سەجدە
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
سەجدە قىلىش — ئاللاھقا بويسۇنۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى سۈپىتىدە پېشانىنى يەرگە قويۇش.
ئەرەبچىىسى: السجود
ئېنگلىزچىسى: Prostration
30 ئايەت
20 سۈرە
0 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
يَا مَرْيَمُ اقْنُتِي لِرَبِّكِ وَاسْجُدِي وَارْكَعِي مَعَ الرَّاكِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىل»[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىلغىن، سەجدە قىلغىن ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: ئى مەريەم! رەببىڭگە چىن كۆڭلۈڭدىن ئىتائەت قىلغىن، سەجدە قىلغىن ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلغىن».
3 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسُوا سَوَاءً ۗ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ أُمَّةٌ قَائِمَةٌ يَتْلُونَ آيَاتِ اللَّهِ آنَاءَ اللَّيْلِ وَهُمْ يَسْجُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىرخىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالاردىن) كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە بار[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئوخشاش ئەمەس، ئەھلى كىتاب ئىچىدە كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر توپ كىشى بار
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىچىدە توغرا بىر ئۇممەت بار. ئۇلار كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، سەجدە قىلىدۇ،
ئەئراف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَمَرَ رَبِّي بِالْقِسْطِ ۖ وَأَقِيمُوا وُجُوهَكُمْ عِنْدَ كُلِّ مَسْجِدٍ وَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ ۚ كَمَا بَدَأَكُمْ تَعُودُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ھەر سەجدە قىلغاندا پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر ئاللاھ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلاردا (ئەسلىگە) قايتىسىلەر»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيىتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. سىلەر ھەر سەجدىدە پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلارغا قايتىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ئى مۇئمىنلار! ھەر سەجدە قىلغان چېغىڭلاردا پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقاندەك ئەسلىڭلارغا قايتىسىلەر».
7 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سَاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سېھىرگەرلەر سەجدىگە باردى[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر سەجدىگە باش قويدى
ئەنەس ئالىم: سېھىرگەرلەر بولسا، ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە كەتتى.
7 : 206 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ عِنْدَ رَبِّكَ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيُسَبِّحُونَهُ وَلَهُ يَسْجُدُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ[206].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغىلا سەجدە قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ يېنىدىكىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ.
رەئد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَظِلَالُهُمْ بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلار) ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن - ئاخشامدا (يەنى داۋاملىق تۈردە) ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ سەجدە قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ئىخىتىيارىي ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ8. ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن كۈن ئولتۇرغۇچە بولغان ۋاقىتلاردا ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ.
ھىجىر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا سَوَّيْتُهُ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِنْ رُوحِي فَقَعُوا لَهُ سَاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار) »[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇنىڭغا شەكىل بېرىپ، ئىچىگە روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار».
15 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَجَدَ الْمَلَائِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ ئايرىلىپ قالماي ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن پەرىشىتىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك سەجدە قىلدى.
15 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَكُنْ مِنَ السَّاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭگە ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن
ئەنەس ئالىم: سەن رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن، سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن،
نەھىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَىٰ مَا خَلَقَ اللَّهُ مِنْ شَيْءٍ يَتَفَيَّأُ ظِلَالُهُ عَنِ الْيَمِينِ وَالشَّمَائِلِ سُجَّدًا لِلَّهِ وَهُمْ دَاخِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھ ياراتقان شەيئىلەرنىڭ سايىلىرى بويسۇنغان ھالدا ئاللاھقا سەجدە قىلىش يۈزىسىدىن ئوڭ ـ سولغا مايىل بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟[48]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھ ياراتقان شەيئىلەرنىڭ سايىلىرىنىڭ بويسۇنغان ھالدا ئاللاھقا سەجدە قىلىش يۈزىسىدىن ئوڭ ـ سولغا مايىل بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە قارىمىدىمۇ؟ ئۇ نەرسىلەرنىڭ سايىلىرى ئوڭ تەرەپكە ۋە سول تەرەپلەرگە يۆتكىلىدۇ ۋە بۇ شەكىلدە ئاللاھقا بويۇن ئېگىپ سەجدە قىلىدۇ.
