مۇكاپات ۋە جازا
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاخىرەت: مۇكاپات ۋە جازا
ئەرەبچىىسى: الثواب والعقاب
ئېنگلىزچىسى: Reward and Punishment
760 ئايەت
90 سۈرە
3 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
فاتىھە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
1 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)[7].
ئەنەس ئالىم: سەن ئىنئام قىلغان10، غەزىپىڭگە يولۇقمىغان11 ۋە ئازمىغانلار12نىڭ يولىغا!
بەقەرە سۈرىسى
30 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
خَتَمَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَعَلَىٰ سَمْعِهِمْ ۖ وَعَلَىٰ أَبْصَارِهِمْ غِشَاوَةٌ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن (ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ)، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن (ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ)، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنىڭ (گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن) دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن، ئۇلارغا ناھايىتى چوڭ ئازاب باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ۋە ئاڭلاش قابىلىيىتىنى پېچەتلىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ئۈستىدىمۇ بىر تۈرلۈك پەردە بار. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار7.
2 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَدَّلَ الَّذِينَ ظَلَمُوا قَوْلًا غَيْرَ الَّذِي قِيلَ لَهُمْ فَأَنْزَلْنَا عَلَى الَّذِينَ ظَلَمُوا رِجْزًا مِنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى، زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقلىرى (يەنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق
ئەنەس ئالىم: لېكىن زالىملار ئۆزلىرىگە دېيىلگەن سۆزنى باشقا سۆز بىلەن ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ زالىملارغا ئاسماندىن پاسكىنىلىق چۈشۈردۇق، چۈنكى ئۇلار يولدىن چىققان ئىدى23.
2 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالنَّصَارَىٰ وَالصَّابِئِينَ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَعَمِلَ صَالِحًا فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، ناسارالار (ئارىسىدىن) ۋە پەرىشتىلەرگە، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ئارىسىدىن ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىدا ئۆز ئەجرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم – ئەندىشە قىلمايدۇ[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەرگە ۋە يەھۇدىيلار، ناسارالار، يۇلتۇزپەرەسلەر ئارىسىدىن ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا ئىنئاملار ئاتا قىلىنىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن24 ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
2 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ الَّذِينَ اعْتَدَوْا مِنْكُمْ فِي السَّبْتِ فَقُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى (بېلىق تۇتماسلىق) توغرىسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى (قانداق قىلغانلىقىمىزنى)، ئەلۋەتتە بىلىسىلەر، بىز ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى (بېلىق تۇتماسلىق) توغرىسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنىڭ سىلەرگە مەلۇم، بىز ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېگەن ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئىچىڭلاردىن شەنبە كۈنى ھەددىدىن ئاشقانلارنى ئەلۋەتتە بىلىسىلەر. ئۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارغا «خار مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!» دېگەن ئىدۇق.
2 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
فَجَعَلْنَاهَا نَكَالًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهَا وَمَا خَلْفَهَا وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى (يەنى ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ جازانى) زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت قىلدۇق[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ جازانى ئۇلارنىڭ زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ ۋەقەنى زامانداشلىرىغا ۋە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت، تەقۋادارلارغا نەسىھەت قىلدۇق.
2 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
بَلَىٰ مَنْ كَسَبَ سَيِّئَةً وَأَحَاطَتْ بِهِ خَطِيئَتُهُ فَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس (سىلەرنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرىدۇ)، گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمەلىيەت سىلەر دېگەندەك ئەمەس. گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا پېتىپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر، ئەنە شۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياق، ئۇنداق ئەمەس. كىمكى يامانلىق قىلىدىكەن ۋە خاتالىقى ئۇنى قورشىۋالىدىكەن، ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
2 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ تَقْتُلُونَ أَنْفُسَكُمْ وَتُخْرِجُونَ فَرِيقًا مِنْكُمْ مِنْ دِيَارِهِمْ تَظَاهَرُونَ عَلَيْهِمْ بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَإِنْ يَأْتُوكُمْ أُسَارَىٰ تُفَادُوهُمْ وَهُوَ مُحَرَّمٌ عَلَيْكُمْ إِخْرَاجُهُمْ ۚ أَفَتُؤْمِنُونَ بِبَعْضِ الْكِتَابِ وَتَكْفُرُونَ بِبَعْضٍ ۚ فَمَا جَزَاءُ مَنْ يَفْعَلُ ذَٰلِكَ مِنْكُمْ إِلَّا خِزْيٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يُرَدُّونَ إِلَىٰ أَشَدِّ الْعَذَابِ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كېيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ) بىر ـ بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىر چۈشۈپ كەلسە، فىدىيە بېرىپ قۇتقۇزۇۋالىسىلەر؛ ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرۈسىلەرۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر). سىلەر كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتىي دۇنيادا خارلىققا قېلىش، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ) بىر ـ بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىرگە چۈشۈپ كەلگەندە بولسا، فىديە بېرىپ قۇتقۇزۇۋېلىۋاتىسىلەر، ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى. سىلەر كىتاب (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىدا شەرمەندە بولۇش ، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىسىلەر، ئىچىڭلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋاتىسىلەر، ئۇلارغا قىلىنغان يامانلىق ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملىشىۋاتىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلار ئەسىرگە چۈشۈپ يېنىڭلارغا كەلسە، فىدىيەلىرىنى بېرىپ قۇتقۇزىۋاتىسىلەر. ئەسىلىدە ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى. ياكى سىلەر كىتابنىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، بىر قىسمىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن بۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋاچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار قىيامەت كۈنىمۇ ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس.
2 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الْحَيَاةَ الدُّنْيَا بِالْآخِرَةِ ۖ فَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار ئاخىرەتنى بېرىپ، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار ئاخىرەتتىن كېچىپ، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە تۇرغان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاخىرەتنى دۇنيا ھاياتىغا ساتقان كىشىلەردۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئازابى يېنىكلىتىلمەيدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىنمايدۇ.
2 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
بِئْسَمَا اشْتَرَوْا بِهِ أَنْفُسَهُمْ أَنْ يَكْفُرُوا بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ بَغْيًا أَنْ يُنَزِّلَ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ فَبَاءُوا بِغَضَبٍ عَلَىٰ غَضَبٍ ۚ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۆز پەزلىنى (پەيغەمبەرلىكنى) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى (ئىمانىنى) كۇفرىغا سېتىشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى ـ ئۈستىگە غەزەپكە تېگىشلىك بولدى. كاپىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۆز پەزلىنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كېچىپ كۇفرغا تۇرۇشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى ـ ئۈستىگە غەزەپكە ئۇچرىدى. كافىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بەدىلىگە ئۆزلىرىنى ساتقان نەرسە نېمىدېگەن يامان! ئۇ بولسا ئۇلارنىڭ، ئاللاھنىڭ خالىغان بەندىسىگە ئۆز ئېھسانىدىن نازىل قىلغانلىقىغا قىزغىنىپ، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى ئىنكار قىلىشىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار قاتمۇقات غەزەپكە يولۇقتى. كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
2 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّهُمْ آمَنُوا وَاتَّقَوْا لَمَثُوبَةٌ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ خَيْرٌ ۖ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار ئىمان كەلتۈرسە (سېھىرنى تاشلاپ) ئاللاھتىن قورقسا، (ئۇلار ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، كاشكى ئۇلار بۇنى بىلسە ئىدى[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار ئىمان كەلتۈرسە ئاللاھتىن قورقسا، (ئۇلار ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، كاشكى ئۇلار بۇنى بىلسە ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىمان ئېيتىپ گۇناھلاردىن ساقلانغان بولسا، ئاللاھ تەرىپىدىن ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشەتتى. ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسىچۇ!
2 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
بَلَىٰ مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَلَهُ أَجْرُهُ عِنْدَ رَبِّهِ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس، كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدىكەن (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىدىكەن)، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم – ئەندىشە قىلمايدۇ[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس، كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدىكەن، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ياق، ئۇنداق ئەمەس! كىمكى سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
2 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ مَنَعَ مَسَاجِدَ اللَّهِ أَنْ يُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ وَسَعَىٰ فِي خَرَابِهَا ۚ أُولَٰئِكَ مَا كَانَ لَهُمْ أَنْ يَدْخُلُوهَا إِلَّا خَائِفِينَ ۚ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسجىدلەرگە ئۇلارنىڭ پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشى لايىق ئىدى. ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ. ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) دۇچار بولىدۇ[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇ مەسجىدلەرنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەنە شۇلار (ئەسلىدە) مەسجىدلەرگە پەقەت ئاللاھتىن قورققان ھالدىلا كىرسە بولاتتى، ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىلى قويمىغان32 ۋە ئۇلارنى خاراب قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەسلىدە ئۇلار ئۇ مەسجىدلەرگە قورقۇپ كىرىشى لازىم ئىدى. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.
2 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ اجْعَلْ هَٰذَا بَلَدًا آمِنًا وَارْزُقْ أَهْلَهُ مِنَ الثَّمَرَاتِ مَنْ آمَنَ مِنْهُمْ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۖ قَالَ وَمَنْ كَفَرَ فَأُمَتِّعُهُ قَلِيلًا ثُمَّ أَضْطَرُّهُ إِلَىٰ عَذَابِ النَّارِ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! بۇ يەرنى (مەككىنى) تېنىچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېدى. ئاللاھ: «كاپىر بولغان ئادەمنىمۇ (رىزىقتىن) ئازغىنا مۇددەت (ھاياتلىقىدا) بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) دوزاخقا ھەيدەيمەن» دېدى. (بۇ) نېمىدېگەن يامان ئاقىۋەت![126]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! بۇ شەھەر (مەككىنى) تىنچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېگەن ئىدى. ئاللاھ: «كافىرنىمۇ بۇ مېۋىلەردىن ئازغىنا مۇددەت (يەنى دۇنيادا) بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى دوزاخ ئازابىغا مەجبۇرلايمەن. بۇ دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي-ھە!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «رەببىم! بۇ يەرنى ئامان شەھەر قىلغىن. بۇ يەرنىڭ ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەنلەرگە مېۋىلەردىن رىزىق بەرگىن» دېگەن ئىدى. رەببى: «ئۇلاردىن كافىر بولغانلارنىمۇ ئازراق ۋاقىت مەنپەئەتلەندۈرىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا ھەيدەيمەن. بۇ ئاقىۋەت نېمىدېگەن يامان!» دېدى.
2 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ عَلَيْهِمْ صَلَوَاتٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَرَحْمَةٌ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار رەببىنىڭ ئىنايىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ. ھىدايەت تاپقۇچىلار ئەنە شۇلاردۇر.
2 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنْزَلْنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالْهُدَىٰ مِنْ بَعْدِ مَا بَيَّنَّاهُ لِلنَّاسِ فِي الْكِتَابِ ۙ أُولَٰئِكَ يَلْعَنُهُمُ اللَّهُ وَيَلْعَنُهُمُ اللَّاعِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىز نازىل قىلغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ (يەنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)؛ لەنەت قىلغۇچىلار (پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر) مۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كىتاب (تەۋرات) تا كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىز نازىل قىلغان روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ؛ لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز نازىل قىلغان روشەن ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى بىز كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ.
2 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَمَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ أُولَٰئِكَ عَلَيْهِمْ لَعْنَةُ اللَّهِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، كاپىر بولۇپ، كاپىر پېتى ئۆلگەنلەر بار، ئەنە شۇلار چوقۇم ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ[161].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، كۇفردا چىڭ تۇرۇپ كافىر پېتى ئۆلگەنلەر ___ ئەنە شۇلار چوقۇم ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىر بولغان ۋە كافىر پېتى ئۆلگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدۇ.
2 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
خَالِدِينَ فِيهَا ۖ لَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب كېچىكتۈرۈلمەيدۇ[162].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب كېچىكتۈرۈلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ.
2 : 165 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَتَّخِذُ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَنْدَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللَّهِ ۖ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَشَدُّ حُبًّا لِلَّهِ ۗ وَلَوْ يَرَى الَّذِينَ ظَلَمُوا إِذْ يَرَوْنَ الْعَذَابَ أَنَّ الْقُوَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا وَأَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعَذَابِ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۆمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار (قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان) ئازابنى كۆرگەن چاغدا پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتى)[165].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن باشقىلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى دوست تۇتقاندەك دوست تۇتىدۇ. مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار ئازابنى كۆرگەن ۋاقىتتا پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەيتتى)
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار بەزى كىشىلەرنى49 ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ زالىملار پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئۇ ئازابنى كۆرىدىغان كۈندە بىلگەندەك ھازىر بىلگەن بولسىچۇ!
2 : 166 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ تَبَرَّأَ الَّذِينَ اتُّبِعُوا مِنَ الَّذِينَ اتَّبَعُوا وَرَأَوُا الْعَذَابَ وَتَقَطَّعَتْ بِهِمُ الْأَسْبَابُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى ۋاقىتتا ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئازابنى كۆرۈپ، ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا ـ جۇدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى (يەنى دۇنيادىكى دوستلۇقى) ئۈزۈلىدۇ[166].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاشۇ ۋاقىتتا (يامان يولغا باشلىغان) باشلامچىلار ئازابنى كۆرۈپ، ئەگەشكۈچىلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ئۈزۈلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى يېتەكچىلەر ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئادا - جۇدا بولىدۇ، ئازابنى كۆرىدۇ ۋە ئارىلىرىدىكى پۈتكۈل مۇناسىۋەت ئۈزۈلىدۇ.
2 : 167 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ اتَّبَعُوا لَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَتَبَرَّأَ مِنْهُمْ كَمَا تَبَرَّءُوا مِنَّا ۗ كَذَٰلِكَ يُرِيهِمُ اللَّهُ أَعْمَالَهُمْ حَسَرَاتٍ عَلَيْهِمْ ۖ وَمَا هُمْ بِخَارِجِينَ مِنَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەشكۈچىلەر: «كاشكى بىزلەرگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، ئۇلار بىزدىن ئادا ـ جۇدا بولغاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا ـ جۇدا بولاتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا (يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەسرەت بولغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن چىقمايدۇ[167].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەشكۈچىلەر: «كاشكى بىزگە دۇنياغا قايتىشقا مۇمكىن بولسا ئىدى، ئۇلار بىزنى تاشلاپ كەتكەندەك، بىزمۇ ئۇلارنى تاشلاپ كېتەتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا يامان ئىشلىرىنىڭ پۇشايمان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن ھەرگىز چىقالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئەگەشكۈچىلەر مۇنداق دەيدۇ: «كاشكى قولىمىزغا پۇرسەت كەلسە، ئۇلار بىزدىن ئادا - جۇدا بولغـاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا - جۇدا بولساق!». ئاللاھ ئۇلارغا پۈتۈن قىلمىشلىرىنى ئەنە شۇنداق ئۆزلىرىنى بېسىۋالغان ھەسرەتلەر ھالىتىدە كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەس50.
2 : 174 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ الْكِتَابِ وَيَشْتَرُونَ بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۙ أُولَٰئِكَ مَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ إِلَّا النَّارَ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ اللَّهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كىتابتا نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئازغىنا پۇلغا ساتىدىغانلارنىڭ قارنىغا يېگىنى پەقەت ئوتتۇر (چۈنكى ئۇلارنىڭ يېگەن شۇ ھارام مېلى ئۇلارنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[174].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كىتابتا نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئازغىنا پۇلغا سېتىۋېتىدىغانلار ___ ئەنە شۇلار قارنىغا پەقەت دوزاخ ئوتىنىلا يەيدۇ*[1]، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتىن بىرەر نەرسىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلار قورساقلىرىنى ئوتقا تولدۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
2 : 175 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الضَّلَالَةَ بِالْهُدَىٰ وَالْعَذَابَ بِالْمَغْفِرَةِ ۚ فَمَا أَصْبَرَهُمْ عَلَى النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، مەغپىرەتنى ئازابقا (يەنى جەننەتنى دوزاخقا) تېگىشتى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدېگەن چىداملىق![175]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، مەغپىرەتنى ئازابقا تېگىشتى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدېگەن چىداملىق-ھە!
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار زالالەتنى ھىدايەتكە، ئازابنى مەغپىرەتكە سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. ئۇلار دوزاخقا نېمىدېگەن چىداملىق - ھە!
2 : 195 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ ۛ وَأَحْسِنُوا ۛ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ[195].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا ماللىرىڭلارنى چىقىم قىلىڭلار ۋە ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئاتماڭلار. ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
2 : 202 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ لَهُمْ نَصِيبٌ مِمَّا كَسَبُوا ۚ وَاللَّهُ سَرِيعُ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار ئۆزلىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مول مېۋىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى تېزدۇر (يەنى شۇنچە كۆپ خالايىقتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھېساب ئېلىپ بولىدۇ)[202].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار ئۆزلىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مول مېۋىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى تېزدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھ ھېسابنى تېز ئالغۇچىدۇر.
2 : 211 - ئايەت
كۆرۈش
سَلْ بَنِي إِسْرَائِيلَ كَمْ آتَيْنَاهُمْ مِنْ آيَةٍ بَيِّنَةٍ ۗ وَمَنْ يُبَدِّلْ نِعْمَةَ اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُ فَإِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، بىز ئۇلارغا نەقەدەر كۆپ روشەن دەلىللەرنى ئاتا قىلدۇق. كىمكى ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى (كۇفرىلىق قىلىپ) ئۆزگەرتىۋەتسە (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئازاب قىلىدۇ)، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر[211].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، بىز ئۇلارغا نەقەدەر كۆپ روشەن ئايەتلەرنى ئاتا قىلدۇق. كىمكى ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزگەرتىۋەتسە، (بىلسۇنكى) ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىن: بىز ئۇلارغا روشەن ئايەتلەردىن قانچىلىك ئاتا قىلدۇق؟ كىمكى ئاللاھنىڭ نېمىتى ئۆزىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ قاتتىق جازا بەرگۈچىدۇر.
2 : 261 - ئايەت
كۆرۈش
مَثَلُ الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ كَمَثَلِ حَبَّةٍ أَنْبَتَتْ سَبْعَ سَنَابِلَ فِي كُلِّ سُنْبُلَةٍ مِائَةُ حَبَّةٍ ۗ وَاللَّهُ يُضَاعِفُ لِمَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ (سەرپ قىلغان نەرسىسى يەرگە تېرىلىپ) يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا 100 دان تۇتقان بىر دانغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى (چەكلىك ئەمەس) كەڭدۇر (ئاللاھ مال سەرپ قىلغۇچىنىڭ نىيىتىنى بىلگۈچىدۇر)(ئىزاھات: بۇ، ئاللاھ ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان پۇل ـ مالنىڭ ساۋابىنىڭ ھەسسىلەپ كۆپ بولىدىغانلىقىغا مىسال.)[261].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ سەرپ قىلغان نەرسىسى (يەرگە تېرىلىپ) يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا يۈز تالدىن دان تۇتقان بىر تال ئۇرۇققا ئوخشايدۇ*[1]. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى، يەتتە باشاق ئۈندۈرگەن ۋە ھەر باشىقىدا يۈز دانە دان تۇتقان بىر داننىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 262 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ لَا يُتْبِعُونَ مَا أَنْفَقُوا مَنًّا وَلَا أَذًى ۙ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پۇل ـ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان، ۋە (خەير ـ ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (قىيامەت كۈنى) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم ـ ئەنشدىشە قىلمايدۇ[262].
تەرجىمە ھەيئىتى: پۇل ـ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، كېيىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان، ۋە خەير ـ ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىپ ئاندىن مىننەت قىلمايدىغان ۋە رەنجىتمەيدىغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
2 : 272 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ عَلَيْكَ هُدَاهُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۗ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ خَيْرٍ فَلِأَنْفُسِكُمْ ۚ وَمَا تُنْفِقُونَ إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ اللَّهِ ۚ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ خَيْرٍ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزەڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير ـ ئېھسان قىلىسىلەر (خەير ـ ئېھسانىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار)، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)[272].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس. لېكىن، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. پۇل-مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير ـ ئېھسان قىلىڭلار، پۇل-مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلساڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈش سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئەمەس. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. قانداق مال چىقىم قىلساڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن چىقىم قىلغان بولىسىلەر. ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا چىقىم قىلىشىڭلار كېرەك. چىقىم قىلغان مېلىڭلارنىڭ ساۋابى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
2 : 274 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ سِرًّا وَعَلَانِيَةً فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ماللىرىنى كېچە ـ كۈندۈز (ھەممە ۋاقىت)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير ـ ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم ـ ئەندىشە قىلمايدۇ[274].
تەرجىمە ھەيئىتى: پۇل-ماللىرىنى كېچە ـ كۈندۈز يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير ـ ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ماللىرىنى كېچە - كۈندۈز، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلىدىغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
2 : 277 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (چوڭ) ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم ـ ئەندىشە قىلمايدۇ[277].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇغان ۋە زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەنلەر رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
34 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ قَبْلُ هُدًى لِلنَّاسِ وَأَنْزَلَ الْفُرْقَانَ ۗ إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ ذُو انْتِقَامٍ
مۇھەممەد سالىھ: ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى كىتابنى (يەنى بارلىق ساماۋى كىتابلارنى) نازىل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، (يامانلارنى) جازالىغۇچىدۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى كىتابنى نازىل
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئىككى كىتاب بۇرۇن ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت رەھبىرى ئىدى. ئاللاھ فۇرقاننى نازىل قىلدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا قاتتىق ئازاب بار. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ئىنتىقام ئىگىسىدۇر.
3 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَنْ تُغْنِيَ عَنْهُمْ أَمْوَالُهُمْ وَلَا أَوْلَادُهُمْ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمْ وَقُودُ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارنىڭ ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار) دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىرلارنىڭ پۇل-ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ. ئۇلار دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ماللىرىمۇ، بالىلىرىمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر.
3 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
كَدَأْبِ آلِ فِرْعَوْنَ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ ۗ وَاللَّهُ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ كۇففارلارنىڭ ھالى) پىرئەۋن تەۋەلىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ھالى پىرئەۋن تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئەھۋالى فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن جازالىدى. ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر.
3 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَؤُنَبِّئُكُمْ بِخَيْرٍ مِنْ ذَٰلِكُمْ ۚ لِلَّذِينَ اتَّقَوْا عِنْدَ رَبِّهِمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَأَزْوَاجٌ مُطَهَّرَةٌ وَرِضْوَانٌ مِنَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئۇلاردىنمۇ (يەنى دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرى ۋە نېمەتلىرىدىنمۇ) ياخشى بولغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ھۇزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، (ئۇلار) جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، (جەننەتلەردە) پاك جۈپتىلەر بار، (تەقۋادارلار ئۈچۈن) يەنە ئاللاھنىڭ رىزاسى بار». ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە يۇقىرىقىلاردىنمۇ ياخشى نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ھۇزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلار شۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، جەننەتلەردە پاك جۈپتىلەردىن ۋە ئاللاھنىڭ رىزالىقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ». ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئۇلاردىنمۇ ياخشى نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتلەردە پاك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن7 جۈپلەر ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقى بار. ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
3 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ النَّبِيِّينَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَيَقْتُلُونَ الَّذِينَ يَأْمُرُونَ بِالْقِسْطِ مِنَ النَّاسِ فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلار، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغانلار، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلار (يەنى ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىلار) نى ئۆلتۈرىدىغانلارغا چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلارنى ئۆلتۈرىدىغان كىشىلەرگە چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن بىشارەت بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولىدىغان، نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغان ۋە ئادالەتكە بۇيرۇيدىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
3 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمَا لَهُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلغۇچى يوقتۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدىغان كىشىلەردۇر، ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەنلەردۇر. ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ.
3 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا فَأُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمَا لَهُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارغا بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب قىلىمەن، ئۇلارغا (ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسىدىغان) ھېچ مەدەتكار بولمايدۇ»[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىرلارغا بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب قىلىمەن، ئۇلارغا ھېچ مەدەتكار بولمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: كافىرلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلايمەن. ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ.
3 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَيُوَفِّيهِمْ أُجُورَهُمْ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ (زالىملارنى دوست تۇتمايدىغان زات قانداقمۇ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلسۇن؟)[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ».
3 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَشْتَرُونَ بِعَهْدِ اللَّهِ وَأَيْمَانِهِمْ ثَمَنًا قَلِيلًا أُولَٰئِكَ لَا خَلَاقَ لَهُمْ فِي الْآخِرَةِ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ اللَّهُ وَلَا يَنْظُرُ إِلَيْهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا (رەھمەت كۆزى بىلەن) قارىمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (رەھمەت نەزىرى بىلەن) گەپ قىلمايدۇ، قاراپمۇ قويمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھتىن پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچبىر نېسىۋە يوق. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
3 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَنْ يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنغا ئىنتىلىدىكەن، ئۇنىڭ دىنى ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: كىم ئىسلامدىن باشقا دىن ئىزدەيدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئۇ دىن ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ.
3 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ جَزَاؤُهُمْ أَنَّ عَلَيْهِمْ لَعْنَةَ اللَّهِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش جازاسى بېرىلىدۇ.
3 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
خَالِدِينَ فِيهَا لَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. كېچىكتۈرۈلمەيدۇ[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. كېچىكتۈرۈلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ.
3 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَمَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَنْ يُقْبَلَ مِنْ أَحَدِهِمْ مِلْءُ الْأَرْضِ ذَهَبًا وَلَوِ افْتَدَىٰ بِهِ ۗ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ وَمَا لَهُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، كاپىر بولۇپ كۇفرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن يەر يۈزىگە بىر كېلىدىغان ئالتۇن فىدىيە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلارغا (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، كافىر بولۇپ كۇفر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ھەرقاندىقى يەر يۈزى تولغۇدەك ئالتۇن فىديە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلارغا ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، كافىر بولغان ۋە كافىر پېتى ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زېمىن توشقۇدەك ئالتۇن بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار. ئۇلارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ.
3 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ تَفَرَّقُوا وَاخْتَلَفُوا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْبَيِّنَاتُ ۚ وَأُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بۆلۈنۈپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بۆلۈنگەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقانلاردەك بولماڭلار. ئەنە شۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
3 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَبْيَضُّ وُجُوهٌ وَتَسْوَدُّ وُجُوهٌ ۚ فَأَمَّا الَّذِينَ اسْوَدَّتْ وُجُوهُهُمْ أَكَفَرْتُمْ بَعْدَ إِيمَانِكُمْ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بەزى يۈزلەر ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا (پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى): «ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟ كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار»[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنىدە بەزىلەرنىڭ يۈزلىرى ئاقىرىپ كېتىدۇ، بەزىلەرنىڭ يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ. يۈزى قارىداپ كەتكەنلەرگە: «ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن يەنە كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى بەزى يۈزلەر ئاقىرىدۇ ۋە بەزى يۈزلەر قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا: «سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن شۇ ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.
3 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
ضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الذِّلَّةُ أَيْنَ مَا ثُقِفُوا إِلَّا بِحَبْلٍ مِنَ اللَّهِ وَحَبْلٍ مِنَ النَّاسِ وَبَاءُوا بِغَضَبٍ مِنَ اللَّهِ وَضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الْمَسْكَنَةُ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانُوا يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ الْأَنْبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ ۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ قەيەردە بولمىسۇن ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا پېتىپ قالدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى. موھتاجلىققا چۆمدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ پەرمانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكلىرى ۋە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەيەردە بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا پېتىپ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، موھتاجلىققا چۆمىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى، ئاللاھنىڭ پەرمانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قەيەردە بولسا بولسۇن ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە ۋە مۇئمىنلارنىڭ ھىمايىسىگە سېغىنمىغىچە خارلىققا چۆمىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ ۋە موھتاجىلىققا چۆمىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈندۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈندۇر.
3 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَلَنْ يُكْفَرُوهُ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەر قانداق ياخشىلىقنى قىلسۇن، ئۇ بىكار كەتمەيدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەر قانداق ياخشىلىقنى قىلسۇن، ئۇ بىكار كەتمەيدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قانداق ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ ساۋابىدىن ھەرگىزمۇ مەھرۇم قالمايدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 136 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ جَزَاؤُهُمْ مَغْفِرَةٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَجَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ وَنِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى![136].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلارنىڭ مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى!
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلارنىڭ مۇكاپاتى، رەببىنىڭ مەغپىرىتى ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى!
3 : 148 - ئايەت
كۆرۈش
فَآتَاهُمُ اللَّهُ ثَوَابَ الدُّنْيَا وَحُسْنَ ثَوَابِ الْآخِرَةِ ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى (يەنى دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى) ۋە ئاخىرەتنىڭ ئەڭ ياخشى مۇكاپاتىنى (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلدى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[148].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭا، ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيادىكى نېمىتىنى ۋە ئاخىرەتتىكى ياخشى مۇكاپاتىنى ئاتا قىلدى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ھەم دۇنيانىڭ مۇكاپاتىنى ھەم ئاخىرەتنىڭ ياخشى مۇكاپاتىنى ئاتا قىلدى. ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ25.
3 : 153 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ تُصْعِدُونَ وَلَا تَلْوُونَ عَلَىٰ أَحَدٍ وَالرَّسُولُ يَدْعُوكُمْ فِي أُخْرَاكُمْ فَأَثَابَكُمْ غَمًّا بِغَمٍّ لِكَيْلَا تَحْزَنُوا عَلَىٰ مَا فَاتَكُمْ وَلَا مَا أَصَابَكُمْ ۗ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر (ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كېلىڭلار، مەن رەسۇلۇللاھتۇرمەن، كىمكى جىھاد مەيدانىغا قايتسا، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ دەپ) ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىرىپ تۇراتتى، سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچاتتىڭلار، (بۇنىڭدىن كېيىن) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە (يەنى غەنىيمەتكە)، بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە (يەنى مەغلۇبىيەتكە) قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە غەم ئۈستىگە غەم بەردى (يەنى سىلەرنى غەنىيمەتتىن مەھرۇم قىلغاننىڭ ئۈستىگە مەغلۇبىيەت بىلەن جازالىدى). ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[153].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر سىلەرنى ئارقاڭلاردىن چاقىرىپ تۇرسىمۇ، سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچقان ئىدىڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە، بېشىڭلارغا كەلگەن كېلىشمەسلىككە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى قاتمۇقات غەمگە مۇپتىلا قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ھېچكىمگە بۇرۇلۇپ قارىماستىن يۇقىرى تەرەپكە قاچاتتىڭلار، رەسۇلۇللاھ ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ غەم ئۈستىگە غەم بېرىپ سىلەرنى جازالىدى. ئاللاھ بۇنى قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە ۋە بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
3 : 169 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَمْوَاتًا ۚ بَلْ أَحْيَاءٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ يُرْزَقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يولىدا شېھىت بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇلۇپ تۇرىدۇ)[169].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغانلارنى ھەرگىز ئۆلۈك دەپ قارىمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دەپ ھېسابلىمىغىن! بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا تىرىكتۇر، بېرىلگەن رىزىقتىن بەھرىمەن بولماقتىدۇر،
3 : 170 - ئايەت
كۆرۈش
فَرِحِينَ بِمَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ وَيَسْتَبْشِرُونَ بِالَّذِينَ لَمْ يَلْحَقُوا بِهِمْ مِنْ خَلْفِهِمْ أَلَّا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر، ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن (يەنى شېھىت بولماي تىرىك قالغان) قېرىنداشلىرىغا (ئاخىرەتتە) نە قورقۇنچ، (دۇنيادىن ئايرىلغانلىقىغا) نە قايغۇ يوق ئىكەنلىكى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ[170].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن قېرىنداشلىرىغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچمۇ، قايغۇمۇ يوق ئىكەنلىكىدىن خۇشال بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىلتىپات قىلىپ بەرگەن نېمەتلەر بىلەن خۇرسەن بولماقتىدۇر. ئۇلار ئارقىلىرىدىن يېتىشمىگەنلەرگە: «سىلەرگە ھېچ قورقۇنچ يوق ھەمدە قايغۇرمايسىلەر» دەپ خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
3 : 171 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْتَبْشِرُونَ بِنِعْمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن نېمەت ۋە پەزلنى، مۆمىنلەرنىڭ ئەجرىنى ئاللاھنىڭ بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ[171].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلىدىن، مۆمىنلەرنىڭ ئەجرىنى ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ ئەجرىنى ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى، ئىلتىپاتى ۋە ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
3 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِلَّهِ وَالرَّسُولِ مِنْ بَعْدِ مَا أَصَابَهُمُ الْقَرْحُ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا مِنْهُمْ وَاتَّقَوْا أَجْرٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇھۇد غازىتىدا) يارىلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلار، ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) دىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ[172].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇھۇد ئۇرۇشىدا) يارىلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان مۆمىنلەر ئىچىدىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە تەقۋادار بولغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۇرۇشتا يارىدار بولغاندىن كېيىنمۇ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلدى. مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدىن مانا مۇشۇنداق ياخشى ئىش قىلغان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ مۇكاپات بار.
3 : 174 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْقَلَبُوا بِنِعْمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ لَمْ يَمْسَسْهُمْ سُوءٌ وَاتَّبَعُوا رِضْوَانَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلى بىلەن قايتىپ كەلدى، ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىمىدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى. ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر[174].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلى بىلەن قايتىپ كەلدى، ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىمىدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى. ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھېچقانداق زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىماستىن، ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە ئىلتىپاتى بىلەن قايتىپ كەلدى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن بولدى. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ئىگىسىدۇر.
3 : 176 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحْزُنْكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ ۚ إِنَّهُمْ لَنْ يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا ۗ يُرِيدُ اللَّهُ أَلَّا يَجْعَلَ لَهُمْ حَظًّا فِي الْآخِرَةِ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كۇفرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن (كۇفرى بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇلارغا (ساۋابتىن) ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ[176].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كۇفرغا ئۆزىنى ئاتقانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇلارغا ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى ئىرادە قىلىدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! كۇفرىلىقتا بەسلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋە بەرمەسلىكنى ئىرادە قىلىدۇ. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
3 : 177 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الْكُفْرَ بِالْإِيمَانِ لَنْ يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىماننى كۇفرىغا تېگىشكەنلەر (يەنى مەزكۇر مۇناپىقلار) (كۇفرى بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[177].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىماننى كۇفرغا تېگىشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمانغا كۇفرىنى سېتىۋالغانلار ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
3 : 178 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّمَا نُمْلِي لَهُمْ خَيْرٌ لِأَنْفُسِهِمْ ۚ إِنَّمَا نُمْلِي لَهُمْ لِيَزْدَادُوا إِثْمًا ۚ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار ئۆزلىرىگە (جازا بەرمەستىن) مۆھلەت بېرىشىمىزنى (يەنى ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىشىمىزنى) ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز (ۋە ئەجىلىنى كېچىكتۈرۈشىمىز) پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار (ئاخىرەتتە) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[178].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىرلار بىزنىڭ ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىزنى ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلار بىزنىڭ ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىزنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ھېسابلىمىسۇن. بىز ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلسۇن دەپ مۆھلەت بېرىۋاتىمىز. ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
3 : 180 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَبْخَلُونَ بِمَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ هُوَ خَيْرًا لَهُمْ ۖ بَلْ هُوَ شَرٌّ لَهُمْ ۖ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُوا بِهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ وَلِلَّهِ مِيرَاثُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە (يەنى پۇل ـ مالغا) بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئەمەلدە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇلار پانىي بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). ئاللاھ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[180].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلىمىسۇن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە بېخىللىق قىلىدىغانلار، بۇ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ھېسابلىمىسۇن. بەلكى بۇ ئۇلار ئۈچۈن يامانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىلىرى قىيامەت كۈنى بويۇنلىرىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر29. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
3 : 182 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيكُمْ وَأَنَّ اللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر[182].
تەرجىمە ھەيئىتى: مانا بۇ ئازاب سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن بولدى ھەم ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئۇۋال قىلغۇچى ئەمەسلىكىدىن بولدى» دەيمىز
ئەنەس ئالىم: بۇ ئازاب دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ئۆز قوللىڭلار قىلغان گۇناھلار تۈپەيلىدىندۇر،ھەمدە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسلىكى سەۋەبىدىندۇر.
3 : 188 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَفْرَحُونَ بِمَا أَتَوْا وَيُحِبُّونَ أَنْ يُحْمَدُوا بِمَا لَمْ يَفْعَلُوا فَلَا تَحْسَبَنَّهُمْ بِمَفَازَةٍ مِنَ الْعَذَابِ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) قىلغان ئىشلىرىدىن (يەنى ھەقنى ياپقانلىقىدىن) خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن مەدھىيەلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[188].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز قىلمىشىدىن خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن مەدھىيىلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن، قىلغان ئىشى بىلەن خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشى بىلەن ماختىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى ئازابتىن قۇتۇلىدۇ دەپ ھېسابلىمىغىن31. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
3 : 195 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَجَابَ لَهُمْ رَبُّهُمْ أَنِّي لَا أُضِيعُ عَمَلَ عَامِلٍ مِنْكُمْ مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَىٰ ۖ بَعْضُكُمْ مِنْ بَعْضٍ ۖ فَالَّذِينَ هَاجَرُوا وَأُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ وَأُوذُوا فِي سَبِيلِي وَقَاتَلُوا وَقُتِلُوا لَأُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَأُدْخِلَنَّهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ثَوَابًا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عِنْدَهُ حُسْنُ الثَّوَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلىپ: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر ـ بىرىڭلاردىن (تۆرەلگەن)» دېدى. ئاندىن ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، مېنىڭ يولۇمدا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن) ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار، (يەنى مېنىڭ يولۇمدا ئۇرۇشقانلار) ۋە مېنىڭ يولۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى (مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن) ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ (ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياخشى مۇكاپات (يەنى جەننەت) بار[195].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋاردىگارى ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر ـ بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن. مېنىڭ يولۇمدا ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يەنە ياخشى مۇكاپات بار
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن رەببى ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن سىلەردىن ھېچبىرىڭلارنىڭ ئەمىلىنى زايە قىلىۋەتمەيمەن. سىلەر بىر - بىرىڭلاردىنسىلەر. بۇنىڭغا ئاساسەن مەن ھىجرەت قىلغان، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مېنىڭ يولۇمدا ئەزىيەت چەككەن، ئۇرۇشقان ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىمەن ۋە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. بۇ ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ياخشى مۇكاپاتلار بار».
3 : 198 - ئايەت
كۆرۈش
لَٰكِنِ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ لَهُمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا نُزُلًا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۗ وَمَا عِنْدَ اللَّهِ خَيْرٌ لِلْأَبْرَارِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان كۈتۈۋېلىشتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر (يەنى مۇكاپات ۋە ھۆرمەت) ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن (كۇففارلار بەھرىمەن بولغان باقاسى يوق ئازغىنا راھەتتىن) ئارتۇقتۇر[198]
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن، پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان كۈتۈۋېلىشتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: لېكىن رەببىگە تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قېلىپ ئاللاھ تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە بېرىدىغان مۇكاپاتلىرى بەك ياخشىدۇر.
3 : 199 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَمَنْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِمْ خَاشِعِينَ لِلَّهِ لَا يَشْتَرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۗ أُولَٰئِكَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىشىنىدىغانلار بار؛ ئۇلار ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، راھىبلارغا ئوخشاش، دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىنى دەپ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ)، ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر[199].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرۇپ ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل بولغان كىتابقا، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابقا ئىشىنىدىغانلار بار؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا بەدەلگە سېتىۋەتمەيدۇ، ئەنە شۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئەھلى كىتابتىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئاللاھقا، سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ، ئاللاھقا ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنە پۇلغا ساتمايدۇ. ئەنە شۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھېسابنى تېز ئالغۇچىدۇر.
نىسا سۈرىسى
34 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ ۚ وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ يُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن يۇقىرىدىكى ئەھكاملار) ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ ئەھكاملار ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ شۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
4 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَتَعَدَّ حُدُودَهُ يُدْخِلْهُ نَارًا خَالِدًا فِيهَا وَلَهُ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ. ئۇ كىشى دوزاختا يالغۇز ھالدا مەڭگۈ قالغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
4 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَيْسَتِ التَّوْبَةُ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ حَتَّىٰ إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ إِنِّي تُبْتُ الْآنَ وَلَا الَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمْ كُفَّارٌ ۚ أُولَٰئِكَ أَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كافىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا بىز قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: يامانلىقلارنى قىلىپ، تاكى بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا: «ئەمدى تەۋبە قىلدىم» دېگۈچىلەرنىڭ ۋە كافىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. بىز ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق.
4 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ عُدْوَانًا وَظُلْمًا فَسَوْفَ نُصْلِيهِ نَارًا ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى (يەنە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى) قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە ھەقتىن چەتلەپ، چەكلەنگەن بۇ ئىشلارنى قىلىدىكەن، ئۇنى ئۇزاققا قالماي دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر
ئەنەس ئالىم: كىم ھەددىدىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى قىلىدىكەن، بىز يېقىندا ئۇ كىشىنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرىمىز. بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر.
4 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَبْخَلُونَ وَيَأْمُرُونَ النَّاسَ بِالْبُخْلِ وَيَكْتُمُونَ مَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ ۗ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇتەكەببىرلەر ، ماختانچاقلار) بېخىللىق قىلىدۇ، كىشىلەرنى بېخىللىققا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرىدۇ، (ئاللاھنىڭ نېمىتىنى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا خورلىغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداقلار بېخىللىق قىلىدۇ، كىشىلەرنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرىدۇ، بىز بۇنداق كافىرلارغا خارلىغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان، ئىنسانلارنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغان ۋە ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىنى يوشۇرىدىغان كىشىلەردۇر. بىز ئۇ كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق.
4 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَا يَظْلِمُ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ ۖ وَإِنْ تَكُ حَسَنَةً يُضَاعِفْهَا وَيُؤْتِ مِنْ لَدُنْهُ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلىدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە ئۇۋال قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زەررىچىلىك زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر قىلىنغان ئىش بىرەر ياخشىلىق بولسا، ئاللاھ ئۇنى كۆپەيتىدۇ ۋە ئۆز تەرىپىدىن كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ.
4 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَئِذٍ يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَعَصَوُا الرَّسُولَ لَوْ تُسَوَّىٰ بِهِمُ الْأَرْضُ وَلَا يَكْتُمُونَ اللَّهَ حَدِيثًا
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار ئۇ كۈندە (ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەنلىكتىن) يەر بىلەن تۈپتۈز قىلىۋېتىلىشىنى (يەنى ئۆزىنىڭ يەرگە كۆمۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ، (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەزاسى گۇۋاھ بولغانلىقتىن) ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار (قىيامەن كۈنىدە) ئۆزىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كۈندە، كافىر بولغان ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ.
4 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
مِنَ الَّذِينَ هَادُوا يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَنْ مَوَاضِعِهِ وَيَقُولُونَ سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا وَاسْمَعْ غَيْرَ مُسْمَعٍ وَرَاعِنَا لَيًّا بِأَلْسِنَتِهِمْ وَطَعْنًا فِي الدِّينِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ قَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا وَاسْمَعْ وَانْظُرْنَا لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ وَأَقْوَمَ وَلَٰكِنْ لَعَنَهُمُ اللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُونَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز (سۆزۈڭنى) ئاڭلىدۇق، (ئەمرىڭگە) بويسۇنمىدۇق، بىزگە قۇلاق سال، بىز ساڭا قۇلاق سالمايمىز» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، رائىنا دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا) ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق، قۇلاق سال، ئۇنزۇرنا دېسە، ئۇلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن كۇفرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار ئىچىدە تەۋراتنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق، بويسۇنمىدۇق، سەن بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلىغىن،(ھىم!) ئاڭلىماس بولۇپ كېتەرسەن» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، «رائىنا» دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا): «ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق» «قۇلاق سال» «ئۇنزۇرنا»*[1] دېگەن بولسا، ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن، كۇفر سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، «ئاڭلىدۇق، ئاسىي بولدۇق، سەن ئاڭلىغىن، ئاڭلىتىلمىغايسەن، رائىنا» دەيدۇ26. ئۇلار بۇنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ۋە دىنغا تەنە قىلىپ دەيدۇ. ئەگەر ئۇلار: «ئاڭلىدۇق، ئىتائەت قىلدۇق، ئاڭلىغىن، ئۇنزۇرنا» دېگەن بولسا ئىدى، ئۆزلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ توغرا بولاتتى. لېكىن كۇفرىلىقى سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ.
4 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَعَنَهُمُ اللَّهُ ۖ وَمَنْ يَلْعَنِ اللَّهُ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلغان كىشىلەردۇر؛ ئاللاھ كىمنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار تاپالمايسەن[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار ئاللاھ ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلغان كىشىلەردۇر؛ ئاللاھ كىمنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھېچبىر مەدەتكار تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ لەنەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ كىمگە لەنەت قىلسا، سەن ئۇنىڭغا ھېچ ياردەمچى تاپالمايسەن.
4 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَنُدْخِلُهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۖ لَهُمْ فِيهَا أَزْوَاجٌ مُطَهَّرَةٌ ۖ وَنُدْخِلُهُمْ ظِلًّا ظَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ يەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بولىدۇ، ئۇلارنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك سايىسىگە داخىل قىلىمىز[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئۇ يەردە ئۇلارغا پاك جۈپلەر بولىدۇ، ئۇلارنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك سايىسىگە داخىل قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يېقىندا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتلەردە پاك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن جۈپلەر بار. بىز ئۇلارنى قويۇق سايىگە كىرگۈزىمىز.
4 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذًا لَآتَيْنَاهُمْ مِنْ لَدُنَّا أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ چاغدا دەرگاھىمىزدىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلاتتۇق[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ چاغدا دەرگاھىمىزدىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلاتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇ تەقدىردە بىز ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئۆز تەرىپىمىزدىن كاتتا ئەجىر ئاتا قىلاتتۇق،
4 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ الْفَضْلُ مِنَ اللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ پەزل ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ئاللاھ (پەزل ـ ئېھسانغا تېگىشلىك بولغانلارنى) بىلىشتە يېتەرلىكتۇر[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، ئاللاھ بۇلارنى بىلىشتە يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ ئىلتىپات ئاللاھتىندۇر. ئاللاھ تولۇق بىلگۈچىدۇر.
4 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
فَلْيُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ الَّذِينَ يَشْرُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا بِالْآخِرَةِ ۚ وَمَنْ يُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَيُقْتَلْ أَوْ يَغْلِبْ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتكە تېگىشىدىغانلار ئاللاھ يولىدا (جېنىنى، پۇل ـ مېلىنى پىدا قىلىپ) جىھاد قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتكە تېگىشىدىغانلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلسۇن. كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتنىڭ بەدىلىگە ساتىدىغانلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشسۇن. كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز يېقىندا ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز.
4 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ يَشْفَعْ شَفَاعَةً حَسَنَةً يَكُنْ لَهُ نَصِيبٌ مِنْهَا ۖ وَمَنْ يَشْفَعْ شَفَاعَةً سَيِّئَةً يَكُنْ لَهُ كِفْلٌ مِنْهَا ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ مُقِيتًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى (كىشىلەر ئارىسىدا) ياخشى (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن (يەنى ياخشى ئىشتىن) ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ كىمكى بىر يامان (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن (يەنى يامان ئىشتىن) ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ. ئاللاھ ھەممە ئىشقا قادىردۇر[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ياخشى ئىش ئۈچۈن ھەمدەم بولسا، ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ كىمكى يامان ئىش ئۈچۈن ھەمدەم بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: كىم ياخشى شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن نېسىۋىسى بولىدۇ. كىم يامان شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن ھەسسىسى بولىدۇ39. ئاللاھ ھەر نەرسىگە شاھىتتۇر ۋە قادىردۇر.
4 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَقْتُلْ مُؤْمِنًا مُتَعَمِّدًا فَجَزَاؤُهُ جَهَنَّمُ خَالِدًا فِيهَا وَغَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَلَعَنَهُ وَأَعَدَّ لَهُ عَذَابًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ
ئەنەس ئالىم: كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ، لەنەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ ئازاب تەييارلايدۇ.
4 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَسْتَوِي الْقَاعِدُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ غَيْرُ أُولِي الضَّرَرِ وَالْمُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ ۚ فَضَّلَ اللَّهُ الْمُجَاهِدِينَ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ عَلَى الْقَاعِدِينَ دَرَجَةً ۚ وَكُلًّا وَعَدَ اللَّهُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَفَضَّلَ اللَّهُ الْمُجَاهِدِينَ عَلَى الْقَاعِدِينَ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەردىن ئۆزرىسىز (ئەما، توكۇر، كېسەلگە ئوخشاش ئۆزرىسى بارلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا) جىھادقا چىقمىغانلار ئاللاھ يولىدا ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلارنى جىھادقا چىقمىغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. بۇ ئىككى خىل كىشىلەر (يەنى ئۆزرىسى بولۇپ جىھادقا چىقالمىغانلار ۋە جىھادقا چىققۇچىلار) نىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ جىھاد قىلغۇچىلارغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقمىغانلاردىن) ئارتۇق قىلدى[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۆمىنلەردىن ئۆزرىسىز جىھادقا چىقمىغانلار ئاللاھ يولىدا پۇل-ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ پۇل-ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلارنى جىھادقا چىقمىغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. بۇ ئىككى خىل كىشىنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ جىھاد قىلغۇچىلارنى بۈيۈك ئەجىر بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ) جىھادقا چىقمىغانلاردىن ئۈستۈن قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۆزرىسى بولمىغان تۇرۇقلۇق جىھادقا چىقماي ئولتۇرغۇچى مۇئمىنلار ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغۇچى مۇئمىنلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغۇچىلارنى ئولتۇرغۇچىلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. ئاللاھ ھەر بىرىگە ئەڭ ياخشىنى ۋەدە قىلدى46. ئاللاھ جىھاد قىلغۇچىلارنى ئولتۇرغۇچىلاردىن كاتتا ئەجىر بېرىپ ئۈستۈن قىلدى.
4 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
دَرَجَاتٍ مِنْهُ وَمَغْفِرَةً وَرَحْمَةً ۚ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئۇلارغا) ئۈستۈن مەرتىۋىلەر، مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئاتا قىلدى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارغا يۈكسەك مەرتىۋىلەر، مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئاتا قىلدى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز تەرىپىدىن دەرىجىلەر، مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئاتا قىلدى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
4 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
هَا أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ جَادَلْتُمْ عَنْهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا فَمَنْ يُجَادِلُ اللَّهَ عَنْهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَمْ مَنْ يَكُونُ عَلَيْهِمْ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ھاياتى دۇنيادا ئۇلارنىڭ (يەنى ئوغرى ۋە خائىنلارنىڭ) تەرىپىنى ئالدىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئاللاھقا قارشى ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ؟ (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىنى كىم ئۇلاردىن دەپئى قىلىدۇ؟) ياكى كىم ئۇلارغا ھامىي بولىدۇ؟[109]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، دۇنيا ھاياتىدا ئۇلار (يەنى خىيانەتكارلار)نىڭ تەرەپدارى بولۇپ مۇنازىرىلەشتىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئۇلارنىڭ تەرەپدارى بولۇپ ئاللاھ بىلەن مۇنازىرىلىشەلەيدۇ؟ ياكى كىم ئۇلارغا ھامىي بولالايدۇ؟
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئەنە شۇنداق كىشىلەركى، دۇنيا ھاياتىدا ئۇلار ئۈچۈن مۇنازىرىلەشتىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ؟ ياكى كىم ئۇلارغا ۋەكىل52 بولىدۇ؟
4 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
لَعَنَهُ اللَّهُ ۘ وَقَالَ لَأَتَّخِذَنَّ مِنْ عِبَادِكَ نَصِيبًا مَفْرُوضًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، شەيتان ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگىلەيمەن[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، شەيتان ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگىلەيمەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شەيتاننى لەنەتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن نېسىۋە ئالىمەن،
4 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ وَلَا يَجِدُونَ عَنْهَا مَحِيصًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمدىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ[121]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمدىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر. ئۇلار ئۇنىڭدىن قاچقىلى يەر تاپالمايدۇ.
4 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَنُدْخِلُهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۖ وَعْدَ اللَّهِ حَقًّا ۚ وَمَنْ أَصْدَقُ مِنَ اللَّهِ قِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟ (يەنى ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك ھېچ ئەھەدى بولمايدۇ)[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرگۈزىمىز. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارنى يېقىندا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى، بۇ ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟
4 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ كَانَ يُرِيدُ ثَوَابَ الدُّنْيَا فَعِنْدَ اللَّهِ ثَوَابُ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ سَمِيعًا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى (قىلغان ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ نېمىتىنى تىلەيدىكەن، (ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويغىنكى) دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (بەندە ئۆز پەرۋەردىگارىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتىنى تىلىسۇن). ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى دۇنيانىڭ نېمىتىنى تىلەيدىكەن، (ئۇ بىلسۇنكى) دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: كىم دۇنيانىڭ ساۋابىنى ئىرادە قىلسا59، بىلسۇنكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا ثُمَّ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا ثُمَّ ازْدَادُوا كُفْرًا لَمْ يَكُنِ اللَّهُ لِيَغْفِرَ لَهُمْ وَلَا لِيَهْدِيَهُمْ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن كۇفرىدا ئەزۋەيلىگەن (يەنى شۇ كۇفرى بىلەن ئۆلگەن) كىشىلەرنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا (يەنى جەننەتكە) يېتەكلىمەيدۇ[137].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كافىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن يەنە كافىر بولغان، ئاندىن كۇفردا ھەددىدىن ئاشقان كىشىلەرنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە توغرا يولغا يېتەكلىمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كافىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كافىر بولغان، ئاندىن كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارغا ھەرگىزمۇ يول كۆرسەتمەيدۇ.
4 : 138 - ئايەت
كۆرۈش
بَشِّرِ الْمُنَافِقِينَ بِأَنَّ لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلارغا بېشارەت بەرگىنكى، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[138].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلارغا بېشارەت بەرگىنكى، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنافىقلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن: ئۇلارغا چوقۇم ئەلەملىك ئازاب بار.
4 : 145 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُنَافِقِينَ فِي الدَّرْكِ الْأَسْفَلِ مِنَ النَّارِ وَلَنْ تَجِدَ لَهُمْ نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن[145].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەدەتكار تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇنافىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىن قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ. ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ياردەمچى تاپالمايسەن.
