مۇسا
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكايىسى
ئەرەبچىىسى: موسى
ئېنگلىزچىسى: Musa
285 ئايەت
31 سۈرە
0 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
16 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ نَجَّيْنَاكُمْ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ يُذَبِّحُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ ۚ وَفِي ذَٰلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى قاتتىق قىينىغان، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى (پايدىلىنىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇرغان پىرئەۋن گۇرۇھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدۇق. بۇ، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ (ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنى ئايرىيدىغان) چوڭ سىنىقى ئىدى[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى قاتتىق قىينىغان، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى تىرىك قالدۇرغان پىرئەۋن گۇرۇھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزغان ئىدۇق. بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ (ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىيدىغان) چوڭ سىنىقى ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى فىرئەۋن خانىدانىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق. ئۇلار سىلەرگە ئەڭ يامان ئازابنى تېتىتاتتى: ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاتقۇزۇپ، قىزلىرىڭلارنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. بۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چوڭ سىناق بار ئىدى.
2 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ فَرَقْنَا بِكُمُ الْبَحْرَ فَأَنْجَيْنَاكُمْ وَأَغْرَقْنَا آلَ فِرْعَوْنَ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزدۇق (يەنى دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ، قۇرۇق يول ھاسىل قىلىپ، شۇ يەردىن سىلەرنى سالامەت ئۆتكۈزدۇق) ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلدۇق[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ (يول ئېچىپ) سىلەرنى قۇتقۇزغان ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۈچۈن دېڭىزنى يېرىپ، سىلەرنى قۇتقۇزغان ۋە كۆز ئالدىڭلاردا فىرئەۋن خانىدانىنى غەرق قىلىۋەتكەن ئىدۇق.
2 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ وَاعَدْنَا مُوسَىٰ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً ثُمَّ اتَّخَذْتُمُ الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِهِ وَأَنْتُمْ ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا 40 كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى نازىل قىلىشنى) ۋەدە قىلدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزەڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز مۇساغا قېرىق كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى نازىل قىلىش)نى ۋەدە قىلغان ئىدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىلەر كۇفرلىق قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالغان ئىدىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز مۇسا بىلەن قىرىق كېچىنى ۋەدىلەشكەن ئىدۇق. سىلەر ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزايغا چوقۇنغان ئىدىڭلار.
2 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَالْفُرْقَانَ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن، دەپ مۇساغا ھەقنى، كىتابنى ۋە فۇرقاننى بەردۇق[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، مۇساغا ھەقنى باتىلدىن ئايرىغۇچى كىتاب (يەنى تەۋرات) نى بەرگەن ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ مۇساغا كىتابنى ۋە فۇرقاننى22 بەرگەن ئىدۇق.
2 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْتُمْ يَا مُوسَىٰ لَنْ نُؤْمِنَ لَكَ حَتَّىٰ نَرَى اللَّهَ جَهْرَةً فَأَخَذَتْكُمُ الصَّاعِقَةُ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا: «ئى مۇسا! ئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگۈچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار ـ دە، (سىلەرگە نازىل بولغان ئازابنى) كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردا سىلەرنى چاقماق سوقتى[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر: «ئى مۇسا! بىزئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېگەن ئىدىڭلار، سىلەر قاراپ تۇرغاندا سىلەرنى چاقماق سوقتى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر «ئى مۇسا! بىز ئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگۈچە ساڭا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېگەن ئىدىڭلار، سىلەرنى دەرھال شىددەتلىك گۈلدۈرماما باسقان ئىدى. سىلەر قاراپ تۇراتتىڭلار.
2 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَظَلَّلْنَا عَلَيْكُمُ الْغَمَامَ وَأَنْزَلْنَا عَلَيْكُمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ ۖ كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ ۖ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (بىز سىلەرگە) «رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، شېرىن نەرسىلەردىن يەپ ـ ئىچىڭلار» (دېدۇق). ئۇلار (نېمەتلىرىمىزگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە ئەمەس، پەقەت ئۆزلىرىگىلا زۇلۇم قىلدى[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، سىلەرگە تەرەنجىۋىل بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بېرىپ: «بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، شېرىن نەرسىلەردىن يەڭلار» دېدۇق. ئۇلار (تۇزكورلۇق قىلىپ) بىزگە ئەمەس، بەلكى ئۆزىگىلا زۇلۇم قىلدى
ئەنەس ئالىم: بۇلۇتنى ئۈستۈڭلارغا سايىۋەن قىلدۇق، سىلەرگە تەييار ھالۋا بىلەن بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بەردۇق: «بىز سىلەرگە بەرگەن پاك رىزىقلاردىن يەڭلار» دېدۇق. ئۇلار بىزگە زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ئىدى.
2 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا ادْخُلُوا هَٰذِهِ الْقَرْيَةَ فَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ رَغَدًا وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُولُوا حِطَّةٌ نَغْفِرْ لَكُمْ خَطَايَاكُمْ ۚ وَسَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا (مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ ـ ئىچىڭلار، (بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار ۋە: (پەرۋەردىگارىمىز) گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز» دېدۇق[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا (مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەڭلار، ئۇنىڭ دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار، (ئى رەببىمىز) گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، شۇنداق قىلساڭلار گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز» دېگەن ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز: «شۇ يۇرتقا كىرىڭلار، ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغان يېرىڭلاردا كەڭتاشا يەڭلار، دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلىپ كىرىڭلار، ‹بىزنى ئەپۇ قىل› دەڭلار، گۇناھلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىمىز. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلىمىز» دېدۇق.
2 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذِ اسْتَسْقَىٰ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ فَقُلْنَا اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْحَجَرَ ۖ فَانْفَجَرَتْ مِنْهُ اثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَشْرَبَهُمْ ۖ كُلُوا وَاشْرَبُوا مِنْ رِزْقِ اللَّهِ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. تاشتىن 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەممە ئادەم (يەنى ھەر بىر قەبىلە) ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا) «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق)[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. تاشتىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا) «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق)
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمى ئۈچۈن سۇ ئىزدىگەن ئىدى، بىز ئۇنىڭغا «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن!» دېگەن ئىدۇق. مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇردى - دە، تاشتىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. ھەر قەبىلە سۇ ئىچىدىغان يېرىنى بىلدى. بىز ئۇلارغا: «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار!» دېدۇق.
2 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تَذْبَحُوا بَقَرَةً ۖ قَالُوا أَتَتَّخِذُنَا هُزُوًا ۖ قَالَ أَعُوذُ بِاللَّهِ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْجَاهِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن (يەنى مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن) بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «سەن بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «مەن (باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ) نادانلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھ سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى، قەۋمى ئۇنىڭغا: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سېغىنىمەن» دېدى.
2 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ ۚ قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا فَارِضٌ وَلَا بِكْرٌ عَوَانٌ بَيْنَ ذَٰلِكَ ۖ فَافْعَلُوا مَا تُؤْمَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە قانداق كالا ئىكەنلىكىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا: «ئاللاھ ئۇنى قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن، دەپ ئېيتتى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ قانداق كالا ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا: «ئاللاھ ئۇنى چوقۇم قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن دېدى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇساغا: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇ قانداق كالا؟» دېگەن ئىدى، مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بىر كالا› دەيدۇ. بۇيرۇلغىنىڭلارنى قىلىڭلار» دېدى.
2 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا لَوْنُهَا ۚ قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ صَفْرَاءُ فَاقِعٌ لَوْنُهَا تَسُرُّ النَّاظِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ رەڭگىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى، «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ رەڭگى قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ قانداق رەڭدە ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى، «ئاللاھ ئۇ كالىنىڭ رەڭگى چوقۇم قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇنىڭ رەڭگى قانداق؟» دېگەن ئىدى. مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ رەڭگى ساپسېرىق، كۆرگەنلەرنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر كالا› دەيدۇ» دېدى.
2 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ إِنَّ الْبَقَرَ تَشَابَهَ عَلَيْنَا وَإِنَّا إِنْ شَاءَ اللَّهُ لَمُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن، ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىزگە بايان قىلسۇن، (يەنى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلگەن كالىمۇ، ياكى سەمرىتىش ئۈچۈن بېقىلغان كالىمۇ؟) بۇ بىزگە مۈجمەل بولۇپ قالدى (بۇ ئېنىق بولىدىغان بولسا) خۇدا خالىسا (ئۇنى) بىز چوقۇم تاپىمىز» دېدى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن، بىزگە ئۇنىڭ قانداق كالا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق دەپ بەرسۇن، بۇ بىزگە تازا ئېنىق بولماي قالدى، (ئېنىق بولغاندىن كېيىن) خۇدا خالىسا ئۇنى بىز چوقۇم تاپىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇ قانداق كالا؟ چۈنكى بىزنىڭچە كالىلار ئوخشىشىپ قالدى، ئىنشائاللاھ ئۇنى تاپىمىز» دېدى.
2 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا ذَلُولٌ تُثِيرُ الْأَرْضَ وَلَا تَسْقِي الْحَرْثَ مُسَلَّمَةٌ لَا شِيَةَ فِيهَا ۚ قَالُوا الْآنَ جِئْتَ بِالْحَقِّ ۚ فَذَبَحُوهَا وَمَا كَادُوا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «ئاللاھ ئۇنىڭ يەر ھەيدەپ، ئېكىن سۇغىرىپ كۆندۈرۈلگەن بولماسلىقىنى، بېجىرىم، ئالىسى يوق (يەنى رەڭگىدە سېرىقلىقتىن باشقا رەڭ يوق) بولۇشىنى ئېيتتى» دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئۇلار (كالىنى) تېپىپ كېلىپ بوغۇزلىدى، (ئۇلار سوئال سوراۋەرگەنلىكتىن) بۇنى ئورۇنلىيالمىغىلى تاس قالدى[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «ئاللاھ ئۇ يەر ھەيدەشكە، زىرائەت سۇغىرىشقا كۆندۈرۈلمىگەن، بېجىرىم، ئالىسى يوق كالا بولسۇن دەيدۇ» دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئۇلار كالىنى (تېپىپ كېلىپ) بوغۇزلىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بوغۇزلىيالمىغىلى تاس قالغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ تېخى بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ يەر ھەيدىمىگەن ۋە ئېكىن سۇغارمىغان، ئەركىن قويۇۋېتىلگەن ۋە ھېچ ئالىسى بولمىغان بىر كالا› دەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «مانا ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئاندىن ئۇ كالىنى تېپىپ بوغۇزلىدى. ئۇلار بۇنى قىلمىغىلى تاس قالغان ئىدى.
2 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَقَفَّيْنَا مِنْ بَعْدِهِ بِالرُّسُلِ ۖ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ ۗ أَفَكُلَّمَا جَاءَكُمْ رَسُولٌ بِمَا لَا تَهْوَىٰ أَنْفُسُكُمُ اسْتَكْبَرْتُمْ فَفَرِيقًا كَذَّبْتُمْ وَفَرِيقًا تَقْتُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقىمۇئارقا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەر بەردۇق، ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇددۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن يۆلىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەرنى بەردۇق ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن قوللىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دېدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ئىدۇق. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغىمۇ روشەن دەلىللەرنى26 بەرگەن ئىدۇق، ئۇنى روھۇلقۇدۇس بىلەن قوللىغان ئىدۇق. لېكىن سىلەر قاچانىكى ئەلچى كۆڭلۈڭلار ياقتۇرمايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلدىڭلار ئەمەسمۇ؟! ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچى دېدىڭلار، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار.
2 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جَاءَكُمْ مُوسَىٰ بِالْبَيِّنَاتِ ثُمَّ اتَّخَذْتُمُ الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِهِ وَأَنْتُمْ ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا سىلەرگە ھەقىقەتەن ئېنىق مۆجىزىلەرنى كەلتۈردى، مۇسا (تۇر تېغىغا كەتكەن) دىن كېيىن، ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا سىلەرگە ھەقىقەتەن ئېنىق مۆجىزىلەرنى كەلتۈردى، مۇسا (تۇر تېغىغا كەتكەن) دىن كېيىن، سىلەر ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار
ئەنەس ئالىم: مۇسا سىلەرگە روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. سىلەر بولساڭلار، ئۇ يوق چاغدا موزايغا چوقۇنغان ئىدىڭلار. سىلەر ئەنە شۇنداق زالىمسىلەر!
2 : 246 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الْمَلَإِ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنْ بَعْدِ مُوسَىٰ إِذْ قَالُوا لِنَبِيٍّ لَهُمُ ابْعَثْ لَنَا مَلِكًا نُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ قَالَ هَلْ عَسَيْتُمْ إِنْ كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِتَالُ أَلَّا تُقَاتِلُوا ۖ قَالُوا وَمَا لَنَا أَلَّا نُقَاتِلَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَقَدْ أُخْرِجْنَا مِنْ دِيَارِنَا وَأَبْنَائِنَا ۖ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقِتَالُ تَوَلَّوْا إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا مۇسا (نىڭ ۋاپاتى) دىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان بىر جامائەنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە: «بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، (ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەرگە قارشى) ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشتى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ئوغۇللىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسى جىھادتىن باش تارتتى. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر[246].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا مۇسا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ياشىغان ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە؛ «بىزگە بىر پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشكەن ئىدى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد قىلىش پەرز قىلىنسا، جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە بالىۋاقىلىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا ئۇرۇش قىلىش پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسى جىھاد قىلىشتىن باش تارتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ مۇسادىن كېيىنكى دەۋردە ياشىغان كاتتىلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەبىيىسىگە: «بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلايلى!» دېگەن ئىدى. ئۇ نەبىي ئۇلارغا: «سىلەرگە ئۇرۇش پەرز قىلىنسا، ئۇرۇش قىلمىساڭلارچۇ؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئاللاھ يولىدا نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلمايلى؟ بىز يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، بالا - چاقىلىرىمىزدىن ئايرىۋېتىلگەن تۇرساق!» دېدى. لېكىن ئۇلارغا ئۇرۇش پەرز قىلىنغان ئىدى، ئازغىنىسىدىن باشقىسى يۈز ئۆرۈدى. ئاللاھ زالىملارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
نىسا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 153 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُكَ أَهْلُ الْكِتَابِ أَنْ تُنَزِّلَ عَلَيْهِمْ كِتَابًا مِنَ السَّمَاءِ ۚ فَقَدْ سَأَلُوا مُوسَىٰ أَكْبَرَ مِنْ ذَٰلِكَ فَقَالُوا أَرِنَا اللَّهَ جَهْرَةً فَأَخَذَتْهُمُ الصَّاعِقَةُ بِظُلْمِهِمْ ۚ ثُمَّ اتَّخَذُوا الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ فَعَفَوْنَا عَنْ ذَٰلِكَ ۚ وَآتَيْنَا مُوسَىٰ سُلْطَانًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن بىر كىتاب چۈشۈرۈشنى سورايدۇ، ئۇلار مۇسادىن بۇنىڭدىنمۇ چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە ئاللاھنى ئاپئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ زۇلمى سەۋەبلىك ئۇلارنى چاقماق سوقتى (يەنى ئاسماندىن بىر ئوت كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى). ئۇلار روشەن مۆجىزىلەر كەلگەندىن كېيىن موزاينى مەبۇد قىلىۋالدى. كېيىن بىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلدۇق. بىز مۇساغا (ئۇنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەردىن) روشەن پاكىت ئاتا قىلدۇق[153].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەھلى كىتاب سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن بىر كىتاب چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار مۇسادىن بۇنىڭدىنمۇ چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە ئاللاھنى ئاپئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى چاقماق سوقتى. روشەن مۆجىزىلەر كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇلار موزاينى مەبۇد قىلىۋالدى. كېيىن بىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلدۇق. بىز مۇسانى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىلگە ئىگە قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەھلى كىتاب سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن كىتاب چۈشۈرۈشىڭنى سورايدۇ. ئۇلار مۇسادىن ئۇنىڭدىن چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە ئاللاھنى ئوچۇق كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى زۇلۇم64 قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇ شىددەتلىك گۈلدۈرماما باستى. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن موزايغا چوقۇندى. ئاندىن بىز ئۇنى ئەپۇ قىلدۇق، بىز مۇساغا روشەن دەلىل بەردۇق.
4 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَفَعْنَا فَوْقَهُمُ الطُّورَ بِمِيثَاقِهِمْ وَقُلْنَا لَهُمُ ادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُلْنَا لَهُمْ لَا تَعْدُوا فِي السَّبْتِ وَأَخَذْنَا مِنْهُمْ مِيثَاقًا غَلِيظًا
مۇھەممەد سالىھ: (تەۋرات شەرىئىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقلىرى سەۋەبلىك) ئۇلاردىن ئەھدە ئالماق ئۈچۈن ئۈستىگە تۇر (تېغى) نى تىكلەپ قويدۇق، ئۇلارغا: «(بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاڭلار (يەنى شەنبىدە بېلىق تۇتۇش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار)» دېدۇق. ئۇلاردىن (بۇ ھەقتە) مەھكەم ۋەدە ئالدۇق[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئەھدە ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇر تېغىنى تىكلەپ قويۇپ: «سىلەر بەيتۇلمۇقەددەس دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار» دېگەن ھەمدە: «شەنبىدە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار (يەنى بېلىق تۇتماڭلار)» دەپ، ئۇلاردىن مەھكەم ۋەدە ئالغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىن ئەھدە ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇر تېغىنى كۆتۈردۇق ۋە ئۇلارغا: «دەرۋازىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبە كۈنىدە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار» دېدۇق ۋە ئۇلاردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق.
4 : 164 - ئايەت
كۆرۈش
وَرُسُلًا قَدْ قَصَصْنَاهُمْ عَلَيْكَ مِنْ قَبْلُ وَرُسُلًا لَمْ نَقْصُصْهُمْ عَلَيْكَ ۚ وَكَلَّمَ اللَّهُ مُوسَىٰ تَكْلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا بايان قىلغانلىرىمىزمۇ بار، ساڭا بايان قىلمىغانلىرىمىزمۇ بار، ئاللاھ مۇساغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلدى[164].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىز نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى ساڭا بايان قىلغانلىرىمىزمۇ بار، ساڭا بايان قىلمىغانلىرىمىزمۇ بار. ئاللاھ مۇساغا (بىۋاسىتە) گەپ قىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلغان ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. بىز قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلمىغان ئەلچىلەرنىمۇ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئاللاھ مۇساغا گەپ قىلدى.
مائىد سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ جَعَلَ فِيكُمْ أَنْبِيَاءَ وَجَعَلَكُمْ مُلُوكًا وَآتَاكُمْ مَا لَمْ يُؤْتِ أَحَدًا مِنَ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد قىلىڭلار، ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردا (سىلەرنى توغرا دىنغا يېتەكلەيدىغان) نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. سىلەردىن پادىشاھلار قىلدى (يەنى ئۆزەڭلارنى ئۆزەڭلارغا خوجا قىلدى). سىلەرگە جاھان ئەھلىدىن ھېچ كىشىگە بەرمىگەن (دەريانى يېرىپ ئوتتۇرىسىدىن يول ئېچىپ بېرىش، بۇلۇتلارنى سايىۋەن قىلىپ بېرىش، ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بېرىش قاتارلىق) نېمەتلەرنى بەردى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمگە ئېيتقان ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن، سىلەردىن پادىشاھلارنى چىقارغان، سىلەرگە جاھان ئەھلىدىن ھېچ كىشىگە بەرمىگەن نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار: ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردا نەبىيلەر قىلغان، سىلەرنى ھۆكۈمدارلار قىلغان ۋە ئالەملەردىن ھېچكىمگە بەرمىگىنىنى سىلەرگە بەرگەن ئىدى.
5 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
يَا قَوْمِ ادْخُلُوا الْأَرْضَ الْمُقَدَّسَةَ الَّتِي كَتَبَ اللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَرْتَدُّوا عَلَىٰ أَدْبَارِكُمْ فَتَنْقَلِبُوا خَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان (يەنى سىلەرنى كىرىشكە ئەمر قىلغان) مۇقەددەس زېمىنغا (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئارقاڭلارغا چېكىنمەڭلار، بولمىسا (ئىككىلا دۇنيادا) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر»[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە كىرىشنى بۇيرۇغان مۇقەددەس زېمىنغا (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئارقاڭلارغا چېكىنمەڭلار، بولمىسا، زىيان تارتقۇچى بولۇپ قالىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە يازغان مۇقەددەس زېمىنغا كىرىڭلار ۋە ئارقاڭلارغا يانماڭلار. بولمىسا زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ قالىسىلەر».
5 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِنَّ فِيهَا قَوْمًا جَبَّارِينَ وَإِنَّا لَنْ نَدْخُلَهَا حَتَّىٰ يَخْرُجُوا مِنْهَا فَإِنْ يَخْرُجُوا مِنْهَا فَإِنَّا دَاخِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى مۇسا! مۇقەددەس زېمىندا كۈچلۈك (يەنى جاسامەتلىك، قامەتلىك) بىر قەۋم بار (ئۇلار ئاد قەۋمىنىڭ قالدۇقى بولغان ئەمالىقەلەر بولۇپ)، ئۇلار چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇيەردىن چىقىپ كەتسە چوقۇم كىرىمىز» دېدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى مۇسا! مۇقەددەس زېمىندا كۈچلۈك بىر قەۋم بار، ئۇلار چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە چوقۇم كىرىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، ئۇ يەردە زومىگەر بىر قەۋم بار. ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيمىز. ئەگەر ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە، چوقۇم كىرىمىز» دېدى.
5 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَجُلَانِ مِنَ الَّذِينَ يَخَافُونَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمَا ادْخُلُوا عَلَيْهِمُ الْبَابَ فَإِذَا دَخَلْتُمُوهُ فَإِنَّكُمْ غَالِبُونَ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَتَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن بولغان، ئاللاھنىڭ (ئىمان بىلەن تائەتتىن ئىبارەت) نېمىتىگە ئېرىشكەن ئىككى ئادەم (يەنى كالب ئىبن يەفۇننە بىلەن يۇشە ئىبن نۇن) ئۇلارغا: «(شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، (شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئەگەر (ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغان ياردىمىگە) ئىشەنسەڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن بولغان، ئاللاھنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشكەن ئىككى ئادەم*[1] ئۇلارغا: «شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، دەرۋازىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھتىن قورقىدىغانلاردىن ئاللاھ ئىنئام قىلغان ئىككى ئەر كىشى: «ئۇلارغا شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار چوقۇم غالىب كېلىسىلەر. ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار» دېدى13.
5 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِنَّا لَنْ نَدْخُلَهَا أَبَدًا مَا دَامُوا فِيهَا ۖ فَاذْهَبْ أَنْتَ وَرَبُّكَ فَقَاتِلَا إِنَّا هَاهُنَا قَاعِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: « ئى مۇسا! مادامىكى، ئۇلار مۇقەددەس يەردە ئىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادى: «ئى مۇسا! ئۇلار ئۇ يەردىلا بولىدىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋاردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى مۇسا! ئۇلار ئۇ مۇقەددەس زېمىندىلا بولىدىكەن، بىز ئۇ يەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيمىز. سەن رەببىڭ بىلەن بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار. بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى.
