ئىلاھىي ئىرادە
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھنىڭ بارلىق مەۋجۇدات ۋە يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ئىشلارغا بولغان مۇتلەق ھاكىمىيىتى ۋە چەكلىمىسىز ئىرادىسى.
ئېنگلىزچىسى: Divine Will
144 ئايەت
45 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئىلاھىي سۈپەتلەر ۋە ئالامەتلەر /
- 📄 ئىلاھىي ئىرادە
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
14 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
يَكَادُ الْبَرْقُ يَخْطَفُ أَبْصَارَهُمْ ۖ كُلَّمَا أَضَاءَ لَهُمْ مَشَوْا فِيهِ وَإِذَا أَظْلَمَ عَلَيْهِمْ قَامُوا ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَذَهَبَ بِسَمْعِهِمْ وَأَبْصَارِهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: چاقماق چاققاندا ئۇلار كۆز نۇرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ، ئۇلار چاقماق يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ؛ قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا تۇرۇپ قالىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئەلۋەتتە مەھرۇم قىلاتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: چاقماق نۇرى ئۇلارنى كۆرەلمەس قىلىپ قويغىلى تاس قالىدۇ، ھەر قېتىم چاقماق چاققاندا، ئۇلار ئۇنىڭ يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ؛ (چاقماق ئۆچۈپ) قاراڭغۇ بولغاندا بولسا تۇرۇپ قالىدۇ، ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىپ قوياتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: چاقماق ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى قۇيىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. ئۇلار قاچانىكى چاقماق ئەتراپىنى يورۇتسا ماڭىدۇ، چاقماق ئۆچۈپ ئەتراپ قاراڭغۇلاشسا تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىۋېتەتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر9.
2 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ إِنَّ الْبَقَرَ تَشَابَهَ عَلَيْنَا وَإِنَّا إِنْ شَاءَ اللَّهُ لَمُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن، ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىزگە بايان قىلسۇن، (يەنى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلگەن كالىمۇ، ياكى سەمرىتىش ئۈچۈن بېقىلغان كالىمۇ؟) بۇ بىزگە مۈجمەل بولۇپ قالدى (بۇ ئېنىق بولىدىغان بولسا) خۇدا خالىسا (ئۇنى) بىز چوقۇم تاپىمىز» دېدى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن، بىزگە ئۇنىڭ قانداق كالا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق دەپ بەرسۇن، بۇ بىزگە تازا ئېنىق بولماي قالدى، (ئېنىق بولغاندىن كېيىن) خۇدا خالىسا ئۇنى بىز چوقۇم تاپىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇ قانداق كالا؟ چۈنكى بىزنىڭچە كالىلار ئوخشىشىپ قالدى، ئىنشائاللاھ ئۇنى تاپىمىز» دېدى.
2 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
بِئْسَمَا اشْتَرَوْا بِهِ أَنْفُسَهُمْ أَنْ يَكْفُرُوا بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ بَغْيًا أَنْ يُنَزِّلَ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ فَبَاءُوا بِغَضَبٍ عَلَىٰ غَضَبٍ ۚ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۆز پەزلىنى (پەيغەمبەرلىكنى) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى (ئىمانىنى) كۇفرىغا سېتىشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى ـ ئۈستىگە غەزەپكە تېگىشلىك بولدى. كاپىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۆز پەزلىنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كېچىپ كۇفرغا تۇرۇشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى ـ ئۈستىگە غەزەپكە ئۇچرىدى. كافىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بەدىلىگە ئۆزلىرىنى ساتقان نەرسە نېمىدېگەن يامان! ئۇ بولسا ئۇلارنىڭ، ئاللاھنىڭ خالىغان بەندىسىگە ئۆز ئېھسانىدىن نازىل قىلغانلىقىغا قىزغىنىپ، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى ئىنكار قىلىشىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار قاتمۇقات غەزەپكە يولۇقتى. كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
2 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّبَعُوا مَا تَتْلُو الشَّيَاطِينُ عَلَىٰ مُلْكِ سُلَيْمَانَ ۖ وَمَا كَفَرَ سُلَيْمَانُ وَلَٰكِنَّ الشَّيَاطِينَ كَفَرُوا يُعَلِّمُونَ النَّاسَ السِّحْرَ وَمَا أُنْزِلَ عَلَى الْمَلَكَيْنِ بِبَابِلَ هَارُوتَ وَمَارُوتَ ۚ وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنْ أَحَدٍ حَتَّىٰ يَقُولَا إِنَّمَا نَحْنُ فِتْنَةٌ فَلَا تَكْفُرْ ۖ فَيَتَعَلَّمُونَ مِنْهُمَا مَا يُفَرِّقُونَ بِهِ بَيْنَ الْمَرْءِ وَزَوْجِهِ ۚ وَمَا هُمْ بِضَارِّينَ بِهِ مِنْ أَحَدٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَيَتَعَلَّمُونَ مَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنْفَعُهُمْ ۚ وَلَقَدْ عَلِمُوا لَمَنِ اشْتَرَاهُ مَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ ۚ وَلَبِئْسَ مَا شَرَوْا بِهِ أَنْفُسَهُمْ ۚ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سۇلايماننىڭ پادىشاھلىق زامانىدىكى شەيتانلارنىڭ (سېھىرگەرلىكىگە ئائىت) سۆزلىرىگە ئەگەشتى. سۇلايمان (سېھرىگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن) كاپىر بولغىنى يوق، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى. ئۇلار بابىلدىكى ھارۇت ـ مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە نازىل قىلىنغان سېھىرنى ئۆگىتەتتى. (بۇ ئىككى پەرىشتە) بىز كىشىلەرنى سىنايمىز، كاپىر بولمىغىن، دېمىگۈچە ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر ـ خوتۇننى بىر ـ بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى (يەنى سېھىرگەرلىكنى) ئۆگىنەتتى، ئۇلار (سېھىر ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار (تەۋراتنى تاشلاپ) سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننىتىدىن) ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ (يەنى ئۆزلىرى ئۈچۈن سېھىر ئۆگىنىشنى تاللىشىنىڭ) ئەجەبمۇ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شەيتانلارنىڭ سۇلەيماننىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى (سۇلەيمان سېھىرگەرگە تايىنىپ پادىشاھ بولغان دېگەن) سۆزىگە ئەگەشتى. سۇلەيمان كافىر بولۇپ كەتمىدى(يەنى سېھىرگەرلىك قىلمىدى)، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىرنى، شۇنداقلا بابىل(شەھىرى)دىكى ھارۇت، مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە چۈشۈرۈلگەن سېھىرنى ئۈگىتىپ كافىر بولدى. (بۇ ئىككى پەرىشتە) «بىز پەقەت سىناق (ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق) كافىر بولۇپ كەتمىگىن» دېمەي تۇرۇپ، ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. ئۇلار(يەنى ئىنسانلار) بۇ ئىككىسىدىن ئەر ـ خوتۇننى بىر ـ بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان سېھىرگەرلىكنى ئۆگىنەتتى، ئۇلار (سېھىر ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار (تەۋراتنى) سېھىرگە تېگىشكۈچىگە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بېلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە تېگىشكەن سېھىرنىڭ ئەجەبمۇ يامان ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى (ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمايتتى)
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شەيتانلارنىڭ سۇلەيماننىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا ئويدۇرۇپ چىققان يالغانلىرىغا ئەگەشتى. سۇلەيمان كافىر بولمىدى، لېكىن ئۇ شەيتانلار كافىر بولدى. ئۇلار ئىنسانلارغا سېھىرنى ۋە بابىلدىكى ھارۇت ۋە مارۇت ئىسىملىك ئىككى پەرىشتىگە نازىل قىلىنغان نەرسىنى ئۆگىتەتتى. ھالبۇكى، ئۇ ئىككى پەرىشتە: «بىز ئىمتىھان ۋاسىتىسىدۇرمىز. ھەرگىزمۇ كافىر بولمىغىن!» دېمەستىن بىلگەنلىرىنى ھېچكىمگە ئۆگەتمەيتتى. لېكىن ئۇلار ئۇ ئىككى پەرىشتىدىن ئەر بىلەن خوتۇنىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنەتتى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، پايدا يەتكۈزمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنەتتى. ئۇلار سېھرىنى سېتىۋالغانلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچبىر نېسىۋىسى بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇلار بەدىلىگە ئۆزلىرىنى سېتىۋەتكەن نەرسە نېمىدېگەن يامان! ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسىچۇ!
2 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
مَا يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَلَا الْمُشْرِكِينَ أَنْ يُنَزَّلَ عَلَيْكُمْ مِنْ خَيْرٍ مِنْ رَبِّكُمْ ۗ وَاللَّهُ يَخْتَصُّ بِرَحْمَتِهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىقنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىسىگە پەيغەمبەرلىكنى خاس قىلىدۇ، ئاللاھ چوڭ پەزل ئىگىسىدۇر[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كافىرلار پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىقنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىسىگە پەيغەمبەرلىكنى خاس قىلىدۇ، ئاللاھ بۈيۈك پەزل ئىگىسىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كافىرلار، رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق چۈشۈرۈلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھ رەھمىتىنى خالىغان كىشىگىلا ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ئىگىسىدۇر.
2 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَّ كَثِيرٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَوْ يَرُدُّونَكُمْ مِنْ بَعْدِ إِيمَانِكُمْ كُفَّارًا حَسَدًا مِنْ عِنْدِ أَنْفُسِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْحَقُّ ۖ فَاعْفُوا وَاصْفَحُوا حَتَّىٰ يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر (يەنى ئاللاھ سىلەرگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغىچە) ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىگە ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئىچ-ئىچىدىن ھەسەت قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى پەرمانى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن نۇرغۇن كىشىلەر ھەق ئۆزلىرىگە ئېنىق ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ئىچ - ئىچىدىن ھەسەت قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن ئايرىپ قايتا كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ ئەمرىنى كەلتۈرگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار31. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
2 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
بَدِيعُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَإِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلار ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر. بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقلۇقتىن بار قىلغۇچىدۇر. ئۇ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ بىرەر نەرسە ياراتماقچى بولسا، ئۇنىڭغا پەقەت: «بول!» دەيدۇ، ئۇ بولىدۇ34.
2 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَقُولُ السُّفَهَاءُ مِنَ النَّاسِ مَا وَلَّاهُمْ عَنْ قِبْلَتِهِمُ الَّتِي كَانُوا عَلَيْهَا ۚ قُلْ لِلَّهِ الْمَشْرِقُ وَالْمَغْرِبُ ۚ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى ئەخمەق كىشىلەر: «ئۇلارنى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۆمىنلەرنى) قاراپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن (يەنى بەيتۇلمۇقەددەستىن) نېمە يۈز ئۆرۈگۈزگەندۇ؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەشرىق ۋە مەغرىب (ھەممە تەرەپ) ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»[142].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى ئەخمەق كىشىلەر: «ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۆمىنلەر) نى يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن (بەيتۇلمۇقەددەستىن) نېمە بۇرىۋەتكەندۇر؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەشرىقمۇ ۋە مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن بىر قىسىم ئەخمەقلەر: «ئۇلارنى44 يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن نېمە يۈز ئۆرۈگۈزگەندۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر. ئۇ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ».
2 : 210 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا أَنْ يَأْتِيَهُمُ اللَّهُ فِي ظُلَلٍ مِنَ الْغَمَامِ وَالْمَلَائِكَةُ وَقُضِيَ الْأَمْرُ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئىسلامغا كىرىشنى تەرك ئەتكەنلەر) ئاللاھنىڭ بۇلۇت پارچىلىرى ئىچىدە كېلىشىنى، پەرىشتىلەرنىڭ كېلىشىنى ۋە ئىشىنىڭ پۈتۈشىنىلا كۈتەمدۇ؟ ۋەھالەنكى ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ[210].
تەرجىمە ھەيئىتى: توغرا يولدىن تېيىپ كەتكەنلەر پەقەت (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ بۇلۇتلار سايىسىدا كېلىشىنى، پەرىشتلەرنىڭ كېلىشىنى ۋە خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشىنىلا كۈتىدۇ، ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلەر، ئاللاھ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ بۇلۇت سايىلىرى ئىچىدە كېلىشىنى ۋە ئىشلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى ساقلاۋاتامدۇ؟ ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ.
2 : 216 - ئايەت
كۆرۈش
كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِتَالُ وَهُوَ كُرْهٌ لَكُمْ ۖ وَعَسَىٰ أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئًا وَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۖ وَعَسَىٰ أَنْ تُحِبُّوا شَيْئًا وَهُوَ شَرٌّ لَكُمْ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىندى. ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر؛ سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. (سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر، (شۇنىڭ ئۈچۈن) ئاللاھ بۇيرۇغانغا ئالدىراڭلار[216].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئەھۋالدىمۇ ئۇرۇش قىلىش بىلەن سىلەرگە پەرز قىلىندى. سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نەرسىنى ياقتۇرماي قېلىشىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن زىيانلىق بولغان نەرسىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ئۇرۇش پەرز قىلىندى، لېكىن سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر. سىلەر ياقتۇرمىغان نەرسە سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. سىلەر ياقتۇرغان نەرسە سىلەر ئۈچۈن زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.
2 : 247 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ لَهُمْ نَبِيُّهُمْ إِنَّ اللَّهَ قَدْ بَعَثَ لَكُمْ طَالُوتَ مَلِكًا ۚ قَالُوا أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُ الْمُلْكُ عَلَيْنَا وَنَحْنُ أَحَقُّ بِالْمُلْكِ مِنْهُ وَلَمْ يُؤْتَ سَعَةً مِنَ الْمَالِ ۚ قَالَ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَاهُ عَلَيْكُمْ وَزَادَهُ بَسْطَةً فِي الْعِلْمِ وَالْجِسْمِ ۖ وَاللَّهُ يُؤْتِي مُلْكَهُ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبىرى ئۇلارغا: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى» دېدى. ئۇلار (پەيغەمبىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ): «ئۇ قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولىدۇ؟ (ئارىمىزدا پادىشاھ ئەۋلادلىرى بولغانلىقتىن) پادىشاھلىققا بىز ئۇنىڭدىن ھەقلىقمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى كۆپ بولمىسا» دېدى. پەيغەمبەر: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (پادىشاھ قىلىشقا) ئۇنى ئىختىيار قىلدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى بەستىلىك قىلدى، ئاللاھ سەلتەنەتنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ. ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئۇنىڭغا كىمنىڭ لايىق بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ» دېدى[247].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبىرى ئۇلارغا: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى» دېدى. ئۇلار: «ئۇ قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولالايدۇ؟ پادىشاھ بولۇشقا بىز ئۇنىڭدىن بەكرەك ھەقلىقمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى كۆپ بولمىسا» دېدى. پەيغەمبەر: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (پادىشاھ قىلىشقا) ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ بىلىمى مول، قامەتلىك قىلدى، ئاللاھ سەلتەنەتنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ. ئاللاھ پەزلى كەڭ، ھەممىنى ئوبدان بىلىدىغان زاتتۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: نەبىيىسى ئۇلارغا: «ئاللاھ تالۇتنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «ئۇ بىزگە قانداقمۇ پادىشاھ بولىدۇ؟ پادىشاھ بولۇشقا بىز ئۇنىڭدىن ھەقلىقمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بايمۇ ئەمەس!» دېيىشتى. نەبىي: «ئاللاھ ئۇنى تاللاپ سىلەرگە پادىشاھ قىلدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى ۋە بوي - بەستىنى زىيادە قىلدى. ئاللاھ پادىشاھلىقنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېدى.
