ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ھەمد ۋە تەسبىھ — ئاللاھنىڭ كامالىتىنى ئۇلۇغلايدىغان ۋە مەدھىيىلەيدىغان ئالاھىدە ئەمەللەر.
ئەرەبچىىسى: الحمد والتسبيح
ئېنگلىزچىسى: Praising Allah
53 ئايەت
37 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 زىكىر ۋە دۇئا /
- 📄 ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇش
قۇرئان ئايەتلىرى
فاتىھە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
1 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!2 ئاللاھ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر3،
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا سُبْحَانَكَ لَا عِلْمَ لَنَا إِلَّا مَا عَلَّمْتَنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرىشتىلەر: «سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېدى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەر: «سېنى پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، سەن ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: پەرىشتىلەر: «سەن ئۇلۇغدۇرسەن. بىزنىڭ، سەن بىزگە ئۆگەتكەندىن باشقا ھېچ ئىلمىمىز يوق. شۈبھىسىزكى، سەن بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېدى.
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اجْعَلْ لِي آيَةً ۖ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَةَ أَيَّامٍ إِلَّا رَمْزًا ۗ وَاذْكُرْ رَبَّكَ كَثِيرًا وَسَبِّحْ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: ‹‹پەرۋەردىگارىم! ماڭا (ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر نىشانە ئاتا قىلغىن» دېدى. ئاللاھ: ‹‹ساڭا بولىدىغان نىشانە شۇكى، ئۈچ كۈنگۈچە كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن (يەنى زىكرى - تەسبىھ ئېيتىشتىن باشقا سۆزگە تىلىڭ كەلمەيدۇ). پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن، (نېمىتىمگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەت، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيت» دېدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «ئى رەببىم! ماڭا ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر بەلگە ئاتا قىلغىن» دېدى. ئاللاھ: «ساڭا بېرىلىدىغان بەلگە شۇكى، سەن ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە گەپ قىلالمايسەن،. پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن. پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەتكىن، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيتقىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا: «رەببىم! ئۇنداق بولسا ماڭا بىرەر ئالامەت بەرگىن» دېدى. ئاللاھ: «ئالامىتىڭ شۇ: سەن ئىنسانلارغا ئۈچ كۈن سۆز قىلالمايسەن. لېكىن مەقسىدىڭنى ئىشارەت بىلەن ئۇقتۇرالايسەن. رەببىڭنى كۆپ زىكىر قىلغىن، چۈشتىن كېيىن ۋە ئىلگىرى ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن» دېدى.
ئەنئام سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَجَعَلَ الظُّلُمَاتِ وَالنُّورَ ۖ ثُمَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ يَعْدِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر! ئاندىن (يەنى مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ) كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرىدۇ[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، قاراڭغۇلۇقلارنى ۋە نۇرنى بار قىلدى. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، كافىرلار ئۆزلىرىنىڭ رەببىگە باشقىلارنى تەڭ قىلماقتىدۇر.
6 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُطِعَ دَابِرُ الْقَوْمِ الَّذِينَ ظَلَمُوا ۚ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى (يەنى ئۇلار پۈتۈنلەي ھالاك قىلىندى). جىمى ھەمدۇسانا (پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بېرىپ، كۇففارلارنى ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر![45]
تەرجىمە ھەيئىتى: كۇفرلىق قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى. بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھقا خاستۇر!
ئەنەس ئالىم: زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
دَعْوَاهُمْ فِيهَا سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَتَحِيَّتُهُمْ فِيهَا سَلَامٌ ۚ وَآخِرُ دَعْوَاهُمْ أَنِ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى: «ئى رەببىمىز، بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېيىشتىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ جەننەتتە (بىر ـ بىرىگە) بېرىدىغان سالامى: «(ئەھلى دوزاخ چېكىۋاتقان ئازابتىن) ئامان بولغايسەن (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم)» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى: «ئى رەببىمىز، بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېيىشتىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ جەننەتتە بىر ـ بىرىگە بېرىدىغان سالامى: «ئامان بولغايسەن» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئۇ جەننەتلەردىكى دۇئا ۋە تىلەكلىرى: «ئى ئاللاھ! سەن نېمىدېگەن ئۇلۇغ!»، سالام ۋە تەبرىكلىرى: «سالام»2، دۇئا ۋە تىلەكلىرىنىڭ ئاخىرى: «ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن»دۇر3.
ئىسرا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
تُسَبِّحُ لَهُ السَّمَاوَاتُ السَّبْعُ وَالْأَرْضُ وَمَنْ فِيهِنَّ ۚ وَإِنْ مِنْ شَيْءٍ إِلَّا يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ وَلَٰكِنْ لَا تَفْقَهُونَ تَسْبِيحَهُمْ ۗ إِنَّهُ كَانَ حَلِيمًا غَفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: يەتتە ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھنى پاك دەپ بىلىدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيەلەيدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ)، لېكىن سىلەر (تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ مەدھىيەسىنى سەزمەيسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەتتە ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھ نى پاك دەپ بىلىدۇ، كائىناتتىكى قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھ نى پاك دەپ مەدھىيىلەيدۇ، لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ مەدھىيىسىنى سەزمەيسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ، تەۋبە قىلغۇچىلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: يەتتە ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى كىشىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھقا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتمايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ تەسبىھىنى چۈشەنمەيسىلەر. ئاللاھ ھەلىيمدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
17 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُونَ سُبْحَانَ رَبِّنَا إِنْ كَانَ وَعْدُ رَبِّنَا لَمَفْعُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز پاكتۇر، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ» دەيدۇ[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىمىز پاكتۇر، رەببىمىزنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز پاكتۇر، رەببىمىزنىڭ ۋەدىسى راستتىنلا ئەمەلگە ئاشتى» دەيدۇ.
17 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي لَمْ يَتَّخِذْ وَلَدًا وَلَمْ يَكُنْ لَهُ شَرِيكٌ فِي الْمُلْكِ وَلَمْ يَكُنْ لَهُ وَلِيٌّ مِنَ الذُّلِّ ۖ وَكَبِّرْهُ تَكْبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، سەلتەنىتىدە شېرىكى بولمىغان، خارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستقا موھتاج بولمىغان (يەنى خار بولمىغان، ياردەمچىگە موھتاج بولمىغان) ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن»[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، سەلتەنىتىدە شېرىكى بولمىغان، خارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستقا موھتاج بولمىغان ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھ نى مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! «ئاتا بولمىغان، پادىشاھلىقتا شېرىكى بولمىغان ۋە ئاجىزلىق سەۋەبىدىن ياردەمچىگە موھتاج بولمىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن» دېگىن، ئاللاھنى شەنىگە لايىق رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن.
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَىٰ عَبْدِهِ الْكِتَابَ وَلَمْ يَجْعَلْ لَهُ عِوَجًا ۜ
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، (ئاللاھ ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد) گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى[1 ـ 2].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: بەندىسىگە بۇ كىتابنى نازىل قىلغان ۋە بۇ كىتابتا ھېچبىر ئەگرىلىك قىلمىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا ۖ وَمِنْ آنَاءِ اللَّيْلِ فَسَبِّحْ وَأَطْرَافَ النَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرْضَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن ۋە ھەمدە ئېيتقىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن. قۇياش چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن. كېچىنىڭ ۋاقىتلىرى بىلەن كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرىدىمۇ تەسبىھ ئېيتقىن. ئۇلارنى رازىلىققا ئېرىشەرمەن دەپ قىلغىن.
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
يُسَبِّحُونَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ لَا يَفْتُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار كېچە ـ كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بوشاشمايدۇ[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كېچە ـ كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بوشاشمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كېچە - كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بۇنىڭدىن ھېچ بوشاپ قالمايدۇ4.
فۇرقان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَوَكَّلْ عَلَى الْحَيِّ الَّذِي لَا يَمُوتُ وَسَبِّحْ بِحَمْدِهِ ۚ وَكَفَىٰ بِهِ بِذُنُوبِ عِبَادِهِ خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ھەممە ئىشىڭدا) ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئۇنىڭغا ھەمد ئېيتىش بىلەن ئاللاھنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن، ئۇ بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىشتە يېتەرلىكتۇر[ 58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئۇنىڭغا ھەمد ئېيتىش بىلەن ئاللاھ نى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن، ئۇ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىشتە يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ھېچ ئۆلمەيدىغان، مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن، ئۇنىڭغا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن. ئۇ، بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
نەمىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ وَسَلَامٌ عَلَىٰ عِبَادِهِ الَّذِينَ اصْطَفَىٰ ۗ آللَّهُ خَيْرٌ أَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغان بەندىلىرىگە ئامانلىق تىلەيمەن!» دېگىن. ئاللاھ ياخشىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرى ياخشىمۇ؟[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! ئۇنىڭ تاللىغان بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېگىن. ئاللاھ ياخشىمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرى ياخشىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىككە تاللىغان بەندىلىرىگە سالام بولسۇن! ئاللاھ ياخشىمۇ، ياكى مۇشرىكلار ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەرمۇ؟
27 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ سَيُرِيكُمْ آيَاتِهِ فَتَعْرِفُونَهَا ۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئۇلارنى (تونۇش پايدا بەرمەيدىغان چاغدا) تونۇيسىلەر، پەرۋەردىگارىڭ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئۇلارنى تونۇيسىلەر، رەببىڭ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھ سىلەرگە يېقىندا ئايەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئۇ ئايەتلەرنى تونۇيسىلەر». رەببىڭ قىلمىشىڭلاردىن ھەرگىزمۇ خەۋەسىز ئەمەستۇر.
قەسەس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ لَهُ الْحَمْدُ فِي الْأُولَىٰ وَالْآخِرَةِ ۖ وَلَهُ الْحُكْمُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاللاھدۇر، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جىمى ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھقىلا ھەمد ئېيتىلىدۇ. ھۆكۈمنى پەقەتلا ئاللاھ چىقىرىدۇ. سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
رۇم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
فَسُبْحَانَ اللَّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاخشامدا ۋە ئەتىگەندە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاخشامغا كىرگە ۋاختىڭلاردا ۋە ئەتىگەنلىگىنىڭلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان، ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان چاغلىرىڭلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار.
30 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُ الْحَمْدُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَعَشِيًّا وَحِينَ تُظْهِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەمدۇسانا، كەچ ۋە پېشىن ۋاقىتلىرىدىكى ھەمدۇسانانىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەمدۇسانا، كەچ ۋە پېشىن ۋاقىتلىرىدىكى ھەمدۇسانانىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىلماقتىدۇر. كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدىمۇ، چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئۇلاشقان ۋە بۇ ۋاقىتتا بولغان چاغلىرىڭلاردىمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار.
لوقمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۚ قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم خەلق ئەتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ، ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر!» بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئۇقمايدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ، ئېيتقىنكى: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر!» بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئۇقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلاردىن «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەلھەمدۇ لىللاھ!». بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا يُؤْمِنُ بِآيَاتِنَا الَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُوا بِهَا خَرُّوا سُجَّدًا وَسَبَّحُوا بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقەتەن شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا شۇ ئايەتلەر بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن ئاللاھقا) سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىدۇ، پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمد ئېيتىدۇ. ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقەتەن شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىدۇ، رەببىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ھەمدۇ ئېيتىدۇ. ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا ئۇ ئايەتلەر ئەسلىتىلسە دەرھال سەجدە قىلىدۇ، رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە چوڭچىلىق قىلمايدۇ.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار (چۈنكى بۇ ئىككى ۋاقىتتا پەرىشتىلەر چۈشۈپ تۇرغانلىقتىن، ئۇ ۋاقىتلارنىڭ ئەۋزىلى ھېسابلىنىدۇ)[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئۇنىڭغا ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن تەسبىھ ئېيتىڭلار.