4 : 146 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَاعْتَصَمُوا بِاللَّهِ وَأَخْلَصُوا دِينَهُمْ لِلَّهِ فَأُولَٰئِكَ مَعَ الْمُؤْمِنِينَ ۖ وَسَوْفَ يُؤْتِ اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلغان، (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەن، ئاللاھ (نىڭ كىتابى) غا چىڭ يېپىشقان، دىننى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلغان (يەنى قىلغان ئەمەلىدىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن) كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مۆمىنلەر بىلەن بىللە (يەنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا) دۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرگە (ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت) بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ[146].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلغان، قىلمىشلىرىنى تۈزەتكەن، ئاللاھنىڭ يولىدا چىڭ تۇرغان، دىندا ئاللاھقا ئىخلاسمەن بولغان كىشىلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرگە بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: لېكىن تەۋبە قىلغان، ئۆزىنى تۈزەتكەن، ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنغان ۋە دىنىنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلغان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مۇئمىنلار بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ يېقىندا مۇئمىنلارغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ.
4 : 151 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ حَقًّا ۚ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار (ئىماننى دەۋا قىلغان تەقدىردىمۇ) راستىنلا كاپىرلاردۇر، كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق[151].
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ھەقىقىي كافىرلاردۇر. بىز كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق.
4 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ وَلَمْ يُفَرِّقُوا بَيْنَ أَحَدٍ مِنْهُمْ أُولَٰئِكَ سَوْفَ يُؤْتِيهِمْ أُجُورَهُمْ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان، ئۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ ئارىسىنى ئاجرىتىۋەتمىگەن (يەنى ھەممىسىگە ئىمان ئېيتقان) كىشىلەرگە ئاللاھ ئۇلارنىڭ (تېگىشلىك) ئەجىرلىرىنى ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[152].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىپ قويمىغان كىشىلەرگە ئاللاھ (تېگىشلىك) ئەجىر ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمىگەن كىشىلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا يېقىندا ئەجرىلىرىنى بېرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
4 : 160 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِظُلْمٍ مِنَ الَّذِينَ هَادُوا حَرَّمْنَا عَلَيْهِمْ طَيِّبَاتٍ أُحِلَّتْ لَهُمْ وَبِصَدِّهِمْ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق[160ـ161].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان يولسۇزلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كافىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلار زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا، بۇرۇن ئۆزلىرىگە ھالال قىلىنغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق66. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدىن كۆپ كىشىنى توسقانلىقى،
4 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَخْذِهِمُ الرِّبَا وَقَدْ نُهُوا عَنْهُ وَأَكْلِهِمْ أَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِ ۚ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق[160ـ161].
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرى چەكلەنگەن تۇرۇپ ئۆسۈمنى ئالغانلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالغانلىقى ئۈچۈنمۇ بىز ئۇلارغا ئۇ پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق. بىز ئۇلاردىن كافىر بولغۇچىلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق.
4 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
لَٰكِنِ الرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ مِنْهُمْ وَالْمُؤْمِنُونَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ ۚ وَالْمُقِيمِينَ الصَّلَاةَ ۚ وَالْمُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالْمُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ أُولَٰئِكَ سَنُؤْتِيهِمْ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، سەندىن ئىلگىرى (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدىغان مۆمىنلەرگە، نامازنى ئۆتىگۈچىلەرگە، زاكات بەرگۈچىلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا (جەننەتتە مەڭگۈ قېلىشتىن ئىبارەت) كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز[162].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدىغان مۆمىنلەرگە، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغۇچىلارغا، زاكات بەرگۈچىلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلاردىن ئىلىمدە چوڭقۇرلاشقانلار ۋە مۇئمىنلار، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. خۇسۇسەن نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچىلەر، زاكاتنى بەرگۈچىلەر، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگۈچىلەر قۇرئانغا ۋە ئۇ كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. بىز ئەنە شۇلارغا يېقىندا كاتتا ئەجىر بېرىمىز.
4 : 168 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَظَلَمُوا لَمْ يَكُنِ اللَّهُ لِيَغْفِرَ لَهُمْ وَلَا لِيَهْدِيَهُمْ طَرِيقًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار ۋە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ، توغرا يولغىمۇ (يەنى جەننەتنىڭ يولىغىمۇ) باشلىمايدۇ[168].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ھەقنى ئىنكار قىلىپ) كافىر بولغان ۋە (كۇفرلىقتا چىڭ تۇرۇپ) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلمايدۇ، توغرا يولغىمۇ باشلىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىر بولغان ۋە زۇلۇم قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ھەرگىزمۇ يول كۆرسەتمەيدۇ.
4 : 169 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا طَرِيقَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنى) پەقەت جەھەننەمنىڭ يولىغا قويىۋىتىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ (يەنى ئۇلارنى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالدۇرۇش) ئاللاھقا ئاسان[169].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى پەقەت جەھەننەمنىڭ يولىغىلا قويۇۋېتىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا پەقەت جەھەننەمنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.
4 : 173 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَيُوَفِّيهِمْ أُجُورَهُمْ وَيَزِيدُهُمْ مِنْ فَضْلِهِ ۖ وَأَمَّا الَّذِينَ اسْتَنْكَفُوا وَاسْتَكْبَرُوا فَيُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا وَلَا يَجِدُونَ لَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ، نېمىتىنى ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، (ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن) باش تارتقان ۋە كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ[173].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتقان ۋە كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى قاتتىق ئازابلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەجرىلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە ئۆز پەزلىدىن ئۇلارغا زىيادە ئىنئام ئاتا قىلىدۇ. باش تارتقان ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازاب قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ۋەلىي ۋە ياردەمچى تاپالمايدۇ69.
مائىد سۈرىسى
20 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ ۙ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب ۋەدە قىلدى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب ۋەدە قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ۋەدە قىلدى: ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر بار.
5 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان كىشىلەر ئەھلى دوزاختۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان كىشىلەر ئەھلى دوزاختۇر
ئەنەس ئالىم: كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر.
5 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَإِنَّهَا مُحَرَّمَةٌ عَلَيْهِمْ ۛ أَرْبَعِينَ سَنَةً ۛ يَتِيهُونَ فِي الْأَرْضِ ۚ فَلَا تَأْسَ عَلَى الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ دېدى: « ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىشى 40 يىلغىچە ھارام قىلىندى، (بۇ جەرياندا) ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ . پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن»(ئىزاھات: مۇسا ئەلەيھسىسالامنىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ ئىجابەت قىلدى، ئۇلارنى زېمىندا 40 يىل ئاداشتۇردى.)[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ دېدى: «(ئى مۇسا!) ئۇلارنىڭ مۇقەددەس زېمىنغا كىرىشى 40 يىلغىچە چەكلەندى، بۇ جەرياندا ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ*[1]. پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرما»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ مۇقەددەس زېمىن بۇلارغا قىرىق يىل ھارام قىلىندى. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ. سەن ئۇ فاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن».
5 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي أُرِيدُ أَنْ تَبُوءَ بِإِثْمِي وَإِثْمِكَ فَتَكُونَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك (يەنى مېنى ئۆلتۈرگەنلىك) ۋە ئۆزۈڭنىڭ (ئىلگىرىكى) گۇناھىڭنى (يەنى ئاتاڭ ئادەمنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق گۇناھىڭنى) ئۈستۈڭگە ئېلىپ ئەھلى دوزاخلاردىن بولۇشۇڭنى تىلەيمەن، (كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن (ئامالسىزلىقتىن) سېنىڭ مېنىڭ گۇناھىمنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ ئەھلى دوزاخ بولۇشۇڭنى خالايمەن، زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر»
ئەنەس ئالىم: مەن سېنىڭ، مېنىڭ گۇناھىم بىلەن ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشۇڭنى تىلەيمەن. مانا بۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر».
5 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَعَثَ اللَّهُ غُرَابًا يَبْحَثُ فِي الْأَرْضِ لِيُرِيَهُ كَيْفَ يُوَارِي سَوْءَةَ أَخِيهِ ۚ قَالَ يَا وَيْلَتَا أَعَجَزْتُ أَنْ أَكُونَ مِثْلَ هَٰذَا الْغُرَابِ فَأُوَارِيَ سَوْءَةَ أَخِي ۖ فَأَصْبَحَ مِنَ النَّادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. قاغا (تۇمشۇقى ۋە ئىككى پۇتى بىلەن) يەرنى كولىدى. ئۇ (يەنى قابىل بۇنى كۆرۈپ): «ۋاي مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇشتىن ئاجىز كەلدىممۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نادامەت قىلغۇچىلاردىن بولدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. ئۇ (قاغا بىر ئۆلۈك قاغىنى كۆمۈش ئۈچۈن) يەرنى كولىدى. ئۇ (قابىل بۇننى كۆرۈپ): «ۋاي ئېسىت! مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىكمۇ بولالماپتىمەنا؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئەسنادا ئاللاھ بىر قاغا ئەۋەتتى، قاغا يەرنى چوقۇيتتى. بۇ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ: «ۋاي ئىسىت! مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇپ، قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمەلمەپتىمەن!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.
5 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا جَزَاءُ الَّذِينَ يُحَارِبُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَسْعَوْنَ فِي الْأَرْضِ فَسَادًا أَنْ يُقَتَّلُوا أَوْ يُصَلَّبُوا أَوْ تُقَطَّعَ أَيْدِيهِمْ وَأَرْجُلُهُمْ مِنْ خِلَافٍ أَوْ يُنْفَوْا مِنَ الْأَرْضِ ۚ ذَٰلِكَ لَهُمْ خِزْيٌ فِي الدُّنْيَا ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ۋە سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ (يەنى جازا) ئۇلار ئۈچۈن بۇ دۇنيادا رەسۋالىق (ئېلىپ كەلگۈچىدۇر)، ئاخىرەتتە ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلىشىپ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قولى ۋە سول پۇتى كېسىلىشى، ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ جازا ئۇلارنى بۇ دۇنيادا رەسۋا قىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە قارشى ئۇرۇشىدىغان ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلىدۇ ياكى دارغا ئېسىلىدۇ ياكى قوللىرى ۋە پۇتلىرى چاپراس كېسىلىدۇ ۋە ياكى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن دۇنيادا رەسۋاچىلىقتۇر. ئۇلارغا ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.
5 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ أَنَّ لَهُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لِيَفْتَدُوا بِهِ مِنْ عَذَابِ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَا تُقُبِّلَ مِنْهُمْ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان نەرسىلەر كاپىرلارنىڭ بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنى (ئاللاھ) نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنى فىدىيە قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ (فىدىيەسى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلار قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان نەرسىلەر كافىرلارنىڭ بولغان، ئۇلار قىيامەت كۈنىدىكى ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇنى فىديە قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ فىدىيىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلار قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا كەلسەك، ئەگەر يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ بىر ئوخشىشى ئۇلارنىڭ بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى فىديە قىلىپ بەرسىمۇ، بۇ ئۇلاردىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
5 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُونَ أَنْ يَخْرُجُوا مِنَ النَّارِ وَمَا هُمْ بِخَارِجِينَ مِنْهَا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇ-يۇ، ھەرگىز چىقالمايدۇ، ئۇلار دائىملىق ئازابقا قالىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇ-يۇ، ھەرگىز چىقالمايدۇ، ئۇلار دائىملىق ئازابقا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ چىقالمايدۇ. ئۇلارغا مۇقىم ئازاب بار.
5 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ لَا يَحْزُنْكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ مِنَ الَّذِينَ قَالُوا آمَنَّا بِأَفْوَاهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِنْ قُلُوبُهُمْ ۛ وَمِنَ الَّذِينَ هَادُوا ۛ سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّاعُونَ لِقَوْمٍ آخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ مِنْ بَعْدِ مَوَاضِعِهِ ۖ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَٰذَا فَخُذُوهُ وَإِنْ لَمْ تُؤْتَوْهُ فَاحْذَرُوا ۚ وَمَنْ يُرِدِ اللَّهُ فِتْنَتَهُ فَلَنْ تَمْلِكَ لَهُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَمْ يُرِدِ اللَّهُ أَنْ يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ ۚ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا (پۇرسەت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئۆلىمالىرى توقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ. ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزئورنىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار ۋە يەھۇدىيلار ئىچىدىكى كۇفرغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار (ئۆلىمالىرى ئوقۇغان) يالغانغا بەك قۇلاق سالىدۇ، سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان باشقا بىر قەۋمنىڭ سۆزىگىمۇ بەك قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتىكى) سۆزلەرنى ئەسلى مەنىسىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر بۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. دىللىرىنى (كۇفردىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى ئەلچى! كۇفرىلىقتا بەسلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار قەلبلىرى ئىمان ئېيتمىغان تۇرۇپ، ئېغىزلىرى بىلەن «ئىمان ئېيتتۇق» دېگەنلەر ۋە يەھۇدىيلاردۇر. ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ساڭا كەلمىگەن باشقا بىر قەۋمگە قۇلاق سالغۇچىلاردۇر. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى تۇتۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلمىسە ساقلىنىڭلار» دەيدۇ. ئاللاھ بىر كىشىنى ئېزىپ كېتىشىنى ئىرادە قىلسا، سەن ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى ھېچ نەرسە قىلالمايسەن. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى پاكلاشنى ئىرادە قىلمىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.
5 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُ الَّذِينَ آمَنُوا أَهَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ أَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ ۙ إِنَّهُمْ لَمَعَكُمْ ۚ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فَأَصْبَحُوا خَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان ھىيلە ـ مىكرى پاش قىلىنغاندا) مۆمىنلەر (بىر ـ بىرىگە): «سىلەر بىلەن چوقۇم بىللە ئىكەنلىكلىرىگە ئاللاھ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشكەنلەر مۇشۇ كىشىلەرمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچى بولدى[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ چاغدا مۆمىنلەر: «بىز قەتئىي سىلەر بىلەن بىللە دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم ئىچىەنلەر شۇ كىشىلەرمۇ؟» دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولدى، شۇڭا ئۇلار زىيان تارتقۇچى بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا مۇئمىنلار: «بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلغانلار شۇلارمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ قالدى.
5 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هَلْ أُنَبِّئُكُمْ بِشَرٍّ مِنْ ذَٰلِكَ مَثُوبَةً عِنْدَ اللَّهِ ۚ مَنْ لَعَنَهُ اللَّهُ وَغَضِبَ عَلَيْهِ وَجَعَلَ مِنْهُمُ الْقِرَدَةَ وَالْخَنَازِيرَ وَعَبَدَ الطَّاغُوتَ ۚ أُولَٰئِكَ شَرٌّ مَكَانًا وَأَضَلُّ عَنْ سَوَاءِ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى بۇنىڭدىنمۇ يامان جازانى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ (ئۇ شۇنداق) كىشىلەرنىڭ (جازاسىكى)، ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە چوشقا قىلدى، بىر قىسمىنى شەيتانغا ئىبادەت قىلىدىغان قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر (يەنى دوزاختۇر)، (ئۇلار) توغرا يولدىن ئەڭ ئاداشقاندۇر»[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى بۇنىڭدىنمۇ يامان جازانى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ شۇنداق كىشىلەرگە بېرىلگەن جازاكى، ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە توڭگۇزغا ئايلاندۇرۇۋەتتى، بىر قىسمىنى شەيتانغا چوقۇنىدىغان قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر، ئۇلار توغرا يولدىن بەكمۇ ئاداشقانلاردۇر»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا جازاسى ئۇنىڭدىنمۇ يامان بولغانلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار ئاللاھ لەنەت قىلغان، غەزەپ قىلغان، بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە توڭگۇزلارغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن كىشىلەردۇر، شۇنداقلا ئۇلار تاغۇتقا ئىبادەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار ئورنى ئەڭ يامان بولغان ۋە توغرا يولدىن بەكمۇ ئاداشقان كىشىلەردۇر».
5 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالصَّابِئُونَ وَالنَّصَارَىٰ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَعَمِلَ صَالِحًا فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەردىن، يەھۇدىيلاردىن، پەرىشتىلەرگە ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلاردىن، ناسارالاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار غەم- ئەندىشە قىلمايدۇ [69].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۆمىنلەرگە، شۇنداقلا يەھۇدىيلار، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ۋە ناسارالار ئىچىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا (ئاخىرەتتە) غەم قىلىش ۋە قايغۇرۇش يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن23 ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ قايغۇرمايدۇ.
5 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ ثَالِثُ ثَلَاثَةٍ ۘ وَمَا مِنْ إِلَٰهٍ إِلَّا إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۚ وَإِنْ لَمْ يَنْتَهُوا عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر، دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىر بولغانلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا قالىدۇ[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر» دېگۈچىلەر شەكسىز كافىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كافىر بولغانلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ ئۈچنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر» دېگەنلەرمۇ كافىر بولدى24. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار دەۋاتقان سۆزىدىن يانمىسا، ئۇ كافىرلارغا چوقۇم ئەلەملىك ئازاب يېتىدۇ.
5 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
لُعِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَلَىٰ لِسَانِ دَاوُودَ وَعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ ۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بەنى ئىسرائىلدىن كاپىر بولغانلارغا داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن (يەنى زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) لەنەت قىلىندى. بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىشى) ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرىدىن بولدى[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىكى كافىرلارغا (زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەت قىلىندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئىسرائىل ئەۋلادىدىن كافىر بولغانلار، داۋۇدنىڭ ۋە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەتلەندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقىدىن بولدى.
5 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
تَرَىٰ كَثِيرًا مِنْهُمْ يَتَوَلَّوْنَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ لَبِئْسَ مَا قَدَّمَتْ لَهُمْ أَنْفُسُهُمْ أَنْ سَخِطَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَفِي الْعَذَابِ هُمْ خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنىڭ كاپىرلارنى (يەنى رەسۇلۇللاھنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆچ كۆرۈش يۈزىسىدىن مۇشرىكلارنى) دوست تۇتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان ئەمەللىرى نېمىدېگەن يامان! (بۇ ئەمەللەر) ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەڭگۈ ئازابقا قالغۇچىلاردۇر[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ كافىرلارنى دوست تۇتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدىن قىلغان قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! بۇ قىلمىشلار ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەڭگۈ ئازابقا قالغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ كافىرلارنى ئۆزلىرىگە ۋەلىي قىلىۋالغانلىقىنى كۆرىسەن. نەپسىلىرى ئۇلار ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان نەرسە، يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا غەزەپ قىلىشى نېمىدېگەن يامان! ئۇلار ئازابنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
5 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَثَابَهُمُ اللَّهُ بِمَا قَالُوا جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات ئەنە شۇ[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات ئەنە شۇدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنى بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى، ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. مانا بۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
5 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىر بولغانلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتمىغان، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر
ئەنەس ئالىم: كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر دوزاخ ئەھلىدۇر.
5 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَيَبْلُوَنَّكُمُ اللَّهُ بِشَيْءٍ مِنَ الصَّيْدِ تَنَالُهُ أَيْدِيكُمْ وَرِمَاحُكُمْ لِيَعْلَمَ اللَّهُ مَنْ يَخَافُهُ بِالْغَيْبِ ۚ فَمَنِ اعْتَدَىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَلَهُ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! كۆرمەي تۇرۇپ ئاللاھتىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەن ئوۋلىنىدىغان بىر ئاز ئوۋ بىلەن ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم سىنايدۇ، كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورقىدىغانلارنى ئايرىش ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەنلا ئوۋلىغىلى بولغۇدەك ئوۋ بىلەن چوقۇم سىنايدۇ. كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى قوللىرىڭلار ۋە نەيزىلىرىڭلار بىلەن ئوۋلىيالىغۇدەك ئوۋ بىلەن سىنايدۇ. ئاللاھ بۇنى، كۆرمەي تۇرۇپ ئۆزىدىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن قىلىدۇ. كىم بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشىدىكەن، ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
5 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اللَّهُ إِنِّي مُنَزِّلُهَا عَلَيْكُمْ ۖ فَمَنْ يَكْفُرْ بَعْدُ مِنْكُمْ فَإِنِّي أُعَذِّبُهُ عَذَابًا لَا أُعَذِّبُهُ أَحَدًا مِنَ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولسا، ئۇنى شۇنداق بىر ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى مۇنداق ئازابلىمايمەن» دېدى[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن تۇزكورلۇق قىلسا، ئۇنى ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى ئازابلىمىغان ئازاب بىلەن ئازابلايمەن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «مەن ئۇ داستىخاننى سىلەرگە چوقۇم چۈشۈرىمەن. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن كىم تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، ئۇنى شۇنداق ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئالەملەردىن ھېچكىمنى ئۇ ئازاب بىلەن ئازابلىمايمەن» دېدى.
5 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اللَّهُ هَٰذَا يَوْمُ يَنْفَعُ الصَّادِقِينَ صِدْقُهُمْ ۚ لَهُمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر»[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ سەمىمىيىتى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ راستچىللارغا راستچىللىقى پايدا يەتكۈزىدىغان كۈندۇر. ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر».
ئەنئام سۈرىسى
32 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَدْ كَذَّبُوا بِالْحَقِّ لَمَّا جَاءَهُمْ ۖ فَسَوْفَ يَأْتِيهِمْ أَنْبَاءُ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ[4]. ئۇلارغا (ئاللاھ تەرىپىدىن) ھەق كىتاب (يەنى قۇرئان) كېلىۋېدى، ئۇلار ئۇنىڭغا چىنپۈتمىدى، ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى كېلىدۇ [5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ھەق كىتاب (يەنى قۇرئان) كېلىۋېدى، ئۇلار ئۇنى يالغان دېدى. ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى كېلىدۇ (يەنى ئۇلارغا ئازاب چۈشىدۇ)
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە ھەق كەلگەن چاغدا ئۇنى يالغان دېيىشتى. ئۇلار مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى يېقىندا ئۇلارغا كېلىدۇ.
6 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَرَوْا كَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَبْلِهِمْ مِنْ قَرْنٍ مَكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ مَا لَمْ نُمَكِّنْ لَكُمْ وَأَرْسَلْنَا السَّمَاءَ عَلَيْهِمْ مِدْرَارًا وَجَعَلْنَا الْأَنْهَارَ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمْ فَأَهْلَكْنَاهُمْ بِذُنُوبِهِمْ وَأَنْشَأْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ قَرْنًا آخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار كۆرمىدىمۇ؟ (يەنى ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىمۇ؟) ئۇلارنى زېمىندا سىلەرنى يەرلەشتۈرمىگەن بىر شەكىلدە يەرلەشتۈرگەن ئىدۇق، ئۇلارغا مول يامغۇرلار ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۆستەڭلەرنى ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن كېيىن باشقا خەلقنى پەيدا قىلدۇق[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى بىزنىڭ ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار بىلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا زېمىندا سىلەرگە بەرمىگەن ئىمكانىيەتلەرنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇلارغا مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۆستەڭلارنى ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلغان، ئۇلاردىن كېيىن باشقا خەلقنى پەيدا قىلغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ بىز ئۇ نەسىللەرگە زېمىندا سىلەرگە بەرمىگەن كۈچ - قۇۋۋەتلەرنى بەرگەن، ئۇلارغا يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاستىلىرىدىن ئۆستەڭلەرنى ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق. ئاندىن كېيىن بىز ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك قىلدۇق ۋە ئۇلاردىن كېيىن باشقا بىر نەسىل پەيدا قىلدۇق.
6 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِنْ قَبْلِكَ فَحَاقَ بِالَّذِينَ سَخِرُوا مِنْهُمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر (مۇ كاپىرلار تەرىپىدىن) مەسخىرە قىلىندى، مەسخىرە قىلغۇچىلار مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆردى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىنغان ئىدى، مەسخىرە قىلغۇچىلارغا ئۇلار كۆزگە ئىلمىغان ئازاب چۈشتى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ مەسخىرە قىلىندى. مەسخىرە قىلغانلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى2.
6 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا يەنە) ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام (يەنى پەرۋەردىگارىمدىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلسام)، بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن ئەلۋەتتە قورقىمەن»[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇلارغا يەنە) ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن ئەلۋەتتە قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن».
6 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ يُصْرَفْ عَنْهُ يَوْمَئِذٍ فَقَدْ رَحِمَهُ ۚ وَذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشۇ كۈندە كىمكى ئازابتىن قۇتۇلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىدۇ، ئەنە شۇ روشەن نىجات تاپقانلىقتۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشۇ كۈندە كىمكى ئازابتىن قۇتۇلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىدۇ، ئەنە شۇ روشەن نىجات تاپقانلىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈندە كىمدىن ئازاب قايتۇرۇلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلغان بولىدۇ. مانا بۇ ئوچۇق - ئاشكارا مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
6 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِآيَاتِهِ ۗ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم ئادەملەر بارمۇ؟ زالىملار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ قەبىھ ئادەم بارمۇ؟ بۇنداق قەبىھ ئادەملەر ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ زالىملار ئەسلا مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ.
6 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ نَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشْرَكُوا أَيْنَ شُرَكَاؤُكُمُ الَّذِينَ كُنْتُمْ تَزْعُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىمىز، ئاندىن شېرىك كەلتۈرگەنلەرگە: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغانلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيمىز[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قېنى؟» دەيمىز
ئەنەس ئالىم: بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان ئويدۇرما ئىلاھلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيمىز.
6 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ لَمْ تَكُنْ فِتْنَتُهُمْ إِلَّا أَنْ قَالُوا وَاللَّهِ رَبِّنَا مَا كُنَّا مُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار پەقەت ئۆزرە ئېيتىپ (دۇنيادىكى چاغلىرىدىكىگە ئوخشاش يالغانغا ئىلتىجا قىلىپ): «پەرۋەردىگارىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق» دەيدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار پەقەت ئۆزرە ئېيتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن ئىدۇق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارنىڭ يالغان جاۋابى مۇنداق بولىدۇ: «رەببىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق».
6 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
انْظُرْ كَيْفَ كَذَبُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ ۚ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (بىز مۇشرىك بولمىغان دەپ) ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ) بوھتان چاپلىغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىنىڭ ئەكسىچە قانداق يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارىغىن. ئۇلارنىڭ ئىلاھ دەۋالغان بۇتلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ
ئەنەس ئالىم: قارىغىنا، ئۇلار ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىدى ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.
6 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ تَرَىٰ إِذْ وُقِفُوا عَلَى النَّارِ فَقَالُوا يَا لَيْتَنَا نُرَدُّ وَلَا نُكَذِّبَ بِآيَاتِ رَبِّنَا وَنَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (دەھشەتلىك بىر ھالىنى كۆرەتتىڭ). ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دەيدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرگەن بولساڭ (دەھشەتلىك بىر ھالنى كۆرگەن بولاتتىڭ). ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان بولساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى دوزاخ ئوتىنىڭ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا بىر كۆرگەن بولساڭ! ئۇلار ئۇ چاغدا: «ئاھ! كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان، رەببىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېمىگەن ۋە مۇئمىنلاردىن بولغان بولساقچۇ!» دەيدۇ.
6 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ بَدَا لَهُمْ مَا كَانُوا يُخْفُونَ مِنْ قَبْلُ ۖ وَلَوْ رُدُّوا لَعَادُوا لِمَا نُهُوا عَنْهُ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى ئۇلارغا ئاشكارا بولدى، ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئىمان ئېيتاتتۇق دېگەن ۋەدىسىدە) يالغانچىلاردۇر[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى ئۆزىگە ئاشكارا بولدى. ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ياق، ئۇلارغا ئىلگىرى يوشۇرغان نەرسىلىرى ئاشكارا بولدى. ئەگەر ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلسا ئىدى، ئۆزلىرى چەكلەنگەن نەرسىگە يەنە قايتاتتى. ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
6 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ تَرَىٰ إِذْ وُقِفُوا عَلَىٰ رَبِّهِمْ ۚ قَالَ أَلَيْسَ هَٰذَا بِالْحَقِّ ۚ قَالُوا بَلَىٰ وَرَبِّنَا ۚ قَالَ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (غايەت چوڭ ئىشنى كۆرۈسەن). ئاللاھ ئۇلارغا: «بۇ (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راست ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، راست ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (غايەت چوڭ ئىشنى كۆرگەن بولاتتىڭ). ئاللاھ ئۇلارغا: «بۇ تىرىلىش راست ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، راست ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا توختىتىلغان چاغدا بىر كۆرگەن بولساڭ! ئاللاھ ئۇ چاغدا ئۇلارغا: «بۇ ھەق ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «رەببىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە ھەق ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ئۇنداقتا ئازابنى تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر كافىر بولدۇڭلار» دەيدۇ.
6 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِلِقَاءِ اللَّهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءَتْهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً قَالُوا يَا حَسْرَتَنَا عَلَىٰ مَا فَرَّطْنَا فِيهَا وَهُمْ يَحْمِلُونَ أَوْزَارَهُمْ عَلَىٰ ظُهُورِهِمْ ۚ أَلَا سَاءَ مَا يَزِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى قايتا تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادىكى بىپەرۋالىقىمىزغا ۋاي ئېست» دەيدۇ. گۇناھلىرىنى ئۈستىلىرىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ (گۇناھلارنى) يۈكلىگىنى نېمىدېگەن يامان![31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادا بىپەرۋالىق قىلىپ كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمىزغا ئىسىت» دەپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار گۇناھلارنى ئۈستىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈكلىۋالغىنى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يالغان دېگەنلەر چوقۇم زىيان تارتىدۇ. ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرىگە قىيامەت تۇيۇقسىزلا كەلگەندە گۇناھلىرىنى يۈدۈپ تۇرۇپ: «ۋاي ئىسىت! ئۇ دۇنيادا سەل قاراپتىمىز» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار يۈدۈۋالغان نەرسە نېمىدېگەن يامان!
6 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا إِذْ جَاءَهُمْ بَأْسُنَا تَضَرَّعُوا وَلَٰكِنْ قَسَتْ قُلُوبُهُمْ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ ئۇلارنىڭ دىللىرى قەساۋەتلەشتى (ئىمانغا يۇمشىمىدى)، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ ھەقىقەت شۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن، شەيتان ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتكەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نېمىشقا ھېچبولمىغاندا ئۆزلىرىگە قاتتىق ئازابىمىز كەلگەن چاغدا يېلىنىپ -يالۋۇرۇشمىدى؟ لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قېتىپ كەتتى ۋە شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى.
6 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا نَسُوا مَا ذُكِّرُوا بِهِ فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ أَبْوَابَ كُلِّ شَيْءٍ حَتَّىٰ إِذَا فَرِحُوا بِمَا أُوتُوا أَخَذْنَاهُمْ بَغْتَةً فَإِذَا هُمْ مُبْلِسُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن (كۆرەڭلەپ) خۇشال ـ خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق)، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەرگە خۇشال بولۇپ تۇرغاندا ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمنى ئۇنتۇغان چاغدا، بىز ئۇلارغا ھەر نەرسىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق. ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نەرسىلەر بىلەن خۇشال بولۇپ ئەركىلىگىلى تۇرغاندا ئۇلارنى تۇيۇقسىز جازالىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىردىنلا ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى.
6 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُطِعَ دَابِرُ الْقَوْمِ الَّذِينَ ظَلَمُوا ۚ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى (يەنى ئۇلار پۈتۈنلەي ھالاك قىلىندى). جىمى ھەمدۇسانا (پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بېرىپ، كۇففارلارنى ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر![45]
تەرجىمە ھەيئىتى: كۇفرلىق قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى. بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھقا خاستۇر!
ئەنەس ئالىم: زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.
6 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتَكُمْ إِنْ أَتَاكُمْ عَذَابُ اللَّهِ بَغْتَةً أَوْ جَهْرَةً هَلْ يُهْلَكُ إِلَّا الْقَوْمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋمدىن باشقا يەنە كىملەر ھالاك قىلىنىدۇ؟»[47]
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، ھالاك قىلىنىدىغىنى دەل شۇ كۇفرلىق قىلغان قەۋم بولماي كىملەر بولسۇن؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋمدىن باشقىسى ھالاك قىلىنامدۇ؟».
6 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا نُرْسِلُ الْمُرْسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ ۖ فَمَنْ آمَنَ وَأَصْلَحَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت (ساۋاب بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز، ئىمان ئېيتقان ۋە (ئەمەللىرىنى) تۈزىگەن كىشىلەرگە قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار غەم – ئەندىشە قىلمايدۇ [48].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز. ئىمان ئېيتقان ۋە قىلمىشىنى تۈزەتگەن كىشىلەرگە ئەنسىرەش ۋە قايغۇرۇش يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئەلچىلەرنى ئازاب كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىمان ئېيتقانلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ۋە ئىنكار قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز. كىم ئىمان ئېيتسا ۋە ئۆزىنى تۈزەتسە، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
6 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا يَمَسُّهُمُ الْعَذَابُ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، (ئاللاھقا) ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئازابقا دۇچار بولىدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا ئازاب يېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار توغرا يولدىن چىقىپ كەتتى.
6 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هُوَ الْقَادِرُ عَلَىٰ أَنْ يَبْعَثَ عَلَيْكُمْ عَذَابًا مِنْ فَوْقِكُمْ أَوْ مِنْ تَحْتِ أَرْجُلِكُمْ أَوْ يَلْبِسَكُمْ شِيَعًا وَيُذِيقَ بَعْضَكُمْ بَأْسَ بَعْضٍ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ لَعَلَّهُمْ يَفْقَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن (نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋمىگە، ئەسھابۇلپىلگە ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن (پىرئەۋن ۋە قارۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ (يەنى ئۇرۇشقا سېلىپ) بىرىڭلارغا بىرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەرگە بۆلۈپ توقۇنۇشتۇرۇپ، بېرىڭلارغا بېرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». سەن بىزنىڭ ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىۋاتقانلىقىمىزغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرگە ئۈستۈڭلاردىن ياكى ئاياغلىرىڭلارنىڭ ئاستىدىن ئازاب ئەۋەتىشكە ياكى سىلەرنى ھەر خىل پىرقىلەرگە بۆلۈپ، بەزىڭلارغا بەزىڭلارنىڭ كۈچىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». قارىغىنا، ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلىرىمىزنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا قانداق بايان قىلىۋاتىمىز؟
6 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ آمَنُوا وَلَمْ يَلْبِسُوا إِيمَانَهُمْ بِظُلْمٍ أُولَٰئِكَ لَهُمُ الْأَمْنُ وَهُمْ مُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئازابتىن ئەمىن بولۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا شېرىك ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا كۇفرلىق ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە ئەمىنلىك باردۇر. ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانىغا زۇلۇم10 ئارىلاشتۇرمىغانلارغا خاتىرجەملىك بار. ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى كىشىلەردۇر.
6 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ قَالَ أُوحِيَ إِلَيَّ وَلَمْ يُوحَ إِلَيْهِ شَيْءٌ وَمَنْ قَالَ سَأُنْزِلُ مِثْلَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ ۗ وَلَوْ تَرَىٰ إِذِ الظَّالِمُونَ فِي غَمَرَاتِ الْمَوْتِ وَالْمَلَائِكَةُ بَاسِطُو أَيْدِيهِمْ أَخْرِجُوا أَنْفُسَكُمُ ۖ الْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ الْهُونِ بِمَا كُنْتُمْ تَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ وَكُنْتُمْ عَنْ آيَاتِهِ تَسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ماڭا ۋەھىي قىلىندى دېگەن ياكى ئاللاھ نازىل قىلغاندەك مەنمۇ كىتاب نازىل قىلالايمەن دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشىلەر بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە، قورقۇنچلۇق ھالىنى كۆرۈسەن). پەرىشتىلەر (يەنى ئازاب پەرىشتىلىرى) قوللىرىنى سوزۇپ: «سىلەر جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ھەقسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىپتىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەت بەرگەنلىكىڭلار) ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھيى قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ماڭا ۋەھيى قىلىندى دېگەن، ياكى مەنمۇ ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتەك كىتاب نازىل قىلالايمەن دېگەن كىشىلەردىنمۇ قەبىھ كىشىلەر بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) سەن بۇ قەبىھ كىشىلەرنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتىدا كۆرگەن بولساڭ (ئەلۋەتتە، قورقۇنچلۇق بىر ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، شۇ چاغدا پەرىشتىلەر قوللىرىنى سوزۇپ ئۇلارغا: «سىلەر جېنىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ناتوغرا سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىختىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەتەن بەرگەنلىكىڭلار) ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خارلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق: «ماڭا ۋەھىي قىلىندى» دېگەن ۋە: «مەنمۇ ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنىڭ ئوخشىشىنى نازىل قىلالايمەن» دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئى مۇھەممەد! بۇ زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا بىر كۆرسەڭ! ئۇ چاغدا پەرىشتىلەر ئۇلارغا قوللىرىنى سوزۇپ: «قېنى روھلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر. چۈنكى سىلەر ئاللاھقا نالايىق سۆزلەرنى قىلاتتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمەيتتىڭلار» دەيدۇ.
6 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
وَذَرُوا ظَاهِرَ الْإِثْمِ وَبَاطِنَهُ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَكْسِبُونَ الْإِثْمَ سَيُجْزَوْنَ بِمَا كَانُوا يَقْتَرِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلارنى تەرك ئېتىڭلار، شۈبھىسىزكى، گۇناھ قىلغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئاخىرەتتە) جازاغا تارتىلىدۇ[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلارنى تەرك ئېتىڭلار، شۈبھىسىزكى، گۇناھ قىلغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئاخىرەتتە) جازاغا تارتىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: گۇناھنىڭ ئاشكارىسىنىمۇ، مەخپىيسىنىمۇ تەرك ئېتىڭلار. شۈبھىسىزكى، گۇناھ قىلغۇچىلارغا يېقىندا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
6 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا جَاءَتْهُمْ آيَةٌ قَالُوا لَنْ نُؤْمِنَ حَتَّىٰ نُؤْتَىٰ مِثْلَ مَا أُوتِيَ رُسُلُ اللَّهِ ۘ اللَّهُ أَعْلَمُ حَيْثُ يَجْعَلُ رِسَالَتَهُ ۗ سَيُصِيبُ الَّذِينَ أَجْرَمُوا صَغَارٌ عِنْدَ اللَّهِ وَعَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا كَانُوا يَمْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) بىزگىمۇ پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورنىتىشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭ ئەھلى بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[124].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) «بىزگە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭغا لايىق بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزى ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر ئايەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە بېرىلگەن نەرسىنىڭ ئوخشىشى بىزگىمۇ بېرىلمىگۈچە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى. ئاللاھ ئەلچىلىكنى كىمگە بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. گۇناھ قىلغانلارغا يېقىندا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا خورلۇق ۋە قاتتىق ئازاب يېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھىيلە -مىكىر قىلغان.
6 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
لَهُمْ دَارُ السَّلَامِ عِنْدَ رَبِّهِمْ ۖ وَهُوَ وَلِيُّهُمْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارغا دارۇسسالام (يەنى جەننەت) بار، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارغا مەدەتكاردۇر[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارغا دارۇسسالام (يەنى جەننەت) بار، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارغا ھامىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا دارۇسسالام بار18. ئۇلار ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن رەببى ئۇلارنىڭ ۋەلىيىسىدۇر.
6 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِكُلٍّ دَرَجَاتٌ مِمَّا عَمِلُوا ۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَافِلٍ عَمَّا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاخىرەتتە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن غاپىل ئەمەس[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئاخىرەتتە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن غاپىل ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ. رەببىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس.
6 : 138 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا هَٰذِهِ أَنْعَامٌ وَحَرْثٌ حِجْرٌ لَا يَطْعَمُهَا إِلَّا مَنْ نَشَاءُ بِزَعْمِهِمْ وَأَنْعَامٌ حُرِّمَتْ ظُهُورُهَا وَأَنْعَامٌ لَا يَذْكُرُونَ اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهَا افْتِرَاءً عَلَيْهِ ۚ سَيَجْزِيهِمْ بِمَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇمانىچە: «بۇ ھايۋانلار ۋە ئېكىنلەر (مەبۇدلىرىمىزغا خاس بولۇپ، باشقىلارغا) ھارامدۇر، ئۇلارنى پەقەت بىز خالىغان ئادەملەرلا يەيدۇ، بۇ ھايۋانلارنى مىنىش ھارامدۇر، بۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىشقا بولمايدۇ» دېدى. ئۇلار ئاللاھقا يالغان چاپلىدى، ئاللاھ ئۇلارنى يالغان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ[138].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قارىشى بويىچە، ئاللاھنىڭ ئۈستىدىن يالغاننى ئويدۇرۇپ: «بۇ ھايۋانلار ۋە ئېكىنلەر (مەبۇدلىرىمىزغا خاس ، باشقىلارغا) ھارامدۇر، ئۇلارنى پەقەت بىز خالىغان ئادەملەرلا يەيدۇ، بۇ ھايۋانلارنى مىنىش ھارامدۇر، بۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىشقا بولمايدۇ» دېدى. ئاللاھ ئۇلارنى يالغاننى ئويدۇرغانلىقى ئۈچۈن جازالايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باتىل چۈشەنچىسى بويىچە: «بۇ چەكلەنگەن تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە ۋە ئېكىنلەردۇر، ئۇلارنى بىز خالىغان كىشىلەرلا يېيەلەيدۇ. شۇ مىنىش ھارام قىلىنغان تۆگىلەردۇر23. شۇ بوغۇزلىغاندا بىسمىللاھ دېيىشكە بولمايدىغان تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردۇر» دېدى. ئۇلار بۇنى ئاللاھقا بوھتان چاپلاپ قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن يېقىندا جازالايدۇ.
6 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ قَتَلُوا أَوْلَادَهُمْ سَفَهًا بِغَيْرِ عِلْمٍ وَحَرَّمُوا مَا رَزَقَهُمُ اللَّهُ افْتِرَاءً عَلَى اللَّهِ ۚ قَدْ ضَلُّوا وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھاماقەتلىك ۋە نادانلىقلىرىدىن بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتىپ، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ھارام بىلگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن زىيان تارتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن (توغرا يولدىن) ئاداشتى، ھىدايەت تاپمىدى[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھاماقەتلىكى ۋە نادانلىقىدىن بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتىپ، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ھارام بىلگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن زىيان تارتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئاداشتى، ھىدايەت تاپمىدى
ئەنەس ئالىم: بىلىمسىزلىكىدىن، ئەخمەقلىق قىلىپ بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەنلەر ۋە ئاللاھ بەرگەن رىزىقنى ئاللاھقا بوھتان چاپلاپ ھارام قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتتى. ئۇلار ئېزىپ كەتتى ۋە ھىدايەت تاپمىدى.
6 : 147 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ كَذَّبُوكَ فَقُلْ رَبُّكُمْ ذُو رَحْمَةٍ وَاسِعَةٍ وَلَا يُرَدُّ بَأْسُهُ عَنِ الْقَوْمِ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سېنى ئىنكار قىلسا، سەن: «پەرۋەردىگارىڭلار (قىلمىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىغانلىقتىن) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مەغرۇر بولماڭلاركى) ئاللاھنىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ» دېگىن[147].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سېنى ئىنكار قىلسا، سەن: «پەرۋەردىگارىڭلار كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر، (لېكىن) ئاللاھنىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانچى دېسە، ئېيتقىنكى: «رەببىڭلار كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر. لېكىن ئۇنىڭ شىددەتلىك ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ».
6 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ تَقُولُوا لَوْ أَنَّا أُنْزِلَ عَلَيْنَا الْكِتَابُ لَكُنَّا أَهْدَىٰ مِنْهُمْ ۚ فَقَدْ جَاءَكُمْ بَيِّنَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ ۚ فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ كَذَّبَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَصَدَفَ عَنْهَا ۗ سَنَجْزِي الَّذِينَ يَصْدِفُونَ عَنْ آيَاتِنَا سُوءَ الْعَذَابِ بِمَا كَانُوا يَصْدِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى سىلەرنىڭ، ئەگەر بىزگە كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا، بىز ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەقىقەتەن پاكىت، ھىدايەت ۋە رەھمەت نازىل بولدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايمىز[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى سىلەرنىڭ «ئەگەر بىزگە كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا، بىز ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەقىقەتەن پاكىت، ھىدايەت ۋە رەھمەت نازىل بولدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايمىز
ئەنەس ئالىم: ياكى «ئەگەر بىزگىمۇ كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. مانا سىلەرگىمۇ رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل، ھىدايەت ۋە رەھمەت كەلدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرنى، يۈز ئۆرۈگەنلىكلىرى ئۈچۈن يېقىندا ئەڭ يامان ئازاب بىلەن جازالايمىز.
6 : 160 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ عَشْرُ أَمْثَالِهَا ۖ وَمَنْ جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَلَا يُجْزَىٰ إِلَّا مِثْلَهَا وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[160].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ. ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلسە، ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگىنىنىڭ ئون ھەسسىسى بېرىلىدۇ. كىم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بىر يامانلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇنىڭغا پەقەت شۇ بىر يامانلىقنىڭلا جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇلارغا ئەسلا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
6 : 165 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَكُمْ خَلَائِفَ الْأَرْضِ وَرَفَعَ بَعْضَكُمْ فَوْقَ بَعْضٍ دَرَجَاتٍ لِيَبْلُوَكُمْ فِي مَا آتَاكُمْ ۗ إِنَّ رَبَّكَ سَرِيعُ الْعِقَابِ وَإِنَّهُ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى بەرگەن نېمەتلىرى بىلەن سىناش ئۈچۈن بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى قىلدى. پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر[165].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ) ئورنىدا ياشايدىغان قىلدى. ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىگە شۈكۈر قىلىشىڭلارنى سىناش ئۈچۈن، بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى قىلدى. پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە (ئاسىيلارنى) تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدى، بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىرقانچە دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. ئاللاھ بۇنى سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلىرىدە سىلەرنى سىناش ئۈچۈن قىلدى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
ئەئراف سۈرىسى
22 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ مِنْ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا فَجَاءَهَا بَأْسُنَا بَيَاتًا أَوْ هُمْ قَائِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز نۇرغۇن شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلدۇق. بىزنىڭ ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈكى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز قانچىلىغان شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈكى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى
ئەنەس ئالىم: بىز نۇرغۇن يۇرت ئاھالىلىرىنى ھالاك قىلدۇق. شىددەتلىك ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىدە يېتىۋاتقان چاغلىرىدا ياكى چۈشتە ئارام ئېلىۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى.
7 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا كَانَ دَعْوَاهُمْ إِذْ جَاءَهُمْ بَأْسُنَا إِلَّا أَنْ قَالُوا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ چەككەن پەريادى: «بىز ھەقىقەتەن زالىم ئىدۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ چەككەن پەريادى: «بىز ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىپتۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە شىددەتلىك ئازابىمىز كەلگەن چاغدىكى پەريادى: «بىز ھەقىقەتەن زالىملار ئىدۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى.
7 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَٰئِكَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ بِمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى ئەمەللىرى يېنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى ئەمەللىرى يېنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: مىزاندا ياخشىلىقلىرى يېنىك كەلگەنلەر ئايەتلىرىمىزگە زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە زىيان سالغان كىشىلەردۇر.
7 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِآيَاتِهِ ۚ أُولَٰئِكَ يَنَالُهُمْ نَصِيبُهُمْ مِنَ الْكِتَابِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءَتْهُمْ رُسُلُنَا يَتَوَفَّوْنَهُمْ قَالُوا أَيْنَ مَا كُنْتُمْ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ قَالُوا ضَلُّوا عَنَّا وَشَهِدُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ أَنَّهُمْ كَانُوا كَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئۇلار لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان (رىزىقتىن ۋە ئەجەلدىن) ئۆز نېسىۋىسىنى كۆرىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندىمۇ، ئۇلارغا: ‹‹ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟›› دەيدۇ، ئۇلار: ‹‹ئۇلار بىزدىن غايىب بولۇپ كەتتى›› دەيدۇ. ئۇلار كاپىر بولغانلىقلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى كاپىر بولغانلىقلىرىغا ئىقرار قىلىدۇ)[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ قەبىھ كىشى بارمۇ؟ ئۇلار ئۆزىنىڭ لەۋھۇلمەھفۇزدا يېزىلغان نېسىۋىلىرىگە ئېرىشىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندىمۇ، ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيدۇ، ئۇلار: «ئۇلار بىزدىن غايىب بولۇپ كەتتى» دەيدۇ. ئۇلار كافىر بولغانلىقىغا (ئىقرار قىلىپ)، ئۆزىنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كىتابتىكى نېسىۋىسى يېتىدۇ9. ئاخىرى ئەلچىلىرىمىز ئۇلارنى ۋاپات قىلدۇرغىلى كەلگەندە: «سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان نەرسىلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيدۇ. ئۇلار: «بىزنى تاشلىۋەتتى» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كافىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
7 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتْ أُولَاهُمْ لِأُخْرَاهُمْ فَمَا كَانَ لَكُمْ عَلَيْنَا مِنْ فَضْلٍ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلگىرىكىلەر كېيىنكىلەرگە: ‹‹سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق (يەنى گۇمراھلىقتا ۋە ئازابقا تېگىشلىك بولۇشتا بىر بىرىمىزگە ئوخشاشمىز)، قىلمىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار›› دەيدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلگىرىكىلەر كېيىنكىلەرگە: «سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرمۇ قىلمىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئىلگىرى كىرگەنلىرى كېيىن كىرگەنلىرىگە: «سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق. ئۇنداقتا سىلەرمۇ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ.
7 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا تَأْوِيلَهُ ۚ يَوْمَ يَأْتِي تَأْوِيلُهُ يَقُولُ الَّذِينَ نَسُوهُ مِنْ قَبْلُ قَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ فَهَلْ لَنَا مِنْ شُفَعَاءَ فَيَشْفَعُوا لَنَا أَوْ نُرَدُّ فَنَعْمَلَ غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ قَدْ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى كۇففارلار) پەقەت (ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ) نەتىجىسىنىلا كۈتىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگەن كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)، ئىلگىرى كىتابقا ئەمەل قىلمىغانلار: ‹‹پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىلىرى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى (بىز ئۇلارغا ئىمان ئېيتماپتۇق، بۈگۈن) بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئىپتىرا قىلغان مەبۇدلىرى ئۇلارنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار (يەنى كافىرلار) پەقەت ئۇنىڭدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ نەتىجىسىنىلا كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگەن كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)، ئىلگىرى بۇ كىتابقا ئەمەل قىلمىغانلار: «پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىلىرى (بىزگە) ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى بىزنىڭ گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋالغان نەرسىلەر ئۇلارنىڭ يېنىدىن غايىب بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ كىتابنىڭ تەئۋىيلىگىلا11 ساقلاۋاتىدۇ! ئۇنىڭ تەئۋىيلى كەلگەن كۈنى12، بۇرۇن ئۇنى ئۇنتۇغانلار مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئەمدى بىز ئۈچۈن شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ بولسا بىزگە شاپائەت قىلغان بولسىچۇ! ياكى دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟ بولسا قىلغىنىمىزدىن باشقا ئەمەل قىلار ئىدۇق!». ئۇلار ھەقىقەتەن ئۆزلىرىگە زىيان سالدى ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.
7 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَأَنْجَيْنَاهُ وَالَّذِينَ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ وَأَغْرَقْنَا الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا عَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلدى، نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ھەقنى كۆرۈشتىن دىللىرى) كور قەۋم ئىدى[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار نۇھنى يالغانچى، دېدى. بىز نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (دىللىرى) كور قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نۇھنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرنى غەرق قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار كور قەۋم ئىدى.
7 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا قاتتىق ئازاب يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى دەرھال ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.
7 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ مَطَرًا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىر تۈرلۈك يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق، گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىر تۈرلۈك يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق. گۇناھلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر تۈرلۈك يامغۇر ياغدۇردۇق. قارىغىنا، ئۇ گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
7 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا قاتتىق يەر تەۋرەشكە ئۇچراپ، ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى دەرھال ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.
7 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَأَمِنَ أَهْلُ الْقُرَىٰ أَنْ يَأْتِيَهُمْ بَأْسُنَا بَيَاتًا وَهُمْ نَائِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىدىغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى (غەپلەتتە) ئۇخلاۋاتقانلىرىدا كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟[97]
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇ) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى ئۇخلاۋاتقاندا بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېلىپ قېلىشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى شىددەتلىك ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كېلىشىدىن ئەنسىرىمىدىمۇ؟
7 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَأَمِنَ أَهْلُ الْقُرَىٰ أَنْ يَأْتِيَهُمْ بَأْسُنَا ضُحًى وَهُمْ يَلْعَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەھەرلەر ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ چۈش ۋاقتىدا ـ ئۇلار ئويناپ تۇرغانلىرىدا كېلىشىدىن قورقمامدۇ[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇ) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ چاشگاھ ۋاقتىدا ـ ئۇلار ئويناپ تۇرغاندا كېلىپ قېلىشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى شىددەتلىك ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە چاشگاھ ۋاقتىدا ئويناۋاتقان چاغلىرىدا كېلىشىدىن ئەنسىرىمىدىمۇ؟
7 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
فَغُلِبُوا هُنَالِكَ وَانْقَلَبُوا صَاغِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ يەردە ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمى) مەغلۇپ بولدى، خار بولغان ھالدا (شەھەرگە قايتتى)[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ يەردە پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمى مەغلۇپ بولۇپ، خار بولغان ھالدا قايتتى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن ۋە ئادەملىرى شۇ يەردە مەغلۇپ بولدى ۋە كىچىكلىگەن ھالدا قايتتى21.
7 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ الطُّوفَانَ وَالْجَرَادَ وَالْقُمَّلَ وَالضَّفَادِعَ وَالدَّمَ آيَاتٍ مُفَصَّلَاتٍ فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا سۇ ئاپىتىنى، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان (بالالىرىنى) روشەن مۆجىزىلەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا) ئۇلارنىڭ گەدەنكەشلىكى يول قويمىدى، ئۇلار گۇناھكار قەۋم بولدى[133].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىز كەلكۈن، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان ئاپەتلىرىنى روشەن مۆجىزە قىلىپ ئەۋەتتۇق، (شۇنداقتىمۇ) ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، گۇناھكار قەۋمگە ئايلاندى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا سۇ تاشقىنىنى، چېكەتكىلەرنى، پىتلارنى، پاقىلارنى ۋە قاننى، ھەر بىرىنى ئايرىم مۆجىزە قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇلار يەنىلا چوڭچىلىق قىلدى ۋە گۇناھكار قەۋم بولدى.
7 : 147 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَلِقَاءِ الْآخِرَةِ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ ۚ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى (ئىمانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن) بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارغا پەقەت قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ[147].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئالدىغا بېرىشنى يالغانغا چىقارغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارغا پەقەت قىلغان يامان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتكە مۇلاقات بولۇشنى يالغان دېگەنلەرنىڭ ئەمەللىرى چوقۇم بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلارغا پەقەت ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ».
7 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ اتَّخَذُوا الْعِجْلَ سَيَنَالُهُمْ غَضَبٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَذِلَّةٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُفْتَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، (ئاللاھقا) بوھتان قىلغۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز[152].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، يالغاننى توقۇپ چىققۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، موزايغا چوقۇنغانلارغا يېقىندا رەببىدىن غەزەپ ۋە دۇنيا ھاياتىدا خارلىق يېتىدۇ. بىز بوھتان چاپلىغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.
7 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَدَّلَ الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ قَوْلًا غَيْرَ الَّذِي قِيلَ لَهُمْ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِجْزًا مِنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۇلارغا ئېيتىلغان سۆز (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق[162].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۆزىگە ئېيتىلغان سۆزلەرنى باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى، مۇشۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئىچىدىن زۇلۇم قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىگە دېيىلگەن سۆزنى باشقا سۆز بىلەن ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا ئاسماندىن پاسكىنىلىق چۈشۈردۇق، چۈنكى ئۇلار زۇلۇم قىلغان ئىدى.
7 : 165 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا نَسُوا مَا ذُكِّرُوا بِهِ أَنْجَيْنَا الَّذِينَ يَنْهَوْنَ عَنِ السُّوءِ وَأَخَذْنَا الَّذِينَ ظَلَمُوا بِعَذَابٍ بَئِيسٍ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان چاغدا، يامان ئىشتىن مەنئى قىلغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق. ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، زالىملارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلدۇق[165].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزىگە قىلىنغان ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان چاغدا، يامان ئىشتىن توسقۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق، ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن زالىملارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن ئىلىمنى ئۇنتۇغان چاغدا، بىز يامانلىقتىن توسىدىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزدۇق، زالىملىق قىلغان كىشىلەرنى شىددەتلىك ئازاب بىلەن جازالىدۇق. چۈنكى ئۇلار توغرا يولدىن چىققان ئىدى.
7 : 166 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا عَتَوْا عَنْ مَا نُهُوا عَنْهُ قُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار نەھيى قىلىنغان نەرسىنى تەرك ئېتىشتىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق[166].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چەكلەنگەن ئىشنى تاشلاشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرى چەكلەنگەن ئىشنى تەرك ئېتىشتىن باش تارتقان چاغدا، ئۇلارغا: «خار مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!» دېدۇق.
7 : 167 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكَ لَيَبْعَثَنَّ عَلَيْهِمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَنْ يَسُومُهُمْ سُوءَ الْعَذَابِ ۗ إِنَّ رَبَّكَ لَسَرِيعُ الْعِقَابِ ۖ وَإِنَّهُ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا (يەنى يەھۇدىيلارغا) قىيامەتكىچە چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[167].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) غا قىيامەتكىچە ئۇلارنى چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۇلارغا يامان ئازابنى تېتىتىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ تېز جازالىغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
7 : 170 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يُمَسِّكُونَ بِالْكِتَابِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجْرَ الْمُصْلِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كىتابنى مەھكەم تۇتىدىغانلار، ناماز ئوقۇيدىغانلار (ساۋابقا ئېرىشىدۇ)، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەقىقەتەن زايا قىلىۋەتمەيمىز[170].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتابقا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغانلار، نامازنى تولۇق ئوقۇيدىغانلارغا كەلسەك، بىز بۇنداق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەقىقەتەن بىكار قىلىۋەتمەيمىز
ئەنەس ئالىم: كىتابنى چىڭ تۇتىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇ ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيمىز.
7 : 182 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا سَنَسْتَدْرِجُهُمْ مِنْ حَيْثُ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرىمىز[182].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، بىز ئۇلارنى ئازابقا ئۇلار بىلمەيدىغان يەردىن ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇرىمىز.
ئەنفال سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ هُمُ الْمُؤْمِنُونَ حَقًّا ۚ لَهُمْ دَرَجَاتٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَمَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتنىڭ تۈگىمەس نېمەتلىرىگە) ئېرىشىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۇئمىنلاردۇر. ئۇلار ئۈچۈن رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا دەرىجىلەر، مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.
8 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ شَاقُّوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ وَمَنْ يُشَاقِقِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَإِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلدى. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلدى. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلىدى. كىمكى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى چىقتى. كىم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى چىقىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر.
8 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكُمْ فَذُوقُوهُ وَأَنَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى كاپىرلار جامائەسى! بۇ دۇنيادا) مۇشۇنداق جازانى تېتىڭلار. كاپىرلار (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى كافىرلار جامائەسى! بۇ دۇنيادا) سىلەر مۇشۇنداق جازانى تېتىڭلار. كافىرلار (ئاخىرەتتە) چوقۇم دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى كافىرلار! ئەنە شۇ سىلەرنىڭ جازايىڭلاردۇر. ھازىرچە ئۇنى تېتىڭلار. كافىرلارغا دوزاخ ئوتىنىڭ ئازابىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار.
8 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُوَلِّهِمْ يَوْمَئِذٍ دُبُرَهُ إِلَّا مُتَحَرِّفًا لِقِتَالٍ أَوْ مُتَحَيِّزًا إِلَىٰ فِئَةٍ فَقَدْ بَاءَ بِغَضَبٍ مِنَ اللَّهِ وَمَأْوَاهُ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى قايتا ئۇرۇشۇش ياكى (ياردەم تىلەش) ئۈچۈن مۇسۇلمانلار جامائەسىگە قوشۇلۇش مەقسىتىدە بىر تەرەپكە يۆتكىلىش قىلماستىن، بەلكى دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىدىكەن (يەنى قاچىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي![16]
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئۇ كۈندە قايتا ئۇرۇشۇش ياكى مۇسۇلمانلار جامائەسىگە قوشۇلۇشنى مەقسەت قىلماي، دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: كىم ئۇ كۈندە ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلسا - ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ئاساسەن يەر ئالماشتۇرغۇچى ياكى باشقا بىر قىسىمغا قوشۇلغۇچى بۇنىڭدىن مۇستەسنا -، ئۇ ئەلۋەتتە ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپكە ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئورنى جەھەننەمدۇر. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
تەۋبە سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
قَاتِلُوهُمْ يُعَذِّبْهُمُ اللَّهُ بِأَيْدِيكُمْ وَيُخْزِهِمْ وَيَنْصُرْكُمْ عَلَيْهِمْ وَيَشْفِ صُدُورَ قَوْمٍ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلار بىلەن جازالايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى خار قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنى ئۇلار ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ. (ئىسلام دىنىنى ئۈستۈن قىلىپ، كاپىرلارنى جازالاپ) مۆمىن قەۋمنىڭ كۆڭلىگە شىپالىق (يەنى تەسەللى) بېرىدۇ[14]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلار بىلەن جازالايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى رەسۋا قىلىدۇ، سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ. (شۇنىڭ بىلەن) مۆمىن قەۋمنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قولۇڭلار بىلەن ئۇلارغا ئازاب قىلىدۇ، ئۇلارنى رەسۋا قىلىدۇ، ئۇلارغا قارشى سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ، مۇئمىن قەۋمنىڭ كۆڭۆللىرىگە تەسەللىي بېرىدۇ
9 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
يُبَشِّرُهُمْ رَبُّهُمْ بِرَحْمَةٍ مِنْهُ وَرِضْوَانٍ وَجَنَّاتٍ لَهُمْ فِيهَا نَعِيمٌ مُقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نېمەتكە ئېرىشىدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نېمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببى ئۇلارغا ئۆز رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئۇلارغا ئۇ جەننەتلەردە مۇقىم نېمەتلەر بار.
9 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ إِنَّ اللَّهَ عِنْدَهُ أَجْرٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (ئۇلارغا) كاتتا ساۋاب بار[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، (ئۇلارغا) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا كاتتا ئەجىر بار.
9 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا تَنْفِرُوا يُعَذِّبْكُمْ عَذَابًا أَلِيمًا وَيَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ وَلَا تَضُرُّوهُ شَيْئًا ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر جىھادقا چىقمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا سىلەردىن باشقا قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، سىلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر جىھادقا چىقمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا سىلەردىن باشقا قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. سىلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. چۈنكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇرۇشقا چىقمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ ۋە سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا قەۋم كەلتۈرىدۇ، سىلەر ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
9 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّهُ مَنْ يُحَادِدِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَأَنَّ لَهُ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدًا فِيهَا ۚ ذَٰلِكَ الْخِزْيُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ مۇناپىقلار) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كىمكى قارشىلىق كۆرسىتىدىكەن، ئۇنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەنە شۇ چوڭ رەسۋالىقتۇر[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ مۇناپىقلار ئاللاھقا ۋە ئۇنى پەيغەمبىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەنە شۇ چوڭ رەسۋالىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىلمەمدۇكى، كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا چوقۇم جەھەننەم ئوتى بار. ئۇ، ئوتنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇ چوڭ رەسۋاچىلىقتۇر10.
9 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَدَ اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَمَسَاكِنَ طَيِّبَةً فِي جَنَّاتِ عَدْنٍ ۚ وَرِضْوَانٌ مِنَ اللَّهِ أَكْبَرُ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەردە گۈزەل جايلارنى ۋەدە قىلدى. (ئۇلار ئېرىشىدىغان) ئاللاھنىڭ رازىلىقى (جەننەت نېمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىن) كاتتىدۇر، بۇ چوڭ بەختتۇر[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەردە گۈزەل جايلارنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار ئېرىشىدىغان ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئەڭ كاتتىدۇر، بۇ چوڭ بەختتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇئمىن ئەرلەرگە ۋە مۇئمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئەدن جەننەتلىرىدىكى ئېسىل سارايلارنىمۇ ۋەدە قىلدى. ئاللاھنىڭ رازىلىقى ھەممىدىن بۈيۈكتۇر. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
9 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَعْقَبَهُمْ نِفَاقًا فِي قُلُوبِهِمْ إِلَىٰ يَوْمِ يَلْقَوْنَهُ بِمَا أَخْلَفُوا اللَّهَ مَا وَعَدُوهُ وَبِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (سەدىقە قىلىمىز، ياخشىلاردىن بولىمىز دەپ) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى، (ئىمانىنى، ئېھسانىنى دەۋا قىلىشتىكى) يالغانچىلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) گە قەدەر مۇناپىقلىقنىڭ دىللىرىدا (يىلتىز تارتىپ) تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئىشىنىڭ) ئاقىۋىتى قىلدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى، يالغانچىلىقلىرى تۈپەيلى، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان قىيامەت كۈنىگە قەدەر مۇناپىقلىقنىڭ دىللىرىدا يىلتىز تارتىپ تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ ئاقىۋىتى قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە، ئۇلار ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان كۈنگە قەدەر داۋاملىشىدىغان مۇنافىقلىقنى يەرلەشتۈردى. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلدى ۋە يالغانچىلىق قىلدى.
9 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
فَلْيَضْحَكُوا قَلِيلًا وَلْيَبْكُوا كَثِيرًا جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىلمىش (گۇناھ) لىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن، ئاز كۈلسۇن، كۆپ يىغلىسۇن[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن، ئاز كۈلسۇن، كۆپ يىغلىسۇن[
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن بۇندىن ئېتىبارەن ئاز كۈلسۇن، كۆپ يىغلىسۇن.
9 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر تەييارلىدى، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
9 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ لَكُمْ إِذَا انْقَلَبْتُمْ إِلَيْهِمْ لِتُعْرِضُوا عَنْهُمْ ۖ فَأَعْرِضُوا عَنْهُمْ ۖ إِنَّهُمْ رِجْسٌ ۖ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (يالغان ئۆزرىلەر بايان قىلىپ)، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار ، ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىستۇر، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا، سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئەمدى ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار، ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىستۇر، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇرۇشتىن قايتىپ يېنىغا كەلگەن چېغىڭلاردا، ئەيىبلەشتىن يۈز ئۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئۇلارنى ئەيىبلەشتىن يۈز ئۆرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار نىجىستۇر. قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر21.
9 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ لِأَهْلِ الْمَدِينَةِ وَمَنْ حَوْلَهُمْ مِنَ الْأَعْرَابِ أَنْ يَتَخَلَّفُوا عَنْ رَسُولِ اللَّهِ وَلَا يَرْغَبُوا بِأَنْفُسِهِمْ عَنْ نَفْسِهِ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ لَا يُصِيبُهُمْ ظَمَأٌ وَلَا نَصَبٌ وَلَا مَخْمَصَةٌ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا يَطَئُونَ مَوْطِئًا يَغِيظُ الْكُفَّارَ وَلَا يَنَالُونَ مِنْ عَدُوٍّ نَيْلًا إِلَّا كُتِبَ لَهُمْ بِهِ عَمَلٌ صَالِحٌ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەئرابىيلارنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن جىھادقا بىللە چىقماي قېلىپ قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئارامى بىلەنلا بولۇپ، جاپادا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. بۇ (يەنى ئۇلارنى جىھادقا چىقماي قېلىپ قېلىشتىن مەنئى قىلىش) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇچرىغان ئۇسسۇزلۇق، تارتقان جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئاچلىق، ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى خاپىلىققا سالىدىغان ھەر بىر قەدىمى، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن ئېرىشكەن (ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىش، مەغلۇپ قىلىش قاتارلىق) ھەر بىر نەرسىسى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ئۇلارغا ياخشىلىق (يەنى ساۋاب) يېزىلىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەئرابىلارنىڭ، رەسۇلۇللاھ بىلەن جىھادقا بىللە چىقماي قېلىپ قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئارامى بىلەنلا بولۇپ، جاپادا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇچرىغان ئۇسسۇزلۇق، تارتقان جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئاچلىق، ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى خاپىلىققا سالىدىغان ھەر بىر قەدىمى، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن ئېرىشكەن ھەر بىر نەرسىسى ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشىلىق يېزىلىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: مەدىنە ئەھلىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ، رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلىپ قېلىشى ۋە ئۇنىڭ جېنىدىن بۇرۇن ئۆز جانلىرىنىڭ قايغۇسىغا چۈشۈشى ئۇلارغا ياراشمايدۇ. شۇنداق، چۈنكى ئۇلارغا ئاللاھ يولىدا يەتكەن ھەر ئۇسسۇزلۇق، ھەر ھارغىنلىق ۋە ھەر ئاچلىق ئۈچۈن، كافىرلارنى غەزەپلەندۈرگەن ھەر قەدىمى ۋە دۈشمەنگە قارشى قازانغان ھەر مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن چوقۇم بىر ياخشى ئەمەل يېزىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ.
9 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يُنْفِقُونَ نَفَقَةً صَغِيرَةً وَلَا كَبِيرَةً وَلَا يَقْطَعُونَ وَادِيًا إِلَّا كُتِبَ لَهُمْ لِيَجْزِيَهُمُ اللَّهُ أَحْسَنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ يولىدا) مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، سەرپ قىلغان نەرسىسى ۋە جىھاد ئۈچۈن باسقان ھەر بىر مۇساپىسى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا يېزىلىدۇ[121].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ يولىدا مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن سەرپ قىلغانلىرى ۋە جىھاد ئۈچۈن باسقان ھەر بىر مۇساپىسى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىشى يۈزىسىدىن ئۇلارغا يېزىلىدۇ[
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، ئۇلار كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن قانداق چىقىمنى چىقىم قىلسا ۋە ئاللاھ يولىدا قانداق ۋادىدىن ئۆتسە ئۇلارنىڭ پايدىسىغا يېزىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىشى ئۈچۈندۇر.
يۇنۇس سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَيْهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا ۖ وَعْدَ اللَّهِ حَقًّا ۚ إِنَّهُ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ لِيَجْزِيَ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ بِالْقِسْطِ ۚ وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ شَرَابٌ مِنْ حَمِيمٍ وَعَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (قىيامەت كۈنى) ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. شۈبھىسىزكى، مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ئاللاھ ياراتقان، (ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، قىيامەت كۈنى) ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ. كاپىرلارنىڭ بولسا، ئۆزلىرىنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن، (دوزاختىكى) ئىچىملىكى قاتتىق قاينىغان سۇ بولىدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، شۈبھىسىزكى، مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ئاللاھ ياراتقان، ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ، كاپىرلارنىڭ بولسا، ئۆزلىرىنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن، ئىچىملىكى قاتتىق قاينىغان سۇ بولىدۇ ھەمدە ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى، بۇ ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دەسلەپتە يوقتىن يارىتىدۇ، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئادىللىق بىلەن مۇكاپات بېرىش ئۈچۈندۇر. كافىر بولغانلارغا كۇفرى تۈپەيلىدىن قىزىق ئىچىملىك ۋە ئەلەملىك ئازاب بار.
10 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَهْلَكْنَا الْقُرُونَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَمَّا ظَلَمُوا ۙ وَجَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ وَمَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْقَوْمَ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر زۇلۇم قىلغاندا (يەنى كاپىر بولغاندا، گۇمراھلىقتا ھەددىدىن ئاشقاندا)، ھەقىقەتەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرگە) ئىمان كەلتۈرمىدى. گۇناھكار قەۋمنى شۇنىڭغا ئوخشاش جازالايمىز[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر زۇلۇم قىلغاندا ھەقىقەتەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرگە ئىمان كەلتۈرمىدى. گۇناھكار قەۋمنى شۇنىڭغا ئوخشاش جازالايمىز
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلسە زۇلۇم قىلغان ۋە ئىمان كەلتۈرمىگەن. بىز گۇناھكار قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.
10 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا الْحُسْنَىٰ وَزِيَادَةٌ ۖ وَلَا يَرْهَقُ وُجُوهَهُمْ قَتَرٌ وَلَا ذِلَّةٌ ۚ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ (يەنى ئۇلارغا غەم ـ قايغۇ ۋە پەرىشانلىق يۈزلەنمەيدۇ). ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەت بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەت بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ياخشى ئىش قىلغانلارغا ئەڭ ياخشىسى ۋە زىيادىسى بار. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ. ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
10 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَسَبُوا السَّيِّئَاتِ جَزَاءُ سَيِّئَةٍ بِمِثْلِهَا وَتَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۖ مَا لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۖ كَأَنَّمَا أُغْشِيَتْ وُجُوهُهُمْ قِطَعًا مِنَ اللَّيْلِ مُظْلِمًا ۚ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار (بىر يامانلىقنى قىلسا، قىلغان يامانلىقىغا) ئوخشاش (يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: يامان ئىشلارنى قىلغانلار بولسا، پەقەت قىلغان يامانلىقىنىڭلا جازاسىنى تارتىدۇ. ئۇلارنى خارلىق قاپلايدۇ. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىلىرى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
10 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَتَاكُمْ عَذَابُهُ بَيَاتًا أَوْ نَهَارًا مَاذَا يَسْتَعْجِلُ مِنْهُ الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى: «ئېيتىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەرگە كېچىسى ياكى كۈندۈزى كەلسە (بۇنىڭدىن سىلەرگە نېمە پايدا؟) گۇناھكارلار (يەنى مۇشرىكلار) ئازابتىن قايسى نەرسىگە ئالدىرايدۇ؟[50]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئېيتىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەرگە كېچىسى ياكى كۈندۈزى كەلسە -بۇنىڭدىن سىلەرگە نېمە پايدا؟- گۇناھكارلار ئازابتىن قايسى نەرسىگە ئالدىرايدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەرگە كېچىسى يېتىۋاتقان چېغىڭلاردا ياكى كۈندۈزدە كەلسە، گۇناھكارلار ئۇ ئازابتىن نېمىنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ؟
10 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ قِيلَ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا ذُوقُوا عَذَابَ الْخُلْدِ هَلْ تُجْزَوْنَ إِلَّا بِمَا كُنْتُمْ تَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن كېيىن (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا: «مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ» دېيىلىدۇ[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن كېيىن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا: «مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاندىن زالىملارغا: «ئەبەدىي ئازابنى تېتىڭلار! پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلار بىلەنلا جازالاندۇرۇلىسىلەر ئەمەسمۇ!» دېيىلىدۇ.
10 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّ لِكُلِّ نَفْسٍ ظَلَمَتْ مَا فِي الْأَرْضِ لَافْتَدَتْ بِهِ ۗ وَأَسَرُّوا النَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ ۖ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْقِسْطِ ۚ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ھەر بىر زۇلۇم قىلغان ئادەم زېمىندىكى ھەممە نەرسىگە ئىگە بولىدىغان بولسا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە (ئۇنىڭ ھەممىسىنى) فىدىيە قىلىپ بىرىۋېتەتتى، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا نادامىتىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ (يەنى دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ). ئۇلارنىڭ (يەنى خالايىقنىڭ) ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ھەر بىر زۇلۇم قىلغان ئادەم يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىگە مالىك بولىدىغان بولسا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھەممىسىنى فىدىيە قىلىپ بىرىۋېتەتتى، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا نادامىتىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: زالىملىق قىلغان ھەر كىشى زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولسا ئىدى، ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى فىديە قىلغان بولاتتى. ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە چوقۇم نادامىتىنى يوشۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
10 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا ظَنُّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار قىيامەت كۈنى قانداق ئويلايدۇ؟ (يەنى جازاغا تارتىلمايمىز، دەپ ئويلامدۇ؟) شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا مەرھەمەتلىكتۇر (چۈنكى ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى كېچىكتۈردى)، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار قىيامەت كۈنى ھەققىدە قانداق ئويلايدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يالغاننى چاپلاۋاتقانلار قىيامەت كۈنىنى نېمە چاغلايدۇ؟ ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
10 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
لَهُمُ الْبُشْرَىٰ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ ۚ لَا تَبْدِيلَ لِكَلِمَاتِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇ-نېمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ). ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدە ئەسلا ئۆزگىرىش يوقتۇر، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا دۇنيا ھاياتىدا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بار. ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدە ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
ھۇد سۈرىسى
25 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَخَّرْنَا عَنْهُمُ الْعَذَابَ إِلَىٰ أُمَّةٍ مَعْدُودَةٍ لَيَقُولُنَّ مَا يَحْبِسُهُ ۗ أَلَا يَوْمَ يَأْتِيهِمْ لَيْسَ مَصْرُوفًا عَنْهُمْ وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز ئۇلارغا نازىل بولىدىغان ئازابنى چەكلىك ۋاقىت كېچىكتۈرسەك ، ئۇلار چوقۇم(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئازاب نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟» دەيدۇ. راستتىنلا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەن كۈندە، ئۇلار قاچىدىغان يەر تاپالمايدۇ. ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز ئۇلارغا نازىل بولىدىغان ئازابنى چەكلىك ۋاقىت كېچىكتۈرسەك، ئۇلار چوقۇم: «ئازاب نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟» دەيدۇ، راستتىنلا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەن كۈندە، ئۇلار قاچىدىغان يەر تاپالمايدۇ ۋە ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇلاردىن ئازابنى چەكلىك مۇددەتكىچە كېچىكتۈرسەك، ئۇلار چوقۇم: «ئۇ ئازابنى نېمە توسىدۇ؟» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇ ئازاب ئۇلارغا كەلگەن كۈنى، ئۇلاردىن ھەرگىزمۇ قايتۇرۇلمايدۇ. ئۇلار مەسخىرە قىلغان نەرسە ئۇلارنى چوقۇم قورشىۋالىدۇ.
11 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَٰئِكَ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت (بالاغا ئۇچرىغاندا) سەۋرى قىلغان، (نېمەتكە ئېرىشكەندە) ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر(ياخشىلاردۇر). ئۇلارنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار(ئاخىرەتتە) چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەۋرى قىلغان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر مۇستەسنا. ئۇلارنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەۋر قىلغان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۇنداق ئەمەس. ئەنە شۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر بار.
11 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ كَانَ يُرِيدُ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا وَزِينَتَهَا نُوَفِّ إِلَيْهِمْ أَعْمَالَهُمْ فِيهَا وَهُمْ فِيهَا لَا يُبْخَسُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇ - زىننىتىنى(يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم دۇنيا ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ زىننىتىنى كۆزلىسە، ئۇلارغا دۇنيادا ئەمەللىرىنىڭ ھەققىنى تولۇق بېرىمىز، ئۇلار ئۇ يەردە ھېچبىر زىيانغا ئۇچرىتىلمايدۇ.
11 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَيْسَ لَهُمْ فِي الْآخِرَةِ إِلَّا النَّارُ ۖ وَحَبِطَ مَا صَنَعُوا فِيهَا وَبَاطِلٌ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان(ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان ئەمەللىرى بىكار قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاخىرەتتە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوتتىن باشقا نەرسىلىرى بولمىغان ۋە قىلغان ئىشلىرى ئۇ يەردە بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى باتىلدۇر.
11 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا ۚ أُولَٰئِكَ يُعْرَضُونَ عَلَىٰ رَبِّهِمْ وَيَقُولُ الْأَشْهَادُ هَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ كَذَبُوا عَلَىٰ رَبِّهِمْ ۚ أَلَا لَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئەنە شۇلار(قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىغا توغرىلىنىدۇ. گۇۋاھچىلار: «بۇلار پەرۋەردىگارى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر» دەيدۇ. راستتىنلا ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ (يەنى ئاللاھ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئەنە شۇلار رەببىغا توغرىلىنىدۇ، گۇۋاھچىلار: «بۇلار رەببى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر» دەيدۇ. راستتىنلا ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بۇنداق ئادەملەر رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىدۇ ۋە گۇۋاھچىلار: «بۇلار رەببىگە يالغان چاپلىغان كىشىلەردۇر!» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارنىڭ ئۈستىگە ياغىدۇ.
11 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ لَمْ يَكُونُوا مُعْجِزِينَ فِي الْأَرْضِ وَمَا كَانَ لَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ أَوْلِيَاءَ ۘ يُضَاعَفُ لَهُمُ الْعَذَابُ ۚ مَا كَانُوا يَسْتَطِيعُونَ السَّمْعَ وَمَا كَانُوا يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار زېمىندا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا (ئىگە بولىدىغان) ياردەمچىلەرمۇ بولمايدۇ، ئۇلار قاتمۇ-قات ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار (ھەقنى) ئاڭلاشقا ۋە (ھەقنى) كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار زېمىندا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىلەرمۇ بولمايدۇ، ئۇلار قاتمۇ قات ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار ھەقنى ئاڭلاشقا ۋە ھەقنى كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار زېمىندا قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ۋەلىيلىرىمۇ بولمايدۇ2. ئۇلارنىڭ ئازابى قاتمۇقات بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەقنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالمايتتى ۋە ھەقنى كۆرمەيتتى.
11 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
لَا جَرَمَ أَنَّهُمْ فِي الْآخِرَةِ هُمُ الْأَخْسَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك يوقكى، ئۇلار ئاخىرەتتە ئەڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك يوقكى، ئۇلار ئاخىرەتتە ئەڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: شەك - شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاخىرەتتە ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقۇچى كىشىلەردۇر.
11 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ لَا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ ۖ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار، سىلەرنىڭ قاتتىق كۈننىڭ ئازابىغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېدى[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار، سىلەرنىڭ قاتتىق كۈننىڭ ئازابىغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار، مەن سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا ئەلەملىك كۈننىڭ ئازابى كېلىشتىن قورقىمەن».
11 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا قَوْمِ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مَالًا ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۚ وَمَا أَنَا بِطَارِدِ الَّذِينَ آمَنُوا ۚ إِنَّهُمْ مُلَاقُو رَبِّهِمْ وَلَٰكِنِّي أَرَاكُمْ قَوْمًا تَجْهَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! سىلەرگە (دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل ـ مال تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى (يېنىمدىن) قوغلىۋەتمەيمەن. (چۈنكى) ئۇلار، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدۇ، لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرۈمەن[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! سىلەرگە -دىننى- تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل ـ مال تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى يېنىمدىن قوغلىۋەتمەيمەن، چۈنكى ئۇلار، رەببىگە مۇلاقات بولىدۇ، لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرۈمەن
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! مەن بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن مال - مۈلۈك سورىمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. مەن ئىمان ئېيتقانلارنى يېنىمدىن قوغلىۋېتىدىغان كىشى ئەمەس. چۈنكى ئۇلار رەببىگە مۇلاقات بولىدىغان كىشىلەردۇر. لېكىن سىلەر مېنىڭچە جاھىللىق قىلىۋاتقان قەۋمسىلەر.
11 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ مَنْ يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيْهِ عَذَابٌ مُقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: خار قىلغۇچى ئازاب (يەنى توپان بالاسى بىلەن غەرق بولۇش) نىڭ كىمنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغانلىقىنى، دائىمىي ئازاب(يەنى جەھەننەم ئازابى) نىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى كېلەچەكتە بىلىسىلەر»[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: خار قىلغۇچى ئازابنىڭ كىمنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغانلىقىنى، دائىمىي ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى پات-يېقىندا بىلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: يېقىندا رەسۋا قىلغۇچى ئازاب كېلىدىغان ۋە مۇقىم ئازاب چۈشىدىغان كىشىنى بىلىسىلەر».
11 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
قِيلَ يَا نُوحُ اهْبِطْ بِسَلَامٍ مِنَّا وَبَرَكَاتٍ عَلَيْكَ وَعَلَىٰ أُمَمٍ مِمَّنْ مَعَكَ ۚ وَأُمَمٌ سَنُمَتِّعُهُمْ ثُمَّ يَمَسُّهُمْ مِنَّا عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتىلدى (يەنى ئاللاھ ئېيتتى): «ئى نۇھ! ساڭا، سەن بىلەن (كېمىدە) بىللە بولغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىغا بىز تەرەپتىن نازىل بولغان ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن (كېمىدىن) چۈشكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەۋلادىنى (ھاياتىي دۇنيادىن) بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ»[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: دېيىلدىكى: «ئى نۇھ !ساڭا ۋە سەن بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىغا بىز تەرەپتىن نازىل بولغان ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن كېمىدىن چۈشكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەۋلادىنى -ھاياتىي دۇنيادىن- بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ»
ئەنەس ئالىم: «ئى نۇھ! كېمىدىن چۈشكىن. بىزدىن ساڭا ۋە سەن بىلەن بىللە بولغان ئۇممەتلەرگە سالام ۋە بەرىكەتلەر بولسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق ئۇممەتلەر كېلىدۇكى، بىز ئۇلارنى ئاۋۋال باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشىتىمىز، ئاندىن ئۇلارنى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىمىز» دېيىلدى.
11 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
يَا قَوْمِ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى الَّذِي فَطَرَنِي ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «ئى قەۋمىم! مەن تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر سورىمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟»[51]
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى قەۋمىم!مەن تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر سورىمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر سورىمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ بېرىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
11 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُتْبِعُوا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا لَعْنَةً وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ أَلَا إِنَّ عَادًا كَفَرُوا رَبَّهُمْ ۗ أَلَا بُعْدًا لِعَادٍ قَوْمِ هُودٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى ، ھۇد قەۋمى بولغان ئاد ھالاك بولسۇن[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى ھەقىقەتەن رەببىنى ئىنكار قىلدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ھۇد قەۋمى بولغان ئاد ھالاك بولسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى. ئۇلارغا ئاخىرەتتىمۇ چوقۇم لەنەت قىلىندۇ. بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى رەببىگە كافىر بولدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، يوقالسۇن ھۇدنىڭ قەۋمى ئاد!
11 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَقَرُوهَا فَقَالَ تَمَتَّعُوا فِي دَارِكُمْ ثَلَاثَةَ أَيَّامٍ ۖ ذَٰلِكَ وَعْدٌ غَيْرُ مَكْذُوبٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، سالىھ ئېيتتى: «ئۆيۈڭلاردا(ھاياتلىقتىن) ئۈچ كۈن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار، بۇ ۋەدە يالغان ئەمەس»[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، سالىھ ئېيتتى: «ئۆيۈڭلاردا -ھاياتلىقتىن- ئۈچ كۈن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار. بۇ ۋەدە يالغان ئەمەستۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بۇنىڭغا قارىماي ئۇ چىشى تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى. ئاندىن سالىھ ئۇلارغا: «يۇرتۇڭلاردا ئۈچ كۈن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار6. بۇ يالغان چىقمايدىغان ۋەدىدۇر» دېدى.
11 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَخَذَ الَّذِينَ ظَلَمُوا الصَّيْحَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دِيَارِهِمْ جَاثِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زالىملارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: زالىملارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى
ئەنەس ئالىم: زۇلۇم قىلغانلارنى بولسا، ئۇ دەھشەتلىك ئاۋاز باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.
11 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَ أَمْرُنَا جَعَلْنَا عَالِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهَا حِجَارَةً مِنْ سِجِّيلٍ مَنْضُودٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ (جازالاش) ئەمرىمىز چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (يەنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق)، ئۇ يۇرتلارغا بىز ئۈستى ـ ئۈستىلەپ ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئەمرىمىز چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق، ئۇ يۇرتلارغا بىز ئۈستى ـ ئۈستىلەپ ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئەمرىمىز كەلگەن چاغدا بىز ئۇ يەرنى كۆمتۈرۈپ، ئۈستىگە بۇرۇن تەييارلاپ قويۇلغان ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق.
11 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
مُسَوَّمَةً عِنْدَ رَبِّكَ ۖ وَمَا هِيَ مِنَ الظَّالِمِينَ بِبَعِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ساپال تاشلارغا پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا بەلگە سېلىنغان ئىدى، ئۇ يۇرتلار زالىملار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) دىن يىراق ئەمەس[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ساپال تاشلارغا رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا بەلگە سېلىنغان ئىدى، ئۇ يۇرتلار بۇ زالىملاردىن يىراق ئەمەس
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا بەلگە سېلىنغان تاشلار ئىدى. ئۇلار زالىملاردىن يىراق ئەمەس.
11 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ وَلَا تَنْقُصُوا الْمِكْيَالَ وَالْمِيزَانَ ۚ إِنِّي أَرَاكُمْ بِخَيْرٍ وَإِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ مُحِيطٍ
مۇھەممەد سالىھ: مەديەن (ئەھلى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرمەڭلار، مەن سىلەرنى ھەقىقەتەن باي ھېسابلايمەن، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىنى قورشاپ تۇرغۇچى كۈن(يەنى قىيامەت كۈنى) نىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشۇڭلاردىن قورقىمەن[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەديەنگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى -پەيغەمبەر قىلىپ- ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد - بەرھەق- يوقتۇر، ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرمەڭلار، مەن سىلەرنى ھەقىقەتەن باي ھېسابلايمەن، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىنى قورشاپ تۇرغۇچى قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشۇڭلاردىن قورقىمەن
ئەنەس ئالىم: بىز مەديەن ئاھالىسىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. كەمچەننى ۋە مىزاننى كەم تۇتماڭلار. مەن سىلەرنى مەمۇرچىلىق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمەن. شۈبھىسىزكى، مەن بېشىڭلارغا قورشىغۇچى كۈننىڭ ئازابى كېلىشتىن قورقىمەن.
11 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا قَوْمِ اعْمَلُوا عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنِّي عَامِلٌ ۖ سَوْفَ تَعْلَمُونَ مَنْ يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَمَنْ هُوَ كَاذِبٌ ۖ وَارْتَقِبُوا إِنِّي مَعَكُمْ رَقِيبٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە ئۆز يولۇم بويىچە ھەرىكەت قىلاي! ئۇزاققا قالماي كىمنىڭ رەسۋا قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر، (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار! شۈبھىسىزكى، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتىمەن»[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە ئۆز يولۇم بويىچە ھەرىكەت قىلاي! ئۇزاققا قالماي كىمنىڭ رەسۋا قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى ۋە كىمنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر، كۈتۈڭلار! شۈبھىسىزكى. مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار، مەنمۇ قىلىمەن. كىمنىڭ بېشىغا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر. كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتمەكتىمەن».
11 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَ أَمْرُنَا نَجَّيْنَا شُعَيْبًا وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ بِرَحْمَةٍ مِنَّا وَأَخَذَتِ الَّذِينَ ظَلَمُوا الصَّيْحَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دِيَارِهِمْ جَاثِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش) پەرمانىمىز چۈشكەن چاغدا، شۇئەيبنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى مەرھەمەت قىلىپ قۇتۇلدۇردۇق، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا قاتتىق ئاۋاز (دىن پەيدا بولغان زىلزىلە) يۈزلەندى، ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش پەرمانىمىز چۈشكەن چاغدا، شۇئەيبنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى مەرھەمەت قىلىپ قۇتۇلدۇردۇق، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى، ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى
ئەنەس ئالىم: ئەمرىمىز كەلگەن چاغدا، بىز شۇئەيبنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت بىلەن قۇتقۇزدۇق. زۇلۇم قىلغانلارنى بولسا، ئۇ دەھشەتلىك ئاۋاز باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.
11 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُتْبِعُوا فِي هَٰذِهِ لَعْنَةً وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ بِئْسَ الرِّفْدُ الْمَرْفُودُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بۇ دۇنيادىمۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن (ئىككىلا دۇنيادا لەنەتكە ئۇچراشتىن ئىبارەت) بۇ سوۋغا نېمىدېگەن يامان![99]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بۇ دۇنيادىمۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ سوغا نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت ئەگەشتۈرۈلدى، قىيامەت كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇ12. ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ سوۋغات نېمىدېگەن يامان!
11 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَىٰ وَهِيَ ظَالِمَةٌ ۚ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ زالىم يۇرتلار ئاھالىسىنى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ ئاھالىسى زالىم يۇرتلارنى جازالىغاندا ئەنە شۇنداق جازالايدۇ. ئۇنىڭ جازالىشى بەك ئەلەملىك، بەك قاتتىق بولىدۇ.
11 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِمَنْ خَافَ عَذَابَ الْآخِرَةِ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمٌ مَجْمُوعٌ لَهُ النَّاسُ وَذَٰلِكَ يَوْمٌ مَشْهُودٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغان ئادەم بۇ (قىسسە) دىن، ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ، ئەنە شۇ كۈن پۈتۈن خالايىق(ھېساب بېرىش ئۈچۈن) يىغىلىدىغان كۈندۇر، ئەنە شۇ كۈن ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغان ئادەم بۇ قىسسىدىن، ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ، ئەنە شۇ كۈن پۈتۈن خالايىق يىغىلىدىغان كۈندۇر، ئەنە شۇ كۈن ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدا ئاخىرەت ئازابىدىن قورققان كىشى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەت بار13. ئەنە شۇ ئاخىرەت كۈنى ئىنسانلار بىر يەرگە يىغىلىدىغان كۈندۇر. ئەنە شۇ ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر.
11 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا الَّذِينَ شَقُوا فَفِي النَّارِ لَهُمْ فِيهَا زَفِيرٌ وَشَهِيقٌ
مۇھەممەد سالىھ: بەتبەختلەرگە كەلسەك، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، ئۇلار دوزاختا (ئېشەك ھاڭرىغاندەك) توۋلاپ نالە ـ پەرياد چېكىدۇ[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەتبەختلەرگە كەلسەك، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، ئۇلار دوزاختا -ئېشەك ھاڭرىغاندەك- توۋلاپ نالە ـ پەرياد چېكىدۇ
ئەنەس ئالىم: بەختسىز بولغانلار دوزاختا بولىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر نەپەستە ئىڭرايدۇ ۋە پەرياد قىلىدۇ.
11 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَاصْبِرْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەۋر قىلغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: سەۋر قىلغىن، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ.
يۈسۈف سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُ آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئاشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
12 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي الْأَرْضِ يَتَبَوَّأُ مِنْهَا حَيْثُ يَشَاءُ ۚ نُصِيبُ بِرَحْمَتِنَا مَنْ نَشَاءُ ۖ وَلَا نُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز يۈسۈفنى (مىسىر) زېمىنىدا خالىغان جايدا تۇرىدىغان (مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) قىلىپ يەرلەشتۈردۇق، خالىغان بەندىلىرىمىزنى رەھمىتىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز يۈسۈفنى -مىسىر- زېمىنىدا خالىغان جايدا تۇرىدىغان قىلىپ يەرلەشتۈردۇق، رەھمىتىمىزنى خالىغان بەندىلىرىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، بىز يۇسۇفكە ئۇ مەملىكەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردۇق. ئۇ مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلاتتى7. بىز رەھمىتىمىزنى ئۆزىمىز خالىغان كىشىگە يەتكۈزىمىز ۋە ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز.
12 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَأَجْرُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ لِلَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە، (بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ئارتۇقتۇر[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە ئارتۇقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاخىرەتتىكى ئەجىر، ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر.
12 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا دَخَلُوا عَلَيْهِ قَالُوا يَا أَيُّهَا الْعَزِيزُ مَسَّنَا وَأَهْلَنَا الضُّرُّ وَجِئْنَا بِبِضَاعَةٍ مُزْجَاةٍ فَأَوْفِ لَنَا الْكَيْلَ وَتَصَدَّقْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّ اللَّهَ يَجْزِي الْمُتَصَدِّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، (ئالدىڭغا) ناچار، ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، -ئالدىڭغا- ناچار، ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىرغا قايتىپ بېرىپ يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەن چېغىدا: «ئى ئەزىز! بىز ۋە ئائىلىمىز يەنە قىيىنچىلىقتا قالدۇق. بۇ قېتىم ئەرزىمەس سەرمايە ئېلىپ كەلدۇق. لېكىن سەن بىزگە ئاشلىقنى يەنىلا تولۇق بەرگىن ۋە بىزگە سەدىقە قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ» دېدى.
12 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَإِنَّكَ لَأَنْتَ يُوسُفُ ۖ قَالَ أَنَا يُوسُفُ وَهَٰذَا أَخِي ۖ قَدْ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْنَا ۖ إِنَّهُ مَنْ يَتَّقِ وَيَصْبِرْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «سەن راستتىنلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «مەن يۈسۈف، بۇ مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن (ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سەن راستتىنلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «مەن يۈسۈف، بۇ بولسا مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن - بىلسۈنكى-، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سەن، سەن راستىنلا يۇسۇفمۇ؟» دېدى. يۇسۇف: «ھەئە مەن يۇسۇف، بۇ بولسا قېرىندىشىم. ئاللاھ بىزگە ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلدى. چۈنكى كىم تەقۋادارلىق قىلسا ۋە سەۋر قىلسا، ئاللاھ بۇنداق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى.
12 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَأَمِنُوا أَنْ تَأْتِيَهُمْ غَاشِيَةٌ مِنْ عَذَابِ اللَّهِ أَوْ تَأْتِيَهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن، بىرەر جازانىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈشىدىن ياكى ئۇلار سەزمەستىن قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىشىدىن ئەمىن بولدىمۇ؟[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن، بىرەر جازانىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈشىدىن ياكى ئۇلار سەزمەستىن قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىشىدىن ئەمىن بولدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن زور بالانىڭ ئۆزلىرىگە كېلىشىدىن ياكى تۇيماي قالغان چاغلىرىدا ئۆزلىرىگە قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىزلا كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟
12 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ إِلَّا رِجَالًا نُوحِي إِلَيْهِمْ مِنْ أَهْلِ الْقُرَىٰ ۗ أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۗ وَلَدَارُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ لِلَّذِينَ اتَّقَوْا ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت شەھەر ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھىي قىلدۇق، ئۇلار(يەنى پەيغەمبەرلەرگە چىنپۈتمىگۈچىلەر) يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت شەھەر ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھيى قىلدۇق، ئۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ ئەرلەرنىلا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق، بىز ئۇلارغا ۋەھىي قىلاتتۇق، ئۇلار يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىدىن ئىدى. ئىنكارچىلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئاخىرەت يۇرتى ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
12 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا اسْتَيْأَسَ الرُّسُلُ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ قَدْ كُذِبُوا جَاءَهُمْ نَصْرُنَا فَنُجِّيَ مَنْ نَشَاءُ ۖ وَلَا يُرَدُّ بَأْسُنَا عَنِ الْقَوْمِ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەتتا پەيغەمبەرلەر (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە (قەۋمى تەرىپىدىن) يالغانغا چىقىرىلغانلىقىغا جەزم قىلغان چاغدا، ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەتتا پەيغەمبەرلەر قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە قەۋمى تەرىپىدىن يالغانغا چىقىرىلغانلىقىغا جەزم قىلغان چاغدا، ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاخىرى ئەلچىلىرىمىز نائۈمىد بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ يالغانچىلىققا چىقىرىلغانلىقىنى ئويلاۋاتقان ئەسنادا ئۇلارغا نۇسرىتىمىز كەلدى. بىز خالىغان كىشى قۇتقۇزۇلدى. بىزنىڭ شىددەتلىك ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ.
رەئد سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالسَّيِّئَةِ قَبْلَ الْحَسَنَةِ وَقَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِمُ الْمَثُلَاتُ ۗ وَإِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغْفِرَةٍ لِلنَّاسِ عَلَىٰ ظُلْمِهِمْ ۖ وَإِنَّ رَبَّكَ لَشَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەندىن (ئاللاھنىڭ) ئېھسانىدىن ئىلگىرى ئازابنىڭ چاپسانراق چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ئىنسانلار زۇلۇم قىلسىمۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. پەرۋەردىگارىڭ (گۇناھلارغا چۆمۈپ تەۋبە قىلمىغانلارنى) شەك - شۈبھىسىز قاتتىق جازالايدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن ئاللاھنىڭ ئېھسانىدىن ئىلگىرى ئازابنىڭ چاپسانراق چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ئىنسانلار زۇلۇم قىلسىمۇ، رەببىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. رەببىڭ گۇناھلارغا چۆمۈپ تەۋبە قىلمىغانلارنى شەك شۈبھىسىز قاتتىق جازالايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئەجەبلىنەرلىك يەنە بىر تەرىپى شۇكى، ئۇلار سەندىن ياخشىلىقتىن ئىلگىرى يامانلىقنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئىبرەت ئېلىنىدىغان نۇرغۇن جازالار ئۆتتى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئىنسانلارنى زۇلۇم قىلىشلىرىغا قارىماي مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر4. شۈبھىسزكى، رەببىڭنىڭ جازالىشى قاتتىقتۇر.
13 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
لِلَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِرَبِّهِمُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَالَّذِينَ لَمْ يَسْتَجِيبُوا لَهُ لَوْ أَنَّ لَهُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لَافْتَدَوْا بِهِ ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ سُوءُ الْحِسَابِ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمِهَادُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ (ئىمانغا قىلغان دەۋىتىنى) قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ئوبدان مۇكاپات بېرىلىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا زېمىندىكى پۈتۈن مال ـ مۈلۈك، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان مال ـ مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە، ئۇنى پىدا قىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ، (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان جاي![18]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ -ئىمانغا قىلغان دەۋىتىنى- قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ئوبدان مۇكاپات بېرىلىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن مال ـ مۈلۈك، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان مال ـ مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار، ئەلۋەتتە، ئۇنى پىدا قىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: رەببىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بار. قوبۇل قىلمىغانلارغا كەلسەك، ئەگەر يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ بىر ئوخشىشى ئۇلارنىڭ بولسا ئىدى، ئۇلار ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ بايلىقلىرىنى چوقۇم فىديە قىلىپ بەرگەن بولاتتى. ئەنە شۇلارغا يامان ھېساب بار. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر. ئۇ نېمىدېگەن يامان تۆشەك!
13 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَنْقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ ۙ أُولَٰئِكَ لَهُمُ اللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوءُ الدَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھنىڭ سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە (ئۇلارنىڭ) ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھنىڭ سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزىدىغان، ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمر قىلغان نەرسىنى ئۈزىدىغان ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار لەنەتكە ۋە ئاخرەتتە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ.
13 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّ قُرْآنًا سُيِّرَتْ بِهِ الْجِبَالُ أَوْ قُطِّعَتْ بِهِ الْأَرْضُ أَوْ كُلِّمَ بِهِ الْمَوْتَىٰ ۗ بَلْ لِلَّهِ الْأَمْرُ جَمِيعًا ۗ أَفَلَمْ يَيْأَسِ الَّذِينَ آمَنُوا أَنْ لَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَهَدَى النَّاسَ جَمِيعًا ۗ وَلَا يَزَالُ الَّذِينَ كَفَرُوا تُصِيبُهُمْ بِمَا صَنَعُوا قَارِعَةٌ أَوْ تَحُلُّ قَرِيبًا مِنْ دَارِهِمْ حَتَّىٰ يَأْتِيَ وَعْدُ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُخْلِفُ الْمِيعَادَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇبادا بىر قۇرئان (يەنى كىتاب) بولۇپ، ئۇ (تىلاۋەت قىلىنىش) بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى يەر يېرىلىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلەيدىغان بولغان تەقدىردىمۇ (ئۇلار چوقۇم ئىمان ئېيتمايتتى). ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مۆمىنلەر بىلمىدىمۇ؟ (ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئىبارەت) ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولىدۇ، ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەلۋەتتە خىلاپلىق قىلمايدۇ[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇبادا بىرەر قۇرئان بولۇپ، ئۇنىڭ -تىلاۋەت قىلىنىشى- بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى يەر يېرىلىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلەيدىغان بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار چوقۇم ئىمان ئېيتمايتتى. ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مۇئمىنلار بىلمىدىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولىدۇ، ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەلۋەتتە خىلاپلىق قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىرەر قۇرئان بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى زېمىن پارچىلىنىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر زۇۋانغا كەلتۈرىلىدىغان ئىش بولسا ئىدى، ئۇ يەنە چوقۇم بۇ قۇرئان بولاتتى. لېكىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. مۇئمىنلار ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىد ئۈزمىدىمۇ؟ كافىرلارنىڭ باشلىرىغا ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بالا كېلىپ تۇرىدۇ ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىغا يېقىن جايغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ.
13 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِنْ قَبْلِكَ فَأَمْلَيْتُ لِلَّذِينَ كَفَرُوا ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىندى. كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى بىر مۇددەت كېچىكتۈردۈم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق ئىكەن؟[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىندى. كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى بىر مۇددەت كېچىكتۈردۈم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ مەسخىرە قىلىنغان ئىدى. مەن كافىرلارغا بىر مۇددەت مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم. جازالىشىم قانداق ئىكەن؟11
13 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
لَهُمْ عَذَابٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَشَقُّ ۖ وَمَا لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَاقٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بۇ دۇنيادا ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بۇ دۇنيادا ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇشرىكلارغا دۇنيا ھاياتىدا ئازاب بار. ئاخىرەتنىڭ ئازابى بولسا تېخىمۇ قاتتىقتۇر. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوقتۇر.
ئىبراھىم سۈرىسى
15 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَوَيْلٌ لِلْكَافِرِينَ مِنْ عَذَابٍ شَدِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، قاتتىق ئازابتىن كاپىرلارغا ۋاي![2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، قاتتىق ئازابتىن كاپىرلارغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۇ زات ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھتۇر. قاتتىق ئازاب سەۋەبىدىن كافىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
14 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكُمْ لَئِنْ شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ ۖ وَلَئِنْ كَفَرْتُمْ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: «نېمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر(كۇفرانى نېمەت) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ» دەپ جاكارلىدى[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭلار: «نېمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، ئۇنى تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر كۇفرانى نېمەت قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ» دەپ جاكالىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭلار: ‹ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېرىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئازابىم بەك قاتتىقتۇر!› دەپ جاكارلىغان ئىدى».
14 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِرُسُلِهِمْ لَنُخْرِجَنَّكُمْ مِنْ أَرْضِنَا أَوْ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَا ۖ فَأَوْحَىٰ إِلَيْهِمْ رَبُّهُمْ لَنُهْلِكَنَّ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار پەيغەمبەرلىرىگە: «سىلەرنى زېمىنىمىزدىن چوقۇم ھەيدەپ چىقىرىمىز ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. ئۇلارغا پەرۋەردىگارى (مۇنداق) ۋەھىي قىلدى: «زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار پەيغەمبەرلىرىگە: «سىلەرنى زېمىندىن چوقۇم ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. ئۇلارغا رەببى مۇنداق ۋەھيى قىلدى: «زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: كافىرلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلەرگە: «يا سىلەرنى يۇرتىمىزدىن چىقىرىۋېتىمىز ياكى بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىسىلەر!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەلچىلەرگە رەببى مۇنداق ۋەھىي قىلدى: «بىز زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز،
14 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنُسْكِنَنَّكُمُ الْأَرْضَ مِنْ بَعْدِهِمْ ۚ ذَٰلِكَ لِمَنْ خَافَ مَقَامِي وَخَافَ وَعِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن زېمىندا چوقۇم سىلەرنى تۇرغۇزىمىز، بۇ (يەنى غەلىبە) مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇشتىن (يەنى سوراققا تارتىلىشتىن) ۋە ئازابىمدىن قورققانلار ئۈچۈندۇر»[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن زېمىندا چوقۇم سىلەرنى تۇرغۇزىمىز، بۇ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇشتىن ۋە ئازابىمدىن قورققانلار ئۈچۈندۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن كېيىن ئۇ يۇرتقا چوقۇم سىلەرنى يەرلەشتۈرىمىز. بۇ ياخشىلىق، ھۇزۇرۇمدا تۇرۇپ ھېساب بېرىشتىن ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورققانلار ئۈچۈندۇر».
14 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْتَفْتَحُوا وَخَابَ كُلُّ جَبَّارٍ عَنِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرلەر ئاللاھتىن مەدەت تىلىدى، ھەر بىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز (يەنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا گەدەنكەشلىك قىلىپ ھەقىقەتتىن باش تارتقۇچى) ھالاك بولدى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھتىن مەدەت تىلىدى، ھەر بىر ئۇچىغا چىققان تەرسا بولسا ھالاك بولدى
ئەنەس ئالىم: ئەلچىلەر ئاللاھتىن فەتىھ تىلىدى ۋە ھەر تەرسا مۇستەبىت زىيانغا ئۇچرىدى.
14 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ وَرَائِهِ جَهَنَّمُ وَيُسْقَىٰ مِنْ مَاءٍ صَدِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ ئالدىدا جەھەننەم تۇرىدۇ، جەھەننەمدە ئۇ يىرىڭ ئارىلاش سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ ئارقىسىدا جەھەننەم تۇرىدۇ، جەھەننەمدە ئۇ يىرىڭ ئارىلاش سۇ بىلەن سۇغۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ ئالدىدا جەھەننەم كۈتۈپ تۇرماقتىدۇر. ئۇ زەرداب سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ.
