تەۋھىد
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھنىڭ يەككە ئىلاھ سۈپىتىدە ئايرىلماس بىرلىكى، ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسى.
ئەرەبچىىسى: التوحيد
ئېنگلىزچىسى: Tawheed
267 ئايەت
59 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 تەۋھىد (ئاللاھنىڭ بىرلىكى) /
- 📄 تەۋھىد
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
13 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ فِرَاشًا وَالسَّمَاءَ بِنَاءً وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَكُمْ ۖ فَلَا تَجْعَلُوا لِلَّهِ أَنْدَادًا وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا (يەنى يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىقىدا بىناغا ئوخشاش) قىلىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. شۇڭا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى، سىلەر (ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى) بىلىپ تۇرىسىلەر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى سېلىنجا ۋە ئاسماننى تورۇس قىلىپ بەردى، ئاسماندىن(بۇلۇتتىن) يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. شۇڭا، سىلەر بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئۇ رەببىڭلار شۇنداق زاتكى، سىلەرگە زېمىننى سېلىنچا، ئاسماننى بىنا قىلىپ بەردى. ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن سىلەرگە رىزىق سۈپىتىدە مېۋىلەرنى چىقىرىپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بىلىپ تۇرۇپ بەزى كىشىلەرنى10 ئاللاھ بىلەن ئوخشاش كۆرمەڭلار!
2 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە مەدەتكار يوقتۇر[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە مەدەتكارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: بىلمەمسەن؟ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ۋەلىي30 ۋە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر.
2 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا اتَّخَذَ اللَّهُ وَلَدًا ۗ سُبْحَانَهُ ۖ بَلْ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ كُلٌّ لَهُ قَانِتُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەھۇدىيلار، ناسارالار، مۇشرىكلار): «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغان نەرسىسىدىن) پاكتۇر. ئۇنداق ئەمەس، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ھەممىسى ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ*[1]. ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ھەممىسى ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېدى. ياق، ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس! ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ھەممىسى ئاللاھقا بويسۇنماقتىدۇر.
2 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ كُنْتُمْ شُهَدَاءَ إِذْ حَضَرَ يَعْقُوبَ الْمَوْتُ إِذْ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعْبُدُونَ مِنْ بَعْدِي قَالُوا نَعْبُدُ إِلَٰهَكَ وَإِلَٰهَ آبَائِكَ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ إِلَٰهًا وَاحِدًا وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى[133].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى يەھۇدىيلار!) سىلەر يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا ئۇنىڭ يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىڭ __ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ياكى سىلەر يەئقۇبقا ئۆلۈم يېقىنلاشقاندا ئۇنىڭ يېنىدا بارمىدىڭلار؟! ئۇ بالىلىرىغا: «مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سىلەر كىمگە چوقۇنىسىلەر؟» دېگەندە، ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ بولغان، ئاتىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل ۋە ئىسھاقنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئىلاھقا چوقۇنىمىز، بىز پەقەت ئۇنىڭغىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.
2 : 136 - ئايەت
كۆرۈش
قُولُوا آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْنَا وَمَا أُنْزِلَ إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَمَا أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَمَا أُوتِيَ النَّبِيُّونَ مِنْ رَبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتىڭلاركى، «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلارمىز»[136].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) دەپ قويۇڭلاركى، «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، بىز (ئىماندا) ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار: «بىز ئاللاھقا ۋە بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بېرىلگەن كىتابلارغا، باشقا نەبىيلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز. بىز ئاللاھقىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز»40.
2 : 138 - ئايەت
كۆرۈش
صِبْغَةَ اللَّهِ ۖ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ صِبْغَةً ۖ وَنَحْنُ لَهُ عَابِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىدىن ياخشى كىمنىڭ دىنى بار؟ بىز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز[138].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىدىنمۇ ياخشى دىن بارمۇ؟ بىز (ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز) دەڭلار
ئەنەس ئالىم: «بىز ئاللاھنىڭ بويىقى41 بىلەن بويالدۇق. بويىقى ئاللاھنىڭ بويىقىدىن ياخشى كىم بار؟ بىز ئۇنىڭغىلا چوقۇنغۇچىلارمىز» دەڭلار42.
2 : 139 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَتُحَاجُّونَنَا فِي اللَّهِ وَهُوَ رَبُّنَا وَرَبُّكُمْ وَلَنَا أَعْمَالُنَا وَلَكُمْ أَعْمَالُكُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُخْلِصُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «بىز بىلەن ئاللاھ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ ھەم بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، ھەم سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىز ئاللاھقىلا سادىقمىز» دېگىن[139].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھ توغرۇلۇق بىز بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ ھەم بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، ھەم سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. بىزنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىز ئاللاھقا خالس ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر بىزنىڭمۇ رەببىمىز، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھ توغرىسىدا بىز بىلەن دەتالاش قىلىشامسىلەر؟ بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز بىزنىڭ، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار سىلەرنىڭدۇر. بىز ئۇنىڭغا ئىخلاسمەن كىشىلەرمىز».
2 : 163 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الرَّحْمَٰنُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[163].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
2 : 208 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ادْخُلُوا فِي السِّلْمِ كَافَّةً وَلَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار. شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر[208].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! تىنچلىققا تولۇق كىرىڭلار، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار60. چۈنكى شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر.
2 : 221 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَنْكِحُوا الْمُشْرِكَاتِ حَتَّىٰ يُؤْمِنَّ ۚ وَلَأَمَةٌ مُؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِنْ مُشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ ۗ وَلَا تُنْكِحُوا الْمُشْرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤْمِنُوا ۚ وَلَعَبْدٌ مُؤْمِنٌ خَيْرٌ مِنْ مُشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ ۗ أُولَٰئِكَ يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ ۖ وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَى الْجَنَّةِ وَالْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِ ۖ وَيُبَيِّنُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇسۇلمانلار!) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن ـ جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار سىلەرنى) دوزاخقا چاقىرىدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە (سىلەرنى) جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، كىشىلەر پەند ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ[221].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇسۇلمانلار!) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغۇچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. مۇشرىك ئايال سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۇسۇلمان دېدەك، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ياخشىدۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە مۇسۇلمان ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۇسۇلمان قۇل، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ياخشىدۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەرلەر ۋە ئاياللار) سىلەرنى دوزاخقا باشلايدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە سىلەرنى جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، كىشىلەر پەند ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. شۈبھىسىزكى، مۇئمىن چۆرە، مۇشرىك ئايالدىن ياخشىدۇر. بۇ مۇشرىك ئايال سىلەرنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۇئمىن ئاياللارنى ئۇلارغا نىكاھلاپ بەرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، مۇئمىن قۇل، مۇشرىك ئەردىن ياخشىدۇر. بۇ مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ. مۇشرىكلار دوزاخقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئېنىق بىلدۈرۈشى بىلەن جەننەتكە ۋە مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا ئېسىدە ساقلىسۇن دەپ ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ.
2 : 255 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ ۚ لَا تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلَا نَوْمٌ ۚ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ مَنْ ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۚ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ۖ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِنْ عِلْمِهِ إِلَّا بِمَا شَاءَ ۚ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ ۖ وَلَا يَئُودُهُ حِفْظُهُمَا ۚ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ (مۈلكى) دۇر؛ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان ـ زېمىننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر[255].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ئاللاھ بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسىسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە سىغدۇرىدۇ. ئاسمان ـ زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر، دائىم تىرىكتۇر، پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى ۋە ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنى مۈگدەكمۇ باسمايدۇ، ئۇيقۇمۇ باسمايدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدۇر. ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ شاپائەت قىلالىسۇن!؟ ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنىمۇ بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدىكىنىمۇ بىلىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ ئىلمىدىن - ئۇنىڭ خالىغىنىدىن باشقا - ھېچ نەرسىنى بىلەلمەيدۇ. ئۇنىڭ كۇرسىسى73 ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر.
2 : 256 - ئايەت
كۆرۈش
لَا إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ ۖ قَدْ تَبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ ۚ فَمَنْ يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ وَيُؤْمِنْ بِاللَّهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ لَا انْفِصَامَ لَهَا ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (بارلىق شەيتانىي كۈچ ۋە تۈزۈم) نى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[256].
تەرجىمە ھەيئىتى: دىندا زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى باتىل مەبۇدلارنى رەت قىلىپ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: دىندا ھېچ زورلاش يوق. توغرىلىق ئازغۇنلۇقتىن ئېنىق ئايرىلدى. كىمكى تاغۇتنى74 ئىنكار قىلىپ ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ سۇنۇپ كەتمەيدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى چىڭ تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 258 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِي حَاجَّ إِبْرَاهِيمَ فِي رَبِّهِ أَنْ آتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ إِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّيَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ قَالَ أَنَا أُحْيِي وَأُمِيتُ ۖ قَالَ إِبْرَاهِيمُ فَإِنَّ اللَّهَ يَأْتِي بِالشَّمْسِ مِنَ الْمَشْرِقِ فَأْتِ بِهَا مِنَ الْمَغْرِبِ فَبُهِتَ الَّذِي كَفَرَ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ: «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى (نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كېلىپ، بىرىنى ئۆلتۈردى، يەنە بىرىنى قويۇپ بەردى). ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىنى كۆرۈپ): «ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، (خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ) سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. (بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[258].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان پادىشاھلىق تۈپەيلى، ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ئادەمنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، تىرىكنى ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇ: «مەنمۇ تىرىلدۈرەلەيمەن، ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى. ئىبراھىم: «ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرىدۇ، سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېۋىدى، ئۇ كافىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھۆكۈمدارلىق ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىبراھىم بىلەن رەببى توغرىسىدا دەتالاش قىلقان كىشى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «مېنىڭ رەببىم تىرىلدۈرىدىغان، ئۆلتۈرىدىغان زاتتۇر» دېگەن ئىدى، ئۇ: «مەنمۇ تىرىلدۈرىمەن، ئۆلتۈرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم: «ئۇنداق بولسا، ئاللاھ قۇياشنى مەشرىقتىن چىقىرىدۇ. قېنى، سەن ئۇنى مەغرىبتىن چىقىرىپ باق!» دېدى. ئۇ كافىر تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ (ھەمىشە) تىرىكتۇر، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر، دائىم تىرىكتۇر، پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچىدۇر ۋە ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي يُصَوِّرُكُمْ فِي الْأَرْحَامِ كَيْفَ يَشَاءُ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سىلەرنى بەچچىدانلاردا (يەنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چېغىڭلاردا) ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاناڭلارنىڭ بالىياتقۇلىرىدا سىلەرنى خالىغانچە شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
3 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
شَهِدَ اللَّهُ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ وَالْمَلَائِكَةُ وَأُولُو الْعِلْمِ قَائِمًا بِالْقِسْطِ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئادىللىقنى يۈرگۈزگەن ھالدا ئۆزىدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەقنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلدى، پەرىشتىلەر ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەقنىڭ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆزىدىن باشقا ھېچ ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. پەرىشتىلەر بىلەن ھەققانىيەتچى ئىلىم ئىگىلىرىمۇ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
3 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۗ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مېنىڭمۇ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر›».
3 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ الْقَصَصُ الْحَقُّ ۚ وَمَا مِنْ إِلَٰهٍ إِلَّا اللَّهُ ۚ وَإِنَّ اللَّهَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە راست قىسەسىدۇر. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە راست قىسسەلەردۇر. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ راستتىنلا توغرا خەۋەردۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
3 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ تَعَالَوْا إِلَىٰ كَلِمَةٍ سَوَاءٍ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ أَلَّا نَعْبُدَ إِلَّا اللَّهَ وَلَا نُشْرِكَ بِهِ شَيْئًا وَلَا يَتَّخِذَ بَعْضُنَا بَعْضًا أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ ۚ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقُولُوا اشْهَدُوا بِأَنَّا مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر ـ بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى تەۋھىدئەقىدىسىگە) كېلىڭلار» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) «ئى ئەھلى كىتاب! پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر ـ بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر خىل ئەقىدە كەلىمىسىگە كېلىڭلار» دېگىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدىنمۇ باش تارتسا: «ئۇنداقتا بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار» دەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! بىز بىلەن ئاراڭلاردا ئورتاق بولغان سۆزگە كېلىڭلار. ئۇ سۆز بولسا ھەر ئىككىمىزنىڭ ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشىمىز، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىقىمىز ۋە ئاللاھنى قويۇپ بىر - بىرىمىزنى رەب قىلىۋالماسلىقىمىزدۇر». ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئۇلارغا: «گۇۋاھ بولۇڭلاركى، بىز مۇسۇلمانمىز» دەڭلار.
3 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ إِبْرَاهِيمُ يَهُودِيًّا وَلَا نَصْرَانِيًّا وَلَٰكِنْ كَانَ حَنِيفًا مُسْلِمًا وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ۋەلېكىن توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، ئاللاھقا بويسۇنغۇچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس، لېكىن توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، ئاللاھقا بويسۇنغۇچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۇ ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇسۇلمان ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى.
3 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ عَلَيْنَا وَمَا أُنْزِلَ عَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَمَا أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَالنَّبِيُّونَ مِنْ رَبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا)، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەنگە (يەنى تەۋراتقا)،ئىيساغا بېرىلگەنگە (يەنى ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە (يەنى كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز»[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا): «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن تەۋراتقا، ئىيساغا بېرىلگەن ئىنجىلغا ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ (پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتا) ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «بىز ئاللاھقا ۋە بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا؛ ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا؛ مۇساغا، ئىيساغا ۋە باشقا بارلىق نەبىيلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز19. بىز ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچى كىشىلەرمىز».
3 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ صَدَقَ اللَّهُ ۗ فَاتَّبِعُوا مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئاللاھ راست ئېيتتى، (ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت) ئىبراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئۇ (يەنى ئىبراھىم) مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «ئاللاھ راست ئېيتتى، ئىبراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئاللاھ راست ئېيتتى. ئۇنداقتا ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگىشىڭلار. ئىبراھىم ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى».
نىسا سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا ۖ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَىٰ وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالْجَنْبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَنْ كَانَ مُخْتَالًا فَخُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل ـ چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر ، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا، يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداش قاتارلىقلارغا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل ـ چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار. ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشناڭلارغا، يىراق قوشناڭلارغا، يېنىڭلاردىكى ھەمراھىڭلارغا، يولۇچىلارغا ۋە قول ئاستىڭلاردىكىلەرگىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇرنى ۋە مەنمەنچىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
4 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَنْ يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدِ افْتَرَىٰ إِثْمًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن تۆۋەن گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ ئويدۇرۇپ چىققان بولىدۇ.
4 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ لَيَجْمَعَنَّكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ ۗ وَمَنْ أَصْدَقُ مِنَ اللَّهِ حَدِيثًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئاللاھ شەكسىز بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا)جەزمەن يىغىدۇ. ئاللاھتىنمۇ توغرا سۆزلۈك كىم بار؟ (يەنى سۆزىدە، ۋەدىسىدە ئاللاھتىنمۇ سادىق ھېچكىم يوق)[87]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. شەكسىز بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ سىلەرنى مەھشەرگاھقا جەزمەن يىغىدۇ. ئاللاھتىنمۇ توغرا سۆزلۈك كىم بار؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم قايىم بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە يىغىدۇ. ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟
4 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَنْ يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا بَعِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى (يەنى مۇشرىكلىك گۇناھىنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقىنى (ئاللاھ) خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك قىلىنىشىنى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقىنى ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمدىن كەچۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن تۆۋەن گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ.
4 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَنُدْخِلُهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۖ وَعْدَ اللَّهِ حَقًّا ۚ وَمَنْ أَصْدَقُ مِنَ اللَّهِ قِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟ (يەنى ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك ھېچ ئەھەدى بولمايدۇ)[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرگۈزىمىز. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارنى يېقىندا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى، بۇ ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟
4 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ مُحِيطًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، بەندىلىرىدۇر، مەخلۇقاتلىرىدۇر). ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ھەممە ئىشنى باشقۇرۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ھەممە ئىشنى باشقۇرۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر.
4 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ وَلَمْ يُفَرِّقُوا بَيْنَ أَحَدٍ مِنْهُمْ أُولَٰئِكَ سَوْفَ يُؤْتِيهِمْ أُجُورَهُمْ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان، ئۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ ئارىسىنى ئاجرىتىۋەتمىگەن (يەنى ھەممىسىگە ئىمان ئېيتقان) كىشىلەرگە ئاللاھ ئۇلارنىڭ (تېگىشلىك) ئەجىرلىرىنى ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[152].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىپ قويمىغان كىشىلەرگە ئاللاھ (تېگىشلىك) ئەجىر ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمىگەن كىشىلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا يېقىندا ئەجرىلىرىنى بېرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
4 : 158 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ رَفَعَهُ اللَّهُ إِلَيْهِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ھۇزۇرىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[158].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز ھۇزۇرىغا كۆتۈردى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 166 - ئايەت
كۆرۈش
لَٰكِنِ اللَّهُ يَشْهَدُ بِمَا أَنْزَلَ إِلَيْكَ ۖ أَنْزَلَهُ بِعِلْمِهِ ۖ وَالْمَلَائِكَةُ يَشْهَدُونَ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بەرمىسە گۇناھى ئۆزىگە) لېكىن ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان ئارقىلىق (پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئاللاھ قۇرئاننى (باشقىلار بىلمەيدىغان ئۆزىگە خاس) ئىلمى بىلەن نازىل قىلدى. پەرىشتىلەرمۇ (ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھلىق بېرىدۇ، (باشقىلار گۇۋاھلىق بەرمىگەندىمۇ) ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر[166].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! بىر قىسىم كىشىلەر ساڭا ئىمان كەلتۈرمىگەن بىلەن) لېكىن ئاللاھ ئۆز ئىلمىنى ساڭا سىڭدۈرۈپ نازىل قىلغان قۇرئان ئارقىلىق سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىسپاتلايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئاللاھ يېتەرلىك ئىسپاتلىغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، لېكىن ئاللاھ ساڭا ئۆزىنىڭ ئىلمى بىلەن نازىل قىلغان قۇرئان ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىدۇ. پەرىشتىلەرمۇ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئاللاھ يېتەرلىك گۇۋاھچىدۇر67.
4 : 171 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَا تَغْلُوا فِي دِينِكُمْ وَلَا تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ ۚ إِنَّمَا الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ رَسُولُ اللَّهِ وَكَلِمَتُهُ أَلْقَاهَا إِلَىٰ مَرْيَمَ وَرُوحٌ مِنْهُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ ۖ وَلَا تَقُولُوا ثَلَاثَةٌ ۚ انْتَهُوا خَيْرًا لَكُمْ ۚ إِنَّمَا اللَّهُ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ سُبْحَانَهُ أَنْ يَكُونَ لَهُ وَلَدٌ ۘ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى ناسارالار جامائەسى) دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھنىڭ شەنىگە ھەق (سۆز) دىن باشقىنى ئېيتماڭلار (يەنى ئاللاھقا شېرىكى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار). مەسىھ ئىيسا ـ مەريەمنىڭ ئوغلى، پەقەت ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئاللاھنىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)، مەريەمگە ئاللاھنىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز، ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ (ئىيسا، مەريەمدىن ئىبارەت) ئۈچتۇر دېمەڭلار، (خۇدا ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن) قايتىڭلار، (بۇ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر، ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر)، ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر[171].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلار ھەققىدە ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھ توغرىسىدا پەقەت ھەق گەپنىلا قىلىڭلار. مەسىھ ـ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئاللاھنىڭ مەريەمگە چۈشكەن كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز، ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھنى(ئىيسا بىلەن مەريەمنى قوشۇپ) ئۈچ دېمەڭلار، بۇ ئېتىقادىڭلاردىن يېنىڭلار، بۇ سىلەرگە پايدىلىقتۇر. ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، بالىلىق بولۇشتىن (ئىبارەت مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپىتىدىن) پاك زاتتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار، ئاللاھ توغرىسىدا پەقەت ھەقنىلا سۆزلەڭلار. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا مەسىھ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئۇ ئاللاھنىڭ مەريەمگە يەتكۈزگەن «بول» دېگەن سۆزى بىلەن بار بولغان. ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن روھتۇر. ئۇنداقتا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشىنىڭلار. «ئۈچتۇر» دېمەڭلار68، بۇنداق دېيىشتىن يېنىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئاللاھ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر.
مائىد سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ ۚ قُلْ فَمَنْ يَمْلِكُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا إِنْ أَرَادَ أَنْ يُهْلِكَ الْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا ۗ وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۚ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھتۇر دېگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن كاپىر بولدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ (نىڭ ئىرادىسى) دىن بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغىنىنى خەلق ئېتىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىيسا) نى ئاللاھتۇر دەۋالغان كىشىلەر ھەقىقەتەن كافىر بولدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ ئىرادە قىلغان بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېگەنلەر كافىر بولدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھنى، ئۇنىڭ ئانىسىنى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھقا قارشى كىم نېمە قىلالايدۇ؟ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر».
5 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ ۖ وَقَالَ الْمَسِيحُ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ ۖ إِنَّهُ مَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدْ حَرَّمَ اللَّهُ عَلَيْهِ الْجَنَّةَ وَمَأْوَاهُ النَّارُ ۖ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنْصَارٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسادۇر، دېگۈچىلەر كاپىر بولدى، ئىيسا: «ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ» دېدى[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسادۇر» دېگۈچىلەر كافىر بولدى، ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېگەنلەر كافىر بولدى. ئەمەلىيەتتە مەسىھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاخ بولىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ».
5 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ ثَالِثُ ثَلَاثَةٍ ۘ وَمَا مِنْ إِلَٰهٍ إِلَّا إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۚ وَإِنْ لَمْ يَنْتَهُوا عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر، دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىر بولغانلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا قالىدۇ[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر» دېگۈچىلەر شەكسىز كافىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كافىر بولغانلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ ئۈچنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر» دېگەنلەرمۇ كافىر بولدى24. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار دەۋاتقان سۆزىدىن يانمىسا، ئۇ كافىرلارغا چوقۇم ئەلەملىك ئازاب يېتىدۇ.
5 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَتَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا ۚ وَاللَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) «سىلەر ئاللاھتىن باشقا، سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» دېگىن. ئاللاھ بولسا (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارغا): «سىلەر ئاللاھتىن باشقا، سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» دېگىن. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزۈڭلارغا پايدىمۇ، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر».
5 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا لَنَا لَا نُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَمَا جَاءَنَا مِنَ الْحَقِّ وَنَطْمَعُ أَنْ يُدْخِلَنَا رَبُّنَا مَعَ الْقَوْمِ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز نېمىشقا ئاللاھقا، بىزگە كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمەيلى؟ ھالبۇكى، بىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى ياخشى كىشىلەر قاتارىدا (جەننەتكە) كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز»[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز نېمىشقا ئاللاھقا، بىزگە كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمەيلى؟ ھالبۇكى، بىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى ياخشى كىشىلەر بىلەن بىللە (جەننەتكە) كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز»
ئەنەس ئالىم: بىز نېمىشقا ئاللاھقا ۋە بىزگە كەلگەن ھەقكە ئىمان ئېيتمايمىز؟ ھالبۇكى، بىز رەببىمىزنىڭ بىزنى ياخشى قەۋمنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈشىنى تەمە قىلىمىز».
5 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَوْحَيْتُ إِلَى الْحَوَارِيِّينَ أَنْ آمِنُوا بِي وَبِرَسُولِي قَالُوا آمَنَّا وَاشْهَدْ بِأَنَّنَا مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز» دېدى[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ چاغدا مەن ھاۋارىيلارغا(سەن ئارقىلىق) : «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھيى چۈشۈرگەن ئىدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، سەن بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزغا گۇۋاھ بولغىن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ ئەلچىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلغان ئىدىم. ئۇلار: «ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز مۇسۇلمانمىز» دېگەن ئىدى.
5 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ أَأَنْتَ قُلْتَ لِلنَّاسِ اتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَٰهَيْنِ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ قَالَ سُبْحَانَكَ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أَقُولَ مَا لَيْسَ لِي بِحَقٍّ ۚ إِنْ كُنْتُ قُلْتُهُ فَقَدْ عَلِمْتَهُ ۚ تَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِي وَلَا أَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِكَ ۚ إِنَّكَ أَنْتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟» ئىيسا ئېيتتى: «(رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن. ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن (يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق). سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېگەنمىدىڭ؟» ئىيسا ئېيتىدۇ: «(ئى رەببىم!) سېنىڭ شەنىڭگە لايىق ئەمەس سۈپەتلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، مەن ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن، ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلەتتىىڭ. سەن مېنىڭ دىلىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىلمىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلگۈچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار» دېدىڭمۇ؟ ئىيسا ئېيتىدۇ: «ياق! مەن سېنى پاك دەپ بىلىمەن. مەن ئۈچۈن توغرا بولمىغان سۆزنى ئېيتىشقا ھەددىم ئەمەس. ئەگەر ئۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىچىڭدىكىنى بىلمەيمەن. شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىسەن.
5 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
مَا قُلْتُ لَهُمْ إِلَّا مَا أَمَرْتَنِي بِهِ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ ۚ وَكُنْتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَا دُمْتُ فِيهِمْ ۖ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنْتَ أَنْتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنْتَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان: <مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار> دېگەن سۆزنىلا ئېيتقان ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى ئېلىپ كەتكىنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ. سەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: ‹مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار›. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتكۈچى پەقەتلا سەن ئىدىڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن.
5 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
لِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا فِيهِنَّ ۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
ئەنئام سۈرىسى
33 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَجَعَلَ الظُّلُمَاتِ وَالنُّورَ ۖ ثُمَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ يَعْدِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر! ئاندىن (يەنى مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ) كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرىدۇ[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، قاراڭغۇلۇقلارنى ۋە نۇرنى بار قىلدى. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، كافىرلار ئۆزلىرىنىڭ رەببىگە باشقىلارنى تەڭ قىلماقتىدۇر.
6 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ اللَّهُ فِي السَّمَاوَاتِ وَفِي الْأَرْضِ ۖ يَعْلَمُ سِرَّكُمْ وَجَهْرَكُمْ وَيَعْلَمُ مَا تَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك) ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى، (ياخشى ـ يامان) قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
6 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لِمَنْ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ قُلْ لِلَّهِ ۚ كَتَبَ عَلَىٰ نَفْسِهِ الرَّحْمَةَ ۚ لَيَجْمَعَنَّكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ ۚ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى مەۋجۇداتلار كىمنىڭ؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ». ئاللاھ (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، ھېچقانداق گۇمان بولمىغان قىيامەت كۈنى ئاللاھ سىلەرنى ئەلۋەتتە يىغىدۇ، (كۇفرىنى ئىختىيار قىلىشى بىلەن) ئۆزىگە ئۆزى زىيان سالغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) سورىغىنكى، «ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى مەۋجۇداتلار كىمنىڭ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ»، ئاللاھ رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. چوقۇم بولىدىغان قىيامەت كۈنى ئاللاھ سىلەرنى ئەلۋەتتە يىغىدۇ. (كۇفرنى ئىختىيار قىلىش بىلەن) ئۆزىگە ئۆزى زىيان سالغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر كىمنىڭ؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ». ئاللاھ رەھىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ يازدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم قايىم بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە يىغىدۇ. ئۆزلىرىگە زىيان سالغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
6 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَغَيْرَ اللَّهِ أَتَّخِذُ وَلِيًّا فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَهُوَ يُطْعِمُ وَلَا يُطْعَمُ ۗ قُلْ إِنِّي أُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَسْلَمَ ۖ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، «ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھتىن غەيرىينى مەبۇد تۇتامدىم؟ ئاللاھ رىزىق بېرىدۇ، ئۆزى رىزىققا موھتاج ئەمەس». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەن (بۇ ئۈممەت ئىچىدە خۇدانىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. (ماڭا دېيىلدىكى) سەن ھەرگىز مۇشرىكلاردىن بولمىغىن»[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، «ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھتىن باشقىنى مەبۇد قىلىۋالسام بولامتى؟ ئاللاھ رىزىق بېرىدۇ، ئۆزى رىزىققا موھتاج ئەمەس». ئېيتقىنكى، «مەن (بۇ ئۈممەت ئىچىدە) تۇنجى مۇسۇلمان بولۇشقا، ھەرگىز مۇشرىكلاردىن بولماسلىققا بۇيرۇلدۇم»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، تائام بېرىدىغان، تائامغا موھتاج بولمايدىغان ئاللاھتىن غەيرىينى ۋەلىي قىلىۋالامدىم؟». ئى مۇھەممەد! «مەن مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ئاۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېگىن ۋە ئەسلا مۇشرىكلاردىن بولمىغىن!
6 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَيُّ شَيْءٍ أَكْبَرُ شَهَادَةً ۖ قُلِ اللَّهُ ۖ شَهِيدٌ بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ ۚ وَأُوحِيَ إِلَيَّ هَٰذَا الْقُرْآنُ لِأُنْذِرَكُمْ بِهِ وَمَنْ بَلَغَ ۚ أَئِنَّكُمْ لَتَشْهَدُونَ أَنَّ مَعَ اللَّهِ آلِهَةً أُخْرَىٰ ۚ قُلْ لَا أَشْهَدُ ۚ قُلْ إِنَّمَا هُوَ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ وَإِنَّنِي بَرِيءٌ مِمَّا تُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر (ماڭا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايىدۇر). بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە (قىيامەتكىچە) قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىي قىلىندى. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر ئاللاھ بىلەن باراۋەر باشقا ئىلاھ بار دەپ چوقۇم گۇۋاھلىق بېرەمسىلەر؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن (مۇنداق دەپ) گۇۋاھلىق بەرمەيمەن». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر، سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلاردىن مەن ھەقىقەتەن ئادا ـ جۇدامەن»[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر. بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھيى قىلىندى. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر ئاللاھ بىلەن باراۋەر باشقا ئىلاھ بار دەپ چوقۇم گۇۋاھلىق بېرەلەمسىلەر؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن بۇنداق دەپ گۇۋاھلىق بەرمەيمەن». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ ھەقىقەتەن بىرلا ئىلاھتۇر، سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلار بىلەن مېنىڭ قىلچە ئالاقەم يوق»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قايسى شەيئىنىڭ گۇۋاھلىقى ئەڭ بۈيۈكتۇر؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھچىدۇر. بۇ قۇرئان ماڭا، بۇنىڭ بىلەن سىلەرنى ۋە بۇ يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ۋەھىي قىلىندى. سىلەر راستتىنلا ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھلار بار دەپ گۇۋاھلىق بېرەمسىلەر؟». ئېيتقىنكى: «مەن گۇۋاھلىق بەرمەيمەن!». ئېيتقىنكى: «ئاللاھ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر. مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن چوقۇم ئادا - جۇدامەن».
6 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتَكُمْ إِنْ أَتَاكُمْ عَذَابُ اللَّهِ أَوْ أَتَتْكُمُ السَّاعَةُ أَغَيْرَ اللَّهِ تَدْعُونَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ياكى قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلتىجا قىلامسىلەر؟[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ياكى قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن باشقىغا ئىلتىجا قىلامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە ياكى سىلەرگە قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلامسىلەر؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار!
6 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ إِيَّاهُ تَدْعُونَ فَيَكْشِفُ مَا تَدْعُونَ إِلَيْهِ إِنْ شَاءَ وَتَنْسَوْنَ مَا تُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس، سىلەر پەقەت ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىسىلەر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەر ئاللاھنىڭ كۆتۈرۈۋېتىشىنى ئىلتىجا قىلغان بالانى ئاللاھ كۆتۈرۈۋېتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى قىلىۋالغىنىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر»[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق قىلمايسىلەر. سىلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىلتىجا قىلىسىلەر، ئاللاھ خالىسا، سىلەر كۆتۈرۈۋېتىشنى ئىلتىجا قىلغان بالانى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان بۇتلارنى ئۇنتۇيسىلەر»
ئەنەس ئالىم: بەلكى پەقەت ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ خالىسا سىلەر كۆتۈرۈۋېتىشىنى تىلەپ دۇئا قىلغان بالانى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىدىغان نەرسىلىرىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر».
6 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَخَذَ اللَّهُ سَمْعَكُمْ وَأَبْصَارَكُمْ وَخَتَمَ عَلَىٰ قُلُوبِكُمْ مَنْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُمْ بِهِ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ ثُمَّ هُمْ يَصْدِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە (يەنى سىلەرنى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ قويسا)، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» قارىغىنكى، بىز (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلغانمىز، ئەمما ئۇلار (شۇ ئايەتلەردىن) يۈز ئۆرۈيدۇ (يەنى ئىمان ئېيتمايدۇ)[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» سەن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلغانلىقىمىزغا، ئاندىن ئۇلارنىڭ قانداق يۈز ئۆرۈگەنلىكىگە قارىغىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر ئاللاھ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى ئالسا، قەلبلىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟ قارىغىنا! بىز ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا قانداق بايان قىلىۋاتىمىز، ئۇلار قانداق يۈز ئۆرۈۋاتىدۇ.
6 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّي وَكَذَّبْتُمْ بِهِ ۚ مَا عِنْدِي مَا تَسْتَعْجِلُونَ بِهِ ۚ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۖ يَقُصُّ الْحَقَّ ۖ وَهُوَ خَيْرُ الْفَاصِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان روشەن دەلىلگە (يەنى قۇرئانغا) ئاساسلىنىمەن، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلدىڭلار، سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ ئىگىدارچىلىقىمدا ئەمەس. بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاس، ئاللاھ ھەق ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىدۇر»[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان روشەن دەلىلگە (يەنى ۋەھيىگە) ئاساسلىنىمەن، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى يالغانغا چىقاردىڭلار. سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئەمەس، بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاس، ئاللاھ ھەقنى بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىز، مەن رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمەن. سىلەر ئۇنى يالغان دېدىڭلار. سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسە مېنىڭ يېنىمدا ئەمەس. ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئۇ ھەقنى بايان قىلىدۇ، ئۇ ئايرىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»3.
6 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ يُنَجِّيكُمْ مِنْ ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ تَدْعُونَهُ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً لَئِنْ أَنْجَانَا مِنْ هَٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى (يەنى بالايىئاپەتلىرى) دىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (بۇ قاراڭغۇلۇقلارنى كۆرگەن چېغىڭلاردا) ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ ئاللاھقا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىلتىجا قىلىسىلەر»[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! بۇ كافىرلارغا) ئېيتقىنكى، «قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ بالايىئاپەتلىرى كەلگەندە، سىلەر <ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا، چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز> دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ ۋە تۆۋەن ئاۋازدا دۇئا قىلىسىلەر. ئاشۇ زۇلمەتتىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ يالۋۇرۇپ يوشۇرۇنچە دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا، قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟
6 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ اللَّهُ يُنَجِّيكُمْ مِنْهَا وَمِنْ كُلِّ كَرْبٍ ثُمَّ أَنْتُمْ تُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «(يالغۇز) ئاللاھ سىلەرنى ئۇ زۇلمەتلەردىن ۋە بارلىق غەمدىن قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر (بۇنى) تونۇغىنىڭلاردىن كېيىن، ئىمان ئېيتماي ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىسىلەر»[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى ئۇ زۇلمەتلەردىن ۋە بارلىق غەملەردىن قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر يەنە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرنى ئۇنىڭدىن ۋە ھەر قىيىنچىلىقتىن ئاللاھ قۇتقۇزىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا شېرىك كەلتۈرۋاتىسىلەر».
6 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ لِأَبِيهِ آزَرَ أَتَتَّخِذُ أَصْنَامًا آلِهَةً ۖ إِنِّي أَرَاكَ وَقَوْمَكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئۆز ئاتىسى ئازەرگە: «(سەن ئۆزۈڭنى ياراتقان ئاللاھنى قويۇپ) بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا كۆرۈمەن» دېدى[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە: «سەن بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا دەپ قارايمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە: «بۇتلارنى ئىلاھلار قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئاشكارا ئازغۇنلۇقتا دەپ قارايمەن» دېدى.
6 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَنَّ عَلَيْهِ اللَّيْلُ رَأَىٰ كَوْكَبًا ۖ قَالَ هَٰذَا رَبِّي ۖ فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَا أُحِبُّ الْآفِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ (قەۋمىنىڭ سۆزىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى (يەنى يۇلتۇزلارغا ئىبادەت قىلىشنى) ياقتۇرمايمەن» دېدى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياقتۇرمايمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋېدى: «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن» دېدى.
6 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَأَى الْقَمَرَ بَازِغًا قَالَ هَٰذَا رَبِّي ۖ فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَئِنْ لَمْ يَهْدِنِي رَبِّي لَأَكُونَنَّ مِنَ الْقَوْمِ الضَّالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولىدىكەنمەن» دېدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاينىڭ چىققانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولۇپ قالىدىكەنمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن چىقىۋاتقان ئاينى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. ئۇمۇ پېتىپ كېتىۋېدى: «رەببىم ماڭا توغرا يولنى كۆرسەتمىسە، مەن چوقۇم ئېزىپ كەتكۈچى قەۋمدىن بولۇپ كېتىمەن» دېدى.
6 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَأَى الشَّمْسَ بَازِغَةً قَالَ هَٰذَا رَبِّي هَٰذَا أَكْبَرُ ۖ فَلَمَّا أَفَلَتْ قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي بَرِيءٌ مِمَّا تُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ ھەممىدىن (يەنى يۇلتۇز بىلەن ئايدىن) چوڭدۇر» دېدى. قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئادا ـ جۇدامەن[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ ھەممىدىن چوڭ ئىكەن» دېدى؛ قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئۈزۈل-كېسىل يىراقمەن
ئەنەس ئالىم: ئاندىن چىقىۋاتقان قۇياشنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر. بۇ تېخىمۇ چوڭدۇر!» دېدى. ئۇمۇ پېتىپ كېتىۋېدى، مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا -جۇدامەن.
6 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ حَنِيفًا ۖ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن، باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن باتىل دىنلاردىن يىراق بولۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مەن يۈزۈمنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، ھەقكە يۆنەلدىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن».
6 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَاجَّهُ قَوْمُهُ ۚ قَالَ أَتُحَاجُّونِّي فِي اللَّهِ وَقَدْ هَدَانِ ۚ وَلَا أَخَافُ مَا تُشْرِكُونَ بِهِ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ رَبِّي شَيْئًا ۗ وَسِعَ رَبِّي كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا ۗ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، مەن بىلەن ئاللاھ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن، پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭلا خالىغان نەرسىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، (مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ماڭا ھېچبىر زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى) ئويلىمامسىلەر؟[80]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، سىلەر مەن بىلەن ئاللاھ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەلەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن؛ پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىرادە قىلغىنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇنى ئويلىمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن دەتالاش قىلىشتى. ئىبراھىم دېدىكى: «سىلەر مەن بىلەن ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشامسىلەر؟ ئۇ مېنى ھىدايەت قىلغان تۇرسا. مەن سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك قىلغان نەرسىلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. لېكىن رەببىمنىڭ بىرەر نەرسە خالىشىدىن قورقىمەن8. رەببىمنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئويلىمامسىلەر؟9.
6 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَيْفَ أَخَافُ مَا أَشْرَكْتُمْ وَلَا تَخَافُونَ أَنَّكُمْ أَشْرَكْتُمْ بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ عَلَيْكُمْ سُلْطَانًا ۚ فَأَيُّ الْفَرِيقَيْنِ أَحَقُّ بِالْأَمْنِ ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇش ھەققىدە ئاللاھ سىلەرگە ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن قورقمايۋاتساڭلار، سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن مەن قانداقمۇ قورقاتتىم! ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ئېيتىڭلارچۇ)، بىز بۇ ئىككى گۇرۇھ ئادەمدىن زادى قايسىمىز قورقماسلىققا ئەڭ تېگىشلىك؟»[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىش ھەققىدە ئاللاھ سىلەرگە ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن ئەھۋالدا، سىلەر بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتىن قورقمايۋاتساڭلار، سىلەرنىڭ شېرىك قىلىۋالغان بۇتلىرىڭلاردىن مەن قانداقمۇ قورقاتتىم! ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ئېيتىڭلارچۇ)، بىز بۇ ئىككى گۇرۇھ ئادەمدىن زادى قايسىمىز (قىيامەتنىڭ ئازابىدىن) ئەڭ خاتىرجەم بولۇشقا تېگىشلىك؟»
ئەنەس ئالىم: مەن قانداقمۇ سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن قورقاتتىم! ھالبۇكى، سىلەر ئاللاھ ئۆزىنىڭ شېرىكى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشتىن قورقمايۋاتىسىلەر. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ قايسىسى خاتىرجەم بولۇشقا ئەڭ ھەقلىق؟ ئەگەر بىلسەڭلار دەپ بېقىڭلار».
6 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ آمَنُوا وَلَمْ يَلْبِسُوا إِيمَانَهُمْ بِظُلْمٍ أُولَٰئِكَ لَهُمُ الْأَمْنُ وَهُمْ مُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئازابتىن ئەمىن بولۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا شېرىك ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا كۇفرلىق ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە ئەمىنلىك باردۇر. ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانىغا زۇلۇم10 ئارىلاشتۇرمىغانلارغا خاتىرجەملىك بار. ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى كىشىلەردۇر.
6 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ هُدَى اللَّهِ يَهْدِي بِهِ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۚ وَلَوْ أَشْرَكُوا لَحَبِطَ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ توغرا يولى ئەنە شۇدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى شۇ يولغا باشلايدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى شۇ پەيغەمبەرلەر) شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى، ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ توغرا يولى ئەنە شۇدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى شۇ يولغا باشلايدۇ. ناۋادا شۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى.
6 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جِئْتُمُونَا فُرَادَىٰ كَمَا خَلَقْنَاكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَتَرَكْتُمْ مَا خَوَّلْنَاكُمْ وَرَاءَ ظُهُورِكُمْ ۖ وَمَا نَرَىٰ مَعَكُمْ شُفَعَاءَكُمُ الَّذِينَ زَعَمْتُمْ أَنَّهُمْ فِيكُمْ شُرَكَاءُ ۚ لَقَدْ تَقَطَّعَ بَيْنَكُمْ وَضَلَّ عَنْكُمْ مَا كُنْتُمْ تَزْعُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز دەسلەپتە سىلەرنى قانداق خەلق ئەتكەن بولساق دەرگاھىمىزغا شۇنداق تەنھا كەلدىڭلار، سىلەرگە بىز ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا (يەنى دۇنيادا) قويۇپ كەلدىڭلار، (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك بولۇشتا) ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ گۇمان قىلغان شاپائەتچىڭلارنى سىلەر بىلەن بىللە كۆرمەيمىزغۇ؟ ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ھەقىقەتەن ئۈزۈلدى، سىلەر (شاپائەت قىلىدۇ) دەپ گۇمان قىلغان نەرسىلەر بەربات بولدى[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ) «سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا قالدۇرۇپ، خۇددى بىز دەسلەپتە سىلەرنى ياراتقاندەك ۋاقىتتىكىدەك تەنھا كەپسىلەرغۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئېتىقادىدا ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋالغان شاپائەتچىلىرىڭلارنى سىلەر بىلەن بىللە كۆرمەيمىزغۇ؟ ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ھەقىقەتەن ئۈزۈلدى، سىلەر دەۋالغان گەپلەر پۈتۈنلەي كۆپۈككە ئايلاندى»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «شۈبھىسىزكى، ھۇزۇرىمىزغا خۇددى بىز سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ۋاقىتتىكىدەك يالغۇز كەلدىڭلار. بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا قالدۇرۇپ قويدۇڭلار. ‹شېرىكلىرىمىز› دەپ ئېتىقاد قىلغان شاپائەتچىلىرىڭلارنى يېنىڭلاردا كۆرمەيۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى، ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ئۈزۈلدى ۋە ئويدۇرغان نەرسىلىرىڭلار سىلەرنى تاشلىۋەتتى» دېيىلىدۇ.
6 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ فَالِقُ الْحَبِّ وَالنَّوَىٰ ۖ يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَمُخْرِجُ الْمَيِّتِ مِنَ الْحَيِّ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەتەن ئاللاھتۇر. تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچى ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن داننى ۋە ئۇرۇقنى بىخلاندۇرغۇچىدۇر، تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچىدۇر، ئەنە شۇ ھەقىقىي ئىلاھتۇر. سىلەر قانداقمۇ (بۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇرۇقلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇ ئۆلۈكتىن تىرىكنى چىقىرىدۇ، تىرىكتىن ئۆلۈكنى چىقارغۇچىدۇر. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟
6 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ الْجِنَّ وَخَلَقَهُمْ ۖ وَخَرَقُوا لَهُ بَنِينَ وَبَنَاتٍ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، (مۇشرىكلار) جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتى. ئاللاھقا جاھالەتتىن ئوغۇل، قىز پەرزەنتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشتى. ئاللاھ (مۇشرىكلار ئىپتىرا قىلغان نەرسىلەردىن) پاكتۇر، ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر [100].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، مۇشرىكلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتى، نادانلىقتىن «ئاللاھنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى بار» دېگەننى ئويدۇرۇپ چىقىشتى.
ئەنەس ئالىم: ئۇلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ھالبۇكى، جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان. ئۇلار ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن «ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى بار» دېگەن يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.
6 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
بَدِيعُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُ وَلَدٌ وَلَمْ تَكُنْ لَهُ صَاحِبَةٌ ۖ وَخَلَقَ كُلَّ شَيْءٍ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ خوتۇنى يوق تۇرسا، قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟ ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ جۈپتى بولمىسا قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟ ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر. ئۇنىڭ رەپىقىسى بولمىغان تۇرسا قانداقمۇ بالىسى بولسۇن! ئاللاھ ھەر نەرسىنى ياراتقان. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
6 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ فَاعْبُدُوهُ ۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەر نەرسىگە ھامىيدۇر[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ھەر نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇ ھەر نەرسىنىڭ باشقۇرغۇچىسىدۇر.
6 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تُدْرِكُهُ الْأَبْصَارُ وَهُوَ يُدْرِكُ الْأَبْصَارَ ۖ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆزلەر ئاللاھنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: كۆزلەر ئاللاھنى ئىدراك قىلالمايدۇ. ئاللاھ كۆزلەرنى ئىدراك قىلىدۇ13. ئاللاھ پۈتۈن ئىنچىكىلىكلەرنى بىلگۈچى ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زاتتۇر!
6 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
اتَّبِعْ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ وَأَعْرِضْ عَنِ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەمەل قىلغىن؛ ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مۇشرىكلار بىلەن تەڭ بولمىغىن[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغان قۇرئانغا ئەمەل قىلغىن. ئاللاھتىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، مۇشرىكلارغا پەرۋا قىلمىغىن
ئەنەس ئالىم: رەببىڭدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈگىن.
6 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
فَكُلُوا مِمَّا ذُكِرَ اسْمُ اللَّهِ عَلَيْهِ إِنْ كُنْتُمْ بِآيَاتِهِ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يەڭلار[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى كىشىلەر بولساڭلار.
6 : 151 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ تَعَالَوْا أَتْلُ مَا حَرَّمَ رَبُّكُمْ عَلَيْكُمْ ۖ أَلَّا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا ۖ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ۖ وَلَا تَقْتُلُوا أَوْلَادَكُمْ مِنْ إِمْلَاقٍ ۖ نَحْنُ نَرْزُقُكُمْ وَإِيَّاهُمْ ۖ وَلَا تَقْرَبُوا الْفَوَاحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ ۖ وَلَا تَقْتُلُوا النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «سىلەر كېلىپ (ئاڭلاڭلار)، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ (ناھەق) ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ[151].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «سىلەر كېلىڭلار، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار؛ ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «كېلىڭلار، رەببىڭلار سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ئوقۇپ بېرەي: ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار، ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، كەمبەغەللىك سەۋەبىدىن بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز سىلەرگە ۋە ئۇلارغا رىزىق بېرىمىز. قەبىھ ئىشلارنىڭ ئاشكارىسىغىمۇ، يوشۇرۇنىغىمۇ يېقىنلاشماڭلار. ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەڭلار. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر!
6 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّنِي هَدَانِي رَبِّي إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ دِينًا قِيَمًا مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۚ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يەنى توغرا دىنغا، باتىل دىنلاردىن توغرا دىنغا بۇرالغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا باشلىدى، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»[161].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا، يەنى توغرا دىنغا - توغرا دىنغا ماڭغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا باشلىدى، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم مېنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلىدى، يەنى رەببىم مېنى توغرا دىنغا، ھەقكە يۆنەلگەن ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئېرىشتۈردى».
6 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّ صَلَاتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت ـ ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر[162].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر.
6 : 163 - ئايەت
كۆرۈش
لَا شَرِيكَ لَهُ ۖ وَبِذَٰلِكَ أُمِرْتُ وَأَنَا أَوَّلُ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا (يەنى يالغۇز ئاللاھقىلا خالىس ئىبادەت قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن»[163].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنداق دەپ ئېتىقاد قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجىسىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. مەن بۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلىدۇرمەن».
6 : 164 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَغَيْرَ اللَّهِ أَبْغِي رَبًّا وَهُوَ رَبُّ كُلِّ شَيْءٍ ۚ وَلَا تَكْسِبُ كُلُّ نَفْسٍ إِلَّا عَلَيْهَا ۚ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ مَرْجِعُكُمْ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرسا، ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگار تەلەپ قىلامدىمەن؟» ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا ئادەمنىڭ گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس (يەنى بىر ئادەمنىڭ گۇناھى بىلەن باشقا بىر ئادەم جازاغا تارتىلمايدۇ). كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق بىلەن ناھەقنى ئۇ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ[164].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرسا، ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگار ئىزدەمدىمەن؟» ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا ئادەمنىڭ گۇناھىغا جاۋابكار بولمايدۇ. كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق بىلەن ناھەقنى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھتىن باشقا رەب ئىزدەمدىمەن؟ ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ رەببى تۇرسا. ھەركىمنىڭ ئۆز گۇناھى ئۆزىگە. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئاندىن كېيىن رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئۇ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ».
ئەئراف سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا آمَنَّا بِرَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دېدى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق[121].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دېدى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىغا ئىمان ئېيتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق،
7 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا (ئىمان ئېيتتۇق)»[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق»
ئەنەس ئالىم: يەنى مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە!».
7 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَغَيْرَ اللَّهِ أَبْغِيكُمْ إِلَٰهًا وَهُوَ فَضَّلَكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «ئاللاھ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟» دېدى[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «ئاللاھ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىمەن؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟ ئاللاھ سىلەرنى زامانداشلىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلغان تۇرسا!».
7 : 158 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ جَمِيعًا الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ النَّبِيِّ الْأُمِّيِّ الَّذِي يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَكَلِمَاتِهِ وَاتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھقا، ئۇنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۇممىي پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار»[158].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، (شۇنىڭدەك) ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسىگە – ساۋاتلىق بولمىغان پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھنىڭ ھەممىڭلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن. ئۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى خاس بولغان زاتتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ ھالدا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدىغان ئەلچىسىگە ئىشىنىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، ھىدايەت تاپالايسىلەر».
7 : 180 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ فَادْعُوهُ بِهَا ۖ وَذَرُوا الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي أَسْمَائِهِ ۚ سَيُجْزَوْنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە ـ كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ[180].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ ئىسىملار بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە-كەلمەس قوللىنىدىغانلار بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن. ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەڭ چىرايلىق ئىسىملار ئاللاھنىڭدۇر. سىلەر ئاللاھنى ئۇ ئىسىملار بىلەن چاقىرىڭلار. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدا ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى تەرك ئېتىڭلار. يېقىندا ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
7 : 194 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ عِبَادٌ أَمْثَالُكُمْ ۖ فَادْعُوهُمْ فَلْيَسْتَجِيبُوا لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلار سىلەرگە ئوخشاش مەخلۇقلاردۇر، (ئۇلارنى ئىلاھ دېگەن دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار، چاقىرىقىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ باقسۇن[194].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلار ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوخشاش مەخلۇقلاردۇر، (ئەگەر ئۇلارنى ئىلاھ دېگەن) سۆزۈڭلار راست بولسا، سىلەر ئۇلارغا دۇئا قىلىپ بېقىڭلار، ئۇلار دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ باقسۇن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر سىلەرگە ئوخشاش بەندىلەردۇر. ئەگەر راستچىل بولساڭلار ئۇلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار، سىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ باقسۇن!
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَاتِلُوهُمْ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتْنَةٌ وَيَكُونَ الدِّينُ كُلُّهُ لِلَّهِ ۚ فَإِنِ انْتَهَوْا فَإِنَّ اللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: پىتنە تۈگىگەن، دىن پۈتۈنلەي ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار (يەنى ئىسلامغا داۋاملىق دۈشمەنلىك قىلىۋاتقانلار قىلمىشىدىن) يانسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: زىيانكەشلىك تۈگىگەن، دىن پۈتۈنلەي ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار (كۇفردىن) يانسا، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: فىتنە تۈگىگەن ۋە دىن تامامەن ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار! ئەگەر ئۇلار يانسا، بىلسۇنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرماقتىدۇر.
تەۋبە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتِ الْيَهُودُ عُزَيْرٌ ابْنُ اللَّهِ وَقَالَتِ النَّصَارَى الْمَسِيحُ ابْنُ اللَّهِ ۖ ذَٰلِكَ قَوْلُهُمْ بِأَفْوَاهِهِمْ ۖ يُضَاهِئُونَ قَوْلَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَبْلُ ۚ قَاتَلَهُمُ اللَّهُ ۚ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلار: «ئۈزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، ناسارالار: «مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى. بۇ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى (دەلىلسىز) سۆزىدۇر، (ئۇلارنىڭ سۆزلىرى) ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دېگەن) سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، (ئاللاھنىڭ بالىسى يوقلۇقىغا روشەن دەلىل تۇرسا، ھەقىقەتتىن باتىلغا بۇرۇلۇپ) ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) ئاللاھقا يالغان چاپلايدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، ناسارالار: «مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكىلا سۆزدۇر، (بۇ) ئىلگىرىكى كافىرلارنىڭ: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دېگەن) سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، (ئاللاھنىڭ بالىسى يوقلۇقى ئېنىق تۇرسا) ئۇلار قانداقمۇ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ؟
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېدى. ناسارالار: «مەسىھ ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىكى سۆزىدۇر. ئۇلار سۆزلىرىنى ئىلگىرىكى كافىرلارنىڭ سۆزلىرىگە ئوخشىتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى يوقاتسۇن. ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟
9 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا إِلَٰهًا وَاحِدًا ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىمالىرىنى، ئابىدلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆلىمالىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلەر قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر.
9 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەق دىن (ئىسلام) نى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تولۇق) ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى، مۇشرىكلار ئۇنىڭ (ئۈستۈن بولۇشىنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى.
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئۆزىنىڭ ئەلچىسىنى ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى. مۇشرىكلار ياقتۇرمىسىمۇ ئۇنى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى.
9 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۚ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرىدۇ، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ دوست ۋە مەدەتكار يوق[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ ۋە تىرىكنى ئۆلتۈرىدۇ، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ دوست ۋە مەدەتكار يوق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ۋەلىي ۋە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر.
9 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، سەن: «ئاللاھ ماڭا كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىم، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئەھەدىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن ۋە قورقمايمەن)، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى پەيغەمبەر!- ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈسە، سەن: «ئاللاھ مېنى كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر» دېگىن[
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ماڭا يېتەرلىك، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مەن ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشىنىڭ رەببىدۇر».
يۇنۇس سۈرىسى
15 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ ۖ مَا مِنْ شَفِيعٍ إِلَّا مِنْ بَعْدِ إِذْنِهِ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتۇر، ئۇ ئىنسانلارنى، زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئاللاھ خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى (ئۆز ھېكمىتىگە مۇۋاپىق) ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ھەر قانداق شاپائەت قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىزنىنى ئالىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
10 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنْفَعُهُمْ وَيَقُولُونَ هَٰؤُلَاءِ شُفَعَاؤُنَا عِنْدَ اللَّهِ ۚ قُلْ أَتُنَبِّئُونَ اللَّهَ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، «بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار» دېيىشىدۇ. ئەجەبا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بۇنداق نەرسە (يەنى ئاللاھنىڭ شېرىكى ياكى شاپائەت قىلغۇچى) بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ بىلمەي قېلىپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرىۋاتامسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھ نى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ ۋە «بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلاردۇر» دېيىشىدۇ، ئەجەبا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بۇنداق نەرسە بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ بىلمەي قېلىپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرىۋاتامسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ ۋە: «بۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزنىڭ شاپائەتچىلىرىمىزدۇر!» دېيىشىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھ بىلمەي قالغان بىرەر نەرسە بولۇپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟» ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.
10 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي يُسَيِّرُكُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا كُنْتُمْ فِي الْفُلْكِ وَجَرَيْنَ بِهِمْ بِرِيحٍ طَيِّبَةٍ وَفَرِحُوا بِهَا جَاءَتْهَا رِيحٌ عَاصِفٌ وَجَاءَهُمُ الْمَوْجُ مِنْ كُلِّ مَكَانٍ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ أُحِيطَ بِهِمْ ۙ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ لَئِنْ أَنْجَيْتَنَا مِنْ هَٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا، دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە كىشىلەرنى ئېلىپ مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە بۇ شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا گۇمان قىلىپ:«ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ. سىلەر كېمىلەردە بولغان، كېمىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى يولۇچىلارنى ئېلىپ مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە يولۇچىلار بۇنىڭدىن خۇشاللىنىۋاتقان ئەسنادا، كېمىلەرگە بىردىنلا بوران كېلىدۇ، يولۇچىلارغا ھەر تەرەپتىن دولقۇنلار كېلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورشىۋېلىنغانلىقىنى4 ئويلايدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق پەيتتە: «ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرساڭ، چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىدۇ.
10 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ إِنْ كُنَّا عَنْ عِبَادَتِكُمْ لَغَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىكى، سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنۇشۇڭلاردىن بىز غاپىل ئىدۇق»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىكى، سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنۇشۇڭلاردىن بىز غاپىل ئىدۇق»
ئەنەس ئالىم: سىلەر بىلەن ئارىمىزدا ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇركى، بىز سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنىشىڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرسىز ئىدۇق».
10 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أَمَّنْ يَمْلِكُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَمَنْ يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَنْ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ ۚ فَسَيَقُولُونَ اللَّهُ ۚ فَقُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ) زېمىندىن (گىياھ ئۈندۈرۈپ) كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەرنى ئۆلۈك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ ئۆلۈك شەيئىلەرنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ (خالايىقنىڭ) ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا- ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، زېمىندىن -گىياھ ئۈندۈرۈپ- كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىكنى ئۆلۈك نەرسىلەردىن كىم چىقىرىدۇ؟ ئۆلۈكنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ بۇ ئىشلارنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار - جاۋابەن -: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭدىن قورقمامسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىۋاتقان، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئىشلارنى پىلانلاۋاتقان كىمدۇر؟». ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ھالدا تەقۋادار بولمامسىلەر؟
10 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمُ الْحَقُّ ۖ فَمَاذَا بَعْدَ الْحَقِّ إِلَّا الضَّلَالُ ۖ فَأَنَّىٰ تُصْرَفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى) سىلەرنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگارىڭلار، ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن غەيرىي نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، نېمىشقا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى سىلەرنىڭ ھەقىقىي رەببىڭلار، ئەنە شۇ ئاللاھدۇر. ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن غەيرىي يول مەۋجۇت ئەمەس، نېمىشقا بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەقىقىي رەببىڭلاردۇر. ھەقىقەتتىن كېيىن ئازغۇنلۇقتىن باشقا نېمە بار؟ سىلەر قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟!».
10 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هَلْ مِنْ شُرَكَائِكُمْ مَنْ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۚ قُلِ اللَّهُ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. نېمىشقا (ھەقتىن باتىل تەرەپكە) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ شىرىكلىرىڭلار ئىچىدە مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ، ئاندىن ئۇنى قايتىدىن يارىتالايدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ، ئاندىن ئۇنى قايتىدىن يارىتالايدۇ. شۇنداق تۇرسا نېمىشقا بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە، دەسلەپتە يوقتىن يارىتالايدىغان، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان كىشى بارمۇ؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھ دەسلەپتە يوقتىن يارىتالايدۇ، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. سىلەر قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟».
10 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هَلْ مِنْ شُرَكَائِكُمْ مَنْ يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ ۚ قُلِ اللَّهُ يَهْدِي لِلْحَقِّ ۗ أَفَمَنْ يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ أَحَقُّ أَنْ يُتَّبَعَ أَمَّنْ لَا يَهِدِّي إِلَّا أَنْ يُهْدَىٰ ۖ فَمَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، « شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدۇ، ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغان زاتقا بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ ياكى ھەق يولغا يېتەكلىيەلمەيدىغان، پەقەت ئۆزى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج بولغان (نەرسىلەرگە) بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمىشقا مۇنداق (باتىل) ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ شىرىكلىرىڭلار ئارىسىدا گۇمراھنى ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھ گۇمراھنى ھەق يولغا يېتەكلەيدۇ، گۇمراھنى ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغان زاتقا بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ ياكى ھەق يولغا يېتەكلىيەلمىگەندىن سىرت، ئۆزىمۇ باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج بولغان كىشىگە بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمىشقا مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە، ھەق يولغا ئېرىشتۈرەلەيدىغان كىشى بارمۇ؟» ئېيتقىنكى: «ھەق يولغا پەقەتلا ئاللاھ ئېرىشتۈرىدۇ. ھەق يولغا ئېرىشتۈرىدىغان زاتقا بويسۇنۇش كېرەكمۇ؟ ياكى توغرا يولغا كەلتۈرۈلمىگۈچە ئۆزى توغرا يولنى تاپالمايدىغان كىشىلەرگە بويسۇنۇش كېرەكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدىكىن، قانداقمۇ بۇنداق ھۆكۈم قىلىدىغانسىلەر؟!
10 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَا إِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ أَلَا إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: راستتىنلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، راستتىنلا ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، لېكىن ئۇلار (يەنى ئىنسانلار) نىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ھەقتۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
10 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَا إِنَّ لِلَّهِ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ ۗ وَمَا يَتَّبِعُ الَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ شُرَكَاءَ ۚ إِنْ يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَخْرُصُونَ
مۇھەممەد سالىھ: راستتىنلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، بەندىسىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ئاللاھتىن باشقىغا بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار پەقەت يوقىلاڭ پەرەزگىلا تايىنىدۇ، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن شېرىكلەرگە يالۋۇرىدىغانلار، پەقەت يوقىلاڭ پەرەزگىلا تايىنىدۇ، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى كىشىلەر ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلىدىغانلار شېرىكلەرگە ئەگەشمەيدۇ، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، ئۇلار پەقەت بىلجىرلايدۇ.
10 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا اتَّخَذَ اللَّهُ وَلَدًا ۗ سُبْحَانَهُ ۖ هُوَ الْغَنِيُّ ۖ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ إِنْ عِنْدَكُمْ مِنْ سُلْطَانٍ بِهَٰذَا ۚ أَتَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى كاپىرلار): «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى، ئاللاھ (بۇنىڭدىن) پاكتۇر، بىھاجەتتۇر (يەنى بالا قىلىۋېلىش ئېھتىياج ئۈچۈن بولىدۇ، ئاللاھ بولسا ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر)، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن) بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق، سىلەر بىلمەيدىغان ئىشلارنى يالغاندىن ئاللاھقا چاپلامسىلەر؟[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار : «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى، ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر، ئۇ بىھاجەتتۇر، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېگەن بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق، سىلەر بىلمەيدىغان ئىشلارنى يالغاندىن ئاللاھقا چاپلامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېدى. ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر. ئاللاھ غەنىيدۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. سۆزۈڭلار ئۈچۈن ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق. ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىنى ئاللاھقا چاپلامسىلەر؟
10 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ يَا قَوْمِ إِنْ كُنْتُمْ آمَنْتُمْ بِاللَّهِ فَعَلَيْهِ تَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار (يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار)» دېدى[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، ئەگەر مۇسۇلمان بولىدىغان بولساڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى.
10 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنْ كُنْتُمْ فِي شَكٍّ مِنْ دِينِي فَلَا أَعْبُدُ الَّذِينَ تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِنْ أَعْبُدُ اللَّهَ الَّذِي يَتَوَفَّاكُمْ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا مەن چوقۇنمايمەن، لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن، مەن مۆمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم»[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقانلىرىڭلارغا مەن چوقۇنمايمەن، لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن، مەن مۇئمىنلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! ئەگەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار، بىلىڭلاركى، مەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرگە چوقۇنمايمەن. لېكىن مەن سىلەرنى ۋاپات قىلدۇرىدىغان ئاللاھقا چوقۇنىمەن. ماڭا مۇئمىنلاردىن بولۇشۇم ئەمر قىلىندى
10 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْ أَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يەنە (ماڭا): «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە -ماڭا-: «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن
ئەنەس ئالىم: ۋە مۇنداق دېيىلدى: توغرا دىنىغا يۈزلەنگىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن.
10 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَدْعُ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنْفَعُكَ وَلَا يَضُرُّكَ ۖ فَإِنْ فَعَلْتَ فَإِنَّكَ إِذًا مِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلمىغىن، ئەگەر ئۇلارغا ئىبادەت قىلساڭ، چوقۇم (ئۆزۈڭگە) زۇلۇم سالغۇچىلاردىن بولىسەن[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نى قويۇپ، ساڭا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلمىغىن، ئەگەر ئۇلارغا ئىبادەت قىلساڭ، چوقۇم ئۆزۈڭگە زۇلۇم سالغۇچىلاردىن بولىسەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلمىغىن! ئەگەر ئۇنداق قىلساڭ چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ كېتىسەن.
يۈسۈف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَا يَأْتِيكُمَا طَعَامٌ تُرْزَقَانِهِ إِلَّا نَبَّأْتُكُمَا بِتَأْوِيلِهِ قَبْلَ أَنْ يَأْتِيَكُمَا ۚ ذَٰلِكُمَا مِمَّا عَلَّمَنِي رَبِّي ۚ إِنِّي تَرَكْتُ مِلَّةَ قَوْمٍ لَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف ئېيتتى: «ئىككىڭلارغا سىرتتىن تاماق كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەلەيمەن، بۇ پەرۋەردىگارىم ماڭا بىلدۈرگەن نەرسىلەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تاشلىدىم[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف ئېيتتى: «ئىككىڭلارغا سىرتتىن تاماق كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىمەن، بۇ رەببىم ماڭا بىلدۈرگەن نەرسىلەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تاشلىدىم
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف مۇنداق دېدى: «ئىككىكلارغا بېرىلىدىغان تاماق يېنىڭلارغا كېلىشتىن ئىلگىرى، مەن ئۇنىڭ تەبىرىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىمەن. بۇ رەببىم ماڭا ئۆگەتكەن ئىلىملەردىندۇر. چۈنكى مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تەرك ئەتتىم،
12 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّبَعْتُ مِلَّةَ آبَائِي إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۚ مَا كَانَ لَنَا أَنْ نُشْرِكَ بِاللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ عَلَيْنَا وَعَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئەجدادلىرىم ـ ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇبلارنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىزگە لايىق ئەمەس، بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئەجدادلىرىم ـ ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇبلارنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىزگە لايىق ئەمەس، بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاتىلىرىم ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم. ئاللاھقا بىرەر نەرسە شېرىك قىلىشىمىز بىز ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ. بۇ ئېتىقاد ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان ئىلتىپاتىدىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
12 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
يَا صَاحِبَيِ السِّجْنِ أَأَرْبَابٌ مُتَفَرِّقُونَ خَيْرٌ أَمِ اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
مۇھەممەد سالىھ: تۈرمىداش ئاغىنىلەر! تارقاق، كۆپ مەبۇدلار ياخشىمۇ ياكى قۇدرەتلىك بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟[39]
تەرجىمە ھەيئىتى: تۈرمىداش ئاغىنىلەر! تارقاق كۆپ مەبۇدلار ياخشىمۇ؟ ياكى قۇدرەتلىك بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى ئىككى زىنداندىشىم! پەرقلىق بىرقانچە رەب ياخشىمۇ، ياكى چەكسىز قۇدرەتلىك، يالغۇز بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟
12 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
مَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِهِ إِلَّا أَسْمَاءً سَمَّيْتُمُوهَا أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ بِهَا مِنْ سُلْطَانٍ ۚ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۚ أَمَرَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ ۚ ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان (بۇتلارنىڭ ۋە غەيرىينىڭ) ناملىرىدىنلا ئىبارەت، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشى توغرىسىدا) ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگىنى يوق، ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى(بۇنى) بىلمەيدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان ناملاردىنلا ئىبارەتتۇر، ئاللاھ -ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشى توغرىسىدا- ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگىنى يوق، ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى - بۇنى- بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۇنى قويۇپ پەقەت ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭلار ئاتىۋالغان ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر. ئاللاھ ئۇ ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن. ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدى. مانا بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
12 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هَٰذِهِ سَبِيلِي أَدْعُو إِلَى اللَّهِ ۚ عَلَىٰ بَصِيرَةٍ أَنَا وَمَنِ اتَّبَعَنِي ۖ وَسُبْحَانَ اللَّهِ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، (كىشىلەرنى) ئاللاھقا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمىز. ئاللاھ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، كىشىلەرنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمىز. ئاللاھ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مانا بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر: مەن ئاللاھقا تولۇق ئىشەنچ ۋە روشەن دەلىل بىلەن دەۋەت قىلىمەن. مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن، ماڭا ئەگەشكەنلەرمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئاللاھنى پاك دەپ تونۇيمەن، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن».
رەئد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ قُلِ اللَّهُ ۚ قُلْ أَفَاتَّخَذْتُمْ مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ لَا يَمْلِكُونَ لِأَنْفُسِهِمْ نَفْعًا وَلَا ضَرًّا ۚ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ أَمْ هَلْ تَسْتَوِي الظُّلُمَاتُ وَالنُّورُ ۗ أَمْ جَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ خَلَقُوا كَخَلْقِهِ فَتَشَابَهَ الْخَلْقُ عَلَيْهِمْ ۚ قُلِ اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» دەپ سورىغىن ۋە (جاۋاب بېرىپ) «ئاللاھ» دېگىن. (ئۇلارغا) «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزىگىمۇ پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى ئۆزۈڭلارغا ھامىي قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن. «كور بىلەن كۆزى كۆرىدىغان ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇ بىلەن نۇر باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن. ئۇلار ئاللاھ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى «ياراتقان» دەۋالغان مەبۇدلىرىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ، ئاللاھنىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىمىز ياراتقان دەۋالغان نەرسىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ بىردۇر، ھەممىگە غالىبتۇر [16].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ رەببى كىم؟»، -يەنە-:«-ئۇلارنىڭ رەببى-ئاللاھ» دېگىن. - يەنە ئۇلارغا-: «سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ ئۆزۈڭلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى دوستلار قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن. - يەنە ئۇلارغا-: «كۆر بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇق بىلەن نۇر باراۋەر بولامدۇ؟» ياكى ئۇلار ئاللاھ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى ياراتقان مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ ئاللاھنىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىنىڭ ياراتقىنىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ دېگىن. ئېيتقىنكى: ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ئاللاھ بىر دۇر، ھەممىگە غالىبتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن «ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى كىم؟» دەپ سورىغىن، ئۇلارغا «ئاللاھ!» دەپ جاۋابمۇ بەرگىن. ئاندىن ئېيتقىنكى: «ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدا - زىيانغا ئىگە بولالمايدىغانلارنى ئۆزۈڭلارغا ۋەلىي قىلىۋالامسىلەر؟». ئېيتقىنكى: «كور بىلەن كۆرگۈچى باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇقلار بىلەن يورۇقلۇق باراۋەر بولامدۇ؟». ياكى ئۇلار ئاللاھقا، ئاللاھ ياراتقاندەك ياراتقان، ياراتقىنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشىشىپ كەتكەن نەرسىلەرنى شېرىك قىلدىمۇ؟9 ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇ بىردۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر».
ئىبراھىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا بَلَاغٌ لِلنَّاسِ وَلِيُنْذَرُوا بِهِ وَلِيَعْلَمُوا أَنَّمَا هُوَ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ وَلِيَذَّكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى، ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، بۇ (قۇرئان) تەبلىغدۇر (يەنى كىشىلەرگە تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىندى)[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى، ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، بۇ بىر تەبلىغدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ قۇرئان ئىنسانلارغا قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتۇر. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلسۇن، ئاللاھنىڭ بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىلسۇن ۋە ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئويلانسۇن.
نەھىل سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَتَىٰ أَمْرُ اللَّهِ فَلَا تَسْتَعْجِلُوهُ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ پەرمانى (يەنى قىيامەت) چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمەڭلار، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇشرىكلار! ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلدى، ئۇنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلماڭلار. ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.
16 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
يُنَزِّلُ الْمَلَائِكَةَ بِالرُّوحِ مِنْ أَمْرِهِ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ أَنْ أَنْذِرُوا أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا أَنَا فَاتَّقُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە خالىغان بەندىلىرىگە (يەنى پەيغەمبەرلىرىگە) پەرىشتىلەرنى ۋەھىي بىلەن نازىل قىلىپ (مۇنداق دەيدۇ): «(ئىنسانلارنى) ئاگاھلاندۇرۇڭلاركى، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مەندىن (يەنى ئازابىمدىن) قورقۇڭلار»[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ئۆز ئەمرى بويىچە رۇھ بىلەن خالىغان بەندىلىرىگە چۈشۈرۈپ1، ئۇلارغا: «‹مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار› دېگەن ھۆكمىم بىلەن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار» دەيدۇ.
16 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۚ فَالَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ قُلُوبُهُمْ مُنْكِرَةٌ وَهُمْ مُسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ (ئىبادەت قىلىشقا لايىق) ئىلاھىڭلار بىردۇر، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى) ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ، (ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن) باش تارتقۇچىلاردۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىردۇر، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى بۇنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ، باش تارتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قەلبلىرى بۇ ھەقىقەتنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار چوڭچىلىق قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
16 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ اللَّهُ لَا تَتَّخِذُوا إِلَٰهَيْنِ اثْنَيْنِ ۖ إِنَّمَا هُوَ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ فَإِيَّايَ فَارْهَبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «ئىككى ئىلاھقا ئىبادەت قىلماڭلار، ئۇ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، مەندىنلا قورقۇڭلار» دېدى[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ: «ئىككى ئىلاھقا ئىبادەت قىلماڭلار، ئۇ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، مەندىنلا قورقۇڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى ئىلاھقا چوقۇنماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئىلاھ يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنداقتا پەقەت مەندىنلا قورقۇڭلار».
16 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ إِبْرَاهِيمَ كَانَ أُمَّةً قَانِتًا لِلَّهِ حَنِيفًا وَلَمْ يَكُ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ھەقىقەتەن (ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگۈچى) پېشىۋا، ئاللاھقا ئىتائەتمەن (باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىدى. ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ھەقىقەتەن ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگۈچى بىر پېشىۋا، ئاللاھقا ئىتائەتمەن ۋە ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئىدى. ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئىبراھىم بىر ئۇممەت ئىدى، ئاللاھقا ئىتائەتمەن ئىدى، ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى،
16 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ أَنِ اتَّبِعْ مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۖ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ساڭا: «باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى (يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكىن، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ساڭا: «باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكىن، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن بىز ساڭا: «ھەقكە يۆنەلگەن ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
ئىسرا سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَجْعَلْ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَتَقْعُدَ مَذْمُومًا مَخْذُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى (شېرىك) قىلمىغىن، (ئۇنداق قىلساڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ئەيىبلەنگەن، (ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن) مەھرۇم بولغان ھالدا (دوزاختا ھەمىشە) قالىسەن[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەيىبلەنگەن، ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن مەھرۇم بولغان ھالدا دوزاختا مەڭگۈ قالىسەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ھېچبىر ئىلاھنى تەڭ قىلمىغىن! بولمىسا، ئەيىبلەنگەن ۋە ياردەمسىز قويۇلغان ھالەتتە ئولتۇرۇپ قالىسەن.
17 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ مِمَّا أَوْحَىٰ إِلَيْكَ رَبُّكَ مِنَ الْحِكْمَةِ ۗ وَلَا تَجْعَلْ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَتُلْقَىٰ فِي جَهَنَّمَ مَلُومًا مَدْحُورًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇلار پەرۋەردىگارىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغان ھېكمەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن، بولمىسا مالامەت قىلىنغان، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە تاشلىنىسەن[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇلار رەببىڭ ساڭا ۋەھيى قىلغان ھېكمەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن، بولمىسا مالامەت قىلىنغان ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە تاشلىنىسەن
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار رەببىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغان ھېكمەتلەردۇر. ئاللاھقا باشقا ئىلاھ تەڭ قىلمىغىن! بولمىسا مالامەت قىلىنغان ۋە قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە تاشلىنىسەن.
17 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَأَصْفَاكُمْ رَبُّكُمْ بِالْبَنِينَ وَاتَّخَذَ مِنَ الْمَلَائِكَةِ إِنَاثًا ۚ إِنَّكُمْ لَتَقُولُونَ قَوْلًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەجەبا ئاللاھ سىلەرگە ئوغۇللارنى خاس قىلىپ، پەرىشتىلەرنى ئۆزىنىڭ قىزلىرى قىلىۋالغانمۇ؟ ھەقىقەتەن سىلەر چوڭ سۆزنى قىلىۋاتىسىلەر.(ئىزاھات:بۇ پەرىشتىلەر «ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دېگۈچىلەرگە قارىتىلغان.)[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەجەبا ئاللاھ سىلەرگە ئوغۇللارنى خاس قىلىپ، پەرىشتىلەرنى ئۆزىنىڭ قىزلىرى قىلىۋالغانمۇ؟[1] سىلەر ھەقىقەتەن بەڭ چوڭ گەپ قىلىۋاتىسىلەر
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلار ئوغۇل بالىلارنى سىلەرگە ئايرىپ، بىر قىسىم پەرىشتىلەرنى ئۆزىنىڭ قىزلىرى قىلىۋالدىمۇ؟ سىلەر ھەقىقەتەن ئېغىر سۆزنى دەۋاتىسىلەر!
17 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَوْ كَانَ مَعَهُ آلِهَةٌ كَمَا يَقُولُونَ إِذًا لَابْتَغَوْا إِلَىٰ ذِي الْعَرْشِ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلار ئېيتقاندەك، ئاللاھ بىلەن بىرگە يەنە باشقا ئىلاھلار بولغان تەقدىردە ئەرش ئىگىسى (ئاللاھ ئۈستىدىن) غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە يول ئىزدىگەن بولاتتى[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار ئېيتقاندەك، ئاللاھ بىلەن بىرگە يەنە باشقا ئىلاھلار بولغان تەقدىردە ئەرش ئىگىسى ئاللاھ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە يول ئىزدىگەن بولاتتى
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر مۇشرىكلارنىڭ دېگىنىدەك ئاللاھ بىلەن بىرگە باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، ئۇلار ئەرشنىڭ ئىگىسىگە يول ئىزدەيتتى»6.
17 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ ادْعُوا الَّذِينَ زَعَمْتُمْ مِنْ دُونِهِ فَلَا يَمْلِكُونَ كَشْفَ الضُّرِّ عَنْكُمْ وَلَا تَحْوِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ خۇدا دەپ ئويلىغانلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ قولىدىن سىلەردىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشمۇ ۋە ئۇنى (باشقىلارغا) يۆتكەپ قويۇشمۇ كەلمەيدۇ[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: داۋۇتقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق، سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ خۇدا دەپ ئويلىغانلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ قولىدىن سىلەردىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشمۇ ۋە ئۇنى باشقىلارغا يۆتكەپ قويۇشمۇ كەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئېتىقاد قىلىۋاتقان كىشىلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ بېقىڭلار. ئۇلار بېشىڭلاردىكى بالانى دەپئى قىلىشقىمۇ، باشقا بىرىگە يۆتكىۋېتىشكىمۇ ئىگە بولالمايدۇ».
17 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَئِنِ اجْتَمَعَتِ الْإِنْسُ وَالْجِنُّ عَلَىٰ أَنْ يَأْتُوا بِمِثْلِ هَٰذَا الْقُرْآنِ لَا يَأْتُونَ بِمِثْلِهِ وَلَوْ كَانَ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ ظَهِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ بىر- بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرەلمەيدۇ»[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ بىر-بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرەلمەيدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئىنسانلار بىلەن جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلسا، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزئارا ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ بۇنى قىلالمايدۇ».
17 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي لَمْ يَتَّخِذْ وَلَدًا وَلَمْ يَكُنْ لَهُ شَرِيكٌ فِي الْمُلْكِ وَلَمْ يَكُنْ لَهُ وَلِيٌّ مِنَ الذُّلِّ ۖ وَكَبِّرْهُ تَكْبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، سەلتەنىتىدە شېرىكى بولمىغان، خارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستقا موھتاج بولمىغان (يەنى خار بولمىغان، ياردەمچىگە موھتاج بولمىغان) ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن»[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، سەلتەنىتىدە شېرىكى بولمىغان، خارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستقا موھتاج بولمىغان ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھ نى مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! «ئاتا بولمىغان، پادىشاھلىقتا شېرىكى بولمىغان ۋە ئاجىزلىق سەۋەبىدىن ياردەمچىگە موھتاج بولمىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن» دېگىن، ئاللاھنى شەنىگە لايىق رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن.
كەھف سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَبَطْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ إِذْ قَامُوا فَقَالُوا رَبُّنَا رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لَنْ نَدْعُوَ مِنْ دُونِهِ إِلَٰهًا ۖ لَقَدْ قُلْنَا إِذًا شَطَطًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (يەنى ئىرادىسىنى) مۇستەھكەم قىلدۇق، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ئىمانسىز زالىم پادىشاھ ئالدىدا) دەس تۇرۇپ ئېيتتى: «بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، بىز ئۇنى قويۇپ ھەرگىزمۇ باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلمايمىز، ئەگەر بىز (ئاللاھنىڭ شېرىكى بار) دەيدىغان بولساق، بۇ چاغدا ھەقىقەتتىن تولىمۇ يىراقلاشقان بولىمىز[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى مۇستەھكەم قىلدۇق، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار - زالىم پادىشاھ ئالدىدا- دەس تۇرۇپ ئېيتتى: «بىزنىڭ رەببىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىنىڭ رەببىدۇر، بىز ئۇنى قويۇپ ھەرگىزمۇ باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلمايمىز، ئەگەر بىز -ئاللاھنىڭ شېرىكى بار- دەيدىغان بولساق، بۇ چاغدا ھەقىقەتتىن تولىمۇ يىراقلاشقان بولىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ تۆۋەندىكى سۆزنى قىلغاندا بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى مۇستەھكەم قىلغان ئىدۇق: «بىزنىڭ رەببىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببىدۇر. بىز ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھقا دۇئا قىلمايمىز. بولمىسا قالايمىقان گەپ قىلغان بولىمىز.
18 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ اللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا لَبِثُوا ۖ لَهُ غَيْبُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ أَبْصِرْ بِهِ وَأَسْمِعْ ۚ مَا لَهُمْ مِنْ دُونِهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا يُشْرِكُ فِي حُكْمِهِ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئۇلارنىڭ تۇرغان ۋاقتىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى غەيبنى (بىلىش) ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئاللاھنىڭ ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارغا ئاللاھتىن بۆلەك ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۆز ھۆكمىدە ھېچ كىشىنى شېرىك قىلمايدۇ»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيىتقىنكى، «ئۇلارنىڭ تۇرغان ۋاقتىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى غەيبنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئاللاھنىڭ ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارغا ئاللاھتىن بۆلەك ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۆز ھۆكمىدە ھېچ كىشىنى شېرىك قىلمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئۇلارنىڭ قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى پەقەتلا ئۇ بىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆرۈشى ۋە ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ۋەلىيسى يوقتۇر. ئۇ ھاكىمىيىتىگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايدۇ».
18 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَهُ صَاحِبُهُ وَهُوَ يُحَاوِرُهُ أَكَفَرْتَ بِالَّذِي خَلَقَكَ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ سَوَّاكَ رَجُلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا (مۆمىن) بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا ئېيتتى: «سېنى (ئەسلىدە) تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋۇرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟[37]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا ئېيتتى: «سېنى ئەسلىدە تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋۇرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەمگە بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «سېنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ياراتقان، ئاندىن كېيىن سېنى بېجىرىم ئادەم قىلغان زاتقا تۇزكورلۇق قىلامسەن؟
18 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
لَٰكِنَّا هُوَ اللَّهُ رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِرَبِّي أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن مەن پەرۋەردىگارىم بولغان ئۇ ئاللاھنى (ئېتىراپ قىلىمەن)، پەرۋەردىگارىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن مەن رەببىم بولغان ئۇ ئاللاھ نى ئېتىراپ قىلىمەن، رەببىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن
ئەنەس ئالىم: لېكىن مەن ئىشىنىمەنكى، ئۇ زات ئاللاھتۇر، مېنىڭ رەببىمدۇر. مەن رەببىمگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمەن.
18 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمْ تَكُنْ لَهُ فِئَةٌ يَنْصُرُونَهُ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَمَا كَانَ مُنْتَصِرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلىدىغان (يەنى ئۇنىڭدىن بۇ بالانى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ جامائە بولمىدى، ئۆزىگىمۇ ئۆزى ياردەم قىلالمىدى[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلىدىغان ھېچ جامائە بولمىدى، ئۆزىگىمۇ ئۆزى ياردەم قىلالمىدى
ئەنەس ئالىم: بۇ چاغدا ئاللاھتىن باشقا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان ھېچقانداق گۇرۇھمۇ بولمىدى، ئۇ ئۆزىگە ئۆزىمۇ ياردەم قىلالمىدى.
18 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُوحَىٰ إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ فَمَنْ كَانَ يَرْجُو لِقَاءَ رَبِّهِ فَلْيَعْمَلْ عَمَلًا صَالِحًا وَلَا يُشْرِكْ بِعِبَادَةِ رَبِّهِ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن. ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. كىمكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن»[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، كىمكى، رەببىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئىش قىلسۇن. رەببىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانمەن. ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنىدۇ. كىم رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە رەببىگە قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن».
مەريەم سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ لِلَّهِ أَنْ يَتَّخِذَ مِنْ وَلَدٍ ۖ سُبْحَانَهُ ۚ إِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: «ئاللاھنىڭ شەنىگە بالىسى بولۇش لايىق ئەمەس، ئاللاھ (بالىدىن، شېرىكتىن) پاكتۇر، ئاللاھ بىرەر ئىش قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ۋۇجۇتقا كەل دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئاللاھنىڭ شەنىگە بالىسى بولۇش لايىق ئەمەس، ئاللاھ بالىدىن، شېرىكتىن پاكتۇر، ئاللاھ بىرەر ئىش قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ۋۇجۇتقا كەل دەيدۇ ـ دە ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بالىسى بولۇش ئاللاھنىڭ شەنىگە لايىق بولمايدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر. ئاللاھ بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلسا ئۇنىڭغا پەقەتلا: «بول» دەيدۇ. ئۇ بولىدۇ.
19 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ اللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»
ئەنەس ئالىم: «ئاللاھ مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. ئۇنداقتا ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر».
19 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ يَا أَبَتِ لِمَ تَعْبُدُ مَا لَا يَسْمَعُ وَلَا يُبْصِرُ وَلَا يُغْنِي عَنْكَ شَيْئًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «جېنىم ئاتا! سەن نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ھېچبىر ئىشىڭغا ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن؟
19 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَنْبَغِي لِلرَّحْمَٰنِ أَنْ يَتَّخِذَ وَلَدًا
مۇھەممەد سالىھ: بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، بالىسى بولۇش رەھماننىڭ شەنىگە لايىق بولمايدۇ.
تاھا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر، چىرايلىق ئىسىملارنىڭ ئىگىسىدۇر.
20 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّنِي أَنَا اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدْنِي وَأَقِمِ الصَّلَاةَ لِذِكْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن ئاللاھدۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھيوق، شۇنىڭ ئۈچۈن يالغۇز ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنداقتا سەن ماڭا ئىبادەت قىلغىن ۋە مېنىڭ زىكرىم ئۈچۈن نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن!
20 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا إِلَٰهُكُمُ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ وَسِعَ كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەر نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئاللاھدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ھەر نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان».
ئەنبىيا سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
أَمِ اتَّخَذُوا آلِهَةً مِنَ الْأَرْضِ هُمْ يُنْشِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئىلاھ قىلىۋالدى، ئۇلار (يەنى بۇ نەرسىلەر) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەمدۇ؟[21]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار زېمىندىن ئىلاھلارنى قىلىۋالدىمۇ؟ ئۆلۈكلەرنى ئۇلار تىرىلدۈرەمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلار زېمىندىن بولغان بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئىلاھلار قىلىۋالدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇ ئىلاھلىرى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەمدۇ؟
21 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ كَانَ فِيهِمَا آلِهَةٌ إِلَّا اللَّهُ لَفَسَدَتَا ۚ فَسُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَرْشِ عَمَّا يَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاسمان ـ زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاسمان ـ زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، ئىككىسىنىڭ تەرتىپى ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشنىڭ رەببى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاسمان - زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، ھەر ئىككىلىسى بۇزۇلاتتى. ئەرشنىڭ رەببى ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر.
21 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
أَمِ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ آلِهَةً ۖ قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ ۖ هَٰذَا ذِكْرُ مَنْ مَعِيَ وَذِكْرُ مَنْ قَبْلِي ۗ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ الْحَقَّ ۖ فَهُمْ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «(بۇنىڭغا) دەلىلىڭلارنى كۆرسىتىڭلار، مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ كىتابى (يەنى قۇرئان) دۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ (تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق) كىتابىدۇر، ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى ئۇقمايدۇ، ئۇلار (تەۋھىد) تىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھ نى قويۇپ، باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «دەلىلىڭلارنى كۆرسىتىڭلار، مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ كىتابى -يەنى قۇرئان- دۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابىدۇر، ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى ئۇقمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر»
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھلار قىلىۋالدىمۇ؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار! مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ زىكرىدۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ زىكرىدۇر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.
21 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا نُوحِي إِلَيْهِ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدُونِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر ئەلچىگە: «مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، شۇڭلاشقا ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
21 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ لَهُمْ آلِهَةٌ تَمْنَعُهُمْ مِنْ دُونِنَا ۚ لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَ أَنْفُسِهِمْ وَلَا هُمْ مِنَّا يُصْحَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ بىزدىن باشقا ئۆزلىرىنى (قوغدايدىغان) مەبۇدلىرى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ (چوقۇنۇۋاتقان) مەبۇدلىرى ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ، بىزنىڭ ياردىمىمىزگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلارنىڭ بىزدىن باشقا ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان مەبۇدلىرى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ، بىزنىڭ ياردىمىمىزگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلارنىڭ بىزگە قارشى ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان ئىلاھلىرى بارمۇ؟ ئۇ باتىل ئىلاھلارنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشقىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ، ئۇلار بىزدىن يېقىنلىقمۇ كۆرمەيدۇ.
21 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ مَا هَٰذِهِ التَّمَاثِيلُ الَّتِي أَنْتُمْ لَهَا عَاكِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم (كۇففارلار چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنى مەنسىتمەي) ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: « سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟ (يەنى نېمە ئۈچۈن بۇ بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر؟)» دېدى[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «شۇ ھەيكەللەرگە نېمە ئۈچۈن چوقۇنىسىلەر؟» دېگەن ئىدى.
21 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَلْ رَبُّكُمْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ الَّذِي فَطَرَهُنَّ وَأَنَا عَلَىٰ ذَٰلِكُمْ مِنَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ (ئىبادەت قىلىشىڭلارغا لايىق) پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇلارنى ئۇ ياراتقان، مەنمۇ ئۇنىڭغا (قەتئىي دەلىللەر بىلەن) گۇۋاھلىق قىلغۇچىلاردىنمەن[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى بولغان ۋە ئۇلارنى ئۇ ياراتقان زاتتۇر، مەنمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق قىلغۇچىلاردىنمەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەقنى ئېلىپ كەلدىم، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببىدۇر. ئۇلارنى ئۇ ياراتقان. مەن بولسام بۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن بىرىمەن».
21 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَفَتَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنْفَعُكُمْ شَيْئًا وَلَا يَضُرُّكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟»[66]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «ئۇنداقتا سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، سىلەرگە ھېچ پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟
21 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰذِهِ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَأَنَا رَبُّكُمْ فَاعْبُدُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى ئىنسانلار!- سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇرمەن، شۇڭا ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! ئەنە شۇلارنىڭ دىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردۇر. ھەممىڭلارنىڭ دىنى بىردۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇرمەن. ئۇ ھالدا ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار.
21 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا يُوحَىٰ إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ فَهَلْ أَنْتُمْ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) «ماڭا ۋەھىي قىلىندىكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، سىلەر بويسۇنامسىلەر؟» دېگىن[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- :«ماڭا ۋەھيى قىلىندىكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، سىلەر بويسۇنامسىلەر؟» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ماڭا ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىندى. تەسلىم بولامسىلەر؟».
ھەج سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَاهِيمَ مَكَانَ الْبَيْتِ أَنْ لَا تُشْرِكْ بِي شَيْئًا وَطَهِّرْ بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْقَائِمِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمغا بەيتۇللاھنىڭ ئورنىنى تەيىنلەپ بەردۇق، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگىن، تاۋاپ قىلغۇچىلارغا، قىيامدا تۇرغۇچىلارغا، رۇكۇ قىلغۇچىلارغا، سەجدە قىلغۇچىلارغا مېنىڭ ئۆيۈمنى پاك قىلغىن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمغا بەيتۇللاھنىڭ ئورنىنى تەيىنلەپ بەردۇق، -ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى-: «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگىن، تاۋاپ قىلغۇچىلارغا، قىيام قىلغۇچىلارغا، رۇكۇ قىلغۇچىلارغا، سەجدە قىلغۇچىلارغا مېنىڭ ئۆيۈمنى پاك قىلغىن
ئەنەس ئالىم: بىز ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغىن، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ - سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇتقىن.
22 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ وَمَنْ يُعَظِّمْ حُرُمَاتِ اللَّهِ فَهُوَ خَيْرٌ لَهُ عِنْدَ رَبِّهِ ۗ وَأُحِلَّتْ لَكُمُ الْأَنْعَامُ إِلَّا مَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ ۖ فَاجْتَنِبُوا الرِّجْسَ مِنَ الْأَوْثَانِ وَاجْتَنِبُوا قَوْلَ الزُّورِ
مۇھەممەد سالىھ: (ھەج ئىبادىتى) ئەنە شۇدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا (يەنى ھەج جەريانىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلەنسە)، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى) ئۈچۈن ياخشىدۇر، سىلەرگە چاھارپايلاردىن قۇرئاندا (ھاراملىقى) بايان قىلىنغانلىرىدىن باشقىلىرى ھالال قىلىندى. سىلەر بۇتلاردىن ئىبارەت نىجىستىن ساقلىنىڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ساقلىنىڭلار[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ھەج ئىبادىتى- ئەنە شۇدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا[1]، بۇ، رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر، سىلەرگە چاھارپايلاردىن قۇرئاندا - ھاراملىقى- بايان قىلىنغانلىرىدىن باشقىلىرى ھالال قىلىندى. سىلەر بۇتلاردىن ئىبارەت نىجىستىن ساقلىنىڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ساقلىنىڭلار
ئەنەس ئالىم: ھەج ئەنە شۇدۇر. كىم ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان نەرسىلەرگە ھۆرمەت قىلسا، رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە ھالال قىلىندى، لېكىن بۇلاردىن قۇرئاندا ھاراملىقى بايان قىلىنغانلىرى مۇستەسنا4. ئۇنداقتا بۇتلاردىن ئىبارەت بولغان نىجاسەتتىن ساقلىنىڭلار، يالغاننى سۆزلەشتىن ساقلىنىڭلار.
22 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
حُنَفَاءَ لِلَّهِ غَيْرَ مُشْرِكِينَ بِهِ ۚ وَمَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَكَأَنَّمَا خَرَّ مِنَ السَّمَاءِ فَتَخْطَفُهُ الطَّيْرُ أَوْ تَهْوِي بِهِ الرِّيحُ فِي مَكَانٍ سَحِيقٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يۆنەلگۈچى بولۇڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى بولماڭلار. كىم ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، بىلسۇنكى، ئۇ ئاسماندىن چۈشۈپ كېتىپ قۇشلارغا يەم بولغاندەك ياكى بوران ئېلىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ.
22 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنْسَكًا لِيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُمْ مِنْ بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ ۗ فَإِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ فَلَهُ أَسْلِمُوا ۗ وَبَشِّرِ الْمُخْبِتِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلغانلىرىدا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، ئىتائەتمەنلەرگە خۇشخەۋەر بەرگىن[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى - قۇربانلىق قىلغانلىرىدا- ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، ئىتائەتمەنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: بىز ھەر ئۇممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى5 بەلگىلىدۇق. بىز بۇنى ئۇلارنىڭ ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلارنى بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق. سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. ئۇنداقتا پەقەت ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار. ئاللاھقا چىن قەلبىدىن بويسۇنغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
22 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ هُوَ الْبَاطِلُ وَأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْعَلِيُّ الْكَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ قۇدرەت) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) باتىلدۇر، ئاللاھ (ھەممە نەرسىدىن) ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، ئاللاھ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرى باتىلدۇر، ئاللاھ ئەڭ ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ مۇشۇنداقتۇر. چۈنكى ئاللاھ ھەقتۇر، مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلىرى باتىلدۇر. ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ أَفَلَا تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! (يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟»[23]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھيوق، ئاللاھ -نىڭ ئازابى-دىن قورقمامسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر، ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا تەقۋادار بولمامسىلەر؟».
23 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرْسَلْنَا فِيهِمْ رَسُولًا مِنْهُمْ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ أَفَلَا تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى (يەنى ھۇدنى) ئەۋەتتۇق. (ئۇ ئېيتتى): «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ (ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟»[32]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق. -ئۇ ئېيتتى:- «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قورقمامسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر، ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا تەقۋادار بولمامسىلەر؟».
23 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ هَٰذِهِ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَأَنَا رَبُّكُمْ فَاتَّقُونِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى پەيغەمبەرلەر جامائەسى!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، (مېنىڭ ئازابىمدىن) قورقۇڭلار[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە شۈبھىسزكى، بۇلار بىر ئۇممەت بولغان ھالدا سىلەرنىڭ ئۈممىتىڭلاردۇر ۋە مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇرمەن، شۇڭا مەندىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! ئەنە شۇلارنىڭ دىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردۇر. ھەممىڭلارنىڭ دىنى بىردۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇرمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.
23 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ هُمْ بِرَبِّهِمْ لَا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان كىشىلەر[59]،
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىغا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان كىشىلەر
ئەنەس ئالىم: رەببىگە شېرىك كەلتۈرمىگەنلەر
23 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. (بۇنىڭدىن) پەند ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟[85]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «پەند ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئويلاپ باقمايسىلەر؟».
23 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
مَا اتَّخَذَ اللَّهُ مِنْ وَلَدٍ وَمَا كَانَ مَعَهُ مِنْ إِلَٰهٍ ۚ إِذًا لَذَهَبَ كُلُّ إِلَٰهٍ بِمَا خَلَقَ وَلَعَلَا بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭغا باراۋەر باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ھەرگىزمۇ بالىسى يوق. ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. بولغان بولسا ھەر ئىلاھ ئۆزىنىڭ ياراتقىنىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنى خالىغان تەرەپكە ئېلىپ باراتتى ۋە بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلىشكە تىرىشاتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر.
23 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَعَالَى اللَّهُ الْمَلِكُ الْحَقُّ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْكَرِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ھەق پادىشاھ _ ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەق ـ پادىشاھ ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئېگىسىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلۇغدۇر. ئۇ مۇتلەق پادىشاھتۇر، شەكسىز باردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببىدۇر.
نۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِي الْأَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ الَّذِي ارْتَضَىٰ لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُمْ مِنْ بَعْدِ خَوْفِهِمْ أَمْنًا ۚ يَعْبُدُونَنِي لَا يُشْرِكُونَ بِي شَيْئًا ۚ وَمَنْ كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مۇنداق ۋەدە بەردى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى ھۆكۈمران قىلغىنىدەك، ئۇلارنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىنى ئۇلارغا مۇستەھكەم قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ، ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن رازى بولغان دىندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كافىر بولغانلار ھەقىقەتەن فاسىقلاردۇر.
فۇرقان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَمْ يَتَّخِذْ وَلَدًا وَلَمْ يَكُنْ لَهُ شَرِيكٌ فِي الْمُلْكِ وَخَلَقَ كُلَّ شَيْءٍ فَقَدَّرَهُ تَقْدِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ بالىسى يوقتۇر، پادىشاھلىقتا شېرىكىمۇ يوقتۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئۆزىگە خاس بولغان، ئاتا بولمىغان، پادىشاھلىقتا شېرىكى بولمىغان ۋە ھەر نەرسىنى يارىتىپ ئۇنىڭغا ئۆلچەم بەلگىلىگەن زاتتۇر.
25 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ لَا يَدْعُونَ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ وَلَا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ وَلَا يَزْنُونَ ۚ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ يَلْقَ أَثَامًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار) نى قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر مەبۇدغا يالۋۇرمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇلارنى قىلىدىكەن ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھ بىلەن بىرگە باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. كىم بۇلارنى قىلسا جازاغا ئۇچرايدۇ،
شۇئەرا سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ إِنْ كُنْتُمْ مُوقِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر جەزمەن ئىشىنىدىغان بولساڭلار» دېدى.
26 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا آمَنَّا بِرَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ ئىمان ئېيتتۇق» دېدى[47ـ48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇنداق دېيىشتى: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق،
26 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ ئىمان ئېيتتۇق» دېدى[47ـ48].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە
ئەنەس ئالىم: مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە!».
26 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنَّهُمْ عَدُوٌّ لِي إِلَّا رَبَّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى بۇتلار) مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر، پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر)[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلىڭلاركى، ئۇلار مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر، پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببى -مېنىڭ دوستۇمدۇر
ئەنەس ئالىم: بىلىڭلاركى، سىلەر چوقۇنغان نەرسىلەر مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر. ئالەملەرنىڭ رەببى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
26 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي خَلَقَنِي فَهُوَ يَهْدِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مېنى ياراتقان، ئۇ مېنى ھىدايەت قىلىدۇ[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مېنى ياراتقان بولۇپ، ماڭا يول كۆرسىتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ مېنى ياراتقان زاتتۇر. ئۇ مېنى توغرا يولغا باشلايدۇ.
26 : 213 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا تَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَتَكُونَ مِنَ الْمُعَذَّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھقا ئىبادەت قىلمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ، ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن[213].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھقا ئىبادەت قىلمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ، ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇنداقتا ئاللاھقا قوشۇپ باشقا ئىلاھقا دۇئا قىلمىغىن! بولمىسا ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولىسەن.
نەمىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يَا مُوسَىٰ إِنَّهُ أَنَا اللَّهُ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھتۇرمەن[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھدۇرمەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇسا! مەن ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھتۇرمەن.
27 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يەككە - يېگانە ئىلاھتۇر، بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر».
قەسەس سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ لَهُ الْحَمْدُ فِي الْأُولَىٰ وَالْآخِرَةِ ۖ وَلَهُ الْحُكْمُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاللاھدۇر، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جىمى ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھقىلا ھەمد ئېيتىلىدۇ. ھۆكۈمنى پەقەتلا ئاللاھ چىقىرىدۇ. سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
28 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ ۘ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ كُلُّ شَيْءٍ هَالِكٌ إِلَّا وَجْهَهُ ۚ لَهُ الْحُكْمُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلما، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا بارلىق نەرسە يوقىلىدۇ، (مەخلۇقاتتا ئىجرا بولىدىغان) ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر ئىلاھقا يالۋۇرمىغىن، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا بارلىق نەرسە يوقىلىدۇ، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا دۇئا قىلمىغىن. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا ھەممە نەرسە يوق بولىدۇ. ھۆكۈمنى پەقەتلا ئاللاھ چىقىرىدۇ. سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا رَكِبُوا فِي الْفُلْكِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ إِذَا هُمْ يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بەرگەن نېمىتىمىز (يەنى دېڭىزدىن ئۇلار كېمىگە چىقىپ (غەرق بولۇشتىن قورققان) چاغلىرىدا، ئاللاھقا كامالى ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئامان ـ ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا (بالا ـ قازادىن قۇتۇلدۇرغان ئاللاھنى ئۇنتۇپ)، توساتتىن (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرىدۇ[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كېمىگە چىقىپ غەرق بولۇشتىن قورققان چاغلىرىدا، ئاللاھقا كامالى ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئامان ـ ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كېمىگە چىققان چاغلىرىدا، ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ، قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا دەرھال شېرىك كەلتۈرىدۇ.
رۇم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا ۚ فِطْرَتَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا ۚ لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ (فىترەت) بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەگەشكىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنداقتا سەن يۈزۈڭنى ھەقكە يۆنەلگەن ھالدا بۇ دىنغا توغرىلىغىن، ئاللاھ ياراتقان فىترەتكە بويسۇنغىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇنىڭ بىلەن ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ2.
30 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ الْقَيِّمِ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ يَوْمٌ لَا مَرَدَّ لَهُ مِنَ اللَّهِ ۖ يَوْمَئِذٍ يَصَّدَّعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت) كېلىشتىن ئىلگىرى توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، بۇ كۈندە ئۇلار (نىڭ بىر پىرقىسى جەننەتكە، بىر پىرقىسى جەھەننەمگە) ئايرىلىدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈن -قىيامەت- كېلىشتىن ئىلگىرى توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، بۇ كۈندە ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى جەننەتكە، بىر پىرقىسى جەھەننەمگە ئايرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ تەرىپىدىن، قايتۇرۇۋەتكىلى بولمايدىغان كۈن كېلىشتىن بۇرۇن يۈزۈڭنى بۇ توغرا دىنغا توغرىلىغىن. ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئايرىلىدۇ.
لوقمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ لُقْمَانُ لِابْنِهِ وَهُوَ يَعِظُهُ يَا بُنَيَّ لَا تُشْرِكْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا لوقمان (ھەكىم) ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى ئوغۇلچىقىم، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر» دېدى[13]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا لوقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى ئوغۇلچىقىم، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر».
فاتىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّاسُ اذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ ۚ هَلْ مِنْ خَالِقٍ غَيْرُ اللَّهِ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، (ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا لِيَ لَا أَعْبُدُ الَّذِي فَطَرَنِي وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان ۋە سىلەر (ئۆلگەندىن كېيىن) دەرگاھىغا قايتىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلماي؟[22]
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان ۋە سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلماي؟
ئەنەس ئالىم: مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان زاتقا ئىبادەت قىلمايمەن! سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
ساففات سۈرىسى
13 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ إِلَٰهَكُمْ لَوَاحِدٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز بىر ئىلاھتۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ئەلۋەتتە بىردۇر،
37 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمْ كَانُوا إِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ يَسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە، (كەلىمە تەۋھىدتىن) تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېيىلسە، ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئۇلارغا: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېيىلسە، تەكەببۇرلۇق قىلاتتى
37 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ مَاذَا تَعْبُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسى (ئازەر) گە ۋە قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەپ) ئېيتتى: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟[85]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسى -ئازەر- گە ۋە قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟
37 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا ظَنُّكُمْ بِرَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان (ئاللاھقا) نېمىشقا گۇمان قىلىسىلەر؟»[87]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ھەققىدە نېمە چاغلايسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئالەملەرنىڭ رەببى توغرىسىدىكى گۇمانىڭلار نېمە؟».
37 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَتَعْبُدُونَ مَا تَنْحِتُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئېيتتى: «(ئۆزۈڭلار) ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئېيتتى: «ئۆزۈڭلار ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر ئۆزۈڭلار ئويۇپ ياسىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟
37 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ أَلَا تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟[124]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «ئاللاھتىن قورقمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟
37 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
أَتَدْعُونَ بَعْلًا وَتَذَرُونَ أَحْسَنَ الْخَالِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى (ئاللاھنى) تەرك ئېتىپ، بەئلى (ناملىق بۇت) قا چوقۇنامسىلەر؟[125]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىنى تەرك ئېتىپ، بەئلى-ناملىق بۇت- قا چوقۇنامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى قويۇپ، بەئلگە5 دۇئا قىلامسىلەر؟
37 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهَ رَبَّكُمْ وَرَبَّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ رەببىدۇر»
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ رەببىڭلار ۋە بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنى تەرك ئېتەمسىلەر؟
37 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَفْتِهِمْ أَلِرَبِّكَ الْبَنَاتُ وَلَهُمُ الْبَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە) دىن سوراپ باققىنكى، قىزلار پەرۋەردىگارىڭغا، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟[149]
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، قىزلار رەببىڭگە، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن سوراپ باققىن: قىزلار رەببىڭنىڭ، ئوغۇللار ئۆزلىرىنىڭمۇ؟
37 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَدَ اللَّهُ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر[151- 152].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار». ئۇلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: «ئاللاھ ئاتا بولدى». شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
37 : 153 - ئايەت
كۆرۈش
أَصْطَفَى الْبَنَاتِ عَلَى الْبَنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟[153]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئوغۇللارنى قويۇپ قىزلارنى تاللىدىمۇ؟
37 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر.
37 : 180 - ئايەت
كۆرۈش
سُبْحَانَ رَبِّكَ رَبِّ الْعِزَّةِ عَمَّا يَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر[180].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇدرەت ئىگىسى بولغان رەببىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: سېنىڭ ئىززەتنىڭ ئىگىسى بولغان رەببىڭ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر7.
ساد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
أَجَعَلَ الْآلِهَةَ إِلَٰهًا وَاحِدًا ۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيْءٌ عُجَابٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش»[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئىلاھلارنى يالغۇز بىر ئىلاھ قىلدىمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بۇ ناھايىتى ئەجەبلىنەرلىك ئىشتۇر».
38 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا أَنَا مُنْذِرٌ ۖ وَمَا مِنْ إِلَٰهٍ إِلَّا اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مەككە كاپىرلىرىغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، غالىب بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «مەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، غالىب بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مەن پەقەتلا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ بىردۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر،
زۇمەر سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ ۚ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَىٰ إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىلىڭلاركى، (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ دىن ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ مەبۇدلىرىنى ھىمايىچى قىلىۋالغانلار: «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر» (دەيدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن يالغانچىنى، (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
39 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ أَرَادَ اللَّهُ أَنْ يَتَّخِذَ وَلَدًا لَاصْطَفَىٰ مِمَّا يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ سُبْحَانَهُ ۖ هُوَ اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ بالا تۇتۇشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، مەخلۇقات ئىچىدىن خالىغاننى ئىختىيار قىلاتتى، ئاللاھ (بالا تۇتۇشتىن) پاكتۇر، ئۇ غالىب بىر ئاللاھتۇر.(ئىزاھات:يەنى تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىدىن ئەركەك ـ چىشى بولۇپ جەمئى سەككىز.)[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىسا ئىدى، مەخلۇقاتىنىڭ ئىچىدىن خالىغىنىنى تاللايتتى. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر. ئۇ ئاللاھتۇر، بىردۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر.
39 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ ثُمَّ جَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَأَنْزَلَ لَكُمْ مِنَ الْأَنْعَامِ ثَمَانِيَةَ أَزْوَاجٍ ۚ يَخْلُقُكُمْ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ خَلْقًا مِنْ بَعْدِ خَلْقٍ فِي ظُلُمَاتٍ ثَلَاثٍ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُصْرَفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى بىر ئادەمدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن سەككىزنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ (يەنى ئابىمەنىي، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن پارچە گۆش باسقۇچلىرىغا بۆلۈپ)، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى بالاھەمراھىنىڭ پەردىسى، بەچچىدان ۋە ئانىنىڭ قورسىقى) ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئۇ سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئۇ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر ئەركەك، بىر چىشى بولۇپ، جەمئىي سەككىز تۇياق ھايۋان چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدا ئۈچ قات قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ يارىتىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. سىلەر قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟
39 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ اجْتَنَبُوا الطَّاغُوتَ أَنْ يَعْبُدُوهَا وَأَنَابُوا إِلَى اللَّهِ لَهُمُ الْبُشْرَىٰ ۚ فَبَشِّرْ عِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: تاغۇتقا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھقا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇشخەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر[17 ـ 18].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەيتانغا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا ۋە ئاللاھقا قايتقانلارغا -جەننەت بىلەن- خۇش خەۋەر باردۇر، خۇش مېنىڭ شۇ بەندىلىرىمگە خەۋەر بەرگىنكى،
ئەنەس ئالىم: تاغۇتقا3 ئىبادەت قىلىشتىن يىراق بولۇپ، ئاللاھقا يۆنەلگەنلەرگە خۇش خەۋەر بار. ئۇ ھالدا بەندىلىرىمگە خۇش خەۋەر بەرگىن.
39 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا رَجُلًا فِيهِ شُرَكَاءُ مُتَشَاكِسُونَ وَرَجُلًا سَلَمًا لِرَجُلٍ هَلْ يَسْتَوِيَانِ مَثَلًا ۚ الْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (سىلەرگە مۇنداق) بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر قۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا (ئىشقا سېلىشنى) تالىشىدىغان نۇرغۇن خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ (بىرسى بۇ ئىشقا، بىرسى ئۇ ئىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ كىمنى رازى قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ)، يەنە بىر قۇل بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمگىلا خاستۇر، بۇ ئىككى قۇل (يەنى ئۇنىڭ ئەھۋالى) باراۋەرمۇ؟ جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر قۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر-بىرى بىلەن تالىشىدىغان نۇرغۇن خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، يەنە بىر قۇل بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمگىلا خاستۇر، بۇ ئىككى قۇلنىڭ ئەھۋالى باراۋەرمۇ؟ جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق بىر مىسال بايان قىلدى: بىر ئادەم باركى، ئۇنىڭ بىر -بىرى بىلەن زىت بىرقانچە خوجايىنى بار، يەنە بىر ئادەم باركى، ئۇنىڭ بىرلا خوجايىنى بار. بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولامدۇ؟ ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
39 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۚ قُلْ أَفَرَأَيْتُمْ مَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ أَرَادَنِيَ اللَّهُ بِضُرٍّ هَلْ هُنَّ كَاشِفَاتُ ضُرِّهِ أَوْ أَرَادَنِي بِرَحْمَةٍ هَلْ هُنَّ مُمْسِكَاتُ رَحْمَتِهِ ۚ قُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ ۖ عَلَيْهِ يَتَوَكَّلُ الْمُتَوَكِّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان» دەپ سورىساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «ئاللاھ ياراتقان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دەپئى قىلىشقا، يا ئاللاھ ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى توسۇۋېلىشقا ئاللاھتىن باشقا سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار قادىر بولالامدۇ؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ؟» ئېيتقىنكى، «ماڭا ئاللاھ كۇپايىدۇر، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)»[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان» دەپ سورىساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «ئاللاھ ياراتقان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دەپئى قىلىشقا، يا ئاللاھ ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى توسۇۋېلىشقا، سىلەر ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن يالۋۇرىۋاتقان نەرسىلەر قادىر بولالامدۇ؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ؟» ئېيتقىنكى: «ماڭا ئاللاھ كۇپايىدۇر، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلسۇن - ھەممە ئىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلاردىن «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى! ئەگەر ئاللاھ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ زىيىنىنى دەپئى قىلالامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ماڭا رەھمەت ئاتا قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى توسۇۋالالامدۇ؟». ئېيتقىنكى: «ماڭا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن».
39 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لِلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا ۖ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر (ھېچ ئادەم ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز شاپائەت قىلالمايدۇ)، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاندىن سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر»[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاندىن سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاخىرى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر».
39 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَحْدَهُ اشْمَأَزَّتْ قُلُوبُ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ ۖ وَإِذَا ذُكِرَ الَّذِينَ مِنْ دُونِهِ إِذَا هُمْ يَسْتَبْشِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يالغۇز ئاللاھ تىلغا ئېلىنسا، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى سىقىلىپ كېتىدۇ. ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلار تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار خۇش بولۇپ كېتىدۇ[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: يالغۇز ئاللاھلا تىلغا ئېلىنسا، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى سىقىلىپ كېتىدۇ. ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلار تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار خۇش بولۇپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق قاچانىكى يالغۇز ئاللاھلا زىكىر قىلىنسا ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قەلبلىرى سىقىلىپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇلار ئاللاھتىن باشقا زاتلىرىمۇ زىكىر قىلىنسا بىردىنلا سۆيۈنۈپ كېتىدۇ.
39 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (ئۇلارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ)[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە ۋەكىلدۇر،
غافىر سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
غَافِرِ الذَّنْبِ وَقَابِلِ التَّوْبِ شَدِيدِ الْعِقَابِ ذِي الطَّوْلِ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ إِلَيْهِ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ) گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر، (ئاللاھ) ئىنئام ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاقىۋەت قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
40 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكُمْ بِأَنَّهُ إِذَا دُعِيَ اللَّهُ وَحْدَهُ كَفَرْتُمْ ۖ وَإِنْ يُشْرَكْ بِهِ تُؤْمِنُوا ۚ فَالْحُكْمُ لِلَّهِ الْعَلِيِّ الْكَبِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، سىلەر ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە چاقىرىلغاندا (بۇنى) ئىنكار قىلدىڭلار، ئەگەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلسە (يەنى لات، ئۇززا قاتارلىق بۇتلارغا چوقۇنۇشقا چاقىرىلساڭلار) ئۇنى تەستىق قىلىسىلەر (يەنى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلىسىلەر)، ھۆكۈم يۈكسەك، بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، سىلەر ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە چاقىرىلغاندا بۇنى ئىنكار قىلدىڭلار، ئەگەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلسە ئۇنى تەستىق قىلىسىلەر، ھۆكۈم يۈكسەك، بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى شۇكى: يالغۇز ئاللاھقىلا دۇئا قىلىنسا ئىنكار قىلدىڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلسە ئىشىنەتتىڭلار. ھۆكۈم ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك ئاللاھنىڭدۇر».
40 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ هُمْ بَارِزُونَ ۖ لَا يَخْفَىٰ عَلَى اللَّهِ مِنْهُمْ شَيْءٌ ۚ لِمَنِ الْمُلْكُ الْيَوْمَ ۖ لِلَّهِ الْوَاحِدِ الْقَهَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قەبرىلەردىن چىققان كۈندە ئاللاھقا ئۇلاردىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن، ئەمەللىرىدىن، سىرلىرىدىن) ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ غالىب بىر ئاللاھقا خاستۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قەبرىلەردىن چىققان كۈندە ئاللاھقا ئۇلار ھەققىدە ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ غالىب بىر ئاللاھقا خاستۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق كۈنكى، پۈتۈن ئىنسانلار مەيدانغا چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچبىر نەرسىسى ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، «بۈگۈن پادىشاھلىق كىمنىڭدۇر؟» دەپ سورىلىدۇ، «يالغۇز ۋە چەكسىز قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭدۇر» دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ.
40 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
تَدْعُونَنِي لِأَكْفُرَ بِاللَّهِ وَأُشْرِكَ بِهِ مَا لَيْسَ لِي بِهِ عِلْمٌ وَأَنَا أَدْعُوكُمْ إِلَى الْعَزِيزِ الْغَفَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، (بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى (ئاللاھ) قا دەۋەت قىلىمەن[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىۋاتىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھغا دەۋەت قىلىۋاتىمەن
ئەنەس ئالىم: سىلەر مېنى ئاللاھقا كافىر بولۇشقا ۋە مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشقا چاقىرىۋاتىسىلەر. مەن سىلەرنى ئەزىز ۋە كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھنىڭ يولىغا چاقىرىۋاتىمەن.
40 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟[62]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟
40 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ قَرَارًا وَالسَّمَاءَ بِنَاءً وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ وَرَزَقَكُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ فَتَبَارَكَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە (تۈرلۈك) پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە تۈرلۈك پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ، ئاسماننى بىنا قىلىپ بەرگەن، سىلەرنى ئەڭ گۈزەل شەكىللەردە شەكىللەندۈرگەن، سىلەرگە پاك نەرسىلەردىن رىزىق بەرگەن زاتتۇر. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ!
40 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الْحَيُّ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ ۗ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر![65]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىڭلارنى -شېرىكتىن ۋە رىيادىن- ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ دائىم تىرىكتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. شۇڭا ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.
فۇسسىلەت سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُوحَىٰ إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ فَاسْتَقِيمُوا إِلَيْهِ وَاسْتَغْفِرُوهُ ۗ وَوَيْلٌ لِلْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن (ئۇ مۇشرىكلارغا): «مەن سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمەن، ماڭا، ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، دەپ ۋەھىي قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا (ئىمان ۋە تائەت ـ ئىبادەت بىلەن) يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!» دېگىن، مۇشرىكلارغا ۋاي![6]
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانمەن. لېكىن ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھقا يۆنىلىڭلار ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار». مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
41 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ جَاءَتْهُمُ الرُّسُلُ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ ۖ قَالُوا لَوْ شَاءَ رَبُّنَا لَأَنْزَلَ مَلَائِكَةً فَإِنَّا بِمَا أُرْسِلْتُمْ بِهِ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىن (يەنى ھەممە تەرەپتىن) پەيغەمبەرلەر كېلىپ: «بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار!» دېسە، ئۇلار: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز خالىسا، چوقۇم پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولاتتى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز» دېدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىن پەيغەمبەرلەر كېلىپ: «بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار!» دېسە، ئۇلار: «ئەگەر رەببىمىز خالىسا، چوقۇم پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولاتتى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئالدىلىرىدىن ۋە ئارقىلىرىدىن كېلىپ3: «ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار» دېگەندە، ئۇلار: «ئەگەر رەببىمىز خالىسا ئىدى، پەرىشتىلەر چۈشۈرەتتى. بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېيىشكەن ئىدى.
41 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ اللَّيْلُ وَالنَّهَارُ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ ۚ لَا تَسْجُدُوا لِلشَّمْسِ وَلَا لِلْقَمَرِ وَاسْجُدُوا لِلَّهِ الَّذِي خَلَقَهُنَّ إِنْ كُنْتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار، ئەگەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار، ئەگەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار
ئەنەس ئالىم: كېچە، كۈندۈز، قۇياش ۋە ئاي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۇڭا قۇياشقىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار. ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار. ئەگەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار.
شۇرا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا اخْتَلَفْتُمْ فِيهِ مِنْ شَيْءٍ فَحُكْمُهُ إِلَى اللَّهِ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبِّي عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ أُنِيبُ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر (دىن ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا) ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) ئەنە شۇ ئاللاھ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىمەن[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ھەققىدىكى ھۆكۈم ئاللاھقا ئائىتتۇر. ئەنە شۇ ئاللاھ مېنىڭ رەببىمدۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، ھەممە ئىشتا ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىمەن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «سىلەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشساڭلار، ئۇنىڭ ھۆكمى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ1. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، مېنىڭ رەببىمدۇر. مەن ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلدىم ۋە ئۇنىڭغىلا يۆنىلىمەن» دېگىن.
42 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
شَرَعَ لَكُمْ مِنَ الدِّينِ مَا وَصَّىٰ بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَىٰ وَعِيسَىٰ ۖ أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ ۚ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ ۚ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ يُنِيبُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى، ئاللاھ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ئۆزى تەرەپكە تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ تائىتىگە قايتىدىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: «دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا بۆلۈنمەڭلار». ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا تاللايدۇ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنى ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ.
42 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَلِذَٰلِكَ فَادْعُ ۖ وَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ ۖ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ ۖ وَقُلْ آمَنْتُ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنْ كِتَابٍ ۖ وَأُمِرْتُ لِأَعْدِلَ بَيْنَكُمُ ۖ اللَّهُ رَبُّنَا وَرَبُّكُمْ ۖ لَنَا أَعْمَالُنَا وَلَكُمْ أَعْمَالُكُمْ ۖ لَا حُجَّةَ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ ۖ اللَّهُ يَجْمَعُ بَيْنَنَا ۖ وَإِلَيْهِ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭ ئۈچۈن (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد! بارلىق ئىنسانلارنى توغرا دىن ئاساسىدا ئىتتىپاق بولۇشقا) چاقىرغىن، بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە ئېيتقىن: «ئاللاھ نازىل قىلغان (بارلىق) كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم، ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، ئاللاھ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا جېدەللىشىشكە (ئورۇن) يوق (چۈنكى ھەقىقەت ئاشكارىدۇر)، ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) بىزنى (ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر»[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن سەن دەۋەت قىلغىن، بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە ئېيتقىنكى: «ئاللاھ نازىل قىلغان بارلىق كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم، ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، ئاللاھ بىزنىڭ رەببىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا جېدەللىشىشكە ئورۇن يوق، ئاللاھ قىيامەت كۈنى بىزنى يىغىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلغىن، ئەمر قىلىنغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە مۇنداق دېگىن: «مەن ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندىم، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. ئاللاھ بىزنىڭمۇ رەببىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز بىزگە، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار سىلەرگە. سىلەر بىلەن ئارىمىزدا مۇنازىرىلىشىشكە ئورۇن يوق. ئاللاھ بىزنى قىيامەت كۈنى بىر يەرگە يىغىدۇ. ئاخىرى ھەممىمىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىپ بارىمىز».
42 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
صِرَاطِ اللَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ أَلَا إِلَى اللَّهِ تَصِيرُ الْأُمُورُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس بولغان ئاللاھنىڭ يولىدۇر. بىلىڭلاركى، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتىدۇ[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ يول، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس بولغان ئاللاھنىڭ يولىدۇر. بىلىڭلاركى، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايسەن. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتىدۇ.
زۇخرۇف سۈرىسى
14 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ خَلَقَهُنَّ الْعَزِيزُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلار ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى (ئاللاھ) ياراتتى» دەيدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ ياراتتى» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئۇلارنى ئەزىز ۋە بىلگۈچى زات ياراتتى» دەيدۇ.
43 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
أَمِ اتَّخَذَ مِمَّا يَخْلُقُ بَنَاتٍ وَأَصْفَاكُمْ بِالْبَنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مەخلۇقاتتىن ئۆزى ئۈچۈن قىزلارنى (بالا) تۇتۇپ، سىلەرنى ئوغۇللارغا خاس قىلدىمۇ؟[16]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ مەخلۇقاتتىن ئۆزى ئۈچۈن قىزلارنى بالا تۇتۇپ، سىلەرگە ئوغۇللارنى خاس قىلدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى ئاللاھ مەخلۇقاتىنىڭ ئىچىدىن قىزلارنى ئۆزىگە ئېلىپ، ئوغۇللارنى سىلەرگە ئايرىدىمۇ؟
43 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ إِنَّنِي بَرَاءٌ مِمَّا تَعْبُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلاردىن مەن راستتىنلا ئادا ـ جۇدامەن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە ئېيتتى: «مەن سىلەرنىڭ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلاردىن راستتىنلا ئادا ـ جۇدامەن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا - جۇدامەن.
43 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِي فَطَرَنِي فَإِنَّهُ سَيَهْدِينِ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ مېنى (توغرا يولغا) باشلايدۇ»[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ مېنى توغرا يولغا باشلايدۇ»
ئەنەس ئالىم: مېنى ياراتقان زات مۇستەسنا. چۈنكى ئۇ مېنى چوقۇم توغرا يولغا باشلايدۇ».
43 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلَهَا كَلِمَةً بَاقِيَةً فِي عَقِبِهِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم كەلىمە تەۋھىدنى ئەۋلادىدىن (شېرىك كەلتۈرگەنلەر) ئىمانغا قايتسۇن دەپ ئەۋلادى ئىچىدە قالدۇرۇپ كەتتى[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم كەلىمە تەۋھىدنى ئىمانغا قايتىپ قېلىشلىرى ئۈمىدى بىلەن ئۆزىدىن كېيىن قالدۇرۇپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم بۇ سۆزىنى ئۆزىنىڭ نەسلى ئىچىدە داۋاملاشقۇچى سۆز سۈپىتىدە قالدۇردى. ئۇ كېيىنكىلەرنى توغرا يولغا قايتار دەپ شۇنداق قىلدى.
43 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْأَلْ مَنْ أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رُسُلِنَا أَجَعَلْنَا مِنْ دُونِ الرَّحْمَٰنِ آلِهَةً يُعْبَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن بۇرۇن بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزدىن سوراپ باققىنكى، مېھرىبان ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلارنى بەلگىلىدۇقمۇ؟ (پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغىنى بارمۇ؟)[45]
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن بۇرۇن بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزدىن سوراپ باققىنكى، مېھرىبان ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلارنى بەلگىلىدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ سەندىن بۇرۇن ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزدىن سوراپ باققىن2: بىز رەھماندىن غەيرىينى ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلار قىلىپتىمىزمۇ؟
43 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا أَآلِهَتُنَا خَيْرٌ أَمْ هُوَ ۚ مَا ضَرَبُوهُ لَكَ إِلَّا جَدَلًا ۚ بَلْ هُمْ قَوْمٌ خَصِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز ياخشىمۇ ياكى ئىيسامۇ؟» دېدى. ئۇلار بۇ مىسالنى پەقەت خۇسۇمەت قىلىش ئۈچۈنلا كەلتۈردى، بەلكى ئۇلار جېدەلخور قەۋمدۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز ياخشىمۇ ياكى ئىسامۇ؟» دېدى. ئۇلار بۇ مىسالنى پەقەت خۇسۇمەت قىلىش ئۈچۈنلا كەلتۈردى، بەلكى ئۇلار جېدەلخور قەۋمدۇر
ئەنەس ئالىم: ۋە مۇنداق دېيىشىدۇ: «بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز ياخشىمۇ؟ ياكى ئۇمۇ؟». ئۇلار جېدەل قىلىش ئۈچۈنلا مۇشۇنداق دەيدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن جېدەلخور قەۋمدۇر.
43 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَ عِيسَىٰ بِالْبَيِّنَاتِ قَالَ قَدْ جِئْتُكُمْ بِالْحِكْمَةِ وَلِأُبَيِّنَ لَكُمْ بَعْضَ الَّذِي تَخْتَلِفُونَ فِيهِ ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىيسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: «سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ (يەنى دىنىي ئىشلارنىڭ) بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىمەن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: «سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىمەن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئىيسا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە ھېكمەتنى ئېلىپ كەلدىم. سىلەر ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بەزىسىنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلدىم. ئۇ ھالدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
43 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ هُوَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر ۋە سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىمدۇر ۋە سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مېنىڭمۇ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. ئۇنداقتا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر».
43 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنْ كَانَ لِلرَّحْمَٰنِ وَلَدٌ فَأَنَا أَوَّلُ الْعَابِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: «ئەگەر مېھرىبان ئاللاھنىڭ بالىسى بولىدىغان بولسا، مەن (ئۇ بالىغا) ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولاتتىم» دېگىن[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئەگەر مېھرىبان ئاللاھنىڭ بالىسى بولغان بولسا، مەن ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولغان بولاتتىم»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر رەھماننىڭ بالىسى بولسا ئىدى، ئۇنىڭغا چوقۇنغۇچىلارنىڭ ئاۋۋىلى مەن بولاتتىم».
43 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
سُبْحَانَ رَبِّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ رَبِّ الْعَرْشِ عَمَّا يَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن پاكتۇر[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى، ئەرشنىڭ رەببى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى، ئەرشنىڭ رەببى ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر.
43 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي فِي السَّمَاءِ إِلَٰهٌ وَفِي الْأَرْضِ إِلَٰهٌ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھ، زېمىندىمۇ ئىلاھ بولغان زاتتۇر. ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
43 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَمْلِكُ الَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ الشَّفَاعَةَ إِلَّا مَنْ شَهِدَ بِالْحَقِّ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى شاپائەت قىلالمايدۇ. پەقەت ھەق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن (يەنى لائىلاھە ئىللەللاھ دېگەن، تىلى بىلەن ئېيتقاننى دىلى بىلەن) ھەقىقىي بىلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن چوقۇنغان نەرسىلىرى شاپائەت قىلالمايدۇ، لېكىن بىلگەن ھالدا ھەق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان ئىلاھلىرى شاپائەت قىلالمايدۇ. بىلگەن ھالدا ھەقكە گۇۋاھلىق بەرگەنلەر مۇستەسنا.
43 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَهُمْ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن ئۇلاردىن ئۇلارنى كىم خەلق ئەتكەنلىكلىرىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەيدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى كىمنىڭ ياراتقانلىقىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەيدۇ، شۇنداق تۇرۇغلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلاردىن «سىلەرنى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟
دۇخان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ إِنْ كُنْتُمْ مُوقِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشەنگۈچى بولساڭلار، (ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشەنگۈچى بولساڭلار، ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر، ئەگەر جەزمەن ئىشىنىدىغان بولساڭلار.
44 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۖ رَبُّكُمْ وَرَبُّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنىڭ) جېنىنى ئالالايدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئىلگىرىكى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ تىرىلدۈرەلەيدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئىلگىرىكى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر.
ئەھقاف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ مَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُوا مِنَ الْأَرْضِ أَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِي السَّمَاوَاتِ ۖ ائْتُونِي بِكِتَابٍ مِنْ قَبْلِ هَٰذَا أَوْ أَثَارَةٍ مِنْ عِلْمٍ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارنىڭ (ئەھۋالىنى) ئېيتىپ بېرىڭلار، ئۇلار زېمىننىڭ قايسى قىسمىنى ياراتقانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىڭلار، ياكى ئاسمانلارنى يارىتىشتا ئۇلارنىڭ ئاللاھ بىلەن ئورتاقچىلىقى بارمۇ؟ بۇ (قۇرئان) دىن ئىلگىرى (سىلەرگە نازىل قىلىنغان) كىتاب ياكى (ئىلگىرىكىلەردىن) قالغان ئىلىم بولسا ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار»[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرىڭلار1 توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ماڭا كۆرستىپ بېقىڭلار قېنى، ئۇلار زېمىندىن نېمە ياراتتى؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردا بىرەر شېرىكچىلىكى بارمۇ؟ ماڭا بۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان بىرەر كىتاب ياكى ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىرەر ئىلىم كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر راستچىل بولساڭلار».
46 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّنْ يَدْعُو مِنْ دُونِ اللَّهِ مَنْ لَا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَنْ دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنى قويۇپ قىيامەتكىچە دۇئانى ئىجابەت قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئادەمدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ بۇتلار ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىن غاپىلدۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنى قويۇپ، قىيامەت كۈنىگىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزدۇر.
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَاعْلَمْ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ وَاسْتَغْفِرْ لِذَنْبِكَ وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مُتَقَلَّبَكُمْ وَمَثْوَاكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ (بۇ دۇنيادىكى) ھەرىكىتىڭلارنى ۋە (ئاخىرەتتىكى) جايىڭلارنى بىلىدۇ (شۇڭا ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار)[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر ـ ئايال مۇئمىنلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلارنى ۋە جايىڭلارنى بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇڭا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى بىلگىن، ئۆز گۇناھىڭ ئۈچۈن، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋە ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلارنى بىلىدۇ.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَجْعَلُوا مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ ۖ إِنِّي لَكُمْ مِنْهُ نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر باشقا مەبۇدنى ئاللاھقا شېرىك قىلماڭلار، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھلارنى قىلىۋالماڭلار، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن -كەلگەن- ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا باشقا ئىلاھ تەڭ قىلماڭلار. شۈبھىسىزكى، مەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
تۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ لَهُمْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا مەبۇدى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن (بۇتلىرىدىن) ئاللاھ پاكتۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئاللاھ پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھى بارمۇ؟ ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر.
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ھەشر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
59 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ ۖ هُوَ الرَّحْمَٰنُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى، ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر، (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھتۇر، ئۆزىدىن باشقا ھېچ ئىلاھ بولمىغان زاتتۇر، غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
59 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْمَلِكُ الْقُدُّوسُ السَّلَامُ الْمُؤْمِنُ الْمُهَيْمِنُ الْعَزِيزُ الْجَبَّارُ الْمُتَكَبِّرُ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر (يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر)، پاكتۇر (يەنى ھەممە نۇقساندىن پاكتۇر)، (مۆمىنلەرگە) سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، (دوستلارنى قورقۇنچتىن، ئازابتىن) ئەمىن قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ مۇتلەق پادىشاھتۇر، پاكتۇر، سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، خاتىرجەملىك ئاتا قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھتۇر، ئۆزىدىن باشقا ھېچ ئىلاھ بولمىغان زاتتۇر، پادىشاھتۇر، پاكتۇر، سالامەتلىك بەرگۈچىدۇر، خاتىرجەملىك بەرگۈچىدۇر، باشقۇرۇپ تۇرغۇچىدۇر، ئەزىزدۇر، بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدۇرغۇچىدۇر ۋە ئۇلۇغدۇر. ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر.
59 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ اللَّهُ الْخَالِقُ الْبَارِئُ الْمُصَوِّرُ ۖ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ ۚ يُسَبِّحُ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ھەممىنى) ياراتقۇچىدۇر، (يوقلۇقتىن) پەيدا قىلغۇچىدۇر، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاللاھ ياراتقۇچىدۇر، يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە شەكىل بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملار ئۇنىڭدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھتۇر، ياراتقۇچىدۇر، بار قىلغۇچىدۇر، شەكىل ۋە ئالاھىدىلىك بەرگۈچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملار ئۇنىڭدۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
مۇمتەھىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
60 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ كَانَتْ لَكُمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ فِي إِبْرَاهِيمَ وَالَّذِينَ مَعَهُ إِذْ قَالُوا لِقَوْمِهِمْ إِنَّا بُرَآءُ مِنْكُمْ وَمِمَّا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ كَفَرْنَا بِكُمْ وَبَدَا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةُ وَالْبَغْضَاءُ أَبَدًا حَتَّىٰ تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَحْدَهُ إِلَّا قَوْلَ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ لَأَسْتَغْفِرَنَّ لَكَ وَمَا أَمْلِكُ لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۖ رَبَّنَا عَلَيْكَ تَوَكَّلْنَا وَإِلَيْكَ أَنَبْنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان (مۆمىنلەر) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوبدان نەمۇنىدۇر، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار قەۋمىگە: «ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقانلىرىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامىز، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلارغا قەدەر ئەبەدىي ساقلىنىپ قالىدۇ» دېدى. لېكىن ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان «ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزىنى سىلەرنىڭ نەمۇنە قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر ئېيتتى) «پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭا قايتتۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار سىلەرگە ياخشى ئۈلگىدۇر. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە: «بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا - جۇدامىز، سىلەردىن تاندۇق، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا، سىلەر پەقەت ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانغا قەدەر ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك مەڭگۈ ئاشكارا بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن ئىدى - لېكىن ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا: «ساڭا ئەلۋەتتە مەغپىرەت تىلەيمەن، ئەمما ئاللاھتىن كەلگەن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزى ئۈلگە بولمايدۇ - «رەببىمىز! بىز ساڭا تەۋەككۇل قىلدۇق، ساڭا يۆنەلدۇق، سېنىڭ ھۇزۇرىڭغا بارىمىز.
سەپ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
61 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر (يەنى ئىنسانلار، ئۆسۈملۈكلەر، جانسىز شەيئىلەر) ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
61 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُونَ لِيُطْفِئُوا نُورَ اللَّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَاللَّهُ مُتِمُّ نُورِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىنى) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۆزىنىڭ دىنىنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر)[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ. ھالبۇكى، كافىرلار ياقتۇرمىسىمۇ ئاللاھ ئۆز نۇرىنى تاماملايدۇ.
جۇمۇئە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
62 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ الْمَلِكِ الْقُدُّوسِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر، (ھەممە نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ پادىشاھتۇر، پاكتۇر، ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تەغابۇن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. پادىشاھلىق ئاللاھنىڭدۇر، ھەمدۇسانالار ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
64 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مۇئمىنلار ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يەككە - يېگانە ئىلاھتۇر. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن!
مۈلك سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَبَارَكَ الَّذِي بِيَدِهِ الْمُلْكُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (پۈتۈن ئاسمان ـ زېمىننىڭ) پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: پادىشاھلىق ئىلكىدە بولغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
ھاققە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُ كَانَ لَا يُؤْمِنُ بِاللَّهِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى) ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىشەنمەيتتى
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىشەنمەيتتى،
جىن سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
يَهْدِي إِلَى الرُّشْدِ فَآمَنَّا بِهِ ۖ وَلَنْ نُشْرِكَ بِرَبِّنَا أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق قۇرئانكى، كامالەتكە يەتكۈزىدۇ. بىز ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، رەببىمىزگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمىز.
72 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُ تَعَالَىٰ جَدُّ رَبِّنَا مَا اتَّخَذَ صَاحِبَةً وَلَا وَلَدًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەزىمىتى كاتتىدۇر، خوتۇنى ۋە بالىسى يوقتۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
72 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّ الْمَسَاجِدَ لِلَّهِ فَلَا تَدْعُوا مَعَ اللَّهِ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: مەسجىدلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەسجىدلەر ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداق بولغانىكەن ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار
ئەنەس ئالىم: مەسچىتلەر ئاللاھنىڭدۇر. شۇڭا ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە دۇئا قىلماڭلار.
72 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا أَدْعُو رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِهِ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! دىنىڭدىن يېنىپ كېتىشىڭنى تەلەپ قىلغان بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن»[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مەن پەقەتلا رەببىمغا يالۋۇرىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن رەببىمگىلا دۇئا قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچكمنى شېرىك قىلمايمەن.
مۇزەممىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
رَبُّ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَاتَّخِذْهُ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىبنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنى ھامىي قىلىۋالغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن)[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىبنىڭ رەببىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنى ھامىي قىلىۋالغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ مەشرىق ۋە مەغرىبنىڭ رەببىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنى ئۆزۈڭگە ۋەكىل قىلىۋالغىن.
بۇرۇج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
85 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا نَقَمُوا مِنْهُمْ إِلَّا أَنْ يُؤْمِنُوا بِاللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[8ـ9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار مۇئمىنلاردىن پەقەت غالىب، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا ئىنتىقام ئالدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇئمىنلاردىن ئەزىز ۋە مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا ئىنتىقام ئالاتتى.
ئەئلا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الْأَعْلَى
مۇھەممەد سالىھ: ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئەڭ ئۈستۈن رەببىڭنىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغلىغىن.
تىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
95 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَحْكَمِ الْحَاكِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟[8]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھاكىملارنىڭ ھاكىمى ئەمەسمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئادىلى ئەمەسمۇ؟
قۇرەيش سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
106 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
فَلْيَعْبُدُوا رَبَّ هَٰذَا الْبَيْتِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلسۇنكى، ئۇ ئۇلارنى ئاچلىقتا ئوزۇقلاندۇردى، ئۇلارنى قورقۇنچتىن ئەمىن قىلدى[3ـ4].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
كافىرۇن سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
109 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار![1]
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى كافىرلار!
109 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
لَا أَعْبُدُ مَا تَعْبُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا چوقۇنمايمەن.
109 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
109 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا أَنَا عَابِدٌ مَا عَبَدْتُمْ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنغۇچى ئەمەسمەن.
109 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: سىلەر مەن چوقۇنۇۋاتقان ئاللاھقا چوقۇنغۇچىلار ئەمەسسىلەر.
ئىخلاس سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
112 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ ـ ئاللاھ بىردۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئۇ ئاللاھتۇر1، بىردۇر.
112 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الصَّمَدُ
مۇھەممەد سالىھ: ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ پۈتۈن ئېھتىياجلارنى قامدىغۇچىدۇر.
112 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
112 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمْ يَكُنْ لَهُ كُفُوًا أَحَدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا ھېچكىم تەڭ ئەمەستۇر».
ناس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
114 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَٰهِ النَّاسِ
مۇھەممەد سالىھ: «ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،