سەبەئ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَلَهُ الْحَمْدُ فِي الْآخِرَةِ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاخىرەتتىكى ھەمدۇسانامۇ ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاخىرەتتىمۇ ھەمدۇسانالار ئۇنىڭغا بولسۇن. ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر.
فاتىر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ جَاعِلِ الْمَلَائِكَةِ رُسُلًا أُولِي أَجْنِحَةٍ مَثْنَىٰ وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ ۚ يَزِيدُ فِي الْخَلْقِ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھ يارىتىشتا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق ۋە تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھ يارىتىشتا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
35 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَذْهَبَ عَنَّا الْحَزَنَ ۖ إِنَّ رَبَّنَا لَغَفُورٌ شَكُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزدىن غەم ـ قايغۇنى كەتكۈزۈۋەتكەن ئاللاھقا مەنسۇپتۇر! بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزدىن غەم ـ قايغۇنى كەتكۈزۈۋەتكەن ئاللاھقا مەنسۇپتۇر! بىزنىڭ رەببىمىز ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىزدىن غەم - قايغۇنى كەتكۈزۈۋەتكەن ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. شۈبھىسىزكى، رەببىمىز مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، شۈكۈر قىلغۇچىغا كۆپ ئىنئام ئاتا قىلغۇچىدۇر.
ساففات سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
سَلَامٌ عَلَىٰ نُوحٍ فِي الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئالەملەرنىڭ ئىچىدە نۇھقا سالام يوللىنىدۇ.
37 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
سَلَامٌ عَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمغا سالام بولسۇن![109]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!
37 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
سَلَامٌ عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇساغا ۋە ھارۇنغا (بىزدىن) سالام بولسۇن![120]
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇساغا ۋە ھارۇنغا سالام بولسۇن!
ئەنەس ئالىم: مۇساغا ۋە ھارۇنغا سالام بولسۇن!
37 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
سَلَامٌ عَلَىٰ إِلْ يَاسِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلياسقا (بىزدىن) سالام بولسۇن![130].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلياسقا سالام بولسۇن!
ئەنەس ئالىم: ئىلياسقا سالام بولسۇن!
37 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا أَنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُسَبِّحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى[143-144].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى،
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى،
37 : 166 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّا لَنَحْنُ الْمُسَبِّحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن (ئاللاھقا) تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز»[166].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز»
ئەنەس ئالىم: بىز تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز».
37 : 181 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن![181]
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن!
ئەنەس ئالىم: ئەلچىلەرگە سالام بولسۇن!
37 : 182 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر![182]
تەرجىمە ھەيئىتى: جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!
ئەنەس ئالىم: ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!
ساد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا سَخَّرْنَا الْجِبَالَ مَعَهُ يُسَبِّحْنَ بِالْعَشِيِّ وَالْإِشْرَاقِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن تاغلارنى (داۋۇدقا) بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار داۋۇد بىلەن ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى تەسبىھ ئېيتاتتى[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن تاغلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار داۋۇد بىلەن ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى تەسبىھ ئېيتاتتى
ئەنەس ئالىم: بىز تاغلارنى كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا ۋە كۈن چىقىپ نۇر چاچقاندا داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَى الْمَلَائِكَةَ حَافِّينَ مِنْ حَوْلِ الْعَرْشِ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ ۖ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْحَقِّ وَقِيلَ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرىشتىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتقان، ھەمدى ئېيتقان ھالدا ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ (مۆمىنلەر جەننەتكە كىرىدۇ، كاپىرلار دوزاخقا كىرىدۇ)، «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىلىدۇ[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەرنىڭ رەببىغا تەسبىھ ئېيتقان، ھەمدى ئېيتقان ھالدا ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: پەرىشتىلەرنى ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرۇۋاتقان ۋە رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن8. ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ ۋە «ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دېيىلىدۇ.
غافىر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَاسْتَغْفِرْ لِذَنْبِكَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ساڭا ۋە سېنىڭ تەۋەلىرىڭگە ياردەم بېرىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ـ ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ـ ئەتىگىنى رەببىڭگە ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇ ھالدا سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، گۇناھىڭنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلىگىن، چۈشتىن كېيىن ۋە چۈشتىن ئىلگىرى رەببىڭغا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
40 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الْحَيُّ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ ۗ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر![65]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىڭلارنى -شېرىكتىن ۋە رىيادىن- ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ دائىم تىرىكتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. شۇڭا ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.
فۇسسىلەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنِ اسْتَكْبَرُوا فَالَّذِينَ عِنْدَ رَبِّكَ يُسَبِّحُونَ لَهُ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَهُمْ لَا يَسْأَمُونَ ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلىپ (ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) باش تارتسا، پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) كېچە ـ كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلسا، بىلسۇنكى، رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر كېچە - كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار چوڭچىلىق قىلسا، رەببىڭنىڭ يېنىدىكىلەر كېچە - كۈندۈز ھېچ زېرىكمەستىن ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ.
جاسىيە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَلِلَّهِ الْحَمْدُ رَبِّ السَّمَاوَاتِ وَرَبِّ الْأَرْضِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر![36]
تەرجىمە ھەيئىتى: جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنىڭ رەببى، زېمىننىڭ رەببى ۋە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ رەببى، زېمىننىڭ رەببى ۋە ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.
فەتىھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
لِتُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَتُعَزِّرُوهُ وَتُوَقِّرُوهُ وَتُسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە ھۆرمەتلىشىڭلار ئۈچۈن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن (بىز پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق)[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىڭلار ۋە ھۆرمەتلىشىڭلار ئۈچۈن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن بىز پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرگەيسىلەر، ئۇنى قوللىغايسىلەر، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلغايسىلەر، چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتقايسىلەر.
قاف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق بولغانىكەن، كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، قۇياش چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
50 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ اللَّيْلِ فَسَبِّحْهُ وَأَدْبَارَ السُّجُودِ
مۇھەممەد سالىھ: كېچىدە ۋە سەجدىدىن كېيىن (يەنى پەرز نامازلارنىڭ ئارقىسىدا) تەسبىھ ئېيتقىن[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچىدە ۋە سەجدىدىن كېيىن تەسبىھ ئېيتقىن
ئەنەس ئالىم: كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ۋە سەجدىلەردىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن.
تۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ اللَّيْلِ فَسَبِّحْهُ وَإِدْبَارَ النُّجُومِ
مۇھەممەد سالىھ: كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن
ئەنەس ئالىم: كېچىنىڭ بىر قىسمىدىمۇ ۋە يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ تەسبىھ ئېيتقىن.
رەھمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
تَبَارَكَ اسْمُ رَبِّكَ ذِي الْجَلَالِ وَالْإِكْرَامِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى مۇبارەكتۇر[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك رەببىڭنىڭ نامى ئۇلۇغدۇر
ئەنەس ئالىم: سېنىڭ ئۇلۇغ ۋە سېخىي رەببىڭنىڭ ئىسمى نېمىدېگەن ئۇلۇغ!
ۋاقىئە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق بولسا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن.
56 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئېتىرازلىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق بولسا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن.
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ھەشر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
سەپ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
61 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر (يەنى ئىنسانلار، ئۆسۈملۈكلەر، جانسىز شەيئىلەر) ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
جۇمۇئە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
62 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ الْمَلِكِ الْقُدُّوسِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر، (ھەممە نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ پادىشاھتۇر، پاكتۇر، ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ھاققە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن9.
مۇدەسسىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَبَّكَ فَكَبِّرْ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
ئەئلا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الْأَعْلَى
مۇھەممەد سالىھ: ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئەڭ ئۈستۈن رەببىڭنىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغلىغىن.
نەسىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
110 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَاسْتَغْفِرْهُ ۚ إِنَّهُ كَانَ تَوَّابًا
مۇھەممەد سالىھ: رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،