يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ پەقەت ئاللاھقا قارىتىلىشى، باشقا ھەر قانداق مەۋجۇداتقا بولغان ئىبادەتنى رەت قىلىش.
ئەرەبچىىسى: الألوهية
ئېنگلىزچىسى: Worship of Allah Alone
135 ئايەت
40 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 تەۋھىد (ئاللاھنىڭ بىرلىكى) /
- 📄 يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش
قۇرئان ئايەتلىرى
فاتىھە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
1 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ
مۇھەممەد سالىھ: (رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى رەببىمىز!) بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا مەدەت تىلەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز7 ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز8.
بەقەرە سۈرىسى
13 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّاسُ اعْبُدُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر)نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، تەقۋادار بولغايسىلەر!
2 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَارْكَعُوا مَعَ الرَّاكِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار(يەنى نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇڭلار)
ئەنەس ئالىم: نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە رۇكۇ قىلىڭلار.
2 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
بَلَىٰ مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَلَهُ أَجْرُهُ عِنْدَ رَبِّهِ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس، كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدىكەن (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىدىكەن)، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم – ئەندىشە قىلمايدۇ[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس، كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدىكەن، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ياق، ئۇنداق ئەمەس! كىمكى سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
2 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا وَاجْعَلْنَا مُسْلِمَيْنِ لَكَ وَمِنْ ذُرِّيَّتِنَا أُمَّةً مُسْلِمَةً لَكَ وَأَرِنَا مَنَاسِكَنَا وَتُبْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى تولىمۇ قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگىلا ئىتائەتمەن قىلغىن، نەسلىمىزدىنمۇ ساڭىلا ئىتائەت قىلىدىغان ئۇممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج ئىبادىتىمىزنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتكىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن. شۈبھىسىزكى، تەۋبىلەرنى پەقەت سەنلا قوبۇل قىلغۇچىسەن، پەقەت سەنلا كۆپ ئىنئام قىلغۇچىسەن.
2 : 131 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ لَهُ رَبُّهُ أَسْلِمْ ۖ قَالَ أَسْلَمْتُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن» دېدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى[131].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «سەن ئىتائەت قىلغىن» دېگەن ئىدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى
ئەنەس ئالىم: چۈنكى رەببى ئۇنىڭغا: «تەسلىم بول» دېگەندە، ئۇ دەرھال: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە تەسلىم بولدۇم!» دېگەن ئىدى.
2 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ كُنْتُمْ شُهَدَاءَ إِذْ حَضَرَ يَعْقُوبَ الْمَوْتُ إِذْ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعْبُدُونَ مِنْ بَعْدِي قَالُوا نَعْبُدُ إِلَٰهَكَ وَإِلَٰهَ آبَائِكَ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ إِلَٰهًا وَاحِدًا وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى[133].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى يەھۇدىيلار!) سىلەر يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا ئۇنىڭ يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىڭ __ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ياكى سىلەر يەئقۇبقا ئۆلۈم يېقىنلاشقاندا ئۇنىڭ يېنىدا بارمىدىڭلار؟! ئۇ بالىلىرىغا: «مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سىلەر كىمگە چوقۇنىسىلەر؟» دېگەندە، ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ بولغان، ئاتىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل ۋە ئىسھاقنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئىلاھقا چوقۇنىمىز، بىز پەقەت ئۇنىڭغىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.
2 : 136 - ئايەت
كۆرۈش
قُولُوا آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْنَا وَمَا أُنْزِلَ إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَمَا أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَمَا أُوتِيَ النَّبِيُّونَ مِنْ رَبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتىڭلاركى، «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلارمىز»[136].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) دەپ قويۇڭلاركى، «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، بىز (ئىماندا) ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار: «بىز ئاللاھقا ۋە بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بېرىلگەن كىتابلارغا، باشقا نەبىيلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز. بىز ئاللاھقىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز»40.
2 : 138 - ئايەت
كۆرۈش
صِبْغَةَ اللَّهِ ۖ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ صِبْغَةً ۖ وَنَحْنُ لَهُ عَابِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىدىن ياخشى كىمنىڭ دىنى بار؟ بىز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز[138].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىدىنمۇ ياخشى دىن بارمۇ؟ بىز (ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز) دەڭلار
ئەنەس ئالىم: «بىز ئاللاھنىڭ بويىقى41 بىلەن بويالدۇق. بويىقى ئاللاھنىڭ بويىقىدىن ياخشى كىم بار؟ بىز ئۇنىڭغىلا چوقۇنغۇچىلارمىز» دەڭلار42.
2 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
فَاذْكُرُونِي أَذْكُرْكُمْ وَاشْكُرُوا لِي وَلَا تَكْفُرُونِ
مۇھەممەد سالىھ: مېنى (تائەت ـ ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش بىلەن، مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار[152].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، تۇزكورلۇق قىلماڭلار
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا مېنى زىكىر قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى زىكىر قىلىمەن48. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ماڭا تۇزكورلۇق قىلماڭلار.
2 : 163 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الرَّحْمَٰنُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[163].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
2 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ وَاشْكُرُوا لِلَّهِ إِنْ كُنْتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ ھەددى ـ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار[172].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! بىز سىلەرگە بەرگەن پاك رىزىقلاردىن يەڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار، ئەگەر ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار!
2 : 189 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْأَهِلَّةِ ۖ قُلْ هِيَ مَوَاقِيتُ لِلنَّاسِ وَالْحَجِّ ۗ وَلَيْسَ الْبِرُّ بِأَنْ تَأْتُوا الْبُيُوتَ مِنْ ظُهُورِهَا وَلَٰكِنَّ الْبِرَّ مَنِ اتَّقَىٰ ۗ وَأْتُوا الْبُيُوتَ مِنْ أَبْوَابِهَا ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يېڭى چىققان ئاي (يەنى ئاينىڭ كىچىك چىقىپ چوڭىيىدىغانلىقى، ئاندىن كىچىكلەيدىغانلىقى) توغرۇلۇق سورىشىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ كىشىلەرنىڭ (تىرىكچىلىك، سودا ـ سېتىق، مۇئامىلە، روزا تۇتۇش، ئېغىز ئېچىش قاتارلىق) ئىشلارنىڭ ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلىشى ئۈچۈندۇر». (جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلاردەك ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا) ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن (تۆشۈك ئېچىپ) كىرىش ياخشىلىققا ياتمايدۇ. (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپ ئىش قىلىشتىن) قورققان ئادەم ياخشى ئەمەل (ئىگىسى) دۇر. (ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا ئادەتتىكىدەك) ئۆيلەرنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، بەختكە ئېرىشىشڭلار ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار[189].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ھىلال ئاي توغرۇلۇق سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇ كىشىلەرنىڭ (ئۆز ئىشلىرىنىڭ ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى بەلگىلەش ۋاسىتىسىدۇر». (ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك) ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن تۆشۈك ئېچىپ كىرىش ياخشىلىققا ياتمايدۇ. لېكىن تەقۋادار ئادەمنىڭ ئەمەلى ياخشى ئەمەلدۇر. (ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا ئادەتتىكىدەك) ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىدىن كىرىڭلار، نىجاد تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن ھىلاللار توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ھىلاللار ئىنسانلار ئۈچۈن ۋە ھەج ئۈچۈن ۋاقىت ئۆلچەملىرىدۇر». ئۆيلەرگە ئارقىسىدىن كىرىشىڭلار ياخشىلىق ئەمەس57، لېكىن ياخشىلىق تەقۋادار بولغان كىشىنىڭ قىلمىشىدۇر. ئۇنداقتا ئۆيلەرگە ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
2 : 193 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَاتِلُوهُمْ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتْنَةٌ وَيَكُونَ الدِّينُ لِلَّهِ ۖ فَإِنِ انْتَهَوْا فَلَا عُدْوَانَ إِلَّا عَلَى الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ[193].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: فىتنە تۈگەپ دىن پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئەگەر ئۇلار توختىسا، زالىملاردىن باشقىسىغا دۈشمەنلىك قىلىنمايدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۗ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مېنىڭمۇ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر›».
3 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ تَعَالَوْا إِلَىٰ كَلِمَةٍ سَوَاءٍ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ أَلَّا نَعْبُدَ إِلَّا اللَّهَ وَلَا نُشْرِكَ بِهِ شَيْئًا وَلَا يَتَّخِذَ بَعْضُنَا بَعْضًا أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ ۚ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقُولُوا اشْهَدُوا بِأَنَّا مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر ـ بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى تەۋھىدئەقىدىسىگە) كېلىڭلار» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) «ئى ئەھلى كىتاب! پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر ـ بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر خىل ئەقىدە كەلىمىسىگە كېلىڭلار» دېگىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدىنمۇ باش تارتسا: «ئۇنداقتا بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار» دەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! بىز بىلەن ئاراڭلاردا ئورتاق بولغان سۆزگە كېلىڭلار. ئۇ سۆز بولسا ھەر ئىككىمىزنىڭ ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشىمىز، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىقىمىز ۋە ئاللاھنى قويۇپ بىر - بىرىمىزنى رەب قىلىۋالماسلىقىمىزدۇر». ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئۇلارغا: «گۇۋاھ بولۇڭلاركى، بىز مۇسۇلمانمىز» دەڭلار.
3 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ لِبَشَرٍ أَنْ يُؤْتِيَهُ اللَّهُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ ثُمَّ يَقُولَ لِلنَّاسِ كُونُوا عِبَادًا لِي مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِنْ كُونُوا رَبَّانِيِّينَ بِمَا كُنْتُمْ تُعَلِّمُونَ الْكِتَابَ وَبِمَا كُنْتُمْ تَدْرُسُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىرەر ئىنسانغا ئاللاھ كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى لايىق بولمايدۇ (يەنى پەيغەمبەردىن مۇنداق گەپنىڭ سادىر بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ) ۋەلېكىن (ئۇ): «كىتابنى ئۆگەتكەنلىكىڭلار ۋە ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەببانى بولۇڭلار» (دەيدۇ)[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىرەر ئىنسانغا كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئىنساننىڭ كىشىلەرگە: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۇ ئىنسان: «سىلەر كىتابنى ئۆگەتكەن ۋە ئۆگەنگەن ئىكەنسىلەر، پەرۋاردىگارىڭلارغا ئىخلاسمەن بولۇڭلار» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەرگەن كىشىنىڭ ئىنسانلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشكە ھەددى ئەمەس، لېكىن ئۇ: «كىتابنى ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش بىلەن ئۆزۈڭلارنى رەببىڭلارغا ئاتىغان خالىس بەندىلەر بولۇڭلار» دەيدۇ.
3 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكًا وَهُدًى لِلْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) تۇنجى سېلىنغان ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) مەككىدىدۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن، جاھان ئەھلىگە بەرىكەت ۋە ھىدايەت بولغان، ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) سېلىنغان تۇنجى ئۆي مەككىدىكى ئۆي (بەيتۇللاھ) دۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ بەرىكەتلىكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر.
نىسا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا ۖ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَىٰ وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالْجَنْبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَنْ كَانَ مُخْتَالًا فَخُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل ـ چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر ، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا، يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداش قاتارلىقلارغا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل ـ چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار. ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشناڭلارغا، يىراق قوشناڭلارغا، يېنىڭلاردىكى ھەمراھىڭلارغا، يولۇچىلارغا ۋە قول ئاستىڭلاردىكىلەرگىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇرنى ۋە مەنمەنچىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
4 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ إِلَّا إِنَاثًا وَإِنْ يَدْعُونَ إِلَّا شَيْطَانًا مَرِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ، پەقەت (ئۆزلىرى) چىشى (ناملار بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ، چىشى (يەنى ئايال ئىسمى بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغىلا ئىبادەت قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ پەقەت چىشىلەرگە دۇئا قىلىدۇ، ئۇلار پەقەت ئىسيانكار شەيتانغا دۇئا قىلىدۇ53.
4 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَحْسَنُ دِينًا مِمَّنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ وَاتَّبَعَ مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۗ وَاتَّخَذَ اللَّهُ إِبْرَاهِيمَ خَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلغان)، باتىل دىنلاردىن بۇرالغان ھالدا ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىن دىنىي جەھەتتە ياخشىراق ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان، ئىبىراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ياخشىراق ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى
ئەنەس ئالىم: دىن جەھەتتە سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ۋە ھەقكە يۆنەلگەن ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ياخشى ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى.
4 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
لَنْ يَسْتَنْكِفَ الْمَسِيحُ أَنْ يَكُونَ عَبْدًا لِلَّهِ وَلَا الْمَلَائِكَةُ الْمُقَرَّبُونَ ۚ وَمَنْ يَسْتَنْكِفْ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيَسْتَكْبِرْ فَسَيَحْشُرُهُمْ إِلَيْهِ جَمِيعًا
مۇھەممەد سالىھ: مەسىھمۇ، (ئاللاھقا) يېقىن پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ. كىملەركى ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ[172].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەسىھمۇ، ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرىمۇ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ
ئەنەس ئالىم: مەسىھ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىزمۇ باش تارتمايدۇ. ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇلغان پەرىشتىلەرمۇ باش تارتمايدۇ. كىم ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھۇزۇرىغا يىغىدۇ.
مائىد سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ ابْنَيْ آدَمَ بِالْحَقِّ إِذْ قَرَّبَا قُرْبَانًا فَتُقُبِّلَ مِنْ أَحَدِهِمَا وَلَمْ يُتَقَبَّلْ مِنَ الْآخَرِ قَالَ لَأَقْتُلَنَّكَ ۖ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى ئەھلى كىتابقا ۋە قەۋمىڭگە) ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) نىڭ ھېكايىسىنى راستلىق بىلەن ئوقۇپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرسى (يەنى ھابىل) نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرسى (يەنى قابىل) نىڭ قوبۇل بولمىدى. (قابىل ھابىلغا) «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېدى، ھابىل نېمىشقا؟ دېۋىدى، قابىل: «ئاللاھ سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلىپ، مېنىڭكىنى قوبۇل قىلمىدى» دېدى. (ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (قۇربانلىقىنى) قوبۇل قىلىدۇ»[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) نىڭ خەۋىرىنى ئەينەن ئېيتىپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرى (يەنى ھابىل) نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرى (يەنى قابىل) نىڭ قوبۇل بولمىدى. ئۇ (يەنى قابىل): «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېۋىدى، ئۇ (يەنى ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنى قوبۇل قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن بىردىن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرىنىڭ قوبۇل قىلىندى، يەنە بىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمىدى. قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغىنى: «مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېۋىدى، قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغىنى مۇنداق دېدى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنىلا قوبۇل قىلىدۇ.
5 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَابْتَغُوا إِلَيْهِ الْوَسِيلَةَ وَجَاهِدُوا فِي سَبِيلِهِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! مەقسەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا (تائەت ـ ئىبادەت قىلىش، گۇناھتىن ساقلىنىش بىلەن) يېقىنچىلىقنى تىلەڭلار، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! مەقسەتكە يېتىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى ئىزدەڭلار15، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
5 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا وَلِيُّكُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَالَّذِينَ آمَنُوا الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ رَاكِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە نامازنى تەلەپكە لايىق ئۆتەيدىغان، زاكات بېرىدىغان ۋە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) كەمتەرلىك بىلەن بويسۇىدىغان مۆمىنلەردۇر [55].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە نامازنى مۇكەممەل ئۆتەيدىغان، زاكات بېرىدىغان، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) كەمتەرلىك بىلەن بويسۇنىدىغان مۆمىنلەردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ ۋەلىيىڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، زاكاتنى بېرىدىغان مۇئمىنلاردۇر. ئۇ مۇئمىنلار ئاللاھقا تولۇق ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر.
5 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ ۖ وَقَالَ الْمَسِيحُ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ ۖ إِنَّهُ مَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدْ حَرَّمَ اللَّهُ عَلَيْهِ الْجَنَّةَ وَمَأْوَاهُ النَّارُ ۖ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنْصَارٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسادۇر، دېگۈچىلەر كاپىر بولدى، ئىيسا: «ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ» دېدى[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسادۇر» دېگۈچىلەر كافىر بولدى، ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېگەنلەر كافىر بولدى. ئەمەلىيەتتە مەسىھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاخ بولىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ».
5 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَتَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا ۚ وَاللَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) «سىلەر ئاللاھتىن باشقا، سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» دېگىن. ئاللاھ بولسا (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارغا): «سىلەر ئاللاھتىن باشقا، سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» دېگىن. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزۈڭلارغا پايدىمۇ، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر».
5 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
مَا قُلْتُ لَهُمْ إِلَّا مَا أَمَرْتَنِي بِهِ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ ۚ وَكُنْتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَا دُمْتُ فِيهِمْ ۖ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنْتَ أَنْتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنْتَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان: <مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار> دېگەن سۆزنىلا ئېيتقان ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى ئېلىپ كەتكىنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ. سەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: ‹مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار›. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتكۈچى پەقەتلا سەن ئىدىڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن.
ئەنئام سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَغَيْرَ اللَّهِ أَتَّخِذُ وَلِيًّا فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَهُوَ يُطْعِمُ وَلَا يُطْعَمُ ۗ قُلْ إِنِّي أُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَسْلَمَ ۖ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، «ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھتىن غەيرىينى مەبۇد تۇتامدىم؟ ئاللاھ رىزىق بېرىدۇ، ئۆزى رىزىققا موھتاج ئەمەس». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەن (بۇ ئۈممەت ئىچىدە خۇدانىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. (ماڭا دېيىلدىكى) سەن ھەرگىز مۇشرىكلاردىن بولمىغىن»[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، «ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھتىن باشقىنى مەبۇد قىلىۋالسام بولامتى؟ ئاللاھ رىزىق بېرىدۇ، ئۆزى رىزىققا موھتاج ئەمەس». ئېيتقىنكى، «مەن (بۇ ئۈممەت ئىچىدە) تۇنجى مۇسۇلمان بولۇشقا، ھەرگىز مۇشرىكلاردىن بولماسلىققا بۇيرۇلدۇم»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، تائام بېرىدىغان، تائامغا موھتاج بولمايدىغان ئاللاھتىن غەيرىينى ۋەلىي قىلىۋالامدىم؟». ئى مۇھەممەد! «مەن مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ئاۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېگىن ۋە ئەسلا مۇشرىكلاردىن بولمىغىن!
6 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَطْرُدِ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ ۖ مَا عَلَيْكَ مِنْ حِسَابِهِمْ مِنْ شَيْءٍ وَمَا مِنْ حِسَابِكَ عَلَيْهِمْ مِنْ شَيْءٍ فَتَطْرُدَهُمْ فَتَكُونَ مِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى دەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سەن جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن). سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ئەتىگەندە، كەچتە پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى سەن يېنىڭدىن قوغلىۋەتمىگىن، سەن ئۇلارنى قوغلىۋەتكۈدەك (ھىچ ئىش يوق)، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، ئەگەر ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! رەببىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغانلارنى قوغلىۋەتمىگىن! ئۇلارنىڭ ھېچبىر ھېسابى سەندىن ئېلىنمايدۇ. سېنىڭ ھېچبىر ھېسابىڭ ئۇلاردىن ئېلىنمايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئۇلارنى قوغلىۋېتەر ئىدىڭ. ئەگەر ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن.
6 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۚ قُلْ لَا أَتَّبِعُ أَهْوَاءَكُمْ ۙ قَدْ ضَلَلْتُ إِذًا وَمَا أَنَا مِنَ الْمُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قايرىپ قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەن ھەقىقەتەن مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن»[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قايرىپ قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەن ھەقىقەتەن مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلارغا چوقۇنۇشتىن قەتئىي مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنىڭ خاھىشلىرىڭلارغا ئەگەشمەيمەن. ناۋادا ئەگەشسەم ئەلۋەتتە ئېزىپ كەتكەن بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولماي قالىمەن».
6 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَنَدْعُو مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنْفَعُنَا وَلَا يَضُرُّنَا وَنُرَدُّ عَلَىٰ أَعْقَابِنَا بَعْدَ إِذْ هَدَانَا اللَّهُ كَالَّذِي اسْتَهْوَتْهُ الشَّيَاطِينُ فِي الْأَرْضِ حَيْرَانَ لَهُ أَصْحَابٌ يَدْعُونَهُ إِلَى الْهُدَى ائْتِنَا ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى اللَّهِ هُوَ الْهُدَىٰ ۖ وَأُمِرْنَا لِنُسْلِمَ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلامدۇق؟ بىزنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ (يەنى مۇرتەد بولامدۇق؟) (مۇبادا بىز شۇنداق قىلىدىغان بولساق، مۇنداق) بىر ئادەمگە: شەيتانلار ئۇنى بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، (چۆلدە ئۇ) تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان (ئۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلماي ئاخىر ھالاك بولغان ئادەمگە) ئوخشاپ قالىمىز. (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ھەقىقەتەن ھەقىقىي ھىدايەتتۇر. بىز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلامدۇق؟ بىزنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ شۇنداق قىلىدىغان بولساق، شەيتانلار بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، چۆلدە تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان ئادەمگە ئوخشاپ قالىمىز. (بۇ كافىرلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ ھىدايىتىلا ھەقىقىي ھىدايەتتۇر، بىز ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلامدۇق؟ ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ شەيتانلار خاھىشىغا ئەگەشتۈرۈپ چۆلدە تېڭىرقىغان ھالىتىدە تاشلىۋەتكەن، دوستلىرى: ‹يېنىمىزغا كەل› دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان ئادەمدەك بولامدۇق؟» ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىزكى، پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر. بىز ئالەملەرنىڭ رەببىگە تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇلدۇق،
6 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْ أَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَاتَّقُوهُ ۚ وَهُوَ الَّذِي إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ناماز ئوقۇشقا ۋە ئاللاھتىن قورقۇشقا بۇيرۇلدۇق. (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب ئۈچۈن) يىغىلىسىلەر[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز نامازنى مۇكەممەل ئوقۇشقا ۋە ئاللاھتىن قورقۇشقا بۇيرۇلدۇق، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەر دەرگاھىغا يىغىلىدىغان زاتتۇر»
ئەنەس ئالىم: ھەمدە بىزگە «نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى. ئۇ ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر.
6 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ حَنِيفًا ۖ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن، باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن باتىل دىنلاردىن يىراق بولۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مەن يۈزۈمنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، ھەقكە يۆنەلدىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن».
6 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ فَاعْبُدُوهُ ۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەر نەرسىگە ھامىيدۇر[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ھەر نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇ ھەر نەرسىنىڭ باشقۇرغۇچىسىدۇر.
6 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
فَكُلُوا مِمَّا ذُكِرَ اسْمُ اللَّهِ عَلَيْهِ إِنْ كُنْتُمْ بِآيَاتِهِ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يەڭلار[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى كىشىلەر بولساڭلار.
6 : 151 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ تَعَالَوْا أَتْلُ مَا حَرَّمَ رَبُّكُمْ عَلَيْكُمْ ۖ أَلَّا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا ۖ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ۖ وَلَا تَقْتُلُوا أَوْلَادَكُمْ مِنْ إِمْلَاقٍ ۖ نَحْنُ نَرْزُقُكُمْ وَإِيَّاهُمْ ۖ وَلَا تَقْرَبُوا الْفَوَاحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ ۖ وَلَا تَقْتُلُوا النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «سىلەر كېلىپ (ئاڭلاڭلار)، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ (ناھەق) ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ[151].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «سىلەر كېلىڭلار، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار؛ ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «كېلىڭلار، رەببىڭلار سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ئوقۇپ بېرەي: ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار، ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، كەمبەغەللىك سەۋەبىدىن بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز سىلەرگە ۋە ئۇلارغا رىزىق بېرىمىز. قەبىھ ئىشلارنىڭ ئاشكارىسىغىمۇ، يوشۇرۇنىغىمۇ يېقىنلاشماڭلار. ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەڭلار. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر!
6 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّ صَلَاتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت ـ ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر[162].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر.
6 : 163 - ئايەت
كۆرۈش
لَا شَرِيكَ لَهُ ۖ وَبِذَٰلِكَ أُمِرْتُ وَأَنَا أَوَّلُ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا (يەنى يالغۇز ئاللاھقىلا خالىس ئىبادەت قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن»[163].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنداق دەپ ئېتىقاد قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجىسىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. مەن بۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلىدۇرمەن».
ئەئراف سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَمَرَ رَبِّي بِالْقِسْطِ ۖ وَأَقِيمُوا وُجُوهَكُمْ عِنْدَ كُلِّ مَسْجِدٍ وَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ ۚ كَمَا بَدَأَكُمْ تَعُودُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ھەر سەجدە قىلغاندا پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر ئاللاھ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلاردا (ئەسلىگە) قايتىسىلەر»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيىتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. سىلەر ھەر سەجدىدە پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلارغا قايتىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ئى مۇئمىنلار! ھەر سەجدە قىلغان چېغىڭلاردا پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقاندەك ئەسلىڭلارغا قايتىسىلەر».
7 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار، (دۇئا قىلغاندا كەلسە ـ كەلمەس سۆزلەپ، توۋلاپ) ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭلارغا يالۋۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار، ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلارغا يالۋۇرۇپ يوشۇرۇنچە دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
7 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: شەك - شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: ‹‹ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن›› دېدى[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك-شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقتۇر، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوق، مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقىۋاتىمەن».
7 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ عَادٍ أَخَاهُمْ هُودًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۚ أَفَلَا تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاد (قەۋمى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد: ‹‹ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. (ئۇنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟›› دېدى[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ھۇد: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. سىلەر (ئۇنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئاد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر، ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا تەقۋادار بولمامسىلەر؟» دېدى.
7 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَالِحًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ قَدْ جَاءَتْكُمْ بَيِّنَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ هَٰذِهِ نَاقَةُ اللَّهِ لَكُمْ آيَةً ۖ فَذَرُوهَا تَأْكُلْ فِي أَرْضِ اللَّهِ ۖ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق). ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى. مانا بۇ ـ ئاللاھ (بىۋاسىتە) ياراتقان چىشى تۆگىمۇ سىلەرگە مېنىڭ مۆجىزەمدۇر. ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارىي ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەڭلار. بولمىسا سىلەرنى قاتتىق ئازاب ھالاك قىلىدۇ[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى. مانا بۇ ئاللاھنىڭ تاشتىن چىقارغان ھىنگان تۆگىسىمۇ سىلەر ئۈچۈن بىر مۆجىزىدۇر، ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارىي ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى قاتتىق ئازاب ھالاك قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز سەمۇد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل كەلدى: ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ چىشى تۆگىسى، سىلەر ئۈچۈن ئايەت. ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، ئاللاھنىڭ زېمىنىدا يېسۇن. ئۇنىڭغا ھېچ يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىسىلەر.
7 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ قَدْ جَاءَتْكُمْ بَيِّنَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ فَأَوْفُوا الْكَيْلَ وَالْمِيزَانَ وَلَا تَبْخَسُوا النَّاسَ أَشْيَاءَهُمْ وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەديەن (خەلقىگە) ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۇ (ئۆز قەۋمىگە) ئېيتتى: « ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەقىقەتەن (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) مۆجىزە كەلدى، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرىلاڭلار، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار. (ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، زېمىندا (گۇناھلار قىلىپ) بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئەنە شۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەديەن (خەلقى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ (ئۆز قەۋمىگە) ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەقىقەتەن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى. ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا ئىشلىتىڭلار، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار. (ئاللاھ پەيغەمبەر ئەۋەتىپ) زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئەگەر ئىشەنسەڭلار، شۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز مەديەن ئاھالىسىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل كەلدى: كەمچەننى ۋە مىزاننى تولۇق تۇتۇڭلار، ئىنسانلارغا نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار، ئاللاھ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن سىلەر ئۇنىڭدا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. ئەنە شۇلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار.
7 : 138 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاوَزْنَا بِبَنِي إِسْرَائِيلَ الْبَحْرَ فَأَتَوْا عَلَىٰ قَوْمٍ يَعْكُفُونَ عَلَىٰ أَصْنَامٍ لَهُمْ ۚ قَالُوا يَا مُوسَى اجْعَلْ لَنَا إِلَٰهًا كَمَا لَهُمْ آلِهَةٌ ۚ قَالَ إِنَّكُمْ قَوْمٌ تَجْهَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز (قۇلزۇم) دېڭىزىدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى[138].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! سەن بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئاندىن ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئوخشاش ئىلاھ قىلىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا ئېيتتى: «سىلەر ھەقىقەتەن جاھىللىق قىلىدىغان قەۋم ئىكەنسىلەر!
7 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَغَيْرَ اللَّهِ أَبْغِيكُمْ إِلَٰهًا وَهُوَ فَضَّلَكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «ئاللاھ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟» دېدى[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «ئاللاھ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىمەن؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟ ئاللاھ سىلەرنى زامانداشلىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلغان تۇرسا!».
7 : 206 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ عِنْدَ رَبِّكَ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيُسَبِّحُونَهُ وَلَهُ يَسْجُدُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ[206].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغىلا سەجدە قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ يېنىدىكىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ.
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ صَلَاتُهُمْ عِنْدَ الْبَيْتِ إِلَّا مُكَاءً وَتَصْدِيَةً ۚ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدىكى ئىبادىتى پەقەت ئىسقىرتماق، چاۋاك چالماقتىنلا ئىبارەت بولدى. (ئى كاپىرلار!) كاپىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ھەرەم مەسجىدىنىڭ يېنىدىكى ئىبادىتى پەقەت ئىسقىرتماق، چاۋاك چالماقتىنلا ئىبارەت بولدى. (ئى كافىرلار!) سىلەر كافىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ بەيتۇللاھنىڭ يېنىدىكى نامىزى پەقەت ئىسقىرتىش ۋە چاۋاك چېلىش ئىدى5. شۇڭا ئۇلارغا: «كۇفرىلىق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.
تەۋبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
التَّائِبُونَ الْعَابِدُونَ الْحَامِدُونَ السَّائِحُونَ الرَّاكِعُونَ السَّاجِدُونَ الْآمِرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَالنَّاهُونَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَالْحَافِظُونَ لِحُدُودِ اللَّهِ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (گۇناھلىرىدىن) تەۋبە قىلغۇچىلار، (ئىخلاس بىلەن) ئىبادەت قىلغۇچىلار، (ئاللاھقا) ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلار (يەنى ئاللاھنىڭ بېكىتكەن پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ، چەكلىگەنلىرىدىن يانغۇچىلار)دۇر. (ئى مۇھەممەد! يۇقىرىدىكى سۈپەتلەرگە ئىگە) مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلغۇچىلار، ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلغۇچىلار، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. مۇئمىنلارغا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، ھەمد ئېيتقۇچى، ئاللاھ يولىدا سەپەرگە چىققۇچى، رۇكۇ قىلغۇچى، سەجدە قىلغۇچى، ياخشىلىققا بۇيرۇغۇچى، يامانلىقتىن توسقۇچى، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر. ئەنە شۇ مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
يۇنۇس سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَمَا سَأَلْتُكُمْ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر (مېنىڭ نەسىھىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن (ئاللاھقا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر مېنىڭ نەسىھىتىمدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، مەن سىلەردىن ھېچقانداق ئەجىر سورىمىدىم. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم».
10 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنْ كُنْتُمْ فِي شَكٍّ مِنْ دِينِي فَلَا أَعْبُدُ الَّذِينَ تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِنْ أَعْبُدُ اللَّهَ الَّذِي يَتَوَفَّاكُمْ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا مەن چوقۇنمايمەن، لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن، مەن مۆمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم»[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقانلىرىڭلارغا مەن چوقۇنمايمەن، لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن، مەن مۇئمىنلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! ئەگەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار، بىلىڭلاركى، مەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرگە چوقۇنمايمەن. لېكىن مەن سىلەرنى ۋاپات قىلدۇرىدىغان ئاللاھقا چوقۇنىمەن. ماڭا مۇئمىنلاردىن بولۇشۇم ئەمر قىلىندى
10 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْ أَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يەنە (ماڭا): «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە -ماڭا-: «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن
ئەنەس ئالىم: ۋە مۇنداق دېيىلدى: توغرا دىنىغا يۈزلەنگىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن.
ھۇد سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ ۚ إِنَّنِي لَكُمْ مِنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئېيتقىنكى، بۇ كىتاب): سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن (نازىل بولغان). شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئېيتقىنكى-: «سىلەر پەقەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن.
11 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ لَا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ ۖ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار، سىلەرنىڭ قاتتىق كۈننىڭ ئازابىغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېدى[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار، سىلەرنىڭ قاتتىق كۈننىڭ ئازابىغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار، مەن سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا ئەلەملىك كۈننىڭ ئازابى كېلىشتىن قورقىمەن».
11 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ عَادٍ أَخَاهُمْ هُودًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا مُفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سىلەر(ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن) پەقەت (ئاللاھقا) يالغاننى توقۇغۇچىلارسىلەر»[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، سىلەر پەقەت يالغاننى توقۇغۇچىلارسىلەر»
ئەنەس ئالىم: بىز ئاد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. سىلەر بوھتانچى كىشىلەرسىلەر4.
11 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَالِحًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ هُوَ أَنْشَأَكُمْ مِنَ الْأَرْضِ وَاسْتَعْمَرَكُمْ فِيهَا فَاسْتَغْفِرُوهُ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ ۚ إِنَّ رَبِّي قَرِيبٌ مُجِيبٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ سىلەرنى زېمىندىن (يەنى تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنى زېمىندا تۇرغۇزدى، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن يېقىندۇر، (دۇئانى) ئىجابەت قىلغۇچىدۇر»[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى -پەيغەمبەر قىلىپ- ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد - بەرھەق- يوقتۇر، ئۇ سىلەرنى زېمىندىن - يەنى تۇپراقتىن- ياراتتى، سىلەرنى زېمىندا تۇرغۇزدى، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، رەببىم ھەقىقەتەن يېقىندۇر، ئۇ -دۇئانى- ئىجابەت قىلغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: بىز سەمۇد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتتى ۋە سىلەردىن ئۇنى ئاۋاتلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، رەببىم يېقىندۇر، ئىجابەت قىلغۇچىدۇر».
11 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ وَلَا تَنْقُصُوا الْمِكْيَالَ وَالْمِيزَانَ ۚ إِنِّي أَرَاكُمْ بِخَيْرٍ وَإِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ مُحِيطٍ
مۇھەممەد سالىھ: مەديەن (ئەھلى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرمەڭلار، مەن سىلەرنى ھەقىقەتەن باي ھېسابلايمەن، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىنى قورشاپ تۇرغۇچى كۈن(يەنى قىيامەت كۈنى) نىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشۇڭلاردىن قورقىمەن[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەديەنگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى -پەيغەمبەر قىلىپ- ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد - بەرھەق- يوقتۇر، ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرمەڭلار، مەن سىلەرنى ھەقىقەتەن باي ھېسابلايمەن، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىنى قورشاپ تۇرغۇچى قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشۇڭلاردىن قورقىمەن
ئەنەس ئالىم: بىز مەديەن ئاھالىسىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. كەمچەننى ۋە مىزاننى كەم تۇتماڭلار. مەن سىلەرنى مەمۇرچىلىق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمەن. شۈبھىسىزكى، مەن بېشىڭلارغا قورشىغۇچى كۈننىڭ ئازابى كېلىشتىن قورقىمەن.
11 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ أَرَهْطِي أَعَزُّ عَلَيْكُمْ مِنَ اللَّهِ وَاتَّخَذْتُمُوهُ وَرَاءَكُمْ ظِهْرِيًّا ۖ إِنَّ رَبِّي بِمَا تَعْمَلُونَ مُحِيطٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ قەۋم -قېرىنداشلىرىم سىلەرگە ئاللاھتىنمۇ ئەتىۋارلىقمۇ؟ سىلەر ئاللاھنى ئارقاڭلارغا چۆرىۋەتتىڭلار (يەنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىدىڭلار ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلىمىدىڭلار)، پەرۋەردىگارىم سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ئەلۋەتتە تولۇق خەۋەرداردۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ قەۋم-قېرىنداشلىرىم سىلەرگە ئاللاھتىنمۇ ئەتىۋارلىقمۇ؟ سىلەر ئاللاھ نى ئارقاڭلارغا چۆرىۋەتتىڭلار، رەببىم سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ئەلۋەتتە خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: شۇئەيب مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ قەبىلەم سىلەرگە ئاللاھتىنمۇ ئەزىزمۇ؟ ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئارقاڭلارغا چۆرۈۋەتتىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، رەببىم قىلمىشىڭلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
11 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ غَيْبُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَإِلَيْهِ يُرْجَعُ الْأَمْرُ كُلُّهُ فَاعْبُدْهُ وَتَوَكَّلْ عَلَيْهِ ۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن). پەرۋەردىگارىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ، شۇنداق ئىكەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. رەببىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. بارلىق ئىشلار ئۇنىڭغىلا قايتۇرۇلىدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلغىن. رەببىڭ قىلىمىشلىرىڭلاردىن ھەرگىزمۇ خەۋەرسىز ئەمەس.
رەئد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَفْرَحُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ ۖ وَمِنَ الْأَحْزَابِ مَنْ يُنْكِرُ بَعْضَهُ ۚ قُلْ إِنَّمَا أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ اللَّهَ وَلَا أُشْرِكَ بِهِ ۚ إِلَيْهِ أَدْعُو وَإِلَيْهِ مَآبِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بىز كىتاب (يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىل) نازىل قىلغانلار (يەنى ئابدۇللا ئىبن سالام ۋە نەجاشىغا ئوخشاشلار) ساڭا نازىل قىلىنغان (قۇرئان) دىن شادلىنىدۇ. (ساڭا قارشى) ئىتتىپاق تۈزگەنلەرنىڭ ئارىسىدا (ھەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ گەدەنكەشلىكتىن) قۇرئاننىڭ بەزى (جايلىرىنى) ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. (ئى مۇھەممەد!) «مەن پەقەت (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھقا (ھېچ نەرسىنى) شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇلدۇم، (ئىنسانلارنى) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن، ئاللاھنىڭلا دەرگاھىغا قايتىمەن» دېگىن[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- بىز كىتاب نازىل قىلغانلار، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاندىن شادلىنىدۇ. ساڭا قارشى ئىتتىپاق تۈزگەنلەرنىڭ ئارىسىدا قۇرئاننىڭ بەزى جايلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. -ئى مۇھەممەد!- «مەن پەقەت يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇلدۇم، مەن كىشىلەرنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدۇ. لېكىن ئۇ گۇرۇھلاردىن ئۇنىڭ بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇلدۇم. مەن پەقەت ئۇنىڭغىلا دەۋەت قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغىلا يۆنىلىمەن».
ھىجىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
وَاعْبُدْ رَبَّكَ حَتَّىٰ يَأْتِيَكَ الْيَقِينُ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر رەببىڭگە ئىبادەت قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر رەببىڭگە ئىبادەت قىلغىن!
نەھىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ هَدَى اللَّهُ وَمِنْهُمْ مَنْ حَقَّتْ عَلَيْهِ الضَّلَالَةُ ۚ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ، (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ھەر ئۇممەتكە ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن ساقلنىڭلار» دېدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشتى، بەزىسى ئازغۇنلۇققا لايىق بولدى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار.
16 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَهُ الدِّينُ وَاصِبًا ۚ أَفَغَيْرَ اللَّهِ تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئىبادەت ھەمىشە ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا بىرىدىن قورقامسىلەر؟[52]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئىبادەت ھەمىشە ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ غەيرىيدىن قورقامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى پەقەتلا ئاللاھتۇر. دىنمۇ ھەر دائىم ئۇنىڭدۇر4. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا ئاللاھتىن غەيرىيدىن قورقامسىلەر؟
ئىسرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ۚ إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِنْدَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُلْ لَهُمَا أُفٍّ وَلَا تَنْهَرْهُمَا وَقُلْ لَهُمَا قَوْلًا كَرِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا، ئوھوي! دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن). ئۇلارنى دۈشكەللىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا «ئوھوي» دېمىگىن، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئاتا - ئاناڭنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇف!»3 دېگەن سۆزنىمۇ قىلمىغىن. ئۇلارغا ئازار بەرمىگىن، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن.
17 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ يَدْعُونَ يَبْتَغُونَ إِلَىٰ رَبِّهِمُ الْوَسِيلَةَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ وَيَرْجُونَ رَحْمَتَهُ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُ ۚ إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ كَانَ مَحْذُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەپ) ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭ (ئۆزلىرى ئىبادەت ئارقىلىق) پەرۋەردىگارىغا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەرۋەردىگارىغا) يېقىنراق بولغىنى (ھەم ئىبادەت ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ)، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ (ئۇنىڭ) ئازابىدىن قورقىدۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا تېگىشلىكتۇر[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھ نى قويۇپ ئىلاھ دەپ ئىبادەت قىلىدىغانلار رەببىغا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رەببىغا يېقىنراق بولغىنى، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدۇ، چۈنكى رەببىنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا تېگىشلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرى رەببىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدۇ. چۈنكى رەببىڭنىڭ ئازابى ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئازابتۇر.