5 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي لَا أَمْلِكُ إِلَّا نَفْسِي وَأَخِي ۖ فَافْرُقْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا دېدى: «پەرۋەردىگارىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىنداشلىرىمغىلا ئىگىمەن، سەن بىز بىلەن (ئىتائىتىڭدىن باش تارتقان) قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن»[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا دېدى: «ئى رەببىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىندىشىمغىلا ئىگە، سەن بىز بىلەن بۇ پاسىق قەۋم ئارىسىدا بىر ھۆكۈم قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىندىشىمغا ئىگە بولالايمەن14. بىز بىلەن بۇ فاسىق قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن» دېدى.
5 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَإِنَّهَا مُحَرَّمَةٌ عَلَيْهِمْ ۛ أَرْبَعِينَ سَنَةً ۛ يَتِيهُونَ فِي الْأَرْضِ ۚ فَلَا تَأْسَ عَلَى الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ دېدى: « ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىشى 40 يىلغىچە ھارام قىلىندى، (بۇ جەرياندا) ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ . پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن»(ئىزاھات: مۇسا ئەلەيھسىسالامنىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ ئىجابەت قىلدى، ئۇلارنى زېمىندا 40 يىل ئاداشتۇردى.)[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ دېدى: «(ئى مۇسا!) ئۇلارنىڭ مۇقەددەس زېمىنغا كىرىشى 40 يىلغىچە چەكلەندى، بۇ جەرياندا ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ*[1]. پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرما»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ مۇقەددەس زېمىن بۇلارغا قىرىق يىل ھارام قىلىندى. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ. سەن ئۇ فاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن».
ئەنئام سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۚ كُلًّا هَدَيْنَا ۚ وَنُوحًا هَدَيْنَا مِنْ قَبْلُ ۖ وَمِنْ ذُرِّيَّتِهِ دَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ وَأَيُّوبَ وَيُوسُفَ وَمُوسَىٰ وَهَارُونَ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. (ئىبراھىمدىن) ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلدۇق. ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلايمان، ئەييۇب، يۈسۈف، مۇسا، ھارۇنلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى بەخش ئەتتۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. بىز ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلغان، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۈسۈف، مۇسا، ھارۇنلارنى ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ھەممىسىنى ھىدايەت قىلدۇق. بىز ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. بىز ئۇنىڭ نەسلىدىن داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا ۋە ھارۇنلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
6 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ تَمَامًا عَلَى الَّذِي أَحْسَنَ وَتَفْصِيلًا لِكُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لَعَلَّهُمْ بِلِقَاءِ رَبِّهِمْ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدىغان نېمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ دىنىي ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولغان) ھەر بىر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) ئاتا قىلدۇق[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدىغان نېمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان) ھەربىر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، (ئۇلارنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ياخشىلىق قىلغان كىشىگە نېمەتنى تاماملاش، ھەر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، توغرا يولنى كۆرسىتىش ۋە مەرھەمەت قىلىش ئۈچۈن مۇساغا كىتابنى ئاتا قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇلارنى رەببىگە مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ قىلدۇق.
ئەئراف سۈرىسى
56 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ بَعَثْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَظَلَمُوا بِهَا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەزكۇز پەيغەمبەرلەردىن كېيىن، مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، (مىسىرنىڭ مۇسا زامانىدىكى پادىشاھى) پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق. ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەزكۇز پەيغەمبەرلەردىن كېيىن، مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. يامان ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراپ باققىن
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىن كېيىن مۇسانى فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە ئايەتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. لېكىن ئۇلار ئۇ ئايەتلىرىمىزگە زۇلۇم قىلدى. قارىغىنا، ئۇ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
7 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ يَا فِرْعَوْنُ إِنِّي رَسُولٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرمەن[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرمەن
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئېيتتى: «ئى فىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن.
7 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
حَقِيقٌ عَلَىٰ أَنْ لَا أَقُولَ عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ ۚ قَدْ جِئْتُكُمْ بِبَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ فَأَرْسِلْ مَعِيَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتتىن باشقىنى ئېيتماسلىققا لايىقمەن. راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن قويۇپ بەرگىن (مەن بىلەن بىللە ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ۋەتىنى مۇقەددەس زېمىنغا بارسۇن)»[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتنىلا ئېيتىشقا لايىقمەن، راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقنىلا سۆزلىشىم كېرەك. شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن».
7 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنْ كُنْتَ جِئْتَ بِآيَةٍ فَأْتِ بِهَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن (پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، (بۇ دەۋايىڭدا) راستچىللاردىن بولساڭ، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، سېنىڭ بۇ گېپىڭ راست بولسا، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «روشەن دەلىل ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، قېنى ئۇنى ئوتتۇرىغا قويغىن. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ» دېدى.
7 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَلْقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعْبَانٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ ناگاھان ئاشكارا بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ شۇ ھامان ئېنىق بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال ھاسىسىنى تاشلىدى. ئۇ بىردىنلا ھەقىقىي چوڭ يىلانغا ئايلاندى
7 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَزَعَ يَدَهُ فَإِذَا هِيَ بَيْضَاءُ لِلنَّاظِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قولىنى (قولتۇقىدىن) چىقىرىۋىدى، ئۇ ناگاھان قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولىنى (قوينىدىن) چىقىرىۋىدى، ئۇ شۇ ھامان قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان) ئاپپاق بولۇپ كۆرۈندى
ئەنەس ئالىم: ۋە قولىنى چىقاردى -دە، كۆرگۈچىلەرگە ئاپئاق كۆرۈندى.
7 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِ فِرْعَوْنَ إِنَّ هَٰذَا لَسَاحِرٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن قەۋمنىڭ چوڭلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن قەۋمنىڭ كاتتىباشلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن.
7 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُ أَنْ يُخْرِجَكُمْ مِنْ أَرْضِكُمْ ۖ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سىلەرنى زېمىنىڭلار (يەنى مىسىر زېمىنى) دىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»[110]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى. نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟»20.
7 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَرْجِهْ وَأَخَاهُ وَأَرْسِلْ فِي الْمَدَائِنِ حَاشِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ بىر پىكىرگە كەلگۈچە) تەخىر قىلغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغقۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئاكىسىغا بىر ئاز ۋاقىت بەرگىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتكىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنى ۋە قېرىندىشىنى نەزەربەند قىلغىن ۋە پۈتۈن شەھەرلەرگە ئادەم يىغىپ كەلگۈچىلەر ئەۋەتكىن.
7 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
يَأْتُوكَ بِكُلِّ سَاحِرٍ عَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن»[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن»
ئەنەس ئالىم: ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يېنىڭغا ئېلىپ كەلسۇن».
7 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَ السَّحَرَةُ فِرْعَوْنَ قَالُوا إِنَّ لَنَا لَأَجْرًا إِنْ كُنَّا نَحْنُ الْغَالِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (پىرئەۋن سېھىرگەرلىرىنى يىغىشقا ئادەملىرىنى ئەۋەتتى) سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: سېھىرگەرلەر فىرئەۋننىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئەگەر غالىب كەلگۈچىلەر بىز بولساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟» دېدى.
7 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ نَعَمْ وَإِنَّكُمْ لَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن: «ھەئە، (مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىم بولۇپ قالىسىلەر» دېدى[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن: «ھەئە، (ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىم بولۇپ قالىسىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «ئەلۋەتتە، ھەمدە چوقۇم يېقىنلىرىمدىن بولىسىلەر» دېدى.
7 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِمَّا أَنْ تُلْقِيَ وَإِمَّا أَنْ نَكُونَ نَحْنُ الْمُلْقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى سېھىرگەرلەر): «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن، ياكى بىز (ئۆزىمىزنىڭكىنى) ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» دېدى[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن، ياكى بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى مۇسا! ئاۋۋال سەن تاشلامسەن ياكى بىز تاشلامدۇق؟» دېدى.
7 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَلْقُوا ۖ فَلَمَّا أَلْقَوْا سَحَرُوا أَعْيُنَ النَّاسِ وَاسْتَرْهَبُوهُمْ وَجَاءُوا بِسِحْرٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى (يەنى كىشىلەرنى) قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى، ئۇلار (كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە) چوڭ (كۆرۈنىدىغان) سېھىرنى كۆرسەتتى[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى. ئۇلار ھەيۋەتلىك سېھىرنى كۆرسەتتى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار» دېدى. ئۇلار تاشلىغان ئىدى، ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى چۆچۈتۈۋەتتى ۋە چوڭ سېھىر كۆرسەتتى.
7 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَلْقِ عَصَاكَ ۖ فَإِذَا هِيَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن » دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسانىڭ ھاسىسى ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ساختا نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا «ھاساڭنى تاشلا» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسانىڭ تاشلىشى بىلەن ھاسا ئۇلارنىڭ ئويدۇرغان نەرسىلىرىنى بىردىنلا يالماپ يۇتۇۋەتتى.
7 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَقَعَ الْحَقُّ وَبَطَلَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەت ئاشكارا بولدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرى بەربات بولدى[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت ئاشكارا بولدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرى بەربات بولدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى بەربات بولدى.
7 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
فَغُلِبُوا هُنَالِكَ وَانْقَلَبُوا صَاغِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ يەردە ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمى) مەغلۇپ بولدى، خار بولغان ھالدا (شەھەرگە قايتتى)[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ يەردە پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمى مەغلۇپ بولۇپ، خار بولغان ھالدا قايتتى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن ۋە ئادەملىرى شۇ يەردە مەغلۇپ بولدى ۋە كىچىكلىگەن ھالدا قايتتى21.
7 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سَاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سېھىرگەرلەر سەجدىگە باردى[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر سەجدىگە باش قويدى
ئەنەس ئالىم: سېھىرگەرلەر بولسا، ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە كەتتى.
7 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا آمَنَّا بِرَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دېدى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق[121].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دېدى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىغا ئىمان ئېيتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق،
7 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا (ئىمان ئېيتتۇق)»[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق»
ئەنەس ئالىم: يەنى مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە!».
7 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فِرْعَوْنُ آمَنْتُمْ بِهِ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّ هَٰذَا لَمَكْرٌ مَكَرْتُمُوهُ فِي الْمَدِينَةِ لِتُخْرِجُوا مِنْهَا أَهْلَهَا ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەر (يەنى مىسىر) دىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلاردۇر. (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەردىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلار ئىكەن. سىلەر مېنىڭ (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلماستىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار. دېمەككى، بۇ سىلەر شەھەردە پىلانلىغان ھىيلىدۇر، شەھەردىن ئاھالىسىنى چىقىرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭلار. يېقىندا كۆرگۈلۈكىڭلارنى كۆرىسىلەر.
7 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
لَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ مِنْ خِلَافٍ ثُمَّ لَأُصَلِّبَنَّكُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول پۇتۇڭلار بىلەن ئوڭ قولۇڭلارنى) چوقۇم كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىمەن»[124].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارن ئوڭ ـ سول قىلىپ (ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى ئوڭ پۇتۇڭلار بىلەن سول قولۇڭلارنى) چوقۇم كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن»
ئەنەس ئالىم: چوقۇم قوللىرىڭلارنى ۋە پۇتلىرىڭلارنى چاپراس شەكىلدە كەستۈرىمەن. ئاندىن چوقۇم ھەممىڭلارنى دارغا ئاستۇرىمەن» دېدى.
7 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا إِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا مُنْقَلِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر ئېيتتى: «بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، بىز رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچى كىشىلەرمىز.
7 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تَنْقِمُ مِنَّا إِلَّا أَنْ آمَنَّا بِآيَاتِ رَبِّنَا لَمَّا جَاءَتْنَا ۚ رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَتَوَفَّنَا مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن بىزنى پەقەت پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن»[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىزنى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. ئى رەببىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ جېنىمىزنى مۇسۇلمان ھالىتىمىزدە ئالغىن»
ئەنەس ئالىم: سەن رەببىمىزنىڭ بىزگە كەلگەن ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىزگە نەپرەت قىلىۋاتىسەن. رەببىمىز! ئۈستىمىزگە سەۋر ياغدۇرغىن ۋە بىزنى مۇسۇلمانلار ھالىتىمىزدە ۋاپات قىلدۇرغىن».
7 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِ فِرْعَوْنَ أَتَذَرُ مُوسَىٰ وَقَوْمَهُ لِيُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَيَذَرَكَ وَآلِهَتَكَ ۚ قَالَ سَنُقَتِّلُ أَبْنَاءَهُمْ وَنَسْتَحْيِي نِسَاءَهُمْ وَإِنَّا فَوْقَهُمْ قَاهِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمنىدا پىتنە ـ پاسات تۇغدۇرۇشقا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلاشقا قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرىمىز، ئاياللىرىنى بولسا (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرۇپ قويىمىز، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ زېمىندا پىتنە ـ پاسات تۇغدۇرۇشىغا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلىشىغا يول قويامسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرىمىز، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرۇپ قويىمىز. بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر: «مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشلىرىغا، بولۇپمۇ مۇسانى، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلىۋېتىشىگە قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى22. فىرئەۋن: «بىز ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرگۈزىمىز، قىزلىرىنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلىشى ئۈچۈن تىرىك قالدۇرىمىز. ئەلۋەتتە بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈمران كىشىلەرمىز» دېدى.
7 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ اسْتَعِينُوا بِاللَّهِ وَاصْبِرُوا ۖ إِنَّ الْأَرْضَ لِلَّهِ يُورِثُهَا مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ئىگە قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار ۋە سەۋر قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، زېمىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە مىراس قىلىپ بېرىدۇ. ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارنىڭ بولىدۇ» دېدى.
7 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أُوذِينَا مِنْ قَبْلِ أَنْ تَأْتِيَنَا وَمِنْ بَعْدِ مَا جِئْتَنَا ۚ قَالَ عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَنْ يُهْلِكَ عَدُوَّكُمْ وَيَسْتَخْلِفَكُمْ فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرَ كَيْفَ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قېلىشى، (مىسىر) زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىشى، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇھەققەقتۇر» دېدى[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سەن بىزگە (پەيغەمبەر بولۇپ) كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلار دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىپ، مىسىر زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىپ، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇمكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بولسا: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ بىزگە ئەزىيەت قىلىندى» دېدى. مۇسا: «رەببىڭلار دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىشى ۋە سىلەرنى بۇ يەردە ئورۇنباسار قىلىشى، ئاندىن سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇمكىن» دېدى.
7 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَخَذْنَا آلَ فِرْعَوْنَ بِالسِّنِينَ وَنَقْصٍ مِنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز فىرئەۋن خانىدانىنى ئويلانسۇن دەپ ئۇلارنى يىللارچە قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك بىلەن جازالىدۇق.
7 : 131 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا جَاءَتْهُمُ الْحَسَنَةُ قَالُوا لَنَا هَٰذِهِ ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَطَّيَّرُوا بِمُوسَىٰ وَمَنْ مَعَهُ ۗ أَلَا إِنَّمَا طَائِرُهُمْ عِنْدَ اللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئەگەر (پاراۋانلىق ـ مولچىلىقتەك) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز، دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى»، دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق (مۇسانىڭ شۇملۇقىدىن ئەمەس) ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى (يەنى ئۇلارغا كەلگەن بالا ـ قازانىڭ ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى) ئۇقمايدۇ[131].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئەگەر بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز» دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى» دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر. لېكىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى بۇنى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە ياخشىلىق كەلگەن چاغدا: «بىزنىڭ تەلىيىمىزدىن كەلدى» دەيتتى. باشلىرىغا بىرەر يامانلىق يەتكەندە بولسا، «مۇسا ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى» دېيىشەتتى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ شۇملۇقى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ23.
7 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا مَهْمَا تَأْتِنَا بِهِ مِنْ آيَةٍ لِتَسْحَرَنَا بِهَا فَمَا نَحْنُ لَكَ بِمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى پىرئەۋن قەۋمى): «كۆزىمىزنى باغلاش ئۈچۈن ھەرقانداق مۆجىزە كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار (يەنى پىرئەۋن قەۋمى): «سەن بىزنىڭ كۆزىمىزنى باغلاش ئۈچۈن ھەرقانداق مۆجىزە كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇساغا: «بىزنى سېھىرلەش ئۈچۈن قانداق ئايەت كەلتۈرسەڭ كەلتۈرگىن، بىز ساڭا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېدى.
7 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ الطُّوفَانَ وَالْجَرَادَ وَالْقُمَّلَ وَالضَّفَادِعَ وَالدَّمَ آيَاتٍ مُفَصَّلَاتٍ فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا سۇ ئاپىتىنى، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان (بالالىرىنى) روشەن مۆجىزىلەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا) ئۇلارنىڭ گەدەنكەشلىكى يول قويمىدى، ئۇلار گۇناھكار قەۋم بولدى[133].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىز كەلكۈن، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان ئاپەتلىرىنى روشەن مۆجىزە قىلىپ ئەۋەتتۇق، (شۇنداقتىمۇ) ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، گۇناھكار قەۋمگە ئايلاندى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا سۇ تاشقىنىنى، چېكەتكىلەرنى، پىتلارنى، پاقىلارنى ۋە قاننى، ھەر بىرىنى ئايرىم مۆجىزە قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇلار يەنىلا چوڭچىلىق قىلدى ۋە گۇناھكار قەۋم بولدى.
7 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا وَقَعَ عَلَيْهِمُ الرِّجْزُ قَالُوا يَا مُوسَى ادْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِنْدَكَ ۖ لَئِنْ كَشَفْتَ عَنَّا الرِّجْزَ لَنُؤْمِنَنَّ لَكَ وَلَنُرْسِلَنَّ مَعَكَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بالا نازىل بولغاندا، ئۇلار: «ئى مۇسا! پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدى بىلەن (يەنى ساڭا بەرگەن پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى بىلەن بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشكە) دۇئا قىلساڭ، ئاللاھقا قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئاپەت كەلگەندە، ئۇلار: «ئى مۇسا! سەن پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدىسى بىلەن بىزدىن (ئاپەتنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تىلەپ) دۇئا قىلغىن. قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن ئاپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، بىز ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار، ئۈستىلىرىگە ئۇ پاسكىنىلىق چۈشكەندە: «ئى مۇسا! رەببىڭنىڭ ساڭا قىلغان ئەھدىسىگە ئاساسەن بىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىن. ئەگەر بىزدىن بۇ پاسكىنىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىشىنىمىز ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن كەتكىلى قويىمىز» دېدى.
7 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُمُ الرِّجْزَ إِلَىٰ أَجَلٍ هُمْ بَالِغُوهُ إِذَا هُمْ يَنْكُثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن بالانى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن ئەھدىلىرىنى بۇزدى[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئاپەتنى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن يۇقىرىقى ۋەدىسىنى بۇزدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئۇ پاسكىنىلىقنى ئۇلار تولدۇرىدىغان بىر مۇددەتنىڭ ئاخىرىغىچە كۆتۈرۈۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلار بىردىنلا سۆزلىرىدىن يېنىۋالدى.
7 : 136 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْتَقَمْنَا مِنْهُمْ فَأَغْرَقْنَاهُمْ فِي الْيَمِّ بِأَنَّهُمْ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا عَنْهَا غَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق[136].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلىكى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلدۇق! چۈنكى ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە ئۇلاردىن غاپىل بولغان.
7 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْرَثْنَا الْقَوْمَ الَّذِينَ كَانُوا يُسْتَضْعَفُونَ مَشَارِقَ الْأَرْضِ وَمَغَارِبَهَا الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا ۖ وَتَمَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ الْحُسْنَىٰ عَلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ بِمَا صَبَرُوا ۖ وَدَمَّرْنَا مَا كَانَ يَصْنَعُ فِرْعَوْنُ وَقَوْمُهُ وَمَا كَانُوا يَعْرِشُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان (شام) زېمىننىڭ شەرق تەرەپلىرىگە ۋە غەرب تەرەپلىرىگە (يەنى ھەممە تەرەپكە) ۋارىس قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغانلىرى (يەنى ئىمارەتلىرى) نى ۋە ياسىغانلىرى (يەنى باغلىرى ۋە ئېكىنزارلىقلىرى) نى ۋەيران قىلدۇق[137].
تەرجىمە ھەيئىتى: بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى ئىسرائى ئەۋلادىنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىن (شام) نىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىگە ئىگە قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغان ئىمارەتلىرىنى ۋە باراڭ قىلغان بىنالىرىنى ۋەيران قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بوزەك قىلىنغان قەۋمنى بولسا، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىننىڭ مەشرىقلىرىگە ۋە مەغرىبلىرىگە مىراسچى قىلدۇق. رەببىڭنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىغا بەرگەن گۈزەل سۆزى ئەمەلگە ئاشتى24، چۈنكى ئۇلار سەۋر قىلدى. بىز فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغان ئىمارەتلىرىنى ۋە ياسىغان باغباراڭلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق.
7 : 138 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاوَزْنَا بِبَنِي إِسْرَائِيلَ الْبَحْرَ فَأَتَوْا عَلَىٰ قَوْمٍ يَعْكُفُونَ عَلَىٰ أَصْنَامٍ لَهُمْ ۚ قَالُوا يَا مُوسَى اجْعَلْ لَنَا إِلَٰهًا كَمَا لَهُمْ آلِهَةٌ ۚ قَالَ إِنَّكُمْ قَوْمٌ تَجْهَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز (قۇلزۇم) دېڭىزىدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى[138].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! سەن بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئاندىن ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئوخشاش ئىلاھ قىلىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا ئېيتتى: «سىلەر ھەقىقەتەن جاھىللىق قىلىدىغان قەۋم ئىكەنسىلەر!
7 : 139 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰؤُلَاءِ مُتَبَّرٌ مَا هُمْ فِيهِ وَبَاطِلٌ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ باتىل دىنلىرى گۇمران بولغۇسىدۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر[139].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ باتىل دىنلىرى گۇمران بولغۇسىدۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئويدۇرما دىنى چوقۇم ھالاك قىلىنغۇچىدۇر، قىلىۋاتقان ئىشلىرى باتىلدۇر».
7 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَغَيْرَ اللَّهِ أَبْغِيكُمْ إِلَٰهًا وَهُوَ فَضَّلَكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «ئاللاھ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟» دېدى[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «ئاللاھ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىمەن؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟ ئاللاھ سىلەرنى زامانداشلىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلغان تۇرسا!».
7 : 141 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَنْجَيْنَاكُمْ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ ۖ يُقَتِّلُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ ۚ وَفِي ذَٰلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، ئاياللىرىڭلارنى (خورلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى، بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى[141].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، قىزلىرىڭلارنى (خارلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى. بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى فىرئەۋن خانىدانىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق. ئۇلار سىلەرگە ئەڭ يامان ئازابنى تېتىتاتتى: ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرگۈزۈپ، قىزلىرىڭلارنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. بۇ رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چوڭ سىناق ئىدى.
7 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَاعَدْنَا مُوسَىٰ ثَلَاثِينَ لَيْلَةً وَأَتْمَمْنَاهَا بِعَشْرٍ فَتَمَّ مِيقَاتُ رَبِّهِ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً ۚ وَقَالَ مُوسَىٰ لِأَخِيهِ هَارُونَ اخْلُفْنِي فِي قَوْمِي وَأَصْلِحْ وَلَا تَتَّبِعْ سَبِيلَ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇساغا (بىزگە مۇناجات قىلىشقا) ئوتتۇز كېچىنى ۋەدە قىلدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارىنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى 40 كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇنباسارىم بولۇپ تۇرغىن، (ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تۈزىگىن، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن» دېدى[142].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇساغا ئوتتۇز كېچىنى (ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سۆزلىشىشنى) ۋەدە قىلغان ئىدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى قىرىق كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇنباسارىم بولۇپ تۇرغىن، (ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تۈزىگىن، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسا بىلەن ئوتتۇز كېچىنى ۋەدىلەشتۇق. ئۇنى يەنە ئون بىلەن تاماملىدۇق. شۇنىڭ بىلەن رەببىنىڭ تەيىنلىگەن ۋاقتى تولۇق قىرىق كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «قەۋمىمنىڭ ئىچىدە ئورۇنباسارىم بولغىن، ئىسلاھ قىلغىن ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىغا ئەگەشمىگىن» دېدى.