14 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
يَتَجَرَّعُهُ وَلَا يَكَادُ يُسِيغُهُ وَيَأْتِيهِ الْمَوْتُ مِنْ كُلِّ مَكَانٍ وَمَا هُوَ بِمَيِّتٍ ۖ وَمِنْ وَرَائِهِ عَذَابٌ غَلِيظٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنىڭ ئاچچىقلىقىدىن) ئۇنى يۇتۇملاپ ئىچىپ تەسلىكتە يۇتىدۇ، ئۆلۈم ئۇنى قورشىۋالىدۇ. لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى يۇتۇملاپ ئېچىپ تەسلىكتە يۇتىدۇ، ئۆلۈم ئۇنى قورشىۋالىدۇ. لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۇنى يۇتۇشقا تىرىشىدۇ، لېكىن گېلىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ. ئۇنىڭغا ھەر تەرەپتىن ئۆلۈم كېلىدۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆلمەيدۇ. بۇنىڭ ئارقىسىدىن دەھشەتلىك ئازاب بار.
14 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
مَثَلُ الَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ ۖ أَعْمَالُهُمْ كَرَمَادٍ اشْتَدَّتْ بِهِ الرِّيحُ فِي يَوْمٍ عَاصِفٍ ۖ لَا يَقْدِرُونَ مِمَّا كَسَبُوا عَلَىٰ شَيْءٍ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الضَّلَالُ الْبَعِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بورانلىق كۈندە شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن بىر دۆۋە كۈلگە ئوخشايدۇ، كاپىرلار (بۇ دۇنيادا) قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئازراقمۇ ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇ چوڭقۇر ئېزىشتۇر (يەنى چوڭ زىياندۇر)[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بورانلىق كۈندە شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن بىر دۆۋە كۈلگە ئوخشايدۇ، كاپىرلار بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئازراقمۇ ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇ چۇڭقۇر ئېزىشتۇر
ئەنەس ئالىم: رەببىگە كافىر بولغانلارنىڭ ئەھۋالى مۇنداق: ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى بورانلىق كۈندە شامال سورۇۋەتكەن بىر دۆۋە كۈلگە ئوخشايدۇ. ئۇلار ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىنى قوللىرىدا تۇتالمايدۇ. ئەنە شۇ3 چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتۇر.
14 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَرَزُوا لِلَّهِ جَمِيعًا فَقَالَ الضُّعَفَاءُ لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنْتُمْ مُغْنُونَ عَنَّا مِنْ عَذَابِ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۚ قَالُوا لَوْ هَدَانَا اللَّهُ لَهَدَيْنَاكُمْ ۖ سَوَاءٌ عَلَيْنَا أَجَزِعْنَا أَمْ صَبَرْنَا مَا لَنَا مِنْ مَحِيصٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى خالايىقلار) نىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن) چىقىپ، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرى) مۇتەكەببىرلىرىگە (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە ـ پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەرىبىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن چىقىپ، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى مۇتەكەببىر-ئەگەشتۈرگۈچى-لىرىگە: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە ـ پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەرىبىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ. ئاجىزلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلارغا: «ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار ئىدۇق، ھازىر سىلەر بىزدىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن بىرەر نەرسە دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئەگەر ئاللاھ بىزگە توغرا يولنى كۆرسەتسە ئىدى، بىزمۇ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكەن بولاتتۇق. ھازىر نالە - پەرياد قىلساقمۇ، سەۋر قىلساقمۇ ئوخشاش. قاچىدىغان ھېچقانداق يېرىمىز يوق» دەيدۇ.
14 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الشَّيْطَانُ لَمَّا قُضِيَ الْأَمْرُ إِنَّ اللَّهَ وَعَدَكُمْ وَعْدَ الْحَقِّ وَوَعَدْتُكُمْ فَأَخْلَفْتُكُمْ ۖ وَمَا كَانَ لِيَ عَلَيْكُمْ مِنْ سُلْطَانٍ إِلَّا أَنْ دَعَوْتُكُمْ فَاسْتَجَبْتُمْ لِي ۖ فَلَا تَلُومُونِي وَلُومُوا أَنْفُسَكُمْ ۖ مَا أَنَا بِمُصْرِخِكُمْ وَمَا أَنْتُمْ بِمُصْرِخِيَّ ۖ إِنِّي كَفَرْتُ بِمَا أَشْرَكْتُمُونِ مِنْ قَبْلُ ۗ إِنَّ الظَّالِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىش پۈتكەندە (يەنى ھېساب تۈگەپ، جەننەتىلەر بىلەن دوزىخىلار ئايرىلىپ بولغاندا)، شەيتان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشتىن ئىبارەت) راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى، (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى). مەن سىلەرگە (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ساۋاب، جازا دېگەنلەر يوق، دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ (كۇفرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك) ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا (ئىبادەتتە) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىش پۈتكەندە، شەيتان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى. مەن سىلەرگە ۋەدە قىلغان ئىدىم، ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت گۇمراھلىققا دەۋەت قىلدىم، سىلەر دەۋىتىمنى قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىشلار بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغاندا شەيتان ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋەدىنى ۋەدە قىلدى. مەنمۇ سىلەرگە ۋەدە قىلدىم، لېكىن ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلدىم. سىلەرنى زورلغىنىم يوق. مەن سىلەرنى پەقەت چاقىردىم، سىلەر چاقىرىقىمنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار! مەنمۇ سىلەرنىڭ دادىڭلارغا يېتەلمەيمەن، سىلەرمۇ مېنىڭ دادىمغا يېتەلمەيسىلەر! مەن سىلەرنىڭ ئىلگىرى مېنى ئاللاھقا شىرىك قىلىشىڭلارنىمۇ قوبۇل قىلمىغان ئىدىم». شۈبھىسىزكى، زالىملار ئۈچۈن ئەلەملىك ئازاب بار.
14 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَحْسَبَنَّ اللَّهَ غَافِلًا عَمَّا يَعْمَلُ الظَّالِمُونَ ۚ إِنَّمَا يُؤَخِّرُهُمْ لِيَوْمٍ تَشْخَصُ فِيهِ الْأَبْصَارُ
مۇھەممەد سالىھ: زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھنى بىخەۋەر دەپ ئويلىمىغىن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى (شۇ كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن) كۆزلەر چەكچىيىپ قالىدىغان كۈنىگۈچە (يەنى قىيامەت كۈنىگۈچە) كېچىكتۈرىدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھ نى بىخەۋەر دەپ ئويلىمىغىن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى كۆزلەر چەكچىيىپ قالىدىغان قىيامەت كۈنىگىچە كېچىكتۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھەرگىزمۇ ئاللاھنى خەۋەرسىز دەپ ئويلىمىغىن! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى كۆزلەر چەكچىيىپ كېتىدىغان كۈنگە كىچىكتۈرىدۇ.
14 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
مُهْطِعِينَ مُقْنِعِي رُءُوسِهِمْ لَا يَرْتَدُّ إِلَيْهِمْ طَرْفُهُمْ ۖ وَأَفْئِدَتُهُمْ هَوَاءٌ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ كۈندە) ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئالغا قاراپ چاپىدۇ، كۆزلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، (تېڭىرقىغانلىقتىن) دىللىرى (ئەقىل ـ ئىدراكتىن) خالىي بولۇپ قالىدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئالغا قاراپ چاپىدۇ، كۆزلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، تېڭىرقىغانلىقتىن دىللىرى ئەقىل ـ ئىدراكتىن خالىي بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئۇلار باشلىرى تىك، كۆزلىرى ئوچۇق، قەلبلىرى بوش ھالدا يۈگۈرۈشىدۇ.
14 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْذِرِ النَّاسَ يَوْمَ يَأْتِيهِمُ الْعَذَابُ فَيَقُولُ الَّذِينَ ظَلَمُوا رَبَّنَا أَخِّرْنَا إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ نُجِبْ دَعْوَتَكَ وَنَتَّبِعِ الرُّسُلَ ۗ أَوَلَمْ تَكُونُوا أَقْسَمْتُمْ مِنْ قَبْلُ مَا لَكُمْ مِنْ زَوَالٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كىشىلەرنى ئازاب كېلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرغىن، (بۇ كۈندە) زالىملار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە قىسقىغىنا ۋاقىت مۆھلەت بەرگىن (يەنى دۇنياغا قايتۇرغىن)، دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلايلى، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشەيلى» دەيدۇ. (ئۇلارغا) سىلەر ئىلگىرى، بىز ھەرگىز يوقالمايمىز، دەپ قەسەم ئىچمىگەنمىدىڭلار؟ (دېيىلىدۇ)[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- كىشىلەرنى ئازاب كېلىدىغان كۈندىن ئاگاھلاندۇرغىن، بۇ كۈندە زالىملار: «رەببىمىز! بىزگە قىسقىغىنا ۋاقىت مۆھلەت بەرگىن، دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلايلى، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشەيلى» دەيدۇ. - ئۇلارغا- «سىلەر ئىلگىرى، بىز ھەرگىز يوقالمايمىز، دەپ قەسەم ئىچمىگەنمىدىڭلار؟» -دېيىلىدۇ-
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنى ئازاب كېلىدىغان كۈندىن ئاگاھلاندۇرغىن! ئۇ كۈنى زالىملار: «رەببىمىز! بىزگە ئازغىنە مۆھلەت بەرگىن، سېنىڭ دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلىپ، ئەلچىلىرىڭگە ئەگىشەيلى» دەيدۇ. ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەر ئۆز ۋاقتىدا بىز ھېچ زاۋال تاپمايمىز دەپ قەسەم ئىچمىگەنمىدىڭلار؟
14 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا تَحْسَبَنَّ اللَّهَ مُخْلِفَ وَعْدِهِ رُسُلَهُ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ ذُو انْتِقَامٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنى پەيغەمبەرلىرىگە قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (دوستلىرى ئۈچۈن دۈشمەنلىرىدىن) ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نى پەيغەمبەرلىرىگە قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇنداقتا سەن ھەرگىزمۇ ئاللاھنى ئەلچىلىرىگە قىلغان ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ دەپ ئويلىمىغىن! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ئىنتىقام ئىگىسىدۇر.
14 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَى الْمُجْرِمِينَ يَوْمَئِذٍ مُقَرَّنِينَ فِي الْأَصْفَادِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇ كۈندە گۇناھكارلار (يەنى كۇففارلار) نى زەنجىرلەر بىلەن بىر ـ بىرىگە چېتىلىپ باغلانغان ھالدا كۆرۈسەن[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە گۇناھكارلارنى زەنجىرلەر بىلەن بىر ـ بىرىگە چېتىلىپ باغلانغان ھالدا كۆرۈسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈندە گۇناھكارلارنى زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان ھالەتتە كۆرىسەن!
ھىجىر سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
رُبَمَا يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ كَانُوا مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەندە، دۇنيادىكى چېغىمىزدا) مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلار ئارا - سىرە «كاشكى مۇسۇلمان بولساقچۇ!» دەپ ئارزۇ قىلىدۇ.
15 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
ذَرْهُمْ يَأْكُلُوا وَيَتَمَتَّعُوا وَيُلْهِهِمُ الْأَمَلُ ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى (يەنى كۇففارلارنى مەيلىگە) قويۇۋەت، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئۇلارنى مەيلىگە قويۇۋەت، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى مەيلىگە قويۇۋەتكىن، يېسۇن، بەھرىمەن بولسۇن ۋە ئارزۇلارغا بېرىلىپ تۇرسۇن. پات يېقىندا بىلىپ قېلىشىدۇ.
15 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَاخْرُجْ مِنْهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «سەن جەننەتتىن يوقال، ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «سەن بۇ يەردىن يوقال، ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كەت! سەن قوغلاندىڭ!
15 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ عَلَيْكَ اللَّعْنَةَ إِلَىٰ يَوْمِ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا قىيامەت كۈنىگۈچە ھەقىقەتەن لەنەت بولسۇن»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا قىيامەت كۈنىگىچە ھەقىقەتەن لەنەت بولسۇن»
ئەنەس ئالىم: ساڭا جازا ۋە مۇكاپات كۈنىگە قەدەر لەنەت ياغىدۇ».
15 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّ عَذَابِي هُوَ الْعَذَابُ الْأَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ئازابىم قاتتىقتۇر[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە مېنىڭ ئازابىم قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئەلەملىك ئازاب پەقەت مېنىڭ ئازابىمدۇر.
15 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا إِنَّا أُرْسِلْنَا إِلَىٰ قَوْمٍ مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «بىز ھەقىقەتەن گۇناھكار بىر قەۋم (نى جازالاش) ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «بىز ھەقىقەتەن گۇناھكار بىر قەۋمنى جازالاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز گۇناھكار قەۋمگە ئەۋەتىلدۇق.
15 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذَتْهُمُ الصَّيْحَةُ مُشْرِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كۈن چىقار ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق چۇقان يۈزلەندى[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈن چىقار ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق چۇقان يۈزلەندى
ئەنەس ئالىم: كۈن چىقىۋاتقاندا ئۇلارنى دەھشەتلىك ئاۋاز باستى.
15 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
فَجَعَلْنَا عَالِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ حِجَارَةً مِنْ سِجِّيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇ شەھەرنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (يەنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق) ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (يامغۇردەك) ساپال تاش ياغدۇردۇق[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇ شەھەرنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىىگە ساپال تاش ياغدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى كۆمتۈرۈپ، ئۈستىگە ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق.
15 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْتَقَمْنَا مِنْهُمْ وَإِنَّهُمَا لَبِإِمَامٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: (شۇئەيبنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (يەنى بۇ ئىككى شەھەر) نىڭ ھەر ئىككىلىسى، شۈبھىسىزكى، ئاشكارا يول ئۈستىدىدۇر (ئى مەككە ئاھالىسى! ئۇلاردىن ئىبرەت ئالمامسىلەر؟)[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى، شۈبھىسىزكى، ئاشكارا يول ئۈستىدىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىنمۇ ئىنتىقام ئالدۇق. ھەر ئىككى يۇرتنىڭ خارابىلىكى ئوچۇق يول ئۈستىدىدۇر.
15 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذَتْهُمُ الصَّيْحَةُ مُصْبِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن قاتتىق چۇقان سەھەردىلا ئۇلارنى ھالاك قىلدى[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن قاتتىق چۇقان سەھەردىلا ئۇلارنى ھالاك قىلدى
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلارنى سەھەر ۋاقتىدا دەھشەتلىك ئاۋاز باستى،
15 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى (يەنى ئۇلارنىڭ سالغان بىنالىرى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى)[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئىلكىدىكى نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى6.
نەھىل سۈرىسى
20 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَحْمِلُوا أَوْزَارَهُمْ كَامِلَةً يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۙ وَمِنْ أَوْزَارِ الَّذِينَ يُضِلُّونَهُمْ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۗ أَلَا سَاءَ مَا يَزِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولۇشلىرى ۋە ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغا ئۆزلىرى جاۋابكار بولۇشلىرى ئۈچۈن (يۇقىرىقى بوھتان سۆزلەرنى قىلدى)، ئۇلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغىنى نېمىدېگەن يامان![25]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولۇشلىرى ۋە ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغا ئۆزلىرى جاۋابكار بولۇشلىرى ئۈچۈن -يۇقىرىقى بوھتان سوزلەرنى قىلدى-، ئۇلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغىنى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىيامەت كۈنى ھەم ئۆز گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۈدىدۇ ھەمدە ئۆزلىرى تەرىپىدىن ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن ئازدۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىدىنمۇ يۈدىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ يۈدۈۋالغان يۈكلىرى نېمىدېگەن يامان!
16 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ مَكَرَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَأَتَى اللَّهُ بُنْيَانَهُمْ مِنَ الْقَوَاعِدِ فَخَرَّ عَلَيْهِمُ السَّقْفُ مِنْ فَوْقِهِمْ وَأَتَاهُمُ الْعَذَابُ مِنْ حَيْثُ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن ئىلگىرى ئۆتكەن كاپىرلار (ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە) ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىپ (ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى). ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ھىيلە ـ مىكىر) بىناسىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلدى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (بۇ بىنانىڭ) ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ئۇلارغا ئۆزلىرى ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كەلدى[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كاپىرلار -ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە- ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ -ھىيلە ـ مىكىر- بىناسىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلدى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىنانىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ئۇلارغا ئۆزلىرى ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كەلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ ھىيلە - مىكىر قىلغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىر بىنالىرىنى ئۇللىرىدىن يىقىتىپ تاشلىدى - دە، تورۇسلار ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. بۇ ئازاب ئۇلارغا، ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى.
16 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَصَابَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا عَمِلُوا وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى، ئۇلارغا مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ جازاسى (يەنى قاتتىق ئازابى) چۈشتى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى، ئۇلارغا مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ جازاسى چۈشتى
ئەنەس ئالىم: ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىنىڭ باشلىرىغا بالا بولدى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى.
16 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ هَاجَرُوا فِي اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مَا ظُلِمُوا لَنُبَوِّئَنَّهُمْ فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً ۖ وَلَأَجْرُ الْآخِرَةِ أَكْبَرُ ۚ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارنى دۇنيادا چوقۇم ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇلار بىلىدىغان بولسا، ئۇلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى تېخىمۇ چوڭدۇر[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارنى دۇنيادا چوقۇم ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇلار بىلىدىغان بولسا، ئۇلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى تېخىمۇ چوڭدۇر
ئەنەس ئالىم: زۇلۇم قىلىنغاندىن كېيىن ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارنى دۇنيادا گۈزەل يۇرتلارغا يەرلەشتۈرىمىز. ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە ئالىدىغان مۇكاپاتى تېخىمۇ چوڭدۇر. ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسىچۇ!
16 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَأَمِنَ الَّذِينَ مَكَرُوا السَّيِّئَاتِ أَنْ يَخْسِفَ اللَّهُ بِهِمُ الْأَرْضَ أَوْ يَأْتِيَهُمُ الْعَذَابُ مِنْ حَيْثُ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىپ يامان ئىش قىلغانلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۆزلىرىگە ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟[45]
تەرجىمە ھەيئىتى: ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىپ يامان ئىش قىلغانلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋىېتىشىدىن ياكى ئۆزلىرىگە ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: يامان ئىشلارنى پىلانلىغانلار تۆۋەندىكىلەردىن ئەمىن بولدىمۇ: ئاللاھنىڭ يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۆزلىرىگە ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كېلىشتىن
16 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ يَأْخُذَهُمْ فِي تَقَلُّبِهِمْ فَمَا هُمْ بِمُعْجِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۆزلىرىنى سەپەر ئۇستىدىكى چاغلىرىدا جازاغا يولۇقتۇرۇشىدىن قورقمامدۇ؟ (بۇ چاغدا) ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۆزلىرىنى سەپەر ئۇستىدىكى چاغلىرىدا جازاغا يۇلۇقتۇرۇشىدىن قورقمامدۇ؟ بۇ چاغدا ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى سەپەردىكى چاغلىرىدا ئازابقا يولۇقۇشتىن - ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ -
16 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ يَأْخُذَهُمْ عَلَىٰ تَخَوُّفٍ فَإِنَّ رَبَّكُمْ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى (ئاللاھنىڭ) ئۆزلىرىنى قەدەممۇقەدەم جازالىشىدىن قورقمامدۇ؟ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەلۋەتتە مەرھەمەتلىكتۇر، مېھرىباندۇر (شۇڭا سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىدى)[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى قەدەممۇقەدەم جازالىشىدىن قورقمامدۇ؟ سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەلۋەتتە مەرھەمەتلىكتۇر، مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ئاز - ئازدىن كېمەيتىپ ئاخىرى يىلتىزىنى قۇرۇتۇش جازاسى بېرىشىدىن. لېكىن رەببىڭلار شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
16 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَكْفُرُوا بِمَا آتَيْنَاهُمْ ۚ فَتَمَتَّعُوا ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىگە بەرگەن (بېشىدىكى ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت) نېمىتىمىزگە ناشۈكۈرلۈك قىلىدۇ، (سىلەر ئەجىلىڭلار يەتكۈچە دۇنيادىن) بەھرىمەن بولۇڭلار، (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىگە بەرگەن نېمىتىمىزگە ناشۈكۈرلۈك قىلىدۇ، سىلەر ئەجىلىڭلار يەتكۈچە دۇنيادىن بەھرىمەن بولۇڭلار، ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بەرگەن نېمەتلىرىمىزگە قارشى تۇزكورلۇق قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ھازىرچە بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇڭلار، يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر!
16 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
تَاللَّهِ لَقَدْ أَرْسَلْنَا إِلَىٰ أُمَمٍ مِنْ قَبْلِكَ فَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ فَهُوَ وَلِيُّهُمُ الْيَوْمَ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ نامى بىلەن قەسەمكى، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق، شەيتان ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈممەتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتتى. شەيتان بۈگۈن ئۇلارنىڭ دوستىدۇر. ئۇلار ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئاللاھ نامى بىلەن قەسەمكى، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتتى، شەيتان بۈگۈن ئۇلارنىڭ ياردەمچىسىدۇر. ئۇلار ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز سەندىن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگىمۇ ئەلچى ئەۋەتكەن ئىدۇق. شەيتان ئۇ ئۇممەتلەرگە ئۆز ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتكەن. بۈگۈن ئۇ شەيتان مانا بۇلارنىڭ7 ۋەلىيىسىىدۇر. ئۇلار ئۈچۈن ئەلەملىك ئازاب بار.
16 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا رَأَى الَّذِينَ ظَلَمُوا الْعَذَابَ فَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُمْ وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زالىملار (يەنى مۇشرىكلار) ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلاردىن (ئازاب) يىنىكلىتىلمەيدۇ ۋە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلاردىن - ئازاب- يىنىكلىتىلمەيدۇ ۋە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلاردىن ئازاب يىنىكلىتىلمەيدۇ ۋە ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ.
16 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ زِدْنَاهُمْ عَذَابًا فَوْقَ الْعَذَابِ بِمَا كَانُوا يُفْسِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىر بولغانلارغا ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى دىنىدىن) توسقانلارغا ئۇلارنىڭ قىلغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ئۈچۈن ئازاپ ئۈستىگە ئازاپ قوشىمىز [88].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىر بولغانلارغا ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارغا ئۇلارنىڭ قىلغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ئۈچۈن ئازاب قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز كافىر بولغان ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ ئازابىنى قاتمۇقات ئارتتۇرىمىز. چۈنكى ئۇلار بۇزغۇنچىلىق قىلغان.
16 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
مَا عِنْدَكُمْ يَنْفَدُ ۖ وَمَا عِنْدَ اللَّهِ بَاقٍ ۗ وَلَنَجْزِيَنَّ الَّذِينَ صَبَرُوا أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەۋر قىلغۇچىلارغا، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى ئىنسانلار!- سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەۋر قىلغۇچىلارغا، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەيدۇ. بىز سەۋر قىلغانلارنى ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇكاپاتلايمىز.
16 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً ۖ وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەر ـ ئاياللاردىن كىمكى مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارنى، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراقى بىلەن مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن كىم مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئىش قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارنى ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇكاپاتلايمىز.
16 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ لَا يَهْدِيهِمُ اللَّهُ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە (يەنى قۇرئانغا) ئىشەنمەيدىغانلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
16 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ كَفَرَ بِاللَّهِ مِنْ بَعْدِ إِيمَانِهِ إِلَّا مَنْ أُكْرِهَ وَقَلْبُهُ مُطْمَئِنٌّ بِالْإِيمَانِ وَلَٰكِنْ مَنْ شَرَحَ بِالْكُفْرِ صَدْرًا فَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ مِنَ اللَّهِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، ـ قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا ـ كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارىي يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا)، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، ـ قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا -ئاغزىدىلا- ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا ـ كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھقا كافىر بولۇپ - قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇپ زورلانغانلار مۇستەسنا -، كۆڭلىنى كۇفرىلىققا ئاچقانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپ ياغىدۇ ھەمدە ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
16 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
لَا جَرَمَ أَنَّهُمْ فِي الْآخِرَةِ هُمُ الْخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار راستتىنلا ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار راستتىنلا ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: شەك - شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
16 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
وَضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا قَرْيَةً كَانَتْ آمِنَةً مُطْمَئِنَّةً يَأْتِيهَا رِزْقُهَا رَغَدًا مِنْ كُلِّ مَكَانٍ فَكَفَرَتْ بِأَنْعُمِ اللَّهِ فَأَذَاقَهَا اللَّهُ لِبَاسَ الْجُوعِ وَالْخَوْفِ بِمَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر شەھەر (يەنى مەككە ئاھالىسى) بولۇپ، (ئەسلىدە) تىنچ ـ خاتىرجەم ئىدى. ئۇنىڭ رىزقى تەرەپ ـ تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇراتتى، (ئۇنىڭ ئاھالىسى) ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلدى، ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئاچلىقنىڭ ۋە قورقۇنچنىڭ ئەلىمىنى تېتىتتى[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر شەھەر بولۇپ، ئەسلىدە تىنچ ـ خاتىرجەم ئىدى. ئۇنىڭ رىزقى تەرەپ ـ تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئاھالىسى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلدى، ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئاچلىقنىڭ ۋە قورقۇنچنىڭ ئەلىمىنى تېتىتتى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىر يۇرتنى مىسال قىلدى. ئۇ تىنچ، خاتىرجەم، رىزقى ھەر تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇرىدىغان يۇرت ئىدى. لېكىن ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئاچلىقنى ۋە قورقۇنچنى تېتىتتى. ئاچلىق ۋە قورقۇنچ كىيىم - كېچەكتەك ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئورىۋالدى.
16 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جَاءَهُمْ رَسُولٌ مِنْهُمْ فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمُ الْعَذَابُ وَهُمْ ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى، ئۇنى ئۇلار ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا ئازاب (يەنى قاتتىقچىلىق ۋە ئوقۇبەت) يۈزلەندى، ئۇلار (گۇناھلارغا چۆمگەنلىك تۈپەيلىدىن) زالىم ئىدى[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر كىلىۋىدى، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زالىملىق قىلىۋاتقاندا ئۇلارغا ئازاب يۈزلەندى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئەلچى كەلدى، ئۇلار ئۇ ئەلچىنى يالغانچى دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازابقا يولۇقتى، ئۇلار ئۇ چاغدا زۇلۇم قىلۋاتقان ئىدى.
16 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
مَتَاعٌ قَلِيلٌ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار دۇنيادىن پەقەت) ئازغىنا بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دۇنيادىن پەقەت ئازغىنا بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ ئازغىنە بەھرىمەن بولۇشتۇر. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
16 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتَيْنَاهُ فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً ۖ وَإِنَّهُ فِي الْآخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق. ئۇ ئاخىرەتتىمۇ چوقۇم ياخشىلارنىڭ قاتارىدا بولىدۇ.
ئىسرا سۈرىسى
16 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَضَيْنَا إِلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ فِي الْكِتَابِ لَتُفْسِدُنَّ فِي الْأَرْضِ مَرَّتَيْنِ وَلَتَعْلُنَّ عُلُوًّا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابتا (يەنى تەۋراتتا): «(پەلەستىن) زېمىنىدا چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە زۇلۇم قىلىش بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن تولىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابتا: «پەلەستىن زېمىنىدا چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە زۇلۇم قىلىش بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن تولىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز كىتابتا ئىسرائىل ئەۋلادىغا مۇنۇ ھۆكۈمنى بەلگىلىدۇق: زېمىندا چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە تولىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر.
17 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ أُولَاهُمَا بَعَثْنَا عَلَيْكُمْ عِبَادًا لَنَا أُولِي بَأْسٍ شَدِيدٍ فَجَاسُوا خِلَالَ الدِّيَارِ ۚ وَكَانَ وَعْدًا مَفْعُولًا
مۇھەممەد سالىھ: بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقنىڭ (جازاسى) ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت كەلگەندە، (سىلەرنى جازالاش ئۈچۈن) سىلەرگە كۈچلۈك بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، (ئۇلار سىلەرنى ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭ ـ تالاڭ قىلىش ئۈچۈن) ئۆيلەرنى ئاختۇردى. (سىلەرگە دۈشمەننى مۇسەللەت قىلىش) چوقۇم ئىشقا ئاشىدىغان ۋەدە ئىدى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقنىڭ جازاسى ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت كەلگەندە، سىلەرگە كۈچلۈك بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئۆيلەرنى ئاختۇردى. ئەنە شۇ چوقۇم ئىشقا ئاشىدىغان ۋەدە ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالاشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە، ناھايىتى جەسۇر بەندىلىرىمىزنى ئۈستۈڭلارغا ئەۋەتتۇق. بۇلار قورۇ - جايلىرىڭلارنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىنى ئاختۇرۇپ سىلەرنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشتى. بۇ ئىجرا قىلىنىشقا تېگىشلىك ۋەدە ئىدى.
17 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ أَحْسَنْتُمْ أَحْسَنْتُمْ لِأَنْفُسِكُمْ ۖ وَإِنْ أَسَأْتُمْ فَلَهَا ۚ فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ الْآخِرَةِ لِيَسُوءُوا وُجُوهَكُمْ وَلِيَدْخُلُوا الْمَسْجِدَ كَمَا دَخَلُوهُ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَلِيُتَبِّرُوا مَا عَلَوْا تَتْبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىسرائىل ئەۋلادى!) ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار، ياخشىلىقىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، يامانلىق قىلساڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. ئىككىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىق (جازاسىنىڭ) ۋەدە قىلىنغان ۋاقتى كەلگەندە، (دۈشمەنلەرنىڭ خار قىلىشى بىلەن) يۈزۈڭلاردا قايغۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى ، ئۇلارنىڭ بەيتۇلمۇقەددەسكە دەسلەپكى قېتىمدا كىرگەندەك كىرىشىۋە ئىشغال قىلغانلىكى يەرنى ۋەيران قىلىشى ئۈچۈن (ئۇلارنى بىز ئەۋەتتۇق)[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار، ياخشىلىقىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، يامانلىق قىلساڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئىككىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىق جازاسىنىڭ ۋەدە قىلىنغان ۋاقتى كەلگەندە، يۈزۈڭلاردا قايغۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بەيتۇلمۇقەددەسكە دەسلەپكى قېتىمدا كىرگەندەك كىرىشى ئۈچۈن، ئىشغال قىلغانلىكى يەرنى ۋەيران قىلىشى ئۈچۈن -ئۇلارنى بىز ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغان بولىسىلەر. ئەگەر يامانلىق قىلساڭلار، بۇ مۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. ئىككىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالاشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە بولسا، ئۇلارنى ئۈستۈڭلارغا ئەۋەتتۇق. ئۇلار سىلەرنى قايغۇغا سېلىپ يۈزۈڭلارنى سەتلەشتۈرۈش، مەسچىتكە ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىم كىرگىنىدەك كىرىش ۋە قول ئاستىغا ئالغان نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىش ئۈچۈن كەلدى.
17 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَنْ يَرْحَمَكُمْ ۚ وَإِنْ عُدْتُمْ عُدْنَا ۘ وَجَعَلْنَا جَهَنَّمَ لِلْكَافِرِينَ حَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە رەھىم قىلىشى مۇھەققەق يېقىندۇر، ئەگەر سىلەر قايتساڭلار (يەنى قايتا بۇزغۇنچىلىق قىلساڭلار)، بىزمۇ قايتىمىز (يەنى بىز سىلەرنى قايتا جازالايمىز). بىز جەھەننەمنى كاپىرلار ئۈچۈن زىندان قىلدۇق[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭلارنىڭ سىلەرگە رەھىم قىلىشى مۇھەققەق يېقىندۇر، ئەگەر سىلەر قايتساڭلار، بىزمۇ قايتىمىز. جەھەننەمنى كاپىرلار ئۈچۈن زىندان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭدىن كېيىن رەببىڭلار سىلەرگە رەھىم قىلىشى مۇمكىن. لېكىن سىلەر يەنە بۇزغۇنچىلىق قىلساڭلار، بىز يەنە جازالايمىز. بىز جەھەننەمنى كافىرلار ئۈچۈن زىندان قىلدۇق.
17 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰذَا الْقُرْآنَ يَهْدِي لِلَّتِي هِيَ أَقْوَمُ وَيُبَشِّرُ الْمُؤْمِنِينَ الَّذِينَ يَعْمَلُونَ الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ أَجْرًا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۇئمىنلارغا، مۇكاپاتلىرىنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ.
17 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ أَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (يەنە مۆمىنلەرگە خۇشخەۋەر بېرىدۇكى) ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىقىمىزنى خۇش خەۋەر بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ قۇرئان يەنە ئۇ مۇئمىنلارغا، بىزنىڭ ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىغانلىقىمىز بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ.
17 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا أَرَدْنَا أَنْ نُهْلِكَ قَرْيَةً أَمَرْنَا مُتْرَفِيهَا فَفَسَقُوا فِيهَا فَحَقَّ عَلَيْهَا الْقَوْلُ فَدَمَّرْنَاهَا تَدْمِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: بىرەر شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى دۆلەتمەن ئادەملەرنى (بىزگە ئىتائەت قىلىشقا) بۇيرۇيمىز، ئۇلار ئىتائەت قىلماي، پىسقى ـ پاسات قىلىدۇ ـ دە، ئۇلارغا ئازابىمىز تېگىشلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورقۇنچلۇق رەۋىشتە ھالاك قىلىمىز[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىرەر شەھەر - ئاھالىسى-نى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى دۆلەتمەن ئادەملەرنى بىزگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيمىز، ئۇلار ئىتائەت قىلماي، پىسقى ـ پاسات قىلىدۇ ـ دە، ئۇلارغا ئازابىمىز تېگىشلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورقۇنچلۇق رەۋىشتە ھالاك قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز بىرەر يۇرتنى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇ يۇرتنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرىگە ئەمر بېرىمىز، ئۇلار ئۇ يۇرتتا فاسىقلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇرت ھالاك بولۇشقا لايىق بولىدۇ. ئاندىن بىز ئۇ يۇرتنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمىز.
17 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ كَانَ يُرِيدُ الْعَاجِلَةَ عَجَّلْنَا لَهُ فِيهَا مَا نَشَاءُ لِمَنْ نُرِيدُ ثُمَّ جَعَلْنَا لَهُ جَهَنَّمَ يَصْلَاهَا مَذْمُومًا مَدْحُورًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە (ئۇنىڭ خالىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى ئاخىرەتتە جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، ئۇ جەھەننەمگە خارلانغان، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم بۇ تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان دۇنيانى ئىرادە قىلسا، بىز دۇنيادا ئۇنىڭغا - بىز ئىرادە قىلغان كىشىگە - خالىغىنىمىزنى بېرىمىز. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى جەھەننەم قىلىمىز. ئۇ جەھەننەمگە ئەيىبلەنگەن ۋە ھاقارەتلەنگەن ھالدا كىرىدۇ.
17 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَرَادَ الْآخِرَةَ وَسَعَىٰ لَهَا سَعْيَهَا وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولَٰئِكَ كَانَ سَعْيُهُمْ مَشْكُورًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۇئمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم ئاخىرەتنى ئىرادە قىلسا ۋە مۇئمىن بولغان ھالدا ئۇنىڭ ئۈچۈن لايىق رەۋىشتە تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، ئەنە شۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى تەقدىرلىنىدۇ.
17 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
انْظُرْ كَيْفَ فَضَّلْنَا بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ وَلَلْآخِرَةُ أَكْبَرُ دَرَجَاتٍ وَأَكْبَرُ تَفْضِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن قانداق ئۈستۈن قىلغانلىقىمىزغا قارىغىن، ئاخىرەت دەرىجىلىرىدىكى (پەرق) ئەلۋەتتە تېخىمۇ چوڭدۇر ۋە ئۈستۈنلۈك (جەھەتتىكى پەرق) زىيادە چوڭدۇر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن قانداق ئۈستۈن قىلغانلىقىمىزغا قارىغىن، ئاخىرەت دەرىجىلىرىدىكى پەرق ئەلۋەتتە تېخىمۇ چوڭدۇر، ئۈستۈنلۈك جەھەتتىكى پەرق زىيادە چوڭدۇر
ئەنەس ئالىم: قارىغىنا، بىز ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن قانداق ئۈستۈن قىلدۇق! ئاخىرەتتىكى دەرىجىلەر ۋە ئۈستۈنلۈكلەر تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
17 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقْتُلُوا أَوْلَادَكُمْ خَشْيَةَ إِمْلَاقٍ ۖ نَحْنُ نَرْزُقُهُمْ وَإِيَّاكُمْ ۚ إِنَّ قَتْلَهُمْ كَانَ خِطْئًا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر.(ئىزاھات:جاھالەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر نامراتلىقتىن قورقۇپ ياكى نۇمۇس قىلىپ قىزلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايتتى.)[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار[1]. ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر
ئەنەس ئالىم: كەمبەغەل بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش چوڭ خاتالىقتۇر.
17 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اذْهَبْ فَمَنْ تَبِعَكَ مِنْهُمْ فَإِنَّ جَهَنَّمَ جَزَاؤُكُمْ جَزَاءً مَوْفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «بارغىن (ساڭا مۆھلەت بەردىم)، ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بالىلىرىدىن) كىمكى ساڭا ئەگىشىدىكەن، (جەھەننەم ساڭا ۋە ئۇلارغا) بېرىلگەن تولۇق جازادۇر[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «بارغىن ساڭا مۆھلەت بەردىم، ئۇلاردىن كىمكى ساڭا ئەگىشىدىكەن، جەھەننەم ساڭا ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن تولۇق جازادۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «يوقال! ئۇلاردىن كىم ساڭا ئەگەشسە جازايىڭلار جەھەننەم بولىدۇ. بۇ يېتەرلىك جازادۇر.
17 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
إِذًا لَأَذَقْنَاكَ ضِعْفَ الْحَيَاةِ وَضِعْفَ الْمَمَاتِ ثُمَّ لَا تَجِدُ لَكَ عَلَيْنَا نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ساڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەسسىلەپ ئازاب بەرگەن بولاتتۇق، ئاندىن سەن بىزگە قارشى ياردەم بېرىدىغان ھېچ ئادەم تاپالمايتتىڭ[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ساڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەسسىلەپ ئازاب بەرگەن بولاتتۇق، ئاندىن سەن بىزگە قارشى ياردەم بېرىدىغان ھېچ ئادەم تاپالمايتتىڭ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئاز بولسىمۇ مايىل بولغان بولساڭ، بىز سېنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتمۇقات ئازابلايتتۇق. ئۇ چاغدا بىزگە قارشى ئۆزۈڭگە ياردەمچى تاپالمايتتىڭ.
17 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِ ۖ وَمَنْ يُضْلِلْ فَلَنْ تَجِدَ لَهُمْ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِهِ ۖ وَنَحْشُرُهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ عُمْيًا وَبُكْمًا وَصُمًّا ۖ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ كُلَّمَا خَبَتْ زِدْنَاهُمْ سَعِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئىكەن، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ئاللاھتىن باشقا (ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچىلەرنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كور، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، (جەھەننەمنىڭ) ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا (ئوتنى) تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئىكەن ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ياردەمچىلەرنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ سۆرەلگەن كور، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، جەھەننەمنىڭ ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا ئوتنى تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ كىمنى ئازدۇرسا، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ۋەلىىيلەر تاپالمايسەن. بىز ئۇلارنى قىيامەت كۈنى كور، گاچا ۋە گاس ھالدا يۈزلىرى بىلەن دۈم ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر. ئۇنىڭ ئوتى پەسەيگەنسېرى بىز ئۇلارغا يالقۇننى زىيادە قىلىمىز.
17 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ جَزَاؤُهُمْ بِأَنَّهُمْ كَفَرُوا بِآيَاتِنَا وَقَالُوا أَإِذَا كُنَّا عِظَامًا وَرُفَاتًا أَإِنَّا لَمَبْعُوثُونَ خَلْقًا جَدِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە «چىرىگەن سۆڭەك ۋە توپىغا ئايلانغىنىمىزدىن كېيىن راستتىنلا قايتىدىن تىرىلىپ يېڭىدىن ئادەم بولامدۇق؟» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ئەنە شۇدۇر[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە «چىرىگەن سۆڭەك ۋە توپىغا ئايلانغىنىمىزدىن كېيىن راستتىنلا قايتىدىن تىرىلىپ يېڭىدىن ئادەم بولامدۇق؟» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ئەنە شۇدۇر
ئەنەس ئالىم: مانا بۇ ئۇلارنىڭ جازاسىدۇر. چۈنكى ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئىدى ۋە: «بىز ئۆلۈپ سۆڭەككە، توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن يارىتىلىپ تىرىلەمدۇق؟» دېيىشكەن ئىدى.
17 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرَادَ أَنْ يَسْتَفِزَّهُمْ مِنَ الْأَرْضِ فَأَغْرَقْنَاهُ وَمَنْ مَعَهُ جَمِيعًا
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئۇلارنى (مىسىر) زېمىنىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولدى، بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى ـ ھەممىسىنى (دېڭىز) غا غەرق قىلىۋەتتۇق[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولدى، بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى دېڭىزدا غەرق قىلىۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن ئىسرائىل ئەۋلادىنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولدى. بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى - ھەممىسىنى غەرق قىلىۋەتتۇق.
كەھف سۈرىسى
17 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
قَيِّمًا لِيُنْذِرَ بَأْسًا شَدِيدًا مِنْ لَدُنْهُ وَيُبَشِّرَ الْمُؤْمِنِينَ الَّذِينَ يَعْمَلُونَ الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ أَجْرًا حَسَنًا
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، (ئاللاھ ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد) گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى[1 ـ 2].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەۋەبى، ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلارغا ئوبدان مۇكاپات -جەننەت- بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشتۇر.
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇ كىتابنى راۋۇرۇس كىتاب قىلدى. بۇ، ئۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلارغا مۇكاپاتلىرىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشى ئۈچۈندۇر -
18 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
مَاكِثِينَ فِيهِ أَبَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەر) جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ مۇكاپات ئورنىدا مەڭگۈ قالىدۇ -
18 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلِ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ فَمَنْ شَاءَ فَلْيُؤْمِنْ وَمَنْ شَاءَ فَلْيَكْفُرْ ۚ إِنَّا أَعْتَدْنَا لِلظَّالِمِينَ نَارًا أَحَاطَ بِهِمْ سُرَادِقُهَا ۚ وَإِنْ يَسْتَغِيثُوا يُغَاثُوا بِمَاءٍ كَالْمُهْلِ يَشْوِي الْوُجُوهَ ۚ بِئْسَ الشَّرَابُ وَسَاءَتْ مُرْتَفَقًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) «(بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دېگىن، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار (تەشنالىقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان (ناھايىتى قىزىق) سۇ بېرىلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![29].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- «بۇ ھەق -قۇرئان- رەببىڭلار تەرىپىدىندۇر، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دېگىن، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار تەشنالىقتىن سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان -ناھايىتى قىزىق- سۇ بېرىلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «بۇ ھەق رەببىڭلار تەرىپىدىندۇر. خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كىشى كافىر بولسۇن». بىز زالىملارغا شۇنداق ئوت تەييارلىدۇقكى، ئۇنىڭ تامدەك يالقۇنلىرى ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ. ئۇلار تەشنالىقتىن نالە - پەرياد قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشايدىغان، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىر تۈرلۈك سۇ بىلەن ياردەم قىلىنىدۇ. بۇ نېمىدېگەن يامان ئىچىملىك! ئۇ نېمىدېگەن يامان ئارامگاھ!
18 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجْرَ مَنْ أَحْسَنَ عَمَلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كېلىدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى ھەقىقەتەن يوققا چىقىرىۋەتمەيمىز[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كېلىدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى ھەقىقەتەن يوققا چىقىرىۋەتمەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ياخشى ئىش قىلغان كىشىنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيمىز.
18 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ لَهُمْ جَنَّاتُ عَدْنٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِنْ ذَهَبٍ وَيَلْبَسُونَ ثِيَابًا خُضْرًا مِنْ سُنْدُسٍ وَإِسْتَبْرَقٍ مُتَّكِئِينَ فِيهَا عَلَى الْأَرَائِكِ ۚ نِعْمَ الثَّوَابُ وَحَسُنَتْ مُرْتَفَقًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار دائىم تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى سالىدۇ، نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ. (ئالتۇن ۋە ئېسىل رەختلەر بىلەن قاپلانغان) تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل جاي![31]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار دائىم تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى سالىدۇ، نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ، تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل جاي
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئۈچۈن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئەدن جەننەتلىرى بار. ئۇلارغا ئۇ جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر سېلىپ قويۇلىدۇ. ئۇلار نىپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن تىكىلگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىپ، تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! ئۇ نېمىدېگەن ياخشى ئارامگاھ!
18 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ يُصْبِحَ مَاؤُهَا غَوْرًا فَلَنْ تَسْتَطِيعَ لَهُ طَلَبًا
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇنىڭ سۈيى سىڭىپ كېتىپ ئۇنى ئىزدەش (يەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش) سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمىگەي»[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇنىڭ سۈيى سىڭىپ كېتىپ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمىگەي»-دېدى-
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇنىڭ سۈيى سىڭىپ كېتىپ، سەن ئۇ سۇنى ئىزدەپ تاپالماسلىقىڭ مۇمكىن».
18 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُحِيطَ بِثَمَرِهِ فَأَصْبَحَ يُقَلِّبُ كَفَّيْهِ عَلَىٰ مَا أَنْفَقَ فِيهَا وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَيَقُولُ يَا لَيْتَنِي لَمْ أُشْرِكْ بِرَبِّي أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ مېۋىلىرى (يەنى بېغى) ۋەيران بولدى، ئۈزۈم بىدىشلىرى يەرگە يىقىلدى، ئۇ باغقا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا (ھەسرەت چېكىپ) ئىككى ئالقىنىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى ھەمدە ئۇ: «مەن پەرۋەردىگارىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمىسەمچۇ» دېدى[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ مېۋىلىرى يەنى بېغى ۋەيران بولدى، تېلىنىڭ بىدىشلىرى يەرگە يىقىلدى، ئۇ باغقا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا ھەسرەت چېكىپ ئىككى ئالقىنىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى ھەمدە ئۇ: «مەن رەببىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمىسەمچۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ تۇزكور ئادەمنىڭ مەھسۇلاتلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، باغلىرىغا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا ھەسرەت چېكىپ قوللىرىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى. باغلىرى بولسا باراڭلىرى يىقىلغان ھالەتتە تۇراتتى. ئۇ: «كاشكى رەببىمگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىغان بولسامچۇ!» دەيتتى.
18 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
هُنَالِكَ الْوَلَايَةُ لِلَّهِ الْحَقِّ ۚ هُوَ خَيْرٌ ثَوَابًا وَخَيْرٌ عُقْبًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ يەردە (يەنى مۇنداق ھالەتتە) مەدەتكار بولۇش پەقەت بەرھەق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ (ئۆزىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ياخشى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، (ئۇنىڭغا يۆلەنگەن ۋە ئۇنى ئۈمىد قىلغانلارنىڭ) ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغۇچىدۇر[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ يەردە مەدەتكار بولۇش پەقەت بەرھەق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ياخشى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، -ئۇنىڭغا يۆلەنگەن ۋە ئۇنى ئۈمىد قىلغانلارنىڭ- ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: مانا مۇشۇنداق ھالەتتە ياردەم پەقەت بارلىقى ۋە بىرلىكى ھەق بولغان ئاللاھتىنلا كېلىدۇ. ئۇ ئەڭ ياخشى مۇكاپات ۋە ئەڭ ياخشى ئاقىۋەت ئاتا قىلغۇچىدۇر.
18 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
الْمَالُ وَالْبَنُونَ زِينَةُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَالْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ خَيْرٌ عِنْدَ رَبِّكَ ثَوَابًا وَخَيْرٌ أَمَلًا
مۇھەممەد سالىھ: ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئۈمىد تېخىمۇ چوڭدۇر[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى رەببىڭنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئۈمىد جەھەتتىن تېخىمۇ چوڭدۇر
ئەنەس ئالىم: مال ۋە بالىلار دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر. پايدىسى تۈگىمەيدىغان ياخشى ئەمەللەر بولسا رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا ساۋاب قازاندۇرۇش جەھەتتىن ناھايىتى ياخشىدۇر ۋە ئۈمىد باغلاشقا بەكمۇ لايىقتۇر.
18 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَأَى الْمُجْرِمُونَ النَّارَ فَظَنُّوا أَنَّهُمْ مُوَاقِعُوهَا وَلَمْ يَجِدُوا عَنْهَا مَصْرِفًا
مۇھەممەد سالىھ: گۇناھكارلار دوزاخنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كىرىدىغانلىقىغا جەزم قىلىدۇ، دوزاختىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: گۇناھكارلار دوزاخنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا چوقۇم كىرىدىغانلىقىنى جەزم قىلىدۇ، دوزاختىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: گۇناھكارلار دوزاخنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا تاشلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ.
18 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا مَنَعَ النَّاسَ أَنْ يُؤْمِنُوا إِذْ جَاءَهُمُ الْهُدَىٰ وَيَسْتَغْفِرُوا رَبَّهُمْ إِلَّا أَنْ تَأْتِيَهُمْ سُنَّةُ الْأَوَّلِينَ أَوْ يَأْتِيَهُمُ الْعَذَابُ قُبُلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقلىرى ۋە پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلماسلىقلىرى پەقەت (ئاللاھنىڭ) بۇرۇنقىلارغا تۇتقان يولىنى (يەنى ھالاك قىلىشنى كۈتىدىغانلىقلىرى) ياكى ئۆزلىرىگە كېلىدىغان ئازابنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى (كۈتىدىغانلىقلىرى) ئۈچۈندۇر[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقلىرى ۋە رەببىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلماسلىقلىرى پەقەت ئاللاھنىڭ بۇرۇنقىلارغا تۇتقان يولىنى ياكى ئۆزلىرىگە كېلىدىغان ئازابنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى كۈتىدىغانلىقلىرى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاۋۋالقىلارغا ئىجرا قىلىنغان قانۇننىڭ ئۆزلىرىگە ئىجرا قىلىنىشىنى ياكى ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە روبىرو كېلىشىنى كۈتۈشلىرىلا، ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشتىن ۋە رەببىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشتىن توستى.
18 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَمَّا مَنْ ظَلَمَ فَسَوْفَ نُعَذِّبُهُ ثُمَّ يُرَدُّ إِلَىٰ رَبِّهِ فَيُعَذِّبُهُ عَذَابًا نُكْرًا
مۇھەممەد سالىھ: زۇلقەرنەين ئېيتتى: «كىمكى زۇلۇم قىلغان بولسا، بىز ئۇنى جازالايمىز، ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلقەرنەين ئېيتتى: «كىمكى زۇلۇم قىلغان بولسا، بىز ئۇنى جازالايمىز، ئاندىن ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، رەببى ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنداق دېدى: «كىم زۇلۇم قىلسا ئۇنى ئازابلايمىز، ئاندىن ئۇ رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدۇ، رەببى ئۇنى مىسلىسىز ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ.
18 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا مَنْ آمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَلَهُ جَزَاءً الْحُسْنَىٰ ۖ وَسَنَقُولُ لَهُ مِنْ أَمْرِنَا يُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنى قولاي ئىشقا بۇيرۇيمىز»[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنى قولاي ئىشقا بۇيرۇيمىز»
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان كىشىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ. بىز ئۇنى ئاسان ئىشلارغا بۇيرۇيمىز».
18 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَرَضْنَا جَهَنَّمَ يَوْمَئِذٍ لِلْكَافِرِينَ عَرْضًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە كاپىرلارغا جەھەننەمنى ئاشكارا كۆرسىتىمىز[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە كاپىرلارغا جەھەننەمنى ئاشكارا كۆرسىتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ كۈنى جەھەننەمنى كافىرلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرىمىز.
18 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَحَسِبَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنْ يَتَّخِذُوا عِبَادِي مِنْ دُونِي أَوْلِيَاءَ ۚ إِنَّا أَعْتَدْنَا جَهَنَّمَ لِلْكَافِرِينَ نُزُلًا
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار مېنى قويۇپ بەندىلىرىمنى مەبۇد قىلىۋېلىشسا بولىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ بىز جەھەننەمنى كاپىرلارغا ھەقىقەتەن مەنزىلگاھ قىلىپ تەييارلىدۇق[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار مېنى قويۇپ بەندىلىرىمنى مەبۇد قىلىۋېلىشقا بولىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ بىز جەھەننەمنى كاپىرلارغا ھەقىقەتەن مەنزىلگاھ قىلىپ تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: كافىرلار مېنى قويۇپ بەندىلىرىمنى ئۆزلىرىگە ۋەلىي قىلىۋېلىشنى ئويلامدۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز جەھەننەمنى ئۇ كافىرلارنىڭ كۈتۈلىدىغان يېرى قىلىپ تەييارلىدۇق.
18 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ جَزَاؤُهُمْ جَهَنَّمُ بِمَا كَفَرُوا وَاتَّخَذُوا آيَاتِي وَرُسُلِي هُزُوًا
مۇھەممەد سالىھ: كاپىر بولغانلىقلىرى، مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىر بولغانلىقلىرى، مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ مۇشۇنداقتۇر. ئۇلارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر. چۈنكى ئۇلار كافىر بولغان، ئايەتلىرىمنى ۋە ئەلچىلىرىمنى مەسخىرە قىلغان ئىدى.
18 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ كَانَتْ لَهُمْ جَنَّاتُ الْفِرْدَوْسِ نُزُلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ كۈتۈلىدىغان يېرى فىردەۋس جەننەتلىرىدۇر.
مەريەم سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الْأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ وَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ھەسرەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر ۋە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن ئۇلارنى، ئىشلار بىر تەرەپ قىلىنغاندا ھەركىم ھەسرەت چېكىدىغان كۈندىن ئاگاھلاندۇرغىن. چۈنكى ئۇلار تېخىچە غەپلەت ئىچىدە يۈرۈۋاتىدۇ، تېخىچە ئىمان ئېيتمايۋاتىدۇ.
19 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَبَتِ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يَمَسَّكَ عَذَابٌ مِنَ الرَّحْمَٰنِ فَتَكُونَ لِلشَّيْطَانِ وَلِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئاتا! سېنىڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن قورقىمەن»[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئاتا! سېنىڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: جېنىم ئاتا! مەن بېشىڭغا رەھمان تەرىپىدىن ئازاب كېلىپ شەيتاننىڭ ۋەلىيسى بولۇپ قېلىشىڭدىن قورقۇۋاتىمەن».
19 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ لَنَنْزِعَنَّ مِنْ كُلِّ شِيعَةٍ أَيُّهُمْ أَشَدُّ عَلَى الرَّحْمَٰنِ عِتِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئىچىدىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ئەڭ ئاسىي بولغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئىچىدىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ئەڭ ئاسىي بولغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ھەر گۇرۇھنىڭ، رەھمانغا ئەڭ كۆپ ئاسىيلىق قىلغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز.
19 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَزِيدُ اللَّهُ الَّذِينَ اهْتَدَوْا هُدًى ۗ وَالْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ خَيْرٌ عِنْدَ رَبِّكَ ثَوَابًا وَخَيْرٌ مَرَدًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھىدايەت تاپقانلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ. پايدىسى تۈگىمەيدىغان ياخشى ئەمەللەر، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ياخشى ساۋاب قازاندۇرىدۇ ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
19 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا ۚ سَنَكْتُبُ مَا يَقُولُ وَنَمُدُّ لَهُ مِنَ الْعَذَابِ مَدًّا
مۇھەممەد سالىھ: ھەرگىز ئۇنداق بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئازابنى كۈچەيتىمىز[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرگىز ئۇنداق بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئازابنى كۈچەيتىمىز
ئەنەس ئالىم: ياق، ئۇنداق ئىش يوق. بىز ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يېزىپ تۇرىمىز، ئازابىنى ئۇزارتىپ تۇرىمىز8.
تاھا سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا قَدْ أُوحِيَ إِلَيْنَا أَنَّ الْعَذَابَ عَلَىٰ مَنْ كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بىزگە شەك ـ شۈبھىسىز ۋەھىي قىلىندىكى، (ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەم (قاتتىق) ئازابقا دۇچار بولىدۇ، دەڭلار»[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزگە شەك ـ شۈبھىسىز ۋەھيى قىلىندىكى، ئىنكار قىلغان ۋە يۈز ئۆرىگەن ئادەم -قاتتىق- ئازابقا دۇچار بولىدۇ دەڭلار»
ئەنەس ئالىم: بىزگە راستنى يالغان دەپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى ۋەھىي قىلىندى›».
20 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَتْبَعَهُمْ فِرْعَوْنُ بِجُنُودِهِ فَغَشِيَهُمْ مِنَ الْيَمِّ مَا غَشِيَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن لەشكەرلىرى بىلەن ئۇلارنى قوغلىدى، ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ لەشكىرىنى) دېڭىزدا دەھشەتلىك ھالەت ئورىۋالدى (يەنى ئۇلار دېڭىزدا غەرق بولدى)[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن لەشكەرلىرى بىلەن قوغلىدى، ئۇلارنى دېڭىزدا دەھشەتلىك ھالەت ئورىۋالدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىققان ئىدى، فىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن ئۇلارنى قوغلاپ كەلدى. نەتىجىدە فىرئەۋن ۋە قوشۇنلىرى دېڭىزنىڭ دەھشەتلىك سۇلىرى ئاستىدا قالدى.
20 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَاذْهَبْ فَإِنَّ لَكَ فِي الْحَيَاةِ أَنْ تَقُولَ لَا مِسَاسَ ۖ وَإِنَّ لَكَ مَوْعِدًا لَنْ تُخْلَفَهُ ۖ وَانْظُرْ إِلَىٰ إِلَٰهِكَ الَّذِي ظَلْتَ عَلَيْهِ عَاكِفًا ۖ لَنُحَرِّقَنَّهُ ثُمَّ لَنَنْسِفَنَّهُ فِي الْيَمِّ نَسْفًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا (سامىرىغا) ئېيتتى: «سەن بارغىن! سەن ئۆمۈرۋايەت (كۆرگەنلا كىشىگە) ماڭا يېقىنلاشماڭلار! دېگەيسەن (يەنى سېنىڭ كىشىگە يېقىنلاشماسلىقىڭ، كىشىنىڭ ساڭا يېقىنلاشماسلىقى بۇ دۇنيادا ساڭا بېرىلگەن جازادۇر)، شۈبھىسىزكى (ئاخىرەتتە جازالىنىدىغان) مۇئەييەن بىر ۋاقتىڭ بار، ئاللاھ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، سەن ھامان چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى چوقۇم (ئوتتا) كۆيدۈرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭ (كۈلىنى) دېڭىزغا چېچىۋېتىمىز»[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا - سامىرىغا- ئېيتتى: «سەن بارغىن! سەن ئۆمۈرۋايەت -كۆرگەنلا كىشىگە- ماڭا يېقىنلاشماڭلار! دېگەيسەن، شۈبھىسىزكى مۇئەييەن بىر ۋاقتىڭ بار، ئاللاھ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، سەن ھامان چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى چوقۇم ئوتتا كۆيدۈرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭ كۈلىنى دېڭىزغا چېچىۋېتىمىز»
ئەنەس ئالىم: مۇسا سامىرىيغا مۇنداق دېدى: «كۆزۈمدىن يوقال! بۇندىن ئېتىبارەن سەن ئۆمۈر بويى ئىنسانلارغا: ‹ماڭا يېقىنلاشماڭلار! مەندىن نېرى تۇرۇڭلار› دېيىشكە مەھكۇم قىلىندىڭ. سەن ئۈچۈن ۋەدە قىلىنغان باشقا بىر ۋاقىت باركى، ساڭا قىلىنغان بۇ ۋەدىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلىنمايدۇ4. چوقۇنۇۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمىز، ئاندىن كۈلىنى دېڭىزغا سورۇۋىتىمىز.
20 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ أَعْرَضَ عَنْهُ فَإِنَّهُ يَحْمِلُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وِزْرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى (چوڭ گۇناھتىن) ئېغىر يۈك يۈكلىنىدۇ[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى چوڭ گۇناھتىن ئېغىر يۈك يۈكلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر قىيامەت كۈنى دۈمبىسىدە ئېغىر يۈك كۆتۈرىدۇ.
20 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَعْمَلْ مِنَ الصَّالِحَاتِ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَا يَخَافُ ظُلْمًا وَلَا هَضْمًا
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن تۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار يامانلىقلىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ۋە ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىن تۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار يامانلىقلىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ۋە ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: كىمكى مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسا، ئۇ يامانلىقلىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىنمۇ، ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىنمۇ قورقمايدۇ.
20 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَعْرَضَ عَنْ ذِكْرِي فَإِنَّ لَهُ مَعِيشَةً ضَنْكًا وَنَحْشُرُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَعْمَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز»[124].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار-خاتىرجەمسىز-بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز»
ئەنەس ئالىم: كىمكى مېنىڭ كىتابىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن8، بىز ئۇنى قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشىتىمىز ۋە قىيامەت كۈنى كور ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز».
20 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ كَذَٰلِكَ أَتَتْكَ آيَاتُنَا فَنَسِيتَهَا ۖ وَكَذَٰلِكَ الْيَوْمَ تُنْسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا (روشەن) ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن»[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا - روشەن- ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇنىڭغا: «شۇنداق ئىدىڭ، لېكىن ساڭا ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى ئۇنتۇدۇڭ، سەنمۇ بۈگۈن ئەنە شۇنداق ئۇنتۇلىسەن» دەيدۇ.
20 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي مَنْ أَسْرَفَ وَلَمْ يُؤْمِنْ بِآيَاتِ رَبِّهِ ۚ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَشَدُّ وَأَبْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ھەددىدىن ئاشقان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا شۇنىڭغا ئوخشاش جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەددىدىن ئاشقان ۋە رەببىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا شۇنىڭغا ئوخشاش جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ھەددىدىن ئاشقان ۋە رەببىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمىگەنلەرنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. ئاخىرەت ئازابى بەك قاتتىقتۇر، باقىيدۇر.
ئەنبىيا سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَحَسُّوا بَأْسَنَا إِذَا هُمْ مِنْهَا يَرْكُضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ (كەلگەنلىكىنى) ھېس قىلغان چاغدا ئۇشتۇمتۇت قاچىدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى ھېس قىلغان چاغدا ئۇشتۇمتۇت قاچىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ زالىملار شىددەتلىك ئازابىمىزنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغاندا دەرھال يۇرتلىرىدىن قېچىشقا ئۇرۇناتتى.
21 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا وَيْلَنَا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! ھەقىقەتەن بىز زالىم بولۇپتۇق» دېيىشتى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! ھەقىقەتەن بىز زالىم بولۇپتۇق» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بىز راستتىنلا زالىم ئىدۇق» دېيىشتى.
21 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ يَعْلَمُ الَّذِينَ كَفَرُوا حِينَ لَا يَكُفُّونَ عَنْ وُجُوهِهِمُ النَّارَ وَلَا عَنْ ظُهُورِهِمْ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر كاپىرلار بۇ چاغدا يۈزلىرىدىن، دۈمبىلىرىدىن ئازابنى دەپئى قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ۋە ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقلىرىنى بىلسە ئىدى (ئازابنىڭ بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلمايتتى)[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر كاپىرلار بۇ چاغدا يۈزلىرىدىن، دۈمبىلىرىدىن ئازابنى دەپئى قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ۋە ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقلىرىنى بىلسە ئىدى -ئازابنىڭ بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلمايتتى-
ئەنەس ئالىم: كاشكى، بۇ كافىرلار يۈزلىرىدىن ۋە دۈمبىلىرىدىن دوزاخ ئوتىنى توسالمايدىغان ۋە ھېچبىر ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى بىلگەن بولسىچۇ!
21 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ تَأْتِيهِمْ بَغْتَةً فَتَبْهَتُهُمْ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ رَدَّهَا وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن قىيامەت ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ ـ دە، ئۇلارنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇلار قىيامەتكە قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇلارغا (تەۋبە قىلىۋېلىش ۋە ئۆزرە بايان قىلىش ئۈچۈن) مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن قىيامەت ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ ـ دە، ئۇلارنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇلار قىيامەتكە قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئۇ ۋەدە تۇيۇقسىز ئەمەلگە ئېشىپ، ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار ئۇنى قايتۇرۇۋېتەلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ.
21 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِنْ قَبْلِكَ فَحَاقَ بِالَّذِينَ سَخِرُوا مِنْهُمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر مەسخىرە قىلىندى، ئۇلارنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا مەسخىرە قىلغانلىقنىڭ جازاسى بولغان ئازاب نازىل بولدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر مەسخىرە قىلىندى، ئۇلارنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا مەسخىرە قىلغاننىڭ جازاسى بولغان ئازاب نازىل بولدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ مەسخىرە قىلىندى. مەسخىرە قىلغانلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى6.
21 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ مَسَّتْهُمْ نَفْحَةٌ مِنْ عَذَابِ رَبِّكَ لَيَقُولُنَّ يَا وَيْلَنَا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارغا پەرۋەردىگارىڭدىن ئازغىنا ئازاب يەتسىلا، ئۇلار چوقۇم: «ۋاي ئىسىت! (ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ) ھەقىقەتەن (ئۆزىمىزگە) زۇلۇم قىلىپتۇق» دەيدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارغا رەببىڭدىن ئازغىنا ئازاب يەتسىلا، ئۇلار چوقۇم: «ۋاي ئىسىت! ھەقىقەتەن بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلىپتۇق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار رەببىڭنىڭ كىچىككىنە ئازابىغا يولۇقسا: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بىز ھەقىقەتەن زالىم ئىكەنمىز» دەيدۇ.
21 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ يَعْمَلْ مِنَ الصَّالِحَاتِ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَا كُفْرَانَ لِسَعْيِهِ وَإِنَّا لَهُ كَاتِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى مۆمىن بولۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمەلىنىڭ (ساۋابى) زايا كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلىنى (يەنى نامە ـ ئەمالىنى) چوقۇم خاتىرىلەپ قويىمىز[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى مۇئمىن بولۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ قىلغان سەئيى زايا كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلىنى چوقۇم خاتىرىلەپ قويىمىز
ئەنەس ئالىم: كىم مۇئمىن ھالدا ياخشى ئەمەللەردىن قىلسا، ئۇنىڭ ئەمىلى ھەرگىزمۇ زايە كەتمەيدۇ. بىز ئۇنىڭ ئەمىلىنى يېزىپ تۇرىمىز.
21 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَرَامٌ عَلَىٰ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا أَنَّهُمْ لَا يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھالاك قىلغان شەھەر (ئاھالىسى) نىڭ دۇنياغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھالاك قىلغان شەھەر ئاھالىسىنىڭ دۇنياغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس
ئەنەس ئالىم: بىز ھالاك قىلغان يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ ھۇزۇرىمىزغا كېلىپ ھېساب بەرمەسلىكى مۇمكىن ئەمەستۇر.
21 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ سَبَقَتْ لَهُمْ مِنَّا الْحُسْنَىٰ أُولَٰئِكَ عَنْهَا مُبْعَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز تەرەپتىن بېرىلگەن بەخت ـ سائادەتكە تېگىشلىك بولغانلار (يەنى تائەت ـ ئىبادەتكە تەۋپىق بېرىلىپ توغرا يولدا ئىبادەت قىلغان سائادەتمەن بەندىلەر) دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز تەرەپتىن بېرىلگەن بەخت ـ سائادەتكە تېگىشلىك بولغانلار بارغۇ، ئەنە ئاشۇلار دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز تەرەپتىن ئەڭ ياخشى مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ،
ھەج سۈرىسى
13 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَرَوْنَهَا تَذْهَلُ كُلُّ مُرْضِعَةٍ عَمَّا أَرْضَعَتْ وَتَضَعُ كُلُّ ذَاتِ حَمْلٍ حَمْلَهَا وَتَرَى النَّاسَ سُكَارَىٰ وَمَا هُمْ بِسُكَارَىٰ وَلَٰكِنَّ عَذَابَ اللَّهِ شَدِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتىۋاتقان ئايال (قاتتىق قورقۇنچتىن تېڭىرقاپ قېلىش بىلەن) ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەر بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەست كۆرۈسەن، ھالبۇكى، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مەست ئەمەس (دېمەك، قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئۇلارنى ئەس ـ ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن)، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتىۋاتقۇچى ئېمىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەر بىر ھامىلىدار بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەست كۆرۈسەن، ھالبۇكى، ئۇلار ھەقىقەتتە مەست ئەمەس، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ زىلزىلىنى كۆرگەن كۈنۈڭلاردا، بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ھەر ئانا دەھشەتنىڭ ۋەھىمىسىگە چۈشۈپ، ئېمىتىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇيدۇ ۋە ھەر ھامىلىدار ھامىلىسىنى تۇغۇۋېتىدۇ. ئىنسانلارنى مەست ھالەتتە كۆرىسەن. ئەسلىدە ئۇلار مەست ئەمەس، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.
22 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
كُتِبَ عَلَيْهِ أَنَّهُ مَنْ تَوَلَّاهُ فَأَنَّهُ يُضِلُّهُ وَيَهْدِيهِ إِلَىٰ عَذَابِ السَّعِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇكى، كىمكى شەيتانغا ئەگىشىدىكەن، شەيتان ئۇنى ئازدۇرىدۇ ۋە جەھەننەمنىڭ ئازابىغا سۆرەيدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇكى، كىمكى شەيتانغا ئەگىشىدىكەن شەيتان ئۇنى ئازدۇرىدۇ ۋە جەھەننەمنىڭ ئازابىغا سۆرەيدۇ
ئەنەس ئالىم: شەيتان توغرىسىدا يېزىلغان ھۆكۈم شۇ: شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىنى ئازدۇرىدۇ ۋە دوزاخ ئازابىغا باشلايدۇ.
22 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
ثَانِيَ عِطْفِهِ لِيُضِلَّ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۖ لَهُ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَنُذِيقُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَذَابَ الْحَرِيقِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەغرۇرانە يۈرىدۇ، ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەغرۇرانە يۈرىدۇ، ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇ، مۇنازىرە ئەسناسىدا مەغرۇرانە كەيپىيات بىلەن سۆز قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى باشقىلارنى ئاللاھ يولىدىن ئازدۇرۇشتۇر. بىز ئۇنى دۇنيادا رەسۋا قىلىمىز، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىتىمىز.
22 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ يَدَاكَ وَأَنَّ اللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنىڭغا): «(خارلىق بىلەن ئازاب) سېنىڭ قىلمىشلىرىڭ يەنى كۇفرىڭ بىلەن گۇمراھلىقىڭ) تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرگىز زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر» (دېيىلىدۇ)[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا: «-خارلىق بىلەن ئازاب- سېنىڭ قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرگىز زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا: «بۇ ئۆزۈڭلارنىڭ قىلمىشلىرى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسلىكى سەۋەبىدىندۇر» دېيىلىدۇ.
22 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى خالىغان ئادەمگە ساۋاب بېرىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ)[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىرادە قىلغىنىنى قىلىدۇ.
22 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَيَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَالْمَسْجِدِ الْحَرَامِ الَّذِي جَعَلْنَاهُ لِلنَّاسِ سَوَاءً الْعَاكِفُ فِيهِ وَالْبَادِ ۚ وَمَنْ يُرِدْ فِيهِ بِإِلْحَادٍ بِظُلْمٍ نُذِقْهُ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارغا، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقۇچىلارغا _ ئۇ ئولتۇرۇشلۇق بولسۇن ياكى سىرتتىن كەلگەن بولسۇن _ بىز كىشىلەرگە ئىبادەتگاھ قىلغان مەسجىدى ھەرەمدىن توسقۇچىلارغا (يەنى ھەج پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەسجىدى ھەرەمگە كەلگەن مۆمىنلەرنى توسقۇچىلارغا) (قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز)، كىمكى مەسجىدى ھەرەمدە زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، كاپىرلار، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقۇچىلار، ـ ئۇ ئولتۇرۇشلۇق بولسۇن ياكى سىرتتىن كەلگەن بولسۇن ـ بىز كىشىلەرگە ئىبادەتگاھ قىلغان مەسجىدى ھەرەمدىن توسقۇچىلار بارغۇ؟ بىز مەسجىدى ھەرامدا زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولغان كىشىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز كافىر بولغان، ئاللاھنىڭ يولىدىن ۋە مەسجىدى ھەرەمدىن ئىنسانلارنى توسۇپ كېلىۋاتقانلارغا ئەلەملىك ئازابتىن تېتىمىز. بىز مەسجىدى ھەرەمنى يەرلىك بولسۇن، ياقا يۇرتلۇق بولسۇن پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئوخشاشلا قىبلە قىلىپ بەردۇق. بىز يەنە مەسجىدى ھەرەمدە زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولغانلارغىمۇ ئەلەملىك ئازابتىن تېتىمىز.
22 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَصْحَابُ مَدْيَنَ ۖ وَكُذِّبَ مُوسَىٰ فَأَمْلَيْتُ لِلْكَافِرِينَ ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟[42 ـ 44]
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە مەديەن ئاھالىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان ئىدى. چۈنكى مەن كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ جازايىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: ۋە مەديەن ئاھالىسىمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېگەن ئىدى. مۇسامۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. مەن ئۇ كافىرلارغا باشتا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم. ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟
22 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا وَهِيَ ظَالِمَةٌ فَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَبِئْرٍ مُعَطَّلَةٍ وَقَصْرٍ مَشِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى زالىم بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن (شەھەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ) ئۆگزىلىرى ئۆرۈلۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان، نۇرغۇن تاشلاندۇق قۇدۇقلار ۋە ئېگىز ئىمارەتلەر (ئاھالىسىز) قالغان[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم بولغانلىقلىرى ئۈچۈن شەھەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرى ئۆرۈلۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان نۇرغۇن تاشلاندۇق قۇدۇقلار ۋە ئېگىز ئىمارەتلەر ئاھالىسىز قالغان
ئەنەس ئالىم: بىز نۇرغۇن يۇرتلارنى ھالاك قىلدۇق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاھالىلىرى زالىم ئىدى. ئۇ يۇرتلار يىقىلىپ خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتتى. بىز نۇرغۇن قۇدۇقلارنى تاشلاندۇق، نۇرغۇن ھەشەمەتلىك سارايلارنى ئىگە - چاقىسىز قىلىپ قويدۇق.
22 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ وَلَنْ يُخْلِفَ اللَّهُ وَعْدَهُ ۚ وَإِنَّ يَوْمًا عِنْدَ رَبِّكَ كَأَلْفِ سَنَةٍ مِمَّا تَعُدُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن سەندىن ئازابنىڭ تېز نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ (ئازاب چوقۇم نازىل بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نازىل بولۇشىنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى ـ سائىتى بولىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ (ئاللاھ بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز نازىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ، ھەقىقەتەن رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن، باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ. لېكىن رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلغا ئوخشاشتۇر.
22 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ أَمْلَيْتُ لَهَا وَهِيَ ظَالِمَةٌ ثُمَّ أَخَذْتُهَا وَإِلَيَّ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا مەن مۆھلەت بەردىم (ئۇلار بۇ مۆھلەتكە مەغرۇر بولۇپ كەتتى)، ئاندىن (يەنى ئۇلارغا ئۇزاق مۇددەت مۆھلەت بەرگىنىمدىن كېيىن) ئۇلارنى جازالىدىم، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر (يەنى ئاخىر ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ)[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا مەن مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر
ئەنەس ئالىم: نۇرغۇن يۇرت بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاھالىلىرى زالىم تۇرۇقلۇق ئۇلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم. ئاخىرى ھەممىسى مېنىڭ ھۇزۇرىمغا كېلىدۇ.
22 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
فَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.
22 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَأُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار (دوزاختا) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
22 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا وَمَا لَيْسَ لَهُمْ بِهِ عِلْمٌ ۗ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، (ئىبادەت قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقىغا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرگە ۋە ئۆزلىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق مەدەتكار يوق[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھ نى قويۇپ، ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرگە ۋە ئۆزلىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق مەدەتكار يوق
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ئىلاھلىقىغا ئاللاھ ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرگە ۋە ئۆزلىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىسى بولمايدۇ.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ عَمَّا قَلِيلٍ لَيُصْبِحُنَّ نَادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي (كاپىر بولغانلىقلىرىغا) نادامەت چېكىدۇ»[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي نادامەت چېكىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئۇلار يېقىندا پۇشايمان قىلىدۇ» دېدى.
23 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذَتْهُمُ الصَّيْحَةُ بِالْحَقِّ فَجَعَلْنَاهُمْ غُثَاءً ۚ فَبُعْدًا لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەقلىق رەۋىشتە قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك بولدى. ئۇلارنى بىز لۆجە قىلىۋەتتۇق، زالىم قەۋم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى قاتتىق ئاۋاز ھەقلىق رەۋىشتە ھالاك قىلدى؛ ئاندىن بىز ئۇلارنى كۆپۈك قىلىۋەتتۇق، ھالاكەت زالىم قەۋملەرگە بولسۇن!
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېلىشكە تېگىشلىك بولغان دەھشەتلىك ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى. بىز ئۇلارنى لۆجە قىلىۋەتتۇق. يوقالسۇن زالىملار گۇرۇھى!
23 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُمَا فَكَانُوا مِنَ الْمُهْلَكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بۇ ئىككىسىنى (يەنى مۇسا بىلەن ھارۇننى) ئىنكار قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولدى[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇ ئىككىسىنى ئىنكار قىلىشتى. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ھالاك بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ ئىككى ئەلچىنى ئەنە شۇنداق يالغانچى دەپ ھالاك قىلىنغۇچىلاردىن بولدى.
23 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا أَخَذْنَا مُتْرَفِيهِمْ بِالْعَذَابِ إِذَا هُمْ يَجْأَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ بايلىرىنى ئازاب بىلەن جازالىغان ۋاقتىمىزدا ناگاھ ئۇلار پەرياد قىلىدۇ[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: نىھايەت ئۇلارنىڭ راھەت-پاراغەتكە چۆمگەنلىرىنى ئازاب بىلەن جازالىغان ۋاقتىمىزدا ناگاھان ئۇلار پەرياد قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ بىز ئۇلارنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرىنى ئازابقا دۇچار قىلغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئۇلار ئەنە شۇ چاغدا بىردىنلا پەرياد قىلىشىدۇ.
23 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَجْأَرُوا الْيَوْمَ ۖ إِنَّكُمْ مِنَّا لَا تُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا ئېيتىلىدۇ): «بۈگۈن پەرياد قىلماڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشەلمەيسىلەر»[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلارغا ئېيتىلىدۇ-: «بۈگۈن پەرياد قىلماڭلار، چۈنكى سىلەر بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشەلمەيسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۈگۈن پەرياد قىلماڭلار، بىزدىن ياردەم كۆرەلمەيسىلەر.
23 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ بَابًا ذَا عَذَابٍ شَدِيدٍ إِذَا هُمْ فِيهِ مُبْلِسُونَ
مۇھەممەد سالىھ: تاكى ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان چېغىمىزدا ناگاھان ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاكى ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان چېغىمىزدا ناگاھان ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ بىز ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئۇلار ئەنە شۇ چاغدا بىردىنلا نائۈمىد بولۇپ كېتىدۇ.
23 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا جَاءَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ رَبِّ ارْجِعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇكى، «پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: نىھايەت ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇركى، «رەببىم! مېنى قايتۇرغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھقا بوھتان چاپلاشنى ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك داۋاملاشتۇرىدۇ، تاكى ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلگەن چېغىدا مۇنداق دەيدۇ: «رەببىم! مېنى قايتۇرسىلا.
23 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
لَعَلِّي أَعْمَلُ صَالِحًا فِيمَا تَرَكْتُ ۚ كَلَّا ۚ إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَائِلُهَا ۖ وَمِنْ وَرَائِهِمْ بَرْزَخٌ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن قويۇپ كەلگەن مال ـ مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن». (ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر، ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى مەن قويۇپ كەلگەن يەردە ياخشىلىق قىلارمەن». ياق، ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم ئۇ قىلغان قۇرۇق سۆزدىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا بىر توسما بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئارقامدا قالغان دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئىش قىلارمەن». ياق! بۇ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان قۇرۇق گەپ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا، ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر توسۇق بار.
23 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: تارازىسى ئېغىر كەلگەنلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: تارازىسى ئېغىر كەلگەنلەر بارغۇ، ئەنە شۇلار نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ياخشىلىقلىرى مىزاندا ئېغىر كەلگەنلەر مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.
23 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا رَبَّنَا غَلَبَتْ عَلَيْنَا شِقْوَتُنَا وَكُنَّا قَوْمًا ضَالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بەتبەختلىكىمىز ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز! بەتبەختلىكىمىز ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بەختسىزلىكىمىزگە سەۋەبچى بولغان ئارزۇلىرىمىز بىزگە غالىب كەلدى، بىز ئازغۇن قەۋم بولدۇق.
23 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا أَخْرِجْنَا مِنْهَا فَإِنْ عُدْنَا فَإِنَّا ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن)، ئەگەر بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز»[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن، ئەگەر بىز يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! بىزنى بۇ يەردىن چىقارغىن. ئەگەر قايتا ئەسكىلىك قىلساق، ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغان بولىمىز».
23 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي جَزَيْتُهُمُ الْيَوْمَ بِمَا صَبَرُوا أَنَّهُمْ هُمُ الْفَائِزُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (سىلەردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى بۈگۈن مۇكاپاتلىدىم، ئۇلار ھەقىقەتەن مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈنھىسىزكى مەن سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، بۈگۈن ئۇلارنى مۇكاپاتلىدىم، ئۇلار ھەقىقەتەن مەقسەتكە ئېرىشكۇچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: بۈگۈن مەن ئۇلارنى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈپ مۇكاپاتلىدىم».
نۇر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يُحِبُّونَ أَنْ تَشِيعَ الْفَاحِشَةُ فِي الَّذِينَ آمَنُوا لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار ئارىسىدا يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغانلارغا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازاب باردۇر، ئاللاھ بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىدا پاھىشەنىڭ يېيىلىشىنى ئارزۇ قىلغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.
24 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَرْمُونَ الْمُحْصَنَاتِ الْغَافِلَاتِ الْمُؤْمِنَاتِ لُعِنُوا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: يامان ئىشتىن بىخەۋەر، ئىپپەتلىك، مۆمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىدۇ)، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: يامان ئىشتىن بىخەۋەر ئىپپەتلىك مۇئمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىپپەتلىك ۋە يامان ئىشتىن خەۋەرسىز مۇئمىن ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
24 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَجْزِيَهُمُ اللَّهُ أَحْسَنَ مَا عَمِلُوا وَيَزِيدَهُمْ مِنْ فَضْلِهِ ۗ وَاللَّهُ يَرْزُقُ مَنْ يَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە مۇكاپات بەرسۇن ۋە ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بەرسۇن دەپ (ئۇلار شۇنداق ئىبادەتلەرنى قىلىدۇ). ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەقسەتلىرى، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە مۇكاپات بېرىشى ۋە ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بېرىشىدۇر. ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قىلغان ئەمەللىرىگە ئاللاھنىڭ ياخشى مۇكاپات بېرىشى ۋە ئارتۇق ئىنئام قىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.
24 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَجْعَلُوا دُعَاءَ الرَّسُولِ بَيْنَكُمْ كَدُعَاءِ بَعْضِكُمْ بَعْضًا ۚ قَدْ يَعْلَمُ اللَّهُ الَّذِينَ يَتَسَلَّلُونَ مِنْكُمْ لِوَاذًا ۚ فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَنْ تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر!) پەيغەمبەرنى سىلەر بىر ـ بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار. سىلەردىن (پەيغەمبەرنىڭ سۆھبىتىدىن) ئاستا سۇغۇرۇلۇپ غىپپىدە چىقىپ كەتكەنلەرنى ئاللاھ ئەلۋەتتە بىلىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، ياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇئمىنلار!- پەيغەمبەرنى سىلەر بىر ـ بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ غىپپىدە چىقىپ كەتكەنلەرنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار پىتنىگە يولۇقۇشتىن، ياكى قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن
ئەنەس ئالىم: رەسۇلۇللاھنىڭ چاقىرىقىنى ئاراڭلاردا بىر - بىرىڭلارنىڭ چاقىرىقىغا ئوخشاش كۆرمەڭلار. ئاللاھ، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن بىر - بىرىنى دالدا قىلىشىپ ئاستا چىقىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار باشلىرىغا بىرەر بالا كېلىشتىن ياكى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن.
فۇرقان سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَدْ كَذَّبُوكُمْ بِمَا تَقُولُونَ فَمَا تَسْتَطِيعُونَ صَرْفًا وَلَا نَصْرًا ۚ وَمَنْ يَظْلِمْ مِنْكُمْ نُذِقْهُ عَذَابًا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئىبادەت قىلىنغۇچىلار سىلەرنىڭ (ئۇلارنى مەبۇد دېگەن) سۆزۈڭلارنى ئىنكار قىلدى، (ئى كۇففارلار!) سىلەر (ئۆزۈڭلاردىن ئازابنى) دەپئى قىلىشقىمۇ ۋە (بۇ بالادىن ئۆزۈڭلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا) ياردەم بېرىشكىمۇ قادىر بولالمايسىلەر، سىلەردىن كىمكى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزىگە) زۇلۇم قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئىبادەت قىلىنغۇچىلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئىنكار قىلدى، سىلەر دەپئى قىلىشقىمۇ ۋە ياردەم بېرىشكىمۇ قادىر بولالمايسىلەر، سىلەردىن كىمكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدىكەن، بىز ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئويدۇرما ئىلاھلىرىڭلار سۆزۈڭلارنى ئىنكار قىلدى. سىلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈڭلاردىن ئازابنى دەپئى قىلالمايسىلەر ۋە ياردەممۇ كۆرەلمەيسىلەر. بىز ئىچىڭلاردىكى زالىملارغا چوڭ ئازاب تېتىتىمىز».
25 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَرَوْنَ الْمَلَائِكَةَ لَا بُشْرَىٰ يَوْمَئِذٍ لِلْمُجْرِمِينَ وَيَقُولُونَ حِجْرًا مَحْجُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن چۈشكەن) پەرىشتىلەرنى كۆرگەن كۈنى گۇناھكارلارغا خۇشخەۋەر بولمايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «(سىلەرگە جەننەت) ھارامدۇر» دەيدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەرىشتىلەرنى كۆرىدىغان كۈن بارغۇ، ئۇ كۈنى گۇناھكارلارغا خۇش خەۋەر بولمايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «-سىلەرگە خۇش خەۋەر- ھارامدۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ پەرىشتىلەرنى كۆرىدىغان كۈنىمۇ كېلىدۇ. لېكىن ئۇ كۈنى گۇناھكارلارغا ھېچ خۇش خەۋەر بېرىلمەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن تامامەن مەھرۇم قىلىنىپتىمىز» دەيدۇ.
25 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يَعَضُّ الظَّالِمُ عَلَىٰ يَدَيْهِ يَقُولُ يَا لَيْتَنِي اتَّخَذْتُ مَعَ الرَّسُولِ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ[27ـ29].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن -نىجاتلىق- يولىنى تۇتسامچۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر يول تۇتسامچۇ!
25 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يَا وَيْلَتَىٰ لَيْتَنِي لَمْ أَتَّخِذْ فُلَانًا خَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ[27ـ29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟
ئەنەس ئالىم: ۋاي ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىسامچۇ!
25 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ أَضَلَّنِي عَنِ الذِّكْرِ بَعْدَ إِذْ جَاءَنِي ۗ وَكَانَ الشَّيْطَانُ لِلْإِنْسَانِ خَذُولًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ[27ـ29].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى خار-زەبۇن قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ مېنى، ماڭا كەلگەن قۇرئاندىن يىراقلاشتۇردى». شەيتان ئىنساننى مانا مۇشۇنداق ياردەمسىز قويىدۇ.
25 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَكُلًّا ضَرَبْنَا لَهُ الْأَمْثَالَ ۖ وَكُلًّا تَبَّرْنَا تَتْبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ھەربىر قەۋمگە نۇرغۇن مىساللارنى بايان قىلدۇق، (ۋەز ـ نەسىھەت ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن) ھەربىر قەۋمنى ھالاك قىلدۇق[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەربىر قەۋمگە نۇرغۇن مىساللارنى بايان قىلدۇق ۋە ھەربىر قەۋمنى ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە مىساللارنى بايان قىلىپ ئاگاھلاندۇردۇق ۋە ھەممىسىنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتتۇق.
25 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ كَادَ لَيُضِلُّنَا عَنْ آلِهَتِنَا لَوْلَا أَنْ صَبَرْنَا عَلَيْهَا ۚ وَسَوْفَ يَعْلَمُونَ حِينَ يَرَوْنَ الْعَذَابَ مَنْ أَضَلُّ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سېنى كۆرسە پەقەت مەسخىرە قىلىۋېلىپ: «ئاللاھ پەيغەمبەرقىلىپ ئەۋەتكەن مۇشۇمۇ؟ ئەگەر دىنىمىزدا چىڭ تۇرمىساق (مۇھەممەد) بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتى» (دېدى). كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىدۇ[41 ـ 42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر دىنىمىزدا چىڭ تۇرمىساق ئۇ بىزنى ئىلاھلىرىمىزندىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتى» دېدى. كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ ئازغۇن يول ئىكەنلىكىنى ئۇلار پات - يېقىندا؛ ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرمىغان بولساق، بۇ بىزنى ئۇلاردىن چوقۇم ئايرىۋىتەتتى». ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغلىرىدا كىمنىڭ خاتا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.
25 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَانًا
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ.
25 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَا يَعْبَأُ بِكُمْ رَبِّي لَوْلَا دُعَاؤُكُمْ ۖ فَقَدْ كَذَّبْتُمْ فَسَوْفَ يَكُونُ لِزَامًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، پەرۋەردىگارىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ، (ئى كاپىرلار! پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدىڭلار، (ئاخىرەتتە) سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازابقا دۇچار بولۇسىلەر»[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، رەببىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ، -ئى كاپىرلار! سىلەر پەيغەمبەرنى- ئىنكار قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازابقا دۇچار بولۇسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، رەببىم سىلەرگە نېمە دەپ كۆڭۈل بۆلسۇن؟ سىلەر راستنى يالغان دېدىڭلار. بۇنىڭ جازاسىنى ئەلۋەتتە كۆرىسىلەر».
شۇئەرا سۈرىسى
22 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخْرَجْنَاهُمْ مِنْ جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق[57ـ58].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز ئولارنى باغلاردىن، بۇلاقلاردىن ئايرىۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: نەتىجىدە بىز ئۇلارنى باغلاردىن ۋە بۇلاقلاردىن چىقىرىۋەتتۇق.
26 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَكُنُوزٍ وَمَقَامٍ كَرِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق[57ـ58].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل ماقامدىن ئايرىۋەتتۇق.
26 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَغْرَقْنَا الْآخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئىككىنچى گۇرۇھنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمىنى) غەرق قىلدۇق[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئىككىنچى گۇرۇھنى غەرق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن باشقىلارنى غەرق قىلدۇق.
26 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا وَهُمْ فِيهَا يَخْتَصِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق[96ـ97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ:
ئەنەس ئالىم: ئۇلار دوزاختا بىر - بىرى بىلەن تالاش - تارتىش قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ:
26 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
تَاللَّهِ إِنْ كُنَّا لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق[96ـ97].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدە ئىكەنمىز.
26 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا صَدِيقٍ حَمِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ۋە يېقىن دوستمۇ يوق[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە يېقىن دوستمۇ يوق
ئەنەس ئالىم: سەمىمىي دوستىمىزمۇ يوق.
26 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىزگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، بىز مۆمىنلەردىن بولاتتۇق»[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىزگە دۇنياغا قايتىشقا بولسا ئىدى، بىز مۇئمىنلاردىن بولاتتۇق»
ئەنەس ئالىم: كاشكى دۇنياغا قايتىپ مۇئمىنلاردىن بولساقچۇ!».
26 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَغْرَقْنَا بَعْدُ الْبَاقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن) كېيىن ئاندىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن كېيىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق.
26 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن»[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقۇۋاتىمەن».
26 : 139 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَأَهْلَكْنَاهُمْ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇنى (يەنى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى بىز ھالاك قىلدۇق، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى[139].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھۇدنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
ئەنەس ئالىم: دېمەك، ئۇلار ھۇدنى يالغانچى دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى.
26 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابُ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا سىلەر بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇسىلەر»[156].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا سىلەر بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا سىلەرگە بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشىدۇ».
26 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَقَرُوهَا فَأَصْبَحُوا نَادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نادامەتكە قالدى[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمما ئۇلار ئۇ چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نادامەتكە قالدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بۇنىڭغا قارىماي ئۇ تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى، ئارقىسىدىنلا پۇشايمان قىلدى.
26 : 158 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذَهُمُ الْعَذَابُ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئازاب چۈشتى، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى[158].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئازاب چۈشتى، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئازاب چۈشتى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى.
26 : 171 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا عَجُوزًا فِي الْغَابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت موماينى (يەنى لۇتنىڭ ئايالىنى قالدۇرۇپ قويۇپ) ھالاك قىلدۇق[171].
تەرجىمە ھەيئىتى: موماي مۇستەسنا. ئۇنى ھالاك بولغۇچىلار ئىچىدە قالدۇرۇپ قويدۇق
ئەنەس ئالىم: ھالاك بولغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا قالغان موماي بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
26 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ دَمَّرْنَا الْآخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق[172].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن باشقىلارنى ھالاك قىلدۇق.
26 : 173 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ مَطَرًا ۖ فَسَاءَ مَطَرُ الْمُنْذَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان![173].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر ياغدۇردۇق، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر تۈرلۈك يامغۇر ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ يامغۇرى نېمىدېگەن يامان!
26 : 189 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمْ عَذَابُ يَوْمِ الظُّلَّةِ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى سايە كۈنىنىڭ ئازابى ھالاك قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى ئىدى[189].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى سايە كۈنىنىڭ ئازابى ھالاك قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى ئىدى
ئەنەس ئالىم: دېمەك، ئۇلار شۇئەيبنى يالغانچى دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سايە كۈنىنىڭ ئازابى تۇتتى. ئۇ ھەقىقەتەن چوڭ كۈننىڭ ئازابى ئىدى4.
26 : 201 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يُؤْمِنُونَ بِهِ حَتَّىٰ يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئاللاھنىڭ) قاتتىق ئازابىنى كۆرمىگۈچە قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ[201].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمما ئۇلار قاتتىق ئازابنى كۆرمىگىچە قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قۇرئانغا ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىشەنمەيدۇ.
26 : 202 - ئايەت
كۆرۈش
فَيَأْتِيَهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ (كەلگەنلىكىنى) تۇيماي قالىدۇ[202].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمما ئۇ ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ-كەلگەنلىكىنى- تۇيماي قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ. ئۇلار تۇيماي قالىدۇ.
26 : 203 - ئايەت
كۆرۈش
فَيَقُولُوا هَلْ نَحْنُ مُنْظَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا تۇيۇقسىز ئازاب كەلگەندە) ئۇلار: «بىزگە (ئىمان ئېيتىۋېلىش ئۈچۈن) مۆھلەت بېرىلەمدۇ؟» دەيدۇ[203].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىزگە مۆھلەت بېرىلەمدۇ؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئۇلار: «بىزگە مۆھلەت بېرىلەمدۇ؟» دەيدۇ.
26 : 204 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَبِعَذَابِنَا يَسْتَعْجِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ بۇرۇنراق كېلىشىنى تىلەمدۇ؟[204]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ بۇرۇنراق كېلىشىنى تىلەمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئازابىمىزنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟
26 : 213 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا تَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَتَكُونَ مِنَ الْمُعَذَّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھقا ئىبادەت قىلمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ، ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن[213].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھقا ئىبادەت قىلمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ، ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇنداقتا ئاللاھقا قوشۇپ باشقا ئىلاھقا دۇئا قىلمىغىن! بولمىسا ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولىسەن.
نەمىل سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَهُمْ سُوءُ الْعَذَابِ وَهُمْ فِي الْآخِرَةِ هُمُ الْأَخْسَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (دۇنيادا) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاخىرەتتە ئۇلار ئەڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار -دۇنيادا- قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاخىرەتتە بولسا ئۇلار ئەڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئەڭ يامان ئازابقا دۇچار بولىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئاخىرەتتىمۇ ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
27 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَحَدُوا بِهَا وَاسْتَيْقَنَتْهَا أَنْفُسُهُمْ ظُلْمًا وَعُلُوًّا ۚ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن تاندى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىچىدە ئۇ مۆجىزىلەرگە قەتئىي ئىشىنىپ تۇرۇپ، زالىملىقىدىن ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلىقىدىن ئۇلارنى ئىنكار قىلدى. قارىغىنا، ئۇ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى.
27 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ مَكْرِهِمْ أَنَّا دَمَّرْنَاهُمْ وَقَوْمَهُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنكى، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنكى، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: قارىغىنا! ئۇلارنىڭ پىلانىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ بىز ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق.
27 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَتِلْكَ بُيُوتُهُمْ خَاوِيَةً بِمَا ظَلَمُوا ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەنە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى (ئادەمزاتتىن) خالىي بولۇپ قالدى. ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا (چوڭ) ئىبرەت بار[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەنە ئۇلارنىڭ چۆكۈپ كەتكەن ئۆيلىرى. بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئىبرەت بار
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ، زالىملىقلىرى تۈپەيلىدىن خارابىگە ئايلانغان ئۆيلىرى. بۇنىڭدا بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن چوقۇم ئايەت بار.
27 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ مَطَرًا ۖ فَسَاءَ مَطَرُ الْمُنْذَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان![58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر تۈرلۈك يامغۇر ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!
27 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ عَسَىٰ أَنْ يَكُونَ رَدِفَ لَكُمْ بَعْضُ الَّذِي تَسْتَعْجِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «سىلەر ئالدىراپ كەتكەن ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە يېقىنلاشقان بولۇشى مۇمكىن» دېگىن [72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەر ئالدىراپ كەتكەن ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە يېقىنلاشقان بولۇشى مۇمكىن»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئازابنىڭ ئۈستۈڭلارغا كېلىشى يېقىندۇر».
27 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَقَعَ الْقَوْلُ عَلَيْهِمْ بِمَا ظَلَمُوا فَهُمْ لَا يَنْطِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئازاب ھەقلىق بولدى. ئۇلار (ئۆزرىلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن) سۆز قىلالمايدۇ[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ئازاب ھەقلىق بولدى. ئاندىن ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتىلغان سۆز ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كەلدى، چۈنكى ئۇلار زۇلۇم قىلغان ئىدى. بۇندىن ئېتىبارەن ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ.
27 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ خَيْرٌ مِنْهَا وَهُمْ مِنْ فَزَعٍ يَوْمَئِذٍ آمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى ئىش قىلغانلار قىلغان ياخشىلىقىدىن ئوبدانراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئۇلار بۇ كۈندە قورقۇنچتىن ئەمىن بولىدۇ[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى ئىش قىلغانلار، قىلغان ياخشىلىقىدىن ئوبدانراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئۇلار بۇ كۈندە قورقۇنجىدىن ئەمىن بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇ تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىدۇ ۋە ئۇ كۈنى ھېچ قورقمايدۇ.
27 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَكُبَّتْ وُجُوهُهُمْ فِي النَّارِ هَلْ تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يامان ئىش قىلغانلار دوزاخقا يۈزى بىلەن تاشلىنىدۇ، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر ياكى مۇكاپاتلىنىسىلەر[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: يامان ئىش قىلغانلار دوزاخقا يۈزى بىلەن تاشلىنىدۇ، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر
ئەنەس ئالىم: كىم يامانلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇلار يۈزلىرى بىلەن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئۇلارغا: «پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلار بىلەنلا جازالاندۇرۇلىسىلەر ئەمەسمۇ!» دېيىلىدۇ.
قەسەس سۈرىسى
13 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُ وَاسْتَوَىٰ آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۆسۈپ يېتىلگەندە، ئەقلى توشقاندا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، بىز ياخشىلارغا مۇشۇنداق مۇكاپات بېرىمىز[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۆسۈپ يېتىلگەندە، ئەقلى توشقاندا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، بىز ياخشىلارغا مۇشۇنداق مۇكاپات بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: مۇسا قىرانلىق دەۋرىگە يېتىپ ئەقلىگە تولغاندا، بىز ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
28 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذْنَاهُ وَجُنُودَهُ فَنَبَذْنَاهُمْ فِي الْيَمِّ ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتۇق (يەنى ئۇلارنى دېڭىزدا غەرق قىلىۋەتتۇق، ئۇلاردىن بىر ئادەممۇ ساق قالغىنى يوق). (ئى مۇھەممەد!) زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىغىن[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق؛ ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتۇق، ئۇنداقتا زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا ئاتتۇق. قارىغىنا، ئۇ زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
28 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَتْبَعْنَاهُمْ فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا لَعْنَةً ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ هُمْ مِنَ الْمَقْبُوحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەتنى ئەگەشتۈردۇق (يەنى ئۇلارغا بۇ دۇنيادا ئاللاھ، پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر لەنەت ئوقۇيدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغۇچىلاردۇر[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەتنى ئەگەشتۈردۇق، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت ئەگەشتۈردۇق. ئۇلار قىيامەت كۈنى يىرگىنچلىك ھالەتكە كەلتۈرۈلىدىغانلاردىن بولىدۇ.
28 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ يُؤْتَوْنَ أَجْرَهُمْ مَرَّتَيْنِ بِمَا صَبَرُوا وَيَدْرَءُونَ بِالْحَسَنَةِ السَّيِّئَةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ قىلغان سەۋر ـ تاقىتى ئۈچۈن ئۇلارغا قوش ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى دەپئى قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ قىلغان سەۋر ـ تاقىتى ئۈچۈن ئۇلارغا قوش ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى دەپئى قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلارغا، سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەجىرلىرى ئىككى قېتىم بېرىلىدۇ. ئۇلار يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلىدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدۇ.
28 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَرْيَةٍ بَطِرَتْ مَعِيشَتَهَا ۖ فَتِلْكَ مَسَاكِنُهُمْ لَمْ تُسْكَنْ مِنْ بَعْدِهِمْ إِلَّا قَلِيلًا ۖ وَكُنَّا نَحْنُ الْوَارِثِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز نۇرغۇن شەھەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى كەيىپ ـ ساپالىق تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدۇر، ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن (ئۇ جايلاردا) ئازغىنا ۋاقىتتىن تاشقىرى ئادەم تۇرغان ئەمەس، ئۇلار (نىڭ مال ـ مۈلكى ۋە يۇرتىغا) بىز ۋارىسلىق قىلدۇق[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز نۇرغۇن شەھەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى كەيىپ ـ ساپالىق تۇرمۇش كۆچۈرەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدۇر، ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن ئازغىنا ۋاقىتتىن تاشقىرى ئادەم تۇرغان ئەمەس، ئۇلارغا بىز ۋارىسلىق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئاھالىسى باياشاتچىلىق ئىچىدە كەيپ - ساپا سۈرگەن نۇرغۇن يۇرتلارنى ھالاك قىلدۇق. ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ ماكانلىرى! ئۇلاردىن كېيىن ئۇ يەرلەرنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ھېچكىمگە قارارگاھ بولمىدى. ئۇلارغا بىز ۋارىس بولدۇق.
28 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أُوتِيتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَمَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَزِينَتُهَا ۚ وَمَا عِنْدَ اللَّهِ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە قانداق نەرسە بېرىلمىسۇن، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەڭ ياخشىدۇر، ئەڭ باقىيدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟[60]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە قانداق نەرسە بېرىلمىسۇن، دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب بولسا ئەڭ ياخشىدۇر، ئەڭ باقىيدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە بېرىلگەن ھەر نەرسە، بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتى ۋە زىننىتىدۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى نەرسە ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
28 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ وَعَدْنَاهُ وَعْدًا حَسَنًا فَهُوَ لَاقِيهِ كَمَنْ مَتَّعْنَاهُ مَتَاعَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ثُمَّ هُوَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ مِنَ الْمُحْضَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ياخشى ۋەدىنى قىلغان (يەنى جەننەتنى ۋەدە قىلغان) ئادەم ئۇنى تاپىدۇ، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر بىلەن بىز پايدىلاندۇرغان، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئازابقا دۇچار بولغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟[61]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ياخشى ۋەدىنى قىلغان ئاندىن ئۇنى تاپقان ئادەم بىلەن دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردىن بىز پايدىلاندۇرغان، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئازابقا دۇچار بولغان ئادەم ئوخشاشمۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىز ۋەدە قىلغان گۈزەل نېمەتكە ئېرىشىدىغان كىشى، بىز بۇ دۇنيا ھاياتىدا پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردىن پايدىلاندۇرغان، ئاندىن قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزغا ئازاب ئۈچۈن تۇتۇپ كەلتۈرۈلىدىغانلاردىن بولىدىغان كىشى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟
28 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
وَقِيلَ ادْعُوا شُرَكَاءَكُمْ فَدَعَوْهُمْ فَلَمْ يَسْتَجِيبُوا لَهُمْ وَرَأَوُا الْعَذَابَ ۚ لَوْ أَنَّهُمْ كَانُوا يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا: «شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار» دېيىلگەن ھامان، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىنى چاقىرىدۇ، ئۇلاردىن جاۋاب كەلمەيدۇ، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، (كاپىر بولغانلىقلىرىغا نادامەت قىلىپ) (دۇنيادىكى ۋاقتىدا) ھىدايەت تاپقان بولۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىدۇ[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار» دېيىلگەن ھامان، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىنى چاقىرىدۇ، لېكىن ئۇلاردىن جاۋاب كەلمەيدۇ، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ھىدايەت تاپقان بولۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىڭلار» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىنى ياردەمگە چاقىرىدۇ. لېكىن ئۇ مەبۇدلار ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرالمايدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرىدۇ ۋە: «كاشكى، دۇنيادا ھىدايەت ئۈستىدە بولغان بولساقچۇ!» دەپ پۇشايمان قىلىدۇ.
28 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا مَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَعَسَىٰ أَنْ يَكُونَ مِنَ الْمُفْلِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى ئۈمىدلىكتۇر[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى ئۈمىدلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: تەۋبە قىلغان ۋە ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغان كىشىگە كەلسەك، ئۇ مۇرادىغا يەتكۈچىلەردىن بولۇشى مۇمكىن.
28 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّمَا أُوتِيتُهُ عَلَىٰ عِلْمٍ عِنْدِي ۚ أَوَلَمْ يَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ قَدْ أَهْلَكَ مِنْ قَبْلِهِ مِنَ الْقُرُونِ مَنْ هُوَ أَشَدُّ مِنْهُ قُوَّةً وَأَكْثَرُ جَمْعًا ۚ وَلَا يُسْأَلُ عَنْ ذُنُوبِهِمُ الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قارۇن: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېدى. قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان (مېلى) تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى ئۇ بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ سورىلىشى (ئاللاھ بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن) ھاجەتسىزدۇر[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارۇن: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېدى. قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان پۇل-مېلى تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى ئۇ بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلار گۇناھلىرىدىن سورالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: قارۇن: «مەن بۇ بايلىققا ئۆزۈمنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بىلەن ئېرىشتىم» دېدى. قارۇن بىلمەمدۇكى، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭدىن كۈچلۈك ۋە باي نەسىللەرنى ھالاك قىلغان. گۇناھكارلار گۇناھلىرى توغرۇلۇق سورالمايدۇ.
28 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ وَيْلَكُمْ ثَوَابُ اللَّهِ خَيْرٌ لِمَنْ آمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا وَلَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الصَّابِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلىملىك كىشىلەر: «ۋاي سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ساۋابى ياخشىدۇر. ئۇ ساۋاب پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغىلا بېرىلىدۇ» دېدى[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلىملىك كىشىلەر: «ۋاي سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ساۋابى ياخشىدۇر. ئۇ ساۋاب پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغىلا بېرىلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەر مۇنداق دېدى: «ئىسىت سىلەرگە! ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى ياخشىدۇر. بۇنىڭغا پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارلا ئېرىشەلەيدۇ».
