قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاخىرەت: قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى
ئەرەبچىىسى: أشراط الساعة
ئېنگلىزچىسى: Signs of the Hour
172 ئايەت
60 سۈرە
3 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّقُوا يَوْمًا لَا تَجْزِي نَفْسٌ عَنْ نَفْسٍ شَيْئًا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا شَفَاعَةٌ وَلَا يُؤْخَذُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىدىن فىدىيە ئېلىنمايدىغان، ئۇلار (كاپىرلار ۋە گۇناھكار بەندىلەر) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىدىن فىديە ئېلىنمايدىغان، ئۇلار (يەنى كافىرلار) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: شۇنداق كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچكىمگە ئەسقاتمايدۇ، ھېچكىمدىن شاپائەت20 قوبۇل قىلىنمايدۇ، ھېچكىمدىن فىدىيە21 ئېلىنمايدۇ ۋە ھېچكىمگە ياردەم قىلىنمايدۇ.
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ إِلَّا لَيُؤْمِنَنَّ بِهِ قَبْلَ مَوْتِهِ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكُونُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلارنىڭ ئىيسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى) غا گۇۋاھ بولىدۇ[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ (ئۇلارنىڭ ئىمانى ئەسقاتمايدۇ). ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن ھەربىرى ئۆلۈمىدىن بۇرۇن ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھچى بولىدۇ.
مائىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَجْمَعُ اللَّهُ الرُّسُلَ فَيَقُولُ مَاذَا أُجِبْتُمْ ۖ قَالُوا لَا عِلْمَ لَنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ: «(قەۋمىڭلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغىنىڭلاردا) قانداق جاۋابقا ئىگە بولدۇڭلار؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «(سېنىڭ بىلگىنىڭگە سېلىشتۇرغاندا) بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن» دەيدۇ[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ: «سىلەر (قەۋمىڭلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغاندا) قانداق جاۋابقا ئىگە بولغان ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «(سەن بىلدۈرگەندىن باشقا) بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلگۈچىسەن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىر كۈنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەلچىلىرىنى يىغىدۇ ۋە: «سىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىلدى؟» دەيدۇ. ئۇلار: «بىزنىڭ ھېچ ئىلمىمىز يوق، شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىدۇرسەن» دەيدۇ.
ئەنئام سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِلِقَاءِ اللَّهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءَتْهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً قَالُوا يَا حَسْرَتَنَا عَلَىٰ مَا فَرَّطْنَا فِيهَا وَهُمْ يَحْمِلُونَ أَوْزَارَهُمْ عَلَىٰ ظُهُورِهِمْ ۚ أَلَا سَاءَ مَا يَزِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى قايتا تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادىكى بىپەرۋالىقىمىزغا ۋاي ئېست» دەيدۇ. گۇناھلىرىنى ئۈستىلىرىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ (گۇناھلارنى) يۈكلىگىنى نېمىدېگەن يامان![31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادا بىپەرۋالىق قىلىپ كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمىزغا ئىسىت» دەپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار گۇناھلارنى ئۈستىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈكلىۋالغىنى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يالغان دېگەنلەر چوقۇم زىيان تارتىدۇ. ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرىگە قىيامەت تۇيۇقسىزلا كەلگەندە گۇناھلىرىنى يۈدۈپ تۇرۇپ: «ۋاي ئىسىت! ئۇ دۇنيادا سەل قاراپتىمىز» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار يۈدۈۋالغان نەرسە نېمىدېگەن يامان!
6 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتَكُمْ إِنْ أَتَاكُمْ عَذَابُ اللَّهِ أَوْ أَتَتْكُمُ السَّاعَةُ أَغَيْرَ اللَّهِ تَدْعُونَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ياكى قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلتىجا قىلامسىلەر؟[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ياكى قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن باشقىغا ئىلتىجا قىلامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە ياكى سىلەرگە قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلامسىلەر؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار!
6 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ وَيَوْمَ يَقُولُ كُنْ فَيَكُونُ ۚ قَوْلُهُ الْحَقُّ ۚ وَلَهُ الْمُلْكُ يَوْمَ يُنْفَخُ فِي الصُّورِ ۚ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ئاللاھ (بىرەر شەيئىگە) «ۋۇجۇدقا كەل» دېسە (دەرھال) ۋۇجۇدقا كېلىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) ئازابتىن قورقۇڭلار. ئاللاھنىڭ سۆزى ھەقتۇر. سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن) خەۋەرداردۇر[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، ئاللاھ بىرەر شەيئىگە «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن كۈندە ئۇ دەرھال ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ سۆزى ھەقتۇر، سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ئۇ بىر نەرسىگە: «بول» دېگەن كۈنى ئۇ نەرسە بولىدۇ. ئۇنىڭ سۆزى ھەقتۇر. سۇر چېلىنىدىغان كۈنى ھاكىمىيەت پەقەتلا ئۇنىڭدۇر. ئۇ غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر».
6 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ مَا تُوعَدُونَ لَآتٍ ۖ وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (قىيامەت، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش قاتارلىق) ئىشلار چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان قىيامەت چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: بېشىڭلارغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان نەرسە چوقۇم كېلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.
6 : 158 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا أَنْ تَأْتِيَهُمُ الْمَلَائِكَةُ أَوْ يَأْتِيَ رَبُّكَ أَوْ يَأْتِيَ بَعْضُ آيَاتِ رَبِّكَ ۗ يَوْمَ يَأْتِي بَعْضُ آيَاتِ رَبِّكَ لَا يَنْفَعُ نَفْسًا إِيمَانُهَا لَمْ تَكُنْ آمَنَتْ مِنْ قَبْلُ أَوْ كَسَبَتْ فِي إِيمَانِهَا خَيْرًا ۗ قُلِ انْتَظِرُوا إِنَّا مُنْتَظِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەقەت (ئۆلۈم) پەرىشتىلىرىنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇياشنىڭ مەغرىبتىن چىقىشىدىن ئىبارەت) بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ. «(سىلەر ئۆزۈڭلارغا كېلىدىغان ئىشلارنى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتىمىز» دېگىن[158].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت پەرىشتىلىرىنىڭ كېلىشىنى ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (جازاسىنىڭ) كېلىشىنى ۋە ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ (ئىماننى ئىپادىلەيدىغان بىرەر) ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئەمدى ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ. «(ئى مۇھەممەد!) «سىلەر ئۆزۈڭلارغا كېلىدىغان ئىشلارنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتۈپ تۇرىمىز» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ كېلىشىنى ياكى رەببىڭنىڭ كېلىشىنى ۋە ياكى رەببىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كېلىشىنىلا ساقلاۋاتامدۇ!؟ رەببىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە، ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمانىدا ياخشىلىق ھاسىل قىلمىغان كىشىگە ئۇ چاغدا ئېيتقان ئىمانى پايدا كەلتۈرمەيدۇ. ئېيتقىنكى: «كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتمەكتىمىز».
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 187 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ عَنِ السَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَاهَا ۖ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِنْدَ رَبِّي ۖ لَا يُجَلِّيهَا لِوَقْتِهَا إِلَّا هُوَ ۚ ثَقُلَتْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ لَا تَأْتِيكُمْ إِلَّا بَغْتَةً ۗ يَسْأَلُونَكَ كَأَنَّكَ حَفِيٌّ عَنْهَا ۖ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِنْدَ اللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىم (ئاللاھ) بىلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، قىيامەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر (ۋەقەدۇر). ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كېلىدۇ». گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايىتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ مەخپىي بولۇشىدىكى سەۋەبنى) بىلمەيدۇ[187].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىملا بىلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، قىيامەت ئاسمان-زېمىندىكى ئېغىر ۋەقەدۇر. ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كېلىدۇ». ئۇلار گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايىتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى،«ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، لېكىن بۇنداق ئىكەنلىكىنى كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنى بىلمەيدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭغا دائىر ئىلىم پەقەت رەببىمنىڭلا ھۇزۇرىدىدۇر. ئۇنى ۋاقتى كەلگەندە پەقەت رەببىملا مەيدانغا چىقىرىدۇ. ئۇ ئاسمانلارغا ۋە زېمىنغا ئېغىر كېلىدۇ، سىلەرگە تۇيۇقسىزلا كېلىدۇ». گويا سەن ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلىدىغاندەك ئۇلار سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭغا دائىر ئىلىم پەقەت ئاللاھنىڭلا ھۇزۇرىدىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ».
يۇنۇس سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار (بىزگە ئېيتىپ بېرىڭلاركى) بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟» دەيدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار - بىزگە ئېيتىپ بېرىڭلاركى- بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ.
10 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي ضَرًّا وَلَا نَفْعًا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۗ لِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌ ۚ إِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ فَلَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً ۖ وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىمىسىلا، مەن ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، ھەر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مەلۇم ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ»[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىمىسىلا، مەن ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، ھەر ئۈممەتنىڭ ھالاك بولىدىغان مەلۇم ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزۈمگىمۇ پايدا - زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايمەن، لېكىن ئاللاھنىڭ خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ھەر ئۇممەتنىڭ ئەجىلى بار. ئەجىلى كەلگەن ئۇممەت ئۇنى قىلچە ئىلگىرى - كېيىن قىلالمايدۇ».