7 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَ مُوسَىٰ لِمِيقَاتِنَا وَكَلَّمَهُ رَبُّهُ قَالَ رَبِّ أَرِنِي أَنْظُرْ إِلَيْكَ ۚ قَالَ لَنْ تَرَانِي وَلَٰكِنِ انْظُرْ إِلَى الْجَبَلِ فَإِنِ اسْتَقَرَّ مَكَانَهُ فَسَوْفَ تَرَانِي ۚ فَلَمَّا تَجَلَّىٰ رَبُّهُ لِلْجَبَلِ جَعَلَهُ دَكًّا وَخَرَّ مُوسَىٰ صَعِقًا ۚ فَلَمَّا أَفَاقَ قَالَ سُبْحَانَكَ تُبْتُ إِلَيْكَ وَأَنَا أَوَّلُ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان چاغدا: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈپ ئالاي» دېدى. ئاللاھ: «مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ بۇ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايدۇ). لېكىن تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا تەجەللى قىلىش بىلەن، تاغنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: « (پەرۋەرىگارىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئەۋۋىلىمەن» دېدى[143].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان چاغدا: «ئى رەببىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈۋالاي» دېدى. ئاللاھ: «سەن مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ). لېكىن، تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئۆز ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا ئۆز نۇرىنى غىل-پال چۈشۈرۈشى بىلەن تاغ تۈپتۈز بولۇپ كەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: « (ئى رەببىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (مۇشۇ دەۋردىكىلەر ئىچىدە سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ تۇنجىسىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا بىز تەيىنلىگەن ۋاقىتتا كېلىپ، رەببى ئۇنىڭغا سۆز قىلغان چاغدا: «رەببىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، ساڭا قاراي!» دېدى. رەببى: «مېنى ھەرگىز كۆرەلمەيسەن. لېكىن شۇ تاغقا قارىغىن. ئەگەر ئۇ ئورنىدا تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. ئاندىن ئۇنىڭ رەببى ئۇ تاغقا تەجەللى قىلغان ئىدى، ئۇنى كۇكۇم - تالقان قىلىۋەتتى. مۇسا ھوشىدىن كېتىپ يىقىلدى. ھوشىغا كېلىپ: «سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن مۇئمىنلارنىڭ ئاۋۋىلىمەن» دېدى.
7 : 144 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا مُوسَىٰ إِنِّي اصْطَفَيْتُكَ عَلَى النَّاسِ بِرِسَالَاتِي وَبِكَلَامِي فَخُذْ مَا آتَيْتُكَ وَكُنْ مِنَ الشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى (زامانىڭدىكى) كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە ۋە مەن بىلەن (بىۋاسىتە) سۆزلىشىشكە تاللىدىم. ساڭا مەن ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىكنى قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن»[144].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى (زامانىڭدىكى) كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە ۋە مەن بىلەن (بىۋاسىتە) سۆزلىشىشكە تاللىدىم، مەن ساڭا ئاتا قىلغان نەرسىنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، ساڭا ئەلچىلىك ۋەزىپىلىرىنى بېرىشىم بىلەن ۋە سەن بىلەن سۆزلىشىشىم بىلەن سېنى ئىنسانلاردىن ئۈستۈن قىلدىم. ئۇ ھالدا مەن ساڭا بەرگەن نەرسىلەرنى ئالغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دېدى.
7 : 145 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَتَبْنَا لَهُ فِي الْأَلْوَاحِ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ مَوْعِظَةً وَتَفْصِيلًا لِكُلِّ شَيْءٍ فَخُذْهَا بِقُوَّةٍ وَأْمُرْ قَوْمَكَ يَأْخُذُوا بِأَحْسَنِهَا ۚ سَأُرِيكُمْ دَارَ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا (ئىسرائىل ئەۋلادى دىنىدا موھتاج بولغان) ۋەز ـ نەسىھەت، (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يازدۇق. (ئى مۇسا) ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن، سىلەرگە پاسىقلار (يەنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى) نىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن[145].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا ۋەز ـ نەسىھەت، (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يازدۇق. (ئى مۇسا) سەن ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن، پات ئارىدا سىلەرگە پاسىقلار (يەنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى) نىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسا ئۈچۈن تەۋراتنىڭ تاختىلىرىدا ھەر نەرسە توغرىسىدا نەسىھەت ۋە ھەر نەرسىنىڭ تەپسىلاتىنى يازدۇق. ئاندىن دېدۇقكى: «بۇلارنى چىڭ تۇتقىن ۋە قەۋمىڭنى بۇيرۇغىن، بۇلارنىڭ ئەڭ گۈزەلىنى تۇتسۇن. مەن يېقىندا سىلەرگە فاسىقلارنىڭ يۇرتىنى كۆرسىتىمەن.
7 : 148 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّخَذَ قَوْمُ مُوسَىٰ مِنْ بَعْدِهِ مِنْ حُلِيِّهِمْ عِجْلًا جَسَدًا لَهُ خُوَارٌ ۚ أَلَمْ يَرَوْا أَنَّهُ لَا يُكَلِّمُهُمْ وَلَا يَهْدِيهِمْ سَبِيلًا ۘ اتَّخَذُوهُ وَكَانُوا ظَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ قەۋمى مۇسادىن كېيىن (يەنى مۇسا پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىش ئۈچۈن تۇر تېغىغا كەتكەندىن كېيىن)، زىننەت بۇيۇملىرىدىن موزايدەك ئاۋاز چىقىرىدىغان بىر جانسىز موزاي ياسىدى. ئۇلار موزاينىڭ ئۆزلىرىگە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، يول كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى مەبۇد قىلىۋالدى، ئۇلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچى بولدى[148].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ قەۋمى مۇسا (پەرۋەردىگارى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن كەتكەن) دىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ (پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئارىيەت ئالغان) زىبۇ-زىننەتلىرىدىن مۆرەيدىغان بىر موزاي ھەيكىلىنى ياسىدى. ئۇلار بۇ موزاينىڭ ئۇلارغا سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، يول كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى مەبۇد قىلىۋېلىپ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلدى
ئەنەس ئالىم: مۇسانىڭ قەۋمى مۇسادىن كېيىن25 ئۆزلىرىنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىدىن ياسالغان، مۆرەيدىغان موزاي ھەيكىلىنى ئىلاھ قىلىۋالدى. ئۇلار ئۇ ھەيكەلنىڭ ئۆزلىرىگە گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە يول كۆرسىتەلمەيغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى ئىلاھ قىلىۋالدى ۋە زالىملار بولدى.
7 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا سُقِطَ فِي أَيْدِيهِمْ وَرَأَوْا أَنَّهُمْ قَدْ ضَلُّوا قَالُوا لَئِنْ لَمْ يَرْحَمْنَا رَبُّنَا وَيَغْفِرْ لَنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (موزايغا چوقۇنغانلىقلىرىغا) پۇشايمان قىلغان ۋە راست ئازغانلىقلىرىنى چۈشەنگەن چاغدا: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى[149].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پۇشايمان قىلغان ۋە ھەقىقىي ئازغانلىقىنى چۈشەنگەن چاغدا: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پۇشايمان قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ راستتىنلا ئېزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن چېغىدا: «ئەگەر رەببىمىز بىزگە مەرھەمەت قىلمىسا ۋە بىزگە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز» دېدى.
7 : 150 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا رَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا قَالَ بِئْسَمَا خَلَفْتُمُونِي مِنْ بَعْدِي ۖ أَعَجِلْتُمْ أَمْرَ رَبِّكُمْ ۖ وَأَلْقَى الْأَلْوَاحَ وَأَخَذَ بِرَأْسِ أَخِيهِ يَجُرُّهُ إِلَيْهِ ۚ قَالَ ابْنَ أُمَّ إِنَّ الْقَوْمَ اسْتَضْعَفُونِي وَكَادُوا يَقْتُلُونَنِي فَلَا تُشْمِتْ بِيَ الْأَعْدَاءَ وَلَا تَجْعَلْنِي مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا غەزەپلەنگەن، غەمكىن ھالدا قەۋمىگە قايتىپ كېلىپ: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار ـ ھە! (كۈتۈپ تۇرماي) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلىدى، قېرىندىشىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. (ھارۇن) ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! (بۇ) قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەر ئالدىدا كۈلكىگە قويمىغىن. مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن»[150].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا غەزەپلەنگەن ۋە ئېچىنغان ھالدا قايتىپ كېلىپ، قەۋمىگە: «سىلەر مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) بەكمۇ يامان ئىش قىپسىلەر ـ ھە!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمرىنى كۈتۈپ تۇرماي ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلاپ، قېرىندىشى (ھارۇن) نىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. ھارۇن ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! بۇ قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەرگە كۈلكە قىلىپ بەرمىگىن؟ مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا قەۋمىنىڭ يېنىغا غەزەپلەنگەن ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا قايتىپ كېلىپ: «مەندىن كېيىن، يوق چېغىمدا بەك يامان ئىش قىلىپسىلەر! رەببىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى، تاختىلارنى تاشلىدى ۋە قېرىندىشىنىڭ بېشىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. قېرىندىشى: «ئانامنىڭ ئوغلى! شۈبھىسىزكى، بۇ قەۋم مېنى بوزەك قىلدى ۋە مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. ئەمدى سەنمۇ ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىپ دۈشمەنلەرنى سۆيۈندۈرمىگىن، مېنى بۇ زالىم قەۋمنىڭ قاتارىدا قىلمىغىن!» دېدى.
7 : 151 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِأَخِي وَأَدْخِلْنَا فِي رَحْمَتِكَ ۖ وَأَنْتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن»[151].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم! مېنى ۋە قېرىندىشىمنى كەچۈرگىن ۋە بىزنى رەھمىتىڭگە كىرگۈزگىن. سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسدۇرسەن» دېدى.
7 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ اتَّخَذُوا الْعِجْلَ سَيَنَالُهُمْ غَضَبٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَذِلَّةٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُفْتَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، (ئاللاھقا) بوھتان قىلغۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز[152].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، يالغاننى توقۇپ چىققۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، موزايغا چوقۇنغانلارغا يېقىندا رەببىدىن غەزەپ ۋە دۇنيا ھاياتىدا خارلىق يېتىدۇ. بىز بوھتان چاپلىغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.
7 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا سَكَتَ عَنْ مُوسَى الْغَضَبُ أَخَذَ الْأَلْوَاحَ ۖ وَفِي نُسْخَتِهَا هُدًى وَرَحْمَةٌ لِلَّذِينَ هُمْ لِرَبِّهِمْ يَرْهَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردە ياتقان تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا ‹پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ› دەپ يېزىلغان ئىدى[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردىكى تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ دەپ يېزىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا غەزىپى بېسىققاندا تاختىلارنى ئالدى. ئۇلارغا يېزىلغانلاردا رەببىدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەت بار ئىدى.
7 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
وَاخْتَارَ مُوسَىٰ قَوْمَهُ سَبْعِينَ رَجُلًا لِمِيقَاتِنَا ۖ فَلَمَّا أَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ قَالَ رَبِّ لَوْ شِئْتَ أَهْلَكْتَهُمْ مِنْ قَبْلُ وَإِيَّايَ ۖ أَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ السُّفَهَاءُ مِنَّا ۖ إِنْ هِيَ إِلَّا فِتْنَتُكَ تُضِلُّ بِهَا مَنْ تَشَاءُ وَتَهْدِي مَنْ تَشَاءُ ۖ أَنْتَ وَلِيُّنَا فَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا ۖ وَأَنْتَ خَيْرُ الْغَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا، بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىدىن 70 كىشىنى تاللىدى؛ ئۇلارغا زىلزىلە يۈزلەنگەندە، مۇسا: «پەرۋەردىگارىم! خالىغان بولساڭ ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر، شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى ئازدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن[155].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا (تۇر تېغىغا) ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆز قەۋمىدىن يەتمىش كىشىنى تاللىدى؛ ئۇلار يەر تەۋرەشكە دۇچ كەلگەندە، مۇسا دېدى: «ئى رەببىم! خالىغان بولساڭ، ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن، بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر. شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى گۇمراھلىقىدا قالدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: مۇسا بىز تەيىنلىگەن ۋاقىت ئۈچۈن قەۋمىدىن يەتمىش كىشىنى تاللىدى. ئاندىن ئۇلارنى ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باسقان چاغدا، مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! خالىغان بولساڭ، بۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلىۋەتكەن بولاتتىڭ. ئىچىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر. سەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىسەن، ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىسەن. سەن بىزنىڭ ۋەلىيىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە مەرھەمەت قىلغىن. سەن مەغپىرەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسدۇرسەن.
7 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
وَاكْتُبْ لَنَا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ إِنَّا هُدْنَا إِلَيْكَ ۚ قَالَ عَذَابِي أُصِيبُ بِهِ مَنْ أَشَاءُ ۖ وَرَحْمَتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ ۚ فَسَأَكْتُبُهَا لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالَّذِينَ هُمْ بِآيَاتِنَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك ياخشىلىق قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئازابىم بىلەن (بەندىلىرىمدىن) خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، (ماللىرىنىڭ) زاكىتىنى بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن»[156].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك ياخشىلىق قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «مەن ئازابىم بىلەن خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفردىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، زاكات بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن»
ئەنەس ئالىم: بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يازغىن. بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەتكۈزىدىغان توغرا يولغا كىردۇق». ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئازابىمنى ئۆزۈم خالىغان كىشىگە يەتكۈزىمەن. رەھمىتىم ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. يېقىندا ئۇنى تەقۋادارلىق قىلىدىغان ۋە زاكاتنى بېرىدىغانلارغا، ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغا يازىمەن.
7 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ قَوْمِ مُوسَىٰ أُمَّةٌ يَهْدُونَ بِالْحَقِّ وَبِهِ يَعْدِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ) ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان، ھەق بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر جامائە بار[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان، ھەق بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر جامائە بار
ئەنەس ئالىم: مۇسانىڭ قەۋمى ئىچىدە ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئادىللىق قىلىدىغان بىر ئۇممەت بار.
7 : 160 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَطَّعْنَاهُمُ اثْنَتَيْ عَشْرَةَ أَسْبَاطًا أُمَمًا ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ إِذِ اسْتَسْقَاهُ قَوْمُهُ أَنِ اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْحَجَرَ ۖ فَانْبَجَسَتْ مِنْهُ اثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَشْرَبَهُمْ ۚ وَظَلَّلْنَا عَلَيْهِمُ الْغَمَامَ وَأَنْزَلْنَا عَلَيْهِمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ ۖ كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ ۚ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ۇلار (بەنى ئىسرائىل) نى 12 تارماققا (يەنى قەبىلىگە) جامائەلەر قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن (قەبىلىلەرنىڭ سانى بويىچە) 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار». (ئۇلار بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە زىيان سالغىنى يوق، (ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم سالدى[160].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) نى ئون ئىككى تارماق، يەنى قەبىلە قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىۋىل بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا): «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار» (دېدۇق). ئۇلار (بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىش ئارقىلىق) بىزگە زىيان سالمىدى، لېكىن ئۆزىگە زىيان سالدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى پارچە - پارچە ئۇممەتلەر ھالىتىدە ئون ئىككى قەبىلىگە ئايرىدۇق. مۇسادىن قەۋمى سۇ تەلەپ قىلغان چاغدا بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن شۇ تاشقا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسا ھاسىسىنى ئۇ تاشقا ئۇرغان ئىدى، دەرھال ئۇنىڭدىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. ھەر قەبىلە سۇ ئىچىدىغان يېرىنى بىلدى. شۇنىڭدەك، بىز ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق ۋە ئۇلارغا تەييار ھالۋا بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. «بىز سىلەرگە بەرگەن رىزىقلارنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار» دېدۇق. ئۇلار بىزگە زۇلۇم قىلمىدى. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلاتتى.
7 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قِيلَ لَهُمُ اسْكُنُوا هَٰذِهِ الْقَرْيَةَ وَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ وَقُولُوا حِطَّةٌ وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا نَغْفِرْ لَكُمْ خَطِيئَاتِكُمْ ۚ سَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا (بىز ئۇلارغا) (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دە تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دەڭلار، جىمى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) زىيادە بېرىمىز» دېدۇق[161].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەردە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەستە) تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئىگىلگەن ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، (شۇ ۋاقتىدا) بىز بارلىق گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) ئاشۇرۇپ بېرىمىز» دېيىلگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «شۇ يۇرتقا يەرلىشىڭلار، ئۇنىڭدىن خالىغان يېرىڭلاردا يەڭلار، ‹بىزنى ئەپۇ قىل› دەڭلار ۋە دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغا ھالدا كىرىڭلار26. شۇنداق قىلساڭلار، خاتالىقلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلىمىز» دېيىلگەن ئىدى.
7 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَدَّلَ الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ قَوْلًا غَيْرَ الَّذِي قِيلَ لَهُمْ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِجْزًا مِنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۇلارغا ئېيتىلغان سۆز (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق[162].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۆزىگە ئېيتىلغان سۆزلەرنى باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى، مۇشۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئىچىدىن زۇلۇم قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىگە دېيىلگەن سۆزنى باشقا سۆز بىلەن ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا ئاسماندىن پاسكىنىلىق چۈشۈردۇق، چۈنكى ئۇلار زۇلۇم قىلغان ئىدى.
7 : 171 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ نَتَقْنَا الْجَبَلَ فَوْقَهُمْ كَأَنَّهُ ظُلَّةٌ وَظَنُّوا أَنَّهُ وَاقِعٌ بِهِمْ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُمْ بِقُوَّةٍ وَاذْكُرُوا مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا (تۇر) تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق، ئۇلار تاغنى ئۈستىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «تەقۋادارلار قاتارىدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار»[171].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا تۇر تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق. ئۇلار تاغ ئۈستىمىزگە چۈشۈپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «سىلەرنىڭ تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز تۇر تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەن ئىدۇق، تاغ خۇددى سايىۋەندەك ئىدى. ئۇلار بۇ تاغ ئۈستىمىزگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى. بىز بۇ ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارغا: «بىز سىلەرگە بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، تەقۋادار بولالايسىلەر!» دېگەن ئىدۇق.
يۇنۇس سۈرىسى
19 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ بَعَثْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ مُوسَىٰ وَهَارُونَ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ بِآيَاتِنَا فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: . ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق. ئۇلار (ئىمان ئېيتىشتىن) بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار گۇناھكار قەۋم ئىدى[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئىمان ئېيتىشتىن بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار گۇناھكار قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە ئايەتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. لېكىن ئۇلار چوڭچىلىق قىلدى ۋە گۇناھكار قەۋم بولدى.
10 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَهُمُ الْحَقُّ مِنْ عِنْدِنَا قَالُوا إِنَّ هَٰذَا لَسِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت كەلگەن چاغدا ئۇلار: «بۇ ھەقىقەتەن روشەن سېھىردۇر» دېدى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت نازىل بولغان چاغدا ئۇلار: «بۇ ھەقىقەتەن روشەن سېھىردۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ھەق كەلگەندە، «شۈبھىسىزكى، بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى.
10 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مُوسَىٰ أَتَقُولُونَ لِلْحَقِّ لَمَّا جَاءَكُمْ ۖ أَسِحْرٌ هَٰذَا وَلَا يُفْلِحُ السَّاحِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «سىلەرگە ھەقىقەت كەلسە ئۇنى سېھىر دەمسىلەر؟ ئەجەبا بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «سىلەرگە ھەقىقەت كەلسە ئۇنى سېھىر دەمسىلەر؟ ئەجەبا بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «سىلەر ئۆزۈڭلارغا كەلگەن ھەق توغرۇلۇق مۇشۇنداق دەمسىلەر؟ بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ» دېدى.
10 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَجِئْتَنَا لِتَلْفِتَنَا عَمَّا وَجَدْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا وَتَكُونَ لَكُمَا الْكِبْرِيَاءُ فِي الْأَرْضِ وَمَا نَحْنُ لَكُمَا بِمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «سەن بىزگە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋاز كەچتۈرۈش ۋە زېمىن (يەنى مىسىر زېمىنى) نىڭ سەلتەنىتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز ئىككىڭلارغا ئىشەنمەيمىز» دېدى[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سەن بىزگە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋاز كەچتۈرۈش ۋە مىسىر زېمىنىنىڭ سەلتەنىتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز ئىككىڭلارغا ئىشەنمەيمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سەن بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىدىن چىقىرىش ۋە قېرىندىشىڭ بىلەن بۇ يەرنىڭ چوڭلىرى بولۇش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز سەنلەرگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېدى.
10 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ ائْتُونِي بِكُلِّ سَاحِرٍ عَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن: «مېنىڭ ئالدىمغا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن: «مېنىڭ ئالدىمغا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار» دېدى.
10 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَ السَّحَرَةُ قَالَ لَهُمْ مُوسَىٰ أَلْقُوا مَا أَنْتُمْ مُلْقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سېھىرگەرلەر يېتىپ كەلگەندە، مۇسا ئۇلارغا: «(ئارغامچا ۋە ھاسىلىرىڭلاردىن) تاشلىماقچى بولغىنىڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر يېتىپ كەلگەندە، مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغىنىڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: سېھىرگەرلەر كەلگەندە مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى.
10 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَلْقَوْا قَالَ مُوسَىٰ مَا جِئْتُمْ بِهِ السِّحْرُ ۖ إِنَّ اللَّهَ سَيُبْطِلُهُ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُصْلِحُ عَمَلَ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئەلۋەتتە تۈزىمەيدۇ» دېدى[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئەلۋەتتە تۈزىمەيدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تاشلىغان ئىدى، مۇسا مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە سېھىر سىلەرنىڭ كەلتۈرگىنىڭلاردۇر، ئاللاھ ئۇنى چوقۇم بەربات قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى تۈزەتمەيدۇ،
10 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُحِقُّ اللَّهُ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ
ئەنەس ئالىم: گۇناھكارلار ياقتۇرمىسىمۇ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ».
10 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا آمَنَ لِمُوسَىٰ إِلَّا ذُرِّيَّةٌ مِنْ قَوْمِهِ عَلَىٰ خَوْفٍ مِنْ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِمْ أَنْ يَفْتِنَهُمْ ۚ وَإِنَّ فِرْعَوْنَ لَعَالٍ فِي الْأَرْضِ وَإِنَّهُ لَمِنَ الْمُسْرِفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇساغا پەقەت ئۆز قەۋمىدىن (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادىدىن) ئازغىنىسى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورققان ھالدا ئىمان ئېيتتى. پىرئەۋن زېمىندا (يەنى مىسىر زېمىنىدا) شەك ـ شۈبھىسىز مۇتەكەببىردۇر، ئۇ ئەلۋەتتە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىندۇر[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇساغا پەقەت ئۆز قەۋمىدىن ئازغىنىسى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورققان ھالدا ئىمان ئېيتتى. پىرئەۋن زېمىندا شەك ـ شۈبھىسىز مۇتەكەببىردۇر، ئۇ ئەلۋەتتە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىندۇر
ئەنەس ئالىم: مۇساغا ئۆز قەۋمىدىن پەقەت بىر بۆلۈك ياشلار، فىرئەۋن ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىنىڭ قىينىشىدىن قورقۇپ تۇرۇپ ئىشەندى. چۈنكى فىرئەۋن ئۇ يەردە ھەقىقەتەن زومىگەر ئىدى ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى.
