سۇ ۋە يامغۇر
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھنىڭ يامغۇر، دەريا ۋە دېڭىزلارنى بېرىشى، ئۇنىڭ دائىمىي رەھمىتىنىڭ ئالامىتى.
ئېنگلىزچىسى: Water and Rain
51 ئايەت
36 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 تەبىئەتتىكى ئالامەتلەر /
- 📄 سۇ ۋە يامغۇر
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 164 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَالْفُلْكِ الَّتِي تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِمَا يَنْفَعُ النَّاسَ وَمَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ السَّمَاءِ مِنْ مَاءٍ فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِنْ كُلِّ دَابَّةٍ وَتَصْرِيفِ الرِّيَاحِ وَالسَّحَابِ الْمُسَخَّرِ بَيْنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان ـ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر[164].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى جانلاندۇرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان ـ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئىنسانلارغا پايدىلىق يۈكلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەردە، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك تۇپراقنى تىرىلدۈرگەن ۋە زېمىندا ھەر تۈرلۈك جانلىقنى تارقاتقان سۇدا، شاماللارنىڭ پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىشىدا ۋە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا بۇيرۇققا ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇلۇتلاردا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ نَبَاتَ كُلِّ شَيْءٍ فَأَخْرَجْنَا مِنْهُ خَضِرًا نُخْرِجُ مِنْهُ حَبًّا مُتَرَاكِبًا وَمِنَ النَّخْلِ مِنْ طَلْعِهَا قِنْوَانٌ دَانِيَةٌ وَجَنَّاتٍ مِنْ أَعْنَابٍ وَالزَّيْتُونَ وَالرُّمَّانَ مُشْتَبِهًا وَغَيْرَ مُتَشَابِهٍ ۗ انْظُرُوا إِلَىٰ ثَمَرِهِ إِذَا أَثْمَرَ وَيَنْعِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكُمْ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماندىن سۇنى چۈشۈرگەن زات ئاللاھتۇر. بىز ئۇنىڭ بىلەن بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق. ئۆسۈملۈكلەردىن يېشىل ياپراقلارنى چىقاردۇق. (ئۇنىڭدىن بوغداي ۋە ئارپا باشاقلىرىغا ئوخشاش) بىر ـ بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلارنى يېتىشتۈرىمىز. خورما دەرىخىنىڭ چېچەكلىرىدىن يەرگە يېقىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان خورما ساپاقلىرىنى يېتىشتۈرىمىز. (يامغۇر سۈيى بىلەن) ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈرىمىز. (يامغۇر سۈيى بىلەن) شەكىلدە، ھەجىمدە، تەمدە بىر ـ بىرىگە ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان زەيتۇن، ئانار دەرەخلىرىنى يېتىشتۈرىمىز. (ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ) يېڭى تۇتقان مېۋىسىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراڭلار، ئۇلاردا ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئوچۇق دەلىللەر بار[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر چۈشۈرۈپ بەرگەن زاتتۇر. ئۇ شۇ يامغۇر بىلەن بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردى، يەنە يېشىل مايسىلارنى چىقىرىپ، ئۇنىڭدىن بىر ـ بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلارنى يېتىشتۈردى، خورما دەرىخىنىڭ چېچەكلىرىدىن يەرگە يېقىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان خورما ساپاقلىرىنى، ئۈزۈملۈك باغلارنى، بىر ـ بىرىگە بەزى جەھەتتىن ئوخشايدىغان ۋە بەزى جەھەتتىن ئوخشىمايدىغان زەيتۇن، ئانار دەرەخلىرىنى يېتىشتۈردى. سىلەر ئۇلارنىڭ مېۋىلىگەن چاغدىكى يېڭى تۇتقان مېۋىسىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراڭلار، ئۇلاردا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ئوچۇق دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن ھەر ئۆسۈملۈكنىڭ بىخىنى چىقاردۇق، ئۇ ئۆسۈملۈكتىن نوتا چىقاردۇق. ئۇ نوتىدىن بىر - بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلار، خورمىنىڭ چېچىكىدىن ساڭگىلىغان ساپاقلار، ئۈزۈملەردىن ھاسىل بولغان باغلارنى، بىرى - بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارلارنى چىقاردۇق. ھەربىرى مېۋە چىقارغان چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىگە ۋە پىشىشىغا قاراڭلار. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي يُرْسِلُ الرِّيَاحَ بُشْرًا بَيْنَ يَدَيْ رَحْمَتِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا أَقَلَّتْ سَحَابًا ثِقَالًا سُقْنَاهُ لِبَلَدٍ مَيِّتٍ فَأَنْزَلْنَا بِهِ الْمَاءَ فَأَخْرَجْنَا بِهِ مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ ۚ كَذَٰلِكَ نُخْرِجُ الْمَوْتَىٰ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رەھمىتى (يەنى يامغۇر) مەيدانغا كېلىش ئالدىدا، ئاللاھ بېشارەتچى قىلىپ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ. شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، ئۇلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراپ كەتكەن گىياھسىز) جايلارغا سۈرىمىز. ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك ـ تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز. ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (زېمىندىن مېۋىلەرنى چىقارغاندەك، قىيامەتتە) ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن چىقىرىمىز[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ رەھمىتى (يەنى يامغۇر) يېغىش ئالدىدا، ئاللاھ بېشارەتچى قىلىپ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، ئۇلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراپ كەتكەن گىياھسىز) جايلارغا سۈرىمىز، ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك ـ تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز، شۇنىڭدەك قىيامەتتە ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن چىقىرىمىز. بۇنىڭدىن نەسىھەت ئالغايسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى رەھمىتىنىڭ ئالدىدا خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ، تاكى ئۇ شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، بىز ئۇنى ئۆلۈك يەرگە ھەيدەيمىز، ئاندىن ئۇ ئارقىلىق سۇنى چۈشۈرىمىز، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن بارلىق مېۋىلەردىن چىقىرىمىز. بىز ئۆلۈكلەرنى ئەنە شۇنداق چىقىرىمىز. ئويلانغايسىلەر!
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا مَثَلُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا كَمَاءٍ أَنْزَلْنَاهُ مِنَ السَّمَاءِ فَاخْتَلَطَ بِهِ نَبَاتُ الْأَرْضِ مِمَّا يَأْكُلُ النَّاسُ وَالْأَنْعَامُ حَتَّىٰ إِذَا أَخَذَتِ الْأَرْضُ زُخْرُفَهَا وَازَّيَّنَتْ وَظَنَّ أَهْلُهَا أَنَّهُمْ قَادِرُونَ عَلَيْهَا أَتَاهَا أَمْرُنَا لَيْلًا أَوْ نَهَارًا فَجَعَلْنَاهَا حَصِيدًا كَأَنْ لَمْ تَغْنَ بِالْأَمْسِ ۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى (تېز ئۆزگۈرۈشىدە، نېمەتلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى بولۇشىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇر بولۇشىدا) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن (يامغۇر) سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ) بىر ـ بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى ـ دە، (زىرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن (يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئورۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى، بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن يامغۇر سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى ئۈنۈپ چىقىپ بىر ـ بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى ـ دە، زىرائەتلەرنى تۈنۈگۈن-ئىلگىرى- يوقتەك، پۈتۈنلەي ئۇرۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: دۇنيا ھاياتىنىڭ مىسالى بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن سۇغا ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەر يەيدىغان ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈپ بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ. ئاخىرى زېمىن ياسىنىپ گۈزەل تۈسكە كىرگەن ۋە ئىگىلىرى ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى يىغىشقا ئۆزلىرىنىڭ قادىر ئىكەنلىكىنى ئويلاۋاتقان ئەسنادا، بۇيرۇقىمىز ئۇنىڭغا كېچىدە ياكى كۈندۈزدە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ يەرنى زىرائەتلىرى ئورۇلغان ئاق يەرگە ئايلاندۇرۇۋېتمىز. خۇددى ئۇ گۈزەل مەنزىرە بىر كۈن ئاۋۋال ئۇ يەردە يوقتىكىدەك بولۇپ كېتىدۇ. بىز تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى ئەنە شۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز.
رەئد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَالَتْ أَوْدِيَةٌ بِقَدَرِهَا فَاحْتَمَلَ السَّيْلُ زَبَدًا رَابِيًا ۚ وَمِمَّا يُوقِدُونَ عَلَيْهِ فِي النَّارِ ابْتِغَاءَ حِلْيَةٍ أَوْ مَتَاعٍ زَبَدٌ مِثْلُهُ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْحَقَّ وَالْبَاطِلَ ۚ فَأَمَّا الزَّبَدُ فَيَذْهَبُ جُفَاءً ۖ وَأَمَّا مَا يَنْفَعُ النَّاسَ فَيَمْكُثُ فِي الْأَرْضِ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، (يامغۇر سۈيى) جىلغىلاردا لىپمۇلىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكى بار (يەنى مەدەنلەرنىڭ كۆپۈكىمۇ خۇددى كەلكۈن سۇنىڭ كۆپۈكىگە ئوخشاش پايدىسىزدۇر). ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ[17]. (ئىزاھات: بۇ مىسالدىكى سۇ بولسا زېمىندا قالىدىغان ھەقتىن، كۆپۈك بولسا ساباتى يوق باتىلدىن ئىبارەت.)
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، -يامغۇر سۈيى- جىلغىلاردا لىپمۇلىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ، ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ[1] شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكى بار. ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرىدۇ، ئاندىن نۇرغۇن ۋادىلار توشقۇچە سەل بولۇپ ئاقىدۇ. بۇ سەل ئۆزىنىڭ ئۈستىگە چىققان كۆپۈكنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئىنسانلار زىننەت بۇيۇمى ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئېرىتكەن نەرسىدىنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈك چىقىدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال ئارقىلىق ھەق بىلەن باتىلنى بايان قىلىدۇ. كۆپۈككە كەلسەك، ئۇ ئۇچۇپ كېتىدۇ. ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان نەرسە بولسا زېمىندا قالىدۇ. ئاللاھ ئەنە شۇنداق مىساللارنى كەلتۈرىدۇ.
ئىبراھىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَكُمْ ۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْفُلْكَ لِتَجْرِيَ فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ ۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْأَنْهَارَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، يامغۇر سۈيى بىلەن سىلەرگە رىزىق قىلىپ نۇرغۇن مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، يامغۇر سۈيى بىلەن سىلەرگە رىزىق قىلىپ نۇرغۇن مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، سىلەرگە رىزىق بولسۇن دەپ ئۇ سۇ ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋە ۋە مەھسۇلاتلارنى چىقاردى، ئۆز ئەمرى بىلەن دېڭىزدا ئۈزۈشى ئۈچۈن كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۆستەڭلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى،
ھىجىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَرْسَلْنَا الرِّيَاحَ لَوَاقِحَ فَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَسْقَيْنَاكُمُوهُ وَمَا أَنْتُمْ لَهُ بِخَازِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر
ئەنەس ئالىم: بىز چاڭلاشتۇرغۇچى شاماللارنى ئەۋەتتۇق، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن سىلەرنى سۇغاردۇق. بولمىسا ئۇنى سىلەر ساقلىيالمايتتىڭلار.
نەھىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً ۖ لَكُمْ مِنْهُ شَرَابٌ وَمِنْهُ شَجَرٌ فِيهِ تُسِيمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر ۋە شۇ يامغۇر ئارقىلىق ئۆسكەن دەل ـ دەرەخلەر بىلەن چارۋاڭلارنى باقىسىلەر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر ۋە شۇ يامغۇر ئاقىلىق ئۆسكەن دەل ـ دەرەخلەر بىلەن چارۋاڭلارنى باقىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. سىلەر ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر، ماللىرىڭلارنى ئوتلىغىلى قويۇۋېتىدىغان ئوتلاقلىرىڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدۇ.
16 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن قاغجىراپ قالغان زېمىندا (تۈرلۈك زىرائەتلەرنى) ئۈندۈردى، بۇنىڭدا (ۋەز ـ نەسىھەت) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن قاغجىراپ قالغان زېمىندا تۈرلۈك زىرائەتلەرنى ئۈندۈردى، بۇنىڭدا ۋەز ـ نەسىھەت ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئەلۋەتتە دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك تۇپراققا ھايات بەرمەكتىدۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا قۇلاق سالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار.
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ مَهْدًا وَسَلَكَ لَكُمْ فِيهَا سُبُلًا وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ أَزْوَاجًا مِنْ نَبَاتٍ شَتَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ زېمىننى سىلەرگە بىسات قىلىپ بەردى، سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى ئېچىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى»[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ زېمىننى سىلەرگە بىسات قىلىپ بەردى، سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى ئېچىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى»
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، زېمىننى سىلەر ئۈچۈن بۆشۈك قىلدى، ئۇنىڭدا سىلەرگە يوللار ئاچتى ۋە ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن خىلمۇخىل جۈپ ئۆسۈملۈكلەرنى چىقاردۇق.
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ كَانَتَا رَتْقًا فَفَتَقْنَاهُمَا ۖ وَجَعَلْنَا مِنَ الْمَاءِ كُلَّ شَيْءٍ حَيٍّ ۖ أَفَلَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر ـ بىرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنمەمدۇ؟[30]
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر ـ بېرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار ئىشەنمەمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: كافىرلار كۆرمىدىمۇ؟ ئاسمانلار بىلەن زېمىن تۇتاش ئىدى، ئۇ ئىككىسىنى بىز ئايرىدۇق. بىز ھەر جانلىق نەرسىنى سۇدىن ياراتتۇق. ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەمدۇ؟
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَتُصْبِحُ الْأَرْضُ مُخْضَرَّةً ۗ إِنَّ اللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن زېمىننى يېشىلزارلىققا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن زېمىننى يېشىلزارلىققا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن زېمىن ياپيېشىل ھالەتكە كېلىدۇ. ئاللاھ ئىنچىكىلەپ بىلگۈچىدۇر، خەۋەرداردۇر.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً بِقَدَرٍ فَأَسْكَنَّاهُ فِي الْأَرْضِ ۖ وَإِنَّا عَلَىٰ ذَهَابٍ بِهِ لَقَادِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز بۇلۇتتىن ھاجەتكە قاراپ يامغۇر ياغدۇردۇق، ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق، ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئاسماندىن يامغۇرنى ئۆلچەم بىلەن ياغدۇردۇق ۋە ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق، ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىشقا ئەلۋەتتە قادىرمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماندىن بەلگىلەنگەن مىقداردا سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق. بىزنىڭ كۈچىمىز ئۇ سۇنى يوق قىلىۋېتىشكىمۇ يېتىدۇ.
نۇر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يُزْجِي سَحَابًا ثُمَّ يُؤَلِّفُ بَيْنَهُ ثُمَّ يَجْعَلُهُ رُكَامًا فَتَرَى الْوَدْقَ يَخْرُجُ مِنْ خِلَالِهِ وَيُنَزِّلُ مِنَ السَّمَاءِ مِنْ جِبَالٍ فِيهَا مِنْ بَرَدٍ فَيُصِيبُ بِهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَصْرِفُهُ عَنْ مَنْ يَشَاءُ ۖ يَكَادُ سَنَا بَرْقِهِ يَذْهَبُ بِالْأَبْصَارِ
مۇھەممەد سالىھ: كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر - بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى توپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن يامغۇر ياغقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرىدۇ، ئۇنى ئاللاھ خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ (يەنى ئۇنىڭ بىلەن خالىغان ئادەمنىڭ زىرائىتى، مېۋىسى ۋە چارۋىلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ) ۋە ئۇنىڭ (زىيىنىدىن) خالىغان ئادەمنى ساقلايدۇ، چاقماقنىڭ يورۇقى (قارىغۇچىلارنى) كۆزلىرىدىن ئايرىۋەتكىلى تاس قالىدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر - بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى توپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن يامغۇر ياغقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرىدۇ، ئۇنى ئاللاھ خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ ۋە ئۇنىڭ زىيىنىدىن خالىغان ئادەمنى ساقلايدۇ، چاقماقنىڭ يورۇقى قارىغۇچىلارنى كۆزلىرىدىن ئايرىۋەتكىلى تاس قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۆرمەمسەن؟ ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر - بىرىگە قوشۇپ قېلىنلاشتۇرىدۇ. ئاندىن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يامغۇرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ يەنە ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشىگە مۇسىبەت يەتكۈزىدۇ، خالىغان كىشىنى ئۇنىڭدىن ساقلايدۇ. بۇلۇتلاردىن چىققان چاقماقنىڭ يورۇقى كۆزلەرنى ئېلىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ.
24 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ خَلَقَ كُلَّ دَابَّةٍ مِنْ مَاءٍ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَىٰ بَطْنِهِ وَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَىٰ رِجْلَيْنِ وَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَىٰ أَرْبَعٍ ۚ يَخْلُقُ اللَّهُ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەر بىر جاندارنى سۇدىن ياراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇت بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇت بىلەن ماڭىدۇ، ئاللاھ خالىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەر بىر جاندارنى سۇدىن ياراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇت بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇت بىلەن ماڭىدۇ، ئاللاھ خالىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ پۈتكۈل جانلىقلارنى سۇدىن ياراتتى. ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
فۇرقان سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي أَرْسَلَ الرِّيَاحَ بُشْرًا بَيْنَ يَدَيْ رَحْمَتِهِ ۚ وَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً طَهُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ رەھمىتىنى (يەنى يامغۇرنى) ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇشخەۋەر قىلىپ ئەۋەتتى، يامغۇر بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى، نۇرغۇن ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق[48 ـ 49].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەھمىتى-يامغۇر-نى ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇش خەۋەر قىلىپ ئەۋەتكەن زات ئاللاھتۇر. ئاسماندىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى رەھمىتىنىڭ ئالدىدا خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى قىلىپ ئەۋەتتى. بىز ئاسماندىن پاك ۋە پاكلىغۇچى سۇ چۈشۈردۇق،
25 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
لِنُحْيِيَ بِهِ بَلْدَةً مَيْتًا وَنُسْقِيَهُ مِمَّا خَلَقْنَا أَنْعَامًا وَأَنَاسِيَّ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ رەھمىتىنى (يەنى يامغۇرنى) ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇشخەۋەر قىلىپ ئەۋەتتى، يامغۇر بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى، نۇرغۇن ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق[48 ـ 49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى ۋە نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئۇ سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: بۇنى ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش، مەخلۇقاتىمىزدىن تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلەرنى ۋە نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن قىلدۇق.
25 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي مَرَجَ الْبَحْرَيْنِ هَٰذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ وَهَٰذَا مِلْحٌ أُجَاجٌ وَجَعَلَ بَيْنَهُمَا بَرْزَخًا وَحِجْرًا مَحْجُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (قۇدرىتى بىلەن) بىرى تاتلىق بولغان، بىرى تۇزلۇق بولغان دېڭىزنى (ئۇلار بىر ـ بىرىگە تۇتىشاڭغۇ بولغان ھالدا) (قويۇۋەتتى، ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەردە، توسما بەرپا قىلدى[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىرى تاتلىق، بىرى تۇزلۇق بولغان ئىككى دەريانى بىرلەشتۈردى ۋە ئارلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەردە ۋە توسما بەرپا قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، بىرى شېرىن ۋە تاتلىق، يەنە بىرى تۇزلۇق ۋە ئاچچىق بولغان ئىككى دېڭىزنى بىرلىكتە قويۇۋېتىپ، ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا توسما ۋە مۇستەھكەم پەردە قويدى.
نەمىل سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَأَنْزَلَ لَكُمْ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَنْبَتْنَا بِهِ حَدَائِقَ ذَاتَ بَهْجَةٍ مَا كَانَ لَكُمْ أَنْ تُنْبِتُوا شَجَرَهَا ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ بَلْ هُمْ قَوْمٌ يَعْدِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇلار (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ بەرگەن زات ياخشىمۇ؟ بىز ئۇ سۇ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈردۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇ باغلارنىڭ دەرىخىنى يېتىشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەلكى ئۇلار ھەقتىن يىراقلىشىپ كەتكەن قەۋمدۇر.
27 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ جَعَلَ الْأَرْضَ قَرَارًا وَجَعَلَ خِلَالَهَا أَنْهَارًا وَجَعَلَ لَهَا رَوَاسِيَ وَجَعَلَ بَيْنَ الْبَحْرَيْنِ حَاجِزًا ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننى (ئىنسانلارغا ۋە ھايۋانلارغا) تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە (تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى ئورناتقان، ئىككى دېڭىز ئارىسىدا (يەنى تاتلىق سۇ بىلەن شورلۇق سۇ ئارىسىدا ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) توساقلارنى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (باشقا ئىلاھ يوق) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىننى تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە تاغلارنى ئورناتقان، ئىككى دېڭىز ئارىسىدا توساقلارنى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى زېمىننى ياشاشقا لايىق قىلغان، زېمىننىڭ ئىچىدە دەريالار بار قىلغان، زېمىن ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلار ئورناتقان ۋە ئىككى دېڭىز ئارىسىدا توسۇق قويغان زات ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
27 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ يَهْدِيكُمْ فِي ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَمَنْ يُرْسِلُ الرِّيَاحَ بُشْرًا بَيْنَ يَدَيْ رَحْمَتِهِ ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ تَعَالَى اللَّهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، رەھمىتىدىن (يەنى يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشتىن) ئىلگىرى شاماللارنى بېشارەت قىلىپ ئەۋەتىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (ھېچ ئىلاھ يوقتۇر) ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، رەھمىتىدىن ئىلگىرى شاماللارنى بېشارەت قىلىپ ئەۋەتىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، شاماللارنى رەھمىتىنىڭ ئالدىدا خۇش خەۋەرچى قىلىپ ئەۋەتىدىغان زات ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ شېرىك قىلغان نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ نَزَّلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ مِنْ بَعْدِ مَوْتِهَا لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۚ قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىم؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئېيتقىنكى، «(سىلەرگە قارشى پاكىتلار بار بولغانلىقتىن) جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر»، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇ سۆزلىرىدىكى زىددىيەتنى) چۈشەنمەيدۇ[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تېرىلدۈرگەن كىم؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئېيتقىنكى: «ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر»، بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن «ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىمدۇر؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەلھەمدۇ لىللاھ!». بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ.
رۇم سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ يُرِيكُمُ الْبَرْقَ خَوْفًا وَطَمَعًا وَيُنَزِّلُ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَيُحْيِي بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ سىلەرگە چاقماقنى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد قىلىپ كۆرسىتىشى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، چۈشىنەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا، شەك ـ شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ سىلەرگە چاقماقنى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد قىلىپ كۆرسىتىشى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، چۈشىنەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا، شەك ـ شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ سىلەرگە قورقۇتىدىغان ۋە ئۈمىدلەندۈرىدىغان چاقماقنى كۆرسىتىشى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
30 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي يُرْسِلُ الرِّيَاحَ فَتُثِيرُ سَحَابًا فَيَبْسُطُهُ فِي السَّمَاءِ كَيْفَ يَشَاءُ وَيَجْعَلُهُ كِسَفًا فَتَرَى الْوَدْقَ يَخْرُجُ مِنْ خِلَالِهِ ۖ فَإِذَا أَصَابَ بِهِ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ إِذَا هُمْ يَسْتَبْشِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە تارقىتىدۇ، (گاھى) ئۇنى تارقاق پارچىلارغا بۆلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يامغۇرنىڭ بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ يامغۇرنى خالىغان بەندىلىرىنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرغان چاغدا، ئۇلار دەرھال خۇشال بولۇپ كېتىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە تارقىتىدۇ، گاھى ئۇنى تارقاق پارچىلارغا بۆلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يامغۇرنىڭ بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ يامغۇرنى خالىغان بەندىلىرىنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرغان چاغدا، ئۇلار دەرھال خۇشال بولۇپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى ئەۋەتىدۇ. شاماللار بۇلۇتلارنى قوزغايدۇ. ئاللاھ ئۇ بۇلۇتلارنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە يايىدۇ ۋە پارچە - پارچە قىلىدۇ. ئاندىن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يامغۇرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىگە بۇ يامغۇرنى يەتكۈزگەندە ئۇ بەندىلەر سۆيۈنۈپ كېتىدۇ.
30 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْظُرْ إِلَىٰ آثَارِ رَحْمَتِ اللَّهِ كَيْفَ يُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ لَمُحْيِي الْمَوْتَىٰ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ ئەسەرلىرىگە - ئاللاھنىڭ ئۆلۈك زېمىننى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا - قارىغىن. ئەنە شۇ ئاللاھ، ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرىدۇ. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
لوقمان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَ السَّمَاوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ۖ وَأَلْقَىٰ فِي الْأَرْضِ رَوَاسِيَ أَنْ تَمِيدَ بِكُمْ وَبَثَّ فِيهَا مِنْ كُلِّ دَابَّةٍ ۚ وَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ زَوْجٍ كَرِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتتىكى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر. يەر تەۋرەپ سىلەرنى خاتىرجەمسىز قىلمىسۇن دەپ، يەردە تاغلارنى ئورناتتى. زېمىندا تۈرلۈك جاندارلارنى تاراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتتىكى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، يەر تەۋرەپ سىلەرنى خاتىرجەمسىز قىلمىسۇن دەپ، يەردە تاغلارنى ئورناتتى، زېمىندا تۈرلۈك جاندارلارنى تاراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى سىلەر كۆرەلمەيدىغان تۈۋرۈكلەر بىلەن ياراتتى، زېمىندا سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلار قويدى، زېمىندا تۈرلۈك جانلىقلارنى يارىتىپ تارقاتتى. بىز ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا نۇرغۇن پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق.
31 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ عِنْدَهُ عِلْمُ السَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ الْغَيْثَ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْأَرْحَامِ ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ مَاذَا تَكْسِبُ غَدًا ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ بِأَيِّ أَرْضٍ تَمُوتُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) ئاللاھ بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى ـ يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى -ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا- ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن -پۈتۈن ئىشلارنى- بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ۋاقتىغا دائىر ئىلىم پەقەتلا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. يامغۇرنى ئاللاھ ياغدۇرىدۇ ۋە بالىياتقۇلاردىكىنى بىلىدۇ. ھېچكىم ئەتە نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھېچكىم قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، خەۋەرداردۇر.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا نَسُوقُ الْمَاءَ إِلَى الْأَرْضِ الْجُرُزِ فَنُخْرِجُ بِهِ زَرْعًا تَأْكُلُ مِنْهُ أَنْعَامُهُمْ وَأَنْفُسُهُمْ ۖ أَفَلَا يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز گىياھسىز زېمىنغا يامغۇر سۈيىنى سۈرۈپ ئېلىپ بارىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھايۋاناتلىرى ۋە ئۆزلىرى يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۈندۈرۈپ چىقىرىمىز، ئۇلار (بۇنى) كۆرمەمدۇ؟[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز گىياھسىز زېمىنغا يامغۇر سۈيىنى سۈرۈپ ئېلىپ بارىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھايۋاناتلىرى ۋە ئۆزلىرى يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۈندۈرۈپ چىقىرىمىز، ئۇلار بۇنى كۆرمەمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز سۇنى قاقاس يەرلەرگە ھەيدەيمىز، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن زىرائەت چىقىرىمىز، ئۇ زىرائەتتىن ئۇلارنىڭ تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلىرى ۋە ئۆزلىرى يەيدۇ. ئۇلار يەنىلا كۆرمەمدۇ؟
فاتىر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ الَّذِي أَرْسَلَ الرِّيَاحَ فَتُثِيرُ سَحَابًا فَسُقْنَاهُ إِلَىٰ بَلَدٍ مَيِّتٍ فَأَحْيَيْنَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ كَذَٰلِكَ النُّشُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ (ئۇنىڭ بىلەن) بۇلۇتنى قوزغايدۇ، بىز بۇلۇتلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراق) بىر يەرگە ھەيدەيمىز (بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىمىز)، شۇ يامغۇر بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئەنە شۇنداقتۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنى قوزغايدۇ، بىز بۇلۇتلارنى ئۆلۈك بىر يەرگە ھەيدەيمىز، شۇ يامغۇر بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئەنە شۇنداقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار بۇلۇتلارنى قوزغايدۇ. ئاندىن بىز ئۇ بۇلۇتلارنى ئۆلۈك يەرگە ھەيدەيمىز، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈش مانا شۇنداقتۇر.
35 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَسْتَوِي الْبَحْرَانِ هَٰذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ سَائِغٌ شَرَابُهُ وَهَٰذَا مِلْحٌ أُجَاجٌ ۖ وَمِنْ كُلٍّ تَأْكُلُونَ لَحْمًا طَرِيًّا وَتَسْتَخْرِجُونَ حِلْيَةً تَلْبَسُونَهَا ۖ وَتَرَى الْفُلْكَ فِيهِ مَوَاخِرَ لِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىككى دېڭىز ئوخشاش ئەمەس. بۇنىڭ سۈيى تاتلىق، تەملىك بولۇپ (گالدىن) سىلىق ئۆتىدۇ، بۇ ناھايىتى ئاچچىق، تۇزلۇق، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېڭى گۆشلەرنى (يەنى بېلىقلارنى) يەيسىلەر، سىلەر تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى (يەنى ئۈنچە ـ مارجانلار) نى چىقىرىسىلەر. (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن يۈك ـ تاق، يېمەك ـ ئىچمەكلەر قاچىلانغان) كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. بۇ ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تەلەپ قىلىپ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىككى دېڭىز ئوخشاش ئەمەس. بۇنىڭ سۈيى تاتلىق، تەملىك بولۇپ گالدىن سىلىق ئۆتىدۇ، بۇ بولسا ناھايىتى ئاچچىق، تۇزلۇق، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېڭى گۆشلەرنى يەيسىلە ۋە دېڭىزدىن سىلەر تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى -ئۈنچە ـ مارجانلار- نى چىقىرىسىلەر، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تەلەپ قىلىشڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن
ئەنەس ئالىم: ئىككى دېڭىز ئوخشاش بولمايدۇ. بىرى شېرىندۇر، تاتلىقتۇر، سۈيى گالدىن سىلىق ئۆتىدۇ. يەنە بىرى تۇزلۇقتۇر، ئاچچىقتۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن يېڭى گۆش يەيسىلەر، تاقايدىغان زىننەت بۇيۇمىڭلارنى چىقىرىسىلەر. سەن ئۇلاردا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
35 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ ثَمَرَاتٍ مُخْتَلِفًا أَلْوَانُهَا ۚ وَمِنَ الْجِبَالِ جُدَدٌ بِيضٌ وَحُمْرٌ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهَا وَغَرَابِيبُ سُودٌ
مۇھەممەد سالىھ: كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك ئاللاھ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى چىپارلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردۇق، تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردۇق. تاغلارنىڭمۇ رەڭگارەڭ - ئاق، قىزىل يوللىرى، قاپقارا قىسىملىرى بار.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَلَكَهُ يَنَابِيعَ فِي الْأَرْضِ ثُمَّ يُخْرِجُ بِهِ زَرْعًا مُخْتَلِفًا أَلْوَانُهُ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَاهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَجْعَلُهُ حُطَامًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: سەن بىلمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ ـ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئىبرەت بار[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىلمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ ـ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى، ئاندىن ئۇ سۇنى زېمىندىكى بۇلاقلارغا كىرگۈزدى، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن رەڭگارەڭ زىرائەت چىقىرىدۇ، ئاندىن ئۇ زىرائەت قۇرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى سارغىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى كۇكۇم - تالقان قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەسلىتىش بار.
فۇسسىلەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ أَنَّكَ تَرَى الْأَرْضَ خَاشِعَةً فَإِذَا أَنْزَلْنَا عَلَيْهَا الْمَاءَ اهْتَزَّتْ وَرَبَتْ ۚ إِنَّ الَّذِي أَحْيَاهَا لَمُحْيِي الْمَوْتَىٰ ۚ إِنَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇمۇ) ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇركى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا، زېمىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، شۈبھىسىزكى، زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇركى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا، زېمىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، شۈبھىسىزكى، زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرى شۇكى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن. بىز ئۇنىڭغا سۇنى چۈشۈرگەن ۋاقتىمىزدا ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ. ئەنە شۇ زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنىمۇ ئەلۋەتتە تىرىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
شۇرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي يُنَزِّلُ الْغَيْثَ مِنْ بَعْدِ مَا قَنَطُوا وَيَنْشُرُ رَحْمَتَهُ ۚ وَهُوَ الْوَلِيُّ الْحَمِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن) ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، رەھمىتىنى يايىدۇ، ئاللاھ (ھەممىنىڭ) ئىگىسىدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ ۋە رەھمىتىنى يايىدۇ، ئاللاھ ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، ئىنسانلار ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن يامغۇرنى ياغدۇرىدۇ، رەھمىتىنى يايىدۇ. ئۇ ۋەلىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
زۇخرۇف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِي نَزَّلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً بِقَدَرٍ فَأَنْشَرْنَا بِهِ بَلْدَةً مَيْتًا ۚ كَذَٰلِكَ تُخْرَجُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بۇلۇتتىن (سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەي، پايدا يەتكۈزىدىغان) ئۆلچەمدە يامغۇر ياغدۇردى، ئۇنىڭ بىلەن بىز (گىيا ئۈنمەس قاقاس) ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق، سىلەر مۇشۇنداق (يەنى ئۆلۈك يەردىن ئۆسۈملۈك چىقىرىلغاندەك) (قەبرەڭلاردىن) چىقىرىلىسىلەر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسماندىن ئۆلچەم بىلەن يامغۇر ياغدۇردى، ئۇنىڭ بىلەن بىز ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق، سىلەر مۇشۇنداق چىقىرىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاسماندىن ئۆلچەم بىلەن سۇ چۈشۈرگەن زاتتۇر. بىز ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى كۆكەرتتۇق. سىلەرمۇ قەبىرلىرىڭلاردىن ئەنە شۇنداق چىقىرىلىسىلەر.
قاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَزَّلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً مُبَارَكًا فَأَنْبَتْنَا بِهِ جَنَّاتٍ وَحَبَّ الْحَصِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: كۆكتىن (بۇلۇتتىن) بەرىكەتلىك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق[9 ـ 10].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆكتىن مۇبارەك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى ئۆستۈردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماندىن بەرىكەتلىك سۇ چۈشۈردۇق، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن باغلارنى ۋە ئورىلىدىغان ئاشلىقلارنى يېتىشتۈردۇق،
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْحَامِلَاتِ وِقْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (يامغۇرلارنىڭ) ئېغىرلىقىنى كۆتۈرگۈچى بۇلۇتلار بىلەن قەسەمكى[2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ئېغىرلىق كۆتۈرگۈچىلەر بىلەن،
قەمەر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَفَتَحْنَا أَبْوَابَ السَّمَاءِ بِمَاءٍ مُنْهَمِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قويۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قاتتىق تۆكۈلگۈچى سۇ بىلەن ئاچتۇق.
54 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَفَجَّرْنَا الْأَرْضَ عُيُونًا فَالْتَقَى الْمَاءُ عَلَىٰ أَمْرٍ قَدْ قُدِرَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى (بىر ـ بىرىگە) قوشۇلدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى بەلگىلەنگەن بىر پىرىنسىپ بويىچە بىر ـ بىرىگە قوشۇلدى
ئەنەس ئالىم: زېمىندىن بۇلاقلار ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق. شۇنىڭ بىلەن سۇلار پىلانلانغان ئىش ئۈچۈن بىرلەشتى.
رەھمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
مَرَجَ الْبَحْرَيْنِ يَلْتَقِيَانِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىككى دېڭىزنى (بىرى تاتلىق، بىرى ئاچچىق) ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىككى دېڭىزنى ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: رەھمان ئىككى دېڭىزنى بىر - بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ھالەتتە قويۇۋەتتى.
ۋاقىئە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَرَأَيْتُمُ الْمَاءَ الَّذِي تَشْرَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ![68]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ!
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئىچىۋاتقان سۈيۈڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى!
56 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
أَأَنْتُمْ أَنْزَلْتُمُوهُ مِنَ الْمُزْنِ أَمْ نَحْنُ الْمُنْزِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟[69]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇنى بۇلۇتلاردىن سىلەر چۈشۈرۈۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز چۈشۈرۈۋاتامدىمىز؟
56 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ نَشَاءُ جَعَلْنَاهُ أُجَاجًا فَلَوْلَا تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق (پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ زور نېمەتلىرىگە) نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟[70]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق، نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: خالىغان بولساق ئۇنى ئاچچىق قىلاتتۇق، نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟
مۈلك سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَصْبَحَ مَاؤُكُمْ غَوْرًا فَمَنْ يَأْتِيكُمْ بِمَاءٍ مَعِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ (سۈيىڭلار يەر ئاستىغا) سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ» دېگىن[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ سۈيىڭلار يەر ئاستىغا سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر سۈيۈڭلار سېڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟».
نوھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ[11]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ سىلەرگە يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بېرىدۇ،
مۇرسەلات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
77 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
أَحْيَاءً وَأَمْوَاتًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز زېمىنغا ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز زېمىنغا ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز زېمىنغا مۇستەھكەم ۋە ئىگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق.
نەبە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
78 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْزَلْنَا مِنَ الْمُعْصِرَاتِ مَاءً ثَجَّاجًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق[14ـ16].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز قېلىن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: سىققۇچىلاردىن3 شارقىراپ ياغىدىغان سۇ چۈشۈردۇق4.
78 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
لِنُخْرِجَ بِهِ حَبًّا وَنَبَاتًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق[14ـ16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈشىمىز ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: بۇلارنى ئۇنىڭ بىلەن ئاشلىق ۋە ئوت-چۆپلەر چىقىرايلى،
نازىئات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
أَخْرَجَ مِنْهَا مَاءَهَا وَمَرْعَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ سۈيىنى ۋە ئوتلىقىنى چىقاردى،
ئەبەسە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَلْيَنْظُرِ الْإِنْسَانُ إِلَىٰ طَعَامِهِ
مۇھەممەد سالىھ: (بىز بۇلۇتتىن) زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: مول يامغۇرنى بىز ياغدۇردۇق،
تارىق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
86 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّمَاءِ ذَاتِ الرَّجْعِ
مۇھەممەد سالىھ: يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى[11]،
تەرجىمە ھەيئىتى: يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەم قىلىمەن
ئەنەس ئالىم: يامغۇر ياغدۇرۇپ تۇرىدىغان ئاسمان بىلەن