قىيامەت كۈنىدىكى پۇشايمان
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ھىدايەت پۇرسىتىنى ئىسراپ قىلغانلارنىڭ قاتتىق پۇشايمىنى.
ئېنگلىزچىسى: Regret on Judgment Day
59 ئايەت
29 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 مۇكاپات ۋە جازا /
- 📄 قىيامەت كۈنىدىكى پۇشايمان
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 166 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ تَبَرَّأَ الَّذِينَ اتُّبِعُوا مِنَ الَّذِينَ اتَّبَعُوا وَرَأَوُا الْعَذَابَ وَتَقَطَّعَتْ بِهِمُ الْأَسْبَابُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى ۋاقىتتا ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئازابنى كۆرۈپ، ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا ـ جۇدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى (يەنى دۇنيادىكى دوستلۇقى) ئۈزۈلىدۇ[166].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاشۇ ۋاقىتتا (يامان يولغا باشلىغان) باشلامچىلار ئازابنى كۆرۈپ، ئەگەشكۈچىلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ئۈزۈلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى يېتەكچىلەر ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئادا - جۇدا بولىدۇ، ئازابنى كۆرىدۇ ۋە ئارىلىرىدىكى پۈتكۈل مۇناسىۋەت ئۈزۈلىدۇ.
2 : 167 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ اتَّبَعُوا لَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَتَبَرَّأَ مِنْهُمْ كَمَا تَبَرَّءُوا مِنَّا ۗ كَذَٰلِكَ يُرِيهِمُ اللَّهُ أَعْمَالَهُمْ حَسَرَاتٍ عَلَيْهِمْ ۖ وَمَا هُمْ بِخَارِجِينَ مِنَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەشكۈچىلەر: «كاشكى بىزلەرگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، ئۇلار بىزدىن ئادا ـ جۇدا بولغاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا ـ جۇدا بولاتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا (يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەسرەت بولغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن چىقمايدۇ[167].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەشكۈچىلەر: «كاشكى بىزگە دۇنياغا قايتىشقا مۇمكىن بولسا ئىدى، ئۇلار بىزنى تاشلاپ كەتكەندەك، بىزمۇ ئۇلارنى تاشلاپ كېتەتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا يامان ئىشلىرىنىڭ پۇشايمان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن ھەرگىز چىقالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئەگەشكۈچىلەر مۇنداق دەيدۇ: «كاشكى قولىمىزغا پۇرسەت كەلسە، ئۇلار بىزدىن ئادا - جۇدا بولغـاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا - جۇدا بولساق!». ئاللاھ ئۇلارغا پۈتۈن قىلمىشلىرىنى ئەنە شۇنداق ئۆزلىرىنى بېسىۋالغان ھەسرەتلەر ھالىتىدە كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەس50.
ئال ئىمران سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمَا لَهُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلغۇچى يوقتۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدىغان كىشىلەردۇر، ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەنلەردۇر. ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ.
3 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَشْتَرُونَ بِعَهْدِ اللَّهِ وَأَيْمَانِهِمْ ثَمَنًا قَلِيلًا أُولَٰئِكَ لَا خَلَاقَ لَهُمْ فِي الْآخِرَةِ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ اللَّهُ وَلَا يَنْظُرُ إِلَيْهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا (رەھمەت كۆزى بىلەن) قارىمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (رەھمەت نەزىرى بىلەن) گەپ قىلمايدۇ، قاراپمۇ قويمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھتىن پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچبىر نېسىۋە يوق. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
نىسا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَئِذٍ يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَعَصَوُا الرَّسُولَ لَوْ تُسَوَّىٰ بِهِمُ الْأَرْضُ وَلَا يَكْتُمُونَ اللَّهَ حَدِيثًا
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار ئۇ كۈندە (ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەنلىكتىن) يەر بىلەن تۈپتۈز قىلىۋېتىلىشىنى (يەنى ئۆزىنىڭ يەرگە كۆمۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ، (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەزاسى گۇۋاھ بولغانلىقتىن) ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار (قىيامەن كۈنىدە) ئۆزىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كۈندە، كافىر بولغان ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ.