2 : 253 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ الرُّسُلُ فَضَّلْنَا بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۘ مِنْهُمْ مَنْ كَلَّمَ اللَّهُ ۖ وَرَفَعَ بَعْضَهُمْ دَرَجَاتٍ ۚ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ ۗ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا اقْتَتَلَ الَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ وَلَٰكِنِ اخْتَلَفُوا فَمِنْهُمْ مَنْ آمَنَ وَمِنْهُمْ مَنْ كَفَرَ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا اقْتَتَلُوا وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسى (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالام) بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مەريەم ئوغلى ئىيساغا (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش) روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام) بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى؛ بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كاپىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ[253].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسى بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مەريەم ئوغلى ئىيساغا (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش) روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن كۈچلەندۈردۇق، ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەر ئۆزىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى ئىمان ئېيتمىدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئەلچىلەردۇر. بىز ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە گەپ قىلدى، بەزىلىرىنىڭ دەرىجىلىرىنى ئۈستۈن قىلدى. بىز مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، ئۇنى رۇھۇلقۇدۇس بىلەن قوللىدۇق72. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىنكىلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشمەيتتى. لېكىن ئۇلار بۆلۈندى: بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كافىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشمەيتتى. لېكىن ئاللاھ ئىرادە قىلغىنىنى قىلىدۇ.
2 : 269 - ئايەت
كۆرۈش
يُؤْتِي الْحِكْمَةَ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُؤْتَ الْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِيَ خَيْرًا كَثِيرًا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ھېكمەتنى (ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ[269].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھېكمەتنى (يەنى پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھېكمەتنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. كىمگە ھېكمەت بېرىلسە، ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدۇ. بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا تونۇپ يېتەلەيدۇ.
2 : 284 - ئايەت
كۆرۈش
لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَإِنْ تُبْدُوا مَا فِي أَنْفُسِكُمْ أَوْ تُخْفُوهُ يُحَاسِبْكُمْ بِهِ اللَّهُ ۖ فَيَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەر (ئىگىدارچىلىق قىلىش جەھەتتىن بولسۇن، تەسەررۇپ قىلىش جەھەتتىن بولسۇن) ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. دىلىڭلاردىكى (يامانلىقنى) مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[284].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر. دىلىڭلاردىكىنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئىچىڭلاردىكىنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ، ئاندىن خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
20 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي يُصَوِّرُكُمْ فِي الْأَرْحَامِ كَيْفَ يَشَاءُ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سىلەرنى بەچچىدانلاردا (يەنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چېغىڭلاردا) ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاناڭلارنىڭ بالىياتقۇلىرىدا سىلەرنى خالىغانچە شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
3 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ اللَّهُمَّ مَالِكَ الْمُلْكِ تُؤْتِي الْمُلْكَ مَنْ تَشَاءُ وَتَنْزِعُ الْمُلْكَ مِمَّنْ تَشَاءُ وَتُعِزُّ مَنْ تَشَاءُ وَتُذِلُّ مَنْ تَشَاءُ ۖ بِيَدِكَ الْخَيْرُ ۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق (نىڭ خەزىنىسى يالغۇز) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتىقىنكى، «پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! سەن خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىۋالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى ئاللاھ! ئى پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى! سەن پادىشاھلىقنى ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە بېرىسەن، پادىشاھلىقنى ئۆزۈڭ خالىغان كىشىدىن تارتىۋالىسەن. ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ئەزىز قىلىسەن، ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى خار قىلىسەن. ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. سەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن.
3 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَقَبَّلَهَا رَبُّهَا بِقَبُولٍ حَسَنٍ وَأَنْبَتَهَا نَبَاتًا حَسَنًا وَكَفَّلَهَا زَكَرِيَّا ۖ كُلَّمَا دَخَلَ عَلَيْهَا زَكَرِيَّا الْمِحْرَابَ وَجَدَ عِنْدَهَا رِزْقًا ۖ قَالَ يَا مَرْيَمُ أَنَّىٰ لَكِ هَٰذَا ۖ قَالَتْ هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۖ إِنَّ اللَّهَ يَرْزُقُ مَنْ يَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى پەرۋەردىگارى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنىڭغا زەكەرىيانى كېپىل قىلدى (يەنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا زەكەرىيانى قويدى). زەكەرىيا ھەر قېتىم (ئۇنىڭ) ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم: «ئۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى» دەيتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا ـ مۇشەققەتسىزلا) ھەددى-ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى پەرۋەردىگارى ياخشى رەۋىشتە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنى تەربىيەلەشنى زەكەرىيياغا تاپشۇردى. زەكەرىييا ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم: «بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ» دەيتتى.
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مەريەمنى رەببى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى ۋە ئۇنى بېقىشقا زەكەرىييانى مەسئۇل قىلدى. زەكەرىييا مەريەم تۇرۇۋاتقان ئىبادەتخانىغا ھەر كىرگىنىدە، ئۇنىڭ يېنىدا رىزىق كۆرۈپ: «ئى مەريەم! بۇ رىزىق ساڭا قەيەردىن كېلىدۇ؟» دەيتتى. مەريەم بولسا: «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن» دەيتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.
3 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَقَدْ بَلَغَنِيَ الْكِبَرُ وَامْرَأَتِي عَاقِرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكَ اللَّهُ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: «پەرۋەردىگارىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغۇتتىن قالغان تۇرسا قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» دېدى. پەرىشتىلەر: «ئاللاھ شۇنىڭدەك خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى قۇدرىتى ئىلاھىييە ھېچ نەرسىدىن ئاجىز ئەمەس)» دېدى[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «ئى رەببىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغماس تۇرسا، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» دېدى. پەرىشتىلەر: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇركى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟ مەن قېرىپ كەتكەن تۇرسام، ئايالىم تۇغماس تۇرسا!» دېدى. ئاللاھ: «شۇنداق، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ» دېدى.
3 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي وَلَدٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكِ اللَّهُ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ إِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ (يەنى ئاتا ـ ئانا ئارقىلىقمۇ ۋە ئۇنىڭسىزمۇ يارىتىدۇ). بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ‹ۋۇجۇدقا كەل› دەيدۇ – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم: «ئى رەببىم! ماڭا ھېچبىر ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا، قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ. بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، < ۋۇجۇدقا كەل > دەيدۇ-دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: مەريەم: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ بالام بولسۇن؟ مەن بىلەن ھېچكىم بىر يەردە بولمىغان تۇرسا!» دېدى. ئاللاھ: «شۇنداق. لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئۇ بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلسا ئۇنىڭغا پەقەتلا: ‹بول› دەيدۇ. ئۇ بولىدۇ» دېدى.
3 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَىٰ إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا وَجَاعِلُ الَّذِينَ اتَّبَعُوكَ فَوْقَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۖ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأَحْكُمُ بَيْنَكُمْ فِيمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىيسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى ئېلىپ كېتىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن. سېنى كافىرلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلايمەن، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كافىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىيسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىيساغا مۇنداق دېدى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى ۋاپات قىلدۇرىمەن ۋە سېنى ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن، سېنى كافىرلاردىن قۇتقۇزىمەن، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەت كۈنىگىچە كافىرلاردىن ئۈستۈن تۇتىمەن. ئاخىرىدا ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرىمغا قايتىسلەر. ئۇ چاغدا مەن ئاراڭلاردىكى ئىختىلاپ توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن.
3 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُؤْمِنُوا إِلَّا لِمَنْ تَبِعَ دِينَكُمْ قُلْ إِنَّ الْهُدَىٰ هُدَى اللَّهِ أَنْ يُؤْتَىٰ أَحَدٌ مِثْلَ مَا أُوتِيتُمْ أَوْ يُحَاجُّوكُمْ عِنْدَ رَبِّكُمْ ۗ قُلْ إِنَّ الْفَضْلَ بِيَدِ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار بىر ـ بىرىگە ئېيتىدۇ) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشتىن ياكى ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ) (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشىدىن (يەنى مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىدىن قورقساڭلار پەقەت دىنىڭلارغا ئەگەشكەن ئادەمگىلا ئىشىنىڭلار). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل ـ كەرەم (يەنى پەيغەمبەرلىك) ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېيىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشىگە ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىغا ئىشەنمەڭلار (دېيىشىدۇ). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل ـ كەرەم ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». ئاللاھنىڭ كەرىمى كەڭدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەردىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمەڭلار». ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىزكى، پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر». ئۇلار يەنە ئۆزئارا دېيىشتى: «بىرەر كىشىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلگەنلىكىگە ياكى مۇھەممەدكە ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا دەلىل كەلتۈرۈپ سىلەرنى يېڭىۋېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەڭلار». ئېيتقىنكى: «ئىلتىپات ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
يَخْتَصُّ بِرَحْمَتِهِ مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ رەھمىتىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ رەھمىتىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ رەھمىتىنى خالىغان كىشىگىلا ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ئىگىسىدۇر».
3 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭ (مۈلكى، مەخلۇقاتى ۋە بەندىلىرى) دۇر، ھەممە ئىشلار ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ.
3 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
لَنْ يَضُرُّوكُمْ إِلَّا أَذًى ۖ وَإِنْ يُقَاتِلُوكُمْ يُوَلُّوكُمُ الْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ قاچىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ بەدەر قاچىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سىلەرگە ھاقارەت قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا ئارقىلىرىنى قىلىپ قاچىدۇ. ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ.
3 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَقْطَعَ طَرَفًا مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَوْ يَكْبِتَهُمْ فَيَنْقَلِبُوا خَائِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھنىڭ ياردىمى) كاپىرلارنىڭ بىر تۈركۈمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىز ھالدا مەغلۇپ بولۇشلىرى ئۈچۈندۇر[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ يەنە كافىرلارنىڭ بىر تۈركۈمىنى ھالاك قىلىش ياكى ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىز ھالدا مەغلۇپ بولۇشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى
ئەنەس ئالىم: بۇ، ئاللاھنىڭ كافىرلاردىن بىر تەرەپنى كېسىشى23 ياكى ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈمىدسىز ھالدا قايتۇرۇشى ئۈچۈندۇر.
3 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ لَكَ مِنَ الْأَمْرِ شَيْءٌ أَوْ يَتُوبَ عَلَيْهِمْ أَوْ يُعَذِّبَهُمْ فَإِنَّهُمْ ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ھېچ ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەدبىرى) سېنىڭ ئىختىيارىڭدا ئەمەس، ئاللاھ يا ئۇلارنىڭ (مۇسۇلمان بولسا) تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ياكى ئۇلار زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن (كۇفرىدا چىڭ تۇرسا) ئۇلارنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بۇ ئىش سېنىڭ ئىختىيارىڭدا ئەمەس، ئاللاھ ئۇلارنى يا تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، يا زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئازابقا دۇچار قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۈچۈن سەن قىلىدىغان بىرەر ئىش يوق. ئاللاھ يا ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ يا ئۇلارنى زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئازابلايدۇ.
3 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ يَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
3 : 145 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ لِنَفْسٍ أَنْ تَمُوتَ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ كِتَابًا مُؤَجَّلًا ۗ وَمَنْ يُرِدْ ثَوَابَ الدُّنْيَا نُؤْتِهِ مِنْهَا وَمَنْ يُرِدْ ثَوَابَ الْآخِرَةِ نُؤْتِهِ مِنْهَا ۚ وَسَنَجْزِي الشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن (يەنى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قورقۇنچاقلىق ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ). كىمكى دۇنيا ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى بېرىمىز (ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ)؛ كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز[145].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن. كىمكى دۇنيا ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ساۋابىنىلا بېرىمىز؛ كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: ھېچكىم ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆلمەيدۇ. ھەر كىشىنىڭ ئەجىلى بەلگىلىنىپ يېزىلغاندۇر. كىمكى دۇنيا مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن بېرىمىز، كىمكى ئاخىرەت نېمىتىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىڭدىن بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز.
3 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ كَفَرُوا وَقَالُوا لِإِخْوَانِهِمْ إِذَا ضَرَبُوا فِي الْأَرْضِ أَوْ كَانُوا غُزًّى لَوْ كَانُوا عِنْدَنَا مَا مَاتُوا وَمَا قُتِلُوا لِيَجْعَلَ اللَّهُ ذَٰلِكَ حَسْرَةً فِي قُلُوبِهِمْ ۗ وَاللَّهُ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە، ئۇلار يېنىمىزدا بولغاندا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى، دېگەن كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار، ئاللاھ بۇنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت قىلسۇن. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ (ئۇلارنىڭ غازاتقا چىقماسلىقى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ). ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[156].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى جىھادقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە، ئۇلار يېنىمىزدا بولغانبولسا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى، ديىشكەن كافىرلارنى دورىماڭلار، ئاللاھ بۇ خىياللارنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت بولسۇن ئۈچۈن سالىدۇ. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سەپەر ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەن ياكى غازاتلاردا ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرى توغرۇلۇق: «ئۇلار يېنىمىزدا بولسا ئىدى، ئۆلمەيتتى ھەم ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېگەن كافىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار. ئاللاھ بۇ چۈشەنچىنى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى بىئارام قىلىدىغان ھەسرەتكە ئايلاندۇردى. ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ، تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 158 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ مُتُّمْ أَوْ قُتِلْتُمْ لَإِلَى اللَّهِ تُحْشَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر (ئۆز ئەجىلىڭلار بىلەن) ئۆلسەڭلار ياكى (جەڭ مەيدانىدا) ئۆلتۈرۈلسەڭلار، (ئاخىرەتتە) چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر (ئاللاھ سىلەرنى ئەمەلىڭلارغا قاراپ مۇكاپاتلايدۇ)[158].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر ئۆلسەڭلارمۇ چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۆلسەڭلارمۇ، ئۆلتۈرۈلسەڭلارمۇ ئاخىرى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر.
3 : 166 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَصَابَكُمْ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ فَبِإِذْنِ اللَّهِ وَلِيَعْلَمَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار توقۇنۇشقان ئۇھۇد جېڭىدە) سىلەرگە كەلگەن مۇسىبەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كەلگەندۇر، بۇ ھەقىقىي مۆمىنلەرنى بىلىش (يەنى ئايرىش) ئۈچۈندۇر[166].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە (ئۇھۇد ئۇرۇشىدا) سىلەرگە كەلگەن تالاپەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كەلگەندۇر، بۇ (تالاپەتنىڭ كېلىشى) ھەقىقىي مۆمىنلەرنى ئايرىش ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىككى قوشۇن ئۇرۇشقان كۈنى بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەت ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كەلدى. بۇ ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنى بىلىشى ئۈچۈندۇر،
3 : 176 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحْزُنْكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ ۚ إِنَّهُمْ لَنْ يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا ۗ يُرِيدُ اللَّهُ أَلَّا يَجْعَلَ لَهُمْ حَظًّا فِي الْآخِرَةِ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كۇفرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن (كۇفرى بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇلارغا (ساۋابتىن) ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ[176].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كۇفرغا ئۆزىنى ئاتقانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇلارغا ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى ئىرادە قىلىدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! كۇفرىلىقتا بەسلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋە بەرمەسلىكنى ئىرادە قىلىدۇ. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
3 : 178 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّمَا نُمْلِي لَهُمْ خَيْرٌ لِأَنْفُسِهِمْ ۚ إِنَّمَا نُمْلِي لَهُمْ لِيَزْدَادُوا إِثْمًا ۚ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار ئۆزلىرىگە (جازا بەرمەستىن) مۆھلەت بېرىشىمىزنى (يەنى ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىشىمىزنى) ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز (ۋە ئەجىلىنى كېچىكتۈرۈشىمىز) پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار (ئاخىرەتتە) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[178].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىرلار بىزنىڭ ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىزنى ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلار بىزنىڭ ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىزنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ھېسابلىمىسۇن. بىز ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلسۇن دەپ مۆھلەت بېرىۋاتىمىز. ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
3 : 179 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ اللَّهُ لِيَذَرَ الْمُؤْمِنِينَ عَلَىٰ مَا أَنْتُمْ عَلَيْهِ حَتَّىٰ يَمِيزَ الْخَبِيثَ مِنَ الطَّيِّبِ ۗ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُطْلِعَكُمْ عَلَى الْغَيْبِ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَجْتَبِي مِنْ رُسُلِهِ مَنْ يَشَاءُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ ۚ وَإِنْ تُؤْمِنُوا وَتَتَّقُوا فَلَكُمْ أَجْرٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ياماننى (يەنى مۇناپىقنى) ياخشىدىن (يەنى مۆمىندىن) ئايرىمىغىچە مۆمىنلەرنى (يەنى سىلەرنى) ھازىرقى پېتىڭلارچە قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى غەيبتىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ ۋەلېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇناپىقلارنىڭ ھالىنى بىلدۈرگەندەك) غەيبنى بىلدۈرىدۇ؛ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە (پەرۋەردىگارىڭلاردىن) قورقساڭلار، چوڭ ساۋابقا ئېرىشىسىلەر[179].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھ ياماننى ياخشىدىن ئايرىمىغۇچە سىلەرنى ھازىرقى ھالتىڭلارچە تاشلاپ قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى غەيبتىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ، لېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا غەيبنى بىلدۈرىدۇ؛ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادار بولساڭلار، چوڭ ساۋابقا ئېرىشىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ناپاكنى پاكتىن ئايرىمىغىچە سىلەر مۇئمىنلارنى ھازىرقى ئەھۋالىڭلاردا قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرگە غەيبنى بىلدۈرمەيدۇ. لېكىن ئاللاھ غەيىبنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەلچىلىرىدىن كىمنى خالىسا ئۇنى تاللايدۇ. ئۇنداقتا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر ئىمان كەلتۈرسەڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار سىلەرگە كاتتا ئەجىر بار.
نىسا سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُخَفِّفَ عَنْكُمْ ۚ وَخُلِقَ الْإِنْسَانُ ضَعِيفًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى سىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇشنى) خالايدۇ. ئىنسان (نەپسى خاھىشىنى تىزگىنلەشتىن) ئاجىز يارىتىلدى[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى خالايدۇ. (چۈنكى) ئىنسان ئاجىز يارىتىلغاندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يۈكۈڭلارنى يىنىكلىتىشنى خالايدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاجىز يارىتىلدى.
4 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَنْ يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدِ افْتَرَىٰ إِثْمًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن تۆۋەن گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ ئويدۇرۇپ چىققان بولىدۇ.
4 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يُزَكُّونَ أَنْفُسَهُمْ ۚ بَلِ اللَّهُ يُزَكِّي مَنْ يَشَاءُ وَلَا يُظْلَمُونَ فَتِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرىنى پاك دەپ قارايدىغانلار (يەنى ئۆزلىرىنى تەقۋادارلىق بىلەن مەدھىيەلەيدىغانلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس)، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ زۇلۇم قىلىنمايدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆزىنى پاك دەپ قارايدىغانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلارنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرىنى پاك ھېسابلايدىغان كىشىلەرگە قارىمامسەن؟27 بەلكى ئاللاھ خالىغان كىشىنى پاكلايدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
4 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
أَيْنَمَا تَكُونُوا يُدْرِكْكُمُ الْمَوْتُ وَلَوْ كُنْتُمْ فِي بُرُوجٍ مُشَيَّدَةٍ ۗ وَإِنْ تُصِبْهُمْ حَسَنَةٌ يَقُولُوا هَٰذِهِ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَقُولُوا هَٰذِهِ مِنْ عِنْدِكَ ۚ قُلْ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۖ فَمَالِ هَٰؤُلَاءِ الْقَوْمِ لَا يَكَادُونَ يَفْقَهُونَ حَدِيثًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ قەيەردە بولماڭلار، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بۇ ئاللاھتىن بولدى» دەيدۇ؛ ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىسا، «بۇ سەندىن (يەنى سېنىڭ دىنىڭغا كىرگەنلىكىمىزدىن) بولدى» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! بۇ ئەخمەقلەرگە) ئېيتقىنكى، «(ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ) ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر (يەنى ھەممىسىنى ئاللاھ ياراتقاندۇر)». بۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن، ئۇلار ھېچبىر سۆزنى (يەنى ھەممە شەيئىنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەيەردە بولساڭلار، سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بۇ ئاللاھتىن بولدى» دەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىسا، «بۇ سەندىن بولدى» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر». بۇ قەۋم نېمىشقا ھېچبىر سۆزنى چۈشەنمەيمۇ دېمەيدىغاندۇ؟
ئەنەس ئالىم: قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار، ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. سىلەر مۇستەھكەم سېلىنغان يۈكسەك قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئەگەر ئۆزلىرىگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە: «بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن» دەيدۇ، ئەگەر ئۆزلىرىگە بىرەر يامانلىق يەتسە: «بۇ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن»36. ئۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن، ھېچبىر سۆزنى چۈشىنىشكە يېقىنلاشمايۋاتىدۇ!
4 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا لَكُمْ فِي الْمُنَافِقِينَ فِئَتَيْنِ وَاللَّهُ أَرْكَسَهُمْ بِمَا كَسَبُوا ۚ أَتُرِيدُونَ أَنْ تَهْدُوا مَنْ أَضَلَّ اللَّهُ ۖ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمىشقا مۇناپىقلار توغرىسىدا ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى كاپىرلار ھۆكمىدە قىلدى، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىلەرنى سىلەر ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ كىمنىكى ئاللاھ گۇمراھ قىلىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا ھەرگىز توغرا يول تېپىپ بېرەلمەيسەن[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمىشقا مۇناپىقلار توغرىسىدا ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى (كۇفرغا) قايتۇرۇۋەتتى، ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا قالدۇرغانلارنى سىلەر ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ كىمنىكى ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قالدۇرىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا زادى توغرا يول تېپىپ بېرەلمەيسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە نېمە بولدىكىن، مۇنافىقلار ھەققىدە ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتىڭلار؟ ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن تەتۈرىگە ياندۇرۇۋەتكەن تۇرسا! سىلەر ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ ئاللاھ ئازدۇرغان كىشى ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولى تاپالمايسەن.
4 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِينَ يَصِلُونَ إِلَىٰ قَوْمٍ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ مِيثَاقٌ أَوْ جَاءُوكُمْ حَصِرَتْ صُدُورُهُمْ أَنْ يُقَاتِلُوكُمْ أَوْ يُقَاتِلُوا قَوْمَهُمْ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَسَلَّطَهُمْ عَلَيْكُمْ فَلَقَاتَلُوكُمْ ۚ فَإِنِ اعْتَزَلُوكُمْ فَلَمْ يُقَاتِلُوكُمْ وَأَلْقَوْا إِلَيْكُمُ السَّلَمَ فَمَا جَعَلَ اللَّهُ لَكُمْ عَلَيْهِمْ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت سىلەر بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدا ئەھدە بولغان بىر قەۋمگە سىغىنغانلار ياكى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن ياكى ئۆز قەۋمىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن يۈرەكلىرى سىقىلىپ (يەنى سىلەر تەرەپمۇ ئەمەس، ئۆز قەۋمى تەرەپمۇ ئەمەس بولۇپ) سىلەرگە كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى مۇنداقلارنى ئۆلتۈرمەڭلار ۋە ئەسىر ئالماڭلار). ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى سىلەرگە ھۆكۈمران قىلاتتى. ئۇلار، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن ئۇرۇشاتتى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى كۈچلۈك قىلىپ سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەتلىك قىلاتتى)، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرسا (يەنى سىلەرگە چېقىلمىسا)، سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىسا ۋە سىلەرگە تەسلىم بولسا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىڭلارغا ھەرگىز رۇخسەت قىلمايدۇ[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت سىلەر بىلەن ئۆزى ئارىسىدا ئەھدە بولغان بىر قەۋمگە قوشۇلغانلار ياكى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن، ياكى ئۆز قەۋمگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن يۈرەكلىرى سىقىلىپ يېنىڭلارغا كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى سىلەرگە قارشى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىپ قوياتتى، ئاندىن ئۇلار ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن ئۇرۇشاتتى، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرسا، سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىسا ۋە سىلەرگە تەسلىم بولسا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىڭلارغا ھەرگىز رۇخسەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: پەقەت سىلەر بىلەن ئارىسىدا كېلىشىم بولغان قەۋمگە سېغىنغان ياكى سىلەر بىلەن ياكى ئۆز قەۋمى بىلەن ئۇرۇشۇشتىن يۈرەكلىرى سىقىلىپ يېنىڭلارغا كەلگەن كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئۈستۈڭلارغا قويۇپ بېرەتتى. ئاندىن ئۇلار سىلەر بىلەن چوقۇم ئۇرۇشاتتى. ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرۇپ سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىسا ۋە سىلەرگە تەسلىم بولسا، ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارغا قارشى ھېچقانداق يول قىلمىدى42.
4 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ أَيُّهَا النَّاسُ وَيَأْتِ بِآخَرِينَ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ ذَٰلِكَ قَدِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى يوق قىلىپ ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر[133]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى يوق قىلىۋىتىپ ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى كەتكۈزۈۋېتىپ باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر.
مائىد سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَوْفُوا بِالْعُقُودِ ۚ أُحِلَّتْ لَكُمْ بَهِيمَةُ الْأَنْعَامِ إِلَّا مَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ غَيْرَ مُحِلِّي الصَّيْدِ وَأَنْتُمْ حُرُمٌ ۗ إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ مَا يُرِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە (يەنى ئاللاھ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار. سىلەرگە ھاراملىقى بايان قىلىنىدىغانلاردىنباشقا، ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن (يېيىش) ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر ئېھرام (ياكى ھەرەم) دە بولغىنىڭلاردا شىكارنى ھالال سانىماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھالال ـ ھارام توغرۇلۇق) خالىغان نەرسىنى ھۆكۈم قىلىدۇ[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! توختاملىرىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار. سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلار ھالال قىلىندى. پەقەت ئۇلاردىن سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا1. ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاشنى ھالال سانىماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ.
5 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
يَهْدِي بِهِ اللَّهُ مَنِ اتَّبَعَ رِضْوَانَهُ سُبُلَ السَّلَامِ وَيُخْرِجُهُمْ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ بِإِذْنِهِ وَيَهْدِيهِمْ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى تىنچلىق يوللىرى (يەنى ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى) غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقلىرىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ شۇ كىتاب ئارقىلىق رازىلىقىنى ئىزدىگەنلەرنى نىجاتلىق يوللىرىغا يېتەكلەيدۇ. ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفر) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىمان) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ، ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشىنى ئۇ كىتاب بىلەن قۇتۇلۇش يوللىرىغا ئېرىشتۈرىدۇ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ.
5 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتِ الْيَهُودُ وَالنَّصَارَىٰ نَحْنُ أَبْنَاءُ اللَّهِ وَأَحِبَّاؤُهُ ۚ قُلْ فَلِمَ يُعَذِّبُكُمْ بِذُنُوبِكُمْ ۖ بَلْ أَنْتُمْ بَشَرٌ مِمَّنْ خَلَقَ ۚ يَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ وَإِلَيْهِ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرىدۇرمىز (يەنى ئاتا ـ بالىدەك يېقىنمىز) ۋە دوستلىرىدۇرمىز» دېدى. ئېيتقىنكى، «(ئۇنداق بولسا) ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟» ئەمەلىيەتتە سىلەرمۇ باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ ياراتقان ئىنسانسىلەر. ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ؛ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ (يەنى مەغپىرەت قىلىنىشنى خالىغان كىشىنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدۇ، ئازاب قىلىنىشنى خالىغان كىشىگە ئاللاھ ئازاب قىلىدۇ). ئاسمانلارنىڭ، يەر يۈزىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئەڭ ئاخىر بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرىدۇرمىز» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇنداق بولسا ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟». ئەمەلىيەتتە سىلەر باشقا كىشىلەرگە ئوخشاشلا ئاللاھ ياراتقان ئىنسان. ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ، يەر يۈزىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئەڭ ئاخىرى بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرىمىز» دېدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئۇنداق بولسا ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟ بەلكى سىلەر ئاللاھ ياراتقان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولغان ئىنسانسىلەر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر».
5 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ وَيَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىلمەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىلمەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
5 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ الْكِتَابِ وَمُهَيْمِنًا عَلَيْهِ ۖ فَاحْكُمْ بَيْنَهُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ ۖ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ عَمَّا جَاءَكَ مِنَ الْحَقِّ ۚ لِكُلٍّ جَعَلْنَا مِنْكُمْ شِرْعَةً وَمِنْهَاجًا ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَٰكِنْ لِيَبْلُوَكُمْ فِي مَا آتَاكُمْ ۖ فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ ۚ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. (ئى ئۈممەتلەر!) سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر دىندا قىلاتتى). لېكىن ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى). ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرنى (ئۇنىڭ قايسى ھەق، قايسى ناھەق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتاب (قۇرئان) نى نازى قىلدۇق. سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن چەتلەپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. (ئى ئۈممەتلەر!) سىلەردىن ھەر بىر ئۈممەتكە بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە، سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى. لېكىن، ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بويىچە، سىلەرنى سىناش ئۈچۈن كۆپ ئۈممەت قىلدى. ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر (نىڭ قايسىسىنىڭ ھەق، قايسىسىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكى) توغرىسىدا ئاللاھ سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارنى كونترول قىلغۇچى ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن بۇ ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. بىز سىلەردىن ھەر بىرىڭلار ئۈچۈن بىر شەرىئەت ۋە بىر يول بەلگىلىدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن سىلەرگە بەرگەن نەرسىسىدە16 سىلەرنى سىناش ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدى. ئۇنداقتا، ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ.
5 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَرَى الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ يُسَارِعُونَ فِيهِمْ يَقُولُونَ نَخْشَىٰ أَنْ تُصِيبَنَا دَائِرَةٌ ۚ فَعَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَ بِالْفَتْحِ أَوْ أَمْرٍ مِنْ عِنْدِهِ فَيُصْبِحُوا عَلَىٰ مَا أَسَرُّوا فِي أَنْفُسِهِمْ نَادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: دىللىرىدا كېسەللىك (يەنى مۇناپىقلىق) بارلارنىڭ (زامان ئۆزگىرىپ كاپىرلار زەپەر تاپسا) ئۆزىمىزگە بىر پالاكەتچىلىك كېلىشىدىن قورقىمىز دەپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىرىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ (رەسۇلۇللاھقا، مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىشنى) ئاتا قىلىدۇ ياكى بىر ئىشنى (يەنى ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشنى) مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ـ دە، كۆڭلىدە يوشۇرغىنى (يەنى مۆمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتقانلىقى) ئۈچۈن ئۇلار نادامەت چېكىدۇ[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: دىللىرىدا كېسەللىك بارلار (مۇناپىقلار) نىڭ بىزگە بىرەر پالاكەتچىلىك كېلىپ قالمىسۇن دەپ، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ يېقىندا (مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە ئاتا قىلىدۇ ياكى بىرەر ھۆكۈمنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ـ دە، دىلىدا كېسىلى بارلار ئۇلارنى كۆڭلىدە يۇشۇرۇن دوست تۇتقانلىقى ئۈچۈن نادامەت چېكىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن قەلبلىرىدە كېسەل بار كىشىلەرنىڭ: «بىزگە پالاكەت كېلىشىدىن قورقىمىز» دەپ ئۇلارنى ۋەلىي قىلىۋېلىشتا بەسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. يېقىندا ئاللاھ پەتىھنى ياكى ئۆز تەرىپىدىن بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى، ئاندىن ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوشۇرغان نەرسىگە پۇشايمان قىلغۇچىلار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن17.
5 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا مَنْ يَرْتَدَّ مِنْكُمْ عَنْ دِينِهِ فَسَوْفَ يَأْتِي اللَّهُ بِقَوْمٍ يُحِبُّهُمْ وَيُحِبُّونَهُ أَذِلَّةٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى الْكَافِرِينَ يُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا يَخَافُونَ لَوْمَةَ لَائِمٍ ۚ ذَٰلِكَ فَضْلُ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئاللاھ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. بۇ (يەنى يۇقىرىدىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش) ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، (ئاللاھ) ئۇنى (بەندىلىرىدىن) خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى (ئىسلام دىنىدىن) يانىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئۆزى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كەمتەر، كافىرلارغا قاتتىق قول، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى ئۇزاققا قالماي كەلتۈرىدۇ. بۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش ئاللاھنىڭ پەزلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئاللاھ پەزلى كەڭ، ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن كىم دىنىدىن يانىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ يېقىندا باشقا قەۋم مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار مۇئمىنلارغا كەمتەر ۋە يۇمشاق كۆڭۈللۈك، كافىرلارغا غۇرۇرلۇق ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدۇ ۋە ھېچبىر مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
5 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اللَّهُ إِنِّي مُنَزِّلُهَا عَلَيْكُمْ ۖ فَمَنْ يَكْفُرْ بَعْدُ مِنْكُمْ فَإِنِّي أُعَذِّبُهُ عَذَابًا لَا أُعَذِّبُهُ أَحَدًا مِنَ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولسا، ئۇنى شۇنداق بىر ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى مۇنداق ئازابلىمايمەن» دېدى[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن تۇزكورلۇق قىلسا، ئۇنى ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى ئازابلىمىغان ئازاب بىلەن ئازابلايمەن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «مەن ئۇ داستىخاننى سىلەرگە چوقۇم چۈشۈرىمەن. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن كىم تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، ئۇنى شۇنداق ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئالەملەردىن ھېچكىمنى ئۇ ئازاب بىلەن ئازابلىمايمەن» دېدى.
5 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُعَذِّبْهُمْ فَإِنَّهُمْ عِبَادُكَ ۖ وَإِنْ تَغْفِرْ لَهُمْ فَإِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر (ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن). ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن (ئىشىڭدا) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلساڭ، سەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭ. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».
ئەنئام سۈرىسى
20 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ مَلَكٌ ۖ وَلَوْ أَنْزَلْنَا مَلَكًا لَقُضِيَ الْأَمْرُ ثُمَّ لَا يُنْظَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە گۇۋاھ بولۇپ) نېمىشقا بىر پەرىشتە چۈشمىدى؟» دەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرگەن بولساق، ئۇلارنىڭ ئىشى تۈگىگەن بولاتتى (يەنى بۇ چاغدا ھەقنى ئىنكار قىلسا، ھالاك قىلىناتتى)، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيتتى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «مۇھەممەدكە نېمىشقا بىر پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرگەن بولساق، ئۇلارنى ھالاك قىلىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى، ئاندىن ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. ئەگەر بىز پەرىشتە چۈشۈرگەن بولساق، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەستىن ئىشلىرى تۈگىتىلگەن بولاتتى.
6 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ جَعَلْنَاهُ مَلَكًا لَجَعَلْنَاهُ رَجُلًا وَلَلَبَسْنَا عَلَيْهِمْ مَا يَلْبِسُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە ئۇنى ئىنسان شەكلىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى يەنە شۈبھىگە چۈشۈرەتتۇق (يەنى ئۇلار پەرىشتىنى ئىنسان شەكلىدە كۆرگەندە: «بۇ ئىنسان، پەرىشتە ئەمەس» دەيتتى)[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە، ئۇنى ئىنسان شەكلىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى ھازىر شۈبھىگە چۈشۈرگەندەك يەنە شۈبھىگە چۈشۈرەتتۇق (يەنى ئۇلار «بۇ پەرىشتە ئەمەس، ئىنسان ئىكەنغۇ!» دەيتتى)
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئەلچىنى پەرىشتىدىن قىلغان بولساق، ئۇنى يەنە ئەر كىشى سۈرىتىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى ھازىر چۈشكەن شۈبھىلىرىگە يەنە چۈشۈرەتتۇق.
6 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَانَ كَبُرَ عَلَيْكَ إِعْرَاضُهُمْ فَإِنِ اسْتَطَعْتَ أَنْ تَبْتَغِيَ نَفَقًا فِي الْأَرْضِ أَوْ سُلَّمًا فِي السَّمَاءِ فَتَأْتِيَهُمْ بِآيَةٍ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَمَعَهُمْ عَلَى الْهُدَىٰ ۚ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْجَاهِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا يەر ئاستىغا كىرىشكە يول ياكى ئاسمانغا چىقىشقا شوتا تېپىپ بىر مۆجىزە كەلتۈرەلىسەڭ (كەلتۈرگىن)، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھىدايەتكە بىرلەشتۈرەتتى. سەن ھەرگىز (ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى) چۈشەنمەيدىغانلاردىن بولمىغىن[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا سەن يەر ئاستىغا كىرىشكە يول ياكى ئاسمانغا چىقىشقا شوتا تېپىپ ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلىسەڭ (كەلتۈرگىن)، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھىدايەتكە يىغقان بولاتتى، شۇڭا سەن ھەرگىز نادانلاردىن بولمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈشى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، سەن يەر ئاستىغا كىرەلەيدىغان تۆشۈك ياكى ئاسمانغا چىقالايدىغان شوتا ئىزدەپ، ئاندىن ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە ئېلىپ كېلىشكە كۈچۈڭ يەتسە شۇنداق قىلغىن. ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلارنى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرەتتى. ئۇنداقتا جاھىللاردىن بولمىغىن!
6 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا صُمٌّ وَبُكْمٌ فِي الظُّلُمَاتِ ۗ مَنْ يَشَإِ اللَّهُ يُضْلِلْهُ وَمَنْ يَشَأْ يَجْعَلْهُ عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار گاسلاردۇر (يەنى قوبۇل قىلىش يۈزىسىدىن ئاڭلىمايدۇ)، گاچىلاردۇر (يەنى ھەقنى سۆزلىمەيدۇ). ئۇلار (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە قالغانلاردۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى (زالالەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى (ھىدايەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) توغرا يولغا سالىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بولسا بەئەينى زۇلمەت ئىچىدە قالغان گاس ۋە گاچىلاردۇر. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ئازغۇنلۇقىدا قويىدۇ، خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا سالىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر گاسلاردۇر، گاچىلاردۇر، قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يول ئۈستىدە قىلىدۇ.
6 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّي وَكَذَّبْتُمْ بِهِ ۚ مَا عِنْدِي مَا تَسْتَعْجِلُونَ بِهِ ۚ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۖ يَقُصُّ الْحَقَّ ۖ وَهُوَ خَيْرُ الْفَاصِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان روشەن دەلىلگە (يەنى قۇرئانغا) ئاساسلىنىمەن، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلدىڭلار، سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ ئىگىدارچىلىقىمدا ئەمەس. بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاس، ئاللاھ ھەق ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىدۇر»[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان روشەن دەلىلگە (يەنى ۋەھيىگە) ئاساسلىنىمەن، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى يالغانغا چىقاردىڭلار. سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئەمەس، بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاس، ئاللاھ ھەقنى بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىز، مەن رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمەن. سىلەر ئۇنى يالغان دېدىڭلار. سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسە مېنىڭ يېنىمدا ئەمەس. ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئۇ ھەقنى بايان قىلىدۇ، ئۇ ئايرىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»3.
6 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَوْ أَنَّ عِنْدِي مَا تَسْتَعْجِلُونَ بِهِ لَقُضِيَ الْأَمْرُ بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ ۗ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِالظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ قولۇمدىن كەلسە ئىدى، ئۇ چاغدا مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش چوقۇم ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان بولاتتى (يەنى سىلەردىن ئارام تېپىش ئۈچۈن، سىلەرنى ھالاك قىلغان بولاتتىم)». ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «سىلەر بالدۇر چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ قولۇمدىن كەلسە ئىدى، ئۇ چاغدا مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش چوقۇم ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان بولاتتى». ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسە مېنىڭ يېنىمدا بولسا ئىدى، مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش ئاللىقاچان تۈگەپ بولغان بولاتتى»4. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
6 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آبَائِهِمْ وَذُرِّيَّاتِهِمْ وَإِخْوَانِهِمْ ۖ وَاجْتَبَيْنَاهُمْ وَهَدَيْنَاهُمْ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن بەزىلىرىنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىدۇق[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن بەزىلىرىنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى، نەسىللىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ بەزىسىنىمۇ ئۈستۈن قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق.
6 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ هُدَى اللَّهِ يَهْدِي بِهِ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۚ وَلَوْ أَشْرَكُوا لَحَبِطَ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ توغرا يولى ئەنە شۇدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى شۇ يولغا باشلايدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى شۇ پەيغەمبەرلەر) شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى، ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ توغرا يولى ئەنە شۇدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى شۇ يولغا باشلايدۇ. ناۋادا شۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى.
6 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا أَشْرَكُوا ۗ وَمَا جَعَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا ۖ وَمَا أَنْتَ عَلَيْهِمْ بِوَكِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشنى) خالىسا، ئۇلار شېرىك كەلتۈرمەيتتى. سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلغىنىمىز يوق، سەن ئۇلارغا ھامىيمۇ ئەمەسسەن[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشنى) خالىسا ئىدى، ئۇلار شېرىك كەلتۈرمەيتتى، سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلغىنىمىز يوق، سەن ئۇلارغا ھامىيمۇ ئەمەسسەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار شېرىك كەلتۈرمەيتتى. بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆزەتكۈچى قىلمىدۇق. سەن ئۇلارغا ۋەكىلمۇ ئەمەسسەن.
6 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَسُبُّوا الَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ فَيَسُبُّوا اللَّهَ عَدْوًا بِغَيْرِ عِلْمٍ ۗ كَذَٰلِكَ زَيَّنَّا لِكُلِّ أُمَّةٍ عَمَلَهُمْ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِمْ مَرْجِعُهُمْ فَيُنَبِّئُهُمْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغانلارنىڭ خۇدانى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان مەبۇدلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەر ئۈممەتكە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ياخشىغا مۇكاپات بېرىدۇ، ياماننى جازالايدۇ)[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلارنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلماي ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار، ئۇلار نادانلىقىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەربىر ئۈممەتكە ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى پەرۋاردىگارىنىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىدىغان زاتلىرىنى تىللىماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارمۇ ھەددىدىن ئېشىپ بىلمەستىن ئاللاھنى تىللايدۇ. بىز ھەر ئۇممەتكە ئۆز ئەمىلىنى ئاشۇنداق چىرايلىق كۆرسەتتۇق. ئاخىردا ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئاندىن رەببى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ.
6 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُقَلِّبُ أَفْئِدَتَهُمْ وَأَبْصَارَهُمْ كَمَا لَمْ يُؤْمِنُوا بِهِ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَنَذَرُهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى ھەق (نى چۈشىنىش ۋە كۆرۈش) تىن بۇرىۋېتىمىز، ئۇلار دەسلەپتە مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىگىنىدەك (يەنە ئىشەنمەيدۇ)، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن) ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى پەردىلەپ، ئۇلارنى مۆجىزىلەرگە دەسلەپتە ئىشەنمىگەندەك ھالەتكە كەلتۈرىمىز-دە، ئۆز گۇمراھلىقىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە كۆزلىرىنى بۇرىۋېتىمىز. ئۇلار دەسلەپتە ئىشەنمىگىنىدەك يەنە ئىشەنمەيدۇ. بىز ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
6 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّنَا نَزَّلْنَا إِلَيْهِمُ الْمَلَائِكَةَ وَكَلَّمَهُمُ الْمَوْتَىٰ وَحَشَرْنَا عَلَيْهِمْ كُلَّ شَيْءٍ قُبُلًا مَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ يَجْهَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن، ئۆلۈكلەرنى ئۇلار بىلەن سۆزلەشتۈرگەن، بىز ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يىغىپ بەرگەن (يەنى ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى تەلەپلىرىنى ئورۇنلىغان) تەقدىردىمۇ، ئاللاھ خالىمىغىچە ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلارغا (يەنى كافىرلارغا ئۆزلىرى تەلەپ قىلغاندەك) پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن، ئۆلۈكلەرنى ئۇلار بىلەن سۆزلەشتۈرگەن، بىز ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يىغىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئىرادە قىلمىغۇچە، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى بۇنى ئۇقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇلارغا پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولساق، ئۆلۈكلەر ئۇلارغا گەپ قىلغان بولسا ۋە ھەر نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا توپ - توپ ھالەتتە يىغقان بولساق، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىمان ئېيتمايتتى، پەقەت ئۇلار ئاللاھ خالىغان تەقدىردە ئىمان ئېيتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى جاھىللىق قىلىدۇ.
6 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوًّا شَيَاطِينَ الْإِنْسِ وَالْجِنِّ يُوحِي بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ زُخْرُفَ الْقَوْلِ غُرُورًا ۚ وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ مَا فَعَلُوهُ ۖ فَذَرْهُمْ وَمَا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك (يەنى بۇ مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر ـ بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى (يەنى پەيغەمبەرلەرگە دۈشمەنلىكنى) قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۈزگەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى بىلەن قويۇپ بەرگىن (ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ)[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە مۇشۇنداق دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن بىر ـ بىرىنى گوللاپ شەپە بېرىشىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇنداق قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئويدۇرما سۆزلىرىگە قويۇپ بەرگىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، بىز ھەر نەبىيگە ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى دۈشمەن قىلدۇق. ئۇلار ئالداش ئۈچۈن بىر - بىرلىرىگە شېرىن سۆزلەرنى پىسىلدايدۇ. ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئۇلار ئۇنى قىلالمايتتى. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئويدۇرغان بوھتانلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن.
6 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ يُرِدِ اللَّهُ أَنْ يَهْدِيَهُ يَشْرَحْ صَدْرَهُ لِلْإِسْلَامِ ۖ وَمَنْ يُرِدْ أَنْ يُضِلَّهُ يَجْعَلْ صَدْرَهُ ضَيِّقًا حَرَجًا كَأَنَّمَا يَصَّعَّدُ فِي السَّمَاءِ ۚ كَذَٰلِكَ يَجْعَلُ اللَّهُ الرِّجْسَ عَلَى الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇ گويا ئاسمانغا چىقىۋاتقاندەك ئۇنىڭ كۆكسىنى تارايتىۋېتىدۇ. (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆڭلى-كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كېڭەيتىدۇ، ئاللاھ كىمنى گۇمراھلىقتا قالدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆڭلى-كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، ئۇنىڭ ئىچى گويا ئۇ ئاسمانغا تېز چىقىۋاتقاندەك سىقىلىدۇ. ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كېڭەيتىدۇ. كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى تارايتىدۇ ۋە سىقىدۇ. ئۇ گويا ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقاندەك بولىدۇ16. ئاللاھ پاسكىنىلىقنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ ئۈستىدە مانا مۇشۇنداق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ 17.
6 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ قَدِ اسْتَكْثَرْتُمْ مِنَ الْإِنْسِ ۖ وَقَالَ أَوْلِيَاؤُهُمْ مِنَ الْإِنْسِ رَبَّنَا اسْتَمْتَعَ بَعْضُنَا بِبَعْضٍ وَبَلَغْنَا أَجَلَنَا الَّذِي أَجَّلْتَ لَنَا ۚ قَالَ النَّارُ مَثْوَاكُمْ خَالِدِينَ فِيهَا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىنسانلارنى، جىنلارنى ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈننى ئەسلىگىن، (بۇ كۈندە ئاللاھ ئېيتىدۇكى) «ئى جىنلار جامائەسى!سىلەر نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار». ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىر ـ بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىق ھالدا ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىنسانلارنى، جىنلارنى (ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈنى: «ئى جىنلار جامائەسى! سىلەر ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار» (دەپ خىتاب قىلىدۇ). ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى رەببىمىز! بىز بىر ـ بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىتلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگە يىغقان كۈندە: «ئى جىنلار جامائەسى! ئىنسانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردۇڭلار» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان ۋەلىيلىرى: «رەببىمىز! بىز بىر -بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق ۋە سەن بىزگە بەلگىلىگەن ئەجەلنىڭ ئاخىرىغا يەتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىت ئۇنىڭدىن مۇستەسنا» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
6 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَبُّكَ الْغَنِيُّ ذُو الرَّحْمَةِ ۚ إِنْ يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَسْتَخْلِفْ مِنْ بَعْدِكُمْ مَا يَشَاءُ كَمَا أَنْشَأَكُمْ مِنْ ذُرِّيَّةِ قَوْمٍ آخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ (خالايىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن) بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان (ئىتائەتمەن) باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ[133].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭ ھاجەتمەن ئەمەستۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى خۇددى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغىمۇ ئۆزى خالىغان باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ غەنىيدۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ، خۇددى سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ نەسلىدىن پەيدا قىلغاندەك سىلەردىن كېيىن ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان قەۋمنى كەلتۈرىدۇ.
6 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ زَيَّنَ لِكَثِيرٍ مِنَ الْمُشْرِكِينَ قَتْلَ أَوْلَادِهِمْ شُرَكَاؤُهُمْ لِيُرْدُوهُمْ وَلِيَلْبِسُوا عَلَيْهِمْ دِينَهُمْ ۖ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا فَعَلُوهُ ۖ فَذَرْهُمْ وَمَا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى (يەنى شەيتانلار) مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى، شۇنىڭدەك (يەنى ئاللاھقا ۋە بۇتلارغا ھەسسە ئايرىپ قويۇشتەك تەقسىماتنى شەيتانلارغا ۋە مۇشرىكلارغا چىرايلىق كۆرسەتكەندەك) چىرايلىق كۆرسەتتى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار بۇ (قەبىھ) ئىشنى قىلمايتتى، ئۇلارنى ئاللاھقا چاپلىغان يالغانلىرى بىلەن بىللە تەرك ئەت[137].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى (يەنى شەيتانلار) مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يۇقىرىقىدەك (يەنى ئاللاھقا ۋە نېسىۋە ئايرىپ قويۇشنى چىرايلىق كۆرسەتكەندەك) ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئەگەر ئاللاھ ئىرادە قىلغان بولسا ئىدى، ئۇلار بۇ (قەبىھ) ئىشنى قىلمايتتى، ئۇلارنى ئاللاھ نامىدىن توقۇغان يالغانلىرى بىلەن بىللە قويۇپ تۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى مۇشرىكلارنىڭ تولىسىغا ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئۇلار بۇنى مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارغا ئۆز دىنلىرىنى مۈجمەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قىلدى22. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار بۇنى قىلالمايتتى. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئويدۇرغان بوھتانلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن.
6 : 148 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَقُولُ الَّذِينَ أَشْرَكُوا لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا أَشْرَكْنَا وَلَا آبَاؤُنَا وَلَا حَرَّمْنَا مِنْ شَيْءٍ ۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ حَتَّىٰ ذَاقُوا بَأْسَنَا ۗ قُلْ هَلْ عِنْدَكُمْ مِنْ عِلْمٍ فَتُخْرِجُوهُ لَنَا ۖ إِنْ تَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَإِنْ أَنْتُمْ إِلَّا تَخْرُصُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشىلەر تاكى (بىزنىڭ ئازابىمىز نازىل بولۇپ) ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇنداق (يەنى مۇشرىكلار سېنى ئىنكار قىلغاندەك) ئىنكار قىلغان ئىدى. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا) پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتىڭلار، سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىسىلەر، ئاللاھقا پەقەت يالغاننى چاپلايسىلەر»[148].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىزمۇ ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرمىگەن ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلىۋالمىغان بولاتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشىلەر تاكى بىزنىڭ ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇنداق ئىنكار قىلغان ئىدى. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە كۆرسىتىڭلار، سىلەر پەقەت پەرەزگىلا ئاساسلىنىسىلەر، پەقەت يالغاننى سۆزلەيسىلەر»
ئەنەس ئالىم: يېقىندا مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتۇق، ئاتا -بوۋىلىرىمىزمۇ شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتى ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر مۇشۇنداق يالغان سۆزلەشكەن ئىدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «بۇ توغرىدا بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتەلەيدىغان بىرەر ئىلمىڭلار بارمۇ؟ سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىسىلەر. سىلەر پەقەت قۇرۇق گەپ قىلىسىلەر.
6 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ فَلِلَّهِ الْحُجَّةُ الْبَالِغَةُ ۖ فَلَوْ شَاءَ لَهَدَاكُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(سىلەرنىڭ پاكىتىڭلار بولمىسا) ئاللاھنىڭ ئېنىق پاكىتى بار، ئەگەر ئۇ خالىسا ھەممىڭلارنى، ئەلۋەتتە، ھىدايەت قىلاتتى»[149].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(سىلەرنىڭ پاكىتىڭلار بولمىسا) ئاللاھنىڭ يېتەرلىك پاكىتى بار. ئەگەرئاللاھ خالىسا ھەممىڭلارنى، ئەلۋەتتە، ھىدايەت قىلاتتى»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بار. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ھەممىڭلارنى توغرا يولغا كەلتۈرەتتى»27.
6 : 165 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَكُمْ خَلَائِفَ الْأَرْضِ وَرَفَعَ بَعْضَكُمْ فَوْقَ بَعْضٍ دَرَجَاتٍ لِيَبْلُوَكُمْ فِي مَا آتَاكُمْ ۗ إِنَّ رَبَّكَ سَرِيعُ الْعِقَابِ وَإِنَّهُ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى بەرگەن نېمەتلىرى بىلەن سىناش ئۈچۈن بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى قىلدى. پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر[165].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ) ئورنىدا ياشايدىغان قىلدى. ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىگە شۈكۈر قىلىشىڭلارنى سىناش ئۈچۈن، بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى قىلدى. پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە (ئاسىيلارنى) تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدى، بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىرقانچە دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. ئاللاھ بۇنى سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلىرىدە سىلەرنى سىناش ئۈچۈن قىلدى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
ئەئراف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 178 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِي ۖ وَمَنْ يُضْلِلْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر[178].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قويغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ كىمنى ئازۇدۇرۇۋەتسە، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
7 : 186 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَا هَادِيَ لَهُ ۚ وَيَذَرُهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرىدۇ[186].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ گۇمراھلىقتا قالدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى گۇمراھلىقلىقىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنى ئازدۇرۇۋەتسە، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
ئەنفال سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يَعِدُكُمُ اللَّهُ إِحْدَى الطَّائِفَتَيْنِ أَنَّهَا لَكُمْ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيْرَ ذَاتِ الشَّوْكَةِ تَكُونُ لَكُمْ وَيُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُحِقَّ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَيَقْطَعَ دَابِرَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىككى گۇرۇھ (بىرى مۇشرىكلار كارۋىنى، يەنى بىرى مۇشرىكلار قوشۇنى) دىن بىرىنىڭ قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ۋەدە قىلدى، سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ (يەنى كارۋاننىڭ) قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ياقتۇردۇڭلار. ئاللاھ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىشنى (يەنى ئىسلام دىنىنى ئۈستۈن قىلىشنى)، كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى خالايدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىككى گۇرۇھتىن (يەنى مۇشرىكلار كارۋىنى مۇشرىكلار قوشۇنىدىن) بىرىنىڭ قولۇڭلارغا ئۆتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى. سىلەر قورالسىز گۇرۇھ (يەنى كارۋان) نىڭ قولۇڭلارغا ئۆتۈشىنى ياقتۇردۇڭلار. ئاللاھ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ئاشكارىلاشنى، كافىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى خالايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى گۇرۇھتىن بىرىنى، «ئۇ چوقۇم سىلەرنىڭ بولىدۇ» دەپ ۋەدە قىلغان ئىدى. سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ سىلەرنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئۈستۈن قىلىشنى ۋە كافىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى ئىرادە قىلاتتى.
8 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمْ تَقْتُلُوهُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ قَتَلَهُمْ ۚ وَمَا رَمَيْتَ إِذْ رَمَيْتَ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ رَمَىٰ ۚ وَلِيُبْلِيَ الْمُؤْمِنِينَ مِنْهُ بَلَاءً حَسَنًا ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇسۇلمانلار! بەدرىدە) ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر (ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن) ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى (سىلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىش بىلەن) ئاللاھ ئۆلتۈردى. (ئى مۇھەممەد! بىر سىقىم توپىنى مۇشرىكلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى (مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە) ئاللاھ ئاتتى. (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرگە (ساۋاب، غەلىبە، غەنىيمەتلەردىن ئىبارەت) چىرايلىق ئىنئاملارنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى، ئەھۋاللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇسۇلمانلار! ئۇرۇشتا) ئۇلارنى سىلەر ئۆلتۈرمىدىڭلار، بەلكى ئاللاھ ئۆلتۈردى، (ئى مۇھەممەد بىر سىقىم توپىنى ئۇلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئۇنى ئاللاھ ئاتتى. (ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرنى چىرايلىق ئىنئاملار ئارقىلىق سىناش ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر،ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئۇلارنى سىلەر ئۆلتۈرمىدىڭلار، لېكىن ئۇلارنى ئاللاھ ئۆلتۈردى. ئى مۇھەممەد! ئاتقان چېغىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، لېكىن ئاللاھ ئاتتى. بۇ مۇئمىنلارنى چىرايلىقچە سىناش ئۈچۈن ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
8 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يَمْكُرُ بِكَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِيُثْبِتُوكَ أَوْ يَقْتُلُوكَ أَوْ يُخْرِجُوكَ ۚ وَيَمْكُرُونَ وَيَمْكُرُ اللَّهُ ۖ وَاللَّهُ خَيْرُ الْمَاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن مىكىر ئىشلەتتى، ئۇلار مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ مىكرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار سېنى قاماققا ئېلىش، ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن ھىيلە-مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى، ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى يۇرتۇڭدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ساڭا ھىيلە - مىكىر قىلغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىنى بەربات قىلغان ئىدى. ئاللاھ ھىيلە - مىكىرنى بەربات قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
8 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ يُرِيكَهُمُ اللَّهُ فِي مَنَامِكَ قَلِيلًا ۖ وَلَوْ أَرَاكَهُمْ كَثِيرًا لَفَشِلْتُمْ وَلَتَنَازَعْتُمْ فِي الْأَمْرِ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ سَلَّمَ ۗ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ چۈشۈڭدە ساڭا ئۇلارنى (يەنى دۈشمەنلىرىڭنى) ئاز كۆرسەتتى، ئەگەر ساڭا ئۇلارنى كۆپ كۆرسەتكەن بولسا، سىلەرگە چوقۇم قورقۇنچ چۈشەتتى ۋە جەڭ ئىشىدا چوقۇم دەتالاش قىلاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ (سىلەرنى مۇنداق قىلىشتىن) ساقلىدى. ئاللاھ دىللاردىكىنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ چۈشۈڭدە ساڭا دۈشمەنلىرىڭنى ئاز كۆرسەتتى، ئەگەر ساڭا ئۇلارنى كۆپ كۆرسەتكەن بولسا، سىلەرگە چوقۇم قورقۇپ كېتەتتىڭلار ۋە جەڭ ئىشىدا چوقۇم دەتالاش قىلاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ (سىلەرنى بۇنداق قىلىشتىن) ساقلىدى. ئاللاھ دىللاردىكىنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ ساڭا ئۇلارنى چۈشۈڭدە ئاز كۆرسەتكەن ئىدى. ئەگەر ئاللاھ ساڭا ئۇلارنى كۆپ كۆرسەتكەن بولسا، ئەلۋەتتە قورقۇپ بوشىشىپ كېتەتتىڭلار ۋە ئەلۋەتتە بۇ ئىش ئۈستىدە ئۆزئارا نىزا قىلىشاتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ ساقلىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.
8 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يُرِيكُمُوهُمْ إِذِ الْتَقَيْتُمْ فِي أَعْيُنِكُمْ قَلِيلًا وَيُقَلِّلُكُمْ فِي أَعْيُنِهِمْ لِيَقْضِيَ اللَّهُ أَمْرًا كَانَ مَفْعُولًا ۗ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، (دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلسۇن دەپ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا ئاز كۆرسەتتى ۋە سىلەرنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە (سىلەرگە قارشى تەييارلىقتا بولمىسۇن دەپ) ئاز كۆرسەتتى. ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ (ئاللاھ ئۆزى خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ)[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى (سىلەرنىڭ غەلىبە قىلىشىڭلارنى) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا ئاز كۆرسەتتى ۋە سىلەرنىمۇ ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئاز كۆرسەتتى. ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ توقۇنۇشقان چېغىڭلاردا ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلارغا ئاز كۆرسەتكەن ئىدى. سىلەرنىمۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە ئاز كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ ئاللاھنىڭ قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئىدى. ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ.
8 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ لَمْ يَكُ مُغَيِّرًا نِعْمَةً أَنْعَمَهَا عَلَىٰ قَوْمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُوا مَا بِأَنْفُسِهِمْ ۙ وَأَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىرەر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى (كۇفرى ۋە گۇناھ بىلەن) ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (قىلمىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئازابىڭ چۈشۈشى شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىرەر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھ بىرەر قەۋمگە ئىنئام قىلغان نېمىتىنى، ئۇ قەۋم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
تەۋبە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَرَادُوا الْخُرُوجَ لَأَعَدُّوا لَهُ عُدَّةً وَلَٰكِنْ كَرِهَ اللَّهُ انْبِعَاثَهُمْ فَثَبَّطَهُمْ وَقِيلَ اقْعُدُوا مَعَ الْقَاعِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ھۇرۇنلۇقنى سېلىپ) ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇردى. (ئۇلارغا) «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاجىزلار) بىلەن قېلىڭلار» دېيىلدى[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تولۇق تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، شۇڭا ئۇلارنى (جىھادقا چىقىشتىن) توختىتىپ قويدى. (ئۇلارغا) «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاجىزلار) بىلەن قېلىڭلار» دېيىلدى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشقا چىقىشنى ئىرادە قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى توستى. ئۇلارغا: «ئولتۇرغۇچىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇڭلار» دېيىلدى.
9 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
وَآخَرُونَ مُرْجَوْنَ لِأَمْرِ اللَّهِ إِمَّا يُعَذِّبُهُمْ وَإِمَّا يَتُوبُ عَلَيْهِمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: يەنە بىر قىسىم (جىھادقا چىقمىغان) كىشىلەر (نىڭ ئىشى) ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قالدۇرۇلدى، ئاللاھ يا ئۇلارنى (تەۋبە قىلمىسا) جازالايدۇ، يا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ (ۋە مەغپىرەت قىلىدۇ). ئاللاھ ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە بىر قىسىملىرى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قالدۇرۇلدى؛ ئاللاھ يا ئۇلارنى جازالايدۇ، ياكى ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇرۇشقا چىقمىغان يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ ئىشى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قالدۇرۇلدى. ئاللاھ ئۇلارنى يا ئازابلايدۇ ياكى تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
9 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِلَّ قَوْمًا بَعْدَ إِذْ هَدَاهُمْ حَتَّىٰ يُبَيِّنَ لَهُمْ مَا يَتَّقُونَ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ (يەنى گۇمراھلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۇمراھلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نېمىلەردىن ساقلىنىشى لازىم ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا ئېنىق بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئازدۇرمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
يۇنۇس سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا تَلَوْتُهُ عَلَيْكُمْ وَلَا أَدْرَاكُمْ بِهِ ۖ فَقَدْ لَبِثْتُ فِيكُمْ عُمُرًا مِنْ قَبْلِهِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «ئەگەر ئاللاھ ئىرادە قىلسا، سىلەرگە ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلماس ئىدىم، ئاللاھمۇ ئۇنى (مەن ئارقىلىق) سىلەرگە بىلدۈرمەس ئىدى. ئاراڭلاردا ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئان نازىل بولۇشتىن) ئىلگىرى ئۇزۇن زامان تۇردۇم، (مۆجىزە بولغان بۇ قۇرئاننىڭ پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىنى بىلىشكە) ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگىن[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئەگەر ئاللاھ ئىرادە قىلسا ئىدى، سىلەرگە قۇرئاننى تىلاۋەت قىلماس ئىدىم، ئاللاھ مۇ ئۇنى سىلەرگە بىلدۈرمەس ئىدى. ئاراڭلاردا قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇزۇن زامان تۇردۇم، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگىن[
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، مەن قۇرئاننى سىلەرگە تىلاۋەت قىلمىغان بولاتتىم، ئاللاھمۇ ئۇنى سىلەرگە بىلدۈرمىگەن بولاتتى. شۈبھىسىزكى، مەن قۇرئان نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئاراڭلاردا يىللارچە تۇردۇم، يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟!».
10 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ لَآمَنَ مَنْ فِي الْأَرْضِ كُلُّهُمْ جَمِيعًا ۚ أَفَأَنْتَ تُكْرِهُ النَّاسَ حَتَّىٰ يَكُونُوا مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، -ئەھۋال شۇنداق ئىكەن- سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئۇنداقتا ئىنسانلارنى مۇئمىن بولۇشقا سەن زورلامسەن؟
10 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ لِنَفْسٍ أَنْ تُؤْمِنَ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَيَجْعَلُ الرِّجْسَ عَلَى الَّذِينَ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بولماستىن ھېچكىم ئىمان ئېيتمايدۇ. ئاللاھ پاسكىنىلىقنى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغانلارنىڭ ئۈستىدە ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ10.
ھۇد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّمَا يَأْتِيكُمْ بِهِ اللَّهُ إِنْ شَاءَ وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «ئۇنى (يەنى ئازابنى) ئەگەر خالىسا پەقەت ئاللاھلا چۈشۈرەلەيدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «ئۇنى ئەگەر خالىسا ئاللاھ لا چۈشۈرەلەيدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: نۇھ مۇنداق دېدى: «ئۇنى بېشىڭلارغا ئەگەر خالىسا پەقەت ئاللاھلا كەلتۈرىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.
11 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
خَالِدِينَ فِيهَا مَا دَامَتِ السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ إِلَّا مَا شَاءَ رَبُّكَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ فَعَّالٌ لِمَا يُرِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: (دوزاخنىڭ) ئاسمان ـ زېمىنى يوقالمايلا تۇرسا، ئۇلار دوزاختا پەرۋەردىگارىڭ خالىغان زامانغىچە داۋاملىق تۇرىۋېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان ـ زېمىن يوقالمايلا تۇرسا، ئۇلار دوزاختا رەببىڭ خالىغان زامانغىچە داۋاملىق تۇرىۋېرىدۇ، رەببىڭ ئەلۋەتتە خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاسمانلار بىلەن زېمىن مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. رەببىڭنىڭ خالىغىنى مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر.
11 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ لَجَعَلَ النَّاسَ أُمَّةً وَاحِدَةً ۖ وَلَا يَزَالُونَ مُخْتَلِفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، ئۇلار(دىن توغرىسىدا) داۋاملىق ئوخشىمىغان پىكىردىدۇر، پەقەت پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنى (ئوخشىمىغان پىكىر قىلىش تەبىئىتىدە) ياراتتى. پەرۋەردىگارىڭنىڭ: «مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار بىلەن دوزاخنى توشقۇزىمەن» دېگەن سۆزى ئېنىق بەلگىلەندى[118 ـ 119].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى، ئۇلارداۋاملىق ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، بارلىق ئىنسانلارنى ئەلۋەتتە بىر ئۇممەت قىلاتتى. ئۇلار داۋاملىق ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر.
رەئد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّ قُرْآنًا سُيِّرَتْ بِهِ الْجِبَالُ أَوْ قُطِّعَتْ بِهِ الْأَرْضُ أَوْ كُلِّمَ بِهِ الْمَوْتَىٰ ۗ بَلْ لِلَّهِ الْأَمْرُ جَمِيعًا ۗ أَفَلَمْ يَيْأَسِ الَّذِينَ آمَنُوا أَنْ لَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَهَدَى النَّاسَ جَمِيعًا ۗ وَلَا يَزَالُ الَّذِينَ كَفَرُوا تُصِيبُهُمْ بِمَا صَنَعُوا قَارِعَةٌ أَوْ تَحُلُّ قَرِيبًا مِنْ دَارِهِمْ حَتَّىٰ يَأْتِيَ وَعْدُ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُخْلِفُ الْمِيعَادَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇبادا بىر قۇرئان (يەنى كىتاب) بولۇپ، ئۇ (تىلاۋەت قىلىنىش) بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى يەر يېرىلىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلەيدىغان بولغان تەقدىردىمۇ (ئۇلار چوقۇم ئىمان ئېيتمايتتى). ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مۆمىنلەر بىلمىدىمۇ؟ (ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئىبارەت) ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولىدۇ، ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەلۋەتتە خىلاپلىق قىلمايدۇ[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇبادا بىرەر قۇرئان بولۇپ، ئۇنىڭ -تىلاۋەت قىلىنىشى- بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى يەر يېرىلىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلەيدىغان بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار چوقۇم ئىمان ئېيتمايتتى. ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مۇئمىنلار بىلمىدىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولىدۇ، ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەلۋەتتە خىلاپلىق قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىرەر قۇرئان بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى زېمىن پارچىلىنىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر زۇۋانغا كەلتۈرىلىدىغان ئىش بولسا ئىدى، ئۇ يەنە چوقۇم بۇ قۇرئان بولاتتى. لېكىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. مۇئمىنلار ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىد ئۈزمىدىمۇ؟ كافىرلارنىڭ باشلىرىغا ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بالا كېلىپ تۇرىدۇ ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىغا يېقىن جايغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ.
13 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
يَمْحُو اللَّهُ مَا يَشَاءُ وَيُثْبِتُ ۖ وَعِنْدَهُ أُمُّ الْكِتَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئەھكاملاردىن) خالىغىنىنى بىكار قىلىدۇ، خالىغىنىنى ئۆز جايىدا قالدۇرىدۇ. لەۋھۇلمەھپۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ خالىغىنىنى ئۈچۈرىدۇ، خالىغىنىنى ئۆز جايىدا قالدۇرىدۇ. ئانا كىتاپ ئۇنىڭ يېنىدا
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ خالىغىنىنى ئۆچۈرىدۇ، خالىغىنىنى جايىدا قويىدۇ. ئاساسىي كىتاب ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر.
ئىبراھىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ لَهُمْ رُسُلُهُمْ إِنْ نَحْنُ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَمُنُّ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ وَمَا كَانَ لَنَا أَنْ نَأْتِيَكُمْ بِسُلْطَانٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «بىز پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمىز، لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلىكىنى) مەرھەمەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز سىلەرگە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمەيمىز، مۆمىنلەر (ھەممە ئىشتا) يالغۇز بىر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)[11]
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «بىز پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمىز، لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە پەيغەمبەرلىكىنى مەرھەمەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز سىلەرگە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمەيمىز، مۇئمىنلار يالغۇز بىر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!
ئەنەس ئالىم: كەلگەن ئەلچىلەر ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «بىز سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان. لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە ياخشىلىق قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز بىزنىڭ سىلەرگە دەلىل كەلتۈرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن.
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَٰكِنْ يُضِلُّ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۚ وَلَتُسْأَلُنَّ عَمَّا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن (ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىشنى تەقەززا قىلدى)، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) پۈتۈن قىلمىشىڭلار ئۈستىدە سوراق قىلىنىسىلەر[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، قىيامەت كۈنى پۈتۈن قىلمىشىڭلاردىن سوراققا تارتىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يولغا كەلتۈرىدۇ. سىلەر قىلمىشىڭلاردىن سورىلىسىلەر.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ رَبَّكَ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَقْدِرُ ۚ إِنَّهُ كَانَ بِعِبَادِهِ خَبِيرًا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىنى، مەنپەئىتىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ رىزىقنى خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە تار قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ بەندىلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
كەھف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ وَاذْكُرْ رَبَّكَ إِذَا نَسِيتَ وَقُلْ عَسَىٰ أَنْ يَهْدِيَنِ رَبِّي لِأَقْرَبَ مِنْ هَٰذَا رَشَدًا
مۇھەممەد سالىھ: «خۇدا خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن (يەنى خۇدا خالىسا قىلىمەن دېگىن)، (خۇدا خالىسا دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالساڭ، پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالغىن (يەنى «خۇدا خالىسا» نى ئېسىڭگە كەلگەندە ئېيتقىن) ھەمدە: «پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن توغرا يولغا باشلىشىنى (يەنى دىنىم، دۇنيايىمدا مېنى ئەڭ دۇرۇس ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى) ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئاللاھ خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن، ئاللاھ خالىسا دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالساڭ، رەببىڭنى تىلغا ئالغىن ھەمدە: «رەببىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن توغرا يولغا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن
ئەنەس ئالىم: «ئىنشائاللاھ قىلىمەن» دېگىن. ئۇنتۇغان چېغىڭدا ئاللاھنى زىكىر قىلغىن ۋە: «رەببىم مېنى توغرىغا بۇنىڭدىنمۇ يېقىن بولغىنىغا ئېرىشتۈرگەي» دېگىن.
18 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْلَا إِذْ دَخَلْتَ جَنَّتَكَ قُلْتَ مَا شَاءَ اللَّهُ لَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ ۚ إِنْ تَرَنِ أَنَا أَقَلَّ مِنْكَ مَالًا وَوَلَدًا
مۇھەممەد سالىھ: سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە، مېنىڭ مېلىم ۋە ئەۋلادىم سېنىڭدىن ئاز بولسىمۇ[39]،
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە، مېنىڭ مېلىم ۋە ئەۋلادىم سېنىڭدىن ئاز بولسىمۇ
ئەنەس ئالىم: بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا «بۇنى ماڭا ئاللاھ ئاتا قىلدى، پۈتۈن كۈچ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە» دېسەڭچۇ! سەن ئەگەر مېنىڭ مال - مۈلكۈمنى ۋە بالا - چاقامنى ئۆزۈڭنىڭكىدىن ئاز كۆرسەڭ، شۇنى بىلگىنكى:
مەريەم سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنْ آلِ يَعْقُوبَ ۖ وَاجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ماڭا ۋارىس بولغاي ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغا ۋارىس بولغاي، پەرۋەردىگارىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن»[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھەم ماڭا ۋارىسلىق قىلسۇن ھەم يەئقۇبنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتىغا ۋارىسلىق قىلسۇن. رەببىم! ئۇنى سۆيۈملۈك بىرى قىلغىن».
19 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مُوسَىٰ ۚ إِنَّهُ كَانَ مُخْلَصًا وَكَانَ رَسُولًا نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) مۇسا (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئىبادىتىگە خاس قىلغان ھەم رەسۇل (يەنى ئەلچى)، ھەم پەيغەمبەر ئىدى[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتاب-قۇرئان-دا مۇسا -قىسىسى-نى بايان قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئىبادىتىگە خاس قىلغان ھەم رەسۇل-ئەلچى-، ھەم پەيغەمبەر ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا مۇسانىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ تاللانغان بىرى ئىدى، رەسۇل ۋە نەبىي ئىدى7.
19 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ لَنَنْزِعَنَّ مِنْ كُلِّ شِيعَةٍ أَيُّهُمْ أَشَدُّ عَلَى الرَّحْمَٰنِ عِتِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئىچىدىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ئەڭ ئاسىي بولغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئىچىدىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ئەڭ ئاسىي بولغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ھەر گۇرۇھنىڭ، رەھمانغا ئەڭ كۆپ ئاسىيلىق قىلغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز.
19 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَمْلِكُونَ الشَّفَاعَةَ إِلَّا مَنِ اتَّخَذَ عِنْدَ الرَّحْمَٰنِ عَهْدًا
مۇھەممەد سالىھ: مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئۇلار شاپائەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. رەھماننىڭ ئەھدىسىگە ئېرىشكەن كىشى مۇستەسنا.
تاھا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَا اخْتَرْتُكَ فَاسْتَمِعْ لِمَا يُوحَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مەن سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدىم، سەن ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن سېنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدىم، سەن ۋەھيىگە قۇلاق سالغىن
ئەنەس ئالىم: مەن سېنى تاللىدىم. ھازىر ساڭا قىلىنىدىغان ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن:
20 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَاصْطَنَعْتُكَ لِنَفْسِي
مۇھەممەد سالىھ: سېنى مېنىڭ مۇھەببىتىمگە (يەنى پەيغەمبەر قىلىپ ۋەھىي نازىل قىلىشىمغا) تاللىدىم[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن سېنى ئۆزۈم ئۈچۈن تاللىدىم
ئەنەس ئالىم: مەن سېنى ئۆزۈم ئۈچۈن يېتىشتۈردۈم.
20 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَئِذٍ لَا تَنْفَعُ الشَّفَاعَةُ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ الرَّحْمَٰنُ وَرَضِيَ لَهُ قَوْلًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى، رەھمان رۇخسەت بەرگەن ۋە سۆزىدىن رازى بولغانلاردىن باشقا ھېچكىمگە شاپائەتنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يُسْأَلُ عَمَّا يَفْعَلُ وَهُمْ يُسْأَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال ـ سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال ـ سوراق قىلىنمايدۇ، ئىنسانلار بولسا سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ قىلمىشى توغرۇلۇق سوئال - سوراق قىلىنمايدۇ. ئۇلار سوئال - سوراق قىلىنىدۇ.
قەسەس سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكَ لَا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۚ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سەن ياخشى كۆرگەن ئادەمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
28 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَبُّكَ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ وَيَخْتَارُ ۗ مَا كَانَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (مەخلۇقاتىدىن) خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، تاللاش ھوقۇقى ئۇلاردا ئەمەس. ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ رەببىڭ خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئۇلارنىڭ تاللاش ھوقوقى يوق، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ خالىغىنىنى يارىتىدۇ ۋە تاللايدۇ. ئۇلارنىڭ تاللاش ھوقۇقى يوق. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
يُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ وَيَرْحَمُ مَنْ يَشَاءُ ۖ وَإِلَيْهِ تُقْلَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ خالىغان ئادەمنى جازالايدۇ، خالىغان ئادەمگە رەھمەت قىلىدۇ، (قىيامەتتە) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ خالىغان ئادەمنى جازالايدۇ، خالىغان ئادەمگە رەھمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازابلايدۇ، خالىغان كىشىگە مەرھەمەت قىلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ بېرىلىسىلەر.
29 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ آيَاتٌ مِنْ رَبِّهِ ۖ قُلْ إِنَّمَا الْآيَاتُ عِنْدَ اللَّهِ وَإِنَّمَا أَنَا نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن مۆجىزىلەر نازىل قىلىنمايدۇ» دېدى. ئېيتقىنكى، «مۆجىزىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (مېنىڭ قولۇمدا ئەمەستۇر)، مەن پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببىدىن مۆجىزىلەر نازىل قىلىنمايدۇ» دېدى. ئېيتقىنكى: «مۆجىزىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببىدىن مۆجىزىلەر چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «مۆجىزىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. مەن پەقەت ئوپئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ شِئْنَا لَآتَيْنَا كُلَّ نَفْسٍ هُدَاهَا وَلَٰكِنْ حَقَّ الْقَوْلُ مِنِّي لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق، ھەر بىر كىشىگە ئەلۋەتتە ھىدايەت بېرەتتۇق، لېكىن مېنىڭ (گۇناھكارلارنى ئازاب قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمۈم بېكىتىلىپ بولدى. مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار (يەنى ئۇلارنىڭ گۇناھكارلىرى) ـ ھەممىسى بىلەن جەھەننەمنى تولدۇرىمەن[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق، ھەر بىر كىشىگە ئەلۋەتتە ھىدايىتىنى بېرەتتۇق، لېكىن مېنىڭ ھۆكمىم بېكىپ كەتتى. مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار بىلەن جەھەننەمنى تولدۇرىمەن
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ھەر كىشىگە ھىدايىتىنى بېرەتتۇق. لېكىن مېنىڭ: «شۈبھىسىزكى، مەن جەھەننەمنى تامامەن جىن ۋە ئىنسانلار بىلەن تولدۇرىمەن» دېگەن سۆزۈم ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ ذَا الَّذِي يَعْصِمُكُمْ مِنَ اللَّهِ إِنْ أَرَادَ بِكُمْ سُوءًا أَوْ أَرَادَ بِكُمْ رَحْمَةً ۚ وَلَا يَجِدُونَ لَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، كىم ئاللاھقا قارشى تۇرۇپ سىلەرنى قوغدىيالايدۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا (كىم ئۇنىڭغا ئارىلىشالايدۇ؟)» ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە ھېچ ياردەمچى تاپالمايدۇ[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، كىم ئاللاھقا قارشى تۇرۇپ سىلەرنى قوغدىيالايدۇ؟ ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا كىم ئۇنىڭغا ئارىلىشالايدۇ؟» ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە ھېچ ياردەمچى تاپالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىق ئىرادە قىلسا ياكى ئاللاھ سىلەرگە بىرەر رەھمەت ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا كىم توسالغۇ بولالايدۇ؟». ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ۋەلىيمۇ، ياردەمچىمۇ تاپالمايدۇ.
سەبەئ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَنْفَعُ الشَّفَاعَةُ عِنْدَهُ إِلَّا لِمَنْ أَذِنَ لَهُ ۚ حَتَّىٰ إِذَا فُزِّعَ عَنْ قُلُوبِهِمْ قَالُوا مَاذَا قَالَ رَبُّكُمْ ۖ قَالُوا الْحَقَّ ۖ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْكَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ رۇخسەت قىلغان ئادەمدىن باشقىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ. شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار ئاندىن (بەزىسى بەزىسىگە): «پەرۋەردىگارىڭلار (شاپائەت توغرۇلۇق) نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (جاۋابەن): «ھەقنى (دېدى) (يەنى مۆمىنلەرگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى)» دەيدۇ. ئاللاھ يۈكسەكتۇر، كاتتىدۇر[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىزنى بەرگەن ئادەمدىن باشقىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ. تاكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە، ئاندىن ئۇلار: «رەببىڭلار نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئۇلار جاۋابەن: «توغرى بولغاننى دېدى» دەيدۇ. ئاللاھ يۈكسەكتۇر، كاتتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا، ئاللاھ رۇخسەت بەرگەنلەردىن باشقا ھېچكىمگە شافائەتنىڭ پايدىسى بولمايدۇ1. ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە بىر - بىرىدىن: «رەببىڭلار نېمە دېدى؟» دەپ سورايدۇ. جاۋاب بەرگەنلەر: «ھەقنى دېدى، ئۇ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر» دەيدۇ.
فاتىر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
مَا يَفْتَحِ اللَّهُ لِلنَّاسِ مِنْ رَحْمَةٍ فَلَا مُمْسِكَ لَهَا ۖ وَمَا يُمْسِكْ فَلَا مُرْسِلَ لَهُ مِنْ بَعْدِهِ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاچقان نەرسىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالىغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ رەھمىتىدىن توسقان نەرسىنى، ئاللاھ توسقاندىن كېيىن، ئۇنى ھېچ قويۇپ بەرگۈچى بولمايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىنسانلارغا قانداق رەھمەت ئاچسا، ئۇنى تۇتۇۋالىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئاللاھ نېمىنى تۇتۇپ قالسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نەرسىنى قويۇۋېتەلەيدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
35 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ زُيِّنَ لَهُ سُوءُ عَمَلِهِ فَرَآهُ حَسَنًا ۖ فَإِنَّ اللَّهَ يُضِلُّ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۖ فَلَا تَذْهَبْ نَفْسُكَ عَلَيْهِمْ حَسَرَاتٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِمَا يَصْنَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى چىرايلىق ھېسابلىغان كىشى (ھىدايەت تاپقان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ (خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ). شۇڭا سەن ئۇلار ئۈچۈن (يەنى ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرى ئۈچۈن) قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋالمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى چىرايلىق ھېسابلىغان كىشى؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. شۇڭا سەن ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋالمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: يامان ئەمىلى ئۆزىگە چىرايلىق كۆرسىتىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەمەل دەپ كۆرگەن كىشىچۇ؟ - ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ - ئۇنداقلار ئۈچۈن ھەسرەتلەر چېكىپ ھالاك بولمىغىن2. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ياسىن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ نَشَأْ نُغْرِقْهُمْ فَلَا صَرِيخَ لَهُمْ وَلَا هُمْ يُنْقَذُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز، ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغۇچىمۇ بولمايدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز، ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغۇچىمۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ دادىغا يەتكۈچى بولمايدۇ، ھەمدە ئۇلار قۇتقۇزۇلمايدۇ.
36 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئًا أَنْ يَقُولَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىرەر شەيئىنى يارىتىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ بىرەر نەرسە يارىتىشنى ئىرادە قىلغان چېغىدىكى ئەمرى، ئۇ نەرسىگە «بول» دېيىشتىنلا ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسە بولىدۇ.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ أَرَادَ اللَّهُ أَنْ يَتَّخِذَ وَلَدًا لَاصْطَفَىٰ مِمَّا يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ سُبْحَانَهُ ۖ هُوَ اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ بالا تۇتۇشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، مەخلۇقات ئىچىدىن خالىغاننى ئىختىيار قىلاتتى، ئاللاھ (بالا تۇتۇشتىن) پاكتۇر، ئۇ غالىب بىر ئاللاھتۇر.(ئىزاھات:يەنى تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىدىن ئەركەك ـ چىشى بولۇپ جەمئى سەككىز.)[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: چىگىكلەرگە دەم سالىدىغان سىھىرگەرنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىسا ئىدى، مەخلۇقاتىنىڭ ئىچىدىن خالىغىنىنى تاللايتتى. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر. ئۇ ئاللاھتۇر، بىردۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر.
غافىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ ۖ فَإِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئۆلتۈرۈشكە قادىر، ئۇ بىرەر ئىشنى (قىلىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئۇ بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، تىرىلدۈرىدۇ، ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ بىرەر نەرسە يارىتىشقا ھۆكۈم قىلسا ئۇنىڭغا پەقەتلا «بول» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسە بولىدۇ.
شۇرا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَهُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَٰكِنْ يُدْخِلُ مَنْ يَشَاءُ فِي رَحْمَتِهِ ۚ وَالظَّالِمُونَ مَا لَهُمْ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىگە داخىل قىلىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق ئىگە، ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىگە داخىل قىلىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق ئىگە، ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە كىرگۈزىدۇ. زالىملارنىڭ ۋەلىيسىمۇ، ياردەمچىسىمۇ بولمايدۇ.
42 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ بَسَطَ اللَّهُ الرِّزْقَ لِعِبَادِهِ لَبَغَوْا فِي الْأَرْضِ وَلَٰكِنْ يُنَزِّلُ بِقَدَرٍ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّهُ بِعِبَادِهِ خَبِيرٌ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە ـ پاسات تېرىيتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر، (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە ـ پاسات تېرىيتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر، ئۇنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىگە رىزىقنى يايسا ئىدى، ئۇلار زېمىندا ھەددىدىن ئاشاتتى. لېكىن ئۇ خالىغىنىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
42 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
لِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ يَهَبُ لِمَنْ يَشَاءُ إِنَاثًا وَيَهَبُ لِمَنْ يَشَاءُ الذُّكُورَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنتلەر ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنتلەر ئاتا قىلىدۇ
42 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ يُزَوِّجُهُمْ ذُكْرَانًا وَإِنَاثًا ۖ وَيَجْعَلُ مَنْ يَشَاءُ عَقِيمًا ۚ إِنَّهُ عَلِيمٌ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلارغا ئوغۇل - قىز ئارىلاش پەرزەنتلەر ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، قادىردۇر.
زۇخرۇف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَوْ شَاءَ الرَّحْمَٰنُ مَا عَبَدْنَاهُمْ ۗ مَا لَهُمْ بِذَٰلِكَ مِنْ عِلْمٍ ۖ إِنْ هُمْ إِلَّا يَخْرُصُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «مەرھەمەتلىك ئاللاھ خالىسا، بىز ئۇلارغا (يەنى پەرىشتىلەرگە) چوقۇنمايتتۇق» دېدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ بىلىمى (يەنى ئاساسى) يوق، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «مەرھەمەتلىك ئاللاھ خالىسا، بىز ئۇلارغا چوقۇنمايتتۇق» دېدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ بىلىمى يوق، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئەگەر رەھمان خالىسا ئىدى، بىز بۇلارغا چوقۇنمايتتۇق» دېدى. ئۇلار بۇ سۆزىدە ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلار پەقەت بىلجىرلايدۇ.
43 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْلَا أَنْ يَكُونَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً لَجَعَلْنَا لِمَنْ يَكْفُرُ بِالرَّحْمَٰنِ لِبُيُوتِهِمْ سُقُفًا مِنْ فِضَّةٍ وَمَعَارِجَ عَلَيْهَا يَظْهَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلار (كۇففارلارنىڭ باياشات تۇرمۇشىنى كۆرۈپ كۇفرىغا قىزىقىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ) ھەممىسى (كۇفرىدا) بىر ئۈممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى -كۇفرىدا - بىر ئۈممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئىنسانلار بىر ئۇممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، رەھمانغا كافىر بولغانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ تورۇسلىرىنى كۈمۈشتىن قىلاتتۇق. ئۇلارنىڭ يۇقىرىغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى،
43 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ نَشَاءُ لَجَعَلْنَا مِنْكُمْ مَلَائِكَةً فِي الْأَرْضِ يَخْلُفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق، ئەلۋەتتە سىلەرگە زېمىندا ئورۇنباسار بولىدىغان پەرىشتىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەتتۇق[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق، ئەلۋەتتە سىلەرگە زېمىندا ئورۇنباسار بولىدىغان پەرىشتىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز خالىغان بولساق، زېمىندا سىلەرگە ئورۇنباسار بولىدىغان پەرىشتىلەرنى بار قىلاتتۇق.
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ نَشَاءُ لَأَرَيْنَاكَهُمْ فَلَعَرَفْتَهُمْ بِسِيمَاهُمْ ۚ وَلَتَعْرِفَنَّهُمْ فِي لَحْنِ الْقَوْلِ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ أَعْمَالَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا بىلدۈرەتتۇق، چوقۇم ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيتتۇڭ، سەن ئەلۋەتتە سۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۇلارنى تونۇيسەن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا بىلدۈرەتتۇق، چوقۇم ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيتتۇڭ، سەن ئەلۋەتتە سۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۇلارنى تونۇيسەن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر خالىغان بولساق، ئۇ مۇنافىقلارنى ساڭا كۆرسىتەتتۇق، سەن ئۇلارنى سېيماسىدىن تونۇيتتۇڭ. شۈبھىسىزكى، سەن ئۇلارنى سۆزلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىن تونۇيسەن. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
فەتىھ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
سُنَّةَ اللَّهِ الَّتِي قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلُ ۖ وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّةِ اللَّهِ تَبْدِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلىش، مۆمىنلەرنى غەلىبە قىلدۇرۇش) ئاللاھنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن (يەنى ئاللاھنىڭ تۇتقان يولى ئۆزگەرمەيدۇ)[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، ئاللاھنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئىجرا بولۇپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنى مۇشۇنداق. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن.
48 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي كَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنْكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ عَنْهُمْ بِبَطْنِ مَكَّةَ مِنْ بَعْدِ أَنْ أَظْفَرَكُمْ عَلَيْهِمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن توستى ھەمدە ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىڭلاردىن كېيىن، مەككىنىڭ ئىچىدە (يەنى ھۇدەيبىيەدە) سىلەرنى ئۇلارغا قول سېلىشىڭلاردىن توستى، ئاللاھ قىلىدىغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن توستى ھەمدە ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىڭلاردىن كېيىن، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا قول سېلىشىڭلاردىن توستى، ئاللاھ قىلدىغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا غالىب قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن، سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن توستى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
نەجم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَلِلَّهِ الْآخِرَةُ وَالْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاخىرەت ۋە دۇنيا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ خاھىشى بويىچە بولىدۇ)[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاخىرەت ۋە دۇنيا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر
ئەنەس ئالىم: ياق، ئاخىرەت ۋە دۇنيا پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.
53 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ مِنْ مَلَكٍ فِي السَّمَاوَاتِ لَا تُغْنِي شَفَاعَتُهُمْ شَيْئًا إِلَّا مِنْ بَعْدِ أَنْ يَأْذَنَ اللَّهُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَرْضَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا (ئاندىن) ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بار. ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان كىشى ئۈچۈن رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن ئەسقاتىدۇ.
ۋاقىئە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ نَشَاءُ لَجَعَلْنَاهُ حُطَامًا فَظَلْتُمْ تَفَكَّهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇراتتۇق ـ دە، سىلەر ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇراتتۇق ـ دە، سىلەر ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار
ئەنەس ئالىم: خالىغان بولساق ئۇنى قۇرۇق چۆپ قىلىۋېتەتتۇق، ھەيران قالاتتىڭلار ۋە:
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ.
ھەشر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
مَا قَطَعْتُمْ مِنْ لِينَةٍ أَوْ تَرَكْتُمُوهَا قَائِمَةً عَلَىٰ أُصُولِهَا فَبِإِذْنِ اللَّهِ وَلِيُخْزِيَ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇسۇلمانلار!) سىلەر مەيلى (بەنى نەزىرنىڭ) خورمىلىرىنى كېسىڭلار، مەيلى ئۇنى بۇرۇنقى پېتى ئۆرە قالدۇرۇڭلار، ھەممىسىگە ئاللاھ رۇخسەت قىلىدۇ، (ئاللاھنىڭ رۇخسەت قىلىشى) ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلارنى (يەنى يەھۇدىيلارنى) رەسۋا قىلىش ئۈچۈندۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرنىڭ قانداقلا بىر خورما دەرىخىنى كېسىشىڭلار ياكى ئۇنى ئۆز پېتى قالدۇرۇپ قويۇشۇڭلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەندۇر. بۇ، فاسىقلارنى رەسۋا قىلىش ئۈچۈندۇر.
جۇمۇئە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
62 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ فَضْلُ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، ئۇنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: چىگىكلەرگە دەم سالىدىغان سىھىرگەرنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ چوڭ پەزل ئىگىسىدۇر.
قەلەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُمْلِي لَهُمْ ۚ إِنَّ كَيْدِي مَتِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ تەدبىرىم پۇختىدۇر[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ تەدبىرىم پۇختىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. مېنىڭ پىلانىم ھەقىقەتەن پۇختىدۇر.
68 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
فَاجْتَبَاهُ رَبُّهُ فَجَعَلَهُ مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارى ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى، ئۇنى ياخشىلاردىن قىلدى[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببى ئۇنى تاللىدى ۋە ئۇنى ياخشىلاردىن قىلدى
ئەنەس ئالىم: لېكىن رەببى ئۇنى تاللاپ ياخشىلاردىن قىلدى.
مۇدەسسىر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
لِمَنْ شَاءَ مِنْكُمْ أَنْ يَتَقَدَّمَ أَوْ يَتَأَخَّرَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن (جەننەتكە) ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى (دوزاختىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: يەنى سىلەردىن ئىلگىرىلەشنى ياكى چېكىنىشنى خالىغانلار ئۈچۈن.
74 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَذْكُرُونَ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ هُوَ أَهْلُ التَّقْوَىٰ وَأَهْلُ الْمَغْفِرَةِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەقەت خالىسا، ئاندىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرى) قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر، (بەندىلىرىنى) مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا ئېسىگە ئالالايدۇ4. ئاللاھ تەقۋادارلىق قىلىنىشقا تېگىشلىك زاتتۇر، مەغپىرەت قىلىدىغان زاتتۇر.
ئىنسان سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰؤُلَاءِ يُحِبُّونَ الْعَاجِلَةَ وَيَذَرُونَ وَرَاءَهُمْ يَوْمًا ثَقِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ بەدىنىنى مەزمۇت قىلدۇق، ئەگەر بىز خالىساق (ئۇلارنى ھالاك قىلىپ) ئورنىغا ئۇلارغا ئوخشاش باشقا ئادەمنى دەسسىتەتتۇق[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى بىز ياراتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ بەدىنىنى مەزمۇت قىلدۇق، خالىغان ۋاقتىمىزدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئوخشاشلىرىنى كەلتۈرىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى ياراتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى مەزمۇت قىلدۇق. خالىغان چېغىمىزدا ئۇلارنى ئوخشاشلىرى بىلەن ئالماشتۇرىمىز.
76 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰذِهِ تَذْكِرَةٌ ۖ فَمَنْ شَاءَ اتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ خالىمىغۇچىلىك، سىلەر خالىيالمايسىلەر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا خالىيالايسىلەر5. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
76 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ زالىملارغا قاتتىق ئازابنى تەييارلىدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. زالىملارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تەييارلىدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. زالىملارغا بولسا ئېغىر ئازاب تەييارلىدى.
نەبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
78 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَقُومُ الرُّوحُ وَالْمَلَائِكَةُ صَفًّا ۖ لَا يَتَكَلَّمُونَ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ الرَّحْمَٰنُ وَقَالَ صَوَابًا
مۇھەممەد سالىھ: جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)، ئۇلار(نىڭ ئارىسىدا) مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىزنىگە ئېرىشكەن ۋە توغرا سۆزنى قىلغانلاردىن باشقا ھېچ ئەھەدىنىڭ سۆز قىلىشىغا بولمايدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە، مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىزنىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىسى سۆز قىلالمايدۇ، ئۇمۇ توغرا سۆز قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: رۇھ ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ ئۆرە تۇرىدىغان كۈنى ھېچكىم گەپ قىلالمايدۇ. رەھمان رۇخسەت قىلغان ۋە توغرا سۆزلىگەن كىشى مۇستەسنا.
ئەبەسە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ إِذَا شَاءَ أَنْشَرَهُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئاللاھ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئاللاھ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن خالىغان چېغىدا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ.
تەكۋىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
81 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
لِمَنْ شَاءَ مِنْكُمْ أَنْ يَسْتَقِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەرغىچە[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئىرادە قىلغاننىلا سىلەر ئىرادە قىلالايسىلەر
ئەنەس ئالىم: سىلەر پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ خالىغاننىلا خالىيالايسىلەر5.
ئىنفىتار سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
82 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
فِي أَيِّ صُورَةٍ مَا شَاءَ رَكَّبَكَ
مۇھەممەد سالىھ: سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سېنى خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى
ئەنەس ئالىم: ۋە ئۆزى خالىغان شەكىلدە قوراشتۇردى.
بۇرۇج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
85 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَّالٌ لِمَا يُرِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىرادە قىلغىنىنى قىلغۇچىدۇر.
ئەئلا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۚ إِنَّهُ يَعْلَمُ الْجَهْرَ وَمَا يَخْفَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ[6ـ7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ خالىغان نەرسە ئۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ خالىغان نەرسە مۇستەسنا. ئاللاھ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇننى بىلىپ تۇرىدۇ.