ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتى ۋە ھەممە نەرسىگە بولغان مۇتلەق قۇدرىتى.
ئېنگلىزچىسى: Divine Power
358 ئايەت
73 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئىلاھىي سۈپەتلەر ۋە ئالامەتلەر /
- 📄 ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
16 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ كَصَيِّبٍ مِنَ السَّمَاءِ فِيهِ ظُلُمَاتٌ وَرَعْدٌ وَبَرْقٌ يَجْعَلُونَ أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ مِنَ الصَّوَاعِقِ حَذَرَ الْمَوْتِ ۚ وَاللَّهُ مُحِيطٌ بِالْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك، گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان، گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك، گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان، گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇنداق كافىرلارنىڭ ھەممە ئىشىنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئاسماندىن تۆكۈلگەن قاتتىق يامغۇرغا مۇپتىلا بولغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا قاراڭغۇلۇقلار، گۈلدۈرماما ۋە چاقماق بار. ئۇلار ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، چاقماق سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالىدۇ. ئاللاھ كافىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
يَكَادُ الْبَرْقُ يَخْطَفُ أَبْصَارَهُمْ ۖ كُلَّمَا أَضَاءَ لَهُمْ مَشَوْا فِيهِ وَإِذَا أَظْلَمَ عَلَيْهِمْ قَامُوا ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَذَهَبَ بِسَمْعِهِمْ وَأَبْصَارِهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: چاقماق چاققاندا ئۇلار كۆز نۇرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ، ئۇلار چاقماق يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ؛ قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا تۇرۇپ قالىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئەلۋەتتە مەھرۇم قىلاتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: چاقماق نۇرى ئۇلارنى كۆرەلمەس قىلىپ قويغىلى تاس قالىدۇ، ھەر قېتىم چاقماق چاققاندا، ئۇلار ئۇنىڭ يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ؛ (چاقماق ئۆچۈپ) قاراڭغۇ بولغاندا بولسا تۇرۇپ قالىدۇ، ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىپ قوياتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: چاقماق ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى قۇيىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. ئۇلار قاچانىكى چاقماق ئەتراپىنى يورۇتسا ماڭىدۇ، چاقماق ئۆچۈپ ئەتراپ قاراڭغۇلاشسا تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىۋېتەتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر9.
2 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ بَعَثْنَاكُمْ مِنْ بَعْدِ مَوْتِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن كېيىن، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن، دەپ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈردۇق[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن كېيىن سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن تىرىلدۈردۇق
ئەنەس ئالىم: سىلەر بىر مۇددەت ئۆلۈك ھالەتتە قالغاندىن كېيىن بىز سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ قايتا تىرىلدۈردۇق.
2 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
مَا نَنْسَخْ مِنْ آيَةٍ أَوْ نُنْسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِنْهَا أَوْ مِثْلِهَا ۗ أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: قانداقلا بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، (ئورنىغا) ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟[106]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەر قانداق بىر ئايەتنى(ئۇنىڭ ھۆكمى ياكى تىلاۋىتى جەھەتتىن) ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. سەن ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: بىز قانداقلا ئايەتنى نەسخ29 قىلساق ياكى ئۇنى ئۇنتۇلدۇرساق، ئورنىغا ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى ياكى ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرىمىز. بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
2 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە مەدەتكار يوقتۇر[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە مەدەتكارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: بىلمەمسەن؟ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ۋەلىي30 ۋە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر.
2 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
بَدِيعُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَإِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلار ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر. بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقلۇقتىن بار قىلغۇچىدۇر. ئۇ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ بىرەر نەرسە ياراتماقچى بولسا، ئۇنىڭغا پەقەت: «بول!» دەيدۇ، ئۇ بولىدۇ34.
2 : 148 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِكُلٍّ وِجْهَةٌ هُوَ مُوَلِّيهَا ۖ فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ ۚ أَيْنَ مَا تَكُونُوا يَأْتِ بِكُمُ اللَّهُ جَمِيعًا ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر (ئۈممەت) نىڭ يۈز كەلتۈرىدىغان تەرىپى (قىبلىسى) بار، (ئى مۆمىنلەر!) ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار، قەيەردە بولماڭلار، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ ھەممىڭلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[148].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر ئۈممەتنىڭ يۈزلىنىدىغان تەرىپى (يەنى قىبلىسى) بار، (ئى مۆمىنلەر!) ياخشى ئەمەللەرنى تالىشىپ قىلىڭلار، قەيەردە بولۇڭلار، ئاللاھ ھەممەڭلارنى قىيامەت كۈنى (ھېساب ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ھەر ئۇممەتنىڭ يۈز كەلتۈرىدىغان تەرىپى بار. ئۇنداقتا سىلەر ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا بەسلىشىڭلار. قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەممىڭلارنى ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
2 : 165 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَتَّخِذُ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَنْدَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللَّهِ ۖ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَشَدُّ حُبًّا لِلَّهِ ۗ وَلَوْ يَرَى الَّذِينَ ظَلَمُوا إِذْ يَرَوْنَ الْعَذَابَ أَنَّ الْقُوَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا وَأَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعَذَابِ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۆمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار (قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان) ئازابنى كۆرگەن چاغدا پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتى)[165].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن باشقىلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى دوست تۇتقاندەك دوست تۇتىدۇ. مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار ئازابنى كۆرگەن ۋاقىتتا پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەيتتى)
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار بەزى كىشىلەرنى49 ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ زالىملار پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئۇ ئازابنى كۆرىدىغان كۈندە بىلگەندەك ھازىر بىلگەن بولسىچۇ!
2 : 209 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ زَلَلْتُمْ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْكُمُ الْبَيِّنَاتُ فَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن (توغرا يولدىن) تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، (سىلەر جازالىنىسىلەر، چۈنكى) ئاللاھ غالىبتۇر (يەنى سىلەردىن ئىنتىقام ئېلىشتىن ئاجىز ئەمەستۇر)، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[209].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن توغرا يولدىن تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن يەنىلا ھەقتىن تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
2 : 243 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ خَرَجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ وَهُمْ أُلُوفٌ حَذَرَ الْمَوْتِ فَقَالَ لَهُمُ اللَّهُ مُوتُوا ثُمَّ أَحْيَاهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرى مىڭلارچە تۇرۇقلۇق، ئۆلۈمدىن قورقۇپ، يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى «ئۆلۈڭلار» دېدى (ئۇلار ئۆلدى). ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈردى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ[243].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرى مىڭلىغان (ئادەم) تۇرۇقلۇق، ئۆلۈمدىن قورقۇپ، يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟*[1] ئاللاھ ئۇلارغا «ئۆلۈڭلار» دېدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈردى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆلۈمدىن قورقۇپ يۇرتلىرىدىن چىقىپ كەتكەن شۇ مىڭلىغان كىشلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارغا: «ئۆلۈڭلار!» دېدى، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى تىرىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
2 : 245 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ ذَا الَّذِي يُقْرِضُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَاعِفَهُ لَهُ أَضْعَافًا كَثِيرَةً ۚ وَاللَّهُ يَقْبِضُ وَيَبْسُطُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە (يەنى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگۈچە) كۆپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ (سىناش ئۈچۈن، بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، (بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) كەڭ قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[245].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھ يولىدا پۇل ـ مېلىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە كۆپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ بولسا كەڭ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىغان كىم بار؟ ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ ئازمۇ بېرىدۇ، كۆپمۇ بېرىدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
2 : 251 - ئايەت
كۆرۈش
فَهَزَمُوهُمْ بِإِذْنِ اللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُودُ جَالُوتَ وَآتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَهُ مِمَّا يَشَاءُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لَفَسَدَتِ الْأَرْضُ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى (پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرىنى (پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابلىققا يۈزلىنەتتى، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[251].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كافىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرى (يەنى پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابىلىككە ئايلىناتتى، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كافىرلارنىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلدى. داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى70. ئاللاھ داۋۇدقا ھۆكۈمدارلىقنى ۋە ھېكمەتنى71 ئاتا قىلدى، ئۇنىڭغا خالىغىنىنى ئۆگەتتى. ئەگەر ئاللاھ بەزى ئىنسانلارنى بەزى ئىنسانلار بىلەن توسۇپ تۇرمىسا ئىدى، دۇنيانىڭ ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئالەملەرگە ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر.
2 : 258 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِي حَاجَّ إِبْرَاهِيمَ فِي رَبِّهِ أَنْ آتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ إِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّيَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ قَالَ أَنَا أُحْيِي وَأُمِيتُ ۖ قَالَ إِبْرَاهِيمُ فَإِنَّ اللَّهَ يَأْتِي بِالشَّمْسِ مِنَ الْمَشْرِقِ فَأْتِ بِهَا مِنَ الْمَغْرِبِ فَبُهِتَ الَّذِي كَفَرَ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ: «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى (نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كېلىپ، بىرىنى ئۆلتۈردى، يەنە بىرىنى قويۇپ بەردى). ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىنى كۆرۈپ): «ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، (خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ) سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. (بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[258].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان پادىشاھلىق تۈپەيلى، ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ئادەمنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، تىرىكنى ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇ: «مەنمۇ تىرىلدۈرەلەيمەن، ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى. ئىبراھىم: «ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرىدۇ، سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېۋىدى، ئۇ كافىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھۆكۈمدارلىق ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىبراھىم بىلەن رەببى توغرىسىدا دەتالاش قىلقان كىشى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «مېنىڭ رەببىم تىرىلدۈرىدىغان، ئۆلتۈرىدىغان زاتتۇر» دېگەن ئىدى، ئۇ: «مەنمۇ تىرىلدۈرىمەن، ئۆلتۈرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم: «ئۇنداق بولسا، ئاللاھ قۇياشنى مەشرىقتىن چىقىرىدۇ. قېنى، سەن ئۇنى مەغرىبتىن چىقىرىپ باق!» دېدى. ئۇ كافىر تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
2 : 259 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ كَالَّذِي مَرَّ عَلَىٰ قَرْيَةٍ وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا قَالَ أَنَّىٰ يُحْيِي هَٰذِهِ اللَّهُ بَعْدَ مَوْتِهَا ۖ فَأَمَاتَهُ اللَّهُ مِائَةَ عَامٍ ثُمَّ بَعَثَهُ ۖ قَالَ كَمْ لَبِثْتَ ۖ قَالَ لَبِثْتُ يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ۖ قَالَ بَلْ لَبِثْتَ مِائَةَ عَامٍ فَانْظُرْ إِلَىٰ طَعَامِكَ وَشَرَابِكَ لَمْ يَتَسَنَّهْ ۖ وَانْظُرْ إِلَىٰ حِمَارِكَ وَلِنَجْعَلَكَ آيَةً لِلنَّاسِ ۖ وَانْظُرْ إِلَى الْعِظَامِ كَيْفَ نُنْشِزُهَا ثُمَّ نَكْسُوهَا لَحْمًا ۚ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ قَالَ أَعْلَمُ أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى سەن تام، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان (خارابە) شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دىن ئۆتكەن كىشىنى (يەنى ئۇزەيرنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ (ئەجەبلىنىپ): «ئاللاھ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېدى. ئاللاھ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن) تىرىلدۈردى. ئاللاھ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «(بۇ ھالەتتە) قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، (تولۇق) 100 يىل تۇردۇڭ! يېمەك- ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارىغىنكى (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). (ساڭا يۇقىرىقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز) سېنى كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى قانداق قۇراشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرىمىز. (يۇقىرىقى ئىشلار) ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا (يەنى ئۇ روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا)، ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى[259].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى سەن تام-ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان شەھەردىن ئۆتكەن كىشىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ: «ئاللاھ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن تىرىلدۈردى. ئاللاھ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «سەن بۇ ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، سەن يۈز يىل تۇردۇڭ! يېمەك-ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، ئۇ بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارا (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). سېنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىلى قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ ئىشلارنى قىلدۇق. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى بىز قانداق قۇراشتۇرۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قانداق گۆش قوندۇرىمىزكىن». بۇ ئىشلار ئۇنى كۆز ئالدىدا ئېنىق بولغان چاغدا، ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بىلدىم» دېدى
ئەنەس ئالىم: تۆۋەندىكى كىشىنى كۆرمىدىڭمۇ: ئۇ ئۆگزىلىرى چۆكۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان يۇرتتىن ئۆتكەن ئىدى. ئۇ: «ئاللاھ ئۆلگەن بۇ يۇرتنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇنى دەرھال ئۆلتۈردى ۋە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈپ: «ئۆلۈك ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دېدى، ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز» دېدى. ئاللاھ: «ياق، يۈز يىل تۇردۇڭ. يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان نەرسىلىرىڭگە قارىغىن، بۇزۇلمىدى. ئېشىكىڭگە قارىغىن. سېنى ئىنسانلارغا دەلىل قىلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈردۇق. شۇ سۆڭەكلەرنى قانداق قۇراشتۇرىدىغانلىقىمىزغا، ئاندىن ئۇلارغا قانداق گۆش قوندۇرىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن» دېدى. ئۇ كىشى ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىق كۆرۈپ: «ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ئەمدى ئوبدان بىلدىم» دېدى.
2 : 260 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ أَرِنِي كَيْفَ تُحْيِي الْمَوْتَىٰ ۖ قَالَ أَوَلَمْ تُؤْمِنْ ۖ قَالَ بَلَىٰ وَلَٰكِنْ لِيَطْمَئِنَّ قَلْبِي ۖ قَالَ فَخُذْ أَرْبَعَةً مِنَ الطَّيْرِ فَصُرْهُنَّ إِلَيْكَ ثُمَّ اجْعَلْ عَلَىٰ كُلِّ جَبَلٍ مِنْهُنَّ جُزْءًا ثُمَّ ادْعُهُنَّ يَأْتِينَكَ سَعْيًا ۚ وَاعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تاپسۇن ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «قۇشتىن تۆتنى ئالغىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە توپلىغىن (يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن)، ئاندىن ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار چاپسان كېلىدۇ». بىلگىنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[260].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «ئى رەببىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا بىر كۆرسەتسەڭ» دېۋىدى. ئاللاھ: «ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم تېخىمۇ تەسكىن تاپسۇن دەيمەن» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «قۇشتىن تۆتنى تۇتۇپ ئۆزۈڭگە ئۆگەتكىن، ئاندىن (ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ پارچىلاپ)، ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويۇپ قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، ئۇلار دەرھال سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىدۇ». بىلگىنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «رەببىم! ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىسەن، ماڭا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى، رەببى: «ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئەلۋەتتە ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم ئارام تاپسۇن دەپ بۇنى تەلەپ قىلىۋاتىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەببى مۇنداق دېدى: «ئۇنداق بولسا تۆت دانە قۇش تۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە كۆندۈرگىن. ئاندىن ئۇلارنى كېسىپ ئارىلاشتۇرۇپ ھەر تاغنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردىن بىرەر پارچە قويغىن. ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، دەرھال يېنىڭغا كېلىدۇ. بىلگىنكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».
2 : 284 - ئايەت
كۆرۈش
لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَإِنْ تُبْدُوا مَا فِي أَنْفُسِكُمْ أَوْ تُخْفُوهُ يُحَاسِبْكُمْ بِهِ اللَّهُ ۖ فَيَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەر (ئىگىدارچىلىق قىلىش جەھەتتىن بولسۇن، تەسەررۇپ قىلىش جەھەتتىن بولسۇن) ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. دىلىڭلاردىكى (يامانلىقنى) مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[284].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر. دىلىڭلاردىكىنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئىچىڭلاردىكىنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ، ئاندىن خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
18 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي يُصَوِّرُكُمْ فِي الْأَرْحَامِ كَيْفَ يَشَاءُ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سىلەرنى بەچچىدانلاردا (يەنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چېغىڭلاردا) ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاناڭلارنىڭ بالىياتقۇلىرىدا سىلەرنى خالىغانچە شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
3 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ كَانَ لَكُمْ آيَةٌ فِي فِئَتَيْنِ الْتَقَتَا ۖ فِئَةٌ تُقَاتِلُ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَأُخْرَىٰ كَافِرَةٌ يَرَوْنَهُمْ مِثْلَيْهِمْ رَأْيَ الْعَيْنِ ۚ وَاللَّهُ يُؤَيِّدُ بِنَصْرِهِ مَنْ يَشَاءُ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبْرَةً لِأُولِي الْأَبْصَارِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى يەھۇدىيلار جامائەسى! بەدرىدە جەڭ ئۈچۈن) ئۇچراشقان ئىككى گۇرۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار، بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇۋاتقان گۇرۇھتۇر، يەنە بىرى مۇسۇلمانلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ سانىنى) ئۆزلىرىدەك ئىككى باراۋەر ئوپئوچۇق كۆرگەن كاپىرلار گۇرۇھىدۇر (يەنى ئاللاھ كاپىرلارغا قورقۇنچ سېلىش بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇشتىن قول يىغدۇرۇش ئۈچۈن، كاپىرلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى جىق كۆرسەتتى). ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىپ قوللايدۇ. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى يەھۇدىيلار جامائەسى! بەدرىدە جەڭ ئۈچۈن) ئۇچراشقان ئىككى گۇرۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار، بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇۋاتقان گۇرۇھتۇر، يەنى بىرى كۆزىگە مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىدەك ئىككى باراۋەر كۆرۈنۈپ كەتكەن كافىرلار گۇرۇھىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىپ قوللايدۇ. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار
ئەنەس ئالىم: توقۇنۇشقان ئىككى گۇرۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئايەت بار5. بىر گۇرۇھ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشاتتى، يەنە بىرى بولسا كافىر ئىدى. ئۇلار قارشى تەرەپنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدەك كۆرەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىگە نۇسرەت ئاتا قىلىپ قوللايدۇ. ئەنە شۇ ۋەقەدە ئۆتكۈر كۆزلۈك كىشىلەرگە ئىبرەت بار.
3 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ اللَّهُمَّ مَالِكَ الْمُلْكِ تُؤْتِي الْمُلْكَ مَنْ تَشَاءُ وَتَنْزِعُ الْمُلْكَ مِمَّنْ تَشَاءُ وَتُعِزُّ مَنْ تَشَاءُ وَتُذِلُّ مَنْ تَشَاءُ ۖ بِيَدِكَ الْخَيْرُ ۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق (نىڭ خەزىنىسى يالغۇز) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتىقىنكى، «پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! سەن خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىۋالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى ئاللاھ! ئى پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى! سەن پادىشاھلىقنى ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە بېرىسەن، پادىشاھلىقنى ئۆزۈڭ خالىغان كىشىدىن تارتىۋالىسەن. ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ئەزىز قىلىسەن، ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى خار قىلىسەن. ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. سەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن.
3 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
تُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَتُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ ۖ وَتُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَتُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ ۖ وَتَرْزُقُ مَنْ تَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن، (شۇنىڭ بىلەن كېچە-كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)؛ جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىسەن؛ ئۆزەڭ خالىغان كىشىگە ھەددى-ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن»[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن؛ جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىسەن؛ ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن»
ئەنەس ئالىم: كېچىنى كۈندۈزگە قېتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە قېتىپ كېچىنى ئۇزارتىسەن. تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىسەن، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىسەن. ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن».
3 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنْ تُخْفُوا مَا فِي صُدُورِكُمْ أَوْ تُبْدُوهُ يَعْلَمْهُ اللَّهُ ۗ وَيَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «دىلىڭلاردىكىنى مەيلى يوشۇرۇڭلار، مەيلى ئاشكارىلاڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «دىلىڭلاردىكىنى مەيلى يوشۇرۇڭلار، مەيلى ئاشكارىلاڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «دىلىڭلاردىكىنى يوشۇرساڭلارمۇ ياكى ئاشكارا قىلساڭلارمۇ، ئاللاھ ئۇنى بىلىدۇ. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىمۇ بىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر».
3 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَقَدْ بَلَغَنِيَ الْكِبَرُ وَامْرَأَتِي عَاقِرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكَ اللَّهُ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: «پەرۋەردىگارىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغۇتتىن قالغان تۇرسا قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» دېدى. پەرىشتىلەر: «ئاللاھ شۇنىڭدەك خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى قۇدرىتى ئىلاھىييە ھېچ نەرسىدىن ئاجىز ئەمەس)» دېدى[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «ئى رەببىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغماس تۇرسا، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» دېدى. پەرىشتىلەر: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇركى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟ مەن قېرىپ كەتكەن تۇرسام، ئايالىم تۇغماس تۇرسا!» دېدى. ئاللاھ: «شۇنداق، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ» دېدى.
3 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي وَلَدٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكِ اللَّهُ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ إِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ (يەنى ئاتا ـ ئانا ئارقىلىقمۇ ۋە ئۇنىڭسىزمۇ يارىتىدۇ). بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ‹ۋۇجۇدقا كەل› دەيدۇ – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم: «ئى رەببىم! ماڭا ھېچبىر ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا، قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ. بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، < ۋۇجۇدقا كەل > دەيدۇ-دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: مەريەم: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ بالام بولسۇن؟ مەن بىلەن ھېچكىم بىر يەردە بولمىغان تۇرسا!» دېدى. ئاللاھ: «شۇنداق. لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئۇ بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلسا ئۇنىڭغا پەقەتلا: ‹بول› دەيدۇ. ئۇ بولىدۇ» دېدى.
3 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَكَرُوا وَمَكَرَ اللَّهُ ۖ وَاللَّهُ خَيْرُ الْمَاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مىكىر ئىشلەتتى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى (ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى قۇتقۇزۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار (ئىيسانى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ) ھىيلە-مىكىر ئىشلەتتى، ئاللاھ ئۇلارغا قارشى (ئىيسانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن) تەدبىر قوللاندى. ئاللاھ (ھىيلە-مىكىرگە قارشى) ئەڭ ياخشى تەدبىر قوللانغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: باشقىلىرى بولسا ئىيساغا سۇيىقەست قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بەربات قىلدى. ئاللاھ سۇيىقەستلەرنى ئەڭ ئوبدان بەربات قىلغۇچىدۇر.
3 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ مَثَلَ عِيسَىٰ عِنْدَ اللَّهِ كَمَثَلِ آدَمَ ۖ خَلَقَهُ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ قَالَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىيسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا ـ ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىيسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس)[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىيسانىڭ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقى ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) يارىتىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېۋىدى، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىيسانىڭ ئەھۋالى ئادەمنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ئۇنى تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «بول!» دېدى، ئۇ بولدى.
3 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭ (مۈلكى، مەخلۇقاتى ۋە بەندىلىرى) دۇر، ھەممە ئىشلار ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ.
3 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ نَصَرَكُمُ اللَّهُ بِبَدْرٍ وَأَنْتُمْ أَذِلَّةٌ ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە بەدرىدە نۇسرەت ئاتا قىلدى، ھالبۇكى، سىلەر كۈچسىز ئىدىڭلار (سانىڭلار ۋە قورالىڭلار ئاز ئىدى). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نۇسرىتىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ئاللاھتىن قورقۇڭلار[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەدرى ئۇرۇشىدا سىلەرنىڭ كۈچۈڭلار ئاجىز بولسىمۇ، ئاللاھ سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلدى، شۇڭا، شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە بەدىردە نۇسرەت ئاتا قىلدى. سىلەر ئۇ چاغدا ناھايىتى كۈچسىز ئىدىڭلار. ئۇنداقتا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، شۈكۈر قىلغان بولىسىلەر.
3 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ تَقُولُ لِلْمُؤْمِنِينَ أَلَنْ يَكْفِيَكُمْ أَنْ يُمِدَّكُمْ رَبُّكُمْ بِثَلَاثَةِ آلَافٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُنْزَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن مۆمىنلەرگە: «پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ ياردەم بەرسە يەنە يەتمەمدۇ؟» دەيتتىڭ[124].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن مۆمىنلەرگە: «پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ ياردەم بەرسە يەنە يەتمەمدۇ؟» دېگەن ئىدىڭ
ئەنەس ئالىم: سەن ئۇ چاغدا مۇئمىنلارغا: «رەببىڭلارنىڭ ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ سىلەرگە ياردەم بېرىشى سىلەر ئۈچۈن يېتەرلىك بولمامدۇ؟» دەيتتىڭ.
3 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا جَعَلَهُ اللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ لَكُمْ وَلِتَطْمَئِنَّ قُلُوبُكُمْ بِهِ ۗ وَمَا النَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنى (يەنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى) پەقەت سىلەرگە خۇشخەۋەر بولسۇن ۋە دىلىڭلار شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولسۇن (شۇنىڭ بىلەن دۈشمەننىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن قورقمىسۇن) دەپ قىلدى. ياردەم پەقەت غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پەقەت سىلەرگە خۇش خەۋەر بولسۇن ۋە دىلىڭلار شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولسۇن دەپ شۇنداق قىلدى. ياردەم پەقەت ھەممىگە غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بۇ ياردەمنى سىلەرگە خۇش خەۋەر بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈنلا قىلدى. نۇسرەت پەقەت ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىندۇر.
3 : 150 - ئايەت
كۆرۈش
بَلِ اللَّهُ مَوْلَاكُمْ ۖ وَهُوَ خَيْرُ النَّاصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىدىغان مەدەتكارىڭلار ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار)، ئۇ ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر[150].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇلار سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلار ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر، ئەڭ ياخشى ياردەمچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، سىلەرنىڭ ئىگەڭلار ئاللاھتۇر. ئۇ ياردەمچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
3 : 151 - ئايەت
كۆرۈش
سَنُلْقِي فِي قُلُوبِ الَّذِينَ كَفَرُوا الرُّعْبَ بِمَا أَشْرَكُوا بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا ۖ وَمَأْوَاهُمُ النَّارُ ۚ وَبِئْسَ مَثْوَى الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىلاھلىقى) ھەققىدە ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، زالىملارنىڭ جايى (يەنى دوزاخ) ھەقىقەتەن يامان جايدۇر[151].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىلاھلىقىغا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، كافىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بۇ كافىرلارنىڭ تۇرار جايى نېمىدىگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: بىز كافىرلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالىمىز. چۈنكى ئۇلار ئىلاھلىقىغا ئاللاھ ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر. زالىملارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى نېمىدېگەن يامان!
3 : 160 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَنْصُرْكُمُ اللَّهُ فَلَا غَالِبَ لَكُمْ ۖ وَإِنْ يَخْذُلْكُمْ فَمَنْ ذَا الَّذِي يَنْصُرُكُمْ مِنْ بَعْدِهِ ۗ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردىمىنى تەرك ئەتسە، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۆمىنلەر يالغۇز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن! (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)[160].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرمىسە، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۆمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ياردەمسىز قويسا، ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن.
3 : 165 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمَّا أَصَابَتْكُمْ مُصِيبَةٌ قَدْ أَصَبْتُمْ مِثْلَيْهَا قُلْتُمْ أَنَّىٰ هَٰذَا ۖ قُلْ هُوَ مِنْ عِنْدِ أَنْفُسِكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا (يەنى ئۇھۇد غازىتىدا سىلەردىن 70 كىشى شېھىت بولغان تۇرسا، بەدرى غازىتىدا بولسا مۇشرىكلاردىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 70 كىشىنى ئەسىر ئالغان تۇرساڭلار)، سىلەر يەنە: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنىيمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى». ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[165].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە يەتكەن تالاپەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن تالاپەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا، سىلەر يەنە: «بۇ تالاپەت قەيەردىن كەلدى؟» دەمسىلەر. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلاردىن بولدى». ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارغا يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمى كەلسە، «بۇ قەيەردىن كەلدى؟» دەمسىلەر؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «بۇ ئۆزۈڭلاردىن كەلدى». ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
3 : 189 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[189].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
نىسا سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ عُدْوَانًا وَظُلْمًا فَسَوْفَ نُصْلِيهِ نَارًا ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى (يەنە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى) قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە ھەقتىن چەتلەپ، چەكلەنگەن بۇ ئىشلارنى قىلىدىكەن، ئۇنى ئۇزاققا قالماي دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر
ئەنەس ئالىم: كىم ھەددىدىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى قىلىدىكەن، بىز يېقىندا ئۇ كىشىنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرىمىز. بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر.
4 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَا يَظْلِمُ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ ۖ وَإِنْ تَكُ حَسَنَةً يُضَاعِفْهَا وَيُؤْتِ مِنْ لَدُنْهُ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلىدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە ئۇۋال قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زەررىچىلىك زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر قىلىنغان ئىش بىرەر ياخشىلىق بولسا، ئاللاھ ئۇنى كۆپەيتىدۇ ۋە ئۆز تەرىپىدىن كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ.
4 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِنَا سَوْفَ نُصْلِيهِمْ نَارًا كُلَّمَا نَضِجَتْ جُلُودُهُمْ بَدَّلْنَاهُمْ جُلُودًا غَيْرَهَا لِيَذُوقُوا الْعَذَابَ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَزِيزًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى كۆيۈپ پىشىپ قالغاندا ئازابنى تېتىشى ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەپ تۇرىمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى يېقىندا ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرىمىز. قاچانىكى ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشسا، ئازابنى تېتىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا باشقا تېرىلەر يەڭگۈشلەپ قويىمىز. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ لَا تُكَلَّفُ إِلَّا نَفْسَكَ ۚ وَحَرِّضِ الْمُؤْمِنِينَ ۖ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَكُفَّ بَأْسَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ وَاللَّهُ أَشَدُّ بَأْسًا وَأَشَدُّ تَنْكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغىن (يەنى ئۆزۈڭ يالغۇز بولساڭمۇ جىھاد قىلغىن، ساڭا غەلىبە ۋەدە قىلىنغان. مۇناپىقلارنىڭ جىھادتىن قېلىپ قالغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمە.) سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا جاۋابكار سەن، مۆمىنلەرنى (جىھادقا) قىزىقتۇرغىن، ئاللاھنىڭ كاپىرلار كۈچىنى توسىدىغانلىقىمۇ ھەقىقەتتۇر. ئاللاھنىڭ كۈچى ئەڭ زوردۇر، ئاللاھنىڭ جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغىن، بۇ ساڭىلا قويۇلغان تەلەپ، مۆمىنلەرنى ئۇرۇش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ، ئاللاھ كافىرلارنىڭ ئۇرۇشىنى توسۇپ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ كۈچى ئەڭ زوردۇر. ئاللاھنىڭ جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇنداقتا ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقىن38، سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا مەسئۇل قىلىنغانسەن، مۇئمىنلارنى قىزىقتۇرغىن. ئاللاھ كافىرلارنىڭ كۈچىنى توسۇشى مۇمكىن. ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، قاتتىق جازالىغۇچىدۇر.
4 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ مُحِيطًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، بەندىلىرىدۇر، مەخلۇقاتلىرىدۇر). ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ أَيُّهَا النَّاسُ وَيَأْتِ بِآخَرِينَ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ ذَٰلِكَ قَدِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى يوق قىلىپ ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر[133]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى يوق قىلىۋىتىپ ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى كەتكۈزۈۋېتىپ باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر.
4 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُبْدُوا خَيْرًا أَوْ تُخْفُوهُ أَوْ تَعْفُوا عَنْ سُوءٍ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ عَفُوًّا قَدِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بىر ياخشىلىقنى قىلساڭلار ياكى بىرەر يامانلىقنى كەچۈرسەڭلار (ساۋاب تاپىسىلەر). شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر[149].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بىر ياخشىلىقنى قىلساڭلار ياكى (باشقىلار قىلغان) بىرەر يامانلىقنى كەچۈرسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاشكارا بىرەر ياخشىلىق قىلساڭلار ياكى يوشۇرۇن بىرەر قىلساڭلار ۋە ياكى بىرەر يامانلىقنى ئەپۇ قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر.
4 : 158 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ رَفَعَهُ اللَّهُ إِلَيْهِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ھۇزۇرىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[158].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز ھۇزۇرىغا كۆتۈردى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
مائىد سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ هَمَّ قَوْمٌ أَنْ يَبْسُطُوا إِلَيْكُمْ أَيْدِيَهُمْ فَكَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنْكُمْ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن (سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن ساقلىغانلىق) نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئەينى زاماندا بىر جامائە سىلەرگە قوللىرىنى ئۇزاتماقچى (يەنى سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى) بولغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توستى (يەنى سىلەرنى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقلىدى). ئاللاھتىن (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن) قورقۇڭلار، مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئەينى زاماندا بىر جامائە سىلەرگە (ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن) قول سالماقچى بولغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توسۇپ قالدى. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مۆمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار: ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋم سىلەرگە قوللىرىنى ئۇزاتماقچى بولغاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توسقان ئىدى. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن.
5 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ ۚ قُلْ فَمَنْ يَمْلِكُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا إِنْ أَرَادَ أَنْ يُهْلِكَ الْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا ۗ وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۚ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھتۇر دېگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن كاپىر بولدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ (نىڭ ئىرادىسى) دىن بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغىنىنى خەلق ئېتىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىيسا) نى ئاللاھتۇر دەۋالغان كىشىلەر ھەقىقەتەن كافىر بولدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ ئىرادە قىلغان بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېگەنلەر كافىر بولدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھنى، ئۇنىڭ ئانىسىنى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھقا قارشى كىم نېمە قىلالايدۇ؟ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر».
5 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ عَلَىٰ فَتْرَةٍ مِنَ الرُّسُلِ أَنْ تَقُولُوا مَا جَاءَنَا مِنْ بَشِيرٍ وَلَا نَذِيرٍ ۖ فَقَدْ جَاءَكُمْ بَشِيرٌ وَنَذِيرٌ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) بىزگە (ساۋاب بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا سىلەرگە (شەرىئەتنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى) بايان قىلىپ بېرىدىغان رەسۇلىمىز كەلدى، ھەقىقەتەن سىلەرگە خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى (ئەمدى سىلەرگە ئۆزرە قالمىدى). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! سىلەرنىڭ بىزگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا سىلەرگە ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئەلچىمىز كەلدى، ھەقىقەتەن سىلەرگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، ئەلچىلەر ئۈزۈلۈپ قالغان زاماندا سىلەرگە ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئەلچىمىز كەلدى. ئەمدى سىلەر: «بىزگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى» دېيەلمەيسىلەر. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
5 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّارِقُ وَالسَّارِقَةُ فَاقْطَعُوا أَيْدِيَهُمَا جَزَاءً بِمَا كَسَبَا نَكَالًا مِنَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار، ئاللاھ (ئۆز ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا) غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار. بۇ ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىش ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
5 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ وَيَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىلمەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىلمەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
5 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتِ الْيَهُودُ يَدُ اللَّهِ مَغْلُولَةٌ ۚ غُلَّتْ أَيْدِيهِمْ وَلُعِنُوا بِمَا قَالُوا ۘ بَلْ يَدَاهُ مَبْسُوطَتَانِ يُنْفِقُ كَيْفَ يَشَاءُ ۚ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ طُغْيَانًا وَكُفْرًا ۚ وَأَلْقَيْنَا بَيْنَهُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۚ كُلَّمَا أَوْقَدُوا نَارًا لِلْحَرْبِ أَطْفَأَهَا اللَّهُ ۚ وَيَسْعَوْنَ فِي الْأَرْضِ فَسَادًا ۚ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (يەنى ئاللاھ بېخىلدۇر ياكى پېقىردۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلدە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر، قانداق خالىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق بىلەن كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا دۈشمەنلىكىنى ۋە قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىنى زىيادە قىلىدۇ). بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەر قاچان (رەسۇلۇللاھقا قارشى) ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە (ئىسلامغا سۇيىقەست قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە قوزغاش بىلەن) بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرۈيدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (ئاللاھ بېخىلدۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى (كەرىمى) كەڭدۇر، قانداق رىزىق بېرىشنى خالىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ. (يەھۇدىيلار ھەققە بوي ئەگمەيدىغان بولغاچقا) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىقنى ۋە كۇفرنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەر قاچان ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىق» دېدى18. ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرى تۈپەيلىدىن قوللىرى باغلانسۇن ۋە ئۇلار لەنەتكە قالسۇن! ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر19، خالىغىنىچە چىقىم قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە كۇفرىنى زىيادە قىلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان دۈشمەنلىكنى ۋە ئۆچمەنلىكنى سالدۇق. ئۇلار ھەرقاچان ئۇرۇش ئۈچۈن ئوت ياقسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈردى. ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
5 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ اذْكُرْ نِعْمَتِي عَلَيْكَ وَعَلَىٰ وَالِدَتِكَ إِذْ أَيَّدْتُكَ بِرُوحِ الْقُدُسِ تُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا ۖ وَإِذْ عَلَّمْتُكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ ۖ وَإِذْ تَخْلُقُ مِنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ بِإِذْنِي فَتَنْفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِي ۖ وَتُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ تُخْرِجُ الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ كَفَفْتُ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَنْكَ إِذْ جِئْتَهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن؛ ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە) بۆشۈكتە ۋە (پەيغەمبەر بولغان) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ. ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم. ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ ـ دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزنىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى. مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ. ئەينى زاماندا، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقىراتتىڭ. ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: «بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر» دېدى[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ ۋاقتىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن: شۇ چاغدا سېنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن قوللىغان ئىدىم، بۆشۈكتىكى چېغىڭدا ۋە ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرچە) سۆزلەيتتىڭ؛ شۇ چاغدا ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى بىلدۈرگەن ئىدىم. شۇ چاغدا مېنىڭ ئىرادەم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ، ئۇنى پۈۋلىسەڭ، ئۇ مېنىڭ ئىرادەم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى؛ سەن مېنىڭ ئىرادەم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ؛ شۇ چاغدا سەن مېنىڭ ئىرادەم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقىراتتىڭ؛ شۇ چاغدا مەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى ساڭا چېقىلىشتىن توسقان ئىدىم. سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چېغىڭدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كافىرلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! مېنىڭ ساڭا ۋە ئاناڭغا ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئەتكىن. سېنى روھۇلقۇدۇس بىلەن كۈچلەندۈرگەن ئىدىم. سەن ئىنسانلارغا بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش چېغىڭدىمۇ گەپ قىلاتتىڭ. ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتكەن ئىدىم. مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن لايدىن قۇش شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ ئىچىگە پۈۋلەيتتىڭ، ئۇ مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن قۇش بولاتتى. تۇغما كور ئادەمنى ۋە ئاقكېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەمنى مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن ساقايتاتتىڭ. مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن چىقىراتتىڭ. ئىسرائىل ئەۋلادىنى سەندىن توسقان ئىدىم، ئۇ چاغدا سەن ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدىڭ، ئۇلاردىن كافىر بولغانلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن ئىدى.
5 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ هَلْ يَسْتَطِيعُ رَبُّكَ أَنْ يُنَزِّلَ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ ۖ قَالَ اتَّقُوا اللَّهَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېدى. ئىيسا: «ئەگەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنسەڭلار (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېدى[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ چاغدا ھاۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئاسماندىن تاماق بار بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى. ئىيسا: «ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى، ئىيسا: «مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دېدى.
5 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اللَّهُ إِنِّي مُنَزِّلُهَا عَلَيْكُمْ ۖ فَمَنْ يَكْفُرْ بَعْدُ مِنْكُمْ فَإِنِّي أُعَذِّبُهُ عَذَابًا لَا أُعَذِّبُهُ أَحَدًا مِنَ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولسا، ئۇنى شۇنداق بىر ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى مۇنداق ئازابلىمايمەن» دېدى[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن تۇزكورلۇق قىلسا، ئۇنى ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى ئازابلىمىغان ئازاب بىلەن ئازابلايمەن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «مەن ئۇ داستىخاننى سىلەرگە چوقۇم چۈشۈرىمەن. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن كىم تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، ئۇنى شۇنداق ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئالەملەردىن ھېچكىمنى ئۇ ئازاب بىلەن ئازابلىمايمەن» دېدى.
5 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُعَذِّبْهُمْ فَإِنَّهُمْ عِبَادُكَ ۖ وَإِنْ تَغْفِرْ لَهُمْ فَإِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر (ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن). ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن (ئىشىڭدا) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلساڭ، سەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭ. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».
5 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
لِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا فِيهِنَّ ۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
ئەنئام سۈرىسى
16 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَرَوْا كَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَبْلِهِمْ مِنْ قَرْنٍ مَكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ مَا لَمْ نُمَكِّنْ لَكُمْ وَأَرْسَلْنَا السَّمَاءَ عَلَيْهِمْ مِدْرَارًا وَجَعَلْنَا الْأَنْهَارَ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمْ فَأَهْلَكْنَاهُمْ بِذُنُوبِهِمْ وَأَنْشَأْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ قَرْنًا آخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار كۆرمىدىمۇ؟ (يەنى ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىمۇ؟) ئۇلارنى زېمىندا سىلەرنى يەرلەشتۈرمىگەن بىر شەكىلدە يەرلەشتۈرگەن ئىدۇق، ئۇلارغا مول يامغۇرلار ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۆستەڭلەرنى ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن كېيىن باشقا خەلقنى پەيدا قىلدۇق[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ بىز ئۇ نەسىللەرگە زېمىندا سىلەرگە بەرمىگەن كۈچ - قۇۋۋەتلەرنى بەرگەن، ئۇلارغا يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاستىلىرىدىن ئۆستەڭلەرنى ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق. ئاندىن كېيىن بىز ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك قىلدۇق ۋە ئۇلاردىن كېيىن باشقا بىر نەسىل پەيدا قىلدۇق.
6 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يَمْسَسْكَ اللَّهُ بِضُرٍّ فَلَا كَاشِفَ لَهُ إِلَّا هُوَ ۖ وَإِنْ يَمْسَسْكَ بِخَيْرٍ فَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرىۋېتەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ سېنى بىرەر زىيانغا ئۇچراتسا، ئۇنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە، شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
6 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا يَسْتَجِيبُ الَّذِينَ يَسْمَعُونَ ۘ وَالْمَوْتَىٰ يَبْعَثُهُمُ اللَّهُ ثُمَّ إِلَيْهِ يُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (سۆزۈڭگە) ھەقىقىي قۇلاق سالىدىغانلار (سېنىڭ دەۋىتىڭنى) قوبۇل قىلىدۇ (سۆزۈڭگە قۇلاق سالمىغانلار ئۆلۈكلەرنىڭ ئورنىدا)، ئۆلۈكلەرنى ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ سۆزۈڭگە ھەقىقىي قۇلاق سالىدىغانلار دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۆلۈكلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: پەقەت ئاڭلايدىغان كىشىلەرلا دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۆلۈكلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدۇ.
6 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَوْلَا نُزِّلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِنْ رَبِّهِ ۚ قُلْ إِنَّ اللَّهَ قَادِرٌ عَلَىٰ أَنْ يُنَزِّلَ آيَةً وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى): «نېمىشقا مۇھەممەدكە پەرۋەردىگارىدىن بىر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ھەقىقەتەن قادىر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (مۆجىزە نازىل بولۇپ ئىمان ئېيتمىسا بالاغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىرلار: «نېمىشقا مۇھەممەدكە پەرۋەردىگارىدىن (بىز تەلەپ قىلغان) بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ھەقىقەتەن قادىردۇر». لېكىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى (مۆجىزە چۈشۈرۈلمەستىكى ھېكمەتنى) بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەببى تەرىپىدىن مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
6 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتَكُمْ إِنْ أَتَاكُمْ عَذَابُ اللَّهِ أَوْ أَتَتْكُمُ السَّاعَةُ أَغَيْرَ اللَّهِ تَدْعُونَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ياكى قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلتىجا قىلامسىلەر؟[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ياكى قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن باشقىغا ئىلتىجا قىلامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە ياكى سىلەرگە قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلامسىلەر؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار!
6 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَخَذَ اللَّهُ سَمْعَكُمْ وَأَبْصَارَكُمْ وَخَتَمَ عَلَىٰ قُلُوبِكُمْ مَنْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُمْ بِهِ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ ثُمَّ هُمْ يَصْدِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە (يەنى سىلەرنى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ قويسا)، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» قارىغىنكى، بىز (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلغانمىز، ئەمما ئۇلار (شۇ ئايەتلەردىن) يۈز ئۆرۈيدۇ (يەنى ئىمان ئېيتمايدۇ)[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» سەن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلغانلىقىمىزغا، ئاندىن ئۇلارنىڭ قانداق يۈز ئۆرۈگەنلىكىگە قارىغىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر ئاللاھ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى ئالسا، قەلبلىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟ قارىغىنا! بىز ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا قانداق بايان قىلىۋاتىمىز، ئۇلار قانداق يۈز ئۆرۈۋاتىدۇ.
6 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتَكُمْ إِنْ أَتَاكُمْ عَذَابُ اللَّهِ بَغْتَةً أَوْ جَهْرَةً هَلْ يُهْلَكُ إِلَّا الْقَوْمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋمدىن باشقا يەنە كىملەر ھالاك قىلىنىدۇ؟»[47]
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، ھالاك قىلىنىدىغىنى دەل شۇ كۇفرلىق قىلغان قەۋم بولماي كىملەر بولسۇن؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋمدىن باشقىسى ھالاك قىلىنامدۇ؟».
6 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ اللَّهُ يُنَجِّيكُمْ مِنْهَا وَمِنْ كُلِّ كَرْبٍ ثُمَّ أَنْتُمْ تُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «(يالغۇز) ئاللاھ سىلەرنى ئۇ زۇلمەتلەردىن ۋە بارلىق غەمدىن قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر (بۇنى) تونۇغىنىڭلاردىن كېيىن، ئىمان ئېيتماي ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىسىلەر»[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى ئۇ زۇلمەتلەردىن ۋە بارلىق غەملەردىن قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر يەنە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرنى ئۇنىڭدىن ۋە ھەر قىيىنچىلىقتىن ئاللاھ قۇتقۇزىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا شېرىك كەلتۈرۋاتىسىلەر».
6 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هُوَ الْقَادِرُ عَلَىٰ أَنْ يَبْعَثَ عَلَيْكُمْ عَذَابًا مِنْ فَوْقِكُمْ أَوْ مِنْ تَحْتِ أَرْجُلِكُمْ أَوْ يَلْبِسَكُمْ شِيَعًا وَيُذِيقَ بَعْضَكُمْ بَأْسَ بَعْضٍ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ لَعَلَّهُمْ يَفْقَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن (نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋمىگە، ئەسھابۇلپىلگە ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن (پىرئەۋن ۋە قارۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ (يەنى ئۇرۇشقا سېلىپ) بىرىڭلارغا بىرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەرگە بۆلۈپ توقۇنۇشتۇرۇپ، بېرىڭلارغا بېرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». سەن بىزنىڭ ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىۋاتقانلىقىمىزغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرگە ئۈستۈڭلاردىن ياكى ئاياغلىرىڭلارنىڭ ئاستىدىن ئازاب ئەۋەتىشكە ياكى سىلەرنى ھەر خىل پىرقىلەرگە بۆلۈپ، بەزىڭلارغا بەزىڭلارنىڭ كۈچىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». قارىغىنا، ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلىرىمىزنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا قانداق بايان قىلىۋاتىمىز؟
6 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ وَيَوْمَ يَقُولُ كُنْ فَيَكُونُ ۚ قَوْلُهُ الْحَقُّ ۚ وَلَهُ الْمُلْكُ يَوْمَ يُنْفَخُ فِي الصُّورِ ۚ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ئاللاھ (بىرەر شەيئىگە) «ۋۇجۇدقا كەل» دېسە (دەرھال) ۋۇجۇدقا كېلىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) ئازابتىن قورقۇڭلار. ئاللاھنىڭ سۆزى ھەقتۇر. سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن) خەۋەرداردۇر[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، ئاللاھ بىرەر شەيئىگە «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن كۈندە ئۇ دەرھال ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ سۆزى ھەقتۇر، سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ئۇ بىر نەرسىگە: «بول» دېگەن كۈنى ئۇ نەرسە بولىدۇ. ئۇنىڭ سۆزى ھەقتۇر. سۇر چېلىنىدىغان كۈنى ھاكىمىيەت پەقەتلا ئۇنىڭدۇر. ئۇ غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر».
6 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ فَالِقُ الْحَبِّ وَالنَّوَىٰ ۖ يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَمُخْرِجُ الْمَيِّتِ مِنَ الْحَيِّ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەتەن ئاللاھتۇر. تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچى ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن داننى ۋە ئۇرۇقنى بىخلاندۇرغۇچىدۇر، تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچىدۇر، ئەنە شۇ ھەقىقىي ئىلاھتۇر. سىلەر قانداقمۇ (بۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇرۇقلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇ ئۆلۈكتىن تىرىكنى چىقىرىدۇ، تىرىكتىن ئۆلۈكنى چىقارغۇچىدۇر. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟
6 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
فَالِقُ الْإِصْبَاحِ وَجَعَلَ اللَّيْلَ سَكَنًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ حُسْبَانًا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سۈبھىنى (قاراڭغۇدىن) يېرىپ چىقارغۇچىدۇر (يەنى تاڭنى يورۇتقۇچىدۇر)، ئاللاھ كېچىنى (سىلەر ئۈچۈن) ئىستىراھەت قىلىپ ياراتتى. (سىلەرنىڭ) ۋاقىت ھېسابلىشىڭلار ئۈچۈن قۇياش بىلەن ئاينى ياراتتى، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سۈبھىنى قاراڭغۇدىن يېرىپ چىقارغان، سىلەر ئۈچۈن كېچىنى ئارام ۋاقتى، قۇياش بىلەن ئاينى ۋاقىت ھېسابلىغۇچ قىلىپ بەرگەن زاتتۇر. ئەنە شۇلار غالىب ۋە ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ قاراڭغۇلۇقلارنى يېرىپ تاڭنى چىقارغۇچىدۇر. ئۇ كېچىنى ئىستىراھەت زامانى، قۇياشنى ۋە ئاينى بىرەر ۋاقىت ھېسابلىغۇچ قىلدى. بۇ ئەزىز ۋە بىلگۈچى زاتنىڭ بەلگىلىشىدۇر.
6 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
بَدِيعُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُ وَلَدٌ وَلَمْ تَكُنْ لَهُ صَاحِبَةٌ ۖ وَخَلَقَ كُلَّ شَيْءٍ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ خوتۇنى يوق تۇرسا، قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟ ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ جۈپتى بولمىسا قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟ ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر. ئۇنىڭ رەپىقىسى بولمىغان تۇرسا قانداقمۇ بالىسى بولسۇن! ئاللاھ ھەر نەرسىنى ياراتقان. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
6 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ فَاعْبُدُوهُ ۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەر نەرسىگە ھامىيدۇر[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ھەر نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇ ھەر نەرسىنىڭ باشقۇرغۇچىسىدۇر.
6 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَبُّكَ الْغَنِيُّ ذُو الرَّحْمَةِ ۚ إِنْ يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَسْتَخْلِفْ مِنْ بَعْدِكُمْ مَا يَشَاءُ كَمَا أَنْشَأَكُمْ مِنْ ذُرِّيَّةِ قَوْمٍ آخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ (خالايىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن) بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان (ئىتائەتمەن) باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ[133].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭ ھاجەتمەن ئەمەستۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى خۇددى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغىمۇ ئۆزى خالىغان باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ غەنىيدۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ، خۇددى سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ نەسلىدىن پەيدا قىلغاندەك سىلەردىن كېيىن ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان قەۋمنى كەلتۈرىدۇ.
6 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ فَلِلَّهِ الْحُجَّةُ الْبَالِغَةُ ۖ فَلَوْ شَاءَ لَهَدَاكُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(سىلەرنىڭ پاكىتىڭلار بولمىسا) ئاللاھنىڭ ئېنىق پاكىتى بار، ئەگەر ئۇ خالىسا ھەممىڭلارنى، ئەلۋەتتە، ھىدايەت قىلاتتى»[149].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(سىلەرنىڭ پاكىتىڭلار بولمىسا) ئاللاھنىڭ يېتەرلىك پاكىتى بار. ئەگەرئاللاھ خالىسا ھەممىڭلارنى، ئەلۋەتتە، ھىدايەت قىلاتتى»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بار. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ھەممىڭلارنى توغرا يولغا كەلتۈرەتتى»27.
ئەئراف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَأَمِنُوا مَكْرَ اللَّهِ ۚ فَلَا يَأْمَنُ مَكْرَ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ مەكرىدىن (يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا ئاللاھنىڭ ئازاب نازىل قىلىشىدىن) قورقمامدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن قورقمايدۇ[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ چارە كۆرۈشىدىن ئەنسىرىمەمدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ چارە كۆرۈشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ تۇيۇقسىز جازالىشىدىن ئەنسىرىمىدىمۇ؟ ئاللاھنىڭ تۇيۇقسىز جازالىشىدىن پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئەنسىرىمەيدۇ.
7 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَهْدِ لِلَّذِينَ يَرِثُونَ الْأَرْضَ مِنْ بَعْدِ أَهْلِهَا أَنْ لَوْ نَشَاءُ أَصَبْنَاهُمْ بِذُنُوبِهِمْ ۚ وَنَطْبَعُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننىڭ ئىلگىرىكى ئىگىلىرى (ھالاك بولغان) دىن كېيىن، (زېمىنغا) ۋارىس بولغۇچىلارنى، خالىساق، گۇناھى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقىمىز، دىللىرىنى پىچەتلىۋېتىدىغانلىقىمىز ئۇلارغا (يەنى زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا) ئايان بولمىدىمۇ؟ ئۇلار (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمايدۇ[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىندا ئىلگىرىكى ياشىغانلاردىن كېيىن، ئۇلارغا ۋارىس بولغۇچىلارنى، خالىساق، گۇناھى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقىمىز، دىللىرىنى پىچەتلىۋېتىدىغانلىقىمىز ئۇلارغا ئايان بولمىدىمۇ؟ ئۇلار (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: زېمىنغا بۇرۇنقى ئىگىلىرىدىن كېيىن ۋارىس بولغۇچىلارغىمۇ خالىساق گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن مۇسىبەت يەتكۈزىدىغانلىقىمىز، ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا تۈرتكە بولمىدىمۇ؟ بىز بۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاڭلىمايدۇ.
7 : 183 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُمْلِي لَهُمْ ۚ إِنَّ كَيْدِي مَتِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن، مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر[183].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. مېنىڭ پىلانىم ھەقىقەتەن پۇختىدۇر.
7 : 191 - ئايەت
كۆرۈش
أَيُشْرِكُونَ مَا لَا يَخْلُقُ شَيْئًا وَهُمْ يُخْلَقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرى يارىتىلغان، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەمدۇ؟[191]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرى يارىتىلغان، ھېچ نەرسىنى يارىتىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۇلار ئاللاھقا شېرىك قىلامدۇ!
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى يارىتىلغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلامدۇ؟
ئەنفال سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا جَعَلَهُ اللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ وَلِتَطْمَئِنَّ بِهِ قُلُوبُكُمْ ۚ وَمَا النَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە پەقەت (غەلىبە قىلىدىغانلىقىڭلارغا) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە پەقەت (غەلىبىدىن) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بۇ ياردەمنى خۇش خەۋەر بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈنلا قىلدى. نۇسرەت پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
8 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمْ تَقْتُلُوهُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ قَتَلَهُمْ ۚ وَمَا رَمَيْتَ إِذْ رَمَيْتَ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ رَمَىٰ ۚ وَلِيُبْلِيَ الْمُؤْمِنِينَ مِنْهُ بَلَاءً حَسَنًا ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇسۇلمانلار! بەدرىدە) ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر (ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن) ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى (سىلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىش بىلەن) ئاللاھ ئۆلتۈردى. (ئى مۇھەممەد! بىر سىقىم توپىنى مۇشرىكلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى (مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە) ئاللاھ ئاتتى. (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرگە (ساۋاب، غەلىبە، غەنىيمەتلەردىن ئىبارەت) چىرايلىق ئىنئاملارنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى، ئەھۋاللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇسۇلمانلار! ئۇرۇشتا) ئۇلارنى سىلەر ئۆلتۈرمىدىڭلار، بەلكى ئاللاھ ئۆلتۈردى، (ئى مۇھەممەد بىر سىقىم توپىنى ئۇلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئۇنى ئاللاھ ئاتتى. (ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرنى چىرايلىق ئىنئاملار ئارقىلىق سىناش ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر،ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئۇلارنى سىلەر ئۆلتۈرمىدىڭلار، لېكىن ئۇلارنى ئاللاھ ئۆلتۈردى. ئى مۇھەممەد! ئاتقان چېغىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، لېكىن ئاللاھ ئاتتى. بۇ مۇئمىنلارنى چىرايلىقچە سىناش ئۈچۈن ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
8 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكُمْ وَأَنَّ اللَّهَ مُوهِنُ كَيْدِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرگە بەرگەن ئىنئامىدۇر). ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ھىيلىسىنى چوقۇم مەغلۇپ قىلغۇچىدۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ (ئىنئام) ۋە ئاللاھنىڭ كافىرلارنىڭ ھىيلىسىنى چوقۇم مەغلۇپ قىلىدىغانلىقى ھەقتۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ مۇشۇنداقتۇر. ئاللاھ كافىرلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاجىزلاشتۇرغۇچىدۇر.
8 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا سَبَقُوا ۚ إِنَّهُمْ لَا يُعْجِزُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (بەدرى ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلمەي قالغان) كاپىرلار قۇتۇلدۇق دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ جازاسىدىن) ھەقىقەتەن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: (بەدرى ئۇرۇشىدا تىرىك قالغان) كافىرلار قۇتۇلدۇق دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلار قېچىپ قۇتۇلدۇق دەپ ئويلىمىسۇن. ئۇلار ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
8 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يُرِيدُوا أَنْ يَخْدَعُوكَ فَإِنَّ حَسْبَكَ اللَّهُ ۚ هُوَ الَّذِي أَيَّدَكَ بِنَصْرِهِ وَبِالْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن سۈلھى بىلەن) سېنى ئالدىماقچى بولسا، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن) شەكسىز ساڭا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ سېنى ئۆزىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋە مۆمىنلەر بىلەن كۈچلەندۈردى[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار (سۈلھى بىلەن) سېنى ئالدىماقچى بولسا، ئاللاھ (پاناھ بولۇشقا) شەكسىز ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ سېنى ئۆزنىڭ ياردىمى بىلەن ۋە مۆمىنلەر بىلەن كۈچلەندۈردى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار سېنى ئالدىماقچى بولسا، ئاللاھ ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سېنى نۇسرىتى بىلەن ۋە مۇئمىنلار بىلەن كۈچلەندۈردى،
8 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِهِمْ ۚ لَوْ أَنْفَقْتَ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا مَا أَلَّفْتَ بَيْنَ قُلُوبِهِمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ أَلَّفَ بَيْنَهُمْ ۚ إِنَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈردى. سەن زېمىندىكى پۈتۈن بايلىقنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتتىڭ؛ لېكىن ئاللاھ (ئۆزىنىڭ قۇدرەت كامىلەسى بىلەن) ئۇلارنى ئىناق قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈردى. سەن يەر يۈزىدىكى پۈتۈن بايلىقنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتىڭ، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى ئىناق قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلارنىڭ قەلبلىرىنى بىرلەشتۈردى. ئەگەر سەن زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى خەجلىگەن بولساڭمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتتىڭ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈردى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تەۋبە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
فَسِيحُوا فِي الْأَرْضِ أَرْبَعَةَ أَشْهُرٍ وَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ غَيْرُ مُعْجِزِي اللَّهِ ۙ وَأَنَّ اللَّهَ مُخْزِي الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇشرىكلار!) يەر يۈزىدە (خالىغىنىڭلارچە) تۆت ئاي يۈرۈڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، (بىلىڭلاركى) ئاللاھ كاپىرلارنى خار قىلغۇچىدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇشرىكلار!) يەر يۈزىدە تۆت ئاي يۈرۈۋېلىڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھ (نىڭ جازاسى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، (بىلىڭلاركى) ئاللاھ كافىرلارنى رەسۋا قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇشرىكلار! بۈگۈندىن ئېتىبارەن زېمىندا تۆت ئاي ئايلىنىڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كافىرلارنى رەسۋا قىلغۇچىدۇر.
9 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۚ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرىدۇ، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ دوست ۋە مەدەتكار يوق[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ ۋە تىرىكنى ئۆلتۈرىدۇ، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ دوست ۋە مەدەتكار يوق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ۋەلىي ۋە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر.
يۇنۇس سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أَمَّنْ يَمْلِكُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَمَنْ يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَنْ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ ۚ فَسَيَقُولُونَ اللَّهُ ۚ فَقُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ) زېمىندىن (گىياھ ئۈندۈرۈپ) كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەرنى ئۆلۈك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ ئۆلۈك شەيئىلەرنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ (خالايىقنىڭ) ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا- ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، زېمىندىن -گىياھ ئۈندۈرۈپ- كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىكنى ئۆلۈك نەرسىلەردىن كىم چىقىرىدۇ؟ ئۆلۈكنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ بۇ ئىشلارنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار - جاۋابەن -: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭدىن قورقمامسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىۋاتقان، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئىشلارنى پىلانلاۋاتقان كىمدۇر؟». ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ھالدا تەقۋادار بولمامسىلەر؟
10 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هَلْ مِنْ شُرَكَائِكُمْ مَنْ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۚ قُلِ اللَّهُ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. نېمىشقا (ھەقتىن باتىل تەرەپكە) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ شىرىكلىرىڭلار ئىچىدە مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ، ئاندىن ئۇنى قايتىدىن يارىتالايدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ، ئاندىن ئۇنى قايتىدىن يارىتالايدۇ. شۇنداق تۇرسا نېمىشقا بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە، دەسلەپتە يوقتىن يارىتالايدىغان، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان كىشى بارمۇ؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھ دەسلەپتە يوقتىن يارىتالايدۇ، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. سىلەر قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟».
10 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا مَرْجِعُهُمْ ثُمَّ اللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسىتىمىز (يەنى بۇ دۇنيادىلا، سەن ھايات ۋاقىتتىلا كۆرسىتىمىز)، ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى قەبزى روھ قىلىمىز، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ (مەيلى بالدۇر بولسۇن، مەيلى كېيىن بولسۇن، ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز)، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھ بولىدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەيلى بىز ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسىتەيلى ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى قەبزى روھ قىلايلى، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرۈشنى ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى سېنى ۋاپات قىلدۇرساقمۇ7، ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھچى بولىدۇ.
10 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْتَنْبِئُونَكَ أَحَقٌّ هُوَ ۖ قُلْ إِي وَرَبِّي إِنَّهُ لَحَقٌّ ۖ وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەندىن: «ئۇ (يەنى ۋەدە قىلىنغان ئازاب، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن: «ئۇ ۋەدە قىلىنغان ئازاب راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، رەببىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن: «ئۇ ئەبەدىي ئازاب راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ھەئە، رەببىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئازاب ئەلۋەتتە راستتۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر».
10 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ يُحْيِي وَيُمِيتُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ، تىرىكنى ئۆلتۈرىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ، تىرىلدۈرىدۇ. سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
10 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحْزُنْكَ قَوْلُهُمْ ۘ إِنَّ الْعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا ۚ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەت ئاللاھقا مەنسۈپ (ئاللاھ ساڭا مەدەتكاردۇر). ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، پۈتۈن ئىززەت-شەرەپ ئاللاھقا مەنسۈپتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. شۈبھىسىزكى، ئىززەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
10 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَلْقَوْا قَالَ مُوسَىٰ مَا جِئْتُمْ بِهِ السِّحْرُ ۖ إِنَّ اللَّهَ سَيُبْطِلُهُ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُصْلِحُ عَمَلَ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئەلۋەتتە تۈزىمەيدۇ» دېدى[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئەلۋەتتە تۈزىمەيدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تاشلىغان ئىدى، مۇسا مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە سېھىر سىلەرنىڭ كەلتۈرگىنىڭلاردۇر، ئاللاھ ئۇنى چوقۇم بەربات قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى تۈزەتمەيدۇ،
10 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُحِقُّ اللَّهُ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ
ئەنەس ئالىم: گۇناھكارلار ياقتۇرمىسىمۇ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ».
10 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يَمْسَسْكَ اللَّهُ بِضُرٍّ فَلَا كَاشِفَ لَهُ إِلَّا هُوَ ۖ وَإِنْ يُرِدْكَ بِخَيْرٍ فَلَا رَادَّ لِفَضْلِهِ ۚ يُصِيبُ بِهِ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۚ وَهُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ئۇنى دەپئى قىلغۇچى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ پەزلىنى قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) مېھرىباندۇر» (دېيىلدى)[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ئۇنى دەپئى قىلغۇچى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ پەزلىنى قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھرىباندۇر» -دېيىلدى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان يەتكۈزسە، ئۇنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ پەزلىنى قايتۇرۇۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئاللاھ ياخشىلىقنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە يەتكۈزىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
ھۇد سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۆلگەندىن كېيىن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
11 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي تَوَكَّلْتُ عَلَى اللَّهِ رَبِّي وَرَبِّكُمْ ۚ مَا مِنْ دَابَّةٍ إِلَّا هُوَ آخِذٌ بِنَاصِيَتِهَا ۚ إِنَّ رَبِّي عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا مەن تەۋەككۈل قىلدىم، ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر؛ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر (يەنى ئادىل بولۇپ، ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ)[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، مەن مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر؛ رەببىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر
ئەنەس ئالىم: مەن مېنىڭمۇ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدىم. ئاللاھ كوكۇلىسىدىن تۇتمىغان ھېچبىر جانلىق يوق5. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم توغرا يولدىدۇر.
11 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَ أَمْرُنَا نَجَّيْنَا صَالِحًا وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ بِرَحْمَةٍ مِنَّا وَمِنْ خِزْيِ يَوْمِئِذٍ ۗ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ الْقَوِيُّ الْعَزِيزُ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ (ئازاب قىلىش) ئەمرىمىز كەلگەندە، سالىھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى رەھمىتىمىز بىلەن شۇ كۈننىڭ شەرمەندىچىلىكىدىن قۇتقۇزدۇق، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئەمرىمىز كەلگەندە، سالىھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى رەھمىتىمىز بىلەن شۇ كۈننىڭ شەرمەندىچىلىكىدىن قۇتقۇزدۇق، رەببىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر
ئەنەس ئالىم: ئەمرىمىز كەلگەن چاغدا، سالىھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت بىلەن ھالاك بولۇشتىن ۋە ئۇ كۈننىڭ رەسۋاچىلىقىدىن قۇتقۇزدۇق. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.
11 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ يَا وَيْلَتَىٰ أَأَلِدُ وَأَنَا عَجُوزٌ وَهَٰذَا بَعْلِي شَيْخًا ۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيْءٌ عَجِيبٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى سارە): «ۋىيەي! مەن بىر موماي تۇرسام، ئېرىم بىر بوۋاي تۇرسا، تۇغامدىمەن؟ بۇ ھەقىقەتەن قىزىق ئىشقۇ!» دېدى[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «ۋىيەي! مەن بىر موماي تۇرسام، ئېرىم بىر بوۋاي تۇرسا، تۇغامدىمەن؟ بۇ ھەقىقەتەن قىزىق ئىشقۇ!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئايال: «ۋىيەي! تۇغامدىمەن؟ مەن بىر موماي، شۇ بوۋاي مېنىڭ ئېرىم تۇرسا. بۇ ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىشقۇ!» دېدى .
رەئد سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي مَدَّ الْأَرْضَ وَجَعَلَ فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْهَارًا ۖ وَمِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ جَعَلَ فِيهَا زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ ۖ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يەر يۈزىنى (ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا) سوزۇپ كەڭ ياراتتى، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى ياراتتى، مېۋىلەرنىڭ ھەربىر تۈرىنى ئەركەك ـ چىشى ـ ئىككى جىنسلىق قىلىپ ياراتتى. كېچىنى كۈندۈزگە كىرىشتۈردى (يەنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن كۈندۈزنىڭ يورۇقلۇقىنى ياپتى). بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
13 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِي الْأَرْضِ قِطَعٌ مُتَجَاوِرَاتٌ وَجَنَّاتٌ مِنْ أَعْنَابٍ وَزَرْعٌ وَنَخِيلٌ صِنْوَانٌ وَغَيْرُ صِنْوَانٍ يُسْقَىٰ بِمَاءٍ وَاحِدٍ وَنُفَضِّلُ بَعْضَهَا عَلَىٰ بَعْضٍ فِي الْأُكُلِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەر يۈزىدە بىر - بىرىگە تۇتىشاڭغۇ قىتئەلەر بار ۋە تۈرلۈك زىرائەتلەر بار، كۆپ شاخلىق بولغان ۋە كۆپ شاخلىق بولمىغان (بىر ئۇرۇقتىن بىر قانچە تال ئۈنۈپ چىققان، بىر ئۇرۇقتىن پەقەت بىر تال ئۈنۈپ چىققان) خورما دەرەخلىرى بار، (ئۇلارنىڭ ھەممىسى) بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن تەمدە ئارتۇق قىلىمىز، بۇلاردا چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: زېمىندا بىر - بىرىگە قوشنا ھەر خىل يەر پارچىلىرى2، ئۈزۈملەردىن ھاسىل بولغان باغلار، ئېكىنلەر، بىر ئۇرۇقتىن ئوخشاش بىرقانچە تال ئۈنۈپ چىققان ۋە بىر ئۇرۇقتىن پەقەتلا بىر تال ئۈنۈپ چىققان خورما دەرەخلىرى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز مەھسۇلاتنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن تەمدە ئۈستۈن قىلىمىز. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا ئەقىللىرىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.
13 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي يُرِيكُمُ الْبَرْقَ خَوْفًا وَطَمَعًا وَيُنْشِئُ السَّحَابَ الثِّقَالَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (چاقماقتىن) قورقىتىش، (يامغۇرغا) ئۈمىد تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدۇ، (قۇدرىتى بىلەن) قويۇق بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ قورقۇتۇش ۋە ئۈمىد تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدۇ ۋە قويۇق بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى سىلەرگە، قورقۇشىڭلار ۋە ئۈمىدلىنىشىڭلار ئۈچۈن چاقماقنى كۆرسىتىدۇ ۋە يامغۇر يۈكلەنگەن ئېغىر بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ.
13 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُسَبِّحُ الرَّعْدُ بِحَمْدِهِ وَالْمَلَائِكَةُ مِنْ خِيفَتِهِ وَيُرْسِلُ الصَّوَاعِقَ فَيُصِيبُ بِهَا مَنْ يَشَاءُ وَهُمْ يُجَادِلُونَ فِي اللَّهِ وَهُوَ شَدِيدُ الْمِحَالِ
مۇھەممەد سالىھ: گۈلدۈرماما ئاللاھنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاللاھ چاقماق چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى كۈچلۈكتۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: گۈلدۈرماما ئاللاھ نى مەدھىيىلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاللاھ چاقماقلارنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى كۈچلۈكتۇر
ئەنەس ئالىم: گۈلدۈرماما ئاللاھقا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ چاقماقلار ئەۋەتىپ ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشىگە مۇسىبەت يەتكۈزىدۇ. ئۇ كافىرلار بولسا ئاللاھ توغرىسىدا تالاش -تارتىش قىلىشىدۇ. ئاللاھنىڭ تەدبىرى كۈچلۈكتۇر.
13 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَظِلَالُهُمْ بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلار) ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن - ئاخشامدا (يەنى داۋاملىق تۈردە) ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ سەجدە قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ئىخىتىيارىي ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ8. ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن كۈن ئولتۇرغۇچە بولغان ۋاقىتلاردا ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ.
13 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ قُلِ اللَّهُ ۚ قُلْ أَفَاتَّخَذْتُمْ مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ لَا يَمْلِكُونَ لِأَنْفُسِهِمْ نَفْعًا وَلَا ضَرًّا ۚ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ أَمْ هَلْ تَسْتَوِي الظُّلُمَاتُ وَالنُّورُ ۗ أَمْ جَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ خَلَقُوا كَخَلْقِهِ فَتَشَابَهَ الْخَلْقُ عَلَيْهِمْ ۚ قُلِ اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» دەپ سورىغىن ۋە (جاۋاب بېرىپ) «ئاللاھ» دېگىن. (ئۇلارغا) «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزىگىمۇ پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى ئۆزۈڭلارغا ھامىي قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن. «كور بىلەن كۆزى كۆرىدىغان ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇ بىلەن نۇر باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن. ئۇلار ئاللاھ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى «ياراتقان» دەۋالغان مەبۇدلىرىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ، ئاللاھنىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىمىز ياراتقان دەۋالغان نەرسىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ بىردۇر، ھەممىگە غالىبتۇر [16].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ رەببى كىم؟»، -يەنە-:«-ئۇلارنىڭ رەببى-ئاللاھ» دېگىن. - يەنە ئۇلارغا-: «سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ ئۆزۈڭلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى دوستلار قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن. - يەنە ئۇلارغا-: «كۆر بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇق بىلەن نۇر باراۋەر بولامدۇ؟» ياكى ئۇلار ئاللاھ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى ياراتقان مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ ئاللاھنىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىنىڭ ياراتقىنىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ دېگىن. ئېيتقىنكى: ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ئاللاھ بىر دۇر، ھەممىگە غالىبتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن «ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى كىم؟» دەپ سورىغىن، ئۇلارغا «ئاللاھ!» دەپ جاۋابمۇ بەرگىن. ئاندىن ئېيتقىنكى: «ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدا - زىيانغا ئىگە بولالمايدىغانلارنى ئۆزۈڭلارغا ۋەلىي قىلىۋالامسىلەر؟». ئېيتقىنكى: «كور بىلەن كۆرگۈچى باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇقلار بىلەن يورۇقلۇق باراۋەر بولامدۇ؟». ياكى ئۇلار ئاللاھقا، ئاللاھ ياراتقاندەك ياراتقان، ياراتقىنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشىشىپ كەتكەن نەرسىلەرنى شېرىك قىلدىمۇ؟9 ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇ بىردۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر».
ئىبراھىم سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الر ۚ كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ لِتُخْرِجَ النَّاسَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ بِإِذْنِ رَبِّهِمْ إِلَىٰ صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەلىف. لام. را. (بۇ قۇرئان شۇنداق) كىتابتۇركى، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا (يەنى ئىمانغا) چىقىرىشىڭ ئۈچۈن، غالىب، (ھەممە تىللاردا) مەدھىيەلەنگەن ئاللاھنىڭ يولىغا (باشلىشىڭ ئۈچۈن) نازىل قىلدۇق[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «ئىنسانلارنىڭ پەرۋىشكارى،
ئەنەس ئالىم: ئەلىف، لام، را. ئى مۇھەممەد! بۇ، ئىنسانلارنى رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن زۇلمەتلەردىن نۇرغا، يەنى ئەزىز ۋە مەدھىيەلەنگۈچى زاتنىڭ يولىغا چىقىرىشىڭ ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر.
14 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۚ إِنْ يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَأْتِ بِخَلْقٍ جَدِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئاللاھنىڭ ھەق ئاساستا ياراتقانلىقىنى (يەنى بىكار ياراتمىغانلىقىنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا، (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ (ئورنۇڭلارغا سىلەردىن ياخشى) يېڭى ئادەملەرنى يارىتىدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئاللاھنىڭ ھەق ئاساستا ياراتقانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا، -ئى ئىنسانلار!- سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ يېڭى ئادەملەرنى يارىتىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ئاللاھ خالىسا سىلەرنى كەتكۈزىۋېتىپ يېڭى خەلق كەلتۈرىدۇ.
14 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ بِعَزِيزٍ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ ئاللاھقا قىيىن ئەمەس[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئاللاھقا قىيىن ئەمەس
ئەنەس ئالىم: بۇ ئاللاھقا تەس ئەمەس.
14 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا تَحْسَبَنَّ اللَّهَ مُخْلِفَ وَعْدِهِ رُسُلَهُ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ ذُو انْتِقَامٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنى پەيغەمبەرلىرىگە قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (دوستلىرى ئۈچۈن دۈشمەنلىرىدىن) ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نى پەيغەمبەرلىرىگە قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇنداقتا سەن ھەرگىزمۇ ئاللاھنى ئەلچىلىرىگە قىلغان ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ دەپ ئويلىمىغىن! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ئىنتىقام ئىگىسىدۇر.
ھىجىر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْأَرْضَ مَدَدْنَاهَا وَأَلْقَيْنَا فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ شَيْءٍ مَوْزُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل تەكشى ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز زېمىننى سوزدۇق، ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى قويدۇق ۋە ئۇنىڭدا ئۆلچەملىك ھەر نەرسىدىن ئۈندۈردۇق،
15 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّا لَنَحْنُ نُحْيِي وَنُمِيتُ وَنَحْنُ الْوَارِثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز (ھەممىنى) تىرىلدۈرىمىز، (ھەممىنى) ئۆلتۈرىمىز ۋە (ھەممىگە) ۋارىسلىق قىلىمىز[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز تىرىلدۈرىمىز، ئۆلتۈرىمىز ۋە ھەممىگە ۋارىسلىق قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز تىرىلدۈرىمىز ۋە ئۆلتۈرىمىز. بىز ۋارىس بولغۇچىمىز.
15 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَبَشَّرْتُمُونِي عَلَىٰ أَنْ مَسَّنِيَ الْكِبَرُ فَبِمَ تُبَشِّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم: «مەن قېرىغان تۇرسام، ماڭا (بالا بىلەن) خۇشخەۋەر بەردىڭلارمۇ؟ ماڭا نېمە بىلەن خۇشخەۋەر بېرىۋاتىسىلەر؟» دېدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم: «مەن قېرىغان تۇرسام، ماڭا بالا بىلەن خۇش خەۋەر بەردىڭلارمۇ؟ ماڭا نېمە بىلەن خۇش خەۋەر بېرىۋاتىسىلەر؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم: «ماڭا خۇش خەۋەر بېرەمسىلەر، مەن ياشىنىپ قالغان تۇرسام؟ نېمە بىلەن خۇش خەۋەر بېرىسىلەر؟» دېدى.
15 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ الْخَلَّاقُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر، (بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ ھەقىقەتەن ئەڭ ئۇستا ياراتقۇچىدۇر، بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھەر نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر.
نەھىل سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْخَيْلَ وَالْبِغَالَ وَالْحَمِيرَ لِتَرْكَبُوهَا وَزِينَةً ۚ وَيَخْلُقُ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاتلارنى، قېچىرلارنى، ئېشەكلەرنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت بولۇشى ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ.
16 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ يَخْلُقُ كَمَنْ لَا يَخْلُقُ ۗ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (پۈتۈن كائىناتنى) ياراتقان ئاللاھ بىلەن (ھېچ نەرسىنى) يارىتالمايدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟ ئويلىمامسىلەر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياراتقان ئاللاھ بىلەن ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان كىشى ئوخشاش بولامدۇ؟ ئويلىمامسىلەر
ئەنەس ئالىم: يارىتالايدىغان زات، يارىتالمايدىغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ يەنىلا ئويلانمامسىلەر؟
16 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَا يَخْلُقُونَ شَيْئًا وَهُمْ يُخْلَقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغانلىرى (يەنى بۇتلىرى) ھېچ شەيئىنى يارىتالمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغاندۇر (يەنى ئىنسانلار تەرىپىدىن ياسالغاندۇر)[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغانلىرى ھېچ شەيئىنى يارىتالمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغاندۇر
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان مەبۇدلىرى ھېچ نەرسە يارىتالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغاندۇر.
16 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا قَوْلُنَا لِشَيْءٍ إِذَا أَرَدْنَاهُ أَنْ نَقُولَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: بىز بىرەر شەيئىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەكچى بولساق، ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دەيمىز ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز بىرەر شەيئىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەكچى بولساق، ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دەيمىز ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز بىر نەرسىنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا دەيدىغان سۆزىمىز «بول» دېيىشتىنلا ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسە بولىدۇ.
16 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ خَلَقَكُمْ ثُمَّ يَتَوَفَّاكُمْ ۚ وَمِنْكُمْ مَنْ يُرَدُّ إِلَىٰ أَرْذَلِ الْعُمُرِ لِكَيْ لَا يَعْلَمَ بَعْدَ عِلْمٍ شَيْئًا ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى ياراتتى، ئاندىن (ئەجىلىڭلار پۈتكەندە) سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدۇ، ئاراڭلاردا ئۆمۈرنىڭ يامان (يەنى ئەڭ قېرىلىق) باسقۇچىغا ئۇلىشىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار ھەتتا (بىر نەرسىلەرنى) بىلگەندىن كېيىن، ھېچ نەرسىنى بىلمەس بولۇپ قالىدۇ (يەنى ئىلگىرى بىلىدىغانلىرىنى ئۇنتۇپ، كۈچ ـ قۇۋۋىتى تۈگەپ، ئەقلى كېمىيىپ كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقاتنى باشقۇرۇشنى) بىلگۈچىدۇر، (ئۆزى ئىرادە قىلغان نەرسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا) قادىردۇر[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدۇ، ئاراڭلاردا ئۆمۈرنىڭ يامان باسقۇچىغا ئۇلىشىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار ھەتتا بىر نەرسىلەرنى بىلگەندىن كېيىن، ھېچ نەرسىنى بىلمەس بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بىلگۈچىدۇر، ئۆزى ئىرادە قىلغان نەرسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى ئاللاھ ياراتتى. ئاندىن كېيىن سىلەرنى يەنە ئاللاھ ۋاپات قىلدۇرىدۇ. سىلەردىن بەزىلەر ئۆمرىنىڭ ئەڭ ناچار ھالىتىگە قايتۇرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىلگەنلىرىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، قادىردۇر.
16 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ غَيْبُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَمَا أَمْرُ السَّاعَةِ إِلَّا كَلَمْحِ الْبَصَرِ أَوْ هُوَ أَقْرَبُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تېزدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تېزدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئېچىشقىلا ئوخشاشتۇر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
16 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَرَوْا إِلَى الطَّيْرِ مُسَخَّرَاتٍ فِي جَوِّ السَّمَاءِ مَا يُمْسِكُهُنَّ إِلَّا اللَّهُ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قۇشلارنىڭ ھاۋادا ئۇچۇشقا بويسۇندۇرۇلغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلارنى (ھاۋادىن چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قۇشلارنىڭ ھاۋادا ئۇچۇشقا بويسۇندۇرۇلغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلارنى ھاۋادىن چۈشۈپ كېتىشتىن پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاسمان بوشلۇقىدا ئۇچۇش ئىمكانىيىتى بېرىلگەن ئۇچارقاناتلارنى كۆرمەمدۇ؟ ئۇلارنى پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
ئىسرا سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ كُونُوا حِجَارَةً أَوْ حَدِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ). ئۇلار: «بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ، «سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ» دېگىن. ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ: «ئۇ قاچان بولىدۇ؟›› دېيىشىدۇ، (سەن) «ئۇ پات يېقىندا بولۇشى مۇمكىن›› دېگىن[50ـ51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، ‹‹سىلەر تاش ياكى تۆمۈر بولۇپ كېتىڭلار››
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «تاش بولۇڭلار يا تۆمۈر
17 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ خَلْقًا مِمَّا يَكْبُرُ فِي صُدُورِكُمْ ۚ فَسَيَقُولُونَ مَنْ يُعِيدُنَا ۖ قُلِ الَّذِي فَطَرَكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۚ فَسَيُنْغِضُونَ إِلَيْكَ رُءُوسَهُمْ وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هُوَ ۖ قُلْ عَسَىٰ أَنْ يَكُونَ قَرِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ). ئۇلار: «بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ، «سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ» دېگىن. ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ: «ئۇ قاچان بولىدۇ؟›› دېيىشىدۇ، (سەن) «ئۇ پات يېقىندا بولۇشى مۇمكىن›› دېگىن[50ـ51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ ئۇلار: ‹‹بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ، «سىلەرنى دەسپلەپتە ياراتقان ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ» دېگىن، ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ: ‹‹ئۇ قاچان بولىدۇ؟›› دېيىشىدۇ، -ئيېتقىنكى :‹‹پات - يېقىندا بولىشى مۇمكىن››
ئەنەس ئالىم: ياكى سىلەر كۆڭلۈڭلاردا چوڭ بىلىدىغان بىر نەرسە. نېمە بولساڭلار بولۇڭلار، چوقۇم قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر». ئۇلار: «ئۇنداق بولسا، بىزنى كىم قايتا تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارغا: «سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان زات» دېگىن. ئۇلار بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىدۇ ۋە: «ئۇ قاچان؟» دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «بەك يېقىندا بولۇشى مۇمكىن.
17 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ عِبَادِي لَيْسَ لَكَ عَلَيْهِمْ سُلْطَانٌ ۚ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، مېنىڭ (ئىخلاسمەن) بەندىلىرىم ئۈستىدىن سەن ھۆكۈمرانلىق قىلالمايسەن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر»[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىم ئۈستىدىن سەن ھۆكۈمرانلىق قىلالمايسەن. رەببىڭ ھەقىقەتەن ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر»
ئەنەس ئالىم: مېنىڭ بەندىلىرىمگە سېنىڭ ھەرگىزمۇ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ. رەببىڭ ئۇلارنى چوقۇم ساقلايدۇ».
17 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَأَمِنْتُمْ أَنْ يَخْسِفَ بِكُمْ جَانِبَ الْبَرِّ أَوْ يُرْسِلَ عَلَيْكُمْ حَاصِبًا ثُمَّ لَا تَجِدُوا لَكُمْ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلغىنىڭلار بىلەن) ئاللاھنىڭ سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى سىلەرگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلىشىدىن، ئاندىن سىلەرنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدىغان) ھېچ ھامىي تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟[68]
تەرجىمە ھەيئىتى: دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلغىنىڭلار بىلەن ئاللاھنىڭ سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن، ياكى سىلەرگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلىشىدىن، ئاندىن سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدىغان ھېچ ھامىي تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ سىلەرنى قۇرۇقلۇقنىڭ بىر تەرىپىدە يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۈستۈڭلارغا تاش ياغدۇرىدىغان قاتتىق بوران ئەۋەتىشىدىن ئەنسىرىمەمسىلەر؟ ئۇ چاغدا ئۆزۈڭلارغا قوغدىغۇچى تاپالمايسىلەر.
17 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ أَمِنْتُمْ أَنْ يُعِيدَكُمْ فِيهِ تَارَةً أُخْرَىٰ فَيُرْسِلَ عَلَيْكُمْ قَاصِفًا مِنَ الرِّيحِ فَيُغْرِقَكُمْ بِمَا كَفَرْتُمْ ۙ ثُمَّ لَا تَجِدُوا لَكُمْ عَلَيْنَا بِهِ تَبِيعًا
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئاللاھنىڭ سىلەرنى دېڭىزدا قايتا قاتناتقۇزۇپ (دېڭىزدىكى چېغىڭلاردا) قارا بوران چىقىرىپ، كۇفرىلىق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن، ئاندىن سىلەرگە بىزدىن ئۆچ ئېلىپ بېرىدىغان ھېچ ئەھەدى تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟[69]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئاللاھنىڭ سىلەرنى دېڭىزدا قايتا قاتناتقۇزۇپ دېڭىزدىكى چېغىڭلاردا قارا بوران چىقىرىپ، كۇفرىلىق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن، ئاندىن سىلەرگە بىزدىن ئۆچ ئېلىپ بېرىدىغان ھېچ ئەھەدى تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ياكى ئاللاھنىڭ سىلەرنى يەنە بىر قېتىم دېڭىزغا قايتۇرۇپ ئۈستۈڭلارغا ھەر نەرسىنى سۇندۇرۇپ تاشلايدىغان قارا بوران ئەۋەتىشىدىن، شۇنداقلا كۇفرىلىق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرىمەمسىلەر؟ ئۇ چاغدا بىزگە قارشى ئۆزۈڭلارغا ياردەمچى تاپالمايسىلەر.
17 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّ اللَّهَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ قَادِرٌ عَلَىٰ أَنْ يَخْلُقَ مِثْلَهُمْ وَجَعَلَ لَهُمْ أَجَلًا لَا رَيْبَ فِيهِ فَأَبَى الظَّالِمُونَ إِلَّا كُفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنى يارىتالايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشى ئۈچۈن) شەك ـ شۈبھىسىز مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى، زالىملار پەقەت كۇفرىغىلا ئۇنايدۇ[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقات ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنى يارىتالايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشى ئۈچۈن شەك ـ شۈبھىسىز مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى، كاپىرلار پەقەت كۇفرىغىلا ئۇنايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىشىنى قايتا يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن كېلىشىدە ھېچ شۈبھە بولمىغان مۇددەت بەلگىلىدى. لېكىن ئۇ زالىملار كۇفرىلىقتا چىڭ تۇردى.
كەھف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَحْسَبُهُمْ أَيْقَاظًا وَهُمْ رُقُودٌ ۚ وَنُقَلِّبُهُمْ ذَاتَ الْيَمِينِ وَذَاتَ الشِّمَالِ ۖ وَكَلْبُهُمْ بَاسِطٌ ذِرَاعَيْهِ بِالْوَصِيدِ ۚ لَوِ اطَّلَعْتَ عَلَيْهِمْ لَوَلَّيْتَ مِنْهُمْ فِرَارًا وَلَمُلِئْتَ مِنْهُمْ رُعْبًا
مۇھەممەد سالىھ: (مۇبادا ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، كۆزلىرىنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە ئۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقتىن) ئۇلارنى ئويغاق دەپ ئويلايسەن. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدىدۇر، ئۇلارنى بىز ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى (غار) نىڭ بوسۇغىسىدا ئىككى پۇتىنى سوزۇپ ياتىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن قاتتىق قورقۇپ، يۈز ئۆرۈپ چوقۇم قاچقان بولاتتىڭ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: -مۇبادا ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ-، ئۇلارنى ئويغاق دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدىدۇر، ئۇلارنى بىز ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى غارنىڭ بوسۇغىسىغا ئىككى پۇتىنى سوزۇپ ياتىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن قاتتىق قورقۇپ، يۈز ئۆرۈپ چوقۇم قاچقان بولاتتىڭ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى كۆرسەڭ ئويغاق دەپ ئويلايتتىڭ. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدا ئىدى. بىز ئۇلارنى گاھ ئوڭ يېنىغا، گاھ سول يېنىغا ئۆرۈپ تۇراتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىتى بولسا، غارنىڭ بۇسۇغىسىغا ئالدى پۇتلىرىنى سوزغان ھالەتتە ئىدى. ئۇلارنى بۇ ھالەتتە كۆرگەن بولساڭ، دەرھال ئارقاڭغا قاراپ قاچاتتىڭ ۋە ئىچىڭگە قورقۇنچ تولۇپ كېتەتتى.
18 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَسَىٰ رَبِّي أَنْ يُؤْتِيَنِ خَيْرًا مِنْ جَنَّتِكَ وَيُرْسِلَ عَلَيْهَا حُسْبَانًا مِنَ السَّمَاءِ فَتُصْبِحَ صَعِيدًا زَلَقًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىم ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىراق نەرسە ئاتا قىلغاي. بېغىڭغا ئاسماندىن بىر ئاپەت يۈزلەندۈرۈش بىلەن بېغىڭ تۈپتۈز قاقاس يەرگە ئايلىنىپ قالغاي[40]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۈمىدكى، رەببىم ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىراق نەرسە ئاتا قىلغاي. بېغىڭغا ئاسماندىن بىر ئاپەت يۈزلەندۈرۈش بىلەن بېغىڭ تۈپتۈز قاقاس يەرگە ئايلىنىپ قالغاي
ئەنەس ئالىم: رەببىم ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىسىنى بېرىشى، سېنىڭكىگە ئاسماندىن ئاپەت ئەۋەتىشى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇپقۇرۇق قاقاس يەرگە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن
18 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَاضْرِبْ لَهُمْ مَثَلَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا كَمَاءٍ أَنْزَلْنَاهُ مِنَ السَّمَاءِ فَاخْتَلَطَ بِهِ نَبَاتُ الْأَرْضِ فَأَصْبَحَ هَشِيمًا تَذْرُوهُ الرِّيَاحُ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ مُقْتَدِرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى كىشىلەرگە) دۇنيا تىرىكچىلىكى ھەققىدە مۇنداق مىسالنى كەلتۈرگىن: (ئۇ شۇنىڭغا) ئوخشايدۇكى، بىز ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردۇق، شۇ سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بىر ـ بىرىگە چىرمىشىپ بولۇق ئۆستى، كېيىن ئۇ قۇرۇپ تۆكۈلدى، شاماللار ئۇنى (تەرەپ ـ تەرەپكە) ئۇچۇرۇپ كەتتى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئۇلارغا دۇنيا تىرىكچىلىكى ھەققىدە مۇنداق مىسالنى كەلتۈرگىن: -ئۇ شۇنىڭغا- ئوخشايدۇكى، بىز ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردۇق، شۇ سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بىر ـ بىرىگە چىرمىشىپ بولۇق ئۆستى، كېيىن ئۇ قۇرۇپ تۆكۈلدى، شاماللار ئۇنى تەرەپ ـ تەرەپكە ئۇچۇرۇپ كەتتى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا دۇنيا ھاياتىنىڭ مۇنۇ مىسالىنى بايان قىلىپ بەرگىن: بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈپ بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ، ئاندىن قۇرۇپ كۇكۇم - تالقان بولىدۇ، ئۇلارنى شاماللار ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. دۇنيا ھاياتى مانا مۇشۇنداقتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
18 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا مَكَّنَّا لَهُ فِي الْأَرْضِ وَآتَيْنَاهُ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ سَبَبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا بىز زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئۆز مەقسىتىگە يېتىشنىڭ پۈتۈن يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بىز زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئۆز مەقسىتىگە يېتىشنىڭ پۈتۈن يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا زېمىندا كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ھەر نەرسىنىڭ سەۋەبىنى بەردۇق.
18 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ وَقَدْ أَحَطْنَا بِمَا لَدَيْهِ خُبْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەھۋال شۇنداق بولدى (يەنى زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپتىكى كىشىلەرگىمۇ كۈنپېتىش تەرەپتىكى كىشىلەرگە قىلغان مۇئامىلىنى قىلدى). بىز ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىلەردىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھۋال شۇنداق بولدى. بىز ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىلەردىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: زۇلقەرنەين، ئەنە شۇنداق بىرى ئىدى. بىز ئۇنىڭ يېنىدىكى ھەر نەرسىدىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق.
مەريەم سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِنْ قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْئًا
مۇھەممەد سالىھ: (نىدا قىلغان پەرىشتە) ئېيتتى: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ (يەنى سېنى يوقتىن بار قىلغاندەك، يەھيانى ئىككىڭلاردىن تۆرەلدۈرۈشكە قادىرمەن)»[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: -نىدا قىلغان پەرىشتە- ئېيتتى: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، رەببىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «شۇنداق، لېكىن رەببىڭ دەيدۇكى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاسان. مەن بۇندىن ئىلگىرى سېنى ياراتقان ئىدىم، سەن ھېچ نەرسە ئەمەس ئىدىڭ» دېدى.
19 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ ۖ وَلِنَجْعَلَهُ آيَةً لِلنَّاسِ وَرَحْمَةً مِنَّا ۚ وَكَانَ أَمْرًا مَقْضِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: جىبرىئىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، (لېكىن پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر»[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىبرىئىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، لېكىن رەببىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر»
ئەنەس ئالىم: روھىمىز: «شۇنداق، لېكىن رەببىڭ دەيدۇكى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاسان. بىز ئۇنى ئىنسانلارغا قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان دەلىل ۋە ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت قىلىمىز. بۇ قارار قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر» دېدى3.
19 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ لِلَّهِ أَنْ يَتَّخِذَ مِنْ وَلَدٍ ۖ سُبْحَانَهُ ۚ إِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: «ئاللاھنىڭ شەنىگە بالىسى بولۇش لايىق ئەمەس، ئاللاھ (بالىدىن، شېرىكتىن) پاكتۇر، ئاللاھ بىرەر ئىش قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ۋۇجۇتقا كەل دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئاللاھنىڭ شەنىگە بالىسى بولۇش لايىق ئەمەس، ئاللاھ بالىدىن، شېرىكتىن پاكتۇر، ئاللاھ بىرەر ئىش قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ۋۇجۇتقا كەل دەيدۇ ـ دە ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بالىسى بولۇش ئاللاھنىڭ شەنىگە لايىق بولمايدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر. ئاللاھ بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلسا ئۇنىڭغا پەقەتلا: «بول» دەيدۇ. ئۇ بولىدۇ.
19 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَا يَذْكُرُ الْإِنْسَانُ أَنَّا خَلَقْنَاهُ مِنْ قَبْلُ وَلَمْ يَكُ شَيْئًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان بىز ئۇنى ئىلگىرى يوقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئەسلىمەمدۇ؟[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بىزنىڭ ئۇنى ئىلگىرى يوقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئەسلىمەمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: بۇ ئىنسان ئۆزىنى بىزنىڭ ئىلگىرى يوقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئويلىمامدۇ؟
تاھا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ خُذْهَا وَلَا تَخَفْ ۖ سَنُعِيدُهَا سِيرَتَهَا الْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: « ئۇنى تۇتۇۋالغىن، قورقمىغىن، ئۇنى دەسلەپكى (يەنى ھاسىلىق) ھالىتىگە قايتۇرىمىز[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: « ئۇنى تۇتۇۋالغىن، قورقمىغىن، ئۇنى دەسلەپكى ھالىتىگە قايتۇرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئۇنى تۇتۇۋالغىن، قورقمىغىن، بىز ئۇنى دەسلەپكى ھالىتىگە قايتۇرىمىز.
20 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
لِنُرِيَكَ مِنْ آيَاتِنَا الْكُبْرَى
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا چوڭ مۆجىزىلىرىمىزدىن بەزىسىنى كۆرسىتىمىز[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا چوڭ مۆجىزىلىرىمىزدىن بەزىسىنى كۆرسىتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز بۇ ئارقىلىق ساڭا بىر قىسىم چوڭ مۆجىزلىرىمىزنى كۆرسىتىمىز.
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِسُلَيْمَانَ الرِّيحَ عَاصِفَةً تَجْرِي بِأَمْرِهِ إِلَى الْأَرْضِ الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا ۚ وَكُنَّا بِكُلِّ شَيْءٍ عَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا (يەنى شامغا) باراتتى، بىز ھەممىنى بىلگۈچىمىز[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا باراتتى، بىز ھەممىنى بىلگۈچىمىز
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىن تەرەپكە قاراپ چىقاتتى. بىز ھەر نەرسىنى بىلەتتۇق.
ھەج سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ وَأَنَّهُ يُحْيِي الْمَوْتَىٰ وَأَنَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى يۇقىرىقىدەك يارىتىشى)، ئاللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى سىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: بۇلار كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ ھەقتۇر، ئۇ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ھەر نەرسىگە كۈچى يېتىدۇ،
22 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يَسْجُدُ لَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ وَالنُّجُومُ وَالْجِبَالُ وَالشَّجَرُ وَالدَّوَابُّ وَكَثِيرٌ مِنَ النَّاسِ ۖ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيْهِ الْعَذَابُ ۗ وَمَنْ يُهِنِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ مُكْرِمٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ ۩
مۇھەممەد سالىھ: بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)، زېمىندىكىلەر (يەنى ئىنسانلار، جىنلار ۋە زېمىندا ياشايدىغان بارلىق مەخلۇقاتلار)، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋاناتلار ئاللاھقا بويسۇنۇپ، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپ قىلىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ) ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر (كۇفرى سەۋەبلىك) ئازابقا دۇچار بولدى، ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى ئازاب قىلىش، رەھىم قىلىش، ئەزىز قىلىش، خار قىلىش، باي قىلىش، كەمبەغەل قىلىش ئاللاھنىڭ خاھىشىدىكى ۋە ھېكمىتىدىكى ئىش بولۇپ، ئاللاھقا ھېچ كىشى تەئەررۇز قىلالمايدۇ)[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر، زېمىندىكىلەر، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ئۆمۈلىگۈچىلەر ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرگە بولسا ئازاب ھەق بولدى، ئاللاھ خار قىلغان كىشىنى ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ: ئاسمانلاردىكى كىشىلەر، زېمىندىكى كىشىلەر، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، پۈتكۈل جانلىقلار ۋە نۇرغۇن ئىنسانلار ئاللاھقا سەجدە قىلماقتا. ئىنسانلارنىڭ تولىسى بولسا ئازابقا لايىق بولماقتىدۇر. ئاللاھ خار قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
22 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ سَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ وَالْفُلْكَ تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ وَيُمْسِكُ السَّمَاءَ أَنْ تَقَعَ عَلَى الْأَرْضِ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەمرى بويىچە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (ئاسماننىڭ زېمىنغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئاسماننى توختىتىپ تۇرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن (ئاسماننىڭ قىيامەت بولغان چاغدا) چۈشۈپ كېتىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەمرى بويىچە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ چۈشۈپ كېتىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ زېمىندىكى نەرسىلەرنى ۋە بېكىتىپ قويغان قانۇنىيەتلىرى بويىچە دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ ئاسماننى رۇخسىتى بولماستىن زېمىننىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاۋاتىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
22 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّاسُ ضُرِبَ مَثَلٌ فَاسْتَمِعُوا لَهُ ۚ إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَنْ يَخْلُقُوا ذُبَابًا وَلَوِ اجْتَمَعُوا لَهُ ۖ وَإِنْ يَسْلُبْهُمُ الذُّبَابُ شَيْئًا لَا يَسْتَنْقِذُوهُ مِنْهُ ۚ ضَعُفَ الطَّالِبُ وَالْمَطْلُوبُ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! بىر مىسال كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان تەقدىردىمۇ بىر چىۋىننى يارىتالمايدۇ (ئەقلى بار ئادەم قانداقمۇ مۇشۇنداق بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋېلىپ ئۇلارغا چوقۇنىدۇ!)، چىۋىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن بىر نەرسىنى (يەنى بۇتقا سۈركەپ قويۇلغان خۇش پۇراق بىر نەرسىنى) ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىپ ئالالمايدۇ، بۇتمۇ ۋە (ئۇنىڭغا) چوقۇنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! بىر مىسال كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان تەقدىردىمۇ بىر چىۋىننى يارىتالمايدۇ، چىۋىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن بىر نەرسىنى ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىپ ئالالمايدۇ، چۇقۇنغۇچىمۇ، چوقۇنۇلغۇچىمۇ ئاجىزدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! بىر مىسال بايان قىلىندى. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار: سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ بىرەر چىۋىن يارىتالمايدۇ، ھەتتا چىۋىن ئۇلاردىن بىر نەرسە ئېلىپ قاچسا، چىۋىندىن ئۇنى قۇتقۇزۇپ ئالالمايدۇ. دېمەككى، تەلەپ قىلغۇچىمۇ، تەلەپ قىلىنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر!
22 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
مَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئەرزىمەس بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ) ئاللاھنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئۇلۇغلاشمىدى، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھ نى تېگىشلىك رەۋىشتە ئۇلۇغلاشمىدى، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى. ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ خَلَقْنَا النُّطْفَةَ عَلَقَةً فَخَلَقْنَا الْعَلَقَةَ مُضْغَةً فَخَلَقْنَا الْمُضْغَةَ عِظَامًا فَكَسَوْنَا الْعِظَامَ لَحْمًا ثُمَّ أَنْشَأْنَاهُ خَلْقًا آخَرَ ۚ فَتَبَارَكَ اللَّهُ أَحْسَنُ الْخَالِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئابىمەنىينى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى (جان كىرگۈزۈپ) باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھ (ھېكمەت ۋە قۇدرەت جەھەتتىن) ئۇلۇغدۇر[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئابىمەنىينى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ماھىرى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى يېپىشقاق قانغا ئايلاندۇردۇق. ئاندىن يېپىشقاق قاننى بىر چاينام گۆشكە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن بىر چاينام گۆشنى سۆڭەكلەرگە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن سۆڭەكلەرگە گۆش قوندۇردۇق. ئاندىن كېيىن ئۇنى باشقا بىر مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق. ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ!
23 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً بِقَدَرٍ فَأَسْكَنَّاهُ فِي الْأَرْضِ ۖ وَإِنَّا عَلَىٰ ذَهَابٍ بِهِ لَقَادِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز بۇلۇتتىن ھاجەتكە قاراپ يامغۇر ياغدۇردۇق، ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق، ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئاسماندىن يامغۇرنى ئۆلچەم بىلەن ياغدۇردۇق ۋە ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق، ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىشقا ئەلۋەتتە قادىرمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماندىن بەلگىلەنگەن مىقداردا سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق. بىزنىڭ كۈچىمىز ئۇ سۇنى يوق قىلىۋېتىشكىمۇ يېتىدۇ.
23 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي ذَرَأَكُمْ فِي الْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا (نەسىللەندۈرۈش يولى بىلەن) ياراتتى، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا يارىتىپ كۆپەيتتى، ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىپ زېمىنغا تارقاتقان زاتتۇر. ئاخىرىدا ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر.
23 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ وَلَهُ اخْتِلَافُ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنىڭ) جېنىنى ئالىدۇ، كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆلتۈرىدىغان، تىرىلدۈرىدىغان ۋە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىنى ئۆزىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان زاتتۇر. ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
23 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيْهِ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ (ئىلتىجا قىلغانلارغا) پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)»[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيىتقىنكى، «ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ھەر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇۋاتقان، خالىغىنىنى قۇتقۇزىدىغان ۋە خالىمىغىنىنى ھېچكىم قۇتقۇزالمايدىغان كىم، بىلەمسىلەر؟».
23 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّا عَلَىٰ أَنْ نُرِيَكَ مَا نَعِدُهُمْ لَقَادِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىشنى ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە قادىرمىز.
نۇر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يُزْجِي سَحَابًا ثُمَّ يُؤَلِّفُ بَيْنَهُ ثُمَّ يَجْعَلُهُ رُكَامًا فَتَرَى الْوَدْقَ يَخْرُجُ مِنْ خِلَالِهِ وَيُنَزِّلُ مِنَ السَّمَاءِ مِنْ جِبَالٍ فِيهَا مِنْ بَرَدٍ فَيُصِيبُ بِهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَصْرِفُهُ عَنْ مَنْ يَشَاءُ ۖ يَكَادُ سَنَا بَرْقِهِ يَذْهَبُ بِالْأَبْصَارِ
مۇھەممەد سالىھ: كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر - بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى توپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن يامغۇر ياغقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرىدۇ، ئۇنى ئاللاھ خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ (يەنى ئۇنىڭ بىلەن خالىغان ئادەمنىڭ زىرائىتى، مېۋىسى ۋە چارۋىلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ) ۋە ئۇنىڭ (زىيىنىدىن) خالىغان ئادەمنى ساقلايدۇ، چاقماقنىڭ يورۇقى (قارىغۇچىلارنى) كۆزلىرىدىن ئايرىۋەتكىلى تاس قالىدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر - بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى توپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن يامغۇر ياغقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرىدۇ، ئۇنى ئاللاھ خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ ۋە ئۇنىڭ زىيىنىدىن خالىغان ئادەمنى ساقلايدۇ، چاقماقنىڭ يورۇقى قارىغۇچىلارنى كۆزلىرىدىن ئايرىۋەتكىلى تاس قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۆرمەمسەن؟ ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر - بىرىگە قوشۇپ قېلىنلاشتۇرىدۇ. ئاندىن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يامغۇرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ يەنە ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشىگە مۇسىبەت يەتكۈزىدۇ، خالىغان كىشىنى ئۇنىڭدىن ساقلايدۇ. بۇلۇتلاردىن چىققان چاقماقنىڭ يورۇقى كۆزلەرنى ئېلىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ.
24 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ خَلَقَ كُلَّ دَابَّةٍ مِنْ مَاءٍ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَىٰ بَطْنِهِ وَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَىٰ رِجْلَيْنِ وَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَىٰ أَرْبَعٍ ۚ يَخْلُقُ اللَّهُ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەر بىر جاندارنى سۇدىن ياراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇت بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇت بىلەن ماڭىدۇ، ئاللاھ خالىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەر بىر جاندارنى سۇدىن ياراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇت بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇت بىلەن ماڭىدۇ، ئاللاھ خالىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ پۈتكۈل جانلىقلارنى سۇدىن ياراتتى. ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
فۇرقان سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَمْ يَتَّخِذْ وَلَدًا وَلَمْ يَكُنْ لَهُ شَرِيكٌ فِي الْمُلْكِ وَخَلَقَ كُلَّ شَيْءٍ فَقَدَّرَهُ تَقْدِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ بالىسى يوقتۇر، پادىشاھلىقتا شېرىكىمۇ يوقتۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ بالىسى يوقتۇر، پادىشاھلىقتا شېرىكىمۇ يوقتۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئۆزىگە خاس بولغان، ئاتا بولمىغان، پادىشاھلىقتا شېرىكى بولمىغان ۋە ھەر نەرسىنى يارىتىپ ئۇنىڭغا ئۆلچەم بەلگىلىگەن زاتتۇر.
25 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ آلِهَةً لَا يَخْلُقُونَ شَيْئًا وَهُمْ يُخْلَقُونَ وَلَا يَمْلِكُونَ لِأَنْفُسِهِمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا وَلَا يَمْلِكُونَ مَوْتًا وَلَا حَيَاةً وَلَا نُشُورًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان ۋە ئۆزلىرى يارىتىلغان ئىلاھلار (يەنى بۇتلار) غا ئىبادەت قىلدى. ئۇلار (يەنى بۇتلار) ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى دەپئى قىلالمايدۇ. ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىنى كەلتۈرەلمەيدۇ، (باشقىلارنىڭ) جېنىنى ئېلىشقا، (باشقىلارغا) ھايات بېغىشلاشقا ياكى (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
25 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
تَبَارَكَ الَّذِي إِنْ شَاءَ جَعَلَ لَكَ خَيْرًا مِنْ ذَٰلِكَ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ وَيَجْعَلْ لَكَ قُصُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئەگەر ئۇ خالىسا ساڭا ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىنمۇ ياخشى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان باغلارنى ۋە چوڭ سارايلارنى ئاتا قىلاتتى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نېمە دېگەن بۈيۈكتۇركى، ئەگەر ئۇ خالىسا ساڭا ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىنمۇ ياخشى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان باغلارنى ۋە چوڭ سارايلارنى ئاتا قىلاتتى
ئەنەس ئالىم: خالىسا ساڭا ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن2 ياخشىسىنى - ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى - قىلىپ بېرىدىغان ۋە ساڭا سارايلارنى قىلىپ بېرىدىغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! بەرىكىتى نېمىدېگەن چەكسىز!
25 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ قَبَضْنَاهُ إِلَيْنَا قَبْضًا يَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇنى ئاستا – ئاستا يوقاتتۇق[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇنى ئاستا - ئاستا يوقاتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇنى ئاز - ئازدىن قىسقارتىپ قانداق يوقاتتۇق؟
25 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي مَرَجَ الْبَحْرَيْنِ هَٰذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ وَهَٰذَا مِلْحٌ أُجَاجٌ وَجَعَلَ بَيْنَهُمَا بَرْزَخًا وَحِجْرًا مَحْجُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (قۇدرىتى بىلەن) بىرى تاتلىق بولغان، بىرى تۇزلۇق بولغان دېڭىزنى (ئۇلار بىر ـ بىرىگە تۇتىشاڭغۇ بولغان ھالدا) (قويۇۋەتتى، ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەردە، توسما بەرپا قىلدى[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىرى تاتلىق، بىرى تۇزلۇق بولغان ئىككى دەريانى بىرلەشتۈردى ۋە ئارلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەردە ۋە توسما بەرپا قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، بىرى شېرىن ۋە تاتلىق، يەنە بىرى تۇزلۇق ۋە ئاچچىق بولغان ئىككى دېڭىزنى بىرلىكتە قويۇۋېتىپ، ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا توسما ۋە مۇستەھكەم پەردە قويدى.
25 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ مِنَ الْمَاءِ بَشَرًا فَجَعَلَهُ نَسَبًا وَصِهْرًا ۗ وَكَانَ رَبُّكَ قَدِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئىنساننى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، ئۇنى بالىلار نىسبەت بېرىلىدىغان ئەر ۋە قۇدا ـ باجىلىق پەيدا قىلىدىغان ئايال (دىن ئىبارەت ئىككى خىل قىلىپ) ياراتتى، پەرۋەردىگارىڭ ھەممىگە قادىردۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنساننى ئابىمەنىدىن ياراتقان، ئۇنى بالىلار نىسبەت بېرىلىدىغان ئەر ۋە قۇدا ـ باجىلىق پەيدا قىلىدىغان قىلغان زات ئاللاھتۇر، رەببىڭ ھەممىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سۇدىن ئىنسان يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نەسەب ۋە قۇدا - باجىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. رەببىڭ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
25 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
تَبَارَكَ الَّذِي جَعَلَ فِي السَّمَاءِ بُرُوجًا وَجَعَلَ فِيهَا سِرَاجًا وَقَمَرًا مُنِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماندا بۇرۇجلارنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراقنى (يەنى كۈننى) ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسماندا بۇرۇجلەرنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراقنى ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسماندا بۇرجلار قىلغان، ئۇنىڭدا چىراغ ۋە نۇرلۇق ئاينى بار قىلغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! بەرىكىتى نېمىدېگەن چەكسىز!
شۇئەرا سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ نَشَأْ نُنَزِّلْ عَلَيْهِمْ مِنَ السَّمَاءِ آيَةً فَظَلَّتْ أَعْنَاقُهُمْ لَهَا خَاضِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتىشىنى) خالايدىغان بولساق، ئۇلارغا ئاسماندىن (ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلايدىغان) بىر ئايەتنى (ئالامەتنى) نازىل قىلاتتۇق - تە، ئۇنىڭغا ئۇلار باش ئەگكەن بولاتتى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئەگەر خالىساق ئۇلارغا ئاسماندىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرىمىز - دە، بويۇنلىرى ئۇنىڭغا دەرھال ئېگىلىدۇ.
26 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
26 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
26 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي خَلَقَنِي فَهُوَ يَهْدِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مېنى ياراتقان، ئۇ مېنى ھىدايەت قىلىدۇ[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مېنى ياراتقان بولۇپ، ماڭا يول كۆرسىتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ مېنى ياراتقان زاتتۇر. ئۇ مېنى توغرا يولغا باشلايدۇ.
26 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا مَرِضْتُ فَهُوَ يَشْفِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاغرىپ قالسام ئۇ مېنى ساقايتىدۇ[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاغرىپ قالسام ئۇ مېنى ساقايتىدۇ
ئەنەس ئالىم: كېسەل بولسام شىپالىق بېرىدۇ.
26 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
26 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
26 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
26 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
26 : 175 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[175].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
26 : 184 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّقُوا الَّذِي خَلَقَكُمْ وَالْجِبِلَّةَ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان ئاللاھتىن قورقۇڭلار»[184].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان ئاللاھتىن قورقۇڭلار»
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى خەلقلەرنى ياراتقان زاتقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.
26 : 191 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[191].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
نەمىل سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يَا مُوسَىٰ إِنَّهُ أَنَا اللَّهُ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھتۇرمەن[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھدۇرمەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇسا! مەن ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھتۇرمەن.
27 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَأَنْزَلَ لَكُمْ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَنْبَتْنَا بِهِ حَدَائِقَ ذَاتَ بَهْجَةٍ مَا كَانَ لَكُمْ أَنْ تُنْبِتُوا شَجَرَهَا ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ بَلْ هُمْ قَوْمٌ يَعْدِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇلار (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ بەرگەن زات ياخشىمۇ؟ بىز ئۇ سۇ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈردۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇ باغلارنىڭ دەرىخىنى يېتىشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەلكى ئۇلار ھەقتىن يىراقلىشىپ كەتكەن قەۋمدۇر.
27 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ جَعَلَ الْأَرْضَ قَرَارًا وَجَعَلَ خِلَالَهَا أَنْهَارًا وَجَعَلَ لَهَا رَوَاسِيَ وَجَعَلَ بَيْنَ الْبَحْرَيْنِ حَاجِزًا ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننى (ئىنسانلارغا ۋە ھايۋانلارغا) تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە (تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى ئورناتقان، ئىككى دېڭىز ئارىسىدا (يەنى تاتلىق سۇ بىلەن شورلۇق سۇ ئارىسىدا ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) توساقلارنى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (باشقا ئىلاھ يوق) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىننى تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە تاغلارنى ئورناتقان، ئىككى دېڭىز ئارىسىدا توساقلارنى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى زېمىننى ياشاشقا لايىق قىلغان، زېمىننىڭ ئىچىدە دەريالار بار قىلغان، زېمىن ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلار ئورناتقان ۋە ئىككى دېڭىز ئارىسىدا توسۇق قويغان زات ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
27 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ يُجِيبُ الْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَاءَ الْأَرْضِ ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ قَلِيلًا مَا تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى بېشىغا ئېغىرچىلىق كەلگەن كىشى دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان زات ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەكمۇ ئاز ئويلىنىسىلەر!
27 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ وَمَنْ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئىنساننى) دەسلەپتە خەلق ئەتكەن، ئاندىن ئۇنى تىرىلدۈرىدىغان كىم؟ سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (ھېچ ئىلاھ يوقتۇر) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، دەلىللىرىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار»[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنساننى دەسلەپتە خەلق ئەتكەن، ئاندىن ئۇنى تىرىلدۈرىدىغان كىم؟ سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئېيتقىنكى: «راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، دەلىللىرىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى دەسلەپتە يوقتىن يارىتىدىغان، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىدىغان زات ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟» ئېيتقىنكى: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار».
27 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِي بَيْنَهُمْ بِحُكْمِهِ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) نىڭ ئارىسىدا (قىيامەت كۈنى) ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى) بىلگۈچىدۇر[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ ئەزىزدۇر، بىلگۈچىدۇر.
27 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَى الْجِبَالَ تَحْسَبُهَا جَامِدَةً وَهِيَ تَمُرُّ مَرَّ السَّحَابِ ۚ صُنْعَ اللَّهِ الَّذِي أَتْقَنَ كُلَّ شَيْءٍ ۚ إِنَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: تاغلارنى تۇرغۇن ھالەتتە گۇمان قىلىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك چۆگىلەپ تۇرىدۇ، (بۇ) ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقان ئاللاھنىڭ ھۈنىرىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلارنى تۇرغۇن ھالەتتە گۇمان قىلىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك چۆگىلەپ تۇرىدۇ، بۇ، ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقان ئاللاھنىڭ ھۈنىرىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: سەن تاغلارنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ئورنىدا مۇقىم تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئويلايسەن. ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇت ئۆتكەندەك ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ھەر نەرسىنى پۇختا قىلغان ئاللاھنىڭ قىلغان ئىشىدۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
قەسەس سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَنَشُدُّ عَضُدَكَ بِأَخِيكَ وَنَجْعَلُ لَكُمَا سُلْطَانًا فَلَا يَصِلُونَ إِلَيْكُمَا ۚ بِآيَاتِنَا أَنْتُمَا وَمَنِ اتَّبَعَكُمَا الْغَالِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «قېرىندىشىڭ ئارقىلىق سېنى كۈچەيتىمىز، ئىككىڭلارنى غالىب قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىككىڭلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىككىڭلارغا ئەگەشكەنلەر بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئارقىلىق غەلىبە قىلىسىلەر»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «قېرىندىشىڭ ئارقىلىق سېنى كۈچەيتىمىز ۋە ئىككىڭلارنى غالىب قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز سەۋەبلىك ئىككىڭلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىككىڭلارغا ئەگەشكەنلەر غەلىبە قىلغۇچىلارسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «قېرىندىشىڭ بىلەن سېنى كۈچلەندۈرىمىز، ئىككىڭلارغا كۈچ بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىلەرگە چېقىلالمايدۇ. ئايەتلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىڭلار، سىلەر ۋە سىلەرگە ئەگەشكەنلەر چوقۇم غالىب كېلىسىلەر».
28 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ جَعَلَ اللَّهُ عَلَيْكُمُ اللَّيْلَ سَرْمَدًا إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَنْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُمْ بِضِيَاءٍ ۖ أَفَلَا تَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگۈچە سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر ئاڭلىمامسىلەر؟» دېگىن[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگىچە ئۇزۇن سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر قۇلاق سالمامسىلەر؟ » دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى قىيامەتكە قەدەر ئۈستۈڭلاردا قىلسا، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟ يەنىلا ئاڭلىمامسىلەر؟».
28 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ جَعَلَ اللَّهُ عَلَيْكُمُ النَّهَارَ سَرْمَدًا إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَنْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُمْ بِلَيْلٍ تَسْكُنُونَ فِيهِ ۖ أَفَلَا تُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر ئاللاھ كۈندۈزنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگۈچە سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر كۆرمەمسىلەر؟» دېگىن[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر ئاللاھ كۈندۈزنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگىچە سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر كۆرمەمسىلەر؟» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كۈندۈزنى قىيامەتكە قەدەر ئۈستۈڭلاردا قىلسا، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەر ئارام ئالىدىغان كېچىنى سىلەرگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟ يەنىلا كۆرمەمسىلەر؟».
ئەنكەبۇت سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا كَيْفَ يُبْدِئُ اللَّهُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئىنكار قىلغۇچىلار) ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى دەسلەپتە يوقتىن قانداق بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ بۇ ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاساندۇر (ئۇلار بۇنى قانداقمۇ ئىنكار ق ىلىدۇ، دەسلەپتە يارىتىشقا قادىر بولغان زات قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر)[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى دەسلەپتە يوقتىن قانداق بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن ئۇنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ بۇ ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاساندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ دەسلەپتە يوقتىن قانداق ياراتقانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر.
29 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ بَدَأَ الْخَلْقَ ۚ ثُمَّ اللَّهُ يُنْشِئُ النَّشْأَةَ الْآخِرَةَ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى قانداق قىلىپ (يوقتىن) بار قىلغانلىقىغا قاراڭلار، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى (قىيامەتتە) قايتا پەيدا قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى قانداق بار قىلغانلىقىغا، ئاندىن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى قايتىدىن قانداق پەيدا قىلىدىغانلىقىغا قاراڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئاللاھنىڭ يارىتىشنى قانداق باشلىغانلىقىنى كۆزىتىڭلار! ئاللاھ كەلگۈسىدە بۇ يارىتىشنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
29 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ ۖ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر مەيلى زېمىندا بولسۇن، مەيلى ئاسماندا بولسۇن، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن بۆلەك دوستمۇ يوق، مەدەتكارمۇ يوق»[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر مەيلى زېمىندا بولسۇن، مەيلى ئاسماندا بولسۇن، ئاللاھ نى ئاجىزلاشتۇلمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن دوستمۇ يوق، مەدەتكارمۇ يوق»
ئەنەس ئالىم: سىلەر زېمىندا بولسۇن، ئاسماندا بولسۇن ھېچبىر يەردە ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ۋەلىي ۋە ياردەمچى يوقتۇر».
29 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ نَزَّلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ مِنْ بَعْدِ مَوْتِهَا لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۚ قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىم؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئېيتقىنكى، «(سىلەرگە قارشى پاكىتلار بار بولغانلىقتىن) جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر»، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇ سۆزلىرىدىكى زىددىيەتنى) چۈشەنمەيدۇ[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تېرىلدۈرگەن كىم؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئېيتقىنكى: «ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر»، بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن «ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىمدۇر؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەلھەمدۇ لىللاھ!». بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ.
رۇم سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
فِي بِضْعِ سِنِينَ ۗ لِلَّهِ الْأَمْرُ مِنْ قَبْلُ وَمِنْ بَعْدُ ۚ وَيَوْمَئِذٍ يَفْرَحُ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر[2ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: بىرقانچە يىل ئىچىدە. ئىشلار باشتىن - ئاخىر ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ. ئەنە شۇ كۈنى مۇئمىنلارمۇ خۇشال بولىدۇ،
30 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَيُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ وَكَذَٰلِكَ تُخْرَجُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ جانسىز نەرسىلەردىن جانلىق نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، جانلىق نەرسىلەردىن جانسىز نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قۇرغاق زېمىننى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، سىلەرمۇ مۇشۇنداق تىرىلدۈرۈلىسىلەر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ جانسىز نەرسىلەردىن جانلىق نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، جانلىق نەرسىلەردىن جانسىز نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرمۇ مۇشۇنداق چىقىرىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىدۇ، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىدۇ ۋە ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ. سىلەرمۇ قەبىرلىرىڭلاردىن ئەنە شۇنداق چىقىرىلىسىلەر.
30 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ يُرِيكُمُ الْبَرْقَ خَوْفًا وَطَمَعًا وَيُنَزِّلُ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَيُحْيِي بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ سىلەرگە چاقماقنى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد قىلىپ كۆرسىتىشى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، چۈشىنەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا، شەك ـ شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ سىلەرگە چاقماقنى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد قىلىپ كۆرسىتىشى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، چۈشىنەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا، شەك ـ شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ سىلەرگە قورقۇتىدىغان ۋە ئۈمىدلەندۈرىدىغان چاقماقنى كۆرسىتىشى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
30 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ تَقُومَ السَّمَاءُ وَالْأَرْضُ بِأَمْرِهِ ۚ ثُمَّ إِذَا دَعَاكُمْ دَعْوَةً مِنَ الْأَرْضِ إِذَا أَنْتُمْ تَخْرُجُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئاسمان - زېمىننى ئۆز ئەمرى بىلەن (مۇئەللەق) تۇرغۇزۇشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، ئاندىن ئاللاھ (قەبرىلەردە كۆمۈلۈپ ياتقان) سىلەرنى يەر ئاستىدىن چاقىرسا، دەرھال چىقىسىلەر[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئاسمان زېمىننى ئۆز ئەمرى بىلەن تۇرغۇزۇشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى يەر ئاستىدىن چاقىرسا، دەرھال چىقىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاسمان - زېمىننىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن تۇرۇشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئاندىن كېيىن ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن بىر قېتىم چاقىرسا دەرھال چىقىسىلەر.
30 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ وَهُوَ أَهْوَنُ عَلَيْهِ ۚ وَلَهُ الْمَثَلُ الْأَعْلَىٰ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلىدۈرىدىغان ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ (يەنى مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈش) ئاللاھقا (ئۇنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغانغا قارىغاندا) ئوڭايدۇر، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى تىرىلىدۈرىدىغان ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ ئاللاھقا ئوڭايدۇر، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ دەسلەپتە يوقتىن يارىتىدىغان، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان زاتتۇر. قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاللاھقا ئاساندۇر. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئۇلۇغ سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
30 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّ اللَّهَ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَقْدِرُ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا (رىزىق بەرگەن ئاللاھنىڭ ھېكمىتىگە) ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ رىزىقنى خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدۇ، تار قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
30 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي يُرْسِلُ الرِّيَاحَ فَتُثِيرُ سَحَابًا فَيَبْسُطُهُ فِي السَّمَاءِ كَيْفَ يَشَاءُ وَيَجْعَلُهُ كِسَفًا فَتَرَى الْوَدْقَ يَخْرُجُ مِنْ خِلَالِهِ ۖ فَإِذَا أَصَابَ بِهِ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ إِذَا هُمْ يَسْتَبْشِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە تارقىتىدۇ، (گاھى) ئۇنى تارقاق پارچىلارغا بۆلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يامغۇرنىڭ بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ يامغۇرنى خالىغان بەندىلىرىنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرغان چاغدا، ئۇلار دەرھال خۇشال بولۇپ كېتىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە تارقىتىدۇ، گاھى ئۇنى تارقاق پارچىلارغا بۆلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يامغۇرنىڭ بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ يامغۇرنى خالىغان بەندىلىرىنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرغان چاغدا، ئۇلار دەرھال خۇشال بولۇپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى ئەۋەتىدۇ. شاماللار بۇلۇتلارنى قوزغايدۇ. ئاللاھ ئۇ بۇلۇتلارنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە يايىدۇ ۋە پارچە - پارچە قىلىدۇ. ئاندىن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يامغۇرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىگە بۇ يامغۇرنى يەتكۈزگەندە ئۇ بەندىلەر سۆيۈنۈپ كېتىدۇ.
لوقمان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
خَالِدِينَ فِيهَا ۖ وَعْدَ اللَّهِ حَقًّا ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ جەننەتلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ راست ۋەدىسىدۇر (ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ)، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ جەننەتلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ راست ۋەدىسىدۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى. بۇ ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
31 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
مَا خَلْقُكُمْ وَلَا بَعْثُكُمْ إِلَّا كَنَفْسٍ وَاحِدَةٍ ۗ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ (دەسلەپتە) يارىتىلىشىڭلار، (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرۈلۈشىڭلار پەقەت بىر ئادەمنىڭ يارىتىلىشى، بىر ئادەمنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى ئىنسانلار!- سىلەرنىڭ دەسلەپتە يارىتىلىشىڭلار ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشىڭلار پەقەت بىر ئادەمنىڭ يارىتىلىشى، بىر ئادەمنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى يارىتىش ۋە سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈش، بىر كىشىنى يارىتىش ۋە بىر كىشىنى تىرىلدۈرۈش بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (ئاللاھ) يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر. (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
ئەھزاب سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَدَّ اللَّهُ الَّذِينَ كَفَرُوا بِغَيْظِهِمْ لَمْ يَنَالُوا خَيْرًا ۚ وَكَفَى اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ الْقِتَالَ ۚ وَكَانَ اللَّهُ قَوِيًّا عَزِيزًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كاپىرلار (يەنى مەدىنىگە ھۇجۇم قىلغان ئىتتىپاقداش قوشۇن) نى خاپا قايتۇردى، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئاللاھ (دۈشمەنگە بوران ۋە پەرىشتىلەرنى ئاپىرىدە قىلىپ) مۆمىنلەرنى ئۇرۇشسىز غەلىبىگە ئېرىشتۈردى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كاپىرلارنى خاپا قايتۇردى، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئاللاھ ئۇرۇشتا مۇئمىنلارغا كۇپايە قىلدى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كافىرلارنى ئاچچىقلىرى بىلەن قايتۇرۇۋەتتى، ئۇلار ھېچبىر ياخشىلىققا ئېرىشەلمىدى. ئاللاھ مۇئمىنلارنى ئۇرۇشۇش قىلىشتىن ساقلىدى. ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.
33 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْزَلَ الَّذِينَ ظَاهَرُوهُمْ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مِنْ صَيَاصِيهِمْ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ الرُّعْبَ فَرِيقًا تَقْتُلُونَ وَتَأْسِرُونَ فَرِيقًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن مۇشرىكلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىنى بۇزغان بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنى) قورغانلىرىدىن چۈشۈردى، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى. (ئۇلارنىڭ) بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈردۇڭلار ۋە بىر بۆلۈكىنى ئەسىر ئالدىڭلار[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن مۇشرىكلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى قۇرغانلىرىدىن چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى. ئۇلارنىڭ بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈردۇڭلار ۋە بىر بۆلۈكىنى ئەسىر ئالدىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئەھلى كىتابنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى قورغانلىرىدىن چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالدى. سىلەر ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار، بىر قىسمىنى ئەسىر ئالاتتىڭلار.
33 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْرَثَكُمْ أَرْضَهُمْ وَدِيَارَهُمْ وَأَمْوَالَهُمْ وَأَرْضًا لَمْ تَطَئُوهَا ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى، قورو ـ جايلىرىنى، مال ـ مۈلۈكلىرىنى ۋە (تېخى) سىلەرنىڭ قەدىمىڭلار دەسسەپ باقمىغان زېمىننى مىراس قىلىپ بەردى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى، قورو ـ جايلىرىنى، مال ـ مۈلۈكلىرىنى ۋە تېخى سىلەرنىڭ قەدىمىڭلار دەسسەپ باقمىغان زېمىننى مىراس قىلىپ بەردى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارنىڭ يەرلىرىگە، يۇرتلىرىغا، ماللىرىغا ۋە سىلەر دەسسەپ باقمىغان زېمىنغا ۋارىس قىلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
سەبەئ سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَمْ يَرَوْا إِلَىٰ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۚ إِنْ نَشَأْ نَخْسِفْ بِهِمُ الْأَرْضَ أَوْ نُسْقِطْ عَلَيْهِمْ كِسَفًا مِنَ السَّمَاءِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِكُلِّ عَبْدٍ مُنِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى (ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان) ئاسمان بىلەن زېمىنغا قارىمامدۇ؟ ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز، ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچە ـ پارچە قىلىپ چۈشۈرىمىز. بۇنىڭدا ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى ئاسمان بىلەن زېمىنغا قارىمامدۇ؟ ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچە ـ پارچە قىلىپ چۈشۈرىمىز. بۇنىڭدا ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە دەلىل بار
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى ئاسمانغا ۋە زېمىنغا قارىمىدىمۇ؟ ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىمىز ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن پارچىلار چۈشۈرىمىز. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاللاھقا ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن ھەر بەندە ئۈچۈن ئايەت بار.
34 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِسُلَيْمَانَ الرِّيحَ غُدُوُّهَا شَهْرٌ وَرَوَاحُهَا شَهْرٌ ۖ وَأَسَلْنَا لَهُ عَيْنَ الْقِطْرِ ۖ وَمِنَ الْجِنِّ مَنْ يَعْمَلُ بَيْنَ يَدَيْهِ بِإِذْنِ رَبِّهِ ۖ وَمَنْ يَزِغْ مِنْهُمْ عَنْ أَمْرِنَا نُذِقْهُ مِنْ عَذَابِ السَّعِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمانغا شامالنى (بويسۇندۇرۇپ بەردۇق)، شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس (چىقىدىغان) بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، بەزى جىنلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بويىچە سۇلايماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس چىقىدىغان بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، بەزى جىنلار رەببىنىڭ ئەمرى بويىچە سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، بىز ئۇنىڭغا دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. سۇلەيمان ئۇ شامال بىلەن چۈشتىن بۇرۇن بىر ئايلىق، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتەتتى. بىز يەنە ئۇنىڭغا مىس بۇلىقىنى ئېقىتىپ بەردۇق. جىنلارنىڭ بىر قىسمى رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى. ئۇلاردىن كىم ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇنىڭغا يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئازابىدىن تېتىتىمىز.
34 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرُونِيَ الَّذِينَ أَلْحَقْتُمْ بِهِ شُرَكَاءَ ۖ كَلَّا ۚ بَلْ هُوَ اللَّهُ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ماڭا ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى دەپ ئاتىۋالغىنىڭلار ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ ـ ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ماڭا ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى دەپ ئاتىۋالغىنىڭلار ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ماڭا ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى كۆرسىتىپ بېقىڭلار. ھەرگىزمۇ كۆرسىتەلمەيسىلەر! ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».
فاتىر سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ جَاعِلِ الْمَلَائِكَةِ رُسُلًا أُولِي أَجْنِحَةٍ مَثْنَىٰ وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ ۚ يَزِيدُ فِي الْخَلْقِ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھ يارىتىشتا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «ئىنسانلارنىڭ پەرۋىشكارى،
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق ۋە تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھ يارىتىشتا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
35 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
مَا يَفْتَحِ اللَّهُ لِلنَّاسِ مِنْ رَحْمَةٍ فَلَا مُمْسِكَ لَهَا ۖ وَمَا يُمْسِكْ فَلَا مُرْسِلَ لَهُ مِنْ بَعْدِهِ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاچقان نەرسىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالىغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ رەھمىتىدىن توسقان نەرسىنى، ئاللاھ توسقاندىن كېيىن، ئۇنى ھېچ قويۇپ بەرگۈچى بولمايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاچقان نەرسىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالىغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ رەھمىتىدىن توسقان نەرسىنى، ئاللاھ توسقاندىن كېيىن، ئۇنى ھېچ قويۇپ بەرگۈچى بولمايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىنسانلارغا قانداق رەھمەت ئاچسا، ئۇنى تۇتۇۋالىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئاللاھ نېمىنى تۇتۇپ قالسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نەرسىنى قويۇۋېتەلەيدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
35 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ الَّذِي أَرْسَلَ الرِّيَاحَ فَتُثِيرُ سَحَابًا فَسُقْنَاهُ إِلَىٰ بَلَدٍ مَيِّتٍ فَأَحْيَيْنَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ كَذَٰلِكَ النُّشُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ (ئۇنىڭ بىلەن) بۇلۇتنى قوزغايدۇ، بىز بۇلۇتلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراق) بىر يەرگە ھەيدەيمىز (بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىمىز)، شۇ يامغۇر بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئەنە شۇنداقتۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنى قوزغايدۇ، بىز بۇلۇتلارنى ئۆلۈك بىر يەرگە ھەيدەيمىز، شۇ يامغۇر بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئەنە شۇنداقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار بۇلۇتلارنى قوزغايدۇ. ئاندىن بىز ئۇ بۇلۇتلارنى ئۆلۈك يەرگە ھەيدەيمىز، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈش مانا شۇنداقتۇر.
35 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَأْتِ بِخَلْقٍ جَدِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ (ئورنۇڭلارغا) يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ -ئورنۇڭلارغا- يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ خالىسا سىلەرنى كەتكۈزۈۋېتىپ يېڭى خەلق كەلتۈرىدۇ.
35 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ بِعَزِيزٍ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ ئاللاھقا قىيىن ئەمەس
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئاللاھقا قىيىن ئەمەس
ئەنەس ئالىم: بۇ ئاللاھقا تەس ئەمەس.
35 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ وَالدَّوَابِّ وَالْأَنْعَامِ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ كَذَٰلِكَ ۗ إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ غَفُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ[29]
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىكلىكلىرى بار. ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭمۇ، جانلىقلارنىڭمۇ، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭمۇ ئەنە شۇنداق ھەر خىل رەڭدىكىلىرى بار. ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا ئەيمىنىدۇ3. ئاللاھ ئەزىزدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
35 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ يُمْسِكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ أَنْ تَزُولَا ۚ وَلَئِنْ زَالَتَا إِنْ أَمْسَكَهُمَا مِنْ أَحَدٍ مِنْ بَعْدِهِ ۚ إِنَّهُ كَانَ حَلِيمًا غَفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى (قۇدرىتى ۋە گۈزەل ھېكمىتى بىلەن) چۈشۈپ كېتىشتىن توختىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئەھەدى توختىتىپ تۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەلىمدۇر (يەنى كۇففارلار ئازابقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى چۈشۈپ كېتىشتىن توختىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى توختىتىپ تۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەلىمدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى زاۋال تېپىشتىن ساقلاۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار زاۋال تاپىدىغان بولسا، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەلىيمدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
35 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ وَكَانُوا أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً ۚ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُعْجِزَهُ مِنْ شَيْءٍ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَلِيمًا قَدِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەر (يەنى ھالاك بولغان ئۈممەتلەر) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) بۇلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھنى ئىلاجىسىز قالدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھ نى ئىلاجسىز قالدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، قادىردۇر.
ياسىن سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
تَنْزِيلَ الْعَزِيزِ الرَّحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئان ئاتا ـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[5 ـ 6].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: بۇ قۇرئاننى ئەزىز ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئاللاھ نازىل قىلدى،
36 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
سُبْحَانَ الَّذِي خَلَقَ الْأَزْوَاجَ كُلَّهَا مِمَّا تُنْبِتُ الْأَرْضُ وَمِنْ أَنْفُسِهِمْ وَمِمَّا لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (پۈتۈن ئەيىب ـ نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر (يەنى ئاجايىپ مەخلۇقاتلار) نىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پۈتۈن ئەيىب ـ نۇقسانلاردىن پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار
ئەنەس ئالىم: پۈتكۈل جۈپلەرنى ياراتقان زات پاكتۇر. ئۇ جۈپلەر زېمىن ئۈندۈرۈۋاتقان نەرسىلەردىن، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ۋە ئىنسانلار بىلمەيدىغان نەرسىلەردىن ئىبارەتتۇر.
36 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَالشَّمْسُ تَجْرِي لِمُسْتَقَرٍّ لَهَا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر
ئەنەس ئالىم: قۇياش ئۆز قارارگاھىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەزىز ۋە بىلىملىك زاتنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر.
36 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ نَشَأْ نُغْرِقْهُمْ فَلَا صَرِيخَ لَهُمْ وَلَا هُمْ يُنْقَذُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز، ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغۇچىمۇ بولمايدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز، ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغۇچىمۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ دادىغا يەتكۈچى بولمايدۇ، ھەمدە ئۇلار قۇتقۇزۇلمايدۇ.
36 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ نَشَاءُ لَطَمَسْنَا عَلَىٰ أَعْيُنِهِمْ فَاسْتَبَقُوا الصِّرَاطَ فَأَنَّىٰ يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇلار يول مېڭىشقا ئالدىرايتتى، لېكىن ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟[66]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇلار يول مېڭىشقا ئالدىرايتتى، لېكىن ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟
ئەنەس ئالىم: خالىغان بولساق ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى تامامەن يوق قىلىۋېتەتتۇق. ئۇ چاغدا ئۇلار يولنى تېپىشقا ئالدىرىشاتتى، لېكىن ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟
36 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ نَشَاءُ لَمَسَخْنَاهُمْ عَلَىٰ مَكَانَتِهِمْ فَمَا اسْتَطَاعُوا مُضِيًّا وَلَا يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىلا سۈرىتى مۇبەددەل (يەنى مايمۇن، چوشقا ياكى تاش) قىلىۋېتەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى، ئارقىغىمۇ قايتالمايتتى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىلا سۈرىتىنى مۇبەددەل قىلىۋېتەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى، ئارقىغىمۇ قايتالمايتتى
ئەنەس ئالىم: خالىغان بولساق ئۇلارنى تۇرغان يەرلىرىدە سۈرىتى مۇبەددەل قىلىۋېتەتتۇق7. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى، كەينىگىمۇ قايتالمايتتى.
36 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يُحْيِيهَا الَّذِي أَنْشَأَهَا أَوَّلَ مَرَّةٍ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ خَلْقٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر»[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئۇلارنى دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ. ئۇ ھەر يارىتىشنى بىلگۈچىدۇر».
36 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَيْسَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِقَادِرٍ عَلَىٰ أَنْ يَخْلُقَ مِثْلَهُمْ ۚ بَلَىٰ وَهُوَ الْخَلَّاقُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇنىڭغا قادىر، ئاللاھ ماھىر ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇنىڭغا قادىر، ئاللاھ ماھىر ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتنىڭ ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا كۈچى يەتمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە يېتىدۇ! ئۇ ھەر نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر.
36 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئًا أَنْ يَقُولَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىرەر شەيئىنى يارىتىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ بىرەر نەرسە يارىتىشنى ئىرادە قىلغان چېغىدىكى ئەمرى، ئۇ نەرسىگە «بول» دېيىشتىنلا ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسە بولىدۇ.
ساففات سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرَادُوا بِهِ كَيْدًا فَجَعَلْنَاهُمُ الْأَسْفَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز (ئىبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتقۇزۇش بىلەن) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ تۆۋەن بولغۇچىلار قىلدۇق.
37 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَصَرْنَاهُمْ فَكَانُوا هُمُ الْغَالِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ياردەم بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غالىب كەلدى.
37 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمْ لَهُمُ الْمَنْصُورُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر[172].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: «ئۇلارغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىلىدۇ.
37 : 173 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ جُنْدَنَا لَهُمُ الْغَالِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر[173].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ قوشۇنىمىز ئەلۋەتتە غالىب كېلىدۇ».
ساد سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
جُنْدٌ مَا هُنَالِكَ مَهْزُومٌ مِنَ الْأَحْزَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (رەسۇلۇللاھقا قارشى) جامائەلەردىن ئۇيۇشقان، مەغلۇب قىلىنىدىغان قوشۇندۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاشۇ جايدا جامائەلەردىن ئۇيۇشقان مەغلۇب قىلىنىدىغان قوشۇندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ يەرد كىچىككىنە بىر قوشۇندۇر، يېڭىلگۈچىدۇر، گۇرۇھلاردىندۇر3.
38 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَشَدَدْنَا مُلْكَهُ وَآتَيْنَاهُ الْحِكْمَةَ وَفَصْلَ الْخِطَابِ
مۇھەممەد سالىھ: داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە (ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان) روشەن سۆز ـ ئىبارىلەرنى ئاتا قىلدۇق[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە دانە - دانە سۆز قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈردۇق. ئۇنىڭغا ھېكمەت، توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ياخشى سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى بەردۇق.
38 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَهَبْ لِي مُلْكًا لَا يَنْبَغِي لِأَحَدٍ مِنْ بَعْدِي ۖ إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن (مەندىن باشقا) ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلەيمان ئېيىتتى: «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنداق دېدى: «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچكىمگە نېسىپ بولمايدىغان پادىشاھلىق ئاتا قىلغىن، سەن ناھايىتى كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن».
38 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَخَّرْنَا لَهُ الرِّيحَ تَجْرِي بِأَمْرِهِ رُخَاءً حَيْثُ أَصَابَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سۇلايمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلايماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان يەرگە سىلىق ماڭاتتى.
38 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ ئاللاھ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، غالىبتۇر. (ئۆزى خالىغان بەندىلەرنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر، غالىبتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر، ئەزىزدۇر، كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر».
38 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي خَالِقٌ بَشَرًا مِنْ طِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن لايدىن ئىنسان يارىتىمەن.
38 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا إِبْلِيسُ مَا مَنَعَكَ أَنْ تَسْجُدَ لِمَا خَلَقْتُ بِيَدَيَّ ۖ أَسْتَكْبَرْتَ أَمْ كُنْتَ مِنَ الْعَالِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى (ئۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭدىنمۇ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىنمۇ؟»[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى؛ ئۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭدىنمۇ؟ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىنمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان نەرسىگە سەجدە قىلىشتىن سېنى نېمە توستى؟ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتتۇڭمۇ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىنمىدىڭ؟» دېدى.
زۇمەر سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَنْزِيلُ الْكِتَابِ مِنَ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «ئىنسانلارنىڭ پەرۋىشكارى،
ئەنەس ئالىم: بۇ ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر.
39 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ يُكَوِّرُ اللَّيْلَ عَلَى النَّهَارِ وَيُكَوِّرُ النَّهَارَ عَلَى اللَّيْلِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۗ أَلَا هُوَ الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇ (يەنى ئاللاھ ئۆز ئىشىدا) غالىبتۇر. (بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى) تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزنىڭ ئۈستىگە يۆگەپ تۇرىدۇ، كۈندۈزنى كېچىنىڭ ئۈستىگە يۆگەپ تۇرىدۇ. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇردى، ھەر بىرى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
39 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ مُضِلٍّ ۗ أَلَيْسَ اللَّهُ بِعَزِيزٍ ذِي انْتِقَامٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچ ئازدۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھقالىب، (دۈشمەنلىرىنى) جازالىغۇچى ئەمەسمۇ؟[37]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچ ئازدۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھغالىب، دۈشمەنلىرىنى جازالىغۇچى ئەمەسمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئەزىز ۋە ئىنتىقام ئالغۇچى ئەمەسمۇ؟
39 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۚ قُلْ أَفَرَأَيْتُمْ مَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ أَرَادَنِيَ اللَّهُ بِضُرٍّ هَلْ هُنَّ كَاشِفَاتُ ضُرِّهِ أَوْ أَرَادَنِي بِرَحْمَةٍ هَلْ هُنَّ مُمْسِكَاتُ رَحْمَتِهِ ۚ قُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ ۖ عَلَيْهِ يَتَوَكَّلُ الْمُتَوَكِّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان» دەپ سورىساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «ئاللاھ ياراتقان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دەپئى قىلىشقا، يا ئاللاھ ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى توسۇۋېلىشقا ئاللاھتىن باشقا سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار قادىر بولالامدۇ؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ؟» ئېيتقىنكى، «ماڭا ئاللاھ كۇپايىدۇر، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)»[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان» دەپ سورىساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «ئاللاھ ياراتقان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دەپئى قىلىشقا، يا ئاللاھ ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى توسۇۋېلىشقا، سىلەر ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن يالۋۇرىۋاتقان نەرسىلەر قادىر بولالامدۇ؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ؟» ئېيتقىنكى: «ماڭا ئاللاھ كۇپايىدۇر، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلسۇن - ھەممە ئىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلاردىن «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى! ئەگەر ئاللاھ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ زىيىنىنى دەپئى قىلالامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ماڭا رەھمەت ئاتا قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى توسۇۋالالامدۇ؟». ئېيتقىنكى: «ماڭا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن».
39 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ يَتَوَفَّى الْأَنْفُسَ حِينَ مَوْتِهَا وَالَّتِي لَمْ تَمُتْ فِي مَنَامِهَا ۖ فَيُمْسِكُ الَّتِي قَضَىٰ عَلَيْهَا الْمَوْتَ وَيُرْسِلُ الْأُخْرَىٰ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ. ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنىمۇ ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئالىدۇ. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان (يەنى ئەجىلى يەتكەنلەر) نىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكۈچە) قويۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ، ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنى ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئالىدۇ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە قويۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرىنى ئۆلگەن چېغىدا، ئۆلمىگەنلەرنىڭ روھلىرىنى ئۇخلىغان چېغىدا ئالىدۇ. ئاندىن ئۆلۈمىگە ھۆكۈم قىلغان روھلارنى تۇتۇپ قالىدۇ ۋە باشقىلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
39 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (ئۇلارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ)[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە ۋەكىلدۇر،
39 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ وَالْأَرْضُ جَمِيعًا قَبْضَتُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَالسَّمَاوَاتُ مَطْوِيَّاتٌ بِيَمِينِهِ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى. ھالبۇكى، پۈتۈن زېمىن قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدىدۇر، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا تۈرۈلگۈچىدۇر7. ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.
غافىر سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
تَنْزِيلُ الْكِتَابِ مِنَ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ) كىتاب (يەنى قۇرئان) غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كىتاب –يەنى قۇرئان-، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى، گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچى، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى، ئازابى قاتتىق، ئىنئام ئىگىسى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاقىۋەت قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ ئەزىز ۋە بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر.
40 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
لَا جَرَمَ أَنَّمَا تَدْعُونَنِي إِلَيْهِ لَيْسَ لَهُ دَعْوَةٌ فِي الدُّنْيَا وَلَا فِي الْآخِرَةِ وَأَنَّ مَرَدَّنَا إِلَى اللَّهِ وَأَنَّ الْمُسْرِفِينَ هُمْ أَصْحَابُ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن سىلەر مېنى ئۇنىڭغا (يەنى بۇتقا) ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىسىلەر، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە (ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا) چاقىرغىنى يوق، بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئەھلى دوزاختۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ مېنى چاقىرىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھەققىدە ھېچقانداق چاقىرىقى يوق، بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئەھلى دوزاختۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەر مېنى چاقىرىۋاتقان نەرسە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چاقىرىلىشقا لايىق ئەمەستۇر. بىزنىڭ بارىدىغان يېرىمىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر. ھەددىدىن ئاشقۇچىلار دوزاخ ئەھلىدۇر.
40 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
لَخَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ أَكْبَرُ مِنْ خَلْقِ النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن كۆپ قىيىندۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (بۇنى) ئۇقمايدۇ[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن تېخمۇ چوڭ بىر ئىشتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى بۇنى ئۇقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئىنسانلارنى يارىتىشتىن چوڭ ئىشتۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
40 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ يُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوا أَشُدَّكُمْ ثُمَّ لِتَكُونُوا شُيُوخًا ۚ وَمِنْكُمْ مَنْ يُتَوَفَّىٰ مِنْ قَبْلُ ۖ وَلِتَبْلُغُوا أَجَلًا مُسَمًّى وَلَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى (يەنى ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، (ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن ياراتتى، ئاندىن ئۇ سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن (كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە ئەقىلدە كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر- بەزىڭلار بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر- ئاندىن سىلەر مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ياشايسىلەر، سىلەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) چۈشەنگەيسىلەر[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن ياراتتى، ئاندىن ئۇ سىلەرنى -ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن- بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر -بەزىڭلار بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر- ئاندىن سىلەر مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ياشايسىلەر، سىلەر چۈشەنگەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن، ئاندىن يېپىشقاق قاندىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىن بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن قىرانىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر. ئۇ بەزىڭلارنى بۇرۇن ئۆلتۈرىدۇ، بەزىڭلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە يەتكۈزىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر!
40 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ ۖ فَإِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئۆلتۈرۈشكە قادىر، ئۇ بىرەر ئىشنى (قىلىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئۇ بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، تىرىلدۈرىدۇ، ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ بىرەر نەرسە يارىتىشقا ھۆكۈم قىلسا ئۇنىڭغا پەقەتلا «بول» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسە بولىدۇ.
40 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا أَكْثَرَ مِنْهُمْ وَأَشَدَّ قُوَّةً وَآثَارًا فِي الْأَرْضِ فَمَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ بۇلاردىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى، زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي ـ ئىمارەت) جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ بۇلاردىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى، زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى
ئەنەس ئالىم: بۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى، ئۇلار زېمىندا ئەسەرلەر قالدۇرۇش جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ھېچنېمىگە ئەسقاتمىدى.
فۇسسىلەت سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ اسْتَوَىٰ إِلَى السَّمَاءِ وَهِيَ دُخَانٌ فَقَالَ لَهَا وَلِلْأَرْضِ ائْتِيَا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا قَالَتَا أَتَيْنَا طَائِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا) يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار (يەنى ئەمرىمنى قوبۇل قىلىڭلار)» دېدى. ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇ ئاسماننى -يارىتىشقا- يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار» دېدى، ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن تۇمان ھالىتىدىكى ئاسمانغا يۆنەلدى، ئۇنىڭغا ۋە زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار» دېدى. ئۇ ئىككىسى: «ئىختىيارىي ھالدا كەلدۇق» دېدى.
41 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَضَاهُنَّ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ فِي يَوْمَيْنِ وَأَوْحَىٰ فِي كُلِّ سَمَاءٍ أَمْرَهَا ۚ وَزَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِمَصَابِيحَ وَحِفْظًا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى (يەنى ھەر ئاسماننىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى). ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى. ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئاسمانلارنى ئىككى كۈندە يەتتە ئاسمان قىلىپ ئايرىدى ۋە ھەر ئاسمانغا ۋەزىپىسىنى ۋەھىي قىلدى. بىز ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق. بۇ ئەزىز ۋە بىلىپ تۇرغۇچى زاتنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر».
41 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا عَادٌ فَاسْتَكْبَرُوا فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَقَالُوا مَنْ أَشَدُّ مِنَّا قُوَّةً ۖ أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّ اللَّهَ الَّذِي خَلَقَهُمْ هُوَ أَشَدُّ مِنْهُمْ قُوَّةً ۖ وَكَانُوا بِآيَاتِنَا يَجْحَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاد بولسا زېمىندا (ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ھۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلارغا) ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ ـ قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاد بولسا زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ ـ قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلاتتى
ئەنەس ئالىم: ئاد بولسا، زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلدى ۋە «بىزدىن كۈچلۈك كىم بار؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلاتتى.
41 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لِجُلُودِهِمْ لِمَ شَهِدْتُمْ عَلَيْنَا ۖ قَالُوا أَنْطَقَنَا اللَّهُ الَّذِي أَنْطَقَ كُلَّ شَيْءٍ وَهُوَ خَلَقَكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىلىرىگە: «نېمىشقا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ، تېرىلىرى: «ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ بىزنى سۆزلەتتى، ئۇ دەسلەپتە سىلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دەيدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىلىرىگە: «نېمىشقا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ، تېرىلىرى: «ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ بىزنى سۆزلەتتى، ئۇ دەسلەپتە سىلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تېرىلىرىگە: «نېمىشقا زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ. تېرىلىرى: «بىزنى، ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ سۆزلەتتى» دەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپكى قېتىمدا ياراتتى. سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
41 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ أَنَّكَ تَرَى الْأَرْضَ خَاشِعَةً فَإِذَا أَنْزَلْنَا عَلَيْهَا الْمَاءَ اهْتَزَّتْ وَرَبَتْ ۚ إِنَّ الَّذِي أَحْيَاهَا لَمُحْيِي الْمَوْتَىٰ ۚ إِنَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇمۇ) ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇركى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا، زېمىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، شۈبھىسىزكى، زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇركى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا، زېمىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، شۈبھىسىزكى، زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرى شۇكى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن. بىز ئۇنىڭغا سۇنى چۈشۈرگەن ۋاقتىمىزدا ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ. ئەنە شۇ زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنىمۇ ئەلۋەتتە تىرىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
شۇرا سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ يُوحِي إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكَ اللَّهُ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە مۇشۇنداق ۋەھىي قىلىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
42 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى شەيئىلەر ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ئاللاھ ئۈستۈندۇر، كاتتىدۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلاردىكى نەرسىلەرنىڭ ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر. ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر.
42 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
أَمِ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ ۖ فَاللَّهُ هُوَ الْوَلِيُّ وَهُوَ يُحْيِي الْمَوْتَىٰ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى ئۇلار ئاللاھتىن باشقىلارنى ئىگە قىلىۋالدى، پەقەت ئاللاھ ئىگىدۇر، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا ئۇلار ئاللاھتىن باشقىلارنى دوست قىلىۋالدىمۇ؟ ھالبۇكى ھەقىقى دوست ئاللاھ تەئەلادۇر، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىر
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئۇلار ئاللاھتن غەيرىينى ۋەلىي قىلىۋالدى. ھالبۇكى، ۋەلىي پەقەتلا ئاللاھتۇر. ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
42 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ لَطِيفٌ بِعِبَادِهِ يَرْزُقُ مَنْ يَشَاءُ ۖ وَهُوَ الْقَوِيُّ الْعَزِيزُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بەندىلىرىگە كۆيۈنگۈچىدۇر، ئۇ خالىغان ئادەمگە (كەڭ) رىزىق بېرىدۇ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بەندىلىرىگە كۆيۈنگۈچىدۇر، ئۇ خالىغان ئادەمگە كەڭ رىزىق بېرىدۇ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر. ئۇ خالىغان كىشىگە رىزىق بېرىدۇ. ئۇ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.
42 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ خَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَثَّ فِيهِمَا مِنْ دَابَّةٍ ۚ وَهُوَ عَلَىٰ جَمْعِهِمْ إِذَا يَشَاءُ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ يېيىلىشى ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر، ئاللاھ ئەگەر خالىسا، ئۇلارنى جەمئى قىلىشقا قادىردۇر[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ يېيىلىشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر، ئاللاھ خالىغان ۋاقىتتا، ئۇلارنى جەمئى قىلىشقا قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ يارىتىپ ئۇ ئىككىسىگە تارقاتقان جانلىقلارمۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئۇ خالىغان چېغىدا ئۇلارنى جەم قىلىشقا قادىردۇر.
42 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ فِي الْأَرْضِ ۖ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر زېمىندا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە مەدەتكار يوق[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر زېمىندا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە مەدەتكار يوق
ئەنەس ئالىم: سىلەر زېمىندا ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ۋەلىي ۋە ياردەمچى يوقتۇر.
42 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَشَأْ يُسْكِنِ الرِّيحَ فَيَظْلَلْنَ رَوَاكِدَ عَلَىٰ ظَهْرِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ ـ دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭدا (قاتتىقلىقتا) سەۋر قىلغۇچى، (كەڭچىلىكتە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەر مۆمىن ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ ـ دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭدا كۆپ سەۋر قىلغۇچى ۋە كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى ھەر بىر كىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ خالىسا شامالنى توختىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ. بۇنىڭدا كۆپ سەۋر قىلغۇچىلار ۋە كۆپ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
42 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَعْلَمَ الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِنَا مَا لَهُمْ مِنْ مَحِيصٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ھەققىدە دەتالاش قىلىدىغانلار ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە مۇجادىلە قىلىدىغانلار ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا دەتالاش قىلىدىغانلار، ئۆزلىرى ئۈچۈن قاچقىلى يەر يوقلىقىنى بىلسۇن.
42 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ لَهُمْ مِنْ أَوْلِيَاءَ يَنْصُرُونَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۗ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ سَبِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم بېرىدىغان دوستلار بولمايدۇ، ئاللاھ كىمنى گۇمراھ قىلسا، ئۇنىڭغا (ئۇنى دۇنيادا ھەقكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشتۈرگۈچى) ھېچ يول بولمايدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم بېرىدىغان دوستلار بولمايدۇ، ئاللاھ كىمنى گۇمراھ قىلسا، ئۇنىڭغا -باشقا- ھېچ يول بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ياردەم بېرىدىغان ۋەلىيلىرى بولمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرۇۋەتكەن كىشىگە قۇتۇلۇش يولى يوقتۇر.
42 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
لِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ يَهَبُ لِمَنْ يَشَاءُ إِنَاثًا وَيَهَبُ لِمَنْ يَشَاءُ الذُّكُورَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنتلەر ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنتلەر ئاتا قىلىدۇ
42 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ يُزَوِّجُهُمْ ذُكْرَانًا وَإِنَاثًا ۖ وَيَجْعَلُ مَنْ يَشَاءُ عَقِيمًا ۚ إِنَّهُ عَلِيمٌ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلارغا ئوغۇل - قىز ئارىلاش پەرزەنتلەر ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، قادىردۇر.
زۇخرۇف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ خَلَقَهُنَّ الْعَزِيزُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلار ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى (ئاللاھ) ياراتتى» دەيدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ ياراتتى» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئۇلارنى ئەزىز ۋە بىلگۈچى زات ياراتتى» دەيدۇ.
43 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِي نَزَّلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً بِقَدَرٍ فَأَنْشَرْنَا بِهِ بَلْدَةً مَيْتًا ۚ كَذَٰلِكَ تُخْرَجُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بۇلۇتتىن (سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەي، پايدا يەتكۈزىدىغان) ئۆلچەمدە يامغۇر ياغدۇردى، ئۇنىڭ بىلەن بىز (گىيا ئۈنمەس قاقاس) ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق، سىلەر مۇشۇنداق (يەنى ئۆلۈك يەردىن ئۆسۈملۈك چىقىرىلغاندەك) (قەبرەڭلاردىن) چىقىرىلىسىلەر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسماندىن ئۆلچەم بىلەن يامغۇر ياغدۇردى، ئۇنىڭ بىلەن بىز ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق، سىلەر مۇشۇنداق چىقىرىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاسماندىن ئۆلچەم بىلەن سۇ چۈشۈرگەن زاتتۇر. بىز ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى كۆكەرتتۇق. سىلەرمۇ قەبىرلىرىڭلاردىن ئەنە شۇنداق چىقىرىلىسىلەر.
43 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِي خَلَقَ الْأَزْوَاجَ كُلَّهَا وَجَعَلَ لَكُمْ مِنَ الْفُلْكِ وَالْأَنْعَامِ مَا تَرْكَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر[12ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ پۈتكۈل جۈپلەرنى ياراتقان، سىلەرگە كېمىلەرنى ۋە بىر قىسىم ھايۋانلارنى قاتناش ۋاسىتىسى قىلىپ بەرگەن زاتتۇر.
43 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ نُرِيَنَّكَ الَّذِي وَعَدْنَاهُمْ فَإِنَّا عَلَيْهِمْ مُقْتَدِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى بىز ساڭا (ھاياتىڭدا) ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىمىز، بىز، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا (يەنى ئۇلارغا ئازاب قىلىشقا) قادىرمىز[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بىز ساڭا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىمىز، شۈبھە يوقكى، بىزنىڭ ئۇلارغا كۈچىمىز يېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىشنى ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرىمىز. شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا خالىغىنىمىزنى قىلىشقا قادىرمىز.
43 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ نَشَاءُ لَجَعَلْنَا مِنْكُمْ مَلَائِكَةً فِي الْأَرْضِ يَخْلُفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق، ئەلۋەتتە سىلەرگە زېمىندا ئورۇنباسار بولىدىغان پەرىشتىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەتتۇق[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق، ئەلۋەتتە سىلەرگە زېمىندا ئورۇنباسار بولىدىغان پەرىشتىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز خالىغان بولساق، زېمىندا سىلەرگە ئورۇنباسار بولىدىغان پەرىشتىلەرنى بار قىلاتتۇق.
دۇخان سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۖ رَبُّكُمْ وَرَبُّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنىڭ) جېنىنى ئالالايدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئىلگىرىكى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ تىرىلدۈرەلەيدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئىلگىرىكى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر.
44 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْ لَا تَعْلُوا عَلَى اللَّهِ ۖ إِنِّي آتِيكُمْ بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلماڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن روشەن مۆجىزە بىلەن كەلدىم[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلماڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن روشەن مۆجىزە بىلەن كەلدىم
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلماڭلار. مەن سىلەرگە روشەن دەلىل ئېلىپ كەلدىم.
44 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتْرُكِ الْبَحْرَ رَهْوًا ۖ إِنَّهُمْ جُنْدٌ مُغْرَقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دېڭىزنى تىپتىنچ (يەنى سەن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن قۇرۇق ھالىتى بويىچە) قويغىن، ئۇلار ھەقىقەتەن غەرق قىلىنغۇچى قوشۇندۇر»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: دېڭىزنى تىپتىنچ قويغىن، ئۇلار ھەقىقەتەن غەرق قىلىنغۇچى قوشۇندۇر»
ئەنەس ئالىم: دېڭىزدا ئېچىلغان يولنى ئۆز ھالىتى بىلەن قويغىن. ئۇلار چوقۇم غەرق قىلىنغۇچى قوشۇندۇر».
44 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا مَنْ رَحِمَ اللَّهُ ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت ئاللاھ رەھمەت قىلغان كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت ئاللاھ رەھمەت قىلغان كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مەرھەمەت قىلغان كىشى مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
جاسىيە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ اللَّهُ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يَجْمَعُكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، ئاندىن (ئەجىلىڭلار پۈتكەندە) ۋاپات قىلدۇرالايدۇ، ئاندىن شەك ـ شۈبھىسىز قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى يىغىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) بىلمەي (قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلدى)»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ۋاپات قىلدۇرىدۇ، ئاندىن شەك ـ شۈبھىسىز قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى يىغىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن قايىم بولۇشىدا شەك بولمىغان قىيامەت كۈنى سىلەرنى بىر يەرگە يىغىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ».
45 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُ الْكِبْرِيَاءُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئەھقاف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
تُدَمِّرُ كُلَّ شَيْءٍ بِأَمْرِ رَبِّهَا فَأَصْبَحُوا لَا يُرَىٰ إِلَّا مَسَاكِنُهُمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْقَوْمَ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ پەرۋردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ» (يەنى بوران كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرىنىڭ (يەنى تۇرغان ماكانلىرىنىڭ ئىزىدىن) باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ پەرۋردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ»، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرى كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇ رەببىنىڭ ئەمرى بىلەن ھەر نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ». شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ماكانلىرىدىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ كەتتى. بىز گۇناھكار قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.
46 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّ اللَّهَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَلَمْ يَعْيَ بِخَلْقِهِنَّ بِقَادِرٍ عَلَىٰ أَنْ يُحْيِيَ الْمَوْتَىٰ ۚ بَلَىٰ إِنَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كۇففارلار) بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ دۇرۇس، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان ئاللاھ، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، ئۇلارنى يارىتىش بىلەن چارچاپ قالمىغان ئاللاھنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئەلۋەتتە قادىردۇر، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ هِيَ أَشَدُّ قُوَّةً مِنْ قَرْيَتِكَ الَّتِي أَخْرَجَتْكَ أَهْلَكْنَاهُمْ فَلَا نَاصِرَ لَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەرنىڭ (يەنى مەككىنىڭ) ئاھالىسىدىن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا ھېچ قانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەرنىڭ ئاھالىسىدىن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا ھېچ قانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سېنى ھەيدەپ چىقارغان يۇرتتىن كۈچلۈك نۇرغۇن يۇرتلار بار ئىدى، بىز ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھېچ ياردەمچىسى بولمىدى.
فەتىھ سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَنْصُرَكَ اللَّهُ نَصْرًا عَزِيزًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق[1ـ3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
48 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ جُنُودُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
48 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُخْرَىٰ لَمْ تَقْدِرُوا عَلَيْهَا قَدْ أَحَاطَ اللَّهُ بِهَا ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يەنە ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان، ئاللاھ (ئۇنىڭ سىلەرگە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىنى) تولۇق بىلگەن بىر غەنىيمەت (يەنى مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى) نى (سىلەرگە مۇيەسسەر قىلدى). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان، ئاللاھ تولۇق بىلگەن باشقا غەنىمەتلەرمۇ بار. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يەنە باشقا غەنىيمەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلارغا قادىر بولمىدىڭلار، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق بىلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
قاف سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَعَيِينَا بِالْخَلْقِ الْأَوَّلِ ۚ بَلْ هُمْ فِي لَبْسٍ مِنْ خَلْقٍ جَدِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئىنسانلارنى) دەسلەپتە يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (بىز بۇنىڭدا ئاجىزلىق قىلمىغاچقا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈشتىمۇ ئاجىزلىق قىلمايمىز). ئۇلار يېڭىدىن يارىتىلىشقا (يەنى قىيامەتتە تىرىلدۈرۈشكە) قارىتا گۇماندىدۇر[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: دسلەپتە يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ بەلكى ئۇلار يېڭىدىن يارىتىلشقا قارىتا قاتتىق گۇماندىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز دەسلەپكى يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ ياق، ئۇلار يېڭىدىن يارىتىشتىن شۈبھىلەنمەكتە.
50 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ نَقُولُ لِجَهَنَّمَ هَلِ امْتَلَأْتِ وَتَقُولُ هَلْ مِنْ مَزِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ؟» دەيمىز، جەھەننەم: «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ؟» دەيمىز، جەھەننەم: «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى جەھەننەمگە: «تولدۇڭمۇ؟» دەيمىز، ئۇ: «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ.
50 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هُمْ أَشَدُّ مِنْهُمْ بَطْشًا فَنَقَّبُوا فِي الْبِلَادِ هَلْ مِنْ مَحِيصٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرىدىن) ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (يەنى شۇ ئۈممەتلەر) ھەر قايسى جايلارنى كەزدى، (ئۇلارغا) ئۆلۈمدىن قاچىدىغان جاي تېپىلدىمۇ؟[36]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ھەر قايسى جايلارنى كەزدى، ئۇلارغا ئۆلۈمدىن قاچىدىغان جاي تېپىلدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىز بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار شەھەرلەردە كېزىپ يۈرۈشكەن ئىدى. قاچقىلى يەر تېپىلدىمۇ؟
50 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ وَمَا مَسَّنَا مِنْ لُغُوبٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق، بىز ھېچقانداق چارچاپ قالغىنىمىز يوق[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق، بىزگە ھېچقانداق چارچاشمۇ كەلمىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق. بىزگە ھېچ ھارغىنلىق يەتمىدى.
50 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا نَحْنُ نُحْيِي وَنُمِيتُ وَإِلَيْنَا الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن كىشىلەرنى ۋاپات قىلدۇرىمىز ۋە تىرىلدۈرىمىز، ئاخىر بارىدىغان جاي بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن كىشىلەرنى ۋاپات قىلدۇرىمىز ۋە تىرىلدۈرىمىز، ئاخىر بارىدىغان جاي بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز تىرىلدۈرىمىز، ئۆلتۈرىمىز. ئاخىرىدا بارىدىغان جاي بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدۇر.
50 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَشَقَّقُ الْأَرْضُ عَنْهُمْ سِرَاعًا ۚ ذَٰلِكَ حَشْرٌ عَلَيْنَا يَسِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە يەر يېرىلىپ ئۇلار (قەبرىلىرىدىن) تېز چىقىپ كېلىدۇ، ئەنە شۇ يىغىش بىزگە ئاساندۇر[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە يەر يېرىلىپ ئۇلار قەبرىلىرىدىن تېز چىقىپ كېلىدۇ، ئەنە شۇ يىغىش بىزگە ئاساندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى يەر يېرىلىدۇ، ئىنسانلار قەبىرلىرىدىن چىقىپ مەھشەرگاھقا يۈگۈرىشىدۇ. ئۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى ئاسان توپلاشتۇر.
زارىيات سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
مَا تَذَرُ مِنْ شَيْءٍ أَتَتْ عَلَيْهِ إِلَّا جَعَلَتْهُ كَالرَّمِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى بوران) ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك (تىتما ـ تالان) قىلىۋېتەتتى[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بوران ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك تىتما ـ تالاڭ قىلىۋېتەتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇ بوران نېمىنىڭ ئۈستىگە كەلسە ئۇنى چىرىپ كەتكەن نەرسىدەك قىلىۋېتەتتى.
51 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا اسْتَطَاعُوا مِنْ قِيَامٍ وَمَا كَانُوا مُنْتَصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئازاب چۈشكەن ۋاقىتتا) ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ، ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمىدى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار -ئازاب چۈشكەن ۋاقىتتا- ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ، ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئورنىدىن تۇرالمىدى ۋە ئۆزلىرىنى قوغدىيالمىدى.
51 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّمَاءَ بَنَيْنَاهَا بِأَيْدٍ وَإِنَّا لَمُوسِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بەرپا قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى داۋاملىق كېڭەيتكۈچىلەرمىز[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بەرپا قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن قۇدرەتلىكمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بىنا قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، بىز كېڭەيتكۈچىمىز.
51 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْأَرْضَ فَرَشْنَاهَا فَنِعْمَ الْمَاهِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننى يايدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىمىز[48]
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىننى يايدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىمىز؟
ئەنەس ئالىم: زېمىننى سېلىنچىغا ئوخشاش يايدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى تۆشەك يايغۇچىمىز.
51 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ هُوَ الرَّزَّاقُ ذُو الْقُوَّةِ الْمَتِينُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (ئاللاھنىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىدۇر، كۈچ - قۇۋۋەت ئىگىسىدۇر ۋە چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر.
تۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ عِنْدَهُمْ خَزَائِنُ رَبِّكَ أَمْ هُمُ الْمُصَيْطِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ يېنىدا پەرۋەردىگارىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلار (شەيئىلەرنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) (كائىناتنى) بويسۇندۇرغۇچىمۇ؟[37]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا رەببىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلار - كائىناتنى- بويسۇندۇرغۇچىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى رەببىڭنىڭ خەزىنىلىرى ئۇلارنىڭ يېنىدىمۇ؟ ياكى كائىناتنى باشقۇرۇش ئۇلارنىڭ ئىلكىدىمۇ؟
نەجم سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُ هُوَ أَضْحَكَ وَأَبْكَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئىنساننى كۈلدۈرەلەيدۇ ۋە يىغلىتالايدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىنساننى كۈلدۈرىدۇ ۋە يىغلىتىدۇ
ئەنەس ئالىم: پەقەتلا ئۇ كۈلدۈرىدۇ ۋە يىغلىتىدۇ.
53 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُ هُوَ أَمَاتَ وَأَحْيَا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۆلتۈرۈشكە ۋە تىرىلدۈرۈشكە قادىر[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: پەقەتلا ئۇ ئۆلتۈرىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ.
53 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُ خَلَقَ الزَّوْجَيْنِ الذَّكَرَ وَالْأُنْثَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بىر جۈپنى ـ ئەركەك بىلەن چىشىنى ياراتتى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىر جۈپنى ـ ئەركەك بىلەن چىشىنى
ئەنەس ئالىم: ئۇ بىر جۈپنى - ئەركەك بىلەن چىشىنى - ياراتتى،
53 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّ عَلَيْهِ النَّشْأَةَ الْأُخْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ھېساب ئۈچۈن ئىنسانلارنى) ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنى ئۈستىگە ئالدى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنى ئۈستىگە ئالدى
ئەنەس ئالىم: يەنە بىر قېتىم يارىتىشنىمۇ ئۇ قىلىدۇ.
53 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُ هُوَ أَغْنَىٰ وَأَقْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئىنساننى باي قىلالايدۇ ۋە (ئاز بىلەنمۇ) مەمنۇن قىلالايدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىنساننى باي قىلىدۇ ۋە پېقىرلاشتۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: پەقەتلا ئۇ بىھاجەت قىلىدۇ ۋە مۈلۈك ئىگىسى قىلىدۇ.
53 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُ هُوَ رَبُّ الشِّعْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ رەببىدۇر
ئەنەس ئالىم: شىئرا يۇلتۇزىنىڭ ئىگىسى ئۇدۇر.
53 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
فَغَشَّاهَا مَا غَشَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: . لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى[53 ـ 54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇنى قاپلىغان نەرسە قاپلىۋالدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ يۇرتلارنى قاپلىۋالغان نەرسە قاپلىۋالدى.
53 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ لَهَا مِنْ دُونِ اللَّهِ كَاشِفَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا كەشىپ قىلغۇچى (يەنى ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلگۈچى ياكى ئۇنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلغۇچى) يوقتۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ئۇنى كەشىپ قىلغۇچى يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھتىن باشقا ئۇنىڭ پەردىسىنى ئاچقۇچى يوقتۇر.
قەمەر سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَفَتَحْنَا أَبْوَابَ السَّمَاءِ بِمَاءٍ مُنْهَمِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قويۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قاتتىق تۆكۈلگۈچى سۇ بىلەن ئاچتۇق.
54 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
تَنْزِعُ النَّاسَ كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍ مُنْقَعِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن) يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: بوران كىشىلەرنى ئورۇنلىرىدىن يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى
ئەنەس ئالىم: بوران ئىنسانلارنى يۇلۇپ تاشلايتتى. ئۇلار خۇددى قومۇرۇۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىگە ئوخشايتتى.
54 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ صَيْحَةً وَاحِدَةً فَكَانُوا كَهَشِيمِ الْمُحْتَظِرِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋازنى ئەۋەتىپ (ھالاك قىلىش بىلەن) ئۇلارنى قوتان ياسىغۇچىنىڭ تاشلاندۇق شاخ ـ شۇمبىلىرىدەك قىلىۋەتتۇق[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋازنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى قوتان ياسىغۇچىنىڭ تاشلاندۇق شاخ ـ شۇمبىلىرىدەك قىلىۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا قاتتىق ئاۋاز ئەۋەتتۇق. ئۇلار دەرھال قوتاندىكى قۇرۇق ئوت - چۆپ پارچىلىرىدەك بولۇپ كەتتى.
54 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا كُلِّهَا فَأَخَذْنَاهُمْ أَخْذَ عَزِيزٍ مُقْتَدِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىزنىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، ئۇلارنى غالىب، قۇدرەتلىك ھالەتتە تۇرۇپ ھالاك قىلدۇق[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىزنىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى، شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنى غالىب، قۇدرەتلىك ھالەتتە تۇرۇپ ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پۈتۈن ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېدى. بىز ئۇلارنى ئەزىز ۋە قۇدرەتلىك سۈپىتىمىزگە لايىق شەكىلدە جازالىدۇق.
54 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَمْرُنَا إِلَّا وَاحِدَةٌ كَلَمْحٍ بِالْبَصَرِ
مۇھەممەد سالىھ: (بىرەر شەيئىنى ياراتماقچى بولساق) بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سۆزدۇر، (ئۇ) كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاننىڭ ئارىلىقىدا (ئورۇنلىنىدۇ)[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سۆزدۇر، ئۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقانچىلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ئەمرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەمەلگە ئاشىدىغان بىرلا سۆزدۇر1.
رەھمان سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَ الْإِنْسَانَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنساننى ياراتتى[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
55 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّمَاءَ رَفَعَهَا وَوَضَعَ الْمِيزَانَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى[7ـ8]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى ۋە تارازىنى بېكىتتى
ئەنەس ئالىم: رەھمان ئاسماننى كۆتۈردى ۋە مىزاننى قويدى.
55 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَ الْإِنْسَانَ مِنْ صَلْصَالٍ كَالْفَخَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ) ئىنساننى (يەنى ئاتاڭلار ئادەمنى) (چەكسە جاراڭلايدىغان) ساپالدەك قۇرۇق لايدىن ياراتتى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىنساننى چەكسە جاراڭلايدىغان ساپالدەك قۇرۇق لايدىن ياراتتى
ئەنەس ئالىم: رەھمان ئىنساننى ساپالدەك قۇرۇق لايدىن ياراتتى،
55 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَخَلَقَ الْجَانَّ مِنْ مَارِجٍ مِنْ نَارٍ
مۇھەممەد سالىھ: جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى
ئەنەس ئالىم: جاننى5 ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى.
55 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
رَبُّ الْمَشْرِقَيْنِ وَرَبُّ الْمَغْرِبَيْنِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىككى مەشرىق (يەنى كۈن بىلەن ئاينىڭ چىقىدىغان ئىككى جايى) نىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئىككى مەغرىب (يەنى كۈن بىلەن ئاينىڭ پاتىدىغان ئىككى جايى) نىڭ پەرۋەردىگارىدۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىككى مەشرىقنىڭ رەببىدۇر ۋە ئىككى مەغرىبنىڭ رەببىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەھمان ئىككى مەشرىقنىڭ رەببىدۇر ۋە ئىككى مەغرىبنىڭ رەببىدۇر.
55 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
مَرَجَ الْبَحْرَيْنِ يَلْتَقِيَانِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىككى دېڭىزنى (بىرى تاتلىق، بىرى ئاچچىق) ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىككى دېڭىزنى ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: رەھمان ئىككى دېڭىزنى بىر - بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ھالەتتە قويۇۋەتتى.
55 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
بَيْنَهُمَا بَرْزَخٌ لَا يَبْغِيَانِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توسما بولۇپ، بىر ـ بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توسما بولۇپ، بىر ـ بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئىككى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا توسما بار. ئۇلار بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ.
55 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُ الْجَوَارِ الْمُنْشَآتُ فِي الْبَحْرِ كَالْأَعْلَامِ
مۇھەممەد سالىھ: دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەھمان دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان تاغلاردەك ئىگىز كېمىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر.
55 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ كُلَّ يَوْمٍ هُوَ فِي شَأْنٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھتىن (مەدەت ۋە رىزىق) تىلەيدۇ (يەنى ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر)، ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇر (يەنى ئاللاھ ھەر ۋاقىت ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئىشلار بىلەن بولۇپ، ئۇلارنى يارىتىپ تۇرىدۇ، ئەھۋاللارنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ، مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ)[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھتىن سورايدۇ، ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ئۇنىڭدىن تىلەيدۇ. ئۇ ھەر كۈنى بىر ئىشتىدۇر.
55 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
سَنَفْرُغُ لَكُمْ أَيُّهَ الثَّقَلَانِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەردىن (يەنى سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن) ھېساب ئېلىشقا يۈزلىنىمىز[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەردىن ھېساب ئېلىشقا يۈزلىنىمىز
ئەنەس ئالىم: ئى ئىككى يۈك بولغان جىن ۋە ئىنسانلار! سىلەردىن يېقىندا ھېساب ئالىمىز.
55 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ إِنِ اسْتَطَعْتُمْ أَنْ تَنْفُذُوا مِنْ أَقْطَارِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ فَانْفُذُوا ۚ لَا تَنْفُذُونَ إِلَّا بِسُلْطَانٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر سىلەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار، ئۆتۈپ كېتىڭلار، سىلەر پەقەت قۇۋۋەت بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر [33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر سىلەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار، ئۆتۈپ كېتىڭلار، سىلەر پەقەت قۇۋۋەت بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئى جىن ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئەتراپىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە كۈچۈڭلار يەتسە، ئۆتۈپ كېتىڭلار. پەقەت كۈچ بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر.
ۋاقىئە سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
نَحْنُ خَلَقْنَاكُمْ فَلَوْلَا تُصَدِّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟[57]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى بىز ياراتتۇق، نېمىشقا تەستىقلىمايسىلەر؟
56 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
أَأَنْتُمْ تَخْلُقُونَهُ أَمْ نَحْنُ الْخَالِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز (ئىنسان قىلىپ) يارىتامدۇق؟[59]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى سىلەر يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز يارىتامدۇق؟
ئەنەس ئالىم: ئۇنى سىلەر يارىتىۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز يارىتىۋاتامدىمىز؟
56 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
عَلَىٰ أَنْ نُبَدِّلَ أَمْثَالَكُمْ وَنُنْشِئَكُمْ فِي مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز[60ـ61].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىنتىن ئاجىز ئەمەسمىز
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى ئوخشاشلىرىڭلار بىلەن ئالماشتۇرۇشقا ۋە سىلەرنى يېڭىدىن سىلەر بىلمەيدىغان شەكىلدە يارىتىشقا قادىرمىز.
56 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
أَأَنْتُمْ تَزْرَعُونَهُ أَمْ نَحْنُ الزَّارِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۈندۈرۈپ (دان چىقىدىغان زىرائەت قىلىپ ئۆستۈردۇقمۇ؟)[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۈندۈردۇكمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇنى سىلەر ئۈندۈرۈپ زىرائەت ھالىتىگە كەلتۈرۈرۈۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز ئۈندۈرۈپ زىرائەت ھالىتىگە كەلتۈرۈۋاتامدىمىز؟
56 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ نَشَاءُ لَجَعَلْنَاهُ حُطَامًا فَظَلْتُمْ تَفَكَّهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇراتتۇق ـ دە، سىلەر ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇراتتۇق ـ دە، سىلەر ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار
ئەنەس ئالىم: خالىغان بولساق ئۇنى قۇرۇق چۆپ قىلىۋېتەتتۇق، ھەيران قالاتتىڭلار ۋە:
56 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
أَأَنْتُمْ أَنْزَلْتُمُوهُ مِنَ الْمُزْنِ أَمْ نَحْنُ الْمُنْزِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟[69]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇنى بۇلۇتلاردىن سىلەر چۈشۈرۈۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز چۈشۈرۈۋاتامدىمىز؟
56 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
أَأَنْتُمْ أَنْشَأْتُمْ شَجَرَتَهَا أَمْ نَحْنُ الْمُنْشِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۆستۈردۇقمۇ؟[72]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۆستۈردۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈرۈۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز ئۆستۈرۈۋاتامدىمىز؟
56 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
تَرْجِعُونَهَا إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە) قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار[86ـ87].
تەرجىمە ھەيئىتى: نېمىشقا ئۇنى قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار!
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھەلقۇمغا يەتكەن جاننى قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار.
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئۆلتۈرەلەيدۇ، تىرىلدۈرەلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ، تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
مۇجادىلە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
كَتَبَ اللَّهُ لَأَغْلِبَنَّ أَنَا وَرُسُلِي ۚ إِنَّ اللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (لەۋھۇلمەھپۇزغا): «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ يازدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ : «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ يازدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «مەن چوقۇم غالىب كېلىمەن، ئەلچىلىرىممۇ غالىب كېلىدۇ» دەپ يازدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.
ھەشر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي أَخْرَجَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مِنْ دِيَارِهِمْ لِأَوَّلِ الْحَشْرِ ۚ مَا ظَنَنْتُمْ أَنْ يَخْرُجُوا ۖ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ مَانِعَتُهُمْ حُصُونُهُمْ مِنَ اللَّهِ فَأَتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ حَيْثُ لَمْ يَحْتَسِبُوا ۖ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ الرُّعْبَ ۚ يُخْرِبُونَ بُيُوتَهُمْ بِأَيْدِيهِمْ وَأَيْدِي الْمُؤْمِنِينَ فَاعْتَبِرُوا يَا أُولِي الْأَبْصَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلارنى (يەنى بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنى) تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە ئۆيلىرىدىن ھەيدەپ چىقاردى، سىلەر ئۇلارنى (كۈچلۈك تۇرۇپ مۇنداق خار ھالدا) چىقىپ كېتىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىنى ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ (ئازابىدىن) توسىيالايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى، ئۇلار قورغانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قوللىرى ۋە مۆمىنلەرنىڭ قوللىرى بىلەن بۇزدى، ئى ئەقىل ئىگىلىرى! (ئۇلارنىڭ ھالىدىن) ئىبرەت ئېلىڭلار[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلارنى تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە ئۆيلىرىدىن ھەيدەپ چىقاردى، ھالبۇكى سىلەر ئۇلارنى چىقىپ كېتىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىنىڭ ئۇلارنى ئاللاھنىڭ -ئازابىدىن- توسىيالايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى، ئۇلار ئۆيلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قوللىرى ۋە مۇئمىنلارنىڭ قوللىرى بىلەن بۇزدى، ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ئىبرەت ئېلىڭلار!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئەھلى كىتابتىن بولغان كافىرلارنى تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە يۇرتلىرىدىن چىقاردى. سىلەر ئۇلارنىڭ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدىڭلار. ئۇلار قورغانلىرىمىز بىزنى ئاللاھتىن ساقلايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالدى. ئۇلار ئۆيلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ۋە مۇئمىنلارنىڭ قوللىرى بىلەن خاراب قىلاتتى. ئى ئۆتكۈر كۆزلۈك كىشىلەر! ئىبرەت ئېلىڭلار.
59 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَفَاءَ اللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ مِنْهُمْ فَمَا أَوْجَفْتُمْ عَلَيْهِ مِنْ خَيْلٍ وَلَا رِكَابٍ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يُسَلِّطُ رُسُلَهُ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ئۇلاردىن (يەنى بەنى نەزىرنىڭ ماللىرىدىن) قايتۇرغان غەنىيمەتلەرنى سىلەر ئات ـ تۆگىلەرنى چاپتۇرۇپ (يەنى ئەجىر قىلىپ، جاپا ـ مۇشەققەت تارتىپ) قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس، لېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىنى خالىغان ئادەمگە مۇسەللەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ئۇ كافىرلاردىن ئېلىپ ئۆز ئەلچىسىگە ئۇرۇشسىز ئاتا قىلغان ئولجىلارنى، سىلەر ئات - ئۇلاغقا مىنىپ بېرىپ قولغا كەلتۈرمىدىڭلار. لېكىن ئاللاھ ئەلچىلىرىنى خالىغان كىشىگە ھۆكۈمران قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
59 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ أَنْزَلْنَا هَٰذَا الْقُرْآنَ عَلَىٰ جَبَلٍ لَرَأَيْتَهُ خَاشِعًا مُتَصَدِّعًا مِنْ خَشْيَةِ اللَّهِ ۚ وَتِلْكَ الْأَمْثَالُ نَضْرِبُهَا لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى تاغقا نازىل قىلغان بولساق، سەن ئۇ تاغنى ئاللاھتىن ئەيمىنىپ ئېھتىرام بىلەن باش ئەگكەن ۋە يېرىلىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرەتتىڭ. بىز بۇ مىساللارنى ئىنسانلارغا تەپەككۇر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز.
تەغابۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «ئىنسانلارنىڭ پەرۋىشكارى،
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. پادىشاھلىق ئاللاھنىڭدۇر، ھەمدۇسانالار ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
تالاق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
65 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ وَمِنَ الْأَرْضِ مِثْلَهُنَّ يَتَنَزَّلُ الْأَمْرُ بَيْنَهُنَّ لِتَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ وَأَنَّ اللَّهَ قَدْ أَحَاطَ بِكُلِّ شَيْءٍ عِلْمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى زېمىننىمۇ ئاسمانلارغا ئوخشاش (يەنى يەتتە قىلىپ) ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ، (سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈشۈم) ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى، زېمىندىنمۇ ئاسمانلارنىڭ ئوخشىشىنى ياراتتى، ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى. زېمىندىنمۇ ئۇ يەتتە ئاسماننىڭ ئوخشىشىنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەمر چۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
مۈلك سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَبَارَكَ الَّذِي بِيَدِهِ الْمُلْكُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (پۈتۈن ئاسمان ـ زېمىننىڭ) پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «ئىنسانلارنىڭ پەرۋىشكارى،
ئەنەس ئالىم: پادىشاھلىق ئىلكىدە بولغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
67 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْغَفُورُ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ قايسىڭلارنىڭ ئەمىلىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر. ئۇ ئەزىزدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
67 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
أَأَمِنْتُمْ مَنْ فِي السَّمَاءِ أَنْ يَخْسِفَ بِكُمُ الْأَرْضَ فَإِذَا هِيَ تَمُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟[16]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ئۇ چاغدا يەر بىردىنلا قاتتىق تەۋرەيدۇ.
67 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ أَمِنْتُمْ مَنْ فِي السَّمَاءِ أَنْ يُرْسِلَ عَلَيْكُمْ حَاصِبًا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ كَيْفَ نَذِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟ (سىلەر ئازابنى كۆرگەن چاغدا) مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى (يەنى ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلىسىلەر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟ مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ ئۈستۈڭلارغا تاش ياغدۇرۇشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر.
67 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَى الطَّيْرِ فَوْقَهُمْ صَافَّاتٍ وَيَقْبِضْنَ ۚ مَا يُمْسِكُهُنَّ إِلَّا الرَّحْمَٰنُ ۚ إِنَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىمامدۇ؟ (قاناتلىرىنى كەرگەن ۋە يىغقان ھالدا) ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى (قاناتلىرىنى ئاچقان ۋە يىغقان چاغدا يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت ئاللاھ (قۇدرىتى بىلەن) تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا قارىمامدۇ؟ ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇچارقاناتلارغا قارىمامدۇ؟ ئۇچارقاناتلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قاناتلىرىنى يايغان ھالەتتە تۇرىدۇ ۋە قاناتلىرىنى يىغىدۇ. ئۇلارنى ھاۋادا پەقەتلا رەھمان تۇتۇپ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
67 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ هَٰذَا الَّذِي هُوَ جُنْدٌ لَكُمْ يَنْصُرُكُمْ مِنْ دُونِ الرَّحْمَٰنِ ۚ إِنِ الْكَافِرُونَ إِلَّا فِي غُرُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ئاللاھ ياردەم بەرگەندىن تاشقىرى، يەنە كىم سىلەرگە ياردەمچى قوشۇن بولالايدۇ؟ كاپىرلار پەقەت ئالدىنىش ئىچىدىدۇر (يەنى شەيتان ئۇلارنى ئازاب نازىل بولمايدۇ دەپ ئالدايدۇ)[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ئاللاھ ياردەم بەرگەندىن تاشقىرى، يەنە كىم سىلەرگە ياردەمچى قوشۇن بولالايدۇ؟ كاپىرلار پەقەت ئالدىنىش ئىچىدىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەھماندىن باشقا سىلەرگە ياردەم بېرىدىغان قوشۇنۇڭلار كىمدۇر؟ كافىرلار ئالدىنىپ تۇرماقتىدۇر.
67 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ هَٰذَا الَّذِي يَرْزُقُكُمْ إِنْ أَمْسَكَ رِزْقَهُ ۚ بَلْ لَجُّوا فِي عُتُوٍّ وَنُفُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ رىزقىنى تۇتۇپ قالسا، سىلەرگە كىم رىزىق بېرىدۇ؟ ئۇلار تەكەببۇرلۇقتا، ھەقتىن يىراقلىشىشتا ئەزۋەيلەپ كەتكەندۇر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ رىزقىنى تۇتۇپ قالسا، سىلەرگە كىم رىزىق بېرىدۇ، ئۇلار تەكەببۇرلۇقتا، ھەقتىن يىراقلىشىشتا ئەزۋەيلەپ كەتكەندۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر رەھمان بېرىۋاتقان رىزقىنى توختاتسا سىلەرگە كىم رىزىق بېرىدۇ؟ بەلكى ئۇلار بويۇنتاۋلىق قىلىشتا ۋە ھەقتىن ئۈركۈشتە ئەزۋەيلىدى.
67 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَصْبَحَ مَاؤُكُمْ غَوْرًا فَمَنْ يَأْتِيكُمْ بِمَاءٍ مَعِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ (سۈيىڭلار يەر ئاستىغا) سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ» دېگىن[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ سۈيىڭلار يەر ئاستىغا سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر سۈيۈڭلار سېڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟».
ھاققە سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا لَمَّا طَغَى الْمَاءُ حَمَلْنَاكُمْ فِي الْجَارِيَةِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق. سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، ئېسىدە تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق)[11ـ12].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى بىز كېمىگە سالدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! توپان بالاسى يۈز بەرگەندە سىلەرنى كېمىدە بىز توشۇدۇق4.
69 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
لَأَخَذْنَا مِنْهُ بِالْيَمِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇنى ئوڭ قولىدىن تۇتقان بولاتتۇق،
69 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ لَقَطَعْنَا مِنْهُ الْوَتِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائورتا تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق.
69 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا مِنْكُمْ مِنْ أَحَدٍ عَنْهُ حَاجِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى
ئەنەس ئالىم: ھېچبىرىڭلار ئۇنى قوغدىيالمايتتىڭلار.
مائارىج سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
مِنَ اللَّهِ ذِي الْمَعَارِجِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (ئازاب) ئۆرلەش يوللىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
70 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا أُقْسِمُ بِرَبِّ الْمَشَارِقِ وَالْمَغَارِبِ إِنَّا لَقَادِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ئارتۇق ۋە ئاللاھقا ئىتائەتچان بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشكە) بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز (بۇنىڭدىن) ئاجىز ئەمەسمىز[40ـ41].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەشرىقلارنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز
ئەنەس ئالىم: ئىش ئۇلار دېگەندەك بولمايدۇ. مەشرىق ۋە مەغرىبلەرنىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز.
70 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
عَلَىٰ أَنْ نُبَدِّلَ خَيْرًا مِنْهُمْ وَمَا نَحْنُ بِمَسْبُوقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ئارتۇق ۋە ئاللاھقا ئىتائەتچان بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشكە) بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز (بۇنىڭدىن) ئاجىز ئەمەسمىز[40ـ41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا -قادىرمىز-، بىز ئاجىز ئەمەسمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاردىن ياخشىراقىنى كەلتۈرەلەيمىز. بىز ئاجىز ئەمەس.
جىن سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّا ظَنَنَّا أَنْ لَنْ نُعْجِزَ اللَّهَ فِي الْأَرْضِ وَلَنْ نُعْجِزَهُ هَرَبًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز جەزمەن ئىشەندۇقكى، ئاللاھنى (ئۆز ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن) ھەرگىز ئاجىز قىلالمايمىز، ئۇنىڭ (ئازابى) دىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايمىز[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز جەزمەن بايقىدۇقكى، ئاللاھنى ھەرگىز ئاجىز قىلالمايمىز، ئۇنىڭدىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بىز زېمىندا ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە توسالغۇ بولالمايمىز، ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.
72 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي لَا أَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا رَشَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن (بۇنىڭغا پەقەت ئاللاھ قادىر بولالايدۇ)»[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنىڭ سىلەرگە زىيان يەتكۈزۈشكە ۋە سىلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈشكە كۈچۈم يەتمەيدۇ.
72 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي لَنْ يُجِيرَنِي مِنَ اللَّهِ أَحَدٌ وَلَنْ أَجِدَ مِنْ دُونِهِ مُلْتَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «(ئەگەر مەن ئاللاھقا ئاسىي بولسام) مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى قۇتقۇزالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن (شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى قانداق قوبۇل قىلالايمەن؟)[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى ئەسلا قۇتقۇزالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. مەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن باشقا باشپاناھ تاپالمايمەن.
72 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ أَضْعَفُ نَاصِرًا وَأَقَلُّ عَدَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا كىمنىڭ ياردەمچىسى ئاجىز ۋە سانى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا كىمنىڭ ياردەمچىسىنىڭ ئاجىز ۋە سانى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلار باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغلىرىدا ياردەمچىسى ئاجىز ۋە سانى ئاز بولغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
قىيامەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
بَلَىٰ قَادِرِينَ عَلَىٰ أَنْ نُسَوِّيَ بَنَانَهُ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ تارقىلىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلالمايدۇ دەپ گۇمان قىلامدۇ؟[3]
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئۇنداق ئەمەس2، بىز ئۇنىڭ بارماق ئۇچلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قادىرمىز.
75 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَيْسَ ذَٰلِكَ بِقَادِرٍ عَلَىٰ أَنْ يُحْيِيَ الْمَوْتَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (يەنى يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلالىغان ئاللاھ) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟[40]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلارنى قىلغان ئاللاھ، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟
ئىنسان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰؤُلَاءِ يُحِبُّونَ الْعَاجِلَةَ وَيَذَرُونَ وَرَاءَهُمْ يَوْمًا ثَقِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ بەدىنىنى مەزمۇت قىلدۇق، ئەگەر بىز خالىساق (ئۇلارنى ھالاك قىلىپ) ئورنىغا ئۇلارغا ئوخشاش باشقا ئادەمنى دەسسىتەتتۇق[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى بىز ياراتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ بەدىنىنى مەزمۇت قىلدۇق، خالىغان ۋاقتىمىزدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئوخشاشلىرىنى كەلتۈرىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى ياراتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى مەزمۇت قىلدۇق. خالىغان چېغىمىزدا ئۇلارنى ئوخشاشلىرى بىلەن ئالماشتۇرىمىز.
مۇرسەلات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
77 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَدَرْنَا فَنِعْمَ الْقَادِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز (ئۇنى ئابىمەنىيدىن يارىتىشقا) قادىر بولدۇق، بىز (ئۇنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىشقا) نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز![23]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز بۇلارنى قىلىشقا قادىر بولدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز!
ئەنەس ئالىم: دېمەك، بىز ئۆلچىدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى ئۆلچىگۈچىمىز.
نازىئات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
أَأَنْتُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَمِ السَّمَاءُ ۚ بَنَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى ياراتتى[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ياكى ئاللاھ ياراتقان ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى يارىتىش تەسمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىشمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى بىنا قىلدى،
79 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
رَفَعَ سَمْكَهَا فَسَوَّاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى يۈكسەك قىلدى ۋە كەم ـ كۈتىسىز قىلدى[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى يۈكسەك قىلدى ۋە كەم ـ كۈتىسىز قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ تورۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تەكشىلىدى،
ئىنفىتار سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
82 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي خَلَقَكَ فَسَوَّاكَ فَعَدَلَكَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سېنى ياراتتى، ئەزالىرىڭنى بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، سېنى ياراتتى، بېجىرىم قىلدى، قامىتىڭنى تۈز قىلدى
بۇرۇج سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
85 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ بَطْشَ رَبِّكَ لَشَدِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك ـ شۈبھىسىز قاتتىقتۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ جازاسى شەك ـ شۈبھىسىز قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ جازالىشى بەك قاتتىقتۇر.
85 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُ هُوَ يُبْدِئُ وَيُعِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (خالايىقنى) ھەقىقەتەن يوقتىن بار قىلىدۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى) تىرىلدۈرىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاللاھ ھەقىقەتەن يوقتىن بار قىلىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ دەسلىپىدە بار قىلىدۇ ۋە قايتا بار قىلىدۇ.
85 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَّالٌ لِمَا يُرِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىرادە قىلغىنىنى قىلغۇچىدۇر.
85 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ مِنْ وَرَائِهِمْ مُحِيطٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
تارىق سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
86 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُ عَلَىٰ رَجْعِهِ لَقَادِرٌ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە) قادىردۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قادىردۇر.
86 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمْ يَكِيدُونَ كَيْدًا
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇلارنىڭ ھىيلىسىگە تاقابىل تۇرىمەن.
ئەئلا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَجَعَلَهُ غُثَاءً أَحْوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت ـ خەسكە ئايلاندۇردى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇنى قارامتۇل لۆجىگە ئايلاندۇردى.
شەمس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
91 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمْدَمَ عَلَيْهِمْ رَبُّهُمْ بِذَنْبِهِمْ فَسَوَّاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقمايتتى.
فىل سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
105 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِأَصْحَابِ الْفِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ فىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟[1]
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «ئىنسانلارنىڭ پەرۋىشكارى،
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ رەببىڭ پىل ئىگىلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟
105 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَجْعَلْ كَيْدَهُمْ فِي تَضْلِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟[2]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ ئۇلارنىڭ پىلانىنى بۇزۇۋەتمىدىمۇ؟
105 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَرْسَلَ عَلَيْهِمْ طَيْرًا أَبَابِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ ـ توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
فەلەق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
113 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ
مۇھەممەد سالىھ: «مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ياراتقان نەرسىلەرنىڭ شەررىدىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ مەخلۇقاتىنىڭ يامانلىقىدىن،