4 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
هَا أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ جَادَلْتُمْ عَنْهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا فَمَنْ يُجَادِلُ اللَّهَ عَنْهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَمْ مَنْ يَكُونُ عَلَيْهِمْ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ھاياتى دۇنيادا ئۇلارنىڭ (يەنى ئوغرى ۋە خائىنلارنىڭ) تەرىپىنى ئالدىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئاللاھقا قارشى ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ؟ (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىنى كىم ئۇلاردىن دەپئى قىلىدۇ؟) ياكى كىم ئۇلارغا ھامىي بولىدۇ؟[109]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، دۇنيا ھاياتىدا ئۇلار (يەنى خىيانەتكارلار)نىڭ تەرەپدارى بولۇپ مۇنازىرىلەشتىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئۇلارنىڭ تەرەپدارى بولۇپ ئاللاھ بىلەن مۇنازىرىلىشەلەيدۇ؟ ياكى كىم ئۇلارغا ھامىي بولالايدۇ؟
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئەنە شۇنداق كىشىلەركى، دۇنيا ھاياتىدا ئۇلار ئۈچۈن مۇنازىرىلەشتىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ؟ ياكى كىم ئۇلارغا ۋەكىل52 بولىدۇ؟
مائىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَعَثَ اللَّهُ غُرَابًا يَبْحَثُ فِي الْأَرْضِ لِيُرِيَهُ كَيْفَ يُوَارِي سَوْءَةَ أَخِيهِ ۚ قَالَ يَا وَيْلَتَا أَعَجَزْتُ أَنْ أَكُونَ مِثْلَ هَٰذَا الْغُرَابِ فَأُوَارِيَ سَوْءَةَ أَخِي ۖ فَأَصْبَحَ مِنَ النَّادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. قاغا (تۇمشۇقى ۋە ئىككى پۇتى بىلەن) يەرنى كولىدى. ئۇ (يەنى قابىل بۇنى كۆرۈپ): «ۋاي مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇشتىن ئاجىز كەلدىممۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نادامەت قىلغۇچىلاردىن بولدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. ئۇ (قاغا بىر ئۆلۈك قاغىنى كۆمۈش ئۈچۈن) يەرنى كولىدى. ئۇ (قابىل بۇننى كۆرۈپ): «ۋاي ئېسىت! مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىكمۇ بولالماپتىمەنا؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئەسنادا ئاللاھ بىر قاغا ئەۋەتتى، قاغا يەرنى چوقۇيتتى. بۇ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ: «ۋاي ئىسىت! مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇپ، قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمەلمەپتىمەن!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.
5 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُ الَّذِينَ آمَنُوا أَهَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ أَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ ۙ إِنَّهُمْ لَمَعَكُمْ ۚ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فَأَصْبَحُوا خَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان ھىيلە ـ مىكرى پاش قىلىنغاندا) مۆمىنلەر (بىر ـ بىرىگە): «سىلەر بىلەن چوقۇم بىللە ئىكەنلىكلىرىگە ئاللاھ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشكەنلەر مۇشۇ كىشىلەرمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچى بولدى[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ چاغدا مۆمىنلەر: «بىز قەتئىي سىلەر بىلەن بىللە دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم ئىچىەنلەر شۇ كىشىلەرمۇ؟» دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولدى، شۇڭا ئۇلار زىيان تارتقۇچى بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا مۇئمىنلار: «بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلغانلار شۇلارمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ قالدى.
ئەنئام سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ نَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشْرَكُوا أَيْنَ شُرَكَاؤُكُمُ الَّذِينَ كُنْتُمْ تَزْعُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىمىز، ئاندىن شېرىك كەلتۈرگەنلەرگە: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغانلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيمىز[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قېنى؟» دەيمىز
ئەنەس ئالىم: بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان ئويدۇرما ئىلاھلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيمىز.
6 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ لَمْ تَكُنْ فِتْنَتُهُمْ إِلَّا أَنْ قَالُوا وَاللَّهِ رَبِّنَا مَا كُنَّا مُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار پەقەت ئۆزرە ئېيتىپ (دۇنيادىكى چاغلىرىدىكىگە ئوخشاش يالغانغا ئىلتىجا قىلىپ): «پەرۋەردىگارىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق» دەيدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار پەقەت ئۆزرە ئېيتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن ئىدۇق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارنىڭ يالغان جاۋابى مۇنداق بولىدۇ: «رەببىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق».
6 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
انْظُرْ كَيْفَ كَذَبُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ ۚ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (بىز مۇشرىك بولمىغان دەپ) ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ) بوھتان چاپلىغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىنىڭ ئەكسىچە قانداق يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارىغىن. ئۇلارنىڭ ئىلاھ دەۋالغان بۇتلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ
ئەنەس ئالىم: قارىغىنا، ئۇلار ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىدى ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.
6 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ تَرَىٰ إِذْ وُقِفُوا عَلَى النَّارِ فَقَالُوا يَا لَيْتَنَا نُرَدُّ وَلَا نُكَذِّبَ بِآيَاتِ رَبِّنَا وَنَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (دەھشەتلىك بىر ھالىنى كۆرەتتىڭ). ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دەيدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرگەن بولساڭ (دەھشەتلىك بىر ھالنى كۆرگەن بولاتتىڭ). ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان بولساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى دوزاخ ئوتىنىڭ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا بىر كۆرگەن بولساڭ! ئۇلار ئۇ چاغدا: «ئاھ! كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان، رەببىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېمىگەن ۋە مۇئمىنلاردىن بولغان بولساقچۇ!» دەيدۇ.