28 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
فَخَسَفْنَا بِهِ وَبِدَارِهِ الْأَرْضَ فَمَا كَانَ لَهُ مِنْ فِئَةٍ يَنْصُرُونَهُ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُنْتَصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قارۇننى ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلىدىغان بىر جامائە بولمىدى. قارۇن ئۆزىنى قوغدىيالمىدى[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارۇننى ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلىدىغان بىر جامائە بولمىدى. قارۇن ئۆزىنى قوغدىيالمىدى
ئەنەس ئالىم: ئاخىرىدا بىز قارۇننى پۈتۈن ئۆي - جايلىرى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاللاھقا قارشى ياردەم بېرىدىغان جامائەسىمۇ بولمىدى. ئۇ ئۆزىگە ئۆزى ياردەم قىلغۇچىلاردىنمۇ بولمىدى.
28 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ خَيْرٌ مِنْهَا ۖ وَمَنْ جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَلَا يُجْزَى الَّذِينَ عَمِلُوا السَّيِّئَاتِ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ياخشى ئىش قىلغان ئىكەن، ئۇ قىلغان ئىشلىرىدىنمۇ ياخشى مۇكاپاتقا (يەنى قىلغان ياخشىلىقىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا) ئېرىشىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، يامان ئىش قىلغانلارغا پەقەت قىلغان ئىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ياخشى ئىش قىلغان ئىكەن، ئۇ قىلغان ئىشلىرىدىن ياخشىراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، يامان ئىش قىلغانلارغا پەقەت قىلغان ئىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلسە تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىدۇ. كىم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يامانلىقنى ئېلىپ كەلسە، ئۇ يامانلىقلارنى قىلغانلار پەقەت ئۆز قىلمىشىنىڭلا جازاسىنى كۆرىدۇ.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
13 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَنُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَحْسَنَ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىمىز، ئۇلارنى ئەلۋەتتە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن مۇكاپاتلايمىز[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۆگەيمىز، ئۇلارنى ئەلۋەتتە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىمىز، ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن مۇكاپاتلايمىز.
29 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَيَحْمِلُنَّ أَثْقَالَهُمْ وَأَثْقَالًا مَعَ أَثْقَالِهِمْ ۖ وَلَيُسْأَلُنَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَمَّا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقا يۈكلەرنى (يەنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئازدۇرغانلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى) ئۈستىگە ئالىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان يالغان سۆزلىرى ئۈچۈن سوراققا تارتىلىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقا يۈكلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان يالغان سۆزلىرى ئۈچۈن سوراققا تارتىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر يۈكلىرى بىلەن بىرلىكتە باشقا نۇرغۇن ئېغىر يۈكلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئويدۇرغان بوھتانلىرى توغرۇلۇق قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىدۇ.
29 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَلَبِثَ فِيهِمْ أَلْفَ سَنَةٍ إِلَّا خَمْسِينَ عَامًا فَأَخَذَهُمُ الطُّوفَانُ وَهُمْ ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، نۇھ (قەۋمىنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىپ) ئۇلارنىڭ ئىچىدە 50 يىل كەم 1000 يىل تۇردى (نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بۇتپەرەس بولۇپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە چىنپۈتمىدى). ئۇلار زالىم بولغانلىقلىرى (يەنى كۇفرىدا ۋە گۇمراھلىقتا چىڭ تۇرۇپ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى توپان (بالاسى) بىلەن ھالاك قىلدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە 50 يىل كەم 1000 يىل تۇردى. كېيىن زۇلۇم قىلىۋاتقان ئۇ قەۋمنى توپان ھالاك قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەللىك يىل كەم مىڭ يىل تۇردى2. ئاندىن ئۇلارنى توپان ھالاك قىلدى. ئۇلار بۇ ئەسنادا زۇلۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.
29 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ اللَّهِ وَلِقَائِهِ أُولَٰئِكَ يَئِسُوا مِنْ رَحْمَتِي وَأُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى ئاخىرەتنى) ئىنكار قىلغانلار -ئەنە شۇلار مېنىڭ رەھمىتىمدىن نائۈمىد بولدى. ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغانلار بارغۇ، ئەنە شۇلار مېنىڭ رەھمىتىمدىن نائۈمىد بولدى. ئەنە شۇلار ئۈچۈن دەرتلىك ئازاب باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغانلار رەھمىتىمدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەردۇر. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
29 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا اقْتُلُوهُ أَوْ حَرِّقُوهُ فَأَنْجَاهُ اللَّهُ مِنَ النَّارِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار!» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى. ئاللاھ ئۇنى ئوتتىن قۇتۇلدۇردى (ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتقا تاشلىغاندا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئوتنى سۈرۈن ۋە ئامان جاي قىلىپ بەردى). ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار!» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى ئوتتىن قۇتۇلدۇردى. ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: قەۋمىنىڭ ئىبراھىمغا بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار». لېكىن ئاللاھ ئىبراھىمنى ئوتتىن قۇتقۇزدى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
29 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
أَئِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الرِّجَالَ وَتَقْطَعُونَ السَّبِيلَ وَتَأْتُونَ فِي نَادِيكُمُ الْمُنْكَرَ ۖ فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا ائْتِنَا بِعَذَابِ اللَّهِ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ھەقىقەتەن لىۋاتە قىلامسىلەر؟ يوللارنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلامسىلەر؟ سورۇنلىرىڭلاردا ئوپئوچۇق يامان ئىشلارنى قىلىۋېرەمسىلەر؟» ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئەلەر بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ، يوللارنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلامسىلەر؟ سورۇنلىرىڭلاردا ئوپئوچۇق يامان ئىشلارنى قىلىۋېرەمسىلەر؟ » ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئەرلەر بىلەن بىر يەردە بولۇۋاتىسىلەر، نەسىلنىڭ يولىنى ئۈزۈۋاتىسىلەر، سورۇنلىرىڭلاردا يامان ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر، شۇنداق ئەمەسمۇ!» شۇنىڭ بىلەن قەۋمىنىڭ لۇتقا بەرگەن بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن!».
29 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَتْ رُسُلُنَا إِبْرَاهِيمَ بِالْبُشْرَىٰ قَالُوا إِنَّا مُهْلِكُو أَهْلِ هَٰذِهِ الْقَرْيَةِ ۖ إِنَّ أَهْلَهَا كَانُوا ظَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلەر) ئىبراھىمغا (پەرزەنت بېرىلىشتىن ئىبارەت) خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز بۇ شەھەر ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز، ئۇنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم ئىدى» دېدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلچىلىرىمىز ئىبراھىمغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز بۇ شەھەر ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز، ئۇنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم ئىدى» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەلچىلىرىمىز ئىبراھىمغا خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا: «بىز شۇ يۇرت ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز. چۈنكى ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم بولدى» دېدى.
29 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا مُنْزِلُونَ عَلَىٰ أَهْلِ هَٰذِهِ الْقَرْيَةِ رِجْزًا مِنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىز چوقۇم ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرىمىز[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىز چوقۇم ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز شۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئۈستىگە ئاسماندىن پاسكىنىلىق چۈشۈرىمىز. چۈنكى ئۇلار فاسىق بولدى».
29 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قېلىشتى[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قېلىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇئەيبنى يالغانچى دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.
29 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
فَكُلًّا أَخَذْنَا بِذَنْبِهِ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِ حَاصِبًا وَمِنْهُمْ مَنْ أَخَذَتْهُ الصَّيْحَةُ وَمِنْهُمْ مَنْ خَسَفْنَا بِهِ الْأَرْضَ وَمِنْهُمْ مَنْ أَغْرَقْنَا ۚ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ گۇناھكارلارنىڭ) ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق ئاۋاز ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (مال ـ مۈلكى بىلەن قوشۇپ) يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق، ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق تاۋۇش ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى سۇدا غەرق قىلدۇق، ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ئۆز گۇناھى سەۋەبىدىن جازالىدۇق: ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاشلار ياغدۇرىدىغان قاتتىق بوران ئەۋەتتۇق، بەزىسىنى قاتتىق ئاۋاز ھالاك قىلدى، بەزىسىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق، بەزىسىنى غەرق قىلدۇق. ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى.
29 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ ۚ وَلَوْلَا أَجَلٌ مُسَمًّى لَجَاءَهُمُ الْعَذَابُ وَلَيَأْتِيَنَّهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ چاپسان كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ) مۇئەييەن ۋاقتىنى بەلگىلىمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارغا ئازاب ئەلۋەتتە (ئۇلار تەلەپ قىلغان ۋاقىتتىلا) كېلەتتى، ئۇلارغا ئازاب چوقۇم ئۇلار خەۋەرسىز ھالەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ چاپسان كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ مۇئەييەن ۋاقتىنى بەلگىلىمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارغا ئازاب ئەلۋەتتە ئۇلار تەلەپ قىلغان ۋاقىتتىلا كېلەتتى، ئۇلارغا ئازاب چوقۇم ئۇلار خەۋەرسىز ھالەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن ئەجەل بولمىسا ئىدى، ئازاب ئۇلارغا ئەلۋەتتە كەلگەن بولاتتى. ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ. ئۇلار تۇيماي قالىدۇ.
29 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةٌ بِالْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شەك ـ شۈبھىسىزكى، جەھەننەم (قىيامەت كۈنى) كاپىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شەك ـ شۈبھىسىزكى، جەھەننەم كاپىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنداق، ئۇلار سەندىن باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار شۇنى بىلىپ قويسۇنكى، جەھەننەم كافىرلارنى قورشاپ تۇرماقتىدۇر.
29 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَغْشَاهُمُ الْعَذَابُ مِنْ فَوْقِهِمْ وَمِنْ تَحْتِ أَرْجُلِهِمْ وَيَقُولُ ذُوقُوا مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن، ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «(دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ) جازاسىنى تېتىڭلار» دەيدۇ[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن، ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرىنىڭ ئاستىلىرىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «قىلمىشلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار!» دەيدۇ.
رۇم سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ كَانَ عَاقِبَةَ الَّذِينَ أَسَاءُوا السُّوأَىٰ أَنْ كَذَّبُوا بِآيَاتِ اللَّهِ وَكَانُوا بِهَا يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن يامان ئىش قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەڭ يامان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە مەسخىرە قىلغان كىشىلەردۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن يامان ئىش قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەڭ يامان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاندىن يامانلىق قىلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتى بەك يامان بولدى. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ۋە مەسخىرە قىلغان ئىدى.
30 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَهُمْ فِي رَوْضَةٍ يُحْبَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار باغچىدا (يەنى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدا) يايرىتىلىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار باغچىدا يايرىتىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار باغچىدا كۈتۈلىدۇ.
30 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا آتَيْتُمْ مِنْ رِبًا لِيَرْبُوَ فِي أَمْوَالِ النَّاسِ فَلَا يَرْبُو عِنْدَ اللَّهِ ۖ وَمَا آتَيْتُمْ مِنْ زَكَاةٍ تُرِيدُونَ وَجْهَ اللَّهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُضْعِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر كىشىلەرنىڭ پۇل ـ مېلى ئىچىدە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بىرەر پۇل ـ مال بەرسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئۆسمەيدۇ (يەنى كىشىلەر بەرگىنىمدىن جىقراق قايتۇرسۇن دېگەن نىيەت بىلەن بېرىلگەن سوۋغىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ساۋابى بولمايدۇ)، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن سەدىقەڭلار (ياكى ئېھسانىڭلار) غا ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ پۇل ـ مېلى ئىچىدە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن سىلەر بەرگەن ئۆسۈم، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۆسمەيدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن سەدىقەڭلارغا ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە ئۆسسۇن دەپ جازانىگە بەرگەن نەرسەڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆسمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن زاكىتىڭلار ئۇنداق ئەمەس. زاكات بەرگەنلەر قاتمۇقات كۆپەيتكۈچىلەردۇر.
30 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
ظَهَرَ الْفَسَادُ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ بِمَا كَسَبَتْ أَيْدِي النَّاسِ لِيُذِيقَهُمْ بَعْضَ الَّذِي عَمِلُوا لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈزبەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ (جازاسىنى) ئۇلارغا تېتىتتى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئۆز قوللىرى بىلەن قىلغان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈزبەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ جازاسىنى ئۇلارغا تېتىتتى
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدى.
30 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَجْزِيَ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ مِنْ فَضْلِهِ ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مەرھەمىتىدىن مۇكاپاتلايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلارنى دوست تۇتمايدۇ[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مەرھەمىتىدىن مۇكاپاتلايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ، ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئۆز پەزلىدىن مۇكاپاتلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كافىرلارنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.
لوقمان سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًا ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئەنە شۇلار خور قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئەنە شۇلار خور قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزنى سېتىۋالىدۇ. ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
31 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ آيَاتُنَا وَلَّىٰ مُسْتَكْبِرًا كَأَنْ لَمْ يَسْمَعْهَا كَأَنَّ فِي أُذُنَيْهِ وَقْرًا ۖ فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) ئوقۇپ بېرىلسە، گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئىككى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئىككى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك تەكەببۇرلۇق بىلەن يۈز ئۆرۈيدۇ، -ئى مۇھەممەد!- ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا تەكەببۇرلۇق قىلىپ يۈز ئۆرۈيدۇ، گويا ئۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك، گويا ئىككى قۇلىقىدا ئېغىرلىق باردەك ئىش قىلىدۇ. سەن ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
31 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
نُمَتِّعُهُمْ قَلِيلًا ثُمَّ نَضْطَرُّهُمْ إِلَىٰ عَذَابٍ غَلِيظٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى (دۇنيادىن) ئازغىنا (مۇددەت) بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلارنى قاتتىق ئازابنى (تېتىشقا) مەجبۇرلايمىز[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى -دۇنيادىن- ئازغىنا بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلارنى قاتتىق ئازابقا مەجبۇرلايمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى ئازغىنە بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن دەھشەتلىك ئازابقا ھەيدەيمىز.
سەجدە سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ تَرَىٰ إِذِ الْمُجْرِمُونَ نَاكِسُو رُءُوسِهِمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ رَبَّنَا أَبْصَرْنَا وَسَمِعْنَا فَارْجِعْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا إِنَّا مُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدىغان بولساڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) كۆردۇق، ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن (دۇنياغا) قايتۇرغىن، بىز (ئەمدى) ھەقىقەتەن (سېنىڭ ۋەدەڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىشەنگۈچىلەرمىز»[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن گۇناھكارلارنىڭ رەببىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردىغان بولساڭ، ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز! -ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى- كۆردۇق ۋە ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن قايتۇرغىن، بىز ئەمدى ھەقىقەتەن ئىشەنگۈچىلەرمىز»
ئەنەس ئالىم: گۇناھكارلارنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ: «رەببىمىز! كۆردۇق، ئاڭلىدۇق، بىزنى دۇنياغا قايتۇرغىن، ياخشى ئەمەل قىلايلى. شۈبھىسىزكى، بىز جەزمەن ئىشەنگۈچىلەرمىز» دېگەن چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرگەن بولساڭچۇ!
32 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
فَذُوقُوا بِمَا نَسِيتُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا إِنَّا نَسِينَاكُمْ ۖ وَذُوقُوا عَذَابَ الْخُلْدِ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئەھلى دوزاخقا ئېيتىلىدۇ:) «مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭلار ئۈچۈن (بۇ خورلىغۇچى ئازابنى) تېتىڭلار، بىز (مۇ) ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنتۇدۇق، قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار»[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئەھلى دوزاخقا ئېيتىلىدۇكى-: «مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭلار ئۈچۈن -بۇ خورلىغۇچى ئازابنى- تېتىڭلار، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنتۇدۇق، قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارغا: «تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر بۇ كۈنۈڭلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇدۇڭلار، بىزمۇ سىلەرنى ئۇنتۇدۇق. قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن ئەبەدىي ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.
32 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا تَعْلَمُ نَفْسٌ مَا أُخْفِيَ لَهُمْ مِنْ قُرَّةِ أَعْيُنٍ جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۈچۈن مەخپىي ساقلانغان خۇشال قىلغۇچى نېمەتلەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇ نېمەتلەر ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر.
32 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَلَهُمْ جَنَّاتُ الْمَأْوَىٰ نُزُلًا بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قارارگاھى جەننەت بولىدۇ، (ئۇ) ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان جايدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قارارگاھى جەننەت بولىدۇ، ئۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن ئۇلا رئۈچۈن تەييارلانغان جايدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مەئۋا جەننەتلىرى بار. ئۇلار ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ جەننەتلەردە كۈتۈلىدۇ.
32 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا الَّذِينَ فَسَقُوا فَمَأْوَاهُمُ النَّارُ ۖ كُلَّمَا أَرَادُوا أَنْ يَخْرُجُوا مِنْهَا أُعِيدُوا فِيهَا وَقِيلَ لَهُمْ ذُوقُوا عَذَابَ النَّارِ الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تُكَذِّبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، ھەر قاچان ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ. ئۇلارغا: «سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، ھەر قاچان ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ. ئۇلارغا: «سىلەر يالغانغا چىقىرىپ كەلگەن دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: فاسىق بولغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاختۇر. ئۇلار قاچان دوزاختىن چىقماقچى بولسا كەينىگە قايتۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار! ئۇ سىلەر ئۆز ۋاقتىدا يالغان دېگەن ئازابتۇر».
32 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنُذِيقَنَّهُمْ مِنَ الْعَذَابِ الْأَدْنَىٰ دُونَ الْعَذَابِ الْأَكْبَرِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا چوقۇم ئەڭ چوڭ ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئىلگىرى ئەڭ يېقىنقى ئازاب (يەنى دۇنيا ئازابى) نى تېتىتىمىز[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا چوقۇم ئەڭ چوڭ ئازاب -ئاخىرەت ئازاب-ىدىن ئىلگىرى ئەڭ يېقىنقى ئازابنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا ئەڭ چوڭ ئازابتىن بۇرۇن ئەڭ يېقىن ئازابنى تېتىتىمىز، ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ شۇنداق قىلىمىز.
32 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ ذُكِّرَ بِآيَاتِ رَبِّهِ ثُمَّ أَعْرَضَ عَنْهَا ۚ إِنَّا مِنَ الْمُجْرِمِينَ مُنْتَقِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز گۇناھكارلارنى چوقۇم جازالايمىز[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز گۇناھكارلارنى چوقۇم جازالايمىز
ئەنەس ئالىم: رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز گۇناھكارلاردىن ئەلۋەتتە ئىنتىقام ئالىمىز!
ئەھزاب سۈرىسى
13 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَسْأَلَ الصَّادِقِينَ عَنْ صِدْقِهِمْ ۚ وَأَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) راستچىللاردىن راستچىللىقى توغرۇلۇق سورايدۇ (يەنى پەيغەمبەرلەردىن پەيغەمبەرلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى سورايدۇ)، ئاللاھ كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ راستچىللاردىن راستچىللىقى توغرۇلۇق سورايدۇ، ئاللاھ كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بۇنى راستچىللاردىن راستچىللىقى توغرۇلۇق سوراش ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدى.
33 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَجْزِيَ اللَّهُ الصَّادِقِينَ بِصِدْقِهِمْ وَيُعَذِّبَ الْمُنَافِقِينَ إِنْ شَاءَ أَوْ يَتُوبَ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ راستچىللارغا راستچىللىقى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە ئەڭ ياخشى) مۇكاپات بېرىدۇ، مۇناپىقلارنى ئەگەر خالىسا ئازابلايدۇ، يا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ راستچىللارغا راستچىللىقى ئۈچۈن مۇكاپات بېرىدۇ، مۇناپىقلارنى خالىسا ئازابلايدۇ ياكى ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ ئاللاھنىڭ راستچىللارغا راستچىللىقىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىشى، مۇنافىقلارنى خالىسا ئازابلىشى ياكى ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
33 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كُنْتُنَّ تُرِدْنَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَالدَّارَ الْآخِرَةَ فَإِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْمُحْسِنَاتِ مِنْكُنَّ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى (يەنى كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نازۇنېمەتلەر بار جەننەتنى) تەييار قىلدى»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر ئاللاھ نى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى تەييار قىلدى»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەردىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا كاتتا ئەجىر تەييارلىدى».
33 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ مَنْ يَأْتِ مِنْكُنَّ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ يُضَاعَفْ لَهَا الْعَذَابُ ضِعْفَيْنِ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! ئىچىڭلاردىن كىمكى ئاشكارا قەبىھ ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! ئىچىڭلاردىن كىمكى ئاشكارا قەبىھ ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىينىڭ ئاياللىرى! سىلەردىن كىم ئاشكارا پاھىشە قىلسا، ئۇنىڭ ئازابى ئىككى ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ. بۇ ئاللاھقا بەك ئاساندۇر.
33 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَقْنُتْ مِنْكُنَّ لِلَّهِ وَرَسُولِهِ وَتَعْمَلْ صَالِحًا نُؤْتِهَا أَجْرَهَا مَرَّتَيْنِ وَأَعْتَدْنَا لَهَا رِزْقًا كَرِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ساۋابنى ئىككى قاتلاپ بېرىمىز، ئۇنىڭغا (جەننەتتە) ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ساۋابنى ئىككى قاتلاپ بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا ئەجرىنى ئىككى قېتىم بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق.
33 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ وَالْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَالْقَانِتِينَ وَالْقَانِتَاتِ وَالصَّادِقِينَ وَالصَّادِقَاتِ وَالصَّابِرِينَ وَالصَّابِرَاتِ وَالْخَاشِعِينَ وَالْخَاشِعَاتِ وَالْمُتَصَدِّقِينَ وَالْمُتَصَدِّقَاتِ وَالصَّائِمِينَ وَالصَّائِمَاتِ وَالْحَافِظِينَ فُرُوجَهُمْ وَالْحَافِظَاتِ وَالذَّاكِرِينَ اللَّهَ كَثِيرًا وَالذَّاكِرَاتِ أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ مَغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا، تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھتىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھتىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھ نى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھ نى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا، ئىتائەتچان ئەرلەر ۋە ئىتائەتچان ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋرچان ئەرلەر ۋە سەۋرچان ئاياللارغا، ئاللاھقا ئېھتىرام قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام قىلغۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، ئىپپەتلىرىنى ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە ئىپپەتلىرىنى ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر تەييارلىدى.
33 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
تَحِيَّتُهُمْ يَوْمَ يَلْقَوْنَهُ سَلَامٌ ۚ وَأَعَدَّ لَهُمْ أَجْرًا كَرِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھقا مۇلاقات بولغان كۈندە ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن يوللىنىدىغان سالام، (سىلەرگە) ئامانلىق بولسۇن (دېگەن سۆزدىن ئىبارەت)، ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل مۇكاپات تەييارلىدى[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھقا مۇلاقات بولغان كۈندە «سالام» سۆزى بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل مۇكاپات تەييارلىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھقا مۇلاقات بولغان كۈندە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل مۇكاپات تەييارلىدى.
33 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يُؤْذُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ لَعَنَهُمُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَأَعَدَّ لَهُمْ عَذَابًا مُهِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى رەنجىتكەنلەرگە ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە لەنەت قىلدى ۋە ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى.
33 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
مَلْعُونِينَ ۖ أَيْنَمَا ثُقِفُوا أُخِذُوا وَقُتِّلُوا تَقْتِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر مۇناپىقلار، (نىفاقتىن) دىللىرىدا كېسەل بارلار، مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار (قىلمىشلىرىدىن) يانمىسا، (ئى مۇھەممەد) ئەلۋەتتە بىز سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە لەنەتكە ئۇچرىغان ھالدا سەن بىلەن ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ (يەنى ئۇلار مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ، چىقىپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن مەدىنىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ). ئۇلار قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ[60ـ61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ ۋە ئۇلار قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە لەنەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلار تېپىلغان يەردە تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
33 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَعَنَ الْكَافِرِينَ وَأَعَدَّ لَهُمْ سَعِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا دوزاخنى تەييارلىدى[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا دوزاخنى تەييارلىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كافىرلارغا لەنەت قىلدى ۋە ئۇلارغا دوزاخنى تەييارلىدى.
33 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تُقَلَّبُ وُجُوهُهُمْ فِي النَّارِ يَقُولُونَ يَا لَيْتَنَا أَطَعْنَا اللَّهَ وَأَطَعْنَا الرَّسُولَا
مۇھەممەد سالىھ: دوزاختا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تۈرۈلۈپ كېتىدىغان كۈندە، ئۇلار: «كاشكى بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دەيدۇ[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: دوزاختا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تۈرۈلۈپ كېتىدىغان كۈندە، ئۇلار: «كاشكى بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يۈزلىرى ئوتنىڭ ئىچىدە ئۆرۈلۈپ - چۆرۈلگەن كۈندە مۇنداق دەيدۇ: «كاشكى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!»
33 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا آتِهِمْ ضِعْفَيْنِ مِنَ الْعَذَابِ وَالْعَنْهُمْ لَعْنًا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى، پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن» دەيدۇ[67 ـ 68].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن، ئۇلارنى چوڭ لەنەت بىلەن لەنەتلىگىن».
33 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
لِيُعَذِّبَ اللَّهُ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْمُشْرِكِينَ وَالْمُشْرِكَاتِ وَيَتُوبَ اللَّهُ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (مەزكۇر ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) مۇناپىق ئەرلەرنى، مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى، مۇشرىك ئاياللارنى ئاللاھ ئازابلايدۇ، (مەزكۇر ئامانەتكە رىئايە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، (ئاللاھ مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىق ئەرلەرنى، مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى، مۇشرىك ئاياللارنى ئاللاھ ئازابلايدۇ، مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى بولسا ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ، ئاللاھنىڭ مۇنافىق ئەرلەرنى ۋە مۇنافىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى ۋە مۇشرىك ئاياللارنى ئازابلىشى ئۈچۈندۇر. شۇنىڭدەك، مۇئمىن ئەرلەرنىڭ ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
سەبەئ سۈرىسى
14 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَجْزِيَ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنىڭ لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلىنىشى) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر، ئەنە شۇلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر، ئەنە شۇلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلىشى ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلار مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ.
34 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ سَعَوْا فِي آيَاتِنَا مُعَاجِزِينَ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مِنْ رِجْزٍ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئايەتلىرىمىزنى كېرەكسىز ھالەتكە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلار يىرگىنچلىك ۋە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
34 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَعْرَضُوا فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ سَيْلَ الْعَرِمِ وَبَدَّلْنَاهُمْ بِجَنَّتَيْهِمْ جَنَّتَيْنِ ذَوَاتَيْ أُكُلٍ خَمْطٍ وَأَثْلٍ وَشَيْءٍ مِنْ سِدْرٍ قَلِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (شۈكۈردىن) باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق سەلنى ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ باغلىرىنى ئاچچىق مېۋىلىك، يۇلغۇنلۇق، ئاز ـ تولا سىدرىلىق (يەنى ياۋا چىلانلىق) باغلارغا ئايلاندۇردۇق[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمما ئۇلار شۈكۈردىن باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق سەلنى ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ باغلىرىنى ئاچچىق مېۋىلىك، يۇلغۇنلۇق، ئاز ـ تولا سىدرىلىق - يەنى ياۋا چىلانلىق - باغلارغا ئايلاندۇردۇق
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلار يۈز ئۆرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا ئەرىم كەلكۈنىنى ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىككى بېغىنى، ئىچىدە ئاچچىق مېۋىلىك دەرەخلەر، يۇلغۇنلار ۋە بىرئاز گىلاس دەرەخلىرى بولغان ئىككى باغقا ئايلاندۇرۇۋەتتۇق.
34 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ جَزَيْنَاهُمْ بِمَا كَفَرُوا ۖ وَهَلْ نُجَازِي إِلَّا الْكَفُورَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار كۇفرىلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق جازالىدۇق، بىز پەقەت كۇفرىلىق قىلغۇچىلارنىلا جازالايمىز[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى كۇفرىلىق قىلغانلىقلىرى سەۋەبلىك مۇشۇنداق جازالىدۇق، بىز پەقەت كۇفرىلىق قىلغۇچىلارنىلا جازالايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى ئەنە شۇنداق جازالىدۇق. چۈنكى ئۇلار تۇزكورلۇق قىلغان ئىدى. بىز تۇزكورلاردىن باشقىسىنى جازالايمىزمۇ؟
34 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالُوا رَبَّنَا بَاعِدْ بَيْنَ أَسْفَارِنَا وَظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ فَجَعَلْنَاهُمْ أَحَادِيثَ وَمَزَّقْنَاهُمْ كُلَّ مُمَزَّقٍ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! سەپەرلىرىمىز ئارىسىنى (يەنى ئۆتەڭلار ئارىسىدىكى مۇساپىنى) يىراق قىلغىن» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. ئۇلارنى بىز (كېيىنكى كىشىلەرگە) قىسسە قىلىپ قالدۇردۇق. ئۇلارنى تىتما - تىتما قىلىۋەتتۇق، بۇنىڭدا ھەر بىر (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى، (نېمەتكە) شۈكۈر قىلغۇچى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىمىز! سەپەرلىرىمىز ئارىسىنى يىراق قىلغىن» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. ئۇلارنى بىز كېيىنكىلەرگە چۆچەك قىلىپ قالدۇردۇق. ئۇلارنى تىرە-پىرەن قىلىۋەتتۇق، بۇنىڭدا ھەر بىر سەۋرچان، نېمەتكە شۈكۈر قىلغۇچى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلار: «رەببىمىز! سەپەرلىرىمىزنىڭ ئارىسىنى يىراقلاشتۇرغىن» دېدى ۋە ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئىبرەتلىك قىسسەلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق، ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلۋەتتۇق. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا كۆپ سەۋر قىلغۇچىلار ۋە كۆپ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.
34 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا بَلْ مَكْرُ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ إِذْ تَأْمُرُونَنَا أَنْ نَكْفُرَ بِاللَّهِ وَنَجْعَلَ لَهُ أَنْدَادًا ۚ وَأَسَرُّوا النَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ وَجَعَلْنَا الْأَغْلَالَ فِي أَعْنَاقِ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، (سىلەرنىڭ بىزگە) كېچە ـ كۈندۈز قىلغان ھىيلە ـ مىكرىڭلار (بىزنى ئىماندىن توستى)، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتۇڭلار» دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار (ھەر ئىككى گۇرۇھ ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرىغا) ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ بىزگە كېچە ـ كۈندۈز قىلغان ھىيلە ـ مىكرىڭلار بىزنى ئىماندىن توستى؛ ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھ نى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتۇڭلار» دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىلا بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ياق، بىزنى سىلەرنىڭ كېچە - كۈندۈز قىلغان ھىيلە - مىكرىڭلار ئىماندىن توستى. سىلەر بىزنى ئاللاھقا كافىر بولۇشقا ۋە بەزى كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش تۇتۇشقا بۇيرۇيتتىڭلار» دەيدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە ئەلۋەتتە كۆڭلىدە پۇشايمان قىلىدۇ. بىز كافىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز. ئۇلارغا پەقەت ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
34 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا نَحْنُ أَكْثَرُ أَمْوَالًا وَأَوْلَادًا وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز ئەڭ كۆپ، بىز ئازابلانمايمىز» دېدى[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز ئەڭ كۆپ، بىز ئازابلانمايمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز كۆپ، بىز ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغان كىشىلەر ئەمەس» دېدى.
34 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ بِالَّتِي تُقَرِّبُكُمْ عِنْدَنَا زُلْفَىٰ إِلَّا مَنْ آمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَأُولَٰئِكَ لَهُمْ جَزَاءُ الضِّعْفِ بِمَا عَمِلُوا وَهُمْ فِي الْغُرُفَاتِ آمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرالمايدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار (جەننەتنىڭ) ئېسىل ئۆيلىرىدە (ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تۇرىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرالمايدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلار مۇستەسنا. ئەنە شۇلارغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ ۋە ئۇلار جەننەتنىڭ ئېسىل ئۆيلىرىدە ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن خاتىرجەم بولغان ھالدا تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارمۇ، بالىلىرىڭلارمۇ بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا سىلەرگە يېقىنلىق قازاندۇرىدىغان نەرسە ئەمەس. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغان كىشى مۇستەسنا، ئەنە شۇلارغا ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ، ئۇلار ئالىي سارايلاردا خاتىرجەملىك ئىچىدە بولىدۇ.
34 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَسْعَوْنَ فِي آيَاتِنَا مُعَاجِزِينَ أُولَٰئِكَ فِي الْعَذَابِ مُحْضَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغانلار ئازابقا دۇچار قىلىنغۇچىلاردۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغانلار ئازابقا دۇچار قىلىنغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئايەتلىرىمىزنى كېرەكسىز ھالەتكە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلار ئازابقا تاشلىنىدۇ.
34 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّ رَبِّي يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَيَقْدِرُ لَهُ ۚ وَمَا أَنْفَقْتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَهُوَ يُخْلِفُهُ ۖ وَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ، (ئاللاھنىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر»[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ھەقىقەتەن، رەببىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، -قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى- تار قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدا بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مېنىڭ رەببىم رىزىقنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە تار قىلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ يولىدا نېمە چىقىم قىلساڭلار، ئۇ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».
34 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْيَوْمَ لَا يَمْلِكُ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ نَفْعًا وَلَا ضَرًّا وَنَقُولُ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا ذُوقُوا عَذَابَ النَّارِ الَّتِي كُنْتُمْ بِهَا تُكَذِّبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۈگۈن سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، بىز (ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنغۇچى) زالىملارغا: «سىلەر چىنپۈتمىگەن دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار» دەيمىز[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۈگۈن سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، بىز زالىملارغا: «سىلەر چىنپۈتمىگەن دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار» دەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كۈندە بىر - بىرىڭلارغا پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. بىز زالىملارغا مۇنداق دەيمىز: «دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار! ئۇ سىلەر ئۆز ۋاقتىدا يالغان دېگەن ئازابتۇر».
34 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ وَمَا بَلَغُوا مِعْشَارَ مَا آتَيْنَاهُمْ فَكَذَّبُوا رُسُلِي ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) ئۇلار (يەنى ئىلگىرىكىلەر) ئېرىشكەن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشمىگەن، ئۇلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا مېنىڭ جازايىم قانداق بولدى؟[45]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ ئىنكار قىلغان، بۇلار ئىلگىرىكىلەر ئېرىشكەن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشەلمىدى، ئۇلارمۇ مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغا ئىدى. ئۇلارغا مېنىڭ جازايىم قانداق بولدى؟
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ راستنى يالغانچى دېيىشكەن ئىدى. بۇلار، بىز ئۇلارغا ئاتا قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشمىدى. ئۇلار ئەلچىلىرىمنى يالغانچى دېدى، مېنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟
34 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَا سَأَلْتُكُمْ مِنْ أَجْرٍ فَهُوَ لَكُمْ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلغىنىم يوق، ئۇ سىلەرگە بولسۇن؛ ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلغىنىم يوق، ئۇ سىلەرگە بولسۇن؛ مېنىڭ ئەجرىم پەقەت ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مەن سىلەردىن قانداق ئەجىر سورىغان بولسام، ئۇ سىلەرنىڭ بولسۇن3. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. ئۇ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
34 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ تَرَىٰ إِذْ فَزِعُوا فَلَا فَوْتَ وَأُخِذُوا مِنْ مَكَانٍ قَرِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قورقۇپ قاچىدىغان يەر تاپالمايۋاتقانلىقىنى، دوزاخقا (ئېلىپ بېرىلىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا) يېقىن جايدا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالىنى كۆرەتتىڭ)[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قورقۇپ قاچىدىغان يەر تاپالمايۋاتقانلىقىنى، دوزاخقا يېقىن جايدا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولساڭ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ چۆچۈپ كەتكەن چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ! ئۇلار قاچالمايدۇ ۋە يېقىن بىر يەردە تۇتۇلىدۇ.
فاتىر سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ ۖ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بولسا مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.
35 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَخَذْتُ الَّذِينَ كَفَرُوا ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن كاپىرلارنى جازالىدىم، (ئۇلارغا بەرگەن) ئازابىم قانداق ئىكەن؟ (يەنى ئۇلارغا قانداق قاتتىق ئازاب قىلدىم؟)[26]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇ كاپىرلارنى جازالىدىم، مېنى ئىنكار قىلىش قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: ئاندىن مەن كافىرلارنى جازالىدىم. ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟
35 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَتْلُونَ كِتَابَ اللَّهِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَنْفَقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً يَرْجُونَ تِجَارَةً لَنْ تَبُورَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارغا ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر[30]. ساڭا بىز ۋەھىي قىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر. ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ (راستلىقىنى) ئىسپاتلىغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەر، ئەسلا كاسات بولمايدىغان بىر تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، بىز بەرگەن رىزىقتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلىدىغان كىشىلەر، ھەرگىزمۇ كاساتلاشمايدىغان تىجارەت ئۈمىد قىلسا بولىدۇ.
35 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
لِيُوَفِّيَهُمْ أُجُورَهُمْ وَيَزِيدَهُمْ مِنْ فَضْلِهِ ۚ إِنَّهُ غَفُورٌ شَكُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارغا ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئاللاھ ئۇلارغا ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئارتۇق ئىنئام ئاتا قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، شۈكۈر قىلغۇچىغا كۆپ ئىنئام ئاتا قىلغۇچىدۇر.
35 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُمْ يَصْطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَا أَخْرِجْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُمْ مَا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَنْ تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ ۖ فَذُوقُوا فَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئاللاھ ئېيتىدۇ:) «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز ـ نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق»[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاختا: «رەببىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. -ئاللاھ ئېيتىدۇ- : «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز ـ نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدىغۇ؟ ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ ئوتنىڭ ئىچىدە: «رەببىمىز! بىزنى چىقارغىن، قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ياخشى ئەمەللەر قىلايلى» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلىشىدۇ. بۇ چاغدا بىز ئۇلارغا مۇنداق دەيمىز: «سىلەرگە نەسىھەت ئالىدىغان كىشى نەسىھەت ئالغۇدەك ئۆمۈر بەرمىدۇقمۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن ئىدىغۇ! ئەمدى تېتىڭلار! زالىملارغا ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر».
ياسىن سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا تُنْذِرُ مَنِ اتَّبَعَ الذِّكْرَ وَخَشِيَ الرَّحْمَٰنَ بِالْغَيْبِ ۖ فَبَشِّرْهُ بِمَغْفِرَةٍ وَأَجْرٍ كَرِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن (يەنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭنىڭ پايدىسى بولىدۇ)، ئۇنىڭغا (ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى) مەغپىرەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئېسىل ساۋاب (يەنى جەننەت ئاتا قىلىدىغانلىقى) بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن، ئۇنىڭغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل ساۋاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: سەن قۇرئانغا ئەگەشكەن ۋە رەھماننى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئەيمەنگەن كىشىنىلا ئاگاھلاندۇرىسەن3. ئۇنداق كىشىگە گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئېسىل مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
36 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَنْزَلْنَا عَلَىٰ قَوْمِهِ مِنْ بَعْدِهِ مِنْ جُنْدٍ مِنَ السَّمَاءِ وَمَا كُنَّا مُنْزِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىنى (جازالاش ئۈچۈن) ئاسماندىن قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەر) چۈشۈرمىدۇق (ھەر قەۋمنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى) چۈشۈرۈۋەرگۈچى بولمىدۇق[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىگە ئاسماندىن قوشۇن چۈشۈرمىدۇق، چۈشۈرگۈچىمۇ بولمىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن قوشۇن چۈشۈرمىدۇق. بىز چۈشۈرمەيتتۇق.
36 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ كَانَتْ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً فَإِذَا هُمْ خَامِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ناگاھان ئۇلار قېتىپ قالدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ناگاھان ئۇلار قېتىپ قالدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ جازاسى دەھشەتلىك ئاۋازدىنلا ئىبارەت بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىردىنلا ئۆچۈپ قېلىشتى5.
36 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
يَا حَسْرَةً عَلَى الْعِبَادِ ۚ مَا يَأْتِيهِمْ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى) بەندىلەرگە ئەپسۇسكى، ئۇلارغا بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەندىلەرگە ئەپسۇسكى، ئۇلارغا بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى
ئەنەس ئالىم: ئىسىت! شۇ بەندىلەرگە. ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەر ئەلچىنى مەسخىرە قىلاتتى.
36 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذِهِ جَهَنَّمُ الَّتِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەھەننەم مانا شۇ[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەھەننەم مانا شۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ، سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان جەھەننەم!
36 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ نَشَاءُ لَطَمَسْنَا عَلَىٰ أَعْيُنِهِمْ فَاسْتَبَقُوا الصِّرَاطَ فَأَنَّىٰ يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇلار يول مېڭىشقا ئالدىرايتتى، لېكىن ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟[66]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇلار يول مېڭىشقا ئالدىرايتتى، لېكىن ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟
ئەنەس ئالىم: خالىغان بولساق ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى تامامەن يوق قىلىۋېتەتتۇق. ئۇ چاغدا ئۇلار يولنى تېپىشقا ئالدىرىشاتتى، لېكىن ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟
ساففات سۈرىسى
24 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
دُحُورًا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ وَاصِبٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ[8ـ9].
تەرجىمە ھەيئىتى: يىراقلاشتۇرۇلىدۇ...ئۇلار ئۈچۈن دائىملىق ئازاب باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قوغلىنىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن دائىمىي ئازاب بار.
37 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا مَنْ خَطِفَ الْخَطْفَةَ فَأَتْبَعَهُ شِهَابٌ ثَاقِبٌ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىدىن) ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئاڭلىغان شەيتاننى يورۇق يۇلتۇز قوغلاپ (كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئاڭلىغان شەيتاننى يورۇق يۇلتۇز قوغلاپ -كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ-
ئەنەس ئالىم: لېكىن كىم ئوغرىلىقچە بىرەر نەرسە ئاڭلىۋالغان بولسا، دەرھال ئۇنى تېشىپ ئۆتكۈچى ئاقار يۇلتۇز قوغلايدۇ.
37 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ نَعَمْ وَأَنْتُمْ دَاخِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ھەئە، سىلەر خار ھالدا تىرىلىسىلەر»[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ھەئە، سىلەر خار ھالدا تىرىلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «شۇنداق! خار ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىسىلەر».
37 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
فَحَقَّ عَلَيْنَا قَوْلُ رَبِّنَا ۖ إِنَّا لَذَائِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى (جازالاش) سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ھەقىقەتەن (شۇ سۆز بويىچە ئازابنى) چوقۇم تېتىغۇچىمىز[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىزنىڭ بىزنى جازالاش سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ھەقىقەتەن -ئازاپنى-چوقۇم تېتىغۇچىمىز
ئەنەس ئالىم: رەببىمىزنىڭ ئازاب سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، بىز ئازابنى تېتىغۇچىلارمىز.
37 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنَّهُمْ يَوْمَئِذٍ فِي الْعَذَابِ مُشْتَرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر) بۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئازابتا ئورتاقتۇر[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بۇ كۈندە ئازابتا ئورتاقتۇر
ئەنەس ئالىم: دېمەك، ئۇ كۈنى ئۇلار ئازابتا ئورتاقتۇر.
37 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَفْعَلُ بِالْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز، (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئازاب قىلىمىز)[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز!
37 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكُمْ لَذَائِقُو الْعَذَابِ الْأَلِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى گۇناھكارلار!) سىلەر (چوقۇم) قاتتىق ئازابنى تېتىغۇچىسىلەر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى گۇناھكارلار!- سىلەر چوقۇم قاتتىق ئازابنى تېتىغۇچىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئى گۇناھكارلار! سىلەر ئەلۋەتتە ئەلەملىك ئازابنى تېتىيسىلەر.
37 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ لَهُمْ رِزْقٌ مَعْلُومٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ[41ـ42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلارغا مەلۇم رىزىق باردۇر؛
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مەلۇم رىزىق بار،
37 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا مَوْتَتَنَا الْأُولَىٰ وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىر قتېىم ئۆلگەندىن كېيىن ئەمدى ئۆلمەيمىز، ئازابقا دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟ [58ـ59].
تەرجىمە ھەيئىتى: تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا! ۋە بىز ئازابقا دۇچار بولمامدۇق؟
ئەنەس ئالىم: بىرىنچى ئۆلۈمىمىزدىن باشقا ئۆلۈم يوق، شۇنداققۇ؟ بىز ئازابقىمۇ دۇچار قىلىنمايمىز.
37 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا جَعَلْنَاهَا فِتْنَةً لِلظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زەققۇمنى بىز زالىملار (يەنى گۇمراھلار) ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئازاب قىلدۇق[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەققۇمنى بىز زالىملار ئۈچۈن بىر پىتنە قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز زەققۇم دەرىخىنى زالىملار ئۈچۈن ئىمتىھان ۋاسىتىسى قىلدۇق.
37 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
37 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ صَدَّقْتَ الرُّؤْيَا ۚ إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[104ـ105].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ». بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: چۈشۈڭنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ». شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
37 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
37 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[121].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
37 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلار جەھەننەمگە ھازىر قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىلياسنى يالغانچى دېدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئەلۋەتتە ئازابقا ھازىر قىلىنىدۇ.
37 : 131 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[131].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
37 : 136 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ دَمَّرْنَا الْآخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن قالغانلارنى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمىدىن بولغان كۇففارلارنى) ھالاك قىلدۇق[136].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن باشقىلارنى ھالاك قىلدۇق.
37 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْتَقَمَهُ الْحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ (قەۋمىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز چىققانلىقى ئۈچۈن) ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى[142].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇنى بېلىق يۇتتى. ئۇ بۇ ئەسنادا ئۆزىگە مالامەت قىلىۋاتاتتى.
37 : 158 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلُوا بَيْنَهُ وَبَيْنَ الْجِنَّةِ نَسَبًا ۚ وَلَقَدْ عَلِمَتِ الْجِنَّةُ إِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا ـ باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك ـ شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار (يەنى شۇ سۆزنى قىلغۇچىلار) (دوزاخقا) چوقۇم ھازىر قىلىنىپ (شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ)[158].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا ـ باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك ـ شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار -دوزاخقا- چوقۇم ھازىر قىلىنغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھ بىلەن جىنلار ئارىسىدا نەسەب ئويدۇردى. ھالبۇكى، جىنلار ئۆزلىرىنىڭ ھېساب مەيدانىغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
37 : 170 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَفَرُوا بِهِ ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىشتى، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ[170].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار -قۇرئان- نى ئىنكار قىلدى، ئۇلار ئۇزاققا قالماي بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلار ھازىر قۇرئاننى ئىنكار قىلدى. ئۇلار يېقىندا بىلىپ قالىدۇ.
37 : 175 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَبْصِرْهُمْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ[175].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى كۆزەتكىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي كۆرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى كۆرگىن، ئۇلارمۇ يېقىندا كۆرىدۇ6.
37 : 176 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَبِعَذَابِنَا يَسْتَعْجِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئازابىمىزنىڭ بالدۇر نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟[176].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئازابىمىزنىڭ بالدۇر نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئازابىمىزنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟
37 : 177 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا نَزَلَ بِسَاحَتِهِمْ فَسَاءَ صَبَاحُ الْمُنْذَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان![177].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئازابىمىز ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەندە، ئاگاھلاندۇرۇلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەتىگىنى بەك يامان بولىدۇ!
37 : 179 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَبْصِرْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ[179].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى كۆزەتكىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي كۆرىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۆرگىن، ئۇلارمۇ يېقىندا كۆرىدۇ.
ساد سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
كَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَبْلِهِمْ مِنْ قَرْنٍ فَنَادَوْا وَلَاتَ حِينَ مَنَاصٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى (كۇفرى تۈپەيلىدىن) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (ئازابنى كۆرگەندە) پەرياد قىلدى، ھالبۇكى، (بۇ) قاچىدىغان ۋاقىت ئەمەس[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار -ئازابنى كۆرگەندە- پەرياد قىلدى، ھالبۇكى، بۇ قاچىدىغان ۋاقىت ئەمەس
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلار ئازابىمىزنى كۆرۈپ پەرياد قىلىشتى، لېكىن زامان قېچىپ قۇتۇلۇش زامانى ئەمەس ئىدى.
38 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
أَأُنْزِلَ عَلَيْهِ الذِّكْرُ مِنْ بَيْنِنَا ۚ بَلْ هُمْ فِي شَكٍّ مِنْ ذِكْرِي ۖ بَلْ لَمَّا يَذُوقُوا عَذَابِ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئان بىزگە نازىل بولماي ئۇنىڭغا نازىل بولدىمۇ؟» بەلكى ئۇلار مېنىڭ زىكرىم (يەنى قۇرئان) دىن شەكتىدۇر، بەلكى ئۇلار تېخى مېنىڭ ئازابىمنى تېتىغىنى يوق[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: «قۇرئان ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا نازىل بوپتىمۇ؟». ياق، توغرىسى ئۇلار مېنىڭ زىكرىم –قۇرئان- ھەققىدە شەكتىدۇر، بەلكى ئۇلارنىڭ تېخى ئۇ ئازابنى تېتىغىنى يوق
ئەنەس ئالىم: قۇرئان ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنىپتۇمۇ؟». بەلكى ئۇلار مېنىڭ قۇرئانىمدىن قاتتىق شەك قىلماقتىدۇر1. بەلكى ئۇلار ئازابىمنى تېخى تېتىمىدى.
38 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ كُلٌّ إِلَّا كَذَّبَ الرُّسُلَ فَحَقَّ عِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى جامائەلەر) دىن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلمىغان بىرىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مېنىڭ ئازابىم تېگىشلىك بولدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارمىغان بىرىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مېنىڭ ئازابىم تېگىشلىك بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەلچىلىرىمنى يالغانچى دېدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا ئازابىم تېگىشلىك بولدى.
38 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا رَبَّنَا عَجِّلْ لَنَا قِطَّنَا قَبْلَ يَوْمِ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (مەسخىرە قىلىش يولى بىلەن): «پەرۋەردىگارىمىز! (سەن بىزگە ئازابتىن ۋەدە قىلغان) نېسىۋىمىزنى بىزگە بالدۇرراق- قىيامەت كۈنىدىن ئىلگىرى بەرگىن» دېيىشتى[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىمىز! نېسىۋىمىزنى بىزگە بالدۇرراق - ھېساپ كۈنىدىن ئىلگىرى بەرگىن» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «رەببىمىز! بىزنىڭ ئازابتىن نېسىۋىمىزنى تېزلىتىپ ھېساب كۈنىدىن بۇرۇن بەرگىن» دېدى.
38 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا رَبَّنَا مَنْ قَدَّمَ لَنَا هَٰذَا فَزِدْهُ عَذَابًا ضِعْفًا فِي النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بۇ ئازابنى ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە دوزاخ ئازابىنى ئىككى ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يەنە دەيدۇكى: «رەببىمىز! بىزگە بۇ ئازابنى ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە دوزاخ ئازابىنى ئىككى ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە: «رەببىمىز! بۇنى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كىم ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭ دوزاختىكى ئازابىنى بىر ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ.
38 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَاخْرُجْ مِنْهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى[77ـ78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ،
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كەت! بۇندىن ئېتىبارەن قوغلاندىڭ!
38 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ عَلَيْكَ لَعْنَتِي إِلَىٰ يَوْمِ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى[77ـ78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ساڭا جازا ۋە مۇكاپات كۈنىگە قەدەر لەنىتىم ياغىدۇ».
38 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنْكَ وَمِمَّنْ تَبِعَكَ مِنْهُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن بىلەن ۋە ئۇلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى توشقۇزىمەن»[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىلەن ۋە ئۇلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى توشقۇزىمەن»
ئەنەس ئالىم: مەن جەھەننەمنى سەن بىلەن ۋە ئۇلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن تولدۇرىمەن».
زۇمەر سۈرىسى
17 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا عِبَادِ الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا رَبَّكُمْ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةٌ ۗ وَأَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةٌ ۗ إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُمْ بِغَيْرِ حِسَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئى (ئاللاھنىڭ) مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار (ئاخىرەتتە) ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ يېرى كەڭدۇر (كۇففارلار ئارىسىدىن شۇ يەرگە ھىجرەت قىلىڭلار)، پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ»[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: -مېنىڭ نامىمدىن- ئېيتقىنكى: «ئى ئىمان ئېيتقان بەندىلىرىم! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭدۇر، سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تۆۋەندىكى سۆزۈمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگىن: «ئى مۇئمىن بەندىلىرىم! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلارغا ياخشىلىق بار. ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭدۇر. سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۆز ئەجىرلىرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ».
39 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، شۈبھىسىزكى، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلسام، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنى جەھەننەم ئوتى بىلەن ئازابلىشىدىن قورقىمەن)»[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئەگەر مەن رەببىمغا ئاسىيلىق قىلسام، شۈبھىسىزكى، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن[1]»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن».
39 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَاعْبُدُوا مَا شِئْتُمْ مِنْ دُونِهِ ۗ قُلْ إِنَّ الْخَاسِرِينَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَأَهْلِيهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ أَلَا ذَٰلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھتىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار!» ئېيتقىنكى، «قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيان تارتقۇزغۇچىلار قاتتىق زىيان تارتقۇچىلاردۇر، بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ روشەن زىياندۇر[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھتىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار!» ئېيتقىنكى: «قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيان تارتقۇزغۇچىلار قاتتىق زىيانغا ئۇچرىغۇچىلاردۇر، بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ روشەن زىياندۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئاللاھتىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار». ئېيتقىنكى: «ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىلىرىنى زىيان تارتقۇزغۇچىلاردۇر. بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ ئاشكارا زىياندۇر.
39 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
لَهُمْ مِنْ فَوْقِهِمْ ظُلَلٌ مِنَ النَّارِ وَمِنْ تَحْتِهِمْ ظُلَلٌ ۚ ذَٰلِكَ يُخَوِّفُ اللَّهُ بِهِ عِبَادَهُ ۚ يَا عِبَادِ فَاتَّقُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ، شۇ (قاتتىق ئازاب) بىلەن ئاللاھ بەندىلىرىنى قورقىتىدۇ». ئى بەندىلىرىم! (ئازابىمدىن) قورقۇڭلار[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ، شۇ قاتتىق ئازاب بىلەن ئاللاھ بەندىلىرىنى قورقىتىدۇ». ئى بەندىلىرىم! ساقلىنىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئۈستىدىمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىمۇ قاتمۇقات ئوت بولىدۇ2. ئاللاھ بەندىلىرىنى ئەنە شۇ ئازاب بىلەن قورقۇتىدۇ». ئى بەندىلىرىم! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.
