كىبىر
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
كىبر — ئۆزىنى مۇھىم دەپ قاراشنىڭ مۇبالىغىسى، بۇ ئادەمنىڭ ھەقىقەتنى كۆرمەسلىكىگە ۋە باشقىلارغا بولغان مەنسىتمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەرەبچىىسى: الكبر
ئېنگلىزچىسى: Arrogance
123 ئايەت
49 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 يامان ئادەتلەر /
- 📄 كىبىر
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ آمِنُوا كَمَا آمَنَ النَّاسُ قَالُوا أَنُؤْمِنُ كَمَا آمَنَ السُّفَهَاءُ ۗ أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ السُّفَهَاءُ وَلَٰكِنْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا): «ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك (چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن) ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەخمەقلەر، لېكىن (بۇنى) ئۇلار تۇيمايدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «ھەقىقىي ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «بىز ئەخمەقلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى ئۇلارنىڭ ئۆزى ئەخمەق، لېكىن ئۇلار (بۇنى) بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «شۇ ئىنسانلار ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «ئۇ ئەخمەقلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئەسلىدە ئەخمەقلەر ئۇلاردۇر، لېكىن ئۇلار بىلمەيدۇ.
2 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ وَاسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلغىلى ئۇنىمىدى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كافىرلاردىن بولۇپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى، ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى، ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كافىرلاردىن بولدى.
2 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَقَفَّيْنَا مِنْ بَعْدِهِ بِالرُّسُلِ ۖ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ ۗ أَفَكُلَّمَا جَاءَكُمْ رَسُولٌ بِمَا لَا تَهْوَىٰ أَنْفُسُكُمُ اسْتَكْبَرْتُمْ فَفَرِيقًا كَذَّبْتُمْ وَفَرِيقًا تَقْتُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقىمۇئارقا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەر بەردۇق، ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇددۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن يۆلىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەرنى بەردۇق ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن قوللىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دېدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ئىدۇق. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغىمۇ روشەن دەلىللەرنى26 بەرگەن ئىدۇق، ئۇنى روھۇلقۇدۇس بىلەن قوللىغان ئىدۇق. لېكىن سىلەر قاچانىكى ئەلچى كۆڭلۈڭلار ياقتۇرمايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلدىڭلار ئەمەسمۇ؟! ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچى دېدىڭلار، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار.
2 : 206 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُ اتَّقِ اللَّهَ أَخَذَتْهُ الْعِزَّةُ بِالْإِثْمِ ۚ فَحَسْبُهُ جَهَنَّمُ ۚ وَلَبِئْسَ الْمِهَادُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا (ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىپ يامان سۆز ـ ھەرىكەتلىرىڭدىن قايتىپ) ئاللاھتىن قورققىن، دېيىلسە، غۇرۇرى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ (يەنى ھەقتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتىپ، پىتنە ـ پاساتتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر[206].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا ئاللاھتىن قورققىن دېيىلسە، تەكەببۇرلۇقى تۇتۇپ، گۇناھقا پاتىدۇ، بۇنداق ئادەمگە جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن!» دېيىلسە، گۇناھى بىلەن مەغرۇرلىنىپ تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 188 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَفْرَحُونَ بِمَا أَتَوْا وَيُحِبُّونَ أَنْ يُحْمَدُوا بِمَا لَمْ يَفْعَلُوا فَلَا تَحْسَبَنَّهُمْ بِمَفَازَةٍ مِنَ الْعَذَابِ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) قىلغان ئىشلىرىدىن (يەنى ھەقنى ياپقانلىقىدىن) خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن مەدھىيەلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[188].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز قىلمىشىدىن خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن مەدھىيىلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن، قىلغان ئىشى بىلەن خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشى بىلەن ماختىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى ئازابتىن قۇتۇلىدۇ دەپ ھېسابلىمىغىن31. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
نىسا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يُزَكُّونَ أَنْفُسَهُمْ ۚ بَلِ اللَّهُ يُزَكِّي مَنْ يَشَاءُ وَلَا يُظْلَمُونَ فَتِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرىنى پاك دەپ قارايدىغانلار (يەنى ئۆزلىرىنى تەقۋادارلىق بىلەن مەدھىيەلەيدىغانلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس)، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ زۇلۇم قىلىنمايدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆزىنى پاك دەپ قارايدىغانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلارنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرىنى پاك ھېسابلايدىغان كىشىلەرگە قارىمامسەن؟27 بەلكى ئاللاھ خالىغان كىشىنى پاكلايدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
4 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ لَهُمْ نَصِيبٌ مِنَ الْمُلْكِ فَإِذًا لَا يُؤْتُونَ النَّاسَ نَقِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن نېسىۋىسى بارمۇ؟ (ھېچقانداق نېسىۋىسى يوق) ئەگەر بولىدىغان بولسا، (زىيادە بېخىللىقتىن) ئۇلار كىشىلەرگە قىلچىلىك نەرسە بەرمەيدۇ[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن نېسىۋىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار كىشىلەرگە قىلچىلىك نەرسىنىمۇ بەرمەيتتى
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھاكىمىيىتىدىن بىرەر نېسىۋىسى بارمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا ئىدى، ئۇلار ئىنسانلارغا قىلچىلىك نەرسىنىمۇ بەرمەيتتى.
4 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
لَنْ يَسْتَنْكِفَ الْمَسِيحُ أَنْ يَكُونَ عَبْدًا لِلَّهِ وَلَا الْمَلَائِكَةُ الْمُقَرَّبُونَ ۚ وَمَنْ يَسْتَنْكِفْ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيَسْتَكْبِرْ فَسَيَحْشُرُهُمْ إِلَيْهِ جَمِيعًا
مۇھەممەد سالىھ: مەسىھمۇ، (ئاللاھقا) يېقىن پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ. كىملەركى ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ[172].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەسىھمۇ، ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرىمۇ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ
ئەنەس ئالىم: مەسىھ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىزمۇ باش تارتمايدۇ. ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇلغان پەرىشتىلەرمۇ باش تارتمايدۇ. كىم ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھۇزۇرىغا يىغىدۇ.
4 : 173 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَيُوَفِّيهِمْ أُجُورَهُمْ وَيَزِيدُهُمْ مِنْ فَضْلِهِ ۖ وَأَمَّا الَّذِينَ اسْتَنْكَفُوا وَاسْتَكْبَرُوا فَيُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا وَلَا يَجِدُونَ لَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ، نېمىتىنى ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، (ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن) باش تارتقان ۋە كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ[173].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتقان ۋە كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى قاتتىق ئازابلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەجرىلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە ئۆز پەزلىدىن ئۇلارغا زىيادە ئىنئام ئاتا قىلىدۇ. باش تارتقان ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازاب قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ۋەلىي ۋە ياردەمچى تاپالمايدۇ69.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا جَاءَتْهُمْ آيَةٌ قَالُوا لَنْ نُؤْمِنَ حَتَّىٰ نُؤْتَىٰ مِثْلَ مَا أُوتِيَ رُسُلُ اللَّهِ ۘ اللَّهُ أَعْلَمُ حَيْثُ يَجْعَلُ رِسَالَتَهُ ۗ سَيُصِيبُ الَّذِينَ أَجْرَمُوا صَغَارٌ عِنْدَ اللَّهِ وَعَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا كَانُوا يَمْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) بىزگىمۇ پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورنىتىشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭ ئەھلى بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[124].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) «بىزگە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭغا لايىق بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزى ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر ئايەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە بېرىلگەن نەرسىنىڭ ئوخشىشى بىزگىمۇ بېرىلمىگۈچە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى. ئاللاھ ئەلچىلىكنى كىمگە بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. گۇناھ قىلغانلارغا يېقىندا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا خورلۇق ۋە قاتتىق ئازاب يېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھىيلە -مىكىر قىلغان.
ئەئراف سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مَا مَنَعَكَ أَلَّا تَسْجُدَ إِذْ أَمَرْتُكَ ۖ قَالَ أَنَا خَيْرٌ مِنْهُ خَلَقْتَنِي مِنْ نَارٍ وَخَلَقْتَهُ مِنْ طِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىبلىسقا): ‹‹سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: ‹‹مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىبلىسقا): «مەن سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا، سەن نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى، مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ساڭا نېمە توسالغۇ بولدى، ساڭا ئەمر قىلغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى.
7 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَاهْبِطْ مِنْهَا فَمَا يَكُونُ لَكَ أَنْ تَتَكَبَّرَ فِيهَا فَاخْرُجْ إِنَّكَ مِنَ الصَّاغِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇ يەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردە ئۆزەڭنى چوڭ تۇتۇشۇڭغا بولمايدۇ، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەردىنسەن» [13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇيەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردىن ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشقا ھەققىڭ يوق، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەرنىڭ بىرىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئۇ يەردىن چۈشۈپ كەت! سېنىڭ ئۇ يەردە چوڭچىلىق قىلىدىغان ھەققىڭ يوق. چىق، سەن چوقۇم خار بولغۇچىلاردىنسەن» دېدى.
7 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار ھەمىشە دوزاختا قالغۇسىدۇر[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار ھەمىشە دوزاختا قالغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇلاردىن باش تارتقان كىشىلەر دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
7 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا لَا تُفَتَّحُ لَهُمْ أَبْوَابُ السَّمَاءِ وَلَا يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ حَتَّىٰ يَلِجَ الْجَمَلُ فِي سَمِّ الْخِيَاطِ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەلى ۋە دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ)، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ (يەنى ئۇلار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ)، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇ ئايەتلەرگە ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ (رەھمەت) دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇلاردىن باش تارتقان كىشىلەرگە ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ھەرگىزمۇ ئېچىلمايدۇ، ئۇلار تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتمىگۈچە جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. بىز گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق جازالايمىز.
7 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا مِنْ قَوْمِهِ لِلَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِمَنْ آمَنَ مِنْهُمْ أَتَعْلَمُونَ أَنَّ صَالِحًا مُرْسَلٌ مِنْ رَبِّهِ ۚ قَالُوا إِنَّا بِمَا أُرْسِلَ بِهِ مُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ تەكەببۇر چوڭلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ھاكاۋۇر كاتتىباشلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا - ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: قەۋمىنىڭ تەكەببۇر چوڭلىرى، بوزەك قىلىنغانلارغا يەنى ئۆز ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە: «سىلەر سالىھنىڭ راستتىنلا رەببى تەرىپىدىن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «ئەلۋەتتە، بىز ئۇنىڭ ئەلچىلىكىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەرمىز» دېدى.
7 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا بِالَّذِي آمَنْتُمْ بِهِ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھېلىقى تەكەببۇرلار: «سىلەر ئىشەنگەنگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېلىقى ھاكاۋۇرلار: «سىلەر ئىشەنگەنگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھاكاۋۇرلار: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەر ئىشەنگەن نەرسىنى ئىنكار قىلغۇچى كىشىلەرمىز» دېدى،
7 : 146 - ئايەت
كۆرۈش
سَأَصْرِفُ عَنْ آيَاتِيَ الَّذِينَ يَتَكَبَّرُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَإِنْ يَرَوْا كُلَّ آيَةٍ لَا يُؤْمِنُوا بِهَا وَإِنْ يَرَوْا سَبِيلَ الرُّشْدِ لَا يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا وَإِنْ يَرَوْا سَبِيلَ الْغَيِّ يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا عَنْهَا غَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى ئايەتلىرىمنى چۈشىنىشتىن يىراقلاشتۇرىمەن. ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى[146].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەر يۈزىدە ئورۇنسىز ھالدا تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى مېنىڭ ئايەتلىرىمدىن يىراقلاشتۇرىمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى
ئەنەس ئالىم: مەن زېمىندا ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى يېقىندا ئايەتلىرىمدىن ئۇزاقلاشتۇرىمەن. ئۇلار بارلىق ئايەتلەرنى كۆرسىمۇ ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ، توغرا يولنى كۆرسە ئۇنى يول قىلىۋالمايدۇ، ئازغۇنلۇق يولىنى كۆرسە ئۇنى يول قىلىۋالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن غاپىل بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ خَرَجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ بَطَرًا وَرِئَاءَ النَّاسِ وَيَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ وَاللَّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطٌ
مۇھەممەد سالىھ: يۇرتلىرىدىن چوڭچىلىق ۋە رىيا بىلەن چىققان كىشىلەر (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرى) گە ئوخشاش بولماڭلار، ئۇلار (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۇرتلىرىدىن چوڭچىلىق ۋە رىيا بىلەن چىققان كىشىلەرگە ئوخشاش بولماڭلار، ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: يۇرتلىرىدىن كۆرەڭلىك قىلغان ۋە ئىنسانلارغا رىيا قىلغان ھالەتتە چىققان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش بولماڭلار. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قورشاپ تۇرماقتىدۇر.
ھۇد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَذَقْنَاهُ نَعْمَاءَ بَعْدَ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُ لَيَقُولَنَّ ذَهَبَ السَّيِّئَاتُ عَنِّي ۚ إِنَّهُ لَفَرِحٌ فَخُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز (پېقىرلىق ، كېسەللىك، قاتتىقچىلىق قاتارلىق) بالالارغا مۇپتىلا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نېمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «مەندىن بالالار كۆتۈرۈلۈپ كەتتى (ئەمدى كەلمەيدۇ)» دەپ شەك -شۈبھىسىز خۇشاللىنىپ، مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز ئۇنى بالالارغا مۇپتىلا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نېمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «مەندىن بالالار كۆتۈرۈلۈپ كەتتى» دەپ شەك شۈبھىسىز خۇشاللىنىپ، مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇنىڭغا بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقتىن كېيىن نېمەت تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «يامانلىقلار مەندىن كەتتى» دەيدۇ، خۇشال بولۇپ ئەركىلەيدۇ، كۆرەڭلەيدۇ.
ئىبراھىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَرَزُوا لِلَّهِ جَمِيعًا فَقَالَ الضُّعَفَاءُ لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنْتُمْ مُغْنُونَ عَنَّا مِنْ عَذَابِ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۚ قَالُوا لَوْ هَدَانَا اللَّهُ لَهَدَيْنَاكُمْ ۖ سَوَاءٌ عَلَيْنَا أَجَزِعْنَا أَمْ صَبَرْنَا مَا لَنَا مِنْ مَحِيصٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى خالايىقلار) نىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن) چىقىپ، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرى) مۇتەكەببىرلىرىگە (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە ـ پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەرىبىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن چىقىپ، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى مۇتەكەببىر-ئەگەشتۈرگۈچى-لىرىگە: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە ـ پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەرىبىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ. ئاجىزلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلارغا: «ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار ئىدۇق، ھازىر سىلەر بىزدىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن بىرەر نەرسە دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئەگەر ئاللاھ بىزگە توغرا يولنى كۆرسەتسە ئىدى، بىزمۇ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكەن بولاتتۇق. ھازىر نالە - پەرياد قىلساقمۇ، سەۋر قىلساقمۇ ئوخشاش. قاچىدىغان ھېچقانداق يېرىمىز يوق» دەيدۇ.
نەھىل سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۚ فَالَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ قُلُوبُهُمْ مُنْكِرَةٌ وَهُمْ مُسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ (ئىبادەت قىلىشقا لايىق) ئىلاھىڭلار بىردۇر، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى) ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ، (ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن) باش تارتقۇچىلاردۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىردۇر، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى بۇنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ، باش تارتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قەلبلىرى بۇ ھەقىقەتنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار چوڭچىلىق قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
16 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
لَا جَرَمَ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْتَكْبِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى راستتىنلا بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى راستتىنلا بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شەك - شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغان نەرسىلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ چوڭچىلىق قىلغۇچىلارنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.
16 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَادْخُلُوا أَبْوَابَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ فَلَبِئْسَ مَثْوَى الْمُتَكَبِّرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر (ئىچىدە) مەڭگۈ قالىدىغان جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، چوڭچىلىق قىلىپ، (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتقۇچىلارنىڭ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان![29]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدىغان جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، چوڭچىلىق قىلىپ، -ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن- باش تارتقۇچىلارنىڭ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر» دېيىلىدۇ. مۇتەكەببىرلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى نېمىدېگەن يامان!
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ قَالَ أَأَسْجُدُ لِمَنْ خَلَقْتَ طِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: يەنە شۇنىمۇ ئەسلىگىنكى، ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى. لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلمىدى. ئۇ: «مەن، سەن لايدىن ياراتقان كىشىگە سەجدە قىلامتىم؟» دېدى.
كەھف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَانَ لَهُ ثَمَرٌ فَقَالَ لِصَاحِبِهِ وَهُوَ يُحَاوِرُهُ أَنَا أَكْثَرُ مِنْكَ مَالًا وَأَعَزُّ نَفَرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى باغ ئىگىسى) نۇرغۇن مال ـ مۈلۈككە ئىگە ئىدى، ئۇ بۇرادىرىگە پەخىرلىنىپ: « مەن سەندىن باي، ئادەملىرىم (يەنى خىزمەتچىلىرىم، بالىلىرىم، ياردەمچىلىرىم) سېنىڭدىن كۆپ» دېدى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ نۇرغۇن مال ـ مۈلۈككە ئىگە ئىدى، ئۇ بۇرادىرىگە پەخىرلىنىپ: « مەن سەندىن باي، ئادەملىرىم سېنىڭدىن كۆپ» دېدى
ئەنەس ئالىم: بۇ ئادەمنىڭ باشقا مال - مۈلكىمۇ بار ئىدى. ئۇ بۇرادىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىۋېتىپ ئۇنىڭغا: «مەن ئىقتىسادىي جەھەتتە سەندىن باي، ئادەم سانى جەھەتتە سەندىن كۈچلۈكمەن» دېدى.
18 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَخَلَ جَنَّتَهُ وَهُوَ ظَالِمٌ لِنَفْسِهِ قَالَ مَا أَظُنُّ أَنْ تَبِيدَ هَٰذِهِ أَبَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (مۆمىن بۇرادىرىنى يېتىلەپ) بېغىغا كىرىپ (كۇفرىلىق قىلىش بىلەن) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا ئېيتتى: «بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بېغىغا كىرىپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا ئېيتتى: «بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا بېغىغا كىرىپ مۇنداق دېدى: «بۇنى يوق بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئويلىمايمەن.
18 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَظُنُّ السَّاعَةَ قَائِمَةً وَلَئِنْ رُدِدْتُ إِلَىٰ رَبِّي لَأَجِدَنَّ خَيْرًا مِنْهَا مُنْقَلَبًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك قىيامەت بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ (يەنى قىيامەت بولغاندىمۇ) ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن»[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك قىيامەت بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن رەببىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن»
ئەنەس ئالىم: قىيامەت قايىم بولىدۇ دەپمۇ ئويلىمايمەن. ناۋادا قىيامەت قايىم بولۇپ، مەن رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلغان تەقدىردە ئۇ يەردە چوقۇم بۇنىڭدىن ياخشىسىنى تاپىمەن».
مەريەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ قَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلَّذِينَ آمَنُوا أَيُّ الْفَرِيقَيْنِ خَيْرٌ مَقَامًا وَأَحْسَنُ نَدِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، كاپىرلار مۆمىنلەرگە: «ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسىنىڭ ئورنى ياخشى، سورۇنى گۈزەل؟» دېدى[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، كاپىرلار مۇئمىنلارغا: «ئىككى گۇرۇھتىن قايسىنىڭ ئورنى ياخشى، سورۇنى گۈزەل؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، كافىرلار مۇئمىنلارغا: «قايسىمىزنىڭ ئورنى ياخشى، گۇرۇپپىسى كۈچلۈك؟» دېدى.
19 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَرَأَيْتَ الَّذِي كَفَرَ بِآيَاتِنَا وَقَالَ لَأُوتَيَنَّ مَالًا وَوَلَدًا
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ماڭا (ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە مال ـ مۈلۈك، ئەۋلاد بېرىلىدۇ دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟[77]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ماڭا ئەلۋەتتە مال ـ مۈلۈك، ئەۋلاد بېرىلىدۇ دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، «ماڭا چوقۇم مال ۋە بالا بېرىلىدۇ» دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
ثَانِيَ عِطْفِهِ لِيُضِلَّ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۖ لَهُ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَنُذِيقُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَذَابَ الْحَرِيقِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەغرۇرانە يۈرىدۇ، ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەغرۇرانە يۈرىدۇ، ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇ، مۇنازىرە ئەسناسىدا مەغرۇرانە كەيپىيات بىلەن سۆز قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى باشقىلارنى ئاللاھ يولىدىن ئازدۇرۇشتۇر. بىز ئۇنى دۇنيادا رەسۋا قىلىمىز، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىتىمىز.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ مَا هَٰذَا إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُرِيدُ أَنْ يَتَفَضَّلَ عَلَيْكُمْ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَأَنْزَلَ مَلَائِكَةً مَا سَمِعْنَا بِهَٰذَا فِي آبَائِنَا الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قەۋمىدىكى ئىمانسىز كاتتىلار ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولۇۋالماقچى، ئەگەر ئاللاھ (پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى ئەۋەتەتتى، بۇنداق سۆزنى بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ قەۋمىدىكى ئىمانسىز كاتتىۋاشلار ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولۇۋالماقچى، ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرگەن بولاتتى، بۇنداق سۆزنى بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى مۇنداق دېدى: «بۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنسان، مەقسىتى سىلەردىن ئۈستۈن بولۇشتۇر. ئاللاھ خالىسا ئىدى، پەرىشتىلەرنى چۈشۈرەتتى4. بىز بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن بۇنداق نەرسە ئاڭلىمىدۇق.
23 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا عَالِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى[45ـ46].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا. ئۇلار بولسا ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئىماندىن باش تارتتى، ئۇلار مۇتەكەببىر قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە. ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ ئىمان ئېيتمىدى. ئۇلار تەكەببۇر قەۋم ئىدى.
23 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالُوا أَنُؤْمِنُ لِبَشَرَيْنِ مِثْلِنَا وَقَوْمُهُمَا لَنَا عَابِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئاددى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ (قۇلغا ئوخشاش) خىزمەتچىلىرىمىزدۇر» دېيىشتى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئاددى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىزدۇر» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئىنسانغا ئىشىنەمدۇق؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزگە قۇل تۇرسا!» دېيىشتى.
23 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
مُسْتَكْبِرِينَ بِهِ سَامِرًا تَهْجُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەرەم ئەھلى بولغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىپ ئىماندىن يۈز ئۆرۈيدۇ، كەچلىك پاراڭلىرىدا يامان سۆزلەرنى قىلىدۇ، (يەنى قۇرئانغا تەنە قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆكىدۇ)[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇتەكەببىرلىك قىلغان ھالدا، كەچلىك پاراڭلىرىدا قالايمىقان پاراڭلارنى قىلاتتىڭلار
ئەنەس ئالىم: قۇرئانغا تەكەببۇرلۇق قىلاتتىڭلار، كېچىلىرى يىغىلىپ ئۇ توغرۇلۇق ئېغىزىڭلارغا كەلگەننى دەيتتىڭلار».
23 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ رَحِمْنَاهُمْ وَكَشَفْنَا مَا بِهِمْ مِنْ ضُرٍّ لَلَجُّوا فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) غا رەھىم قىلساق، ئۇلارغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، چوقۇم گۇمراھلىقلىرىدا داۋاملىق تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارغا رەھىم قىلساق ۋە ئۇلارغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەكمۇ، ئۇلار چوقۇم گۇمراھلىقلىرىدا داۋاملىق تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ، باشلىرىدىكى بالانى كۆتۈرۈۋەتكەن بولساق، ئۇلار يەنىلا ھەددىدىن ئېشىشلىرىدا ئەزۋەيلەيتتى، تېڭىرقايتتى.
فۇرقان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْنَا الْمَلَائِكَةُ أَوْ نَرَىٰ رَبَّنَا ۗ لَقَدِ اسْتَكْبَرُوا فِي أَنْفُسِهِمْ وَعَتَوْا عُتُوًّا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى مۇشرىكلار): «نېمىشقا بىزگە پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمەيدۇ، ياكى (بىز نېمىشقا) پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرمەيمىز؟» دېيىشتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتتى ۋە تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «نېمىشقا بىزگە پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمەيدۇ، ياكى بىز نېمىشقا رەببىمىزنى كۆرمەيمىز؟» دېيىشتى. شۈبھىسىزكى ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتتى ۋە تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا چىقىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «بىزگە نېمىشقا پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمىدى ياكى بىز نېمىشقا رەببىمىزنى كۆرمەيمىز؟» دېيىشتى. ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى.
25 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اسْجُدُوا لِلرَّحْمَٰنِ قَالُوا وَمَا الرَّحْمَٰنُ أَنَسْجُدُ لِمَا تَأْمُرُنَا وَزَادَهُمْ نُفُورًا ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «رەھمانغا (يەنى مەرھەمەتلىك ئاللاھقا) سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ سۆز ئۇلارنى (ئىماندىن) تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «رەھمان-مەرھەمەتلىك ئاللاھ- غا سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ نەپرىتىنى تېخىمۇ زىيارە قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا «رەھمانغا سەجدە قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ بۇيرۇق ئۇلارنى تېخىمۇ ئۈركۈتىۋېتىدۇ.
شۇئەرا سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ آمَنْتُمْ لَهُ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّهُ لَكَبِيرُكُمُ الَّذِي عَلَّمَكُمُ السِّحْرَ فَلَسَوْفَ تَعْلَمُونَ ۚ لَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ مِنْ خِلَافٍ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن: «مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ سىلەر مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول قولۇڭلار بىلەن ئوڭ پۇتۇڭلارنى) كېسىمەن، ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن» دېدى[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن: «مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ سىلەر مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، مەن قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ كېسىمەن ۋە ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلماستىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار. دېمەككى، ئۇ سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن بۈيۈكۈڭلاردۇر. يېقىندا كۆرگۈلۈكىڭلارنى كۆرىسىلەر. قوللىرىڭلارنى ۋە پۇتلىرىڭلارنى چوقۇم چاپراس شەكىلدە كەستۈرىمەن. ئاندىن كېيىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاستۇرىمەن».
26 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَنُؤْمِنُ لَكَ وَاتَّبَعَكَ الْأَرْذَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «(ئى نۇھ!) ساڭا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، ساڭا بىز ئىمان ئېيتامدۇق؟» دېدى[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «-ئى نۇھ!- ساڭا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، ساڭا بىز ئىمان ئېيتامدۇق؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ساڭا ئىشىنەمدۇق؟ ساڭا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا!» دېيىشتى.
26 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
أَتَبْنُونَ بِكُلِّ رِيعٍ آيَةً تَعْبَثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ھەر بىر ئېگىز جايغا ئويۇن ـ كۈلكە ئۈچۈن بىر ئالامەت (يەنى ئېگىز بىنا) سالامسىلەر؟[128]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ھەر بىر ئېگىز جايغا ئويۇن ـ كۈلكە ئۈچۈن بىر ئالامەت سالامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: سىلەر ھەر ئېگىز جايغا ئويۇن - تاماشا ئۈچۈن ھەيۋەتلىك بىنا سالامسىلەر؟
26 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَتَّخِذُونَ مَصَانِعَ لَعَلَّكُمْ تَخْلُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (گويا سىلەر ئۆلمەيدىغاندەك) دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر؟[129]
تەرجىمە ھەيئىتى: دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۆلمەسلىك ئۈمىدى بىلەن مۇستەھكەم سارايلار سالامسىلەر؟
26 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا بَطَشْتُمْ بَطَشْتُمْ جَبَّارِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (بىراۋنى) جازالىساڭلار، زالىملاردەك جازالايسىلەر[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىراۋنى جازالىساڭلار، زالىملاردەك جازالايسىلەر
ئەنەس ئالىم: جازالىساڭلار، زۇلۇم قىلغان ھالدا جازالايسىلەر!
26 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَنْحِتُونَ مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا فَارِهِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇستىلىق بىلەن تاغلارنى تېشىپ ئۆي ياسامسىلەر؟[149]
تەرجىمە ھەيئىتى: خۇشال ھالدا تاغلارنى تېشىپ ئۆي ياسامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: تاغلاردىن ئۇستىلىق بىلەن ئويۇپ ئۆيلەر ياسارمىز دەمسىلەر؟
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَحَدُوا بِهَا وَاسْتَيْقَنَتْهَا أَنْفُسُهُمْ ظُلْمًا وَعُلُوًّا ۚ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن تاندى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىچىدە ئۇ مۆجىزىلەرگە قەتئىي ئىشىنىپ تۇرۇپ، زالىملىقىدىن ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلىقىدىن ئۇلارنى ئىنكار قىلدى. قارىغىنا، ئۇ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى.
قەسەس سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ مَا عَلِمْتُ لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرِي فَأَوْقِدْ لِي يَا هَامَانُ عَلَى الطِّينِ فَاجْعَلْ لِي صَرْحًا لَعَلِّي أَطَّلِعُ إِلَىٰ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُ مِنَ الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ۋن ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان، مېنىڭ ئۈچۈن پىششىق خىش پىشۇرۇپ ئېگىز بىر بىنا سالغىن، مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرۈشۈم مۇمكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى (ئاسماندا بىر پەرۋەردىگار بار دېگەن دەۋاسىدا) يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمەن»[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان، مېنىڭ ئۈچۈن پىششىق خىش پىشۇرۇپ ئېگىز بىر بىنا سالغىن، مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرۈشۈم مۇمكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى يالغانچىلاردىن بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمەن»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى جانابلار! سىلەرنىڭ مەندىن باشقا ئىلاھىڭلار بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان! مەن ئۈچۈن لاينىڭ ئۈستىگە ئوت ياققىن. ئاندىن مەن ئۈچۈن ساراي سالغىن، چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. مەن مۇسانى يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمەن».
28 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْتَكْبَرَ هُوَ وَجُنُودُهُ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ إِلَيْنَا لَا يُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى (مىسىر) زېمىنىدا زۇلۇم قىلىپ (ئىمان ئېيتىشقا) بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى بىز تەرەپكە قايتۇرۇلمايمىز (يەنى قىيامەت ۋە قايتا تىرىلىش يوق، ھېساب ئېلىنىشمۇ، جازاغا تارتىلىشمۇ يوق) دەپ گۇمان قىلدى[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى زېمىندا زۇلۇم قىلىپ بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىزتەرەپكە قايتۇرۇلمايدىغانلىقلىرىنى گۇمان قىلدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۇ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشقا ھەققى يوق ئىدى. ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا «قايتۇرۇلمايمىز» دەپ گۇمان قىلدى.
28 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَرْيَةٍ بَطِرَتْ مَعِيشَتَهَا ۖ فَتِلْكَ مَسَاكِنُهُمْ لَمْ تُسْكَنْ مِنْ بَعْدِهِمْ إِلَّا قَلِيلًا ۖ وَكُنَّا نَحْنُ الْوَارِثِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز نۇرغۇن شەھەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى كەيىپ ـ ساپالىق تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدۇر، ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن (ئۇ جايلاردا) ئازغىنا ۋاقىتتىن تاشقىرى ئادەم تۇرغان ئەمەس، ئۇلار (نىڭ مال ـ مۈلكى ۋە يۇرتىغا) بىز ۋارىسلىق قىلدۇق[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز نۇرغۇن شەھەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى كەيىپ ـ ساپالىق تۇرمۇش كۆچۈرەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدۇر، ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن ئازغىنا ۋاقىتتىن تاشقىرى ئادەم تۇرغان ئەمەس، ئۇلارغا بىز ۋارىسلىق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئاھالىسى باياشاتچىلىق ئىچىدە كەيپ - ساپا سۈرگەن نۇرغۇن يۇرتلارنى ھالاك قىلدۇق. ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ ماكانلىرى! ئۇلاردىن كېيىن ئۇ يەرلەرنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ھېچكىمگە قارارگاھ بولمىدى. ئۇلارغا بىز ۋارىس بولدۇق.
28 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ قَارُونَ كَانَ مِنْ قَوْمِ مُوسَىٰ فَبَغَىٰ عَلَيْهِمْ ۖ وَآتَيْنَاهُ مِنَ الْكُنُوزِ مَا إِنَّ مَفَاتِحَهُ لَتَنُوءُ بِالْعُصْبَةِ أُولِي الْقُوَّةِ إِذْ قَالَ لَهُ قَوْمُهُ لَا تَفْرَحْ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْفَرِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قارۇن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. قارۇن ئۇلارغا يوغانلىق قىلدى، قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر كۆپ بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى (كۆتۈرۈش) كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتا قارۇنغا قەۋمى ئېيتتى: «كۆرەڭلەپ كەتمە، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارۇن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. لېكىن قارۇن ئۇلارغا زۇلۇم سالدى، قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرى كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتا قارۇنغا قەۋمى ئېيتتى: «كۆرەڭلەپ كەتمە، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: قارۇن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى، قەۋمىنى ئېزەتتى. بىز ئۇنىڭغا شۇنداق خەزىنىلەر بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى كۈچلۈك بىر جامائە ئاران توشۇيتتى. قەۋمى ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «كۆرەڭلىك قىلمىغىن! ئاللاھ كۆرەڭلىك قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
28 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّمَا أُوتِيتُهُ عَلَىٰ عِلْمٍ عِنْدِي ۚ أَوَلَمْ يَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ قَدْ أَهْلَكَ مِنْ قَبْلِهِ مِنَ الْقُرُونِ مَنْ هُوَ أَشَدُّ مِنْهُ قُوَّةً وَأَكْثَرُ جَمْعًا ۚ وَلَا يُسْأَلُ عَنْ ذُنُوبِهِمُ الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قارۇن: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېدى. قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان (مېلى) تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى ئۇ بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ سورىلىشى (ئاللاھ بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن) ھاجەتسىزدۇر[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارۇن: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېدى. قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان پۇل-مېلى تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى ئۇ بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلار گۇناھلىرىدىن سورالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: قارۇن: «مەن بۇ بايلىققا ئۆزۈمنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بىلەن ئېرىشتىم» دېدى. قارۇن بىلمەمدۇكى، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭدىن كۈچلۈك ۋە باي نەسىللەرنى ھالاك قىلغان. گۇناھكارلار گۇناھلىرى توغرۇلۇق سورالمايدۇ.
28 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
فَخَسَفْنَا بِهِ وَبِدَارِهِ الْأَرْضَ فَمَا كَانَ لَهُ مِنْ فِئَةٍ يَنْصُرُونَهُ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُنْتَصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قارۇننى ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلىدىغان بىر جامائە بولمىدى. قارۇن ئۆزىنى قوغدىيالمىدى[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارۇننى ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلىدىغان بىر جامائە بولمىدى. قارۇن ئۆزىنى قوغدىيالمىدى
ئەنەس ئالىم: ئاخىرىدا بىز قارۇننى پۈتۈن ئۆي - جايلىرى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاللاھقا قارشى ياردەم بېرىدىغان جامائەسىمۇ بولمىدى. ئۇ ئۆزىگە ئۆزى ياردەم قىلغۇچىلاردىنمۇ بولمىدى.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَارُونَ وَفِرْعَوْنَ وَهَامَانَ ۖ وَلَقَدْ جَاءَهُمْ مُوسَىٰ بِالْبَيِّنَاتِ فَاسْتَكْبَرُوا فِي الْأَرْضِ وَمَا كَانُوا سَابِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (دۇنيا ـ دەپنىسى نۇرغۇن) قارۇننى، پىرئەۋننى ۋە (ئۇنىڭ زۇلۇمدا ياردەمچى بولغان ۋەزىرى) ھاماننى (ھالاك قىلدۇق)، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن بويۇنتاۋلىق قىلدى)، ئۇلار (ئازابىمىزدىن) قېچىپ كېتەلمىدى[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارۇننى، پىرئەۋننى ۋە ھاماننىمۇ -ھالاك قىلدۇق-، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى، ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمىدى
ئەنەس ئالىم: قارۇن، فىرئەۋن ۋە ھاماننىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولدى. مۇسا ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى. لېكىن بىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.
لوقمان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ آيَاتُنَا وَلَّىٰ مُسْتَكْبِرًا كَأَنْ لَمْ يَسْمَعْهَا كَأَنَّ فِي أُذُنَيْهِ وَقْرًا ۖ فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) ئوقۇپ بېرىلسە، گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئىككى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئىككى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك تەكەببۇرلۇق بىلەن يۈز ئۆرۈيدۇ، -ئى مۇھەممەد!- ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا تەكەببۇرلۇق قىلىپ يۈز ئۆرۈيدۇ، گويا ئۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك، گويا ئىككى قۇلىقىدا ئېغىرلىق باردەك ئىش قىلىدۇ. سەن ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
31 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُصَعِّرْ خَدَّكَ لِلنَّاسِ وَلَا تَمْشِ فِي الْأَرْضِ مَرَحًا ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ ئىنسانلارنى كەمسىتمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھاكاۋۇرلارنى ۋە مەنمەنچىلەرنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.
سەبەئ سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا لِلَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا أَنَحْنُ صَدَدْنَاكُمْ عَنِ الْهُدَىٰ بَعْدَ إِذْ جَاءَكُمْ ۖ بَلْ كُنْتُمْ مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كۈچلۈكلەر ئاجىزلارغا: «سىلەرگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن بىز سىلەرنى ئۇنىڭدىن توستۇقمۇ؟ ھەرگىز توسمىدۇق، سىلەر ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلغۇچى بولدۇڭلار» دەيدۇ[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: چوڭچىلىق قىلغانلار بوزەك قىلىنغانلارغا: «سىلەرگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن بىز سىلەرنى ئۇنىڭدىن توستۇقمۇ؟ بەلكى سىلەر ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلغۇچى بولدۇڭلار» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: چوڭچىلىق قىلغانلار بوزەك قىلىنغانلارغا: «سىلەرگە توغرا يول كۆرسىتىلگەندە سىلەرنى ئۇنىڭدىن بىز توستۇقمۇ؟ ياق، بەلكى ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلاتتىڭلار» دەيدۇ.
34 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا فِي قَرْيَةٍ مِنْ نَذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتْرَفُوهَا إِنَّا بِمَا أُرْسِلْتُمْ بِهِ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قايسى شەھەرگە بولمىسۇن، بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەكلا ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز» دېدى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: قايسى شەھەرگە بولمىسۇن، بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەكلا ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز قانداقلا يۇرتقا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرى: «بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېدى.
34 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا نَحْنُ أَكْثَرُ أَمْوَالًا وَأَوْلَادًا وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز ئەڭ كۆپ، بىز ئازابلانمايمىز» دېدى[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز ئەڭ كۆپ، بىز ئازابلانمايمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز كۆپ، بىز ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغان كىشىلەر ئەمەس» دېدى.
فاتىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
اسْتِكْبَارًا فِي الْأَرْضِ وَمَكْرَ السَّيِّئِ ۚ وَلَا يَحِيقُ الْمَكْرُ السَّيِّئُ إِلَّا بِأَهْلِهِ ۚ فَهَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا سُنَّتَ الْأَوَّلِينَ ۚ فَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّتِ اللَّهِ تَبْدِيلًا ۖ وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّتِ اللَّهِ تَحْوِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (بۇنداق بولۇشى) ئۇلارنىڭ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقلىرى ۋە ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەنلىكلىرىدىندۇر. ھىيلە ـ مىكىرنىڭ ۋابالى پەقەت ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئۇلار پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە قوللىنىلغان (ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت) يولىنىلا كۈتىدۇ، ئاللاھنىڭ (مەخلۇقاتلار ئۈستىدە قوللانغان) يولىدا ھەرگىزمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى كۆرمەيسەن، ئاللاھ يولىدا ھەرگىز يۆتكىلىشنىمۇ (يەنى ئازابنىڭ ئازابقا تېگىشلىك بولغانلار ئۈستىدىن باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۆتكىلىشىنى) كۆرمەيسەن[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: زېمىندا تېخىمۇ چوڭچىلىق قىلدى ۋە يامان ئىشلارنى تېخىمۇ كۆپ پىلانلىدى. ھالبۇكى، يامان پىلان پەقەت پىلانلىغۇچىسىنىلا نابۇت قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكىلەرگە ئىجرا قىلغان ئۆزگەرمەس قانۇنىنىڭ ئۆزلىرىگە ئىجرا قىلىنىشىنىلا كۈتۈۋاتىدۇ. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ تېگىشلىك بولغانلارغا ئىجرا قىلىنمغانلىقىنى كۆرەلمەيسەن. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ تېگىشلىك بولمىغانلارغا ئىجرا قىلىنغانلىقىنىمۇ كۆرەلمەيسەن.
ساففات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمْ كَانُوا إِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ يَسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە، (كەلىمە تەۋھىدتىن) تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېيىلسە، ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئۇلارغا: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېيىلسە، تەكەببۇرلۇق قىلاتتى
ساد سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
بَلِ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي عِزَّةٍ وَشِقَاقٍ
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى كاپىرلار ئىماندىن باش تارتماقتا ۋە (رەسۇلۇللاھقا) مۇخالىپەتچىلىك قىلماقتا[2].
ئەنەس ئالىم: ئىش كافىرلار دېگەندەك ئەمەس، بەلكى كافىرلار مەغرۇرلانماقتا ۋە قارشى تۇرماقتا.
38 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا إِبْلِيسَ اسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت ئىبلىسلا بويۇنتاۋلىق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت ئىبلىسلا بويۇنتاۋلىق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئىبلىس سەجدە قىلمىدى. ئۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كافىرلاردىن بولدى.
38 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا إِبْلِيسُ مَا مَنَعَكَ أَنْ تَسْجُدَ لِمَا خَلَقْتُ بِيَدَيَّ ۖ أَسْتَكْبَرْتَ أَمْ كُنْتَ مِنَ الْعَالِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى (ئۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭدىنمۇ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىنمۇ؟»[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى؛ ئۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭدىنمۇ؟ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىنمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان نەرسىگە سەجدە قىلىشتىن سېنى نېمە توستى؟ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتتۇڭمۇ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىنمىدىڭ؟» دېدى.
38 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَنَا خَيْرٌ مِنْهُ ۖ خَلَقْتَنِي مِنْ نَارٍ وَخَلَقْتَهُ مِنْ طِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق، مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئۈستۈن؛ مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى.
زۇمەر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ ضُرٌّ دَعَانَا ثُمَّ إِذَا خَوَّلْنَاهُ نِعْمَةً مِنَّا قَالَ إِنَّمَا أُوتِيتُهُ عَلَىٰ عِلْمٍ ۚ بَلْ هِيَ فِتْنَةٌ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، بىزگە دۇئا قىلىپ (ئىلتىجا قىلىدۇ)، ئاندىن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ بىرەر نېمىتىمىزنى ئاتا قىلساق، ئۇ: «بۇ نېمەت ماڭا ئۆز ئىلمىمدىن (يەنى پەزلىمدىن، ئەمگىكىمدىن، تىرىشچانلىقىمدىن، رىزىق تېپىشنىڭ يوللىرىنى بىلگەنلىكىمدىن) كەلدى» دەيدۇ. (ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس) بەلكى ئۇ سىناقتۇر (يەنى نېمەت ئاتا قىلىش بىلەن، ئۇنى ئىتائەت قىلامدۇ؟ ئاسىيلىق قىلامدۇ؟ دەپ سىنايمىز). لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، بىزگە دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ بىرەر نېمىتىمىزنى ئاتا قىلساق، ئۇ: «بۇ نېمەت ماڭا ئۆز ئىلمىمدىن كەلدى» دەيدۇ. ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر سىناقتۇر لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانغا بىرەر زىيان يەتسە بىزگە دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن بىز ئۇنىڭغا ئۆز تەرىپىمىزدىن نېمەت ئاتا قىلساق «مەن بۇنىڭغا ئۆز بىلىمىم بىلەن ئېرىشتىم» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ سىناقتۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
39 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
بَلَىٰ قَدْ جَاءَتْكَ آيَاتِي فَكَذَّبْتَ بِهَا وَاسْتَكْبَرْتَ وَكُنْتَ مِنَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: دۇرۇس، ھەقىقەتەن ساڭا مېنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىم (يەنى ھىدايەتكە سەۋەب بولىدىغان قۇرئان) كەلدى. سەن ئۇلارنى ئىنكار قىلدىڭ، بويۇنتاۋلىق قىلدىڭ، سەن كاپىرلاردىن بولدۇڭ[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: دۇرۇس، ھەقىقەتەن ساڭا مېنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىم كەلدى. سەن ئۇلارنى ئىنكار قىلدىڭ، بويۇنتاۋلىق قىلدىڭ، سەن كاپىرلادىن بولدۇڭ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: ‹ياق، ئۇنداق ئەمەس! ئۆز ۋاقتىدا ساڭا ئايەتلىرىم كەلدى، لېكىن سەن ئۇلارنى يالغان دېدىڭ، ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتتۇڭ ۋە تۇزكورلاردىن بولدۇڭ›».
39 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
قِيلَ ادْخُلُوا أَبْوَابَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ فَبِئْسَ مَثْوَى الْمُتَكَبِّرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببىرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببىرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار! سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر. مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ.
غافىر سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِي أَقْتُلْ مُوسَىٰ وَلْيَدْعُ رَبَّهُ ۖ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَنْ يُظْهِرَ فِي الْأَرْضِ الْفَسَادَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا -ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن- رەببىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار مۇسانى ئۆلتۈرۈۋېتەي. مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن».
40 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَانٍ أَتَاهُمْ ۖ كَبُرَ مَقْتًا عِنْدَ اللَّهِ وَعِنْدَ الَّذِينَ آمَنُوا ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ قَلْبِ مُتَكَبِّرٍ جَبَّارٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۆمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ (ئىماندىن باش تارتقان)، (بەندىلەرگە) زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن قارىسىغا جاڭجاللىشىدىغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۇئمىنلارنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، مۇتەكەببىرلىك ۋە زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تارتىشىدىغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ۋە مۇئمىنلارنىڭ نەزىرىدە نېمىدېگەن چوڭ نەپرەتلىنەرلىك ئىش! ئاللاھ تەكەببۇرلۇق ۋە زومىگەرلىك قىلغۇچى كىشىنىڭ قەلبىنى ئەنە شۇنداق پۈتۈنلەي پېچەتلىۋېتىدۇ».
40 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَا هَامَانُ ابْنِ لِي صَرْحًا لَعَلِّي أَبْلُغُ الْأَسْبَابَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى[36ـ37].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى ھامان! ماڭا ئېگىز بىر بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا؛ ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى ھامان! مەن ئۈچۈن بىر ساراي سالغىن، يوللارنى تاپاي،
40 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
أَسْبَابَ السَّمَاوَاتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُ كَاذِبًا ۚ وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوءُ عَمَلِهِ وَصُدَّ عَنِ السَّبِيلِ ۚ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِي تَبَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى[36ـ37].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەلەشىم مۇمكىن. چۈنكى مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن». پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى ۋە يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى بىكارغىلا كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ يوللىرىنى. ئاندىن چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. مەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن». فىرئەۋنگە ئۆزىنىڭ يامان ئەمىلى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇ توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. فىرئەۋننىڭ ھىيلىسى بەربات بولدى.
40 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يَتَحَاجُّونَ فِي النَّارِ فَيَقُولُ الضُّعَفَاءُ لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنْتُمْ مُغْنُونَ عَنَّا نَصِيبًا مِنَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىز (ئەگەشكۈچىلەر) ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىدىن بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىزلار ھاكاۋۇرلارغا: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىنىڭ بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئوتنىڭ ئىچىدە بىر - بىرلىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ: ئاجىزلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلارغا: «ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار ئىدۇق. ھازىر سىلەر بىزنى بۇ ئوتنىڭ بىر قىسمىدىن بولسىمۇ قۇتقۇزالامسىلەر؟» دەيدۇ.
40 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَانٍ أَتَاهُمْ ۙ إِنْ فِي صُدُورِهِمْ إِلَّا كِبْرٌ مَا هُمْ بِبَالِغِيهِ ۚ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار، ئۇلار (ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت) مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ئاللاھقا سىغىنىپ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن)، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن قارىسىغا جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار، ئۇلار -ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت- مەقسەتلىرىگە يېتەلمەيدۇ، شۇڭا ئاللاھ بىلەن پاناھ تىلىگىن، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرىگە كەلگەن ھېچبىر دەلىل بولماستىن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تارتىشىدىغانلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە كىبىر بار. ئۇلار ھەرگىز مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. ئۇ ھالدا ئاللاھقا سېغىنغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
40 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ»[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ھالەنكى رەببىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلار مۇنداق دېدى: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، ئىجابەت قىلاي. ماڭا ئىبادەت قىلىشتىن ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتىدىغانلار خارلىق ئىچىدە جەھەننەمگە كىرىدۇ».
40 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَفْرَحُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَبِمَا كُنْتُمْ تَمْرَحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە (گۇناھ قىلىپ پۇل ـ مالنى ھارام يوللارغا سەرپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن) خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئازاب سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۇ ئازاب سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە كۆرەڭلىگەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈندۇر.
40 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
ادْخُلُوا أَبْوَابَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ فَبِئْسَ مَثْوَى الْمُتَكَبِّرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ ئۇ يەردە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببۇرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان![76]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن مەڭگۇ قالغۇچىلار بولغان ھالدا كىرىڭلار، مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان؟
ئەنەس ئالىم: جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر». ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!
40 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَرِحُوا بِمَا عِنْدَهُمْ مِنَ الْعِلْمِ وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەندە، ئۆزلىرىدە بار ئىلىم بىلەن پەخىرلىنىپ (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە مەسخىرە قىلدى)، ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان (ۋە كەلسە دەپ ئالدىرىغان) ئازاب نازىل بولدى[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىدە بار ئىلىم بىلەن پەخىرلەندى، ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب نازىل بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىدە بار بولغان ئىلىم بىلەن كۆرەڭلەپ كېتىشتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى.
فۇسسىلەت سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا عَادٌ فَاسْتَكْبَرُوا فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَقَالُوا مَنْ أَشَدُّ مِنَّا قُوَّةً ۖ أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّ اللَّهَ الَّذِي خَلَقَهُمْ هُوَ أَشَدُّ مِنْهُمْ قُوَّةً ۖ وَكَانُوا بِآيَاتِنَا يَجْحَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاد بولسا زېمىندا (ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ھۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلارغا) ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ ـ قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاد بولسا زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ ـ قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلاتتى
ئەنەس ئالىم: ئاد بولسا، زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلدى ۋە «بىزدىن كۈچلۈك كىم بار؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلاتتى.
41 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنِ اسْتَكْبَرُوا فَالَّذِينَ عِنْدَ رَبِّكَ يُسَبِّحُونَ لَهُ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَهُمْ لَا يَسْأَمُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلىپ (ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) باش تارتسا، پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) كېچە ـ كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلسا، بىلسۇنكى، رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر كېچە - كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار چوڭچىلىق قىلسا، رەببىڭنىڭ يېنىدىكىلەر كېچە - كۈندۈز ھېچ زېرىكمەستىن ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ.
41 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَذَقْنَاهُ رَحْمَةً مِنَّا مِنْ بَعْدِ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُ لَيَقُولَنَّ هَٰذَا لِي وَمَا أَظُنُّ السَّاعَةَ قَائِمَةً وَلَئِنْ رُجِعْتُ إِلَىٰ رَبِّي إِنَّ لِي عِنْدَهُ لَلْحُسْنَىٰ ۚ فَلَنُنَبِّئَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِمَا عَمِلُوا وَلَنُذِيقَنَّهُمْ مِنْ عَذَابٍ غَلِيظٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا (قىيامەت بولۇپ) مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ سەئيى - ئىجتىھاتىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا قىيامەت بولۇپ مەن رەببىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. لېكىن ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇنىڭغا، بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ: «مەن بۇنى ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن قولغا كەلتۈردۈم. مەن قىيامەتنى قايىم بولىدۇ دەپ ئويلىمايمەن. ناۋادا قىيامەت قايىم بولۇپ مەن رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلغان تەقدىردە، مەن ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىمەن» دەيدۇ. بىز كافىرلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز ۋە ئۇلارغا دەھشەتلىك ئازابتىن تېتىتىمىز.
زۇخرۇف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَوْلَا نُزِّلَ هَٰذَا الْقُرْآنُ عَلَىٰ رَجُلٍ مِنَ الْقَرْيَتَيْنِ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر (يەنى مەككە بىلەن تائىف ئادەملىرىدىن) بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟ » دېيىشتى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر -مەككە بىلەن تائىف ئادەملىرىدىن- بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرئان نېمىشقا شۇ ئىككى يۇرتتىن كاتتا بىر ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى.
43 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَادَىٰ فِرْعَوْنُ فِي قَوْمِهِ قَالَ يَا قَوْمِ أَلَيْسَ لِي مُلْكُ مِصْرَ وَهَٰذِهِ الْأَنْهَارُ تَجْرِي مِنْ تَحْتِي ۖ أَفَلَا تُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە (پەخىرلەنگەن ھالدا) نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ (مېنىڭ بۇ بۈيۈكلۈكۈمنى) كۆرمەمسىلەر؟ بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن»[51ـ52].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە پەخىرلەنگەن ھالدا نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن قەۋمىنىڭ ئىچىدە نىدا قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى مەندە ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۆستەڭلەر مېنىڭ ئاستىمدىن ئېقىۋاتمامدۇ؟ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟
43 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ أَنَا خَيْرٌ مِنْ هَٰذَا الَّذِي هُوَ مَهِينٌ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە (پەخىرلەنگەن ھالدا) نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ (مېنىڭ بۇ بۈيۈكلۈكۈمنى) كۆرمەمسىلەر؟ بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن»[51ـ52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا، مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەم- مۇسا- دىن ياخشىراق ئەمەسمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ياكى مەن بۇ ئەرزىمەس ۋە ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان ئادەمدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟
43 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَخَفَّ قَوْمَهُ فَأَطَاعُوهُ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن، قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن، قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن قەۋمىنى بۇ شەكىلدە ئەخمەق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىرئەۋنگە ئىتائەت قىلدى. چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋم ئىدى.
دۇخان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ فِرْعَوْنَ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَالِيًا مِنَ الْمُسْرِفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋن (ئازابى) دىن قۇتقۇزدۇق، پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى[30 ـ 31].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنى پىرئەۋندىن قۇتقۇزدۇق. پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋندىن قۇتقۇزدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ زومىگەر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى.
44 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
ذُقْ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْكَرِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنىڭغا خارلاش ۋە مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) «(بۇ ئازابنى) تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات ئىدىڭ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنىڭغا- : «بۇ ئازابنى تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات ئىدىڭ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «تېتىغىن، سەن ئۆزۈڭچە كۈچلۈك ۋە ئۇلۇغ ئىدىڭ.
جاسىيە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْمَعُ آيَاتِ اللَّهِ تُتْلَىٰ عَلَيْهِ ثُمَّ يُصِرُّ مُسْتَكْبِرًا كَأَنْ لَمْ يَسْمَعْهَا ۖ فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك (كۇفرىدا) چىڭ تۇرىدۇ (گۇمراھلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك كۇفرىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە تىلاۋەت قىلىنغان ئايەتلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ خۇددى ئۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
45 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا أَفَلَمْ تَكُنْ آيَاتِي تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَاسْتَكْبَرْتُمْ وَكُنْتُمْ قَوْمًا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارغا كەلسەك، (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلمىدىمۇ؟ سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتىڭلار، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار» (دېيىلىدۇ)[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلمىدىمۇ؟ سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتتىڭلار، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەرگە ئايەتلىرىم تىلاۋەت قىلىنغان ئەمەسمىدى؟ لېكىن سىلەر چوڭچىلىق قىلدىڭلار ۋە گۇناھكار قەۋم بولدۇڭلار، شۇنداق ئەمەسمۇ!
ئەھقاف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كَانَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَكَفَرْتُمْ بِهِ وَشَهِدَ شَاهِدٌ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَلَىٰ مِثْلِهِ فَآمَنَ وَاسْتَكْبَرْتُمْ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان تۇرسا، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ؟) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن سالام) قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان كەلتۈرسە، سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتساڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ؟) شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئېيتقىنكى: «سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولۇپ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭلار ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى قۇرئاننىڭ بىر ئوخشىشىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان كەلتۈرسە، سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلغان بولساڭلارچۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى توغرا يولغا باشلىمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر بۇ قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بولسا، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى ئۇنىڭ ئوخشىشىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان ئېيتقان بولسا، سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ ئىمان ئېيتمىغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئۆزۈڭلار زۇلۇم قىلغان بولمامسىلەر؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ».
46 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يُعْرَضُ الَّذِينَ كَفَرُوا عَلَى النَّارِ أَذْهَبْتُمْ طَيِّبَاتِكُمْ فِي حَيَاتِكُمُ الدُّنْيَا وَاسْتَمْتَعْتُمْ بِهَا فَالْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ الْهُونِ بِمَا كُنْتُمْ تَسْتَكْبِرُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَبِمَا كُنْتُمْ تَفْسُقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن ئېيتىلىدۇ): «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر»[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە : «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: كافىرلار دوزاخ ئوتىغا توغرىلىنىدىغان كۈنى ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەر دۇنيادىكى ھاياتىڭلاردا ياخشى نەرسىلىرىڭلارنى تۈگەتتىڭلار، دۇنيادا ئۇلار بىلەن كەيپ - ساپا سۈردۈڭلار. ئەمدى بۈگۈن سىلەر خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر. چۈنكى سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلدىڭلار ۋە يولدىن چىقتىڭلار».
قاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
مَنَّاعٍ لِلْخَيْرِ مُعْتَدٍ مُرِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ)[24ـ26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، شەك كەلتۈرگۈچى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ياخشىلىققا توسالغۇ بولغۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، شەك كەلتۈرگۈچى
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَتَوْا عَنْ أَمْرِ رَبِّهِمْ فَأَخَذَتْهُمُ الصَّاعِقَةُ وَهُمْ يَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار (ئازابنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى) كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار رەببىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەببىنىڭ ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى شىددەتلىك گۈلدۈرماما باستى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ تۇراتتى.
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَضْحَكُونَ وَلَا تَبْكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) كۈلەمسىلەر؟ يىغلىمامسىلەر؟[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈلەمسىلەر؟ يىغلىمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: كۈلەمسىلەر، يىغلىمامىسىلەر؟
قەمەر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالُوا أَبَشَرًا مِنَّا وَاحِدًا نَتَّبِعُهُ إِنَّا إِذًا لَفِي ضَلَالٍ وَسُعُرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئارىمىزدىكى (بىزگە ئوخشاش) بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ (ئۇنداق قىلساق) ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھلىققا ۋە ساراڭلىققا مۇپتىلا بولىمىز[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئارىمىزدىكى بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھلىققا ۋە ساراڭلىققا مۇپتىلا بولىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئىچىمىزدىن بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ ئەگەر ئۇنداق قىلساق ئېزىپ كەتكەن ۋە ئۆزىمىزنى ئوتقا ئاتقان بولىمىز.
54 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَنَادَوْا صَاحِبَهُمْ فَتَعَاطَىٰ فَعَقَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بۇرادىرىنى (تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە) چاقىردى. ئۇ قىلىچنى ئېلىپ تۆگىنى بوغۇزلىدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بۇرادىرىنى چاقىردى، ئۇ قىلىچنى ئېلىپ تۆگىنى بوغۇزلىدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلار بۇرادىرىنى چاقىردى. ئۇ ئىشقا كىرىشتى ۋە تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى.
54 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ يَقُولُونَ نَحْنُ جَمِيعٌ مُنْتَصِرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار «بىز (مۇھەممەد ئۈستىدىن) غالىب قەۋممىز» دەمدۇ؟[44]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار :«بىز ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان بىر قەۋممىز» دەمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار: «بىز غەلىبە قىلغۇچى جامائەمىز» دەمدۇ؟
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
لِكَيْلَا تَأْسَوْا عَلَىٰ مَا فَاتَكُمْ وَلَا تَفْرَحُوا بِمَا آتَاكُمْ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھتائالانىڭ ئۇلارنى لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىشى) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ئاللاھ مۇتەكەببىرلەر ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق بولۇشى، قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ئاللاھ مۇتەكەببىرلەرنى ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرماسلىقىڭلار ۋە ئاللاھ ئاتا قىلغان نەرسە بىلەن كۆرەڭلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھاكاۋۇرلارنى ۋە مەنمەنچىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
مۇنافىقۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
63 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا يَسْتَغْفِرْ لَكُمْ رَسُولُ اللَّهِ لَوَّوْا رُءُوسَهُمْ وَرَأَيْتَهُمْ يَصُدُّونَ وَهُمْ مُسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىپ: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ» دېيىلسە، (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) باشلىرىنى چايقايدۇ، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا (دەۋەت قىلىنغان نەرسىدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈسەن[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسۇن» دېيىلگەن چاغدا، ئۇلار باشلىرىنى تولغايدۇ. ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن.
قەلەم سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
عُتُلٍّ بَعْدَ ذَٰلِكَ زَنِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن[10ـ13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە قوپالدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغاندۇر
ئەنەس ئالىم: قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان.
68 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْطَلَقُوا وَهُمْ يَتَخَافَتُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى[23 ـ 24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار مۇنداق پىچىرلاشقان ھالدا يولغا چىقىشتى:
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چۈشتى ۋە ماڭغاچ مۇنداق دەپ پىچىرلىشاتتى:
68 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَغَدَوْا عَلَىٰ حَرْدٍ قَادِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «(مىسكىنلەرنى باغقا كىرىشتىن) توسىيالايمىز دېگەن ئوي بىلەن، ئەتىگەندە تۇرۇشتى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «توسىيالايمىز» دېگەن ئوي بىلەن ئەتىگەندە تۇرۇشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئەتىگەن باردى،
68 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ لَكُمْ فِيهِ لَمَا تَخَيَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى سىلەردە (ئاسماندىن نازىل بولغان) بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىلەرگە (قىيامەت كۈنى) خالىغىنىڭلار بار، دېگەننى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟[37ـ38]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭدا «خالىغىنىڭلار سىلەرنىڭدۇر»، دەپ يېزىلغانمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭدا خالىغىنىڭلار سىلەرنىڭ بولىدۇ دەپ يېزىلغانمۇ؟
مائارىج سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَالِ الَّذِينَ كَفَرُوا قِبَلَكَ مُهْطِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ[36ـ37].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن؟ ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە بويۇنلىرىنى سوزغان ۋە كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككەن ھالدا يۈگۈرىدۇ؟
70 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ عِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ[36ـ37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئوڭدىن ۋە سولدىن توپ - توپ ھالدا.
70 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
أَيَطْمَعُ كُلُّ امْرِئٍ مِنْهُمْ أَنْ يُدْخَلَ جَنَّةَ نَعِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ھەر بىر ئادەم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشنى تەمە قىلامدۇ؟(ئىزاھات:مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۆرىسىگە ھەلقە ـ ھەلقە بولۇپ توپلىشىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالاتتى. ئۇنى ۋە ساھابىلىرىنى مەسخىرە قىلاتتى، ئۇلار: «مۇھەممەد ئېيتقاندەك بۇلار جەننەتكە كىرىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە بۇلاردىن ئىلگىرى بىز كىرىمىز» دەيتتى، بۇ ئايەت شۇلار ھەققىدە نازىل بولغان.)[38]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ھەر بىر ئادەم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشنى تەمە قىلامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن ھەر كىشى نەئىم جەننىتىگە كىرگۈزۈلۈشىنى تەمە قىلامدۇ؟
نوھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنِّي كُلَّمَا دَعَوْتُهُمْ لِتَغْفِرَ لَهُمْ جَعَلُوا أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ وَاسْتَغْشَوْا ثِيَابَهُمْ وَأَصَرُّوا وَاسْتَكْبَرُوا اسْتِكْبَارًا
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، (دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن) بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى. (سۆزۈمنى ئاڭلىماسلىق ياكى مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن) كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى. (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى، چوڭچىلىق قىلىپ (ئىماندىن) تېخىمۇ باش تارتتى[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى ۋە كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى، كۇفرىدا چىڭ تۇردى ۋە چوڭچىلىق قىلىپ تېخىمۇ باش تارتتى
ئەنەس ئالىم: سېنىڭ ئۇلارغا مەغپىرەت قىلىشىڭ ئۈچۈن مەن قاچانىكى ئۇلارنى دەۋەت قىلسام، ئۇلار بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالدى، كىيىملىرىگە يۆگىنىۋالدى، چىڭ تۇردى ۋە بەك چوڭچىلىق قىلدى.
مۇدەسسىر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
ذَرْنِي وَمَنْ خَلَقْتُ وَحِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرەنى) ماڭا قويۇۋەت[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى ماڭا قويۇۋەت
ئەنەس ئالىم: مېنى، مەن يالغۇز ياراتقان ئادەم بىلەن قويۇۋەتكىن.
74 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ يَطْمَعُ أَنْ أَزِيدَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەمما ئۇ زىيادە قىلىشىمنى تەمە قىلماقتا.
74 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى[22]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى،
74 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَدْبَرَ وَاسْتَكْبَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى (پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى[23]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئارقىسىنى قىلدى ۋە كىبىرلەندى،
قىيامەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ ذَهَبَ إِلَىٰ أَهْلِهِ يَتَمَطَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن كېرىلگەن ھالدا يېقىن - يورۇقلىرىنىڭ يېنىغا باردى.
نازىئات سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَدْبَرَ يَسْعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن پىرئەۋن (مۇسادىن) يۈز ئۆرۈپ (ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىشكە) كىرىشتى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن پىرئەۋن ئالدىرىغان ھالدا يۈز ئۆرۈپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئىشقا كىرىشىش ئۈچۈن ئارقىسىنى قىلىپ كەتتى،
79 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَحَشَرَ فَنَادَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ سېھرىگەرلەرنى، ئەسكەرلىرىنى، تەۋەلىرىنى) توپلىدى ھەم نىدا قىلىپ[23]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇ - ئادەملىرىنى- توپلىدى ھەم نىدا قىلىپ دېدىكى:
ئەنەس ئالىم: ئاندىن توپلىدى، ئاندىن نىدا قىلدى:
79 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالَ أَنَا رَبُّكُمُ الْأَعْلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: دېدى: «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك رەببىڭلاردۇرمەن»
ئەنەس ئالىم: «مەن سىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك رەببىڭلاردۇرمەن» دېدى.
ئەبەسە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّا مَنِ اسْتَغْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)[5ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك،
فەجر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ طَغَوْا فِي الْبِلَادِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شەھەرلەردە ھەددىدىن ئاشقان
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، شەھەرلەردە ھەددىدىن ئاشتى،
بەلەد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
90 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
أَيَحْسَبُ أَنْ لَنْ يَقْدِرَ عَلَيْهِ أَحَدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟[5]
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئۇ «ماڭا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ» دەپ ئويلامدۇ؟
90 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَقُولُ أَهْلَكْتُ مَالًا لُبَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: «كۆپ مال سەرپ قىلدىم» دەيدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «مەن دۆۋە-دۆۋە مال تۈگەتتىم» دەيدۇ4.
90 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
أَيَحْسَبُ أَنْ لَمْ يَرَهُ أَحَدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئۆزىنىڭ (مال) سەرپ قىلغانلىقىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى دەپ ئويلامدۇ؟[7]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئۆزىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى دەپ ئويلامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ «مېنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ» دەپ ئويلامدۇ؟
لەيل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
92 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا مَنْ بَخِلَ وَاسْتَغْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك[8ـ9]،
تەرجىمە ھەيئىتى: بېخىللىق قىلىپ، ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان ئادەمگە كەلسەك
ئەنەس ئالىم: ئەمما كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىكەن
ئەلەق سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
96 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا إِنَّ الْإِنْسَانَ لَيَطْغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ[6ـ7].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ياق! شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەددىدىن ئاشىدۇ،
96 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ رَآهُ اسْتَغْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ[6ـ7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان ئۆز-ئۆزىگە كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى گۇمان قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۆزىنى بىھاجەت كۆرگەنلىكى ئۈچۈن.
96 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا لَئِنْ لَمْ يَنْتَهِ لَنَسْفَعًا بِالنَّاصِيَةِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن ـ يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز[15 ـ 16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق ئەمەس! ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ جەھەننەمگە سۆرەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇ يانسۇن2! ئەگەر يانمىسا ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ سۆرەيمىز،
ھۇمەزە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
104 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَيْلٌ لِكُلِّ هُمَزَةٍ لُمَزَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: (كىشىلەرنى) ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي![1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ھەر ئەيىبلىگۈچى غەيۋەتخورنىڭ ھالىغا ۋاي!
104 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
يَحْسَبُ أَنَّ مَالَهُ أَخْلَدَهُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مېلى ئۆزىنى (دۇنيادا مەڭگۈ قالدۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ)[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،