6 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ بَدَا لَهُمْ مَا كَانُوا يُخْفُونَ مِنْ قَبْلُ ۖ وَلَوْ رُدُّوا لَعَادُوا لِمَا نُهُوا عَنْهُ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى ئۇلارغا ئاشكارا بولدى، ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئىمان ئېيتاتتۇق دېگەن ۋەدىسىدە) يالغانچىلاردۇر[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى ئۆزىگە ئاشكارا بولدى. ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ياق، ئۇلارغا ئىلگىرى يوشۇرغان نەرسىلىرى ئاشكارا بولدى. ئەگەر ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلسا ئىدى، ئۆزلىرى چەكلەنگەن نەرسىگە يەنە قايتاتتى. ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
6 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِلِقَاءِ اللَّهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءَتْهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً قَالُوا يَا حَسْرَتَنَا عَلَىٰ مَا فَرَّطْنَا فِيهَا وَهُمْ يَحْمِلُونَ أَوْزَارَهُمْ عَلَىٰ ظُهُورِهِمْ ۚ أَلَا سَاءَ مَا يَزِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى قايتا تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادىكى بىپەرۋالىقىمىزغا ۋاي ئېست» دەيدۇ. گۇناھلىرىنى ئۈستىلىرىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ (گۇناھلارنى) يۈكلىگىنى نېمىدېگەن يامان![31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادا بىپەرۋالىق قىلىپ كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمىزغا ئىسىت» دەپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار گۇناھلارنى ئۈستىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈكلىۋالغىنى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يالغان دېگەنلەر چوقۇم زىيان تارتىدۇ. ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرىگە قىيامەت تۇيۇقسىزلا كەلگەندە گۇناھلىرىنى يۈدۈپ تۇرۇپ: «ۋاي ئىسىت! ئۇ دۇنيادا سەل قاراپتىمىز» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار يۈدۈۋالغان نەرسە نېمىدېگەن يامان!
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا تَأْوِيلَهُ ۚ يَوْمَ يَأْتِي تَأْوِيلُهُ يَقُولُ الَّذِينَ نَسُوهُ مِنْ قَبْلُ قَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ فَهَلْ لَنَا مِنْ شُفَعَاءَ فَيَشْفَعُوا لَنَا أَوْ نُرَدُّ فَنَعْمَلَ غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ قَدْ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى كۇففارلار) پەقەت (ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ) نەتىجىسىنىلا كۈتىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگەن كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)، ئىلگىرى كىتابقا ئەمەل قىلمىغانلار: ‹‹پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىلىرى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى (بىز ئۇلارغا ئىمان ئېيتماپتۇق، بۈگۈن) بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئىپتىرا قىلغان مەبۇدلىرى ئۇلارنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار (يەنى كافىرلار) پەقەت ئۇنىڭدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ نەتىجىسىنىلا كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگەن كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)، ئىلگىرى بۇ كىتابقا ئەمەل قىلمىغانلار: «پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىلىرى (بىزگە) ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى بىزنىڭ گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋالغان نەرسىلەر ئۇلارنىڭ يېنىدىن غايىب بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ كىتابنىڭ تەئۋىيلىگىلا11 ساقلاۋاتىدۇ! ئۇنىڭ تەئۋىيلى كەلگەن كۈنى12، بۇرۇن ئۇنى ئۇنتۇغانلار مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئەمدى بىز ئۈچۈن شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ بولسا بىزگە شاپائەت قىلغان بولسىچۇ! ياكى دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟ بولسا قىلغىنىمىزدىن باشقا ئەمەل قىلار ئىدۇق!». ئۇلار ھەقىقەتەن ئۆزلىرىگە زىيان سالدى ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.
يۇنۇس سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّ لِكُلِّ نَفْسٍ ظَلَمَتْ مَا فِي الْأَرْضِ لَافْتَدَتْ بِهِ ۗ وَأَسَرُّوا النَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ ۖ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْقِسْطِ ۚ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ھەر بىر زۇلۇم قىلغان ئادەم زېمىندىكى ھەممە نەرسىگە ئىگە بولىدىغان بولسا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە (ئۇنىڭ ھەممىسىنى) فىدىيە قىلىپ بىرىۋېتەتتى، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا نادامىتىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ (يەنى دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ). ئۇلارنىڭ (يەنى خالايىقنىڭ) ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ھەر بىر زۇلۇم قىلغان ئادەم يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىگە مالىك بولىدىغان بولسا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھەممىسىنى فىدىيە قىلىپ بىرىۋېتەتتى، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا نادامىتىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: زالىملىق قىلغان ھەر كىشى زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولسا ئىدى، ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى فىديە قىلغان بولاتتى. ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە چوقۇم نادامىتىنى يوشۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
10 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا ظَنُّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار قىيامەت كۈنى قانداق ئويلايدۇ؟ (يەنى جازاغا تارتىلمايمىز، دەپ ئويلامدۇ؟) شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا مەرھەمەتلىكتۇر (چۈنكى ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى كېچىكتۈردى)، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار قىيامەت كۈنى ھەققىدە قانداق ئويلايدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يالغاننى چاپلاۋاتقانلار قىيامەت كۈنىنى نېمە چاغلايدۇ؟ ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
ھىجىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
رُبَمَا يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ كَانُوا مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەندە، دۇنيادىكى چېغىمىزدا) مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: كافىرلار ئارا - سىرە «كاشكى مۇسۇلمان بولساقچۇ!» دەپ ئارزۇ قىلىدۇ.
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُحِيطَ بِثَمَرِهِ فَأَصْبَحَ يُقَلِّبُ كَفَّيْهِ عَلَىٰ مَا أَنْفَقَ فِيهَا وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَيَقُولُ يَا لَيْتَنِي لَمْ أُشْرِكْ بِرَبِّي أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ مېۋىلىرى (يەنى بېغى) ۋەيران بولدى، ئۈزۈم بىدىشلىرى يەرگە يىقىلدى، ئۇ باغقا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا (ھەسرەت چېكىپ) ئىككى ئالقىنىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى ھەمدە ئۇ: «مەن پەرۋەردىگارىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمىسەمچۇ» دېدى[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ مېۋىلىرى يەنى بېغى ۋەيران بولدى، تېلىنىڭ بىدىشلىرى يەرگە يىقىلدى، ئۇ باغقا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا ھەسرەت چېكىپ ئىككى ئالقىنىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى ھەمدە ئۇ: «مەن رەببىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمىسەمچۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ تۇزكور ئادەمنىڭ مەھسۇلاتلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، باغلىرىغا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا ھەسرەت چېكىپ قوللىرىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى. باغلىرى بولسا باراڭلىرى يىقىلغان ھالەتتە تۇراتتى. ئۇ: «كاشكى رەببىمگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىغان بولسامچۇ!» دەيتتى.
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الْأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ وَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ھەسرەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر ۋە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن ئۇلارنى، ئىشلار بىر تەرەپ قىلىنغاندا ھەركىم ھەسرەت چېكىدىغان كۈندىن ئاگاھلاندۇرغىن. چۈنكى ئۇلار تېخىچە غەپلەت ئىچىدە يۈرۈۋاتىدۇ، تېخىچە ئىمان ئېيتمايۋاتىدۇ.
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ كَذَٰلِكَ أَتَتْكَ آيَاتُنَا فَنَسِيتَهَا ۖ وَكَذَٰلِكَ الْيَوْمَ تُنْسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا (روشەن) ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن»[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا - روشەن- ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇنىڭغا: «شۇنداق ئىدىڭ، لېكىن ساڭا ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى ئۇنتۇدۇڭ، سەنمۇ بۈگۈن ئەنە شۇنداق ئۇنتۇلىسەن» دەيدۇ.
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا وَيْلَنَا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! ھەقىقەتەن بىز زالىم بولۇپتۇق» دېيىشتى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! ھەقىقەتەن بىز زالىم بولۇپتۇق» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بىز راستتىنلا زالىم ئىدۇق» دېيىشتى.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا جَاءَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ رَبِّ ارْجِعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇكى، «پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: نىھايەت ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇركى، «رەببىم! مېنى قايتۇرغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھقا بوھتان چاپلاشنى ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك داۋاملاشتۇرىدۇ، تاكى ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلگەن چېغىدا مۇنداق دەيدۇ: «رەببىم! مېنى قايتۇرسىلا.
23 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
لَعَلِّي أَعْمَلُ صَالِحًا فِيمَا تَرَكْتُ ۚ كَلَّا ۚ إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَائِلُهَا ۖ وَمِنْ وَرَائِهِمْ بَرْزَخٌ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن قويۇپ كەلگەن مال ـ مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن». (ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر، ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى مەن قويۇپ كەلگەن يەردە ياخشىلىق قىلارمەن». ياق، ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم ئۇ قىلغان قۇرۇق سۆزدىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا بىر توسما بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئارقامدا قالغان دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئىش قىلارمەن». ياق! بۇ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان قۇرۇق گەپ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا، ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر توسۇق بار.
23 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا رَبَّنَا غَلَبَتْ عَلَيْنَا شِقْوَتُنَا وَكُنَّا قَوْمًا ضَالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بەتبەختلىكىمىز ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز! بەتبەختلىكىمىز ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بەختسىزلىكىمىزگە سەۋەبچى بولغان ئارزۇلىرىمىز بىزگە غالىب كەلدى، بىز ئازغۇن قەۋم بولدۇق.
23 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا أَخْرِجْنَا مِنْهَا فَإِنْ عُدْنَا فَإِنَّا ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن)، ئەگەر بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز»[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن، ئەگەر بىز يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! بىزنى بۇ يەردىن چىقارغىن. ئەگەر قايتا ئەسكىلىك قىلساق، ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغان بولىمىز».
فۇرقان سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يَعَضُّ الظَّالِمُ عَلَىٰ يَدَيْهِ يَقُولُ يَا لَيْتَنِي اتَّخَذْتُ مَعَ الرَّسُولِ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ[27ـ29].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن -نىجاتلىق- يولىنى تۇتسامچۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر يول تۇتسامچۇ!
25 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يَا وَيْلَتَىٰ لَيْتَنِي لَمْ أَتَّخِذْ فُلَانًا خَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ[27ـ29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟
ئەنەس ئالىم: ۋاي ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىسامچۇ!
25 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ أَضَلَّنِي عَنِ الذِّكْرِ بَعْدَ إِذْ جَاءَنِي ۗ وَكَانَ الشَّيْطَانُ لِلْإِنْسَانِ خَذُولًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ[27ـ29].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى خار-زەبۇن قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ مېنى، ماڭا كەلگەن قۇرئاندىن يىراقلاشتۇردى». شەيتان ئىنساننى مانا مۇشۇنداق ياردەمسىز قويىدۇ.
شۇئەرا سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا وَهُمْ فِيهَا يَخْتَصِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق[96ـ97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ:
ئەنەس ئالىم: ئۇلار دوزاختا بىر - بىرى بىلەن تالاش - تارتىش قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ:
26 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
تَاللَّهِ إِنْ كُنَّا لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق[96ـ97].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدە ئىكەنمىز.
26 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا صَدِيقٍ حَمِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ۋە يېقىن دوستمۇ يوق[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە يېقىن دوستمۇ يوق
ئەنەس ئالىم: سەمىمىي دوستىمىزمۇ يوق.
26 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىزگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، بىز مۆمىنلەردىن بولاتتۇق»[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىزگە دۇنياغا قايتىشقا بولسا ئىدى، بىز مۇئمىنلاردىن بولاتتۇق»
ئەنەس ئالىم: كاشكى دۇنياغا قايتىپ مۇئمىنلاردىن بولساقچۇ!».
26 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَقَرُوهَا فَأَصْبَحُوا نَادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نادامەتكە قالدى[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمما ئۇلار ئۇ چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نادامەتكە قالدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بۇنىڭغا قارىماي ئۇ تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى، ئارقىسىدىنلا پۇشايمان قىلدى.
26 : 203 - ئايەت
كۆرۈش
فَيَقُولُوا هَلْ نَحْنُ مُنْظَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا تۇيۇقسىز ئازاب كەلگەندە) ئۇلار: «بىزگە (ئىمان ئېيتىۋېلىش ئۈچۈن) مۆھلەت بېرىلەمدۇ؟» دەيدۇ[203].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىزگە مۆھلەت بېرىلەمدۇ؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئۇلار: «بىزگە مۆھلەت بېرىلەمدۇ؟» دەيدۇ.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ تَرَىٰ إِذِ الْمُجْرِمُونَ نَاكِسُو رُءُوسِهِمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ رَبَّنَا أَبْصَرْنَا وَسَمِعْنَا فَارْجِعْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا إِنَّا مُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدىغان بولساڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) كۆردۇق، ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن (دۇنياغا) قايتۇرغىن، بىز (ئەمدى) ھەقىقەتەن (سېنىڭ ۋەدەڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىشەنگۈچىلەرمىز»[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن گۇناھكارلارنىڭ رەببىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردىغان بولساڭ، ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز! -ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى- كۆردۇق ۋە ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن قايتۇرغىن، بىز ئەمدى ھەقىقەتەن ئىشەنگۈچىلەرمىز»
ئەنەس ئالىم: گۇناھكارلارنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ: «رەببىمىز! كۆردۇق، ئاڭلىدۇق، بىزنى دۇنياغا قايتۇرغىن، ياخشى ئەمەل قىلايلى. شۈبھىسىزكى، بىز جەزمەن ئىشەنگۈچىلەرمىز» دېگەن چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرگەن بولساڭچۇ!
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تُقَلَّبُ وُجُوهُهُمْ فِي النَّارِ يَقُولُونَ يَا لَيْتَنَا أَطَعْنَا اللَّهَ وَأَطَعْنَا الرَّسُولَا
مۇھەممەد سالىھ: دوزاختا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تۈرۈلۈپ كېتىدىغان كۈندە، ئۇلار: «كاشكى بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دەيدۇ[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: دوزاختا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تۈرۈلۈپ كېتىدىغان كۈندە، ئۇلار: «كاشكى بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يۈزلىرى ئوتنىڭ ئىچىدە ئۆرۈلۈپ - چۆرۈلگەن كۈندە مۇنداق دەيدۇ: «كاشكى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!»
سەبەئ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا بَلْ مَكْرُ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ إِذْ تَأْمُرُونَنَا أَنْ نَكْفُرَ بِاللَّهِ وَنَجْعَلَ لَهُ أَنْدَادًا ۚ وَأَسَرُّوا النَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ وَجَعَلْنَا الْأَغْلَالَ فِي أَعْنَاقِ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، (سىلەرنىڭ بىزگە) كېچە ـ كۈندۈز قىلغان ھىيلە ـ مىكرىڭلار (بىزنى ئىماندىن توستى)، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتۇڭلار» دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار (ھەر ئىككى گۇرۇھ ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرىغا) ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ بىزگە كېچە ـ كۈندۈز قىلغان ھىيلە ـ مىكرىڭلار بىزنى ئىماندىن توستى؛ ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھ نى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتۇڭلار» دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىلا بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ياق، بىزنى سىلەرنىڭ كېچە - كۈندۈز قىلغان ھىيلە - مىكرىڭلار ئىماندىن توستى. سىلەر بىزنى ئاللاھقا كافىر بولۇشقا ۋە بەزى كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش تۇتۇشقا بۇيرۇيتتىڭلار» دەيدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە ئەلۋەتتە كۆڭلىدە پۇشايمان قىلىدۇ. بىز كافىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز. ئۇلارغا پەقەت ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
فاتىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُمْ يَصْطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَا أَخْرِجْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُمْ مَا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَنْ تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ ۖ فَذُوقُوا فَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئاللاھ ئېيتىدۇ:) «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز ـ نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق»[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاختا: «رەببىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. -ئاللاھ ئېيتىدۇ- : «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز ـ نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدىغۇ؟ ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ ئوتنىڭ ئىچىدە: «رەببىمىز! بىزنى چىقارغىن، قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ياخشى ئەمەللەر قىلايلى» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلىشىدۇ. بۇ چاغدا بىز ئۇلارغا مۇنداق دەيمىز: «سىلەرگە نەسىھەت ئالىدىغان كىشى نەسىھەت ئالغۇدەك ئۆمۈر بەرمىدۇقمۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن ئىدىغۇ! ئەمدى تېتىڭلار! زالىملارغا ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر».
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
يَا حَسْرَةً عَلَى الْعِبَادِ ۚ مَا يَأْتِيهِمْ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى) بەندىلەرگە ئەپسۇسكى، ئۇلارغا بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەندىلەرگە ئەپسۇسكى، ئۇلارغا بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى
ئەنەس ئالىم: ئىسىت! شۇ بەندىلەرگە. ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەر ئەلچىنى مەسخىرە قىلاتتى.
زۇمەر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَاعْبُدُوا مَا شِئْتُمْ مِنْ دُونِهِ ۗ قُلْ إِنَّ الْخَاسِرِينَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَأَهْلِيهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ أَلَا ذَٰلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھتىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار!» ئېيتقىنكى، «قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيان تارتقۇزغۇچىلار قاتتىق زىيان تارتقۇچىلاردۇر، بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ روشەن زىياندۇر[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھتىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار!» ئېيتقىنكى: «قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيان تارتقۇزغۇچىلار قاتتىق زىيانغا ئۇچرىغۇچىلاردۇر، بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ روشەن زىياندۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئاللاھتىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار». ئېيتقىنكى: «ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىلىرىنى زىيان تارتقۇزغۇچىلاردۇر. بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ ئاشكارا زىياندۇر.
