ئاللاھنىڭ ھىدايىتى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ئىنسانلارنىڭ قوبۇل قىلىش قابىلىيىتىگە تايىنىدىغان، قەلبنى ھەقىقەتكە يېتەكلەيدىغان ئىلاھىي يۆنىلىش.
ئەرەبچىىسى: الهداية
ئېنگلىزچىسى: Guidance from Allah
173 ئايەت
57 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇق /
- 📄 ئاللاھنىڭ ھىدايىتى
قۇرئان ئايەتلىرى
فاتىھە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
1 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن9:
1 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)[7].
ئەنەس ئالىم: سەن ئىنئام قىلغان10، غەزىپىڭگە يولۇقمىغان11 ۋە ئازمىغانلار12نىڭ يولىغا!
بەقەرە سۈرىسى
16 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ عَلَىٰ هُدًى مِنْ رَبِّهِمْ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار رەببىدىن كەلگەن ھىدايەت ئۈستىدە بولغانلاردۇر5، مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر6.
2 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَا يَسْتَحْيِي أَنْ يَضْرِبَ مَثَلًا مَا بَعُوضَةً فَمَا فَوْقَهَا ۚ فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا فَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّهِمْ ۖ وَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا فَيَقُولُونَ مَاذَا أَرَادَ اللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلًا ۘ يُضِلُّ بِهِ كَثِيرًا وَيَهْدِي بِهِ كَثِيرًا ۚ وَمَا يُضِلُّ بِهِ إِلَّا الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، مۆمىنلەر ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ؛ كاپىرلار بولسا: «ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى (ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن) ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى (ئۇنى تەستىقلىغانلىقتىن) ھىدايەت قىلىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، مۆمىنلەر ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ؛ كافىرلار بولسا: «ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازغۇنلۇقىدا قويىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت تاپقۇزىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازغۇنلۇقىدا قويىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىر پاشىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىن چوڭ ياكى كىچىك نەرسىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشتىن تارتىنمايدۇ. مۇئمىنلار ئۇنىڭ رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كافىرلار بولسا «ئاللاھ بۇنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشتە نېمىنى ئىرادە قىلدى؟» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن فاسىقلارنىلا13 ئازدۇرىدۇ.
2 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْنَا اهْبِطُوا مِنْهَا جَمِيعًا ۖ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ مِنِّي هُدًى فَمَنْ تَبِعَ هُدَايَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) «ھەممىڭلار بۇ يەردىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى (يەنى پەيغەمبەر) كېلىدۇ، يولۇمغا ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ» دېدۇق[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز (ئۇلارغا) «ھەممىڭلار جەننەتتىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى كېلىدۇ، يولۇمغا ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا: «ئۇ يەردىن ھەممىڭلار چۈشۈپ كېتىڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن مەندىن سىلەرگە ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ» دېدۇق.
2 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَالْفُرْقَانَ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن، دەپ مۇساغا ھەقنى، كىتابنى ۋە فۇرقاننى بەردۇق[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، مۇساغا ھەقنى باتىلدىن ئايرىغۇچى كىتاب (يەنى تەۋرات) نى بەرگەن ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ مۇساغا كىتابنى ۋە فۇرقاننى22 بەرگەن ئىدۇق.
2 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنْ تَرْضَىٰ عَنْكَ الْيَهُودُ وَلَا النَّصَارَىٰ حَتَّىٰ تَتَّبِعَ مِلَّتَهُمْ ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى اللَّهِ هُوَ الْهُدَىٰ ۗ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ بَعْدَ الَّذِي جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ ۙ مَا لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا ئەگەشمىگۈچە ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭ يولىدۇر». ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى پاكىتلىق ھەقىقەت ساڭا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن)، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، (سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا كىرمىگۈچە، ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، « پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر». ساڭا ئىلىم (قۇرئان) كەلگەندىن كېيىن، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ يولىغا ئەگەشمىگىچە ئۇلارنىڭ ھېچبىرى سەندىن رازى بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىزكى، توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭلا يولىدۇر». ئەگەر سەن، ساڭا كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، ساڭا ئاللاھ تەرىپىدىن ھېچقانداق ۋەلىي36 ۋە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر.
2 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَرْغَبُ عَنْ مِلَّةِ إِبْرَاهِيمَ إِلَّا مَنْ سَفِهَ نَفْسَهُ ۚ وَلَقَدِ اصْطَفَيْنَاهُ فِي الدُّنْيَا ۖ وَإِنَّهُ فِي الْآخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزىنى ئۆزى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن باش تارتىدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ياخشىلار قاتارىدا بولىدىغانلىقىدا شەك يوق
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن ئۆزىنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ئەخمەقلەردىن باشقا كىم يۈز ئۆرۈيدۇ؟ بىز ئىبراھىمنى دۇنيادا تاللىدۇق. شۈبھىسزكى، ئىبراھىم ئاخىرتتىمۇ ياخشىلاردىن بولىدۇ.
2 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ آمَنُوا بِمِثْلِ مَا آمَنْتُمْ بِهِ فَقَدِ اهْتَدَوْا ۖ وَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا هُمْ فِي شِقَاقٍ ۖ فَسَيَكْفِيكَهُمُ اللَّهُ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (سەن بىلەن) ئاداۋەتتە بولغان بولىدۇ، ئۇلارغا قارشى ئاللاھ ساڭا كۇپايىدۇر. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ھىيلە ـ مىكرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[137].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئەھلى كىتاب سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئىمان ئېيتمىسا، ئەلۋەتتە، قارشى مەيداندا تۇرغان بولىدۇ. ئۇلارغا قارشى تۇرۇشتا ئاللاھ ساڭا كۇپايىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلارمۇ سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا توغرا يولنى تاپقان بولىدۇ، ئەگەر يۈز ئۆرۈسە سىلەردىن ئايرىلغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا قارشى ئاللاھ ساڭا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَقُولُ السُّفَهَاءُ مِنَ النَّاسِ مَا وَلَّاهُمْ عَنْ قِبْلَتِهِمُ الَّتِي كَانُوا عَلَيْهَا ۚ قُلْ لِلَّهِ الْمَشْرِقُ وَالْمَغْرِبُ ۚ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى ئەخمەق كىشىلەر: «ئۇلارنى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۆمىنلەرنى) قاراپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن (يەنى بەيتۇلمۇقەددەستىن) نېمە يۈز ئۆرۈگۈزگەندۇ؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەشرىق ۋە مەغرىب (ھەممە تەرەپ) ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»[142].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى ئەخمەق كىشىلەر: «ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۆمىنلەر) نى يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن (بەيتۇلمۇقەددەستىن) نېمە بۇرىۋەتكەندۇر؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەشرىقمۇ ۋە مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن بىر قىسىم ئەخمەقلەر: «ئۇلارنى44 يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن نېمە يۈز ئۆرۈگۈزگەندۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر. ئۇ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ».
2 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا لِتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ وَيَكُونَ الرَّسُولُ عَلَيْكُمْ شَهِيدًا ۗ وَمَا جَعَلْنَا الْقِبْلَةَ الَّتِي كُنْتَ عَلَيْهَا إِلَّا لِنَعْلَمَ مَنْ يَتَّبِعُ الرَّسُولَ مِمَّنْ يَنْقَلِبُ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ ۚ وَإِنْ كَانَتْ لَكَبِيرَةً إِلَّا عَلَى الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ ۗ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَانَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان تەرەپنى (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسنى) قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئاسىيلىق قىلغانلاردىن (يەنى مۇرتەد بولۇپ كەتكەنلەردىن) ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى. ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا بۇ (يەنى قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى) ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر[143].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرنى توغرا يولغا باشلىغاندەك سىلەرنىڭ كىشىلەرگە شاھىت بولۇشۇڭلار ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئادىل ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان تەرەپ (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) نى قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئىماندىن يېنىۋالغانلاردىن ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى. ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا بۇ قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، بىز سىلەرنى ئوتتۇراھال ئۇممەت45 قىلدۇق. بۇ سىلەرنىڭ ئىنسانلارغا شاھىت بولۇشۇڭلار، رەسۇلنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈندۇر. سەن يۈز كەلتۈرگەن تەرەپنى قىبلە قىلىپ بەلگىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، رەسۇلغا ئەگىشىدىغانلارنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئارقىسىغا يېنىۋالىدىغانلاردىن ئايرىپ بىلىشىمىز ئۈچۈندۇر، خالاس. قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىسىغا چوقۇم ئېغىر كېلىدۇ. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارغا شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
2 : 145 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَتَيْتَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ بِكُلِّ آيَةٍ مَا تَبِعُوا قِبْلَتَكَ ۚ وَمَا أَنْتَ بِتَابِعٍ قِبْلَتَهُمْ ۚ وَمَا بَعْضُهُمْ بِتَابِعٍ قِبْلَةَ بَعْضٍ ۚ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ ۙ إِنَّكَ إِذًا لَمِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كىتاب بېرىلگەنلەرگە بارچە دەلىلنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سېنىڭ قىبلەڭگە بويسۇنمايدۇ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە بويسۇنمايسەن؛ ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ھەم ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنىڭ قىبلىسىگە بويسۇنمايدۇ. ساڭا ئىلىم (ۋەھىي) كەلگەندىن كېيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا بويسۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم زۇلۇم قىلغانلاردىن بولىسەن[145].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كىتاب بېرىلگەنلەرگە بارچە دەلىلنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سېنىڭ قىبلەڭگە يۈزلەنمەيدۇ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈزلەنمەيسەن؛ ئۇلار ھەم ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈزلەنمەيدۇ. ساڭا ئىلىم (يەنى ۋەھيى) كەلگەندىن كېيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن
ئەنەس ئالىم: كىتاب بېرىلگەنلەرگە پۈتكۈل دەلىللەرنى كەلتۈرسەڭمۇ ئۇلار يەنىلا سېنىڭ قىبلەڭگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيسەن. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى يەنە بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. ئەگەر سەن ئۆزۈڭگە كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، بىلىپ قويغىنكى سەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ كېتىسەن.
2 : 150 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ حَيْثُ خَرَجْتَ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَحَيْثُ مَا كُنْتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَيْكُمْ حُجَّةٌ إِلَّا الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ فَلَا تَخْشَوْهُمْ وَاخْشَوْنِي وَلِأُتِمَّ نِعْمَتِي عَلَيْكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلار (يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلار) غا سىلەرگە قارشى دەلىل ـ ئىسپات بولماسلىقى ئۈچۈن، (ئى مۇھەممەد! سەپەر قىلىشقا) قەيەردىن چىقمىغىن، (نامىزىڭدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولماڭلار، (نامىزىڭلاردا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلارلا (قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىۋالىدۇ)، ئۇلاردىن (يەنى زالىملاردىن) قورقماڭلار، (مېنىڭ ئەمرىمنى تۇتۇش بىلەن) مەندىن قورقۇڭلار. (قىبلىنى ئۆزگەرتىشكە ئەمر قىلىشىم) سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزۈشۈم ۋە توغرا يولدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر[150].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارغا سىلەرگە قارشى دەلىل ـ ئىسپات بولماسلىقى ئۈچۈن، (ئى مۇھەممەد!) سەپەرگە قەيەردىن چىققىن، نامىزىڭدا يۈزۈڭنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولۇڭلار، نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى شۇ (ھەرەم مەسجىدى) تەرەپكە قىلىڭلار. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارلا قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىۋالىدۇ، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. (مېنىڭ قىبلىنى ئۆزگەرتىشكە ئەمر قىلىشىم) يەنە سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. بۇ، ئىنسانلارنىڭ سىلەرگە قارشى دەلىلى بولماسلىقى ئۈچۈندۇر. زالىملار مۇستەسنا46. ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. شۇنىڭدەك، بۇ مېنىڭ سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىشىم ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
2 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ عَلَيْهِمْ صَلَوَاتٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَرَحْمَةٌ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار رەببىنىڭ ئىنايىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ. ھىدايەت تاپقۇچىلار ئەنە شۇلاردۇر.
2 : 170 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اتَّبِعُوا مَا أَنْزَلَ اللَّهُ قَالُوا بَلْ نَتَّبِعُ مَا أَلْفَيْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا ۗ أَوَلَوْ كَانَ آبَاؤُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ شَيْئًا وَلَا يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەرقاچان ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىگە (يەنى ۋەھىيگە) ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن قالغان دىنغا ئەگىشىمىز» دېيىشىدۇ. ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىگەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، (يەنە ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟)[170]
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرقاچان مۇشرىكلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىگە ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن قالغان نەرسىگە ئەگىشىمىز» دېيىشىدۇ. ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىگەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، (يەنە ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟)
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق! بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىغا ئەگىشىمىز» دەيدۇ. ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرى ئەقلىنى ھېچ نەرسىگە ئىشلەتمىگەن ۋە ھىدايەت تاپمىغان بولسىمۇ يەنە شۇنداق قىلامدۇ؟
2 : 198 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَبْتَغُوا فَضْلًا مِنْ رَبِّكُمْ ۚ فَإِذَا أَفَضْتُمْ مِنْ عَرَفَاتٍ فَاذْكُرُوا اللَّهَ عِنْدَ الْمَشْعَرِ الْحَرَامِ ۖ وَاذْكُرُوهُ كَمَا هَدَاكُمْ وَإِنْ كُنْتُمْ مِنْ قَبْلِهِ لَمِنَ الضَّالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدە (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھ ئىدىڭلار (ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى گۇمراھلار قاتارىدا ئىدىڭلار)[198].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرۇلھەرامدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھلىقتا ئىدىڭلار
ئەنەس ئالىم: ھەج مەۋسۇمىدە تىجارەت قىلىپ رەببىڭلاردىن ئىلتىپات تەلەپ قىلىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر. ئەرەفاتتىن سەلدەك ئاققان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. ئاللاھنى سىلەرگە كۆرسەتكىنى بويىچە زىكىر قىلىڭلار. سىلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئازغۇنلاردىن ئىدىڭلار.