يۈسۈف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَأَمِنُوا أَنْ تَأْتِيَهُمْ غَاشِيَةٌ مِنْ عَذَابِ اللَّهِ أَوْ تَأْتِيَهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن، بىرەر جازانىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈشىدىن ياكى ئۇلار سەزمەستىن قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىشىدىن ئەمىن بولدىمۇ؟[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن، بىرەر جازانىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈشىدىن ياكى ئۇلار سەزمەستىن قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىشىدىن ئەمىن بولدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن زور بالانىڭ ئۆزلىرىگە كېلىشىدىن ياكى تۇيماي قالغان چاغلىرىدا ئۆزلىرىگە قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىزلا كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟
ھىجىر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ الْمُنْظَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى[37ـ38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «سەن ھەقىقەتەن مۆھلەت بېرىلگەنلەردىنسەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «سەن مۆھلەت بېرىلگەنلەردىنسەن،
15 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَىٰ يَوْمِ الْوَقْتِ الْمَعْلُومِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى[37ـ38].
تەرجىمە ھەيئىتى: «مەلۇم ۋاقىتقىچە»
ئەنەس ئالىم: مەلۇم ۋاقىتنىڭ كۈنىگە قەدەر».
15 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ ۗ وَإِنَّ السَّاعَةَ لَآتِيَةٌ ۖ فَاصْفَحِ الصَّفْحَ الْجَمِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدىلا ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، (ئى مۇھەممەد! نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن، ئۇلارغا) چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدىلا ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، -ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق بىلەن ياراتتۇق. قىيامەت ئەلۋەتتە قايىم بولىدۇ. شۇڭا چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن7.
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ غَيْبُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَمَا أَمْرُ السَّاعَةِ إِلَّا كَلَمْحِ الْبَصَرِ أَوْ هُوَ أَقْرَبُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تېزدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تېزدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئېچىشقىلا ئوخشاشتۇر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
كەھف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا ذَا الْقَرْنَيْنِ إِنَّ يَأْجُوجَ وَمَأْجُوجَ مُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ فَهَلْ نَجْعَلُ لَكَ خَرْجًا عَلَىٰ أَنْ تَجْعَلَ بَيْنَنَا وَبَيْنَهُمْ سَدًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى (باجغا ئوخشاش) تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى -باجغا ئوخشاش- تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ قەۋم: «ئى زۇلقەرنەين! يەئجۇج بىلەن مەئجۇج بۇ مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتىدۇر. بىز ساڭا باج تۆلىسەك، سەن بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېپىل سېلىپ بەرگەن بولساڭ!» دېدى.
18 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا اسْطَاعُوا أَنْ يَظْهَرُوهُ وَمَا اسْتَطَاعُوا لَهُ نَقْبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەجۇج ـ مەجۇج) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن يەئجۇج ۋە مەئجۇج ئۇ توسمىدىن ئاشالمىدى، ھەم ئۇنى تېشەلمىدى.
18 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هَٰذَا رَحْمَةٌ مِنْ رَبِّي ۖ فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ رَبِّي جَعَلَهُ دَكَّاءَ ۖ وَكَانَ وَعْدُ رَبِّي حَقًّا
مۇھەممەد سالىھ: زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ (يەنى توسمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى) پەرۋەردىگارىمنىڭ نېمىتىدۇر، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقاندا، ئۇ ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر»[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ -توسمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى- رەببىمنىڭ نېمىتىدۇر، رەببىمنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقاندا، ئۇ ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ، رەببىمنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر»
ئەنەس ئالىم: زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ رەببىمنىڭ رەھمىتىدۇر. لېكىن رەببىمنىڭ ۋەدىسىنىڭ ۋاقتى كەلگەندە رەببىم ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ. رەببىمنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ».
18 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَكْنَا بَعْضَهُمْ يَوْمَئِذٍ يَمُوجُ فِي بَعْضٍ ۖ وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَجَمَعْنَاهُمْ جَمْعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە، قىستاڭچىلىقتىن) كىشىلەرنى بىر ـ بىرىگە گىرەلەشتۈرۈۋېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، ئۇلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يېغىمىز[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە قىستاڭچىلىقتىن كىشىلەرنى بىر ـ بىرىگە گىرەلەشتۈرۈۋېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، ئۇلارنى -ھېساب ئۈچۈن- يېغىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ كۈنى ئۇلارنى7 قويۇۋېتىمىز. ئۇلار دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بىر - بىرىگە گېرەلىشىپ دولقۇنلىنىدۇ. سۇر چېلىنىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى توپلايمىز.
تاھا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ السَّاعَةَ آتِيَةٌ أَكَادُ أُخْفِيهَا لِتُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍ بِمَا تَسْعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەتنىڭ بولۇشى مۇھەققەقتۇر، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قاچان بولۇشىنى) مەخپىي تۇتتۇم[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەتنىڭ بولۇشى ھەقىقەتتۇر، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى مەخپىي تۇتتۇم
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، قىيامەت قايىم بولىدۇ. ھەر كىم ئۆز قىلمىشىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتىغا ئېرىشسۇن دەپ ئۇنىڭ ۋاقتىنى مەخپىي تۇتىۋاتىمەن.
20 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يُنْفَخُ فِي الصُّورِ ۚ وَنَحْشُرُ الْمُجْرِمِينَ يَوْمَئِذٍ زُرْقًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ سۇر چىلىنىدىغان كۈندۇر، بۇ كۈندە (شەكلى ئۆزگەرگەن) كۆك كۆزلۈك (قارا يۈزلۈك) گۇناھكارلارنى يىغىمىز[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ سۇر چىلىنىدىغان كۈندۇر، بۇ كۈندە -شەكلى ئۆزگەرگەن- كۆك كۆزلۈك گۇناھكارلارنى يىغىمىز
ئەنەس ئالىم: سۇر چىلىنغان كۈنى بىز گۇناھكارلارنى كۆزلىرى كۆپكۆك ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز.
20 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْجِبَالِ فَقُلْ يَنْسِفُهَا رَبِّي نَسْفًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق (يەنى تاغنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق) سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئۇلارنى كۈكۈم - تالقان قىلىپ (ئاندىن شامالنى ئەۋەتىپ ئۇنى سورۇيدۇ)[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق سورايدۇ، ئېيتقىنكى: «رەببىم ئۇلارنى كۈكۈم تالقان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق سورايدۇ6. ئېيتقىنكى: «رەببىم ئۇلارنى كۇكۇم - تالقان قىلىپ سورۇۋېتىدۇ،
20 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
فَيَذَرُهَا قَاعًا صَفْصَفًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىدۇ[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلارنى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئورنىنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ.
ئەنبىيا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ تَأْتِيهِمْ بَغْتَةً فَتَبْهَتُهُمْ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ رَدَّهَا وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن قىيامەت ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ ـ دە، ئۇلارنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇلار قىيامەتكە قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇلارغا (تەۋبە قىلىۋېلىش ۋە ئۆزرە بايان قىلىش ئۈچۈن) مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن قىيامەت ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ ـ دە، ئۇلارنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇلار قىيامەتكە قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئۇ ۋەدە تۇيۇقسىز ئەمەلگە ئېشىپ، ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار ئۇنى قايتۇرۇۋېتەلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ.
21 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَيْبِ وَهُمْ مِنَ السَّاعَةِ مُشْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: تەقۋادارلارلا پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ھەمدە ئۇلار قىيامەتنىڭ (دەھشىتىدىن) تىترىگۈچىلەردۇر[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەقۋادارلار رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ھەمدە ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن تىترىگۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ تەقۋادارلار رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان ۋە قىيامەتنىڭ غېمىدە تىترەپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر.
21 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا فُتِحَتْ يَأْجُوجُ وَمَأْجُوجُ وَهُمْ مِنْ كُلِّ حَدَبٍ يَنْسِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەجۇج ـ مەجۈج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەجۇج ـ مەجۈج -توسمىسى- ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاخىرى يەئجۇج ۋە مەئجۇج ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدىكى توسما ئېچىلىپ، ھەر تۆپىلىكتىن ئېقىپ كەلگىلى باشلىغاندا
21 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ نَطْوِي السَّمَاءَ كَطَيِّ السِّجِلِّ لِلْكُتُبِ ۚ كَمَا بَدَأْنَا أَوَّلَ خَلْقٍ نُعِيدُهُ ۚ وَعْدًا عَلَيْنَا ۚ إِنَّا كُنَّا فَاعِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئاسماننى (پۈتۈكچى) خەت يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئاسماننى - پۈتۈكچى- نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. بۇ بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، ئۇنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى بىز ئاسماننى كىتابلارنىڭ ۋاراقلىرىنى تۈرىگەندەك تۈرىمىز. دەسلەپتە يوقتىن ياراتقىنىمىزدەك قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىمىز. بۇ بىزنىڭ ۋەدىمىزدۇر. بىز ۋەدىمىزنى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
ھەج سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ ۚ إِنَّ زَلْزَلَةَ السَّاعَةِ شَيْءٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن (يەنى ئازابىدىن) قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! رەببىڭلارغا تەقۋادار بولۇڭلار. قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ناھايىتى چوڭ نەرسىدۇر.
