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىنى غۇۋالاشتۇرۇپ قويدۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. ئۇلار ھەممە مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدۇ، ھەتتا كافىرلار سېنىڭ يېنىڭغا مۇنازىرىلىشىپ كەلگەندىمۇ، «بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قۇلاق سالىدىغانلارمۇ بار. بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قۇرئاننى چۈشىنىشىگە توسالغۇ بولىدىغان پەردىلەر تارتتۇق. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. ئۇلار ھەممە ئايەتنى كۆرسىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ھەتتا ئۇلار يېنىڭغا كەلسە، سەن بىلەن دەتالاش قىلىشىدۇ، كافىر بولغان ئۇ كىشىلەر: «بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دەيدۇ.
6 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا صُمٌّ وَبُكْمٌ فِي الظُّلُمَاتِ ۗ مَنْ يَشَإِ اللَّهُ يُضْلِلْهُ وَمَنْ يَشَأْ يَجْعَلْهُ عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار گاسلاردۇر (يەنى قوبۇل قىلىش يۈزىسىدىن ئاڭلىمايدۇ)، گاچىلاردۇر (يەنى ھەقنى سۆزلىمەيدۇ). ئۇلار (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە قالغانلاردۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى (زالالەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى (ھىدايەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) توغرا يولغا سالىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بولسا بەئەينى زۇلمەت ئىچىدە قالغان گاس ۋە گاچىلاردۇر. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ئازغۇنلۇقىدا قويىدۇ، خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا سالىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر گاسلاردۇر، گاچىلاردۇر، قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يول ئۈستىدە قىلىدۇ.
6 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَخَذَ اللَّهُ سَمْعَكُمْ وَأَبْصَارَكُمْ وَخَتَمَ عَلَىٰ قُلُوبِكُمْ مَنْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُمْ بِهِ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ ثُمَّ هُمْ يَصْدِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە (يەنى سىلەرنى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ قويسا)، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» قارىغىنكى، بىز (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلغانمىز، ئەمما ئۇلار (شۇ ئايەتلەردىن) يۈز ئۆرۈيدۇ (يەنى ئىمان ئېيتمايدۇ)[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» سەن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلغانلىقىمىزغا، ئاندىن ئۇلارنىڭ قانداق يۈز ئۆرۈگەنلىكىگە قارىغىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر ئاللاھ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى ئالسا، قەلبلىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟ قارىغىنا! بىز ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا قانداق بايان قىلىۋاتىمىز، ئۇلار قانداق يۈز ئۆرۈۋاتىدۇ.
6 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُقَلِّبُ أَفْئِدَتَهُمْ وَأَبْصَارَهُمْ كَمَا لَمْ يُؤْمِنُوا بِهِ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَنَذَرُهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى ھەق (نى چۈشىنىش ۋە كۆرۈش) تىن بۇرىۋېتىمىز، ئۇلار دەسلەپتە مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىگىنىدەك (يەنە ئىشەنمەيدۇ)، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن) ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى پەردىلەپ، ئۇلارنى مۆجىزىلەرگە دەسلەپتە ئىشەنمىگەندەك ھالەتكە كەلتۈرىمىز-دە، ئۆز گۇمراھلىقىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە كۆزلىرىنى بۇرىۋېتىمىز. ئۇلار دەسلەپتە ئىشەنمىگىنىدەك يەنە ئىشەنمەيدۇ. بىز ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
6 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِتَصْغَىٰ إِلَيْهِ أَفْئِدَةُ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ وَلِيَرْضَوْهُ وَلِيَقْتَرِفُوا مَا هُمْ مُقْتَرِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دىللىرى ئۇلارنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە مايىل بولسۇن، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە ئۇلار قىلىۋاتقان گۇناھلارنى بۇلارمۇ قىلسۇن، دەپ ۋەسۋەسە قىلىدۇ[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دىللىرى ئۇ شېرىن-شېكەر سۆزلەرگە مايىل بولسۇن، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە قىلىۋاتقان گۇناھلىرىنى قىلىۋەرسۇن (ئاخىرى ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ)
ئەنەس ئالىم: ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرى ئۇ شېرىن سۆزلەرگە مايىل بولسۇن، ئۇلار ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە قىلىۋاتقان گۇناھلارنى قىلىۋەرسۇن دەپ شۇنداق پىسىلدايدۇ.
ئەئراف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَهْدِ لِلَّذِينَ يَرِثُونَ الْأَرْضَ مِنْ بَعْدِ أَهْلِهَا أَنْ لَوْ نَشَاءُ أَصَبْنَاهُمْ بِذُنُوبِهِمْ ۚ وَنَطْبَعُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننىڭ ئىلگىرىكى ئىگىلىرى (ھالاك بولغان) دىن كېيىن، (زېمىنغا) ۋارىس بولغۇچىلارنى، خالىساق، گۇناھى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقىمىز، دىللىرىنى پىچەتلىۋېتىدىغانلىقىمىز ئۇلارغا (يەنى زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا) ئايان بولمىدىمۇ؟ ئۇلار (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمايدۇ[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىندا ئىلگىرىكى ياشىغانلاردىن كېيىن، ئۇلارغا ۋارىس بولغۇچىلارنى، خالىساق، گۇناھى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقىمىز، دىللىرىنى پىچەتلىۋېتىدىغانلىقىمىز ئۇلارغا ئايان بولمىدىمۇ؟ ئۇلار (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: زېمىنغا بۇرۇنقى ئىگىلىرىدىن كېيىن ۋارىس بولغۇچىلارغىمۇ خالىساق گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن مۇسىبەت يەتكۈزىدىغانلىقىمىز، ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا تۈرتكە بولمىدىمۇ؟ بىز بۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاڭلىمايدۇ.
7 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ الْقُرَىٰ نَقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنْبَائِهَا ۚ وَلَقَدْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا بِمَا كَذَّبُوا مِنْ قَبْلُ ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاشۇ شەھەرلەر (ئاھالىسى) نىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھېكايە قىلىپ بېرىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىلگىرى (ھەقنى) ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇ مۆجىزىلەرگە) ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيدۇ[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئاشۇ شەھەرلەر (ئاھالىسى) نىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئىلگىرى ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ كافىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئەنە شۇ يۇرتلارنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، لېكىن ئۇلار بۇرۇن يالغان دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئىمان ئېيتىشنى ئويلاپمۇ قويمىدى. ئاللاھ كافىرلارنىڭ قەلبلىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ.
7 : 146 - ئايەت
كۆرۈش
سَأَصْرِفُ عَنْ آيَاتِيَ الَّذِينَ يَتَكَبَّرُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَإِنْ يَرَوْا كُلَّ آيَةٍ لَا يُؤْمِنُوا بِهَا وَإِنْ يَرَوْا سَبِيلَ الرُّشْدِ لَا يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا وَإِنْ يَرَوْا سَبِيلَ الْغَيِّ يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا عَنْهَا غَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى ئايەتلىرىمنى چۈشىنىشتىن يىراقلاشتۇرىمەن. ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى[146].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەر يۈزىدە ئورۇنسىز ھالدا تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى مېنىڭ ئايەتلىرىمدىن يىراقلاشتۇرىمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى
ئەنەس ئالىم: مەن زېمىندا ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى يېقىندا ئايەتلىرىمدىن ئۇزاقلاشتۇرىمەن. ئۇلار بارلىق ئايەتلەرنى كۆرسىمۇ ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ، توغرا يولنى كۆرسە ئۇنى يول قىلىۋالمايدۇ، ئازغۇنلۇق يولىنى كۆرسە ئۇنى يول قىلىۋالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن غاپىل بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.
7 : 179 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرًا مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ ۖ لَهُمْ قُلُوبٌ لَا يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لَا يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آذَانٌ لَا يَسْمَعُونَ بِهَا ۚ أُولَٰئِكَ كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق. ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر[179].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى (ئۆزىنىڭ يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخقا كىرىدىغان) نۇرغۇن جىن ۋە ئىنسانلارنى دوزاخ ئۈچۈن ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرى بارۇ، چۈشەنمەيدۇ، كۆزلىرى بارۇ، كۆرمەيدۇ، قۇلاقلىرى بارۇ، ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، بەلكى ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى يارىتىپ جەھەننەم ئۈچۈن بېقىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بار، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بار، ئۇلار ئۇ كۆزلەر بىلەن كۆرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بار، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرگە ئوخشاشتۇر. بەلكى ئۇلار تېخىمۇ گۇمراھتۇر. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن غاپىللاردۇر.
7 : 198 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ تَدْعُوهُمْ إِلَى الْهُدَىٰ لَا يَسْمَعُوا ۖ وَتَرَاهُمْ يَنْظُرُونَ إِلَيْكَ وَهُمْ لَا يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭلار، ئۇلار (ھىدايەت تاپماق تۈگۈل دەۋىتىڭلارنى) ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار سىلەرگە قاراپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆرمەيدۇ[198].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار ساڭا قاراپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆرمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار ئاڭلىمايدۇ. ئۇلارنى ساڭا قاراۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ھالبۇكى، ئۇلار كۆرمەيدۇ.
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ عَلِمَ اللَّهُ فِيهِمْ خَيْرًا لَأَسْمَعَهُمْ ۖ وَلَوْ أَسْمَعَهُمْ لَتَوَلَّوْا وَهُمْ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا (ھەقنى) ئاڭلىتاتتى؛ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەقتىن ئەلۋەتتە يۈز ئۆرۈگەن ھالدا باش تارتاتتى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا (ھەقنى) ئاڭلىتاتتى؛ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەقتىن ئەلۋەتتە يۈز ئۆرۈگەن ھالدا باش تارتاتتى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاڭلىتاتتى. ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردە، ئۇلار يەنە يۈز ئۆرۈيتتى. ئۇلار يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر.
تەۋبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا مَا أُنْزِلَتْ سُورَةٌ نَظَرَ بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ هَلْ يَرَاكُمْ مِنْ أَحَدٍ ثُمَّ انْصَرَفُوا ۚ صَرَفَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَفْقَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدىكى چاغدا، ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىغان قۇرئاندىن) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار بىر ـ بىرىگە قارىشىپ: «سىلەرنى بىرەرسى كۆرۈپ قالارمۇ» دېيىشىپ تىكىۋېتىدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتنى) چۈشەنمەس قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاندىن بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار بىر ـ بىرىگە قارىشىپ: «سىلەرنى بىرەرسى كۆرۈپ قالارمۇ» دېيىشىپ تىكىۋېتىدۇ، ئۇلار چۈشەنمەس قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى
ئەنەس ئالىم: قاچانىكى بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار: «سىلەرنى بىرى كۆرۈۋاتامدۇ؟» دەپ بىر - بىرىگە قارايدۇ، ئاندىن تىكىۋېتىدۇ. ئەسلىدە ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى بۇرىۋەتكەن، چۈنكى ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر.
يۇنۇس سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ حَقَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى الَّذِينَ فَسَقُوا أَنَّهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلار توغرىسىدىكى ھۆكمى ھەقلىق بولدى. ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە) ئىمان ئېيتمايدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلار توغرىسىدىكى ھۆكمى ھەقلىق بولدى؛ ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ فاسىق بولغانلار ھەققىدىكى: «ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىمان ئېيتمايدۇ» دېگەن سۆزى ئەنە شۇنداق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
10 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَسْتَمِعُونَ إِلَيْكَ ۚ أَفَأَنْتَ تُسْمِعُ الصُّمَّ وَلَوْ كَانُوا لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان تۇرسا [42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرئان ئوقۇغىنىڭدا ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، سەن گاسلارغا ئۇلار ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىسىمۇ ئاڭلىتالامسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ساڭا قۇلاق سالىدىغانلارمۇ بار. سەن گاسلارغا ئەقىللىرىنى ئىشلەتمىسىمۇ ئاڭلىتالامسەن؟
10 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَنْظُرُ إِلَيْكَ ۚ أَفَأَنْتَ تَهْدِي الْعُمْيَ وَلَوْ كَانُوا لَا يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قارايدىغانلار بار (يەنى پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ ئېنىق ئالامەتلىرىنى بايقايدىغانلار بار، لېكىن ئۇلار بايقىغانلىرىدىن پايدىلانمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كوردۇر). سەن كورلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟ ئۇلار (ھەقىقەتنى) كۆرمەيدىغان تۇرسا[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قارايدىغانلار بار. ئۇلار ھەقىقەتنى كۆرەلمىسىمۇ كورلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ساڭا قارايدىغانلارمۇ بار. سەن كورلارغا ئەقىل كۆزلىرى كۆرمىسىمۇ توغرا يولنى كۆرسىتەلەمسەن؟
10 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ بَعَثْنَا مِنْ بَعْدِهِ رُسُلًا إِلَىٰ قَوْمِهِمْ فَجَاءُوهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا بِمَا كَذَّبُوا بِهِ مِنْ قَبْلُ ۚ كَذَٰلِكَ نَطْبَعُ عَلَىٰ قُلُوبِ الْمُعْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، (قەۋمىگە) ئۇلار روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر كېلىشتىن) ئىلگىرى ئىنكار قىلىشقان نەرسىگە ئىمان ئېيتىشمىدى. (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيمىز[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، ئۇلار روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار ئىلگىرى ئىنكار قىلىشقان نەرسىگە ئىمان ئېيتىشمىدى. ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ دىللىرىنى ئەشۇنداق پېچەتلەيمىز
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن ئەلچىلەرنى قەۋملىرىگە ئەۋەتتۇق. ئەلچىلىرى ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. لېكىن ئۇلار بۇرۇن يالغان دېگەنلىكى ئۈچۈن ئىمان ئېيتىشقا يېقىنمۇ كەلمىدى. بىز ھەددىدىن ئاشقانلارنىڭ قەلبلىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلىۋېتىمىز.
10 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ حَقَّتْ عَلَيْهِمْ كَلِمَتُ رَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ لەنىتىگە تېگىشلىك بولغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ لەنىتىگە تېگىشلىك بولغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ ئازاب سۆزىگە لايىق بولغان كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئىمان ئېيتمايدۇ،
10 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ جَاءَتْهُمْ كُلُّ آيَةٍ حَتَّىٰ يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا پۈتۈن مۆجىزىلەر كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ، قاتتىق ئازابنى كۆرمىگۈچە (ئىمان ئېيتمايدۇ)[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا پۈتۈن مۆجىزىلەر كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ، دەرتلىك ئازابنى كۆرمىگىچە ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا بارلىق ئايەتلەر كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمايدۇ.
10 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ لِنَفْسٍ أَنْ تُؤْمِنَ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَيَجْعَلُ الرِّجْسَ عَلَى الَّذِينَ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بولماستىن ھېچكىم ئىمان ئېيتمايدۇ. ئاللاھ پاسكىنىلىقنى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغانلارنىڭ ئۈستىدە ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ10.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ أَكِنَّةً أَنْ يَفْقَهُوهُ وَفِي آذَانِهِمْ وَقْرًا ۚ وَإِذَا ذَكَرْتَ رَبَّكَ فِي الْقُرْآنِ وَحْدَهُ وَلَّوْا عَلَىٰ أَدْبَارِهِمْ نُفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئاننى چۈشەنمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، قۇرئاندا يالغۇز پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالساڭ، ئۇلار ئۈركۈپ قېچىپ كېتىدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاننى چۈشەنمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، قۇرئاندا يالغۇز رەببىڭنى تىلغا ئالساڭ، ئۇلار ئۈركۈپ قېچىپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قۇرئاننى چۈشىنىشلىرىگە توسالغۇ بولىدىغان پەردىلەر تارتتۇق. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. سەن رەببىڭنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇساڭ، ئۇلار ئۈركۈپ قېچىپ كېتىدۇ.
كەھف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ ذُكِّرَ بِآيَاتِ رَبِّهِ فَأَعْرَضَ عَنْهَا وَنَسِيَ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ ۚ إِنَّا جَعَلْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ أَكِنَّةً أَنْ يَفْقَهُوهُ وَفِي آذَانِهِمْ وَقْرًا ۖ وَإِنْ تَدْعُهُمْ إِلَى الْهُدَىٰ فَلَنْ يَهْتَدُوا إِذًا أَبَدًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەند ـ نەسىھەت قىلىنغان، ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پەردىلەرنى تارتتۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا، قۇرئانغا دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار دەۋىتىڭنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ)[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەند ـ نەسىھەت قىلىنغان، ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پەردىلەرنى تارتتۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئىلگىرى ئۆز قوللىرى بىلەن قىلغان گۇناھلارنى ئۇنتۇغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قۇرئاننى چۈشىنىشلىرىگە توسالغۇ بولىدىغان پەردىلەر تارتتۇق. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. سەن ئۇلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ھىدايەت تاپالمايدۇ.
18 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ كَانَتْ أَعْيُنُهُمْ فِي غِطَاءٍ عَنْ ذِكْرِي وَكَانُوا لَا يَسْتَطِيعُونَ سَمْعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا دىللىرىنىڭ) كۆزلىرى مېنى ياد قىلىشتىن پەردىلەنگەن ئىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىنى زۇلمەت باسقانلىقى ئۈچۈن كالامۇللاھنى) ئاڭلاشقا قادىر ئەمەس ئىدى[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ كۆزلىرى مېنى ياد قىلىشتىن پەردىلەنگەن ئىدى، -كالامۇللانى- ئاڭلاشقا قادىر ئەمەس ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ كافىرلار شۇنداق كىشىلەر ئىدىكى، كۆزلىرى مېنىڭ كىتابىمنى كۆرمەيتتى، قۇلاقلىرى ئۇنى ئاڭلىغىلى ئۇنىمايتتى.
شۇئەرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 200 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ سَلَكْنَاهُ فِي قُلُوبِ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا ئىشەنمەسلىكنى سالدۇق (ئۇلار قۇرئاننى چۈشىنىپ، ئۇنىڭ پاساھەت ـ بالاغىتىنى ۋە مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىمان ئېيتمىدى)[200].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى سالدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز قۇرئاننى گۇناھكارلارنىڭ قەلبلىرىگە ئەنە شۇنداق كىرگۈزدۇق.
رۇم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنَّكَ لَا تُسْمِعُ الْمَوْتَىٰ وَلَا تُسْمِعُ الصُّمَّ الدُّعَاءَ إِذَا وَلَّوْا مُدْبِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سەن ئۆلۈكلەرگە (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىغا قاراپ يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغىمۇ چاقىرىقىڭنى ئاڭلىتالمايسەن[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سەن ئۆلۈكلەرگە سۆزۈڭنى ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىغا قاراپ يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغىمۇ چاقىرىقىڭنى ئاڭلىتالمايسەن
ئەنەس ئالىم: سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىنى قىلىپ كەتكەن گاسلارغىمۇ دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن.
30 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى) بىلمەيدىغان (كۇففار) لارنىڭ دىللىرىنى مۇشۇنداق پېچەتلەيمىز[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلمەيدىغانلارنىڭ دىللىرىنى مۇشۇنداق پېچەتلەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىلمەيدىغانلارنىڭ قەلبلىرىنى ئەنە شۇنداق مۆھۈرلەيدۇ.
فاتىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم (يەنى كاپىر بىلەن مۆمىن) باراۋەر بولمايدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: كور ئادەم بىلەن كۆرىدىغان ئادەم باراۋەر بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: كور ئادەم بىلەن كۆرىدىغان ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ.
ياسىن سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ حَقَّ الْقَوْلُ عَلَىٰ أَكْثَرِهِمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە (ئازاب توغرىسىدىكى) ھۆكۈم ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە ھۆكۈم ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە سۆز ھەق بولدى1. ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
36 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا جَعَلْنَا فِي أَعْنَاقِهِمْ أَغْلَالًا فَهِيَ إِلَى الْأَذْقَانِ فَهُمْ مُقْمَحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگۈچە تاقاقلارنى تاقىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ھەقكە) باشلىرىنى ئىگەلمەيدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگىچە تاقاقلارنى تاقىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار باشلىرىنى ئىگەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار سالدۇق. بۇ تاقاقلار ئۇلارنىڭ ئىڭەكلىرىگە يېتىپ تۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار باشلىرى كۆتۈرۈلۈپ قالغۇچىلاردۇر.
36 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ سَدًّا وَمِنْ خَلْفِهِمْ سَدًّا فَأَغْشَيْنَاهُمْ فَهُمْ لَا يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، كەينىدە بىر توسۇق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ئىماننىڭ يوللىرى توسۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن) ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، كەينىدە بىر توسۇق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، ئارقىسىدا بىر توسۇق پەيدا قىلدۇق. ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۆرمەيدۇ2.
غافىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَانٍ أَتَاهُمْ ۖ كَبُرَ مَقْتًا عِنْدَ اللَّهِ وَعِنْدَ الَّذِينَ آمَنُوا ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ قَلْبِ مُتَكَبِّرٍ جَبَّارٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۆمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ (ئىماندىن باش تارتقان)، (بەندىلەرگە) زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن قارىسىغا جاڭجاللىشىدىغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۇئمىنلارنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، مۇتەكەببىرلىك ۋە زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تارتىشىدىغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ۋە مۇئمىنلارنىڭ نەزىرىدە نېمىدېگەن چوڭ نەپرەتلىنەرلىك ئىش! ئاللاھ تەكەببۇرلۇق ۋە زومىگەرلىك قىلغۇچى كىشىنىڭ قەلبىنى ئەنە شۇنداق پۈتۈنلەي پېچەتلىۋېتىدۇ».
جاسىيە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَٰهَهُ هَوَاهُ وَأَضَلَّهُ اللَّهُ عَلَىٰ عِلْمٍ وَخَتَمَ عَلَىٰ سَمْعِهِ وَقَلْبِهِ وَجَعَلَ عَلَىٰ بَصَرِهِ غِشَاوَةً فَمَنْ يَهْدِيهِ مِنْ بَعْدِ اللَّهِ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ماڭا نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئازدۇرغان، (ھەقنى) بىلىپ تۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر (بۇلاردىن) ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟[23]
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد! - ماڭا نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئىلىم بىلەن ئازدۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر بۇلاردىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان، ئاللاھ بىلىپ ئازدۇرغان، ئاللاھ ئاڭلاش قابىلىيىتىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆرۈش قابىلىيىتىنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟
مۇھەممەد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَسْتَمِعُ إِلَيْكَ حَتَّىٰ إِذَا خَرَجُوا مِنْ عِنْدِكَ قَالُوا لِلَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ مَاذَا قَالَ آنِفًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ طَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن (يەنى مۇناپىقلاردىن) بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە (يەنى ساھابىلەرنىڭ ئۆلىمالىرىغا مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بايا ئۇ (يەنى مۇھەممەد) نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە : «بايا ئۇ - مۇھەممەد - نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەر ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! كافىرلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ساڭا قۇلاق سالىدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن ئايرىلىپ چىققان چاغلىرىدا ئىلىم بېرىلگەنلەرگە: «ئۇ بايا نېمە دېدى؟» دېيىشىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن كىشىلەردۇر.
47 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَعَنَهُمُ اللَّهُ فَأَصَمَّهُمْ وَأَعْمَىٰ أَبْصَارَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس قىلدى، (ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن) كور قىلدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى گاس قىلدى، كۆزلىرىنى كور قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ لەنەت قىلىپ، قۇلاقلىرىنى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتكەن كىشىلەردۇر.
47 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآنَ أَمْ عَلَىٰ قُلُوبٍ أَقْفَالُهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ)[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قۇرئاننى چۈشىنىشكە تىرىشمامدۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشىنىشكە تىرىشمامدۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قۇلۇپلانغانمۇ؟
مۇنافىقۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
63 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا فَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَفْقَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار (ئېغىزلىرىدا) ئىشىنىپ، ئاندىن (دىللىرىدا) ئىنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى (يەنى دىللىرىغا ھىدايەت يېتىپ بارالمايدۇ)، ئۇلار (ئىماننى) چۈشەنمەيدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
مۇتەففىفىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
83 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا ۖ بَلْ ۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن
ئەنەس ئالىم: ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى قەلبلىرىنى داتلاشتۇرۇۋەتكەن.