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
لَٰكِنَّا هُوَ اللَّهُ رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِرَبِّي أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن مەن پەرۋەردىگارىم بولغان ئۇ ئاللاھنى (ئېتىراپ قىلىمەن)، پەرۋەردىگارىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن مەن رەببىم بولغان ئۇ ئاللاھ نى ئېتىراپ قىلىمەن، رەببىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن
ئەنەس ئالىم: لېكىن مەن ئىشىنىمەنكى، ئۇ زات ئاللاھتۇر، مېنىڭ رەببىمدۇر. مەن رەببىمگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمەن.
مەريەم سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوْمِهِ مِنَ الْمِحْرَابِ فَأَوْحَىٰ إِلَيْهِمْ أَنْ سَبِّحُوا بُكْرَةً وَعَشِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن زەكەرىييا ئىبادەتخانىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا: «چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن تەسبىھ ئېيتىڭلار» دەپ ئىشارەت قىلدى.
19 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مَرْيَمَ إِذِ انْتَبَذَتْ مِنْ أَهْلِهَا مَكَانًا شَرْقِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) قۇرئاندا مەريەم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا قۇرئاندا مەريەم قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا مەريەمنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتە بىر يەرگە كەتتى.
19 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنِّي عَبْدُ اللَّهِ آتَانِيَ الْكِتَابَ وَجَعَلَنِي نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى (يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ) ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ)[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى
ئەنەس ئالىم: بوۋاق ئېيتتى: «مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى. ئاللاھ ماڭا كىتابنى بەردى، مېنى نەبىي قىلدى،
19 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ اللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»
ئەنەس ئالىم: «ئاللاھ مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. ئۇنداقتا ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر».
19 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا فَاعْبُدْهُ وَاصْطَبِرْ لِعِبَادَتِهِ ۚ هَلْ تَعْلَمُ لَهُ سَمِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شېرىكى بارلىقىنى بىلەمسەن؟[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شېرىكى بارلىقىنى بىلەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر. ئۇ ھالدا سەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتا سەۋرلىك بولۇشقا تىرىشقىن. سەن ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان باشقا بىرىنى بىلەمسەن؟».
19 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ كُلُّ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ إِلَّا آتِي الرَّحْمَٰنِ عَبْدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەر كىشى رەھماننىڭ ھۇزۇرىغا پەقەتلا بەندە بولۇپ كېلىدۇ.
تاھا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّنِي أَنَا اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدْنِي وَأَقِمِ الصَّلَاةَ لِذِكْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن ئاللاھدۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھيوق، شۇنىڭ ئۈچۈن يالغۇز ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنداقتا سەن ماڭا ئىبادەت قىلغىن ۋە مېنىڭ زىكرىم ئۈچۈن نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن!
20 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَئِذٍ يَتَّبِعُونَ الدَّاعِيَ لَا عِوَجَ لَهُ ۖ وَخَشَعَتِ الْأَصْوَاتُ لِلرَّحْمَٰنِ فَلَا تَسْمَعُ إِلَّا هَمْسًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە (كىشىلەر ئاللاھنىڭ مەھشەرگاھقا) دەۋەت قىلغۇچىسىغا ئەگىشىدۇ، قىڭغىر كەتمەيدۇ، مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ھەيۋىتىدىن قورقۇپ، بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، پىچىرلاشقاندىن باشقىنى ئاڭلىمايسەن[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە دەۋەت قىلغۇچىغا ئەگىشىدۇ، قىڭغىر كەتمەيدۇ، مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ھەيۋىتىدىن قورقۇپ، بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، پىچىرلاشقاندىن باشقىنى ئاڭلىمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئىنسانلار چاقىرغۇچىغا ئەگىشىدۇ. ھېچكىم قىڭغىر كەتمەيدۇ. رەھماننىڭ ھەيۋىتى ئالدىدا ئاۋازلار بېسىقىپ كېتىدۇ. ناھايىتى پەس ئاۋازلاردىن باشقا ھېچ نەرسە ئاڭلىيالمايسەن.
ئەنبىيا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَمَنْ عِنْدَهُ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِ وَلَا يَسْتَحْسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتمايدۇ ۋە ھېرىپمۇ قالمايدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكىلەر ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتمايدۇ ۋە ھېرىپمۇ قالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ ئىگىسى پەقەتلا ئاللاھتۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكىلەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا تەكەببۇرلۇقمۇ قىلمايدۇ، ھارغىنلىقمۇ ھېس قىلمايدۇ.
21 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
يُسَبِّحُونَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ لَا يَفْتُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار كېچە ـ كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بوشاشمايدۇ[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كېچە ـ كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بوشاشمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كېچە - كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بۇنىڭدىن ھېچ بوشاپ قالمايدۇ4.
21 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا اتَّخَذَ الرَّحْمَٰنُ وَلَدًا ۗ سُبْحَانَهُ ۚ بَلْ عِبَادٌ مُكْرَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «ئاللاھنىڭ (پەرىشتىلەردىن) بالىسى بار» دېيىشتى، ئۇنداق ئەمەس. ئاللاھ (بۇنىڭدىن) پاكتۇر، (پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ) ھۆرمەتلىك بەندىلىرىدۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ - پەرىشتىلەردىن- بالىسى بار» دېيىشتى، ئۇنداق ئەمەس. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر، -پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ- ھۆرمەتلىك بەندىلىرىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنداقتىمۇ بەزىلەر: «پەرىشتىلەر رەھماننىڭ بالىلىرى» دېيىشتى. ياق، ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس! بەلكى پەرىشتىلەر ھۆرمەتلىك بەندىلەردۇر.
21 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي هَٰذَا لَبَلَاغًا لِقَوْمٍ عَابِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (قۇرئان) دا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچى قەۋم ئۈچۈن (خەۋەرلەر، ۋەز ـ نەسىھەتلەردىن) ئەلۋەتتە يېتەرلىك بار[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ قۇرئاندا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچى قەۋم ئۈچۈن -خەۋەرلەر، ۋەز ـ نەسىھەتلەردىن- ئەلۋەتتە يېتەرلىك بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئاندا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچى قەۋم ئۈچۈن ئۇقتۇرۇش بار.
21 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا يُوحَىٰ إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ فَهَلْ أَنْتُمْ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) «ماڭا ۋەھىي قىلىندىكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، سىلەر بويسۇنامسىلەر؟» دېگىن[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- :«ماڭا ۋەھيى قىلىندىكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، سىلەر بويسۇنامسىلەر؟» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ماڭا ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىندى. تەسلىم بولامسىلەر؟».
ھەج سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
لِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنْسَكًا هُمْ نَاسِكُوهُ ۖ فَلَا يُنَازِعُنَّكَ فِي الْأَمْرِ ۚ وَادْعُ إِلَىٰ رَبِّكَ ۖ إِنَّكَ لَعَلَىٰ هُدًى مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر ئۈممەت ئۈچۈن بىر شەرىئەت بېكىتتۇق، ئۇلار شۇ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدۇ، (مۇشرىكلار) شەرىئەت ئىشىدا سەن بىلەن جېدەللەشمىسۇن، كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن شەكسىز توغرا يولدىدۇرسەن[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر ئۈممەت ئۈچۈن بىر شەرىئەت بېكىتتۇق، ئۇلار شۇ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدۇ، شەرىئەت ئىشىدا سەن بىلەن جېدەللەشمىسۇن، كىشىلەرنى رەببىڭ تەرەپكە دەۋەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن شەكسىز توغرا يولدىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: بىز ھەر ئۇممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق. ئۇلار قۇربانلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشرىكلار بۇ توغرىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشمىسۇن. سەن ئىنسانلارنى رەببىڭنىڭ يولىغا چاقىرغىن. شۈبھىسىزكى، سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىسەن.
22 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ارْكَعُوا وَاسْجُدُوا وَاعْبُدُوا رَبَّكُمْ وَافْعَلُوا الْخَيْرَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار (يەنى تەزەررۇ بىلەن ناماز ئوقۇڭلار)، (يالغۇز) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئىشلارنى (يەنى خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىش، يېتىم ـ يېسىرلەرنىڭ بېشىنى سىلاش، كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئۆتەش قاتارلىق ئىشلارنى) قىلىڭلار[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، يالغۇز رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
نەمىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَّا يَسْجُدُوا لِلَّهِ الَّذِي يُخْرِجُ الْخَبْءَ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَيَعْلَمُ مَا تُخْفُونَ وَمَا تُعْلِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھقا سەجدە قىلمايدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇلار ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلەرنى ئاشكارىلىغۇچى، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھقا سەجدە قىلمايۋېتىپتۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلىۋاتقان پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھقا سەجدە قىلمايۋېتىپتۇ.
27 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ رَبَّ هَٰذِهِ الْبَلْدَةِ الَّذِي حَرَّمَهَا وَلَهُ كُلُّ شَيْءٍ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «مەن پەقەت ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن (ئۇنىڭ ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ). سەن (ئۇنىڭغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن»[91- 92].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى-: «مەن پەقەت ئاللاھ ھۈرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر - مەككە مۇكەررەمە- نىڭ رەببىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، يەنە مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن پەقەت بۇ شەھەرنىڭ رەببىگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئۇ، بۇ شەھەرنى ھۆرمەتلىك قىلغان زاتتۇر. ھەر نەرسە ئۇنىڭدۇر. مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِبْرَاهِيمَ إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاتَّقُوهُ ۖ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمنىمۇ (قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمنىمۇ -قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق-، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئىبراھىمنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
29 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَارْجُوا الْيَوْمَ الْآخِرَ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەديەن (ئاھالىسىگە) ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، شۇئەيب: «ئى قەۋمىم! بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىدىن قورقۇڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار» دېدى[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەديەنگە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىدىن قورقۇڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز مەديەن ئاھالىسىگە ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىڭلار، بۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار».
29 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ أَرْضِي وَاسِعَةٌ فَإِيَّايَ فَاعْبُدُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىن بەندىلىرىم! مېنىڭ زېمىنىم ھەقىقەتەن كەڭدۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىن بەندىلىرىم! مېنىڭ زېمىنىم ھەقىقەتەن كەڭدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىن بەندىلىرىم! مېنىڭ زېمىنىم ھەقىقەتەن كەڭدۇر. ئۇنداقتا پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار.
ياسىن سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا لِيَ لَا أَعْبُدُ الَّذِي فَطَرَنِي وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان ۋە سىلەر (ئۆلگەندىن كېيىن) دەرگاھىغا قايتىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلماي؟[22]
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان ۋە سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلماي؟
ئەنەس ئالىم: مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان زاتقا ئىبادەت قىلمايمەن! سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
36 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ أَعْهَدْ إِلَيْكُمْ يَا بَنِي آدَمَ أَنْ لَا تَعْبُدُوا الشَّيْطَانَ ۖ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟[60ـ61]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە : «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر،
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەردىن: ‹ئى ئادەم ئەۋلادى! شەيتانغا ئىبادەت قىلماڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر› دەپ ئەھدە ئالمىدىممۇ؟
36 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنِ اعْبُدُونِي ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟[60ـ61]
تەرجىمە ھەيئىتى: ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە: ‹ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر› دېمىدىممۇ؟
ساففات سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ إِلَٰهَكُمْ لَوَاحِدٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز بىر ئىلاھتۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز بىر ئىلاھتۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ئەلۋەتتە بىردۇر،
37 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرىلا جازاغا تارتىلمايدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرىلا جازاغا تارتىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
37 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرى (ئازابتىن قۇتۇلدى)[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرى مۇستەسنا
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى يامان ئاقىۋەتتىن قۇتۇلدى.
37 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
أَئِفْكًا آلِهَةً دُونَ اللَّهِ تُرِيدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟[86]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنى قويۇپ بىر قىسىم ئويدۇرما ئىلاھلارنى ئارزۇ قىلامسىلەر؟
37 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهَ رَبَّكُمْ وَرَبَّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ رەببىدۇر»
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ رەببىڭلار ۋە بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنى تەرك ئېتەمسىلەر؟
37 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
37 : 160 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئاللاھنى ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ئېتىقاد قىلىدۇ)[160].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى ئاللاھقا بوھتان چاپلىمايدۇ.
37 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
مَا أَنْتُمْ عَلَيْهِ بِفَاتِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ[161- 163].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر، ئازدۇرالمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا قارشى ھېچكىمنى ئازدۇرۇشقا قادىر ئەمەس.
37 : 165 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّا لَنَحْنُ الصَّافُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن (ئىبادەتتە) سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز[165].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز
ئەنەس ئالىم: بىز سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغۇچىلارمىز.
37 : 169 - ئايەت
كۆرۈش
لَكُنَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ[167- 169].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق».
ئەنەس ئالىم: بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق».
ساد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّهُمْ عِنْدَنَا لَمِنَ الْمُصْطَفَيْنَ الْأَخْيَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن ئالاھىدە تاللانغان كىشىلەردۇر، ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەردۇر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن ئالاھىدە تاللانغان كىشىلەردۇر، ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھۇزۇرىمىزدا تاللانغانلاردىن ۋە ياخشىلاردىندۇر.
38 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا عِبَادَكَ مِنْهُمُ الْمُخْلَصِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرالمايمەن)»[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا»
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلاردىن ئىخلاسمەن بەندىلىرىڭنى ئازدۇرالمايمەن».
زۇمەر سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ فَاعْبُدِ اللَّهَ مُخْلِصًا لَهُ الدِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا بىز (بۇ) كىتابنى ھەقىقەتەن ھەق بىلەن (يەنى ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) نازىل قىلدۇق، دىنىڭنى شېرىكتىن (ۋە رىيادىن) ساپ قىلغانىنىڭ ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا بىز بۇ كىتابنى ھەقىقەتەن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق، دىنىڭنى شېرىكتىن ساپ قىلغىنىڭ ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز بۇ كىتابنى ساڭا ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. شۇڭا ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلغىن.
39 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ اللَّهَ مُخْلِصًا لَهُ الدِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «مەن دىننى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مەن دىننى -شېرىكتىن ۋە رىيادىن- ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم،
39 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ اللَّهَ أَعْبُدُ مُخْلِصًا لَهُ دِينِي
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «دىنىمنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «دىنىمنى -شېرىكتىن ۋە رىيادىن- ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھقا دىنىمنى خالىس قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلىمەن.
39 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَفَغَيْرَ اللَّهِ تَأْمُرُونِّي أَعْبُدُ أَيُّهَا الْجَاهِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى نادانلار! مېنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇمسىلەر؟»[64]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئى نادانلار! مېنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشىقا بۇيرۇمسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى جاھىللار! سىلەر يەنىلا مېنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇمسىلەر؟».
39 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
بَلِ اللَّهَ فَاعْبُدْ وَكُنْ مِنَ الشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، بەلكى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھىي قىلىندى[65 ـ 66].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭا سەن يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن!
ئەنەس ئالىم: شۇڭا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن.
غافىر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
فَادْعُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: دىنىڭلارنى ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كاپىرلار، ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ
ئەنەس ئالىم: شۇڭا ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. كافىرلار ياقتۇرمىسىمۇ شۇنداق قىلىڭلار.
40 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ»[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ھالەنكى رەببىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلار مۇنداق دېدى: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، ئىجابەت قىلاي. ماڭا ئىبادەت قىلىشتىن ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتىدىغانلار خارلىق ئىچىدە جەھەننەمگە كىرىدۇ».
40 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الْحَيُّ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ ۗ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر![65]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىڭلارنى -شېرىكتىن ۋە رىيادىن- ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ دائىم تىرىكتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. شۇڭا ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.
40 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَمَّا جَاءَنِيَ الْبَيِّنَاتُ مِنْ رَبِّي وَأُمِرْتُ أَنْ أُسْلِمَ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم»[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «رەببىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ يالۋۇرىۋاتقانلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم، مەن ئالەملەرنىڭ رەببىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا مۇنداق دېگىن: «شۈبھىسىزكى، ماڭا رەببىمدىن روشەن دەلىللەر كەلگەندە، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلارغا چوقۇنۇشتىن مەنئى قىلىندىم ۋە ئالەملەرنىڭ رەببىگە تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇلدۇم».
فۇسسىلەت سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُوحَىٰ إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ فَاسْتَقِيمُوا إِلَيْهِ وَاسْتَغْفِرُوهُ ۗ وَوَيْلٌ لِلْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن (ئۇ مۇشرىكلارغا): «مەن سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمەن، ماڭا، ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، دەپ ۋەھىي قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا (ئىمان ۋە تائەت ـ ئىبادەت بىلەن) يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!» دېگىن، مۇشرىكلارغا ۋاي![6]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، ماڭا، «ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر» دەپ ۋەھيى قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!»، مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانمەن. لېكىن ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھقا يۆنىلىڭلار ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار». مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
41 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ اللَّيْلُ وَالنَّهَارُ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ ۚ لَا تَسْجُدُوا لِلشَّمْسِ وَلَا لِلْقَمَرِ وَاسْجُدُوا لِلَّهِ الَّذِي خَلَقَهُنَّ إِنْ كُنْتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار، ئەگەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار، ئەگەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار
ئەنەس ئالىم: كېچە، كۈندۈز، قۇياش ۋە ئاي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۇڭا قۇياشقىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار. ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار. ئەگەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار.
41 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنِ اسْتَكْبَرُوا فَالَّذِينَ عِنْدَ رَبِّكَ يُسَبِّحُونَ لَهُ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَهُمْ لَا يَسْأَمُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلىپ (ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) باش تارتسا، پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) كېچە ـ كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلسا، بىلسۇنكى، رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر كېچە - كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار چوڭچىلىق قىلسا، رەببىڭنىڭ يېنىدىكىلەر كېچە - كۈندۈز ھېچ زېرىكمەستىن ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ.
زۇخرۇف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْأَلْ مَنْ أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رُسُلِنَا أَجَعَلْنَا مِنْ دُونِ الرَّحْمَٰنِ آلِهَةً يُعْبَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن بۇرۇن بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزدىن سوراپ باققىنكى، مېھرىبان ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلارنى بەلگىلىدۇقمۇ؟ (پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغىنى بارمۇ؟)[45]
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن بۇرۇن بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزدىن سوراپ باققىنكى، مېھرىبان ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلارنى بەلگىلىدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ سەندىن بۇرۇن ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزدىن سوراپ باققىن2: بىز رەھماندىن غەيرىينى ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلار قىلىپتىمىزمۇ؟
43 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ هُوَ إِلَّا عَبْدٌ أَنْعَمْنَا عَلَيْهِ وَجَعَلْنَاهُ مَثَلًا لِبَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئىيسا) (ناسارالار گۇمان قىلغاندەك ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى ئەمەس) پەقەت پەيغەمبەرلىك نېمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر دەلىل قىلدۇق[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسا پەقەت پەيغەمبەرلىك نېمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا بىر دەلىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى بىز ئىنئام قىلغان بىر بەندىدىنلا ئىبارەتتۇر. بىز ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۈلگە قىلدۇق.
43 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ هُوَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر ۋە سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىمدۇر ۋە سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مېنىڭمۇ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. ئۇنداقتا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر».
43 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنْ كَانَ لِلرَّحْمَٰنِ وَلَدٌ فَأَنَا أَوَّلُ الْعَابِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: «ئەگەر مېھرىبان ئاللاھنىڭ بالىسى بولىدىغان بولسا، مەن (ئۇ بالىغا) ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولاتتىم» دېگىن[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئەگەر مېھرىبان ئاللاھنىڭ بالىسى بولغان بولسا، مەن ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولغان بولاتتىم»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر رەھماننىڭ بالىسى بولسا ئىدى، ئۇنىڭغا چوقۇنغۇچىلارنىڭ ئاۋۋىلى مەن بولاتتىم».
43 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي فِي السَّمَاءِ إِلَٰهٌ وَفِي الْأَرْضِ إِلَٰهٌ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھ، زېمىندىمۇ ئىلاھ بولغان زاتتۇر. ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنْسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ
مۇھەممەد سالىھ: جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈن ئۈچۈنلا ياراتتىم
ئەنەس ئالىم: مەن جىن ۋە ئىنسانلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈنلا ياراتتىم.
تۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْبَيْتِ الْمَعْمُورِ
مۇھەممەد سالىھ: بەيتۇلمەئمۇر بىلەن قەسەمكى[4]،
تەرجىمە ھەيئىتى: بەيتۇلمەئمۇر بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: بەيتىلمەئمۇر بىلەن،
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْجُدُوا لِلَّهِ وَاعْبُدُوا ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: قېنى ئەمدى ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئىبادەت قىلىڭلار.
نوھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
جىن سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّ الْمَسَاجِدَ لِلَّهِ فَلَا تَدْعُوا مَعَ اللَّهِ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: مەسجىدلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەسجىدلەر ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداق بولغانىكەن ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار
ئەنەس ئالىم: مەسچىتلەر ئاللاھنىڭدۇر. شۇڭا ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە دۇئا قىلماڭلار.
72 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُ لَمَّا قَامَ عَبْدُ اللَّهِ يَدْعُوهُ كَادُوا يَكُونُونَ عَلَيْهِ لِبَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ بەندىسى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا تۇرغاندا، (قۇرئان تىڭشاش ئۈچۈن) جىنلار (ئولىشىپ) ئۇنى بېسىۋىلىشقا تاس قالىدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ بەندىسى - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام - ئاللاھقا يالۋۇرۇش ئۈچۈن تۇرغاندا، جىنلار ئولىشىپ ئۇنى بېسىۋىلىشقا تاس قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ بەندىسى3 ئاللاھقا دۇئا قىلغىلى تۇرغاندا جىنلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا كىگىزلەر بولغىلى تاس قالدى4.
72 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا أَدْعُو رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِهِ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! دىنىڭدىن يېنىپ كېتىشىڭنى تەلەپ قىلغان بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن»[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مەن پەقەتلا رەببىمغا يالۋۇرىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن رەببىمگىلا دۇئا قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچكمنى شېرىك قىلمايمەن.
مۇزەممىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ وَتَبَتَّلْ إِلَيْهِ تَبْتِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن، (ئىبادىتىڭدە) ئۇنىڭغا تولۇق يۈزلەنگىن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن، ئۇنىڭغا تولۇق يۈزلەنگىن
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىن ۋە ئۇنىڭغىلا يۆنەلگىن.
مۇدەسسىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَبَّكَ فَكَبِّرْ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنى ئۇلۇغلا
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ بۈيۈكلۈكىنى ئېلان قىلغىن،
بەييىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
98 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ ۚ وَذَٰلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھالبۇكى ئۇلار، دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلغانىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، ئۇلار دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان ۋە ھەقىقەتنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشكە، زاكاتنى بېرىشكە ئەمر قىلىنغان ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر.
قۇرەيش سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
106 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
فَلْيَعْبُدُوا رَبَّ هَٰذَا الْبَيْتِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلسۇنكى، ئۇ ئۇلارنى ئاچلىقتا ئوزۇقلاندۇردى، ئۇلارنى قورقۇنچتىن ئەمىن قىلدى[3ـ4].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئۆي - بەيتۇللاھ - نىڭ رەببىغا ئىبادەت قىلسۇنكى
ئەنەس ئالىم: شۇ ئۆينىڭ1 رەببىگە ئىبادەت قىلسۇن،
كافىرۇن سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
109 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
لَا أَعْبُدُ مَا تَعْبُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرگە مەن ئىبادەت قىلمايمەن
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا چوقۇنمايمەن.
109 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: سىلەر مەن چوقۇنۇۋاتقان ئاللاھقا چوقۇنغۇچىلار ئەمەسسىلەر.
109 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا أَنَا عَابِدٌ مَا عَبَدْتُمْ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرگە مەن ئىبادەت قىلمايمەن
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنغۇچى ئەمەسمەن.
109 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: سىلەر مەن چوقۇنۇۋاتقان ئاللاھقا چوقۇنغۇچىلار ئەمەسسىلەر.
ناس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
114 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَٰهِ النَّاسِ
مۇھەممەد سالىھ: «ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سېغىنىمەن،