22 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّ السَّاعَةَ آتِيَةٌ لَا رَيْبَ فِيهَا وَأَنَّ اللَّهَ يَبْعَثُ مَنْ فِي الْقُبُورِ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنداقلا قىيامەتنىڭ شەكسىز بولىدىغانلىقىنى، قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى (ئۆلۈك زېمىننى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش بىلەن تىرىلدۈرگەندەك) ئاللاھنىڭ تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداقلا قىيامەتنىڭ شەكسىز بولىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ
ئەنەس ئالىم: قىيامەت ئەلۋەتتە قايىم بولىدۇ، بۇنىڭدا ھېچ شەك يوق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قەبىرلەردىكى كىشىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ.
22 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَزَالُ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي مِرْيَةٍ مِنْهُ حَتَّىٰ تَأْتِيَهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً أَوْ يَأْتِيَهُمْ عَذَابُ يَوْمٍ عَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار تاكى ئۇلارغا قىيامەت ئۇشتۇمتۇت كەلگۈچە ياكى ئۇلارغا قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى يەتكۈچە قۇرئاندىن ھامان شەكلىنىدۇ[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار تاكى ئۇلارغا قىيامەت ئۇشتۇمتۇت كەلگۈچە ياكى ئۇلارغا قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى يەتكۈچە قۇرئاندىن ھامان شەكلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلار قىيامەت ئۇشتۇمتۇت قايىم بولغۇچىلىك ياكى ئىشلار ئۇلارنىڭ ئويلىغىندەك بولمايدىغان كۈننىڭ ئازابى باشلىرىغا كەلگۈچىلىك ئۇ ئايەتلەردىن شۈبھىلىنىپ تۇرىدۇ.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا نُفِخَ فِي الصُّورِ فَلَا أَنْسَابَ بَيْنَهُمْ يَوْمَئِذٍ وَلَا يَتَسَاءَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىق مەۋجۇت بولماي قالىدۇ. بىر ـ بىرىنىڭ (ئەھۋالىنىمۇ) سوراشمايدۇ[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىق مەۋجۇت بولماي قالىدۇ. ئۇلار بىر ـ بىرىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ سوراشمايدۇ
ئەنەس ئالىم: سۇر چېلىنغان چاغدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى قالمايدۇ، ھېچكىم ھېچكىمدىن ھال - ئەھۋال سورىمايدۇ.
فۇرقان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ كَذَّبُوا بِالسَّاعَةِ ۖ وَأَعْتَدْنَا لِمَنْ كَذَّبَ بِالسَّاعَةِ سَعِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ياق، ئۇلار قىيامەتنى ئىنكار قىلدى، قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلارغا بىز دوزاخنى تەييارلىدۇق[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەكسىچە ئۇلار قىيامەتنى يالغانغا چىقاردى، قىيامەتنى يالغانغا چىقارغانلارغا بىز دوزاخنى تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئەسلىدە قىيامەتنى ئىنكار قىلىدۇ. بىز قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلارغا يالقۇنلۇق ئوت تەييارلىدۇق.
نەمىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا وَقَعَ الْقَوْلُ عَلَيْهِمْ أَخْرَجْنَا لَهُمْ دَابَّةً مِنَ الْأَرْضِ تُكَلِّمُهُمْ أَنَّ النَّاسَ كَانُوا بِآيَاتِنَا لَا يُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى كۇففارلار) غا ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئىشقا ئاشقاندا (يەنى ئازاپ ۋە قىيامەت يېقىنلاشقاندا)، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئالدىنئالا ئېيتىلغان ھېلىقى سۆز ئىشقا ئاشقاندا، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتىلغان سۆز ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئۇلارغا زېمىندىن بىر جانلىق چىقىرىمىز. جانلىق ئۇلارغا، ئىنسانلارنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقىي ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.
27 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يُنْفَخُ فِي الصُّورِ فَفَزِعَ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ إِلَّا مَنْ شَاءَ اللَّهُ ۚ وَكُلٌّ أَتَوْهُ دَاخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە سۇر چېلىنىدۇ، ئاللاھ خالىغانلاردىن باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى قورقۇنچ باسىدۇ، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغان ھالدا كېلىدۇ[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە سۇر چېلىنىدۇ، ئاللاھ خالىغانلاردىن باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى قورقۇنچ باسىدۇ، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغان ھالدا كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: سۈر چېلىنغان كۈنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنى قاتتىق قورقۇنچ باسىدۇ. ئاللاھ خالىغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بويۇن ئەگكەن ھالدا كېلىدۇ.
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ يُقْسِمُ الْمُجْرِمُونَ مَا لَبِثُوا غَيْرَ سَاعَةٍ ۚ كَذَٰلِكَ كَانُوا يُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ەت قايىم بولغان كۈندە (گۇناھكارلار (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار دۇنيادىكى چاغلىرىدىمۇ مۇشۇنداق يالغانچىلىق قىلاتتى[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت قايىم بولغان كۈندە مۇشرىكلار دۇنيادا پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار دۇنيادىكى چاغلىرىدىمۇ مۇشۇنداق يالغانچىلىق قىلاتتى
ئەنەس ئالىم: قىيامەت قايىم بولغان كۈندە، گۇناھكارلار ئازغىنە ۋاقىتتىن ئارتۇق تۇرمىغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ. ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرىنى ئەنە شۇنداق ئالدايتتى.
لوقمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ عِنْدَهُ عِلْمُ السَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ الْغَيْثَ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْأَرْحَامِ ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ مَاذَا تَكْسِبُ غَدًا ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ بِأَيِّ أَرْضٍ تَمُوتُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) ئاللاھ بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى ـ يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى -ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا- ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن -پۈتۈن ئىشلارنى- بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ۋاقتىغا دائىر ئىلىم پەقەتلا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. يامغۇرنى ئاللاھ ياغدۇرىدۇ ۋە بالىياتقۇلاردىكىنى بىلىدۇ. ھېچكىم ئەتە نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھېچكىم قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، خەۋەرداردۇر.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُكَ النَّاسُ عَنِ السَّاعَةِ ۖ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِنْدَ اللَّهِ ۚ وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّ السَّاعَةَ تَكُونُ قَرِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەر سەندىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدۇ. «ئۇنى (مەن بىلمەيمەن) پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ» دېگىن. سەن نېمە بىلىسەن، قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەر سەندىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭ مەلۇماتى پەقەتلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، سەن نېمە بىلىسەن؟ قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئىنسانلار سەندىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ». سەن نەدىن بىلىسەن؟ قىيامەت يېقىندا قايىم بولۇشى مۇمكىن.
سەبەئ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لَا تَأْتِينَا السَّاعَةُ ۖ قُلْ بَلَىٰ وَرَبِّي لَتَأْتِيَنَّكُمْ عَالِمِ الْغَيْبِ ۖ لَا يَعْزُبُ عَنْهُ مِثْقَالُ ذَرَّةٍ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ وَلَا أَصْغَرُ مِنْ ذَٰلِكَ وَلَا أَكْبَرُ إِلَّا فِي كِتَابٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار: «بىزگە قىيامەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، قىيامەت سىلەرگە چوقۇم كېلىدۇ، ئاللاھ غەيىبنى بىلگۈچىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ئاللاھتىن يىراق ئەمەستۇر، ئۇنىڭ (يەنى زەررە) دىن كىچىكرەك نەرسە بولسۇن، چوڭراق نەرسە بولسۇن، لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنمىگىنى يوق»[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار: «بىزگە قىيامەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ، ئېيتقىنكى: «ئۇنداق ئەمەس، رەببىم بىلەن قەسەمكى، قىيامەت سىلەرگە چوقۇم كېلىدۇ، ئاللاھ غەيىبنى بىلگۈچىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ئاللاھتىن يىراق ئەمەستۇر، ئۇنىڭدىن كىچىكرەك نەرسە بولسۇن، چوڭراق نەرسە بولسۇن، لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنمىگىنى يوق»
ئەنەس ئالىم: كافىرلار: «بىزگە قىيامەت كەلمەيدۇ» دېدى. ئېيتقىنكى: «ياق، ئۇنداق ئەمەس! غەيبنى بىلىدىغان رەببىم بىلەن قەسەمكى، قىيامەت سىلەرگە ئەلۋەتتە كېلىدۇ. ئاسمانلاردا بولسۇن، زېمىندا بولسۇن، زەررە چاغلىق نەرسە رەببىمنىڭ ئىلمىدىن قاچالمايدۇ. مەيلى ئۇنىڭدىن كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن ھەممىسى ئەلۋەتتە روشەن كىتابتىدۇر.