39 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ يَتَّقِي بِوَجْهِهِ سُوءَ الْعَذَابِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ وَقِيلَ لِلظَّالِمِينَ ذُوقُوا مَا كُنْتُمْ تَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابنى يۈزى بىلەن مۇداپىئە قىلىدىغان ئادەم (ئازابقا دۇچار بولمايدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟) زالىملارغا (يەنى كاپىرلارغا): «قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابتىن يۈزى بىلەن ساقلىنىشقا تىرىشقان كىشى، ئازابقا دۇچار بولمايدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ زالىملارغا : «قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: قىيامەت كۈنى ئەڭ يامان ئازابنى يۈزى بىلەن مۇداپىئە قىلىدىغان كىشى، ئازابتىن ئەمىن بولىدىغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ ئۇ كۈنى زالىملارغا: «قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار!» دېيىلىدۇ.
39 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَأَتَاهُمُ الْعَذَابُ مِنْ حَيْثُ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (ئۈممەت) لەر (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارغا ئازاب كەلدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغان ئىدى. ئازاب ئۇلارغا ئويلىمىغان يەردىن كەلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ راستنى يالغان دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كەلدى.
39 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَذَاقَهُمُ اللَّهُ الْخِزْيَ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَكْبَرُ ۚ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خارلىقنىڭ (تەمىنى) تېتىتتى، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ بۈيۈكتۇر، ئۇلار (ئاخىرەتنىڭ ئازابىنى) بىلسە ئىدى (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلمايتتى)[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خارلىقنىڭ تەمىنى تېتىتتى، ئۇلار بىلىدىغان بولسا ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ بۈيۈكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارغا بۇ دۇنيا ھاياتىدا خارلىقنى تېتىتتى. ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ چوڭدۇر. ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسىچۇ!
39 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
لَهُمْ مَا يَشَاءُونَ عِنْدَ رَبِّهِمْ ۚ ذَٰلِكَ جَزَاءُ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۆزلىرى خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەنە شۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۆزلىرى خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەنە شۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا خالىغان نەرسىلىرىگە ئېرىشىدۇ. مانا بۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
39 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
لِيُكَفِّرَ اللَّهُ عَنْهُمْ أَسْوَأَ الَّذِي عَمِلُوا وَيَجْزِيَهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇلارغا قىلغان ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى بويىچە ساۋاب بېرىدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇلارغا قىلغان ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى بويىچە ساۋاب بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇلارنى ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ5.
39 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيْهِ عَذَابٌ مُقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ھالىڭلار بويىچە ئىشلەڭلار، مەنمۇ ئۆز ھالىم بويىچە ئىشلەيمەن، سىلەر ئۇزۇنغا قالماي خارلىغۇچى ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر»[39ـ40].
تەرجىمە ھەيئىتى: خارلىغۇچى ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى»
ئەنەس ئالىم: رەسۋا قىلىدىغان ئازاب بېشىغا كېلىدىغان ۋە مۇقىم ئازاب ئۈستىگە چۈشىدىغانلارنى».
39 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لَافْتَدَوْا بِهِ مِنْ سُوءِ الْعَذَابِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ وَبَدَا لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مَا لَمْ يَكُونُوا يَحْتَسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كۆپ نەرسە بولىدىغان بولسا، قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب ئۈچۈن ئۇنى فىدىيە بەرگەن بولاتتى، ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن (بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا) ئويلاپ باقمىغان ئازابلار ئاشكارا بولىدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كۆپ نەرسە بولىدىغان بولسا، قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب ئۈچۈن ئۇ-نىڭ ھەممىسى-نى فىدىيە بەرگەن بولاتتى، ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا ئويلاپ باقمىغان ئازابلار ئاشكارا بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ بىر ئوخشىشى زالىملارنىڭ بولسا ئىدى، ئۇلار قىيامەت كۈنىدىكى ئەڭ يامان ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ بايلىقلىرىنى ئەلۋەتتە فىديە قىلىپ بېرەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇلار ھېچ ئويلىمىغان نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ.
39 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَدَا لَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا كَسَبُوا وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىنى) مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنى (قاتتىق) ئازاب ئورىۋالىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان يامان ئىشىلىرى ئاشكارا بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەسخىرە قىلغان نەرسىلەر ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقلىرى ئاشكارا بولىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالىدۇ.
39 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ قَالَهَا الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَمَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇنداق سۆزنى ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ قىلغان، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن مال ـ مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇنداق سۆزنى ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ قىلغان، لېكىن ئۇلارنىڭ قولغان كەلتۈرگەنلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ ئەنە شۇنداق سۆزلەرنى دېيىشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى.
39 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَصَابَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا كَسَبُوا ۚ وَالَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْ هَٰؤُلَاءِ سَيُصِيبُهُمْ سَيِّئَاتُ مَا كَسَبُوا وَمَا هُمْ بِمُعْجِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (دۇنيادا) قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغانلارمۇ قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، ئۇلار ئازابىمىزدىن قۇتۇلالمايدۇ[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ ئەڭ يامانلىرىنىڭ جازاسى كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغانلارمۇ قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، ئۇلار ئازابىمىزدىن قۇتۇلالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى باشلىرىغا بالا بولغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن زۇلۇم قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىمۇ يېقىندا باشلىرىغا بالا بولىدۇ. بۇلارمۇ ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
39 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ تَقُولَ نَفْسٌ يَا حَسْرَتَا عَلَىٰ مَا فَرَّطْتُ فِي جَنْبِ اللَّهِ وَإِنْ كُنْتُ لَمِنَ السَّاخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر قانداق ئادەم: «ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ھەسرەت! مەن (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ۋە دىنىنى) مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىنىڭ : «ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ئىسىت! مەن مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: بولمىسا كىشى: ‹ۋاي ئىسىت! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزۈپتىمەن، مەن مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم› دەيدۇ،
39 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ تَقُولَ لَوْ أَنَّ اللَّهَ هَدَانِي لَكُنْتُ مِنَ الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى «ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا (ھىدايەت تېپىپ) ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى «ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: ياكى: ‹ئەگەر ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلسا ئىدى، مەن چوقۇم تەقۋادارلاردىن بولاتتىم› دەيدۇ،
39 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ تَقُولَ حِينَ تَرَى الْعَذَابَ لَوْ أَنَّ لِي كَرَّةً فَأَكُونَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتىشىمغا بولسا ئىدى، (ئۇ چاغدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ) ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن (پەرۋەردىگارىغا بويسۇنسۇن)[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتالىغان بولسام، ياخشى ئىش قىلغۇچىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن رەببىگە بويسۇنسۇن
ئەنەس ئالىم: ياكى ئازابنى كۆرگەن چېغىدا: ‹كاشكى دۇنياغا قايتىپ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلاردىن بولسامچۇ!› دەيدۇ،
غافىر سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
غَافِرِ الذَّنْبِ وَقَابِلِ التَّوْبِ شَدِيدِ الْعِقَابِ ذِي الطَّوْلِ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ إِلَيْهِ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ) گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر، (ئاللاھ) ئىنئام ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاقىۋەت قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر[3].
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ئازابى قاتتىقتۇر، ئىنئامى كۆپتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر.
40 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَالْأَحْزَابُ مِنْ بَعْدِهِمْ ۖ وَهَمَّتْ كُلُّ أُمَّةٍ بِرَسُولِهِمْ لِيَأْخُذُوهُ ۖ وَجَادَلُوا بِالْبَاطِلِ لِيُدْحِضُوا بِهِ الْحَقَّ فَأَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئۇيۇشقان ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش) جامائەلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن) ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرى بىلەن) مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟[5]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن جامائەلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى گۇرۇھلار راستنى يالغان دېدى، ھەر ئۇممەت ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىنى جازالاشقا ئۇرۇندى ۋە ھەقنى باتىل بىلەن يوق قىلىشقا تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى جازالىدىم. جازالىشىم قانداق بولدى؟
40 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ كَانُوا مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا هُمْ أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً وَآثَارًا فِي الْأَرْضِ فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ وَمَا كَانَ لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَاقٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بولسا زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي ـ ئىمارەت قۇرۇش) جەھەتتە بۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرى) دىن ئۈستۈن ئىدى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بولسا زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى
ئەنەس ئالىم: بۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى، ئۇلار زېمىندا ئەسەرلەر قالدۇرۇش جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن جازالىدى. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچبىر ساقلاپ قالغۇچى چىقمىدى.
40 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانَتْ تَأْتِيهِمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَكَفَرُوا فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ ۚ إِنَّهُ قَوِيٌّ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىشەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىشەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، ئازابى قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدى: ئۇلارغا ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كېلەتتى، ئۇلار بولسا ئىنكار قىلاتتى. مانا بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئازابى قاتتىقتۇر.
40 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
يَا قَوْمِ لَكُمُ الْمُلْكُ الْيَوْمَ ظَاهِرِينَ فِي الْأَرْضِ فَمَنْ يَنْصُرُنَا مِنْ بَأْسِ اللَّهِ إِنْ جَاءَنَا ۚ قَالَ فِرْعَوْنُ مَا أُرِيكُمْ إِلَّا مَا أَرَىٰ وَمَا أَهْدِيكُمْ إِلَّا سَبِيلَ الرَّشَادِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىدۇر، (مىسىر) زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلگىڭلاردىدۇر، -مىسىر- زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! سىلەر بۈگۈن بۇ مەملىكەتتە ھۆكۈمرانسىلەر، غالىبسىلەر. ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، بىزنى ئۇنىڭدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟». فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە پەقەت ئۆزۈم توغرا كۆرگەن نەرسىنى توغرا دەپ كۆرسىتىۋاتىمەن. مەن سىلەرنى پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن».
40 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِي آمَنَ يَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ مِثْلَ يَوْمِ الْأَحْزَابِ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ[30ـ31].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنىڭ جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە، ئەلچىلەرگە قارشى بىرلەشكەن گۇرۇھلارغا كەلگەن مۇسىبەت كۈنىگە ئوخشاش كۈننىڭ كېلىشىدىن قورقىمەن،
40 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَقَاهُ اللَّهُ سَيِّئَاتِ مَا مَكَرُوا ۖ وَحَاقَ بِآلِ فِرْعَوْنَ سُوءُ الْعَذَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب چۈشتى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب نازىل بولدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇ مۇئمىن ئادەمنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. فىرئەۋن خانىدانىنى بولسا ئەڭ يامان ئازاب قورشىۋالدى.
40 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
النَّارُ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا غُدُوًّا وَعَشِيًّا ۖ وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ أَدْخِلُوا آلَ فِرْعَوْنَ أَشَدَّ الْعَذَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ)[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا كىرىڭلار!» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئازاب ئوتتۇر. ئۇلار ئەتە - ئاخشامدا ئۇ ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ. قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «فىرئەۋن خانىدانىنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا كىرگۈزۈڭلار» دېيىلىدۇ.
40 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ كَذَّبُوا بِالْكِتَابِ وَبِمَا أَرْسَلْنَا بِهِ رُسُلَنَا ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، پەيغەمبەرلىرىمىزگە بىز نازىل قىلغان مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىنكار قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ[70]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كىتابنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمىزگە بىز نازىل قىلغان مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار ئۇزاققا قالماي بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كىتابنى ۋە بىز ئەلچىلىرىمىزگە ئەۋەتكەن نەرسىلەرنى يالغان دېگەن كىشىلەردۇر. ئۇلار يېقىندا بىلىپ قالىدۇ.
40 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
إِذِ الْأَغْلَالُ فِي أَعْنَاقِهِمْ وَالسَّلَاسِلُ يُسْحَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ[71ـ72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار سۆرەپ كىرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر سېلىنىدۇ. ئۇلار سۆرىلىدۇ،
40 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَفْرَحُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَبِمَا كُنْتُمْ تَمْرَحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە (گۇناھ قىلىپ پۇل ـ مالنى ھارام يوللارغا سەرپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن) خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئازاب سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۇ ئازاب سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە كۆرەڭلىگەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈندۇر.
فۇسسىلەت سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئەلۋەتتە ئۈزلۈكسىز ساۋاب بېرىلىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئەلۋەتتە ئۈزلۈكسىز ساۋاب بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا پۈتمەس - تۈگىمەس ئەجىر بار.
41 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ أَعْرَضُوا فَقُلْ أَنْذَرْتُكُمْ صَاعِقَةً مِثْلَ صَاعِقَةِ عَادٍ وَثَمُودَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (بۇ بايانلاردىن كېيىن ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (سەن ئۇلارغا): «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار يەنە يۈز ئۆرۈسە ئېيتقىنكى: «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇدنىڭ باشلىرىغا كەلگەن گۈلدۈرمامىغا ئوخشاش گۈلدۈرمامىدىن ئاگاھلاندۇردۇم».
41 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا صَرْصَرًا فِي أَيَّامٍ نَحِسَاتٍ لِنُذِيقَهُمْ عَذَابَ الْخِزْيِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَخْزَىٰ ۖ وَهُمْ لَا يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈن، شۇم كۈنلەردە قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتتۇق، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر، ئۇلار (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈن، شۇم كۈنلەردە قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتتۇق، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر، ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا شۇم كۈنلەردە سوغۇق ۋە ئاۋازلىق قارا بوران ئەۋەتتۇق. بۇنى ئۇلارغا بۇ دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن قىلدۇق. ئاخىرەت ئازابى بولسا تېخىمۇ رەسۋا قىلغۇچىدۇر. ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلىنمايدۇ.
41 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا ثَمُودُ فَهَدَيْنَاهُمْ فَاسْتَحَبُّوا الْعَمَىٰ عَلَى الْهُدَىٰ فَأَخَذَتْهُمْ صَاعِقَةُ الْعَذَابِ الْهُونِ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇدقا بولسا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇق (يەنى گۇمراھلىق) نى ئارتۇق بىلدى. قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇدقا كەلسەك، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، لېكىن ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇقنى ئارتۇق بىلدى. شۇنىڭ بىلەن قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى
ئەنەس ئالىم: سەمۇدقا كەلسەك، بىز ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق. لېكىن ئۇلار كورلۇقنى ھىدايەتتىن ئۈستۈن كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن خورلىغۇچى ئازابنىڭ گۈلدۈرمامىسى باستى.
41 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ يَصْبِرُوا فَالنَّارُ مَثْوًى لَهُمْ ۖ وَإِنْ يَسْتَعْتِبُوا فَمَا هُمْ مِنَ الْمُعْتَبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (ئازابقا) چىدىسا، (چىدامچانلىقنىڭ پايدىسى يوق) دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھتىن) رازىلىق تىلىسە، ھەرگىز رازىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار ئازابقا چىدىسا، دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر، ئەگەر ئۇلار ئاللاھتىن رازىلىق تەلەپ قىلماقچى بولسا، ئۇلار ھەرگىز رازىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئەگەر سەۋر قىلسا دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر. ئەگەر ئۆزرە ئېيتسا ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.
41 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَنُذِيقَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا عَذَابًا شَدِيدًا وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَسْوَأَ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز كاپىرلارغا چوقۇم قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز، بىز ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىغا ئەڭ قاتتىق جازا بېرىمىز[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز كاپىرلارغا چوقۇم قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز، بىز ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىغا ئەڭ قاتتىق جازا بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز كافىرلارغا قاتتىق ئازاب تېتىتىمىز ۋە ئەڭ يامان ئەمەللىرىنىڭ جازاسىنى بېرىمىز.
41 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ جَزَاءُ أَعْدَاءِ اللَّهِ النَّارُ ۖ لَهُمْ فِيهَا دَارُ الْخُلْدِ ۖ جَزَاءً بِمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَجْحَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە بېرىلىدىغان جازا ئەنە شۇ دوزاختۇر، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جايى دوزاختۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا) شۇنداق جازا بېرىلىدۇ[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە بېرىلىدىغان جازا ئەنە شۇ دوزاختۇر، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جايى دوزاختۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا شۇنداق جازا بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ جازاسىدۇر. ئۇ دوزاخ ئوتىدۇر. ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ مەڭگۈ تۇرىدىغان يۇرتى بار. ئۇلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان.
41 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
مَا يُقَالُ لَكَ إِلَّا مَا قَدْ قِيلَ لِلرُّسُلِ مِنْ قَبْلِكَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغْفِرَةٍ وَذُو عِقَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا (مۇشرىكلار تەرىپىدىن) ئېيتىلىدىغان سۆزلەر پەقەت ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە (قەۋملىرى تەرىپىدىن) ئېيتىلغان سۆزلەردۇر. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە قاتتىق ئازاب ئىگىسىدۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا مۇشرىكلار تەرىپىدىن ئېيتىلىدىغان سۆزلەر، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە قەۋملىرى تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆزلەردىن باشقىسى ئەمەستۇر، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە قاتتىق ئازاب ئىگىسىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ساڭا سۆزلەنگەن نەرسىلەر سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرگە سۆزلەنگەن نەرسىلەردىن باشقىسى ئەمەس. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە ئەلەملىك ئازاب ئىگىسىدۇر.
41 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَدْعُونَ مِنْ قَبْلُ ۖ وَظَنُّوا مَا لَهُمْ مِنْ مَحِيصٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) چوقۇنغان مەبۇدلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ، ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىلگىرى چوقۇنغانلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالغان بولۇپ، ئۇلار قاچىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى ئىلگىرى دۇئا قىلغان مەبۇدلىرى تاشلىۋېتىدۇ. ئۇلار قاچىدىغان يېرى يوقلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.
41 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَذَقْنَاهُ رَحْمَةً مِنَّا مِنْ بَعْدِ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُ لَيَقُولَنَّ هَٰذَا لِي وَمَا أَظُنُّ السَّاعَةَ قَائِمَةً وَلَئِنْ رُجِعْتُ إِلَىٰ رَبِّي إِنَّ لِي عِنْدَهُ لَلْحُسْنَىٰ ۚ فَلَنُنَبِّئَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِمَا عَمِلُوا وَلَنُذِيقَنَّهُمْ مِنْ عَذَابٍ غَلِيظٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا (قىيامەت بولۇپ) مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ سەئيى - ئىجتىھاتىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا قىيامەت بولۇپ مەن رەببىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. لېكىن ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇنىڭغا، بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ: «مەن بۇنى ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن قولغا كەلتۈردۈم. مەن قىيامەتنى قايىم بولىدۇ دەپ ئويلىمايمەن. ناۋادا قىيامەت قايىم بولۇپ مەن رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلغان تەقدىردە، مەن ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىمەن» دەيدۇ. بىز كافىرلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز ۋە ئۇلارغا دەھشەتلىك ئازابتىن تېتىتىمىز.
شۇرا سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يُحَاجُّونَ فِي اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مَا اسْتُجِيبَ لَهُ حُجَّتُهُمْ دَاحِضَةٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ وَلَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، (كىشىلەرنى ئىماندىن توسۇش ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دىنىدا خۇسۇمەت قىلىشقانلارنىڭ دەلىللىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا باتىلدۇر، ئۇلار (دۇنيادا) غەزەپكە ئۇچرايدۇ، (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ دىنىدا خۇسۇمەت قىلىشقانلارنىڭ دەلىللىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا باتىلدۇر، ئۇلار دۇنيادا غەزەپكە ئۇچرايدۇ، ئاخىرەتتە بولسا ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ دەۋىتى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئاللاھ توغرىسىدا مۇنازىلىشىدىغانلارنىڭ دەلىللىرى رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا باتىلدۇر. ئۇلارنىڭ ئۈستىگە غەزەب ياغىدۇ. ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
42 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الْآخِرَةِ نَزِدْ لَهُ فِي حَرْثِهِ ۖ وَمَنْ كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الدُّنْيَا نُؤْتِهِ مِنْهَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ نَصِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى (ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى (ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوق[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاخىرەتنىڭ تېرىكچىلىكىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ تېركچىلىكىنى زىيادە قىلىمىز، كىمكى دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن بېرىمىز، ئەمما ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋە يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: كىم ئاخىرەت ئېكىنىنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ ئېكىنىنى زىيادە قىلىمىز. كىم دۇنيا ئېكىنىنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋە يوقتۇر.
42 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ لَهُمْ شُرَكَاءُ شَرَعُوا لَهُمْ مِنَ الدِّينِ مَا لَمْ يَأْذَنْ بِهِ اللَّهُ ۚ وَلَوْلَا كَلِمَةُ الْفَصْلِ لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ ۗ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكەتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ (ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى قىيامەتكىچە تەخىر قىلىش توغرىسىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە (دۇنيادىلا) ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى كاپىرلار) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمسا ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكىتكەن شېرىكلىرى بارمۇ؟ ئاللاھنىڭ كەسكىن ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلارنىڭ، ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى ئۇلار ئۈچۈن دىن قىلىپ بېكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ ئەگەر ئاللاھنىڭ «ياخشى - ياماننى ئايرىش قىيامەتتە بولىدۇ» دېگەن سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. شۈبھىسزكى، زالىملارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
42 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ الَّذِي يُبَشِّرُ اللَّهُ عِبَادَهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ ۗ قُلْ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا إِلَّا الْمَوَدَّةَ فِي الْقُرْبَىٰ ۗ وَمَنْ يَقْتَرِفْ حَسَنَةً نَزِدْ لَهُ فِيهَا حُسْنًا ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ شَكُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىنئام بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ. «(دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست تۇتۇشۇڭلارنى (يەنى پەرۋەردىگارىمنىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزۈشۈمگە چېقىلماسلىقىڭلارنى) تىلەيمەن» دېگىن، كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى زىيادە بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىنئام بىلەن خۇش ـ خەۋەر بېرىدۇ. ئېيتقىنكى : «مەن سىلەردىن تەبلىغ قىلغانلىقىمغا، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن باشقا بىر ھەق تەلەپ قىلمايمەن»، كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى زىيادە بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىلتىپات بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن. مەن سىلەردىن پەقەت تۇغقانچىلىقتىكى دوستلۇقنى تەلەپ قىلىمەن2». كىم ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى زىيادە قىلىمىز. چۈنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، شۈكۈر قىلغۇچىغا كۆپ ئىنئام ئاتا قىلغۇچىدۇر.
42 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ يُوبِقْهُنَّ بِمَا كَسَبُوا وَيَعْفُ عَنْ كَثِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئاللاھ خالىسا، ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كېمىلەرنى (بوران بىلەن) ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئاللاھ خالىسا، ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كېمىلەرنى ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى ئاللاھ كېمىلەردىكى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كېمىلەرنى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ تولىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ.
42 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا السَّبِيلُ عَلَى الَّذِينَ يَظْلِمُونَ النَّاسَ وَيَبْغُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، زېمىندا ناھەق رەۋىشتە پىتنە ـ پاسات تېرىيدىغان ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، زېمىندا ناھەق رەۋىشتە پىتنە ـ پاسات تېرىيدىغان ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىدىغان ۋە ناھەق رەۋىشتە ھەددىدىن ئاشىدىغان ئادەملەرنىلا ئەيىبلەشكە بولىدۇ. ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
42 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ وَلِيٍّ مِنْ بَعْدِهِ ۗ وَتَرَى الظَّالِمِينَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ يَقُولُونَ هَلْ إِلَىٰ مَرَدٍّ مِنْ سَبِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ ئىگە يوقتۇر، زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ «(دۇنياغا) قايتىشقا يول بارمىدۇ؟» دېگەنلىكىنى كۆرىسەن[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ ئىگە يوقتۇر، زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ :«قايتىشقا يول بارمىدۇ؟» دېگەنلىكىنى كۆرىسەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنى ئازدۇرۇۋەتسە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ھېچ قانداق ۋەلىيسى بولمايدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن زالىملارنى ئازابنى كۆرگەن چاغلىرىدا: «قايتىشقا يول بارمىدۇ؟» دېيىشىۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن.
42 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَاهُمْ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا خَاشِعِينَ مِنَ الذُّلِّ يَنْظُرُونَ مِنْ طَرْفٍ خَفِيٍّ ۗ وَقَالَ الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ الْخَاسِرِينَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَأَهْلِيهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ أَلَا إِنَّ الظَّالِمِينَ فِي عَذَابٍ مُقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ قورققان، خارلانغان ھالدا، (دوزاخقا) كۆزىنىڭ قۇيرۇقى بىلەن قارىغان ھالدا دوزاخقا توغرىلىنىدىغانلىقىنى كۆرىسەن، مۆمىنلەر: «شۈبھىسىزكى، زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيان سالغۇچىلاردۇر» دەيدۇ، بىلىڭلاركى، زالىملار ھەقىقەتەن دائىملىق ئازابتىدۇر[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ قورققان، خارلانغان ھالدا، دوزاخقا كۆزىنىڭ قۇيرۇقى بىلەن قارىغان ھالدا دوزاخقا توغرىلىنىدىغانلىقىنى كۆرىسەن، مۇئمىنلار: «شۈبھىسىزكى، زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيان سالغۇچىلاردۇر» دەيدۇ، بىلىڭلاركى، زالىملار ھەقىقەتەن دائىملىق ئازابتىدۇر
ئەنەس ئالىم: سەن يەنە ئۇلارنى ئازابقا توغرىلانغان، خارلانغانلىقتىن باشلىرى چۈشۈپ كەتكەن ۋە ئەتراپقا كۆزلىرىنىڭ قۇيرۇقلىرى بىلەن ئوغرىلىقچە قاراۋاتقان ھالەتلەردە كۆرىسەن. مۇئمىنلار: «ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىلىرىنى زىيان تارتقۇزغۇچىلاردۇر» دېدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، زالىملار ئەلۋەتتە مۇقىم ئازابتىدۇر.
زۇخرۇف سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَهْلَكْنَا أَشَدَّ مِنْهُمْ بَطْشًا وَمَضَىٰ مَثَلُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۈستۈن بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىسسەلىرى قۇرئاندا ئۆتتى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلاردىن كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۈستۈن بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىسسىلىرى قۇرئاندا ئۆتتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ مۇشرىكلاردىنمۇ كۈچلۈك بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق1. ئىلگىرىكىلەرنىڭ مىسالى قۇرئاندا زىكىر قىلىندى.
43 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْتَقَمْنَا مِنْهُمْ ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارنى جازالىدۇق، (توغرا يولنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى جازالىدۇق، توغرا يولنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق. قارىغىنا، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
43 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا جَاءَنَا قَالَ يَا لَيْتَ بَيْنِي وَبَيْنَكَ بُعْدَ الْمَشْرِقَيْنِ فَبِئْسَ الْقَرِينُ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىر ئادەم (ھەمراھى بىلەن قىيامەت كۈنى) دەرگاھىمىزغا كەلگەن چاغدا (ھەمراھىغا): «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدەك ئارىلىق بولسا ئىكەن. (سەن) نېمىدېگەن يامان ھەمراھ! (چۈنكى سەن مېنىڭ بەختسىزلىكىمگە سەۋەبچى بولدۇڭ)» دەيدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىر ئادەم دەرگاھىمىزغا كەلگەن چاغدا ھەمراھىغا: «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدەك ئارىلىق بولسا ئىكەن. سەن نېمىدېگەن يامان ھەمراھ!» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزغا كەلگەندە يېقىنىغا: «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارسىدەك يىراقلىق بولسا ئىدى! سەن نېمىدېگەن يامان يېقىن!» دەيدۇ.
43 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنْ يَنْفَعَكُمُ الْيَوْمَ إِذْ ظَلَمْتُمْ أَنَّكُمْ فِي الْعَذَابِ مُشْتَرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) «(دۇنيادىكى چاغدا) زۇلۇم قىلغانلىقىڭلار (يەنى شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار) ئۈچۈن بۈگۈن سىلەرنىڭ ئازابتا ئورتاق بولغانلىقىڭلار سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ» دېيىلىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «دۇنيادىكى چاغدا زۇلۇم قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن سىلەرنىڭ ئازابتا ئورتاق بولغانلىقىڭلار سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «بۈگۈنكى پۇشايمىنىڭلار سىلەرگە ھېچ پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى سىلەر زۇلۇم قىلدىڭلار. سىلەر ئازابتا ئورتاق بولىسىلەر» دېيىلىدۇ.
43 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا آسَفُونَا انْتَقَمْنَا مِنْهُمْ فَأَغْرَقْنَاهُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىزنى دەرغەزەپ قىلغاندا، ئۇلارنى بىز (ئەڭ قاتتىق جازالار بىلەن) جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (دېڭىزدا) غەرق قىلدۇق[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىزنى دەرغەزەپ قىلغاندا، ئۇلارنى بىز جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېڭىزدا غەرق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىزنى غەزەپلەندۈرگەن ئىدى، بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلىۋەتتۇق.
43 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
فَاخْتَلَفَ الْأَحْزَابُ مِنْ بَيْنِهِمْ ۖ فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْ عَذَابِ يَوْمٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ناسارالار) نىڭ پىرقىلىرى (ئىيسا توغرىسىدا) ئۆز ـ ئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، زالىملارغا قاتتىق كۈن (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن ۋاي![65]
تەرجىمە ھەيئىتى: ناسارالارنىڭ پىرقىلىرى ئۆز ـ ئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، زالىملارغا قاتتىق كۈننىڭ ئازابىدىن ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان گۇرۇھلار يەنىلا ئىختىلاپ قىلىشتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ زالىملارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار ئەلەملىك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىنىدۇ.
43 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُجْرِمِينَ فِي عَذَابِ جَهَنَّمَ خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: گۇناھكارلار (يەنى كۇففارلار) ھەقىقەتەن دوزاخ ئازابىدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: گۇناھكارلار بولسا، ئۇلار ھەقىقەتەن دوزاخ ئازابىدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلار جەھەننەم ئازابى ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
43 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَرْهُمْ يَخُوضُوا وَيَلْعَبُوا حَتَّىٰ يُلَاقُوا يَوْمَهُمُ الَّذِي يُوعَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى (يەنى مەككە كۇففارلىرىنى) (گۇمراھلىقلىرىدا ۋە نادانلىقلىرىدا) قويۇپ بەرگىن، ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر (باتىللىرىغا) چۆمسۇن ۋە (دۇنياسى بىلەن) ئوينىسۇن[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى قويۇپ بەرگىن، ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر باتىللىرىغا چۆمسۇن ۋە دۇنياسى بىلەن ئوينىسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى تەرك ئەتكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر گۇناھقا چۆمسۇن ۋە ئوينىسۇن.
دۇخان سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يَغْشَى النَّاسَ ۖ هَٰذَا عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ تۈتۈن) كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ، بۇ قاتتىق ئازابتۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ تۈتۈن كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ، بۇ قاتتىق ئازابتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ تۈتۈن ئىنسانلارنى ئورىۋالىدۇ. ئۇ ئەلەملىك ئازابتۇر.
44 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ نَبْطِشُ الْبَطْشَةَ الْكُبْرَىٰ إِنَّا مُنْتَقِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى قاتتىق تۇتقان كۈنىمىزدە چوقۇم جازالايمىز[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى قاتتىق تۇتقان كۈنىمىزدە چوقۇم جازالايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز قاتتىق تۇتىدىغان كۈندە چوقۇم ئىنتىقام ئالىمىز.
44 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
كَمْ تَرَكُوا مِنْ جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى قالدۇردى[25ـ26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى قالدۇردى؛ باغلارنى، بۇلاقلارنى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى قويۇپ كەتتى: باغلارنى، بۇلاقلارنى،
44 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا بَكَتْ عَلَيْهِمُ السَّمَاءُ وَالْأَرْضُ وَمَا كَانُوا مُنْظَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يىغلىمىدى، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يىغلىمىدى، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئاسمان ۋە زېمىن يىغلىمىدى. ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى.
44 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
ذُقْ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْكَرِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنىڭغا خارلاش ۋە مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) «(بۇ ئازابنى) تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات ئىدىڭ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنىڭغا- : «بۇ ئازابنى تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات ئىدىڭ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «تېتىغىن، سەن ئۆزۈڭچە كۈچلۈك ۋە ئۇلۇغ ئىدىڭ.
44 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
فَضْلًا مِنْ رَبِّكَ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەرھەمىتىدىندۇر، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، رەببىڭنىڭ مەرھەمىتىدىندۇر، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر
ئەنەس ئالىم: بۇلار رەببىڭنىڭ ئىلتىپاتىدۇر. بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
جاسىيە سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَيْلٌ لِكُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر بىر گۇناھكار يالغانچىغا ۋاي![7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر بىر گۇناھكار يالغانچىغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: بوھتان چاپلىغۇچى ۋە گۇناھ قىلغۇچى ھەر قانداق كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي!
45 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْمَعُ آيَاتِ اللَّهِ تُتْلَىٰ عَلَيْهِ ثُمَّ يُصِرُّ مُسْتَكْبِرًا كَأَنْ لَمْ يَسْمَعْهَا ۖ فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك (كۇفرىدا) چىڭ تۇرىدۇ (گۇمراھلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك كۇفرىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە تىلاۋەت قىلىنغان ئايەتلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ خۇددى ئۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
45 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا عَلِمَ مِنْ آيَاتِنَا شَيْئًا اتَّخَذَهَا هُزُوًا ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بىرەر نەرسىنى بىلگەن چاغدا (يەنى ئۇنىڭغا قۇرئان ئايەتلىرى يەتكەن چاغدا)، ئۇنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالىدۇ، ئەنە شۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بىرەر نەرسىنى بىلگەن چاغدا، ئۇنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالىدۇ، ئەنە شۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بىر نەرسە بىلسە، ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئەنە شۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
45 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ وَرَائِهِمْ جَهَنَّمُ ۖ وَلَا يُغْنِي عَنْهُمْ مَا كَسَبُوا شَيْئًا وَلَا مَا اتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْلِيَاءَ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ئالدىدا جەھەننەم (كۈتۈپ تۇرىدۇ)، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن نەرسىلىرى (يەنى دۇنيادا تاپقان ماللىرى ۋە بالىلىرى) ۋە ئاللاھنى قويۇپ دوست تۇتقان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) ئۇلارغا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ئالدىدا جەھەننەم كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن نەرسىلىرى ۋە ئاللاھنى قويۇپ دوست تۇتقان نەرسىلىرى ئۇلارغا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئالدىدا جەھەننەم كۈتۈپ تۇرماقتىدۇر. ئۇلارنىڭ تاپقان مال - دۇنياسى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ۋەلىي قىلىۋالغان نەرسىلىرىمۇ ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
45 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا هُدًى ۖ وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ رَبِّهِمْ لَهُمْ عَذَابٌ مِنْ رِجْزٍ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (قۇرئان ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىگە كامىل) ھىدايەتتۇر، پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ - قۇرئان ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىگە - ھىدايەتتۇر، رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ قۇرئان توغرا يولنى كۆرسەتكۈچىدۇر. رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا يىرگىنچلىك ۋە ئەلەملىك ئازاب بار.
45 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لِلَّذِينَ آمَنُوا يَغْفِرُوا لِلَّذِينَ لَا يَرْجُونَ أَيَّامَ اللَّهِ لِيَجْزِيَ قَوْمًا بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، ئاللاھ ھەر قەۋمنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقمايدىغان كۇففارلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىنى) كەچۈرسۇن[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ ھەر قەۋمنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى كەچۈرسۇن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مۇئمىنلارغا ئېيتقىن: ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى1 ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى كەچۈرسۇن. چۈنكى ئاللاھ ھەر قەۋمنى ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن جازالايدۇ.
45 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا أَفَلَمْ تَكُنْ آيَاتِي تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَاسْتَكْبَرْتُمْ وَكُنْتُمْ قَوْمًا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارغا كەلسەك، (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلمىدىمۇ؟ سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتىڭلار، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار» (دېيىلىدۇ)[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلمىدىمۇ؟ سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتتىڭلار، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەرگە ئايەتلىرىم تىلاۋەت قىلىنغان ئەمەسمىدى؟ لېكىن سىلەر چوڭچىلىق قىلدىڭلار ۋە گۇناھكار قەۋم بولدۇڭلار، شۇنداق ئەمەسمۇ!
45 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَدَا لَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا عَمِلُوا وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۇلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدا) مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقلىرى ئاشكارا بولىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالىدۇ.
45 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَقِيلَ الْيَوْمَ نَنْسَاكُمْ كَمَا نَسِيتُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) دېيىلىدۇ: «سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى مۇلاقاتنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز (يەنى سىلەرنى ئازابقا تاشلاپ قويۇپ ئۇنتۇپ قالغاندەك مۇئامىلە قىلىمىز)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە (سىلەرنى ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچىمۇ بولمايدۇ[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلارغا- دېيىلىدۇ: «سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى مۇلاقاتنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە ھېچقانداق ياردەمچىمۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەر بۇ كۈنۈڭلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇغاندەك، بىزمۇ بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر.
ئەھقاف سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ خَالِدِينَ فِيهَا جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، (بۇ) ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە قىلمىشلىرىنىڭ مۇكاپاتى بولۇش ئۈچۈن جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر. ئۇلار ئۇ جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر.
46 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ نَتَقَبَّلُ عَنْهُمْ أَحْسَنَ مَا عَمِلُوا وَنَتَجَاوَزُ عَنْ سَيِّئَاتِهِمْ فِي أَصْحَابِ الْجَنَّةِ ۖ وَعْدَ الصِّدْقِ الَّذِي كَانُوا يُوعَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز، ئۇلار (ئاللاھ يامان ئىشلىرىنى كەچۈرگەنلەر بىلەن) جەننەتتە بولىدۇ، (بۇ) ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز، ئۇلار جەننەتتە بولىدۇ، بۇ، ئۇلارغا قىلىنىپ كەلگەن راست ۋەدىدۇر
ئەنەس ئالىم: مانا بۇلار شۇنداق كىشىلەركى، بىز ئۇلاردىن ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى قوبۇل قىلىمىز، يامانلىقلىرىنى كەچۈرىمىز. ئۇلار جەننەت ئەھلىنىڭ قاتارىدا بولىدۇ. بۇ ئۇلارغا بېرىلگەن راست ۋەدىدۇر.
46 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِكُلٍّ دَرَجَاتٌ مِمَّا عَمِلُوا ۖ وَلِيُوَفِّيَهُمْ أَعْمَالَهُمْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (مۆمىنلەرنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ) ھەممىسىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى ۋە جازاسى (كەم ـ زىيادە قىلىنماي) تولۇق بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەممە ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى ۋە جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ. ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
46 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يُعْرَضُ الَّذِينَ كَفَرُوا عَلَى النَّارِ أَذْهَبْتُمْ طَيِّبَاتِكُمْ فِي حَيَاتِكُمُ الدُّنْيَا وَاسْتَمْتَعْتُمْ بِهَا فَالْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ الْهُونِ بِمَا كُنْتُمْ تَسْتَكْبِرُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَبِمَا كُنْتُمْ تَفْسُقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن ئېيتىلىدۇ): «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر»[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە : «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: كافىرلار دوزاخ ئوتىغا توغرىلىنىدىغان كۈنى ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەر دۇنيادىكى ھاياتىڭلاردا ياخشى نەرسىلىرىڭلارنى تۈگەتتىڭلار، دۇنيادا ئۇلار بىلەن كەيپ - ساپا سۈردۈڭلار. ئەمدى بۈگۈن سىلەر خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر. چۈنكى سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلدىڭلار ۋە يولدىن چىقتىڭلار».
46 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَأَوْهُ عَارِضًا مُسْتَقْبِلَ أَوْدِيَتِهِمْ قَالُوا هَٰذَا عَارِضٌ مُمْطِرُنَا ۚ بَلْ هُوَ مَا اسْتَعْجَلْتُمْ بِهِ ۖ رِيحٌ فِيهَا عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر» دېيىشتى. (ھۇد ئېيتتى) «ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ بىر بوران بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئازاب بار[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر» دېيىشتى، ھۇد بولسا: «ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ بىر بوران بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئازاب بار
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ ئازابنى، ئۆزلىرىنىڭ ۋادىلىرىغا قاراپ كېلىۋاتقان كەڭ بۇلۇت ھالىتىدە كۆرۈپ، «بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرىدىغان بۇلۇت» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياق، ئۇ سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر: ئەلەملىك ئازاب ئۆز ئىچىگە ئالغان شامالدۇر.
46 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
تُدَمِّرُ كُلَّ شَيْءٍ بِأَمْرِ رَبِّهَا فَأَصْبَحُوا لَا يُرَىٰ إِلَّا مَسَاكِنُهُمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْقَوْمَ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ پەرۋردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ» (يەنى بوران كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرىنىڭ (يەنى تۇرغان ماكانلىرىنىڭ ئىزىدىن) باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ پەرۋردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ»، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرى كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇ رەببىنىڭ ئەمرى بىلەن ھەر نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ». شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ماكانلىرىدىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ كەتتى. بىز گۇناھكار قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.
46 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يُعْرَضُ الَّذِينَ كَفَرُوا عَلَى النَّارِ أَلَيْسَ هَٰذَا بِالْحَقِّ ۖ قَالُوا بَلَىٰ وَرَبِّنَا ۚ قَالَ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا): «بۇ (يەنى سىلەر تېتىۋاتقان ئازاب) راست ئەمەسمۇ؟ » (دېيىلىدۇ) ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە راستتۇر» دەيدۇ، ئاللاھ (ئۇلارغا): «كاپىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە ئۇلارغا: «بۇ راست ئەمەسمۇ؟ » دېيىلىدۇ ئۇلار: «رەببىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە راستتۇر» دەيدۇ، دەيدۇ، ئاللاھ ئېيتىدۇ : «كاپىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار»
ئەنەس ئالىم: كافىرلار دوزاخ ئوتىغا توغرىلىنىدىغان كۈنى ئۇلارغا: «بۇ ھەق ئەمەسمىكەن؟» دېيىلىدۇ. ئۇلار: «رەببىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە ھەق ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ئۇنداقتا ئازابنى تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر كافىر بولغان ئىدىڭلار» دەيدۇ.
مۇھەممەد سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ أَضَلَّ أَعْمَالَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىر بولغان ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋېتىدۇ[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىر بولغان ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئاللاھ چوقۇم بىكار قىلىۋېتىدۇ.
47 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَهْدِيهِمْ وَيُصْلِحُ بَالَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى يېقىندا ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ
47 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَفَرُوا فَتَعْسًا لَهُمْ وَأَضَلَّ أَعْمَالَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلارنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى زايا قىلىۋېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلار ھالاك بولىدۇ ۋە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
47 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَرِهُوا مَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) يامان كۆرۈش بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلدى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب – يەنى قۇرئان - نى يامان كۆرۈش بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلدى
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى يامان كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى.
47 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
مَثَلُ الْجَنَّةِ الَّتِي وُعِدَ الْمُتَّقُونَ ۖ فِيهَا أَنْهَارٌ مِنْ مَاءٍ غَيْرِ آسِنٍ وَأَنْهَارٌ مِنْ لَبَنٍ لَمْ يَتَغَيَّرْ طَعْمُهُ وَأَنْهَارٌ مِنْ خَمْرٍ لَذَّةٍ لِلشَّارِبِينَ وَأَنْهَارٌ مِنْ عَسَلٍ مُصَفًّى ۖ وَلَهُمْ فِيهَا مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ وَمَغْفِرَةٌ مِنْ رَبِّهِمْ ۖ كَمَنْ هُوَ خَالِدٌ فِي النَّارِ وَسُقُوا مَاءً حَمِيمًا فَقَطَّعَ أَمْعَاءَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە ـ پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە رەببى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، مۇنداق تەقۋادارلار، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ قىزىقلىقىدىن ئۈچەيلىرى پارە ـ پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟
ئەنەس ئالىم: تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەت مۇنداق: ئىچىدە بۇزۇلمىغان سۇ ئۆستەڭلىرى، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈت ئۆستەڭلىرى، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەي ئۆستەڭلىرى ۋە سۈزۈلدۈرۈلگەن ھەسەل ئۆستەڭلىرى بار. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتتە ھەر تۈرلۈك مېۋە ۋە رەببىدىن مەغپىرەت بار. بۇ نېمەتلەرگە ئېرىشكەن تەقۋادارلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناق سۇ بىلەن سۇغىرىلغان، قايناق سۇ ئۈچەيلىرىنى پارچە - پارچە قىلىۋەتكەن كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟
47 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَعَنَهُمُ اللَّهُ فَأَصَمَّهُمْ وَأَعْمَىٰ أَبْصَارَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس قىلدى، (ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن) كور قىلدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى گاس قىلدى، كۆزلىرىنى كور قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ لەنەت قىلىپ، قۇلاقلىرىنى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتكەن كىشىلەردۇر.
47 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَيْفَ إِذَا تَوَفَّتْهُمُ الْمَلَائِكَةُ يَضْرِبُونَ وُجُوهَهُمْ وَأَدْبَارَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: (ئازاب) پەرىشتىلىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ؟[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا -ئۇلارنىڭ ھالى- قانداق بولىدۇ؟
ئەنەس ئالىم: پەرىشتىلەر ئۇلارنى يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ۋاپات قىلدۇرىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟
47 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ اتَّبَعُوا مَا أَسْخَطَ اللَّهَ وَكَرِهُوا رِضْوَانَهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھنى دەرغەزەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئەگەشتى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى (يەنى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى) ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئازاب شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھنى دەرغەزەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئەگەشتى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەن نەرسىگە ئەگەشتى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ياقتۇرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى.
47 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَشَاقُّوا الرَّسُولَ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْهُدَىٰ لَنْ يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا وَسَيُحْبِطُ أَعْمَالَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، توغرا يول (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكى) ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (سەدىقە بەرگەنگە ئوخشاش) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلمەيدۇ)[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، كافىر بولغان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە توغرا يول ئۆزلىرىگە ئېنىق بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھقا قارشى تۇرغانلار ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ.
47 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ مَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغان ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، ئاندىن كاپىر پىتى ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغان ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، ئاندىن كاپىر پىتى ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، كافىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان، ئاندىن كافىر پېتى ئۆلگەن كىشىلەرگە ئاللاھ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ.
فەتىھ سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُعَذِّبَ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْمُشْرِكِينَ وَالْمُشْرِكَاتِ الظَّانِّينَ بِاللَّهِ ظَنَّ السَّوْءِ ۚ عَلَيْهِمْ دَائِرَةُ السَّوْءِ ۖ وَغَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَلَعَنَهُمْ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَهَنَّمَ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا ئاللاھنىڭ تەمكىنلىك چۈشۈرۈشى) مۇناپىق ۋە مۇناپىقەلەرگە، مۇشرىك ۋە مۇشرىكەلەرگە ئازاب قىلىش ئۈچۈندۇر، ئۇلار ئاللاھقا قارىتا (ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە ياردەم) بەرمەيدۇ دەيدىغان يامان ئويلاردا بولدى، (ئۇلار مۆمىنلەرگە يەتسۇن دېگەن) ھالاكەت ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![6].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە بۇ، مۇناپىق ۋە مۇناپىقەلەرگە، مۇشرىك ۋە مۇشرىكەلەرگە ئازاب قىلىش ئۈچۈندۇر، ئۇلار ئاللاھقا قارىتا يامان ئويلاردا بولدى، ئۇلارنىڭ مۇئمىنلارغا يېتىشىنى خالىغان ھالاكەت زەنجىرى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: بۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ، ئاللاھقا قارىتا يامان گۇماندا بولغان مۇنافىق ئەرلەرنى ۋە مۇنافىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى ۋە مۇشرىك ئاياللارنى ئازابلىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلارنى يامانلىق قورشىۋالسۇن. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارغا لەنەت قىلدى ۋە ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
48 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يُبَايِعُونَكَ إِنَّمَا يُبَايِعُونَ اللَّهَ يَدُ اللَّهِ فَوْقَ أَيْدِيهِمْ ۚ فَمَنْ نَكَثَ فَإِنَّمَا يَنْكُثُ عَلَىٰ نَفْسِهِ ۖ وَمَنْ أَوْفَىٰ بِمَا عَاهَدَ عَلَيْهُ اللَّهَ فَسَيُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، (ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىيەدە) ساڭا (رىزۋان) بەيئىتىنى قىلغانلار (ھەقىقەتتە) ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر (يەنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان بەيئىتىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنى بەيئەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلايدۇ)، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زېيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، -ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىيىدە- ساڭا بەيئە قىلغانلار ھەقىقەتتە ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ساڭا بەيئەت قىلغانلار، ئەلۋەتتە ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر. كىم يېنىۋالسا ئۆزىنىڭ زىيىنىغا يانىدۇ، كىم ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ.
48 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ ظَنَنْتُمْ أَنْ لَنْ يَنْقَلِبَ الرَّسُولُ وَالْمُؤْمِنُونَ إِلَىٰ أَهْلِيهِمْ أَبَدًا وَزُيِّنَ ذَٰلِكَ فِي قُلُوبِكُمْ وَظَنَنْتُمْ ظَنَّ السَّوْءِ وَكُنْتُمْ قَوْمًا بُورًا
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى سىلەر، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر ئائىلىسىگە مەڭگۈ قايتمايدۇ، دەپ گۇمان قىلدىڭلار، بۇ (گۇمراھلىق) دىللىرىڭلاردا چىرايلىق تۇيۇلدى، سىلەر يامان گۇماندا (يەنى ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ بىرىمۇ ساق قايتمايدۇ دەيدىغان ئويدا) بولدۇڭلار، سىلەر ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدۇڭلار»[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى سىلەر، پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئائىلىلىرىگە مەڭگۈ قايتمايدىغانلىقىنى گۇمان قىلدىڭلار، بۇ دىللىرىڭلارغا چىرايلىق تۇيۇلدى، سىلەر يامان گۇماندا بولدۇڭلار، سىلەر ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدۇڭلار»
ئەنەس ئالىم: بەلكى سىلەر ‹رەسۇلۇللاھ ۋە مۇئمىنلار ئائىلىلىرىنىڭ يېنىغا ھەرگىزمۇ قايتمايدۇ› دەپ گۇمان قىلدىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلاردا چىرايلىق تۇيۇلدى. يامان گۇماندا بولدۇڭلار ۋە ھالاك بولۇشقا تېگىشىلىك قەۋم بولدۇڭلار».
48 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لِلْمُخَلَّفِينَ مِنَ الْأَعْرَابِ سَتُدْعَوْنَ إِلَىٰ قَوْمٍ أُولِي بَأْسٍ شَدِيدٍ تُقَاتِلُونَهُمْ أَوْ يُسْلِمُونَ ۖ فَإِنْ تُطِيعُوا يُؤْتِكُمُ اللَّهُ أَجْرًا حَسَنًا ۖ وَإِنْ تَتَوَلَّوْا كَمَا تَوَلَّيْتُمْ مِنْ قَبْلُ يُعَذِّبْكُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (ھۇدەيبىيىگە چىقماي) قېلىپ قالغان ئەئرابىيلارغا: «سىلەر جەڭگىۋار بىر قەۋم بىلەن (ئۇرۇشۇشقا) چاقىرىلىسىلەر، ياكى ئۇلار (ئۇرۇشسىزلا) مۇسۇلمان بولىدۇ (ئۇلار بىلەن ئۇرۇشمايسىلەر)، ئەگەر سىلەر (بۇيرۇققا) بويسۇنساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە چىرايلىق ئەجىر ئاتا قىلدۇ، ئەگەر سىلەر ئىلگىرى قېلىپ قالغاندەك، يەنە قېلىپ قالساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ» دېگىن[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ھۇدەيبىيىگە چىقماي- قېلىپ قالغان ئەئرابىلارغا: «سىلەر جەڭگىۋار بىر قەۋم بىلەن ئۇرۇشۇشقا چاقىرىلىسىلەر، يا ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىسىلەر ياكى ئۇلار تەسلىم بولىدۇ. ئەگەر سىلەر بۇيرۇققا بويسۇنساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە چىرايلىق ئەجىر ئاتا قىلدۇ، ئەگەر سىلەر ئىلگىرى قېلىپ قالغاندەك، يەنە قېلىپ قالساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئايرىلىپ قالغان سەھرالىق ئەرەبلەرگە ئېيتقىنكى: «سىلەر يېقىندا قاتتىق جەڭگىۋار قەۋم بىلەن ئۇرۇشۇشقا چاقىرىلىسىلەر. ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىسىلەر ياكى ئۇلار تەسلىم بولىدۇ. ئەگەر ئىتائەت قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرگە ياخشى ئەجىر ئاتا قىلىدۇ. ئەگەر ئىلگىرى يۈز ئۆرۈگىنىڭلاردەك، يەنە يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازاب قىلىدۇ».
48 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ عَلَى الْأَعْمَىٰ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْأَعْرَجِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْمَرِيضِ حَرَجٌ ۗ وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ يُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ وَمَنْ يَتَوَلَّ يُعَذِّبْهُ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (جىھادقا چىقمىسا) ئەماغا گۇناھ بولمايدۇ، توكۇرغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كېسەلگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇنى ئاللاھ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كىمكى (ئۆزرىسىز جىھادتىن) باش تارتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى (دۇنيادا خورلۇق بىلەن، ئاخىرەتتە ئوت بىلەن) قاتتىق ئازابلايدۇ[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەماغا گۇناھ بولمايدۇ، توكۇرغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كېسەلگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇنى ئاللاھ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كىمكى ئۆزرىسىز جىھادتىن باش تارتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇرۇشقا چىقمىغان ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغىمۇ گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگىمۇ گۇناھ يوقتۇر. كىم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. كىم يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازاب قىلىدۇ.
48 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَغَانِمَ كَثِيرَةً يَأْخُذُونَهَا ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مۆمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيەدە) دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى (يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھقالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[18ـ 19].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇلارنى ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھغالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنى يەنە نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى، ئۇلار ئۇ غەنىيمەتلەرنى ئالىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ھۇجۇرات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
49 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَغُضُّونَ أَصْوَاتَهُمْ عِنْدَ رَسُولِ اللَّهِ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ امْتَحَنَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ لِلتَّقْوَىٰ ۚ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان، ئۇلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان، ئۇلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ يېنىدا ئاۋازلىرىنى پەسەيتكەنلەر، ئاللاھ قەلبلىرىنى تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر بار.
قاف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَصْحَابُ الْأَيْكَةِ وَقَوْمُ تُبَّعٍ ۚ كُلٌّ كَذَّبَ الرُّسُلَ فَحَقَّ وَعِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى[12ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەيكە ئاھالىسى - شۇئەيبنىڭ قەۋمى- ۋە تۈببە قەۋملىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم ئۇلارغا تېگىشلىك بولدى
ئەنەس ئالىم: ئەيكەلىكلەر4 ۋە تۇببەئنىڭ5 قەۋمىمۇ يالغانچى دېگەن ئىدى. ھەممىسى ئەلچىلىرىمنى يالغانچى دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تەھدىتىم ئەمەلگە ئاشتى.
50 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
أَلْقِيَا فِي جَهَنَّمَ كُلَّ كَفَّارٍ عَنِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ)[24ـ26].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەرگە: « ھەر بىر تەرسا كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار
ئەنەس ئالىم: ئىككى پەرىشتىگە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ھەقىقەتكە قارشى چىققۇچى ھەر كافىرنى جەھەننەمگە تاشلاڭلار!
50 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي جَعَلَ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَأَلْقِيَاهُ فِي الْعَذَابِ الشَّدِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ)[24ـ26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ قىلىۋالغانلارنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار»دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ۋە ئاللاھقا باشقا ئىلاھنى تەڭ قىلغۇچى كىشىدۇر. ئۇنى قاتتىق ئازابنىڭ ئىچىگە تاشلاڭلار».
50 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِكُلِّ أَوَّابٍ حَفِيظٍ
مۇھەممەد سالىھ: مانا بۇ (نېمەتتىن) سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتقۇچى، (ئەمرىنى) ساقلىغۇچى ھەر بىر (بەندە) ئۈچۈندۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: مانا بۇ، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ تائىتىگە قايتقۇچى، ئەمرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ھەر بىر بەندە ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «مانا بۇ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىدۇر. بۇ ئاللاھقا يۆنەلگۈچى ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ساقلىغۇچى ھەر كىشى ئۈچۈندۇر،
زارىيات سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ الدِّينَ لَوَاقِعٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ياخشى ئەمەللەرنى) مۇكاپاتلاش، (يامان ئەمەللەرنى) جازالاش چوقۇم بولىدىغان ئىشتۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جازا چوقۇم بولىدىغان ئىشتۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
51 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ هُمْ عَلَى النَّارِ يُفْتَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ بولسا ئۇ كۈندە دوزاختا ئازابلىنىدىغان كۈندۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئۇلار ئوتتا تۇتۇپ تۇرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: جاۋاب: ئۇلار دوزاختا ئازابلىنىدىغان كۈنى بولىدۇ.
51 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
ذُوقُوا فِتْنَتَكُمْ هَٰذَا الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تَسْتَعْجِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا) «سىلەرگە قىلىنغان ئازابنى تېتىڭلار، مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئالدىراتقان نەرسىدۇر» (دەيدۇ)[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «سىلەرگە قىلىنغان ئازابنى تېتىڭلار، مانا بۇ سىلەر ئالدىراتقان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «ئازابىڭلارنى تېتىڭلار. مانا بۇ سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ.
51 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
لِنُرْسِلَ عَلَيْهِمْ حِجَارَةً مِنْ طِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان)، لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز»[33ـ34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن ياسالغان تاشلارنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن كەلدۇق.
51 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَكْنَا فِيهَا آيَةً لِلَّذِينَ يَخَافُونَ الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ شەھەردە قاتتىق ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن نىشان قالدۇردۇق[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ شەھەردە قاتتىق ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن نىشان قالدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەردە، ئەلەملىك ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ئايەت قالدۇردۇق.
51 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذْنَاهُ وَجُنُودَهُ فَنَبَذْنَاهُمْ فِي الْيَمِّ وَهُوَ مُلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىدۇق، پىرئەۋن ئەيىبلەنگۈچىدۇر[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىدۇق، پىرئەۋن ئەيىبلەنگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا ئاتتۇق. ئۇ بۇ ئەسنادا ئۆزىگە مالامەت قىلاتتى.
51 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِي عَادٍ إِذْ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ الرِّيحَ الْعَقِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئادنىڭ (قىسسەسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا يامان بوراننى ئەۋەتتۇق[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئادنىڭ قىسسىسىدىمۇ ئىبرەتلەر بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق بوراننى ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئادتىمۇ ئايەت قالدۇردۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايدىغان بوراننى ئەۋەتكەن ئىدۇق.
51 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَتَوْا عَنْ أَمْرِ رَبِّهِمْ فَأَخَذَتْهُمُ الصَّاعِقَةُ وَهُمْ يَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار (ئازابنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى) كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار رەببىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەببىنىڭ ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى شىددەتلىك گۈلدۈرماما باستى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ تۇراتتى.
51 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا ذَنُوبًا مِثْلَ ذَنُوبِ أَصْحَابِهِمْ فَلَا يَسْتَعْجِلُونِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلاردىن (ئازابتىن) ئۆتكەنكى (ھالاك بولغان) دوستلىرىنىڭ نېسىۋىسىدەك نېسىۋىسى بولىدۇ، بۇلار (ئازابىمغا) ئالدىراتمىسۇن[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئۆتكەنكى دوستلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ نېسىۋىسىدەك بىر نېسىۋىسى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلار ئالدىرىمىسۇن!
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، زالىملارغا ئازابتىن دوستلىرىنىڭ نېسىۋىسىدەك نېسىۋە بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنى ئالدىراتمىسۇن.
51 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ يَوْمِهِمُ الَّذِي يُوعَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندىن كاپىرلارغا ۋاي![60].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلارغا، ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندىن ۋاي!
ئەنەس ئالىم: كافىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان كۈندە كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ.
تۇر سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ لَوَاقِعٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى چوقۇم يۈز بەرگۈسىدۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ ئازابى چوقۇم يۈز بەرگۈسىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ ئازابى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ.
52 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
مَا لَهُ مِنْ دَافِعٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا ھېچ ئادەم قارشى تۇرالمايدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچى يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا ھېچبىر توسالغۇ بولغۇچى يوق.
52 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارغا ۋاي![11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كۈنى راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
52 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يُدَعُّونَ إِلَىٰ نَارِ جَهَنَّمَ دَعًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئۇلار جەھەننەم ئوتىغا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ.
52 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
اصْلَوْهَا فَاصْبِرُوا أَوْ لَا تَصْبِرُوا سَوَاءٌ عَلَيْكُمْ ۖ إِنَّمَا تُجْزَوْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دوزاخقا كىرىڭلار، (ئازابقا) مەيلى سەۋر قىلىڭلار، مەيلى سەۋر قىلماڭلار، سىلەرگە بەرىبىر ئوخشاش (چۈنكى سىلەر دوزاختا مەڭگۈ قالىسىلەر)، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» (دېيىلىدۇ)[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: دوزاخقا كىرىڭلار، ئاندىن مەيلى سەۋر قىلىڭلار، مەيلى سەۋر قىلماڭلار، بەرىبىر سىلەرگە ئوخشاش، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيۈڭلار. سەۋر قىلساڭلارمۇ ياكى سەۋر قىلمىساڭلارمۇ سىلەر ئۈچۈن بەرىبىر. سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ».
52 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَاتَّبَعَتْهُمْ ذُرِّيَّتُهُمْ بِإِيمَانٍ أَلْحَقْنَا بِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَمَا أَلَتْنَاهُمْ مِنْ عَمَلِهِمْ مِنْ شَيْءٍ ۚ كُلُّ امْرِئٍ بِمَا كَسَبَ رَهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ئەۋلادلىرى ئىمان بىلەن ئىزىنى باسقان كىشىلەرگە كەلسەك، بىز ئۇلارغا ئەۋلادلىرىنى قوشىمىز، ئۇلارنىڭ ئەمىلىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىۋەتمەيمىز. ھەر ئىنسان ئۆز قىلمىشى تۈپەيلىدىن گۆرۈگە ئېلىنغۇچىدۇر.
52 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا عَذَابًا دُونَ ذَٰلِكَ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى ئاخىرەتتىكى ئازابتىن) بۇرۇن (دۇنيادىمۇ بىر تۈرلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ)، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلۇم قىلغۇچىلارغا ئۇ ئازابتىن باشقا يەنە ئازا باردۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: زالىملارغا ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ئازاب بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
نەجم سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ لِيَجْزِيَ الَّذِينَ أَسَاءُوا بِمَا عَمِلُوا وَيَجْزِيَ الَّذِينَ أَحْسَنُوا بِالْحُسْنَى
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلارغا چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلارغا چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ يامان ئىش قىلغانلارنى ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن جازالايدۇ، ياخشى ئىش قىلغانلارنى ئەڭ ياخشى مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.
53 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ يُجْزَاهُ الْجَزَاءَ الْأَوْفَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى تولۇق جازا بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىدۇ.
53 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُ أَهْلَكَ عَادًا الْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئاللاھ) قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاۋۋالقى ئادنى ھالاك قىلدى،
53 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَثَمُودَ فَمَا أَبْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇدنىمۇ (ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ) قويمىدى[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇدنىمۇ ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ قويمىدى
ئەنەس ئالىم: سەمۇدنىمۇ ھالاك قىلدى، بىرىنىمۇ قويمىدى.
53 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْمُؤْتَفِكَةَ أَهْوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: . لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى[53 ـ 54].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى
ئەنەس ئالىم: كۆمتۈرۈۋېتىلگەن يۇرتلارنىمۇ ھالاك قىلىپ، يەر ئاستىغا پاتۇرۇۋەتتى.
قەمەر سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن![16]
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇم قانداق بولدى؟
54 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ عَادٌ فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاد قەۋمى (پەيغەمبىرى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن![18]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاد قەۋمى -پەيغەمبىرى ھۇدنى- ئىنكار قىلدى، مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: ئاد يالغانچى دېدى. مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇم قانداق بولدى؟
54 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا صَرْصَرًا فِي يَوْمِ نَحْسٍ مُسْتَمِرٍّ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن) يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان كۈندە سوغۇق ۋە ئاۋازلىق قارا بوران ئەۋەتتۇق.
54 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن![21]
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇم قانداق بولدى؟
54 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن؟[30]
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق بوپتۇ؟
ئەنەس ئالىم: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇم قانداق بولدى؟
54 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ رَاوَدُوهُ عَنْ ضَيْفِهِ فَطَمَسْنَا أَعْيُنَهُمْ فَذُوقُوا عَذَابِي وَنُذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار لۇتتىن مېھمانلىرىنى (يەنى ئادەمزات شەكلىدە كەلگەن پەرىشتىلەرنى) (ئۇلار بىلەن لىۋاتە قىلىش ئۈچۈن) قوغدىماسلىقنى سورىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، (ئۇلارغا) «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېدۇق)[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار لۇتتىن مېھمانلىرىنى قوغدىماسلىقنى سورىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، ئۇلارغا «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قەبىھ ئىش ئۈچۈن لۇتتىن مېھمانلىرىنى تەلەپ قىلدى. بىز ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، ئاندىن ئۇلارغا: «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇمغا قۇلاق سالمىغانلىقنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دېدۇق.
54 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ صَبَّحَهُمْ بُكْرَةً عَذَابٌ مُسْتَقِرٌّ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئەتىگەندە دائىمىي (يەنى ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا ئۇلىنىپ كېتىدىغان) ئازاب نازىل بولدى[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئەتىگەندە دائىمىي ئازاب نازىل بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى ئەتىگىنى بېكىتىلگەن ئازاب باستى.
54 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَذُوقُوا عَذَابِي وَنُذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا): «مېنىڭ ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېيىلدى)[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا : «مېنىڭ ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» دېيىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇمغا قۇلاق سالمىغانلىقنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دېدۇق.
54 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
بَلِ السَّاعَةُ مَوْعِدُهُمْ وَالسَّاعَةُ أَدْهَىٰ وَأَمَرُّ
مۇھەممەد سالىھ: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب بۇلا ئەمەس)، قىيامەت ئۇلارغا (ئازاب قىلىنىش) ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتۇر، قىيامەت تېخىمۇ قىيىندۇر، تېخىمۇ جاپالىقتۇر[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى، قىيامەت ئۇلارغا ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتۇر، قىيامەت تېخىمۇ قىيىندۇر ۋە تېخىمۇ جاپالىقتۇر
ئەنەس ئالىم: بەلكى قىيامەت ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئازابقا دۇچار بولۇش ۋاقتىدۇر. قىيامەت ناھايىتى دەھشەتلىك ۋە بەك ئاچچىقتۇر.
54 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يُسْحَبُونَ فِي النَّارِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ ذُوقُوا مَسَّ سَقَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سورىلىدىغان كۈندە، (ئۇلارغا) «دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سورىلىدىغان كۈندە، ئۇلارغا: «دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئوتنىڭ ئىچىدە يۈزلىرى بىلەن سۆرىلىدىغان كۈندە، ئۇلارغا: «دوزاخ ئازابىنىڭ تەمىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.
رەھمان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
يُرْسَلُ عَلَيْكُمَا شُوَاظٌ مِنْ نَارٍ وَنُحَاسٌ فَلَا تَنْتَصِرَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (قىيامەت كۈنى) سىلەرگە قىزىق ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە تۈتۈنى ئەۋەتىلىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە قىزىق ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە تۈتۈنى ئەۋەتىلىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار! سىلەرگە ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە مىس ئېرىتمىسى ئەۋەتىلىدۇ. ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر.
55 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ جَزَاءُ الْإِحْسَانِ إِلَّا الْإِحْسَانُ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياخشىلىقنىڭ، ياخشىلىقتىن باشقا مۇكاپاتى بولامدۇ؟
ۋاقىئە سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَصْحَابُ الْمَيْمَنَةِ مَا أَصْحَابُ الْمَيْمَنَةِ
مۇھەممەد سالىھ: (بىرىنچى پىرقە) سائادەتمەنلەردۇر، سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان) ئادەملەردۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: سائادەتمەنلەرگە كەلسەك؛ بۇ سائادەتمەنلەر كىملەر؟
ئەنەس ئالىم: سائادەتمەنلەر، نېمىدېگەن بەختلىك بۇ سائادەتمەنلەر!
56 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَصْحَابُ الْمَشْأَمَةِ مَا أَصْحَابُ الْمَشْأَمَةِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئىككىنچى پىرقە) بەختسىز ئادەملەردۇر، بەختسىز ئادەملەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە ـ ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئادەملەردۇر)[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەختسىزلەرگە كەلسەك؛ بۇ بەختسىزلەر كىملەر؟
ئەنەس ئالىم: شۇم كىشىلەر، نېمىدېگەن بەختسىز بۇ شۇم كىشىلەر!
56 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ نېمەتلەر ئۇلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇلار ئەمەل قىلغان.
56 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا نُزُلُهُمْ يَوْمَ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر
ئەنەس ئالىم: مانا بۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا بېرىلىدىغان زىياپەتتۇر.
ھەدىد سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
آمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَأَنْفِقُوا مِمَّا جَعَلَكُمْ مُسْتَخْلَفِينَ فِيهِ ۖ فَالَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ وَأَنْفَقُوا لَهُمْ أَجْرٌ كَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئىگە قىلغان ماللاردىن سەدىقە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە سەدىقە قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئىگە بولىدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئىگە قىلغان ماللاردىن سەدىقە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە سەدىقە قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئىگە بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئورۇن باسارلىرى قىلغان نەرسىلەردىن چىقىم قىلىڭلار. سىلەردىن ئىشەنگەن ۋە چىقىم قىلغانلارغا كاتتا ئەجىر بار.
57 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا لَكُمْ أَلَّا تُنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلِلَّهِ مِيرَاثُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ لَا يَسْتَوِي مِنْكُمْ مَنْ أَنْفَقَ مِنْ قَبْلِ الْفَتْحِ وَقَاتَلَ ۚ أُولَٰئِكَ أَعْظَمُ دَرَجَةً مِنَ الَّذِينَ أَنْفَقُوا مِنْ بَعْدُ وَقَاتَلُوا ۚ وَكُلًّا وَعَدَ اللَّهُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: نېمىشقا سىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلمايسىلەر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھقا خاستۇر، سىلەردىن مەككە پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى پۇل ـ مال سەرپ قىلغانلار ۋە (رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن) ئۇرۇشقانلار، (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن پۇل ـ مال) نەپىقە قىلغانلار ۋە ئۇرۇشقانلار (بىر ـ بىرى بىلەن) باراۋەر ئەمەس، ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن) كېيىن نەپىقە قىلىنغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ (دەرىجىسىدىن) چوڭدۇر، (ئۇلارنىڭ) ھەر بىرىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: نېمىشقا سىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا -پۇل ـ مال- سەرپ قىلمايسىلەر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھقا خاستۇر، مەككە پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى سىلەردىن پۇل ـ مال سەرپ قىلغانلار ۋە ئۇرۇشقانلار بىلەن- كى، ئۇلارنىڭ دەرىجىسى ئۈستۈندۇر -، مەككە پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن نەپىقە قىلغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ دەرىجىسى باراۋەر بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا نېمىشقا مال چىقىم قىلمايسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر. ئىچىڭلاردىن فەتىھتىن ئىلگىرى مال چىقىم قىلغان ۋە ئۇرۇشقانلار، بۇنداق قىلمىغانلار بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى فەتىھتىن كېيىن مال چىقىم قىلغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ دەرىجىسىدىن ئۈستۈندۇر. ھەر بىرىگە ئاللاھ ئەڭ ياخشىنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
57 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ ذَا الَّذِي يُقْرِضُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَاعِفَهُ لَهُ وَلَهُ أَجْرٌ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئۇنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ ساۋاب بېرىدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھقا قەرزىي ھەسەن بېرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ ساۋاب بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئېسىل ئەجىر بار.
57 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْيَوْمَ لَا يُؤْخَذُ مِنْكُمْ فِدْيَةٌ وَلَا مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ مَأْوَاكُمُ النَّارُ ۖ هِيَ مَوْلَاكُمْ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: بۈگۈن سىلەردىن ۋە كاپىرلاردىن فىدىيە ئېلىنمايدۇ، جايىڭلار دوزاختۇر، دوزاخ سىلەرگە ئەڭ لايىقتۇر، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي![15].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۈگۈن سىلەردىن ۋە كاپىرلاردىن فىدىيە ئېلىنمايدۇ، جايىڭلار دوزاختۇر، دوزاخ سىلەرگە ئەڭ لايىقتۇر، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: بۈگۈن سىلەردىنمۇ، كافىرلاردىنمۇ فىدىيە ئېلىنمايدۇ. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايىڭلار دوزاختۇر. ئۇ سىلەرگە لايىقتۇر ۋە نېمىدېگەن يامان جايدۇر!».
57 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُصَّدِّقِينَ وَالْمُصَّدِّقَاتِ وَأَقْرَضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعَفُ لَهُمْ وَلَهُمْ أَجْرٌ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەرگە، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا ۋە ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بەرگۈچىلەرگە (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ كەمبەغەللەرگە سەدىقە بەرگۈچىلەر، ياخشىلىق يوللىرىغا خۇشاللىق بىلەن پۇل ـ مال سەرپ قىلغۇچىلارغا) ھەسسىلەپ (ساۋاب) بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زور مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىلىدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەرگە، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا ۋە ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بەرگۈچىلەرگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئېسىل مۇكاپات باردۇر
ئەنەس ئالىم: سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللار ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگەنلەرگە بەرگەن سەدىقىلىرى ھەسسىلەپ قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارغا ئېسىل ئەجىر بار.
مۇجادىلە سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يُحَادُّونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ كُبِتُوا كَمَا كُبِتَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ وَقَدْ أَنْزَلْنَا آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ ۚ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلار ئۇلاردىن بۇرۇنقىلار ھالاك قىلىنغاندەك ھالاك قىلىنىدۇ. بىز ھەقىقەتەن (ھالال، ھارام، پەرز ۋە ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، كاپىرلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلار، ئۇلاردىن بۇرۇنقىلار ھالاك قىلىنغاندەك ھالاك قىلىنىدۇ. ھالبۇكى بىز ھەقىقەتەن روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، كاپىرلار ئۈچۈن خار قىلغۇچى ئازاب باردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلىدىغانلار2 ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەر خورلانغاندەك خورلىنىدۇ. بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
58 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قِيلَ لَكُمْ تَفَسَّحُوا فِي الْمَجَالِسِ فَافْسَحُوا يَفْسَحِ اللَّهُ لَكُمْ ۖ وَإِذَا قِيلَ انْشُزُوا فَانْشُزُوا يَرْفَعِ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ وَالَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ دَرَجَاتٍ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئەگەر (سورۇندا) بەزىلەر سىلەرگە: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (رەھمىتىنى ۋە جەننىتىنى) كېڭەيتىپ بېرىدۇ، ئەگەر سىلەرگە (باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن): «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئەگەر سىلەرگە: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە كەڭرىلىك بېرىدۇ، ئەگەر سىلەرگە: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە سورۇنلاردا: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئورۇن چىقىرىپ بېرىدۇ. «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار»، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ دەرىجىلىرىنى كۆتىرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
58 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا ۖ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئاللاھ قاتتىق ئازاب تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![15]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
58 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يُحَادُّونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ أُولَٰئِكَ فِي الْأَذَلِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ئەڭ خار ئىنسانلار قاتارىدىدۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ئەڭ خار ئىنسانلار قاتارىدىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلىدىغانلار ئەڭ خار بولغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.
ھەشر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي أَخْرَجَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مِنْ دِيَارِهِمْ لِأَوَّلِ الْحَشْرِ ۚ مَا ظَنَنْتُمْ أَنْ يَخْرُجُوا ۖ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ مَانِعَتُهُمْ حُصُونُهُمْ مِنَ اللَّهِ فَأَتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ حَيْثُ لَمْ يَحْتَسِبُوا ۖ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ الرُّعْبَ ۚ يُخْرِبُونَ بُيُوتَهُمْ بِأَيْدِيهِمْ وَأَيْدِي الْمُؤْمِنِينَ فَاعْتَبِرُوا يَا أُولِي الْأَبْصَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلارنى (يەنى بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنى) تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە ئۆيلىرىدىن ھەيدەپ چىقاردى، سىلەر ئۇلارنى (كۈچلۈك تۇرۇپ مۇنداق خار ھالدا) چىقىپ كېتىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىنى ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ (ئازابىدىن) توسىيالايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى، ئۇلار قورغانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قوللىرى ۋە مۆمىنلەرنىڭ قوللىرى بىلەن بۇزدى، ئى ئەقىل ئىگىلىرى! (ئۇلارنىڭ ھالىدىن) ئىبرەت ئېلىڭلار[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلارنى تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە ئۆيلىرىدىن ھەيدەپ چىقاردى، ھالبۇكى سىلەر ئۇلارنى چىقىپ كېتىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىنىڭ ئۇلارنى ئاللاھنىڭ -ئازابىدىن- توسىيالايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى، ئۇلار ئۆيلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قوللىرى ۋە مۇئمىنلارنىڭ قوللىرى بىلەن بۇزدى، ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ئىبرەت ئېلىڭلار!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئەھلى كىتابتىن بولغان كافىرلارنى تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە يۇرتلىرىدىن چىقاردى. سىلەر ئۇلارنىڭ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدىڭلار. ئۇلار قورغانلىرىمىز بىزنى ئاللاھتىن ساقلايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالدى. ئۇلار ئۆيلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ۋە مۇئمىنلارنىڭ قوللىرى بىلەن خاراب قىلاتتى. ئى ئۆتكۈر كۆزلۈك كىشىلەر! ئىبرەت ئېلىڭلار.
59 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْلَا أَنْ كَتَبَ اللَّهُ عَلَيْهِمُ الْجَلَاءَ لَعَذَّبَهُمْ فِي الدُّنْيَا ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابُ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى سۈرگۈن بولۇشقا ھۆكۈم قىلمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى دۇنيادا (ئۆلتۈرۈش) بىلەن ئازابلايتتى، ئۇلار ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى سۈرگۈن بولۇشقا ھۆكۈم قىلمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى دۇنيادا ئازابلايتتى، ئۇلار ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ ئۇلارغا سۈرگۈن بولۇشنى يازمىغان بولسا ئىدى، ئۇلارنى بۇ دۇنيادا باشقا شەكىلدە ئازابلايتتى. ئۇلارغا ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابى بار.
59 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ شَاقُّوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۖ وَمَنْ يُشَاقِّ اللَّهَ فَإِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشى) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشتى، كىمكى ئاللاھ بىلەن قارشىلىشىدىكەن، شۈبھىسىز، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلىقى سەۋەبىدىندۇر، كىمكى ئاللاھ بىلەن قارشىلىشىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى تۇردى. كىم ئاللاھقا قارشى تۇرىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر.
59 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
كَمَثَلِ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ قَرِيبًا ۖ ذَاقُوا وَبَالَ أَمْرِهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئۇلاردىن ئىلگىرى يېقىندىلا ئۆتكەن، قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا) ئوخشايدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار، ئۇلاردىن ئىلگىرى يېقىندىلا ئۆتكەن، قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن قاتتىق ئازاب باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئەھۋالى يېقىندىلا ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغان. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
سەپ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
61 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ تِجَارَةٍ تُنْجِيكُمْ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟[10]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! مەن سىلەرگە، سىلەرنى ئەلەملىك ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟
61 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَيُدْخِلْكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ وَمَسَاكِنَ طَيِّبَةً فِي جَنَّاتِ عَدْنٍ ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىكى گۈزەل سارايلاردا (تۇرغۇزىدۇ)، بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: بۇ تىجارەتنى قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە ۋە ئەدن جەننەتلىرىدىكى ئېسىل سارايلارغا كىرگۈزىدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
تەغابۇن سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَبَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَبْلُ فَذَاقُوا وَبَالَ أَمْرِهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ئىلگىرى كاپىر بولۇپ ئەمەللىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ئىلگىرى كاپىر بولۇپ ئەمەللىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۈچۈن قاتتىق ئازاب باردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ئىلگىرى كافىر بولۇپ، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا ئەلەملىك ئازابمۇ بار.
64 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَجْمَعُكُمْ لِيَوْمِ الْجَمْعِ ۖ ذَٰلِكَ يَوْمُ التَّغَابُنِ ۗ وَمَنْ يُؤْمِنْ بِاللَّهِ وَيَعْمَلْ صَالِحًا يُكَفِّرْ عَنْهُ سَيِّئَاتِهِ وَيُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ، ئۇ زىيان تارتىدىغان كۈندۇر (يەنى ئۇ كۈندە ئىماننى تەرك ئەتكەنلىكى بىلەن كاپىرنىڭ زىيان تارتقانلىقى، ياخشى ئەمەللەرنى دېگەندەك قىلالمىغانلىقى بىلەن مۆمىننىڭ زىيان تارتقانلىقى ئاشكارا بولىدۇ). كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ، ئۇ زىيان تارتىدىغان كۈندۇر. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر
ئەنەس ئالىم: بىر كۈنى ئاللاھ سىلەرنى جەم قىلىش كۈنى ئۈچۈن يىغىدۇ2. ئەنە شۇ، پايدا ئېلىش ۋە زىيان تارتىش كۈنىدۇر3. كىم ئاللاھقا ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئىش قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ ۋە ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ. ئەنە شۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
64 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا أَمْوَالُكُمْ وَأَوْلَادُكُمْ فِتْنَةٌ ۚ وَاللَّهُ عِنْدَهُ أَجْرٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار (سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن) بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار بىر سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىناقتۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بۈيۈك مۇكاپات بار.
64 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعِفْهُ لَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۚ وَاللَّهُ شَكُورٌ حَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا قەرزى ھەسەنەقەرزى ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى مەمنۇنىيەت بىلەن پۇل – مال سەرپ قىلساڭلار)، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى بەندىلىرىنى ئازابلاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ ۋە سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىغا كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر، ھەلىيمدۇر،
تالاق سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
65 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ أَمْرُ اللَّهِ أَنْزَلَهُ إِلَيْكُمْ ۚ وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يُكَفِّرْ عَنْهُ سَيِّئَاتِهِ وَيُعْظِمْ لَهُ أَجْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ھۆكمىدۇر. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ھۆكمىدۇر، كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ئەمرىدۇر. كىم ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ.
65 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ عَتَتْ عَنْ أَمْرِ رَبِّهَا وَرُسُلِهِ فَحَاسَبْنَاهَا حِسَابًا شَدِيدًا وَعَذَّبْنَاهَا عَذَابًا نُكْرًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇرغۇن شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالىدۇق[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى رەببىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: نۇرغۇنلىغان يۇرت ئاھالىسى رەببىنىڭ ئەمرىدىن ۋە رەببىنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى. بىز ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى مىسلىسىز ئازاب بىلەن ئازابلىدۇق.
65 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَاقَتْ وَبَالَ أَمْرِهَا وَكَانَ عَاقِبَةُ أَمْرِهَا خُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى زىيان تارتىشتىن ئىبارەت بولدى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: نەتىجىدە ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى زىيان تارتىشتىنلا ئىبارەت بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تېتىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتى زىياندىن ئىبارەت بولدى.
65 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ الَّذِينَ آمَنُوا ۚ قَدْ أَنْزَلَ اللَّهُ إِلَيْكُمْ ذِكْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئى ئىمان ئېيتقان ئەقىل ئىگىلىرى! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى، ئى ئىمان ئېيتقان ئەقىل ئىگىلىرى! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارغا يەنە قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئۇ ھالدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئاللاھ سىلەرگە زىكىر نازىل قىلدى
تەھرىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
66 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ كَفَرُوا لَا تَعْتَذِرُوا الْيَوْمَ ۖ إِنَّمَا تُجْزَوْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى كاپىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى كاپىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئى كافىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار. سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
مۈلك سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَاعْتَرَفُوا بِذَنْبِهِمْ فَسُحْقًا لِأَصْحَابِ السَّعِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار گۇناھىنى تونۇيدۇ، ئەھلى دوزاخ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن![11]
تەرجىمە ھەيئىتى: نەتىجىدە ئۇلار گۇناھىنى تونۇيدۇ، ئەھلى دوزاخ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن!
ئەنەس ئالىم: دېمەك، ئۇلار گۇناھىنى مانا مۇشۇنداق ئېتىراپ قىلىدۇ. يوقالسۇن يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئەھلى!
67 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَيْبِ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىدىن كۆرمەي تۇرۇپ قورققانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىدىن كۆرمەي تۇرۇپ قورققانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مەغپىرەت ۋە بۈيۈك ئەجىر بار.
67 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) يالغانغا چىقاردى. (ئۇلارنى ئازاب چۈشۈرۈش بىلەن) ئەيىبلىگەنلىكىم قانداق ئىكەن؟[18]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر يالغانغا چىقارغان ئىدى، مېنى ئىنكار قىلىشنىڭ نەتىجىسى قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ راستنى يالغان دېگەن ئىدى. ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟
67 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَأَوْهُ زُلْفَةً سِيئَتْ وُجُوهُ الَّذِينَ كَفَرُوا وَقِيلَ هَٰذَا الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تَدَّعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىقىنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ، ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىقىنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ، ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى سەتلىشىپ كېتىدۇ، ئۇلارغا: «ئەنە شۇ سىلەر تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ.
قەلەم سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ لَكَ لَأَجْرًا غَيْرَ مَمْنُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇقەررەركى، سەن ئەلۋەتتە ئۆكسۈمەس ساۋابقا ئېرىشىسەن[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇقەررەركى، سەن ئەلۋەتتە ئۆكسىمەس ساۋابقا ئېرىشىسەن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ساڭا پۈتمەس - تۈگىمەس ئەجىر بار.
68 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
سَنَسِمُهُ عَلَى الْخُرْطُومِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ بۇرنىنى داغلاپ بەلگە سالىمىز[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ بۇرنىنى داغلاپ بەلگە سالىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز يېقىندا ئۇنىڭ تۇمشۇقىغا بەلگە سالىمىز.
68 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَطَافَ عَلَيْهَا طَائِفٌ مِنْ رَبِّكَ وَهُمْ نَائِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا رەببىڭ تەرىپىدىن ئازاب نازىل بولدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇ باغنى رەببىڭدىن كەلگەن بىر پالاكەت باستى. ئۇلار بۇ چاغدا ئۇخلاۋاتتى.
68 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَصْبَحَتْ كَالصَّرِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە باغ كۆيۈپ قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇ باغ سۈبھى ۋاقتىغىچە مېۋىلىرى ئۈزۈۋېلىنغان باغقا ئوخشاش بولۇپ قالدى.
68 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَأَوْهَا قَالُوا إِنَّا لَضَالُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار باغنىڭ (كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋىسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى[26ـ27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار باغنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق
ئەنەس ئالىم: لېكىن باغنى كۆرۈپ مۇنداق دېيىشتى: «بىز چوقۇم ئېزىپ كېتىپتىمىز.
68 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ الْعَذَابُ ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَكْبَرُ ۚ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئازاب مانا مۇشۇنداقتۇر (يەنى قۇرەيشكىمۇ باغ ئىگىلىرىگە چۈشكەن ئازاب چۈشىدۇ). ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئازاب مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئازاب ئەنە شۇنداقتۇر، ئاخىرەت ئازابى تېخىمۇ بۈيۈكتۇر، ئۇلار بىلگەن بولسىچۇ!
ھاققە سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا ثَمُودُ فَأُهْلِكُوا بِالطَّاغِيَةِ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن سەمۇد ھەددىدىن زىيادە پالاكەت3 بىلەن ھالاك قىلىندى.
69 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا عَادٌ فَأُهْلِكُوا بِرِيحٍ صَرْصَرٍ عَاتِيَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاد بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاد بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى
ئەنەس ئالىم: ئاد بولسا سوغۇق ۋە ئاۋازلىق قاتتىق قارا بوران بىلەن ھالاك قىلىندى.
69 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
سَخَّرَهَا عَلَيْهِمْ سَبْعَ لَيَالٍ وَثَمَانِيَةَ أَيَّامٍ حُسُومًا فَتَرَى الْقَوْمَ فِيهَا صَرْعَىٰ كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍ خَاوِيَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارغا بوراننى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ئاپىرىدە قىلدى. (ئاد) قەۋمىنىڭ (ئۆز ماكانلىرىدا ھالاك بولۇپ) خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارغا بوراننى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ئاپىرىدە قىلدى، ئاد قەۋمىنىڭ خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇ بوراننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يەتتە كېچە ۋە سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي چىقاردى. ئەگەر ئۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئۇلارنى خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك يېقىلغان ھالەتتە كۆرەتتىڭ.
69 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَصَوْا رَسُولَ رَبِّهِمْ فَأَخَذَهُمْ أَخْذَةً رَابِيَةً
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئاللاھ قاتتىق جازالىدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار رەبلىرىنىڭ ئەلچىسىگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئاللاھ قاتتىق جازالىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەببىنىڭ ئەلچىسىگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن رەببى ئۇلارنى شىددىتى بارغانچە زىيادە بولىدىغان ئازاب بىلەن جازالىدى.
69 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمْ أَدْرِ مَا حِسَابِيَهْ
مۇھەممەد سالىھ: ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم![26]
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم!
ئەنەس ئالىم: ھېسابىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەم ئىدىم!
69 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
يَا لَيْتَهَا كَانَتِ الْقَاضِيَةَ
مۇھەممەد سالىھ: دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى (ئاخىرەتتە قايتا تىرىلمەس قىلىپ) ئاخىرلاشتۇرسىچۇ![27]
تەرجىمە ھەيئىتى: دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرسىچۇ!
ئەنەس ئالىم: ئاھ! كاشكى، ئۆلۈم ئىشنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى بولسا ئىدى!
69 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
مَا أَغْنَىٰ عَنِّي مَالِيَهْ ۜ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ مال ـ مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ مال ـ مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى
ئەنەس ئالىم: مال - مۈلكۈم ماڭا ئەسقاتمىدى.
69 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
هَلَكَ عَنِّي سُلْطَانِيَهْ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى»
ئەنەس ئالىم: سەلتەنەتىم قولۇمدىن كەتتى».
69 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
خُذُوهُ فَغُلُّوهُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) ئېيتىدۇ: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار[30]،
تەرجىمە ھەيئىتى: -دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە ئەمر قىلىنىدۇكى-: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار
ئەنەس ئالىم: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار.
69 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّهُ لَحَسْرَةٌ عَلَى الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئان كاپىرلارغا (ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى ۋە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئازابىنى كۆرگەن چاغدا) ئەلۋەتتە ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئان كاپىرلارغا ئەلۋەتتە ھەسرەت بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، قۇرئان كافىرلارغا ھەسرەتتۇر.
مائارىج سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَأَلَ سَائِلٌ بِعَذَابٍ وَاقِعٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىر تىلىگۈچى (يەنى نەزر ئىبن ھارىس) كاپىرلارغا چوقۇم بولىدىغان ئازابنىڭ (چۈشۈشىنى) تىلىدى[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر تىلىگۈچى كاپىرلارغا چوقۇم بولىدىغان ئازابنىڭ چۈشۈشىنى تىلىدى
ئەنەس ئالىم: سورىغۇچى چوقۇم بولىدىغان ئازابنى سورىدى،
70 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
لِلْكَافِرِينَ لَيْسَ لَهُ دَافِعٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (ئازاب) نى ھېچ ئادەم قايتۇرالمايدۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى قايتۇرغۇچى يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئازاب كافىرلارغا بولىدۇ، ئۇ ئازابنى دەپئى قىلغۇچى يوقتۇر.
70 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ هُمْ مِنْ عَذَابِ رَبِّهِمْ مُشْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار رەببىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەببىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچى كىشىلەردۇر،
70 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ عَذَابَ رَبِّهِمْ غَيْرُ مَأْمُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى (ئاللاھ ئەمىن قىلغاندىن باشقا ھېچبىر ئادەم ئۈچۈن) ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ رەببىنىڭ ئازابى ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر
ئەنەس ئالىم: چۈنكى رەببىڭنىڭ ئازابى ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر.
نوھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
مِمَّا خَطِيئَاتِهِمْ أُغْرِقُوا فَأُدْخِلُوا نَارًا فَلَمْ يَجِدُوا لَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَنْصَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (توپان بىلەن) غەرق قىلىندى، دوزاخقا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچى تاپالمىدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن -توپان بىلەن- غەرق قىلىندى ئاندىن دوزاخقا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچىلەر تاپالمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن سۇغا غەرق قىلىندى، ئوتقا كىرگۈزۈلدى، ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىلەر تاپالمىدى.
جىن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّا كُنَّا نَقْعُدُ مِنْهَا مَقَاعِدَ لِلسَّمْعِ ۖ فَمَنْ يَسْتَمِعِ الْآنَ يَجِدْ لَهُ شِهَابًا رَصَدًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەمىشە (ئوغرىلىقچە تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان جايلىرىدا ئولتۇراتتۇق، كىمكى ئەمدى (ئوغرىلىقچە) ئاڭلاشقا ئورۇنىدىكەن، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارنى بايقايدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەمىشە ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان جايلىرىدا تىڭشاش ئۈچۈن ئولتۇراتتۇق، ئەمدى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشقا ئورۇنغان كىشى، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارنى بايقايدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرى ئاسماننىڭ تىڭشاشقا مۇۋاپىق يەرلىرىدە ئولتۇراتتۇق. لېكىن ھازىر كىم تىڭشاشقا ئۇرۇنسا، ماراپ تۇرغان ئاقار يۇلتۇز بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
72 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
لِنَفْتِنَهُمْ فِيهِ ۚ وَمَنْ يُعْرِضْ عَنْ ذِكْرِ رَبِّهِ يَسْلُكْهُ عَذَابًا صَعَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (يەنى كۇففارلار) توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق (يەنى رىزقىنى كەڭ قىلىپ بېرەتتۇق)، كىمكى پەرۋەردىگارىنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ[16ـ17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايتتۇق. كىمكى رەببىنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ، ئۇلارنى بۇنىڭدا سىنىشىمىز ئۈچۈن بولاتتى. كىم رەببىنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، رەببى ئۇنى بارغانسېرى ئېغىرلىشىدىغان ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.
مۇزەممىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ لَدَيْنَا أَنْكَالًا وَجَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (ئۇلارغا) ئېغىر ئىشكەللەر ۋە (كۆيدۈرگۈچى) دوزاخ بار[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئۇلارغا ئېغىر ئىشكەللەر ۋە دوزاخ بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ يېنىمىزدا ئېغىر ئىشكەللەر ۋە دوزاخ بار،
73 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَصَىٰ فِرْعَوْنُ الرَّسُولَ فَأَخَذْنَاهُ أَخْذًا وَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن پەيغەمبەرگە (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا) ئاسىيلىق قىلدى (يەنى پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتماي، ئۇنى يالغانغا چىقاردى، ئى قۇرەيش جامائەسى! سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغاندەك، پىرئەۋنمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغان ئىدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن ئەلچىمىزگە ئاسىيلىق قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق.
مۇدەسسىر سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
عَلَى الْكَافِرِينَ غَيْرُ يَسِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر.
74 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
سَأُرْهِقُهُ صَعُودًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن
ئەنەس ئالىم: مەن يېقىندا ئۇنى تىك داۋانغا چىقىشقا زورلايمەن.
74 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ
مۇھەممەد سالىھ: لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى؟[19]
تەرجىمە ھەيئىتى: لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆلگۈر! قانداق پىلانلىدى؟
74 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ قُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ
مۇھەممەد سالىھ: يەنە لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى
ئەنەس ئالىم: ھۇ ئۆلگۈر! قانداق پىلانلىدى؟
74 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
نَذِيرًا لِلْبَشَرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلار ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر،
قىيامەت سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ بَاسِرَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر تۇتۇق بولىدۇ[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر تۇتۇق بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى يەنە بىر قىسىم يۈزلەر تۈرۈلىدۇ.
75 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
تَظُنُّ أَنْ يُفْعَلَ بِهَا فَاقِرَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مۈشكۈللۈككە دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئۇلار جەزمەن ئىشىنىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مۈشكۈللۈككە دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئۇلار جەزمەن ئىشىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرىگە ئومۇرتقىلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئىش قىلىنىدىغانلىقىنى بايقايدۇ.
75 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا![34]
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ساڭا لايىقتۇر! بۇ ساڭا لايىقتۇر!
ئەنەس ئالىم: ساڭا ئازاب بەكمۇ لايىقتۇر، بەكمۇ لايىقتۇر!
75 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: يەنە ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا![35]
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە بۇ ساڭا لايىقتۇر! بۇ ساڭا لايىقتۇر!
ئەنەس ئالىم: شۇنداق، ساڭا ئازاب بەكمۇ لايىقتۇر، بەكمۇ لايىقتۇر.
ئىنسان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَقَاهُمُ اللَّهُ شَرَّ ذَٰلِكَ الْيَوْمِ وَلَقَّاهُمْ نَضْرَةً وَسُرُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنىڭ (يۈزلىرىگە) نۇر، (دىللىرىغا) خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھمۇ ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارغا بىر نۇر ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارنى ئۇ كۈننىڭ يامانلىقىدىن ساقلىدى، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە نۇر، دىللىرىغا خۇشاللىق بەردى،
76 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰذَا كَانَ لَكُمْ جَزَاءً وَكَانَ سَعْيُكُمْ مَشْكُورًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، سىلەرنىڭ مېھنىتىڭلار قوبۇل بولدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، سىلەرنىڭ مېھنىتىڭلار تەشەككۈرگە لايىق كۆرۈلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «مانا بۇ سىلەرنىڭ مۇكاپاتىڭلار ئىدى. مېھنىتىڭلارغا تەشەككۈر ئېيتىلغان ئىدى2».
مۇرسەلات سۈرىسى
13 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
77 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي![15]
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
77 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ نُهْلِكِ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟[16]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىز ئاۋۋالقىلارنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟
77 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ نُتْبِعُهُمُ الْآخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشتۈرۈپ كېيىنكىلەرنى ھالاك قىلدۇق[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلارغا كېيىنكىلەرنى ئەگەشتۈرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارغا كېيىنكىلەرنى ئەگەشتۈرىمىز.
77 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ نَفْعَلُ بِالْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق قىلىمىز (يەنى جازالايمىز)[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز گۇناھكارلارغا ئەنە شۇنداق مۇئامىلە قىلىمىز.
77 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي![19]
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
77 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا فِيهَا رَوَاسِيَ شَامِخَاتٍ وَأَسْقَيْنَاكُمْ مَاءً فُرَاتًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي![28]
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
77 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى): «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار، ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ)[29ـ30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا دېيىلىدۇكى: «سىلەر ئىنكار قىلغان نەرسىگە بېرىڭلار؛
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «سىلەر ئۆزۈڭلار يالغان دېگەن نەرسىگە بېرىڭلار،
77 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
كَأَنَّهُ جِمَالَتٌ صُفْرٌ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي![34]
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
77 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ كَانَ لَكُمْ كَيْدٌ فَكِيدُونِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي![40]
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
77 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
كُلُوا وَاشْرَبُوا هَنِيئًا بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
77 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي![45]
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
77 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
كُلُوا وَتَمَتَّعُوا قَلِيلًا إِنَّكُمْ مُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي![47]
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
77 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ارْكَعُوا لَا يَرْكَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي![49]
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
نەبە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
78 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ جَهَنَّمَ كَانَتْ مِرْصَادًا
مۇھەممەد سالىھ: جەھەننەم ھەقىقەتەن (كۇففارلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: جەھەننەم ھەقىقەتەن بىر كۈزىتىش ئورنىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، جەھەننەم كۆزەتكۈچى بولىدۇ،
78 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
جَزَاءً وِفَاقًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (ئۇلارغا بېرىلىدىغان) مۇۋاپىق جازادۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ مۇۋاپىق بىر جازادۇر
ئەنەس ئالىم: مۇۋاپىق جازا!
78 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَذُوقُوا فَلَنْ نَزِيدَكُمْ إِلَّا عَذَابًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا ئېيتىمىزكى) «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز»[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلارغا ئېيتىمىزكى-: «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز»
ئەنەس ئالىم: شۇڭا تېتىڭلار! سىلەرگە ئازابتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمايمىز.
78 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
جَزَاءً مِنْ رَبِّكَ عَطَاءً حِسَابًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئەنە شۇلار) پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەرگەن مۇكاپاتى، يېتەرلىك ئاتاسىدۇر[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: بۇلار رەببىڭنىڭ مۇكاپاتى ۋە يېتەرلىك ئىنئامىدۇر.
78 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَنْذَرْنَاكُمْ عَذَابًا قَرِيبًا يَوْمَ يَنْظُرُ الْمَرْءُ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ وَيَقُولُ الْكَافِرُ يَا لَيْتَنِي كُنْتُ تُرَابًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن (يۈز بېرىشى) يېقىن ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتكەن بولسامچۇ!» دەيدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن يېقىن ئازابتىن ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ ۋە كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ!» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى يېقىن ئازابتىن ئاگاھلاندۇردۇق. ئۇ كۈندە كىشى بۇرۇن ئۆزى قىلغان ئىشلىرىنى كۆرىدۇ، كافىر: «كاشكى، تۇپراق بولسامچۇ!» دەيدۇ.
نازىئات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذَهُ اللَّهُ نَكَالَ الْآخِرَةِ وَالْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابى بىلەن جازالىدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابى بىلەن جازالىدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇنى ئاخىرقى ۋە ئاۋۋالقىنىڭ جازاسى بىلەن جازالىدى7.
مۇتەففىفىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
83 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي![10]
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈندە يالغانغا چىقارغۇچىلارغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈندە، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
ئىنىشقاق سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
84 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَوْفَ يَدْعُو ثُبُورًا
مۇھەممەد سالىھ: «ۋاي» دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)[11]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆلۈپ يوق بولماقچى بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ يوق بولۇپ كېتىشنى تىلەيدۇ
84 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يُوعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنداقتا ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
84 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئۈزۈلمەس ساۋابقا ئېرىشىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر مۇستەسنادۇركى، ئۇلار ئۈچۈن ئۈزۈلمەس مۇكاپات باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مۇستەسنا. ئۇلارغا تۈگىمەيدىغان مۇكاپات بار.
بۇرۇج سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
85 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ فَتَنُوا الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَتُوبُوا فَلَهُمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمْ عَذَابُ الْحَرِيقِ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىنە ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى قىيناپ، ئاندىن تەۋبە قىلمىغانلارغا جەھەننەم ئازابى بار، ئۇلارغا كۆيدۈرگۈچى ئازاب بار.
85 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ بَطْشَ رَبِّكَ لَشَدِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك ـ شۈبھىسىز قاتتىقتۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ جازاسى شەك ـ شۈبھىسىز قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ جازالىشى بەك قاتتىقتۇر.
غاشىيە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
88 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَيُعَذِّبُهُ اللَّهُ الْعَذَابَ الْأَكْبَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇنى ئەڭ بۈيۈك ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ.
فەجر سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَصَبَّ عَلَيْهِمْ رَبُّكَ سَوْطَ عَذَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن رەببىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئازاب قامچىسى ياغدۇردى.
89 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَجِيءَ يَوْمَئِذٍ بِجَهَنَّمَ ۚ يَوْمَئِذٍ يَتَذَكَّرُ الْإِنْسَانُ وَأَنَّىٰ لَهُ الذِّكْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (گۇناھكارلارنى كۆرۈش ئۈچۈن) جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (يەنى كاپىر) (دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، ئەنە شۇ كۈندە ئىنسان ئەسلەيدۇ، ھالبۇكى، ئەمدى ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى جەھەننەم كەلتۈرۈلىدۇ. ئەنە شۇ كۈندە ئىنسان ئەسلەيدۇ. لېكىن بۇ ئەسلەشنىڭ ئۇنىڭغا قانداقمۇ پايدىسى بولسۇن!5
89 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
يَقُولُ يَا لَيْتَنِي قَدَّمْتُ لِحَيَاتِي
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئېيتىدۇكى: «كاشكى مەن (دۇنيادىكى) ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!»[24]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتىدۇكى: «كاشكى مەن ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!»
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «كاشكى، ھاياتىم ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان بولسامچۇ!» دەيدۇ.
89 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
يَقُولُ يَا لَيْتَنِي قَدَّمْتُ لِحَيَاتِي
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە ھەر ئەھەدى (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنى) ئاللاھ جازالىغاندەك جازالىمايدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېچكىم شۇ كۈندە ئاللاھ جازالىغاندەك جازالىيالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈندە ھېچكىم ئاللاھ ئازابلىغاندەك ئازابلىيالمايدۇ،
89 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
فَيَوْمَئِذٍ لَا يُعَذِّبُ عَذَابَهُ أَحَدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ھەمدە ھېچ ئەھەدى ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەمدە ھېچكىم ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ھېچكىم ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىيالمايدۇ.
شەمس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
91 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ اللَّهِ نَاقَةَ اللَّهِ وَسُقْيَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن ئۇلار سالىھ پەيغەمبەرنى يالغانچى قىلىپ، تۆگىنى ئۆلتۈردى، ئاندىن گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىپ، ئۇ يەرنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلار ئۇنى يالغانچى دېدى ۋە ئۇ تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن رەببى ئۇلارغا گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازاب ئەۋەتتى ۋە ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى.
لەيل سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
92 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَصَدَّقَ بِالْحُسْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك[5ـ6]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك
ئەنەس ئالىم: ۋە ئەڭ ياخشىنى تەستىقلايدىكەن،
92 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَّبَ بِالْحُسْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا ئەڭ قىيىننى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز.
92 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ رَبِّهِ الْأَعْلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئېھسان قىلغۇچى ئادەم) (پەرۋەردىگارىنىڭ بەرگەن مۇكاپاتىدىن) چوقۇم رازى بولىدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ چوقۇم رازى بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇ يېقىندا رازىلىققا ئېرىشىدۇ.
تىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
95 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَلَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مۇستەسنا. ئۇلارغا تۈگىمەس ئەجىر بار.
ئەلەق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
96 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا لَئِنْ لَمْ يَنْتَهِ لَنَسْفَعًا بِالنَّاصِيَةِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن ـ يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز[15 ـ 16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق ئەمەس! ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ جەھەننەمگە سۆرەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇ يانسۇن2! ئەگەر يانمىسا ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ سۆرەيمىز،
بەييىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
98 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
جَزَاؤُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ جَنَّاتُ عَدْنٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۖ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ۚ ذَٰلِكَ لِمَنْ خَشِيَ رَبَّهُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات (ئۇلارنىڭ) تۇرار جايى بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئېرىشىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا رەببىنىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات ئۇلارنىڭ تۇرار جايى بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇلار، رەببىدىن قورققانلار ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇلارنىڭ، رەببىنىڭ ھۇزۇرىدىكى مۇكاپاتى ئەدن جەننەتلىرىدۇر. ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. مانا بۇ، رەببىدىن ئەيمەنگەن كىشى ئۈچۈندۇر.
ھۇمەزە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
104 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا ۖ لَيُنْبَذَنَّ فِي الْحُطَمَةِ
مۇھەممەد سالىھ: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمەلىيەت ھەرگىز ئۇ ئويلىغاندەك بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم ھۆتەمەگە تاشلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنداق ئەمەس. ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ.
فىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
105 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
تَرْمِيهِمْ بِحِجَارَةٍ مِنْ سِجِّيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ[4]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئاتاتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇچارقاناتلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئاتاتتى.
كەۋسەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
108 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ شَانِئَكَ هُوَ الْأَبْتَرُ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام ـ نىشانى قالمايدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: (مۇھەممەدنىڭ ئوغلى ئۆلۈپ، ئۇنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى دەپ) ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشىلا ھەقىقىي نەسىلى قۇرۇپ كېتىدىغان كىشىدۇر.
ئەنەس ئالىم: ئەسلىدە نەسلى ئۈزۈلگەن كىشى سېنى دۈشمەن تۇتقان كىشىدۇر.
مەسەد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
111 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَبَّتْ يَدَا أَبِي لَهَبٍ وَتَبَّ
مۇھەممەد سالىھ: ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلىيەتتە) قۇرۇپ كەتتى.
ئەنەس ئالىم: ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى ھالاك بولدى، ئۆزىمۇ ھالاك بولدى1.
111 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فِي جِيدِهَا حَبْلٌ مِنْ مَسَدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بىلەن ئوتۇننى بوينىغا باغلاپ يۈدۈگەن ھالدا (لاۋۇلداپ تۇرغان شۇ ئوتقا) كىرىدۇ.
ئەنەس ئالىم: ئۇ خوتۇننىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ.