سەۋر
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
سەۋر — قىيىنچىلىقلارغا، گۇناھ ياكى ئىتائەت قىزىقتۇرۇش ۋە تەلەپلىرىگە قارشى تەۋرەنمەس چىدامچانلىق. ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە، ھەر ئەھۋالدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي، تەمكىن ۋە مۆتىدىل مۇئامىلىدە بولۇشتەك ئومۇميۈزلۈك ئەخلاقىي پەزىلەت.
ئەرەبچىىسى: الصبر
ئېنگلىزچىسى: Patience
112 ئايەت
47 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 پەزىلەتلەر /
- 📄 سەۋر
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ ۚ وَإِنَّهَا لَكَبِيرَةٌ إِلَّا عَلَى الْخَاشِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (ئاللاھتىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھتىن قورققۇچىلار (كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلار) دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (ئاللاھتىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر
ئەنەس ئالىم: سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز ھەقىقەتەن ئېغىر ۋەزىپىدۇر. لېكىن ئۇ ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس.
2 : 153 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر[153].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
2 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ بِشَيْءٍ مِنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنْفُسِ وَالثَّمَرَاتِ ۗ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ، بىرئاز قەھەتچىلىك، ماللىرىڭلار، جانلىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋە زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن[155].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە پۇل-ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدۇرمىز، بىز چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ ۋە بىرئاز ئاچلىق بىلەن، مال، جان ۋە مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن كېمەيتىش بىلەن سىنايمىز. سەن سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
2 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُمْ مُصِيبَةٌ قَالُوا إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ[156].
ئەنەس ئالىم: ئۇ سەۋر قىلغۇچىلار شۇنداق كىشىلەركى، بېشىغا مۇسىبەت يەتكەندە: «شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭدۇرمىز. شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلاردۇرمىز!» دەيدۇ.
2 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ عَلَيْهِمْ صَلَوَاتٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَرَحْمَةٌ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار رەببىنىڭ ئىنايىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ. ھىدايەت تاپقۇچىلار ئەنە شۇلاردۇر.
2 : 249 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا فَصَلَ طَالُوتُ بِالْجُنُودِ قَالَ إِنَّ اللَّهَ مُبْتَلِيكُمْ بِنَهَرٍ فَمَنْ شَرِبَ مِنْهُ فَلَيْسَ مِنِّي وَمَنْ لَمْ يَطْعَمْهُ فَإِنَّهُ مِنِّي إِلَّا مَنِ اغْتَرَفَ غُرْفَةً بِيَدِهِ ۚ فَشَرِبُوا مِنْهُ إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ ۚ فَلَمَّا جَاوَزَهُ هُوَ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ قَالُوا لَا طَاقَةَ لَنَا الْيَوْمَ بِجَالُوتَ وَجُنُودِهِ ۚ قَالَ الَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُمْ مُلَاقُو اللَّهِ كَمْ مِنْ فِئَةٍ قَلِيلَةٍ غَلَبَتْ فِئَةً كَثِيرَةً بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ مَعَ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: تالۇت ئەسكەرلىرى بىلەن (بەيتۇلمۇقەددەستىن) ئايرىلغان چاغدا: «ئاللاھ سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ، كىمكى ئۇنىڭدىن ئىچىدىكەن، ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، كىمكى دەريا سۈيىنى تېتىمايدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ماڭا تەۋەدۇر، ئۇنىڭدىن (ئۇسسۇزلۇقىنى بىرئاز بېسىش ئۈچۈن) بىر ئۇچۇم ئىچكەن ئادەم (بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ)» دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دەريادىن ئۆتكەن چاغدا (دۈشمەننىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ قورقۇنچقا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى): «بۈگۈن بىزنىڭ جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا كۈچىمىز يەتمەيدۇ» دېدى. (تالۇتنىڭ تەۋەلىرىدىن) ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشقا ئىشىنىدىغانلار: «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ» دېدى. ئاللاھ بەرداشلىق بەرگۈچىلەر بىلەن بىللىدۇر[249].
تەرجىمە ھەيئىتى: تالۇت ئەسكەرلىرى بىلەن يولغا چىققان چاغدا: «ئاللاھ سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ، كىمكى دەريا سۈيىدىن ئىچىدىكەن، ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، كىمكى دەريا سۈيىنى ئىچمەيدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ماڭا تەۋەدۇر، ئۇنىڭدىن بىر ئۇچۇم ئىچكەن ئادەم بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان مۆمىنلەر دەريادىن ئۆتكەن چاغدا (دۈشمەننىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ) ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى: «بۈگۈن بىز جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيمىز» دېدى. (تالۇتنىڭ تەۋەلىرىدىن) ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشقا ئىشىنىدىغانلار: «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ» دېدى. ئاللاھ چىداملىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن بىللىدۇر
ئەنەس ئالىم: تالۇت قوشۇنلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قارارگاھتىن چىقارغاندا ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرنى بىر ئۆستەڭ بىلەن سىنايدۇ. كىمكى ئۇنىڭدىن ئىچىدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس. كىمكى ئۇنىڭدىن ئىستېمال قىلمايدىكەن، ئۇ مەندىندۇر. لېكىن قولى بىلەن بىر ئوچۇم ئېلىپ ئىچكەنلەر ئەپۇ قىلىنىدۇ» دېدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىلار ئۇ ئۆستەڭدىن سۇ ئىچتى. ئاندىن تالۇت ۋە مۇئمىنلار بىرلىكتە ئۇ ئۆستەڭدىن ئۆتكەن چاغدا ئۇلار: «بىزنىڭ بۈگۈن جالۇت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا ھەرگىزمۇ تاقىتىمىز يەتمەيدۇ!» دېدى. ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلار بولسا: «نۇرغۇن كىچىك قوشۇنلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن چوڭ قوشۇنلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» دېدى.
2 : 250 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا بَرَزُوا لِجَالُوتَ وَجُنُودِهِ قَالُوا رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَانْصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «پەرۋەردىگارىمىز! (قەلبىمىزنى) چىدامچانلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى[250].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «ئى رەببىمىز! قەلبىمىزنى چىداملىقلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەندە مۇنداق دۇئا قىلىشتى: «رەببىمىز! ئۈستىمىزگە سەۋر ياغدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، شۇ كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن!».
ئال ئىمران سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
الصَّابِرِينَ وَالصَّادِقِينَ وَالْقَانِتِينَ وَالْمُنْفِقِينَ وَالْمُسْتَغْفِرِينَ بِالْأَسْحَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار) سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ ماللىرىنى) سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ تەقۋادارلار سەۋر قىلغۇچى، راست سۆزلىگۈچى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى، پۇل -ماللىرىدىن ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغۇچى ۋە تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىتلاردا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگۈچى كىشىلەردۇر.
3 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تَمْسَسْكُمْ حَسَنَةٌ تَسُؤْهُمْ وَإِنْ تُصِبْكُمْ سَيِّئَةٌ يَفْرَحُوا بِهَا ۖ وَإِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا لَا يَضُرُّكُمْ كَيْدُهُمْ شَيْئًا ۗ إِنَّ اللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەرگە (كەڭچىلىك، مولچىلىق، نۇسرەت، غەنىيمەت قاتارلىق) بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە (ئېغىرچىلىق، قەھەتچىلىك ۋە مەغلۇبىيەت قاتارلىق) بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر (ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە) سەۋر قىلساڭلار ۋە (سۆزۈڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر سەۋر قىلساڭلار ۋە ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدۇ. ئەگەر سىلەرگە بىرەر يامانلىق كەلسە ئۇلار خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
بَلَىٰ ۚ إِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا وَيَأْتُوكُمْ مِنْ فَوْرِهِمْ هَٰذَا يُمْدِدْكُمْ رَبُّكُمْ بِخَمْسَةِ آلَافٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُسَوِّمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنداق، ئۇ يېتىدۇ. ئەگەر (جەڭدە) سەۋر قىلساڭلار، (ئاللاھتىن) قورقۇپ (ئەمرىگە ئىتائەت قىلساڭلار)، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە بەش مىڭ نىشانلىق پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق، ئۇ يېتىدۇ. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، تەقۋادار بولساڭلار، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ئالاھىدە بەلگىلىك بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەلۋەتتە يېتىدۇ. ئەگەر سىلەر سەۋر قىلساڭلار، تەقۋادارلىق قىلساڭلار ۋە دۈشمىنىڭلار ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ كەلسە، رەببىڭلار سىلەرگە نىشانلىق بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ22.
3 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُنْفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىدىغان، ئاچچىقىنى باسالايدىغان، كىشىلەرنى كەچۈرىدىغان ئادەملەردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى، باياشاتچىلىقتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ مال چىقىم قىلىدۇ، ئاچچىقىنى يۇتىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ. ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.
3 : 139 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَهِنُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَنْتُمُ الْأَعْلَوْنَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (جىھادتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر[139].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ھەقىقىي مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن تۇرۇقلۇق، (بەزى ئوڭۇشسىزلىقلار تۈپەيلىدىن) بوشىشىپ قالماڭلار ۋە قايغۇرماڭلار
ئەنەس ئالىم: بوشاڭلىق قىلماڭلار ۋە قايغۇرماڭلار. ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، ئەڭ ئۈستۈن بولغۇچىلار سىلەر بولىسىلەر.
3 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ حَسِبْتُمْ أَنْ تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَعْلَمِ اللَّهُ الَّذِينَ جَاهَدُوا مِنْكُمْ وَيَعْلَمَ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) ئاللاھ سىلەردىن (ھەقىقىي) جىھاد قىلغانلارنى ۋە (جىھادنىڭ جاپا ـ مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغۇچىلارنى بىلمەي (يەنى ئايرىماي) تۇرۇپ، (پەقەت ئاغزىڭلاردا ئىمان ئېيتتۇق دېيىش بىلەنلا) جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟[142].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھ سىلەردىن ھەقىقىي جىھاد قىلغانلارنى ۋە (جىھادنىڭ جاپا ـ مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغۇچىلارنى تېخى ئايرىماي تۇرۇپ، سىلەر جەننەتكە كىرىشنى ئويلىغانمىدىڭلار؟
ئەنەس ئالىم: ياكى سىلەر ئاللاھ ئىچىڭلاردىن جىھاد قىلغانلارنى تېخى بىلمىگەن ۋە سەۋر قىلغۇچىلارنى تېخى بىلمىگەن تۇرۇپ جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟
3 : 146 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَأَيِّنْ مِنْ نَبِيٍّ قَاتَلَ مَعَهُ رِبِّيُّونَ كَثِيرٌ فَمَا وَهَنُوا لِمَا أَصَابَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَمَا ضَعُفُوا وَمَا اسْتَكَانُوا ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇداگۇي ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ[146].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن تەقۋادار ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەر ئالدىدا روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى. ئاللاھ چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: نۇرغۇن نەبىيلەر بار ئىدى. ئۆزىنى رەببىگە ئاتىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقان ئىدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنىڭ سەۋەبىدىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى ۋە بويۇن ئەگمىدى. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
3 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِلَّهِ وَالرَّسُولِ مِنْ بَعْدِ مَا أَصَابَهُمُ الْقَرْحُ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا مِنْهُمْ وَاتَّقَوْا أَجْرٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇھۇد غازىتىدا) يارىلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلار، ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) دىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ[172].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇھۇد ئۇرۇشىدا) يارىلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان مۆمىنلەر ئىچىدىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە تەقۋادار بولغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۇرۇشتا يارىدار بولغاندىن كېيىنمۇ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلدى. مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدىن مانا مۇشۇنداق ياخشى ئىش قىلغان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ مۇكاپات بار.
3 : 186 - ئايەت
كۆرۈش
لَتُبْلَوُنَّ فِي أَمْوَالِكُمْ وَأَنْفُسِكُمْ وَلَتَسْمَعُنَّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا أَذًى كَثِيرًا ۚ وَإِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ماللىرىڭلاردا (سەدىقىغە بۇيرۇلۇش ۋە ئاپەت يېتىشى بىلەن) ۋە جانلىرىڭلاردا (قەتل قىلىنىش، ئەسىر ئېلىنىش، كېسەل بولۇش بىلەن) چوقۇم سىنىلىسىلەر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن ۋە مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر (يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەۋر قىلساڭلار (سۆزۈڭلار ۋە ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر[186].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر مال-مۈلكۈڭلار ۋە جانلىرىڭلار ئۈستىدە چوقۇم سىنىلىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن، مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، ئاللاھتىن قورقساڭلار، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ھەقىقەتەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر مال ۋە جانلىرىڭلاردا ئەلۋەتتە سىناققا دۇچ كېلىسىلەر، كىتاب بېرىلگەنلەردىن ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەردىن كۆپ ھاقارەت ئاڭلايسىلەر. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، بۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر.
3 : 200 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اصْبِرُوا وَصَابِرُوا وَرَابِطُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! تائەت ـ ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە قارشى زىيادە چىداملىق بولۇڭلار، (چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ) جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار)[200].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! چىداملىق بولۇڭلار، باتۇرلۇق كۆرسىتىڭلار، (جىھادقا) تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلىرىڭلاردىنمۇ بەك چىداملىق بولۇڭلار، ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇڭلار ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَهِنُوا فِي ابْتِغَاءِ الْقَوْمِ ۖ إِنْ تَكُونُوا تَأْلَمُونَ فَإِنَّهُمْ يَأْلَمُونَ كَمَا تَأْلَمُونَ ۖ وَتَرْجُونَ مِنَ اللَّهِ مَا لَا يَرْجُونَ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا سۇسلۇق قىلماڭلار؛ ئەگەر سىلەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ، سىلەر ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى (يەنى شېھىت بولۇشنى، ساۋابنى ۋە غەلىبىنى) ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا سۇسلۇق قىلماڭلار؛ ئەگەر سىلەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ، سىلەر ئاللاھتىن ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسە (يەنى شېھىت بولۇشى، ساۋاب)نى ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ قەۋمنى قوغلاشتا بوشاڭلىق قىلماڭلار50. ئەگەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ سىلەر قىينالغاندەك قىينىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر ئاللاھتىن ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
مائىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَإِنَّهَا مُحَرَّمَةٌ عَلَيْهِمْ ۛ أَرْبَعِينَ سَنَةً ۛ يَتِيهُونَ فِي الْأَرْضِ ۚ فَلَا تَأْسَ عَلَى الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ دېدى: « ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىشى 40 يىلغىچە ھارام قىلىندى، (بۇ جەرياندا) ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ . پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن»(ئىزاھات: مۇسا ئەلەيھسىسالامنىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ ئىجابەت قىلدى، ئۇلارنى زېمىندا 40 يىل ئاداشتۇردى.)[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ دېدى: «(ئى مۇسا!) ئۇلارنىڭ مۇقەددەس زېمىنغا كىرىشى 40 يىلغىچە چەكلەندى، بۇ جەرياندا ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ*[1]. پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرما»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ مۇقەددەس زېمىن بۇلارغا قىرىق يىل ھارام قىلىندى. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ. سەن ئۇ فاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن».
5 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
لَئِنْ بَسَطْتَ إِلَيَّ يَدَكَ لِتَقْتُلَنِي مَا أَنَا بِبَاسِطٍ يَدِيَ إِلَيْكَ لِأَقْتُلَكَ ۖ إِنِّي أَخَافُ اللَّهَ رَبَّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭنى سوزىدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇمنى سوزمايمەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقىمەن[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭنى سوزىدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇمنى سوزمايمەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھتىن قورقىمەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزاتساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزاتمايمەن. چۈنكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن.
ئەئراف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَانَ طَائِفَةٌ مِنْكُمْ آمَنُوا بِالَّذِي أُرْسِلْتُ بِهِ وَطَائِفَةٌ لَمْ يُؤْمِنُوا فَاصْبِرُوا حَتَّىٰ يَحْكُمَ اللَّهُ بَيْنَنَا ۚ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنگەن، يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارغىچە سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنگەن، يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارغۇچە سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ مېنىڭ ئەلچىلىكىمگە ئىشىنىپ يەنە بىر گۇرۇھ ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ ئارىمىزدا ھۆكۈم قىلغانغا قەدەر سەۋر قىلىڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».
7 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا إِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا مُنْقَلِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر ئېيتتى: «بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، بىز رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچى كىشىلەرمىز.
7 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تَنْقِمُ مِنَّا إِلَّا أَنْ آمَنَّا بِآيَاتِ رَبِّنَا لَمَّا جَاءَتْنَا ۚ رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَتَوَفَّنَا مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن بىزنى پەقەت پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن»[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىزنى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. ئى رەببىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ جېنىمىزنى مۇسۇلمان ھالىتىمىزدە ئالغىن»
ئەنەس ئالىم: سەن رەببىمىزنىڭ بىزگە كەلگەن ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىزگە نەپرەت قىلىۋاتىسەن. رەببىمىز! ئۈستىمىزگە سەۋر ياغدۇرغىن ۋە بىزنى مۇسۇلمانلار ھالىتىمىزدە ۋاپات قىلدۇرغىن».
7 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ اسْتَعِينُوا بِاللَّهِ وَاصْبِرُوا ۖ إِنَّ الْأَرْضَ لِلَّهِ يُورِثُهَا مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ئىگە قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار ۋە سەۋر قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، زېمىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە مىراس قىلىپ بېرىدۇ. ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارنىڭ بولىدۇ» دېدى.
7 : 150 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا رَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا قَالَ بِئْسَمَا خَلَفْتُمُونِي مِنْ بَعْدِي ۖ أَعَجِلْتُمْ أَمْرَ رَبِّكُمْ ۖ وَأَلْقَى الْأَلْوَاحَ وَأَخَذَ بِرَأْسِ أَخِيهِ يَجُرُّهُ إِلَيْهِ ۚ قَالَ ابْنَ أُمَّ إِنَّ الْقَوْمَ اسْتَضْعَفُونِي وَكَادُوا يَقْتُلُونَنِي فَلَا تُشْمِتْ بِيَ الْأَعْدَاءَ وَلَا تَجْعَلْنِي مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا غەزەپلەنگەن، غەمكىن ھالدا قەۋمىگە قايتىپ كېلىپ: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار ـ ھە! (كۈتۈپ تۇرماي) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلىدى، قېرىندىشىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. (ھارۇن) ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! (بۇ) قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەر ئالدىدا كۈلكىگە قويمىغىن. مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن»[150].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا غەزەپلەنگەن ۋە ئېچىنغان ھالدا قايتىپ كېلىپ، قەۋمىگە: «سىلەر مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) بەكمۇ يامان ئىش قىپسىلەر ـ ھە!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمرىنى كۈتۈپ تۇرماي ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلاپ، قېرىندىشى (ھارۇن) نىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. ھارۇن ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! بۇ قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەرگە كۈلكە قىلىپ بەرمىگىن؟ مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا قەۋمىنىڭ يېنىغا غەزەپلەنگەن ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا قايتىپ كېلىپ: «مەندىن كېيىن، يوق چېغىمدا بەك يامان ئىش قىلىپسىلەر! رەببىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى، تاختىلارنى تاشلىدى ۋە قېرىندىشىنىڭ بېشىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. قېرىندىشى: «ئانامنىڭ ئوغلى! شۈبھىسىزكى، بۇ قەۋم مېنى بوزەك قىلدى ۋە مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. ئەمدى سەنمۇ ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىپ دۈشمەنلەرنى سۆيۈندۈرمىگىن، مېنى بۇ زالىم قەۋمنىڭ قاتارىدا قىلمىغىن!» دېدى.
ئەنفال سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا لَقِيتُمْ فِئَةً فَاثْبُتُوا وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! (مۇشرىكلاردىن) بىر جامائەگە (يەنى دۈشمەن قوشۇنىغا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! (مۇشرىكلاردىن) بىر جامائەگە ئۇچراشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! بىرەر قوشۇن بىلەن توقۇنۇشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
8 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَا تَنَازَعُوا فَتَفْشَلُوا وَتَذْهَبَ رِيحُكُمْ ۖ وَاصْبِرُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (پۈتۈن سۆز- ھەرىكەتلىرىڭلاردا) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ ـ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەۋر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، ئاجىزلىشىپ قالىسىلەر، كۈچ ـ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەۋر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۆزئارا نىزا قىلىشماڭلار، بولمىسا قورقۇپ بوشىشىپ كېتىسىلەر ۋە شامىلىڭلار كېتىپ قالىدۇ7. سەۋر قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
تەۋبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا عَلَى الَّذِينَ إِذَا مَا أَتَوْكَ لِتَحْمِلَهُمْ قُلْتَ لَا أَجِدُ مَا أَحْمِلُكُمْ عَلَيْهِ تَوَلَّوْا وَأَعْيُنُهُمْ تَفِيضُ مِنَ الدَّمْعِ حَزَنًا أَلَّا يَجِدُوا مَا يُنْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەنە مۇنداق كىشىلەرنىمۇ ئەيىبلەشكە يول يوقتۇركى، ئۇلار (جىھادقا چىقىش ئۈچۈن) سەندىن ئۇلاغ سوراپ كەلگەندە، (ئۇلارغا سەن) «مېنىڭ سىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۇلاغلىرىم يوق» دېدىڭ. ئۇلار (جىھادقا چىقىشقا) سەرپ قىلىدىغان نەرسە تاپالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن غەمكىن، كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا قايتىشتى[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە مۇنداق كىشىلەرنىمۇ ئەيىبلەشكە يول يوقتۇركى، ئۇلار جىھادقا چىقىش ئۈچۈن سەندىن ئۇلاغ سوراپ كەلگەندە، ئۇلارغا سەن: «مېنىڭ سىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۇلاغلىرىم يوق» دېدىڭ؟ ئۇلار جىھادقا چىقىشقا سەرپ قىلىدىغان نەرسە تاپالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن غەمكىن، كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا قايتىشتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، ئۇلاغقا مىندۈرۈپ ئۇرۇشقا يوللىشىڭ ئۈچۈن يېنىڭغا كەلگەن چاغلىرىدا: «سىلەرنى مىندۈرىدىغان بىرەر نەرسە تاپالمايمەن» دېسەڭ، چىقىم قىلىدىغان نەرسە تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن غەمكىن بولۇپ، كۆزلىرى ياش تۆككەن ھالدا قايتىپ كەتكەنلەرنىمۇ ئەيىبلەشكە ھېچقانداق يول يوقتۇر.
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّبِعْ مَا يُوحَىٰ إِلَيْكَ وَاصْبِرْ حَتَّىٰ يَحْكُمَ اللَّهُ ۚ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەگەشكىن (يەنى ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئۇنى يەتكۈزگىن). ئاللاھ (سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقارغىچە (دىنغا دەۋەت قىلىش يولىدىكى مۇشەققەتلەرگە) چىدىغىن، ئاللاھ ئەڭ ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەگەشكىن. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچە دىنغا دەۋەت قىلىش يولىدىكى مۇشەققەتلەرگە چىدىغىن، ئاللاھ ئەڭ ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن ۋە ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچە سەۋر قىلغىن. ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
ھۇد سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَٰئِكَ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت (بالاغا ئۇچرىغاندا) سەۋرى قىلغان، (نېمەتكە ئېرىشكەندە) ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر(ياخشىلاردۇر). ئۇلارنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار(ئاخىرەتتە) چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەۋرى قىلغان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر مۇستەسنا. ئۇلارنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەۋر قىلغان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۇنداق ئەمەس. ئەنە شۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر بار.
11 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهَا إِلَيْكَ ۖ مَا كُنْتَ تَعْلَمُهَا أَنْتَ وَلَا قَوْمُكَ مِنْ قَبْلِ هَٰذَا ۖ فَاصْبِرْ ۖ إِنَّ الْعَاقِبَةَ لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەنە شۇ (قىسسە) غەيبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر، ساڭا ئۇنى ۋەھىي قىلدۇق، سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار، سەۋر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئەنە شۇ -قىسسە-، غەيبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر، ساڭا ئۇنى بىز ۋەھيى قىلدۇق، سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار، سەۋر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قىسسە غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. بۇلارنى ساڭا بىز ۋەھىي قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇلارنى سەنمۇ بىلمەيتتىڭ، قەۋمىڭمۇ بىلمەيتتى. ئۇ ھالدا سەۋر قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارنىڭدۇر.
11 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَاصْبِرْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەۋر قىلغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: سەۋر قىلغىن، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ.
11 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
وَانْتَظِرُوا إِنَّا مُنْتَظِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە (شۇنى) كۈتىمىز»[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە شۇنى كۈتىمىز»
ئەنەس ئالىم: كۈتۈڭلار، بىزمۇ كۈتىمىز!».
يۈسۈف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءُوا عَلَىٰ قَمِيصِهِ بِدَمٍ كَذِبٍ ۚ قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ وَاللَّهُ الْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بۇ ئىشنى نەپسىڭلار سىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ قىلغۇزۇپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، سىلەرنىڭ (مۇشۇ يالغان) سۆزۈڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە ئاللاھ مەدەتكاردۇر» دېدى[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بۇ ئىشنى نەپسىڭلار سىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ قىلغۇزۇپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، سىلەرنىڭ -مۇشۇ يالغان- سۆزۈڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە ئاللاھ مەدەتكاردۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئۈستىدە يالغان قان ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاتىلىرى ئۇلارغا: «ياق، نەپسىڭلار سىلەرنى بىر ئىشقا كۈشكۈرتۈپتۇ. چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن ۋە سىلەرنىڭ بۇ يالغان سۆزۈڭلارغا قارشى پەقەت ئاللاھتىنلا ياردەم تىلەيمەن» دېدى.
12 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا اسْتَيْأَسُوا مِنْهُ خَلَصُوا نَجِيًّا ۖ قَالَ كَبِيرُهُمْ أَلَمْ تَعْلَمُوا أَنَّ أَبَاكُمْ قَدْ أَخَذَ عَلَيْكُمْ مَوْثِقًا مِنَ اللَّهِ وَمِنْ قَبْلُ مَا فَرَّطْتُمْ فِي يُوسُفَ ۖ فَلَنْ أَبْرَحَ الْأَرْضَ حَتَّىٰ يَأْذَنَ لِي أَبِي أَوْ يَحْكُمَ اللَّهُ لِي ۖ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (بۇنيامىننىڭ ئورنىغا ئۆز ئارىسىدىن بىرسىنى ئېلىپ قېلىشقا يۈسۈفنىڭ ماقۇل بولۇشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن قەسەم قىلدۇرۇپ ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۈسۈف توغرىسىدىكى خاتالىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغىچە ياكى ئاللاھ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغىچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن قەسەم قىلدۇرۇپ ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۈسۈف توغرىسىدىكى خاتالىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغىچە ياكى ئاللاھ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغۇچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تەلەپلىرىنى يۇسۇفنىڭ قوبۇل قىلىشىدىن ئۈمىدلىرىنى ئۈزگەندە، ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئايرىم بىر تەرەپكە بېرىشتى. ئۇلارنىڭ چوڭى مۇنداق دېدى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى يۇسۇفكە قىلغان ئەسكىلىكىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاتامنىڭ رۇخسىتى ياكى ئاللاھنىڭ ھۆكمى كەلمىگۈچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن. ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
12 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَنِي بِهِمْ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈچ ئوغلۇمنىڭ) ھەممىسىنى ماڭا دەرقەمتە قىلىپ بېرىشنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مېنىڭ ھالىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، بەلكىدە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئاكىسى دېگەن سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتقان ئىدى ئۇ: «ياق، يەنە نەپسىڭلار سىلەرنى بىر ئىشقا كۈشكۈرتۈپتۇ. ئەمدى مەن چىرايلىقچە سەۋر قىلىشىم كېرەك. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېنىمغا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دېدى،
12 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا أَسَفَىٰ عَلَىٰ يُوسُفَ وَابْيَضَّتْ عَيْنَاهُ مِنَ الْحُزْنِ فَهُوَ كَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئىسىت يۈسۈف!» دېدى. قايغۇدىن (كۆپ يىغلاپ) ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى (يەنى ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى)، ئۇ تولۇپ تاشقان ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتقان ئىدى[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئىسىت يۈسۈف!» دېدى. قايغۇدىن -كۆپ يىغلاپ- ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى، ئۇ تولۇپ تاشقان ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتقان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى، «ئى مېنىڭ يۇسۇفكە چەككەن قاتتىق ھەسرىتىم!»14 دەپ پەرياد قىلدى ۋە قايغۇدىن ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى. ئۇ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دەردىنى يۇتاتتى.
12 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَإِنَّكَ لَأَنْتَ يُوسُفُ ۖ قَالَ أَنَا يُوسُفُ وَهَٰذَا أَخِي ۖ قَدْ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْنَا ۖ إِنَّهُ مَنْ يَتَّقِ وَيَصْبِرْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «سەن راستتىنلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «مەن يۈسۈف، بۇ مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن (ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سەن راستتىنلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «مەن يۈسۈف، بۇ بولسا مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن - بىلسۈنكى-، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سەن، سەن راستىنلا يۇسۇفمۇ؟» دېدى. يۇسۇف: «ھەئە مەن يۇسۇف، بۇ بولسا قېرىندىشىم. ئاللاھ بىزگە ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلدى. چۈنكى كىم تەقۋادارلىق قىلسا ۋە سەۋر قىلسا، ئاللاھ بۇنداق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى.
رەئد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ صَبَرُوا ابْتِغَاءَ وَجْهِ رَبِّهِمْ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَنْفَقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً وَيَدْرَءُونَ بِالْحَسَنَةِ السَّيِّئَةَ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عُقْبَى الدَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ (يەتكەن كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغانلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدىغانلار (يەنى يامان ئىش قىلىپ قالسا، ئارقىدىن ياخشى ئىش قىلىدىغانلار، يامانلىق قىلغۇچىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلار) ـ ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغانلار، نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن ئاللاھ يولىدا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدىغانلار؛ ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەببىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ سەۋر قىلغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، بىز بەرگەن رىزىقتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلغان، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار ئاخىرەتتە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدۇ.
13 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
سَلَامٌ عَلَيْكُمْ بِمَا صَبَرْتُمْ ۚ فَنِعْمَ عُقْبَى الدَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: (پەرىشتىلەر ئۇ دۇنيادا) «سەۋرنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دەيدۇ[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار:«سەۋرىنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: «سالام سىلەرگە! چۈنكى سەۋر قىلدىڭلار. ئاخىرەتتىكى بۇ ئاقىۋەت نېمىدېگەن ياخشى!» دەيدۇ.
ئىبراھىم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا أَنْ أَخْرِجْ قَوْمَكَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ وَذَكِّرْهُمْ بِأَيَّامِ اللَّهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتەن (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (ئۇنىڭغا دېدۇقكى) «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا (يەنى ئىمانغا) چىقارغىن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەتكىن». بۇنىڭدا (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى، (نېمەتكە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر (بەندە) ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، -ئۇنىڭغا دېدۇقكى-، «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقارغىن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەتكىن». بۇنىڭدا سەۋر قىلغۇچى ۋە شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسانى، «قەۋمىڭنى زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقارغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى1 ئەسلەتكىن» دەپ ئايەتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا سەۋر قىلغۇچىلار ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
14 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا لَنَا أَلَّا نَتَوَكَّلَ عَلَى اللَّهِ وَقَدْ هَدَانَا سُبُلَنَا ۚ وَلَنَصْبِرَنَّ عَلَىٰ مَا آذَيْتُمُونَا ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُتَوَكِّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بىزنى (ئاللاھنى تونۇيدىغان) يوللىرىمىزغا يېتەكلىگەن تۇرسا، نېمىشقا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلمايلى؟ بىزگە يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىڭلارغا، ئەلۋەتتە، سەۋر قىلىمىز، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار پەقەت ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن» دېدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىزنى يوللىرىمىزغا يېتەكلىگەن تۇرسا، نېمىشقا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلمايلى؟ بىزگە يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىڭلارغا، ئەلۋەتتە، سەۋر قىلىمىز، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار پەقەتلا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز نېمىشقا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلمايلى؟ بىزگە يوللىرىمىزنى ئاللاھ كۆرسەتكەن تۇرسا! سىلەرنىڭ بىزگە قىلغان ئەزىيىتىڭلارغا چوقۇم سەۋر قىلىمىز. تەۋەككۈل قىلغۇچىلار پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن».
نەھىل سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ صَبَرُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئېغىرچىلىقلارغا) سەۋر قىلدى، ئۇلار (ھەممە ئىشتا) پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلدى، ئۇلار ھەممە ئىشتا رەببىغا تەۋەككۈل قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەۋر قىلغان ۋە رەببىگىلا تەۋەككۇل قىلغان كىشىلەردۇر.
16 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
مَا عِنْدَكُمْ يَنْفَدُ ۖ وَمَا عِنْدَ اللَّهِ بَاقٍ ۗ وَلَنَجْزِيَنَّ الَّذِينَ صَبَرُوا أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەۋر قىلغۇچىلارغا، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى ئىنسانلار!- سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەۋر قىلغۇچىلارغا، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەيدۇ. بىز سەۋر قىلغانلارنى ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇكاپاتلايمىز.
16 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ إِنَّ رَبَّكَ لِلَّذِينَ هَاجَرُوا مِنْ بَعْدِ مَا فُتِنُوا ثُمَّ جَاهَدُوا وَصَبَرُوا إِنَّ رَبَّكَ مِنْ بَعْدِهَا لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن (ئى مۇھەممەد!) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغان. ئاندىن (ئاللاھنىڭ يولىدا) جىھاد قىلغان ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغانلارغا پەرۋەردىگارىڭ (مەغپىرەت قىلىدۇ). شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ شۇنىڭدىن (يەنى ئۇلارنىڭ ھىجرەت، جىھاد ، سەۋر قىلغىنىدىن) كېيىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھمەت قىلغۇچىدۇر[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن -ئى مۇھەممەد!- زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن -مەدىنىگە- ھىجرەت قىلغان. ئاندىن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغان ۋە -جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە- چىدىغانلارغا كەلسەك، شۈبھىسىزكى، رەببىڭ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھمەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن كېيىن شۇنى بىلگىنكى، رەببىڭ ئەزىيەتلەرگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن ھىجرەت قىلغان، ئاندىن جىھاد قىلغان ۋە سەۋر قىلغانلارنىڭ ياردەمچىسىدۇر. رەببىڭ بۇ ياخشىلىقلاردىن كېيىن ئۇلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
16 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ عَاقَبْتُمْ فَعَاقِبُوا بِمِثْلِ مَا عُوقِبْتُمْ بِهِ ۖ وَلَئِنْ صَبَرْتُمْ لَهُوَ خَيْرٌ لِلصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار (يەنى ئاشۇرۇۋەتمەڭلار)، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار (يەنى ئىنتىقام ئالماي كەچۈرسەڭلار)، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار (يەنى كەچۈرگۈچىلەر) ئۈچۈن (ئەلۋەتتە) ياخشىدۇر[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت ئۈچۈن ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر جازالىساڭلار، سىلەرگە بېرىلگەن جازانىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالاڭلار. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشىدۇر.
16 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
وَاصْبِرْ وَمَا صَبْرُكَ إِلَّا بِاللَّهِ ۚ وَلَا تَحْزَنْ عَلَيْهِمْ وَلَا تَكُ فِي ضَيْقٍ مِمَّا يَمْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) (ئاللاھنىڭ يولىدا ساڭا يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن، سەۋرەڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتمىغانلىقى) غا قايغۇرمىغىن. ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىسىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئاللاھنىڭ يولىدا ساڭا يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە سەۋر قىلغىن، سەۋرەڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمىغىن. ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىسىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن
ئەنەس ئالىم: سەۋر قىلغىن، سەۋر قىلىشىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا بولىدۇ. ئۇلارغا قايغۇرمىغىن ۋە ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن.
كەھف سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَاصْبِرْ نَفْسَكَ مَعَ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ ۖ وَلَا تَعْدُ عَيْنَاكَ عَنْهُمْ تُرِيدُ زِينَةَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَا تُطِعْ مَنْ أَغْفَلْنَا قَلْبَهُ عَنْ ذِكْرِنَا وَاتَّبَعَ هَوَاهُ وَكَانَ أَمْرُهُ فُرُطًا
مۇھەممەد سالىھ: سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن، ھاياتى دۇنيانىڭ زىبۇ - زىننىتىنى دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، داۋاملىق ئاشقۇنلۇق قىلىدىغان ئادەمگە ئەگەشمىگىن[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن رەببىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن، ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇزىننىتىنى دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن
ئەنەس ئالىم: رەببىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغانلار بىلەن بللە بولۇشقا سەۋر - تاقەت قىلىغىن. بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتنىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى دەپ كۆزلىرىڭ ئۇلاردىن باشقىسىغا چۈشمىسۇن. بىز قەلبىنى زىكرىمىزدىن غاپىل قىلغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ۋە ئىشىدا ھەددىدىن ئاشقان كىشىگە ئىتائەت قىلمىغىن.
18 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّكَ لَنْ تَسْتَطِيعَ مَعِيَ صَبْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئېيتتى: «سەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «سەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىمىز مۇساغا مۇنداق دېدى: «سەن ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن.
18 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَيْفَ تَصْبِرُ عَلَىٰ مَا لَمْ تُحِطْ بِهِ خُبْرًا
مۇھەممەد سالىھ: سەن چوڭقۇر تونۇپ يەتمىگەن (يەنى قارىماققا يامان، ئەمما ماھىيىتىنى سەن چۈشەنمىگەن) ئىشقا قانداقمۇ سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالايسەن؟»[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن چوڭقۇر تونۇپ يەتمىگەن ئىشقا قانداقمۇ سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالايسەن؟»
ئەنەس ئالىم: سەن ئىلمىڭ يەتمىگەن ئىشلارغا قانداقمۇ سەۋر قىلىسەن؟».
18 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ صَابِرًا وَلَا أَعْصِي لَكَ أَمْرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى كۆرىسەن، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلمايمەن»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى كۆرىسەن، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلمايمەن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئىنشائاللاھ، مېنى سەۋرچان كۆرىسەن، سېنىڭ ھېچ ئىشىڭغا قارشى چىقمايمەن» دېدى.
18 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَإِنِ اتَّبَعْتَنِي فَلَا تَسْأَلْنِي عَنْ شَيْءٍ حَتَّىٰ أُحْدِثَ لَكَ مِنْهُ ذِكْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (خىزىر) ئېيتتى: «ئەگەر سەن ماڭا ئەگەشسەڭ، (يولۇققان ئىش توغرىسىدا) مەن ئۇنى ساڭا سۆزلەپ بەرگۈچە ئۇنىڭدىن سورىما (يەنى ئۆزۈم سۆزلەپ بەرمىگۈچە قىلغان ئىشلىرىمدىن سورىما)»[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيىتتى: «ئەگەر سەن ماڭا ئەگەشسەڭ، -يولۇققان ئىش توغرىسىدا- مەن ئۇنى ساڭا سۆزلەپ بەرگىچە ئۇنىڭدىن سورىما»
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «ئۇنداقتا ماڭا ئەگەشسەڭ، مەن ساڭا ئېيتىپ بەرمىگۈچە ھېچبىر نەرسە توغرۇلۇق مەندىن سوئال سورىمىغىن!» دېدى.
18 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا رَكِبَا فِي السَّفِينَةِ خَرَقَهَا ۖ قَالَ أَخَرَقْتَهَا لِتُغْرِقَ أَهْلَهَا لَقَدْ جِئْتَ شَيْئًا إِمْرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە مېڭىپ كېلىپ بىر كېمىگە چىقىشتى، (خىزىر) كېمىنى تېشىۋەتتى (يەنى كېمىنىڭ بىر تاختىسىنى سۇغۇرۇۋەتتى)، مۇسا (ئۇنىڭغا): «كېمىدىكىلەرنى غەرق بولۇپ كەتسۇن، دەپ كېمىنى تەشتىڭمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن (قورقۇنچلۇق) چوڭ بىر ئىشنى قىلدىڭ» دېدى[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە مېڭىپ كېلىپ بىر كېمىگە چىقىشتى، ئۇ كېمىنى تېشىۋەتتى، مۇسا -ئۇنىڭغا-: «كېمىدىكىلەرنى غەرق بولۇپ كەتسۇن دەپ كېمىنى تەشتىڭمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن - قورقۇنچلۇق- چوڭ بىر ئىشنى قىلدىڭ» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى يۈرۈپ، ئاخىرى بىر كېمىگە چىقىشتى. ئۇ بەندىمىز بۇ كېمىنى تېشىۋەتتى. مۇسا ئۇنىڭغا: «بۇ كېمىنى ئىچىدىكى يولۇچىلارنى غەرق قىلىش ئۈچۈن تېشىۋەتتىڭمۇ؟ شۈبھىسىزكى، سەن ئاجايىپ ئىش قىلدىڭ!» دېدى.
18 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَلَمْ أَقُلْ إِنَّكَ لَنْ تَسْتَطِيعَ مَعِيَ صَبْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (خىزىر) سەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشتا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن، دېمىدىممۇ؟» دېدى[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشتا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «مەن ساڭا، ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.
18 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَا تُؤَاخِذْنِي بِمَا نَسِيتُ وَلَا تُرْهِقْنِي مِنْ أَمْرِي عُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئەھدىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمغا مېنى ئەيىبلىمە، سەن بىلەن بىللە بولۇشتا مېنى قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويما»[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئەھدىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمغا مېنى ئەيىبلىمە، سەن بىلەن بىللە بولۇشتا مېنى قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويما»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئۇنتۇپ قېلىپ دەپ سالغان بۇ سۆزۈم ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمىگىن. بىلىمىڭدىن ئۆگىنىۋېلىشمنى قىيىنلاشتۇرمىغىن!» دېدى.
18 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا لَقِيَا غُلَامًا فَقَتَلَهُ قَالَ أَقَتَلْتَ نَفْسًا زَكِيَّةً بِغَيْرِ نَفْسٍ لَقَدْ جِئْتَ شَيْئًا نُكْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىككىسى يەنە بىرلىكتە ماڭدى، ئۇلار بىر بالىنى ئۇچراتتى، (خىزىر) ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا: «سەن بىر بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈردۈڭ، سەن ھەقىقەتەن ياۋۇز ئىشنى قىلدىڭ»[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىككىسى يەنە بىرلىكتە ماڭدى، ئۇلار بىر بالىنى ئۇچراتتى، ئۇ -بەندە- ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا: «سەن بىر بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈردۈڭ، سەن ھەقىقەتەن ياۋۇز ئىشنى قىلدىڭ»دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇ ئىككىسى يەنە يۈرۈپ، بىر مۇددەتتىن كېيىن بىر ئوغۇل بالىنى ئۇچرىتىشتى. ئۇ بەندىمىز ئۇ بالىنى ئۆلتۈردى. مۇسا: «سەن بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈرەمسەن؟ سەن ھەقىقەتەن يامان ئىش قىلدىڭ» دېدى.
18 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكَ إِنَّكَ لَنْ تَسْتَطِيعَ مَعِيَ صَبْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (خىزىر) ئېيتتى: «ساڭا مەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن، دېمىدىممۇ؟ »[75]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «ساڭا مەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن دېمىدىممۇ؟ »
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «مەن ساڭا، ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.
18 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنْ سَأَلْتُكَ عَنْ شَيْءٍ بَعْدَهَا فَلَا تُصَاحِبْنِي ۖ قَدْ بَلَغْتَ مِنْ لَدُنِّي عُذْرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەندىن بىرەر ئىش توغرۇلۇق سورىسام (يەنى قىلغان ئىشىڭغا ئېتىراز بىلدۈرسەم)، مېنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمىغىن، (ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە ئۈچ قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن مېنىڭ ئالدىمدا (ماڭا ھەمراھ بولماسلىقتا) مەزۇرسەن»[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەندىن بىرەر ئىش توغرۇلۇق سورىسام، مېنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمىغىن، -ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە ئۈچ قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن- مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزرىنىڭ ئاخىرقى چەكلىمىسىگە يەتتىڭ!»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئەگەر سەندىن بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر نەرسە سورىسام، مېنى يېنىڭدا ئېلىپ ماڭمىغىن. ساڭا ئېيتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۆزرەم مۇشۇ بولۇپ قالسۇن» دېدى.
18 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هَٰذَا فِرَاقُ بَيْنِي وَبَيْنِكَ ۚ سَأُنَبِّئُكَ بِتَأْوِيلِ مَا لَمْ تَسْتَطِعْ عَلَيْهِ صَبْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (خىزىر) ئېيتتى: «بۇ، سەن بىلەن مېنىڭ ئايرىلىش (ۋاقتىمىز)، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان (يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنىڭ) ھەقىقىتىنى ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرەي[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «بۇ، سەن بىلەن مېنىڭ ئايرىلىش ۋاقتىمىز، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ساڭا بىلدۈرەي
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىمىز مۇنداق دېدى: «مانا بۇ ئىككىمىزنى بىر - بىرىمىزدىن ئايرىيدىغان سۆزدۇر. مەن ھازىر ساڭا، سەن سەۋر قىلالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئېيتىپ بېرىمەن:
مەريەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَرَاغِبٌ أَنْتَ عَنْ آلِهَتِي يَا إِبْرَاهِيمُ ۖ لَئِنْ لَمْ تَنْتَهِ لَأَرْجُمَنَّكَ ۖ وَاهْجُرْنِي مَلِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئازەر) ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن، ئەگەر سەن (مۇنداق قىلىشتىن) يانمىساڭ، چوقۇم سېنى تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن»[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن؟ ئەگەر سەن -مۇنداق قىلىشتىن- يانمىساڭ، چوقۇم سېنى تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن»
ئەنەس ئالىم: ئاتىسى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇ؟ ئەگەر ئۇلارغا تىل ئۇزارتىشتىن ۋاز كەچمىسەڭ، بىلىپ قويغىنكى، سېنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن. يوقال، سېنى ئۇزۇنغىچە كۆزۈم كۆرمىسۇن!» دېدى.
19 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا تَعْجَلْ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّمَا نَعُدُّ لَهُمْ عَدًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، (ئۇلارنىڭ كۈنى ئاز قالغان بولۇپ) ئۇنى بىز ساناپ تۇرىمىز[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، ئۇنى بىز ساناپ تۇرىمىز
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن. بىز ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى ساناۋاتىمىز.
تاھا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَنَازَعُوا أَمْرَهُمْ بَيْنَهُمْ وَأَسَرُّوا النَّجْوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆز ئىشى (يەنى مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئىشى) ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، قىلغان دەتالىشىنى يوشۇرۇشتى[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆز ئىشى ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، قىلغان دەتالاشنى يوشۇرۇشتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نېمە ئىش قىلىشى توغرۇلۇق ئۆزئارا يوشۇرۇنچە تالاش - تارتىش قىلىشتى.
20 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا لَنْ نُؤْثِرَكَ عَلَىٰ مَا جَاءَنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالَّذِي فَطَرَنَا ۖ فَاقْضِ مَا أَنْتَ قَاضٍ ۖ إِنَّمَا تَقْضِي هَٰذِهِ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «سېنى (يەنى ساڭا ئەگىشىشنى) ئىختىيار قىلىپ، بىزگە كەلگەن (مۇسانىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە بىزنى خەلق ئەتكەن ئاللاھنى ھەرگىز تاشلىمايمىز. (بىزنىڭ ھەققىمىزدە) نېمىنى ھۆكۈم قىلساڭ، شۇنى ھۆكۈم قىلغىن، سېنىڭ ھۆكمىڭ پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئۆتىدۇ[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ساڭا ئەگىشىشنى ئىختىيار قىلىپ، بىزگە كەلگەن روشەن دەلىللەرنى ۋە بىزنى خەلق ئەتكەن ئاللاھ نى ھەرگىز تاشلىمايمىز. بىزنىڭ ھەققىمىزدە نېمىنى ھۆكۈم قىلساڭ، شۇنى ھۆكۈم قىلغىن، سېنىڭ ھۆكمىڭ پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئۆتىدۇ
ئەنەس ئالىم: سېھىرگەرلەر مۇنداق دېدى: «بىز سېنى ھەرگىزمۇ بىزگە كەلگەن روشەن دەلىللەردىن ۋە بىزنى ياراتقان ئاللاھتىن ئۈستۈن كۆرمەيمىز. قانداق ھۆكۈم قىلساڭ قىلغىن، سەن پەقەت بۇ دۇنيادىلا ھۆكۈم قىلىسەن.
20 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
فَرَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ أَلَمْ يَعِدْكُمْ رَبُّكُمْ وَعْدًا حَسَنًا ۚ أَفَطَالَ عَلَيْكُمُ الْعَهْدُ أَمْ أَرَدْتُمْ أَنْ يَحِلَّ عَلَيْكُمْ غَضَبٌ مِنْ رَبِّكُمْ فَأَخْلَفْتُمْ مَوْعِدِي
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا قەۋمىگە غەزەپلەنگەن ھالدا خاپا قايتتى، ئۇ ئېيتتى: «سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار چىرايلىق ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ (سىلەر ئەھدىنى ئۇنتۇغۇدەك) ۋاقىت شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى ئىرادە قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟»[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا قەۋمىگە غەزەپلەنگەن ھالدا خاپا قايتتى، ئۇ ئېيتتى: «سىلەرگە رەببىڭلار ياخشىلىقنى ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ -سىلەر ئەھدىنى ئۇنتۇغۇدەك- ۋاقىت شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار رەببىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى ئىرادە قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا قەۋمىنىڭ يېنىغا غەزەپلەنگەن ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا قايتىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! رەببىڭلار سىلەرگە چىرايلىق ۋەدە قىلمىدىمۇ؟ ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتىمۇ؟ ياكى ئۈستۈڭلارغا رەببىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشنى ئىرادە قىلىپ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟».
20 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا ۖ وَمِنْ آنَاءِ اللَّيْلِ فَسَبِّحْ وَأَطْرَافَ النَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرْضَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن ۋە ھەمدە ئېيتقىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن. قۇياش چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن. كېچىنىڭ ۋاقىتلىرى بىلەن كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرىدىمۇ تەسبىھ ئېيتقىن. ئۇلارنى رازىلىققا ئېرىشەرمەن دەپ قىلغىن.
20 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ كُلٌّ مُتَرَبِّصٌ فَتَرَبَّصُوا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ مَنْ أَصْحَابُ الصِّرَاطِ السَّوِيِّ وَمَنِ اهْتَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، ھەممە (سىلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتمەكتە. سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، كىملەرنىڭ توغرا يول ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە كىملەرنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنى (ئۇزاققا قالماي) بىلىسىلەر»[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: ھەممە كۈتمەكتە. سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، كىملەرنىڭ توغرا يول ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە كىملەرنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنى ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ھەر كىم كۈتمەكتە، سىلەرمۇ كۈتۈڭلار. توغرا يولدىكىلەرنىڭ ۋە ھىدايەت تاپقانلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر».
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
فَرَجَعُوا إِلَىٰ أَنْفُسِهِمْ فَقَالُوا إِنَّكُمْ أَنْتُمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىر ـ بىرىنى ئەيىبلەپ: «(سىلەر بۇتلارغا چوقۇنۇشتا) ھەقىقەتەن زالىمسىلەر» دېدى[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىر ـ بىرىنى ئەيىبلەپ: «سىلەر ھەقىقەتەن زالىمسىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىگە كېلىپ ئۆزئارا: «ئەسلىدە زالىملار سىلەردۇرسىلەر» دېيىشتى.
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَالصَّابِرِينَ عَلَىٰ مَا أَصَابَهُمْ وَالْمُقِيمِي الصَّلَاةِ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى ئاللاھ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى قورقۇپ (تىترەيدۇ)، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ناماز ئۆتەيدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) بېرىدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى ئاللاھ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى قورقۇپ -تىترەيدۇ-، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ناماز ئۆتەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار «ئاللاھ» دېيىلسە قورقۇپ يۈرەكلىرى تىترەيدىغان، باشلىرىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ السَّيِّئَةَ ۚ نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنىڭ قىلغان) يامانلىقىغا (ئەپۇ قىلىش بىلەن) ياخشىلىق قىلغىن، ئۇلارنىڭ (سېنى) سۈپەتلەشلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان مەسخىرىسىنى) بىز ئوبدان بىلىمىز[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: يامانلىققا ئەڭ ياخشىسى بىلەن قارشى تۇرغىن، ئۇلارنىڭ سۈپەتلەشلىرىنى بىز ئوبدان بىلىمىز
ئەنەس ئالىم: سەن يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلغىن. بىز ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىنى ئوبدان بىلىمىز.
23 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي جَزَيْتُهُمُ الْيَوْمَ بِمَا صَبَرُوا أَنَّهُمْ هُمُ الْفَائِزُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (سىلەردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى بۈگۈن مۇكاپاتلىدىم، ئۇلار ھەقىقەتەن مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈنھىسىزكى مەن سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، بۈگۈن ئۇلارنى مۇكاپاتلىدىم، ئۇلار ھەقىقەتەن مەقسەتكە ئېرىشكۇچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: بۈگۈن مەن ئۇلارنى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈپ مۇكاپاتلىدىم».
فۇرقان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ مِنَ الْمُرْسَلِينَ إِلَّا إِنَّهُمْ لَيَأْكُلُونَ الطَّعَامَ وَيَمْشُونَ فِي الْأَسْوَاقِ ۗ وَجَعَلْنَا بَعْضَكُمْ لِبَعْضٍ فِتْنَةً أَتَصْبِرُونَ ۗ وَكَانَ رَبُّكَ بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەلۋەتتە تاماق يەيتتى، بازارلاردا مېڭىپ يۈرەتتى، بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنىدۇق، سەۋر قىلامسىلەر؟ (يەنى سەۋر قىلىڭلار) پەرۋەردىگارىڭ (سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن سەۋر قىلمىغۇچىلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەلۋەتتە تاماق يەيتتى، بازارلاردا مېڭىپ يۈرەتتى، بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئۈچۈن ئىمتىھان قىلدۇق، سەۋر قىلامسىلەر؟ رەببىڭ كۆرۇپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزمۇ تاماق يەيتتى، بازارلاردا ماڭاتتى. ئى ئىنسانلار! بىز بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنىدۇق. سەۋر قىلامسىلەر! رەببىڭ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
25 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ يُجْزَوْنَ الْغُرْفَةَ بِمَا صَبَرُوا وَيُلَقَّوْنَ فِيهَا تَحِيَّةً وَسَلَامًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار سەۋرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇلار جەننەتتە (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان) دۇئا ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار سەۋرلىك بولغانلىقلىرى ئۈچۈن جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇلار جەننەتتە دۇئا ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئالىي سارايلىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇلار ئۇ سارايلاردا تەبرىك ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ.
قەسەس سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ يُؤْتَوْنَ أَجْرَهُمْ مَرَّتَيْنِ بِمَا صَبَرُوا وَيَدْرَءُونَ بِالْحَسَنَةِ السَّيِّئَةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ قىلغان سەۋر ـ تاقىتى ئۈچۈن ئۇلارغا قوش ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى دەپئى قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ قىلغان سەۋر ـ تاقىتى ئۈچۈن ئۇلارغا قوش ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى دەپئى قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلارغا، سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەجىرلىرى ئىككى قېتىم بېرىلىدۇ. ئۇلار يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلىدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدۇ.
28 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ وَيْلَكُمْ ثَوَابُ اللَّهِ خَيْرٌ لِمَنْ آمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا وَلَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الصَّابِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلىملىك كىشىلەر: «ۋاي سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ساۋابى ياخشىدۇر. ئۇ ساۋاب پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغىلا بېرىلىدۇ» دېدى[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلىملىك كىشىلەر: «ۋاي سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ساۋابى ياخشىدۇر. ئۇ ساۋاب پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغىلا بېرىلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەر مۇنداق دېدى: «ئىسىت سىلەرگە! ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى ياخشىدۇر. بۇنىڭغا پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارلا ئېرىشەلەيدۇ».
ئەنكەبۇت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَلَبِثَ فِيهِمْ أَلْفَ سَنَةٍ إِلَّا خَمْسِينَ عَامًا فَأَخَذَهُمُ الطُّوفَانُ وَهُمْ ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، نۇھ (قەۋمىنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىپ) ئۇلارنىڭ ئىچىدە 50 يىل كەم 1000 يىل تۇردى (نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بۇتپەرەس بولۇپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە چىنپۈتمىدى). ئۇلار زالىم بولغانلىقلىرى (يەنى كۇفرىدا ۋە گۇمراھلىقتا چىڭ تۇرۇپ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى توپان (بالاسى) بىلەن ھالاك قىلدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە 50 يىل كەم 1000 يىل تۇردى. كېيىن زۇلۇم قىلىۋاتقان ئۇ قەۋمنى توپان ھالاك قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەللىك يىل كەم مىڭ يىل تۇردى2. ئاندىن ئۇلارنى توپان ھالاك قىلدى. ئۇلار بۇ ئەسنادا زۇلۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.
29 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ صَبَرُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئاللاھنىڭ يولىدا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلىدۇ، (ھەممە ئىشلىرىدا) پەرۋەردىگارىغا يۆلىنىدۇ[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مۇئمىنلار سەۋر قىلىدۇ، ھەممە ئىشىدا رەببىغا يۆلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەۋر قىلغان ۋە رەببىگىلا تەۋەككۇل قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ ۖ وَلَا يَسْتَخِفَّنَّكَ الَّذِينَ لَا يُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) (مۇشرىكلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ساڭا نۇسرەت ئاتا قىلىش ۋە دىنىڭنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، (ئاخىرەتكە) ئىشەنمەيدىغانلار سېنى يەڭگىلتەك قىلىپ قويمىسۇن[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن -ئى مۇھەممەد!- سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، ئىشەنمەيدىغانلار سېنى سەل چاغلىمىسۇن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، ئىشەنمەيدىغانلار سېنى بوشاشتۇرمىسۇن.
لوقمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بُنَيَّ أَقِمِ الصَّلَاةَ وَأْمُرْ بِالْمَعْرُوفِ وَانْهَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا أَصَابَكَ ۖ إِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن قىلىش ئۈچۈن ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى -ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن- ئوقۇغىن، -كىشىلەرنى- ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن ۋە بېشىڭغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغىن. مانا بۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر.
سەجدە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا مِنْهُمْ أَئِمَّةً يَهْدُونَ بِأَمْرِنَا لَمَّا صَبَرُوا ۖ وَكَانُوا بِآيَاتِنَا يُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغان، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جەزمەن ئىشەنگەن چاغدا، ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشۋالار قىلدۇق[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەۋر قىلغان چاغدا، ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشۋالار قىلدۇق؛ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قەتئىي ئىشىنەتتى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەمرىمىز بويىچە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان يېتەكچىلەرنى چىقاردۇق، چۈنكى ئۇلار سەۋر قىلدى ۋە ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقىي ئىشەندى.
32 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَانْتَظِرْ إِنَّهُمْ مُنْتَظِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن (يەنى سۆزلىرىگە پەرۋا قىلىپ كەتمىگىن). سەن (ئاللاھنىڭ ئۇلارغا چۈشىدىغان ئازابىنى) كۈتكىن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن (سىلەرگە چۈشىدىغان نەرسىلەرنى) كۈتكۈچىلەردۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن ۋە كۈتكىن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن كۈتكۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: شۇڭا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، كۈتۈپ تۇرغىن، ئۇلارمۇ كۈتۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
مِنَ الْمُؤْمِنِينَ رِجَالٌ صَدَقُوا مَا عَاهَدُوا اللَّهَ عَلَيْهِ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ قَضَىٰ نَحْبَهُ وَمِنْهُمْ مَنْ يَنْتَظِرُ ۖ وَمَا بَدَّلُوا تَبْدِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا ساباتلىق بولۇپ، شېھىت بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرۇلۇق) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىسى (شېھىت بولۇشنى) كۈتكمەكتە، ئۇلار (پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى) ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ شېھىت بولدى، بەزىسى شېھىت بولۇشنى كۈتكمەكتە، ئۇلار ئەھدىسىنى ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە سادىق بولغان ئەرلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى جېنىنى پىدا قىلدى، بەزىسى كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتمىدى.
ساففات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ السَّعْيَ قَالَ يَا بُنَيَّ إِنِّي أَرَىٰ فِي الْمَنَامِ أَنِّي أَذْبَحُكَ فَانْظُرْ مَاذَا تَرَىٰ ۚ قَالَ يَا أَبَتِ افْعَلْ مَا تُؤْمَرُ ۖ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ مِنَ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا مېنى (ئۇنىڭغا) سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن»[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ چۈشەپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئوغۇل چوڭىيىپ ئاتىسى ئىبراھىم بىلەن بىللە ئىش قىلغۇدەك بولغاندا ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئى ئوغۇلچىقىم! مەن چۈشۈمدە سېنى قۇربانلىق قىلغانلىقىمنى كۆرۈۋاتىمەن، ئويلاپ باققىنا، سەن قانداق قارايسەن!» دېدى. ئوغۇل: «ئى دادىكا! ساڭا بۇيرۇلغاننى قىلغىن، ئىنشائاللاھ مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن!» دېدى.
ساد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
اصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَاذْكُرْ عَبْدَنَا دَاوُودَ ذَا الْأَيْدِ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، (دىندا) كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن ۋە كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا كۆپ تەۋبە قىلغۇچى ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى زىكىر قىلغىن. ئۇ داۋاملىق بىزگە يۆنىلەتتى.
38 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَخُذْ بِيَدِكَ ضِغْثًا فَاضْرِبْ بِهِ وَلَا تَحْنَثْ ۗ إِنَّا وَجَدْنَاهُ صَابِرًا ۚ نِعْمَ الْعَبْدُ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: قەسىمىڭنى بۇزمىغىن» (دېدۇق). بىز ئەييۇبنى ھەقىقەتەن سەۋرچان بايقىدۇق، ئۇ نېمىدېگەن ئوبدان بەندە! ھەقىقەتەن ئۇ (ئاللاھقا) تەۋبە بىلەن يۈزلەنگۈچىدۇر (ئىزاھات: ئەييۇب ئايالىنى 100 دەررە ئۇرۇشقا قەسەم قىلغان ئىدى.)[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنىڭغا- «قولۇڭ بىلەن بىر باغلام چۆپنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرغىن[1]. قەسىمىڭنى بۇزمىغىن» -دېدۇق-. بىز ئەييۇبنى ھەقىقەتەن سەۋرچان بايقىدۇق، ئۇ نېمىدېگەن ئوبدان بەندە! ھەقىقەتەن ئۇ ئاللاھقا تەۋبە بىلەن يۈزلەنگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا يەنە: «قولۇڭغا بىر باغلام چۆپ ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرغىن، گۇناھكار بولمىغىن» دېدۇق. بىز ئۇنى سەۋرچان كۆردۇق. ئۇ بەك ياخشى بەندە ئىدى، چۈنكى داۋاملىق بىزگە يۆنىلەتتى.
38 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ عِبَادَنَا إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ أُولِي الْأَيْدِي وَالْأَبْصَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا) بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈچلۈك ۋە بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنىمۇ ئەسلىگىن
ئەنەس ئالىم: بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبلارنىمۇ زىكىر قىلغىن، ئۇلار كۈچلۈك ۋە ئاڭلىق كىشىلەر ئىدى.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا عِبَادِ الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا رَبَّكُمْ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةٌ ۗ وَأَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةٌ ۗ إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُمْ بِغَيْرِ حِسَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئى (ئاللاھنىڭ) مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار (ئاخىرەتتە) ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ يېرى كەڭدۇر (كۇففارلار ئارىسىدىن شۇ يەرگە ھىجرەت قىلىڭلار)، پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ»[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: -مېنىڭ نامىمدىن- ئېيتقىنكى: «ئى ئىمان ئېيتقان بەندىلىرىم! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭدۇر، سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تۆۋەندىكى سۆزۈمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگىن: «ئى مۇئمىن بەندىلىرىم! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلارغا ياخشىلىق بار. ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭدۇر. سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۆز ئەجىرلىرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ».
غافىر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَاسْتَغْفِرْ لِذَنْبِكَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ساڭا ۋە سېنىڭ تەۋەلىرىڭگە ياردەم بېرىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ـ ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ـ ئەتىگىنى رەببىڭگە ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇ ھالدا سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، گۇناھىڭنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلىگىن، چۈشتىن كېيىن ۋە چۈشتىن ئىلگىرى رەببىڭغا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
40 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ ۚ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ئۇلارنى ئازابلاش توغرىسىدىكى) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، ساڭا بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك (بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىدۇر) ياكى سېنى (ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساق، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ، (قىيامەتتە ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ)[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن سەن سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، بىز ساڭا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىمىز ياكى سېنى ۋاپات قىلدۇرىمىز، ئاخىرىدا ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! شۇڭا سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرۈشنى ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى ۋاپات قىلدۇرساقمۇ، ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ.
فۇسسىلەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ۚ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق يامان خىسلەتكە تاقابىل تۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوخشاش بولمايدۇ. يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلغىن، دۈشمىنىڭ خۇددى سەمىمىي دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ.
41 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىلىرىلا ئېرىشەلەيدۇ.
شۇرا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَشَأْ يُسْكِنِ الرِّيحَ فَيَظْلَلْنَ رَوَاكِدَ عَلَىٰ ظَهْرِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ ـ دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭدا (قاتتىقلىقتا) سەۋر قىلغۇچى، (كەڭچىلىكتە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەر مۆمىن ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ ـ دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭدا كۆپ سەۋر قىلغۇچى ۋە كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى ھەر بىر كىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ خالىسا شامالنى توختىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ. بۇنىڭدا كۆپ سەۋر قىلغۇچىلار ۋە كۆپ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
42 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَائِرَ الْإِثْمِ وَالْفَوَاحِشَ وَإِذَا مَا غَضِبُوا هُمْ يَغْفِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر[36ـ39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار، كەبىرىلەردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچى، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرۈدىغانلاردۇر
ئەنەس ئالىم: چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىدىغان، غەزەپلەنگەن چاغلىرىدىمۇ كەچۈرۈۋېتىدىغان كىشىلەر ئېرىشىدۇ،
42 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَنْ صَبَرَ وَغَفَرَ إِنَّ ذَٰلِكَ لَمِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى (ئەزىيەتكە) سەۋر قىلسا، (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى سەۋر قىلسا ۋە ئەپۇ قىلسا، بۇ ئەلۋەتتە ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان ئىشلاردىندۇر
ئەنەس ئالىم: كىم سەۋر قىلسا ۋە كەچۈرۈۋەتسە، بىلسۇنكى بۇ قىلىشقا ھەقىقەتەن تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر.
دۇخان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
فَارْتَقِبْ إِنَّهُمْ مُرْتَقِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا چۈشىدىغان ئازابنى) كۈتكىن، شۈبھىسىزكى، ئۇلار (سېنىڭ ھالاك بولۇشۇڭنى) كۈتكۈچىدۇر[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- كۈتكىن، شۈبھىسىزكى، ئۇلارمۇ كۈتكۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا كۈتۈپ تۇرغىن، ئۇلارمۇ كۈتمەكتە.
ئەھقاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ كَمَا صَبَرَ أُولُو الْعَزْمِ مِنَ الرُّسُلِ وَلَا تَسْتَعْجِلْ لَهُمْ ۚ كَأَنَّهُمْ يَوْمَ يَرَوْنَ مَا يُوعَدُونَ لَمْ يَلْبَثُوا إِلَّا سَاعَةً مِنْ نَهَارٍ ۚ بَلَاغٌ ۚ فَهَلْ يُهْلَكُ إِلَّا الْقَوْمُ الْفَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا) ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، ئۇلارغا بولىدىغان ئازابقا ئالدىراپ كەتمىگىن. ئۇلار (ئاخىرەتتە) ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەندە، (ئۇلار دۇنيادا) گويا كۈندۈزدە بىر دەملا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، (بۇ قۇرئان سىلەرگە) تەبلىغدۇر، پەقەت پاسىق قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭلاشقا سەن ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئالدىراپ كەتمىگىن. ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەندە، -دۇنيادا- گويا كۈندۈزدە بىر دەملا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ بىر تەبلىغدۇر، پەقەت پاسىق قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! شۇڭا ئاللاھنىڭ ئىرادىلىك ئەلچىلىرى سەۋر قىلغاندەك سەنمۇ سەۋر قىلغىن، كافىرلار ئۈچۈن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلمىغىن. ئۇلار ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىنى كۆرىدىغان كۈنى دۇنيادا خۇددى كۈندۈزنىڭ ئاز بىر ۋاقتىدىلا تۇرغاندەك بولىدۇ. بۇ ئۇقتۇرۇشتۇر. فاسىق قەۋمدىن باشقىسى ھالاك قىلىنامدۇ؟
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ حَتَّىٰ نَعْلَمَ الْمُجَاهِدِينَ مِنْكُمْ وَالصَّابِرِينَ وَنَبْلُوَ أَخْبَارَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە (جىھادقا ئەمر قىلىش ۋە مۇشەققەتلىك ئىشلارغا تەكلىپ قىلىش بىلەن) سىنايمىز، تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن (ئاللاھنىڭ يولىدا) جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە، سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە سىنايمىز، تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن -ئاللاھنىڭ يولىدا- جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە -جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە، سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى ئىچىڭلاردىن جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە سەۋر قىلغۇچىلارنى بىلگەنگە، خەۋەرلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانغا قەدەر سىنايمىز.
ھۇجۇرات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
49 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّهُمْ صَبَرُوا حَتَّىٰ تَخْرُجَ إِلَيْهِمْ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىنىڭغا قەدەر ئۇلار سەۋر قىلىپ تۇرۇشسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىنىڭغا قەدەر ئۇلار سەۋر قىلىپ تۇرۇشسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار سەن يانلىرىغا چىققانغا قەدەر سەۋر قىلسا ئىدى، ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولاتتى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
قاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق بولغانىكەن، كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، قۇياش چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
تۇر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَرْهُمْ حَتَّىٰ يُلَاقُوا يَوْمَهُمُ الَّذِي فِيهِ يُصْعَقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگۈچە تەرك ئەتكىن[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگىچە تەرك ئەتكىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھالاك قىلىنىدىغان كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر تەرك ئەتكىن.
52 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ فَإِنَّكَ بِأَعْيُنِنَا ۖ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ حِينَ تَقُومُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى تەخىر قىلىش) ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، (ئۇيقۇدىن) تۇرغان ۋاقتىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەم رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، ئۇيقۇدىن تۇرغان ۋاقتىڭدا رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن. چۈنكى سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن. ئورنۇڭدىن تۇرغان چېغىڭدا رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
قەمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا مُرْسِلُو النَّاقَةِ فِتْنَةً لَهُمْ فَارْتَقِبْهُمْ وَاصْطَبِرْ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا چىشى تۆگىنى ئەۋەتىمىز، (ئى سالىھ) ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ نېمە قىلارىنى) كۈتكىن، (ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: -سالىھقا مۇنداق دېگەنىدۇق-: «بىز ھەقىقەتەن سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا چىشى تۆگىنى ئەۋەتكۈچىلەرمىز، ئۇلارنى كۈتكىن ۋە سەۋر قىلغىن
ئەنەس ئالىم: بىز سالىھقا مۇنداق دېدۇق: «بىز ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن چىشى تۆگىنى ئەۋەتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارنى كۆزەتكىن ۋە سەۋر قىلغىن.
قەلەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُنْ كَصَاحِبِ الْحُوتِ إِذْ نَادَىٰ وَهُوَ مَكْظُومٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، (ئالدىراڭغۇلۇقتا، زېرىككەكلىكتە) بېلىقنىڭ ساھىبىغا (يەنى يۇنۇسقا) ئوخشاش بولمىغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ) غەمكىن ھالدا پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلدى[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، بېلىقنىڭ ساھىبى- يۇنۇس- قا ئوخشاش بولمىغىنكى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ غەمكىن ھالدا رەببىغا ئىلتىجا قىلدى
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، بېلىقنىڭ ھەمراھىدەك بولمىغىن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىگە ئاچچىق تولغان ھالدا رەببىگە نىدا قىلغان ئىدى.
مائارىج سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ صَبْرًا جَمِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداقتا سەن چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن.
70 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْإِنْسَانَ خُلِقَ هَلُوعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلغاندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئىنسان بەك چىدامسىز ۋە ئاچ كۆز يارىتىلدى.
70 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
إِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ جَزُوعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا (يوقسۇزلۇق، ياكى كېسەللىك، يا قورقۇنچتەك) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۆزىگە يامانلىق يەتكەندە زارلانغۇچىدۇر،
مۇزەممىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَاهْجُرْهُمْ هَجْرًا جَمِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن.
مۇدەسسىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِرَبِّكَ فَاصْبِرْ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ (رازىلىقى) ئۈچۈن (قەۋمىڭدىن يەتكەن ئەزىيەتكە) سەۋر قىل[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەۋر قىل
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ ئۈچۈن سەۋر قىلغىن.
ئىنسان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَزَاهُمْ بِمَا صَبَرُوا جَنَّةً وَحَرِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ سەۋر ـ تاقەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە (ئۇ يەردىكى) يىپەك (لىباسلار) بىلەن مۇكاپاتلايدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ سەۋر ـ تاقەتلىرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە يىپەك بىلەن مۇكاپاتلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جەننەت ۋە يىپەك كىيىملەر بىلەن مۇكاپاتلىدى.
76 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآنَ تَنْزِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىغا بويسۇنمىغىن[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭا سەن رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىغا بويسۇنمىغىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى تۇزكورغا ئىتائەت قىلمىغىن،
تارىق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
86 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَكِيدُ كَيْدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭا كاپىرلارغا مۆھلەت بەرگىن ياكى ئۇلارنى ئازراق تاشلىۋېتىپ تۇرغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنداقتا، كافىرلارغا مۆھلەت بەرگىن. شۇنداق، ئۇلارغا بىرئاز مۆھلەت بەرگىن.
بەلەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
90 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ كَانَ مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ وَتَوَاصَوْا بِالْمَرْحَمَةِ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭ بىلەن بىللە (يەنى يۇقىرىقىلارنى قىلىش بىلەن بىللە) ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولماقتۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولوشتۇر
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىمان ئېيتقان، سەۋرگە تەۋسىيە قىلىشقان ۋە مەرھەمەتكە تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولۇشتۇر.
ئەسر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
103 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر ـ بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر ـ بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر[2 ـ 3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر ـ بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر ـ بىرىگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەر مۇستەسنا
ئەنەس ئالىم: پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەر زىيان ئىچىدە ئەمەس.