ياسىن سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ كَانَتْ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً فَإِذَا هُمْ خَامِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ناگاھان ئۇلار قېتىپ قالدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ناگاھان ئۇلار قېتىپ قالدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ جازاسى دەھشەتلىك ئاۋازدىنلا ئىبارەت بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىردىنلا ئۆچۈپ قېلىشتى5.
36 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
مَا يَنْظُرُونَ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً تَأْخُذُهُمْ وَهُمْ يَخِصِّمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەقەت بىر ئاۋازنىلا (يەنى ئىسراپىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چالغان سۇرىنىلا) كۈتىدۇ، ئۇلار (دۇنيادا سودا ـ سېتىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۈستىدە) جاڭجاللىشىپ تۇرغان ھالەتلىرىدە، ئۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت بىر ئاۋازنىلا كۈتىدۇ، ئۇلار جاڭجاللىشىپ تۇرغان ھالەتلىرىدە، ئۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىر - بىرلىرى بىلەن تالاش - تارتىش قىلىشىپ تۇرغان چاغلىرىدا ئۆزلىرىنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلىدىغان دەھشەتلىك ئاۋازنىلا كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ.
36 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَإِذَا هُمْ مِنَ الْأَجْدَاثِ إِلَىٰ رَبِّهِمْ يَنْسِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئىككىنچى قېتىملىق) سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ رەببى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: سۇر ئەلۋەتتە چېلىنىدۇ. ئۇلار دەرھال قەبىرلىرىدىن چىقىپ رەببى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ.
36 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ كَانَتْ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً فَإِذَا هُمْ جَمِيعٌ لَدَيْنَا مُحْضَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: بولىدىغان ئىش دەھشەتلىك بىر ئاۋازدىنلا ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى دەرھال جەم قىلىنىپ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلىدۇ.
ساففات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنَّمَا هِيَ زَجْرَةٌ وَاحِدَةٌ فَإِذَا هُمْ يَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىر ئاۋازنى (يەنى ئىسراپىلنىڭ چالغان سۇرىنى) ئاڭلاش بىلەنلا (مەھشەرگاھقا) ھازىر بولۇپ (ئۆزلىرىگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىغا) قارىشىپ تۇرىدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر ئاۋازنى ئاڭلاش بىلەنلا مەھشەرگاھقا ھازىر بولۇپ قارىشىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئىش قورقۇنچلۇق بىر ئاۋازدىنلا ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بىردىنلا كۆزلىرىنى ئېچىپ ئەتراپقا قارايدۇ.
ساد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَنْظُرُ هَٰؤُلَاءِ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً مَا لَهَا مِنْ فَوَاقٍ
مۇھەممەد سالىھ: بۇلار پەقەت بىر ئاۋاز (يەنى بىرىنچى قېتىملىق سۇر) نىلا كۈتىدۇ، ئۇ قايتىلانمايدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇلار پەقەت قايتىشى بولمايدىغان قاتتىق بىر ئاۋازنىلا كۈتىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇلار دەھشەتلىك بىر ئاۋازنىلا كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ، ۋاقتىدىن قىلچە كېچىكمەيدۇ.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَصَعِقَ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ إِلَّا مَنْ شَاءَ اللَّهُ ۖ ثُمَّ نُفِخَ فِيهِ أُخْرَىٰ فَإِذَا هُمْ قِيَامٌ يَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ خالىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ خالىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ -نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا- قاراپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: سۇر ئەلۋەتتە چېلىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ھوشىدىن كېتىپ يېقىلىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىلەر مۇستەسنا. ئاندىن كېيىن سۇر يەنە بىر قېتىم چېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتراپقا قارايدۇ.
غافىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ السَّاعَةَ لَآتِيَةٌ لَا رَيْبَ فِيهَا وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ (شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى، قىيامەت كۈنى بېرىلىدىغان مۇكاپات بىلەن جازانى ئىنكار قىلىدۇ)[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: قىيامەت چوقۇم قايىم بولىدۇ. بۇنىڭدا شەك يوق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ.
فۇسسىلەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَيْهِ يُرَدُّ عِلْمُ السَّاعَةِ ۚ وَمَا تَخْرُجُ مِنْ ثَمَرَاتٍ مِنْ أَكْمَامِهَا وَمَا تَحْمِلُ مِنْ أُنْثَىٰ وَلَا تَضَعُ إِلَّا بِعِلْمِهِ ۚ وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ أَيْنَ شُرَكَائِي قَالُوا آذَنَّاكَ مَا مِنَّا مِنْ شَهِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا كىشى بىلمەيدۇ). مېۋىلەرنىڭ بوغۇنلىرىدىن چىقىشى، ھەر قانداق چىشىنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر، ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا: «مېنىڭ شېرىكلىرىم (يەنى سىلەر ماڭا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەر) قەيەردە؟» دەپ نىدا قىلىدۇ، ئۇلار: «ساڭا مەلۇم قىلىمىزكى، ئارىمىزدا ھېچ كىشى (سېنىڭ شېرىكىڭ بار دەپ) گۇۋاھلىق بېرەلمەيدۇ» دەيدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش ئاللاھقا ھاۋالە قىلىنىدۇ. مېۋىلەرنىڭ بوغۇنلىرىدىن چىقىشى، ھەر قانداق چىشىنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر، ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا: «مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟» دەپ نىدا قىلىدۇ، ئۇلار: «ساڭا مەلۇم قىلىمىزكى، ئارىمىزدا كۆرگەن كىشى يوق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ6. ئاللاھ بىلمەستىن ھېچبىر مېۋە پوستىدىن چىقمايدۇ، ھېچبىر چىشى ھامىلىدار بولمايدۇ ۋە تۇغمايدۇ7. ئۇ كۈنى ئاللاھ مۇشرىكلارغا: «سىلەر ماڭا شېرىك قىلغان مەبۇدلار قەيەردە؟» دەپ توۋلايدۇ، ئۇلار: «ساڭا ئوچۇق دەيمىزكى، ئىچىمىزدە شاھىتلىق قىلغۇچى ھېچكىم يوق» دەيدۇ8.
شۇرا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي أَنْزَلَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ وَالْمِيزَانَ ۗ وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّ السَّاعَةَ قَرِيبٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كىتاب (يەنى قۇرئان) نى ھەق بىلەن نازىل قىلدى ۋە ئادالەتنى نازىل قىلدى. سەن نېمە بىلىسەن؟ قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كىتاب –يەنى قۇرئان- نى ھەق بىلەن نازىل قىلغان ۋە ئادالەتنى نازىل قىلغان زات ئاللاھتۇر. سەن نېمە بىلىسەن؟ قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ، كىتابنى ھەق بىلەن نازىل قىلغان ۋە مىزاننى نازىل قىلغان زاتتۇر. سەن نەدىن بىلىسەن؟ قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن.
42 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْتَعْجِلُ بِهَا الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِهَا ۖ وَالَّذِينَ آمَنُوا مُشْفِقُونَ مِنْهَا وَيَعْلَمُونَ أَنَّهَا الْحَقُّ ۗ أَلَا إِنَّ الَّذِينَ يُمَارُونَ فِي السَّاعَةِ لَفِي ضَلَالٍ بَعِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئۇنىڭ بولۇشىنى ئالدىرىتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار بولسا قىيامەتتىن قورقىدۇ، قىيامەتنى ھەق دەپ بىلىدۇ، بىلىڭلاركى، قىيامەت توغرۇلۇق مۇجادىلە قىلىدىغانلار ئەلۋەتتە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئۇنىڭ بولۇشىنى ئالدىرىتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار بولسا قىيامەتتىن قورقىدۇ، قىيامەتنى ھەق دەپ بىلىدۇ، بىلىڭلاركى، قىيامەت توغرۇلۇق مۇجادىلە قىلىدىغانلار ئەلۋەتتە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر
ئەنەس ئالىم: قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار قىيامەتنىڭ تېز قايىم بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىشىنىدىغانلار قىيامەتتىن قورقۇپ تىترەيدۇ ۋە قىيامەتنى ئەلۋەتتە قايىم بولىدۇ دەپ بىلىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، قىيامەت توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدىغانلار ئەلۋەتتە چوڭقۇر ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر.
42 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
اسْتَجِيبُوا لِرَبِّكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ يَوْمٌ لَا مَرَدَّ لَهُ مِنَ اللَّهِ ۚ مَا لَكُمْ مِنْ مَلْجَإٍ يَوْمَئِذٍ وَمَا لَكُمْ مِنْ نَكِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىر كۈن كېلىشتىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار، بۇ كۈندە سىلەرگە قاچىدىغان جاي تېپىلماي قالىدۇ. (قىلمىشىڭلار نامە ـ ئەمالىڭلارغا يېزىقلىق بولغانلىقى، ئەزايىڭلار ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغانلىقى ئۈچۈن) سىلەر (ئۇنى) ئىنكار قىلالمايسىلەر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىر كۈن كېلىشتىن بۇرۇن رەببىڭلارنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار، بۇ كۈندە سىلەرگە قاچىدىغان جاي تېپىلماي قالىدۇ. سىلەر ئۇنى ئىنكارمۇ قىلالمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلارنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار. بۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن قايتۇرۇۋەتكىلى بولمايدىغان كۈن كېلىشتىن ئىلگىرى قىلىڭلار. ئۇ كۈنى قاچقىلى يەر تاپالمايسىلەر ۋە قىلمىشىڭلارنى ئىنكار قىلالمايسىلەر.