39 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ تَقُولَ نَفْسٌ يَا حَسْرَتَا عَلَىٰ مَا فَرَّطْتُ فِي جَنْبِ اللَّهِ وَإِنْ كُنْتُ لَمِنَ السَّاخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر قانداق ئادەم: «ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ھەسرەت! مەن (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ۋە دىنىنى) مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىنىڭ : «ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ئىسىت! مەن مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: بولمىسا كىشى: ‹ۋاي ئىسىت! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزۈپتىمەن، مەن مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم› دەيدۇ،
39 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ تَقُولَ لَوْ أَنَّ اللَّهَ هَدَانِي لَكُنْتُ مِنَ الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى «ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا (ھىدايەت تېپىپ) ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى «ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: ياكى: ‹ئەگەر ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلسا ئىدى، مەن چوقۇم تەقۋادارلاردىن بولاتتىم› دەيدۇ،
39 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ تَقُولَ حِينَ تَرَى الْعَذَابَ لَوْ أَنَّ لِي كَرَّةً فَأَكُونَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتىشىمغا بولسا ئىدى، (ئۇ چاغدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ) ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن (پەرۋەردىگارىغا بويسۇنسۇن)[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتالىغان بولسام، ياخشى ئىش قىلغۇچىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن رەببىگە بويسۇنسۇن
ئەنەس ئالىم: ياكى ئازابنى كۆرگەن چېغىدا: ‹كاشكى دۇنياغا قايتىپ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلاردىن بولسامچۇ!› دەيدۇ،
فۇسسىلەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَدْعُونَ مِنْ قَبْلُ ۖ وَظَنُّوا مَا لَهُمْ مِنْ مَحِيصٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) چوقۇنغان مەبۇدلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ، ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىلگىرى چوقۇنغانلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالغان بولۇپ، ئۇلار قاچىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى ئىلگىرى دۇئا قىلغان مەبۇدلىرى تاشلىۋېتىدۇ. ئۇلار قاچىدىغان يېرى يوقلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.
شۇرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ وَلِيٍّ مِنْ بَعْدِهِ ۗ وَتَرَى الظَّالِمِينَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ يَقُولُونَ هَلْ إِلَىٰ مَرَدٍّ مِنْ سَبِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ ئىگە يوقتۇر، زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ «(دۇنياغا) قايتىشقا يول بارمىدۇ؟» دېگەنلىكىنى كۆرىسەن[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ ئىگە يوقتۇر، زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ :«قايتىشقا يول بارمىدۇ؟» دېگەنلىكىنى كۆرىسەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنى ئازدۇرۇۋەتسە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ھېچ قانداق ۋەلىيسى بولمايدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن زالىملارنى ئازابنى كۆرگەن چاغلىرىدا: «قايتىشقا يول بارمىدۇ؟» دېيىشىۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن.
42 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَاهُمْ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا خَاشِعِينَ مِنَ الذُّلِّ يَنْظُرُونَ مِنْ طَرْفٍ خَفِيٍّ ۗ وَقَالَ الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ الْخَاسِرِينَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَأَهْلِيهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ أَلَا إِنَّ الظَّالِمِينَ فِي عَذَابٍ مُقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ قورققان، خارلانغان ھالدا، (دوزاخقا) كۆزىنىڭ قۇيرۇقى بىلەن قارىغان ھالدا دوزاخقا توغرىلىنىدىغانلىقىنى كۆرىسەن، مۆمىنلەر: «شۈبھىسىزكى، زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيان سالغۇچىلاردۇر» دەيدۇ، بىلىڭلاركى، زالىملار ھەقىقەتەن دائىملىق ئازابتىدۇر[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ قورققان، خارلانغان ھالدا، دوزاخقا كۆزىنىڭ قۇيرۇقى بىلەن قارىغان ھالدا دوزاخقا توغرىلىنىدىغانلىقىنى كۆرىسەن، مۇئمىنلار: «شۈبھىسىزكى، زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيان سالغۇچىلاردۇر» دەيدۇ، بىلىڭلاركى، زالىملار ھەقىقەتەن دائىملىق ئازابتىدۇر
ئەنەس ئالىم: سەن يەنە ئۇلارنى ئازابقا توغرىلانغان، خارلانغانلىقتىن باشلىرى چۈشۈپ كەتكەن ۋە ئەتراپقا كۆزلىرىنىڭ قۇيرۇقلىرى بىلەن ئوغرىلىقچە قاراۋاتقان ھالەتلەردە كۆرىسەن. مۇئمىنلار: «ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىلىرىنى زىيان تارتقۇزغۇچىلاردۇر» دېدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، زالىملار ئەلۋەتتە مۇقىم ئازابتىدۇر.
زۇخرۇف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا جَاءَنَا قَالَ يَا لَيْتَ بَيْنِي وَبَيْنَكَ بُعْدَ الْمَشْرِقَيْنِ فَبِئْسَ الْقَرِينُ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىر ئادەم (ھەمراھى بىلەن قىيامەت كۈنى) دەرگاھىمىزغا كەلگەن چاغدا (ھەمراھىغا): «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدەك ئارىلىق بولسا ئىكەن. (سەن) نېمىدېگەن يامان ھەمراھ! (چۈنكى سەن مېنىڭ بەختسىزلىكىمگە سەۋەبچى بولدۇڭ)» دەيدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىر ئادەم دەرگاھىمىزغا كەلگەن چاغدا ھەمراھىغا: «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدەك ئارىلىق بولسا ئىكەن. سەن نېمىدېگەن يامان ھەمراھ!» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزغا كەلگەندە يېقىنىغا: «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارسىدەك يىراقلىق بولسا ئىدى! سەن نېمىدېگەن يامان يېقىن!» دەيدۇ.
ھاققە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمْ أَدْرِ مَا حِسَابِيَهْ
مۇھەممەد سالىھ: ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم![26]
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم!
ئەنەس ئالىم: ھېسابىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەم ئىدىم!
69 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
يَا لَيْتَهَا كَانَتِ الْقَاضِيَةَ
مۇھەممەد سالىھ: دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى (ئاخىرەتتە قايتا تىرىلمەس قىلىپ) ئاخىرلاشتۇرسىچۇ![27]
تەرجىمە ھەيئىتى: دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرسىچۇ!
ئەنەس ئالىم: ئاھ! كاشكى، ئۆلۈم ئىشنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى بولسا ئىدى!
69 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
مَا أَغْنَىٰ عَنِّي مَالِيَهْ ۜ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ مال ـ مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ مال ـ مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى
ئەنەس ئالىم: مال - مۈلكۈم ماڭا ئەسقاتمىدى.
69 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
هَلَكَ عَنِّي سُلْطَانِيَهْ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى»
ئەنەس ئالىم: سەلتەنەتىم قولۇمدىن كەتتى».
69 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّهُ لَحَسْرَةٌ عَلَى الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئان كاپىرلارغا (ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى ۋە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئازابىنى كۆرگەن چاغدا) ئەلۋەتتە ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئان كاپىرلارغا ئەلۋەتتە ھەسرەت بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، قۇرئان كافىرلارغا ھەسرەتتۇر.
قىيامەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ بَاسِرَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر تۇتۇق بولىدۇ[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر تۇتۇق بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى يەنە بىر قىسىم يۈزلەر تۈرۈلىدۇ.
75 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
تَظُنُّ أَنْ يُفْعَلَ بِهَا فَاقِرَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مۈشكۈللۈككە دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئۇلار جەزمەن ئىشىنىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مۈشكۈللۈككە دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئۇلار جەزمەن ئىشىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرىگە ئومۇرتقىلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئىش قىلىنىدىغانلىقىنى بايقايدۇ.
نەبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
78 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَنْذَرْنَاكُمْ عَذَابًا قَرِيبًا يَوْمَ يَنْظُرُ الْمَرْءُ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ وَيَقُولُ الْكَافِرُ يَا لَيْتَنِي كُنْتُ تُرَابًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن (يۈز بېرىشى) يېقىن ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتكەن بولسامچۇ!» دەيدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن يېقىن ئازابتىن ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ ۋە كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ!» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى يېقىن ئازابتىن ئاگاھلاندۇردۇق. ئۇ كۈندە كىشى بۇرۇن ئۆزى قىلغان ئىشلىرىنى كۆرىدۇ، كافىر: «كاشكى، تۇپراق بولسامچۇ!» دەيدۇ.
ئىنىشقاق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
84 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَوْفَ يَدْعُو ثُبُورًا
مۇھەممەد سالىھ: «ۋاي» دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)[11]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆلۈپ يوق بولماقچى بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ يوق بولۇپ كېتىشنى تىلەيدۇ
فەجر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَجِيءَ يَوْمَئِذٍ بِجَهَنَّمَ ۚ يَوْمَئِذٍ يَتَذَكَّرُ الْإِنْسَانُ وَأَنَّىٰ لَهُ الذِّكْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (گۇناھكارلارنى كۆرۈش ئۈچۈن) جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (يەنى كاپىر) (دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، ئەنە شۇ كۈندە ئىنسان ئەسلەيدۇ، ھالبۇكى، ئەمدى ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى جەھەننەم كەلتۈرۈلىدۇ. ئەنە شۇ كۈندە ئىنسان ئەسلەيدۇ. لېكىن بۇ ئەسلەشنىڭ ئۇنىڭغا قانداقمۇ پايدىسى بولسۇن!5
89 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
يَقُولُ يَا لَيْتَنِي قَدَّمْتُ لِحَيَاتِي
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئېيتىدۇكى: «كاشكى مەن (دۇنيادىكى) ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!»[24]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتىدۇكى: «كاشكى مەن ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!»
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «كاشكى، ھاياتىم ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان بولسامچۇ!» دەيدۇ.