2 : 213 - ئايەت
كۆرۈش
كَانَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً فَبَعَثَ اللَّهُ النَّبِيِّينَ مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ وَأَنْزَلَ مَعَهُمُ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِيَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ فِيمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ ۚ وَمَا اخْتَلَفَ فِيهِ إِلَّا الَّذِينَ أُوتُوهُ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۖ فَهَدَى اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا لِمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ مِنَ الْحَقِّ بِإِذْنِهِ ۗ وَاللَّهُ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلار (دەسلەپتە) بىر ئۈممەت (يەنى ھەق دىندا) ئىدى (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ، بەزىسى ئىمان ئېيتماي ئىختىلاپ قىلىشتى)، ئاللاھ (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كۇففارلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛ (ئاللاھ) كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا كىتابنى ھەقىقەت بىلەن نازىل قىلدى، پەقەت كىتاب بېرىلگەن كىشىلەرلا ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ (يەنى كاپىرلار مۆمىنلەرگە ھەسەت قىلىپ)، كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۆمىنلەرنى ئۇلار (يەنى گۇمراھلار) ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقىقەتكە ھىدايەت قىلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ[213].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلار دەسلەپتە بىر ئۈممەت ئىدى (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ، بەزىسى ئىمان ئېيتماي ئىختىلاپ قىلىشتى)، ئاللاھ خۇش خەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛ (ئاللاھ) كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇ پەيغەمبەرلەر بىلەن بىللە ھەق يولنى كۆرسەتكۈچى كىتابنى نازىل قىلدى، پەقەت كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىيلارلا ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ، كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۆمىنلەرنى يەھۇدىيلار بىرلىككە كېلەلمىگەن ھەقىقەتكە يېتەكلىدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلار بىر ئۇممەت ئىدى. ئاندىن ئاللاھ خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى نەبىيلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھەقنى كۆرسىتىدىغان كىتابنى، ئىنسانلار ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ نازىل قىلدى. كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارىسىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى ئارقىلىق، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقنى مۇئمىنلارغا كۆرسەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ.
2 : 272 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ عَلَيْكَ هُدَاهُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۗ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ خَيْرٍ فَلِأَنْفُسِكُمْ ۚ وَمَا تُنْفِقُونَ إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ اللَّهِ ۚ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ خَيْرٍ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزەڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير ـ ئېھسان قىلىسىلەر (خەير ـ ئېھسانىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار)، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)[272].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس. لېكىن، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. پۇل-مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير ـ ئېھسان قىلىڭلار، پۇل-مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلساڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈش سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئەمەس. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. قانداق مال چىقىم قىلساڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن چىقىم قىلغان بولىسىلەر. ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا چىقىم قىلىشىڭلار كېرەك. چىقىم قىلغان مېلىڭلارنىڭ ساۋابى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا لَا تُزِغْ قُلُوبَنَا بَعْدَ إِذْ هَدَيْتَنَا وَهَبْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ رَحْمَةً ۚ إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن (بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن دىلىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن بەكمۇ ئاتا قىلغۇچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن قەلبلىرىمىزنى بۇرىۋەتمىگىن. بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. سەن ناھايىتى كۆپ بېغىشلىغۇچىسەن.
3 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُؤْمِنُوا إِلَّا لِمَنْ تَبِعَ دِينَكُمْ قُلْ إِنَّ الْهُدَىٰ هُدَى اللَّهِ أَنْ يُؤْتَىٰ أَحَدٌ مِثْلَ مَا أُوتِيتُمْ أَوْ يُحَاجُّوكُمْ عِنْدَ رَبِّكُمْ ۗ قُلْ إِنَّ الْفَضْلَ بِيَدِ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار بىر ـ بىرىگە ئېيتىدۇ) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشتىن ياكى ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ) (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشىدىن (يەنى مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىدىن قورقساڭلار پەقەت دىنىڭلارغا ئەگەشكەن ئادەمگىلا ئىشىنىڭلار). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل ـ كەرەم (يەنى پەيغەمبەرلىك) ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېيىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشىگە ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىغا ئىشەنمەڭلار (دېيىشىدۇ). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل ـ كەرەم ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». ئاللاھنىڭ كەرىمى كەڭدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەردىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمەڭلار». ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىزكى، پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر». ئۇلار يەنە ئۆزئارا دېيىشتى: «بىرەر كىشىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلگەنلىكىگە ياكى مۇھەممەدكە ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا دەلىل كەلتۈرۈپ سىلەرنى يېڭىۋېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەڭلار». ئېيتقىنكى: «ئىلتىپات ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
كَيْفَ يَهْدِي اللَّهُ قَوْمًا كَفَرُوا بَعْدَ إِيمَانِهِمْ وَشَهِدُوا أَنَّ الرَّسُولَ حَقٌّ وَجَاءَهُمُ الْبَيِّنَاتُ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقاندىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغاندىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كافىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! ئاللاھ بۇنداق زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان، بۇ ئەلچىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كافىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
3 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَيْفَ تَكْفُرُونَ وَأَنْتُمْ تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ آيَاتُ اللَّهِ وَفِيكُمْ رَسُولُهُ ۗ وَمَنْ يَعْتَصِمْ بِاللَّهِ فَقَدْ هُدِيَ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇلۇۋاتقان (يەنى ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالماي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل بولۇۋاتقان) ۋە ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (ھايات) تۇرغان تۇرسا، قانداقمۇ كاپىر بولۇسىلەر؟ كىمكى ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىدىكەن، ئۇ توغرا يولغا يېتەكلەنگەن بولىدۇ[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان ۋە ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تۇرغان ئەھۋالدا، سىلەر قانداقمۇ كافىر بولىسىلەر؟ كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرىدىكەن، ئۇ توغرا يولغا يېتەكلەنگەن بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: قانداقمۇ كافىر بولىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئاراڭلاردا بار! كىم ئاللاھنڭ پاناھىغا سېغىنسا ھىدايەتكە ئېرىشكەن بولىدۇ.
3 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
وَاعْتَصِمُوا بِحَبْلِ اللَّهِ جَمِيعًا وَلَا تَفَرَّقُوا ۚ وَاذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ كُنْتُمْ أَعْدَاءً فَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِكُمْ فَأَصْبَحْتُمْ بِنِعْمَتِهِ إِخْوَانًا وَكُنْتُمْ عَلَىٰ شَفَا حُفْرَةٍ مِنَ النَّارِ فَأَنْقَذَكُمْ مِنْهَا ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر چوڭقۇر دوزاخنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى مانا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا20 ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار ۋە ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار: سىلەر بىر -بىرىڭلارغا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ قەلبىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار. سىلەر يەنە چوڭقۇر ئوتنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئۇ يەردىن قۇتقۇزدى. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. توغرا يولغا كەلگەيسىلەر!
نىسا سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُ اللَّهُ لِيُبَيِّنَ لَكُمْ وَيَهْدِيَكُمْ سُنَنَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَيَتُوبَ عَلَيْكُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە (ھالال ۋە ھارامغا دائىر ئەھكاملارنى) بايان قىلىشنى، سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى پەيغەمبەرلەر ۋە ياخشىلار) نىڭ يوللىرىغا سىلەرنى ھىدايەت قىلىشنى، (گۇناھىڭلاردىن قىلغان) تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ ھەممىنى (يەنى بەندىلىرىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە ئەھكاملارنى ئوچۇق بايان قىلىشنى، سىلەرنى سىلەردىن بۇرۇنقىلارنىڭ يوللىرىغا باشلاشنى، تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە بايان قىلىشنى، سىلەرنى سىلەردىن بۇرۇنقىلارنىڭ يوللىرىغا باشلاشنى ۋە تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُخَفِّفَ عَنْكُمْ ۚ وَخُلِقَ الْإِنْسَانُ ضَعِيفًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى سىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇشنى) خالايدۇ. ئىنسان (نەپسى خاھىشىنى تىزگىنلەشتىن) ئاجىز يارىتىلدى[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى خالايدۇ. (چۈنكى) ئىنسان ئاجىز يارىتىلغاندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يۈكۈڭلارنى يىنىكلىتىشنى خالايدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاجىز يارىتىلدى.
4 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَاذَا عَلَيْهِمْ لَوْ آمَنُوا بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَأَنْفَقُوا مِمَّا رَزَقَهُمُ اللَّهُ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِهِمْ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە ۋە ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن مالدىن سەرپ قىلسا، ئۇلارغا نېمە زىيىنى بولاتتى؟ ئاللاھ ئۇلارنى ئوبدان بىلىدۇ (قىلمىشىغا قاراپ جازالايدۇ)[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە ۋە ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن پۇل-مالنىڭ بىر قىسمىنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلەتسە، ئۇلارغا نېمە زىيىنى بولاتتى؟ ئاللاھ ئۇلارنى ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە، ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن چىقىم قىلسا، ئۇلارغا بۇنىڭ نېمە زىيىنى بولار ئىدى؟ ئاللاھ ئۇلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهَدَيْنَاهُمْ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا ھىدايەت قىلاتتۇق[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا باشلايتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئەلۋەتتە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلاتتۇق.
4 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكَ وَرَحْمَتُهُ لَهَمَّتْ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ أَنْ يُضِلُّوكَ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ ۖ وَمَا يَضُرُّونَكَ مِنْ شَيْءٍ ۚ وَأَنْزَلَ اللَّهُ عَلَيْكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَكَ مَا لَمْ تَكُنْ تَعْلَمُ ۚ وَكَانَ فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكَ عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ساڭا ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم چوقۇم سېنى ئازدۇرۇشنى قەستلەيتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى ئازدۇرىدۇ، ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە غەيب ئىشلارنى) بىلدۈردى. ئاللاھنىڭ ساڭا پەزلى چوڭدۇر[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ساڭا ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم چوقۇم سېنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇناتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆزىنى ئازدۇرىدۇ، ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ساڭا قۇرئاننى ۋە ھېكمەتنى نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى. ئاللاھنىڭ ساڭا قىلغان ئىلتىپاتى كاتتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ساڭا ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ سېنى ئازدۇرۇشقا چوقۇم ئۇرۇناتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ، ئۇلار ساڭا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ساڭا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان پەزلى ھەقىقەتەن چوڭدۇر.
4 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
مُذَبْذَبِينَ بَيْنَ ذَٰلِكَ لَا إِلَىٰ هَٰؤُلَاءِ وَلَا إِلَىٰ هَٰؤُلَاءِ ۚ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇناپىقلار كۇفرى بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، نە ئۇلارغا، نە بۇلارغا مەنسۈپ ئەمەس (يەنى مۆمىنلەرگىمۇ، كاپىرلارغىمۇ مەنسۈپ ئەمەس). كىمنى ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئىكەن (يەنى ئۆزلىرىنىڭ خاتا يولغا كىرىۋالغانلىقلىرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئازغۇنلۇقىدا تاشلىۋەتكەن بولسا)، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن[143].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلار كۇفر بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارغا مۆمىنلەرگىمۇ، كافىرلارغىمۇ تەۋە ئەمەس. كىمنى ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئىكەن، (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىتتىرىلىپ تۇرماقتىدۇر، ئۇلارغىمۇ مەنسۇپ بولالمايدۇ، بۇلارغىمۇ مەنسۇپ بولالمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشى ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولى تاپالمايسەن.
4 : 175 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَاعْتَصَمُوا بِهِ فَسَيُدْخِلُهُمْ فِي رَحْمَةٍ مِنْهُ وَفَضْلٍ وَيَهْدِيهِمْ إِلَيْهِ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئانغا) چىڭ يېپىشقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىگە ۋە نېمىتىگە (يەنى جەننىتىگە) داخىل قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ[175].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھقا بولغان ئىمانىدا چىڭ تۇرغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتى ۋە پەزلى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، توغرا يولغا باشلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭ پاناھىغا سېغىنغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنى رەھمىتى ۋە ئىلتىپاتىغا كىرگۈزىدۇ، ئۇلارنى ئۆزىگە يەتكۈزىدىغان توغرا يولغا باشلايدۇ.
مائىد سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ مَاذَا أُحِلَّ لَهُمْ ۖ قُلْ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ ۙ وَمَا عَلَّمْتُمْ مِنَ الْجَوَارِحِ مُكَلِّبِينَ تُعَلِّمُونَهُنَّ مِمَّا عَلَّمَكُمُ اللَّهُ ۖ فَكُلُوا مِمَّا أَمْسَكْنَ عَلَيْكُمْ وَاذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهِ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە (يېمەك ـ ئىچمەكتىن) نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە (ئىت، قارچىغا، قۇشقا ئوخشاش) شىكارغا ئۆگىتىلگەن، سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنى بويىچە ئۆگەتكەن ئوۋچى جانىۋارلارنىڭ شىكار قىلغان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى. ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلىغان نەرسىلىرىدىن يەڭلار (ئوۋچى جانىۋارلارنى شىكارغا قويۇپ بەرگەن چېغىڭلاردا) ئاللاھنىڭ نامىنى ياد قىلىڭلار (يەنى بىسمىللاھ دەڭلار)، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) تىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر»[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنىدىن ئۆگىتىپ، ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ھايۋانلار سىلەرگە تۇتۇپ بەرگەن ھايۋانلار ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەرگە تۇتۇپ بەرگەن ھايۋاندىن يەڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى ناھايىتى تېزدۇر».
5 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
يَهْدِي بِهِ اللَّهُ مَنِ اتَّبَعَ رِضْوَانَهُ سُبُلَ السَّلَامِ وَيُخْرِجُهُمْ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ بِإِذْنِهِ وَيَهْدِيهِمْ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى تىنچلىق يوللىرى (يەنى ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى) غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقلىرىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ شۇ كىتاب ئارقىلىق رازىلىقىنى ئىزدىگەنلەرنى نىجاتلىق يوللىرىغا يېتەكلەيدۇ. ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفر) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىمان) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ، ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشىنى ئۇ كىتاب بىلەن قۇتۇلۇش يوللىرىغا ئېرىشتۈرىدۇ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ.
5 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الْيَهُودَ وَالنَّصَارَىٰ أَوْلِيَاءَ ۘ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ مِنْكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى ۋەلى قىلىۋالماڭلار. ئۇلار بىر ـ بىرىنىڭ ۋەلىلىرىدۇر. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى ۋەلى قىلىۋالىدىكەن، ئۇمۇ شۇلاردىن سانىلىدۇ، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر ـ بىرىگە يېقىندۇر. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ. ئاللاھ يامان ئىش قىلغان قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! يەھۇدىيلارنى ۋە ناسارالارنى ۋەلىي قىلىۋالماڭلار. ئۇلار بىر - بىرلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. سىلەردىن كىم ئۇلارنى ۋەلىي قىلىۋالىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە ئۇلاردىن بولۇپ كېتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
5 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ ۖ وَإِنْ لَمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ ۚ وَاللَّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، سەن ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپەڭنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى ئەلچى! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى تەبلىغ قىلغىن22. ئەگەر قىلمىساڭ ئۇ تاپشۇرغان ئەلچىلىكنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن. ئاللاھ سېنى ئىنسانلاردىن ساقلايدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ.
5 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَا يَسْتَوِي الْخَبِيثُ وَالطَّيِّبُ وَلَوْ أَعْجَبَكَ كَثْرَةُ الْخَبِيثِ ۚ فَاتَّقُوا اللَّهَ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، گەرچە ھارامنىڭ كۆپلۈكى (ئى تىڭشىغۇچى) سېنى ئەجەبلەندۈرسىمۇ، ھارام بىلەن ھالال باراۋەر ئەمەس. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «گەرچە ناپاك نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكى سېنى تاڭ قالدۇرسىمۇ، ناپاك بىلەن پاك باراۋەر بولالمايدۇ». ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ناپاك بىلەن پاك باراۋەر بولمايدۇ، ناپاكنىڭ كۆپلۈكى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ شۇنداق. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! ئۇنداقتا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر».
5 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا إِلَىٰ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَإِلَى الرَّسُولِ قَالُوا حَسْبُنَا مَا وَجَدْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا ۚ أَوَلَوْ كَانَ آبَاؤُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ شَيْئًا وَلَا يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە ھىدايەت تاپمىغان تۇرسىمۇ (يەنىلا ئۇلارنىڭ دىنىغا ئەمەل قىلامدۇ؟)[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ھىچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە ھىدايەت تاپمىغان تۇرسىمۇ، ئۇلار: «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ.
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە كېلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: «ئاتا -بوۋىلىرىمىزنىڭ يولى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ. ئۇلار، ئاتا - بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمىگەن ۋە ھىدايەت تاپمىغان بولسىمۇ يەنە شۇنداق قىلامدۇ؟
5 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا عَلَيْكُمْ أَنْفُسَكُمْ ۖ لَا يَضُرُّكُمْ مَنْ ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ ۚ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى (گۇناھتىن) ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا ماڭساڭلار، توغرا يولدىن ئاداشقانلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ساقلاڭلار. سىلەر توغرا يولدا بولساڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەر سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
5 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَنْ يَأْتُوا بِالشَّهَادَةِ عَلَىٰ وَجْهِهَا أَوْ يَخَافُوا أَنْ تُرَدَّ أَيْمَانٌ بَعْدَ أَيْمَانِهِمْ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاسْمَعُوا ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (ئۇسۇل) گۇۋاھچىلارنى ئەڭ توغرا گۇۋاھلىق بېرىدىغان قىلىشقا، قىلغان قەسىمىنىڭ رەت قىلىنىشىدىن (يەنى ئۇلاردىن كېيىن باشقىلار قەسەم قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ رەسۋا بولۇشىدىن) قورقىدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىن (ئۇسۇل) دۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) ئاڭلاڭلار. ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئۇسۇل گۇۋاھچىلارنى ئەڭ توغرا گۇۋاھلىق بېرىدىغان قىلىشقا، قىلغان قەسىمىنىڭ كېيىنكى ئىككى گۇۋاھچىنىڭ قەسىمى بىلەن رەت قىلىنىشىدىن قورقىدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) ئاڭلاڭلار. ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقنى ئۆز يولى بىلەن ئادا قىلىشى ئۈچۈن ياكى ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىدىن كېيىن باشقا قەسەملەرنىڭ قىلىنىشىدىن قورقۇشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدۇر33. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە قۇلاق سېلىڭلار. ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
ئەنئام سۈرىسى
21 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَانَ كَبُرَ عَلَيْكَ إِعْرَاضُهُمْ فَإِنِ اسْتَطَعْتَ أَنْ تَبْتَغِيَ نَفَقًا فِي الْأَرْضِ أَوْ سُلَّمًا فِي السَّمَاءِ فَتَأْتِيَهُمْ بِآيَةٍ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَمَعَهُمْ عَلَى الْهُدَىٰ ۚ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْجَاهِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا يەر ئاستىغا كىرىشكە يول ياكى ئاسمانغا چىقىشقا شوتا تېپىپ بىر مۆجىزە كەلتۈرەلىسەڭ (كەلتۈرگىن)، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھىدايەتكە بىرلەشتۈرەتتى. سەن ھەرگىز (ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى) چۈشەنمەيدىغانلاردىن بولمىغىن[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا سەن يەر ئاستىغا كىرىشكە يول ياكى ئاسمانغا چىقىشقا شوتا تېپىپ ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلىسەڭ (كەلتۈرگىن)، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھىدايەتكە يىغقان بولاتتى، شۇڭا سەن ھەرگىز نادانلاردىن بولمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈشى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، سەن يەر ئاستىغا كىرەلەيدىغان تۆشۈك ياكى ئاسمانغا چىقالايدىغان شوتا ئىزدەپ، ئاندىن ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە ئېلىپ كېلىشكە كۈچۈڭ يەتسە شۇنداق قىلغىن. ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلارنى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرەتتى. ئۇنداقتا جاھىللاردىن بولمىغىن!
6 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا يَسْتَجِيبُ الَّذِينَ يَسْمَعُونَ ۘ وَالْمَوْتَىٰ يَبْعَثُهُمُ اللَّهُ ثُمَّ إِلَيْهِ يُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (سۆزۈڭگە) ھەقىقىي قۇلاق سالىدىغانلار (سېنىڭ دەۋىتىڭنى) قوبۇل قىلىدۇ (سۆزۈڭگە قۇلاق سالمىغانلار ئۆلۈكلەرنىڭ ئورنىدا)، ئۆلۈكلەرنى ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ سۆزۈڭگە ھەقىقىي قۇلاق سالىدىغانلار دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۆلۈكلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: پەقەت ئاڭلايدىغان كىشىلەرلا دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۆلۈكلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدۇ.
6 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا صُمٌّ وَبُكْمٌ فِي الظُّلُمَاتِ ۗ مَنْ يَشَإِ اللَّهُ يُضْلِلْهُ وَمَنْ يَشَأْ يَجْعَلْهُ عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار گاسلاردۇر (يەنى قوبۇل قىلىش يۈزىسىدىن ئاڭلىمايدۇ)، گاچىلاردۇر (يەنى ھەقنى سۆزلىمەيدۇ). ئۇلار (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە قالغانلاردۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى (زالالەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى (ھىدايەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) توغرا يولغا سالىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بولسا بەئەينى زۇلمەت ئىچىدە قالغان گاس ۋە گاچىلاردۇر. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ئازغۇنلۇقىدا قويىدۇ، خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا سالىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر گاسلاردۇر، گاچىلاردۇر، قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يول ئۈستىدە قىلىدۇ.
6 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۚ قُلْ لَا أَتَّبِعُ أَهْوَاءَكُمْ ۙ قَدْ ضَلَلْتُ إِذًا وَمَا أَنَا مِنَ الْمُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قايرىپ قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەن ھەقىقەتەن مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن»[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قايرىپ قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەن ھەقىقەتەن مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلارغا چوقۇنۇشتىن قەتئىي مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنىڭ خاھىشلىرىڭلارغا ئەگەشمەيمەن. ناۋادا ئەگەشسەم ئەلۋەتتە ئېزىپ كەتكەن بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولماي قالىمەن».
6 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَنَدْعُو مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنْفَعُنَا وَلَا يَضُرُّنَا وَنُرَدُّ عَلَىٰ أَعْقَابِنَا بَعْدَ إِذْ هَدَانَا اللَّهُ كَالَّذِي اسْتَهْوَتْهُ الشَّيَاطِينُ فِي الْأَرْضِ حَيْرَانَ لَهُ أَصْحَابٌ يَدْعُونَهُ إِلَى الْهُدَى ائْتِنَا ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى اللَّهِ هُوَ الْهُدَىٰ ۖ وَأُمِرْنَا لِنُسْلِمَ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلامدۇق؟ بىزنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ (يەنى مۇرتەد بولامدۇق؟) (مۇبادا بىز شۇنداق قىلىدىغان بولساق، مۇنداق) بىر ئادەمگە: شەيتانلار ئۇنى بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، (چۆلدە ئۇ) تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان (ئۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلماي ئاخىر ھالاك بولغان ئادەمگە) ئوخشاپ قالىمىز. (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ھەقىقەتەن ھەقىقىي ھىدايەتتۇر. بىز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلامدۇق؟ بىزنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ شۇنداق قىلىدىغان بولساق، شەيتانلار بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، چۆلدە تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان ئادەمگە ئوخشاپ قالىمىز. (بۇ كافىرلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ ھىدايىتىلا ھەقىقىي ھىدايەتتۇر، بىز ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلامدۇق؟ ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ شەيتانلار خاھىشىغا ئەگەشتۈرۈپ چۆلدە تېڭىرقىغان ھالىتىدە تاشلىۋەتكەن، دوستلىرى: ‹يېنىمىزغا كەل› دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان ئادەمدەك بولامدۇق؟» ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىزكى، پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر. بىز ئالەملەرنىڭ رەببىگە تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇلدۇق،
6 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَأَى الْقَمَرَ بَازِغًا قَالَ هَٰذَا رَبِّي ۖ فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَئِنْ لَمْ يَهْدِنِي رَبِّي لَأَكُونَنَّ مِنَ الْقَوْمِ الضَّالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولىدىكەنمەن» دېدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاينىڭ چىققانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولۇپ قالىدىكەنمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن چىقىۋاتقان ئاينى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. ئۇمۇ پېتىپ كېتىۋېدى: «رەببىم ماڭا توغرا يولنى كۆرسەتمىسە، مەن چوقۇم ئېزىپ كەتكۈچى قەۋمدىن بولۇپ كېتىمەن» دېدى.
6 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ آمَنُوا وَلَمْ يَلْبِسُوا إِيمَانَهُمْ بِظُلْمٍ أُولَٰئِكَ لَهُمُ الْأَمْنُ وَهُمْ مُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئازابتىن ئەمىن بولۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا شېرىك ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا كۇفرلىق ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە ئەمىنلىك باردۇر. ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانىغا زۇلۇم10 ئارىلاشتۇرمىغانلارغا خاتىرجەملىك بار. ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى كىشىلەردۇر.
6 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَتِلْكَ حُجَّتُنَا آتَيْنَاهَا إِبْرَاهِيمَ عَلَىٰ قَوْمِهِ ۚ نَرْفَعُ دَرَجَاتٍ مَنْ نَشَاءُ ۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز قەۋمىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىبراھىمغا بەرگەن دەلىلىمىز ئەنە شۇدۇر، خالىغان كىشىمىزنى بىر قانچە دەرىجە كۆتۈرىمىز، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز قەۋمىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىبراھىمغا بەرگەن دەلىلىمىز ئەنە شۇدۇر. بىز خالىغان كىشىنى بىر قانچە دەرىجە كۆتۈرىمىز، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ بىزنىڭ دەلىلىمىزدۇر. بىز ئۇنى ئىبراھىمغا قەۋمىگە قارشى بەردۇق. بىز ئۆزىمىز خالىغان كىشىنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
6 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۚ كُلًّا هَدَيْنَا ۚ وَنُوحًا هَدَيْنَا مِنْ قَبْلُ ۖ وَمِنْ ذُرِّيَّتِهِ دَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ وَأَيُّوبَ وَيُوسُفَ وَمُوسَىٰ وَهَارُونَ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. (ئىبراھىمدىن) ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلدۇق. ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلايمان، ئەييۇب، يۈسۈف، مۇسا، ھارۇنلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى بەخش ئەتتۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. بىز ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلغان، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۈسۈف، مۇسا، ھارۇنلارنى ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ھەممىسىنى ھىدايەت قىلدۇق. بىز ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. بىز ئۇنىڭ نەسلىدىن داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا ۋە ھارۇنلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
6 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِسْمَاعِيلَ وَالْيَسَعَ وَيُونُسَ وَلُوطًا ۚ وَكُلًّا فَضَّلْنَا عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىسمائىل، ئىليەسە، يۇنۇس ۋە لۇتلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنى (ئۆز زامانىدىكى) تامامى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسمائىل، ئەليەسەئ، يۇنۇس ۋە لۇتلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسمائىل، ئەليەسەئـ، يۇنۇس ۋە لۇتلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ھەربىرىنى زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق.
6 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آبَائِهِمْ وَذُرِّيَّاتِهِمْ وَإِخْوَانِهِمْ ۖ وَاجْتَبَيْنَاهُمْ وَهَدَيْنَاهُمْ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن بەزىلىرىنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىدۇق[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن بەزىلىرىنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى، نەسىللىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ بەزىسىنىمۇ ئۈستۈن قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق.
6 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ هُدَى اللَّهِ يَهْدِي بِهِ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۚ وَلَوْ أَشْرَكُوا لَحَبِطَ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ توغرا يولى ئەنە شۇدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى شۇ يولغا باشلايدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى شۇ پەيغەمبەرلەر) شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى، ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ توغرا يولى ئەنە شۇدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى شۇ يولغا باشلايدۇ. ناۋادا شۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى.
6 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ ۖ فَبِهُدَاهُمُ اقْتَدِهْ ۗ قُلْ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا ۖ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرَىٰ لِلْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، قۇرئان پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر»[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ توغرا يولغا باشلىغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «قۇرئاننى يەتكۈزگىنىمگە سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، قۇرئان پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ توغرا يولىغا ئەگەشكىن ۋە ئېيتقىنكى: «مەن سىلەردىن قۇرئان يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن ئەجىر سورىمايمەن. قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن پەقەتلا ئەسلىتىشتۇر»12.
6 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ جَاءَكُمْ بَصَائِرُ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ فَمَنْ أَبْصَرَ فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ عَمِيَ فَعَلَيْهَا ۚ وَمَا أَنَا عَلَيْكُمْ بِحَفِيظٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى پەيغەمبەر، ئېيتقىنكى) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (ھىدايەتنى ئازغۇنلۇقتىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر كەلدى، كىمكى ھەقنى كۆرۈپ ئىمان ئېيتسا ئۆزىگە پايدا، كىمكى ئۇنىڭدىن كۆز يۇمسا (يەنى باش تارتسا) ئۆزىگە زىيان. مەن سىلەرگە (ئەمەلىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان) كۆزەتچى ئەمەسمەن (پەقەت سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرمەن)[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھىدايەتنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر كەلدى، كىمكى ھەقنى كۆرۈپ ئىمان ئېيتسا، ئۆزىگە پايدا؛ كىمكى ئۇنىڭدىن كۆز يۇمسا، ئۆزىگە زىيان. مەن سىلەرگە كۆزەتچى ئەمەسمەن»
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر كەلدى. كىم ھەقىقەتنى كۆرسە پايدىسى ئۆزىگە، كىم ھەقىقەتكە كۆز يۇمسا زىيىنى ئۆزىگە. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا كۆزەتكۈچى ئەمەسمەن!
6 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ تُطِعْ أَكْثَرَ مَنْ فِي الْأَرْضِ يُضِلُّوكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنْ يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَخْرُصُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر (يەنى كۇففارلار) گە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، ئۇلار پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيدۇ[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە (يەنى كافىرلارغا) ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ؛ ئۇلار خىيالىي پەرەزگىلا ئەگىشىدۇ، يالغانلا سۆزلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكىگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىۋېتىدۇ. ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. ئۇلار پەقەت بىلجىرلايدۇ.
6 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ مَنْ يَضِلُّ عَنْ سَبِيلِهِ ۖ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ھەقىقەتەن ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يول تاپقانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ھەقىقەتەن ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يول تاپقانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
6 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَمَنْ كَانَ مَيْتًا فَأَحْيَيْنَاهُ وَجَعَلْنَا لَهُ نُورًا يَمْشِي بِهِ فِي النَّاسِ كَمَنْ مَثَلُهُ فِي الظُّلُمَاتِ لَيْسَ بِخَارِجٍ مِنْهَا ۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلْكَافِرِينَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كافىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم بىلەن زۇلمەتتە قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم ئوخشاشمۇ؟ كافىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۆلۈك ئىكەن بىز تىرىلدۈرگەن، بىز ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا مېڭىشى ئۈچۈن نۇر بەرگەن كىشى، قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە قېلىپ ئۇلاردىن ھېچ چىقالمىغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كافىرلارغا ئۆز قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى.
6 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ يُرِدِ اللَّهُ أَنْ يَهْدِيَهُ يَشْرَحْ صَدْرَهُ لِلْإِسْلَامِ ۖ وَمَنْ يُرِدْ أَنْ يُضِلَّهُ يَجْعَلْ صَدْرَهُ ضَيِّقًا حَرَجًا كَأَنَّمَا يَصَّعَّدُ فِي السَّمَاءِ ۚ كَذَٰلِكَ يَجْعَلُ اللَّهُ الرِّجْسَ عَلَى الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇ گويا ئاسمانغا چىقىۋاتقاندەك ئۇنىڭ كۆكسىنى تارايتىۋېتىدۇ. (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆڭلى-كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كېڭەيتىدۇ، ئاللاھ كىمنى گۇمراھلىقتا قالدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆڭلى-كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، ئۇنىڭ ئىچى گويا ئۇ ئاسمانغا تېز چىقىۋاتقاندەك سىقىلىدۇ. ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كېڭەيتىدۇ. كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى تارايتىدۇ ۋە سىقىدۇ. ئۇ گويا ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقاندەك بولىدۇ16. ئاللاھ پاسكىنىلىقنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ ئۈستىدە مانا مۇشۇنداق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ 17.
6 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ فَلِلَّهِ الْحُجَّةُ الْبَالِغَةُ ۖ فَلَوْ شَاءَ لَهَدَاكُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(سىلەرنىڭ پاكىتىڭلار بولمىسا) ئاللاھنىڭ ئېنىق پاكىتى بار، ئەگەر ئۇ خالىسا ھەممىڭلارنى، ئەلۋەتتە، ھىدايەت قىلاتتى»[149].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(سىلەرنىڭ پاكىتىڭلار بولمىسا) ئاللاھنىڭ يېتەرلىك پاكىتى بار. ئەگەرئاللاھ خالىسا ھەممىڭلارنى، ئەلۋەتتە، ھىدايەت قىلاتتى»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بار. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ھەممىڭلارنى توغرا يولغا كەلتۈرەتتى»27.
6 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ تَمَامًا عَلَى الَّذِي أَحْسَنَ وَتَفْصِيلًا لِكُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لَعَلَّهُمْ بِلِقَاءِ رَبِّهِمْ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدىغان نېمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ دىنىي ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولغان) ھەر بىر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) ئاتا قىلدۇق[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدىغان نېمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان) ھەربىر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، (ئۇلارنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ياخشىلىق قىلغان كىشىگە نېمەتنى تاماملاش، ھەر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، توغرا يولنى كۆرسىتىش ۋە مەرھەمەت قىلىش ئۈچۈن مۇساغا كىتابنى ئاتا قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇلارنى رەببىگە مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ قىلدۇق.
6 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّنِي هَدَانِي رَبِّي إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ دِينًا قِيَمًا مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۚ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يەنى توغرا دىنغا، باتىل دىنلاردىن توغرا دىنغا بۇرالغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا باشلىدى، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»[161].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا، يەنى توغرا دىنغا - توغرا دىنغا ماڭغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا باشلىدى، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم مېنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلىدى، يەنى رەببىم مېنى توغرا دىنغا، ھەقكە يۆنەلگەن ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئېرىشتۈردى».
ئەئراف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَرِيقًا هَدَىٰ وَفَرِيقًا حَقَّ عَلَيْهِمُ الضَّلَالَةُ ۗ إِنَّهُمُ اتَّخَذُوا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ مُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (سىلەردىن) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى؛ يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، شەيتانلارنى دوست تۇتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىنسانلاردىن) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى، يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى دوست تۇتقان تۇرۇقلۇق، ئۆزىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى ھىدايەت قىلدى. ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى ئېزىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولدى. چۈنكى بۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەلىيلىرى قىلىۋالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ.
7 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَزَعْنَا مَا فِي صُدُورِهِمْ مِنْ غِلٍّ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ ۖ وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي هَدَانَا لِهَٰذَا وَمَا كُنَّا لِنَهْتَدِيَ لَوْلَا أَنْ هَدَانَا اللَّهُ ۖ لَقَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ ۖ وَنُودُوا أَنْ تِلْكُمُ الْجَنَّةُ أُورِثْتُمُوهَا بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكلىرىنى ئېلىپ تاشلىدۇق (يەنى جەننەتكە كىرگەنلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئاغرىق ـ ئاداۋەت بولمايدۇ). ئۇلارنىڭ (سارايلىرى) ئاستىدىن (جەننەتنىڭ) ئۆستەڭلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى بۇ (نېمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇنكى، ئاللاھ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق. ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى» دەيدۇ. ئۇلارغا: «قىلغان ئەمەلىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ›› دەپ نىدا قىلىنىدۇ (يەنى پەرىشتىلەر شۇنداق دەپ نىدا قىلىدۇ)[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكنى ئېلىپ تاشلايمىز. ئۇلارنىڭ (جەننەتتىكى سارايلىرى) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار: «بارلىق ھەمدۇسانا بىزنى يېتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇنكى، ئاللاھ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، بىز توغرا يول تاپالمىغان بولاتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى» دەيدۇ، ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن مىراس قىلىپ بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ» دەپ نىدا قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئاداۋەتلەرنى چىقىرىۋېتىمىز. ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار: «بىزنى بۇنىڭغا ھىدايەت قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن، ئەگەر ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، بىز ھەرگىزمۇ ھىدايەت تاپالمايتتۇق. شۈبھىسىزكى، رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى ھەقنى ئېلىپ كەلگەن» دەيدۇ. ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەرگە ئەمىلىڭلار ئۈچۈن بېرىلگەن جەننەتتۇر» دەپ نىدا قىلىنىدۇ.
7 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا سَكَتَ عَنْ مُوسَى الْغَضَبُ أَخَذَ الْأَلْوَاحَ ۖ وَفِي نُسْخَتِهَا هُدًى وَرَحْمَةٌ لِلَّذِينَ هُمْ لِرَبِّهِمْ يَرْهَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردە ياتقان تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا ‹پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ› دەپ يېزىلغان ئىدى[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردىكى تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ دەپ يېزىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا غەزىپى بېسىققاندا تاختىلارنى ئالدى. ئۇلارغا يېزىلغانلاردا رەببىدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەت بار ئىدى.
7 : 178 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِي ۖ وَمَنْ يُضْلِلْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر[178].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قويغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ كىمنى ئازۇدۇرۇۋەتسە، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنْ تَتَّقُوا اللَّهَ يَجْعَلْ لَكُمْ فُرْقَانًا وَيُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۗ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ئاڭ ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە توغرا بىلەن خاتانى ئايرىش قابىلىيىتى بېرىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ ۋە سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ئىگىسىدۇر.
تەۋبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِلَّ قَوْمًا بَعْدَ إِذْ هَدَاهُمْ حَتَّىٰ يُبَيِّنَ لَهُمْ مَا يَتَّقُونَ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ (يەنى گۇمراھلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۇمراھلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نېمىلەردىن ساقلىنىشى لازىم ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا ئېنىق بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئازدۇرمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
يۇنۇس سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَىٰ دَارِ السَّلَامِ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (كىشىلەرنى) ئامان جايغا (يەنى جەننەتكە) چاقىرىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كىشىلەرنى ئامان جاي - يەنى جەننەت-كە دەۋەت قىلىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ دارۇسسالامغا5 چاقىرىدۇ ۋە خالىغان كىشىنى توغرا يولغا ئېرىشتۈرىدۇ.
10 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هَلْ مِنْ شُرَكَائِكُمْ مَنْ يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ ۚ قُلِ اللَّهُ يَهْدِي لِلْحَقِّ ۗ أَفَمَنْ يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ أَحَقُّ أَنْ يُتَّبَعَ أَمَّنْ لَا يَهِدِّي إِلَّا أَنْ يُهْدَىٰ ۖ فَمَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، « شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدۇ، ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغان زاتقا بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ ياكى ھەق يولغا يېتەكلىيەلمەيدىغان، پەقەت ئۆزى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج بولغان (نەرسىلەرگە) بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمىشقا مۇنداق (باتىل) ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ شىرىكلىرىڭلار ئارىسىدا گۇمراھنى ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھ گۇمراھنى ھەق يولغا يېتەكلەيدۇ، گۇمراھنى ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغان زاتقا بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ ياكى ھەق يولغا يېتەكلىيەلمىگەندىن سىرت، ئۆزىمۇ باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج بولغان كىشىگە بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمىشقا مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە، ھەق يولغا ئېرىشتۈرەلەيدىغان كىشى بارمۇ؟» ئېيتقىنكى: «ھەق يولغا پەقەتلا ئاللاھ ئېرىشتۈرىدۇ. ھەق يولغا ئېرىشتۈرىدىغان زاتقا بويسۇنۇش كېرەكمۇ؟ ياكى توغرا يولغا كەلتۈرۈلمىگۈچە ئۆزى توغرا يولنى تاپالمايدىغان كىشىلەرگە بويسۇنۇش كېرەكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدىكىن، قانداقمۇ بۇنداق ھۆكۈم قىلىدىغانسىلەر؟!
10 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۖ وَمَا أَنَا عَلَيْكُمْ بِوَكِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەق دىن كەلدى، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەسمەن»[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن ھەق دىن كەلدى، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەسمەن»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلاردىن ھەق كەلدى. كىم ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپىدۇ، كىم ئېزىپ كېتىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئېزىپ كېتىدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ۋەكىل ئەمەسمەن».
ھۇد سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّهِ وَيَتْلُوهُ شَاهِدٌ مِنْهُ وَمِنْ قَبْلِهِ كِتَابُ مُوسَىٰ إِمَامًا وَرَحْمَةً ۚ أُولَٰئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِ ۚ وَمَنْ يَكْفُرْ بِهِ مِنَ الْأَحْزَابِ فَالنَّارُ مَوْعِدُهُ ۚ فَلَا تَكُ فِي مِرْيَةٍ مِنْهُ ۚ إِنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن روشەن دەلىل (يەنى قۇرئان) غا ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (ھاياتىي دۇنيانى كۆزلەيدىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟). ئۇنىڭغا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن گۇۋاھلىق بەرگۈچى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام) قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىدۇ، قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇساغا نازىل قىلىنغان كىتاب (يەنى تەۋرات) (ئىسرائىل ئەۋلادىغا) يېتەكچى ۋە رەھمەت قىلىپ(نازىل قىلىندى)، ئەنە شۇنداق كىشىلەر قۇرئانغا (ھەقىقىي) ئىشىنىدۇ، (ھەرقانداق) جامائەدىن كىمكى قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان جاي دوزاختۇر. قۇرئانغا شەك كەلتۈرمىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببى تەرىپىدىن كەلگەن روشەن دەلىل -قۇرئان- غا ئاساسلانغان ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن گۇۋاھلىق بەرگۈچى -جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام- قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىپ بەرگەن ئادەم، -ھاياتىي دۇنيانى كۆزلەيدىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟- ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇساغا نازىل قىلىنغان كىتاب-يەنى تەۋرات-، يېتەكچى ۋە رەھمەت قىلىپ -نازىل قىلىنغان ئىدى-، ئەنە شۇنداق كىشىلەر قۇرئانغا ئىشىنىدۇ، كۇففار جامائەلىرىدىن كىمكى قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان جاي دوزاختۇر، شۇڭا قۇرئانغا شەك كەلتۈرمىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنۇ كىشى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ: ئۇ رەببىدىن كەلگەن دەلىلگە ئاساسلىنىدۇ، ئۇنى رەببىدىن كەلگەن شاھىت قوللايدۇ، مۇسانىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل بولغان يېتەكچى ۋە رەھمەت سۈپىتىدىكى كىتابى تەستىقلايدۇ. ئەنە شۇلار قۇرئانغا ئىشىنىدۇ. گۇرۇھلاردىن كىم قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىكەن، دوزاخ ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان جايدۇر. شۇڭا ئۇ قۇرئاندىن ھېچ شۈبھىلەنمىگىن. ئۇ چوقۇم رەببىڭدىن كەلگەن ھەقتۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ.
11 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كُنْتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّي وَآتَانِي رَحْمَةً مِنْ عِنْدِهِ فَعُمِّيَتْ عَلَيْكُمْ أَنُلْزِمُكُمُوهَا وَأَنْتُمْ لَهَا كَارِهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان (دەۋىتىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە (يەنى پەيغەمبەرلىككە) سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، سىلەر ئۇنى يامان كۆرسەڭلار، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟[28]
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، مەن رەببىم تەرىپىدىن نازىل بولغان ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە -پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىگە- سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، سىلەر ئۇنى يامان كۆرۈپ تۇرساڭلارمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟
ئەنەس ئالىم: نۇھ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى، مەن رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان بولسام، ئۇ ماڭا ئۆز تەرىپىدىن رەھمەت ئاتا قىلغان بولسا، سىلەر بۇنى كۆرەلمىگەن بولساڭلار، بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ سىلەر ئۇنى يامان كۆرۈۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بىز سىلەرنى ئۇنى قوبۇل قىلىشقا زورلامدۇق؟
11 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كُنْتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّي وَآتَانِي مِنْهُ رَحْمَةً فَمَنْ يَنْصُرُنِي مِنَ اللَّهِ إِنْ عَصَيْتُهُ ۖ فَمَا تَزِيدُونَنِي غَيْرَ تَخْسِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتى (يەنى پەيغەمبەرلىك) گە سازاۋەر بولسام، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھقا قارشىلىق قىلسام، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (مېنى ئۆزۈڭلارغا ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىش بىلەن) ماڭا پەقەت زىياندىن باشقىسىنى زىيادە قىلالمايسىلەر[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم!ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن رەببىم تەرىپىدىن نازىل بولغان ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولسام، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھقا قارشىلىق قىلسام، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ ماڭا پەقەت زىياندىن باشقىسىنى زىيادە قىلالمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: سالىھ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! مەن رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان بولسام، ئۇ ماڭا ئۆز تەرىپىدىن رەھمەت ئاتا قىلغان بولسا، بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلسام، ئۇنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ سىلەر ماڭا زىيىنىمنى ئارتتۇرۇشتىن باشقا ھېچ نەرسە قىلالمايسىلەر.
11 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كُنْتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّي وَرَزَقَنِي مِنْهُ رِزْقًا حَسَنًا ۚ وَمَا أُرِيدُ أَنْ أُخَالِفَكُمْ إِلَىٰ مَا أَنْهَاكُمْ عَنْهُ ۚ إِنْ أُرِيدُ إِلَّا الْإِصْلَاحَ مَا اسْتَطَعْتُ ۚ وَمَا تَوْفِيقِي إِلَّا بِاللَّهِ ۚ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ أُنِيبُ
مۇھەممەد سالىھ: شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، پەرۋەردىگارىم ماڭا روشەن پاكىت (يەنى پەيغەمبەرلىك) ۋە كەڭتاشا ھالال رىزىق ئاتا قىلغان تۇرسا، (مەن شۇنداق نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلامدىم؟) سىلەرگە قىلىش مەنئى قىلىنغان ئىشنى ئۆزۈممۇ قىلىشنى خالىمايمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى) قولۇمدىن كېلىشىچە تۈزەشنىلا خالايمەن، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا تايىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىمەن[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، رەببىم ماڭا روشەن پاكىت ۋە كەڭتاشا ھالال رىزىق ئاتا قىلغان تۇرسا، سىلەرگە قىلىش مەنئى قىلىنغان نەرسىنى ئۆزۈممۇ قىلىشنى خالىمايمەن، مەن پەقەت سىلەرنى قولۇمدىن كېلىشىچە تۈزەشنى خالايمەن، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن، ھەممە ئىشتا ئاللاھقا تايىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىمەن
ئەنەس ئالىم: شۇئەيب مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! مەن رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان بولسام، ئۇ ماڭا ئۆز تەرىپىدىن گۈزەل رىزىق ئاتا قىلغان بولسا، بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ مەن سىلەرنى توسقان نەرسىلەرنى ئۆزۈم قىلىشنى ئىرادە قىلمايمەن. مەن پەقەت كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سىلەرنى ئىسلاھ قىلىشنى ئىرادە قىلىمەن. مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم پەقەتلا ئاللاھنىڭ ياردىمىگە باغلىق. مەن ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلدىم ۋە ئۇنىڭغىلا يۆنىلىمەن.
رەئد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِنْ رَبِّهِ ۗ إِنَّمَا أَنْتَ مُنْذِرٌ ۖ وَلِكُلِّ قَوْمٍ هَادٍ
مۇھەممەد سالىھ: كۇففارلار، نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە نازىل بولمىدى؟ دېيىشىدۇ، سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى. ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەت قىلغۇچىسى (يەنى پەيغەمبىرى) بولىدۇ (مۆجىزىلەرگە كەلسەك، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش)[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۇففارلار «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە نازىل بولمىدى؟» دېيىشىدۇ، سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى. ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەت قىلغۇچىسى بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلار: «نېمىشقا مۇھەممەدكە رەببىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن پەقەتلا ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن. ھەر قەۋمنىڭ يېتەكچىسى بار.
13 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ يَعْلَمُ أَنَّمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ الْحَقُّ كَمَنْ هُوَ أَعْمَىٰ ۚ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم، (ھەقنى كۆرمەيدىغان دىلى) كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم -ھەقنى كۆرمەيدىغان دىلى- كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ساڭا رەببىڭدىن نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم كور ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى چۈشىنىدۇ.
13 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِنْ رَبِّهِ ۗ قُلْ إِنَّ اللَّهَ يُضِلُّ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ أَنَابَ
مۇھەممەد سالىھ: كۇففارلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن (مۇسانىڭ ۋە ئىيسانىڭ مۆجىزىسىدەك) بىرەر مۆجىزە كەلمىدى؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) «(ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، تەۋبە قىلغانلارنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگىن[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۇففارلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببىدىن بىرەر مۆجىزە كەلمىدى؟» دەيدۇ. -ئى مۇھەممەد!- «ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، تەۋبە قىلغانلارنى بولسا توغرا يولغا باشلايدۇ» دېگىن
ئەنەس ئالىم: كافىرلار: «نېمىشقا مۇھەممەدكە رەببىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ ۋە ئۆزىگە داۋاملىق يۆنەلگەن كىشنى ھىدايەت قىلىدۇ».
ئىبراھىم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ رَسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ ۖ فَيُضِلُّ اللَّهُ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: قانداقلا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتمەيلى، ئۇنى بىز ئۆز قەۋمىگە (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى) بايان قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن (سۆزلەيدىغان) قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىش بولۇپ، ھىدايەت قىلىش ئىشى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: بىز ھەر ئەلچىنى ئۆز قەۋمىگە بايان قىلىشى ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن ئەلچىلىكنى يەتكۈزىدىغان قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئاندىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
14 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
يُثَبِّتُ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا بِالْقَوْلِ الثَّابِتِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ ۖ وَيُضِلُّ اللَّهُ الظَّالِمِينَ ۚ وَيَفْعَلُ اللَّهُ مَا يَشَاءُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مۆمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى گۇمراھ قىلىدۇ، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ مۇئمىنلارنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى گۇمراھ قىلىدۇ، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇئمىنلارنى دۇنيا ھاياتىدا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزگەرمەس سۆزنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغۇزىدۇ4. ئاللاھ زالىملارنى ئازدۇرىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
نەھىل سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَلَى اللَّهِ قَصْدُ السَّبِيلِ وَمِنْهَا جَائِرٌ ۚ وَلَوْ شَاءَ لَهَدَاكُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: توغرا يول كۆرسىتىشنى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەزى يوللار ئەگرى بولىدۇ، مۇبادا ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: توغرا يول كۆرسىتىشنى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەزى يوللار ئەگرى بولىدۇ، مۇبادا ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن بەزىلەر ئۇ يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئىدى، ھەممىڭلارنى توغرا يولنىڭ ئۈستىدە قىلاتتى.
16 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ هَدَى اللَّهُ وَمِنْهُمْ مَنْ حَقَّتْ عَلَيْهِ الضَّلَالَةُ ۚ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ، (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ھەر ئۇممەتكە ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن ساقلنىڭلار» دېدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشتى، بەزىسى ئازغۇنلۇققا لايىق بولدى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار.
16 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَٰكِنْ يُضِلُّ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۚ وَلَتُسْأَلُنَّ عَمَّا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن (ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىشنى تەقەززا قىلدى)، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) پۈتۈن قىلمىشىڭلار ئۈستىدە سوراق قىلىنىسىلەر[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، قىيامەت كۈنى پۈتۈن قىلمىشىڭلاردىن سوراققا تارتىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يولغا كەلتۈرىدۇ. سىلەر قىلمىشىڭلاردىن سورىلىسىلەر.
16 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
شَاكِرًا لِأَنْعُمِهِ ۚ اجْتَبَاهُ وَهَدَاهُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى ۋە ئۇنى توغرا يولغا باشلىدى[121].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدى ۋە ئۇنى توغرا يولغا باشلىدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى تاللىدى ۋە توغرا يولغا باشلىدى.
16 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
ادْعُ إِلَىٰ سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ ۖ وَجَادِلْهُمْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ ۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ ۖ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز ـ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز ـ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكەن. رەببىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن ئىنسانلارنى رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەت بىلەن ۋە ياخشى نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
ئىسرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
مَنِ اهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۚ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۗ وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّىٰ نَبْعَثَ رَسُولًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچ ئادەمنى) جازالىغىنىمىز يوق[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىغىنىمىز يوق
ئەنەس ئالىم: كىم ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپىدۇ، كىم ئېزىپ كېتىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئېزىپ كېتىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بىز ئەلچى ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىمايمىز.
17 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِ ۖ وَمَنْ يُضْلِلْ فَلَنْ تَجِدَ لَهُمْ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِهِ ۖ وَنَحْشُرُهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ عُمْيًا وَبُكْمًا وَصُمًّا ۖ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ كُلَّمَا خَبَتْ زِدْنَاهُمْ سَعِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئىكەن، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ئاللاھتىن باشقا (ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچىلەرنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كور، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، (جەھەننەمنىڭ) ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا (ئوتنى) تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئىكەن ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ياردەمچىلەرنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ سۆرەلگەن كور، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، جەھەننەمنىڭ ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا ئوتنى تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ كىمنى ئازدۇرسا، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ۋەلىىيلەر تاپالمايسەن. بىز ئۇلارنى قىيامەت كۈنى كور، گاچا ۋە گاس ھالدا يۈزلىرى بىلەن دۈم ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر. ئۇنىڭ ئوتى پەسەيگەنسېرى بىز ئۇلارغا يالقۇننى زىيادە قىلىمىز.
كەھف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ أَوَى الْفِتْيَةُ إِلَى الْكَهْفِ فَقَالُوا رَبَّنَا آتِنَا مِنْ لَدُنْكَ رَحْمَةً وَهَيِّئْ لَنَا مِنْ أَمْرِنَا رَشَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە يىگىت غارنى پاناھ جاي قىلىۋالدى، ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن» دېدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە يىگىت غارنى پاناھ جاي قىلىۋالدى، ئۇلار: «رەببىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىرقانچە يىگىت غارغا بېرىپ پاناھلانغان ۋە: «رەببىمىز! بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن، بىزگە قۇتۇلۇش يولى تەييارلاپ بەرگىن!» دېگەن ئىدى.
18 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
نَحْنُ نَقُصُّ عَلَيْكَ نَبَأَهُمْ بِالْحَقِّ ۚ إِنَّهُمْ فِتْيَةٌ آمَنُوا بِرَبِّهِمْ وَزِدْنَاهُمْ هُدًى
مۇھەممەد سالىھ: بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى راستلىقى بىلەن ئېيتىپ بېرىمىز، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان، بىز ھىدايەتنى زىيادە قىلغان يىگىتلەردۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى راستلىقى بىلەن ئېيتىپ بېرىمىز، ئۇلار ھەقىقەتەن رەببىغا ئىمان ئېيتقان، بىز ھىدايەتنى زىيادە قىلغان يىگىتلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بىز ساڭا توغرا شەكىلدە ئېيتىپ بېرىمىز: ئۇلار رەببىگە ئىمان ئېيتقان بىر قانچە يىگىت ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلغان ئىدۇق.
18 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَى الشَّمْسَ إِذَا طَلَعَتْ تَزَاوَرُ عَنْ كَهْفِهِمْ ذَاتَ الْيَمِينِ وَإِذَا غَرَبَتْ تَقْرِضُهُمْ ذَاتَ الشِّمَالِ وَهُمْ فِي فَجْوَةٍ مِنْهُ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ ۗ مَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِ ۖ وَمَنْ يُضْلِلْ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ وَلِيًّا مُرْشِدًا
مۇھەممەد سالىھ: كۈن چىققان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن پاتقان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ شىمال تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈسەن (يەنى غارنىڭ ئىشىكى شىمال تەرەپتە بولغانلىقتىن كۈننىڭ نۇرى غارنىڭ ئىككى تەرىپىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن، كۈن چىققاندىمۇ، پاتقاندىمۇ ئۇنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمەيدۇ)، ئۇلار بولسا غارنىڭ (ئوتتۇرىسىدىكى) بوشلۇقتىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلەردىندۇر، كىمنىكى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدىكەن، ئۇ (ھەقىقىي) ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، كىمنىكى (قىلغان يامان ئەمەلى تۈپەيلىدىن) ئاللاھ ئازدۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكۈچى دوستنى ھەرگىز تاپالمايسەن[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈن چىققان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن پاتقان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ شىمال تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈسەن، ئۇلار بولسا غارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقتىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئالامەتلەردىندۇر، كىمنىكى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقىي ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، كىمنىكى قىلغان يامان ئەمەلى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئازدۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكۈچى دوستنى ھەرگىز تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: سەن قۇياشنىڭ چىققان چېغىدا ئۇلار پاناھلانغان غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى، پاتقان چېغىدا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمەستىن سول تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار بولسا، غارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقتىدۇر3. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ كىمنى ئازدۇرىۋەتسە، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدىغان ۋەلىي تاپالمايسەن.
18 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ ذَٰلِكَ مَا كُنَّا نَبْغِ ۚ فَارْتَدَّا عَلَىٰ آثَارِهِمَا قَصَصًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز دەل مۇشۇ ئىدى» دېدى ـ دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزى بويىچە كەينىگە يېنىشتى[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز دەل مۇشۇ ئىدى» دېدى ـ دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزى بويىچە كەينىگە يېنىشتى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز ئەنە شۇ ئىدى!» دېدى - دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزلىرىنى بويلاپ كەينىگە يېنىپ، ئۇ قۇرام تاشنىڭ يېنىغا كەلدى.
مەريەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَبَتِ إِنِّي قَدْ جَاءَنِي مِنَ الْعِلْمِ مَا لَمْ يَأْتِكَ فَاتَّبِعْنِي أَهْدِكَ صِرَاطًا سَوِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئاتا! ماڭا سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر نازىل بولدى، ماڭا ئەگەشكىن، سېنى توغرا يولغا باشلايمەن[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئاتا! ماڭا سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر نازىل بولدى، ماڭا ئەگەشكىن، سېنى توغرا يولغا باشلايمەن
ئەنەس ئالىم: جېنىم ئاتا! ماڭا، ساڭا كەلمىگەن ئىلىم كەلدى. ماڭا ئەگەشكىن، سېنى توغرا يولغا باشلاي.
19 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَزِيدُ اللَّهُ الَّذِينَ اهْتَدَوْا هُدًى ۗ وَالْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ خَيْرٌ عِنْدَ رَبِّكَ ثَوَابًا وَخَيْرٌ مَرَدًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھىدايەت تاپقانلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ. پايدىسى تۈگىمەيدىغان ياخشى ئەمەللەر، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ياخشى ساۋاب قازاندۇرىدۇ ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
تاھا سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ رَأَىٰ نَارًا فَقَالَ لِأَهْلِهِ امْكُثُوا إِنِّي آنَسْتُ نَارًا لَعَلِّي آتِيكُمْ مِنْهَا بِقَبَسٍ أَوْ أَجِدُ عَلَى النَّارِ هُدًى
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا (بىر جايدا) ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە: «تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردۈم، مەن بېرىپ (ئۇنىڭدىن) بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوت بار يەردە بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن» دېدى. (ئىزاھات:مۇسا ئەلەيھىسسالام ئايالى بىلەن بىرگە مەديەندىن مىسىرغا كېتىۋېتىپ كېچىدە يولدىن ئادىشىپ قالىدۇ، ئوت ياقاي دېسىە چاقمىقى يانمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يولنىڭ سول تەرىپىدە يىراقتىن بىر ئوت كۆرۈنىدۇ، بۇ ئوت ئەمەس، ئاللاھنىڭ نۇرى ئىدى.)[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردى[1]. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە: «تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردۈم، مەن بېرىپ ئۇنىڭدىن بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوت بار يەردە بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ بىر ئوت كۆرۈپ ئائىلىسىگە: «توختاپ تۇرۇڭلار، مەن بىر ئوت بايقىدىم. يا ئۇنىڭدىن سىلەرگە چوغ ئېلىپ كېلىمەن ياكى ئوتنىڭ يېنىدا بىرەر يول كۆرسەتكۈچى تاپىمەن» دېگەن ئىدى.
20 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبُّنَا الَّذِي أَعْطَىٰ كُلَّ شَيْءٍ خَلْقَهُ ثُمَّ هَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى) كۆرسەتتى»[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە -ئۆزىگە مۇناسىپ- شەكىل ئاتا قىلدى، ئاندىن -ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى- كۆرسەتتى»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «بىزنىڭ رەببىمىز، ھەر نەرسىنى ئايرىم شەكىل ۋە پەرقلىق خۇسۇسىيەت بىلەن ياراتقان، ئاندىن ئۇ نەرسىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكەن زاتتۇر» دېدى.
20 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنِّي لَغَفَّارٌ لِمَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا ثُمَّ اهْتَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن»[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مەن تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان كىشىگە ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىمەن.
20 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ اجْتَبَاهُ رَبُّهُ فَتَابَ عَلَيْهِ وَهَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلدى[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن رەببى ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن رەببى ئۇنى تاللىدى، تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، ھىدايەت قىلدى ۋە
20 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اهْبِطَا مِنْهَا جَمِيعًا ۖ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ مِنِّي هُدًى فَمَنِ اتَّبَعَ هُدَايَ فَلَا يَضِلُّ وَلَا يَشْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ -ئادەم بىلەن ھەۋۋاغا- ئېيتتى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بەزىڭلار بەزىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇنداق دېدى: «ئىككىڭلار بىرلىكتە ئۇ يەردىن چۈشۈپ كېتىڭلار. بەزىڭلار بەزىڭلارنىڭ دۈشمىنى بولىسىلەر. مەندىن سىلەرگە ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلار ئازمايدۇ ۋە بەختسىز بولمايدۇ.
20 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّا أَهْلَكْنَاهُمْ بِعَذَابٍ مِنْ قَبْلِهِ لَقَالُوا رَبَّنَا لَوْلَا أَرْسَلْتَ إِلَيْنَا رَسُولًا فَنَتَّبِعَ آيَاتِكَ مِنْ قَبْلِ أَنْ نَذِلَّ وَنَخْزَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز ئۇلارنى ئۇنىڭدىن (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىشتىن) ئىلگىرى ھالاك قىلغان بولساق، ئۇلار چوقۇم: «نېمىشقا بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتمىدىڭ؟ بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق» دەيتتى[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز ئۇلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى ھالاك قىلغان بولساق، ئۇلار چوقۇم: «نېمىشقا بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتمىدىڭ؟ بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق» دەيتتى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇلارنى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ھالاك قىلغان بولساق، «رەببىمىز! نېمىشقا بىزگە ئەلچى ئەۋەتمىدىڭ، بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق» دەيتتى.
20 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ كُلٌّ مُتَرَبِّصٌ فَتَرَبَّصُوا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ مَنْ أَصْحَابُ الصِّرَاطِ السَّوِيِّ وَمَنِ اهْتَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، ھەممە (سىلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتمەكتە. سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، كىملەرنىڭ توغرا يول ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە كىملەرنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنى (ئۇزاققا قالماي) بىلىسىلەر»[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: ھەممە كۈتمەكتە. سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، كىملەرنىڭ توغرا يول ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە كىملەرنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنى ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ھەر كىم كۈتمەكتە، سىلەرمۇ كۈتۈڭلار. توغرا يولدىكىلەرنىڭ ۋە ھىدايەت تاپقانلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر».
ئەنبىيا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَىٰ وَهَارُونَ الْفُرْقَانَ وَضِيَاءً وَذِكْرًا لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا فۇرقاننى (يەنى ھەق بىلەن باتىلنى، ھالال بىلەن ھارامنى، ھىدايەت بىلەن گۇمراھلىقنى ئايرىغۇچى تەۋراتنى)، نۇرنى، تەقۋادارلارغا (پايدىلىنىدىغان) ۋەز ـ نەسىھەتنى بەردۇق[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن موسا بىلەن ھارۇنغا فۇرقاننى[1]، نۇرنى، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتنى بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھەق - ناھەقنى ئايرىيدىغان، تەقۋادارلارنىڭ يولىنى يورۇتىدىغان ۋە ۋەزىپىسنى ئەسلىتىدىغان كىتابنى بەردۇق.
21 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا إِبْرَاهِيمَ رُشْدَهُ مِنْ قَبْلُ وَكُنَّا بِهِ عَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇسا، ھارۇنلاردىن بۇرۇن) بىز ئىبراھىمغا ھەقىقەتەن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھىدايەت ئاتا قىلغان ئىدۇق، بىز ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىكنىڭ ئەھلى) ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلگىرى بىز ئىبراھىمغا ھەقىقەتەن ھىدايەت ئاتا قىلغان ئىدۇق، بىز ئۇنى بىلەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرى ئىبراھىمغا ئەقلىي كامالىتىنى بەرگەن ئىدۇق. بىز ئۇنى بىلەتتۇق.
ھەج سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ أَنْزَلْنَاهُ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ وَأَنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يُرِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭغا ئوخشاش (يەنى ئىلگىرىكى كىتابلارنى نازىل قىلغىنىمىزغا ئوخشاش)، قۇرئاننى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) روشەن ئايەتلەر قىلىپ نازىل قىلدۇق، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى يوق، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ)[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭغا ئوخشاش بىز قۇرئاننى روشەن ئايەتلەر قىلىپ نازىل قىلدۇق، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز قۇرئاننى مانا مۇشۇنداق روشەن ئايەتلەر ھالىتىدە نازىل قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىرادە قىلغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ.
22 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُدُوا إِلَى الطَّيِّبِ مِنَ الْقَوْلِ وَهُدُوا إِلَىٰ صِرَاطِ الْحَمِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ياخشى سۆزگە (يەنى كەلىمە تەۋھىدكە) ھىدايەت قىلىندى. ئاللاھنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلىندى[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ياخشى سۆز-كەلىمە تەۋھىد-كە ھىدايەت قىلىندى؛ يەنە ئۇلار ماختالغان يولغا ھىدايەت قىلىندى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار چىرايلىق سۆز قىلىشقا ھىدايەت قىلىندى ۋە مەدھىيەگە لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلىندى.
22 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِيَعْلَمَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ فَيُؤْمِنُوا بِهِ فَتُخْبِتَ لَهُ قُلُوبُهُمْ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَهَادِ الَّذِينَ آمَنُوا إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھتائالانىڭ مۇنداق قىلىشى) ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قۇرئاننىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشلىرى، دىللىرىنىڭ قۇرئانغا بوي سۇنۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە بۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ، قۇرئاننىڭ رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشلىرى دىللىرىنىڭ قۇرئانغا بويسۇنۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۇئمىنلارنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ يەنە ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ ئۇ ئايەتلەرنىڭ رەببىڭدىن كەلگەن ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى، ئۇلارغا ئىشىنىپ چىن قەلبىدىن بويسۇنۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۇئمىنلارنى توغرا يولغا يەتكۈزىدۇ.
22 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
لِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنْسَكًا هُمْ نَاسِكُوهُ ۖ فَلَا يُنَازِعُنَّكَ فِي الْأَمْرِ ۚ وَادْعُ إِلَىٰ رَبِّكَ ۖ إِنَّكَ لَعَلَىٰ هُدًى مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر ئۈممەت ئۈچۈن بىر شەرىئەت بېكىتتۇق، ئۇلار شۇ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدۇ، (مۇشرىكلار) شەرىئەت ئىشىدا سەن بىلەن جېدەللەشمىسۇن، كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن شەكسىز توغرا يولدىدۇرسەن[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر ئۈممەت ئۈچۈن بىر شەرىئەت بېكىتتۇق، ئۇلار شۇ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدۇ، شەرىئەت ئىشىدا سەن بىلەن جېدەللەشمىسۇن، كىشىلەرنى رەببىڭ تەرەپكە دەۋەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن شەكسىز توغرا يولدىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: بىز ھەر ئۇممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق. ئۇلار قۇربانلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشرىكلار بۇ توغرىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشمىسۇن. سەن ئىنسانلارنى رەببىڭنىڭ يولىغا چاقىرغىن. شۈبھىسىزكى، سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىسەن.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب-تەۋرات-نى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ مۇساغا كىتابنى بەردۇق.
23 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّكَ لَتَدْعُوهُمْ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئەلۋەتتە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىسەن[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئەلۋەتتە ئۇلارنى داغدام يولغا دەۋەت قىلىسەن
ئەنەس ئالىم: ئەسلىدە سەن ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرىۋاتىسەن،
نۇر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ نُورُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ مَثَلُ نُورِهِ كَمِشْكَاةٍ فِيهَا مِصْبَاحٌ ۖ الْمِصْبَاحُ فِي زُجَاجَةٍ ۖ الزُّجَاجَةُ كَأَنَّهَا كَوْكَبٌ دُرِّيٌّ يُوقَدُ مِنْ شَجَرَةٍ مُبَارَكَةٍ زَيْتُونَةٍ لَا شَرْقِيَّةٍ وَلَا غَرْبِيَّةٍ يَكَادُ زَيْتُهَا يُضِيءُ وَلَوْ لَمْ تَمْسَسْهُ نَارٌ ۚ نُورٌ عَلَىٰ نُورٍ ۗ يَهْدِي اللَّهُ لِنُورِهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَيَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ لِلنَّاسِ ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، ئاللاھنىڭ (مۆمىن بەندىسىنىڭ قەلبىدىكى) نۇرى خۇددى (چىراق قويىدىغان) تەكچىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چىراق باردۇر، چىراق شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر، شىشە گويا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر، چىراق مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ (يېغى) بىلەن يورۇتۇلغان، ئۇ (يەنى زەيتۇن دەرىخى) شەرق تەرەپتىمۇ ئەمەس، غەرب تەرەپتىمۇ ئەمەس (سەھرادا ئوچۇقچىلىقتا بولۇپ، كۈن بويى ئۇنىڭغا كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مېۋىسى پىشىپ يېتىلگەن بولىدۇ)، يېغى (ئەڭ سۈزۈك بولىدۇ، سۈزۈكلۈكىدىن) ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، (ئوت بىلەن يورۇتۇلسا) نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭ نۇرىغا (يەنى قۇرئانغا) (ئەگىشىشكە) مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ (ئىبرەت ئالسۇن دەپ) كىشىلەرگە مىساللارنى (ئۇلارنىڭ پەمىگە يېقىنلاشتۇرۇپ) بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، ئاللاھنىڭ نۇرى خۇددى تەكچىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چىراق باردۇر، چىراق شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر، شىشە گويا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر، چىراق مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ يېغى بىلەن يورۇتۇلغان، ئۇ شەرق تەرەپتىمۇ ئەمەس، غەرب تەرەپتىمۇ ئەمەستۇر، يېغى ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ نۇرىغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ كىشىلەرگە مىساللارنى بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر. ئاللاھنىڭ نۇرى، ئىچىدە چىراغ بولغان بىر تەكچىگە ئوخشايدۇ. ئۇ چىراغ بىر شېشىنىڭ ئىچىدىدۇر. ئۇ شېشە خۇددى بىر گۆھەر پلانېتادۇر. ئۇ چىراغ شەرققىمۇ، غەربكىمۇ مەنسۇپ بولمىغان بەرىكەتلىك زەيتۇن دەرىخىنىڭ يېغى بىلەن يورۇتۇلىدۇ. ئۇ شۇنداق بەرىكەتلىك دەرەخكى، يېغى ئوت تەگمىسىمۇ يورۇتايلا دەپ تۇرىدۇ. ئۇ نۇر ئۈستىگە نۇردۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى نۇرىغا ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا مىساللارنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
24 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ أَنْزَلْنَا آيَاتٍ مُبَيِّنَاتٍ ۚ وَاللَّهُ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئاللاھ خالىغان كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ھەقىقەتنى بايان قىلغۇچى ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ.
نەمىل سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكَ لَا تُسْمِعُ الْمَوْتَىٰ وَلَا تُسْمِعُ الصُّمَّ الدُّعَاءَ إِذَا وَلَّوْا مُدْبِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۆلۈكلەرگە ۋە يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغا (يەنى دىللىرىنىڭ ئۆلۈكلىكىدە ئۆلۈكلەرگە ۋە ھەقنى ئاڭلىماسلىقتا گاسلارغا ئوخشايدىغان كۇففارلارغا) دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن، گاسلارغىمۇ يۈز ئۆرۈگەن ۋاقىتلىرىدا دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن
ئەنەس ئالىم: سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىنى قىلىپ كەتكەن گاسلارغىمۇ دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن.
27 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَنْتَ بِهَادِي الْعُمْيِ عَنْ ضَلَالَتِهِمْ ۖ إِنْ تُسْمِعُ إِلَّا مَنْ يُؤْمِنُ بِآيَاتِنَا فَهُمْ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن (دىلى) كورلارنى گۇمراھلىقتىن ئايرىپ، ھىدايەت قىلالمايسەن، سەن (دەۋىتىڭنى) پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن كورلارنى گۇمراھلىقتىن ئايرىپ، ھىدايەت قىلالمايسەن، سەن دەۋىتىڭنى پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن
ئەنەس ئالىم: سەن كورلارنى گۇمراھلىقلىرىدىن قۇتقۇزالمايسەن. سەن پەقەت ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىپ تەسلىم بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن.
27 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْ أَتْلُوَ الْقُرْآنَ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ ضَلَّ فَقُلْ إِنَّمَا أَنَا مِنَ الْمُنْذِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «مەن پەقەت ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن (ئۇنىڭ ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ). سەن (ئۇنىڭغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن»[91- 92].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى توغرا يولغا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن سەن ئېيتقىنكى: «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن»
ئەنەس ئالىم: مەن يەنە قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. كىم ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پادىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپىدۇ، كىم ئېزىپ كېتىدىكەن، ئېيتقىنكى: ‹مەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن›».
قەسەس سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا تَوَجَّهَ تِلْقَاءَ مَدْيَنَ قَالَ عَسَىٰ رَبِّي أَنْ يَهْدِيَنِي سَوَاءَ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چاغدا: «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى مۇمكىن» دېدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چاغدا: «رەببىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى مۇمكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چېغىدا: «رەببىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىگەي» دېدى.
28 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ رَبِّي أَعْلَمُ بِمَنْ جَاءَ بِالْهُدَىٰ مِنْ عِنْدِهِ وَمَنْ تَكُونُ لَهُ عَاقِبَةُ الدَّارِ ۖ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم ئۆزىنىڭ دەرگاھىدىن كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئاخىرەتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىگە كىمنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، زالىملار (يەنى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغۇچى فاجىرلار) چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىم ئۆزىنىڭ دەرگاھىدىن كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئاخىرەتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىگە كىمنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، زالىملار چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم، ھىدايەتنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىن كىمنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ يۇرتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتى كىمنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. زالىملار مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ».
28 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكَ لَا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۚ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سەن ياخشى كۆرگەن ئادەمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ جَاهَدُوا فِينَا لَنَهْدِيَنَّهُمْ سُبُلَنَا ۚ وَإِنَّ اللَّهَ لَمَعَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ يولىمىزدا كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ يولىمىزدا جىھاد قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارنى ئەلۋەتتە يوللىرىمىزغا يېتەكلەيمىز. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
رۇم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنَّكَ لَا تُسْمِعُ الْمَوْتَىٰ وَلَا تُسْمِعُ الصُّمَّ الدُّعَاءَ إِذَا وَلَّوْا مُدْبِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سەن ئۆلۈكلەرگە (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىغا قاراپ يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغىمۇ چاقىرىقىڭنى ئاڭلىتالمايسەن[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سەن ئۆلۈكلەرگە سۆزۈڭنى ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىغا قاراپ يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغىمۇ چاقىرىقىڭنى ئاڭلىتالمايسەن
ئەنەس ئالىم: سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىنى قىلىپ كەتكەن گاسلارغىمۇ دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن.
30 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَنْتَ بِهَادِ الْعُمْيِ عَنْ ضَلَالَتِهِمْ ۖ إِنْ تُسْمِعُ إِلَّا مَنْ يُؤْمِنُ بِآيَاتِنَا فَهُمْ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كورلارنىمۇ گۇمراھلىقتىن قۇتقۇزۇپ توغرا يولغا سالالمايسەن، سەن پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغىلا (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالايسەن، ئۇلار مۇسۇلمانلاردۇر[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: كورلارنىمۇ گۇمراھلىقتىن قۇتقۇزۇپ توغرا يولغا سالالمايسەن، سەن پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغىلا سۆزۈڭنى ئاڭلىتالايسەن، ئۇلار مۇسۇلمانلاردۇر
ئەنەس ئالىم: سەن كورلارنى گۇمراھلىقلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ھىدايەت قىلالمايسەن. سەن پەقەت ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىپ تەسلىم بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن.
لوقمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ عَلَىٰ هُدًى مِنْ رَبِّهِمْ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاشۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار رەببىدىن كەلگەن ھىدايەت ئۈستىدە بولغانلاردۇر ۋە مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر1.
سەجدە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۚ بَلْ هُوَ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ لِتُنْذِرَ قَوْمًا مَا أَتَاهُمْ مِنْ نَذِيرٍ مِنْ قَبْلِكَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلار: «مۇھەممەد ئۇنى ئۆزى توقۇدى» دەيدۇ. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىگەن بىر قەۋمنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
32 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ شِئْنَا لَآتَيْنَا كُلَّ نَفْسٍ هُدَاهَا وَلَٰكِنْ حَقَّ الْقَوْلُ مِنِّي لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق، ھەر بىر كىشىگە ئەلۋەتتە ھىدايەت بېرەتتۇق، لېكىن مېنىڭ (گۇناھكارلارنى ئازاب قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمۈم بېكىتىلىپ بولدى. مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار (يەنى ئۇلارنىڭ گۇناھكارلىرى) ـ ھەممىسى بىلەن جەھەننەمنى تولدۇرىمەن[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق، ھەر بىر كىشىگە ئەلۋەتتە ھىدايىتىنى بېرەتتۇق، لېكىن مېنىڭ ھۆكمىم بېكىپ كەتتى. مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار بىلەن جەھەننەمنى تولدۇرىمەن
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ھەر كىشىگە ھىدايىتىنى بېرەتتۇق. لېكىن مېنىڭ: «شۈبھىسىزكى، مەن جەھەننەمنى تامامەن جىن ۋە ئىنسانلار بىلەن تولدۇرىمەن» دېگەن سۆزۈم ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي يُصَلِّي عَلَيْكُمْ وَمَلَائِكَتُهُ لِيُخْرِجَكُمْ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ ۚ وَكَانَ بِالْمُؤْمِنِينَ رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا (يەنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە) چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مۆمىنلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مۇئمىنلارغا ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە رەھمەت تىلەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقلاردىن نۇرغا چىقىرىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۇئمىنلارغا كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
سەبەئ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَرَى الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ الَّذِي أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ هُوَ الْحَقَّ وَيَهْدِي إِلَىٰ صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلىم بېرىلگەنلەر (يەنى ساھابىلەر ۋە كېيىنكى ئەمەل قىلغۇچى ئۆلىمالار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەر) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى، (ئىنسانلارنى) غالىب، ھەمدۇساناغا لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئىلىم بېرىلگەنلەر ساڭا رەببىڭدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەزىز ۋە مەدھىيەگە لايىق زاتنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
فاتىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَسْتَوِي الْأَحْيَاءُ وَلَا الْأَمْوَاتُ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُسْمِعُ مَنْ يَشَاءُ ۖ وَمَا أَنْتَ بِمُسْمِعٍ مَنْ فِي الْقُبُورِ
مۇھەممەد سالىھ: تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلار) باراۋەر بولمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھەق دەۋەتنى) خالىغان كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبرىلەردىكىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر باراۋەر بولمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغان كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبرىلەردىكىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن
ئەنەس ئالىم: تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر ئوخشاش بولمايدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبىرلەردىكى كىشىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن.
ياسىن سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: توغرا يولدىسەن[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: توغرا يولدىسەن.
36 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَأَنْذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنْذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، ئۇلارغا بەرىبىر ئوخشاش، ئىمان ئېيتمايدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، ئۇلارغا بەرىبىر ئوخشاش، ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر. ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
36 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا تُنْذِرُ مَنِ اتَّبَعَ الذِّكْرَ وَخَشِيَ الرَّحْمَٰنَ بِالْغَيْبِ ۖ فَبَشِّرْهُ بِمَغْفِرَةٍ وَأَجْرٍ كَرِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن (يەنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭنىڭ پايدىسى بولىدۇ)، ئۇنىڭغا (ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى) مەغپىرەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئېسىل ساۋاب (يەنى جەننەت ئاتا قىلىدىغانلىقى) بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن، ئۇنىڭغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل ساۋاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: سەن قۇرئانغا ئەگەشكەن ۋە رەھماننى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئەيمەنگەن كىشىنىلا ئاگاھلاندۇرىسەن3. ئۇنداق كىشىگە گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئېسىل مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
36 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
اتَّبِعُوا مَنْ لَا يَسْأَلُكُمْ أَجْرًا وَهُمْ مُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: توغرا يولدا بولغان، (ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىغا) سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: توغرا يولدا بولغان ۋە سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايدىغانلارغا ئەگىشىڭلار. ئۇلار توغرا يولدىدۇر.
ساففات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
وَهَدَيْنَاهُمَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى توغرا يولغا ئېرىشتۈردۇق.
زۇمەر سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَسْتَمِعُونَ الْقَوْلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحْسَنَهُ ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ هَدَاهُمُ اللَّهُ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمْ أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: تاغۇتقا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھقا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇشخەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر[17 ـ 18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىلىرىم سۆزنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلاردۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىدۇر.
39 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ شَرَحَ اللَّهُ صَدْرَهُ لِلْإِسْلَامِ فَهُوَ عَلَىٰ نُورٍ مِنْ رَبِّهِ ۚ فَوَيْلٌ لِلْقَاسِيَةِ قُلُوبُهُمْ مِنْ ذِكْرِ اللَّهِ ۚ أُولَٰئِكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى ئۈستىدە بولغان ئادەم (دىلى كور ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ؟ ئاللاھنىڭ زىكرىنى تەرك ئەتكەنلىكتىن دىللىرى قېتىپ كەتكەنلەرگە ۋاي! ئەنە شۇلار روشەن گۇمراھلىقتىدۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلامغا ئېچىۋاتقانلار، رەببىنىڭ نۇرى ئۈستىدىدۇر. قەلبى ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن يۇمشىمىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئەنە شۇلار روشەن گۇمراھلىقتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىمنىڭ كۆكسىنى ئىسلامغا ئاچسا، ئۇ كىشى رەببىدىن كەلگەن نۇر ئۈستىدە بولمامدۇ؟ ئاللاھنىڭ زىكرىگە قەلبى قاتتىق بولغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئەنە شۇلار ئاشكارا ئازغۇنلۇقتىدۇر.
39 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَيْسَ اللَّهُ بِكَافٍ عَبْدَهُ ۖ وَيُخَوِّفُونَكَ بِالَّذِينَ مِنْ دُونِهِ ۚ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوغداشقا ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە) يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سېنى ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلار بىلەن قورقىتىدۇ، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بەندىسىگە يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سېنى ئاللاھتىن باشقىلار بىلەن قورقىتىدۇ، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆز بەندىسىنى قوغداشقا يەتمەمدۇ؟ ئۇلار سېنى ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرى بىلەن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.
39 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ مُضِلٍّ ۗ أَلَيْسَ اللَّهُ بِعَزِيزٍ ذِي انْتِقَامٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچ ئازدۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھقالىب، (دۈشمەنلىرىنى) جازالىغۇچى ئەمەسمۇ؟[37]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچ ئازدۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھغالىب، دۈشمەنلىرىنى جازالىغۇچى ئەمەسمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئەزىز ۋە ئىنتىقام ئالغۇچى ئەمەسمۇ؟
39 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَنْزَلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ لِلنَّاسِ بِالْحَقِّ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۖ وَمَا أَنْتَ عَلَيْهِمْ بِوَكِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا زورلاشقا مۇئەككەل ئەمەسسەن)[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، سەن ئۇلارغا ۋەكىل ئەمەسسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا بۇ كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. كىم ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پادىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىم ئېزىپ كېتىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ. سەن ئۇلارغا ۋەكىل ئەمەس.
39 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ تَقُولَ لَوْ أَنَّ اللَّهَ هَدَانِي لَكُنْتُ مِنَ الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى «ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا (ھىدايەت تېپىپ) ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى «ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: ياكى: ‹ئەگەر ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلسا ئىدى، مەن چوقۇم تەقۋادارلاردىن بولاتتىم› دەيدۇ،
غافىر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ رَجُلٌ مُؤْمِنٌ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَكْتُمُ إِيمَانَهُ أَتَقْتُلُونَ رَجُلًا أَنْ يَقُولَ رَبِّيَ اللَّهُ وَقَدْ جَاءَكُمْ بِالْبَيِّنَاتِ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ وَإِنْ يَكُ كَاذِبًا فَعَلَيْهِ كَذِبُهُ ۖ وَإِنْ يَكُ صَادِقًا يُصِبْكُمْ بَعْضُ الَّذِي يَعِدُكُمْ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر "پەرۋەردىگارىم ئاللاھ" دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ (پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا) يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر «رەببىم ئاللاھ» دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن خانىدانىدىن بولۇپ شۇ ۋاقىتقىچە ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «سىلەر بىر ئادەمنى ‹رەببىم ئاللاھتۇر› دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى! ئەگەر ئۇ يالغان سۆزلىگەن بولسا، يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە. ناۋادا ئۇ راست سۆزلىگەن بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى بېشىڭلارغا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە يالغانچى كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ.
40 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ يَوْمَ التَّنَادِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن پەرياد كۈنىدىن قورقىمەن،
40 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِي آمَنَ يَا قَوْمِ اتَّبِعُونِ أَهْدِكُمْ سَبِيلَ الرَّشَادِ
مۇھەممەد سالىھ: (پىرئەۋن خانىدانىدىن) ئىمان ئېيتقان كىشى ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېلىقى ئىمان ئېيتقان كىشى ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن
ئەنەس ئالىم: مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ماڭا ئەگىشىڭلار، سىلەرنى توغرا يولغا باشلاي.
40 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
هُدًى وَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ) ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە نەسىھەتتۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كىتاب، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەت رەھبىرى ۋە نەسىھەتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كىتاب توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى ۋە ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىگە ئەسلەتكۈچىدۇر3.
فۇسسىلەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا ثَمُودُ فَهَدَيْنَاهُمْ فَاسْتَحَبُّوا الْعَمَىٰ عَلَى الْهُدَىٰ فَأَخَذَتْهُمْ صَاعِقَةُ الْعَذَابِ الْهُونِ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇدقا بولسا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇق (يەنى گۇمراھلىق) نى ئارتۇق بىلدى. قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇدقا كەلسەك، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، لېكىن ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇقنى ئارتۇق بىلدى. شۇنىڭ بىلەن قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى
ئەنەس ئالىم: سەمۇدقا كەلسەك، بىز ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق. لېكىن ئۇلار كورلۇقنى ھىدايەتتىن ئۈستۈن كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن خورلىغۇچى ئازابنىڭ گۈلدۈرمامىسى باستى.
شۇرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَهُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَٰكِنْ يُدْخِلُ مَنْ يَشَاءُ فِي رَحْمَتِهِ ۚ وَالظَّالِمُونَ مَا لَهُمْ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىگە داخىل قىلىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق ئىگە، ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىگە داخىل قىلىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق ئىگە، ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە كىرگۈزىدۇ. زالىملارنىڭ ۋەلىيسىمۇ، ياردەمچىسىمۇ بولمايدۇ.
زۇخرۇف سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ مَهْدًا وَجَعَلَ لَكُمْ فِيهَا سُبُلًا لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ قىلدى، (سەپەردە كۆزلىگەن يېرىڭلارغا) بېرىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە زېمىندا نۇرغۇن يوللارنى ياراتتى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ قىلدى، كۆزلىگەن يېرىڭلارغا بېرىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە زېمىندا نۇرغۇن يوللارنى ياراتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇ، زېمىننى سىلەر ئۈچۈن بۆشۈك قىلغان، بارىدىغان يېرىڭلارغا بارالىشىڭلار ئۈچۈن زېمىندا يوللار پەيدا قىلغان زاتتۇر.
43 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِي فَطَرَنِي فَإِنَّهُ سَيَهْدِينِ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ مېنى (توغرا يولغا) باشلايدۇ»[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ مېنى توغرا يولغا باشلايدۇ»
ئەنەس ئالىم: مېنى ياراتقان زات مۇستەسنا. چۈنكى ئۇ مېنى چوقۇم توغرا يولغا باشلايدۇ».
43 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَأَنْتَ تُسْمِعُ الصُّمَّ أَوْ تَهْدِي الْعُمْيَ وَمَنْ كَانَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ يا كورلارنى توغرا يولغا سالالامسەن؟ (يەنى كۇففارلار گاسلارغا، كورلارغا ئوخشايدۇ) ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلالامسەن؟[40]
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ ياكى كورلارنى توغرا يولغا سالالامسەن؟ ياكى بولمىسا ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلالامسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ ياكى كورلارنى ۋە ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغانلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟
43 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا يَا أَيُّهَ السَّاحِرُ ادْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِنْدَكَ إِنَّنَا لَمُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە) «ئى سېھىرگەر! پەرەۋردىگارىڭغا ئۇنىڭ ساڭا بەرگەن (دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشتىن ئىبارەت) ئەھدى بويىچە بىز ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ (ئەگەر ئۇ دۇئايىڭ بىلەن بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتسە)، بىز چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز» دېدى[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە: «ئى سېھىرگەر! پەرەۋردىگارىڭغا ئۇنىڭ ساڭا بەرگەن ئەھدى بويىچە بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغىن، بىز چوقۇم توغرا يول تاپىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى سېھىرگەر! رەببىڭنىڭ ساڭا بەرگەن ئەھدىسى بويىچە بىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىن، بىز ئەلۋەتتە توغرا يولغا كېلىمىز» دېدى.
43 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّهُ لَعِلْمٌ لِلسَّاعَةِ فَلَا تَمْتَرُنَّ بِهَا وَاتَّبِعُونِ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئىيسا) ئەلۋەتتە قىيامەتنىڭ ئالامىتىدۇر، ئۇنىڭغا (يەنى قىيامەتكە) شەك كەلتۈرمەڭلار. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) «ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ (مېنىڭ دەۋەت قىلغىنىم) توغرا يولدۇر[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى ئۇ ئەلۋەتتە قىيامەت ئۈچۈن بىر ئالامەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەتكە شەك كەلتۈرمەڭلار ۋە ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى قىيامەت ئۈچۈن بىر ئىلىمدۇر3. ئۇ ھالدا قىيامەت توغرۇلۇق شۈبھىلەنمەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر.
43 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَصُدَّنَّكُمُ الشَّيْطَانُ ۖ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنى شەيتان (توغرا يولدا) مېڭىشتىن توسمىسۇن (يەنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئالدانماڭلار)، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر»[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى شەيتان بۇ توغرا يولدا مېڭىشتىن توسمىسۇن، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر»
ئەنەس ئالىم: شەيتان سىلەرنى توسمىسۇن. ئۇ سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر.
جاسىيە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمْ لَنْ يُغْنُوا عَنْكَ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۚ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۖ وَاللَّهُ وَلِيُّ الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، (ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىغا ماسلىشىدىغان بولساڭ) ئۇلار سەندىن ئاللاھنىڭ (ئازابى) دىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ، شۈبھىسىزكى، (دۇنيادا) زالىملارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە دوستتۇر، ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئۇلار سەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ، شۈبھىسىزكى، زالىملارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە دوستتۇر، ئاللاھ بولسا، تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچبىر نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايدۇ. زالىملار بىر - بىرلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ ۋەلىيسىدۇر.
مۇھەممەد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَهْدِيهِمْ وَيُصْلِحُ بَالَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى يېقىندا ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ
47 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّهِ كَمَنْ زُيِّنَ لَهُ سُوءُ عَمَلِهِ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان روشەن دەلىللەرگە ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۆمىن) ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەمگە (يەنى كاپىرغا) ئوخشامدۇ؟[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببى تەرىپىدىن بولغان روشەن دەلىللەرگە ئاساسلانغان ئادەم، ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەمگە ئوخشامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: رەببىدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان ئادەم بىلەن يامان ئەمىلى ئۆزىگە چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەملەر ئوخشاش بولامدۇ؟
47 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ اهْتَدَوْا زَادَهُمْ هُدًى وَآتَاهُمْ تَقْوَاهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ھىدايەت تاپقانلارنى ئاللاھ تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھىدايەت تاپقانلارنىڭ ھىدايىتىنى ئاللاھ زىيادە قىلىدۇ، ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ھىدايەت تاپقانلار بولسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا تەقۋالىقىنى ئاتا قىلىدۇ.
فەتىھ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَغْفِرَ لَكَ اللَّهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِكَ وَمَا تَأَخَّرَ وَيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَيَهْدِيَكَ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق[1ـ3].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: بۇ ئاللاھنىڭ، سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى، ساڭا نېمىتىنى تاماملىشى، سېنى توغرا يولغا باشلىشى
48 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَدَكُمُ اللَّهُ مَغَانِمَ كَثِيرَةً تَأْخُذُونَهَا فَعَجَّلَ لَكُمْ هَٰذِهِ وَكَفَّ أَيْدِيَ النَّاسِ عَنْكُمْ وَلِتَكُونَ آيَةً لِلْمُؤْمِنِينَ وَيَهْدِيَكُمْ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلدى، بۇنى (يەنى خەيبەرنىڭ غەنىيمىتىنى) ھەممىدىن بۇرۇن ئاتا قىلدى، سىلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ قول سېلىشىدىن ساقلىدى، (غەنىيمەتلەر، مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى، مەسجىدى ھەرامغا كىرىش) مۆمىنلەرگە نىشان بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن (ئاللاھ شۇنداق قىلدى)[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلدى، بۇنى ھەممىدىن بۇرۇن ئاتا قىلدى، سىلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ قول سېلىشىدىن ساقلىدى، مۇئمىنلارغا نىشان بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئاللاھ شۇنداق قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلارنى ئالىسىلەر. بۇنى سىلەر ئۈچۈن تېز ئاتا قىلدى، ئىنسانلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توستى. ئاللاھ بۇنى مۇئمىنلارغا ئالامەت بولۇشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن قىلدى.
ھۇجۇرات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
49 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَاعْلَمُوا أَنَّ فِيكُمْ رَسُولَ اللَّهِ ۚ لَوْ يُطِيعُكُمْ فِي كَثِيرٍ مِنَ الْأَمْرِ لَعَنِتُّمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ حَبَّبَ إِلَيْكُمُ الْإِيمَانَ وَزَيَّنَهُ فِي قُلُوبِكُمْ وَكَرَّهَ إِلَيْكُمُ الْكُفْرَ وَالْفُسُوقَ وَالْعِصْيَانَ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الرَّاشِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىلىڭلاركى، ئىچىڭلاردا رەسۇلۇللاھ (يەنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى) بار، ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا، چوقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا كۆركەم قىلدى، سىلەرگە پىسقىنى، كۇفرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە نېمىتى بىلەن توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[7ـ8].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلىڭلاركى، ئىچىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بار، ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا، چوقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا كۆركەم قىلدى، سىلەرگە پىسقىنى، كۇفرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى
ئەنەس ئالىم: بىلىڭلاركى، ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ رەسۇلى بار. ئەگەر ئۇ كۆپ ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى ياخشى كۆرسەتتى، ئۇنى قەلبلىرىڭلاردا گۈزەللەشتۈردى، سىلەرگە كافىرلىقنى، فاسىقلىقنى ۋە ئاسىيلىقنى يامان كۆرسەتتى. ئەنە شۇلار توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر.
49 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
يَمُنُّونَ عَلَيْكَ أَنْ أَسْلَمُوا ۖ قُلْ لَا تَمُنُّوا عَلَيَّ إِسْلَامَكُمْ ۖ بَلِ اللَّهُ يَمُنُّ عَلَيْكُمْ أَنْ هَدَاكُمْ لِلْإِيمَانِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ساڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، (ئۇلارغا) «سىلەر ماڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلارنى مىننەت قىلماڭلار، بەلكى ئاللاھ سىلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، ئەگەر سىلەر راست (مۆمىن) بولساڭلار» دېگىن[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ساڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، ئېيتقىنكى: «سىلەر ماڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلارنى مىننەت قىلماڭلار، ئەكسىچە ئاللاھ سىلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن سىلەرگە مىننەت - ياخشىلىق قىلماقتا، ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ساڭا، ئۆزلىرىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ. ئېيتقىنكى: «تەسلىم بولغانلىقىڭلارنى ماڭا مىننەت قىلماڭلار. بەلكى ئاللاھ سىلەرگە، سىلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ. ئەگەر راستچىل بولساڭلار».
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ مَبْلَغُهُمْ مِنَ الْعِلْمِ ۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اهْتَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئىلىم سەۋىيىسى ئەنە شۇدۇر. رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَآمِنُوا بِرَسُولِهِ يُؤْتِكُمْ كِفْلَيْنِ مِنْ رَحْمَتِهِ وَيَجْعَلْ لَكُمْ نُورًا تَمْشُونَ بِهِ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى (ئىيساغا) ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە سىلەر ماڭىدىغان نۇرنى پەيدا قىلىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ماڭىدىغان نۇرنى پەيدا قىلىدۇ ۋە سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە يولۇڭلارنى يورۇتىدىغان نۇر ئاتا قىلىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
تەغابۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
مَا أَصَابَ مِنْ مُصِيبَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ وَمَنْ يُؤْمِنْ بِاللَّهِ يَهْدِ قَلْبَهُ ۚ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى (يەنى قازاسى) بىلەنلا (يېتىدۇ)، كىمكى ئاللاھقا (يەنى ھەر قانداق مۇسىبەت ئاللاھنىڭ قازاسى بىلەن يېتىدۇ دېگەن سۆزگە) ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى (سەۋرگە) يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت پەقەت ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەنلا يېتىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: يۈز بەرگەن ھەرقانداق ھادىسە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۈز بېرىدۇ. كىم ئاللاھقا ئىمان ئېيتسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
مۈلك سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ يَمْشِي مُكِبًّا عَلَىٰ وَجْهِهِ أَهْدَىٰ أَمَّنْ يَمْشِي سَوِيًّا عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: زادى قايسى ئادەم يول تاپالايدۇ؟ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ماڭغان ئادەممۇ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەممۇ؟[22]
تەرجىمە ھەيئىتى: زادى قايسى ئادەم توغرا يولدىمۇ؟ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ماڭغان ئادەممۇ؟ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەممۇ؟
ئەنەس ئالىم: دۈم چۈشۈپ ئۆمىلەپ ماڭىدىغان كىشىنىڭ يولى بەكرەك توغرىمۇ ياكى توغرا يولدا تۈز ماڭىدىغان كىشىنىڭمۇ؟
قەلەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
بِأَيْيِكُمُ الْمَفْتُونُ
مۇھەممەد سالىھ: كەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرۈسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ[5ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: قايسىڭلارنىڭ ئەقلىنى يوقاتقانلىقىنى.
68 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
جىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّا لَا نَدْرِي أَشَرٌّ أُرِيدَ بِمَنْ فِي الْأَرْضِ أَمْ أَرَادَ بِهِمْ رَبُّهُمْ رَشَدًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز (جىنلار جامائەسى) زېمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز زېمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى رەببى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز
ئەنەس ئالىم: زېمىندىكى كىشىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى رەببى ئۇلارغا كامالەت ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز.
ئىنسان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا هَدَيْنَاهُ السَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرًا وَإِمَّا كَفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى ـ يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ مۆمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى (فاجىر بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
نازىئات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَهْدِيَكَ إِلَىٰ رَبِّكَ فَتَخْشَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سېنى پەرۋەردىگارىمنى تونۇشقا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ (ئۇنى تونۇساڭ پەرۋەردىگارىڭدىن) قورقىسەن ـ دە، (ياخشى ئەمەللەرنى قىلىسەن)، دېگىن»[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنى رەببىڭنىڭ تەرىپىگە يېتەكلىشىمنىچۇ؟ شۇنداق بولغاندا قورقارسەن»
ئەنەس ئالىم: سېنى رەببىڭنى تونۇشقا يېتەكلەيمۇ؟ تونۇساڭ ئۇنىڭدىن ئەيمىنىسەن!»6.
ئەبەسە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ السَّبِيلَ يَسَّرَهُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇنىڭغا يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇ يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇنىڭغا يولنى ئاسانلاشتۇردى،
ئەئلا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِي قَدَّرَ فَهَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
87 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُيَسِّرُكَ لِلْيُسْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سېنى بىز ئاسان يولغا (يەنى ئىسلام شەرىئىتىگە) مۇۋەپپەق قىلىمىز[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە بىز سېنى ئاسانغا مۇۋەپپەق قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ساڭا ئەڭ ئاسان نەرسىنى مۇيەسسەر قىلىمىز.
87 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَذَّكَّرُ مَنْ يَخْشَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن (قورققان) ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەيمىنىدىغان كىشى2 ئەلۋەتتە ئەسلىتىشنى قوبۇل قىلىدۇ.
بەلەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
90 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَهَدَيْنَاهُ النَّجْدَيْنِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟[8ـ10]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا ئىككى يولنى كۆرسەتتۇق.
شەمس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
91 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّاهَا
مۇھەممەد سالىھ: نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى[7ـ8]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: ئۇ زات نەفسكە فۇجۇرىنى1 ۋە تەقۋالىقىنى ئىلھام قىلدى-،
لەيل سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
92 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ سَعْيَكُمْ لَشَتَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز خىلمۇخىلدۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر.
92 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَنُيَسِّرُهُ لِلْيُسْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا ئەڭ ئاساننى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز.
92 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يُغْنِي عَنْهُ مَالُهُ إِذَا تَرَدَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: توغرا يولنى كۆرسىتىشكە شەك ـ شۈبھىسىز بىز مەسئۇلمىز[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: توغرا يولنى كۆرسىتىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، توغرا يولنى كۆرسىتىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
زۇھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
93 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَجَدَكَ ضَالًّا فَهَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟[7]
تەرجىمە ھەيئىتى: قايمۇققان ھالدا كۆرۈپ، يول كۆرسەتىمىدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ سېنى قايمۇققان كۆرۈپ ھىدايەت قىلدى.
ئەلەق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
96 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
أَرَأَيْتَ إِنْ كَانَ عَلَى الْهُدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا[11]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قانداق قارايسەن؟ ئەگەر ئۇ توغرا يول ئۈستىدە بولغان بولسىچۇ؟
ئەنەس ئالىم: كۆردۈڭمۇ؟ ئەگەر ئۇ بەندە توغرا يولدا بولسا،