زۇخرۇف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّهُ لَعِلْمٌ لِلسَّاعَةِ فَلَا تَمْتَرُنَّ بِهَا وَاتَّبِعُونِ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئىيسا) ئەلۋەتتە قىيامەتنىڭ ئالامىتىدۇر، ئۇنىڭغا (يەنى قىيامەتكە) شەك كەلتۈرمەڭلار. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) «ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ (مېنىڭ دەۋەت قىلغىنىم) توغرا يولدۇر[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى ئۇ ئەلۋەتتە قىيامەت ئۈچۈن بىر ئالامەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەتكە شەك كەلتۈرمەڭلار ۋە ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى قىيامەت ئۈچۈن بىر ئىلىمدۇر3. ئۇ ھالدا قىيامەت توغرۇلۇق شۈبھىلەنمەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر.
43 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا السَّاعَةَ أَنْ تَأْتِيَهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالدا ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا كۈتىدۇ[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالدا ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا كۈتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قىيامەتنىلا - قىيامەتنىڭ تۇيماي قالغان چاغلىرىدا ئۆزلىرىگە ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا - ساقلاۋاتىدۇ.
43 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَبَارَكَ الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَعِنْدَهُ عِلْمُ السَّاعَةِ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان زات كاتتىدۇر، قىيامەتنىڭ (بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن (يالغۇر) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان زات كاتتىدۇر، قىيامەتنىڭ توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن يالغۇر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھى بولغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئۇ بىلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
دۇخان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَارْتَقِبْ يَوْمَ تَأْتِي السَّمَاءُ بِدُخَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن ئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرىدىغان) تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى) كۈتكىن[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەن ئاسمان ھەممە ئادەم ئوچۇق كۆرىدىغان تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈننى كۈتكىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئاسمان ئاشكارا تۈتۈن كەلتۈرىدىغان كۈننى كۈتكىن.
44 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ يَوْمَ الْفَصْلِ مِيقَاتُهُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: باتىل بىلەن ھەقنى ئايرىيدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ (ھېسابى ئۈچۈن) تەيىنلەنگەن ۋاقىتتۇر[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: باتىل بىلەن ھەقنى ئايرىيدىغان كۈن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەيىنلەنگەن ۋاقتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ياخشى - ياماننى ئايرىش كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدۇر.
جاسىيە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ يَوْمَئِذٍ يَخْسَرُ الْمُبْطِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە كاپىرلار زىيان تارتىدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە كاپىرلار زىيان تارتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. قىيامەت قايىم بولغان كۈندە، ئەنە شۇ كۈندە باتىل تەرەپدارلىرى زىيان تارتىدۇ.
45 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَالسَّاعَةُ لَا رَيْبَ فِيهَا قُلْتُمْ مَا نَدْرِي مَا السَّاعَةُ إِنْ نَظُنُّ إِلَّا ظَنًّا وَمَا نَحْنُ بِمُسْتَيْقِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (سىلەرگە) «ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، قىيامەتتە (يەنى قىيامەتنىڭ بولۇشىدا) ھېچ شەك يوق» دېيىلسە، سىلەر (ھەددىدىن زىيادە سەركەشلىكىڭلاردىن): «قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، پەقەت ئۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمىز، (ئۇنىڭغا) بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە: «ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، قىيامەتتە ھېچ شەك يوق» دېيىلسە، سىلەر: «قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، پەقەت ئۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمىز، ئۇنىڭغا بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە: ‹ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىدا ھەرگىزمۇ شەك يوقتۇر› دېيىلسە، سىلەر: ‹بىز قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، بىز پەقەت گۇمان قىلىمىز، بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز› دېگەن ئىدىڭلار!».
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
فَهَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا السَّاعَةَ أَنْ تَأْتِيَهُمْ بَغْتَةً ۖ فَقَدْ جَاءَ أَشْرَاطُهَا ۚ فَأَنَّىٰ لَهُمْ إِذَا جَاءَتْهُمْ ذِكْرَاهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ (يەنى بۇ چاغدا ۋەز ـ نەسىھەت ئالغانلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ)[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پەقەت قىيامەتنىلا - قىيامەتنىڭ ئۆزلىرىگە ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا - كۈتۈۋاتىدۇ. شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى. ئۇلارنىڭ، ئۆزلىرىگە قىيامەت كەلگەندە ۋەز - نەسىھەت ئالغانلىقىنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟
قاف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُفِخَ فِي الصُّورِ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمُ الْوَعِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: سۇر چېلىنىدۇ، ئەنە شۇ (كۇففارلارغا) ئازاب ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇر چېلىنىدۇ، ئەنە شۇ ئازاب ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر
ئەنەس ئالىم: سۈر چېلىنىدۇ. مانا بۇ كېلىشى ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر.
50 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْتَمِعْ يَوْمَ يُنَادِ الْمُنَادِ مِنْ مَكَانٍ قَرِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: نىدا قىلغۇچى (يەنى ئىسراپىل) يېقىن جايدىن نىدا قىلىدىغان (يەنى ئۇنىڭ ئاۋازى ھەممىگە ئوخشاش يېتىدىغان) كۈندە (نىداغا) قۇلاق سالغىن[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: نىدا قىلغۇچى يېقىن جايدىن نىدا قىلىدىغان كۈندە نىداغا قۇلاق سالغىن
ئەنەس ئالىم: نىدا قىلغۇچى يېقىن جايدىن نىدا قىلىدىغان كۈندىكى نىداغا قۇلاق سالغىن.
50 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَسْمَعُونَ الصَّيْحَةَ بِالْحَقِّ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمُ الْخُرُوجِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەقنى ئېلىپ كېلىدىغان ئاۋازنى (يەنى ئىككىنچى قېتىملىق سۇرنى) ئاڭلىغان كۈن ـ ئەنە شۇ (كۈن قەبرىلەردىن) چىقىش كۈنىدۇر[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەقنى ئېلىپ كېلىدىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان كۈن ـ ئەنە شۇ -قەبرىلەردىن- چىقىش كۈنىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئىنسانلار ئاۋازنى ئەلۋەتتە ئاڭلايدۇ. ئەنە شۇ قەبىرلەردىن چىقىش كۈنىدۇر.
زارىيات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَ أَيَّانَ يَوْمُ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار رەسۇلۇللاھتىن: «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «جازا ۋە مۇكاپات كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ.
51 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ يَوْمِهِمُ الَّذِي يُوعَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندىن كاپىرلارغا ۋاي![60].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلارغا، ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندىن ۋاي!
ئەنەس ئالىم: كافىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان كۈندە كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ.
تۇر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَمُورُ السَّمَاءُ مَوْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ،
52 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَسِيرُ الْجِبَالُ سَيْرًا
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار قاتتىق سەير قىلىدۇ (يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يوقىلىپ كېتىدۇ)[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار قاتتىق سەير قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: تاغلار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ يۈرۈپ كېتىدۇ.
52 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَرْهُمْ حَتَّىٰ يُلَاقُوا يَوْمَهُمُ الَّذِي فِيهِ يُصْعَقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگۈچە تەرك ئەتكىن[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگىچە تەرك ئەتكىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھالاك قىلىنىدىغان كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر تەرك ئەتكىن.
52 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ لَا يُغْنِي عَنْهُمْ كَيْدُهُمْ شَيْئًا وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ.
نەجم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
أَزِفَتِ الْآزِفَةُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت يېقىنلاشتى[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت يېقىنلاشتى
ئەنەس ئالىم: يېقىنلاشقۇچى يېقىنلاشتى.
53 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ لَهَا مِنْ دُونِ اللَّهِ كَاشِفَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا كەشىپ قىلغۇچى (يەنى ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلگۈچى ياكى ئۇنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلغۇچى) يوقتۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ئۇنى كەشىپ قىلغۇچى يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھتىن باشقا ئۇنىڭ پەردىسىنى ئاچقۇچى يوقتۇر.
قەمەر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ اقْتَرَبَتِ السَّاعَةُ وَانْشَقَّ الْقَمَرُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى
ئەنەس ئالىم: قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى.
54 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَوَلَّ عَنْهُمْ ۘ يَوْمَ يَدْعُ الدَّاعِ إِلَىٰ شَيْءٍ نُكُرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇ كۈندە چاقىرغۇچى (يەنى ئىسراپىل) قىيىن ئىشقا (يەنى ھېسابقا) چاقىرىدۇ (يەنى سۇر چالىدۇ)[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭا سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇ كۈندە چاقىرغۇچى ناخوش بىر ئىشقا چاقىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇ ھالدا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. كۈن كېلىدۇ، ئۇ كۈنى چاقىرغۇچى ناتۇنۇش بىر نەرسىگە چاقىرىدۇ.
54 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
مُهْطِعِينَ إِلَى الدَّاعِ ۖ يَقُولُ الْكَافِرُونَ هَٰذَا يَوْمٌ عَسِرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ ئالدىغا بويۇنلىرىنى سوزغان ھالدا يۈگرەيدۇ، كاپىرلار: «بۇ قىيىن كۈندۇر» دەيدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ ئالدىغا بويۇنلىرىنى سوزغان ھالدا يۈگرەيدۇ، كاپىرلار: «بۇ قىيىن كۈندۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار چاقىرغۇچى تەرەپكە بويۇنلىرىنى سوزغان ۋە كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككەن ھالدا يۈگۈرىدۇ. كافىرلار: «بۇ قىيىن كۈندۇر» دەيدۇ.
54 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
بَلِ السَّاعَةُ مَوْعِدُهُمْ وَالسَّاعَةُ أَدْهَىٰ وَأَمَرُّ
مۇھەممەد سالىھ: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب بۇلا ئەمەس)، قىيامەت ئۇلارغا (ئازاب قىلىنىش) ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتۇر، قىيامەت تېخىمۇ قىيىندۇر، تېخىمۇ جاپالىقتۇر[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى، قىيامەت ئۇلارغا ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتۇر، قىيامەت تېخىمۇ قىيىندۇر ۋە تېخىمۇ جاپالىقتۇر
ئەنەس ئالىم: بەلكى قىيامەت ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئازابقا دۇچار بولۇش ۋاقتىدۇر. قىيامەت ناھايىتى دەھشەتلىك ۋە بەك ئاچچىقتۇر.
رەھمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا انْشَقَّتِ السَّمَاءُ فَكَانَتْ وَرْدَةً كَالدِّهَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن) ئاسمان يېرىلغان چاغدا، ئاسمان (دوزاخنىڭ قىزىقلىقىدىن) قىزىل گۈلدەك، قىزىل چەمدەك بولۇپ قالىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان يېرىلغان چاغدا ئاسمان قىزىل گۈلدەك، قىزىل چەمدەك بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمان يېرىلىپ، گۈلدەك قىزارغان ۋە مايدەك ئېرىگەن چاغدا،
ۋاقىئە سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا وَقَعَتِ الْوَاقِعَةُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت قايىم بولغان چاغدا[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت قايىم بولغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ئەمەلگە ئاشقۇچى ئەمەلگە ئاشقان چاغدا1،
56 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ لِوَقْعَتِهَا كَاذِبَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: ھېچ ئادەم ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېچ ئادەم ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ھېچكىم يالغان دېيەلمەيدۇ.
56 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
خَافِضَةٌ رَافِعَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ[3ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ، بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ پەسلەتكۈچىدۇر، كۆتۈرگۈچىدۇر.
56 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِذَا رُجَّتِ الْأَرْضُ رَجًّا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ[3ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن
ئەنەس ئالىم: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن،
56 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَبُسَّتِ الْجِبَالُ بَسًّا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ[3ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار پارچىلىلانغان
ئەنەس ئالىم: تاغلار پارچىلىنىپ،
56 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَانَتْ هَبَاءً مُنْبَثًّا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ[3ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە توزاندەك توزۇپ كەتكەن
ئەنەس ئالىم: چاڭ - توزان بولۇپ كەتكەن
56 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
لَمَجْمُوعُونَ إِلَىٰ مِيقَاتِ يَوْمٍ مَعْلُومٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ[49ـ50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلۋەتتە، مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا توپلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: مەلۇم كۈننىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا چوقۇم توپلىنىدۇ.
مۈلك سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ» دەيدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ.
67 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا الْعِلْمُ عِنْدَ اللَّهِ وَإِنَّمَا أَنَا نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(بۇ ھەقتىكى) ئىلىم (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەت ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «بۇ ھەقتىكى ئىلىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەت ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭ قاچان ئەمەلگە ئېشىشىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. مەن پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
67 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَأَوْهُ زُلْفَةً سِيئَتْ وُجُوهُ الَّذِينَ كَفَرُوا وَقِيلَ هَٰذَا الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تَدَّعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىقىنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ، ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىقىنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ، ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى سەتلىشىپ كېتىدۇ، ئۇلارغا: «ئەنە شۇ سىلەر تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ.
ھاققە سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَاقَّةُ
مۇھەممەد سالىھ: (بولۇشى ئېنىق) قىيامەت[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: بولۇشى ئېنىق بولغان - قىيامەت
ئەنەس ئالىم: ھاققە1!
69 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
مَا الْحَاقَّةُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت نېمىدۇر؟[2]
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت نېمىدۇر؟
ئەنەس ئالىم: ھاققە نېمىدۇر؟
69 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْحَاقَّةُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[3]
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
ئەنەس ئالىم: ھاققە نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟
69 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا نُفِخَ فِي الصُّورِ نَفْخَةٌ وَاحِدَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغان چاغدا[13]،
تەرجىمە ھەيئىتى: بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: سۇرنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چېلىنىشى چېلىنغان،
69 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَحُمِلَتِ الْأَرْضُ وَالْجِبَالُ فَدُكَّتَا دَكَّةً وَاحِدَةً
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتىرىلىپ (بىر ـ بىرىگە) ئۇرۇلۇپ (ئۇۋىلىپ كەتكەن) چاغدا[14]،
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىن ۋە تاغلار ئورۇنلىرىدىن كۆتىرىلىپ بىر ـ بىرىگە ئۇرۇلغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ۋە زېمىن بىلەن تاغلار كۆتىرىلىپ، ئىككىسى قاتتىق ئۇرۇلغان چاغدا،
69 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَيَوْمَئِذٍ وَقَعَتِ الْوَاقِعَةُ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە چوڭ ئىش (يەنى قىيامەت) يۈز بېرىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ كۈن بولىدىغان ئىشلار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كۈندە بولۇشقا تېگىشلىك ئىش بولىدۇ.
69 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَانْشَقَّتِ السَّمَاءُ فَهِيَ يَوْمَئِذٍ وَاهِيَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان (قالايمىقانلىشىپ) ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان قالايمىقانلىشىپ ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمان يېرىلىدۇ، ئاسمان ئۇ كۈندە بوشىشىپ كېتىدۇ.
69 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْمَلَكُ عَلَىٰ أَرْجَائِهَا ۚ وَيَحْمِلُ عَرْشَ رَبِّكَ فَوْقَهُمْ يَوْمَئِذٍ ثَمَانِيَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ. بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە (باشلىرى) ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ، بۇ كۈندە رەببىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە باشلىرى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپلىرىدا بولىدۇ. ئۇ كۈندە رەببىڭنىڭ ئەرشىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە سەككىز پەرىشتە كۆتۈرىدۇ.
مائارىج سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
تَعْرُجُ الْمَلَائِكَةُ وَالرُّوحُ إِلَيْهِ فِي يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُ خَمْسِينَ أَلْفَ سَنَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەر ۋە روھ - جىبرىئىل- ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: پەرىشتىلەر ۋە رۇھ، مىقدارى ئەللىك مىڭ يىل بولغان كۈندە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈكسىلىدۇ.
70 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمْ يَرَوْنَهُ بَعِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇ ئازابنى يىراق دەپ قارايدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇ ئازابنى يىراق دەپ قارايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئۇنى يىراق كۆرىدۇ،
70 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَرَاهُ قَرِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھالبۇكى، بىز ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنى يېقىن كۆرىمىز.
70 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَكُونُ السَّمَاءُ كَالْمُهْلِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئاسمان مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش بولىدۇ.
70 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَكُونُ الْجِبَالُ كَالْعِهْنِ
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار ئېتىلغان رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار ئېرىتىلگەن رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: تاغلار رەڭگارەڭ يۇڭدەك بولىدۇ.
70 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَرْهُمْ يَخُوضُوا وَيَلْعَبُوا حَتَّىٰ يُلَاقُوا يَوْمَهُمُ الَّذِي يُوعَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد) ئۇلارنى قويۇۋەتكىن، تاكى ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر (باتىلغا) چۆمسۇن، (دۇنياسىدا) ئوينىسۇن[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا ئۇلارنى تەرك ئەتكىن، ئۇلار باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر گۇناھقا چۆمسۇن، ئويناپ تۇرسۇن.
70 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَخْرُجُونَ مِنَ الْأَجْدَاثِ سِرَاعًا كَأَنَّهُمْ إِلَىٰ نُصُبٍ يُوفِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ، خۇددى تىكلەپ قويغان بۇتلىرىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك (مەھشەرگاھقا) يۈگۈرىدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ، خۇددى تىكلەپ قويغان بۇتلىرىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك يۈگۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئۇلار قەبىرلىرىدىن چىقىپ، گويا تىكلەنگەن نىشانغا قاراپ مۇسابىقىلەشكەندەك يۈگۈرىدۇ.
جىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ مَا تُوعَدُونَ أَمْ يَجْعَلُ لَهُ رَبِّي أَمَدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب يېقىنمۇ ياكى پەرۋەردىگارىم ئۇنىڭغا (ئۇزاق) ۋاقىت تەيىن قىلامدۇ؟ ئۇقمايمەن[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب يېقىنمۇ؟ ياكى رەببىم ئۇنىڭغا ۋاقىت تەيىن قىلامدۇ؟ ئۇقمايمەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن بېشىڭلارغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازاب يېقىنمۇ ياكى رەببىم ئۇنىڭغا مۇددەت بەلگىلەمدۇ؟ - بىلمەيمەن.
مۇزەممىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَرْجُفُ الْأَرْضُ وَالْجِبَالُ وَكَانَتِ الْجِبَالُ كَثِيبًا مَهِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار بىر دۆۋە كۆچمە قۇمغا ئايلىنىدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار بىر دۆۋە تارقاق قۇمغا ئايلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۈن كېلىدۇ، زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار قۇيۇلۇپ تۇرىدىغان قۇم دۆۋىلىرىگە ئايلىنىدۇ.
73 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
السَّمَاءُ مُنْفَطِرٌ بِهِ ۚ كَانَ وَعْدُهُ مَفْعُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈننىڭ (دەھشىتىدىن) ئاسمان يېرىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ (چۈنكى ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ)[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن ئاسمان يېرىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمان ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن يېرىلىپ كېتىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
مۇدەسسىر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا نُقِرَ فِي النَّاقُورِ
مۇھەممەد سالىھ: سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر[8ـ9].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇر چېلىنغان ۋاقىت بارغۇ!
ئەنەس ئالىم: چۈنكى سۇر چېلىنغان چاغدا،
74 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَٰلِكَ يَوْمَئِذٍ يَوْمٌ عَسِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر[8ـ9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ۋاقىت، ئەنە شۇ كۈن قىيىن كۈندۇر.
قىيامەت سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُ أَيَّانَ يَوْمُ الْقِيَامَةِ
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھتا ئەزۋەيلىمەكچى بولىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ : «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ.
75 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا بَرِقَ الْبَصَرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆزلەر تورلاشقان
ئەنەس ئالىم: كۆز قاماشقان،
75 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَخَسَفَ الْقَمَرُ
مۇھەممەد سالىھ: كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ[7ـ10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن
ئەنەس ئالىم: ئاي تۇتۇلغان،
75 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَجُمِعَ الشَّمْسُ وَالْقَمَرُ
مۇھەممەد سالىھ: كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ[7ـ10].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: قۇياش بىلەن ئاي جەم قىلىنغان چاغدا،
75 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
يَقُولُ الْإِنْسَانُ يَوْمَئِذٍ أَيْنَ الْمَفَرُّ
مۇھەممەد سالىھ: كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ[7ـ10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسان ئەنە شۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ.
75 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا لَا وَزَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ياق، (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياق، قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: ياق، ھېچ پاناھگاھ يوقتۇر!
ئىنسان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ اللَّيْلِ فَاسْجُدْ لَهُ وَسَبِّحْهُ لَيْلًا طَوِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بۇلار دۇنيانى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق بىلىدۇ، كەلگۈسىدىكى قىيىن بىر كۈنگە (يەنى قىيامەتكە) سەل قارايدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بۇلار نەخ -دۇنيا- نى ياخشى كۆرۈپ، كەلگۈسىدىكى قىيىن بىر كۈنگە سەل قارايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇشرىكلار بۇ دۇنيانى ياخشى كۆرىدۇ، ئېغىر كۈننى ئارقىسىدا قويىدۇ3.
مۇرسەلات سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
77 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَوَاقِعٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش (يەنى قىيامەت، ھېساب ۋە جازا) چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسە چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
77 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا النُّجُومُ طُمِسَتْ
مۇھەممەد سالىھ: يۇلتۇزلارنىڭ (نۇرى) ئۆچۈرۈلگەن چاغدا[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۇلتۇزلار ئۆچۈرۈلگەن
ئەنەس ئالىم: يۇلتۇزلار ئۆچۈرۈلگەن چاغدا،
77 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا السَّمَاءُ فُرِجَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان يېرىلغان چاغدا[9]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان يېرىلغان
ئەنەس ئالىم: ئاسمان يېرىلغان چاغدا،
77 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْجِبَالُ نُسِفَتْ
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار تىتىلىپ (شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن زەررىلەردەك) ئۇچۇپ يۈرگەن چاغدا[10]،
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار تىتىلىپ ئۇچۇپ يۈرگەن
ئەنەس ئالىم: تاغلار سورۇلغان چاغدا،
77 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الرُّسُلُ أُقِّتَتْ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرلەرگە (ئۇلار بىلەن ئۈممەتلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشقا) ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا (ۋەدە قىلىنغان قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ)[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرلەرگە ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: ئەلچىلەرگە ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا1،
77 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
لِأَيِّ يَوْمٍ أُجِّلَتْ
مۇھەممەد سالىھ: (پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئائىت ئىشلار) قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟[12]
تەرجىمە ھەيئىتى: قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قايسى كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟
77 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَوْمِ الْفَصْلِ
مۇھەممەد سالىھ: خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈن ئۈچۈن (تەخىر قىلىندى)[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈنگىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئايرىش كۈنىگە.
نەبە سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
78 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ عَمَّ يَتَسَاءَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇشرىكلار ئۆزئارا نېمە توغرۇلۇق) سورىشىدۇ؟[1]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار نېمىنى سورىشىدۇ؟
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلار بىر-بىرىدىن نېمە توغرۇلۇق سورىشىۋاتىدۇ؟
78 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
عَنِ النَّبَإِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار چوڭ بىر خەۋەر (يەنى قىيامەت توغرۇلۇق) سورىشىدۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چوڭ بىر خەۋەر - قىيامەت توغرۇلۇق- سورىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۈيۈك خەۋەر توغرۇلۇق.
78 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي هُمْ فِيهِ مُخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار شۇ (يەنى قىيامەت) توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شۇ قىيامەت توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق خەۋەركى، ئۇلار ئۇنىڭ ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشماقتىدۇر.
78 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ يَوْمَ الْفَصْلِ كَانَ مِيقَاتًا
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن (مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش) ۋاقتىدۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن بەلگۈلەنگەن بىر ۋاقتىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ياخشى-ياماننى ئايرىش كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتۇر.
78 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يُنْفَخُ فِي الصُّورِ فَتَأْتُونَ أَفْوَاجًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈنى سۇر چېلىنىدۇ، سىلەر توپ ـ توپ بولۇپ كېلىسىلەر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇر چېلىنىدىغان كۈنى، سىلەر توپ ـ توپ بولۇپ كېلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى سۇر چېلىنىدۇ. سىلەر توپ-توپ بولۇپ كېلىسىلەر،
78 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَفُتِحَتِ السَّمَاءُ فَكَانَتْ أَبْوَابًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمان ئېچىلىپ ئىشىكلەر ھالىتىگە كېلىدۇ،
78 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَسُيِّرَتِ الْجِبَالُ فَكَانَتْ سَرَابًا
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ سەرابتەك بولۇپ قالىدۇ (يەنى تاغلار توزۇپ يىراقتىن قارىغۇچىغا سۇدەك تۇيۇلىدۇ)[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ سەرابتەك بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: تاغلار يۈرۈتۈلۈپ سەراپ5 بولىدۇ.
78 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ الْيَوْمُ الْحَقُّ ۖ فَمَنْ شَاءَ اتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِ مَآبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ چوقۇم بولىدىغان كۈندۇر. كىمكى (ئىمان بىلەن، ياخشى ئەمەل بىلەن) پەرۋەردىگارىغا قايتىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىسا (تۇتسۇن)[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ چوقۇم بولىدىغان كۈندۇر. شۇنداق بولغانىكەن خالىغان كىشى رەببىغا قايتىدىغان يولنى تۇتسۇن
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ھەق كۈندۇر. خالىغان كىشى رەببىگە يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن.
نازىئات سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَرْجُفُ الرَّاجِفَةُ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە زېمىن (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىن قاتتىق تەۋرەيدىغان
ئەنەس ئالىم: بىر كۈنى قاتتىق تەۋرەش بولىدۇ2،
79 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
تَتْبَعُهَا الرَّادِفَةُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاسمان (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىككىنچىسى تەۋرەيدىغان
ئەنەس ئالىم: ئارقىسىدىن يەنە بىر تەۋرەش بولىدۇ3.
79 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
قُلُوبٌ يَوْمَئِذٍ وَاجِفَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە دىللارنى (يەنى كۇففارلارنىڭ دىللىرىنى) قورقۇنچ باسىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ كۈندە دىللارنى قورقۇنچ باسىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى يۈرەكلەر سېلىپ كېتىدۇ.
79 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
أَبْصَارُهَا خَاشِعَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ (دىللارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ) كۆزلىرى (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ كۆزلىرى قورقۇنچتىن تىكىلىپ قارىيالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: كۆزلىرى يەرگە تىكىلىپ قالىدۇ.
79 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنَّمَا هِيَ زَجْرَةٌ وَاحِدَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ[13ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر سەيھە - ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى- بىلەنلا
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئەھۋال5 قورقۇنچلۇق بىر ئاۋازدىنلا ئىبارەتتۇر.
79 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا هُمْ بِالسَّاهِرَةِ
مۇھەممەد سالىھ: بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ[13ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بىردىنلا يەر يۈزىگە چىقىپ قالىدۇ.
79 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا جَاءَتِ الطَّامَّةُ الْكُبْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كەلگەندە[34]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قاتتىق ئېغىرچىلىق (قىيامەت) كەلگەن كۈندە ئىنسان ياخشى-يامان قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بۈيۈك پالاكەت كەلگەن چاغدا،
79 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَبُرِّزَتِ الْجَحِيمُ لِمَنْ يَرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۆرىدىغانلار ئۈچۈن دوزاخ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ.
79 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ عَنِ السَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن قىيامەت قاچان قايىم بولىدۇ؟ دەپ سورايدۇ.
79 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
فِيمَ أَنْتَ مِنْ ذِكْرَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۇنى قانداقمۇ بايان قىلىپ بېرەلەيسەن؟[43]
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇنى قانداقمۇ دەپ بېرەلەيسەن؟
ئەنەس ئالىم: سەن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى قانداقمۇ ئېيتىپ بېرەلەيسەن؟
79 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَىٰ رَبِّكَ مُنْتَهَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى بىلىش پەرۋەردىگارىڭغا خاستۇر[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى بىلىش رەببىڭگە خاستۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇنى پەقەت رەببىڭ بىلىدۇ.
79 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
كَأَنَّهُمْ يَوْمَ يَرَوْنَهَا لَمْ يَلْبَثُوا إِلَّا عَشِيَّةً أَوْ ضُحَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، گويا ئۆزلىرىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەك (گۇمان قىلىدۇ)[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، گويا ئۆزلىرىنى دۇنيادا پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەك گۇمان قىلىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇنى كۆرگەن كۈندە، ئۆزلىرىنى گويا دۇنيادا پەقەت بىر كەچقۇرۇنلۇق ياكى ئۇنىڭ چاشگاھىچىلىك تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ.
ئەبەسە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
مَتَاعًا لَكُمْ وَلِأَنْعَامِكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: (قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا (ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ)[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ناگاھان قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: قاتتىق ئاۋاز كەلگەن چاغدا،
تەكۋىر سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
81 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا الشَّمْسُ كُوِّرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: كۈن يۆگەلگەن چاغدا،
81 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا النُّجُومُ انْكَدَرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا[2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: يۇلتۇزلار ئۆچكەن چاغدا،
81 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْجِبَالُ سُيِّرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار گۇمران بولغان چاغدا[3]،
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار يۈرۈتۈلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: تاغلار يۈرۈتۈلگەن چاغدا،
81 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْعِشَارُ عُطِّلَتْ
مۇھەممەد سالىھ: بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا[4]،
تەرجىمە ھەيئىتى: بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: ئون ئايلىق بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا،
81 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْوُحُوشُ حُشِرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا[5]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا،
81 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْبِحَارُ سُجِّرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا[6]،
تەرجىمە ھەيئىتى: دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: دېڭىزلار ئوتقا ئايلاندۇرۇلۇپ لاۋۇلدىتىلغان چاغدا،
81 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا النُّفُوسُ زُوِّجَتْ
مۇھەممەد سالىھ: جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا[7]،
تەرجىمە ھەيئىتى: روھلار قوشۇلغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: نەفسلەر1 بىر-بىرىگە قوشۇلغان چاغدا،
81 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا السَّمَاءُ كُشِطَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا[11]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ئاسمان سويۇپ ئېلىنغان چاغدا،
81 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْجَحِيمُ سُعِّرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا[12]،
تەرجىمە ھەيئىتى: دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا،
81 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْجَنَّةُ أُزْلِفَتْ
مۇھەممەد سالىھ: جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا[13]،
تەرجىمە ھەيئىتى: جەننەت يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: جەننەت يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا،
ئىنفىتار سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
82 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا السَّمَاءُ انْفَطَرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان يېرىلغان چاغدا[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان يېرىلغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ئاسمان يېرىلغان چاغدا،
82 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْكَوَاكِبُ انْتَثَرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا[2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: يۇلتۇزلار چېچىلغان چاغدا،
82 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْبِحَارُ فُجِّرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا[3]،
تەرجىمە ھەيئىتى: دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: دېڭىزلار ئېتىلىپ چىقىرىلغان چاغدا،
82 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْقُبُورُ بُعْثِرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: قەبرىلەر ئاستى ـ ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا[4]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قەبرىلەرنىڭ ئىچىدىكىلەر تاشقىرىغا چىقىرىلغاندا
ئەنەس ئالىم: قەبىرلەرنىڭ ئىچى تېشىغا قىلىنغان چاغدا،
مۇتەففىفىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
83 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ[4ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۈيۈك بىر كۈندە
ئەنەس ئالىم: بۈيۈك كۈن ئۈچۈن.
ئىنىشقاق سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
84 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا السَّمَاءُ انْشَقَّتْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان يېرىلغان[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان يېرىلغان
ئەنەس ئالىم: ئاسمان يېرىلغان
84 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا[2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ۋە رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئۇنى لايىق رەۋىشتە ئورۇندىغان چاغدا،
84 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْأَرْضُ مُدَّتْ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن سوزۇلغان[3]،
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىن سوزۇلغان
ئەنەس ئالىم: زېمىن سوزۇلغان،
84 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَلْقَتْ مَا فِيهَا وَتَخَلَّتْ
مۇھەممەد سالىھ: قوينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى، مەدەنلەرنى) سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىلىپ قالغان[4]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە قوينىدىكى نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىنىپ قالغان
ئەنەس ئالىم: ئىچىدىكى نەرسىلەرنى تېشىغا ئېتىپ قۇرۇقدالغان
84 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا (ئىنسان خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ئەھۋاللارغا يولۇقىدۇ)[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ۋە رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئۇنى لايىق رەۋىشتە ئورۇندىغان چاغدا1.
بۇرۇج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
85 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْيَوْمِ الْمَوْعُودِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى[1ـ3]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋەدە قىلىنغان كۈن بىلەن
ئەنەس ئالىم: ۋەدە قىلىنغان كۈن بىلەن،
غاشىيە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
88 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ الْغَاشِيَةِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ساڭا ھەممىنى قورشايدىغان قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ساڭا غاشىيە1نىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
فەجر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا إِذَا دُكَّتِ الْأَرْضُ دَكًّا دَكًّا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى غاپىللار!) بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق قىلماڭلار! بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: ئۇنداق قىلماڭلار! زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا،
زەلزەلە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
99 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا زُلْزِلَتِ الْأَرْضُ زِلْزَالَهَا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە
ئەنەس ئالىم: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن چاغدا،
99 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَخْرَجَتِ الْأَرْضُ أَثْقَالَهَا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى) چىقارغاندا[2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىن يۈكلىرىنى چىقارغاندا
ئەنەس ئالىم: زېمىن ئۆزىنىڭ يۈكلىرىنى چىقارغان چاغدا،
99 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الْإِنْسَانُ مَا لَهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): «نېمە بولدى؟» دېگەندە[3]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان: «ئۇنىڭغا نېمە بولدى؟» دېگەندە
ئەنەس ئالىم: ۋە ئىنسان: «زېمىنغا نېمە بولغاندۇ؟» دېگەن چاغدا،
ئادىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
100 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَا يَعْلَمُ إِذَا بُعْثِرَ مَا فِي الْقُبُورِ
مۇھەممەد سالىھ: قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر (سىرتقا) چىقىرىلغان، دىللاردىكى سىرلار ئاشكارا قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقىقەتەن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى (بۇ نادان ئىنسان) بىلمەمدۇ؟[9ـ11]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بىلمەمدۇكى، قەبرىلەردىكىلەر چىقىرىلغاندا
ئەنەس ئالىم: ئۇ بىلمەمدۇكى، قەبرىلەردىكى نەرسىلەر چىقىرىلغان چاغدا،
قارىئە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
101 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْقَارِعَةُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت
ئەنەس ئالىم: قارىئە!1
101 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
مَا الْقَارِعَةُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت نېمىدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت نېمىدۇر؟
ئەنەس ئالىم: قارىئە نېمىدۇر؟
101 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْقَارِعَةُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[3]
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
ئەنەس ئالىم: قارىئە نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
101 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَكُونُ النَّاسُ كَالْفَرَاشِ الْمَبْثُوثِ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈندە ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىلەردەك بولىدۇ.
101 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَكُونُ الْجِبَالُ كَالْعِهْنِ الْمَنْفُوشِ
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: تاغلار ئېتىلغان رەڭگارەڭ يۇڭدەك بولىدۇ.