10 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ يَا قَوْمِ إِنْ كُنْتُمْ آمَنْتُمْ بِاللَّهِ فَعَلَيْهِ تَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار (يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار)» دېدى[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، ئەگەر مۇسۇلمان بولىدىغان بولساڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى.
10 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالُوا عَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْنَا رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق، رەببىمىز، زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدۇق، رەببىمىز! بىزنى زالىم قەۋمنىڭ قىينىشى بىلەن ئىمتىھان قىلمىغىن،
10 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَجِّنَا بِرَحْمَتِكَ مِنَ الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنى رەھمىتىڭ بىلەن زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن»[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنى رەھمىتىڭ بىلەن زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن»
ئەنەس ئالىم: بىزنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن كافىر قەۋمدىن قۇتقۇزغىن».
10 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ وَأَخِيهِ أَنْ تَبَوَّآ لِقَوْمِكُمَا بِمِصْرَ بُيُوتًا وَاجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قِبْلَةً وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۆمىنلەرگە (دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلدۇق: «ئىككىڭلار مىسىردا قەۋمىڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر تەييارلاڭلار. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھ قىلىڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار. ئى مۇسا! مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن».
10 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ رَبَّنَا إِنَّكَ آتَيْتَ فِرْعَوْنَ وَمَلَأَهُ زِينَةً وَأَمْوَالًا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا رَبَّنَا لِيُضِلُّوا عَنْ سَبِيلِكَ ۖ رَبَّنَا اطْمِسْ عَلَىٰ أَمْوَالِهِمْ وَاشْدُدْ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُوا حَتَّىٰ يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ھاياتىي دۇنيادا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال ـ مۈلۈكلەرنى بەردىڭ.ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلار بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئازدۇردى. ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمايدۇ »[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىمىز! كىشىلەرنى يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈن ـ ئى رەببىمىز! - پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ھاياتىي دۇنيادا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال ـ مۈلۈكلەرنى بەردىڭ، رەببىمىز! ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان ئېيتماي قاتتىق ئازابنى كۆرسۇن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىمىز! سەن فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا زىننەت ۋە ھەر خىل مال - مۈلۈك بەردىڭ. رەببىمىز! بۇ ئۇلارنىڭ سېنىڭ يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ؟ رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ماللىرىنى قۇرۇتىۋەتكىن، قەلبلىرىنى قاتتىق قىلىۋەتكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمىسۇن» دېدى.
10 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ قَدْ أُجِيبَتْ دَعْوَتُكُمَا فَاسْتَقِيمَا وَلَا تَتَّبِعَانِّ سَبِيلَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، دەۋىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار»[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، دەۋىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «دۇئايىڭلار ئىجابەت قىلىندى. توغرا يولدا ئۇدۇل مېڭىڭلار ۋە بىلمەيدىغانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار» دېدى.
10 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاوَزْنَا بِبَنِي إِسْرَائِيلَ الْبَحْرَ فَأَتْبَعَهُمْ فِرْعَوْنُ وَجُنُودُهُ بَغْيًا وَعَدْوًا ۖ حَتَّىٰ إِذَا أَدْرَكَهُ الْغَرَقُ قَالَ آمَنْتُ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا الَّذِي آمَنَتْ بِهِ بَنُو إِسْرَائِيلَ وَأَنَا مِنَ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىش يۈزىسىدىن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىش يۈزىسىدىن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئۇ ئەسنادا فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى زۇلۇم قىلىش ۋە تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن ئىدى. ئاخىرى فىرئەۋن غەرق بولۇۋېتىپ: «مەن ئىمان ئېيتتىم: شۈبھىسىزكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان زاتتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى.
10 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
آلْآنَ وَقَدْ عَصَيْتَ قَبْلُ وَكُنْتَ مِنَ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنىڭغا دېيىلدىكى) «(ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە) ئەمدى (ئىمان ئېيتامسەن؟) ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنىڭغا دېيىلدىكى-: «ئەمدى ئىمان ئېيتامسەن؟ ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئەمدىمۇ؟ ھالبۇكى، سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ.
10 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْيَوْمَ نُنَجِّيكَ بِبَدَنِكَ لِتَكُونَ لِمَنْ خَلْفَكَ آيَةً ۚ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ عَنْ آيَاتِنَا لَغَافِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىتىڭنى قۇتقۇزىمىز (يەنى سېنىڭ جەسىتىڭنى دېڭىزدىن چىقىرىپ قويىمىز)». نۇرغۇن كىشىلەر، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىتىڭنى قۇتقۇزىمىز». نۇرغۇن كىشىلەر، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر
ئەنەس ئالىم: ئارقاڭدىكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈن جەسىتىڭنى قۇتقۇزۇپ ساھىلدا ئېگىز يەرگە چىقىرىمىز». شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر.
10 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ بَوَّأْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ مُبَوَّأَ صِدْقٍ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ فَمَا اخْتَلَفُوا حَتَّىٰ جَاءَهُمُ الْعِلْمُ ۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِي بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى (ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن) ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى پاك نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارغا ئىلىم (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىچىگە ئالغان تەۋرات) كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار (دىن ئىشىدا)ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى شېرىن نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى. رەببىڭ قىيامەت كۈنى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئۇلارغا پاك رىزىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن ئىختىلاپ قىلىشتى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
ھۇد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى ھەقىقەتەن ئايەتلىرىمىز (يەنى ئاللاھتىن نازىل بولغان دىنىي ئەھكاملار) ۋە روشەن دەلىللەر (يەنى مۆجىزىلەر) بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى[96 ـ 97].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇسانى ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن دەلىللەر بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق،
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز مۇسانى ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق،
ئىبراھىم سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا أَنْ أَخْرِجْ قَوْمَكَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ وَذَكِّرْهُمْ بِأَيَّامِ اللَّهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتەن (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (ئۇنىڭغا دېدۇقكى) «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا (يەنى ئىمانغا) چىقارغىن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەتكىن». بۇنىڭدا (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى، (نېمەتكە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر (بەندە) ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، -ئۇنىڭغا دېدۇقكى-، «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقارغىن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەتكىن». بۇنىڭدا سەۋر قىلغۇچى ۋە شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسانى، «قەۋمىڭنى زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقارغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى1 ئەسلەتكىن» دەپ ئايەتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا سەۋر قىلغۇچىلار ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
14 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ أَنْجَاكُمْ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ وَيُذَبِّحُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ ۚ وَفِي ذَٰلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۆز ۋاقتىدا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن قەۋمىدىن قۇتقۇزدى، ئۇلار سىلەرنى قاتتىق قىينايتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلايتتى، خوتۇن كىشىلىرىڭلارنى (خىزمەت قىلدۇرۇشقا) قالدۇراتتى. بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (سىلەرگە) چوڭ سىناق بار ئىدى» دېدى[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن ئائىلىسىدىن قۇتقۇزدى، ئۇلار سىلەرنى قاتتىق قىينايتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلايتتى، خوتۇن كىشىلىرىڭلارنى خىزمەت قىلدۇرۇشقا قالدۇراتتى. بۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چوڭ سىناق بار ئىدى» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار. ئۇ سىلەرنى فىرئەۋن خانىدانىدىن قۇتقۇزدى. ئۇلار سىلەرگە ئەڭ يامان ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاتقۇزۇپ، قىزلىرىڭلارنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. بۇ رەببىڭلاردىن سىلەرگە چوڭ سىناق ئىدى.
14 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ إِنْ تَكْفُرُوا أَنْتُمْ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا فَإِنَّ اللَّهَ لَغَنِيٌّ حَمِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا (ئۆز قەۋمىگە): «ئەگەر سىلەر ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى كىشىلەر كاپىر بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر)، چۈنكى ئاللاھ ئەلۋەتتە (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەلەشكە لايىقتۇر» دېدى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «ئەگەر سىلەر ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى كىشىلەر كاپىر بولۇپ كەتسەڭلارمۇ، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەلۋەتتە بىھاجەتتۇر، مەدھىيىلەشكە لايىقتۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىلەر ۋە زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، ئاللاھ يەنىلا غەنىيدۇر، مەدھىيەلەنگۈچىدۇر».
ئىسرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَىٰ تِسْعَ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ ۖ فَاسْأَلْ بَنِي إِسْرَائِيلَ إِذْ جَاءَهُمْ فَقَالَ لَهُ فِرْعَوْنُ إِنِّي لَأَظُنُّكَ يَا مُوسَىٰ مَسْحُورًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇساغا ھەقىقەتەن توققۇز روشەن مۆجىزە ئاتا قىلدۇق، مۇسا پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كەلگەن چاغدا بىز مۇساغا: «(ئۇلاردىن) ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قويۇۋېتىشنى) سورىغىن» (دېدۇق). پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! سېنى مەن چوقۇم جادۇ قىلىنغان دەپ ئويلايمەن» دېدى[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇساغا ھەقىقەتەن توققۇز روشەن مۆجىزە ئاتا قىلدۇق، مۇسا پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كەلگەن چاغدا بىز مۇساغا: «ئۇلاردىن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋېتىشنى سورىغىن» -دېدۇق-. پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! مەن سېنى چوقۇم جادۇ قىلىنغان دەپ ئويلايمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا روشەن توققۇز مۆجىزە بەردۇق. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىن: مۇسا ئۇلارغا كەلگەندە فىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن سېنى سېھىرلەنگەن ئادەم دەپ ئويلايمەن» دېگەن ئىدى.
17 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَقَدْ عَلِمْتَ مَا أَنْزَلَ هَٰؤُلَاءِ إِلَّا رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ بَصَائِرَ وَإِنِّي لَأَظُنُّكَ يَا فِرْعَوْنُ مَثْبُورًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «(ئى پىرئەۋن!) بۇلار (يەنى توققۇز مۆجىزە) نى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) دەلىل قىلىپ نازىل قىلغانلىقىنى سەن (گەرچە تىلىڭدا ئىقرار قىلمىساڭمۇ دىلىڭدا ئەلۋەتتە) ئوبدان بىلىسەن، مەن سېنى، ئى پىرئەۋن، ھەقىقەتەن، ھالاك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «-ئى پىرئەۋن!- بۇلارنى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل قىلىپ نازىل قىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەن، مەن سېنى، ئى پىرئەۋن، ھەقىقەتەن، ھالاك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «سەن بۇ مۆجىزىلەرنى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى ھەقىقەتنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر قىلىپ نازىل قىلغانلىقىنى ئوبدان بىلىسەن. ئى فىرئەۋن! شۈبھىسىزكى، مەن سېنى ھالاك قىلىنىدىغان ئادەم دەپ ئويلايمەن».
كەھف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِفَتَاهُ لَا أَبْرَحُ حَتَّىٰ أَبْلُغَ مَجْمَعَ الْبَحْرَيْنِ أَوْ أَمْضِيَ حُقُبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ياش خادىمىغا (يەنى يۇشەئ ئىبنى نۇنغا): «ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يەتمىگۈچە مېڭىشىمنى توختاتمايمەن، (شۇ جايغا يەتكەنگە قەدەر) ئۇزاققىچە مېڭىۋېرىمەن» دېدى[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ياش خادىمى-يۇشەئ ئىبىن نۇنغا-: «ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يەتمىگىچە مېڭىشىمنى توختاتمايمەن، -شۇ جايغا يەتكەنگە قەدەر- ئۇزاققىچە مېڭىۋېرىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆزىنىڭ ياش خادىمىغا: «مەن ئىككى دېڭىزنىڭ بىرلەشكەن يېرىگە يېتىپ بارمىغىچە ياكى بۇ يولدا ئۇزۇن زامان ئۆتكۈزمىگۈچە ھېچ توختىماستىن ماڭىمەن» دېگەن ئىدى.
18 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَهُ مُوسَىٰ هَلْ أَتَّبِعُكَ عَلَىٰ أَنْ تُعَلِّمَنِ مِمَّا عُلِّمْتَ رُشْدًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟ (يەنى سۆھبىتىڭدە بولايمۇ؟)» دېدى[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئۇنىڭغا: «ساڭا ئۆگىتىلگەن ئىلىملەردىن ماڭا توغرىنى كۆرسىتىدىغان ئىلىم ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگەشسەم بولامدۇ؟» دېدى.
18 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ صَابِرًا وَلَا أَعْصِي لَكَ أَمْرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى كۆرىسەن، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلمايمەن»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى كۆرىسەن، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلمايمەن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئىنشائاللاھ، مېنى سەۋرچان كۆرىسەن، سېنىڭ ھېچ ئىشىڭغا قارشى چىقمايمەن» دېدى.
18 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَا تُؤَاخِذْنِي بِمَا نَسِيتُ وَلَا تُرْهِقْنِي مِنْ أَمْرِي عُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئەھدىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمغا مېنى ئەيىبلىمە، سەن بىلەن بىللە بولۇشتا مېنى قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويما»[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئەھدىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمغا مېنى ئەيىبلىمە، سەن بىلەن بىللە بولۇشتا مېنى قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويما»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئۇنتۇپ قېلىپ دەپ سالغان بۇ سۆزۈم ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمىگىن. بىلىمىڭدىن ئۆگىنىۋېلىشمنى قىيىنلاشتۇرمىغىن!» دېدى.
18 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنْ سَأَلْتُكَ عَنْ شَيْءٍ بَعْدَهَا فَلَا تُصَاحِبْنِي ۖ قَدْ بَلَغْتَ مِنْ لَدُنِّي عُذْرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەندىن بىرەر ئىش توغرۇلۇق سورىسام (يەنى قىلغان ئىشىڭغا ئېتىراز بىلدۈرسەم)، مېنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمىغىن، (ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە ئۈچ قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن مېنىڭ ئالدىمدا (ماڭا ھەمراھ بولماسلىقتا) مەزۇرسەن»[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەندىن بىرەر ئىش توغرۇلۇق سورىسام، مېنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمىغىن، -ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە ئۈچ قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن- مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزرىنىڭ ئاخىرقى چەكلىمىسىگە يەتتىڭ!»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئەگەر سەندىن بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر نەرسە سورىسام، مېنى يېنىڭدا ئېلىپ ماڭمىغىن. ساڭا ئېيتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۆزرەم مۇشۇ بولۇپ قالسۇن» دېدى.
مەريەم سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مُوسَىٰ ۚ إِنَّهُ كَانَ مُخْلَصًا وَكَانَ رَسُولًا نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) مۇسا (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئىبادىتىگە خاس قىلغان ھەم رەسۇل (يەنى ئەلچى)، ھەم پەيغەمبەر ئىدى[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتاب-قۇرئان-دا مۇسا -قىسىسى-نى بايان قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئىبادىتىگە خاس قىلغان ھەم رەسۇل-ئەلچى-، ھەم پەيغەمبەر ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا مۇسانىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ تاللانغان بىرى ئىدى، رەسۇل ۋە نەبىي ئىدى7.
19 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَادَيْنَاهُ مِنْ جَانِبِ الطُّورِ الْأَيْمَنِ وَقَرَّبْنَاهُ نَجِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا بىز تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى بىز مۇناجات ئۈچۈن (دەرگاھىمىزغا) يېقىنلاشتۇردۇق[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بىز تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى بىز مۇناجات ئۈچۈن - دەرگاھىمىزغا- يېقىنلاشتۇردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى سىردىشىش ئۈچۈن ئۆزىمىزگە يېقىنلاشتۇردۇق.
19 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَهَبْنَا لَهُ مِنْ رَحْمَتِنَا أَخَاهُ هَارُونَ نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا بىز مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى پەيغەمبەر قىلىپ بەردۇق[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بىز مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى پەيغەمبەر قىلىپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا رەھمىتىمىزدىن ئاتا قىلىپ، قېرىندىشى ھارۇننى نەبىي قىلىپ بەردۇق.
تاھا سۈرىسى
51 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَهَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ قىسسەسىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟[9]
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ قىسسىسىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
20 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ رَأَىٰ نَارًا فَقَالَ لِأَهْلِهِ امْكُثُوا إِنِّي آنَسْتُ نَارًا لَعَلِّي آتِيكُمْ مِنْهَا بِقَبَسٍ أَوْ أَجِدُ عَلَى النَّارِ هُدًى
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا (بىر جايدا) ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە: «تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردۈم، مەن بېرىپ (ئۇنىڭدىن) بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوت بار يەردە بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن» دېدى. (ئىزاھات:مۇسا ئەلەيھىسسالام ئايالى بىلەن بىرگە مەديەندىن مىسىرغا كېتىۋېتىپ كېچىدە يولدىن ئادىشىپ قالىدۇ، ئوت ياقاي دېسىە چاقمىقى يانمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يولنىڭ سول تەرىپىدە يىراقتىن بىر ئوت كۆرۈنىدۇ، بۇ ئوت ئەمەس، ئاللاھنىڭ نۇرى ئىدى.)[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردى[1]. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە: «تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردۈم، مەن بېرىپ ئۇنىڭدىن بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوت بار يەردە بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ بىر ئوت كۆرۈپ ئائىلىسىگە: «توختاپ تۇرۇڭلار، مەن بىر ئوت بايقىدىم. يا ئۇنىڭدىن سىلەرگە چوغ ئېلىپ كېلىمەن ياكى ئوتنىڭ يېنىدا بىرەر يول كۆرسەتكۈچى تاپىمەن» دېگەن ئىدى.
20 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَتَاهَا نُودِيَ يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىدا قىلىندىكى، ئى مۇسا![11]
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىدا قىلىندىكى، ئى مۇسا!
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلىندى: «ئى مۇسا!
20 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي أَنَا رَبُّكَ فَاخْلَعْ نَعْلَيْكَ ۖ إِنَّكَ بِالْوَادِ الْمُقَدَّسِ طُوًى
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس ۋادى تۇۋادىسەن[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ رەببىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس ۋادى بولغان تۇۋادا سەن
ئەنەس ئالىم: مەن سېنىڭ رەببىڭدۇرمەن! كەشلىرىڭنى سىلىۋەتكىن! چۈنكى سەن مۇقەددەس ۋادى تۇۋادىسەن.
20 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَا اخْتَرْتُكَ فَاسْتَمِعْ لِمَا يُوحَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مەن سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدىم، سەن ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن سېنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدىم، سەن ۋەھيىگە قۇلاق سالغىن
ئەنەس ئالىم: مەن سېنى تاللىدىم. ھازىر ساڭا قىلىنىدىغان ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن:
20 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تِلْكَ بِيَمِينِكَ يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟»[17]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە؟».
20 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هِيَ عَصَايَ أَتَوَكَّأُ عَلَيْهَا وَأَهُشُّ بِهَا عَلَىٰ غَنَمِي وَلِيَ فِيهَا مَآرِبُ أُخْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، ئۇنىڭدا مېنىڭ يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىممۇ بار»[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، مېنىڭ يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىممۇ بار»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، ئۇنىڭ بىلەن يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىمنىمۇ قامدايمەن» دېدى.
20 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَلْقِهَا يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى (يەرگە) تاشلىغىن» دېدى[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى يەرگە تاشلىغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى يەرگە تاشلىغىن» دېدى.
20 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَلْقَاهَا فَإِذَا هِيَ حَيَّةٌ تَسْعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇنى تاشلىۋىدى، ئۇ ناگاھان مېڭىۋاتقان بىر يىلانغا ئايلاندى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇنى تاشلىۋىدى، ئۇ ناگاھان مېڭىۋاتقان بىر يىلانغا ئايلاندى
ئەنەس ئالىم: مۇسا ھاسىسىنى يەرگە تاشلىغان ئىدى، ئۇ بىردىنلا يىلان بولۇپ تېز مېڭىشقا باشلىدى.
20 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ خُذْهَا وَلَا تَخَفْ ۖ سَنُعِيدُهَا سِيرَتَهَا الْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: « ئۇنى تۇتۇۋالغىن، قورقمىغىن، ئۇنى دەسلەپكى (يەنى ھاسىلىق) ھالىتىگە قايتۇرىمىز[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: « ئۇنى تۇتۇۋالغىن، قورقمىغىن، ئۇنى دەسلەپكى ھالىتىگە قايتۇرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئۇنى تۇتۇۋالغىن، قورقمىغىن، بىز ئۇنى دەسلەپكى ھالىتىگە قايتۇرىمىز.
20 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَاضْمُمْ يَدَكَ إِلَىٰ جَنَاحِكَ تَخْرُجْ بَيْضَاءَ مِنْ غَيْرِ سُوءٍ آيَةً أُخْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا سالغىن (ئاندىن چىقارغىن)، ئۇ ھېچقانداق ئەيىب ـ نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق (نۇرلۇق بولۇپ) چىقىدۇ، (بۇ) ئىككىنچى مۆجىزىدۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا سالغىن -ئاندىن چىقارغىن-، ئۇ ھېچقانداق ئەيىب ـ نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، بۇ ئىككىنچى مۆجىزىدۇر
ئەنەس ئالىم: قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا تىققىن، نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق چىقىپ، باشقا بىر مۆجىزە بولسۇن.
20 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبْ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋنگە بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋنگە بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى».
20 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اشْرَحْ لِي صَدْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ كۆڭۈل-كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! مېنىڭ قەلبىمنى كەڭ قىلغىن
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن،
20 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسِّرْ لِي أَمْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن
ئەنەس ئالىم: ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن،
20 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَاحْلُلْ عُقْدَةً مِنْ لِسَانِي
مۇھەممەد سالىھ: تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن
ئەنەس ئالىم: تىلىمنى راۋان قىلغىن،
20 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يَفْقَهُوا قَوْلِي
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مېنىڭ سۆزۇمنى چۈشەنسۇن[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار مېنىڭ سۆزۇمنى چۈشەنسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سۆزۈمنى چۈشەنسۇن.
20 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَاجْعَلْ لِي وَزِيرًا مِنْ أَهْلِي
مۇھەممەد سالىھ: ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن[30 ـ 29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ماڭا ئائىلەمدىن بىر ياردەمچى قىلىپ بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئائىلەمدىن بىرىنى ماڭا ياردەمچى قىلىپ بەرگىن:
20 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
هَارُونَ أَخِي
مۇھەممەد سالىھ: ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن[30 ـ 29].
تەرجىمە ھەيئىتى: قېرىندىشىم ھارۇننى
ئەنەس ئالىم: قېرىندىشىم ھارۇننى.
20 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
اشْدُدْ بِهِ أَزْرِي
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ بىلەن مېنى كۈچلەندۈرگىن،
20 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَشْرِكْهُ فِي أَمْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى شېرىك قىلغىن[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى شېرىك قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنى ۋەزىپەمدە ماڭا شېرىك قىلغىن،
20 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
كَيْ نُسَبِّحَكَ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتايلى،
20 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَذْكُرَكَ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا كۆپ زىكرى ئېيتقايمىز[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا كۆپ زىكرى ئېيتقايمىز
ئەنەس ئالىم: سېنى كۆپ زىكىر قىلايلى،
20 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكَ كُنْتَ بِنَا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: سەن ھەقىقەتەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ھەقىقەتەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن»
ئەنەس ئالىم: سەن بىزنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسەن».
20 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ مَنَنَّا عَلَيْكَ مَرَّةً أُخْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇنىڭدىن باشقا) ساڭا يەنە بىر قېتىم ئىنئام قىلغان ئىدۇق[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا يەنە بىر قېتىم ئىنئام قىلغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ساڭا ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم ياخشىلىق قىلغان ئىدۇق.
20 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ أَوْحَيْنَا إِلَىٰ أُمِّكَ مَا يُوحَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق بىلىنىدىغان نەرسىلەرنى سالدۇق»[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق بىلىنىدىغان نەرسىلەرنى سالدۇق»
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ چاغدا ئاناڭغا مۇنداق ۋەھىي قىلغان ئىدۇق:
20 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
أَنِ اقْذِفِيهِ فِي التَّابُوتِ فَاقْذِفِيهِ فِي الْيَمِّ فَلْيُلْقِهِ الْيَمُّ بِالسَّاحِلِ يَأْخُذْهُ عَدُوٌّ لِي وَعَدُوٌّ لَهُ ۚ وَأَلْقَيْتُ عَلَيْكَ مَحَبَّةً مِنِّي وَلِتُصْنَعَ عَلَىٰ عَيْنِي
مۇھەممەد سالىھ: (ئېيتتۇقكى) «ئۇنى (يەنى بالىنى) ساندۇققا سالغىن، ئاندىن ئۇنى (ساندۇق بىلەن) دەرياغا تاشلىغىن، دەريا ئۇنى قىرغاققا تاشلىسۇن، ئۇنى مېنىڭ دۈشمىنىم ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان (پىرئەۋن) ئېلىپ (باقسۇن)». مېنىڭ قوغدىشىم ئاستىدا تەربىيەلىنىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئېيتتۇقكى-: «ئۇ بالىنى ساندۇققا سالغىن، ئاندىن ئۇنى ساندۇق بىلەن دەرياغا تاشلىغىن، دەريا ئۇنى قىرغاققا تاشلىسۇن، ئۇنى مېنىڭ دۈشمىنىم ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان - پىرئەۋن- ئېلىپ باقسۇن». مېنىڭ قوغدىشىم ئاستىدا تەربىيىلىنىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم
ئەنەس ئالىم: ‹ئۇنى ساندۇققا سېلىپ، دەرياغا قويۇپ بەرگىن. دەريا ئۇنى قىرغىقىغا تاشلىسۇن. ئۇنى مېنىڭمۇ دۈشمىنىم، ئۇنىڭمۇ دۈشمىنى بولغان بىرى ئالسۇن›. ئى مۇسا! سېنى كۆز ئالدىمدا يېتىشسۇن دەپ سۆيۈملۈك قىلدىم.
20 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ تَمْشِي أُخْتُكَ فَتَقُولُ هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ مَنْ يَكْفُلُهُ ۖ فَرَجَعْنَاكَ إِلَىٰ أُمِّكَ كَيْ تَقَرَّ عَيْنُهَا وَلَا تَحْزَنَ ۚ وَقَتَلْتَ نَفْسًا فَنَجَّيْنَاكَ مِنَ الْغَمِّ وَفَتَنَّاكَ فُتُونًا ۚ فَلَبِثْتَ سِنِينَ فِي أَهْلِ مَدْيَنَ ثُمَّ جِئْتَ عَلَىٰ قَدَرٍ يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ (پىرئەۋىننىڭ ئائىلىسىگە) بېرىپ: «سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. بىز سېنىڭ ئاناڭنى خۇش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك بالالار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللار تۇردۇڭ، ئاندىن، ئى مۇسا! تەقدىر بىلەن (بۇ يەرگە) كەلدىڭ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ -پىر ئەۋىننىڭ ئائىلىسىگە- بېرىپ: «سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. بىز سېنىڭ ئاناڭنى خۇش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك بالالار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللار تۇردۇڭ، ئاندىن، ئى مۇسا! تەقدىر بىلەن بۇ يەرگە كەلدىڭ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇسا! ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ئىز - دېرىكىڭنى ئېلىشقا چىققان ھەمشىرەڭ، دەريادىن سېنى ئالغانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ: ‹سىلەرگە، بۇ بالىنى ئوبدان باقىدىغان بىرىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟› دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئاناڭنى خۇش بولسۇن ۋە قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدىڭ، بىز سېنى ئۇ ۋەقەنىڭ غېمىدىن قۇتقۇزدۇق ۋە سېنى نۇرغۇن قىيىنچىلىق بىلەن سىنىدۇق، مەديەن خەلقى ئىچىدە بىرقانچە يىل تۇردۇڭ. ئاندىن بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۇ يەردىن قايتىپ كەلدىڭ.
20 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَاصْطَنَعْتُكَ لِنَفْسِي
مۇھەممەد سالىھ: سېنى مېنىڭ مۇھەببىتىمگە (يەنى پەيغەمبەر قىلىپ ۋەھىي نازىل قىلىشىمغا) تاللىدىم[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن سېنى ئۆزۈم ئۈچۈن تاللىدىم
ئەنەس ئالىم: مەن سېنى ئۆزۈم ئۈچۈن يېتىشتۈردۈم.
20 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبْ أَنْتَ وَأَخُوكَ بِآيَاتِي وَلَا تَنِيَا فِي ذِكْرِي
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇسا!) سەن ۋە سېنىڭ قېرىندىشىڭ (ھارۇن) مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ زىكرىمگە سۇسلۇق قىلىپ قالماڭلار[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇسا!- سەن ۋە سېنىڭ قېرىندىشىڭ - ھارۇن- مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ زىكرىمگە سۇسلۇق قىلىپ قالماڭلار
ئەنەس ئالىم: سەن ۋە قېرىندىشىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ زىكىرىمدە بوشاڭلىق قىلماڭلار.
20 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى
ئەنەس ئالىم: ئىككىڭلار بىرلىكتە فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.
20 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُولَا لَهُ قَوْلًا لَيِّنًا لَعَلَّهُ يَتَذَكَّرُ أَوْ يَخْشَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىن[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى، ياكى قورقۇشى مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، نەسىھەت ئېلىشى ياكى ئەيمىنىشى مۇمكىن».
20 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَا رَبَّنَا إِنَّنَا نَخَافُ أَنْ يَفْرُطَ عَلَيْنَا أَوْ أَنْ يَطْغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىزنى ئالدىراپ جازالىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېيىشتى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىزنى ئالدىراپ جازالىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: مۇسا بىلەن ھارۇن: «رەببىمىز! ئۇنىڭ دەۋىتىمىزنى ئاڭلىمايلا بىزگە يامانلىق قىلىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېدى.
20 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
فَأْتِيَاهُ فَقُولَا إِنَّا رَسُولَا رَبِّكَ فَأَرْسِلْ مَعَنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ وَلَا تُعَذِّبْهُمْ ۖ قَدْ جِئْنَاكَ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكَ ۖ وَالسَّلَامُ عَلَىٰ مَنِ اتَّبَعَ الْهُدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، بىز ئىككىمىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋەتكىن، بىز بىلەن كەتسۇن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. ساڭا بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەم (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئامان قالىدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، بىز ئىككىمىز رەببىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋەتكىن، بىز بىلەن كەتسۇن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. ساڭا بىز ھەقىقەتەن رەببىڭنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەمگە ئامانلىق بولسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: ‹بىز ئىككىمىز رەببىڭنىڭ ئەلچىلىرى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن كەتكىلى قويغىن، ئۇلارنى ئازابلىمىغىن. بىز ساڭا رەببىڭدىن مۆجىزە ئېلىپ كەلدۇق. ھىدايەتكە ئەگەشكەن كىشىگە سالام.
20 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبُّنَا الَّذِي أَعْطَىٰ كُلَّ شَيْءٍ خَلْقَهُ ثُمَّ هَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى) كۆرسەتتى»[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە -ئۆزىگە مۇناسىپ- شەكىل ئاتا قىلدى، ئاندىن -ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى- كۆرسەتتى»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «بىزنىڭ رەببىمىز، ھەر نەرسىنى ئايرىم شەكىل ۋە پەرقلىق خۇسۇسىيەت بىلەن ياراتقان، ئاندىن ئۇ نەرسىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكەن زاتتۇر» دېدى.
20 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ عِلْمُهَا عِنْدَ رَبِّي فِي كِتَابٍ ۖ لَا يَضِلُّ رَبِّي وَلَا يَنْسَى
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىدا لەۋھۇلمەھپۇزدا (خاتىرىلەكلىكتۇر)، پەرۋەردىگارىم ھەم خاتالاشمايدۇ ھەم ئۇنتۇمايدۇ[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات رەببىمنىڭ دەرگاھىدا، رەببىم ھەم خاتالاشمايدۇ ھەم ئۇنتۇمايدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىدىكى كىتابتىدۇر. رەببىم خاتالاشمايدۇ ۋە ئۇنتۇمايدۇ» دېدى.
20 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مَوْعِدُكُمْ يَوْمُ الزِّينَةِ وَأَنْ يُحْشَرَ النَّاسُ ضُحًى
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغ بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن»[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغ بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «سىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىمىز زىننەت كۈنى بولسۇن، خەلق چاشگاھ ۋاقتىدا يىغىلسۇن» دېدى.
20 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَهُمْ مُوسَىٰ وَيْلَكُمْ لَا تَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ كَذِبًا فَيُسْحِتَكُمْ بِعَذَابٍ ۖ وَقَدْ خَابَ مَنِ افْتَرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋاي! ئاللاھقا يالغاننى چاپلىماڭلار (يەنى سېھرىڭلار ئارقىلىق مۆجىزىلىرىمگە تاقابىل تۇرۇشنى دەۋا قىلماڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەم مەغلۇب بولىدۇ»[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلار غا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋاي! ئاللاھقا يالغاننى چاپلىماڭلار، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەم مەغلۇب بولىدۇ»
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئۇلارغا: «ئىسىت سىلەرگە! ئاللاھقا يالغان چاپلىماڭلار، بولمىسا ئاللاھ سىلەرگە ئازاب ئەۋەتىپ يىلتىزىڭلارنى قۇرۇتىۋېتىدۇ. بوھتان چاپلىغانلار ئەلۋەتتە مەغلۇپ بولىدۇ» دېدى.
20 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَلْ أَلْقُوا ۖ فَإِذَا حِبَالُهُمْ وَعِصِيُّهُمْ يُخَيَّلُ إِلَيْهِ مِنْ سِحْرِهِمْ أَنَّهَا تَسْعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «ئۇنداقتا سىلەر ئالدىدا تاشلاڭلار!» دېدى. (ئۇلار تاشلىغان ئىدى) ناگاھان ئۇلارنىڭ ئاغامچىلىرى، ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھىرىدىن (يەنى سېھىرنىڭ تەسىرىدىن) ئۇنىڭغا ھەرىكەتلىنىپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلدى[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «بەلكى سىلەر ئاۋۋال تاشلاڭلار!» دېدى. -ئۇلار تاشلىغان ئىدى- ناگاھان ئۇلارنىڭ ئاغامچىلىرى، ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھرىدىن ئۇنىڭغا ھەرىكەتلىنىپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ياق، ئاۋۋال سىلەر تاشلاڭلار» دېدى. ئۇلار تاشلىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارغامچىلىرى ۋە ھاسىلىرى، ئۇلارنىڭ سېھىرلىرى تەسىرىدىن بىردىنلا مۇساغا مېڭىۋاتقاندەك كۆرۈندى.
20 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَوْجَسَ فِي نَفْسِهِ خِيفَةً مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇنىڭدىن) مۇسا ئۆزىدە قورقۇنچ ھېس قىلدى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: بۇ سەۋەبتىن ئۇ، ئىچىدە قورقۇش ھېس قىلدى.
20 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَلْقِ مَا فِي يَمِينِكَ تَلْقَفْ مَا صَنَعُوا ۖ إِنَّمَا صَنَعُوا كَيْدُ سَاحِرٍ ۖ وَلَا يُفْلِحُ السَّاحِرُ حَيْثُ أَتَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭدىكىنى تاشلىغىن، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر، سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭدىكىنى تاشلىغىن، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر، سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئوڭ قولۇڭدىكىنى تاشلغىن، ئۇلارنىڭ قىلغان سېھىرلىرىنى يۇتۇۋەتسۇن. ئۇلارنىڭ قىلغىنى پەقەت سېھىرگەر ھىيلىسىدىنلا ئىبارەتتۇر. سېھىرگەر ھېچقانداق يەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ».
20 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِي فَاضْرِبْ لَهُمْ طَرِيقًا فِي الْبَحْرِ يَبَسًا لَا تَخَافُ دَرَكًا وَلَا تَخْشَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بىز شەك ـ شۈبھىسىز مۇساغا ۋەھىي قىلدۇقكى، «سەن مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە (مىسىردىن) ئېلىپ چىقىپ كەت، سەن (ھاساڭنى) دېڭىزغا ئۇرۇپ ئۇلارغا بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، (پىرئەۋننىڭ ئارقاڭدىن قوغلاپ) يېتىۋېلىشىدىن قورقمىغىن، (دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ) قورقمىغىن»[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز شەك ـ شۈبھىسىز مۇساغا ۋەھيى قىلدۇقكى، «سەن مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە - مىسىردىن- ئېلىپ چىقىپ كەت، سەن - ھاساڭنى- دېڭىزغا ئۇرۇپ ئۇلارغا بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، -پىرئەۋننىڭ ئارقاڭدىن قوغلاپ- يېتىۋېلىشىدىن قورقمىغىن، -دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ- قورقمىغىن»
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا: «بەندىلىرىم بىلەن بىرلىكتە كېچىسى يولغا چىققىن، دېڭىزدا ئۇلارغا قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، بۇ ئەسنادا تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقمىغىن، غەرق بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىمىگىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
20 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ قَدْ أَنْجَيْنَاكُمْ مِنْ عَدُوِّكُمْ وَوَاعَدْنَاكُمْ جَانِبَ الطُّورِ الْأَيْمَنَ وَنَزَّلْنَا عَلَيْكُمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرنى ھەقىقەتەن دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، (مۇناجات ئۈچۈن ۋە مۇساغا تەۋراتنى نازىل قىلىش ئۈچۈن) سىلەرگە (تۇرسىنا) نىڭ ئوڭ تەرىپىنى ۋەدە قىلدۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرنى ھەقىقەتەن دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، -مۇناجات ئۈچۈن ۋە مۇساغا تەۋراتنى نازىل قىلىش ئۈچۈن- سىلەرگە - تۇرسىنا- نىڭ ئوڭ تەرىپىنى ۋەدە قىلدۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! بىز سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، سىلەر بىلەن سىينا تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئەھدىلەشتۇق، سىلەرگە تەييار ھالۋا بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق.
20 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَعْجَلَكَ عَنْ قَوْمِكَ يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: «ئى مۇسا! ئالدىراپ (تۇرسىناغا) قەۋمىڭدىن ئىلگىرى كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدۇق[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى مۇسا! ئالدىراپ - تۇرسىناغا- قەۋمىڭدىن ئىلگىرى كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى مۇسا! نېمىشقا قەۋمىڭدىن ئايرىلىپ ئالدىراپ كەلدىڭ؟» دېدى.
20 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هُمْ أُولَاءِ عَلَىٰ أَثَرِي وَعَجِلْتُ إِلَيْكَ رَبِّ لِتَرْضَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار ئىزىمنى قوغلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، پەرۋەردىگارىم! سېنى رازى بولسۇن دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم»[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار ئىزىمنى قوغلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، رەببىم! سېنى رازى بولسۇن دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئۇلار مېنىڭ ئىزىمدىدۇر. مەن رازىلىقىڭغا ئېرىشەي دەپ ئالدىراپ كەلدىم رەببىم!» دېدى.
20 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
فَرَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ أَلَمْ يَعِدْكُمْ رَبُّكُمْ وَعْدًا حَسَنًا ۚ أَفَطَالَ عَلَيْكُمُ الْعَهْدُ أَمْ أَرَدْتُمْ أَنْ يَحِلَّ عَلَيْكُمْ غَضَبٌ مِنْ رَبِّكُمْ فَأَخْلَفْتُمْ مَوْعِدِي
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا قەۋمىگە غەزەپلەنگەن ھالدا خاپا قايتتى، ئۇ ئېيتتى: «سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار چىرايلىق ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ (سىلەر ئەھدىنى ئۇنتۇغۇدەك) ۋاقىت شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى ئىرادە قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟»[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا قەۋمىگە غەزەپلەنگەن ھالدا خاپا قايتتى، ئۇ ئېيتتى: «سىلەرگە رەببىڭلار ياخشىلىقنى ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ -سىلەر ئەھدىنى ئۇنتۇغۇدەك- ۋاقىت شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار رەببىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى ئىرادە قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا قەۋمىنىڭ يېنىغا غەزەپلەنگەن ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا قايتىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! رەببىڭلار سىلەرگە چىرايلىق ۋەدە قىلمىدىمۇ؟ ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتىمۇ؟ ياكى ئۈستۈڭلارغا رەببىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشنى ئىرادە قىلىپ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟».
20 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ قَالَ لَهُمْ هَارُونُ مِنْ قَبْلُ يَا قَوْمِ إِنَّمَا فُتِنْتُمْ بِهِ ۖ وَإِنَّ رَبَّكُمُ الرَّحْمَٰنُ فَاتَّبِعُونِي وَأَطِيعُوا أَمْرِي
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ھارۇن ئۇلارغا (مۇسا قايتىپ كېلىشتىن) بۇرۇن: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاي بىلەن قايمۇقتۇرۇلدۇڭلار، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مەرھەمەتلىك ئاللاھتۇر، ماڭا بويسۇنۇڭلار، (موزايغا چوقۇنۇشنى تەرك ئېتىش بىلەن) بۇيرۇقىمغا ئىتائەت قىلىڭلار!» دېدى[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ھارۇن ئۇلارغا -مۇسا قايتىپ كېلىشتىن- بۇرۇن: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاي بىلەن قايمۇقتۇرۇلدۇڭلار، سىلەرنىڭ رەببىڭلار مەرھەمەتلىك ئاللاھدۇر، ماڭا بوي سۇنۇڭلار، بۇيرىقىمغا ئىتائەت قىلىڭلار!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىلگىرى ھارۇن ئۇلارغا: «ئى قەۋمىم! سىلەر بۇنىڭ بىلەن ئىمتىھان قىلىنىۋاتىسىلەر. شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار رەھماندۇر. ماڭا ئەگىشىڭلار ۋە بۇيرۇقۇمغا بويسۇنۇڭلار» دېگەن ئىدى.
20 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا هَارُونُ مَا مَنَعَكَ إِذْ رَأَيْتَهُمْ ضَلُّوا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا (خۇدالىق ئۈچۈن غەزەپلىنىشتە) ماڭا ئەگىشىشتىن نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرۇقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟»[92 ـ 93].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا نېمە توسالغۇ بولدى؟
ئەنەس ئالىم: مۇسا قايتىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى ھارۇن! بۇلارنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن چېغىڭدا نېمە ئۈچۈن توسمىدىڭ؟
20 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَّا تَتَّبِعَنِ ۖ أَفَعَصَيْتَ أَمْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا (خۇدالىق ئۈچۈن غەزەپلىنىشتە) ماڭا ئەگىشىشتىن نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرۇقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟»[92 ـ 93].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ماڭا ئەگەشمەمسەن؟ ياكى بولمىسا مېنىڭ بۇيرىقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: نېمە ئۈچۈن مېنىڭ يولۇمدا ماڭمىدىڭ؟ سەن مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟».
20 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا ابْنَ أُمَّ لَا تَأْخُذْ بِلِحْيَتِي وَلَا بِرَأْسِي ۖ إِنِّي خَشِيتُ أَنْ تَقُولَ فَرَّقْتَ بَيْنَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَلَمْ تَرْقُبْ قَوْلِي
مۇھەممەد سالىھ: ھارۇن ئېيتتى: « ئى قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە دىققەت قىلماپسەن، دېيىشىڭدىن قورقتۇم»[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھارۇن ئېيتتى: « ئى قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە دىققەت قىلماپسەن، دېيىشىڭدىن قورقتۇم»
ئەنەس ئالىم: ھارۇن مۇساغا مۇنداق دېدى: «ئى ئانامنىڭ ئوغلى! ساقىلىمدىن ۋە چېچىمدىن تارتمىغىن. مەن سېنىڭ: ‹ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە رىئايە قىلماپسەن!› دېيىشىڭدىن قورقتۇم».
20 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَمَا خَطْبُكَ يَا سَامِرِيُّ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى سامىرى! سەن نېمە بولدۇڭ؟ (يەنى مۇنداق يامان ئىشنى قىلىشىڭدىن غەرىزىڭ نېمە؟)»[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى سامىرى! سەن نېمە بولدۇڭ؟»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا سامىرىيغا قاراپ: «ئى سامىرىي! بۇ قىلغىنىڭ نېمە ئىش؟» دېدى.
20 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَاذْهَبْ فَإِنَّ لَكَ فِي الْحَيَاةِ أَنْ تَقُولَ لَا مِسَاسَ ۖ وَإِنَّ لَكَ مَوْعِدًا لَنْ تُخْلَفَهُ ۖ وَانْظُرْ إِلَىٰ إِلَٰهِكَ الَّذِي ظَلْتَ عَلَيْهِ عَاكِفًا ۖ لَنُحَرِّقَنَّهُ ثُمَّ لَنَنْسِفَنَّهُ فِي الْيَمِّ نَسْفًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا (سامىرىغا) ئېيتتى: «سەن بارغىن! سەن ئۆمۈرۋايەت (كۆرگەنلا كىشىگە) ماڭا يېقىنلاشماڭلار! دېگەيسەن (يەنى سېنىڭ كىشىگە يېقىنلاشماسلىقىڭ، كىشىنىڭ ساڭا يېقىنلاشماسلىقى بۇ دۇنيادا ساڭا بېرىلگەن جازادۇر)، شۈبھىسىزكى (ئاخىرەتتە جازالىنىدىغان) مۇئەييەن بىر ۋاقتىڭ بار، ئاللاھ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، سەن ھامان چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى چوقۇم (ئوتتا) كۆيدۈرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭ (كۈلىنى) دېڭىزغا چېچىۋېتىمىز»[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا - سامىرىغا- ئېيتتى: «سەن بارغىن! سەن ئۆمۈرۋايەت -كۆرگەنلا كىشىگە- ماڭا يېقىنلاشماڭلار! دېگەيسەن، شۈبھىسىزكى مۇئەييەن بىر ۋاقتىڭ بار، ئاللاھ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، سەن ھامان چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى چوقۇم ئوتتا كۆيدۈرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭ كۈلىنى دېڭىزغا چېچىۋېتىمىز»
ئەنەس ئالىم: مۇسا سامىرىيغا مۇنداق دېدى: «كۆزۈمدىن يوقال! بۇندىن ئېتىبارەن سەن ئۆمۈر بويى ئىنسانلارغا: ‹ماڭا يېقىنلاشماڭلار! مەندىن نېرى تۇرۇڭلار› دېيىشكە مەھكۇم قىلىندىڭ. سەن ئۈچۈن ۋەدە قىلىنغان باشقا بىر ۋاقىت باركى، ساڭا قىلىنغان بۇ ۋەدىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلىنمايدۇ4. چوقۇنۇۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمىز، ئاندىن كۈلىنى دېڭىزغا سورۇۋىتىمىز.
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَىٰ وَهَارُونَ الْفُرْقَانَ وَضِيَاءً وَذِكْرًا لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا فۇرقاننى (يەنى ھەق بىلەن باتىلنى، ھالال بىلەن ھارامنى، ھىدايەت بىلەن گۇمراھلىقنى ئايرىغۇچى تەۋراتنى)، نۇرنى، تەقۋادارلارغا (پايدىلىنىدىغان) ۋەز ـ نەسىھەتنى بەردۇق[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن موسا بىلەن ھارۇنغا فۇرقاننى[1]، نۇرنى، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتنى بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھەق - ناھەقنى ئايرىيدىغان، تەقۋادارلارنىڭ يولىنى يورۇتىدىغان ۋە ۋەزىپىسنى ئەسلىتىدىغان كىتابنى بەردۇق.
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَصْحَابُ مَدْيَنَ ۖ وَكُذِّبَ مُوسَىٰ فَأَمْلَيْتُ لِلْكَافِرِينَ ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟[42 ـ 44]
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە مەديەن ئاھالىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان ئىدى. چۈنكى مەن كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ جازايىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: ۋە مەديەن ئاھالىسىمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېگەن ئىدى. مۇسامۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. مەن ئۇ كافىرلارغا باشتا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم. ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟
مۆئمىنۇن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ وَأَخَاهُ هَارُونَ بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى[45ـ46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن پاكىت بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىر قىسىم ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق،
23 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب-تەۋرات-نى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ مۇساغا كىتابنى بەردۇق.
فۇرقان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَجَعَلْنَا مَعَهُ أَخَاهُ هَارُونَ وَزِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلدۇق[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب -تەۋرات-نى ئاتا قىلدۇق ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەردۇق ۋە قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلىپ بەردۇق.
25 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُلْنَا اذْهَبَا إِلَى الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَدَمَّرْنَاهُمْ تَدْمِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە بېرىڭلار» دېدۇق، (ئۇ قەۋم كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن) ئۇلارنى دەھشەتلىك تۈردە ھالاك قىلدۇق[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە بېرىڭلار» دېدۇق، ئاخىرىدا ئۇلارنى دەھشەتلىك تۈردە ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇ ئىككىسىگە: «ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ يېنىغا بېرىڭلار» دېدۇق. ئاخىرىدا بىز ئۇ قەۋمنى تەلتۈكۈس ھالاك قىلىۋەتتۇق.
شۇئەرا سۈرىسى
21 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ نَادَىٰ رَبُّكَ مُوسَىٰ أَنِ ائْتِ الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ مۇساغا نىدا قىلدى: «سەن زالىم قەۋمگە بارغىن[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ مۇساغا نىدا قىلدى: «سەن زالىم قەۋمگە بارغىن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ مۇساغا مۇنداق نىدا قىلدى: «زالىم قەۋمنىڭ يېنىغا بارغىن،
26 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُكَذِّبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! ئۇلارنىڭ مېنى ‹يالغانچى› دېيىشىدىن قورقىمەن.
26 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَضِيقُ صَدْرِي وَلَا يَنْطَلِقُ لِسَانِي فَأَرْسِلْ إِلَىٰ هَارُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن) يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم كېكەچ، شۇڭا (ماڭا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن) ھارۇننى (پەيغەمبەر) قىلىپ ئەۋەتكىن[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈرىكىم سىقىلىۋاتىدۇ، تىلىم كېكەچ، شۇڭا ھارۇننى -پەيغەمبەر- قىلىپ ئەۋەتكىن
ئەنەس ئالىم: يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم راۋان بولمايدۇ. شۇڭا ھارۇنغىمۇ ئەلچىلىك بەرگىن.
26 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُمْ عَلَيَّ ذَنْبٌ فَأَخَافُ أَنْ يَقْتُلُونِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنىڭ دەۋاسىچە) ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇناھىم بار، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن»[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇناھىم بار، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئالدىدا گۇناھىممۇ بار. شۇڭا ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن».
26 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَأْتِيَا فِرْعَوْنَ فَقُولَا إِنَّا رَسُولُ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر پىرئەۋنگە بېرىپ: بىز ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىسىمىز[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر پىرئەۋنگە بېرىپ: «بىز ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمىز
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: ‹بىز ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىدۇرمىز.
26 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ أَرْسِلْ مَعَنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قۇللۇقۇڭدىن) بوشاتقىن، ئۇلار بىز بىلەن (شامغا) كەتسۇن دەڭلار»[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادىنى -قۇللۇقۇڭدىن- بوشاتقىن، ئۇلار بىز بىلەن كەتسۇن دەڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن بىللە كەتكىلى قويغىن›».
26 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَعَلْتُهَا إِذًا وَأَنَا مِنَ الضَّالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا نادانلاردىن ئىدىم[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا نادانلاردىن ئىدىم
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا گۇمراھلاردىن ئىدىم.
26 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَفَرَرْتُ مِنْكُمْ لَمَّا خِفْتُكُمْ فَوَهَبَ لِي رَبِّي حُكْمًا وَجَعَلَنِي مِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن قورقۇپ، سىلەردىن قاچتىم، پەرۋەردىگارىم ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مېنى پەيغەمبەر قىلدى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن قورقۇپ، سىلەردىن قاچتىم، مانا ئەمەدى رەببىم ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى ۋە مېنى پەيغەمبەرلەردىن قىلدى
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن قاچتىم، چۈنكى سىلەردىن قورققان ئىدىم. رەببىم ماڭا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلدى ۋە مېنى ئەلچىلىرىدىن قىلدى.
26 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ إِنْ كُنْتُمْ مُوقِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر جەزمەن ئىشىنىدىغان بولساڭلار» دېدى.
26 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبُّكُمْ وَرَبُّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «(ئۇ) سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئيتتى: «ئۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ رەببىدۇر»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر» دېدى.
26 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبُّ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «(ئۇ) مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار»[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر سىلەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭمۇ رەببىدۇر. ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىدىغان بولساڭلار» دېدى.
26 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَوَلَوْ جِئْتُكَ بِشَيْءٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «(مېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ (زىندانغا تاشلامسەن؟)»[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ شۇنداق قىلامسەن؟»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ شۇنداق قىلامسەن؟» دېدى.
26 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَلْقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعْبَانٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئوپئوچۇق ئەجدىھاغا ئايلاندى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئوپئوچۇق ئەجدىھاغا ئايلاندى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال ھاسىسىنى تاشلىدى. ئۇ بىردىنلا ھەقىقىي چوڭ يىلانغا ئايلاندى
26 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَزَعَ يَدَهُ فَإِذَا هِيَ بَيْضَاءُ لِلنَّاظِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا (قوينىدىن) قولىنى چىقىرىۋىدى، ناگاھان ئۇ قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقناپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا قولىنى چىقىرىۋىدى، ناگاھان ئۇ قارىغۇچىلارغا ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى
ئەنەس ئالىم: ۋە قولىنى چىقاردى - دە، كۆرگۈچىلەرگە ئاپئاق كۆرۈندى.
26 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَهُمْ مُوسَىٰ أَلْقُوا مَا أَنْتُمْ مُلْقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارغا: «تاشلايدىغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار!» دېدى[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلارغا: «تاشلايدىغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار!» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغان نەرسەڭلەرنى تاشلاڭلار» دېدى.
26 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَلْقَىٰ مُوسَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى، (ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى يۇتۇۋەتتى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئۇ ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى يۈتۈشقا باشلىدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى. ھاسا ئۇلارنىڭ ئويدۇرغان نەرسىلىرىنى بىردىنلا يالماپ يۇتۇۋەتتى.
26 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ ئىمان ئېيتتۇق» دېدى[47ـ48].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە
ئەنەس ئالىم: مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە!».
26 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِي إِنَّكُمْ مُتَّبَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇساغا: «كېچىدە بەندىلىرىمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) ئېلىپ ئاتلانغىن. سىلەر ئەلۋەتتە قوغلىنىسىلەر، (يەنى پىرئەۋن ئۆز قەۋمى بىلەن سىلەرنى قوغلاپ چىقىدۇ)» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇساغا: «كېچىدە بەندىلىرىم-بەنى ئىسرائىل-نى ئېلىپ ئاتلانغىن. سىلەر ئەلۋەتتە قوغلىنىسىلەر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا: «بەندىلىرىم بىلەن بىرلىكتە كېچىدە يولغا چىققىن، چۈنكى سىلەر قوغلىنىسىلەر2» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
26 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ كَلَّا ۖ إِنَّ مَعِيَ رَبِّي سَيَهْدِينِ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئۇنداق بولمايدۇ (يەنى ھەرگىز يېتىشەلمەيدۇ) پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، مېنى (قۇتۇلۇش يولىغا) باشلايدۇ»[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇنداق بولمايدۇ، رەببىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، ماڭا يول كۆرسىتىدۇ»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىم مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ ماڭا چوقۇم يول كۆرسىتىدۇ» دېدى.
26 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنِ اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْبَحْرَ ۖ فَانْفَلَقَ فَكَانَ كُلُّ فِرْقٍ كَالطَّوْدِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسى بىلەن ئۇرۇۋېدى) دەريا يېرىلدى، (ھەر بىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن دەريا يېرىلدى، ھەر بىر يېرىلغان قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسانىڭ ئۇرۇشى بىلەن دېڭىز ئىككىگە ئايرىلىپ، ھەر قىسمى چوڭ تاغدەك بولدى.
26 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْجَيْنَا مُوسَىٰ وَمَنْ مَعَهُ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى پۈتۈنلەي قۇتقۇزدۇق[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ھەمراھلىرىنى قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: مۇسانى ۋە ھەمراھلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق.
نەمىل سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِأَهْلِهِ إِنِّي آنَسْتُ نَارًا سَآتِيكُمْ مِنْهَا بِخَبَرٍ أَوْ آتِيكُمْ بِشِهَابٍ قَبَسٍ لَعَلَّكُمْ تَصْطَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەھلىسىگە: «مەن ھەقىقەتەن ئوت كۆردۈم، مەن ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ (يول توغرۇلۇق) بىرەر خەۋەر ئۇقۇپ كېلەي ياكى سىلەرنىڭ ئىسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئائىلىسىگە: «مەن ھەقىقەتەن ئوت كۆردۈم، مەن ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ بىرەر خەۋەر ئۇقۇپ كېلەي، ياكى سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئائىلىسىگە: «مەن بىر ئوت كۆردۈم. بېرىپ ئۇنىڭ يېنىدىن سىلەرگە خەۋەر ئېلىپ كېلەي، ياكى سىلەرگە ئۇنىڭدىن بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي، ئىسسىنارسىلەر» دېدى.
27 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَلْقِ عَصَاكَ ۚ فَلَمَّا رَآهَا تَهْتَزُّ كَأَنَّهَا جَانٌّ وَلَّىٰ مُدْبِرًا وَلَمْ يُعَقِّبْ ۚ يَا مُوسَىٰ لَا تَخَفْ إِنِّي لَا يَخَافُ لَدَيَّ الْمُرْسَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھاساڭنى تاشلىغىن!» مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چېكىندى، كەينىگە (يەنى قورققىنىدىن ئەجدىھاغا) قارىيالمىدى. (ئاللاھ ئېيتتى) «ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر ئەلۋەتتە قورقمايدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھاساڭنى تاشلىغىن!» مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چېكىندى، كەينىگە قارىيالمىدى. -ئاندىن نېدا قىلىندىكى- :«ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر ئەلۋەتتە قورقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا يەرگە چۈشكەن ھاسىسىنىڭ خۇددى يىلاندەك تولغىنىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قېچىشقا باشلىدى ۋە كەينىگە قايتمىدى. بۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەلچىلىرىم قورقمايدۇ.
27 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَدْخِلْ يَدَكَ فِي جَيْبِكَ تَخْرُجْ بَيْضَاءَ مِنْ غَيْرِ سُوءٍ ۖ فِي تِسْعِ آيَاتٍ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَقَوْمِهِ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، (بۇ) مېنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن توققۇز مۆجىزەمنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى »[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، -بۇ- مېنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن توققۇز مۆجىزەمنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى»
ئەنەس ئالىم: قولۇڭنى قوينۇڭغا تىققىن، نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق چىقىپ فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كۆرسىتىلىدىغان توققۇز مۆجىزىنىڭ بىرى بولسۇن. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋمدۇر».
قەسەس سۈرىسى
37 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
نَتْلُو عَلَيْكَ مِنْ نَبَإِ مُوسَىٰ وَفِرْعَوْنَ بِالْحَقِّ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ساڭا مۇسا ۋە پىرئەۋن قىسسەسىنى ھەقلىق ئاساستا ئوقۇپ بېرىمىز[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ساڭا مۇسا ۋە پىرئەۋن قىسسىسىنى توغرا رەۋىشتە ئوقۇپ بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ساڭا مۇسا بىلەن فىرئەۋننىڭ بىر قىسىم خەۋەرلىرىنى ئىمان ئېيتىدىغانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئەينەن ئوقۇپ بېرىمىز.
28 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ أُمِّ مُوسَىٰ أَنْ أَرْضِعِيهِ ۖ فَإِذَا خِفْتِ عَلَيْهِ فَأَلْقِيهِ فِي الْيَمِّ وَلَا تَخَافِي وَلَا تَحْزَنِي ۖ إِنَّا رَادُّوهُ إِلَيْكِ وَجَاعِلُوهُ مِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن، (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز»[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى دەرياغا تاشلىغىن، قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن، چۈنكى بىز ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز»
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسانىڭ ئانىسىغا مۇنداق ۋەھىي قىلدۇق: «ئۇنى ئېمىتكىن. ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق كېلىشتىن قورقساڭ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىغىن، قورقمىغىن، قايغۇرمىغىن. بىز ئۇنى چوقۇم ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمىز، ئۇنى چوقۇم ئەلچىلىرىمىزدىن قىلىمىز».
28 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْتَقَطَهُ آلُ فِرْعَوْنَ لِيَكُونَ لَهُمْ عَدُوًّا وَحَزَنًا ۗ إِنَّ فِرْعَوْنَ وَهَامَانَ وَجُنُودَهُمَا كَانُوا خَاطِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى. ئاقىۋەت (مۇسا) ئۇلارغا دۈشمەن ۋە خاپىلىق بولدى. شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى ئاقىۋەت ئۆزلىرىگە دۈشمەن، ۋە خاپىلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇنى سۈزۈۋالدى. شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسانى فىرئەۋننىڭ ئائىلىسى تېپىۋالدى. ئۇ، ئاقىۋەت ئۇلارغا دۈشمەن ۋە باشلىرىغا دەرد بولاتتى. فىرئەۋن، ھامان ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ قوشۇنلىرى ھەقىقەتەن خاتالاشقان ئىدى.
28 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتِ امْرَأَتُ فِرْعَوْنَ قُرَّتُ عَيْنٍ لِي وَلَكَ ۖ لَا تَقْتُلُوهُ عَسَىٰ أَنْ يَنْفَعَنَا أَوْ نَتَّخِذَهُ وَلَدًا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋننىڭ ئايالى: «(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا كۆز نۇرى (يەنى خۇشاللىق) بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار (پىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى) ئۇقمايتتى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋننىڭ ئايالى: «-بۇ بالا- ماڭا ۋە ساڭا كۆزنۇرى بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار -ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى- ئۇقمايتتى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ ئايالى: «بۇ ماڭىمۇ، ساڭىمۇ خۇشاللىق مەنبەسى بولىدىغان ئوماق بىر بالا! ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، كەلگۈسىدە بىزگە ئەسقېتىشى مۇمكىن ياكى ئۇنى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن خاتا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى تۇيمايتتى.
28 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَصْبَحَ فُؤَادُ أُمِّ مُوسَىٰ فَارِغًا ۖ إِنْ كَادَتْ لَتُبْدِي بِهِ لَوْلَا أَنْ رَبَطْنَا عَلَىٰ قَلْبِهَا لِتَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ ئانىسى (مۇسانىڭ پىرئەۋننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ) ئەس ـ ھوشىنى يوقاتتى، (ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بالىنى قايتۇرۇش ۋەدىسىگە) ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ ئانىسى ئەس ـ ھوشىنى يوقاتتى، ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: مۇسانىڭ ئانىسى بالىسىنىڭ فىرئەۋننىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئەس - ھوشىنى يوقاتتى، بالىسىدىن باشقا ھەر نەرسىنى ئۇنتۇدى. ئۇ، مۇسانىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالدى. ئەگەر بىز ئۇنىڭ ۋەدىمىزگە ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن قەلبىنى مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بۇنى ئاشكارىلاپ قوياتتى.
28 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتْ لِأُخْتِهِ قُصِّيهِ ۖ فَبَصُرَتْ بِهِ عَنْ جُنُبٍ وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئانىسى مۇسانىڭ ھەمشىرىسىگە: «(خەۋەرنى ئۇقۇش ئۈچۈن) مۇساغا ئەگەشكىن» دېدى. ھەمشىرىسى مۇسانى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى. ھالبۇكى، ئۇلار (ئۇنى) تۇيمايتتى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئانىسى مۇسانىڭ ھەمشىرىسىگە: «مۇساغا ئەگەشكىن» دېدى. ھەمشىرىسىمۇ ئۇلارغا تۇيدۇرماستىن مۇسانى كۆزىتىپ تۇردى
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇسانىڭ ئاچىسىغا: «ئۇنى ئىزدىگىن» دېدى. ئاچىسى مۇسانى يىراقتىن كۆزەتتى. فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇنى تۇيمايتتى.
28 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَرَّمْنَا عَلَيْهِ الْمَرَاضِعَ مِنْ قَبْلُ فَقَالَتْ هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ أَهْلِ بَيْتٍ يَكْفُلُونَهُ لَكُمْ وَهُمْ لَهُ نَاصِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۆز ئانىسى كېلىشتىن) ئىلگىرى مۇسانى سۈت ئەمگۈزگۈچى ئاياللارنىڭ ئېمىتىشىدىن توستۇق، مۇسانىڭ ھەمشىرىسى: «سىلەرگە مۇسانى ئوبدان باقىدىغان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ» دېدى[12
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىلگىرى مۇسانىڭ سۈت ئەمگۈزگۈچى ئاياللارنى ئېمىشىگە رۇخسەت قىلمىدۇق، مۇسانىڭ ھەمشىرىسى: «سىلەرگە مۇسانى باقىدىغان ئوبدان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسانى ئانىسى كەلمەستىن سۈت ئانىلىرىنى ئېمىشتىن توستۇق. مۇسانىڭ ئاچىسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە، بۇ بالىنى سىلەر ئۈچۈن بېقىپ بېرىدىغان، بۇنى ئوبدان يېتىشتۈرىدىغان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى.
28 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَرَدَدْنَاهُ إِلَىٰ أُمِّهِ كَيْ تَقَرَّ عَيْنُهَا وَلَا تَحْزَنَ وَلِتَعْلَمَ أَنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق، لېكىن ئىنسالارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز مۇسانى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردۇق. بىز بۇنى مۇسانىڭ ئانىسىنى خۇشال بولسۇن، قايغۇرمىسۇن ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلسۇن دەپ قىلدۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
28 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُ وَاسْتَوَىٰ آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۆسۈپ يېتىلگەندە، ئەقلى توشقاندا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، بىز ياخشىلارغا مۇشۇنداق مۇكاپات بېرىمىز[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۆسۈپ يېتىلگەندە، ئەقلى توشقاندا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، بىز ياخشىلارغا مۇشۇنداق مۇكاپات بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: مۇسا قىرانلىق دەۋرىگە يېتىپ ئەقلىگە تولغاندا، بىز ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
28 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَخَلَ الْمَدِينَةَ عَلَىٰ حِينِ غَفْلَةٍ مِنْ أَهْلِهَا فَوَجَدَ فِيهَا رَجُلَيْنِ يَقْتَتِلَانِ هَٰذَا مِنْ شِيعَتِهِ وَهَٰذَا مِنْ عَدُوِّهِ ۖ فَاسْتَغَاثَهُ الَّذِي مِنْ شِيعَتِهِ عَلَى الَّذِي مِنْ عَدُوِّهِ فَوَكَزَهُ مُوسَىٰ فَقَضَىٰ عَلَيْهِ ۖ قَالَ هَٰذَا مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ ۖ إِنَّهُ عَدُوٌّ مُضِلٌّ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا شەھەر ئاھالىسىدىن ھېچ كىشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا (يەنى چۈشلۈك ئۇيقۇدىكى چاغدا) شەھەرگە كىردى، ئۇ شەھەردە ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. (ئۇرۇشۇۋاتقانلاردىن) بىرى ئۆز قەۋمىدىن بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنى ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم دۈشمىنىگە قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر»[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا شەھەر ئاھالىسىدىن ھېچ كىشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا شەھەرگە كىردى، ئۇ شەھەردە ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇرۇشۇۋاتقانلاردىن بىرى ئۆز قەۋمىدىن بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنى ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم دۈشمىنىگە قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر»
ئەنەس ئالىم: مۇسا شەھەر ئاھالىسى غاپىللىق ئىچىدە بولۇۋاتقان ئەسنادا شەھەرگە كىردى، شەھەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى كىشىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆز تەرەپدارىدىن ئىدى، يەنە بىرى دۈشمىنىدىن ئىدى. مۇسانىڭ تەرەپدارىدىن بولغان كىشى مۇسانىڭ دۈشمىنىدىن بولغان كىشىگە قارشى مۇسادىن ياردەم تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا دۈشمىنىدىن بولغان كىشىنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. ئاندىن: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېدى.
28 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي فَاغْفِرْ لِي فَغَفَرَ لَهُ ۚ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم. ماڭا مەغپىرەت قىلغىن». ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم. ماڭا مەغپىرەت قىلغىن». ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم! مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، ماڭا مەغپىرەت قىلغىن!» دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
28 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ بِمَا أَنْعَمْتَ عَلَيَّ فَلَنْ أَكُونَ ظَهِيرًا لِلْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا (مەغپىرەت قىلغانلىق) نېمىتىڭ سەۋەبى بىلەن مەن ھەرگىز گۇناھكارلارغا ياردەمچى بولمايمەن»[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! نېمىتىڭ سەۋەبى بىلەن مەن ھەرگىز گۇناھكارلارغا ياردەمچى بولمايمەن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم ماڭا ئىنئام قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھكارلارغا ھەرگىزمۇ ياردەمچى بولمايمەن» دېدى.
28 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَصْبَحَ فِي الْمَدِينَةِ خَائِفًا يَتَرَقَّبُ فَإِذَا الَّذِي اسْتَنْصَرَهُ بِالْأَمْسِ يَسْتَصْرِخُهُ ۚ قَالَ لَهُ مُوسَىٰ إِنَّكَ لَغَوِيٌّ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئەتىسى ئەتىگەندە قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپىغا قاراپ شەھەر ئارىلاپ يۈرەتتى. توساتتىن تۈنۈگۈن ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىگەن ئادەم (بىر قىبتى بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان ھالدا) مۇسادىن يەنە ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «سەن ھەقىقەتەن ئاشكارا گۇمراھ ئىكەنسەن» دېدى[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئەتىسى ئەتىگەندە قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپىغا قاراپ شەھەر ئارىلاپ يۈرەتتى، ناگاھان تۈنۈگۈن ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىگەن ئادەم مۇسادىن يەنە ياردەم تىلىدى، مۇسا ئۇنىڭغا: «سەن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئازغۇن ئىكەنسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئەتىسى ئەتىگەن شەھەردە، قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپنى كۆزەتكەن ھالدا ئايلىنىپ يۈرەتتى، تۈنۈگۈن ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلغان كىشى بىردىنلا ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ توۋلىدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «شۈبھىسىزكى، سەن ئوچۇق - ئاشكارا ئازغۇنسەن!» دېدى.