16 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ مِنْ دَابَّةٍ وَالْمَلَائِكَةُ وَهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار، پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئۇلار (ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار، پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق جانلىقلار ۋە پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ. ئۇلار چوڭچىلىق قىلمايدۇ.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ آمِنُوا بِهِ أَوْ لَا تُؤْمِنُوا ۚ إِنَّ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ مِنْ قَبْلِهِ إِذَا يُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ يَخِرُّونَ لِلْأَذْقَانِ سُجَّدًا
مۇھەممەد سالىھ: «قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار (مەيلى، چۈنكى ئىشىنىشىڭلار قۇرئانغا كامالەت، ئىشەنمەسلىكىڭلار قۇرئانغا نۇقسان ئېلىپ كەلمەيدۇ)» دېگىن. شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (تەسىرلىنىپ) دەرھال سەجدىگە بارىدۇ[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيقىنكى، «قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار بەرىبىر». شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا دەرھال سەجدىگە بارىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: قۇرئانغا خالىساڭلار ئىشىنىڭلار، خالىساڭلار ئىشەنمەڭلار. شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىلىم بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىلگەن چاغدا، دەرھال سەجدىگە بارىدۇ،
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ مِنْ ذُرِّيَّةِ آدَمَ وَمِمَّنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ وَمِنْ ذُرِّيَّةِ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْرَائِيلَ وَمِمَّنْ هَدَيْنَا وَاجْتَبَيْنَا ۚ إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُ الرَّحْمَٰنِ خَرُّوا سُجَّدًا وَبُكِيًّا ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز (ئىمانغا) ھىدايەت قىلغان، (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا (زېمىنغا) يىقىلىدۇ[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر، ئادەم-ئەلەيھىسسالام-نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل-يەئقۇب ئەلەيھىسسالام-نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز-ئىمانغا-ھىدايەت قىلغان ۋە - پەيغەمبەرلىككە- تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا - زېمىنغا- يىقىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ ئىنئام قىلغان نەبىيلەردۇر. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئادەمنىڭ نەسلىدىندۇر، بەزىسى بىز نۇھ بىلەن بىللە قۇتقۇزغانلارنىڭ نەسىلىدىندۇر، بەزىسى ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلنىڭ نەسلىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ھىدايەت قىلغان ۋە تاللىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا رەھماننىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا، يىغلىشىپ سەجدىگە يىقىلىدۇ.
تاھا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
فَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سُجَّدًا قَالُوا آمَنَّا بِرَبِّ هَارُونَ وَمُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋەتتى) شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر (سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىپ): «ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: -مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋەتتى- شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر -سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىپ-: «ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ رەببىغا ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: نەتىجىدە سېھىرگەرلەر ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە باش قويۇپ: «بىز ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى.
20 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى، ئۇ (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى، ئۇ -سەجدە قىلىشتىن- باش تارتتى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار سەجدە قىلدى. ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى.
ھەج سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يَسْجُدُ لَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ وَالنُّجُومُ وَالْجِبَالُ وَالشَّجَرُ وَالدَّوَابُّ وَكَثِيرٌ مِنَ النَّاسِ ۖ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيْهِ الْعَذَابُ ۗ وَمَنْ يُهِنِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ مُكْرِمٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ ۩
مۇھەممەد سالىھ: بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)، زېمىندىكىلەر (يەنى ئىنسانلار، جىنلار ۋە زېمىندا ياشايدىغان بارلىق مەخلۇقاتلار)، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋاناتلار ئاللاھقا بويسۇنۇپ، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپ قىلىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ) ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر (كۇفرى سەۋەبلىك) ئازابقا دۇچار بولدى، ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى ئازاب قىلىش، رەھىم قىلىش، ئەزىز قىلىش، خار قىلىش، باي قىلىش، كەمبەغەل قىلىش ئاللاھنىڭ خاھىشىدىكى ۋە ھېكمىتىدىكى ئىش بولۇپ، ئاللاھقا ھېچ كىشى تەئەررۇز قىلالمايدۇ)[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر، زېمىندىكىلەر، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ئۆمۈلىگۈچىلەر ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرگە بولسا ئازاب ھەق بولدى، ئاللاھ خار قىلغان كىشىنى ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ: ئاسمانلاردىكى كىشىلەر، زېمىندىكى كىشىلەر، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، پۈتكۈل جانلىقلار ۋە نۇرغۇن ئىنسانلار ئاللاھقا سەجدە قىلماقتا. ئىنسانلارنىڭ تولىسى بولسا ئازابقا لايىق بولماقتىدۇر. ئاللاھ خار قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
22 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ارْكَعُوا وَاسْجُدُوا وَاعْبُدُوا رَبَّكُمْ وَافْعَلُوا الْخَيْرَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار (يەنى تەزەررۇ بىلەن ناماز ئوقۇڭلار)، (يالغۇز) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئىشلارنى (يەنى خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىش، يېتىم ـ يېسىرلەرنىڭ بېشىنى سىلاش، كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئۆتەش قاتارلىق ئىشلارنى) قىلىڭلار[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، يالغۇز رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
نۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يُسَبِّحُ لَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالطَّيْرُ صَافَّاتٍ ۖ كُلٌّ قَدْ عَلِمَ صَلَاتَهُ وَتَسْبِيحَهُ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِمَا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ۋە قاناتلىرىنى كەرگەن ھالدا (ئۇچۇپ كېتىۋاتقان) قۇشلارنىڭ تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقىنى سەن بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر(مەخلۇق) نىڭ دۇئاسىنى ۋە تەسبىھىنى بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ۋە قاناتلىرىنى كەرگەن ھالدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر مەخلۇقنىڭ دۇئاسىنى ۋە تەسبىھىنى بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر، سەپ - سەپ ئۇچارقاناتلار ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتماقتىدۇر. ھەر بىرى نامىزىنى ۋە تەسبىھىنى بىلدى8. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
فۇرقان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اسْجُدُوا لِلرَّحْمَٰنِ قَالُوا وَمَا الرَّحْمَٰنُ أَنَسْجُدُ لِمَا تَأْمُرُنَا وَزَادَهُمْ نُفُورًا ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «رەھمانغا (يەنى مەرھەمەتلىك ئاللاھقا) سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ سۆز ئۇلارنى (ئىماندىن) تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «رەھمان-مەرھەمەتلىك ئاللاھ- غا سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ نەپرىتىنى تېخىمۇ زىيارە قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا «رەھمانغا سەجدە قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ بۇيرۇق ئۇلارنى تېخىمۇ ئۈركۈتىۋېتىدۇ.
25 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَبِيتُونَ لِرَبِّهِمْ سُجَّدًا وَقِيَامًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار كېچىلەرنى پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن (يەنى ناماز ئوقۇش بىلەن) ئۆتكۈزىدۇ[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كېچىلەرنى رەببىغا سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كېچىلىرىنى رەببىگە سەجدە قىلىپ ۋە قىيامدا تۇرۇپ ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەردۇر.
شۇئەرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
فَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سَاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىھىرگەرلەر سەجدىگە باردى[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن سىھىرگەرلەر سەجدىگە باردى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە باش قويۇپ،
26 : 219 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَقَلُّبَكَ فِي السَّاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى (سەجدىگە بارغانلىق، رۇكۇغا تۇرغانلىق ۋە قىيامدا تۇرغانلىق) ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدۇ[219].
تەرجىمە ھەيئىتى: ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ھەرىكىتىڭنىمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەرىكەتلىرىڭنىمۇ كۆرىدۇ.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا يُؤْمِنُ بِآيَاتِنَا الَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُوا بِهَا خَرُّوا سُجَّدًا وَسَبَّحُوا بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقەتەن شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا شۇ ئايەتلەر بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن ئاللاھقا) سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىدۇ، پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمد ئېيتىدۇ. ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقەتەن شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىدۇ، رەببىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ھەمدۇ ئېيتىدۇ. ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا ئۇ ئايەتلەر ئەسلىتىلسە دەرھال سەجدە قىلىدۇ، رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە چوڭچىلىق قىلمايدۇ.
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْجُدُوا لِلَّهِ وَاعْبُدُوا ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: قېنى ئەمدى ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئىبادەت قىلىڭلار.
رەھمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَالنَّجْمُ وَالشَّجَرُ يَسْجُدَانِ
مۇھەممەد سالىھ: ئوت ـ چۆپلەر، دەل ـ دەرەخلەر سەجدە قىلىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ)[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئوت ـ چۆپلەر ۋە دەل ـ دەرەخلەر سەجدە قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەرەخلەر سەجدە قىلماقتىدۇر.
قەلەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يُكْشَفُ عَنْ سَاقٍ وَيُدْعَوْنَ إِلَى السُّجُودِ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئىش قىيىنلىشىدۇ. ئۇلار (ئىمانىنى سىناش ئۈچۈن) سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، ئۇلار سەجدە قىلالمايدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئىش قىيىنلىشىدۇ؛ ئۇلار سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، لېكىن ئۇلار سەجدە قىلالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى پاچاق ئېچىلىدۇ2. ئۇلار سەجدە قىلىشقا دەۋەت قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇلار قادىر بولالمايدۇ.
ئىنسان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، ئۇزۇن كېچىدە ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت
ئەنەس ئالىم: كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىن، كېچىنىڭ ئۇزۇن بىر قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن.
مۇرسەلات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
77 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار رۇكۇ قىلمايدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار رۇكۇ قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، رۇكۇ قىلمايدۇ.
ئىنىشقاق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
84 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قُرِئَ عَلَيْهِمُ الْقُرْآنُ لَا يَسْجُدُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟[21]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇلغاندا سەجدە قىلمايدۇ.
ئەلەق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
96 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
سَنَدْعُ الزَّبَانِيَةَ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن، (ئاللاھقا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئەسلا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن! سەجدە قىلغىن ۋە يېقىنلاشقىن
ئەنەس ئالىم: ياق!3 ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمغىن، سەجدە قىلغىن ۋە يېقىنلاشقىن4.