زىكىر
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئان كەرىم «زىكىر» دېگەن سۆزنى ئەلچىلەر ئارقىلىق ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئەسكەرتىش ۋە ئىنسانلارنىڭ بۇ ئەسكەرتىشكە بولغان ئىنكاسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. «زىكىر» ئاللاھنى ئەستە تۇتۇشنىڭ ئىچكى ھالىتىنى ۋە بۇ ئەستە تۇتۇشنىڭ ئاغزاكىي ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تاشقى ئىپادىسىنى تېپىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەرەبچىىسى: الذكر
ئېنگلىزچىسى: Remembrance of Allah
47 ئايەت
28 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 زىكىر ۋە دۇئا /
- 📄 زىكىر
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
فَاذْكُرُونِي أَذْكُرْكُمْ وَاشْكُرُوا لِي وَلَا تَكْفُرُونِ
مۇھەممەد سالىھ: مېنى (تائەت ـ ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش بىلەن، مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار[152].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، تۇزكورلۇق قىلماڭلار
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا مېنى زىكىر قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى زىكىر قىلىمەن48. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ماڭا تۇزكورلۇق قىلماڭلار.
2 : 198 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَبْتَغُوا فَضْلًا مِنْ رَبِّكُمْ ۚ فَإِذَا أَفَضْتُمْ مِنْ عَرَفَاتٍ فَاذْكُرُوا اللَّهَ عِنْدَ الْمَشْعَرِ الْحَرَامِ ۖ وَاذْكُرُوهُ كَمَا هَدَاكُمْ وَإِنْ كُنْتُمْ مِنْ قَبْلِهِ لَمِنَ الضَّالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدە (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھ ئىدىڭلار (ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى گۇمراھلار قاتارىدا ئىدىڭلار)[198].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرۇلھەرامدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھلىقتا ئىدىڭلار
ئەنەس ئالىم: ھەج مەۋسۇمىدە تىجارەت قىلىپ رەببىڭلاردىن ئىلتىپات تەلەپ قىلىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر. ئەرەفاتتىن سەلدەك ئاققان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. ئاللاھنى سىلەرگە كۆرسەتكىنى بويىچە زىكىر قىلىڭلار. سىلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئازغۇنلاردىن ئىدىڭلار.
2 : 200 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا قَضَيْتُمْ مَنَاسِكَكُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَذِكْرِكُمْ آبَاءَكُمْ أَوْ أَشَدَّ ذِكْرًا ۗ فَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنى ئاتا ـ بوۋاڭلارنى ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار. بەزى كىشىلەر: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر[200].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنى ئاتا ـ بوۋاڭلارنى ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار، بەزى كىشىلەر: «ئى رەببىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋە يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: ھەج ئىبادەتلىرىڭلارنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنى زىكىر قىلغاندەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى: «رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادا بەرگىن» دەيدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋىسى بولمايدۇ.
2 : 203 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرُوا اللَّهَ فِي أَيَّامٍ مَعْدُودَاتٍ ۚ فَمَنْ تَعَجَّلَ فِي يَوْمَيْنِ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ وَمَنْ تَأَخَّرَ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ لِمَنِ اتَّقَىٰ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ساناقلىق كۈنلەردە (تەشرىق كۈنلىرى يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 1 – 2 – 3 كۈنلىرىدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار)، (مىنادىن) ئالدىراپ ئىككى كۈندە قايتقان ئادەمگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، تەخىر قىلىپ قايتقان ئادەمگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (يۇقىرىقى ئەھكاملار) تەقۋادارلىق قىلىپ (ھەجنى تولۇق ئادا قىلماقچى بولغان) ئادەم ئۈچۈندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار؛ بىلىڭلاركى، سىلەر ھېساب ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر[203].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى قۇربان ھېيتتىن كېيىنكى تەشرىق كۈنلىرىدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (يەنى نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار)، مىنا تېغىدا قۇربان ھېيت كۈنىدىن كېيىن ئىككى كۈن تۇرۇپ ئالدىراپ قايتقان ئادەمگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، بۇ تەقۋادار ئادەم ئۈچۈندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار؛ بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ساناقلىق كۈنلەردە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. كىمكى ئالدىراپ مىنادىن ئىككى كۈندە قايتسا، ئۇنىڭغا گۇناھ يوق. كىمكى مىنادا يەنە بىر كۈن قالسا، ئۇنىڭغىمۇ گۇناھ يوق. بۇ تەقۋادار بولغان كىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر.
2 : 239 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ خِفْتُمْ فَرِجَالًا أَوْ رُكْبَانًا ۖ فَإِذَا أَمِنْتُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُمْ مَا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ (ناماز ئوقۇڭلار). ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا ئاللاھنىڭ سىلەرگە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگەتكىنىدەك ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (يەنى قورقۇنچ تۈگىگەندە، ئاللاھ نامازنى قانداق ئۆتەشكە ئەمر قىلغان بولسا، تولۇق ئەركانلىرى بىلەن شۇنداق ئۆتەڭلار)[239].
تەرجىمە ھەيئىتى: قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، سىلەر نامازنى پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ ئوقۇساڭلار بولىدۇ. ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا، ناماز ئوقۇشنى بىلمەيدىغان ۋاقتىڭلاردا ئاللاھنىڭ سىلەرگە تەلىم بەرگىنى بويىچە ئوقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئەگەر قورقۇنچ ئىچىدە بولساڭلار، نامىزىڭلارنى پىيادە مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ئوقۇڭلار. بىخەتەرلىككە ئېرىشكەن چېغىڭلاردا بولسا، ئاللاھنى سىلەرگە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگەتكىنى بويىچە زىكىر قىلىڭلار.
ئال ئىمران سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اجْعَلْ لِي آيَةً ۖ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَةَ أَيَّامٍ إِلَّا رَمْزًا ۗ وَاذْكُرْ رَبَّكَ كَثِيرًا وَسَبِّحْ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: ‹‹پەرۋەردىگارىم! ماڭا (ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر نىشانە ئاتا قىلغىن» دېدى. ئاللاھ: ‹‹ساڭا بولىدىغان نىشانە شۇكى، ئۈچ كۈنگۈچە كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن (يەنى زىكرى - تەسبىھ ئېيتىشتىن باشقا سۆزگە تىلىڭ كەلمەيدۇ). پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن، (نېمىتىمگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەت، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيت» دېدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «ئى رەببىم! ماڭا ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر بەلگە ئاتا قىلغىن» دېدى. ئاللاھ: «ساڭا بېرىلىدىغان بەلگە شۇكى، سەن ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە گەپ قىلالمايسەن،. پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن. پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەتكىن، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيتقىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا: «رەببىم! ئۇنداق بولسا ماڭا بىرەر ئالامەت بەرگىن» دېدى. ئاللاھ: «ئالامىتىڭ شۇ: سەن ئىنسانلارغا ئۈچ كۈن سۆز قىلالمايسەن. لېكىن مەقسىدىڭنى ئىشارەت بىلەن ئۇقتۇرالايسەن. رەببىڭنى كۆپ زىكىر قىلغىن، چۈشتىن كېيىن ۋە ئىلگىرى ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن» دېدى.
3 : 191 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَذْكُرُونَ اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَىٰ جُنُوبِهِمْ وَيَتَفَكَّرُونَ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ رَبَّنَا مَا خَلَقْتَ هَٰذَا بَاطِلًا سُبْحَانَكَ فَقِنَا عَذَابَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن[191].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللانى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «ئى رەببىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان چاغلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھنى زىكىر قىلىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلىدۇ ۋە مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! بۇلارنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن ئۇلۇغسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا قَضَيْتُمُ الصَّلَاةَ فَاذْكُرُوا اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَىٰ جُنُوبِكُمْ ۚ فَإِذَا اطْمَأْنَنْتُمْ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ ۚ إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا
مۇھەممەد سالىھ: نامازنى تۈگەتكىنىڭلاردا ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتتە ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (ئاللاھ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىشى مۇمكىن). خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى (پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن) مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن (پەرز) پەرز قىلىندى[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: نامازدىن بوشىغان ۋاقتىڭلاردا ئۆرە تۇرۇپمۇ، ئولتۇرۇپمۇ ۋە يېتىپ تۇرۇپمۇ ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى
ئەنەس ئالىم: نامازنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى تولۇق ئۆتەڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلىنىپ پەرز قىلىنغان ۋەزىپىدۇر49.
مائىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ مَاذَا أُحِلَّ لَهُمْ ۖ قُلْ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ ۙ وَمَا عَلَّمْتُمْ مِنَ الْجَوَارِحِ مُكَلِّبِينَ تُعَلِّمُونَهُنَّ مِمَّا عَلَّمَكُمُ اللَّهُ ۖ فَكُلُوا مِمَّا أَمْسَكْنَ عَلَيْكُمْ وَاذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهِ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە (يېمەك ـ ئىچمەكتىن) نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە (ئىت، قارچىغا، قۇشقا ئوخشاش) شىكارغا ئۆگىتىلگەن، سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنى بويىچە ئۆگەتكەن ئوۋچى جانىۋارلارنىڭ شىكار قىلغان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى. ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلىغان نەرسىلىرىدىن يەڭلار (ئوۋچى جانىۋارلارنى شىكارغا قويۇپ بەرگەن چېغىڭلاردا) ئاللاھنىڭ نامىنى ياد قىلىڭلار (يەنى بىسمىللاھ دەڭلار)، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) تىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر»[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى ۋە (ئىت، قارچىغا، قۇشقا ئوخشاش) شىكارغا ئۆگىتىلگەن، سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا بىلدۈرگىنى بويىچە ئۆگەتكەن ئوۋچى جانىۋارلارنىڭ ئوۋلىغان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى، ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلاپ تۇتۇپ تۇرغان نەرسىلىرىدىن يەڭلار. ئوۋچى جانىۋارلارنى قويۇپ بەرگەن چېغىڭلاردا بىسمىللاھ دەڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنىدىن ئۆگىتىپ، ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ھايۋانلار سىلەرگە تۇتۇپ بەرگەن ھايۋانلار ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەرگە تۇتۇپ بەرگەن ھايۋاندىن يەڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى ناھايىتى تېزدۇر».
5 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا يُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَنْ يُوقِعَ بَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ فِي الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ وَيَصُدَّكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَعَنِ الصَّلَاةِ ۖ فَهَلْ أَنْتُمْ مُنْتَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئۆچمەنلىك تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، شەيتان مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار بىلەن ئاراڭلارغا دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك سېلىشنى، سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن ۋە نامازدىن توسۇشنى ئىرادە قىلىدۇ. ئەمدىغۇ يانىدىغانسىلەر؟
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَطْرُدِ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ ۖ مَا عَلَيْكَ مِنْ حِسَابِهِمْ مِنْ شَيْءٍ وَمَا مِنْ حِسَابِكَ عَلَيْهِمْ مِنْ شَيْءٍ فَتَطْرُدَهُمْ فَتَكُونَ مِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى دەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سەن جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن). سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ئەتىگەندە، كەچتە پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى سەن يېنىڭدىن قوغلىۋەتمىگىن، سەن ئۇلارنى قوغلىۋەتكۈدەك (ھىچ ئىش يوق)، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، ئەگەر ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! رەببىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغانلارنى قوغلىۋەتمىگىن! ئۇلارنىڭ ھېچبىر ھېسابى سەندىن ئېلىنمايدۇ. سېنىڭ ھېچبىر ھېسابىڭ ئۇلاردىن ئېلىنمايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئۇلارنى قوغلىۋېتەر ئىدىڭ. ئەگەر ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن.
ئەئراف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 200 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۚ إِنَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشىڭنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[200].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سېنى شەيتاندىن بىرەر ۋەسۋەسە نوقۇسا، دەرھال ئاللاھقا سېغىنغىن. چۈنكى ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
7 : 201 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ اتَّقَوْا إِذَا مَسَّهُمْ طَائِفٌ مِنَ الشَّيْطَانِ تَذَكَّرُوا فَإِذَا هُمْ مُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ ـ دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ[201].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا ئاللاھنى ئەسلەيدۇ ـ دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋالالايدۇ
ئەنەس ئالىم: تەقۋادار كىشىلەر ئۆزلىرىگە شەيتاندىن بىرەر ۋەسۋەسە تەگسە، ھوشىنى يىغىدۇ - دە، ھەقىقەتنى كۆرىدۇ.
7 : 205 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ رَبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ وَلَا تَكُنْ مِنَ الْغَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە ـ ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن[205].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە ـ ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن. غاپىللاردىن بولمىغىن
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنى يېلىنغان ۋە قورققان ھالدا، ئىچىڭدە، پەس ئاۋاز بىلەن چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن زىكىر قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن.
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا لَقِيتُمْ فِئَةً فَاثْبُتُوا وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! (مۇشرىكلاردىن) بىر جامائەگە (يەنى دۈشمەن قوشۇنىغا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! (مۇشرىكلاردىن) بىر جامائەگە ئۇچراشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! بىرەر قوشۇن بىلەن توقۇنۇشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
رەئد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ آمَنُوا وَتَطْمَئِنُّ قُلُوبُهُمْ بِذِكْرِ اللَّهِ ۗ أَلَا بِذِكْرِ اللَّهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُ
مۇھەممەد سالىھ: (تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كىشىلەر ئىمان ئېيتقان ۋە قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئارام تاپىدىغان كىشىلەردۇر. بىلىڭلاركى، قەلبلەر پەقەت ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەنلا ئارام تاپىدۇ10.
ھىجىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَكُنْ مِنَ السَّاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭگە ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن
ئەنەس ئالىم: سەن رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن، سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن،
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ وَاذْكُرْ رَبَّكَ إِذَا نَسِيتَ وَقُلْ عَسَىٰ أَنْ يَهْدِيَنِ رَبِّي لِأَقْرَبَ مِنْ هَٰذَا رَشَدًا
مۇھەممەد سالىھ: «خۇدا خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن (يەنى خۇدا خالىسا قىلىمەن دېگىن)، (خۇدا خالىسا دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالساڭ، پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالغىن (يەنى «خۇدا خالىسا» نى ئېسىڭگە كەلگەندە ئېيتقىن) ھەمدە: «پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن توغرا يولغا باشلىشىنى (يەنى دىنىم، دۇنيايىمدا مېنى ئەڭ دۇرۇس ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى) ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئاللاھ خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن، ئاللاھ خالىسا دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالساڭ، رەببىڭنى تىلغا ئالغىن ھەمدە: «رەببىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن توغرا يولغا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن
ئەنەس ئالىم: «ئىنشائاللاھ قىلىمەن» دېگىن. ئۇنتۇغان چېغىڭدا ئاللاھنى زىكىر قىلغىن ۋە: «رەببىم مېنى توغرىغا بۇنىڭدىنمۇ يېقىن بولغىنىغا ئېرىشتۈرگەي» دېگىن.
مەريەم سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اجْعَلْ لِي آيَةً ۚ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَ لَيَالٍ سَوِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! (ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا) ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «سېنىڭ ئالامىتىڭ (شۇكى)، ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن»[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىيا ئېيتتى: «رەببىم! -ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا- ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «سېنىڭ ئالامىتىڭ - شۇكى-؛ ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن»
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا: «ئۇنداق بولسا، ماڭا بىرەر ئالامەت قىلىپ بەرگىن» دېدى. ئاللاھ: «ئالامىتىڭ شۇ: سەن ساق - سالامەت تۇرۇقلۇق ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئىنسانلارغا گەپ قىلالمايسەن» دېدى.
19 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوْمِهِ مِنَ الْمِحْرَابِ فَأَوْحَىٰ إِلَيْهِمْ أَنْ سَبِّحُوا بُكْرَةً وَعَشِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن زەكەرىييا ئىبادەتخانىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا: «چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن تەسبىھ ئېيتىڭلار» دەپ ئىشارەت قىلدى.
19 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
فَكُلِي وَاشْرَبِي وَقَرِّي عَيْنًا ۖ فَإِمَّا تَرَيِنَّ مِنَ الْبَشَرِ أَحَدًا فَقُولِي إِنِّي نَذَرْتُ لِلرَّحْمَٰنِ صَوْمًا فَلَنْ أُكَلِّمَ الْيَوْمَ إِنْسِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ شېرىن خورمىدىن) يېگىن، (بۇ تاتلىق سۇدىن) ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن، بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ (ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا): مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن دېگىن»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شېرىن خورمىدىن يېگىن، بۇ تاتلىق سۇدىن ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن، بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا: مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن دېگىن»
ئەنەس ئالىم: يېگىن، ئىچكىن، كۆزلىرىڭ چاقنىسۇن4. بىرەر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالساڭ: ‹مەن رەھمانغا بىر مۇددەت گەپ قىلماسلىققا ۋەدە بەردىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ھېچكىمگە گەپ قىلمايمەن› دېگىن».
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
كَيْ نُسَبِّحَكَ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتايلى،
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا رَآكَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَٰذَا الَّذِي يَذْكُرُ آلِهَتَكُمْ وَهُمْ بِذِكْرِ الرَّحْمَٰنِ هُمْ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار سېنى كۆرگەن چاغدا: «سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلارنى ئەيىبلەيدىغان ئادەم مۇشۇمۇ؟ » (دېيىشىپ) سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار سېنى كۆرگەن چاغدا: «سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلارنى ئەيىبلەيدىغان ئادەم مۇشۇمۇ؟ » دېيىشىپ سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلار سېنى كۆرگەن چاغلىرىدا مەسخىرە قىلىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلمايدۇ، بىر - بىرىگە: «ئىلاھلىرىڭلارغا تىل تەگكۈزۈۋاتقان ئادەم مۇشۇمۇ؟» دېيىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار رەھماننىڭ زىكرىگە كافىردۇر.
نۇر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فِي بُيُوتٍ أَذِنَ اللَّهُ أَنْ تُرْفَعَ وَيُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ يُسَبِّحُ لَهُ فِيهَا بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشى بۇيرۇلغان مەسجىدلەردە (مۆمىنلەر) ئەتىگەن – ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشى بۇيرۇلغان مەسجىدلەردە ئەتىگەن - ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ تەكچە، ئاللاھ ئۇلۇغلىنىشىغا ۋە ئىچىدە ئۆز ئىسمىنىڭ زىكىر قىلىنىشىغا ئىجازەت بەرگەن ئۆيلەردىدۇر. ئۇ ئۆيلەردە بىر قىسىم كىشىلەر چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ.
24 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
رِجَالٌ لَا تُلْهِيهِمْ تِجَارَةٌ وَلَا بَيْعٌ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَإِقَامِ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءِ الزَّكَاةِ ۙ يَخَافُونَ يَوْمًا تَتَقَلَّبُ فِيهِ الْقُلُوبُ وَالْأَبْصَارُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا ـ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن قورقىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا ـ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھ نى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان - قىيامەت كۈنى-دىن قورقىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، تىجارەت ۋە ئېلىم - سېتىمغا بېرىلىپ ئاللاھنىڭ زىكرىدىن، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشتىن، زاكاتنى بېرىشتىن غەپلەتتە قالمايدۇ. ئۇلار قەلبلەر ۋە كۆزلەر دەھشەت بىلەن سىلكىنىدىغان كۈندىن قورقىدۇ.
24 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يُسَبِّحُ لَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالطَّيْرُ صَافَّاتٍ ۖ كُلٌّ قَدْ عَلِمَ صَلَاتَهُ وَتَسْبِيحَهُ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِمَا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ۋە قاناتلىرىنى كەرگەن ھالدا (ئۇچۇپ كېتىۋاتقان) قۇشلارنىڭ تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقىنى سەن بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر(مەخلۇق) نىڭ دۇئاسىنى ۋە تەسبىھىنى بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ۋە قاناتلىرىنى كەرگەن ھالدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر مەخلۇقنىڭ دۇئاسىنى ۋە تەسبىھىنى بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر، سەپ - سەپ ئۇچارقاناتلار ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتماقتىدۇر. ھەر بىرى نامىزىنى ۋە تەسبىھىنى بىلدى8. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
شۇئەرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 227 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَذَكَرُوا اللَّهَ كَثِيرًا وَانْتَصَرُوا مِنْ بَعْدِ مَا ظُلِمُوا ۗ وَسَيَعْلَمُ الَّذِينَ ظَلَمُوا أَيَّ مُنْقَلَبٍ يَنْقَلِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ[227].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھ نى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىنتىقام ئالغان شائىرلار ئۇنداق ئەمەس5. زالىملار يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ تامامەن يىقىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
اتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ وَأَقِمِ الصَّلَاةَ ۖ إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَىٰ عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ ۗ وَلَذِكْرُ اللَّهِ أَكْبَرُ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَصْنَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتاب- قۇرئان- نى تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى تەئدىل ئەركان بىلەن ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، ئاللاھ نى ياد ئېتىش ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان ھەممە ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ناماز قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلەردىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنىڭ زىكرى ئەڭ بۈيۈكتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىدۇ.
ئەھزاب سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ـ ئاللاھ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەرگە - ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان كىشىلەرگە - ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر.
33 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا اللَّهَ ذِكْرًا كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ نى كۆپ ياد قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار،
ساففات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا أَنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُسَبِّحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى[143-144].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى،
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى،
ساد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالَ إِنِّي أَحْبَبْتُ حُبَّ الْخَيْرِ عَنْ ذِكْرِ رَبِّي حَتَّىٰ تَوَارَتْ بِالْحِجَابِ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاتلارنى پەرۋەردىگارىمنى ئەسلەش ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم، ئۇلار (كۆزۈمدىن) غايىب بولغىچە (ئۇلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش بىلەن بولدۇم)»[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلەيمان ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاتلارنى رەببىمنى ئەسلەش ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم، ئاخىرىدا ئۇلار كۆزۈمدىن غايىب بولدى»
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «مەن بۇ ياخشى ماللارنى رەببىمنى ئەسلەتكەنلىكى ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم» دېدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاتلار كۆزىدىن غايىب بولغۇچە تەكرارلاپ تۇردى.
38 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ عِبَادَنَا إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ أُولِي الْأَيْدِي وَالْأَبْصَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا) بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈچلۈك ۋە بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنىمۇ ئەسلىگىن
ئەنەس ئالىم: بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبلارنىمۇ زىكىر قىلغىن، ئۇلار كۈچلۈك ۋە ئاڭلىق كىشىلەر ئىدى.
38 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَخْلَصْنَاهُمْ بِخَالِصَةٍ ذِكْرَى الدَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى بىز پاك ـ خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشىلەر قىلدۇق[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى بىز پاك ـ خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشلەر قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى ئاخىرەتنى ئويلاپ تۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلدۇق.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ نَزَّلَ أَحْسَنَ الْحَدِيثِ كِتَابًا مُتَشَابِهًا مَثَانِيَ تَقْشَعِرُّ مِنْهُ جُلُودُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمْ وَقُلُوبُهُمْ إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُدَى اللَّهِ يَهْدِي بِهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. (پاساھەتتە، بالاغەتتە) ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، (ۋەز ـ نەسىھەتلەر، ئەھكاملار، قىسسەلەر ئۇنىڭدا) تەكرارلىنىدۇ، (قۇرئاندىكى ئازاب ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا) پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتىگە دائىر ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا)، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشاپ (ئارام تاپىدۇ)، ئەنە شۇ (يەنى قۇرئان) ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن (ئاللاھ) خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان، تەكرارلىنىدىغان رەۋىشتە بىر كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى. رەببىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ تىرىلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشايدۇ، ئەنە شۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ ھىدايەت رەھبىرىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشى ھىدايەت تاپىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر - بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن - ئىككىدىن بولغان كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى. رەببىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ تېرىلىرى ئۇنىڭدىن تىترەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ تېرىلىرى ۋە قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۇمشايدۇ. ئەنە شۇ كىتاب ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.
زۇخرۇف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
لِتَسْتَوُوا عَلَىٰ ظُهُورِهِ ثُمَّ تَذْكُرُوا نِعْمَةَ رَبِّكُمْ إِذَا اسْتَوَيْتُمْ عَلَيْهِ وَتَقُولُوا سُبْحَانَ الَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَٰذَا وَمَا كُنَّا لَهُ مُقْرِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر[12ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرەۋردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا قادىر ئەمەس ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۇلاغلارنىڭ ئۇچىلىرىغا مىنگەيسىلەر، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىلىرىگە يەرلىشىپ بولغان چېغىڭلاردا رەببىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلىگەيسىلەر ۋە مۇنداق دېگەيسىلەر: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات ئۇلۇغدۇر. ئۇ بويسۇندۇرۇپ بەرمىسە ئىدى، بىزنىڭ بۇنىڭغا كۈچىمىز يەتمەيتتى.
43 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَعْشُ عَنْ ذِكْرِ الرَّحْمَٰنِ نُقَيِّضْ لَهُ شَيْطَانًا فَهُوَ لَهُ قَرِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن (يەنى قۇرئاندىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى ھۆكۈمران قىلىمىز (شەيتان ئۇنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ)، شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى مېھرىبان ئاللاھنىڭ زىكرى - قۇرئان - دىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى مۇسەللەت قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم رەھماننىڭ كىتابىدىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭغا بىر شەيتان ھەمراھ قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇنىڭ يېقىنى بولىدۇ.
ھەشر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ نَسُوا اللَّهَ فَأَنْسَاهُمْ أَنْفُسَهُمْ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنى ئۇنتۇغان، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۆزلىرىگە ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار. ئەنە شۇلار فاسىقلاردۇر.
جۇمۇئە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
62 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِنْ يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە (يەنى جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا) ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم ـ سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە ئالدىراڭلار ۋە ئېلىم ـ سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئېيتىلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۈگۈرۈڭلار. ئېلىم - سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار.
62 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانْتَشِرُوا فِي الْأَرْضِ وَابْتَغُوا مِنْ فَضْلِ اللَّهِ وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا (يەنى نامازدىن فارىغ بولغىنىڭلاردىن كېيىن) زېمىنغا تارىلىپ (يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارىلىپ، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار
ئەنەس ئالىم: ناماز ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
مۇنافىقۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
63 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ ۚ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرنى مال ۋە بالىلىرىڭلار ئاللاھنىڭ زىكرىدىن توسمىسۇن. ئۇنداق قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
قەلەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَوْسَطُهُمْ أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ لَوْلَا تُسَبِّحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ياخشىسى (يەنى ئەڭ ئەقىللىقى): «سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتمايسىلەر دېمىگەنمىدىم؟» دېدى[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ياخشىسى ئوتتۇراھالراق بولغىنى: «سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتمايسىلەر دېمىگەنمىدىم؟ دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ھال بولغىنى1: «مەن سىلەرگە: ‹نېمە ئۈچۈن ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتمايسىلەر؟› دېمىدىممۇ؟» دېدى.
مۇزەممىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ نَاشِئَةَ اللَّيْلِ هِيَ أَشَدُّ وَطْئًا وَأَقْوَمُ قِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، كېچىنىڭ قىيامى (يەنى كېچىدە كىشىنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ تۇرۇشى) ئەڭ مۇۋاپىقتۇر، (تىنچ بولغانلىقى ئۈچۈن) كېچىنىڭ قىرائىتى ئەڭ توغرا بولىدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، كېچىدە تۇرۇش، تېخىمۇ مۇۋاپىق، قىرائەت جەھەتتىن ئەڭ توغرىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، كېچىنىڭ ئىبادىتى ئەڭ تەسىرلىك، قىرائىتى ئەڭ توغرىدۇر.
73 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ وَتَبَتَّلْ إِلَيْهِ تَبْتِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن، (ئىبادىتىڭدە) ئۇنىڭغا تولۇق يۈزلەنگىن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن، ئۇنىڭغا تولۇق يۈزلەنگىن
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىن ۋە ئۇنىڭغىلا يۆنەلگىن.
ئىنسان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تُطِعْ مِنْهُمْ آثِمًا أَوْ كَفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەتىگەن ـ ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭغا كۆپ تائەت ـ ئىبادەت قىلغىن)[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەتىگەن ـ ئاخشامدا رەببىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن
ئەنەس ئالىم: چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن رەببىڭنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىن،
76 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، ئۇزۇن كېچىدە ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت
ئەنەس ئالىم: كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىن، كېچىنىڭ ئۇزۇن بىر قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن.
ئەئلا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَذَكَرَ اسْمَ رَبِّهِ فَصَلَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە رەببىنىڭ نامىنى ياد ئېتىپ ناماز ئۆتىگەن ئادەم مەخسىتىگە يېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ۋە رەببىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ناماز ئۆتىگەن3.