28 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَنْ أَرَادَ أَنْ يَبْطِشَ بِالَّذِي هُوَ عَدُوٌّ لَهُمَا قَالَ يَا مُوسَىٰ أَتُرِيدُ أَنْ تَقْتُلَنِي كَمَا قَتَلْتَ نَفْسًا بِالْأَمْسِ ۖ إِنْ تُرِيدُ إِلَّا أَنْ تَكُونَ جَبَّارًا فِي الْأَرْضِ وَمَا تُرِيدُ أَنْ تَكُونَ مِنَ الْمُصْلِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئىككىسىنىڭ (ئورتاق) دۈشمىنى بولغان ئادەم (يەنى قىبتى) گە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ياردەم تىلىگەن ئادەم: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنى ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ سەن زېمىندا ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى خالىماي، پەقەت زومىگەر بولۇشنىلا خالايسەن» دېدى[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئىككىسىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان ئادەم- قىبتى- گە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ئۇ ئادەم: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن، سەن زېمىندا تۈزىگۈچىلەردىن بولۇشنى خالىماي، پەقەت زومىگەر بولۇشنىلا خالايسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆزىنىڭ ۋە ئۇ ياردەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ دۈشمىنى بولغان كىشىنى تۇتماقچى بولغان ئىدى، ئۇ: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك، مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ سەن بۇ يەردە زومىگەر بولۇشنىلا ئىرادە قىلىسەن، ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلمايسەن» دېدى.
28 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَ رَجُلٌ مِنْ أَقْصَى الْمَدِينَةِ يَسْعَىٰ قَالَ يَا مُوسَىٰ إِنَّ الْمَلَأَ يَأْتَمِرُونَ بِكَ لِيَقْتُلُوكَ فَاخْرُجْ إِنِّي لَكَ مِنَ النَّاصِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىر ئادەم شەھەرنىڭ يىراق يېرىدىن ئالدىراپ كېلىپ: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، كاتتىلار سېنى ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەت قىلىشىۋاتىدۇ، (شەھەردىن دەرھال) چىقىپ كەتكىن، مەن ئەلۋەتتە ساڭا سادىق كىشىلەردىنمەن» دېدى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر ئادەم شەھەرنىڭ يىراق يېرىدىن ئالدىراپ كېلىپ: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، كاتتىلار سېنى ئۆلتۈرۈشكە مەسلىھەت قىلىشىۋاتىدۇ، -شەھەردىن دەرھال- چىقىپ كەتكىن، مەن ئەلۋەتتە ساڭا نەسىھەت قىلغۇچىلاردىنمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شەھەرنىڭ ئەڭ يىراق تەرىپىدىن بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى مۇسا! ئەمەلدارلار سېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ھەققىڭدە كېڭىشىۋاتىدۇ. بۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كەتكىن. مەن ھەقىقەتەن ساڭا كۆيۈنگۈچىلەردىنمەن».
28 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَخَرَجَ مِنْهَا خَائِفًا يَتَرَقَّبُ ۖ قَالَ رَبِّ نَجِّنِي مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا باققان ھالدا شەھەردىن چىقتى، ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېدى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا باققان ھالدا شەھەردىن چىقتى، ئۇ: «ئى رەببىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپنى كۆزەتكەن ھالدا ئۇ يەردىن چىقتى ۋە: «رەببىم! مېنى شۇ زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن!» دېدى.
28 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا تَوَجَّهَ تِلْقَاءَ مَدْيَنَ قَالَ عَسَىٰ رَبِّي أَنْ يَهْدِيَنِي سَوَاءَ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چاغدا: «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى مۇمكىن» دېدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چاغدا: «رەببىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى مۇمكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چېغىدا: «رەببىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىگەي» دېدى.
28 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا وَرَدَ مَاءَ مَدْيَنَ وَجَدَ عَلَيْهِ أُمَّةً مِنَ النَّاسِ يَسْقُونَ وَوَجَدَ مِنْ دُونِهِمُ امْرَأَتَيْنِ تَذُودَانِ ۖ قَالَ مَا خَطْبُكُمَا ۖ قَالَتَا لَا نَسْقِي حَتَّىٰ يُصْدِرَ الرِّعَاءُ ۖ وَأَبُونَا شَيْخٌ كَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا مەديەندىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە (ماللىرىنى) سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنى كۆردى. ئۇلاردىن باشقا يەنە (قويلىرىنى سۇدىن) توسۇپ تۇرغان ئىككى ئايالنى كۆردى. مۇسا ئۇلارغا: «سىلەرگە نېمە بولدى؟ (يەنى قويلىرىڭلارنى سۇدىن توسۇپ تۇرۇپ تۇرۇپسىلەرغۇ؟)» دېدى، ئۇلار: «پادىچىلار قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن بىز سۇغىرىمىز، ئاتىمىز بولسا ياشىنىپ قالغان بوۋايدۇر» دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا مەديەندىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە ماللىرىنى سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنى كۆردى. ئۇلاردىن باشقا يەنە -قويلىرىنى سۇدىن- توسۇپ تۇرغان ئىككى ئايالنى كۆردى. مۇسا ئۇلارغا: «سىلەرگە نېمە بولدى؟» دېدى، ئۇلار: «پادىچىلار قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن بىز سۇغىرىمىز، ئاتىمىز بولسا ياشىنىپ قالغان بوۋايدۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ مەديەن سۈيىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ماللىرىنى سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىنى ئۇچراتتى، ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ماللىرىنى سۇدىن توسۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى ئايال كۆردى ۋە ئۇلارغا: «ئىككىڭلار نېمىشقا ئۇ يەردە تۇرۇۋاتىسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «پادىچىلار ئايرىلمىغۇچە بىز سۇغىرالمايمىز. ئاتىمىز بەك ياشىنىپ كەتكەن كىشىدۇر» دېدى.
28 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَقَىٰ لَهُمَا ثُمَّ تَوَلَّىٰ إِلَى الظِّلِّ فَقَالَ رَبِّ إِنِّي لِمَا أَنْزَلْتَ إِلَيَّ مِنْ خَيْرٍ فَقِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارنىڭ قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى، ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ (بىر دەرەخنىڭ) سايىسىگە بېرىپ (ئولتۇرۇپ): «پەرۋەردىگارىم! ماڭا رىزىقتىن نېمىنىلا بەرسەڭ، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا موھتاج» دېدى[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلارنىڭ قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى، ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ بىر دەرەخنىڭ سايىسىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ: «رەببىم! ماڭا رىزىقتىن نېمىنىلا بەرسەڭ، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا موھتاج» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارنىڭ ماللىرىنى سۇغىرىپ بەردى، ئاندىن سايىغا بېرىپ: «رەببىم! ماڭا قانداق ياخشىلىق ئاتا قىلساڭ، مەن ئۇنىڭغا موھتاجمەن!» دېدى.
28 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَجَاءَتْهُ إِحْدَاهُمَا تَمْشِي عَلَى اسْتِحْيَاءٍ قَالَتْ إِنَّ أَبِي يَدْعُوكَ لِيَجْزِيَكَ أَجْرَ مَا سَقَيْتَ لَنَا ۚ فَلَمَّا جَاءَهُ وَقَصَّ عَلَيْهِ الْقَصَصَ قَالَ لَا تَخَفْ ۖ نَجَوْتَ مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى ئۇ ئىككى ئايالنىڭ) بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ئۇياتچانلىق بىلەن مېڭىپ كېلىپ: «(قويلىرىمىزنى) سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن ئاتام سېنى راستتىنلا چاقىرىدۇ» دېدى. مۇسا ئۇنىڭ (يەنى شۇئەيبنىڭ) قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى ھېكايە قىلىپ بەردى، شۇئەيب: « قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ» دېدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ئۇياتچانلىق بىلەن مېڭىپ كېلىپ: «-قويلىرىمىزنى- سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن ئاتام سېنى راستتىنلا چاقىرىدۇ» دېدى. مۇسا ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى ھېكايە قىلىپ بەردى، ئۇ: « قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ» دېدى
ئەنەس ئالىم: بۇ ئەسنادا ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ھايا قىلغان ھالدا بىلەن مېڭىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «سېنى ئاتام چاقىرىدۇ. ساڭا ماللىرىمىزنى سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىدىكەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ بېشىدىن ئۆتكەن ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى، ئۇ كىشى: «قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ» دېدى.
28 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ إِحْدَاهُمَا يَا أَبَتِ اسْتَأْجِرْهُ ۖ إِنَّ خَيْرَ مَنِ اسْتَأْجَرْتَ الْقَوِيُّ الْأَمِينُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللارنىڭ) بىرى ئېيتتى: «ئى ئاتا، ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك، ئىشەنچلىكتۇر»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېلىقى ئىككى ئاياللارنىڭ بىرى ئېيتتى: «ئى ئاتا، ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىكتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئىككى ئايالنىڭ بىرى: «ئى دادىكا! بۇ كىشىنى ھەق بېرىپ ئىشلەتكىن. سەن ھەق بېرىپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك بولغان بۇ كىشىدۇر» دېدى.
28 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنِّي أُرِيدُ أَنْ أُنْكِحَكَ إِحْدَى ابْنَتَيَّ هَاتَيْنِ عَلَىٰ أَنْ تَأْجُرَنِي ثَمَانِيَ حِجَجٍ ۖ فَإِنْ أَتْمَمْتَ عَشْرًا فَمِنْ عِنْدِكَ ۖ وَمَا أُرِيدُ أَنْ أَشُقَّ عَلَيْكَ ۚ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى شۇئەيب) ئېيتتى: «ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ بەدىلىگە ساڭا بۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى بېرىشنى خالايمەن، ئەگەر ئون يىلنى توشقۇزۇۋەتسەڭ (ئۇمۇ) ئىختىيارىڭ، (ئون يىلنى شەرت قىلىپ) سېنى مۇشەققەتكە سېلىپ قويۇشنى خالىمايمەن، خۇدا خالىسا، مېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىمنى بايقايسەن»[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ بەدىلىگە ساڭا بۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى بېرىشنى خالايمەن، ئەگەر ئون يىلنى توشقۇزۇۋەتسەڭ ئۇ ياخشىلىق بولۇپ قالىدۇ، سېنى مۇشەققەتكە سېلىپ قويۇشنى خالىمايمەن، خۇدا خالىسا، مېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىمنى بايقايسەن»
ئەنەس ئالىم: ياشانغان ئادەم مۇنداق دېدى: «ساڭا شۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى نىكاھلاپ بېرىشنى ئىرادە قىلىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىسەن، ئەگەر مۇددەتنى ئون يىل قىلىپ تاماملىساڭ، بۇ سېنىڭ ياخشىلىقىڭ بولىدۇ. مەن سېنى مۇشەققەتكە سېلىشنى ئىرادە قىلمايمەن. ئىنشائاللاھ مېنىڭ ياخشى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن».
28 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ ذَٰلِكَ بَيْنِي وَبَيْنَكَ ۖ أَيَّمَا الْأَجَلَيْنِ قَضَيْتُ فَلَا عُدْوَانَ عَلَيَّ ۖ وَاللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «بۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدىكى توختامدۇر، ئىككى مۇددەت (يەنى سەككىز يىل بىلەن ئون يىل) نىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام توشقۇزاي، ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاللاھ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر»[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «بۇ، ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدىكى توختامدۇر، ئىككى مۇددەتنىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام توشقۇزاي، ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاللاھ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر»
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «بۇ دېگەنلىرىڭىز ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا توختام بولسۇن. مەن ئىككى مۇددەتنىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام، ماڭا ھەقسىزلىق قىلىنمايدۇ. ئاللاھ دېيىشكەن سۆزلىرىمىزگە گۇۋاھتۇر».
28 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا قَضَىٰ مُوسَى الْأَجَلَ وَسَارَ بِأَهْلِهِ آنَسَ مِنْ جَانِبِ الطُّورِ نَارًا قَالَ لِأَهْلِهِ امْكُثُوا إِنِّي آنَسْتُ نَارًا لَعَلِّي آتِيكُمْ مِنْهَا بِخَبَرٍ أَوْ جَذْوَةٍ مِنَ النَّارِ لَعَلَّكُمْ تَصْطَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا (ئۆز ئارا كېلىشكەن) مۇددەتنى (يەنى كېلىشكەن مۇددەتنىڭ تولۇقراقى بولغان ئون يىلنى) توشقۇزغاندىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ (مىسىرغا قاراپ) يولغا چىقتى، ئۇ تۇر تېغى تەرىپىدە ئوت كۆردى، ئۇ ئايالىغا: «شۈبھىسىزكى، مەن (يىراقتىن) ئوت كۆردۈم، ئۇ يەردىن مەن سىلەرگە بىر خەۋەر ئېلىپ كېلەي، يا سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى (مۇسا ئەلەيھىسسالام ئوتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئوت ئەمەس نۇر ئىكەنلىكىنى بىلدى)(ئىزاھات:بۇ سوغۇق كېچىدە ئۇلار يولدىن ئادىشىپ كەتتى، قاتتىق بوران چىقىپ، مۇسا ئەلەيھسسالامنىڭ پادىسىنى تارقىتىۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىنىڭ تولغىقى تۇتۇپ قالدى. مۇشۇنداق چاغدا مۇسا ئەلەيھىسىسالامغا يىراقتىن بىر ئوت كۆرۈندى.)[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ مۇسا مۇددەتنى توشقۇزغاندىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ -مىسىرغا قاراپ- يولغا چىقتى، ئۇ تۇر تېغى تەرىپىدە ئوت كۆردى[1]، ئۇ ئايالىغا: «شۈبھىسىزكى، مەن بىر ئوت بايقىدىم، ئۇ يەردىن مەن سىلەرگە بىر خەۋەر ئېلىپ كېلەي، يا سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇددەتنى توشقۇزۇپ ئائىلىسى بىلەن كېتىۋاتقاندا، تۇر تېغى تەرىپىدە بىر ئوت كۆردى ۋە ئائىلىسىگە: «سىلەر بۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇڭلار، مەن ئوت كۆردۈم. بەلكى سىلەرگە ئۇ يەردىن خەۋەر ياكى بىر پارچە ئوت ئېلىپ كېلەرمەن، ئىسسىنارسىلەر» دېدى.
28 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَتَاهَا نُودِيَ مِنْ شَاطِئِ الْوَادِ الْأَيْمَنِ فِي الْبُقْعَةِ الْمُبَارَكَةِ مِنَ الشَّجَرَةِ أَنْ يَا مُوسَىٰ إِنِّي أَنَا اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە ۋادىنىڭ ئوڭ تەرىپىنىڭ گىرۋىكىگە توغرا كېلىدىغان مۇبارەك جايدىكى دەرەخ تەرەپتىن (مۇنداق) نىدا ئاڭلاندى: «ئى مۇسا، (ساڭا سۆز قىلىۋاتقان) مەن، ھەقىقەتەن، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتۇرمەن[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە ۋادىنىڭ ئوڭ تەرىپىنىڭ گىرۋىكىگە توغرا كېلىدىغان مۇبارەك جايدىكى دەرەخ تەرەپتىن -مۇنداق- بىر نىدا ئاڭلاندى: «ئى مۇسا، مەن، ھەقىقەتەن، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھدۇرمەن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى، ئۇنىڭغا بەرىكەتلىك جايدىكى ۋادىنىڭ ئوڭ گىرۋىكىدىكى دەرەختىن مۇنداق نىدا كەلدى: «ئى مۇسا! مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتۇرمەن.
28 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْ أَلْقِ عَصَاكَ ۖ فَلَمَّا رَآهَا تَهْتَزُّ كَأَنَّهَا جَانٌّ وَلَّىٰ مُدْبِرًا وَلَمْ يُعَقِّبْ ۚ يَا مُوسَىٰ أَقْبِلْ وَلَا تَخَفْ ۖ إِنَّكَ مِنَ الْآمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى، كەينىگە قارىمىدى، (نىدا قىلىندىكى) «ئى مۇسا! ئالدىڭغا ماڭغىن، قورقمىغىن، سەن ھەقىقەتەن (قورقۇنچتىن) ئەمىن بولغۇچىلاردىنسەن[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى، كەينىگە قارىمىدى، -نىدا قىلىندىكى،- «ئى مۇسا! ئالدىڭغا ماڭغىن، قورقمىغىن، سەن ھەقىقەتەن بىخەتەرلىككە ئېرىشكۈچىلەردىنسەن
ئەنەس ئالىم: ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا يەرگە چۈشكەن ھاسىسىنىڭ يىلاندەك تولغۇنۇپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى ۋە كەينىگە قايتمىدى. بۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئى مۇسا! قايتىپ كەلگىن، قورقمىغىن، سەن خاتىرجەم بولغۇچىلاردىنسەن.
28 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
اسْلُكْ يَدَكَ فِي جَيْبِكَ تَخْرُجْ بَيْضَاءَ مِنْ غَيْرِ سُوءٍ وَاضْمُمْ إِلَيْكَ جَنَاحَكَ مِنَ الرَّهْبِ ۖ فَذَانِكَ بُرْهَانَانِ مِنْ رَبِّكَ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز (بىر پارچە ئايدەك پارلاپ) ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭنى يىغىۋالغىن (يەنى قوينۇڭغا سېلىۋالغىن)، بۇ ئىككىسى پىرئەۋنگە (ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ) چوڭلىرىغا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن (بىزنىڭ ئىتائىتىمىزدىن چىققۇچى) پاسىق قەۋم ئىدى»[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭنى يىغىۋالغىن، بۇ ئىككىسى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى»
ئەنەس ئالىم: قولۇڭنى قوينۇڭغا تىققىن، نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق چىقىدۇ. قورققانلىقىڭ ئۈچۈن ئېچىلغان قوللىرىڭنى يىغىۋالغىن. ئەنە شۇ ئىككىسى، فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە قارشى رەببىڭ ساڭا بەرگەن ئىككى دەلىلدۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋمدۇر».
28 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي قَتَلْتُ مِنْهُمْ نَفْسًا فَأَخَافُ أَنْ يَقْتُلُونِ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلاردىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلاردىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! مەن ئۇلاردىن بىرىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدىم، بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن.
28 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَخِي هَارُونُ هُوَ أَفْصَحُ مِنِّي لِسَانًا فَأَرْسِلْهُ مَعِيَ رِدْءًا يُصَدِّقُنِي ۖ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُكَذِّبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭدىن راۋاندۇر، ئۇنى مەن بىلەن (پەيغەمبەرلىكىمنى) تەستىقلايدىغان ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن»[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭدىن راۋاندۇر، ئۇنى مېنى تەستىقلايدىغان ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭكىدىن راۋان. شۇڭلاشقا ئۇنىمۇ مەن بىلەن بىرلىكتە ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، مېنى تەستىقلىسۇن. مەن ئۇلارنىڭ مېنى يالغانچى دېيىشىدىن بەك قورقىمەن».
28 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَنَشُدُّ عَضُدَكَ بِأَخِيكَ وَنَجْعَلُ لَكُمَا سُلْطَانًا فَلَا يَصِلُونَ إِلَيْكُمَا ۚ بِآيَاتِنَا أَنْتُمَا وَمَنِ اتَّبَعَكُمَا الْغَالِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «قېرىندىشىڭ ئارقىلىق سېنى كۈچەيتىمىز، ئىككىڭلارنى غالىب قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىككىڭلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىككىڭلارغا ئەگەشكەنلەر بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئارقىلىق غەلىبە قىلىسىلەر»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «قېرىندىشىڭ ئارقىلىق سېنى كۈچەيتىمىز ۋە ئىككىڭلارنى غالىب قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز سەۋەبلىك ئىككىڭلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىككىڭلارغا ئەگەشكەنلەر غەلىبە قىلغۇچىلارسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «قېرىندىشىڭ بىلەن سېنى كۈچلەندۈرىمىز، ئىككىڭلارغا كۈچ بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىلەرگە چېقىلالمايدۇ. ئايەتلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىڭلار، سىلەر ۋە سىلەرگە ئەگەشكەنلەر چوقۇم غالىب كېلىسىلەر».
28 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَهُمْ مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا بَيِّنَاتٍ قَالُوا مَا هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُفْتَرًى وَمَا سَمِعْنَا بِهَٰذَا فِي آبَائِنَا الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردۇر، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ (زامانىدا) بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدۇق» دېدى[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردۇر، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىدا بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدۇق» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا روشەن ئايەتلىرىمىزنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «بۇ پەقەت ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردىنلا ئىبارەت. بىز بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا بۇنداق نەرسە بارلىقىنى ئاڭلىمىدۇق» دېدى.
28 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ رَبِّي أَعْلَمُ بِمَنْ جَاءَ بِالْهُدَىٰ مِنْ عِنْدِهِ وَمَنْ تَكُونُ لَهُ عَاقِبَةُ الدَّارِ ۖ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم ئۆزىنىڭ دەرگاھىدىن كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئاخىرەتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىگە كىمنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، زالىملار (يەنى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغۇچى فاجىرلار) چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىم ئۆزىنىڭ دەرگاھىدىن كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئاخىرەتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىگە كىمنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، زالىملار چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم، ھىدايەتنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىن كىمنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ يۇرتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتى كىمنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. زالىملار مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ».
28 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ مِنْ بَعْدِ مَا أَهْلَكْنَا الْقُرُونَ الْأُولَىٰ بَصَائِرَ لِلنَّاسِ وَهُدًى وَرَحْمَةً لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز (نۇھنىڭ قەۋمى ئاد، سەمۇد ۋە لۇتنىڭ قەۋمى قاتارلىق) ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) نىڭ دىللىرىغا (ھەقىقەتنى كۆرىدىغان) نۇر بېرىپ، ئۇلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلدۇق، ئۇلار ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، مۇساغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ دىللىرىغا نۇر، ھىدايەت رەھبىرى ۋە رەھمەت بولۇشى ئۈچۈن مۇساغا كىتابنى بەردۇق، ئۇمىتكى ئۇلار ۋەز ـ نەسىھەت ئالغايلار
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرىكى نەسىللەرنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن مۇساغا، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل كۆزلىرىنى ئاچىدىغان دەلىللەر، ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان كىتابنى بەردۇق. بۇنى ئۇلارنى ئويلانسۇن دەپ قىلدۇق.
28 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كُنْتَ بِجَانِبِ الْغَرْبِيِّ إِذْ قَضَيْنَا إِلَىٰ مُوسَى الْأَمْرَ وَمَا كُنْتَ مِنَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بىز غەربىي تاغنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا ۋەھىي نازىل قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، (بۇنى) ئۆز كۆزۈڭ بىلەنمۇ كۆرمىگەن ئىدىڭ[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- بىز غەربىي تاغنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا ھۆكمىمىزنى بىلدۈرگەن ۋاختىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، -بۇنى- ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەنلەردىنمۇ ئەمەسسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز مۇساغا ئەمرىمىزنى ۋەھىي قىلغان چاغدا سەن ۋادىنىڭ غەرب تەرىپىدە يوق ئىدىڭ، سەن كۆرگەنلەردىنمۇ ئەمەس ئىدىڭ.
28 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَٰكِنَّا أَنْشَأْنَا قُرُونًا فَتَطَاوَلَ عَلَيْهِمُ الْعُمُرُ ۚ وَمَا كُنْتَ ثَاوِيًا فِي أَهْلِ مَدْيَنَ تَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِنَا وَلَٰكِنَّا كُنَّا مُرْسِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن بىز نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغۇچى بولغىنىڭ يوق، لېكىن بىز (سېنى ئۇلاردىن باشقا بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن بىز نۇرغۇن نەسىللەرنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغۇچى بولغىنىڭ يوق، لېكىن بىز ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكۈچىلەرمىز
ئەنەس ئالىم: لېكىن بىز نۇرغۇن نەسىللەر ياراتتۇق. ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇزۇن زامانلار ئۆتتى. سېنىڭ مەديەن ئاھالىسى ئىچىدە ياشاپ، ئۇلارغا ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلغىنىڭ يوق. لېكىن سېنى بىز ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
28 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كُنْتَ بِجَانِبِ الطُّورِ إِذْ نَادَيْنَا وَلَٰكِنْ رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ لِتُنْذِرَ قَوْمًا مَا أَتَاهُمْ مِنْ نَذِيرٍ مِنْ قَبْلِكَ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز تۇر تېغىنىڭ بىر تەرىپىدە (مۇساغا) سۆز قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، لېكىن بۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان رەھمەتتۇر[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز تۇر تېغىنىڭ بىر تەرىپىدە -مۇساغا- سۆز قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، لېكىن بۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان رەھمەتتۇر، ئۈمىتكى ئۇلار ۋەز ـ نەسىھەت ئالغايلار
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا نىدا قىلغان چاغدا سەن تۇر تېغىنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ. لېكىن بۇ رەببىڭنىڭ رەھمىتى بولۇپ، سەندىن ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ساڭا نازىل قىلىندى. ئۇلار ئويلانغاي!
28 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَهُمُ الْحَقُّ مِنْ عِنْدِنَا قَالُوا لَوْلَا أُوتِيَ مِثْلَ مَا أُوتِيَ مُوسَىٰ ۚ أَوَلَمْ يَكْفُرُوا بِمَا أُوتِيَ مُوسَىٰ مِنْ قَبْلُ ۖ قَالُوا سِحْرَانِ تَظَاهَرَا وَقَالُوا إِنَّا بِكُلٍّ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىز ۋەھىي قىلغان ھەقىقەت نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «(تەۋرات بىلەن قۇرئان) بىر ـ بىرىنى تەستىق قىلىدىغان سېھىردۇر» دېدى. ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن (ئىككى كىتابنىڭ) ھەربىرىنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېدى[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىزنىڭ تەرىپىدىن ھەقىقەت كەلگەندە ئۇلار: «ئۇنىڭغا نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەنلەر بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەنلەرنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «تەۋرات بىلەن قۇرئان، بىر ـ بىرىنى تەستىق قىلىدىغان سېھىرلەردۇر» دېدى. ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن ھەممىسىنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلارغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ھەق كەلگەندە: «بۇنىڭغا، نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىلەرگە ئوخشاش مۆجىزىلەر بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «بىر - بىرى بىلەن ياردەملەشكەن ئىككى سېھىر1» دېدى ۋە: «بىز ھېچبىرىگە ئىشەنمەيمىز» دېدى.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ فَلَا تَكُنْ فِي مِرْيَةٍ مِنْ لِقَائِهِ ۖ وَجَعَلْنَاهُ هُدًى لِبَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) سەن مۇساغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلەنمىگىن، بىز تەۋراتنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب -تەۋرات- نى ئاتا قىلدۇق. -ئى مۇھەممەد!- سەن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلەنمىگىن، بىز تەۋراتنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەردۇق. ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشتىن شۈبھىلەنمىگىن، بىز ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھىدايەت رەھبىرى قىلغان ئىدۇق.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ آذَوْا مُوسَىٰ فَبَرَّأَهُ اللَّهُ مِمَّا قَالُوا ۚ وَكَانَ عِنْدَ اللَّهِ وَجِيهًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! مۇساغا ئەزىيەت قىلغانلاردەك بولماڭلار. ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئاقلىغان. ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئېتىبارلىق ئىدى.
ساففات سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَشَّرْنَاهُ بِإِسْحَاقَ نَبِيًّا مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇشخەۋەر بەردۇق[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا نەبىي بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.
37 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ مَنَنَّا عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا (پەيغەمبەرلىك بىلەن) ئېھسان قىلدۇق[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا ياخشىلىق ئېھسان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغىمۇ ياخشىلىق قىلغان ئىدۇق.
37 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَجَّيْنَاهُمَا وَقَوْمَهُمَا مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) چوڭ غەمدىن (يەنى پىرئەۋننىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىدىن) خالاس تاپقۇزدۇق[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ غەمدىن خالاس تاپقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ بالادىن قۇتقۇزدۇق.
37 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَصَرْنَاهُمْ فَكَانُوا هُمُ الْغَالِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ياردەم بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غالىب كەلدى.
37 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتَيْنَاهُمَا الْكِتَابَ الْمُسْتَبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى بەردۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ناھايىتى روشەن كىتابنى بەردۇق.
37 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
وَهَدَيْنَاهُمَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى توغرا يولغا ئېرىشتۈردۇق.
37 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِمَا فِي الْآخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق،
37 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
سَلَامٌ عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇساغا ۋە ھارۇنغا (بىزدىن) سالام بولسۇن![120]
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇساغا ۋە ھارۇنغا سالام بولسۇن!
ئەنەس ئالىم: مۇساغا ۋە ھارۇنغا سالام بولسۇن!
37 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمَا مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر[122]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئۇ ئىككىسى مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
ساد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ عِبَادَنَا إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ أُولِي الْأَيْدِي وَالْأَبْصَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا) بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈچلۈك ۋە بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنىمۇ ئەسلىگىن
ئەنەس ئالىم: بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبلارنىمۇ زىكىر قىلغىن، ئۇلار كۈچلۈك ۋە ئاڭلىق كىشىلەر ئىدى.
غافىر سۈرىسى
21 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى[23ـ24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز مۇسانى ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق،
40 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَهَامَانَ وَقَارُونَ فَقَالُوا سَاحِرٌ كَذَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى[23ـ24].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا. بىراق، ئۇلار مۇسانى يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن، ھامان ۋە قارۇنلارغا. ئۇلار: «بۇ سېھىرگەردۇر، يالغانچىدۇر» دېدى.
40 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَهُمْ بِالْحَقِّ مِنْ عِنْدِنَا قَالُوا اقْتُلُوا أَبْنَاءَ الَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ وَاسْتَحْيُوا نِسَاءَهُمْ ۚ وَمَا كَيْدُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن ھەق (يەنى پەيغەمبەرلىك) بىلەن كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى (نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن) ئۆلتۈرۈڭلار، ئاياللىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى پەقەت بەربات بولىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن ھەق بىلەن كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى -نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن- ئۆلتۈرۈڭلار، ئاياللىرىنى قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى پەقەت بەربات بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «مۇسا بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلىشى ئۈچۈن تىرىك قالدۇرۇڭلار» دېدى. كافىرلارنىڭ ھىيلىسى بەربات بولۇشقا مەھكۇمدۇر.
40 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِي أَقْتُلْ مُوسَىٰ وَلْيَدْعُ رَبَّهُ ۖ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَنْ يُظْهِرَ فِي الْأَرْضِ الْفَسَادَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا -ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن- رەببىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار مۇسانى ئۆلتۈرۈۋېتەي. مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن».
40 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ إِنِّي عُذْتُ بِرَبِّي وَرَبِّكُمْ مِنْ كُلِّ مُتَكَبِّرٍ لَا يُؤْمِنُ بِيَوْمِ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار (بولغان ئاللاھ) قا سىغىنىپ، ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) گە ئىشەنمەيدىغان ھەر بىر مۇتەكەببىر (نىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى) دىن پاناھ تىلەيمەن»[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھغا سېغىنىپ، ھېساب كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەر بىر مۇتەكەببىرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «مەن ھېساب كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەر مۇتەكەببىردىن، مېنىڭمۇ رەببىم سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا سېغىندىم».
40 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ رَجُلٌ مُؤْمِنٌ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَكْتُمُ إِيمَانَهُ أَتَقْتُلُونَ رَجُلًا أَنْ يَقُولَ رَبِّيَ اللَّهُ وَقَدْ جَاءَكُمْ بِالْبَيِّنَاتِ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ وَإِنْ يَكُ كَاذِبًا فَعَلَيْهِ كَذِبُهُ ۖ وَإِنْ يَكُ صَادِقًا يُصِبْكُمْ بَعْضُ الَّذِي يَعِدُكُمْ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر "پەرۋەردىگارىم ئاللاھ" دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ (پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا) يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر «رەببىم ئاللاھ» دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن خانىدانىدىن بولۇپ شۇ ۋاقىتقىچە ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «سىلەر بىر ئادەمنى ‹رەببىم ئاللاھتۇر› دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى! ئەگەر ئۇ يالغان سۆزلىگەن بولسا، يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە. ناۋادا ئۇ راست سۆزلىگەن بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى بېشىڭلارغا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە يالغانچى كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ.
40 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
يَا قَوْمِ لَكُمُ الْمُلْكُ الْيَوْمَ ظَاهِرِينَ فِي الْأَرْضِ فَمَنْ يَنْصُرُنَا مِنْ بَأْسِ اللَّهِ إِنْ جَاءَنَا ۚ قَالَ فِرْعَوْنُ مَا أُرِيكُمْ إِلَّا مَا أَرَىٰ وَمَا أَهْدِيكُمْ إِلَّا سَبِيلَ الرَّشَادِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىدۇر، (مىسىر) زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلگىڭلاردىدۇر، -مىسىر- زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! سىلەر بۈگۈن بۇ مەملىكەتتە ھۆكۈمرانسىلەر، غالىبسىلەر. ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، بىزنى ئۇنىڭدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟». فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە پەقەت ئۆزۈم توغرا كۆرگەن نەرسىنى توغرا دەپ كۆرسىتىۋاتىمەن. مەن سىلەرنى پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن».
40 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِي آمَنَ يَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ مِثْلَ يَوْمِ الْأَحْزَابِ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ[30ـ31].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنىڭ جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە، ئەلچىلەرگە قارشى بىرلەشكەن گۇرۇھلارغا كەلگەن مۇسىبەت كۈنىگە ئوخشاش كۈننىڭ كېلىشىدىن قورقىمەن،
40 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
مِثْلَ دَأْبِ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَالَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ ۚ وَمَا اللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِلْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ[30ـ31].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش! ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: يەنى نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد، سەمۇد ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى قەۋملەر دۇچار بولغان جازاغا ئوخشاش جازاغا دۇچار بولۇشىڭلاردىن قورقىمەن. ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى ئىرادە قىلمايدۇ.
40 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ يَوْمَ التَّنَادِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن پەرياد كۈنىدىن قورقىمەن،
40 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تُوَلُّونَ مُدْبِرِينَ مَا لَكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۗ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە (دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە -دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ- ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ھېچ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئارقاڭلارنى قىلىپ قاچىدىغان كۈندىن. ئۇ كۈنى سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.
40 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جَاءَكُمْ يُوسُفُ مِنْ قَبْلُ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا زِلْتُمْ فِي شَكٍّ مِمَّا جَاءَكُمْ بِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا هَلَكَ قُلْتُمْ لَنْ يَبْعَثَ اللَّهُ مِنْ بَعْدِهِ رَسُولًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ مُرْتَابٌ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن) روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، (دەلىل ـ پاكىتسىز) ھالدا، ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ دېدىڭلار، ئاللاھ (گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، (دىندا) شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ»[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، دەلىل ـ پاكىتسىز ھالدا، «ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ» دېدىڭلار، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ئىلگىرى يۇسۇف روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. سىلەر ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىللەردىن داۋاملىق شۈبھىلەندىڭلار. تاكى ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا: ‹ئاللاھ يۇسۇفتىن كېيىن ئەلچى ئەۋەتمەيدۇ› دېدىڭلار. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە شۈبھىلەنگۈچى كىشىلەرنى مانا مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ.
40 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَا هَامَانُ ابْنِ لِي صَرْحًا لَعَلِّي أَبْلُغُ الْأَسْبَابَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى[36ـ37].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى ھامان! ماڭا ئېگىز بىر بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا؛ ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى ھامان! مەن ئۈچۈن بىر ساراي سالغىن، يوللارنى تاپاي،
40 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
أَسْبَابَ السَّمَاوَاتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُ كَاذِبًا ۚ وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوءُ عَمَلِهِ وَصُدَّ عَنِ السَّبِيلِ ۚ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِي تَبَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى[36ـ37].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەلەشىم مۇمكىن. چۈنكى مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن». پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى ۋە يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى بىكارغىلا كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ يوللىرىنى. ئاندىن چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. مەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن». فىرئەۋنگە ئۆزىنىڭ يامان ئەمىلى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇ توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. فىرئەۋننىڭ ھىيلىسى بەربات بولدى.
40 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِي آمَنَ يَا قَوْمِ اتَّبِعُونِ أَهْدِكُمْ سَبِيلَ الرَّشَادِ
مۇھەممەد سالىھ: (پىرئەۋن خانىدانىدىن) ئىمان ئېيتقان كىشى ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېلىقى ئىمان ئېيتقان كىشى ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن
ئەنەس ئالىم: مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ماڭا ئەگىشىڭلار، سىلەرنى توغرا يولغا باشلاي.
40 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
يَا قَوْمِ إِنَّمَا هَٰذِهِ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا مَتَاعٌ وَإِنَّ الْآخِرَةَ هِيَ دَارُ الْقَرَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (ۋاقىتلىق) پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن (مەڭگۈلۈك) قارارگاھتۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ۋاقىتلىق پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن مەڭگۈلۈك قارارگاھتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا ھاياتى ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاخىرەت بولسا، ئەبەدىي قارارگاھتۇر.
40 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا قَوْمِ مَا لِي أَدْعُوكُمْ إِلَى النَّجَاةِ وَتَدْعُونَنِي إِلَى النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىكى، سىلەرنى مەن (دوزاختىن) قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىۋاتسام، سىلەر مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلىۋاتىسىلەرغۇ![41]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىدۇركى، مەن سىلەرنى دوزاختىن قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىۋاتىمەن، سىلەر بولساڭلار مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلىۋاتىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنى قۇتۇلۇشقا چاقىرىۋاتىمەن، سىلەر مېنى دوزاخقا چاقىرىۋاتىسىلەر:
40 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
تَدْعُونَنِي لِأَكْفُرَ بِاللَّهِ وَأُشْرِكَ بِهِ مَا لَيْسَ لِي بِهِ عِلْمٌ وَأَنَا أَدْعُوكُمْ إِلَى الْعَزِيزِ الْغَفَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، (بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى (ئاللاھ) قا دەۋەت قىلىمەن[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىۋاتىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھغا دەۋەت قىلىۋاتىمەن
ئەنەس ئالىم: سىلەر مېنى ئاللاھقا كافىر بولۇشقا ۋە مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشقا چاقىرىۋاتىسىلەر. مەن سىلەرنى ئەزىز ۋە كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھنىڭ يولىغا چاقىرىۋاتىمەن.
40 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَتَذْكُرُونَ مَا أَقُولُ لَكُمْ ۚ وَأُفَوِّضُ أَمْرِي إِلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: (سىلەرگە ئازاب نازىل بولغان چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقانلىرىمنى پات يېقىندا ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: سىلەر سۆزلىرىمنى پات يېقىندا ئەسلەيسىلەر. مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
40 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَقَاهُ اللَّهُ سَيِّئَاتِ مَا مَكَرُوا ۖ وَحَاقَ بِآلِ فِرْعَوْنَ سُوءُ الْعَذَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب چۈشتى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب نازىل بولدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇ مۇئمىن ئادەمنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. فىرئەۋن خانىدانىنى بولسا ئەڭ يامان ئازاب قورشىۋالدى.
40 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْهُدَىٰ وَأَوْرَثْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ الْكِتَابَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق، ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى مىراس قىلىپ بەردۇق[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق، ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابنى مىراس قىلىپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا ھىدايەتنى ئاتا قىلدۇق ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى كىتابقا ۋارىس قىلدۇق.
زۇخرۇف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَقَالَ إِنِّي رَسُولُ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە (ئۇنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان شانلىق) مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق، مۇسا (پىرئەۋنگە): «مەن ھەقىقەتەن جىمى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ (سېنى ۋە قەۋمىڭنى بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) ئەلچىسىمەن» دېدى[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق، مۇسا پىرئەۋنگە: «مەن ھەقىقەتەن جىمى ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسانى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. مۇسا ئۇلارغا: «مەن ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى.
43 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا نُرِيهِمْ مِنْ آيَةٍ إِلَّا هِيَ أَكْبَرُ مِنْ أُخْتِهَا ۖ وَأَخَذْنَاهُمْ بِالْعَذَابِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىر ـ بىرىدىن كاتتا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق، ئۇلارنى (كۇفرىدىن) قايتسۇن دەپ (تۈرلۈك) ئازابلار بىلەن جازالىدۇق[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىر ـ بىرىدىن كاتتا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق، ئۇلارنى كۇفرىدىن قايتسۇن دەپ تۈرلۈك ئازابلار بىلەن جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا كۆرسەتكەن ھەر مۆجىزە ئىلگىرىكسىدىن چوڭ ئىدى. بىز ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ ئازابلار بىلەن جازالىدۇق.
43 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا يَا أَيُّهَ السَّاحِرُ ادْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِنْدَكَ إِنَّنَا لَمُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە) «ئى سېھىرگەر! پەرەۋردىگارىڭغا ئۇنىڭ ساڭا بەرگەن (دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشتىن ئىبارەت) ئەھدى بويىچە بىز ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ (ئەگەر ئۇ دۇئايىڭ بىلەن بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتسە)، بىز چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز» دېدى[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە: «ئى سېھىرگەر! پەرەۋردىگارىڭغا ئۇنىڭ ساڭا بەرگەن ئەھدى بويىچە بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغىن، بىز چوقۇم توغرا يول تاپىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى سېھىرگەر! رەببىڭنىڭ ساڭا بەرگەن ئەھدىسى بويىچە بىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىن، بىز ئەلۋەتتە توغرا يولغا كېلىمىز» دېدى.
43 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ أَنَا خَيْرٌ مِنْ هَٰذَا الَّذِي هُوَ مَهِينٌ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە (پەخىرلەنگەن ھالدا) نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ (مېنىڭ بۇ بۈيۈكلۈكۈمنى) كۆرمەمسىلەر؟ بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن»[51ـ52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا، مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەم- مۇسا- دىن ياخشىراق ئەمەسمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ياكى مەن بۇ ئەرزىمەس ۋە ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان ئادەمدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟
43 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا أُلْقِيَ عَلَيْهِ أَسْوِرَةٌ مِنْ ذَهَبٍ أَوْ جَاءَ مَعَهُ الْمَلَائِكَةُ مُقْتَرِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا (ئاسماندىن) ئالتۇن بىلەيزۈكلەر تاشلانمىدى؟ ياكى نېمىشقا (ئۇنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟»[53]
تەرجىمە ھەيئىتى: نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاسماندىن ئالتۇن بىلەيزۈكلەر تاشلانمىدى؟ ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟»
ئەنەس ئالىم: نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەزۈكلەر تاشلاپ بېرىلمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟».
دۇخان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَسْرِ بِعِبَادِي لَيْلًا إِنَّكُمْ مُتَّبَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ ئېيتتى) «مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، سىلەر ھەقىقەتەن قوغلىنىسىلەر[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداق بولسا مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە تىزدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، سىلەر ھەقىقەتەن قوغلىنىسىلەر
ئەنەس ئالىم: رەببى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «بەندىلىرىمنى ئېلىپ كېچىدە يولغا چىققىن. شۈبھىسىزكى، سىلەر قوغلىنىسىلەر3.
44 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ نَجَّيْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنَ الْعَذَابِ الْمُهِينِ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋن (ئازابى) دىن قۇتقۇزدۇق، پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى[30 ـ 31].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خورلىغۇچى ئازابتىن قۇتقۇزدۇق،
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِي مُوسَىٰ إِذْ أَرْسَلْنَاهُ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ (قىسسەسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى بىز پىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ قىسسىسىدىمۇ ئىبرەتلەر بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى بىز پىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسادىمۇ ئايەت قالدۇردۇق. بىز ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا فىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق.
سەپ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
61 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ لِمَ تُؤْذُونَنِي وَقَدْ تَعْلَمُونَ أَنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ ۖ فَلَمَّا زَاغُوا أَزَاغَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ سىلەر ماڭا نېمىشقا ئازار بېرىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ سىلەر ماڭا نېمىشقا ئازار بېرىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىشقا ئەزىيەت قىلىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى ئىكەنلىكىمنى ئوبدان بىلىسىلەر» دېگەن ئىدى. ئۇلار باتىلغا مايىل بولغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى باتىلغا مايىل قىلدى. ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
مۇزەممىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَرْسَلْنَا إِلَيْكُمْ رَسُولًا شَاهِدًا عَلَيْكُمْ كَمَا أَرْسَلْنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ رَسُولًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەندەك، سىلەرگە (ئەمەلىڭلارغا) گۇۋاھلىق بەرگۈچى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەندەك، سىلەرگىمۇ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە، بۇرۇن فىرئەۋنگە ئەلچى ئەۋەتكىنىمىزدەك زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان ئەلچى ئەۋەتتۇق.
نازىئات سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟[15]
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
79 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ نَادَاهُ رَبُّهُ بِالْوَادِ الْمُقَدَّسِ طُوًى
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى پەرۋەردىگارى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا (مۇنداق دەپ) چاقىردى:[16]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى رەببى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببى ئۇنىڭغا مۇقەددەس ۋادى تۇۋادا مۇنداق دەپ نىدا قىلدى:
79 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبْ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: «سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: «سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى
ئەنەس ئالىم: «فىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇ بەك ھەددىدىن ئاشتى.
79 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُلْ هَلْ لَكَ إِلَىٰ أَنْ تَزَكَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا :<كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن>پاك بولۇشنى خالامسەن.18
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا ئېيتقىنكى: «پاك بولۇشنى خالامسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا ئېيتقىن: «پاكلىنىشقا مەيلىڭ بارمۇ؟
79 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَهْدِيَكَ إِلَىٰ رَبِّكَ فَتَخْشَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سېنى پەرۋەردىگارىمنى تونۇشقا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ (ئۇنى تونۇساڭ پەرۋەردىگارىڭدىن) قورقىسەن ـ دە، (ياخشى ئەمەللەرنى قىلىسەن)، دېگىن»[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنى رەببىڭنىڭ تەرىپىگە يېتەكلىشىمنىچۇ؟ شۇنداق بولغاندا قورقارسەن»
ئەنەس ئالىم: سېنى رەببىڭنى تونۇشقا يېتەكلەيمۇ؟ تونۇساڭ ئۇنىڭدىن ئەيمىنىسەن!»6.
79 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرَاهُ الْآيَةَ الْكُبْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ بىر مۆجىزىنى كۆرسەتتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا فىرئەۋنگە ئەڭ بۈيۈك ئايەتنى كۆرسەتتى،
ئەئلا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
صُحُفِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر[18ـ19].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنى ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىمنىڭ ۋە مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدە.