ئازغۇنلۇق
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ھەقىقەتنى رەت قىلىش، نەپسى خاھىشلارغا ئەگىشىش ياكى دىننى تەرك ئېتىشىنىڭ نەتىجىسىدە توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىش.
ئەرەبچىىسى: دلال
ئېنگلىزچىسى: Misguidance
157 ئايەت
56 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇق /
- 📄 ئازغۇنلۇق
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ يَسْتَهْزِئُ بِهِمْ وَيَمُدُّهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: (مۆمىنلەرنى) مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ ۋە ھەددىدىن ئېشىشىدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
2 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الضَّلَالَةَ بِالْهُدَىٰ فَمَا رَبِحَتْ تِجَارَتُهُمْ وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار ھىدايەتنى بېرىپ، گۇمراھلىقنى ئالدى. شۇڭا سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار ھىدايەتنى بېرىپ گۇمراھلىقنى سېتىۋالغانلاردۇر. شۇڭا سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى، ئۇلار ھىدايەت تاپمىدى
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ھىدايەتكە زالالەتنى سېتىۋالغان، بۇ سەۋەبتىن تىجارىتى پايدا بەرمىگەن ۋە توغرا يولدا ماڭمىغان كىشىلەردۇر.
2 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
مَثَلُهُمْ كَمَثَلِ الَّذِي اسْتَوْقَدَ نَارًا فَلَمَّا أَضَاءَتْ مَا حَوْلَهُ ذَهَبَ اللَّهُ بِنُورِهِمْ وَتَرَكَهُمْ فِي ظُلُمَاتٍ لَا يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار گوياكى (كېچىدە ئىسسىنىش ۋە يورۇقلۇق ئېلىش ئۈچۈن) ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئوتىنىڭ) يورۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، ئۇلارنى (ئەتراپىدىكى ھېچ نەرسىنى) كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار گوياكى (كېچىدە يورۇقلۇق ئېلىش ئۈچۈن) ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئوتىنىڭ) يورۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، ئۇلارنى ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئەتراپنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئوت ياققان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئەمما ئوت ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ نۇرىنى ئېلىپ كەتتى ۋە ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە كۆرەلمەيدىغان ھالەتتە قويۇپ قويدى.
2 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
صُمٌّ بُكْمٌ عُمْيٌ فَهُمْ لَا يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار گاستۇر (يەنى گاس ئاڭلىمىغاندەك، ياخشىلىقنى ئاڭلىمايدۇ)، گاچىدۇر (يەنى گاچا سۆزلىيەلمىگەندەك، ياخشى ئىشنى سۆزلىيەلمەيدۇ)، كوردۇر (يەنى كور بولۇپ قالغاندەك، توغرا يولنى كۆرمەيدۇ)، شۇڭا ئۇلار (گۇمراھلىقتىن) قايتمايدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار گاستۇر (يەنى ياخشى گەپنى ئاڭلىمايدۇ)، گاچىدۇر (يەنى ھەق سۆزنى قىلمايدۇ)، كوردۇر (يەنى توغرا يولنى كۆرمەيدۇ)، شۇڭا ئۇلار (گۇمراھلىقتىن) قايتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار گاس، گاچا ۋە كوردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قايتمايدۇ8.
2 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَا يَسْتَحْيِي أَنْ يَضْرِبَ مَثَلًا مَا بَعُوضَةً فَمَا فَوْقَهَا ۚ فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا فَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّهِمْ ۖ وَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا فَيَقُولُونَ مَاذَا أَرَادَ اللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلًا ۘ يُضِلُّ بِهِ كَثِيرًا وَيَهْدِي بِهِ كَثِيرًا ۚ وَمَا يُضِلُّ بِهِ إِلَّا الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، مۆمىنلەر ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ؛ كاپىرلار بولسا: «ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى (ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن) ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى (ئۇنى تەستىقلىغانلىقتىن) ھىدايەت قىلىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، مۆمىنلەر ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ؛ كافىرلار بولسا: «ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازغۇنلۇقىدا قويىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت تاپقۇزىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازغۇنلۇقىدا قويىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىر پاشىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىن چوڭ ياكى كىچىك نەرسىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشتىن تارتىنمايدۇ. مۇئمىنلار ئۇنىڭ رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كافىرلار بولسا «ئاللاھ بۇنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشتە نېمىنى ئىرادە قىلدى؟» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن فاسىقلارنىلا13 ئازدۇرىدۇ.
2 : 175 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الضَّلَالَةَ بِالْهُدَىٰ وَالْعَذَابَ بِالْمَغْفِرَةِ ۚ فَمَا أَصْبَرَهُمْ عَلَى النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، مەغپىرەتنى ئازابقا (يەنى جەننەتنى دوزاخقا) تېگىشتى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدېگەن چىداملىق![175]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، مەغپىرەتنى ئازابقا تېگىشتى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدېگەن چىداملىق-ھە!
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار زالالەتنى ھىدايەتكە، ئازابنى مەغپىرەتكە سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. ئۇلار دوزاخقا نېمىدېگەن چىداملىق - ھە!
ئال ئىمران سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَّتْ طَائِفَةٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَوْ يُضِلُّونَكُمْ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ (بۇنىڭ ۋابالى ئۇلارغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىش بىلەن ئۆزلىرىگىلا قايتىدۇ). (لېكىن) ئۇلار (بۇنى) تۇيمايدۇ[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ، ئۇلار بولسا بۇنى تۇيمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن بىر گۇرۇھ سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ. لېكىن ئۇلار بۇنى تۇيمايدۇ.
3 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
كَيْفَ يَهْدِي اللَّهُ قَوْمًا كَفَرُوا بَعْدَ إِيمَانِهِمْ وَشَهِدُوا أَنَّ الرَّسُولَ حَقٌّ وَجَاءَهُمُ الْبَيِّنَاتُ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقاندىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغاندىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كافىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! ئاللاھ بۇنداق زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان، بۇ ئەلچىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كافىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
3 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بَعْدَ إِيمَانِهِمْ ثُمَّ ازْدَادُوا كُفْرًا لَنْ تُقْبَلَ تَوْبَتُهُمْ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الضَّالُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغانلار، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولغان، ئاندىن كۇفرلىقتا تېخىمۇ چىڭ تۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولۇپ، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئازغۇنلار ئەنە شۇلاردۇر.
3 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ مَنْ آمَنَ تَبْغُونَهَا عِوَجًا وَأَنْتُمْ شُهَدَاءُ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) (ئىسلام دىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) شاھىت بولۇپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يولىنى ئەگرى كۆرسىتىشنى قەستلەپ، مۆمىنلەرنى ئۇنىڭدىن توسىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ھەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئەگرى كۆرسىتىپ مۆمىنلەرنى ئۇنىڭدىن توسىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! مۇئمىنلارنى نېمىشقا ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىسىلەر؟ ئۇ يولنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئەگرى كۆرسىتىشكە تىرىشىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس».
نىسا سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِنَ الْكِتَابِ يَشْتَرُونَ الضَّلَالَةَ وَيُرِيدُونَ أَنْ تَضِلُّوا السَّبِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كىتابتىن (يەنى تەۋراتتىن) نېسىۋە بېرىلگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىي موللىلىرى) نىڭ گۇمراھلىقنى سېتىۋالغانلىقىنى ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئېزىشىڭلارنى خالايدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) تەۋراتتىن ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ گۇمراھلىقنى سېتىۋالغانلىقىنى ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىشىڭلارنى خالايدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئازغۇنلۇقنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئېزىپ كېتىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ.
4 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَعَنَهُمُ اللَّهُ ۖ وَمَنْ يَلْعَنِ اللَّهُ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلغان كىشىلەردۇر؛ ئاللاھ كىمنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار تاپالمايسەن[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار ئاللاھ ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلغان كىشىلەردۇر؛ ئاللاھ كىمنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھېچبىر مەدەتكار تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ لەنەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ كىمگە لەنەت قىلسا، سەن ئۇنىڭغا ھېچ ياردەمچى تاپالمايسەن.
4 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يَزْعُمُونَ أَنَّهُمْ آمَنُوا بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ يُرِيدُونَ أَنْ يَتَحَاكَمُوا إِلَى الطَّاغُوتِ وَقَدْ أُمِرُوا أَنْ يَكْفُرُوا بِهِ وَيُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَنْ يُضِلَّهُمْ ضَلَالًا بَعِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەرزىنى تاغۇتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار تاغۇتنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان، شەيتان ئۇلارنى چوڭقۇر ئازدۇرۇشنى خالايدۇ[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەرزىنى (ئادىمىي) شەيتاننىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا سۇنماقچى بولۇۋاتىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار شەيتاننى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان، شەيتان ئۇلارنى قاتتىق ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىر تەرەپتىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشەنگەنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرماقچى بولىدىغان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار تاغۇتنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان. شەيتان ئۇلارنى چوڭقۇر ئازدۇرۇشنى ئىرادە قىلىدۇ.
4 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا لَكُمْ فِي الْمُنَافِقِينَ فِئَتَيْنِ وَاللَّهُ أَرْكَسَهُمْ بِمَا كَسَبُوا ۚ أَتُرِيدُونَ أَنْ تَهْدُوا مَنْ أَضَلَّ اللَّهُ ۖ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمىشقا مۇناپىقلار توغرىسىدا ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى كاپىرلار ھۆكمىدە قىلدى، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىلەرنى سىلەر ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ كىمنىكى ئاللاھ گۇمراھ قىلىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا ھەرگىز توغرا يول تېپىپ بېرەلمەيسەن[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمىشقا مۇناپىقلار توغرىسىدا ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى (كۇفرغا) قايتۇرۇۋەتتى، ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا قالدۇرغانلارنى سىلەر ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ كىمنىكى ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قالدۇرىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا زادى توغرا يول تېپىپ بېرەلمەيسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە نېمە بولدىكىن، مۇنافىقلار ھەققىدە ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتىڭلار؟ ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن تەتۈرىگە ياندۇرۇۋەتكەن تۇرسا! سىلەر ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ ئاللاھ ئازدۇرغان كىشى ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولى تاپالمايسەن.
4 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَنْ يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا بَعِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى (يەنى مۇشرىكلىك گۇناھىنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقىنى (ئاللاھ) خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك قىلىنىشىنى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقىنى ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمدىن كەچۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن تۆۋەن گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ.
4 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا ثُمَّ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا ثُمَّ ازْدَادُوا كُفْرًا لَمْ يَكُنِ اللَّهُ لِيَغْفِرَ لَهُمْ وَلَا لِيَهْدِيَهُمْ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن كۇفرىدا ئەزۋەيلىگەن (يەنى شۇ كۇفرى بىلەن ئۆلگەن) كىشىلەرنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا (يەنى جەننەتكە) يېتەكلىمەيدۇ[137].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كافىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن يەنە كافىر بولغان، ئاندىن كۇفردا ھەددىدىن ئاشقان كىشىلەرنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە توغرا يولغا يېتەكلىمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كافىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كافىر بولغان، ئاندىن كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارغا ھەرگىزمۇ يول كۆرسەتمەيدۇ.
4 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
مُذَبْذَبِينَ بَيْنَ ذَٰلِكَ لَا إِلَىٰ هَٰؤُلَاءِ وَلَا إِلَىٰ هَٰؤُلَاءِ ۚ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇناپىقلار كۇفرى بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، نە ئۇلارغا، نە بۇلارغا مەنسۈپ ئەمەس (يەنى مۆمىنلەرگىمۇ، كاپىرلارغىمۇ مەنسۈپ ئەمەس). كىمنى ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئىكەن (يەنى ئۆزلىرىنىڭ خاتا يولغا كىرىۋالغانلىقلىرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئازغۇنلۇقىدا تاشلىۋەتكەن بولسا)، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن[143].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلار كۇفر بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارغا مۆمىنلەرگىمۇ، كافىرلارغىمۇ تەۋە ئەمەس. كىمنى ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئىكەن، (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىتتىرىلىپ تۇرماقتىدۇر، ئۇلارغىمۇ مەنسۇپ بولالمايدۇ، بۇلارغىمۇ مەنسۇپ بولالمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشى ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولى تاپالمايسەن.
4 : 167 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ قَدْ ضَلُّوا ضَلَالًا بَعِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار ھەقىقەتەن قاتتىق ئازدى[167].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، كافىرلار ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار ھەقىقەتەن بەك ئېزىپ كەتكەنلەردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، كافىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار قاتتىق ئازغان بولىدۇ.
4 : 168 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَظَلَمُوا لَمْ يَكُنِ اللَّهُ لِيَغْفِرَ لَهُمْ وَلَا لِيَهْدِيَهُمْ طَرِيقًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار ۋە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ، توغرا يولغىمۇ (يەنى جەننەتنىڭ يولىغىمۇ) باشلىمايدۇ[168].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ھەقنى ئىنكار قىلىپ) كافىر بولغان ۋە (كۇفرلىقتا چىڭ تۇرۇپ) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلمايدۇ، توغرا يولغىمۇ باشلىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىر بولغان ۋە زۇلۇم قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ھەرگىزمۇ يول كۆرسەتمەيدۇ.
مائىد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هَلْ أُنَبِّئُكُمْ بِشَرٍّ مِنْ ذَٰلِكَ مَثُوبَةً عِنْدَ اللَّهِ ۚ مَنْ لَعَنَهُ اللَّهُ وَغَضِبَ عَلَيْهِ وَجَعَلَ مِنْهُمُ الْقِرَدَةَ وَالْخَنَازِيرَ وَعَبَدَ الطَّاغُوتَ ۚ أُولَٰئِكَ شَرٌّ مَكَانًا وَأَضَلُّ عَنْ سَوَاءِ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى بۇنىڭدىنمۇ يامان جازانى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ (ئۇ شۇنداق) كىشىلەرنىڭ (جازاسىكى)، ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە چوشقا قىلدى، بىر قىسمىنى شەيتانغا ئىبادەت قىلىدىغان قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر (يەنى دوزاختۇر)، (ئۇلار) توغرا يولدىن ئەڭ ئاداشقاندۇر»[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى بۇنىڭدىنمۇ يامان جازانى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ شۇنداق كىشىلەرگە بېرىلگەن جازاكى، ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە توڭگۇزغا ئايلاندۇرۇۋەتتى، بىر قىسمىنى شەيتانغا چوقۇنىدىغان قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر، ئۇلار توغرا يولدىن بەكمۇ ئاداشقانلاردۇر»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا جازاسى ئۇنىڭدىنمۇ يامان بولغانلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار ئاللاھ لەنەت قىلغان، غەزەپ قىلغان، بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە توڭگۇزلارغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن كىشىلەردۇر، شۇنداقلا ئۇلار تاغۇتقا ئىبادەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار ئورنى ئەڭ يامان بولغان ۋە توغرا يولدىن بەكمۇ ئاداشقان كىشىلەردۇر».
5 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَا تَغْلُوا فِي دِينِكُمْ غَيْرَ الْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعُوا أَهْوَاءَ قَوْمٍ قَدْ ضَلُّوا مِنْ قَبْلُ وَأَضَلُّوا كَثِيرًا وَضَلُّوا عَنْ سَوَاءِ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) »ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار» دېگىن[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) «ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا يولسىزلىق قىلىپ چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا ھەقتىن ھالقىپ چەكتىن ئاشماڭلار. ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار».
5 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا إِلَىٰ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَإِلَى الرَّسُولِ قَالُوا حَسْبُنَا مَا وَجَدْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا ۚ أَوَلَوْ كَانَ آبَاؤُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ شَيْئًا وَلَا يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە ھىدايەت تاپمىغان تۇرسىمۇ (يەنىلا ئۇلارنىڭ دىنىغا ئەمەل قىلامدۇ؟)[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ھىچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە ھىدايەت تاپمىغان تۇرسىمۇ، ئۇلار: «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ.
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە كېلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: «ئاتا -بوۋىلىرىمىزنىڭ يولى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ. ئۇلار، ئاتا - بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمىگەن ۋە ھىدايەت تاپمىغان بولسىمۇ يەنە شۇنداق قىلامدۇ؟
ئەنئام سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا صُمٌّ وَبُكْمٌ فِي الظُّلُمَاتِ ۗ مَنْ يَشَإِ اللَّهُ يُضْلِلْهُ وَمَنْ يَشَأْ يَجْعَلْهُ عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار گاسلاردۇر (يەنى قوبۇل قىلىش يۈزىسىدىن ئاڭلىمايدۇ)، گاچىلاردۇر (يەنى ھەقنى سۆزلىمەيدۇ). ئۇلار (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە قالغانلاردۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى (زالالەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى (ھىدايەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) توغرا يولغا سالىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بولسا بەئەينى زۇلمەت ئىچىدە قالغان گاس ۋە گاچىلاردۇر. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ئازغۇنلۇقىدا قويىدۇ، خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا سالىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر گاسلاردۇر، گاچىلاردۇر، قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يول ئۈستىدە قىلىدۇ.
6 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُقَلِّبُ أَفْئِدَتَهُمْ وَأَبْصَارَهُمْ كَمَا لَمْ يُؤْمِنُوا بِهِ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَنَذَرُهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى ھەق (نى چۈشىنىش ۋە كۆرۈش) تىن بۇرىۋېتىمىز، ئۇلار دەسلەپتە مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىگىنىدەك (يەنە ئىشەنمەيدۇ)، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن) ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى پەردىلەپ، ئۇلارنى مۆجىزىلەرگە دەسلەپتە ئىشەنمىگەندەك ھالەتكە كەلتۈرىمىز-دە، ئۆز گۇمراھلىقىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە كۆزلىرىنى بۇرىۋېتىمىز. ئۇلار دەسلەپتە ئىشەنمىگىنىدەك يەنە ئىشەنمەيدۇ. بىز ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
6 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ تُطِعْ أَكْثَرَ مَنْ فِي الْأَرْضِ يُضِلُّوكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنْ يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَخْرُصُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر (يەنى كۇففارلار) گە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، ئۇلار پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيدۇ[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە (يەنى كافىرلارغا) ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ؛ ئۇلار خىيالىي پەرەزگىلا ئەگىشىدۇ، يالغانلا سۆزلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكىگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىۋېتىدۇ. ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. ئۇلار پەقەت بىلجىرلايدۇ.
6 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ مَنْ يَضِلُّ عَنْ سَبِيلِهِ ۖ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ھەقىقەتەن ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يول تاپقانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ھەقىقەتەن ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يول تاپقانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
6 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا لَكُمْ أَلَّا تَأْكُلُوا مِمَّا ذُكِرَ اسْمُ اللَّهِ عَلَيْهِ وَقَدْ فَصَّلَ لَكُمْ مَا حَرَّمَ عَلَيْكُمْ إِلَّا مَا اضْطُرِرْتُمْ إِلَيْهِ ۗ وَإِنَّ كَثِيرًا لَيُضِلُّونَ بِأَهْوَائِهِمْ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۗ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِالْمُعْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زۆرۈرىيەت بولمىغىچە يېيىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ئوچۇق بايان قىلغان تۇرسا، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى نېمىشقا يېمەيسىلەر؟ نۇرغۇن كىشىلەر نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، بىلمەستىن، (باشقىلارنى) ھەقىقەتەن ئازدۇرىدۇ، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ (شەرئى دەلىلسىز ھالال، ھارام دەپ) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۆرۈرىيەت بولمىغۇچە يېيىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ئوچۇق بايان قىلغان تۇرسا، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى نېمىشقا يېمەيسىلەر؟ نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز خاھىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىمۇ سەزمەي، (باشقىلارنى) توغرا يولدىن ئازدۇرىدۇ، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ (شەرىئەت دەلىلىگە ئاساسلانماي ھالال، ھارام دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە نېمە بولدىكىن، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاللاھ سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى، ئۆزى سىلەر ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلغان تۇرسا. لېكىن سىلەر چارىسىزلىقتىن يېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان نەرسە ئۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ، بىلمەستىن باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
6 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ يُرِدِ اللَّهُ أَنْ يَهْدِيَهُ يَشْرَحْ صَدْرَهُ لِلْإِسْلَامِ ۖ وَمَنْ يُرِدْ أَنْ يُضِلَّهُ يَجْعَلْ صَدْرَهُ ضَيِّقًا حَرَجًا كَأَنَّمَا يَصَّعَّدُ فِي السَّمَاءِ ۚ كَذَٰلِكَ يَجْعَلُ اللَّهُ الرِّجْسَ عَلَى الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇ گويا ئاسمانغا چىقىۋاتقاندەك ئۇنىڭ كۆكسىنى تارايتىۋېتىدۇ. (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆڭلى-كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كېڭەيتىدۇ، ئاللاھ كىمنى گۇمراھلىقتا قالدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆڭلى-كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، ئۇنىڭ ئىچى گويا ئۇ ئاسمانغا تېز چىقىۋاتقاندەك سىقىلىدۇ. ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كېڭەيتىدۇ. كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى تارايتىدۇ ۋە سىقىدۇ. ئۇ گويا ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقاندەك بولىدۇ16. ئاللاھ پاسكىنىلىقنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ ئۈستىدە مانا مۇشۇنداق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ 17.
6 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ قَتَلُوا أَوْلَادَهُمْ سَفَهًا بِغَيْرِ عِلْمٍ وَحَرَّمُوا مَا رَزَقَهُمُ اللَّهُ افْتِرَاءً عَلَى اللَّهِ ۚ قَدْ ضَلُّوا وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھاماقەتلىك ۋە نادانلىقلىرىدىن بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتىپ، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ھارام بىلگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن زىيان تارتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن (توغرا يولدىن) ئاداشتى، ھىدايەت تاپمىدى[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھاماقەتلىكى ۋە نادانلىقىدىن بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتىپ، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ھارام بىلگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن زىيان تارتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئاداشتى، ھىدايەت تاپمىدى
ئەنەس ئالىم: بىلىمسىزلىكىدىن، ئەخمەقلىق قىلىپ بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەنلەر ۋە ئاللاھ بەرگەن رىزىقنى ئاللاھقا بوھتان چاپلاپ ھارام قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتتى. ئۇلار ئېزىپ كەتتى ۋە ھىدايەت تاپمىدى.
6 : 153 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّ هَٰذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ ۖ وَلَا تَتَّبِعُوا السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَنْ سَبِيلِهِ ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، (ناتوغرا) يوللاردا ماڭماڭلار. ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ[153].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ھەقىقەتەن مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇڭا، سىلەر مۇشۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار ناتوغرا يوللار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، دوزاختىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى
ئەنەس ئالىم: مانا بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر. ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. باشقا يوللارغا ئەگەشمەڭلار. چۈنكى ئۇ باشقا يوللار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى. تەقۋادار بولغايسىلەر».
ئەئراف سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَرِيقًا هَدَىٰ وَفَرِيقًا حَقَّ عَلَيْهِمُ الضَّلَالَةُ ۗ إِنَّهُمُ اتَّخَذُوا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ مُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (سىلەردىن) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى؛ يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، شەيتانلارنى دوست تۇتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىنسانلاردىن) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى، يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى دوست تۇتقان تۇرۇقلۇق، ئۆزىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى ھىدايەت قىلدى. ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى ئېزىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولدى. چۈنكى بۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەلىيلىرى قىلىۋالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ.
7 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا وَهُمْ بِالْآخِرَةِ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زالىملار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ داغدام يولىدىن توسىدۇ، ئۇنىڭ ئەگرى يولدا بولۇشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ داغدام يولىدىن توسقان، ئۇنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدىغان ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كىشلەردۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئۇ يولنى ئەگرى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ ۋە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدۇ.
7 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقْعُدُوا بِكُلِّ صِرَاطٍ تُوعِدُونَ وَتَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ مَنْ آمَنَ بِهِ وَتَبْغُونَهَا عِوَجًا ۚ وَاذْكُرُوا إِذْ كُنْتُمْ قَلِيلًا فَكَثَّرَكُمْ ۖ وَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرىلىكىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار. ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ياد ئېتىڭلار، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراڭلار[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار. ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئېسىڭلاردا ئېتىڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار
ئەنەس ئالىم: ھەر يولدا ئولتۇرۇپ ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە تەھدىت سالماڭلار، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسماڭلار ۋە ئۇ يولنى ئەگرى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭلار. ئويلاپ بېقىڭلاركى، سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتكەن. قاراڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
7 : 178 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِي ۖ وَمَنْ يُضْلِلْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر[178].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قويغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ كىمنى ئازۇدۇرۇۋەتسە، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
7 : 186 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَا هَادِيَ لَهُ ۚ وَيَذَرُهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرىدۇ[186].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ گۇمراھلىقتا قالدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى گۇمراھلىقلىقىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنى ئازدۇرۇۋەتسە، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
7 : 193 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ تَدْعُوهُمْ إِلَى الْهُدَىٰ لَا يَتَّبِعُوكُمْ ۚ سَوَاءٌ عَلَيْكُمْ أَدَعَوْتُمُوهُمْ أَمْ أَنْتُمْ صَامِتُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار، ياكى جىم تۇرۇڭلار، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاش (يەنى سىلەر قايسى ھالەتتە بولماڭلار، ئۇلار سىلەرنىڭ دەۋىتىڭلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەستۇر)[193].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ نەرسىلەرنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار ياكى جىم تۇرۇڭلار، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاش (يەنى ئۇلار سىلەرنىڭ دەۋىتىڭلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەستۇر)
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭلار، سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. ئۇلارنى چاقىرساڭلارمۇ ياكى جىم تۇرساڭلارمۇ سىلەر ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاشتۇر29.
7 : 198 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ تَدْعُوهُمْ إِلَى الْهُدَىٰ لَا يَسْمَعُوا ۖ وَتَرَاهُمْ يَنْظُرُونَ إِلَيْكَ وَهُمْ لَا يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭلار، ئۇلار (ھىدايەت تاپماق تۈگۈل دەۋىتىڭلارنى) ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار سىلەرگە قاراپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆرمەيدۇ[198].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار ساڭا قاراپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆرمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار ئاڭلىمايدۇ. ئۇلارنى ساڭا قاراۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ھالبۇكى، ئۇلار كۆرمەيدۇ.
7 : 202 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِخْوَانُهُمْ يَمُدُّونَهُمْ فِي الْغَيِّ ثُمَّ لَا يُقْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەيتانلار (كۇففار) بۇرادەرلىرىنى بولۇشىچە ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنى ئازدۇرۇشتىن بوشىشىپ قالمايدۇ[202].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ شەيتانلار (كافىر) بۇرادەرلىرىنى بولۇشىچە ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنى ئازدۇرۇشتىن بوشىشىپ قالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىغا كەلسەك، شەيتانلار ئازغۇنلۇقتا ئۇلارغا مەدەت بېرىدۇ، ئاندىن ئۇلار بوشىشىپ قالمايدۇ.
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ رَبَّنَا إِنَّكَ آتَيْتَ فِرْعَوْنَ وَمَلَأَهُ زِينَةً وَأَمْوَالًا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا رَبَّنَا لِيُضِلُّوا عَنْ سَبِيلِكَ ۖ رَبَّنَا اطْمِسْ عَلَىٰ أَمْوَالِهِمْ وَاشْدُدْ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُوا حَتَّىٰ يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ھاياتىي دۇنيادا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال ـ مۈلۈكلەرنى بەردىڭ.ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلار بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئازدۇردى. ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمايدۇ »[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىمىز! كىشىلەرنى يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈن ـ ئى رەببىمىز! - پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ھاياتىي دۇنيادا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال ـ مۈلۈكلەرنى بەردىڭ، رەببىمىز! ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان ئېيتماي قاتتىق ئازابنى كۆرسۇن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىمىز! سەن فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا زىننەت ۋە ھەر خىل مال - مۈلۈك بەردىڭ. رەببىمىز! بۇ ئۇلارنىڭ سېنىڭ يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ؟ رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ماللىرىنى قۇرۇتىۋەتكىن، قەلبلىرىنى قاتتىق قىلىۋەتكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمىسۇن» دېدى.
ھۇد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) توسىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولىشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئۇ يولنى ئەگرى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ ۋە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدۇ.
11 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَاتَّبَعُوا أَمْرَ فِرْعَوْنَ ۖ وَمَا أَمْرُ فِرْعَوْنَ بِرَشِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى ھەقىقەتەن ئايەتلىرىمىز (يەنى ئاللاھتىن نازىل بولغان دىنىي ئەھكاملار) ۋە روشەن دەلىللەر (يەنى مۆجىزىلەر) بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى[96 ـ 97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمما ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى. ۋە ھالەنكى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇنى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە ئەۋەتتۇق. ئۇ ئادەملەر فىرئەۋننىڭ ئەمرىگە بويسۇندى. ھالبۇكى، فىرئەۋننىڭ ئەمرى ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس ئىدى.
رەئد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِنْ رَبِّهِ ۗ قُلْ إِنَّ اللَّهَ يُضِلُّ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ أَنَابَ
مۇھەممەد سالىھ: كۇففارلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن (مۇسانىڭ ۋە ئىيسانىڭ مۆجىزىسىدەك) بىرەر مۆجىزە كەلمىدى؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) «(ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، تەۋبە قىلغانلارنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگىن[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۇففارلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببىدىن بىرەر مۆجىزە كەلمىدى؟» دەيدۇ. -ئى مۇھەممەد!- «ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، تەۋبە قىلغانلارنى بولسا توغرا يولغا باشلايدۇ» دېگىن
ئەنەس ئالىم: كافىرلار: «نېمىشقا مۇھەممەدكە رەببىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ ۋە ئۆزىگە داۋاملىق يۆنەلگەن كىشنى ھىدايەت قىلىدۇ».
13 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ هُوَ قَائِمٌ عَلَىٰ كُلِّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ ۗ وَجَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ قُلْ سَمُّوهُمْ ۚ أَمْ تُنَبِّئُونَهُ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِي الْأَرْضِ أَمْ بِظَاهِرٍ مِنَ الْقَوْلِ ۗ بَلْ زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مَكْرُهُمْ وَصُدُّوا عَنِ السَّبِيلِ ۗ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ (بۇتلارغا ئوخشامدۇ؟) ئۇلار بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ئۇلارغا: « بۇتلارنىڭ ناملىرىنى ئاتاپ بېقىڭلار، يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان نەرسىلەر باردەك، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھقا ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟ ياكى قۇرۇق گۇمان بىلەن (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋاتامسىلەر؟)» دېگىن. بەلكى كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ كۇفرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ھېچقانداق ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ ئىنكار قىلىنامدۇ؟ ئۇلار ئاللاھقا شېرىكلەر قىلىۋالدى. ئۇلارغا: «بۇتلارنىڭ ناملىرىنى ئاتاپ بېقىڭلار، يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان نەرسىلەر باردەك، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھقا ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟ ياكى قۇرۇق گۇمان بىلەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋاتامسىلەر؟» دېگىن. بەلكى كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ كۇفرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇلار توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ھېچقانداق ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەر كىشىنىڭ قىلمىشىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان زاتنى بىر دەپ بىلىش كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ شېرىكلىرىڭلارنىڭ ئىسىملىرىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى دەپ بېقىڭلار. ياكى يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەر نەرسە بولۇپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرىۋاتامسىلەر؟ ياكى قۇرۇق گەپ قىلىۋاتامىسلەر؟». بەلكى كافىرلارغا ئۆز ھىيلىگەرلىكلىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇلار توغرا يولدىن توسۇلدى. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.
13 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ أَنْزَلْنَاهُ حُكْمًا عَرَبِيًّا ۚ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ بَعْدَمَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ مَا لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا وَاقٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك (يەنى ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرگە ئۆز تىلىدا كىتاب نازىل قىلغىنىمىزدەك)، قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا چىقىرىشقا) ھۆكۈم قىلىپ نازىل قىلدۇق، سەن ئىلىمگە ئىگە بولۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ (يەنى ئەھلى كىتابنىڭ) نەپسى- خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ كېتىدىغان بولساڭ، ساڭا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى ۋە سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك، قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا ھۆكۈم قىلغۇچى قىلىپ نازىل قىلدۇق. ساڭا بۇ ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ كېتىدىغان بولساڭ، ساڭا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى ۋە سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك12، بىز بۇ قۇرئاننى ئەرەبچە ھۆكۈم قىلىپ نازىل قىلدۇق. ئەگەر سەن ئۆزۈڭگە كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، سەن ئۆزۈڭنى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قۇتقۇزىدىغان ھېچبىر ۋەلىي ۋە ھېچبىر ساقلىغۇچى تاپالمايسەن.
ئىبراھىم سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَسْتَحِبُّونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا عَلَى الْآخِرَةِ وَيَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا ۚ أُولَٰئِكَ فِي ضَلَالٍ بَعِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بۇ دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرىدۇ (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) توسىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار (ھەقتىن) يىراق بولغان گۇمراھلىقتىدۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
14 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ رَسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ ۖ فَيُضِلُّ اللَّهُ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: قانداقلا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتمەيلى، ئۇنى بىز ئۆز قەۋمىگە (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى) بايان قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن (سۆزلەيدىغان) قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىش بولۇپ، ھىدايەت قىلىش ئىشى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: بىز ھەر ئەلچىنى ئۆز قەۋمىگە بايان قىلىشى ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن ئەلچىلىكنى يەتكۈزىدىغان قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئاندىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
14 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَثَلُ كَلِمَةٍ خَبِيثَةٍ كَشَجَرَةٍ خَبِيثَةٍ اجْتُثَّتْ مِنْ فَوْقِ الْأَرْضِ مَا لَهَا مِنْ قَرَارٍ
مۇھەممەد سالىھ: يامان سۆز (يەنى كۇفرى كەلىمىسى) زېمىندىن قومۇرۇپ تاشلانغان، ھېچقانداق قارارى يوق ناچار دەرەخقە ئوخشايدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: يامان سۆز، زېمىندىن قومۇرۇپ تاشلانغان، ھېچقانداق قارارى يوق ناچار دەرەخقە ئوخشايدۇ
ئەنەس ئالىم: يامان سۆز بولسا، يىلتىزى يەرنىڭ ئۈستىدىن قومۇرۇلغان، تىك تۇرالمايدىغان ناچار دەرەخكە ئوخشايدۇ.
14 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
يُثَبِّتُ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا بِالْقَوْلِ الثَّابِتِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ ۖ وَيُضِلُّ اللَّهُ الظَّالِمِينَ ۚ وَيَفْعَلُ اللَّهُ مَا يَشَاءُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مۆمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى گۇمراھ قىلىدۇ، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ مۇئمىنلارنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى گۇمراھ قىلىدۇ، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇئمىنلارنى دۇنيا ھاياتىدا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزگەرمەس سۆزنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغۇزىدۇ4. ئاللاھ زالىملارنى ئازدۇرىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
14 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضْلَلْنَ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ ۖ فَمَنْ تَبِعَنِي فَإِنَّهُ مِنِّي ۖ وَمَنْ عَصَانِي فَإِنَّكَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! ئۇلار (يەنى بۇتلار) نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى (يەنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېزىشىغا سەۋەبچى بولدى)، كىمكى ماڭا ئەگەشكەن ئىكەن، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر، كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئىكەن، سەن ئەلۋەتتە (ئۇنىڭغا) مەغپىرەت قىلىشقا ۋە مەرھەمەت قىلىشقا (قادىرسەن)[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، كىمكى ماڭا ئەگەشكەن ئىكەن، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر، كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئىكەن، سەن ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىسەن
ئەنەس ئالىم: رەببىم! ھەقىقەتەن ئۇ بۇتلار نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئېزىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىم ماڭا ئەگەشسە مەندىندۇر، كىم ماڭا ئاسىيلىق قىلسا سەن ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىسەن.
ھىجىر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ نَسْلُكُهُ فِي قُلُوبِ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنداق مەسخىرە قىلىشنى بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا سالىمىز[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىشنى گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا سالىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنى2 گۇناھكارلارنىڭ قەلبلىرىگە ئەنە شۇنداق كىرگۈزىمىز.
15 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ بِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأُزَيِّنَنَّ لَهُمْ فِي الْأَرْضِ وَلَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبلىس ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى گۇمراھ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا (گۇناھلارنى) ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبلىس ئېيتتى: «رەببىم! سەن مېنى گۇمراھ قىغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزى-دىكىلەر-نى ئادەم بالىلىرىغا ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن
ئەنەس ئالىم: ئىبلىس مۇنداق دېدى: «رەببىم! قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن زېمىندا ئۇلارغا گۇناھلارنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ھەممىسىنى ئازدۇرىمەن.
15 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ عِبَادِي لَيْسَ لَكَ عَلَيْهِمْ سُلْطَانٌ إِلَّا مَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْغَاوِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ بەندىلىرىمگە (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا) سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرگىلا (سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ)»[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ بەندىلىرىمگە سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەر مۇستەسنا»
ئەنەس ئالىم: مېنىڭ بەندىلىرىمگە سېنىڭ ھەرگىزمۇ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ. سېنىڭ كەينىڭگە كىرگەن ئازغۇنلار مۇستەسنا».
نەھىل سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَلَى اللَّهِ قَصْدُ السَّبِيلِ وَمِنْهَا جَائِرٌ ۚ وَلَوْ شَاءَ لَهَدَاكُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: توغرا يول كۆرسىتىشنى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەزى يوللار ئەگرى بولىدۇ، مۇبادا ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: توغرا يول كۆرسىتىشنى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەزى يوللار ئەگرى بولىدۇ، مۇبادا ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن بەزىلەر ئۇ يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئىدى، ھەممىڭلارنى توغرا يولنىڭ ئۈستىدە قىلاتتى.
16 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَحْمِلُوا أَوْزَارَهُمْ كَامِلَةً يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۙ وَمِنْ أَوْزَارِ الَّذِينَ يُضِلُّونَهُمْ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۗ أَلَا سَاءَ مَا يَزِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولۇشلىرى ۋە ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغا ئۆزلىرى جاۋابكار بولۇشلىرى ئۈچۈن (يۇقىرىقى بوھتان سۆزلەرنى قىلدى)، ئۇلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغىنى نېمىدېگەن يامان![25]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولۇشلىرى ۋە ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغا ئۆزلىرى جاۋابكار بولۇشلىرى ئۈچۈن -يۇقىرىقى بوھتان سوزلەرنى قىلدى-، ئۇلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغىنى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىيامەت كۈنى ھەم ئۆز گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۈدىدۇ ھەمدە ئۆزلىرى تەرىپىدىن ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن ئازدۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىدىنمۇ يۈدىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ يۈدۈۋالغان يۈكلىرى نېمىدېگەن يامان!
16 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا عَبَدْنَا مِنْ دُونِهِ مِنْ شَيْءٍ نَحْنُ وَلَا آبَاؤُنَا وَلَا حَرَّمْنَا مِنْ دُونِهِ مِنْ شَيْءٍ ۚ كَذَٰلِكَ فَعَلَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ فَهَلْ عَلَى الرُّسُلِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلار: «مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا، بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا -بوۋىلىرىمىز ئاللاھنى قويۇپ ھېچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان بولاتتۇق، (ئاللاھنىڭ ھۆكمىسىز) ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق» دېدى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ ئەنە شۇنداق قىلغان ئىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەت (ھىدايەت قىلىش بولسا ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر)[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار: «مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا، بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز ئاللاھ نى قويۇپ ھىچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان بولاتتۇق، ئاللاھ ھارام قىلمىغان ھىچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق» دېدى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ ئەنە شۇنداق قىلغان ئىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان بولاتتۇق - بىزمۇ، ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ ئۇنداق قىلمىغان بولاتتۇق - ۋە ئاللاھ ھارام قىلمىغان ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق» دېدى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ شۇنداق قىلىشقان ئىدى. ئەلچىلەرنىڭ روشەن تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ۋەزىپىسى بارمۇ؟
16 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ هَدَى اللَّهُ وَمِنْهُمْ مَنْ حَقَّتْ عَلَيْهِ الضَّلَالَةُ ۚ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ، (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ھەر ئۇممەتكە ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن ساقلنىڭلار» دېدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشتى، بەزىسى ئازغۇنلۇققا لايىق بولدى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار.
16 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تَحْرِصْ عَلَىٰ هُدَاهُمْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ يُضِلُّ ۖ وَمَا لَهُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۇلارنىڭ ھىدايەت تىپىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ، ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قالدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلارنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق مەدەتكار يوق[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ ھىدايەت تىپىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ، ئاللاھ ئۆزى گۇمراھ بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق مەدەتكارى يوق
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ھېرىس بولساڭ بىلگىنكى، ئاللاھ ئۆزى ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىمۇ يوقتۇر.
16 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَٰكِنْ يُضِلُّ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۚ وَلَتُسْأَلُنَّ عَمَّا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن (ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىشنى تەقەززا قىلدى)، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) پۈتۈن قىلمىشىڭلار ئۈستىدە سوراق قىلىنىسىلەر[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، قىيامەت كۈنى پۈتۈن قىلمىشىڭلاردىن سوراققا تارتىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يولغا كەلتۈرىدۇ. سىلەر قىلمىشىڭلاردىن سورىلىسىلەر.
16 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَتَّخِذُوا أَيْمَانَكُمْ دَخَلًا بَيْنَكُمْ فَتَزِلَّ قَدَمٌ بَعْدَ ثُبُوتِهَا وَتَذُوقُوا السُّوءَ بِمَا صَدَدْتُمْ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۖ وَلَكُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: قەدىمىڭلار (ئىسلام دىنىدا) ئىزچىل بولغاندىن كېيىن تېيىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئۆز ئاراڭلاردا ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭلار، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىڭلار) ئۈچۈن ئازابنى تېتىيسىلەر، (سىلەر ئاخىرەتتە دوزاختا) چوڭ ئازابقا قالىسىلەر[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەدىمىڭلار ئىسلام دىنىدا ئىزچىل بولغاندىن كېيىن تېيىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئۆز ئاراڭلاردا ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭلار، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىيسىلەر، سىلەر ئاخىرەتتە دوزاختا چوڭ ئازابقا قالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: قەسەملىرىڭلارنى ئاراڭلاردا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭلار، بولمىسا مۇستەھكەم دەسسەپ تۇرغان قەدىمىڭلار تېيىلىپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار ئۈچۈن يامانلىق تېتىيسىلەر، ئاندىن چوڭ ئازابقا دۇچار بولىسىلەر.
16 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ لَا يَهْدِيهِمُ اللَّهُ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە (يەنى قۇرئانغا) ئىشەنمەيدىغانلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
16 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ اسْتَحَبُّوا الْحَيَاةَ الدُّنْيَا عَلَى الْآخِرَةِ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى ئازاب) ئۇلارنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرگەنلىكلىرى ۋە ئاللاھنىڭ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ - ئازاب- ئۇلارنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرگەنلىكلىرى ۋە ئاللاھنىڭ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ كافىر قەۋمنى توغرا يولغا كەلتۈرمەيدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.
16 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ طَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَسَمْعِهِمْ وَأَبْصَارِهِمْ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ كىشىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن دىللىرى، قۇلاقلىرى ۋە كۆزلىرى پېچەتلىۋېتىلگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ كىشىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن دىللىرى، قۇلاقلىرى ۋە كۆزلىرى پېچەتلىۋېتىلگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى، ئاڭلاش قابىلىيىتىنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر.
ئىسرا سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
مَنِ اهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۚ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۗ وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّىٰ نَبْعَثَ رَسُولًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچ ئادەمنى) جازالىغىنىمىز يوق[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىغىنىمىز يوق
ئەنەس ئالىم: كىم ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپىدۇ، كىم ئېزىپ كېتىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئېزىپ كېتىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بىز ئەلچى ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىمايمىز.
17 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ أَكِنَّةً أَنْ يَفْقَهُوهُ وَفِي آذَانِهِمْ وَقْرًا ۚ وَإِذَا ذَكَرْتَ رَبَّكَ فِي الْقُرْآنِ وَحْدَهُ وَلَّوْا عَلَىٰ أَدْبَارِهِمْ نُفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئاننى چۈشەنمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، قۇرئاندا يالغۇز پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالساڭ، ئۇلار ئۈركۈپ قېچىپ كېتىدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاننى چۈشەنمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، قۇرئاندا يالغۇز رەببىڭنى تىلغا ئالساڭ، ئۇلار ئۈركۈپ قېچىپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قۇرئاننى چۈشىنىشلىرىگە توسالغۇ بولىدىغان پەردىلەر تارتتۇق. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. سەن رەببىڭنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇساڭ، ئۇلار ئۈركۈپ قېچىپ كېتىدۇ.
17 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَسْتَمِعُونَ بِهِ إِذْ يَسْتَمِعُونَ إِلَيْكَ وَإِذْ هُمْ نَجْوَىٰ إِذْ يَقُولُ الظَّالِمُونَ إِنْ تَتَّبِعُونَ إِلَّا رَجُلًا مَسْحُورًا
مۇھەممەد سالىھ: تىلاۋىتىڭگە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن (يەنى مەسخىرە ئۈچۈن) قۇلاق سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار قىرائىتىڭنى تىڭشىغان چاغلىرىدا (سېنىڭ توغراڭدا) پىچىرلىشىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا زالىملار (مۆمىنلەرگە): «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن ئادەمگىلا ئەگىشىۋاتىسىلەر» دەيدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: تىلاۋىتىڭگە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قۇلاق سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار قىرائىتىڭنى تىڭشىغان چاغلىرىدا سېنىڭ توغراڭدا پىچىرلىشىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا زالىملار مۇئمىنلارغا: «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن ئادەمگىلا ئەگىشىۋاتىسىلەر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ، ساڭا قۇلاق سالغان چاغلىرىدا نېمە مەقسەت بىلەن قۇلاق سالغانلىقىنى ۋە ئۇ زالىملارنىڭ ئۆزئارا: «ئەگەر مۇھەممەدكە ئەگىشىدىغان بولساڭلار، چوقۇم سېھىرلەنگەن ئادەمگە ئەگەشكەن بولىسىلەر» دېيىشىپ پىچىرلاشقانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىمىز.
17 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
انْظُرْ كَيْفَ ضَرَبُوا لَكَ الْأَمْثَالَ فَضَلُّوا فَلَا يَسْتَطِيعُونَ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ سېنىڭ توغراڭدا (بىردەم سېھرىگەر، بىردەم شائىر ۋە بىردەم مەجنۇن دېگەندەك) نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلار (مۇشۇنداق بوھتانلارنى چاپلاش بىلەن) ئازدى، ئۇلار (ھىدايەتكە) يول تاپالمايدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ سېنىڭ توغراڭدا -بىردەم سېھرىگەر، بىردەم شائىر ۋە بىردەم مەجنۇن دېگەندەك- نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلار -مۇشۇنداق بوھتانلارنى چاپلاش بىلەن- ئازدى، ئۇلار ھىدايەتكە يول تاپالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: قارىغىنا، ئۇلار سېنى كىملەرگە ئوخشاتتى! ئۇلار ئازدى، بۇنىڭدىن كېيىن يول تاپالمايدۇ.
17 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ كَانَ فِي هَٰذِهِ أَعْمَىٰ فَهُوَ فِي الْآخِرَةِ أَعْمَىٰ وَأَضَلُّ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ دۇنيادا (دىلى) كور بولغان ئادەم ئاخىرەتتىمۇ كور ۋە تېخىمۇ گۇمراھ بولىدۇ[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ دۇنيادا دىلى كور بولغان ئادەم ئاخىرەتتىمۇ كور ۋە تېخىمۇ گۇمراھ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ دۇنيادا كور بولغانلار ئاخىرەتتىمۇ كوردۇر، تېخىمۇ ئازغۇندۇر.
17 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُنَزِّلُ مِنَ الْقُرْآنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ ۙ وَلَا يَزِيدُ الظَّالِمِينَ إِلَّا خَسَارًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ (يەنى ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۇفرى تېخىمۇ ئاشىدۇ)[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇئمىنلارغا شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز مۇئمىنلارغا شىپا ۋە رەھمەت بولغان قۇرئاننى نازىل قىلماقتىمىز. قۇرئان زالىملارغا زىياندىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمايدۇ.
17 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِ ۖ وَمَنْ يُضْلِلْ فَلَنْ تَجِدَ لَهُمْ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِهِ ۖ وَنَحْشُرُهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ عُمْيًا وَبُكْمًا وَصُمًّا ۖ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ كُلَّمَا خَبَتْ زِدْنَاهُمْ سَعِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئىكەن، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ئاللاھتىن باشقا (ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچىلەرنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كور، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، (جەھەننەمنىڭ) ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا (ئوتنى) تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئىكەن ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ياردەمچىلەرنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ سۆرەلگەن كور، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، جەھەننەمنىڭ ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا ئوتنى تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ كىمنى ئازدۇرسا، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ۋەلىىيلەر تاپالمايسەن. بىز ئۇلارنى قىيامەت كۈنى كور، گاچا ۋە گاس ھالدا يۈزلىرى بىلەن دۈم ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر. ئۇنىڭ ئوتى پەسەيگەنسېرى بىز ئۇلارغا يالقۇننى زىيادە قىلىمىز.
كەھف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَى الشَّمْسَ إِذَا طَلَعَتْ تَزَاوَرُ عَنْ كَهْفِهِمْ ذَاتَ الْيَمِينِ وَإِذَا غَرَبَتْ تَقْرِضُهُمْ ذَاتَ الشِّمَالِ وَهُمْ فِي فَجْوَةٍ مِنْهُ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ ۗ مَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِ ۖ وَمَنْ يُضْلِلْ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ وَلِيًّا مُرْشِدًا
مۇھەممەد سالىھ: كۈن چىققان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن پاتقان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ شىمال تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈسەن (يەنى غارنىڭ ئىشىكى شىمال تەرەپتە بولغانلىقتىن كۈننىڭ نۇرى غارنىڭ ئىككى تەرىپىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن، كۈن چىققاندىمۇ، پاتقاندىمۇ ئۇنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمەيدۇ)، ئۇلار بولسا غارنىڭ (ئوتتۇرىسىدىكى) بوشلۇقتىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلەردىندۇر، كىمنىكى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدىكەن، ئۇ (ھەقىقىي) ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، كىمنىكى (قىلغان يامان ئەمەلى تۈپەيلىدىن) ئاللاھ ئازدۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكۈچى دوستنى ھەرگىز تاپالمايسەن[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈن چىققان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن پاتقان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ شىمال تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈسەن، ئۇلار بولسا غارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقتىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئالامەتلەردىندۇر، كىمنىكى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقىي ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، كىمنىكى قىلغان يامان ئەمەلى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئازدۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكۈچى دوستنى ھەرگىز تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: سەن قۇياشنىڭ چىققان چېغىدا ئۇلار پاناھلانغان غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى، پاتقان چېغىدا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمەستىن سول تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار بولسا، غارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقتىدۇر3. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ كىمنى ئازدۇرىۋەتسە، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدىغان ۋەلىي تاپالمايسەن.
18 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ ذُكِّرَ بِآيَاتِ رَبِّهِ فَأَعْرَضَ عَنْهَا وَنَسِيَ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ ۚ إِنَّا جَعَلْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ أَكِنَّةً أَنْ يَفْقَهُوهُ وَفِي آذَانِهِمْ وَقْرًا ۖ وَإِنْ تَدْعُهُمْ إِلَى الْهُدَىٰ فَلَنْ يَهْتَدُوا إِذًا أَبَدًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەند ـ نەسىھەت قىلىنغان، ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پەردىلەرنى تارتتۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا، قۇرئانغا دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار دەۋىتىڭنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ)[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەند ـ نەسىھەت قىلىنغان، ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پەردىلەرنى تارتتۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئىلگىرى ئۆز قوللىرى بىلەن قىلغان گۇناھلارنى ئۇنتۇغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قۇرئاننى چۈشىنىشلىرىگە توسالغۇ بولىدىغان پەردىلەر تارتتۇق. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. سەن ئۇلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ھىدايەت تاپالمايدۇ.
18 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هَلْ نُنَبِّئُكُمْ بِالْأَخْسَرِينَ أَعْمَالًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ئەمەللىرى جەھەتتىن ئەڭ زىيان تارتقۇچىلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟[103]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ئەمەللىرى جەھەتتىن ئەڭ زىيان تارتقۇچىلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئەمەللىرىدە ئەڭ ئېغىر زىيان تارتىپ كەتكۈچىلەرنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟».
18 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ ضَلَّ سَعْيُهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَهُمْ يَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ يُحْسِنُونَ صُنْعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھاياتى دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان، ئەمما ئۆزلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھاياتىي دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان ئەمما ئۆزلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار دۇنيا ھاياتىدا تىرىشچانلىقلىرى يوققا چىققان، لېكىن ئۆزلىرىنى ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ ئويلايدىغان كىشىلەردۇر.
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ كَانَ فِي الضَّلَالَةِ فَلْيَمْدُدْ لَهُ الرَّحْمَٰنُ مَدًّا ۚ حَتَّىٰ إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ إِمَّا الْعَذَابَ وَإِمَّا السَّاعَةَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ شَرٌّ مَكَانًا وَأَضْعَفُ جُنْدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بىرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئازغۇنلۇق ئىچىدە بولغانلارغا رەھمان قانچىلىك مۆھلەت بەرسە بەرسۇن، ئۇلار ئاخىرى ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىنى - ئازابنى ياكى قىيامەتنى - كۆرگەن چاغلىرىدا، كىمنىڭ ئورنىنىڭ يامان ۋە قوشۇنى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ».
تاھا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا يَصُدَّنَّكَ عَنْهَا مَنْ لَا يُؤْمِنُ بِهَا وَاتَّبَعَ هَوَاهُ فَتَرْدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەم سېنى ئۇنىڭدىن (يەنى قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشتىن ۋە ئۇنى تەستىق قىلىشتىن) توسمىسۇن، ئۇنداقتا ئۆزۈڭ ھالاك بولىسەن (چۈنكى ئاخىرەتتىن غاپىل بولۇش، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ )[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەم سېنى ئۇنىڭدىن توسمىسۇن، ئۇنداقتا ئۆزۈڭ ھالاك بولىسەن
ئەنەس ئالىم: قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىغا ئىشەنمەي، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلەر سېنى ئۇنىڭغا ئىشىنىشتىن توسمىسۇن. بولمىسا ھالاك بولۇپ كېتىسەن!
20 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَضَلَّ فِرْعَوْنُ قَوْمَهُ وَمَا هَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئۆز قەۋمىنى ئازدۇردى، (ئۇلارنى) توغرا يولغا باشلىمىدى[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئۆز قەۋمىنى ئازدۇردى، -ئۇلارنى- توغرا يولغا باشلىمىدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن قەۋمىنى ئازدۇردى ۋە توغرا يولغا باشلىمىدى.
20 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ لِمَ حَشَرْتَنِي أَعْمَىٰ وَقَدْ كُنْتُ بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى كور قوپۇردۇڭ، ۋاھالەنكى، (دۇنيادىكى چاغدا) مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟» دەيدۇ[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «ئى رەببىم! نېمىشقا مېنى كور قوپۇردۇڭ، ۋاھالەنكى مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «رەببىم! مېنى نېمىشقا كور ھالەتتە ھەشىر قىلدىڭ؟ ھالبۇكى، مەن كۆرىدىغان بىرى ئىدىم» دەيدۇ.
ئەنبىيا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَقَدْ كُنْتُمْ أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم: «سىلەرمۇ، ئاتا ـ بوۋاڭلارمۇ (پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان، جانسىز بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىڭلار ئۈچۈن) ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا سىلەر» دېدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم: «سىلەرمۇ، ئاتا ـ بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا سىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «سىلەرمۇ، ئاتا - بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن ئېزىپ كەتكەن ئىكەنسىلەر!» دېدى.
21 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ نُكِسُوا عَلَىٰ رُءُوسِهِمْ لَقَدْ عَلِمْتَ مَا هَٰؤُلَاءِ يَنْطِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار (خىجالەتچىلىكتىن) باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ: «ئۇلارنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟» دېدى[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار خىجالەتچىلىكتىن باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ: «ئۇلارنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇرۇنقى ئېتىقادىغا قايتىپ: «ئىبراھىم! سەنمۇ ئوبدان بىلىسەن، بۇلار گەپ قىلالمايدۇ ئەمەسمۇ!» دېيىشتى.
ھەج سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
كُتِبَ عَلَيْهِ أَنَّهُ مَنْ تَوَلَّاهُ فَأَنَّهُ يُضِلُّهُ وَيَهْدِيهِ إِلَىٰ عَذَابِ السَّعِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇكى، كىمكى شەيتانغا ئەگىشىدىكەن، شەيتان ئۇنى ئازدۇرىدۇ ۋە جەھەننەمنىڭ ئازابىغا سۆرەيدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: شەيتان توغرىسىدا يېزىلغان ھۆكۈم شۇ: شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىنى ئازدۇرىدۇ ۋە دوزاخ ئازابىغا باشلايدۇ.
22 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
ثَانِيَ عِطْفِهِ لِيُضِلَّ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۖ لَهُ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَنُذِيقُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَذَابَ الْحَرِيقِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەغرۇرانە يۈرىدۇ، ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەغرۇرانە يۈرىدۇ، ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇ، مۇنازىرە ئەسناسىدا مەغرۇرانە كەيپىيات بىلەن سۆز قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى باشقىلارنى ئاللاھ يولىدىن ئازدۇرۇشتۇر. بىز ئۇنى دۇنيادا رەسۋا قىلىمىز، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىتىمىز.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَرْهُمْ فِي غَمْرَتِهِمْ حَتَّىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ئۆلگەنلىرىگە قەدەر گۇمراھلىقتا تەرك ئەتكىن[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭا سەن ئۇلارنى بىر مۇددەت گۇمراھلىقلىرىدا تەرك ئەتكىن
ئەنەس ئالىم: سەن ئۇلارنى چۆمۈپ كېتىشكەن غاپىللىقلىرى ئىچىدە بىر مۇددەت تەرك ئەتكىن.
23 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ عَنِ الصِّرَاطِ لَنَاكِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن چەتنىگۈچىلەردۇر[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن چەتنىگۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار بۇ يولغا كەلمەيۋاتىدۇ.
23 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ فَأَنَّىٰ تُسْحَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر قانداقمۇ قايمۇقتۇرۇلىسىلەر؟»[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيىتقىنكى، «سىلەر قانداقمۇ قايمۇقتۇرۇلىسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئالدىنىسىلەر؟».
23 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا رَبَّنَا غَلَبَتْ عَلَيْنَا شِقْوَتُنَا وَكُنَّا قَوْمًا ضَالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بەتبەختلىكىمىز ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز! بەتبەختلىكىمىز ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بەختسىزلىكىمىزگە سەۋەبچى بولغان ئارزۇلىرىمىز بىزگە غالىب كەلدى، بىز ئازغۇن قەۋم بولدۇق.
نۇر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَفَرُوا أَعْمَالُهُمْ كَسَرَابٍ بِقِيعَةٍ يَحْسَبُهُ الظَّمْآنُ مَاءً حَتَّىٰ إِذَا جَاءَهُ لَمْ يَجِدْهُ شَيْئًا وَوَجَدَ اللَّهَ عِنْدَهُ فَوَفَّاهُ حِسَابَهُ ۗ وَاللَّهُ سَرِيعُ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارنىڭ (ياخشى ئەمەل دەپ ئويلىغان) ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشايدۇ، تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلسە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ (يەنى سۇ كۆرمەيدۇ)، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆز (ئەمەلىنىڭ) يېنىدا (كۆزىتىپ تۇرغۇچى) ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ قىلمىشىغا تېگىشلىك جازا بېرىدۇ، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشايدۇ، تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلسە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆز يېنىدا ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ قىلمىشىغا تېگىشلىك جازا بېرىدۇ، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: كافىرلارنىڭ ئەمەللىرى پايانسىز چۆللەردە كۆرۈنىدىغان سەراپقا 6 ئوخشايدۇ. تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ ئويلايدۇ، لېكىن ئۇ يەرگە بارسا ھېچ نەرسە تاپالمايدۇ، ئۇ يەردە ئاللاھنى ئۇچرىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭدىن تولۇق ھېساب ئالىدۇ7. ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.
24 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ كَظُلُمَاتٍ فِي بَحْرٍ لُجِّيٍّ يَغْشَاهُ مَوْجٌ مِنْ فَوْقِهِ مَوْجٌ مِنْ فَوْقِهِ سَحَابٌ ۚ ظُلُمَاتٌ بَعْضُهَا فَوْقَ بَعْضٍ إِذَا أَخْرَجَ يَدَهُ لَمْ يَكَدْ يَرَاهَا ۗ وَمَنْ لَمْ يَجْعَلِ اللَّهُ لَهُ نُورًا فَمَا لَهُ مِنْ نُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلارنىڭ (ياخشى دەپ گۇمان قىلغان) ئەمەللىرى چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇ، ئۇنى (يەنى دېڭىزنى) قاتمۇقات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرىدۇ. (مانا بۇ) قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلاردۇر، (بۇ قاراڭغۇلۇققا گىرىپتار بولغۇچى) قولىنى ئۇزاتسا بارماقلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ نۇر ئاتا قىلمىسا، كىم بولمىسۇن، نۇرنى كۆرەلمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان ئادەم ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ)[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇ، ئۇنى قاتمۇقات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرىدۇ. مانا بۇ قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلاردۇر، قولىنى چىقارسا بارماقلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ نۇر ئاتا قىلمىغان كىشىنىڭ نۇرى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇقلارغا ئوخشايدۇ. دېڭىزنىڭ ئۈستىنى بىر دولقۇن قاپلاپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر دولقۇن، ئۇنىڭ ئۈستىدە بۇلۇت. مانا بۇ قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلاردۇر. ئەگەر ئىنسان ئۇ يەردە قولىنى چىقارسا ئۇنى كۆرەلمەيدۇ. ئاللاھ بىر كىشىگە نۇر ئاتا قىلمىسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ نۇر بولمايدۇ.
فۇرقان سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
انْظُرْ كَيْفَ ضَرَبُوا لَكَ الْأَمْثَالَ فَضَلُّوا فَلَا يَسْتَطِيعُونَ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلارنىڭ سېنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلار ئازدى، توغرا يول تاپالمايدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلارنىڭ سېنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئازدى، ئەمدى ئۇلار توغرا يول تاپالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: قارىغىنا، ئۇلار سېنى كىملەرگە ئوخشاتتى!1 ئۇلار ئازدى، ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن يول تاپالمايدۇ.
25 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُحْشَرُونَ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ إِلَىٰ جَهَنَّمَ أُولَٰئِكَ شَرٌّ مَكَانًا وَأَضَلُّ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار جەھەننەمگە يۈزلىرى بىلەن سۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ جايى ئەڭ يامان، يولى ئەڭ ئازغۇندۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار جەھەننەمگە يۈزلىرى بىلەن سۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ جايى ئەڭ يامان، يولى ئەڭ ئازغۇندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يۈزلىرى بىلەن سۆرىلىپ جەھەننەمگە تاشلىنىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ جايى بەك ياماندۇر، يولى بەك خاتادۇر.
25 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
أَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَٰهَهُ هَوَاهُ أَفَأَنْتَ تَكُونُ عَلَيْهِ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتىپ باقساڭچۇ؟ نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە (نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئۇنى ساقلاش ئۈچۈن) ھامىي بولالامسەن؟[43]
تەرجىمە ھەيئىتى: نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇنىڭغا سەن ھامىي بولالامسەن؟
ئەنەس ئالىم: نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ سەن ئۇ ئادەمگە ۋەكىل بولالامسەن؟3
25 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ تَحْسَبُ أَنَّ أَكْثَرَهُمْ يَسْمَعُونَ أَوْ يَعْقِلُونَ ۚ إِنْ هُمْ إِلَّا كَالْأَنْعَامِ ۖ بَلْ هُمْ أَضَلُّ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ تولىسىنى (گېپىڭنى) ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار (چۈشەنمەسلىكتە) پەقەت چاھارپايلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ گېپىڭنى ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار چاھارپايلار بىلەن ئوخشاشتۇر، بەلكى يول جەھەتتىن ئۇلاردىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر
ئەنەس ئالىم: ياكى سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى ئاڭلايدۇ ياكى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ شۈبھىسىزكى، ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرگە ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلار تېخىمۇ گۇمراھتۇر.
شۇئەرا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَضَلَّنَا إِلَّا الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنى پەقەت گۇناھكارلارلا ئازدۇردى[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنى پەقەت گۇناھكارلارلا ئازدۇردى
ئەنەس ئالىم: بىزنى پەقەت شۇ گۇناھكارلار ئازدۇردى.
26 : 200 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ سَلَكْنَاهُ فِي قُلُوبِ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا ئىشەنمەسلىكنى سالدۇق (ئۇلار قۇرئاننى چۈشىنىپ، ئۇنىڭ پاساھەت ـ بالاغىتىنى ۋە مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىمان ئېيتمىدى)[200].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى سالدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز قۇرئاننى گۇناھكارلارنىڭ قەلبلىرىگە ئەنە شۇنداق كىرگۈزدۇق.
26 : 224 - ئايەت
كۆرۈش
وَالشُّعَرَاءُ يَتَّبِعُهُمُ الْغَاوُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ[224].
تەرجىمە ھەيئىتى: شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: شائىرلارغا ئازغۇنلار ئەگىشىدۇ.
نەمىل سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ زَيَّنَّا لَهُمْ أَعْمَالَهُمْ فَهُمْ يَعْمَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھەقىقەتەن چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئۇلار (گۇمراھلىقلىرىدا) تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار بولسا، بىز ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرۈيدۇ.
27 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَدْتُهَا وَقَوْمَهَا يَسْجُدُونَ لِلشَّمْسِ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ فَصَدَّهُمْ عَنِ السَّبِيلِ فَهُمْ لَا يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ ۋە قەۋمىنىڭ ئاللاھنى قويۇپ قۇياشقا چوقۇنىدىغانلىقىنى بايقىدىم، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى (يەنى ئاللاھنى قويۇپ، قۇياشقا چوقۇنغانلىقلىرىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ھىدايەت تاپمايدۇ[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇنىڭ ۋە قەۋمىنىڭ ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن قۇياشقا چوقۇنىدىغانلىقىنى بايقىدىم، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن توساپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار توغرا يولنى تاپالمايۋېتىپتۇ
ئەنەس ئالىم: بايقىشىمچە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ قەۋمى ئاللاھنى قويۇپ قۇياشقا سەجدە قىلىدىكەن. شەيتان ئۇلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن توسۇپتۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ھىدايەت تاپالمايۋېتىپتۇ،
27 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
بَلِ ادَّارَكَ عِلْمُهُمْ فِي الْآخِرَةِ ۚ بَلْ هُمْ فِي شَكٍّ مِنْهَا ۖ بَلْ هُمْ مِنْهَا عَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئاخىرەت توغرىسىدىكى ئىلمى پىشىپ يېتىلدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق گۇماندىدۇر، ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق كوردۇر[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئاخىرەت توغرىسىدىكى ئىلمى پىشىپ يېتىلدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق گۇماندىدۇر، ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق كوردۇر
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئۇلارنىڭ ئاخىرەت توغرىسىدىكى ئىلمى يېتەرلىك ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئاخىرەت توغرىسىدا گۇماندىدۇر، بەلكى ئۇلار ئاخىرەت توغرىسىدا كوردۇر.
قەسەس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ لَمْ يَسْتَجِيبُوا لَكَ فَاعْلَمْ أَنَّمَا يَتَّبِعُونَ أَهْوَاءَهُمْ ۚ وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّنِ اتَّبَعَ هَوَاهُ بِغَيْرِ هُدًى مِنَ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار ساڭا جاۋاپ بەرمىسە، بىلگىنكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ. ئاللاھ ۋەھىي قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار ساڭا جاۋاپ بەرمىسە، بىلگىنكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ، ئاللاھ ۋەھىي قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار دېگىنىڭنى قىلالمىسا، بىلگىنكى: ئۇلار پەقەت ئۆز نەپسى خاھىشلىرىغىلا ئەگىشىدۇ. ئاللاھنىڭ ھىدايىتىنى قويۇپ، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ئەسلا ھىدايەت قىلمايدۇ.
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
بَلِ اتَّبَعَ الَّذِينَ ظَلَمُوا أَهْوَاءَهُمْ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۖ فَمَنْ يَهْدِي مَنْ أَضَلَّ اللَّهُ ۖ وَمَا لَهُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئۆزرىسى يوق)، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار بىلىمسىزلىكتىن نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئۇلارغا ھەرگىز ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق ئەمەس، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار بىلىمسىزلىكتىن نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئۇلارغا ھەرگىز ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئۇ زالىملار ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى. ئاللاھ ئازدۇرغانلارنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ياردەمچىلىرى بولمايدۇ.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا رَبَّنَا إِنَّا أَطَعْنَا سَادَتَنَا وَكُبَرَاءَنَا فَأَضَلُّونَا السَّبِيلَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى، پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن» دەيدۇ[67 ـ 68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى،
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىز ئۇلۇغلىرىمىزغا ۋە كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلىپتۇق. ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپتۇ.
سەبەئ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ صَدَّقَ عَلَيْهِمْ إِبْلِيسُ ظَنَّهُ فَاتَّبَعُوهُ إِلَّا فَرِيقًا مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبلىس ئۇلارنى (ئازدۇرۇشتىن ئىبارەت) گۇمانىنى ھەقىقەتەن ئىشقا ئاشۇردى. چۈنكى بىر تۈركۈم مۆمىنلەردىن باشقا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبلىسقا ئەگەشتى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبلىس ئۇلارغا بولغان گۇمانىنى ھەقىقەتەن ئىشقا ئاشۇردى؛ بىر تۈركۈم مۇئمىنلاردىن باشقا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبلىسقا ئەگەشتى
ئەنەس ئالىم: ئىبلىس ئۆزىنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى پەرىزىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرغان بولدى. چۈنكى بىر تۈركۈم مۇئمىندىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىدى.
فاتىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ زُيِّنَ لَهُ سُوءُ عَمَلِهِ فَرَآهُ حَسَنًا ۖ فَإِنَّ اللَّهَ يُضِلُّ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۖ فَلَا تَذْهَبْ نَفْسُكَ عَلَيْهِمْ حَسَرَاتٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِمَا يَصْنَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى چىرايلىق ھېسابلىغان كىشى (ھىدايەت تاپقان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ (خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ). شۇڭا سەن ئۇلار ئۈچۈن (يەنى ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرى ئۈچۈن) قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋالمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى چىرايلىق ھېسابلىغان كىشى؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. شۇڭا سەن ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋالمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: يامان ئەمىلى ئۆزىگە چىرايلىق كۆرسىتىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەمەل دەپ كۆرگەن كىشىچۇ؟ - ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ - ئۇنداقلار ئۈچۈن ھەسرەتلەر چېكىپ ھالاك بولمىغىن2. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ياسىن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي إِذًا لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇنداق بولسا (يەنى ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام)، مەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا بولىمەن[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولسام، مەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا بولىمەن
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇ تەقدىردە ئوچۇق ئازغۇنلۇققا چۆمگەن بولىمەن.
36 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَضَلَّ مِنْكُمْ جِبِلًّا كَثِيرًا ۖ أَفَلَمْ تَكُونُوا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟[62]
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن خەلقلەرنى ئازدۇردى. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمىدىڭلارمۇ؟
ساففات سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَغْوَيْنَاكُمْ إِنَّا كُنَّا غَاوِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ھەقىقەتەن ئازغان ئىدۇق»[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ھەقىقەتەن ئازغان ئىدۇق»
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ئازغۇن ئىدۇق».
37 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمْ أَلْفَوْا آبَاءَهُمْ ضَالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىنى گۇمراھ بىلدى[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىنى گۇمراھ بىلدى
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرىنى ئازغۇنلۇق ئىچىدە كۆردى،
37 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
فَهُمْ عَلَىٰ آثَارِهِمْ يُهْرَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ھېچ ئويلىمايلا ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى.
ساد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
يَا دَاوُودُ إِنَّا جَعَلْنَاكَ خَلِيفَةً فِي الْأَرْضِ فَاحْكُمْ بَيْنَ النَّاسِ بِالْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ الْهَوَىٰ فَيُضِلَّكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَضِلُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا نَسُوا يَوْمَ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) نى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە سەندىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمدار قىلدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنىنى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ئى داۋۇد! بىز سېنى زېمىندا خەلىپە قىلدۇق4. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، نەپسى خاھىشىڭغا ئەگەشمىگىن. ئەگەر نەپسى خاھىشىڭغا ئەگەشسەڭ، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلارغا ھېساب كۈنىنى ئۇنتۇغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بار».
38 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا بَلْ أَنْتُمْ لَا مَرْحَبًا بِكُمْ ۖ أَنْتُمْ قَدَّمْتُمُوهُ لَنَا ۖ فَبِئْسَ الْقَرَارُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەشكۈچىلەر ئېيتىدۇ: «بەلكى سىلەر قارشى ئېلىنمايسىلەر، سىلەر ئازابنى بىزگە ئېلىپ كەلدىڭلار (يەنى بىزنى ئازدۇرۇپ دوزاخقا كىرىشىمىزگە سەۋەبچى بولدۇڭلار)، بۇ نېمىدېگەن يامان جاي!»[60]
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئەگەشكۈچىلەر ئېيتىدۇ-: «بەلكى سىلەر قارشى ئېلىنمايسىلەر، سىلەر ئازابنى بىزگە ئېلىپ كەلدىڭلار، بۇ نېمىدېگەن يامان جاي!»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ياق! سىلەر راھەت يۈزى كۆرمىگەيسىلەر! بۇنى بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەر ئېلىپ كەلدىڭلار. بۇ نېمىدېگەن يامان قارارگاھ!» دەيدۇ.
38 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَبِعِزَّتِكَ لَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبلىس ئېيتتى: «ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبلىس ئېيتتى: «ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن
ئەنەس ئالىم: ئىبلىس مۇنداق دېدى: «سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئازدۇرىمەن.
زۇمەر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَنْزَلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ لِلنَّاسِ بِالْحَقِّ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۖ وَمَا أَنْتَ عَلَيْهِمْ بِوَكِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا زورلاشقا مۇئەككەل ئەمەسسەن)[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، سەن ئۇلارغا ۋەكىل ئەمەسسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا بۇ كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. كىم ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پادىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىم ئېزىپ كېتىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ. سەن ئۇلارغا ۋەكىل ئەمەس.
39 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ تَقُولَ لَوْ أَنَّ اللَّهَ هَدَانِي لَكُنْتُ مِنَ الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى «ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا (ھىدايەت تېپىپ) ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى «ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: ياكى: ‹ئەگەر ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلسا ئىدى، مەن چوقۇم تەقۋادارلاردىن بولاتتىم› دەيدۇ،
غافىر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تُوَلُّونَ مُدْبِرِينَ مَا لَكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۗ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە (دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە -دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ- ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ھېچ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئارقاڭلارنى قىلىپ قاچىدىغان كۈندىن. ئۇ كۈنى سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.
40 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جَاءَكُمْ يُوسُفُ مِنْ قَبْلُ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا زِلْتُمْ فِي شَكٍّ مِمَّا جَاءَكُمْ بِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا هَلَكَ قُلْتُمْ لَنْ يَبْعَثَ اللَّهُ مِنْ بَعْدِهِ رَسُولًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ مُرْتَابٌ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن) روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، (دەلىل ـ پاكىتسىز) ھالدا، ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ دېدىڭلار، ئاللاھ (گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، (دىندا) شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ»[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، دەلىل ـ پاكىتسىز ھالدا، «ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ» دېدىڭلار، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ئىلگىرى يۇسۇف روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. سىلەر ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىللەردىن داۋاملىق شۈبھىلەندىڭلار. تاكى ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا: ‹ئاللاھ يۇسۇفتىن كېيىن ئەلچى ئەۋەتمەيدۇ› دېدىڭلار. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە شۈبھىلەنگۈچى كىشىلەرنى مانا مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ.
40 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
أَسْبَابَ السَّمَاوَاتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُ كَاذِبًا ۚ وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوءُ عَمَلِهِ وَصُدَّ عَنِ السَّبِيلِ ۚ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِي تَبَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى[36ـ37].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەلەشىم مۇمكىن. چۈنكى مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن». پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى ۋە يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى بىكارغىلا كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ يوللىرىنى. ئاندىن چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. مەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن». فىرئەۋنگە ئۆزىنىڭ يامان ئەمىلى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇ توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. فىرئەۋننىڭ ھىيلىسى بەربات بولدى.
40 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ قَالُوا ضَلُّوا عَنَّا بَلْ لَمْ نَكُنْ نَدْعُو مِنْ قَبْلُ شَيْئًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ مەبۇدلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ[73ـ74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن!» ئۇلار: «ئۇلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە يالۋارمايتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟». ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار بىزنى تاشلىۋەتتى. بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچ نەرسىگە دۇئا قىلمايتتۇق». ئاللاھ كافىرلارنى مانا مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ.
فۇسسىلەت سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا ثَمُودُ فَهَدَيْنَاهُمْ فَاسْتَحَبُّوا الْعَمَىٰ عَلَى الْهُدَىٰ فَأَخَذَتْهُمْ صَاعِقَةُ الْعَذَابِ الْهُونِ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇدقا بولسا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇق (يەنى گۇمراھلىق) نى ئارتۇق بىلدى. قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇدقا كەلسەك، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، لېكىن ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇقنى ئارتۇق بىلدى. شۇنىڭ بىلەن قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى
ئەنەس ئالىم: سەمۇدقا كەلسەك، بىز ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق. لېكىن ئۇلار كورلۇقنى ھىدايەتتىن ئۈستۈن كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن خورلىغۇچى ئازابنىڭ گۈلدۈرمامىسى باستى.
41 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَذَٰلِكُمْ ظَنُّكُمُ الَّذِي ظَنَنْتُمْ بِرَبِّكُمْ أَرْدَاكُمْ فَأَصْبَحْتُمْ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلارغا قىلغان ئەنە شۇ (قەبىھ) گۇمانىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭلارغا قىلغان ئەنە شۇ قەبىھ گۇمانىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار
ئەنەس ئالىم: مانا بۇ، سىلەرنىڭ رەببىڭلارغا قىلغان گۇمانىڭلاردۇر. سىلەرنى ئۇ ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار.
41 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَيَّضْنَا لَهُمْ قُرَنَاءَ فَزَيَّنُوا لَهُمْ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَحَقَّ عَلَيْهِمُ الْقَوْلُ فِي أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِمْ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا خَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىز (شەيتانلاردىن) دوستلارنى مۇسەللەت قىلدۇق، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى قەبىھ ئەمەللىرىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان (گۇناھكار، شەقى) ئۈممەتلەر قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىز -شەيتانلاردىن- دوستلارنى مۇسەللەت قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن دوستلىرى ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىكى نەرسىلەرنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان گۇناھكار شەقى ئۈممەتلەر قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز دۇنيادا ئۇلارغا بىر قىسىم يېقىنلارنى ھەمراھ قىلدۇق. ئۇ يېقىنلىرى ئۇلارغا ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى ئىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى4. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇرۇن ئۆتكەن جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان ئۇممەتلەرنىڭ قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى. چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى.
41 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ جَعَلْنَاهُ قُرْآنًا أَعْجَمِيًّا لَقَالُوا لَوْلَا فُصِّلَتْ آيَاتُهُ ۖ أَأَعْجَمِيٌّ وَعَرَبِيٌّ ۗ قُلْ هُوَ لِلَّذِينَ آمَنُوا هُدًى وَشِفَاءٌ ۖ وَالَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ فِي آذَانِهِمْ وَقْرٌ وَهُوَ عَلَيْهِمْ عَمًى ۚ أُولَٰئِكَ يُنَادَوْنَ مِنْ مَكَانٍ بَعِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇبادا بىز ئۇنى ئەجەم تىلىدىكى قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «نېمىشقا ئۇنىڭ ئايەتلىرى (بىز چۈشىنىدىغان تىلدا) روشەن بايان قىلىنمىدى؟ پەيغەمبەر ئەرەب، كىتاب ئەجەمچىمۇ؟» دەيتتى. ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە (دىللاردىكى شەك ـ شۈبھىگە) شىپادۇر، ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى (قۇرئاننى ئاڭلاشتىن) ئېغىردۇر (يەنى قۇرئاننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ گويا قۇلاقلىرى ئېغىردۇر)، قۇرئان ئۇلارنىڭ (دىللىرىغا) كورلۇقتۇر (يەنى ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمەيدۇ)، ئەنە شۇلار يىراقتىن نىدا قىلىنغۇچىلاردۇر (يەنى ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئىمانغا يىراقتىن چاقىرىلغان، مۇساپىنىڭ يىراقلىقىدىن چاقىرىقنى ئاڭلىمىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ)[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇبادا بىز ئۇنى ئەجەم تىلىدىكى بىر قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «نېمىشقا ئۇنىڭ ئايەتلىرى بىز چۈشىنىدىغان تىلدا روشەن بايان قىلىنمىدى؟ پەيغەمبەر ئەرەب، كىتاب ئەجەمچىمۇ؟» دەيتتى. ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە شىپادۇر، ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى ئېغىردۇر، قۇرئان ئۇلارغا كورلۇقتۇر، ئەنە شۇلار يىراقتىن نىدا قىلىنغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇنى ئەجەمچە قۇرئان قىلغان بولساق، ئۇلار: «بۇنىڭ ئايەتلىرى نېمىشقا بىز چۈشىنىدىغان تىلدا بايان قىلىنمىدى؟ ئەرەبكە ئەجەمچە كىتاب نازىل قىلىنامدۇ؟» دەيتتى. ئېيتقىنكى: «ئۇ، ئىمان ئېيتقانلارغا ھىدايەت ۋە شىپادۇر. ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىق بار. قۇرئان ئۇلارغا كورلۇقتۇر. ئۇلار خۇددى يىراقتىن چاقىرىلىدۇ»5.
41 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كَانَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ثُمَّ كَفَرْتُمْ بِهِ مَنْ أَضَلُّ مِمَّنْ هُوَ فِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ (قۇرئان مەن ئېيتقاندەك) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا، سىلەر (ئويلىماستىنلا ئۇنى ئىنكار قىلساڭلار، ھالىڭلار قانداق بولىدۇ). (ھەقتىن) يىراق ئىختىلاپتا بولغان كىشىدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ (يەنى سىلەردىنمۇ گۇمراھ ئادەم يوق)»[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا ۋە سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، ھەقىقەتەن –ھەقتىن- يىراق بىر ئىختىلاپتا بولغان كىشىدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر بۇ قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بولۇپ، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، ھەقتىن بەك يىراقلىشىپ كەتكۈچى بولغان سىلەردىنمۇ ئازغۇن ئادەم بولامدۇ؟».
شۇرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ وَلِيٍّ مِنْ بَعْدِهِ ۗ وَتَرَى الظَّالِمِينَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ يَقُولُونَ هَلْ إِلَىٰ مَرَدٍّ مِنْ سَبِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ ئىگە يوقتۇر، زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ «(دۇنياغا) قايتىشقا يول بارمىدۇ؟» دېگەنلىكىنى كۆرىسەن[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ ئىگە يوقتۇر، زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ :«قايتىشقا يول بارمىدۇ؟» دېگەنلىكىنى كۆرىسەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنى ئازدۇرۇۋەتسە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ھېچ قانداق ۋەلىيسى بولمايدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن زالىملارنى ئازابنى كۆرگەن چاغلىرىدا: «قايتىشقا يول بارمىدۇ؟» دېيىشىۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن.
42 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ لَهُمْ مِنْ أَوْلِيَاءَ يَنْصُرُونَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۗ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ سَبِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم بېرىدىغان دوستلار بولمايدۇ، ئاللاھ كىمنى گۇمراھ قىلسا، ئۇنىڭغا (ئۇنى دۇنيادا ھەقكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشتۈرگۈچى) ھېچ يول بولمايدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم بېرىدىغان دوستلار بولمايدۇ، ئاللاھ كىمنى گۇمراھ قىلسا، ئۇنىڭغا -باشقا- ھېچ يول بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ياردەم بېرىدىغان ۋەلىيلىرى بولمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرۇۋەتكەن كىشىگە قۇتۇلۇش يولى يوقتۇر.
زۇخرۇف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ قَالُوا إِنَّا وَجَدْنَا آبَاءَنَا عَلَىٰ أُمَّةٍ وَإِنَّا عَلَىٰ آثَارِهِمْ مُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار: «ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، بىز ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچىدۇرمىز» دەيدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار: «ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، بىز ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچىدۇرمىز» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ياق! ئۇلار: «بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى بىر يول ئۈستىدە بىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچى كىشىلەرمىز» دېدى.
43 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّهُمْ لَيَصُدُّونَهُمْ عَنِ السَّبِيلِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ مُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۇلارنى (يەنى ئازغۇن كۇففارلارنى) توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ.
43 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَأَنْتَ تُسْمِعُ الصُّمَّ أَوْ تَهْدِي الْعُمْيَ وَمَنْ كَانَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ يا كورلارنى توغرا يولغا سالالامسەن؟ (يەنى كۇففارلار گاسلارغا، كورلارغا ئوخشايدۇ) ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلالامسەن؟[40]
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ ياكى كورلارنى توغرا يولغا سالالامسەن؟ ياكى بولمىسا ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلالامسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ ياكى كورلارنى ۋە ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغانلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟
43 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَخَفَّ قَوْمَهُ فَأَطَاعُوهُ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن، قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن، قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن قەۋمىنى بۇ شەكىلدە ئەخمەق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىرئەۋنگە ئىتائەت قىلدى. چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋم ئىدى.
جاسىيە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَٰهَهُ هَوَاهُ وَأَضَلَّهُ اللَّهُ عَلَىٰ عِلْمٍ وَخَتَمَ عَلَىٰ سَمْعِهِ وَقَلْبِهِ وَجَعَلَ عَلَىٰ بَصَرِهِ غِشَاوَةً فَمَنْ يَهْدِيهِ مِنْ بَعْدِ اللَّهِ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ماڭا نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئازدۇرغان، (ھەقنى) بىلىپ تۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر (بۇلاردىن) ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟[23]
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد! - ماڭا نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئىلىم بىلەن ئازدۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر بۇلاردىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان، ئاللاھ بىلىپ ئازدۇرغان، ئاللاھ ئاڭلاش قابىلىيىتىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆرۈش قابىلىيىتىنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟
ئەھقاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ لَا يُجِبْ دَاعِيَ اللَّهِ فَلَيْسَ بِمُعْجِزٍ فِي الْأَرْضِ وَلَيْسَ لَهُ مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءُ ۚ أُولَٰئِكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھقا (ئىمان ئېيتىشقا) دەۋەت قىلغۇچىنىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ) دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا (ئۇنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى) ياردەمچىلەر بولمايدۇ، ئۇلار (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغۇچىلار) ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھقا چاقىرغۇچىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىلەر بولمايدۇ، ئەنە شۇلار ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر
ئەنەس ئالىم: كىم ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، بىلسۇنكى ئۇ زېمىندا ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئاللاھتىن باشقا ۋەلىيلىرى بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاشكارا ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر».
مۇھەممەد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّهِ كَمَنْ زُيِّنَ لَهُ سُوءُ عَمَلِهِ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان روشەن دەلىللەرگە ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۆمىن) ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەمگە (يەنى كاپىرغا) ئوخشامدۇ؟[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببى تەرىپىدىن بولغان روشەن دەلىللەرگە ئاساسلانغان ئادەم، ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەمگە ئوخشامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: رەببىدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان ئادەم بىلەن يامان ئەمىلى ئۆزىگە چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەملەر ئوخشاش بولامدۇ؟
47 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ ارْتَدُّوا عَلَىٰ أَدْبَارِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْهُدَى ۙ الشَّيْطَانُ سَوَّلَ لَهُمْ وَأَمْلَىٰ لَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئارقىسىغا قايتىۋالغانلار (يەنى ئىماندىن كۇفرىغا قايتقانلار)غا (ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى) شەيتان چىرايلىق كۆرسەتتى، (شەيتان ئارزۇ ۋە ئەجەلنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن) ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئارقىسىغا قايتىۋالغانلارغا كەلسەك، شەيتان ئۇلارغا خاتالىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى قۇرۇق خىياللار بىلەن تىندۇردى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، توغرا يول ئۆزلىرىگە ئېنىق بولغاندىن كېيىن كەينىگە يېنىۋالغانلارنى شەيتان كۈشكۈرتتى ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بەردى.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يُؤْفَكُ عَنْهُ مَنْ أُفِكَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھتائالانىڭ ئىلمىي ئەزەلىسىدە ھىدايەتتىن) بۇرۇۋېتىلگەن ئادەم (قۇرئانغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشتىن) بۇرۇۋېتىلىدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇرۇۋېتىلگەن ئادەم بۇرۇۋېتىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭدىن، بۇرۇۋېتىلگەن كىشى بۇرۇۋېتىلىدۇ.
نەجم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَعْرِضْ عَنْ مَنْ تَوَلَّىٰ عَنْ ذِكْرِنَا وَلَمْ يُرِدْ إِلَّا الْحَيَاةَ الدُّنْيَا
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ زىكرىمىز (يەنى ئىمان بىلەن قۇرئان) دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بىزنىڭ زىكرىمىز –يەنى قۇرئان-دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ قۇرئانىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە دۇنيا ھاياتىنىلا ئىرادە قىلغان كىشىلەردىن يۈز ئۆرۈگىن.
53 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ مَبْلَغُهُمْ مِنَ الْعِلْمِ ۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اهْتَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئىلىم سەۋىيىسى ئەنە شۇدۇر. رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
قەمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُجْرِمِينَ فِي ضَلَالٍ وَسُعُرٍ
مۇھەممەد سالىھ: گۇناھكارلار ھەقىقەتەن (دۇنيادا) گۇمراھلىقتىدۇر، (ئاخىرەتتە) دوزاختىدۇر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى گۇناھكارلار گۇمراھلىق ۋە دوزاختىدۇر
ئەنەس ئالىم: گۇناھكارلار گۇمراھلىقتىدۇر ۋە يالقۇنلار ئىچىدىدۇر.
ۋاقىئە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ إِنَّكُمْ أَيُّهَا الضَّالُّونَ الْمُكَذِّبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار![51]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار!
ئەنەس ئالىم: ئاندىن سىلەر، ئى راستنى يالغان دېگۈچى ئازغۇنلار!
56 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا إِنْ كَانَ مِنَ الْمُكَذِّبِينَ الضَّالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ[92ـ93].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇ ئىنكار قىلغۇچى ئازغۇن گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇ ئازغۇن كاززاپلاردىن بولسا،
مۇجادىلە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
اتَّخَذُوا أَيْمَانَهُمْ جُنَّةً فَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ فَلَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يالغان) قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋالدى، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى، ئۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋېلىپ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى، ئۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىنى قالقان قىلىپ ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
سەپ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
61 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ لِمَ تُؤْذُونَنِي وَقَدْ تَعْلَمُونَ أَنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ ۖ فَلَمَّا زَاغُوا أَزَاغَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ سىلەر ماڭا نېمىشقا ئازار بېرىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىشقا ئەزىيەت قىلىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى ئىكەنلىكىمنى ئوبدان بىلىسىلەر» دېگەن ئىدى. ئۇلار باتىلغا مايىل بولغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى باتىلغا مايىل قىلدى. ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
61 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُوَ يُدْعَىٰ إِلَى الْإِسْلَامِ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىۋېتىپ، ئاللاھقا يالغاننى (يەنى ئاللاھنىڭ شېرىكى بار، بالىسى بار دېگەندەك سۆزلەرنى) چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئاللاھ زالىم (يەنى كاپىر) قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىۋېتىپ، ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىسلامغا چاقىرىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
مۇنافىقۇن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
63 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
اتَّخَذُوا أَيْمَانَهُمْ جُنَّةً فَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋالدى، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن) توستى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان![2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋېلىپ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىنى قالقان قىلىپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
63 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
سَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَسْتَغْفَرْتَ لَهُمْ أَمْ لَمْ تَسْتَغْفِرْ لَهُمْ لَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (مەيلى) مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن، (مەيلى) مەغپىرەت تەلەپ قىلمىغىن، بەرىبىر ئوخشاش. ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ. شۈبھىسىزكى، پاسىق قەۋمنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مەغپىرەت تىلىسەڭمۇ، مەغپىرەت تىلىمىسەڭمۇ، ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر. ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
مۈلك سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ يَمْشِي مُكِبًّا عَلَىٰ وَجْهِهِ أَهْدَىٰ أَمَّنْ يَمْشِي سَوِيًّا عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: زادى قايسى ئادەم يول تاپالايدۇ؟ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ماڭغان ئادەممۇ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەممۇ؟[22]
تەرجىمە ھەيئىتى: زادى قايسى ئادەم توغرا يولدىمۇ؟ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ماڭغان ئادەممۇ؟ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەممۇ؟
ئەنەس ئالىم: دۈم چۈشۈپ ئۆمىلەپ ماڭىدىغان كىشىنىڭ يولى بەكرەك توغرىمۇ ياكى توغرا يولدا تۈز ماڭىدىغان كىشىنىڭمۇ؟
67 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هُوَ الرَّحْمَٰنُ آمَنَّا بِهِ وَعَلَيْهِ تَوَكَّلْنَا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئۇ ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھتۇر، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدۇق، سىلەر كىمنىڭ روشەن گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى كەلگۈسىدە بىلىسىلەر»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئۇ ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدۇق، سىلەر كىمنىڭ روشەن گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئۇ رەھماندۇر. بىز ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلدۇق. كىمنىڭ ئاشكارا ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر».
قەلەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
بِأَيْيِكُمُ الْمَفْتُونُ
مۇھەممەد سالىھ: كەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرۈسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ[5ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: قايسىڭلارنىڭ ئەقلىنى يوقاتقانلىقىنى.
نوھ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَدْ أَضَلُّوا كَثِيرًا ۖ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا ضَلَالًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، زالىملارنى تېخىمۇ گۇمراھ قىلغىن»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، زالىملارنى تېخىمۇ گۇمراھ قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، رەببىم! سەن ئۇ زالىملارغا ئازغۇنلۇقتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمىغىن!».
71 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكَ إِنْ تَذَرْهُمْ يُضِلُّوا عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوا إِلَّا فَاجِرًا كَفَّارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت فاجىر، كاپىر بولىدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى ئۇلار بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت ئەخلاقسىز ۋە كاپىر بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: چۈنكى سەن ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ ۋە فاجىر، تۇزكورلاردىن باشقىسىنى تۇغمايدۇ.
جىن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُ كَانَ رِجَالٌ مِنَ الْإِنْسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٍ مِنَ الْجِنِّ فَزَادُوهُمْ رَهَقًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەر جىنلاردىن بولغان بەزى كىشىلەرگە سىغىناتتى، شۇنىڭ بىلەن جىنلار تېخىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كەتتى[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: بىر قىسىم ئىنسانلار بىر قىسىم جىنلارغا سېغىنىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپتۇ.
72 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّا مِنَّا الصَّالِحُونَ وَمِنَّا دُونَ ذَٰلِكَ ۖ كُنَّا طَرَائِقَ قِدَدًا
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئىچىمىزدە ياخشىلارمۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارمۇ بار، بىز تۈرلۈك يوللارغا بۆلۈندۇق[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئىچىمىزدە ياخشىلارمۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارمۇ بار، بىز تۈرلۈك يوللارغا بۆلۈندۇق
ئەنەس ئالىم: بىزگە كەلسەك، ياخشىلىرىمىزمۇ بار، ياخشى ئەمەسلىرىمىزمۇ بار. بىز تۈرلۈك يوللارغا ئايرىلىپتىمىز.
تەكۋىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
81 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَيْطَانٍ رَجِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: قەيەرگە بارىسىلەر؟[26]
تەرجىمە ھەيئىتى: قەيەرگە بارىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا قەيەرگە كېتىۋاتىسىلەر؟
ئەئلا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَتَجَنَّبُهَا الْأَشْقَى
مۇھەممەد سالىھ: ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتتىن قاچىدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتتىن قاچىدۇ
ئەنەس ئالىم: بەتبەخت كىشى ئەسلىتىشتىن قاچىدۇ.
شەمس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
91 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ أَفْلَحَ مَنْ زَكَّاهَا
مۇھەممەد سالىھ: نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: نەپسىنى كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: نەفسىنى بۇلغىغان كىشى ئەلۋەتتە زىيان تارتىدۇ.
لەيل سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
92 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَّبَ بِالْحُسْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا ئەڭ قىيىننى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز.
92 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَنُيَسِّرُهُ لِلْعُسْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (دوزاخقا) تاشلانغان چاغدا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ تۆۋەنگە يۇمۇلانغان چاغدا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ تاشلانغان چاغدا2، مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ.
92 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَصْلَاهَا إِلَّا الْأَشْقَى
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ[15ـ16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ، ئىنكار قىلغان ۋە ئىماندىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ راستنى يالغان دېگەن ۋە يۈز ئۆرۈگەن كىشىدۇر.
تىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
95 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ رَدَدْنَاهُ أَسْفَلَ سَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇنى تۆۋەن بولغۇچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋىنىگە قايتۇردۇق.
ئەسر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
103 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر ـ بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر ـ بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر[2 ـ 3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان زىيان ئىچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسان ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدىدۇر.