ئۆتمۈش قەۋملەر
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
پەيغەمبەرلىك ۋە سىيرەت: ئۆتمۈش قەۋملەر
ئېنگلىزچىسى: Historical Nations
544 ئايەت
66 سۈرە
4 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
55 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اذْكُرُوا نِعْمَتِيَ الَّتِي أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَوْفُوا بِعَهْدِي أُوفِ بِعَهْدِكُمْ وَإِيَّايَ فَارْهَبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار، ماڭا بەرگەن (ئىمان ئېيتىش ۋە تائەت ـ ئىبادەت قىلىش ھەققىدىكى) ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان (ساۋاب بېرىش ھەققىدىكى) ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ى ئسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار، ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، سىلەر مەندىنلا قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار. سىلەر ماڭا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە بەرگەن ئەھدىمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار!19.
2 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَآمِنُوا بِمَا أَنْزَلْتُ مُصَدِّقًا لِمَا مَعَكُمْ وَلَا تَكُونُوا أَوَّلَ كَافِرٍ بِهِ ۖ وَلَا تَشْتَرُوا بِآيَاتِي ثَمَنًا قَلِيلًا وَإِيَّايَ فَاتَّقُونِ
مۇھەممەد سالىھ: مەن نازىل قىلغان تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، قۇرئاننى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچى بولماڭلار، ئايەتلىرىمنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتمەڭلار، ماڭىلا تەقۋادارلىق قىلىڭلار[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن نازىل قىلغان تەۋراتنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى قۇرئانغا ئىمان ئېيتىڭلار، قۇرئاننى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچى بولماڭلار، ئايەتلىرىمنى (ئۆزگەرتىپ) ئازغىنا مەنپەئەتكە سېتىۋەتمەڭلار، مەن چەكلىگەن نەرسىلەردىن ساقلىنىڭلار
ئەنەس ئالىم: مەن نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىشىنىڭلار، ئۇ سىلەردىكى كىتابنى تەستىقلىغۇچىدۇر. ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاۋۋىلى سىلەر بولماڭلار، ئايەتلىرىمنى ئازغىنە پۇلغا ساتماڭلار، ماڭىلا تەقۋادارلىق قىلىڭلار!
2 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اذْكُرُوا نِعْمَتِيَ الَّتِي أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَنِّي فَضَّلْتُكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى (بىر زامانلاردا) تامام جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! (بىر زامانلاردا) سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى تامام جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ۋە ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى زامانداشلىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار.
2 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ نَجَّيْنَاكُمْ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ يُذَبِّحُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ ۚ وَفِي ذَٰلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى قاتتىق قىينىغان، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى (پايدىلىنىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇرغان پىرئەۋن گۇرۇھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدۇق. بۇ، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ (ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنى ئايرىيدىغان) چوڭ سىنىقى ئىدى[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى قاتتىق قىينىغان، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى تىرىك قالدۇرغان پىرئەۋن گۇرۇھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزغان ئىدۇق. بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ (ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىيدىغان) چوڭ سىنىقى ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى فىرئەۋن خانىدانىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق. ئۇلار سىلەرگە ئەڭ يامان ئازابنى تېتىتاتتى: ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاتقۇزۇپ، قىزلىرىڭلارنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. بۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چوڭ سىناق بار ئىدى.
2 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ فَرَقْنَا بِكُمُ الْبَحْرَ فَأَنْجَيْنَاكُمْ وَأَغْرَقْنَا آلَ فِرْعَوْنَ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزدۇق (يەنى دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ، قۇرۇق يول ھاسىل قىلىپ، شۇ يەردىن سىلەرنى سالامەت ئۆتكۈزدۇق) ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلدۇق[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ (يول ئېچىپ) سىلەرنى قۇتقۇزغان ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۈچۈن دېڭىزنى يېرىپ، سىلەرنى قۇتقۇزغان ۋە كۆز ئالدىڭلاردا فىرئەۋن خانىدانىنى غەرق قىلىۋەتكەن ئىدۇق.
2 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ وَاعَدْنَا مُوسَىٰ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً ثُمَّ اتَّخَذْتُمُ الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِهِ وَأَنْتُمْ ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا 40 كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى نازىل قىلىشنى) ۋەدە قىلدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزەڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز مۇساغا قېرىق كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى نازىل قىلىش)نى ۋەدە قىلغان ئىدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىلەر كۇفرلىق قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالغان ئىدىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز مۇسا بىلەن قىرىق كېچىنى ۋەدىلەشكەن ئىدۇق. سىلەر ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزايغا چوقۇنغان ئىدىڭلار.
2 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَدَّلَ الَّذِينَ ظَلَمُوا قَوْلًا غَيْرَ الَّذِي قِيلَ لَهُمْ فَأَنْزَلْنَا عَلَى الَّذِينَ ظَلَمُوا رِجْزًا مِنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى، زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقلىرى (يەنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق
ئەنەس ئالىم: لېكىن زالىملار ئۆزلىرىگە دېيىلگەن سۆزنى باشقا سۆز بىلەن ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ زالىملارغا ئاسماندىن پاسكىنىلىق چۈشۈردۇق، چۈنكى ئۇلار يولدىن چىققان ئىدى23.
2 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْتُمْ يَا مُوسَىٰ لَنْ نَصْبِرَ عَلَىٰ طَعَامٍ وَاحِدٍ فَادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُخْرِجْ لَنَا مِمَّا تُنْبِتُ الْأَرْضُ مِنْ بَقْلِهَا وَقِثَّائِهَا وَفُومِهَا وَعَدَسِهَا وَبَصَلِهَا ۖ قَالَ أَتَسْتَبْدِلُونَ الَّذِي هُوَ أَدْنَىٰ بِالَّذِي هُوَ خَيْرٌ ۚ اهْبِطُوا مِصْرًا فَإِنَّ لَكُمْ مَا سَأَلْتُمْ ۗ وَضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الذِّلَّةُ وَالْمَسْكَنَةُ وَبَاءُوا بِغَضَبٍ مِنَ اللَّهِ ۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانُوا يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ النَّبِيِّينَ بِغَيْرِ الْحَقِّ ۗ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا (سىنا چۆلىدە تەرەنجىبىن ۋە بۆدۈنە بىلەنلا ئوزۇقلىنىۋاتقىنىڭلاردا) سىلەر: «ئى مۇسا! بىز بىر خىل يېمەكلىككە چىداپ تۇرالمايمىز، بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىننىڭ كۆكتاتلىرىدىن تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن» دېدىڭلار، مۇسا: «سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر؟ (يەنى پىياز، سامساق، كۆكتاتنى تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىدىن ئارتۇق كۆرەمسىلەر؟) بىرەر شەھەرگە كىرىڭلار، (شۇ يەردە) تىلىگىنىڭلار بار» دېدى. ئۇلار خارلىقتا، موھتاجلىقتا قالدى. ئاللاھنىڭ غەزىپىگە تېگىشلىك بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقلىرى تۈپەيلىدىن بولدى[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا (سىنا چۆلىدە تەرەنجىۋىل ۋە بۆدۈنە بىلەنلا ئوزۇقلىنىۋاتقىنىڭلاردا) سىلەر: «ئى مۇسا! بىز بىر خىللا يېمەكلىك بىلەن ھەرگىز تۇرالمايمىز، سەن بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىننىڭ كۆكتاتلىرىدىن تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن» دېگەن ئىدىڭلار، مۇسا: «سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر؟ بىرەر شەھەرگە كىرىڭلار، (شۇ يەردە) ھەقىقەتەن تىلىگىنىڭلار بار» دېدى. ئۇلار خارلىقتا، موھتاجلىقتا قالدى. ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى، بۇ يەنە ئۇلارنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بولدى
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۆز ۋاقتىدا: «ئى مۇسا! بىز بىر خىل تاماققا سەۋر قىلالمايمىز. سەن بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىن ئۈندۈرىدىغان نەرسىلەردىن كۆكتات، تەرخەمەك، سامساق، يېسسىمۇق ۋە پىيازلارنى چىقىرىپ بەرسۇن» دېگەن ئىدىڭلار، مۇسا سىلەرگە: «ياخشى نەرسىلەرنى ناچار نەرسىلەرگە تېگىشمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بىرەر شەھەرگە چۈشۈڭلار، سورىغىنىڭلارنى شۇ يەردە تاپىسىلەر!» دېگەن ئىدى. ئۇلار خارلىق ۋە موھتاجلىقنىڭ ئاستىدا قالدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن بولدى.
2 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالنَّصَارَىٰ وَالصَّابِئِينَ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَعَمِلَ صَالِحًا فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، ناسارالار (ئارىسىدىن) ۋە پەرىشتىلەرگە، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ئارىسىدىن ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىدا ئۆز ئەجرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم – ئەندىشە قىلمايدۇ[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەرگە ۋە يەھۇدىيلار، ناسارالار، يۇلتۇزپەرەسلەر ئارىسىدىن ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا ئىنئاملار ئاتا قىلىنىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن24 ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
2 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَكُمْ وَرَفَعْنَا فَوْقَكُمُ الطُّورَ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُمْ بِقُوَّةٍ وَاذْكُرُوا مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، بىز سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويغان، سىلەرگە: «(دۇنيادا ھالاك بولۇشتىن، ئاخىرەتتە ئازابقا قېلىشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىز بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار (يەنى تەۋراتقا ئەمەل قىلىڭلار)، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار» (دېگەن ئىدۇق)[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويۇپ، سىلەرگە: «تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، بىز بەرگەن كىتابقا ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار» (دېگەن ئىدۇق)
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان ئىدۇق ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلاردا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: «بىز سىلەرگە بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، تەقۋادار بولغايسىلەر!» دېگەن ئىدۇق.
2 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ ۖ فَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ لَكُنْتُمْ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدىن كېيىن (بەرگەن ۋەدەڭلاردىن) يۈز ئۆرۈدۈڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ـ مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولاتتىڭلار[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدىن كېيىن ۋەدەڭلاردىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ كەڭچىلىكى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، چوقۇم زىيان تارتقۇچى بولاتتىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاندىن سىلەر ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتەتتىڭلار.
2 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ الَّذِينَ اعْتَدَوْا مِنْكُمْ فِي السَّبْتِ فَقُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى (بېلىق تۇتماسلىق) توغرىسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى (قانداق قىلغانلىقىمىزنى)، ئەلۋەتتە بىلىسىلەر، بىز ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى (بېلىق تۇتماسلىق) توغرىسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنىڭ سىلەرگە مەلۇم، بىز ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېگەن ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئىچىڭلاردىن شەنبە كۈنى ھەددىدىن ئاشقانلارنى ئەلۋەتتە بىلىسىلەر. ئۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارغا «خار مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!» دېگەن ئىدۇق.
2 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
فَجَعَلْنَاهَا نَكَالًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهَا وَمَا خَلْفَهَا وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى (يەنى ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ جازانى) زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت قىلدۇق[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ جازانى ئۇلارنىڭ زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ ۋەقەنى زامانداشلىرىغا ۋە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت، تەقۋادارلارغا نەسىھەت قىلدۇق.
2 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تَذْبَحُوا بَقَرَةً ۖ قَالُوا أَتَتَّخِذُنَا هُزُوًا ۖ قَالَ أَعُوذُ بِاللَّهِ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْجَاهِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن (يەنى مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن) بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «سەن بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «مەن (باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ) نادانلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھ سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى، قەۋمى ئۇنىڭغا: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سېغىنىمەن» دېدى.
2 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ ۚ قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا فَارِضٌ وَلَا بِكْرٌ عَوَانٌ بَيْنَ ذَٰلِكَ ۖ فَافْعَلُوا مَا تُؤْمَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە قانداق كالا ئىكەنلىكىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا: «ئاللاھ ئۇنى قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن، دەپ ئېيتتى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ قانداق كالا ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا: «ئاللاھ ئۇنى چوقۇم قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن دېدى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇساغا: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇ قانداق كالا؟» دېگەن ئىدى، مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بىر كالا› دەيدۇ. بۇيرۇلغىنىڭلارنى قىلىڭلار» دېدى.
2 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا لَوْنُهَا ۚ قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ صَفْرَاءُ فَاقِعٌ لَوْنُهَا تَسُرُّ النَّاظِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ رەڭگىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى، «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ رەڭگى قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ قانداق رەڭدە ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى، «ئاللاھ ئۇ كالىنىڭ رەڭگى چوقۇم قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇنىڭ رەڭگى قانداق؟» دېگەن ئىدى. مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ رەڭگى ساپسېرىق، كۆرگەنلەرنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر كالا› دەيدۇ» دېدى.
2 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا ذَلُولٌ تُثِيرُ الْأَرْضَ وَلَا تَسْقِي الْحَرْثَ مُسَلَّمَةٌ لَا شِيَةَ فِيهَا ۚ قَالُوا الْآنَ جِئْتَ بِالْحَقِّ ۚ فَذَبَحُوهَا وَمَا كَادُوا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «ئاللاھ ئۇنىڭ يەر ھەيدەپ، ئېكىن سۇغىرىپ كۆندۈرۈلگەن بولماسلىقىنى، بېجىرىم، ئالىسى يوق (يەنى رەڭگىدە سېرىقلىقتىن باشقا رەڭ يوق) بولۇشىنى ئېيتتى» دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئۇلار (كالىنى) تېپىپ كېلىپ بوغۇزلىدى، (ئۇلار سوئال سوراۋەرگەنلىكتىن) بۇنى ئورۇنلىيالمىغىلى تاس قالدى[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «ئاللاھ ئۇ يەر ھەيدەشكە، زىرائەت سۇغىرىشقا كۆندۈرۈلمىگەن، بېجىرىم، ئالىسى يوق كالا بولسۇن دەيدۇ» دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئۇلار كالىنى (تېپىپ كېلىپ) بوغۇزلىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بوغۇزلىيالمىغىلى تاس قالغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ تېخى بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ يەر ھەيدىمىگەن ۋە ئېكىن سۇغارمىغان، ئەركىن قويۇۋېتىلگەن ۋە ھېچ ئالىسى بولمىغان بىر كالا› دەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «مانا ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئاندىن ئۇ كالىنى تېپىپ بوغۇزلىدى. ئۇلار بۇنى قىلمىغىلى تاس قالغان ئىدى.
2 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَتَلْتُمْ نَفْسًا فَادَّارَأْتُمْ فِيهَا ۖ وَاللَّهُ مُخْرِجٌ مَا كُنْتُمْ تَكْتُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە (قاتىلنىڭ كىملىكى) توغرىسىدا دەتالاش قىلىشقان ئىدىڭلار. سىلەر يوشۇرماقچى بولغان نەرسىنى (يەنى قاتىلنىڭ ئىشىنى) ئاللاھ ئاشكارىلىغۇچىدۇر[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا دۆڭگەشكەن ئىدىڭلار. سىلەر يوشۇرماقچى بولغان نەرسىنى ئاللاھ ئاشكارىلىغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، گۇناھنى بىر - بىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە ئارتىشقان ئىدىڭلار. لېكىن ئاللاھ سىلەر يوشۇرۇۋاتقان نەرسىنى ئوتتۇرىغا چىقىراتتى.
2 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَتَطْمَعُونَ أَنْ يُؤْمِنُوا لَكُمْ وَقَدْ كَانَ فَرِيقٌ مِنْهُمْ يَسْمَعُونَ كَلَامَ اللَّهِ ثُمَّ يُحَرِّفُونَهُ مِنْ بَعْدِ مَا عَقَلُوهُ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر جامائەسى! دەۋىتىڭلار ئارقىلىق) يەھۇدىيلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ (قەستەن) ئۆزگەرتىۋەتتى[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) يەھۇدىيلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزگەرتىۋەتكەن تۇرسا، يەنە ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەر يەنىلا ئۇلار بىزگە ئىشىنەر دەپ ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر پىرقە بار ئىدىكى، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلايتتى ۋە ئەقىللىرى بىلەن چۈشىنەتتى، ئاندىن كېيىن ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ بۇرمىلايتتى.
2 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا لَقُوا الَّذِينَ آمَنُوا قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَا بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ قَالُوا أَتُحَدِّثُونَهُمْ بِمَا فَتَحَ اللَّهُ عَلَيْكُمْ لِيُحَاجُّوكُمْ بِهِ عِنْدَ رَبِّكُمْ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقانلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيتتى. بىر ـ بىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقانلىرىدا: «پەرۋەردىگارىڭلار قېشىدا مۆمىنلەر سىلەرگە قارشى پاكىت كۆرسەتسۇن دەپ ئاللاھ سىلەرگە بىلدۈرگەن ۋەھىينى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپەتلىرىنى) ئۇلارغا سۆزلەپ بېرەمسىلەر؟ (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر!» دەيتتى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقاندا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دەيتتى. بىر ـ بىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا مۆمىنلەر بىزگە قارشى پاكىتقا ئىگە بولۇپ قالسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە بىلدۈرگەن نەرسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپەتلىرىنى) ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىۋاتامسىلەر؟ بۇنىڭغا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دەيتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، بىر - بىرلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا: «رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىپ كۆرسەتسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە بىلدۈرگەن ھەقىقەتنى ئۇلارغا سۆزلەمسىلەر!؟ ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېيىشىدۇ.
2 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَا يَعْلَمُونَ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ؟[77]
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ ئۇلار يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلىۋاتقان ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
2 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ أُمِّيُّونَ لَا يَعْلَمُونَ الْكِتَابَ إِلَّا أَمَانِيَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ساۋاتسىزلىرى كىتابنى (تەۋراتنى) بىلمەيدۇ، (ئەھبارلىرى ئويدۇرۇپ چىققان) ئويدۇرمىلارنىلا بىلىدۇ، گۇمان بىلەنلا ئىش قىلىدۇ[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەۋراتنى بىلمەيدىغان، پەقەت ئويدۇرمىلارنىلا بىلىدىغان، خىيالغىلا تايىنىدىغان ساۋاتسىزلىرى بار
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئۇممىيلىرى25 بار. بۇلار كىتابنى بىلمەيدۇ، بىلىدىغىنى پەقەت بىر قىسىم قۇرۇق خىياللاردىنلا ئىبارەتتۇر. بۇلار پەقەتلا گۇمان قىلىدۇ.
2 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ يَكْتُبُونَ الْكِتَابَ بِأَيْدِيهِمْ ثُمَّ يَقُولُونَ هَٰذَا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ لِيَشْتَرُوا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۖ فَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا كَتَبَتْ أَيْدِيهِمْ وَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ ئۇنى ئاز پۇلغا سېتىش (دۇنيانىڭ ئازغىنا مەنپەئىتى) ئۈچۈن، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرگە ۋاي! قولى بىلەن يازغانلىرى (يەنى تەۋراتنى ئۆزگەرتكەنلىكلىرى) ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي! (بۇنىڭ بىلەن) ئېرىشكەن (ھارام) نەرسىلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي![79]
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتابنى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئاز پۇلغا (يەنى دۇنيانىڭ ئازغىنا مەنپەئىتىگە) سېتىۋېتىش ئۈچۈن، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۆز قولى بىلەن يېزىۋالغان نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئازغىنە پۇلغا سېتىش ئۈچۈن: «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىندۇر» دېگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! قوللىرى يازغان نەرسە سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئېرىشكەن نەرسىلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
2 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَنْ تَمَسَّنَا النَّارُ إِلَّا أَيَّامًا مَعْدُودَةً ۚ قُلْ أَتَّخَذْتُمْ عِنْدَ اللَّهِ عَهْدًا فَلَنْ يُخْلِفَ اللَّهُ عَهْدَهُ ۖ أَمْ تَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ» دەيدۇ. (ئۇلارغا) «سىلەرگە ئاللاھ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ، (ۋەدە بەرگەن بولسا) ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ، ياكى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغاننى ئاللاھ نامىدىن دەۋاتامسىلەر؟» دېگىن[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلا كۆيدۈرىدۇ» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «سىلەرگە ئاللاھ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ؟ شۇنداق بولسا، ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ ياكى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نېمىنى ئاللاھ نامىدىن دەۋاتامسىلەر؟» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز دوزاخ ئوتىدا ساناقلىق بىرقانچە كۈنلا كۆيىمىز» دېدى. سەن ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن ئەھدە ئالدىڭلارمۇ؟ - ئالغان بولساڭلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ئەھدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ - ياكى سىلەر ئاللاھ نامىدىن بىلمەي گەپ قىلىۋاتامسىلەر؟».
2 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ تَقْتُلُونَ أَنْفُسَكُمْ وَتُخْرِجُونَ فَرِيقًا مِنْكُمْ مِنْ دِيَارِهِمْ تَظَاهَرُونَ عَلَيْهِمْ بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَإِنْ يَأْتُوكُمْ أُسَارَىٰ تُفَادُوهُمْ وَهُوَ مُحَرَّمٌ عَلَيْكُمْ إِخْرَاجُهُمْ ۚ أَفَتُؤْمِنُونَ بِبَعْضِ الْكِتَابِ وَتَكْفُرُونَ بِبَعْضٍ ۚ فَمَا جَزَاءُ مَنْ يَفْعَلُ ذَٰلِكَ مِنْكُمْ إِلَّا خِزْيٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يُرَدُّونَ إِلَىٰ أَشَدِّ الْعَذَابِ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كېيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ) بىر ـ بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىر چۈشۈپ كەلسە، فىدىيە بېرىپ قۇتقۇزۇۋالىسىلەر؛ ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرۈسىلەرۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر). سىلەر كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتىي دۇنيادا خارلىققا قېلىش، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ) بىر ـ بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىرگە چۈشۈپ كەلگەندە بولسا، فىديە بېرىپ قۇتقۇزۇۋېلىۋاتىسىلەر، ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى. سىلەر كىتاب (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىدا شەرمەندە بولۇش ، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىسىلەر، ئىچىڭلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋاتىسىلەر، ئۇلارغا قىلىنغان يامانلىق ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملىشىۋاتىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلار ئەسىرگە چۈشۈپ يېنىڭلارغا كەلسە، فىدىيەلىرىنى بېرىپ قۇتقۇزىۋاتىسىلەر. ئەسىلىدە ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى. ياكى سىلەر كىتابنىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، بىر قىسمىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن بۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋاچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار قىيامەت كۈنىمۇ ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس.
2 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا قُلُوبُنَا غُلْفٌ ۚ بَلْ لَعَنَهُمُ اللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَقَلِيلًا مَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «دىللىرىمىز پەردىلەنگەن» دېدى. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتىدىغانلار ناھايىتى ئاز[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار(يەھۇدىي)لار: «بىزنىڭ دىللىرىمىز پەردىلەنگەن» دېدى. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار كۇفرلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتىدىغانلار ناھايىتى ئاز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «قەلبلىرىمىز پەردىلىكتۇر» دېدى. ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ ئۇلارغا كۇفرىلىقى سەۋەبىدىن لەنەت قىلدى. شۇڭا ئۇلار بەك ئاز ئىشىنىدۇ.
2 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَهُمْ كِتَابٌ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَهُمْ وَكَانُوا مِنْ قَبْلُ يَسْتَفْتِحُونَ عَلَى الَّذِينَ كَفَرُوا فَلَمَّا جَاءَهُمْ مَا عَرَفُوا كَفَرُوا بِهِ ۚ فَلَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلاردىكى كىتاب (تەۋرات) نى تەستىقلايدىغان كىتاب (قۇرئان) نازىل بولغان چاغدا (ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى). ئىلگىرى ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاسىتە قىلىپ) كاپىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى، ئۇلار بىلىدىغان (تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان) پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ كاپىرلارغا (پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىنى ئىنكار قىلغان يەھۇدىيلارغا) لەنەت قىلدى[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارغا قولىدىكى كىتاب (تەۋرات)نىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان كىتاب (قۇرئان) نازىل بولغان چاغدا ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى. ئىلگىرى ئۇلار (تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاسىتە قىلىپ) كافىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى، ئۇلار بىلىدىغان بۇ پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھنىڭ لەنىتى كافىرلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان كىتاب كەلسە، ئىلگىرى كافىرلارغا قارشى غەلىبە تىلىگەن بۇ يەھۇدىيلار، مانا ئەمدى ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى تونۇغان نەرسە يېتىپ كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھنىڭ لەنىتى ئۇ كافىرلارغا ياغىدۇ.
2 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ آمِنُوا بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ قَالُوا نُؤْمِنُ بِمَا أُنْزِلَ عَلَيْنَا وَيَكْفُرُونَ بِمَا وَرَاءَهُ وَهُوَ الْحَقُّ مُصَدِّقًا لِمَا مَعَهُمْ ۗ قُلْ فَلِمَ تَقْتُلُونَ أَنْبِيَاءَ اللَّهِ مِنْ قَبْلُ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا (قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا) ئىمان كەلتۈرىمىز» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كىتابقا (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابنى تەستىق قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارغا) «سىلەر (تەۋراتقا) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟» دېگىن[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا (قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان كىتاب (تەۋرات)قا ئىمان كەلتۈرىمىز» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كىتابقا (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ، ھالبۇكى، ئۇ (قۇرئان) ھەقتۇر، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابنى ئىسپاتلىغۇچىدۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «سىلەر (تەۋراتقا) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىشىنىڭلار» دېيىلسە، «بىز بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقىلا ئىشىنىمىز» دەيدۇ، باشقا كىتابلارنى ئىنكار قىلىدۇ. ھالبۇكى، قۇرئان ئۇلارنىڭ كىتابىنى تەستىقلايدىغان ھەق كىتابتۇر. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئۆزۈڭلارغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىشىنىدىغان كىشىلەر بولساڭلار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ نەبىيلىرىنى نېمىشقا ئۆلتۈرەتتىڭلار؟».
2 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنْ كَانَتْ لَكُمُ الدَّارُ الْآخِرَةُ عِنْدَ اللَّهِ خَالِصَةً مِنْ دُونِ النَّاسِ فَتَمَنَّوُا الْمَوْتَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا: «ئەگەر ئاخىرەت يۇرتى (جەننەت) ئاللاھنىڭ قېشىدا (سىلەر گۇمان قىلغاندەك) باشقىلارغا ئەمەس، يالغۇز سىلەرگىلا خاس بولسا، (سىلەرنى جەننەتكە ئۇلاشتۇرىدىغان) ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار! (جەننەت بىزگىلا خاس دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار» دېگىن[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «ئەگەر ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئاخىرەت يۇرتى (جەننەت) باشقىلارغا ئەمەس، يالغۇز سىلەرگىلا خاس بولسا ھەمدە شۇنداق دېگەن گېپىڭلار راست بولسا، ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلارچۇ، قېنى!» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئاخىرەت يۇرتى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگىلا ئائىت بولسا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار! ئەگەر راستچىل بولساڭلار».
2 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنْ يَتَمَنَّوْهُ أَبَدًا بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىلغان يامان ئەمەللىرى سەۋەبلىك، ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىلغان يامان ئەمەللىرى سەۋەبلىك، ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ. ئاللاھ بۇنداق زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىلگىرى ئۆز قوللىرى قىلغان يامان ئىشلار سەۋەبلىك، ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلالمايدۇ. ئاللاھ زالىملارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَتَجِدَنَّهُمْ أَحْرَصَ النَّاسِ عَلَىٰ حَيَاةٍ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا ۚ يَوَدُّ أَحَدُهُمْ لَوْ يُعَمَّرُ أَلْفَ سَنَةٍ وَمَا هُوَ بِمُزَحْزِحِهِ مِنَ الْعَذَابِ أَنْ يُعَمَّرَ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِمَا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى ھاياتقا ھەممە كىشىدىن، ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ ھېرىس كۆرۈسەن؛ ھەر بىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ۋەھالەنكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ ھاياتقا ھەممە كىشىدىن، ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ ئامراق ئىكەنلىكىنى كۆرۈسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇلارنى ئازابتىن قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: چوقۇم كۆرىسەن، ئۇلار دۇنيا ھاياتىغا پۈتكۈل ئىنسانلاردىن بەك ھېرىسمەندۇر. ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ بەكرەك ھېرىسمەندۇر. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆمرۈم مىڭ يىل بولغان بولسا دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنى بۇ قەدەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىمۇ ئازاپتىن قۇتقۇزالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَكُلَّمَا عَاهَدُوا عَهْدًا نَبَذَهُ فَرِيقٌ مِنْهُمْ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر قاچان ئۇلار بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، بىر تۈركۈمى ئۇنى بۇزىدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ (يەھۇدىيلارنىڭ) تولىسى (تەۋراتقا) ئىمان ئېيتمايدۇ[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار ھەر قاچان بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، بىر تۈركۈمى ئۇنى بۇزىدۇ، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى (تەۋراتقا) ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قاچانىكى بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، ئىچىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ئۇ ئەھدىنى چۈرۈۋەتمىدىمۇ؟ ئەسلىدە ئۇلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ.
2 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَهُمْ رَسُولٌ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَهُمْ نَبَذَ فَرِيقٌ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ كِتَابَ اللَّهِ وَرَاءَ ظُهُورِهِمْ كَأَنَّهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ بىر تۈركۈمى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنى) بىلمەيدىغاندەك، ئاللاھنىڭ كىتابىنى (تەۋراتنى) ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى (يەنى تەۋراتنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمىدى)[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قولىدىكى كىتابنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلگەندە،ئۇلارنىڭ بىر قىسمى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى) بىلمەيدىغاندەك، ئاللاھنىڭ كىتابى (تەۋراتنى) ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان ئەلچى كەلسە، كىتاب بىرىلگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئارقىلىرىغا چۈرۈۋەتتى. ئۇلار گويا ھەقىقەتنى ھېچ بىلمەيدىغاندىكىدەك ئىش قىلدى.
2 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
مَا يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَلَا الْمُشْرِكِينَ أَنْ يُنَزَّلَ عَلَيْكُمْ مِنْ خَيْرٍ مِنْ رَبِّكُمْ ۗ وَاللَّهُ يَخْتَصُّ بِرَحْمَتِهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىقنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىسىگە پەيغەمبەرلىكنى خاس قىلىدۇ، ئاللاھ چوڭ پەزل ئىگىسىدۇر[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كافىرلار پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىقنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىسىگە پەيغەمبەرلىكنى خاس قىلىدۇ، ئاللاھ بۈيۈك پەزل ئىگىسىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كافىرلار، رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق چۈشۈرۈلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھ رەھمىتىنى خالىغان كىشىگىلا ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ئىگىسىدۇر.
2 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ تُرِيدُونَ أَنْ تَسْأَلُوا رَسُولَكُمْ كَمَا سُئِلَ مُوسَىٰ مِنْ قَبْلُ ۗ وَمَنْ يَتَبَدَّلِ الْكُفْرَ بِالْإِيمَانِ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئىلگىرى مۇسادىن سوئال سورىغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلاردىن سوئال سورىماقچى بولامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىنى كۇفرىغا تېگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار ئىلگىرى مۇساغا تەلەپ قويغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلارغا تەلەپ قويماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىنى كۇفرغا تېگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن تايغان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى سىلەر رەسۇلۇڭلارغا ئىلگىرى مۇساغا قويۇلغاندەك تەلەپلەرنى قويماقچىمۇ؟ كىم ئىماننى كۇفرىغا تېگىشىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ.
2 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَّ كَثِيرٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَوْ يَرُدُّونَكُمْ مِنْ بَعْدِ إِيمَانِكُمْ كُفَّارًا حَسَدًا مِنْ عِنْدِ أَنْفُسِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْحَقُّ ۖ فَاعْفُوا وَاصْفَحُوا حَتَّىٰ يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر (يەنى ئاللاھ سىلەرگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغىچە) ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىگە ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئىچ-ئىچىدىن ھەسەت قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى پەرمانى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن نۇرغۇن كىشىلەر ھەق ئۆزلىرىگە ئېنىق ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ئىچ - ئىچىدىن ھەسەت قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن ئايرىپ قايتا كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ ئەمرىنى كەلتۈرگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار31. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
2 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَنْ يَدْخُلَ الْجَنَّةَ إِلَّا مَنْ كَانَ هُودًا أَوْ نَصَارَىٰ ۗ تِلْكَ أَمَانِيُّهُمْ ۗ قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «يەھۇدىي ياكى ناسارا بولمىغان ئادەم (يەنى يەھۇدىيلار يەھۇدىي بولمىغان ئادەم، ناسارالار ناسارا بولمىغان ئادەم) ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېيىشتى. بۇ، ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» دېگىن[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار: «يەھۇدىي بولمىغان ئادەم ھەرگىز جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېدى. بۇ، ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا): «ئەگەر سۆزۈڭلار راست بولسا، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار» دېگىن
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلار: «جەننەتكە پەقەت يەھۇدىي بولغان كىشىلەرلا كىرىدۇ» دېدى، ناسارالار: «جەننەتكە پەقەت ناسارا بولغان كىشىلەرلا كىرىدۇ» دېدى. بۇ ئۇلارنىڭ قۇرۇق خىياللىرىدۇر. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار!».
2 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتِ الْيَهُودُ لَيْسَتِ النَّصَارَىٰ عَلَىٰ شَيْءٍ وَقَالَتِ النَّصَارَىٰ لَيْسَتِ الْيَهُودُ عَلَىٰ شَيْءٍ وَهُمْ يَتْلُونَ الْكِتَابَ ۗ كَذَٰلِكَ قَالَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ مِثْلَ قَوْلِهِمْ ۚ فَاللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلار: «ناسارالارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق (يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)» دېدى. ناسارالارمۇ: «يەھۇدىيلارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق (يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار كىتابنى (يەنى يەھۇدىيلار تەۋراتنى، ناسارالار ئىنجىلنى) ئوقۇيدۇ، بىلىمسىز ئادەملەر (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرى) مۇ ئۇلار دېگەندەك دېدى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار: «ناسارالار توغرا يولدا ئەمەس» دېدى. ناسارالارمۇ: «يەھۇدىيلار توغرا يولدا ئەمەس» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار كىتابنى (يەنى يەھۇدىيلار تەۋراتنى، ناسارالار ئىنجىلنى) ئوقۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىلىمسىز ئادەملەر (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرى) مۇ ئۇلار دېگەندەك (بىزدىن باشقىلار توغرا يولدا ئەمەس) دېدى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلار: «ناسارالارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق» دېدى. ناسارالارمۇ: «يەھۇدىيلارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق» دېدى. ھالبۇكى، ھەر ئىككى تەرەپ كىتابنى ئوقۇيدۇ. بىلمەيدىغانلارمۇ بىر -بىرلىرى توغرىسىدا شۇنداق گەپلەرنى قىلىشتى. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار كېلىشەلمىگەن نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
2 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنْ تَرْضَىٰ عَنْكَ الْيَهُودُ وَلَا النَّصَارَىٰ حَتَّىٰ تَتَّبِعَ مِلَّتَهُمْ ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى اللَّهِ هُوَ الْهُدَىٰ ۗ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ بَعْدَ الَّذِي جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ ۙ مَا لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا ئەگەشمىگۈچە ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭ يولىدۇر». ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى پاكىتلىق ھەقىقەت ساڭا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن)، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، (سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا كىرمىگۈچە، ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، « پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر». ساڭا ئىلىم (قۇرئان) كەلگەندىن كېيىن، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ يولىغا ئەگەشمىگىچە ئۇلارنىڭ ھېچبىرى سەندىن رازى بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىزكى، توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭلا يولىدۇر». ئەگەر سەن، ساڭا كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، ساڭا ئاللاھ تەرىپىدىن ھېچقانداق ۋەلىي36 ۋە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر.
2 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اذْكُرُوا نِعْمَتِيَ الَّتِي أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَنِّي فَضَّلْتُكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى (بىر زامانلاردا) ھەممە جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە ئەينى ۋاقىتتا سىلەرنى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ۋە ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى زامانداشلىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار.
2 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ أُمَّةٌ قَدْ خَلَتْ ۖ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُمْ مَا كَسَبْتُمْ ۖ وَلَا تُسْأَلُونَ عَمَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشى توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىر ئۇممەت ئىدى، كېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىسى ئۆزىنىڭ، سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسەڭلار سىلەرنىڭدۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر.
2 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا كُونُوا هُودًا أَوْ نَصَارَىٰ تَهْتَدُوا ۗ قُلْ بَلْ مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۖ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «يەھۇدىي ياكى ناسارا بولۇڭلار، توغرا يول تاپىسىلەر» دەيدۇ. «ئۇنداق ئەمەس، بىز ئىبراھىمنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېگىن[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار: «يەھۇدىي بولۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، توغرا يول تاپقان بولىسىلەر» دېدى. ناسارالارمۇ: «ناسارا بولۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، توغرا يول تاپقان بولىسىلەر» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) سەن: «بىز ئۇنداق قىلمايمىز، بەلكى توغرا يول بولغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېگىن
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلار: «يەھۇدىي بولۇڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» دېدى، ناسارالار: «ناسارا بولۇڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» دېدى. سەن ئېيتقىنكى: «ياق! بىز ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز. ئىبراھىم ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى».
2 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ تَقُولُونَ إِنَّ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطَ كَانُوا هُودًا أَوْ نَصَارَىٰ ۗ قُلْ أَأَنْتُمْ أَعْلَمُ أَمِ اللَّهُ ۗ وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ كَتَمَ شَهَادَةً عِنْدَهُ مِنَ اللَّهِ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئېيتقىنكى، «(ئۇلارنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى) سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا ئاللاھ نازىل قىلغان دەلىل ـ ئىسپات تۇرۇپ ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىن زالىم كىم بار؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى دەمسىلەر؟» ئېيتقىنكى، «بۇنى سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا ئاللاھ نازىل قىلغان دەلىل ـ ئىسپات تۇرۇپ، ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»
ئەنەس ئالىم: ياكى سىلەر: «ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھمۇ؟». يېنىدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى بار تۇرۇقلۇق، ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس43.
2 : 141 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ أُمَّةٌ قَدْ خَلَتْ ۖ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُمْ مَا كَسَبْتُمْ ۖ وَلَا تُسْأَلُونَ عَمَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس[141].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشى توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىر ئۇممەت ئىدى، كېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىسى ئۆزىنىڭ، سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسەڭلار سىلەرنىڭدۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغررۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر.
2 : 144 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ نَرَىٰ تَقَلُّبَ وَجْهِكَ فِي السَّمَاءِ ۖ فَلَنُوَلِّيَنَّكَ قِبْلَةً تَرْضَاهَا ۚ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَحَيْثُ مَا كُنْتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ ۗ وَإِنَّ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّهِمْ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سېنىڭ (كەبە قىبلەڭ بولۇشىنى تىلەپ) قايتا ـ قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولماڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) بۇنىڭ (يەنى قىبلىنىڭ كەبىگە ئۆزگەرتىلىشىنىڭ) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن غاپىل ئەمەس[144].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سېنىڭ (كەئبىنىڭ قىبلەڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ) قايتا ـ قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. نامازدا يۈزۈڭنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامازدا يۈزۈڭلارنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن بىخەۋەر ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن بۇيرۇقىمىزنى كۈتۈپ پات - پات ئاسمانغا قاراۋاتىسەن. بىز سېنى چوقۇم سەن رازى بولىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن نامىزىڭدا يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن! ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى ئۇنىڭ تەرىپىگە قىلىڭلار. كىتاب بېرىلگەنلەر ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇكى، قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئۆزلىرىنىڭ رەببىدىن كەلگەن ھەق ھۆكۈمدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس.
2 : 145 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَتَيْتَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ بِكُلِّ آيَةٍ مَا تَبِعُوا قِبْلَتَكَ ۚ وَمَا أَنْتَ بِتَابِعٍ قِبْلَتَهُمْ ۚ وَمَا بَعْضُهُمْ بِتَابِعٍ قِبْلَةَ بَعْضٍ ۚ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ ۙ إِنَّكَ إِذًا لَمِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كىتاب بېرىلگەنلەرگە بارچە دەلىلنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سېنىڭ قىبلەڭگە بويسۇنمايدۇ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە بويسۇنمايسەن؛ ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ھەم ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنىڭ قىبلىسىگە بويسۇنمايدۇ. ساڭا ئىلىم (ۋەھىي) كەلگەندىن كېيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا بويسۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم زۇلۇم قىلغانلاردىن بولىسەن[145].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كىتاب بېرىلگەنلەرگە بارچە دەلىلنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سېنىڭ قىبلەڭگە يۈزلەنمەيدۇ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈزلەنمەيسەن؛ ئۇلار ھەم ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈزلەنمەيدۇ. ساڭا ئىلىم (يەنى ۋەھيى) كەلگەندىن كېيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن
ئەنەس ئالىم: كىتاب بېرىلگەنلەرگە پۈتكۈل دەلىللەرنى كەلتۈرسەڭمۇ ئۇلار يەنىلا سېنىڭ قىبلەڭگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيسەن. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى يەنە بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. ئەگەر سەن ئۆزۈڭگە كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، بىلىپ قويغىنكى سەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ كېتىسەن.
2 : 146 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَعْرِفُونَهُ كَمَا يَعْرِفُونَ أَبْنَاءَهُمْ ۖ وَإِنَّ فَرِيقًا مِنْهُمْ لَيَكْتُمُونَ الْحَقَّ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز كىتاب بەرگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالار) ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى، شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ[146].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز كىتاب بەرگەنلەر ئۇ پەيغەمبەرنى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى، شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز كىتابنى بەرگەنلەر ئۇنى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بۇ ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ.
2 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنْزَلْنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالْهُدَىٰ مِنْ بَعْدِ مَا بَيَّنَّاهُ لِلنَّاسِ فِي الْكِتَابِ ۙ أُولَٰئِكَ يَلْعَنُهُمُ اللَّهُ وَيَلْعَنُهُمُ اللَّاعِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىز نازىل قىلغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ (يەنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)؛ لەنەت قىلغۇچىلار (پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر) مۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كىتاب (تەۋرات) تا كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىز نازىل قىلغان روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ؛ لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز نازىل قىلغان روشەن ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى بىز كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ.
2 : 174 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ الْكِتَابِ وَيَشْتَرُونَ بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۙ أُولَٰئِكَ مَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ إِلَّا النَّارَ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ اللَّهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كىتابتا نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئازغىنا پۇلغا ساتىدىغانلارنىڭ قارنىغا يېگىنى پەقەت ئوتتۇر (چۈنكى ئۇلارنىڭ يېگەن شۇ ھارام مېلى ئۇلارنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[174].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كىتابتا نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئازغىنا پۇلغا سېتىۋېتىدىغانلار ___ ئەنە شۇلار قارنىغا پەقەت دوزاخ ئوتىنىلا يەيدۇ*[1]، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتىن بىرەر نەرسىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلار قورساقلىرىنى ئوتقا تولدۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
2 : 211 - ئايەت
كۆرۈش
سَلْ بَنِي إِسْرَائِيلَ كَمْ آتَيْنَاهُمْ مِنْ آيَةٍ بَيِّنَةٍ ۗ وَمَنْ يُبَدِّلْ نِعْمَةَ اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُ فَإِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، بىز ئۇلارغا نەقەدەر كۆپ روشەن دەلىللەرنى ئاتا قىلدۇق. كىمكى ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى (كۇفرىلىق قىلىپ) ئۆزگەرتىۋەتسە (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئازاب قىلىدۇ)، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر[211].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، بىز ئۇلارغا نەقەدەر كۆپ روشەن ئايەتلەرنى ئاتا قىلدۇق. كىمكى ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزگەرتىۋەتسە، (بىلسۇنكى) ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىن: بىز ئۇلارغا روشەن ئايەتلەردىن قانچىلىك ئاتا قىلدۇق؟ كىمكى ئاللاھنىڭ نېمىتى ئۆزىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ قاتتىق جازا بەرگۈچىدۇر.
2 : 243 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ خَرَجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ وَهُمْ أُلُوفٌ حَذَرَ الْمَوْتِ فَقَالَ لَهُمُ اللَّهُ مُوتُوا ثُمَّ أَحْيَاهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرى مىڭلارچە تۇرۇقلۇق، ئۆلۈمدىن قورقۇپ، يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى «ئۆلۈڭلار» دېدى (ئۇلار ئۆلدى). ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈردى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ[243].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرى مىڭلىغان (ئادەم) تۇرۇقلۇق، ئۆلۈمدىن قورقۇپ، يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟*[1] ئاللاھ ئۇلارغا «ئۆلۈڭلار» دېدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈردى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆلۈمدىن قورقۇپ يۇرتلىرىدىن چىقىپ كەتكەن شۇ مىڭلىغان كىشلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارغا: «ئۆلۈڭلار!» دېدى، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى تىرىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
2 : 246 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الْمَلَإِ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنْ بَعْدِ مُوسَىٰ إِذْ قَالُوا لِنَبِيٍّ لَهُمُ ابْعَثْ لَنَا مَلِكًا نُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ قَالَ هَلْ عَسَيْتُمْ إِنْ كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِتَالُ أَلَّا تُقَاتِلُوا ۖ قَالُوا وَمَا لَنَا أَلَّا نُقَاتِلَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَقَدْ أُخْرِجْنَا مِنْ دِيَارِنَا وَأَبْنَائِنَا ۖ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقِتَالُ تَوَلَّوْا إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا مۇسا (نىڭ ۋاپاتى) دىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان بىر جامائەنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە: «بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، (ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەرگە قارشى) ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشتى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ئوغۇللىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسى جىھادتىن باش تارتتى. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر[246].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا مۇسا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ياشىغان ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە؛ «بىزگە بىر پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشكەن ئىدى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد قىلىش پەرز قىلىنسا، جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە بالىۋاقىلىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا ئۇرۇش قىلىش پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسى جىھاد قىلىشتىن باش تارتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ مۇسادىن كېيىنكى دەۋردە ياشىغان كاتتىلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەبىيىسىگە: «بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلايلى!» دېگەن ئىدى. ئۇ نەبىي ئۇلارغا: «سىلەرگە ئۇرۇش پەرز قىلىنسا، ئۇرۇش قىلمىساڭلارچۇ؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئاللاھ يولىدا نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلمايلى؟ بىز يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، بالا - چاقىلىرىمىزدىن ئايرىۋېتىلگەن تۇرساق!» دېدى. لېكىن ئۇلارغا ئۇرۇش پەرز قىلىنغان ئىدى، ئازغىنىسىدىن باشقىسى يۈز ئۆرۈدى. ئاللاھ زالىملارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 247 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ لَهُمْ نَبِيُّهُمْ إِنَّ اللَّهَ قَدْ بَعَثَ لَكُمْ طَالُوتَ مَلِكًا ۚ قَالُوا أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُ الْمُلْكُ عَلَيْنَا وَنَحْنُ أَحَقُّ بِالْمُلْكِ مِنْهُ وَلَمْ يُؤْتَ سَعَةً مِنَ الْمَالِ ۚ قَالَ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَاهُ عَلَيْكُمْ وَزَادَهُ بَسْطَةً فِي الْعِلْمِ وَالْجِسْمِ ۖ وَاللَّهُ يُؤْتِي مُلْكَهُ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبىرى ئۇلارغا: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى» دېدى. ئۇلار (پەيغەمبىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ): «ئۇ قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولىدۇ؟ (ئارىمىزدا پادىشاھ ئەۋلادلىرى بولغانلىقتىن) پادىشاھلىققا بىز ئۇنىڭدىن ھەقلىقمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى كۆپ بولمىسا» دېدى. پەيغەمبەر: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (پادىشاھ قىلىشقا) ئۇنى ئىختىيار قىلدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى بەستىلىك قىلدى، ئاللاھ سەلتەنەتنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ. ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئۇنىڭغا كىمنىڭ لايىق بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ» دېدى[247].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبىرى ئۇلارغا: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى» دېدى. ئۇلار: «ئۇ قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولالايدۇ؟ پادىشاھ بولۇشقا بىز ئۇنىڭدىن بەكرەك ھەقلىقمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى كۆپ بولمىسا» دېدى. پەيغەمبەر: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (پادىشاھ قىلىشقا) ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ بىلىمى مول، قامەتلىك قىلدى، ئاللاھ سەلتەنەتنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ. ئاللاھ پەزلى كەڭ، ھەممىنى ئوبدان بىلىدىغان زاتتۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: نەبىيىسى ئۇلارغا: «ئاللاھ تالۇتنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «ئۇ بىزگە قانداقمۇ پادىشاھ بولىدۇ؟ پادىشاھ بولۇشقا بىز ئۇنىڭدىن ھەقلىقمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بايمۇ ئەمەس!» دېيىشتى. نەبىي: «ئاللاھ ئۇنى تاللاپ سىلەرگە پادىشاھ قىلدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى ۋە بوي - بەستىنى زىيادە قىلدى. ئاللاھ پادىشاھلىقنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېدى.
2 : 248 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ لَهُمْ نَبِيُّهُمْ إِنَّ آيَةَ مُلْكِهِ أَنْ يَأْتِيَكُمُ التَّابُوتُ فِيهِ سَكِينَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَبَقِيَّةٌ مِمَّا تَرَكَ آلُ مُوسَىٰ وَآلُ هَارُونَ تَحْمِلُهُ الْمَلَائِكَةُ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا پەيغەمبىرى ئېيتتىكى: «ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئالامىتى شۇكى، سىلەرگە بىر ساندۇق كېلىدۇ، ئۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرنى تەسكىن تاپقۇزىدىغان نەرسە ۋە مۇسانىڭ، ھارۇننىڭ تەۋەلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەر (مۇسانىڭ ھاسىسى، كىيىمى ۋە تەۋرات يېزىلغان بەزى تاختىلار) قاچىلانغان بولىدۇ، ئۇنى پەرىشتىلەر كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. ئەگەر (ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان) بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى ساندۇقنىڭ نازىل بولۇشىدا ئاللاھنىڭ تالۇتنى سىلەرگە پادىشاھلىققا تاللىغانلىقىغا) ئەلۋەتتە سىلەر ئۈچۈن (روشەن) ئالامەت بار»[248].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا پەيغەمبىرى ئېيتتى: «ئۇنىڭ پادىشاھ ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى شۇكى، سىلەرگە بىر ساندۇق كېلىدۇ، ئۇنى پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرنى تەسكىن تاپقۇزىدىغان نەرسە ۋە مۇسانىڭ، ھارۇننىڭ تاۋابىئاتلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەر (يەنى مۇسانىڭ ھاسىسى، كىيىمى، ھارۇننىڭ سەللىسى ۋە تەۋرات يېزىلغان بەزى تاختىلار) قاچىلانغان بولىدۇ، ئۇنى پەرىشتىلەر كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. ئەگەر ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە سىلەنى قايىل قىلىدىغان ئالامەت بار»
ئەنەس ئالىم: نەبىيىسى ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: «تالۇتنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئالامىتى ساندۇقنىڭ سىلەرگە كېلىشىدۇر. ئۇنىڭ ئىچىدە رەببىڭلاردىن ھۇزۇر، مۇسا ۋە ھارۇن ئائىلىلىرىنىڭ مىراسلىرىدىن قالدۇق بار. ئۇنى پەرىشتىلەر كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن روشەن ئالامەتتۇر».
2 : 251 - ئايەت
كۆرۈش
فَهَزَمُوهُمْ بِإِذْنِ اللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُودُ جَالُوتَ وَآتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَهُ مِمَّا يَشَاءُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لَفَسَدَتِ الْأَرْضُ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى (پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرىنى (پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابلىققا يۈزلىنەتتى، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[251].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كافىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرى (يەنى پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابىلىككە ئايلىناتتى، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كافىرلارنىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلدى. داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى70. ئاللاھ داۋۇدقا ھۆكۈمدارلىقنى ۋە ھېكمەتنى71 ئاتا قىلدى، ئۇنىڭغا خالىغىنىنى ئۆگەتتى. ئەگەر ئاللاھ بەزى ئىنسانلارنى بەزى ئىنسانلار بىلەن توسۇپ تۇرمىسا ئىدى، دۇنيانىڭ ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئالەملەرگە ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
30 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
كَدَأْبِ آلِ فِرْعَوْنَ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ ۗ وَاللَّهُ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ كۇففارلارنىڭ ھالى) پىرئەۋن تەۋەلىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ھالى پىرئەۋن تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئەھۋالى فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن جازالىدى. ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر.
3 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ كَانَ لَكُمْ آيَةٌ فِي فِئَتَيْنِ الْتَقَتَا ۖ فِئَةٌ تُقَاتِلُ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَأُخْرَىٰ كَافِرَةٌ يَرَوْنَهُمْ مِثْلَيْهِمْ رَأْيَ الْعَيْنِ ۚ وَاللَّهُ يُؤَيِّدُ بِنَصْرِهِ مَنْ يَشَاءُ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبْرَةً لِأُولِي الْأَبْصَارِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى يەھۇدىيلار جامائەسى! بەدرىدە جەڭ ئۈچۈن) ئۇچراشقان ئىككى گۇرۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار، بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇۋاتقان گۇرۇھتۇر، يەنە بىرى مۇسۇلمانلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ سانىنى) ئۆزلىرىدەك ئىككى باراۋەر ئوپئوچۇق كۆرگەن كاپىرلار گۇرۇھىدۇر (يەنى ئاللاھ كاپىرلارغا قورقۇنچ سېلىش بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇشتىن قول يىغدۇرۇش ئۈچۈن، كاپىرلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى جىق كۆرسەتتى). ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىپ قوللايدۇ. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى يەھۇدىيلار جامائەسى! بەدرىدە جەڭ ئۈچۈن) ئۇچراشقان ئىككى گۇرۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار، بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇۋاتقان گۇرۇھتۇر، يەنى بىرى كۆزىگە مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىدەك ئىككى باراۋەر كۆرۈنۈپ كەتكەن كافىرلار گۇرۇھىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىپ قوللايدۇ. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار
ئەنەس ئالىم: توقۇنۇشقان ئىككى گۇرۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئايەت بار5. بىر گۇرۇھ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشاتتى، يەنە بىرى بولسا كافىر ئىدى. ئۇلار قارشى تەرەپنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدەك كۆرەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىگە نۇسرەت ئاتا قىلىپ قوللايدۇ. ئەنە شۇ ۋەقەدە ئۆتكۈر كۆزلۈك كىشىلەرگە ئىبرەت بار.
3 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ ۗ وَمَا اخْتَلَفَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۗ وَمَنْ يَكْفُرْ بِآيَاتِ اللَّهِ فَإِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى روشەن پاكىتلار ئارقىلىق بىلىپ تۇرۇپ، كۆرەلمەسلىكتىن ئىنكار قىلىشتى). كىمكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن (ئاللاھ ئۇنى يېقىندا جازالايدۇ)، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا مەقبۇل دىن ئىسلام دىنىدۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. كىمكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ھالدا، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا دىن ئىسلامدۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئارىلىرىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن ئىختىلاپ قىلىشتى. كىم ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولسا، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ھېسابنى ناھايىتى تېز ئالغۇچىدۇر.
3 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ حَاجُّوكَ فَقُلْ أَسْلَمْتُ وَجْهِيَ لِلَّهِ وَمَنِ اتَّبَعَنِ ۗ وَقُلْ لِلَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْأُمِّيِّينَ أَأَسْلَمْتُمْ ۚ فَإِنْ أَسْلَمُوا فَقَدِ اهْتَدَوْا ۖ وَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن (دىن بارىسىدا) مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزەمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىگە بويسۇنغۇچىمىز)» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە ئۇممىيلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا) : «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭ بار، ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ھەممە ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزۈمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە بىلىمسىزلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا) : «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولۇشتىن باش تارتسا، ئۇ ھالدا، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلا بار، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن دەتالاش قىلىشسا، ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزەمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم، ماڭا ئەگەشكەنلەرمۇ ئۆزلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇردى». كىتاب بېرىلگەنلەر بىلەن ئۇممىيلارغا: «ئىسلامنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن. ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، توغرا يولغا كىرگەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، سېنىڭ ۋەزىپەڭ تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِنَ الْكِتَابِ يُدْعَوْنَ إِلَىٰ كِتَابِ اللَّهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٌ مِنْهُمْ وَهُمْ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا (دەتالاش قىلىشقان ئىشلار توغرىسىدا) ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرىلسا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى بۇنىڭدىن (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار ھەقتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر (يەنى ھەقتىن يۈز ئۆرۈش ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن)[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) تەۋرات بىلىملىرىدىن نېسىۋە بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرىلسىلا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ھۆكمىگە چاقىرىلسا، ئىچىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر يۈز ئۆرۈيدۇ. ئۇلار داۋاملىق يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر.
3 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تُحَاجُّونَ فِي إِبْرَاهِيمَ وَمَا أُنْزِلَتِ التَّوْرَاةُ وَالْإِنْجِيلُ إِلَّا مِنْ بَعْدِهِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولدى. (سۆزۈڭلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى) چۈشەنمەمسىلەر؟[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولغان تۇرسا، سىلەر بۇنى ئويلاپ باقمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! ئىبراھىم توغرىسىدا نېمە ئۈچۈن دەتالاش قىلىشىسىلەر؟ تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل قىلىنغان تۇرسا! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
3 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
هَا أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ حَاجَجْتُمْ فِيمَا لَكُمْ بِهِ عِلْمٌ فَلِمَ تُحَاجُّونَ فِيمَا لَيْسَ لَكُمْ بِهِ عِلْمٌ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) سىلەر شۇنداق كىشىلەرسىلەركى، بىلىدىغان نەرسەڭلار (ئىيسا) ئۈستىدە مۇنازىرىلەشتىڭلار، ئەمدى سىلەر بىلمەيدىغان نەرسەڭلار (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ دىنى) ئۈستىدە نېمىشقا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنىڭ ئىشىدىكى ھەقىقەتنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر» دېگىن[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر شۇنداق كىشىلەر ئىكەنسىلەركى، ئۆزۈڭلار بىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتىڭلار، ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسە (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ دىنى) توغرىسىدا نېمىشقا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئەنە شۇنداق كىشىلەركى، بىلگىنىڭلار توغرىسىدا دەتالاش قىلىشتىڭلار، بىلمىگىنىڭلار توغرىسىدا نېمە ئۈچۈن دەتالاش قىلىشىسىلەر؟ ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.
3 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَّتْ طَائِفَةٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَوْ يُضِلُّونَكُمْ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ (بۇنىڭ ۋابالى ئۇلارغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىش بىلەن ئۆزلىرىگىلا قايتىدۇ). (لېكىن) ئۇلار (بۇنى) تۇيمايدۇ[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ، ئۇلار بولسا بۇنى تۇيمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن بىر گۇرۇھ سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ. لېكىن ئۇلار بۇنى تۇيمايدۇ.
3 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَأَنْتُمْ تَشْهَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى) بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئىنكار قىلىسىلەر؟[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ھەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە نېمىشقا كافىر بولىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر ھەقىقەتنى كۆرۈۋاتىسىلەر.
3 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تَلْبِسُونَ الْحَقَّ بِالْبَاطِلِ وَتَكْتُمُونَ الْحَقَّ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرىسىلەر ۋە بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابلىرىڭلاردىكى سۈپىتىنى) يوشۇرىسىلەر؟[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن بىلىپ تۇرۇپ ھەق بىلەن باتىلنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىسىلەر ۋە ھەقنى يوشۇرىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! نېمىشقا ھەقنى باتىل بىلەن ئارىلاشتۇرىسىلەر؟ نېمىشقا بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى يوشۇرىسىلەر؟
3 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتْ طَائِفَةٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ آمِنُوا بِالَّذِي أُنْزِلَ عَلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَجْهَ النَّهَارِ وَاكْفُرُوا آخِرَهُ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن.
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلار ئىمانىدىن يېنىۋېلىشى مۇمكىن؛
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن بىر گۇرۇھ ئۆز - ئارا مۇنداق دېيىشتى: «شۇ مۇئمىنلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىگە ئەتىگىنى ئىمان ئېيتىپ، ئاخشىمى ئۇنى ئىنكار قىلىڭلار. ئۇلار سىلەرگە ئەگىشىپ ئىمانىدىن يېنىشى مۇمكىن.
3 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُؤْمِنُوا إِلَّا لِمَنْ تَبِعَ دِينَكُمْ قُلْ إِنَّ الْهُدَىٰ هُدَى اللَّهِ أَنْ يُؤْتَىٰ أَحَدٌ مِثْلَ مَا أُوتِيتُمْ أَوْ يُحَاجُّوكُمْ عِنْدَ رَبِّكُمْ ۗ قُلْ إِنَّ الْفَضْلَ بِيَدِ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار بىر ـ بىرىگە ئېيتىدۇ) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشتىن ياكى ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ) (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشىدىن (يەنى مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىدىن قورقساڭلار پەقەت دىنىڭلارغا ئەگەشكەن ئادەمگىلا ئىشىنىڭلار). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل ـ كەرەم (يەنى پەيغەمبەرلىك) ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېيىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشىگە ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىغا ئىشەنمەڭلار (دېيىشىدۇ). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل ـ كەرەم ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». ئاللاھنىڭ كەرىمى كەڭدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەردىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمەڭلار». ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىزكى، پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر». ئۇلار يەنە ئۆزئارا دېيىشتى: «بىرەر كىشىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلگەنلىكىگە ياكى مۇھەممەدكە ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا دەلىل كەلتۈرۈپ سىلەرنى يېڭىۋېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەڭلار». ئېيتقىنكى: «ئىلتىپات ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مَنْ إِنْ تَأْمَنْهُ بِقِنْطَارٍ يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ وَمِنْهُمْ مَنْ إِنْ تَأْمَنْهُ بِدِينَارٍ لَا يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ إِلَّا مَا دُمْتَ عَلَيْهِ قَائِمًا ۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لَيْسَ عَلَيْنَا فِي الْأُمِّيِّينَ سَبِيلٌ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭدا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تۇرمىغىچە (يەنى قايتا ـ قايتا سۈيلىمىگۈچە) ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ئۇممىيلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس)» دەيدۇ، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ پۇل-مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭغا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا سۈيلەپ تۇرمىغىچە، ئۇ ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ساۋاتسىزلار (بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلار) نىڭ پۇل-مېلىغا خىيانەت قىلساق، بىزگە گۇناھ بولمايدۇ» دەيدۇ، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن شۇنداق كىشى باركى، ئۇنىڭغا بىرەر خەزىنە ئامانەت قويساڭ ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلاردىن شۇنداق كىشىمۇ باركى، ئۇنىڭغا بىرەر دىنار ئامانەت قويساڭ بېشىدا تىكىلىپ تۇرمىغىچە ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: «بىزدىن بولمىغانلارنىڭ مېلىنى يەۋالساق گۇناھكار بولمايمىز» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا بوھتان چاپلايدۇ.
3 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ مِنْهُمْ لَفَرِيقًا يَلْوُونَ أَلْسِنَتَهُمْ بِالْكِتَابِ لِتَحْسَبُوهُ مِنَ الْكِتَابِ وَمَا هُوَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَقُولُونَ هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَمَا هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن (يەنى يەھۇدىيلاردىن) بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى، سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن تىللىرىنى ئەگرى ـ بۈگرى قىلىپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن، تىللىرىنى تولغاپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان، دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن شۇنداق بىر پىرقىمۇ باركى، ئۆزلىرى ئويدۇرغان سۆزلەرنى تىللىرىنى ئېگىپ كىتابنى ئوقۇغاندەك ئوقۇيدۇ. ئۇلار بۇنى سىلەرنىڭ ئۇ سۆزلەرنى كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ سۆزلەر كىتابتا يوقتۇر. ئۇلار: «بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن نازىل قىلىنغان» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن نازىل قىلىنمىغان. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا بوھتان چاپلايدۇ.
3 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
كُلُّ الطَّعَامِ كَانَ حِلًّا لِبَنِي إِسْرَائِيلَ إِلَّا مَا حَرَّمَ إِسْرَائِيلُ عَلَىٰ نَفْسِهِ مِنْ قَبْلِ أَنْ تُنَزَّلَ التَّوْرَاةُ ۗ قُلْ فَأْتُوا بِالتَّوْرَاةِ فَاتْلُوهَا إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) ئۆزىگە ھارام قىلغان يېمەكلىكلەر (يەنى تۆگىنىڭ گۆشى ۋە سۈتى) دىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار»[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەۋرات نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) ئۆزىگە ھارام قىلغان يېمەكلىكلەر (يەنى تۆگىنىڭ گۆشى ۋە سۈتى) دىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار»
ئەنەس ئالىم: «ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھەر تۈرلۈك يېمەكلىك ھالال ئىدى. ئۇلارغا پەقەت، تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن بۇرۇن ئىسرائىل ئۆزىگە ھارام قىلغان نەرسىلا ھارام ئىدى». ئېيتقىنكى: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار».
3 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَاللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ ۋەھالەنكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارغا شاھىتتۇر»[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھ قىلمىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدىغان تۇرسا، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە نېمىشقا كافىر بولىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
3 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ مَنْ آمَنَ تَبْغُونَهَا عِوَجًا وَأَنْتُمْ شُهَدَاءُ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) (ئىسلام دىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) شاھىت بولۇپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يولىنى ئەگرى كۆرسىتىشنى قەستلەپ، مۆمىنلەرنى ئۇنىڭدىن توسىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ھەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئەگرى كۆرسىتىپ مۆمىنلەرنى ئۇنىڭدىن توسىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! مۇئمىنلارنى نېمىشقا ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىسىلەر؟ ئۇ يولنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئەگرى كۆرسىتىشكە تىرىشىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس».
3 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنْ تُطِيعُوا فَرِيقًا مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ يَرُدُّوكُمْ بَعْدَ إِيمَانِكُمْ كَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئەھلى كىتابتىن بىر پىرقىغە ئىتائەت قىلساڭلار، مۆمىن بولغىنىڭلاردىن كېيىن، ئۇلار سىلەرنى كاپىر قىلىپ قويىدۇ[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئەھلى كىتابتىن بىر پىرقىگە ئىتائەت قىلساڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇلار سىلەرنى كافىرلىققا قايتۇرۇۋېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئەگەر كىتاب بېرىلگەنلەردىن بىر پىرقىگە ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن ئايرىپ كافىر قىلىۋېتىدۇ.
3 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
كُنْتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَتُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ ۗ وَلَوْ آمَنَ أَهْلُ الْكِتَابِ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ ۚ مِنْهُمُ الْمُؤْمِنُونَ وَأَكْثَرُهُمُ الْفَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) ئىمان ئېيتسا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئىشەنسە)، ئۇلار ئۈچۈن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۆمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتاب ئىمان ئېيتقان بولسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۆمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى پاسىقلاردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئىنسانلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ خەيرلىك ئۇممەتسىلەر، ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىن توسىسىلەر ۋە ئاللاھقا ئىشىنىسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتابمۇ ئىمان ئېيتقان بولسا، ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولاتتى. ئۇلاردىن مۇئمىنلارمۇ بار، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقتۇر.
3 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
لَنْ يَضُرُّوكُمْ إِلَّا أَذًى ۖ وَإِنْ يُقَاتِلُوكُمْ يُوَلُّوكُمُ الْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ قاچىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ بەدەر قاچىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سىلەرگە ھاقارەت قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا ئارقىلىرىنى قىلىپ قاچىدۇ. ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ.
3 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
ضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الذِّلَّةُ أَيْنَ مَا ثُقِفُوا إِلَّا بِحَبْلٍ مِنَ اللَّهِ وَحَبْلٍ مِنَ النَّاسِ وَبَاءُوا بِغَضَبٍ مِنَ اللَّهِ وَضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الْمَسْكَنَةُ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانُوا يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ الْأَنْبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ ۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ قەيەردە بولمىسۇن ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا پېتىپ قالدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى. موھتاجلىققا چۆمدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ پەرمانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكلىرى ۋە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەيەردە بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا پېتىپ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، موھتاجلىققا چۆمىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى، ئاللاھنىڭ پەرمانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قەيەردە بولسا بولسۇن ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە ۋە مۇئمىنلارنىڭ ھىمايىسىگە سېغىنمىغىچە خارلىققا چۆمىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ ۋە موھتاجىلىققا چۆمىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈندۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈندۇر.
3 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسُوا سَوَاءً ۗ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ أُمَّةٌ قَائِمَةٌ يَتْلُونَ آيَاتِ اللَّهِ آنَاءَ اللَّيْلِ وَهُمْ يَسْجُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىرخىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالاردىن) كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە بار[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئوخشاش ئەمەس، ئەھلى كىتاب ئىچىدە كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر توپ كىشى بار
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىچىدە توغرا بىر ئۇممەت بار. ئۇلار كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، سەجدە قىلىدۇ،
3 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَيُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَأُولَٰئِكَ مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ؛ ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، خەيرلىك ئىشلارنى بەس-بەستە قىلىشىدۇ؛ ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ ۋە خەيرلىك ئىشلاردا بەسلىشىدۇ. ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر.
3 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
هَا أَنْتُمْ أُولَاءِ تُحِبُّونَهُمْ وَلَا يُحِبُّونَكُمْ وَتُؤْمِنُونَ بِالْكِتَابِ كُلِّهِ وَإِذَا لَقُوكُمْ قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَوْا عَضُّوا عَلَيْكُمُ الْأَنَامِلَ مِنَ الْغَيْظِ ۚ قُلْ مُوتُوا بِغَيْظِكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر ئۇلارنى دوست تۇتىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى دوست تۇتمايدۇ (سىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ)، سىلەر(ھەممە ساماۋى) كىتابقا ئىشىنىسىلەر (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار سىلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ)، ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ. ئۆزلىرى يالغۇز قالغاندا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاچچىقىڭلار بىلەن ئۆلۈڭلار! (يەنى ئاللاھ ئۆلگىنىڭلارغا قەدەر ئاچچىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرسۇن!)» ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر ئۇلارنى دوست تۇتىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى دوست تۇتمايدۇ، سىلەر(ھەممە ساماۋى) كىتابقا ئىشىنىسىلەر، (ئۇلار سىلەرنىڭ كىتابىڭلارغا ئىشەنمەيدۇ) ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ، ئۆزلىرى يالغۇز قالغاندا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتىقىنكى، «ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈڭلار!». ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: دىققەت، سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئۇلارنى ياخشى كۆرىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. سىلەر كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىسىلەر. ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، يالغۇز قالغان چاغلىرىدا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. ئۇلارغا «ئاچچىقىڭلار بىلەن ئۆلۈڭلار» دېگىن. ئاللاھ دىللاردىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
3 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِكُمْ سُنَنٌ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر كېلىپ كەتتى؛ يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، (ھەقنى) يالغانغا چىقارغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار[137].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتكەن. شۇڭا، سىلەر ھەر قايسى جايلارغا بېرىپ، ھەقنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنلىرى نۇرغۇن ئۇممەتلەرگە ئىجرا قىلىندى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار.
3 : 181 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ سَمِعَ اللَّهُ قَوْلَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ فَقِيرٌ وَنَحْنُ أَغْنِيَاءُ ۘ سَنَكْتُبُ مَا قَالُوا وَقَتْلَهُمُ الْأَنْبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَنَقُولُ ذُوقُوا عَذَابَ الْحَرِيقِ
مۇھەممەد سالىھ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز (يەنى نامە ـ ئەمالىغا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە بۇنى ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالىغا يېزىشنى بۇيرۇيمىز) ھەمدە ئاخىرەتتە پەرىشتىلەر تىلى ئارقىلىق، كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار، دەيمىز[181].
تەرجىمە ھەيئىتى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكىنى خاتىرىلەپ قويىمىز ھەمدە ئۇلارغا: «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ «ئاللاھ پېقىر، بىز باي» دېگەنلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى. بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكىنى يازىمىز ۋە مۇنداق دەيمىز: كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار!
3 : 183 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ عَهِدَ إِلَيْنَا أَلَّا نُؤْمِنَ لِرَسُولٍ حَتَّىٰ يَأْتِيَنَا بِقُرْبَانٍ تَأْكُلُهُ النَّارُ ۗ قُلْ قَدْ جَاءَكُمْ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِي بِالْبَيِّنَاتِ وَبِالَّذِي قُلْتُمْ فَلِمَ قَتَلْتُمُوهُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «(تەۋراتتا) ئاللاھ بىزنى (ئاسماندىن چۈشكەن) ئاتەش يەپ كېتىدىغان بىر قۇربانلىق كەلتۈرمىگۈچە ھەقىقەتەن ھېچبىر پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇدى» دېدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە مۆجىزىلەر كەلدى ۋە سىلەر ئېيتقان مۆجىزە بىلەن ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەر كەلدى؛ ئەگەر سىلەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟»[183].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى (تەۋراتتا) ھەرقانداق بىر پەيغەمبەر قۇربانلىق قىلىپ، قىلغان قۇربانلىقىنى (قوبۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان) بىر ئوت كېلىپ كۆيدۈرۈۋەتمىگۈچىلىك ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمەسلىككە بۇيرۇغان» دېدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەندىن بۇرۇن ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر سىلەرگە نۇرغۇن مۆجىزىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى؛ ئەگەر دېگىنىڭلار راست بولسا، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئاللاھ بىزگە، ئوت كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىرەر قۇربانلىق مۆجىزىسى كۆرسەتمىگۈچە ھېچبىر ئەلچىگە ئىشەنمەسلىكنى تاپشۇرغان» دېگەن كىشىلەردۇر. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەندىن ئىلگىرى سىلەرگە نۇرغۇن ئەلچىلەر روشەن دەلىللەرنى ۋە سىلەر دېگەن مۆجىزىنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟».
3 : 186 - ئايەت
كۆرۈش
لَتُبْلَوُنَّ فِي أَمْوَالِكُمْ وَأَنْفُسِكُمْ وَلَتَسْمَعُنَّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا أَذًى كَثِيرًا ۚ وَإِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ماللىرىڭلاردا (سەدىقىغە بۇيرۇلۇش ۋە ئاپەت يېتىشى بىلەن) ۋە جانلىرىڭلاردا (قەتل قىلىنىش، ئەسىر ئېلىنىش، كېسەل بولۇش بىلەن) چوقۇم سىنىلىسىلەر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن ۋە مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر (يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەۋر قىلساڭلار (سۆزۈڭلار ۋە ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر[186].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر مال-مۈلكۈڭلار ۋە جانلىرىڭلار ئۈستىدە چوقۇم سىنىلىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن، مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، ئاللاھتىن قورقساڭلار، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ھەقىقەتەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر مال ۋە جانلىرىڭلاردا ئەلۋەتتە سىناققا دۇچ كېلىسىلەر، كىتاب بېرىلگەنلەردىن ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەردىن كۆپ ھاقارەت ئاڭلايسىلەر. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، بۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر.
3 : 187 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَتُبَيِّنُنَّهُ لِلنَّاسِ وَلَا تَكْتُمُونَهُ فَنَبَذُوهُ وَرَاءَ ظُهُورِهِمْ وَاشْتَرَوْا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۖ فَبِئْسَ مَا يَشْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كىتابنى (يەنى كىتابتىكى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى) كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالدى، لېكىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئۇلار ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇنى ئازغىنا بەدەلگە (يەنى دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىسىگە) تېگىشتى. ئۇلارنىڭ تېگىشىپ ئالغىنى نېمىدېگەن يامان![187].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەردىن كىتابنى كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالغان ئىدى، لېكىن ئۇلار بۇنى ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئازغىنا پۇلغا سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ سېتىۋالغىنى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ، كىتاب بېرىلگەنلەردىن: «كىتابنى ئىنسانلارغا چوقۇم بايان قىلىسىلەر ۋە ئۇنى يوشۇرمايسىلەر!» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇ ئەھدىنى ئارقىلىرىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇ كىتابنى ئازغىنە پۇلغا سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئېلىم - سېتىمى نېمىدېگەن يامان!
3 : 199 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَمَنْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِمْ خَاشِعِينَ لِلَّهِ لَا يَشْتَرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۗ أُولَٰئِكَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىشىنىدىغانلار بار؛ ئۇلار ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، راھىبلارغا ئوخشاش، دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىنى دەپ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ)، ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر[199].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرۇپ ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل بولغان كىتابقا، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابقا ئىشىنىدىغانلار بار؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا بەدەلگە سېتىۋەتمەيدۇ، ئەنە شۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئەھلى كىتابتىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئاللاھقا، سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ، ئاللاھقا ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنە پۇلغا ساتمايدۇ. ئەنە شۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھېسابنى تېز ئالغۇچىدۇر.
نىسا سۈرىسى
21 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِنَ الْكِتَابِ يَشْتَرُونَ الضَّلَالَةَ وَيُرِيدُونَ أَنْ تَضِلُّوا السَّبِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كىتابتىن (يەنى تەۋراتتىن) نېسىۋە بېرىلگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىي موللىلىرى) نىڭ گۇمراھلىقنى سېتىۋالغانلىقىنى ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئېزىشىڭلارنى خالايدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) تەۋراتتىن ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ گۇمراھلىقنى سېتىۋالغانلىقىنى ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىشىڭلارنى خالايدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئازغۇنلۇقنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئېزىپ كېتىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ.
4 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
مِنَ الَّذِينَ هَادُوا يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَنْ مَوَاضِعِهِ وَيَقُولُونَ سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا وَاسْمَعْ غَيْرَ مُسْمَعٍ وَرَاعِنَا لَيًّا بِأَلْسِنَتِهِمْ وَطَعْنًا فِي الدِّينِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ قَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا وَاسْمَعْ وَانْظُرْنَا لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ وَأَقْوَمَ وَلَٰكِنْ لَعَنَهُمُ اللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُونَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز (سۆزۈڭنى) ئاڭلىدۇق، (ئەمرىڭگە) بويسۇنمىدۇق، بىزگە قۇلاق سال، بىز ساڭا قۇلاق سالمايمىز» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، رائىنا دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا) ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق، قۇلاق سال، ئۇنزۇرنا دېسە، ئۇلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن كۇفرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار ئىچىدە تەۋراتنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق، بويسۇنمىدۇق، سەن بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلىغىن،(ھىم!) ئاڭلىماس بولۇپ كېتەرسەن» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، «رائىنا» دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا): «ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق» «قۇلاق سال» «ئۇنزۇرنا»*[1] دېگەن بولسا، ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن، كۇفر سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، «ئاڭلىدۇق، ئاسىي بولدۇق، سەن ئاڭلىغىن، ئاڭلىتىلمىغايسەن، رائىنا» دەيدۇ26. ئۇلار بۇنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ۋە دىنغا تەنە قىلىپ دەيدۇ. ئەگەر ئۇلار: «ئاڭلىدۇق، ئىتائەت قىلدۇق، ئاڭلىغىن، ئۇنزۇرنا» دېگەن بولسا ئىدى، ئۆزلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ توغرا بولاتتى. لېكىن كۇفرىلىقى سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ.
4 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ آمِنُوا بِمَا نَزَّلْنَا مُصَدِّقًا لِمَا مَعَكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ نَطْمِسَ وُجُوهًا فَنَرُدَّهَا عَلَىٰ أَدْبَارِهَا أَوْ نَلْعَنَهُمْ كَمَا لَعَنَّا أَصْحَابَ السَّبْتِ ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! (يەنى يەھۇدىيلار) بىز نۇرغۇن يۈزلەرنى ئۆزگەرتىپ ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن (يەنى يۈزدىكى بۇرۇن، كۆز، قاش قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرىنى ئۆز جايلىرىدىن يوق قىلىۋېتىپ، ئۇلارنى ئارقا تەرەپكە پەيدا قىلىپ قويۇشىمىزدىن، سۈرەتلىرىنى مۇبەددەل قىلىشىمىزدىن) ئىلگىرى، ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، ئۆزۈڭلاردىكى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تەستىق قىلىدىغان، بىز نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار (بولمىسا يۇقىرىقى ئىككى بالانىڭ بىرىگە ئۇچرايسىلەر)، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىجرا قىلىنىدۇ (يەنى ئاللاھ بىرەر ئىشقا ئەمر قىلسا، ئۇ ئىش چوقۇم بولماي قالمايدۇ)[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن ئىلگىرى ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، ئۆزۈڭلاردىكى تەۋراتنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، بىز نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەزەلدىن ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن
ئەنەس ئالىم: ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! بىز سىلەردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان قىلىپ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار. بۇنى بىز بىر تۈركۈم يۈزلەرنى ئۆچۈرۈپ تۈپتۈز قىلىپ ئارقىلىرىغا قايتۇرۇۋېتىشتىن ياكى بىز ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغىنىمىزدەك لەنەت قىلىشتىن ئىلگىرى قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ئەمرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشقۇچىدۇر.
4 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِنَ الْكِتَابِ يُؤْمِنُونَ بِالْجِبْتِ وَالطَّاغُوتِ وَيَقُولُونَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا هَٰؤُلَاءِ أَهْدَىٰ مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار بۇتقا ۋە شەيتانغا ئىشىنىدۇ، كاپىرلارنى كۆرسىتىپ: «بۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) نىڭ يولى ئىمان ئېيتقانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ توغرىدۇر» دەيدۇ[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەۋراتتىن ئىلىم بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار بۇتقا ۋە شەيتانغا ئىشىنىدۇ، كافىرلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇلارنىڭ يولى ئىمان ئېيتقانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ توغرىدۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار جىبتكە ۋە تاغۇتقا ئىشىنىدۇ28، كافىرلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئۇلار مۇئمىنلاردىن بەكرەك توغرا يولدىدۇر» دەيدۇ.
4 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَعَنَهُمُ اللَّهُ ۖ وَمَنْ يَلْعَنِ اللَّهُ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلغان كىشىلەردۇر؛ ئاللاھ كىمنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار تاپالمايسەن[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار ئاللاھ ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلغان كىشىلەردۇر؛ ئاللاھ كىمنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھېچبىر مەدەتكار تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ لەنەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ كىمگە لەنەت قىلسا، سەن ئۇنىڭغا ھېچ ياردەمچى تاپالمايسەن.
4 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ لَهُمْ نَصِيبٌ مِنَ الْمُلْكِ فَإِذًا لَا يُؤْتُونَ النَّاسَ نَقِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن نېسىۋىسى بارمۇ؟ (ھېچقانداق نېسىۋىسى يوق) ئەگەر بولىدىغان بولسا، (زىيادە بېخىللىقتىن) ئۇلار كىشىلەرگە قىلچىلىك نەرسە بەرمەيدۇ[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن نېسىۋىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار كىشىلەرگە قىلچىلىك نەرسىنىمۇ بەرمەيتتى
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھاكىمىيىتىدىن بىرەر نېسىۋىسى بارمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا ئىدى، ئۇلار ئىنسانلارغا قىلچىلىك نەرسىنىمۇ بەرمەيتتى.
4 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ يَحْسُدُونَ النَّاسَ عَلَىٰ مَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ ۖ فَقَدْ آتَيْنَا آلَ إِبْرَاهِيمَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَآتَيْنَاهُمْ مُلْكًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىككە) ھەسەت قىلىشامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئىبىراھىم ئەۋلادىغا كىتاب، ھېكمەت بەردۇق ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق بەردۇق[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز مەرھەمىتىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نېمەتلەرگە ھەسەت قىلىشامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئىبىراھىم ئەۋلادىغا كىتاب، ھېكمەت بەرگەن ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق ئاتا قىلغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسە تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ھەسەت قىلامدۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىغىمۇ كىتابنى، ھېكمەتنى بەرگەن ئىدۇق ۋە ئۇلارغا كاتتا پادىشاھلىق بەرگەن ئىدۇق.
4 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
فَمِنْهُمْ مَنْ آمَنَ بِهِ وَمِنْهُمْ مَنْ صَدَّ عَنْهُ ۚ وَكَفَىٰ بِجَهَنَّمَ سَعِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتقانلارمۇ بار، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ بار، ئۇلارغا (ئۇلارنىڭ كۇفرىغا جازا بېرىش يۈزىسىدىن) جەھەننەمنىڭ يېنىپ تۇرغان ئوتى يېتەرلىكتۇر[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەدكە) ئىمان ئېيتقانلارمۇ بولدى، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ بولدى، يۈز ئۆرۈگەنلەرگە جەھەننەمنىڭ يېنىپ تۇرغان ئوتى يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلارمۇ بار، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ بار29. يۈز ئۆرۈگۈچىلەرگە يالقۇنلاپ تۇرغۇچى جەھەننەم يېتەرلىكتۇر.
4 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْسَ بِأَمَانِيِّكُمْ وَلَا أَمَانِيِّ أَهْلِ الْكِتَابِ ۗ مَنْ يَعْمَلْ سُوءًا يُجْزَ بِهِ وَلَا يَجِدْ لَهُ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاب) سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭلار ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ. كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە) جازالىنىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ جەننەت سىلەرنىڭ ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەنلا قولغا كەلمەيدۇ، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن جازالىنىدۇ، ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىش سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇلىرىڭلار بىلەنمۇ بولمايدۇ، ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇلىرى بىلەنمۇ بولمايدۇ. كىم بىرەر يامانلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۇ يامانلىقنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ۋەلىي ۋە ياردەمچى تاپالمايدۇ55.
4 : 131 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَلَقَدْ وَصَّيْنَا الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَإِيَّاكُمْ أَنِ اتَّقُوا اللَّهَ ۚ وَإِنْ تَكْفُرُوا فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ غَنِيًّا حَمِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق. ئەگەر كاپىر بولساڭلار (كۇفرىڭلار ئاللاھقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ). ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭ (مۈلكى ۋە مەخلۇقاتى)دۇر. ئاللاھ (مەخلۇقاتتىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر[131].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق، ئەگەر كافىر بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ (مەخلۇقاتتىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. بىز سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە سىلەرگە: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دەپ ۋەزىپە تاپشۇردۇق. ئەگەر كافىر بولساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
4 : 150 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ وَيُرِيدُونَ أَنْ يُفَرِّقُوا بَيْنَ اللَّهِ وَرُسُلِهِ وَيَقُولُونَ نُؤْمِنُ بِبَعْضٍ وَنَكْفُرُ بِبَعْضٍ وَيُرِيدُونَ أَنْ يَتَّخِذُوا بَيْنَ ذَٰلِكَ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى (ئاللاھقا ئىشىنىپ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمەيمىز دېيىش بىلەن) ئاجرىتىۋەتمەكچى بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ـ ئۇنىڭ (يەنى ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ) ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار[150].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، (ئىمان كەلتۈرۈشتە) ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئايرىۋەتمەكچى بولغانلار، پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ۋە ئىمان بىلەن كۇفرنىڭ ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار - ئەنە شۇلار ھەقىقىي كافىرلاردۇر، بىز كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە كافىر بولغان، ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەكچى بولغان، «بەزىسىگە ئىشىنىمىز ۋە بەزىسىنى ئىنكار قىلىمىز» دېگەن ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدا يول تۇتماقچى بولغانلار،
4 : 153 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُكَ أَهْلُ الْكِتَابِ أَنْ تُنَزِّلَ عَلَيْهِمْ كِتَابًا مِنَ السَّمَاءِ ۚ فَقَدْ سَأَلُوا مُوسَىٰ أَكْبَرَ مِنْ ذَٰلِكَ فَقَالُوا أَرِنَا اللَّهَ جَهْرَةً فَأَخَذَتْهُمُ الصَّاعِقَةُ بِظُلْمِهِمْ ۚ ثُمَّ اتَّخَذُوا الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ فَعَفَوْنَا عَنْ ذَٰلِكَ ۚ وَآتَيْنَا مُوسَىٰ سُلْطَانًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن بىر كىتاب چۈشۈرۈشنى سورايدۇ، ئۇلار مۇسادىن بۇنىڭدىنمۇ چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە ئاللاھنى ئاپئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ زۇلمى سەۋەبلىك ئۇلارنى چاقماق سوقتى (يەنى ئاسماندىن بىر ئوت كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى). ئۇلار روشەن مۆجىزىلەر كەلگەندىن كېيىن موزاينى مەبۇد قىلىۋالدى. كېيىن بىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلدۇق. بىز مۇساغا (ئۇنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەردىن) روشەن پاكىت ئاتا قىلدۇق[153].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەھلى كىتاب سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن بىر كىتاب چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار مۇسادىن بۇنىڭدىنمۇ چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە ئاللاھنى ئاپئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى چاقماق سوقتى. روشەن مۆجىزىلەر كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇلار موزاينى مەبۇد قىلىۋالدى. كېيىن بىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلدۇق. بىز مۇسانى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىلگە ئىگە قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەھلى كىتاب سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن كىتاب چۈشۈرۈشىڭنى سورايدۇ. ئۇلار مۇسادىن ئۇنىڭدىن چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە ئاللاھنى ئوچۇق كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى زۇلۇم64 قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇ شىددەتلىك گۈلدۈرماما باستى. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن موزايغا چوقۇندى. ئاندىن بىز ئۇنى ئەپۇ قىلدۇق، بىز مۇساغا روشەن دەلىل بەردۇق.
4 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَفَعْنَا فَوْقَهُمُ الطُّورَ بِمِيثَاقِهِمْ وَقُلْنَا لَهُمُ ادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُلْنَا لَهُمْ لَا تَعْدُوا فِي السَّبْتِ وَأَخَذْنَا مِنْهُمْ مِيثَاقًا غَلِيظًا
مۇھەممەد سالىھ: (تەۋرات شەرىئىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقلىرى سەۋەبلىك) ئۇلاردىن ئەھدە ئالماق ئۈچۈن ئۈستىگە تۇر (تېغى) نى تىكلەپ قويدۇق، ئۇلارغا: «(بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاڭلار (يەنى شەنبىدە بېلىق تۇتۇش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار)» دېدۇق. ئۇلاردىن (بۇ ھەقتە) مەھكەم ۋەدە ئالدۇق[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئەھدە ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇر تېغىنى تىكلەپ قويۇپ: «سىلەر بەيتۇلمۇقەددەس دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار» دېگەن ھەمدە: «شەنبىدە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار (يەنى بېلىق تۇتماڭلار)» دەپ، ئۇلاردىن مەھكەم ۋەدە ئالغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىن ئەھدە ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇر تېغىنى كۆتۈردۇق ۋە ئۇلارغا: «دەرۋازىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبە كۈنىدە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار» دېدۇق ۋە ئۇلاردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق.
4 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِمَا نَقْضِهِمْ مِيثَاقَهُمْ وَكُفْرِهِمْ بِآيَاتِ اللَّهِ وَقَتْلِهِمُ الْأَنْبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَقَوْلِهِمْ قُلُوبُنَا غُلْفٌ ۚ بَلْ طَبَعَ اللَّهُ عَلَيْهَا بِكُفْرِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُونَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ۋە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) دىللىرىمىز پەردىلەنگەن (يەنى سۆزۈڭنى چۈشەنمەيمىز) دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق)، بەلكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبىدىن دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ[155].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئەھدىنى بۇزغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە دىللىرىمىز پەردىلەنگەن (يەنى سۆزۈڭنى چۈشەنمەيمىز) دېگەنلىكى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق)، ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى سەۋەبىدىن دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولغانلىقى، نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە «قەلبلىرىمىز پەردىلىكتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق65. بەلكى ئاللاھ ئۇ قەلبلەرنى ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقى سەۋەبىدىن پېچەتلىۋەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاز ئىشىنىدۇ.
4 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
وَبِكُفْرِهِمْ وَقَوْلِهِمْ عَلَىٰ مَرْيَمَ بُهْتَانًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق)[156].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق)
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كافىر بولغانلىقى ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق.
4 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَوْلِهِمْ إِنَّا قَتَلْنَا الْمَسِيحَ عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ رَسُولَ اللَّهِ وَمَا قَتَلُوهُ وَمَا صَلَبُوهُ وَلَٰكِنْ شُبِّهَ لَهُمْ ۚ وَإِنَّ الَّذِينَ اخْتَلَفُوا فِيهِ لَفِي شَكٍّ مِنْهُ ۚ مَا لَهُمْ بِهِ مِنْ عِلْمٍ إِلَّا اتِّبَاعَ الظَّنِّ ۚ وَمَا قَتَلُوهُ يَقِينًا
مۇھەممەد سالىھ: يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋەلېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (يەنى ئىيسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى). ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسىلىسى) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى ھەرگىزمۇ ئۆلتۈرمىدى[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇلار) يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلار ئىيسانى ئۆلتۈرگەنمۇ ئەمەس، دارغا ئاسقانمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇلارغا (باشقا بىرى ئىيساغا) ئوخشاش كۆرسىتىلدى (يەنى ئۇلار ئىيسانى ئاستۇق دەپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرىنى ئاستى)، ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى زادى ئۆلتۈرەلىگىنى يوق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «مەريەمنىڭ ئوغلى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىيسا مەسىھنى چوقۇم بىز ئۆلتۈردۇق» دېگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرمىدى ۋە دارغا ئاسمىدى، لېكىن ئۇلارغا شۇنداق كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ئەلۋەتتە شەك ئىچىدىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىلىمى يوق، لېكىن ئۇلار گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. ئۇلار ئۇنى قەتئىي ئۆلتۈرمىدى.
4 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ إِلَّا لَيُؤْمِنَنَّ بِهِ قَبْلَ مَوْتِهِ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكُونُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلارنىڭ ئىيسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى) غا گۇۋاھ بولىدۇ[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ (ئۇلارنىڭ ئىمانى ئەسقاتمايدۇ). ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن ھەربىرى ئۆلۈمىدىن بۇرۇن ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھچى بولىدۇ.
4 : 160 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِظُلْمٍ مِنَ الَّذِينَ هَادُوا حَرَّمْنَا عَلَيْهِمْ طَيِّبَاتٍ أُحِلَّتْ لَهُمْ وَبِصَدِّهِمْ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق[160ـ161].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان يولسۇزلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كافىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلار زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا، بۇرۇن ئۆزلىرىگە ھالال قىلىنغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق66. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدىن كۆپ كىشىنى توسقانلىقى،
4 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَخْذِهِمُ الرِّبَا وَقَدْ نُهُوا عَنْهُ وَأَكْلِهِمْ أَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِ ۚ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق[160ـ161].
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرى چەكلەنگەن تۇرۇپ ئۆسۈمنى ئالغانلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالغانلىقى ئۈچۈنمۇ بىز ئۇلارغا ئۇ پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق. بىز ئۇلاردىن كافىر بولغۇچىلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق.
4 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
لَٰكِنِ الرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ مِنْهُمْ وَالْمُؤْمِنُونَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ ۚ وَالْمُقِيمِينَ الصَّلَاةَ ۚ وَالْمُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالْمُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ أُولَٰئِكَ سَنُؤْتِيهِمْ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، سەندىن ئىلگىرى (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدىغان مۆمىنلەرگە، نامازنى ئۆتىگۈچىلەرگە، زاكات بەرگۈچىلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا (جەننەتتە مەڭگۈ قېلىشتىن ئىبارەت) كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز[162].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدىغان مۆمىنلەرگە، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغۇچىلارغا، زاكات بەرگۈچىلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلاردىن ئىلىمدە چوڭقۇرلاشقانلار ۋە مۇئمىنلار، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. خۇسۇسەن نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچىلەر، زاكاتنى بەرگۈچىلەر، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگۈچىلەر قۇرئانغا ۋە ئۇ كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. بىز ئەنە شۇلارغا يېقىندا كاتتا ئەجىر بېرىمىز.
4 : 171 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَا تَغْلُوا فِي دِينِكُمْ وَلَا تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ ۚ إِنَّمَا الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ رَسُولُ اللَّهِ وَكَلِمَتُهُ أَلْقَاهَا إِلَىٰ مَرْيَمَ وَرُوحٌ مِنْهُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ ۖ وَلَا تَقُولُوا ثَلَاثَةٌ ۚ انْتَهُوا خَيْرًا لَكُمْ ۚ إِنَّمَا اللَّهُ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ سُبْحَانَهُ أَنْ يَكُونَ لَهُ وَلَدٌ ۘ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى ناسارالار جامائەسى) دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھنىڭ شەنىگە ھەق (سۆز) دىن باشقىنى ئېيتماڭلار (يەنى ئاللاھقا شېرىكى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار). مەسىھ ئىيسا ـ مەريەمنىڭ ئوغلى، پەقەت ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئاللاھنىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)، مەريەمگە ئاللاھنىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز، ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ (ئىيسا، مەريەمدىن ئىبارەت) ئۈچتۇر دېمەڭلار، (خۇدا ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن) قايتىڭلار، (بۇ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر، ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر)، ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر[171].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلار ھەققىدە ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھ توغرىسىدا پەقەت ھەق گەپنىلا قىلىڭلار. مەسىھ ـ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئاللاھنىڭ مەريەمگە چۈشكەن كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز، ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھنى(ئىيسا بىلەن مەريەمنى قوشۇپ) ئۈچ دېمەڭلار، بۇ ئېتىقادىڭلاردىن يېنىڭلار، بۇ سىلەرگە پايدىلىقتۇر. ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، بالىلىق بولۇشتىن (ئىبارەت مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپىتىدىن) پاك زاتتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار، ئاللاھ توغرىسىدا پەقەت ھەقنىلا سۆزلەڭلار. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا مەسىھ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئۇ ئاللاھنىڭ مەريەمگە يەتكۈزگەن «بول» دېگەن سۆزى بىلەن بار بولغان. ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن روھتۇر. ئۇنداقتا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشىنىڭلار. «ئۈچتۇر» دېمەڭلار68، بۇنداق دېيىشتىن يېنىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئاللاھ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر.
مائىد سۈرىسى
40 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
الْيَوْمَ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ ۖ وَطَعَامُ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حِلٌّ لَكُمْ وَطَعَامُكُمْ حِلٌّ لَهُمْ ۖ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ إِذَا آتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ وَلَا مُتَّخِذِي أَخْدَانٍ ۗ وَمَنْ يَكْفُرْ بِالْإِيمَانِ فَقَدْ حَبِطَ عَمَلُهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى، كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نىڭ تامىقى سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر. مۆمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا ـ يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگىنىڭلار ھالدا (ئۇلارنى ئالساڭلار)، ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر. كىمكى ئىماندىن يېنىۋالىدىكەن (ياكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن)، ئۇنىڭ ئەمەلى (نىڭ ساۋابى) يوققا چىقىرىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. ئەھلى كىتابنىڭ تامىقى (يەنى بوغۇزلىغان چارۋىلىرى) سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر. مۆمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرگەن، ئىپپەتلىك بولغان، ئاشكارا پاھىشىنى كۆزلىمىگەن ۋە يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمىغان ھالىتىڭلاردا (ئۇلارنى ئالساڭلار)، ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر، كىمكى ئىماندىن يېنىۋالىدىكەن، ئۇنىڭ ياخشى ئەمەلى يوققا چىقىرىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ تائامى سىلەرگە ھالالدۇر، سىلەرنىڭ تائامىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر. مۇئمىن ئاياللاردىن ئىپپەتلىك بولغانلار ۋە سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن ئىپپەتلىك بولغان ئاياللار، ئۇلارغا تويلۇقلىرىنى بېرىش، ئۆيلىنىش، زىنادىن ساقلىنىش ۋە ئۇلارنى مەخپى دوست تۇتماسلىق شەرتى بىلەن سىلەرگە ھالالدۇر. كىم ئىمانغا كافىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمىلى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئاخىرەتتىمۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ.
5 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِمَا نَقْضِهِمْ مِيثَاقَهُمْ لَعَنَّاهُمْ وَجَعَلْنَا قُلُوبَهُمْ قَاسِيَةً ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَنْ مَوَاضِعِهِ ۙ وَنَسُوا حَظًّا مِمَّا ذُكِّرُوا بِهِ ۚ وَلَا تَزَالُ تَطَّلِعُ عَلَىٰ خَائِنَةٍ مِنْهُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاصْفَحْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ئىماننى قوبۇل قىلىشقا يۇمشىمايدىغان دەرىجىدە) قاتتىق قىلدۇق، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، (ئەگەر تەۋبە قىلسا) ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، (ئەگەر ئىمان ئېيتسا) ئۇلارنى كەچۈرگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ۋەدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلدۇق. ئۇلار تەۋراتتىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلارنى كەچۈرگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇستەھكەم ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى قاتتىق قىلدۇق. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن خائىنلىق بايقاپ تۇرىسەن، ئۇلاردىن ئازغىنە كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا10. سەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن11. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
5 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّا نَصَارَىٰ أَخَذْنَا مِيثَاقَهُمْ فَنَسُوا حَظًّا مِمَّا ذُكِّرُوا بِهِ فَأَغْرَيْنَا بَيْنَهُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۚ وَسَوْفَ يُنَبِّئُهُمُ اللَّهُ بِمَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ناسارامىز دېگەنلەردىنمۇ (ئاللاھنى بىر دەپ تونۇشقا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشقا) مەھكەم ئەھدە ئالدۇق، ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى، (بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق، (شۇ چاغدا) ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ ئەمەللىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ)[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ناسارامىز دېگەنلەردىنمۇ چىن ۋەدە ئالغان ئىدۇق، ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق، (قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز «شۈبھىسىزكى، بىز ناسارا» دېگەنلەردىنمۇ مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق. ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. بۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان دۈشمەنلىكنى ۋە ئۆچمەنلىكنى سالدۇق. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
5 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ كَثِيرًا مِمَّا كُنْتُمْ تُخْفُونَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَعْفُو عَنْ كَثِيرٍ ۚ قَدْ جَاءَكُمْ مِنَ اللَّهِ نُورٌ وَكِتَابٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەرگە سىلەر كىتابتا (ئىنجىلدا ۋە تەۋراتتا) يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە (يوشۇرغان نەرسىلەردىن) نۇرغۇنىنى كەچۈرىدىغان (يەنى ئاشكارىلاپ سىلەرنى پاش قىلمايدىغان) رەسۇلىمىز كەلدى، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! سىلەرگە كىتابىڭلاردىكى سىلەر يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ نۇرغۇنىنى ئاشكارا بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە نۇرغۇنىنى (ئاشكارىلىماي) كەچۈرۈۋېتىدىغان رەسۇلىمىز كەلدى، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر ۋە روشەن كىتاب قۇرئان كەلدى
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە بىزنىڭ ئەلچىمىز كەلدى. ئۇ سىلەرگە سىلەر كىتابتىن يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىدۇ، نۇرغۇنىنى ئەپۇ قىلىدۇ12. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئاللاھتىن نۇر ۋە روشەن كىتاب كەلدى.
5 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتِ الْيَهُودُ وَالنَّصَارَىٰ نَحْنُ أَبْنَاءُ اللَّهِ وَأَحِبَّاؤُهُ ۚ قُلْ فَلِمَ يُعَذِّبُكُمْ بِذُنُوبِكُمْ ۖ بَلْ أَنْتُمْ بَشَرٌ مِمَّنْ خَلَقَ ۚ يَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ وَإِلَيْهِ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرىدۇرمىز (يەنى ئاتا ـ بالىدەك يېقىنمىز) ۋە دوستلىرىدۇرمىز» دېدى. ئېيتقىنكى، «(ئۇنداق بولسا) ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟» ئەمەلىيەتتە سىلەرمۇ باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ ياراتقان ئىنسانسىلەر. ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ؛ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ (يەنى مەغپىرەت قىلىنىشنى خالىغان كىشىنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدۇ، ئازاب قىلىنىشنى خالىغان كىشىگە ئاللاھ ئازاب قىلىدۇ). ئاسمانلارنىڭ، يەر يۈزىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئەڭ ئاخىر بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرىدۇرمىز» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇنداق بولسا ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟». ئەمەلىيەتتە سىلەر باشقا كىشىلەرگە ئوخشاشلا ئاللاھ ياراتقان ئىنسان. ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ، يەر يۈزىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئەڭ ئاخىرى بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرىمىز» دېدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئۇنداق بولسا ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟ بەلكى سىلەر ئاللاھ ياراتقان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولغان ئىنسانسىلەر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر».
5 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ عَلَىٰ فَتْرَةٍ مِنَ الرُّسُلِ أَنْ تَقُولُوا مَا جَاءَنَا مِنْ بَشِيرٍ وَلَا نَذِيرٍ ۖ فَقَدْ جَاءَكُمْ بَشِيرٌ وَنَذِيرٌ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) بىزگە (ساۋاب بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا سىلەرگە (شەرىئەتنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى) بايان قىلىپ بېرىدىغان رەسۇلىمىز كەلدى، ھەقىقەتەن سىلەرگە خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى (ئەمدى سىلەرگە ئۆزرە قالمىدى). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! سىلەرنىڭ بىزگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا سىلەرگە ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئەلچىمىز كەلدى، ھەقىقەتەن سىلەرگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، ئەلچىلەر ئۈزۈلۈپ قالغان زاماندا سىلەرگە ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئەلچىمىز كەلدى. ئەمدى سىلەر: «بىزگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى» دېيەلمەيسىلەر. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
5 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ جَعَلَ فِيكُمْ أَنْبِيَاءَ وَجَعَلَكُمْ مُلُوكًا وَآتَاكُمْ مَا لَمْ يُؤْتِ أَحَدًا مِنَ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد قىلىڭلار، ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردا (سىلەرنى توغرا دىنغا يېتەكلەيدىغان) نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. سىلەردىن پادىشاھلار قىلدى (يەنى ئۆزەڭلارنى ئۆزەڭلارغا خوجا قىلدى). سىلەرگە جاھان ئەھلىدىن ھېچ كىشىگە بەرمىگەن (دەريانى يېرىپ ئوتتۇرىسىدىن يول ئېچىپ بېرىش، بۇلۇتلارنى سايىۋەن قىلىپ بېرىش، ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بېرىش قاتارلىق) نېمەتلەرنى بەردى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمگە ئېيتقان ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن، سىلەردىن پادىشاھلارنى چىقارغان، سىلەرگە جاھان ئەھلىدىن ھېچ كىشىگە بەرمىگەن نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار: ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردا نەبىيلەر قىلغان، سىلەرنى ھۆكۈمدارلار قىلغان ۋە ئالەملەردىن ھېچكىمگە بەرمىگىنىنى سىلەرگە بەرگەن ئىدى.
5 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
يَا قَوْمِ ادْخُلُوا الْأَرْضَ الْمُقَدَّسَةَ الَّتِي كَتَبَ اللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَرْتَدُّوا عَلَىٰ أَدْبَارِكُمْ فَتَنْقَلِبُوا خَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان (يەنى سىلەرنى كىرىشكە ئەمر قىلغان) مۇقەددەس زېمىنغا (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئارقاڭلارغا چېكىنمەڭلار، بولمىسا (ئىككىلا دۇنيادا) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر»[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە كىرىشنى بۇيرۇغان مۇقەددەس زېمىنغا (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئارقاڭلارغا چېكىنمەڭلار، بولمىسا، زىيان تارتقۇچى بولۇپ قالىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە يازغان مۇقەددەس زېمىنغا كىرىڭلار ۋە ئارقاڭلارغا يانماڭلار. بولمىسا زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ قالىسىلەر».
5 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِنَّ فِيهَا قَوْمًا جَبَّارِينَ وَإِنَّا لَنْ نَدْخُلَهَا حَتَّىٰ يَخْرُجُوا مِنْهَا فَإِنْ يَخْرُجُوا مِنْهَا فَإِنَّا دَاخِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى مۇسا! مۇقەددەس زېمىندا كۈچلۈك (يەنى جاسامەتلىك، قامەتلىك) بىر قەۋم بار (ئۇلار ئاد قەۋمىنىڭ قالدۇقى بولغان ئەمالىقەلەر بولۇپ)، ئۇلار چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇيەردىن چىقىپ كەتسە چوقۇم كىرىمىز» دېدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى مۇسا! مۇقەددەس زېمىندا كۈچلۈك بىر قەۋم بار، ئۇلار چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە چوقۇم كىرىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، ئۇ يەردە زومىگەر بىر قەۋم بار. ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيمىز. ئەگەر ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە، چوقۇم كىرىمىز» دېدى.
5 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَجُلَانِ مِنَ الَّذِينَ يَخَافُونَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمَا ادْخُلُوا عَلَيْهِمُ الْبَابَ فَإِذَا دَخَلْتُمُوهُ فَإِنَّكُمْ غَالِبُونَ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَتَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن بولغان، ئاللاھنىڭ (ئىمان بىلەن تائەتتىن ئىبارەت) نېمىتىگە ئېرىشكەن ئىككى ئادەم (يەنى كالب ئىبن يەفۇننە بىلەن يۇشە ئىبن نۇن) ئۇلارغا: «(شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، (شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئەگەر (ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغان ياردىمىگە) ئىشەنسەڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن بولغان، ئاللاھنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشكەن ئىككى ئادەم*[1] ئۇلارغا: «شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، دەرۋازىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھتىن قورقىدىغانلاردىن ئاللاھ ئىنئام قىلغان ئىككى ئەر كىشى: «ئۇلارغا شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار چوقۇم غالىب كېلىسىلەر. ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار» دېدى13.
5 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِنَّا لَنْ نَدْخُلَهَا أَبَدًا مَا دَامُوا فِيهَا ۖ فَاذْهَبْ أَنْتَ وَرَبُّكَ فَقَاتِلَا إِنَّا هَاهُنَا قَاعِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: « ئى مۇسا! مادامىكى، ئۇلار مۇقەددەس يەردە ئىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادى: «ئى مۇسا! ئۇلار ئۇ يەردىلا بولىدىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋاردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى مۇسا! ئۇلار ئۇ مۇقەددەس زېمىندىلا بولىدىكەن، بىز ئۇ يەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيمىز. سەن رەببىڭ بىلەن بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار. بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى.
5 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَإِنَّهَا مُحَرَّمَةٌ عَلَيْهِمْ ۛ أَرْبَعِينَ سَنَةً ۛ يَتِيهُونَ فِي الْأَرْضِ ۚ فَلَا تَأْسَ عَلَى الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ دېدى: « ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىشى 40 يىلغىچە ھارام قىلىندى، (بۇ جەرياندا) ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ . پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن»(ئىزاھات: مۇسا ئەلەيھسىسالامنىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ ئىجابەت قىلدى، ئۇلارنى زېمىندا 40 يىل ئاداشتۇردى.)[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ دېدى: «(ئى مۇسا!) ئۇلارنىڭ مۇقەددەس زېمىنغا كىرىشى 40 يىلغىچە چەكلەندى، بۇ جەرياندا ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ*[1]. پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرما»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ مۇقەددەس زېمىن بۇلارغا قىرىق يىل ھارام قىلىندى. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ. سەن ئۇ فاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن».
5 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَطَوَّعَتْ لَهُ نَفْسُهُ قَتْلَ أَخِيهِ فَقَتَلَهُ فَأَصْبَحَ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى قابىل) نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى (يەنى ھابىلنى) ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ (قابىل) نىڭ نەپسى خاھىشى ئۇنى قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ (قابىل) ئۇنى ئۆلتۈرۈپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئاخىرى نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشنى قوبۇل قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.
5 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَعَثَ اللَّهُ غُرَابًا يَبْحَثُ فِي الْأَرْضِ لِيُرِيَهُ كَيْفَ يُوَارِي سَوْءَةَ أَخِيهِ ۚ قَالَ يَا وَيْلَتَا أَعَجَزْتُ أَنْ أَكُونَ مِثْلَ هَٰذَا الْغُرَابِ فَأُوَارِيَ سَوْءَةَ أَخِي ۖ فَأَصْبَحَ مِنَ النَّادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. قاغا (تۇمشۇقى ۋە ئىككى پۇتى بىلەن) يەرنى كولىدى. ئۇ (يەنى قابىل بۇنى كۆرۈپ): «ۋاي مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇشتىن ئاجىز كەلدىممۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نادامەت قىلغۇچىلاردىن بولدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. ئۇ (قاغا بىر ئۆلۈك قاغىنى كۆمۈش ئۈچۈن) يەرنى كولىدى. ئۇ (قابىل بۇننى كۆرۈپ): «ۋاي ئېسىت! مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىكمۇ بولالماپتىمەنا؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئەسنادا ئاللاھ بىر قاغا ئەۋەتتى، قاغا يەرنى چوقۇيتتى. بۇ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ: «ۋاي ئىسىت! مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇپ، قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمەلمەپتىمەن!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.
5 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ لَا يَحْزُنْكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ مِنَ الَّذِينَ قَالُوا آمَنَّا بِأَفْوَاهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِنْ قُلُوبُهُمْ ۛ وَمِنَ الَّذِينَ هَادُوا ۛ سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّاعُونَ لِقَوْمٍ آخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ مِنْ بَعْدِ مَوَاضِعِهِ ۖ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَٰذَا فَخُذُوهُ وَإِنْ لَمْ تُؤْتَوْهُ فَاحْذَرُوا ۚ وَمَنْ يُرِدِ اللَّهُ فِتْنَتَهُ فَلَنْ تَمْلِكَ لَهُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَمْ يُرِدِ اللَّهُ أَنْ يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ ۚ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا (پۇرسەت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئۆلىمالىرى توقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ. ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزئورنىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار ۋە يەھۇدىيلار ئىچىدىكى كۇفرغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار (ئۆلىمالىرى ئوقۇغان) يالغانغا بەك قۇلاق سالىدۇ، سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان باشقا بىر قەۋمنىڭ سۆزىگىمۇ بەك قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتىكى) سۆزلەرنى ئەسلى مەنىسىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر بۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. دىللىرىنى (كۇفردىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى ئەلچى! كۇفرىلىقتا بەسلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار قەلبلىرى ئىمان ئېيتمىغان تۇرۇپ، ئېغىزلىرى بىلەن «ئىمان ئېيتتۇق» دېگەنلەر ۋە يەھۇدىيلاردۇر. ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ساڭا كەلمىگەن باشقا بىر قەۋمگە قۇلاق سالغۇچىلاردۇر. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى تۇتۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلمىسە ساقلىنىڭلار» دەيدۇ. ئاللاھ بىر كىشىنى ئېزىپ كېتىشىنى ئىرادە قىلسا، سەن ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى ھېچ نەرسە قىلالمايسەن. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى پاكلاشنى ئىرادە قىلمىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.
5 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَيْفَ يُحَكِّمُونَكَ وَعِنْدَهُمُ التَّوْرَاةُ فِيهَا حُكْمُ اللَّهِ ثُمَّ يَتَوَلَّوْنَ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ ۚ وَمَا أُولَٰئِكَ بِالْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋرات تۇرسا (يەنى تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمايۋاتسا)، (ئى مۇھەممەد!) قانداقچە سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟ ئاندىن كېيىن (يەنى ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن) سېنىڭ ھۆكمىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئەنە شۇلار (تەۋراتقىمۇ، ساڭىمۇ) ئىشەنمىگۈچىلەردۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋرات تۇرسا، ئۇلار سەن ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىنمۇ سېنىڭ ھۆكمۈڭدىن يۈز ئۆرۈيدىغان تۇرسا، يەنە قانداقچە سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟ ئەنە شۇلار (تەۋراتقىمۇ، ساڭىمۇ) ئىشەنمەيدىغانلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا قانداقمۇ تەكلىپ قىلسۇن؟ ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ يېنىدا تەۋرات بار، تەۋراتتا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بار! ئاندىن ئۇلار سەن ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن ھۆكمىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ. ئەنە شۇلار ھەرگىزمۇ مۇئمىن ئەمەس.
5 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَلْيَحْكُمْ أَهْلُ الْإِنْجِيلِ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فِيهِ ۚ وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى ئىنجىللار (يەنى ناسارالار) ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنجىل ئەھلى ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنجىل ئەھلى، ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلسۇن. كىم ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار فاسىقلاردۇر.
5 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الْيَهُودَ وَالنَّصَارَىٰ أَوْلِيَاءَ ۘ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ مِنْكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى ۋەلى قىلىۋالماڭلار. ئۇلار بىر ـ بىرىنىڭ ۋەلىلىرىدۇر. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى ۋەلى قىلىۋالىدىكەن، ئۇمۇ شۇلاردىن سانىلىدۇ، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر ـ بىرىگە يېقىندۇر. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ. ئاللاھ يامان ئىش قىلغان قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! يەھۇدىيلارنى ۋە ناسارالارنى ۋەلىي قىلىۋالماڭلار. ئۇلار بىر - بىرلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. سىلەردىن كىم ئۇلارنى ۋەلىي قىلىۋالىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە ئۇلاردىن بولۇپ كېتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
5 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَكُمْ هُزُوًا وَلَعِبًا مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَالْكُفَّارَ أَوْلِيَاءَ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلغانلارنى دوست قىلىۋالماڭلار. ئەگەر (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر ئىچىدىكى دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇن-تاماشا دەستىكى قىلىۋالغانلارنى ۋە كافىرلارنى دوست تۇتماڭلار. ئەگەر ھەقىقىي مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇن ئوبيېكتى قىلىۋالغانلار بىلەن كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋالماڭلار، ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار.
5 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا نَادَيْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ اتَّخَذُوهَا هُزُوًا وَلَعِبًا ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر نامازغا چاقىرغان (يەنى ئەزان ئېيتقان) چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى (ھەم سىلەرنى) مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (نامازنىڭ ھېكمىتىنى ۋە نامازنىڭ نەپسىنى پاكلاشتىكى غايىسىنى) چۈشەنمەس قەۋمدۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر نامازغا ئەزان ئېيتقان چېغىڭلاردا، ئۇلار ئەقلى ئىشلىمەيدىغان قەۋم بولغاچ، نامازنى مەسخىرە ۋە ئويۇن-تاماشا دەستىكى قىلىۋالىدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەر نامازغا ئەزان ئېيتقان چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى مەسخىرە ۋە ئويۇن ئوبيېكتى قىلىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدىغان قەۋمدۇر.
5 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ هَلْ تَنْقِمُونَ مِنَّا إِلَّا أَنْ آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْنَا وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلُ وَأَنَّ أَكْثَرَكُمْ فَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالار جامائەسى) پەقەت بىزنىڭ ئاللاھقا، بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، بۇنىڭدىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار پاسىق بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بىزنى ئەيىبلەمسىلەر؟»[59]
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! بىزنىڭ ئاللاھقا، بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار پاسىق بولغانلىقىڭلار ئۈچۈنلا بىزنى ئەيىبلەمسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! بىز ئاللاھقا، بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا، ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار فاسىق بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بىزگە نەپرەت قىلىۋاتامسىلەر؟».
5 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هَلْ أُنَبِّئُكُمْ بِشَرٍّ مِنْ ذَٰلِكَ مَثُوبَةً عِنْدَ اللَّهِ ۚ مَنْ لَعَنَهُ اللَّهُ وَغَضِبَ عَلَيْهِ وَجَعَلَ مِنْهُمُ الْقِرَدَةَ وَالْخَنَازِيرَ وَعَبَدَ الطَّاغُوتَ ۚ أُولَٰئِكَ شَرٌّ مَكَانًا وَأَضَلُّ عَنْ سَوَاءِ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى بۇنىڭدىنمۇ يامان جازانى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ (ئۇ شۇنداق) كىشىلەرنىڭ (جازاسىكى)، ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە چوشقا قىلدى، بىر قىسمىنى شەيتانغا ئىبادەت قىلىدىغان قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر (يەنى دوزاختۇر)، (ئۇلار) توغرا يولدىن ئەڭ ئاداشقاندۇر»[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى بۇنىڭدىنمۇ يامان جازانى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ شۇنداق كىشىلەرگە بېرىلگەن جازاكى، ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە توڭگۇزغا ئايلاندۇرۇۋەتتى، بىر قىسمىنى شەيتانغا چوقۇنىدىغان قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر، ئۇلار توغرا يولدىن بەكمۇ ئاداشقانلاردۇر»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا جازاسى ئۇنىڭدىنمۇ يامان بولغانلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار ئاللاھ لەنەت قىلغان، غەزەپ قىلغان، بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە توڭگۇزلارغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن كىشىلەردۇر، شۇنداقلا ئۇلار تاغۇتقا ئىبادەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار ئورنى ئەڭ يامان بولغان ۋە توغرا يولدىن بەكمۇ ئاداشقان كىشىلەردۇر».
5 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا جَاءُوكُمْ قَالُوا آمَنَّا وَقَدْ دَخَلُوا بِالْكُفْرِ وَهُمْ قَدْ خَرَجُوا بِهِ ۚ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا كَانُوا يَكْتُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلىرى) يېنىڭلارغا كەلگەن چاغدا، بىز ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ. ۋاھالەنكى، ئۇلار (ئى مۇھەممەد! يېنىڭغا) كۇفرى بىلەن كىرىپ كۇفرى بىلەن چىقىپ كەتتى (يەنى سەندىن ئاڭلىغان ئىلىمدىن پايدىلانمىدى). ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىسىنى (يەنى نىفاقىنى ۋە كۇفرىنى) ئوبدان بىلىدۇ[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) يەھۇدىيلاردىن بولغان مۇناپىقلار يېنىڭلارغا كەلگەن چاغدا، بىز ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ، ۋاھالەنكى، ئۇلار يېنىڭلارغا كۇفر بىلەن كىرىپ كۇفر بىلەن چىقىپ كەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىسىنى (يەنى مۇناپىقلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يېنىڭلارغا كەلگەندە: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار كۇفرى بىلەن كىرىپ كۇفرى بىلەن چىقىپ كەتتى. ئاللاھ ئۇلار يوشۇرغان نەرسىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
5 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَىٰ كَثِيرًا مِنْهُمْ يُسَارِعُونَ فِي الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَأَكْلِهِمُ السُّحْتَ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![62]
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ تولىسىنى گۇناھ قىلىشتا، دۈشمەنلىك قىلىشتا ۋە ھارام يېيىشتە بەسلىشىۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
5 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْلَا يَنْهَاهُمُ الرَّبَّانِيُّونَ وَالْأَحْبَارُ عَنْ قَوْلِهِمُ الْإِثْمَ وَأَكْلِهِمُ السُّحْتَ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى، ئۆلىمالىرى نېمىشقا ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![63]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى، ئۆلىمالىرى نېمىشقا ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: زاھىتلار ۋە ئۆلىمالار نېمىشقا ئۇلارنى گۇناھ سۆزنى ئېيتىشتىن ۋە ھارامنى يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
5 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتِ الْيَهُودُ يَدُ اللَّهِ مَغْلُولَةٌ ۚ غُلَّتْ أَيْدِيهِمْ وَلُعِنُوا بِمَا قَالُوا ۘ بَلْ يَدَاهُ مَبْسُوطَتَانِ يُنْفِقُ كَيْفَ يَشَاءُ ۚ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ طُغْيَانًا وَكُفْرًا ۚ وَأَلْقَيْنَا بَيْنَهُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۚ كُلَّمَا أَوْقَدُوا نَارًا لِلْحَرْبِ أَطْفَأَهَا اللَّهُ ۚ وَيَسْعَوْنَ فِي الْأَرْضِ فَسَادًا ۚ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (يەنى ئاللاھ بېخىلدۇر ياكى پېقىردۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلدە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر، قانداق خالىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق بىلەن كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا دۈشمەنلىكىنى ۋە قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىنى زىيادە قىلىدۇ). بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەر قاچان (رەسۇلۇللاھقا قارشى) ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە (ئىسلامغا سۇيىقەست قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە قوزغاش بىلەن) بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرۈيدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (ئاللاھ بېخىلدۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى (كەرىمى) كەڭدۇر، قانداق رىزىق بېرىشنى خالىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ. (يەھۇدىيلار ھەققە بوي ئەگمەيدىغان بولغاچقا) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىقنى ۋە كۇفرنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەر قاچان ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىق» دېدى18. ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرى تۈپەيلىدىن قوللىرى باغلانسۇن ۋە ئۇلار لەنەتكە قالسۇن! ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر19، خالىغىنىچە چىقىم قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە كۇفرىنى زىيادە قىلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان دۈشمەنلىكنى ۋە ئۆچمەنلىكنى سالدۇق. ئۇلار ھەرقاچان ئۇرۇش ئۈچۈن ئوت ياقسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈردى. ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
5 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّ أَهْلَ الْكِتَابِ آمَنُوا وَاتَّقَوْا لَكَفَّرْنَا عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَأَدْخَلْنَاهُمْ جَنَّاتِ النَّعِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) (ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەقىقىي) ئىمان ئېيتسا ۋە (ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن) پەرھىز قىلسا ئىدى، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بىز چوقۇم كەچۈرەتتۇق، ئۇلارنى چوقۇم نازۇ-نېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزەتتۇق[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئەھلى كىتاب ئىمان ئېيتسا ۋە تەقۋادار بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بىز چوقۇم كەچۈرەتتۇق، ئۇلارنى چوقۇم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئەھلى كىتاب ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىۋېتەتتۇق ۋە ئۇلارنى نەئىم20 جەننەتلىرىگە كىرگۈزەتتۇق.
5 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّهُمْ أَقَامُوا التَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِمْ مِنْ رَبِّهِمْ لَأَكَلُوا مِنْ فَوْقِهِمْ وَمِنْ تَحْتِ أَرْجُلِهِمْ ۚ مِنْهُمْ أُمَّةٌ مُقْتَصِدَةٌ ۖ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ سَاءَ مَا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارغا نازىل قىلىنغان باشقا كىتابلارغا ئەمەل قىلسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرى ئاستىدىن يېيىشەر ئىدى (يەنى ئۇلارغا ئاسمان ـ زېمىندىن كەڭ رىزىق بېرىلەتتى)، ئۇلاردىن بىر جامائە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقانلار) توغرا يولدىدۇر. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى نېمىدېگەن يامان ئىش قىلغۇچىلار![66]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارغا نازىل قىلىنغان باشقا كىتابلارغا ئەمەل قىلسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ئۈستىدىن ۋە ئايىغى ئاستىدىن بېرىلگەن رىزىقنى يەيتتى، ئۇلاردىن بىر جامائە توغرا يولدىدۇر. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدىگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببى تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن يېگەن بولاتتى21. ئۇلاردىن توغرا يولنى تۇتقان بىر ئۇممەت بار. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
5 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَسْتُمْ عَلَىٰ شَيْءٍ حَتَّىٰ تُقِيمُوا التَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ ۗ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ طُغْيَانًا وَكُفْرًا ۖ فَلَا تَأْسَ عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) تولۇق ئەمەل قىلمىغىچە، سىلەر ئېتىبارغا ئالغۇدەك دىندا بولغان بولمايسىلەر». پەرۋەردىگارىڭدىن نازىل قىلىنغان ئەھكاملار ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق ۋە كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ، كاپىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن (چۈنكى پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقىرىش ئۇلارنىڭ ئادىتىدۇر)[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە، سىلەر (ھەقىقىي دىندىن) ھېچ نەرسىنىڭ ئۈستىدە بولغان بولمايسىلەر». پەرۋەردىگارىڭدىن نازىل قىلىنغان ئەھكاملار ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىقنى ۋە كۇفرنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، شۇڭا كافىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلمىغىچە، ھېچ نەرسىگە ئاساسلانغان بولمايسىلەر». شۈبھىسىزكى، رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە كۇفرىنى زىيادە قىلىدۇ. ئۇ ھالدا سەن ئۇ كافىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن!
5 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالصَّابِئُونَ وَالنَّصَارَىٰ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَعَمِلَ صَالِحًا فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەردىن، يەھۇدىيلاردىن، پەرىشتىلەرگە ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلاردىن، ناسارالاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار غەم- ئەندىشە قىلمايدۇ [69].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۆمىنلەرگە، شۇنداقلا يەھۇدىيلار، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ۋە ناسارالار ئىچىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا (ئاخىرەتتە) غەم قىلىش ۋە قايغۇرۇش يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن23 ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ قايغۇرمايدۇ.
5 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَأَرْسَلْنَا إِلَيْهِمْ رُسُلًا ۖ كُلَّمَا جَاءَهُمْ رَسُولٌ بِمَا لَا تَهْوَىٰ أَنْفُسُهُمْ فَرِيقًا كَذَّبُوا وَفَرِيقًا يَقْتُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز بەنى ئىسرائىلدىن ھەقىقەتەن چىن ئەھدە ئالدۇق. ئۇلارغا (دىننىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن) پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا ھەر قاچان بىرەر پەيغەمبەر ئۇلار ياقتۇرمايدىغان ئەھكامنى ئېلىپ كەلسە، (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ) بىر بۆلۈكىنى يالغانچى قىلدى، بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈردى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ھەقىقەتەن چىن ۋەدە ئالدۇق. ئۇلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھەر قاچان بىرەر پەيغەمبەر ئۇلار ياقتۇرمايدىغان ئەھكامنى ئېلىپ كەلسە، ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بىر قىسمىنى يالغانچى دېدى، بىر قىسمىنى ئۆلتۈردى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق ۋە ئۇلارغا ئەلچىلەر ئەۋەتتۇق. قاچانىكى بىرەر ئەلچى ئۇلارغا، كۆڭۈللىرى ياقتۇرمايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلسە، ئەلچىلەرنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچى دېدى، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتى.
5 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَسِبُوا أَلَّا تَكُونَ فِتْنَةٌ فَعَمُوا وَصَمُّوا ثُمَّ تَابَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ ثُمَّ عَمُوا وَصَمُّوا كَثِيرٌ مِنْهُمْ ۚ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِمَا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار، (بىز ئىسرائىل ئەۋلادى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش بىلەن) ئازابقا دۇچار بولمايمىز، دەپ ئويلىدى. ئۇلار كور بولدى (يەنى ھەقىقەتنى كۆرمىدى)، ئۇلار گاس بولدى (يەنى ھەقىقەتنى ئاڭلىمىدى)، ئاندىن كېيىن (ئۇلار تەۋبە قىلدى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى يەنە (ھەقنى كۆرۈشتىن) كور بولدى، يەنە (پەند ـ نەسىھەت ئاڭلاشتىن) گاس بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئازابقا دۇچار بولمايمىز، دەپ ئويلاپ، كور ۋە گاس بولۇۋالدى. ئۇلار تەۋبە قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى يەنە كور ۋە گاس بولۇۋالدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بېشىمىزغا بالايىئاپەت كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ كور بولدى، گاس بولدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تولىسى يەنە كور بولدى، گاس بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
5 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَا تَغْلُوا فِي دِينِكُمْ غَيْرَ الْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعُوا أَهْوَاءَ قَوْمٍ قَدْ ضَلُّوا مِنْ قَبْلُ وَأَضَلُّوا كَثِيرًا وَضَلُّوا عَنْ سَوَاءِ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) »ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار» دېگىن[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) «ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا يولسىزلىق قىلىپ چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا ھەقتىن ھالقىپ چەكتىن ئاشماڭلار. ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار».
5 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
لُعِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَلَىٰ لِسَانِ دَاوُودَ وَعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ ۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بەنى ئىسرائىلدىن كاپىر بولغانلارغا داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن (يەنى زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) لەنەت قىلىندى. بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىشى) ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرىدىن بولدى[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىكى كافىرلارغا (زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەت قىلىندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئىسرائىل ئەۋلادىدىن كافىر بولغانلار، داۋۇدنىڭ ۋە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەتلەندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقىدىن بولدى.
5 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
كَانُوا لَا يَتَنَاهَوْنَ عَنْ مُنْكَرٍ فَعَلُوهُ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر ـ بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![79]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر ـ بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىر - بىرىنى قىلغان يامانلىقىدىن توسۇشمايتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
5 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
تَرَىٰ كَثِيرًا مِنْهُمْ يَتَوَلَّوْنَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ لَبِئْسَ مَا قَدَّمَتْ لَهُمْ أَنْفُسُهُمْ أَنْ سَخِطَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَفِي الْعَذَابِ هُمْ خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنىڭ كاپىرلارنى (يەنى رەسۇلۇللاھنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆچ كۆرۈش يۈزىسىدىن مۇشرىكلارنى) دوست تۇتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان ئەمەللىرى نېمىدېگەن يامان! (بۇ ئەمەللەر) ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەڭگۈ ئازابقا قالغۇچىلاردۇر[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ كافىرلارنى دوست تۇتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدىن قىلغان قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! بۇ قىلمىشلار ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەڭگۈ ئازابقا قالغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ كافىرلارنى ئۆزلىرىگە ۋەلىي قىلىۋالغانلىقىنى كۆرىسەن. نەپسىلىرى ئۇلار ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان نەرسە، يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا غەزەپ قىلىشى نېمىدېگەن يامان! ئۇلار ئازابنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
5 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ كَانُوا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالنَّبِيِّ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِ مَا اتَّخَذُوهُمْ أَوْلِيَاءَ وَلَٰكِنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ فَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتسا ئىدى، كاپىرلارنى دوست تۇتمايتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتقان بولسا ئىدى ، كافىرلارنى دوست تۇتمايتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى پاسىقلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، نەبىيگە ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتقان بولسا، كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋالمايتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقتۇر.
5 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
لَتَجِدَنَّ أَشَدَّ النَّاسِ عَدَاوَةً لِلَّذِينَ آمَنُوا الْيَهُودَ وَالَّذِينَ أَشْرَكُوا ۖ وَلَتَجِدَنَّ أَقْرَبَهُمْ مَوَدَّةً لِلَّذِينَ آمَنُوا الَّذِينَ قَالُوا إِنَّا نَصَارَىٰ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّ مِنْهُمْ قِسِّيسِينَ وَرُهْبَانًا وَأَنَّهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۆمىنلەرگە ھەممىدىن قاتتىق دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن. بىز ناسارا دېگەن كىشىلەرنىڭ دوستلۇق جەھەتتە مۆمىنلەرگە ھەممىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بايقايسەن. بۇ، ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئۆلىمالار، راھىبلار بولغانلىقى ۋە (ھەقنى قوبۇل قىلىشتا) تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغانلىقلىرى ئۈچۈندۇر[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) سەن يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۆمىنلەرگە ھەممىدىن ئەشەددىي دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن، «بىز ناسارا» دېگەن كىشىلەرنىڭ دوستلۇق جەھەتتە مۆمىنلەرگە ھەممىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بايقايسەن، بۇنداق بولۇشى ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئۆلىمالار، راھىبلارنىڭ بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلارغا دۈشمەنلىك جەھەتتە ئەڭ شىددەتلىك بولغۇچىلارنىڭ يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلار ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. مۇئمىنلارغا دوستلۇق جەھەتتە ئەڭ يېقىن بولغۇچىلارنىڭ «بىز ناسارامىز» دېگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. چۈنكى ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئالىملار ۋە راھىبلار بار، ھەمدە ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ.
5 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا سَمِعُوا مَا أُنْزِلَ إِلَى الرَّسُولِ تَرَىٰ أَعْيُنَهُمْ تَفِيضُ مِنَ الدَّمْعِ مِمَّا عَرَفُوا مِنَ الْحَقِّ ۖ يَقُولُونَ رَبَّنَا آمَنَّا فَاكْتُبْنَا مَعَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ھەقىقەتنى تونۇغانلىقلىرىدىن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز، بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى (پەيغەمبىرىڭنى، كىتابىڭنى) ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتارىدا قىلغىن[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغدا ھەقىقەتنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ياش قويۇلغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئى رەببىمىز، بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى (پەيغەمبىرىڭنى، كىتابىڭنى) ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتارىدا قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەسۇلۇللاھقا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ھەقنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ25 قاتارىغا يازغىن.
5 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ سَأَلَهَا قَوْمٌ مِنْ قَبْلِكُمْ ثُمَّ أَصْبَحُوا بِهَا كَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن بىر قەۋم (پەيغەمبەرلىرىدىن) شۇنداق مەسىلىلەرنى سورىغان ئىدى، كېيىن بۇنىڭ سەۋەبىدىن (يەنى سورىغان ئىشلىرى بايان قىلىنىپ ئۇلار ئەمەل قىلمىغانلىقتىن) كاپىر بولۇپ كەتتى[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن بىر قەۋم (پەيغەمبەرلىرىدىن) شۇنداق مەسىلىلەرنى سورىغان ئىدى، جاۋاب بېرىلگەندىن كېيىن ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ئىلگىرى بىر قەۋم ئۇ نەرسىلەر توغرۇلۇق سورىغان ئىدى، لېكىن كېيىن ئۇ قەۋم ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن كافىر بولۇپ كەتتى30.
ئەنئام سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَرَوْا كَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَبْلِهِمْ مِنْ قَرْنٍ مَكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ مَا لَمْ نُمَكِّنْ لَكُمْ وَأَرْسَلْنَا السَّمَاءَ عَلَيْهِمْ مِدْرَارًا وَجَعَلْنَا الْأَنْهَارَ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمْ فَأَهْلَكْنَاهُمْ بِذُنُوبِهِمْ وَأَنْشَأْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ قَرْنًا آخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار كۆرمىدىمۇ؟ (يەنى ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىمۇ؟) ئۇلارنى زېمىندا سىلەرنى يەرلەشتۈرمىگەن بىر شەكىلدە يەرلەشتۈرگەن ئىدۇق، ئۇلارغا مول يامغۇرلار ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۆستەڭلەرنى ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن كېيىن باشقا خەلقنى پەيدا قىلدۇق[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى بىزنىڭ ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار بىلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا زېمىندا سىلەرگە بەرمىگەن ئىمكانىيەتلەرنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇلارغا مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۆستەڭلارنى ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلغان، ئۇلاردىن كېيىن باشقا خەلقنى پەيدا قىلغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ بىز ئۇ نەسىللەرگە زېمىندا سىلەرگە بەرمىگەن كۈچ - قۇۋۋەتلەرنى بەرگەن، ئۇلارغا يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاستىلىرىدىن ئۆستەڭلەرنى ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق. ئاندىن كېيىن بىز ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك قىلدۇق ۋە ئۇلاردىن كېيىن باشقا بىر نەسىل پەيدا قىلدۇق.
6 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ ثُمَّ انْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! بۇ مەسخىرە قىلغۇچىلارغا) ئېيتقىنكى، «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار»[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! بۇلارغا) ئېيتقىنكى، «زېمىننى ئايلىنىپ بېقىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار!».
6 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَعْرِفُونَهُ كَمَا يَعْرِفُونَ أَبْنَاءَهُمُ ۘ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىتاب بەرگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئۇنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) (تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى سۈپىتى بويىچە) خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ، ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زىيان سالغانلار (ئېنىق پاكىتلار تۇرسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتمايدۇ[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر مۇھەممەدنى (تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى سۈپىتىگە قاراپ) خۇددى ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ، ئۆزىگە ئۆزى زىيان سالغۇچىلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز كىتابنى بەرگەنلەر ئۇنى بالىلىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئۆزلىرىگە زىيان سالغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
6 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُطِعَ دَابِرُ الْقَوْمِ الَّذِينَ ظَلَمُوا ۚ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى (يەنى ئۇلار پۈتۈنلەي ھالاك قىلىندى). جىمى ھەمدۇسانا (پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بېرىپ، كۇففارلارنى ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر![45]
تەرجىمە ھەيئىتى: كۇفرلىق قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى. بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھقا خاستۇر!
ئەنەس ئالىم: زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.
6 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَغَيْرَ اللَّهِ أَبْتَغِي حَكَمًا وَهُوَ الَّذِي أَنْزَلَ إِلَيْكُمُ الْكِتَابَ مُفَصَّلًا ۚ وَالَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَعْلَمُونَ أَنَّهُ مُنَزَّلٌ مِنْ رَبِّكَ بِالْحَقِّ ۖ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُمْتَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، (ئارىمىزدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن) ئاللاھتىن غەيرىي ھۆكۈم قىلغۇچىنى تەلەپ قىلامدىم؟» بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرى) ئۇنىڭ (يەنى قۇرئاننىڭ) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەن ھەرگىزمۇ شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) «ئاللاھ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، مەن ئاللاھتىن باشقا ھۆكۈم قىلغۇچىنى ئىزدەمدىمەن؟» (دېگىن). بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرى) قۇرئاننىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەن ھەرگىزمۇ شەك كەلتۈرگۈچىلەردىن بولمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھتىن باشقا ھۆكۈم قىلغۇچى ئىزدەمدىمەن؟ ئاللاھ، تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابنى سىلەرگە نازىل قىلغان زات تۇرسا». بىز كىتاب بەرگەنلەر قۇرئاننىڭ رەببىڭ تەرىپىدىن ھەق بىلەن نازىل قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇنداقتا ھەرگىزمۇ شۈبھىلەنگۈچىلەردىن بولمىغىن!
6 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا فِي كُلِّ قَرْيَةٍ أَكَابِرَ مُجْرِمِيهَا لِيَمْكُرُوا فِيهَا ۖ وَمَا يَمْكُرُونَ إِلَّا بِأَنْفُسِهِمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىشلىرى ئۈچۈن (مەككىدە قۇرەيشنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلغىنىمىزدەك)، ھەر بىر شەھەرنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى ئۆزلىرىگە يانىدۇ (يەنى ئۇلار شۇ ھىيلە ـ مىكىرلەرنىڭ ۋابالىغا قالىدۇ)، ئۇلار (بۇنى) سەزمەيدۇ[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك ھەربىر شەھەردە ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىدىغان باش گۇناھكار پەيدا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى ئۆزىگە يانىدۇ، ئۇلار بۇنى سەزمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: مەككىدە قىلغىنىمىزدەك، بىز ھەر يۇرتنىڭ گۇناھكارلىرىنى كاتتىۋاشلار قىلدۇق. بۇنى ئۇلارنىڭ ئۇ يۇرتتا ھىيلە - مىكىر قىلىشلىرى ئۈچۈن قىلدۇق. ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىگىلا ھىيلە -مىكىر قىلىدۇ.
6 : 131 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ أَنْ لَمْ يَكُنْ رَبُّكَ مُهْلِكَ الْقُرَىٰ بِظُلْمٍ وَأَهْلُهَا غَافِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، پەرۋەردىگارىڭ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى (ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ ئاگاھلاندۇرماستىن) غەپلەتتىكى ۋاقىتلىرىدا زۇلۇم قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلغىنى يوق[131].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ پەيغەمبەر ئەۋەتىش شۇ سەۋەبتىنكى، پەرۋەردىگارىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى تۈپەيلىدىن غەپلەتتە تۇرغان ۋاقتىدا ھالاك قىلغان ئەمەس
ئەنەس ئالىم: بۇ مۇشۇنداقتۇر، چۈنكى رەببىڭ ئاھالىسى بىخەۋەر ھالەتتىكى يۇرتلارنى زۇلۇم بىلەن ھالاك قىلمايدۇ19.
6 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ زَيَّنَ لِكَثِيرٍ مِنَ الْمُشْرِكِينَ قَتْلَ أَوْلَادِهِمْ شُرَكَاؤُهُمْ لِيُرْدُوهُمْ وَلِيَلْبِسُوا عَلَيْهِمْ دِينَهُمْ ۖ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا فَعَلُوهُ ۖ فَذَرْهُمْ وَمَا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى (يەنى شەيتانلار) مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى، شۇنىڭدەك (يەنى ئاللاھقا ۋە بۇتلارغا ھەسسە ئايرىپ قويۇشتەك تەقسىماتنى شەيتانلارغا ۋە مۇشرىكلارغا چىرايلىق كۆرسەتكەندەك) چىرايلىق كۆرسەتتى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار بۇ (قەبىھ) ئىشنى قىلمايتتى، ئۇلارنى ئاللاھقا چاپلىغان يالغانلىرى بىلەن بىللە تەرك ئەت[137].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى (يەنى شەيتانلار) مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يۇقىرىقىدەك (يەنى ئاللاھقا ۋە نېسىۋە ئايرىپ قويۇشنى چىرايلىق كۆرسەتكەندەك) ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئەگەر ئاللاھ ئىرادە قىلغان بولسا ئىدى، ئۇلار بۇ (قەبىھ) ئىشنى قىلمايتتى، ئۇلارنى ئاللاھ نامىدىن توقۇغان يالغانلىرى بىلەن بىللە قويۇپ تۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى مۇشرىكلارنىڭ تولىسىغا ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئۇلار بۇنى مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارغا ئۆز دىنلىرىنى مۈجمەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قىلدى22. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار بۇنى قىلالمايتتى. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئويدۇرغان بوھتانلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن.
6 : 146 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَلَى الَّذِينَ هَادُوا حَرَّمْنَا كُلَّ ذِي ظُفُرٍ ۖ وَمِنَ الْبَقَرِ وَالْغَنَمِ حَرَّمْنَا عَلَيْهِمْ شُحُومَهُمَا إِلَّا مَا حَمَلَتْ ظُهُورُهُمَا أَوِ الْحَوَايَا أَوْ مَا اخْتَلَطَ بِعَظْمٍ ۚ ذَٰلِكَ جَزَيْنَاهُمْ بِبَغْيِهِمْ ۖ وَإِنَّا لَصَادِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارغا توم تۇياقلىق (يەنى تۆگە، تۆگىقۇشقا ئوخشاش ئاچا تۇياقلىق بولماي توم تۇياقلىق بولغان) ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارغا كالا، قويلارنىڭ دۈمبىسىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ياكى سۆڭىكىگە چاپلىشىقلىق ياغلىرىدىن باشقا ياغلىرىنى ھارام قىلدۇق، بۇ ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش، جازانە قىلىش، كىشىلەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش قاتارلىق) زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بەرگەن جازايىمىزدۇر. بىز ئەلۋەتتە (بەرگەن خەۋەرلىرىمىزدە) راستچىلمىز[146].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلارغا تىرناقلىق جاندارلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارغا كالا، قويلارنىڭ دۈمبىسىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ياكى سۆڭىكىگە چاپلىشىقلىق ياغلىرىدىن باشقا ياغلىرىنى ھارام قىلدۇق. بۇ ئۇلارنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بەرگەن جازايىمىزدۇر، بىز ئەلۋەتتە راستچىلمىز
ئەنەس ئالىم: بىز يەھۇدىيلارغا تىرناقلىق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق. ئۇلارغا كالىنىڭ ۋە قوينىڭ ياغلىرىنىمۇ ھارام قىلدۇق. پەقەت بۇ ئىككى ھايۋاننىڭ دۈمبىلىرىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ۋە ياكى سۆڭەك ئارىسىدىكى ياغلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشقانلىقلىرى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق جازالىدۇق. بىز ئەلۋەتتە راستچىلمىز.
6 : 148 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَقُولُ الَّذِينَ أَشْرَكُوا لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا أَشْرَكْنَا وَلَا آبَاؤُنَا وَلَا حَرَّمْنَا مِنْ شَيْءٍ ۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ حَتَّىٰ ذَاقُوا بَأْسَنَا ۗ قُلْ هَلْ عِنْدَكُمْ مِنْ عِلْمٍ فَتُخْرِجُوهُ لَنَا ۖ إِنْ تَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَإِنْ أَنْتُمْ إِلَّا تَخْرُصُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشىلەر تاكى (بىزنىڭ ئازابىمىز نازىل بولۇپ) ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇنداق (يەنى مۇشرىكلار سېنى ئىنكار قىلغاندەك) ئىنكار قىلغان ئىدى. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا) پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتىڭلار، سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىسىلەر، ئاللاھقا پەقەت يالغاننى چاپلايسىلەر»[148].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىزمۇ ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرمىگەن ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلىۋالمىغان بولاتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشىلەر تاكى بىزنىڭ ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇنداق ئىنكار قىلغان ئىدى. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە كۆرسىتىڭلار، سىلەر پەقەت پەرەزگىلا ئاساسلىنىسىلەر، پەقەت يالغاننى سۆزلەيسىلەر»
ئەنەس ئالىم: يېقىندا مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتۇق، ئاتا -بوۋىلىرىمىزمۇ شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتى ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر مۇشۇنداق يالغان سۆزلەشكەن ئىدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «بۇ توغرىدا بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتەلەيدىغان بىرەر ئىلمىڭلار بارمۇ؟ سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىسىلەر. سىلەر پەقەت قۇرۇق گەپ قىلىسىلەر.
6 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ تَقُولُوا إِنَّمَا أُنْزِلَ الْكِتَابُ عَلَىٰ طَائِفَتَيْنِ مِنْ قَبْلِنَا وَإِنْ كُنَّا عَنْ دِرَاسَتِهِمْ لَغَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (مېنىڭ قۇرئان نازىل قىلىشىم) سىلەرنىڭ، پەقەت بىزدىن ئىلگىرىكى ئىككى تائىپىگىلا (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغىلا) كىتاب نازىل قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن بىزنىڭ زادىلا خەۋىرىمىز يوق، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر[156].
تەرجىمە ھەيئىتى: (مېنىڭ قۇرئاننى نازىل قىلىشىم) سىلەرنىڭ «پەقەت بىزدىن ئىلگىرىكى ئىككى تائىپىگىلا (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغىلا) كىتاب نازىل قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن بىزنىڭ زادىلا خەۋىرىمىز يوق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ، «بىزدىن بۇرۇنقى ئىككى تائىپىگىلا كىتاب نازىل قىلىنغان. بىز ئۇلارنىڭ ئۆز كىتابلىرىنى ئوقۇپ ئۆگىنىشىدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.
ئەئراف سۈرىسى
48 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ مِنْ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا فَجَاءَهَا بَأْسُنَا بَيَاتًا أَوْ هُمْ قَائِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز نۇرغۇن شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلدۇق. بىزنىڭ ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈكى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز قانچىلىغان شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈكى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى
ئەنەس ئالىم: بىز نۇرغۇن يۇرت ئاھالىلىرىنى ھالاك قىلدۇق. شىددەتلىك ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىدە يېتىۋاتقان چاغلىرىدا ياكى چۈشتە ئارام ئېلىۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى.
7 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا كَانَ دَعْوَاهُمْ إِذْ جَاءَهُمْ بَأْسُنَا إِلَّا أَنْ قَالُوا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ چەككەن پەريادى: «بىز ھەقىقەتەن زالىم ئىدۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ چەككەن پەريادى: «بىز ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىپتۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە شىددەتلىك ئازابىمىز كەلگەن چاغدىكى پەريادى: «بىز ھەقىقەتەن زالىملار ئىدۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى.
7 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌ ۖ فَإِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ لَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً ۖ وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر بىر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ، (ھالاك بولىدىغان) ۋاقتى يەتكەندە، ئۇلار بىردەممۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولمايدۇ (يەنى دەرھال ھالاك بولىدۇ)[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر بىر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاقتى كەلگەندە، بىردەممۇ ئىلگىرى ـ كېيىن سۈرۈلمەيدۇ (يەنى دەرھال ھالاك بولىدۇ)
ئەنەس ئالىم: ھەر ئۇممەتنىڭ ئەجىلى بار. ئەجىلى كەلگەن ئۇممەت ئۇنى قىلچە ئىلگىرى - كېيىن قىلالمايدۇ.
7 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ ادْخُلُوا فِي أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِكُمْ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ فِي النَّارِ ۖ كُلَّمَا دَخَلَتْ أُمَّةٌ لَعَنَتْ أُخْتَهَا ۖ حَتَّىٰ إِذَا ادَّارَكُوا فِيهَا جَمِيعًا قَالَتْ أُخْرَاهُمْ لِأُولَاهُمْ رَبَّنَا هَٰؤُلَاءِ أَضَلُّونَا فَآتِهِمْ عَذَابًا ضِعْفًا مِنَ النَّارِ ۖ قَالَ لِكُلٍّ ضِعْفٌ وَلَٰكِنْ لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا) ئېيتىدۇ: ‹‹سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن، جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان (كاپىر) ئۈممەتلەر بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا كىرىڭلار››. ھەرقاچان بىر ئۈممەت دوزاخقا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتكە (ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گۇمراھ بولغانلىقى ئۈچۈن) لەنەت ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىپ بولۇپ جەملەشكەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېيىن كىرگەنلەر (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) ئىلگىرى كىرگەنلەرگە (يەنى باشلىقلىرىغا) قارىتىپ: ‹‹ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بىزنى ئازدۇرغان. ئۇلارغا ئىككى ھەسسە دوزاخ ئازابى بەرگىن›› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹‹ھەممىگە ئىككى ھەسسە ئازاب بېرىلىدۇ، لېكىن سىلەر (ئازابنىڭ دەھشىتىنى) بىلمەيسىلەر›› دەيدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئايەتلەرنى ئىنكار قىلغانلارغا) ئېيتىدۇ: «سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان (كافىر) ئۈممەتلەر بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا كىرىڭلار». ھەرقاچان بىر ئۈممەت دوزاخقا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتكە (ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گۇمراھ بولغانلىقى ئۈچۈن) لەنەت ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىپ بولۇپ جەملەشكەندە، ئۇلارنىڭ كېيىنكىلىرى ئىلگىرىكىلەرگە قارىتىپ: «ئى رەببىمىز! بۇلار بىزنى ئازدۇرغان. ئۇلارغا ئىككى ھەسسە دوزاخ ئازابى بەرگىن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ھەممىگە ئىككى ھەسسە ئازاب بېرىلىدۇ، لېكىن سىلەر بىلمەيسىلەر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر جىن ۋە ئىنسانلاردىن بولۇپ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۇممەتلەرنىڭ قاتارىدا دوزاخقا كىرىڭلار» دەيدۇ. ھەرقاچان بىرەر ئۇممەت كىرسە قېرىندىشىغا لەنەت ئوقۇيدۇ. ئاخىرى ئۇلار ئارقا - ئارقىدىن كىرىپ ھەممىسى دوزاخنىڭ ئىچىدە جەملەشكەن چاغدا، كېيىن كىرگەنلەر ئىلگىرى كىرگەنلەر ھەققىدە: «رەببىمىز! مانا بۇلار بىزنى ئازدۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارغا دوزاخ ئوتىدىن ئىككى ھەسسە ئازاب بەرگىن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ھەر كىشىنىڭ ئازابى ئىككى ھەسسىدۇر. لېكىن سىلەر بىلمەيسىلەر» دەيدۇ.
7 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَأَنْجَيْنَاهُ وَالَّذِينَ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ وَأَغْرَقْنَا الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا عَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلدى، نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ھەقنى كۆرۈشتىن دىللىرى) كور قەۋم ئىدى[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار نۇھنى يالغانچى، دېدى. بىز نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (دىللىرى) كور قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نۇھنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرنى غەرق قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار كور قەۋم ئىدى.
7 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَنْجَيْنَاهُ وَالَّذِينَ مَعَهُ بِرَحْمَةٍ مِنَّا وَقَطَعْنَا دَابِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۖ وَمَا كَانُوا مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى (يەنى مۆمىنلەرنى) رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ئىمان ئېيتمىغان ئىدى[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى (يەنى مۆمىنلەرنى) رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدۇق. ئۇلار ئىمان ئېيتمىغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە مۇئمىن بولمىغان كىشىلەرنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتتۇق.
7 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرُوا إِذْ جَعَلَكُمْ خُلَفَاءَ مِنْ بَعْدِ عَادٍ وَبَوَّأَكُمْ فِي الْأَرْضِ تَتَّخِذُونَ مِنْ سُهُولِهَا قُصُورًا وَتَنْحِتُونَ الْجِبَالَ بُيُوتًا ۖ فَاذْكُرُوا آلَاءَ اللَّهِ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدى، سىلەرنى (ھىجر) زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇنىڭ تۈزلەڭلىرىگە ئىمارەتلەر سالدىڭلار، تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەر ياسىدىڭلار. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېدى[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ (ھىجر) زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى، ئۇنىڭ تۈزلەڭلىرىگە ئىمارەتلەر سالغان ئىدىڭلار، تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەرنى ياسىغان ئىدىڭلار. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئورۇنباسارلار قىلدى، سىلەرنى بۇ زېمىنغا يەرلەشتۈردى. سىلەر ئۇنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىگە سارايلار سالىسىلەر. تاغلىرىنى يونۇپ ئۆيلەر ياسايسىلەر. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار ۋە بۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار».
7 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا قاتتىق ئازاب يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى دەرھال ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.
7 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَنْجَيْنَاهُ وَأَهْلَهُ إِلَّا امْرَأَتَهُ كَانَتْ مِنَ الْغَابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لۇتنى ئۇنىڭ خوتۇنىدىن باشقا، تەۋە كىشىلىرى بىلەن بىللە (ئۇنىڭ قەۋمىگە نازىل بولغان ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، پەقەت خوتۇنىلا (شەھەردە) قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولدى[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇتنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىللە (ئۇنىڭ قەۋمىگە چۈشكەن ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، پەقەت ئۇنىڭ خوتۇنىنىلا قۇتقۇزمىدۇق، ئۇ شەھەردە قىلىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى قۇتقۇزدۇق، ئايالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولدى.
7 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ مَطَرًا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىر تۈرلۈك يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق، گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىر تۈرلۈك يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق. گۇناھلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر تۈرلۈك يامغۇر ياغدۇردۇق. قارىغىنا، ئۇ گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
7 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا قاتتىق يەر تەۋرەشكە ئۇچراپ، ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى دەرھال ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.
7 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ كَذَّبُوا شُعَيْبًا كَأَنْ لَمْ يَغْنَوْا فِيهَا ۚ الَّذِينَ كَذَّبُوا شُعَيْبًا كَانُوا هُمُ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار (ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشى بىلەن) گويا بۇ يەردە تۇرمىغاندەك (يەنى ياشىمىغاندەك) بولۇپ قالدى. شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: (شۇنىڭ بىلەن) شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر ھالاك بولۇپ، گويا بۇ يەردە ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر، گويا يۇرتلىرىدا باياشاتچىلىق ئىچىدە ئۇزۇن ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ كەتتى.
7 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَأَمِنَ أَهْلُ الْقُرَىٰ أَنْ يَأْتِيَهُمْ بَأْسُنَا بَيَاتًا وَهُمْ نَائِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىدىغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى (غەپلەتتە) ئۇخلاۋاتقانلىرىدا كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟[97]
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇ) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى ئۇخلاۋاتقاندا بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېلىپ قېلىشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى شىددەتلىك ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كېلىشىدىن ئەنسىرىمىدىمۇ؟
7 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَهْدِ لِلَّذِينَ يَرِثُونَ الْأَرْضَ مِنْ بَعْدِ أَهْلِهَا أَنْ لَوْ نَشَاءُ أَصَبْنَاهُمْ بِذُنُوبِهِمْ ۚ وَنَطْبَعُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننىڭ ئىلگىرىكى ئىگىلىرى (ھالاك بولغان) دىن كېيىن، (زېمىنغا) ۋارىس بولغۇچىلارنى، خالىساق، گۇناھى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقىمىز، دىللىرىنى پىچەتلىۋېتىدىغانلىقىمىز ئۇلارغا (يەنى زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا) ئايان بولمىدىمۇ؟ ئۇلار (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمايدۇ[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىندا ئىلگىرىكى ياشىغانلاردىن كېيىن، ئۇلارغا ۋارىس بولغۇچىلارنى، خالىساق، گۇناھى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقىمىز، دىللىرىنى پىچەتلىۋېتىدىغانلىقىمىز ئۇلارغا ئايان بولمىدىمۇ؟ ئۇلار (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: زېمىنغا بۇرۇنقى ئىگىلىرىدىن كېيىن ۋارىس بولغۇچىلارغىمۇ خالىساق گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن مۇسىبەت يەتكۈزىدىغانلىقىمىز، ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا تۈرتكە بولمىدىمۇ؟ بىز بۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاڭلىمايدۇ.
7 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ الْقُرَىٰ نَقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنْبَائِهَا ۚ وَلَقَدْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا بِمَا كَذَّبُوا مِنْ قَبْلُ ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاشۇ شەھەرلەر (ئاھالىسى) نىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھېكايە قىلىپ بېرىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىلگىرى (ھەقنى) ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇ مۆجىزىلەرگە) ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيدۇ[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئاشۇ شەھەرلەر (ئاھالىسى) نىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئىلگىرى ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ كافىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئەنە شۇ يۇرتلارنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، لېكىن ئۇلار بۇرۇن يالغان دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئىمان ئېيتىشنى ئويلاپمۇ قويمىدى. ئاللاھ كافىرلارنىڭ قەلبلىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ.
7 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ بَعَثْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَظَلَمُوا بِهَا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەزكۇز پەيغەمبەرلەردىن كېيىن، مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، (مىسىرنىڭ مۇسا زامانىدىكى پادىشاھى) پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق. ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەزكۇز پەيغەمبەرلەردىن كېيىن، مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. يامان ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراپ باققىن
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىن كېيىن مۇسانى فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە ئايەتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. لېكىن ئۇلار ئۇ ئايەتلىرىمىزگە زۇلۇم قىلدى. قارىغىنا، ئۇ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
7 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنْ كُنْتَ جِئْتَ بِآيَةٍ فَأْتِ بِهَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن (پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، (بۇ دەۋايىڭدا) راستچىللاردىن بولساڭ، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، سېنىڭ بۇ گېپىڭ راست بولسا، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «روشەن دەلىل ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، قېنى ئۇنى ئوتتۇرىغا قويغىن. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ» دېدى.
7 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِ فِرْعَوْنَ إِنَّ هَٰذَا لَسَاحِرٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن قەۋمنىڭ چوڭلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن قەۋمنىڭ كاتتىباشلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن.
7 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُ أَنْ يُخْرِجَكُمْ مِنْ أَرْضِكُمْ ۖ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سىلەرنى زېمىنىڭلار (يەنى مىسىر زېمىنى) دىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»[110]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى. نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟»20.
7 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَرْجِهْ وَأَخَاهُ وَأَرْسِلْ فِي الْمَدَائِنِ حَاشِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ بىر پىكىرگە كەلگۈچە) تەخىر قىلغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغقۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئاكىسىغا بىر ئاز ۋاقىت بەرگىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتكىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنى ۋە قېرىندىشىنى نەزەربەند قىلغىن ۋە پۈتۈن شەھەرلەرگە ئادەم يىغىپ كەلگۈچىلەر ئەۋەتكىن.
7 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
يَأْتُوكَ بِكُلِّ سَاحِرٍ عَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن»[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن»
ئەنەس ئالىم: ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يېنىڭغا ئېلىپ كەلسۇن».
7 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَ السَّحَرَةُ فِرْعَوْنَ قَالُوا إِنَّ لَنَا لَأَجْرًا إِنْ كُنَّا نَحْنُ الْغَالِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (پىرئەۋن سېھىرگەرلىرىنى يىغىشقا ئادەملىرىنى ئەۋەتتى) سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: سېھىرگەرلەر فىرئەۋننىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئەگەر غالىب كەلگۈچىلەر بىز بولساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟» دېدى.
7 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ نَعَمْ وَإِنَّكُمْ لَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن: «ھەئە، (مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىم بولۇپ قالىسىلەر» دېدى[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن: «ھەئە، (ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىم بولۇپ قالىسىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «ئەلۋەتتە، ھەمدە چوقۇم يېقىنلىرىمدىن بولىسىلەر» دېدى.
7 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِمَّا أَنْ تُلْقِيَ وَإِمَّا أَنْ نَكُونَ نَحْنُ الْمُلْقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى سېھىرگەرلەر): «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن، ياكى بىز (ئۆزىمىزنىڭكىنى) ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» دېدى[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن، ياكى بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى مۇسا! ئاۋۋال سەن تاشلامسەن ياكى بىز تاشلامدۇق؟» دېدى.
7 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَلْقُوا ۖ فَلَمَّا أَلْقَوْا سَحَرُوا أَعْيُنَ النَّاسِ وَاسْتَرْهَبُوهُمْ وَجَاءُوا بِسِحْرٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى (يەنى كىشىلەرنى) قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى، ئۇلار (كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە) چوڭ (كۆرۈنىدىغان) سېھىرنى كۆرسەتتى[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى. ئۇلار ھەيۋەتلىك سېھىرنى كۆرسەتتى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار» دېدى. ئۇلار تاشلىغان ئىدى، ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى چۆچۈتۈۋەتتى ۋە چوڭ سېھىر كۆرسەتتى.
7 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
فَغُلِبُوا هُنَالِكَ وَانْقَلَبُوا صَاغِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ يەردە ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمى) مەغلۇپ بولدى، خار بولغان ھالدا (شەھەرگە قايتتى)[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ يەردە پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمى مەغلۇپ بولۇپ، خار بولغان ھالدا قايتتى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن ۋە ئادەملىرى شۇ يەردە مەغلۇپ بولدى ۋە كىچىكلىگەن ھالدا قايتتى21.
7 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فِرْعَوْنُ آمَنْتُمْ بِهِ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّ هَٰذَا لَمَكْرٌ مَكَرْتُمُوهُ فِي الْمَدِينَةِ لِتُخْرِجُوا مِنْهَا أَهْلَهَا ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەر (يەنى مىسىر) دىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلاردۇر. (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەردىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلار ئىكەن. سىلەر مېنىڭ (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلماستىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار. دېمەككى، بۇ سىلەر شەھەردە پىلانلىغان ھىيلىدۇر، شەھەردىن ئاھالىسىنى چىقىرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭلار. يېقىندا كۆرگۈلۈكىڭلارنى كۆرىسىلەر.
7 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
لَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ مِنْ خِلَافٍ ثُمَّ لَأُصَلِّبَنَّكُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول پۇتۇڭلار بىلەن ئوڭ قولۇڭلارنى) چوقۇم كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىمەن»[124].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارن ئوڭ ـ سول قىلىپ (ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى ئوڭ پۇتۇڭلار بىلەن سول قولۇڭلارنى) چوقۇم كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن»
ئەنەس ئالىم: چوقۇم قوللىرىڭلارنى ۋە پۇتلىرىڭلارنى چاپراس شەكىلدە كەستۈرىمەن. ئاندىن چوقۇم ھەممىڭلارنى دارغا ئاستۇرىمەن» دېدى.
7 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِ فِرْعَوْنَ أَتَذَرُ مُوسَىٰ وَقَوْمَهُ لِيُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَيَذَرَكَ وَآلِهَتَكَ ۚ قَالَ سَنُقَتِّلُ أَبْنَاءَهُمْ وَنَسْتَحْيِي نِسَاءَهُمْ وَإِنَّا فَوْقَهُمْ قَاهِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمنىدا پىتنە ـ پاسات تۇغدۇرۇشقا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلاشقا قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرىمىز، ئاياللىرىنى بولسا (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرۇپ قويىمىز، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ زېمىندا پىتنە ـ پاسات تۇغدۇرۇشىغا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلىشىغا يول قويامسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرىمىز، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرۇپ قويىمىز. بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر: «مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشلىرىغا، بولۇپمۇ مۇسانى، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلىۋېتىشىگە قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى22. فىرئەۋن: «بىز ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرگۈزىمىز، قىزلىرىنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلىشى ئۈچۈن تىرىك قالدۇرىمىز. ئەلۋەتتە بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈمران كىشىلەرمىز» دېدى.
7 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَخَذْنَا آلَ فِرْعَوْنَ بِالسِّنِينَ وَنَقْصٍ مِنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز فىرئەۋن خانىدانىنى ئويلانسۇن دەپ ئۇلارنى يىللارچە قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك بىلەن جازالىدۇق.
7 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا وَقَعَ عَلَيْهِمُ الرِّجْزُ قَالُوا يَا مُوسَى ادْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِنْدَكَ ۖ لَئِنْ كَشَفْتَ عَنَّا الرِّجْزَ لَنُؤْمِنَنَّ لَكَ وَلَنُرْسِلَنَّ مَعَكَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بالا نازىل بولغاندا، ئۇلار: «ئى مۇسا! پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدى بىلەن (يەنى ساڭا بەرگەن پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى بىلەن بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشكە) دۇئا قىلساڭ، ئاللاھقا قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئاپەت كەلگەندە، ئۇلار: «ئى مۇسا! سەن پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدىسى بىلەن بىزدىن (ئاپەتنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تىلەپ) دۇئا قىلغىن. قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن ئاپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، بىز ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار، ئۈستىلىرىگە ئۇ پاسكىنىلىق چۈشكەندە: «ئى مۇسا! رەببىڭنىڭ ساڭا قىلغان ئەھدىسىگە ئاساسەن بىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىن. ئەگەر بىزدىن بۇ پاسكىنىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىشىنىمىز ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن كەتكىلى قويىمىز» دېدى.
7 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُمُ الرِّجْزَ إِلَىٰ أَجَلٍ هُمْ بَالِغُوهُ إِذَا هُمْ يَنْكُثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن بالانى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن ئەھدىلىرىنى بۇزدى[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئاپەتنى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن يۇقىرىقى ۋەدىسىنى بۇزدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئۇ پاسكىنىلىقنى ئۇلار تولدۇرىدىغان بىر مۇددەتنىڭ ئاخىرىغىچە كۆتۈرۈۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلار بىردىنلا سۆزلىرىدىن يېنىۋالدى.
7 : 136 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْتَقَمْنَا مِنْهُمْ فَأَغْرَقْنَاهُمْ فِي الْيَمِّ بِأَنَّهُمْ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا عَنْهَا غَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق[136].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلىكى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلدۇق! چۈنكى ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە ئۇلاردىن غاپىل بولغان.
7 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْرَثْنَا الْقَوْمَ الَّذِينَ كَانُوا يُسْتَضْعَفُونَ مَشَارِقَ الْأَرْضِ وَمَغَارِبَهَا الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا ۖ وَتَمَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ الْحُسْنَىٰ عَلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ بِمَا صَبَرُوا ۖ وَدَمَّرْنَا مَا كَانَ يَصْنَعُ فِرْعَوْنُ وَقَوْمُهُ وَمَا كَانُوا يَعْرِشُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان (شام) زېمىننىڭ شەرق تەرەپلىرىگە ۋە غەرب تەرەپلىرىگە (يەنى ھەممە تەرەپكە) ۋارىس قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغانلىرى (يەنى ئىمارەتلىرى) نى ۋە ياسىغانلىرى (يەنى باغلىرى ۋە ئېكىنزارلىقلىرى) نى ۋەيران قىلدۇق[137].
تەرجىمە ھەيئىتى: بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى ئىسرائى ئەۋلادىنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىن (شام) نىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىگە ئىگە قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغان ئىمارەتلىرىنى ۋە باراڭ قىلغان بىنالىرىنى ۋەيران قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بوزەك قىلىنغان قەۋمنى بولسا، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىننىڭ مەشرىقلىرىگە ۋە مەغرىبلىرىگە مىراسچى قىلدۇق. رەببىڭنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىغا بەرگەن گۈزەل سۆزى ئەمەلگە ئاشتى24، چۈنكى ئۇلار سەۋر قىلدى. بىز فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغان ئىمارەتلىرىنى ۋە ياسىغان باغباراڭلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق.
7 : 141 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَنْجَيْنَاكُمْ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ ۖ يُقَتِّلُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ ۚ وَفِي ذَٰلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، ئاياللىرىڭلارنى (خورلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى، بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى[141].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، قىزلىرىڭلارنى (خارلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى. بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى فىرئەۋن خانىدانىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق. ئۇلار سىلەرگە ئەڭ يامان ئازابنى تېتىتاتتى: ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرگۈزۈپ، قىزلىرىڭلارنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. بۇ رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چوڭ سىناق ئىدى.
7 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ قَوْمِ مُوسَىٰ أُمَّةٌ يَهْدُونَ بِالْحَقِّ وَبِهِ يَعْدِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ) ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان، ھەق بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر جامائە بار[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان، ھەق بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر جامائە بار
ئەنەس ئالىم: مۇسانىڭ قەۋمى ئىچىدە ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئادىللىق قىلىدىغان بىر ئۇممەت بار.
7 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قِيلَ لَهُمُ اسْكُنُوا هَٰذِهِ الْقَرْيَةَ وَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ وَقُولُوا حِطَّةٌ وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا نَغْفِرْ لَكُمْ خَطِيئَاتِكُمْ ۚ سَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا (بىز ئۇلارغا) (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دە تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دەڭلار، جىمى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) زىيادە بېرىمىز» دېدۇق[161].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەردە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەستە) تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئىگىلگەن ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، (شۇ ۋاقتىدا) بىز بارلىق گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) ئاشۇرۇپ بېرىمىز» دېيىلگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «شۇ يۇرتقا يەرلىشىڭلار، ئۇنىڭدىن خالىغان يېرىڭلاردا يەڭلار، ‹بىزنى ئەپۇ قىل› دەڭلار ۋە دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغا ھالدا كىرىڭلار26. شۇنداق قىلساڭلار، خاتالىقلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلىمىز» دېيىلگەن ئىدى.
7 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَدَّلَ الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ قَوْلًا غَيْرَ الَّذِي قِيلَ لَهُمْ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِجْزًا مِنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۇلارغا ئېيتىلغان سۆز (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق[162].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۆزىگە ئېيتىلغان سۆزلەرنى باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى، مۇشۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئىچىدىن زۇلۇم قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىگە دېيىلگەن سۆزنى باشقا سۆز بىلەن ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا ئاسماندىن پاسكىنىلىق چۈشۈردۇق، چۈنكى ئۇلار زۇلۇم قىلغان ئىدى.
7 : 163 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْأَلْهُمْ عَنِ الْقَرْيَةِ الَّتِي كَانَتْ حَاضِرَةَ الْبَحْرِ إِذْ يَعْدُونَ فِي السَّبْتِ إِذْ تَأْتِيهِمْ حِيتَانُهُمْ يَوْمَ سَبْتِهِمْ شُرَّعًا وَيَوْمَ لَا يَسْبِتُونَ ۙ لَا تَأْتِيهِمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَبْلُوهُمْ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن دېڭىز (يەنى قۇلزۇم دېڭىزى) بويىدىكى (ئەيلە) شەھىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. (ئۇنىڭ ئاھالىسى بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن كۈن) شەنبىدە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقاتتى. چۈنكى شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. شەنبىدىن باشقا كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى. پاسىق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز[163].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلاردىن دېڭىز بويىدىكى شەھەر (ئەيلە) نىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. ئۇنىڭ ئاھالىسى شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتۇپ، ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقىپ كېتەتتى. چۈنكى، شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. شەنبىدىن باشقا كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى، پاسىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلاردىن دېڭىز بويىدىكى يۇرتنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ يۇرتنىڭ خەلقى شەنبە كۈنىدە ھەددىدىن ئاشاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بېلىقلىرى، ئۇلارنىڭ دۇنيا ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشى كېرەك بولغان شەنبە كۈنىدە ئالدىلىرىغا توپ - توپ ھالدا كېلەتتى، شەنبە كۈنىدىن باشقا كۈنلىرىدە كەلمەيتتى. بىز ئۇلارنى يولدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن ئاشۇنداق سىنايتتۇق.
7 : 166 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا عَتَوْا عَنْ مَا نُهُوا عَنْهُ قُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار نەھيى قىلىنغان نەرسىنى تەرك ئېتىشتىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق[166].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چەكلەنگەن ئىشنى تاشلاشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرى چەكلەنگەن ئىشنى تەرك ئېتىشتىن باش تارتقان چاغدا، ئۇلارغا: «خار مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!» دېدۇق.
7 : 167 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكَ لَيَبْعَثَنَّ عَلَيْهِمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَنْ يَسُومُهُمْ سُوءَ الْعَذَابِ ۗ إِنَّ رَبَّكَ لَسَرِيعُ الْعِقَابِ ۖ وَإِنَّهُ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا (يەنى يەھۇدىيلارغا) قىيامەتكىچە چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[167].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) غا قىيامەتكىچە ئۇلارنى چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۇلارغا يامان ئازابنى تېتىتىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ تېز جازالىغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
7 : 168 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَطَّعْنَاهُمْ فِي الْأَرْضِ أُمَمًا ۖ مِنْهُمُ الصَّالِحُونَ وَمِنْهُمْ دُونَ ذَٰلِكَ ۖ وَبَلَوْنَاهُمْ بِالْحَسَنَاتِ وَالسَّيِّئَاتِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى (يەنى يەھۇدىيلارنى) يەر يۈزىدە تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرىمۇ بار، ياخشىلىرىدىن تۆۋەنلىرىمۇ بار، ئۇلارنىڭ (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) قايتىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قاتتىقچىلىق ۋە كەڭچىلىك بىلەن سىنىدۇق[168].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى (يەنى يەھۇدىيلار) نى يەر يۈزىدە تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرىمۇ بار، ياخشى ئەمەسلىرىمۇ بار، ئۇلارنىڭ ھوشىنى تېپىۋېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى باياشاتچىلىق ۋە قاتتىقچىلىق بىلەن سىنىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى زېمىندا پارچە - پارچە ئۇممەتلەرگە ئايرىدۇق. ئۇلارنىڭ ياخشىلىرىمۇ بار، تۆۋەنلىرىمۇ بار. بىز ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ ياخشىلىقلار ۋە يامانلىقلار بىلەن سىنىدۇق.
7 : 169 - ئايەت
كۆرۈش
فَخَلَفَ مِنْ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ وَرِثُوا الْكِتَابَ يَأْخُذُونَ عَرَضَ هَٰذَا الْأَدْنَىٰ وَيَقُولُونَ سَيُغْفَرُ لَنَا وَإِنْ يَأْتِهِمْ عَرَضٌ مِثْلُهُ يَأْخُذُوهُ ۚ أَلَمْ يُؤْخَذْ عَلَيْهِمْ مِيثَاقُ الْكِتَابِ أَنْ لَا يَقُولُوا عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ وَدَرَسُوا مَا فِيهِ ۗ وَالدَّارُ الْآخِرَةُ خَيْرٌ لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن كېيىن، (يامان) ئەۋلادلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل ـ مېلىنى (ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي، قارىقويۇق) ئالىدۇ، ۋە بىزنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، دەيدۇ. شۇنداق پۇل ـ مال ئۇلارنىڭ قولىغا كەلسە، ئۇلار يەنە ئالىدۇ. كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) ئاللاھقا (يالغان چاپلىماي) پەقەت ھەقنىلا ئېيتىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلاردىن چىن ۋەدە ئېلىنمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار تەۋراتتىكى نەرسىلەرنى ئوقۇغان ئىدى، ھارامنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھتىن قورقىدىغانلارغا ئاخىرەت ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟[169]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن كېيىن يامان ئەۋلادلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل ـ مېلىنى (ھالال-ھارامنى دېمەي) ئېلىۋېرىدۇ، ۋە «بىزنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ» دەيدۇ. شۇنداق پۇل ـ مال ئۇلارنىڭ قولىغا كەلسە، ئۇلار يەنە ئالىدۇ. كىتاب (تەۋرات) تا ئاللاھ ئۈستىدە پەقەت ھەقنىلا ئېيتىش توغرۇلۇق ئۇلاردىن چىڭ ۋەدە ئېلىنغان ئەمەسمىدى؟ ھالبۇكى، ئۇلار تەۋراتتىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغان ئىدى. ھارامنى ئالمايدىغان، ئاللاھتىن قورقىدىغانلارغا ئاخىرەت ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يامان نەسىل كەلدى. ئۇلار كىتابقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇلار شۇ قەدىرسىز دۇنيانىڭ ئەرزىمەس مەنپەئەتىنى ئېلىپ: «كېلەچەكتە ئەپۇ قىلىنىمىز» دەيتتى. ئەگەر ئۇلار يەنە شۇنداق مەنپەئەت قوللىرىغا كەلسە ئۇنىمۇ ئالاتتى. ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ نامىدىن ھەقنىلا سۆزلەشلىرى توغرۇلۇق كىتابتا ئەھدە ئېلىنمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇ كىتابتىكى نەرسىلەرنى ئوقۇپ ئۆگەنمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ياخشىدۇر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
7 : 170 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يُمَسِّكُونَ بِالْكِتَابِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجْرَ الْمُصْلِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كىتابنى مەھكەم تۇتىدىغانلار، ناماز ئوقۇيدىغانلار (ساۋابقا ئېرىشىدۇ)، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەقىقەتەن زايا قىلىۋەتمەيمىز[170].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتابقا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغانلار، نامازنى تولۇق ئوقۇيدىغانلارغا كەلسەك، بىز بۇنداق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەقىقەتەن بىكار قىلىۋەتمەيمىز
ئەنەس ئالىم: كىتابنى چىڭ تۇتىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇ ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيمىز.
7 : 171 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ نَتَقْنَا الْجَبَلَ فَوْقَهُمْ كَأَنَّهُ ظُلَّةٌ وَظَنُّوا أَنَّهُ وَاقِعٌ بِهِمْ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُمْ بِقُوَّةٍ وَاذْكُرُوا مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا (تۇر) تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق، ئۇلار تاغنى ئۈستىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «تەقۋادارلار قاتارىدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار»[171].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا تۇر تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق. ئۇلار تاغ ئۈستىمىزگە چۈشۈپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «سىلەرنىڭ تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز تۇر تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەن ئىدۇق، تاغ خۇددى سايىۋەندەك ئىدى. ئۇلار بۇ تاغ ئۈستىمىزگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى. بىز بۇ ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارغا: «بىز سىلەرگە بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، تەقۋادار بولالايسىلەر!» دېگەن ئىدۇق.
7 : 175 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ الَّذِي آتَيْنَاهُ آيَاتِنَا فَانْسَلَخَ مِنْهَا فَأَتْبَعَهُ الشَّيْطَانُ فَكَانَ مِنَ الْغَاوِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا شۇنداق بىر ئادەمنىڭ قىسسەسىنى ئوقۇپ بەرگىنكى، ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق (يەنى كىتابۇللاھنىڭ بەزى ئىلىملىرىنى ئۆگەتتۇق). ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى تارتتى، ئۇنىڭغا شەيتان ئاپىرىدە بولۇشى بىلەنلا گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى[175].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) غا شۇنداق بىر ئادەمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىنكى، ئۇ ئادەمگە ئايەتلىرىمىزنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى تارتىۋىدى، شەيتان ئۇنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا مۇنۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: بىز ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەرگەن ئىدۇق، ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئايرىلىپ چىقتى. شەيتان ئۇنى ئۆزىگە ئەگەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازغۇنلاردىن بولۇپ كەتتى.
7 : 176 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ شِئْنَا لَرَفَعْنَاهُ بِهَا وَلَٰكِنَّهُ أَخْلَدَ إِلَى الْأَرْضِ وَاتَّبَعَ هَوَاهُ ۚ فَمَثَلُهُ كَمَثَلِ الْكَلْبِ إِنْ تَحْمِلْ عَلَيْهِ يَلْهَثْ أَوْ تَتْرُكْهُ يَلْهَثْ ۚ ذَٰلِكَ مَثَلُ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۚ فَاقْصُصِ الْقَصَصَ لَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق، ئۇنى (تەقۋادار ئۆلىمالار دەرىجىسىگە) كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى - خاھىشىغا بويسۇندى. ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ، قوغلىۋەتمىسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ، بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئەنە شۇ قەۋمنىڭ مىسالىدۇر، ئويلاپ بېقىشلىرى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى (قەۋمىڭگە) سۆزلەپ بەرگىن[176].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى خاھىشىغا بويسۇندى. ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ، قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ. بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان ئەنە شۇ قەۋمنىڭ مىسالىدۇر. قەۋمىڭنىڭ ئويلاپ بېقىشى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى سۆزلەپ بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز خالىغان بولساق ئۇنى ئايەتلىرىمىز بىلەن يۈكسەلدۈرەتتۇق. لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى. ئۇنىڭ ئەھۋالى خۇددى شۇ ئىتنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش: ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى ساڭگىلىتىپ ھاسىرايدۇ، ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەتسەڭمۇ تىلىنى ساڭگىلىتىپ ھاسىرايدۇ. ئەنە شۇ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالىدۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا بۇ قىسسەنى بايان قىلغىن، تەپەككۇر قىلغاي28.
7 : 177 - ئايەت
كۆرۈش
سَاءَ مَثَلًا الْقَوْمُ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَأَنْفُسَهُمْ كَانُوا يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ ئۆزلىرىگە زىيان سالغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان![177]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقىرىپ ئۆزلىرىگە زىيان سالغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ ئەھۋالى نېمىدېگەن يامان!
ئەنفال سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
كَدَأْبِ آلِ فِرْعَوْنَ ۙ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَفَرُوا بِآيَاتِ اللَّهِ فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ قَوِيٌّ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ كاپىرلارنىڭ گۇناھ قىلىش ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسى ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلدى، گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇلارنىڭ ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسىنىڭ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان، گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلغان ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئەھۋالى فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرىنىڭ سەۋەبىدىن جازالىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، جازالىشى بەك قاتتىقتۇر.
8 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
كَدَأْبِ آلِ فِرْعَوْنَ ۙ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَذَّبُوا بِآيَاتِ رَبِّهِمْ فَأَهْلَكْنَاهُمْ بِذُنُوبِهِمْ وَأَغْرَقْنَا آلَ فِرْعَوْنَ ۚ وَكُلٌّ كَانُوا ظَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنىڭ ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسىنىڭ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇكى، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، پىرئەۋن جامائەسىنى (دېڭىزغا) غەرق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى (كۇفرىلىق ۋە گۇناھ قىلىپ، ئۆزلىرىنى ئازابقا دۇچار قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى (قەۋم) بولدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇلارنىڭ ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسىنىڭ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇكى، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقارغان ئىدى. گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، پىرئەۋن جامائەسىنى (دېڭىزغا) غەرق قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئەھۋالى فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ئىدى. بىز ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك قىلدۇق ۋە فىرئەۋن خانىدانىنى غەرق قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى زالىم كىشىلەر ئىدى.
تەۋبە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
قَاتِلُوا الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَلَا بِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَلَا يُحَرِّمُونَ مَا حَرَّمَ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَلَا يَدِينُونَ دِينَ الْحَقِّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حَتَّىٰ يُعْطُوا الْجِزْيَةَ عَنْ يَدٍ وَهُمْ صَاغِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئەھلى كىتابتىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار (يەھۇدىيلار ئۇزەيرىنى ئاللاھنىڭ ئوغلى، ناسارالار ئىيسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئېتىقاد قىلىمىز دېگەن بىلەنمۇ ئېتىقاد قىلمىغاننىڭ ئورنىدىدۇر) بىلەن، ئاللاھ (ئۆزىنىڭ كىتابىدا) ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ (سۈننىتىدە) ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام بىلمەيدىغانلار ۋە ھەق دىن (يەنى ئىسلام دىنى) غا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن، تاكى ئۇلار سىلەرگە بويسۇنۇپ خار ھالدا جىزىيە تۆلىگەنگە قەدەر، ئۇرۇش قىلىڭلار[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئەھلى كىتابتىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار بىلەن، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ بىلمەيدىغانلار ۋە ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن، تاكى ئۇلار سىلەرگە بويسۇنۇپ ياۋاشلىق بىلەن كېچىكتۈرمەي جىزيە تۆلىگەنگە قەدەر ئۇرۇش قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھارام قىلغان نەرسىنى ھارام دەپ بىلمەيدىغان ۋە توغرا دىننى دىن دەپ قوبۇل قىلمايدىغان يەھۇدىي ۋە ناسارالار بىلەن تاكى بويۇنلىرىنى پۈكۈپ ئۆز قوللىرى بىلەن جىزيەنى تۆلىگەنگە قەدەر ئۇرۇشۇڭلار.
9 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتِ الْيَهُودُ عُزَيْرٌ ابْنُ اللَّهِ وَقَالَتِ النَّصَارَى الْمَسِيحُ ابْنُ اللَّهِ ۖ ذَٰلِكَ قَوْلُهُمْ بِأَفْوَاهِهِمْ ۖ يُضَاهِئُونَ قَوْلَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَبْلُ ۚ قَاتَلَهُمُ اللَّهُ ۚ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلار: «ئۈزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، ناسارالار: «مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى. بۇ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى (دەلىلسىز) سۆزىدۇر، (ئۇلارنىڭ سۆزلىرى) ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دېگەن) سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، (ئاللاھنىڭ بالىسى يوقلۇقىغا روشەن دەلىل تۇرسا، ھەقىقەتتىن باتىلغا بۇرۇلۇپ) ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) ئاللاھقا يالغان چاپلايدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، ناسارالار: «مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكىلا سۆزدۇر، (بۇ) ئىلگىرىكى كافىرلارنىڭ: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دېگەن) سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، (ئاللاھنىڭ بالىسى يوقلۇقى ئېنىق تۇرسا) ئۇلار قانداقمۇ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ؟
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېدى. ناسارالار: «مەسىھ ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىكى سۆزىدۇر. ئۇلار سۆزلىرىنى ئىلگىرىكى كافىرلارنىڭ سۆزلىرىگە ئوخشىتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى يوقاتسۇن. ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟
9 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا إِلَٰهًا وَاحِدًا ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىمالىرىنى، ئابىدلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆلىمالىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلەر قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر.
9 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
كَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ كَانُوا أَشَدَّ مِنْكُمْ قُوَّةً وَأَكْثَرَ أَمْوَالًا وَأَوْلَادًا فَاسْتَمْتَعُوا بِخَلَاقِهِمْ فَاسْتَمْتَعْتُمْ بِخَلَاقِكُمْ كَمَا اسْتَمْتَعَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ بِخَلَاقِهِمْ وَخُضْتُمْ كَالَّذِي خَاضُوا ۚ أُولَٰئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇناپىقلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلار) سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن (ھالاك بولغان ئۈممەتلەرنىڭ ھالىغا) ئوخشايدۇ، ئۇلار كۈچ ـ قۇۋۋەتتە سىلەردىن كۈچلۈك، مال ـ مۈلكى ۋە ئەۋلادى سىلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ئىدى. سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەر (دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى) نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن بولغاندەك، سىلەرمۇ (دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى) نېسىۋەڭلاردىن بەھرىمەن بولدۇڭلار؛ ئۇلار باتىلغا چۆمگەندەك، سىلەرمۇ باتىلغا چۆمدۈڭلار؛ ئەنە شۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېتىبارسىزدۇر، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇناپىقلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلار سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلار كۈچ ـ قۇۋۋەتتە سىلەردىن كۈچلۈك، مال ـ مۈلكى ۋە ئەۋلادى سىلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ئىدى. سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەر دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن بولغاندەك، سىلەرمۇ نېسىۋەڭلاردىن بەھرىمەن بولدۇڭلار؛ ئۇلار باتىلغا چۆمگەندەك، سىلەرمۇ باتىلغا چۆمدۈڭلار؛ ئەنە شۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېتىبارسىزدۇر، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇنافىقلار! سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار خۇددى سىلەردىن ئىلگىرى ھالاك بولۇپ كەتكەن ئۇممەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار سىلەردىن كۈچلۈك كىشىلەر ئىدى، ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە بالىلىرى سىلەرنىڭكىدىن كۆپ ئىدى، ئۇلار ئۆز نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن بولغان ئىدى. سىلەردىن بۇرۇنقىلار ئۆز نېسىۋىلىرىدىن قانداق بەھرىمەن بولغان بولسا، سىلەرمۇ ئۆز نېسىۋەڭلاردىن شۇنداق بەھرىمەن بولدۇڭلار، ئۇلار باتىلغا چۆمگەندەك، سىلەرمۇ باتىلغا چۆمدۈڭلار. ئەنە شۇلار ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
9 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَأْتِهِمْ نَبَأُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَقَوْمِ إِبْرَاهِيمَ وَأَصْحَابِ مَدْيَنَ وَالْمُؤْتَفِكَاتِ ۚ أَتَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ ۖ فَمَا كَانَ اللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ، ئىبراھىم قەۋمىنىڭ، مەديەن ئاھالىسىنىڭ، كۆمتۈرۈۋېتىلگەن قىشلاقلارنىڭ (يەنى لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمى قىشلاقلىرىنىڭ) خەۋەرلىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلدى (بۇ مۆجىزىلەرنى ئۇلار ئىنكار قىلدى). ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق، لېكىن ئۇلار (كاپىر بولۇش ۋە گۇناھ قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ؛ نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ، ئىبراھىم قەۋمىنىڭ، مەديەن ئاھالىسىنىڭ، كۆمتۈرۈۋېتىلگەن قىشلاقلار- يەنى لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمى قىشلاقلىرى - نىڭ خەۋەرلىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ، ئاد ۋە سەمۇدنىڭ، ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ، مەديەن خەلقىنىڭ ۋە كۆمتۈرۈۋېتىلگەن شەھەرلەرنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئەلچىلىرى ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى.
يۇنۇس سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَهْلَكْنَا الْقُرُونَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَمَّا ظَلَمُوا ۙ وَجَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ وَمَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْقَوْمَ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر زۇلۇم قىلغاندا (يەنى كاپىر بولغاندا، گۇمراھلىقتا ھەددىدىن ئاشقاندا)، ھەقىقەتەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرگە) ئىمان كەلتۈرمىدى. گۇناھكار قەۋمنى شۇنىڭغا ئوخشاش جازالايمىز[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر زۇلۇم قىلغاندا ھەقىقەتەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرگە ئىمان كەلتۈرمىدى. گۇناھكار قەۋمنى شۇنىڭغا ئوخشاش جازالايمىز
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلسە زۇلۇم قىلغان ۋە ئىمان كەلتۈرمىگەن. بىز گۇناھكار قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.
10 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ كَذَّبُوا بِمَا لَمْ يُحِيطُوا بِعِلْمِهِ وَلَمَّا يَأْتِهِمْ تَأْوِيلُهُ ۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن
ئەنەس ئالىم: ياق، ئۇلار ئىلمىنى ئۆزلىرى تولۇق بىلمىگەن ۋە تەئۋىلى ئۆزلىرىگە تېخى كەلمىگەن قۇرئاننى يالغان دېدى6. ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ راستنى ئەنە شۇنداق يالغان دېگەن ئىدى. قارىغىنا، زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
10 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَنَجَّيْنَاهُ وَمَنْ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ وَجَعَلْنَاهُمْ خَلَائِفَ وَأَغْرَقْنَا الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُنْذَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن ئۇلار نۇھنى يالغانچى قىلدى. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغۇچى (مۆمىن) لەرنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى (يەنى بىز قۇتقۇزغان كىشىلەرنى) (غەرق بولغانلارنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدۇق، بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى (توپان بالاسى بىلەن) غەرق قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلار (يەنى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانچى قىلغانلار) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن ئۇلار نۇھنى يالغانچى قىلدى. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى غەرق بولغانلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدۇق، بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى توپان بالاسى بىلەن غەرق قىلدۇق، -ئى مۇھەممەد!- ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن[
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نۇھنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزۇپ ئورۇنباسارلار قىلدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرنى بولسا غەرق قىلدۇق. قارىغىنا، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
10 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ بَعَثْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ مُوسَىٰ وَهَارُونَ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ بِآيَاتِنَا فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: . ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق. ئۇلار (ئىمان ئېيتىشتىن) بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار گۇناھكار قەۋم ئىدى[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئىمان ئېيتىشتىن بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار گۇناھكار قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە ئايەتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. لېكىن ئۇلار چوڭچىلىق قىلدى ۋە گۇناھكار قەۋم بولدى.
10 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ ائْتُونِي بِكُلِّ سَاحِرٍ عَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن: «مېنىڭ ئالدىمغا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن: «مېنىڭ ئالدىمغا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار» دېدى.
10 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا آمَنَ لِمُوسَىٰ إِلَّا ذُرِّيَّةٌ مِنْ قَوْمِهِ عَلَىٰ خَوْفٍ مِنْ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِمْ أَنْ يَفْتِنَهُمْ ۚ وَإِنَّ فِرْعَوْنَ لَعَالٍ فِي الْأَرْضِ وَإِنَّهُ لَمِنَ الْمُسْرِفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇساغا پەقەت ئۆز قەۋمىدىن (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادىدىن) ئازغىنىسى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورققان ھالدا ئىمان ئېيتتى. پىرئەۋن زېمىندا (يەنى مىسىر زېمىنىدا) شەك ـ شۈبھىسىز مۇتەكەببىردۇر، ئۇ ئەلۋەتتە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىندۇر[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇساغا پەقەت ئۆز قەۋمىدىن ئازغىنىسى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورققان ھالدا ئىمان ئېيتتى. پىرئەۋن زېمىندا شەك ـ شۈبھىسىز مۇتەكەببىردۇر، ئۇ ئەلۋەتتە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىندۇر
ئەنەس ئالىم: مۇساغا ئۆز قەۋمىدىن پەقەت بىر بۆلۈك ياشلار، فىرئەۋن ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىنىڭ قىينىشىدىن قورقۇپ تۇرۇپ ئىشەندى. چۈنكى فىرئەۋن ئۇ يەردە ھەقىقەتەن زومىگەر ئىدى ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى.
10 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاوَزْنَا بِبَنِي إِسْرَائِيلَ الْبَحْرَ فَأَتْبَعَهُمْ فِرْعَوْنُ وَجُنُودُهُ بَغْيًا وَعَدْوًا ۖ حَتَّىٰ إِذَا أَدْرَكَهُ الْغَرَقُ قَالَ آمَنْتُ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا الَّذِي آمَنَتْ بِهِ بَنُو إِسْرَائِيلَ وَأَنَا مِنَ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىش يۈزىسىدىن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىش يۈزىسىدىن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئۇ ئەسنادا فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى زۇلۇم قىلىش ۋە تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن ئىدى. ئاخىرى فىرئەۋن غەرق بولۇۋېتىپ: «مەن ئىمان ئېيتتىم: شۈبھىسىزكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان زاتتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى.
10 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْيَوْمَ نُنَجِّيكَ بِبَدَنِكَ لِتَكُونَ لِمَنْ خَلْفَكَ آيَةً ۚ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ عَنْ آيَاتِنَا لَغَافِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىتىڭنى قۇتقۇزىمىز (يەنى سېنىڭ جەسىتىڭنى دېڭىزدىن چىقىرىپ قويىمىز)». نۇرغۇن كىشىلەر، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىتىڭنى قۇتقۇزىمىز». نۇرغۇن كىشىلەر، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر
ئەنەس ئالىم: ئارقاڭدىكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈن جەسىتىڭنى قۇتقۇزۇپ ساھىلدا ئېگىز يەرگە چىقىرىمىز». شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر.
10 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ بَوَّأْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ مُبَوَّأَ صِدْقٍ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ فَمَا اخْتَلَفُوا حَتَّىٰ جَاءَهُمُ الْعِلْمُ ۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِي بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى (ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن) ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى پاك نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارغا ئىلىم (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىچىگە ئالغان تەۋرات) كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار (دىن ئىشىدا)ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى شېرىن نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى. رەببىڭ قىيامەت كۈنى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئۇلارغا پاك رىزىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن ئىختىلاپ قىلىشتى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
10 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
فَهَلْ يَنْتَظِرُونَ إِلَّا مِثْلَ أَيَّامِ الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ قُلْ فَانْتَظِرُوا إِنِّي مَعَكُمْ مِنَ الْمُنْتَظِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە كەلگەن كۈنلەرنىڭ (يەنى ئازابنىڭ) (ئۆزلىرىگە كېلىشىنى) كۈتىدۇ». (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر (زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەتەن (سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى) كۈتكۈچىمەن»[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە كەلگەن كۈنلەرنىڭ ئۆزلىرىگە كېلىشىنى كۈتىدۇ». -ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- ئېيتقىنكى: «سىلەر كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەتەن كۈتكۈچىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەرنىڭ ئوخشىشىنىلا كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئېيتقىنكى: «كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتكۈچىلەردىنمەن».
ھۇد سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُتْبِعُوا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا لَعْنَةً وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ أَلَا إِنَّ عَادًا كَفَرُوا رَبَّهُمْ ۗ أَلَا بُعْدًا لِعَادٍ قَوْمِ هُودٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى ، ھۇد قەۋمى بولغان ئاد ھالاك بولسۇن[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى ھەقىقەتەن رەببىنى ئىنكار قىلدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ھۇد قەۋمى بولغان ئاد ھالاك بولسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى. ئۇلارغا ئاخىرەتتىمۇ چوقۇم لەنەت قىلىندۇ. بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى رەببىگە كافىر بولدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، يوقالسۇن ھۇدنىڭ قەۋمى ئاد!
11 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
كَأَنْ لَمْ يَغْنَوْا فِيهَا ۗ أَلَا إِنَّ ثَمُودَ كَفَرُوا رَبَّهُمْ ۗ أَلَا بُعْدًا لِثَمُودَ
مۇھەممەد سالىھ: گويا ئۇلار ئۆيلىرىدە تۇرمىغاندەك (يەنى ئۇلارنىڭ تۇرغان جايلىرى ئادەمزات تەرىپىدىن ئاۋات قىلىنمىغاندەك) بولۇپ قالدى، بىلىڭلاركى، سەمۇد پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى، سەمۇد ھالاك بولسۇن[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: گويا ئۇلار ئۆيلىرىدە تۇرمىغاندەك بولۇپ قالدى، بىلىڭلاركى، سەمۇد رەببىنى ئىنكار قىلدى، سەمۇد ھالاك بولسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار گويا يۇرتلىرىدا باياشاتچىلىق ئىچىدە ئۇزۇن ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. بىلىڭلاركى، سەمۇد قەۋمى رەببىگە كافىر بولدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، يوقالسۇن سەمۇد قەۋمى!
11 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا قَوْمِ لَا يَجْرِمَنَّكُمْ شِقَاقِي أَنْ يُصِيبَكُمْ مِثْلُ مَا أَصَابَ قَوْمَ نُوحٍ أَوْ قَوْمَ هُودٍ أَوْ قَوْمَ صَالِحٍ ۚ وَمَا قَوْمُ لُوطٍ مِنْكُمْ بِبَعِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ ماڭا قارشى تۇرغانلىقىڭلار سىلەرنى نۇھنىڭ قەۋمى ياكى ھۇدنىڭ قەۋمى ۋە ياكى سالىھنىڭ قەۋمى دۇچار بولغان ئازابقا دۇچار قىلمىسۇن. لۇت قەۋمى (نىڭ دىيارى) سىلەر (نىڭ جايىڭلار) دىن يىراق ئەمەس[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ ماڭا قارشى تۇرغانلىقىڭلار سىلەرنى نۇھنىڭ قەۋمى ياكى ھۇدنىڭ قەۋمى ۋە ياكى سالىھنىڭ قەۋمى دۇچار بولغان ئازابقا دۇچار قىلمىسۇن. لۇت قەۋمى -نىڭ دىيارى- سىلەر -نىڭ جايىڭلار- دىن يىراق ئەمەس
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! ماڭا قارشى تۇرغانلىقىڭلار سىلەرنى ھەرگىزمۇ گۇناھقا ئېلىپ بارمىسۇن، بولمىسا نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ ياكى ھۇدنىڭ قەۋمىنىڭ ۋە ياكى سالىھنىڭ قەۋمنىڭ بېشىغا كەلگەن پالاكەتكە ئوخشاش پالاكەت سىلەرنىڭمۇ بېشىڭلارغا كېلىدۇ. لۇتنىڭ قەۋمى سىلەردىن ئۇنچە يىراق ئەمەس.
11 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
كَأَنْ لَمْ يَغْنَوْا فِيهَا ۗ أَلَا بُعْدًا لِمَدْيَنَ كَمَا بَعِدَتْ ثَمُودُ
مۇھەممەد سالىھ: گويا ئۇلار ئۆيلىرىدە تۇرمىغاندەك (يەنى ياشىمىغاندەك) بولۇپ قالدى. مەديەن ئاھالىسى خۇددى سەمۇد قەۋمى ھالاك بولغاندەك ھالاك بولسۇن![95]
تەرجىمە ھەيئىتى: گويا ئۇلارئۇ يەردە تۇرمىغاندەك بولۇپ قالدى. مەديەن ئاھالىسى خۇددى سەمۇد قەۋمى ھالاك بولغاندەك ھالاك بولسۇن!
ئەنەس ئالىم: ئۇلار گويا يۇرتلىرىدا باياشاتچىلىق ئىچىدە ئۇزۇن ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، مەديەن ئاھالىسى سەمۇد قەۋمى يوقالغاندەك يوقالسۇن!
11 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَاتَّبَعُوا أَمْرَ فِرْعَوْنَ ۖ وَمَا أَمْرُ فِرْعَوْنَ بِرَشِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى ھەقىقەتەن ئايەتلىرىمىز (يەنى ئاللاھتىن نازىل بولغان دىنىي ئەھكاملار) ۋە روشەن دەلىللەر (يەنى مۆجىزىلەر) بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى[96 ـ 97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمما ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى. ۋە ھالەنكى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇنى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە ئەۋەتتۇق. ئۇ ئادەملەر فىرئەۋننىڭ ئەمرىگە بويسۇندى. ھالبۇكى، فىرئەۋننىڭ ئەمرى ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس ئىدى.
11 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
يَقْدُمُ قَوْمَهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فَأَوْرَدَهُمُ النَّارَ ۖ وَبِئْسَ الْوِرْدُ الْمَوْرُودُ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن قىيامەت كۈنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆز قەۋمىنى دوزاخقا باشلاپ كىرىدۇ، ئۇ جاي نېمىدېگەن يامان![98]
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن قىيامەت كۈنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆز قەۋمىنى دوزاخقا باشلاپ كىرىدۇ، ئۇ جاي نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن قىيامەت كۈنى قەۋمىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۇلارنى سۇ بار جايغا باشلاپ بارغاندەك دوزاخنىڭ ئوتىغا باشلاپ بارىدۇ. ئۇ باشلاپ بارغان سۇ نېمىدېگەن يامان!
11 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُتْبِعُوا فِي هَٰذِهِ لَعْنَةً وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ بِئْسَ الرِّفْدُ الْمَرْفُودُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بۇ دۇنيادىمۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن (ئىككىلا دۇنيادا لەنەتكە ئۇچراشتىن ئىبارەت) بۇ سوۋغا نېمىدېگەن يامان![99]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بۇ دۇنيادىمۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ سوغا نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت ئەگەشتۈرۈلدى، قىيامەت كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇ12. ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ سوۋغات نېمىدېگەن يامان!
11 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْقُرَىٰ نَقُصُّهُ عَلَيْكَ ۖ مِنْهَا قَائِمٌ وَحَصِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: مانا بۇلار (ئاھالىسىنى بىز ھالاك قىلغان) يۇرتلارنىڭ خەۋەرلىرىدۇر، ئۇنى ساڭا (ۋەھىي ئارقىلىق) بايان قىلىمىز. ئۇ يۇرتلاردىن ئىزى قالغانلىرىمۇ بار (يەنى ئاھالىسى ھالاك قىلىنىپ، يۇرتلىرىنىڭ ئورنى قالدۇرۇلغانلىرىمۇ بار)، ئىزى قالمىغانلىرىمۇ بار (يەنى ئاھالىسى بىلەن قوشۇپ ئورۇۋېتىلگەن زىرائەتتەك ۋەيران قىلىنغانلىرىمۇ بار)[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: مانا بۇلار ئاھالىسىنى بىز ھالاك قىلغان يۇرتلارنىڭ خەۋەرلىرىدۇر، ئۇنى ساڭا ۋەھىيى ئارقىلىق بايان قىلىمىز. ئۇ يۇرتلاردىن ئىزى قالغانلىرىمۇ بار، ئىزى قالمىغانلىرىمۇ بار
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار بىز ھالاك قىلغان يۇرتلارنىڭ بەزى خەۋەرلىرىدۇر. بىز ئۇنى ساڭا ئەينەن بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلاردىن ئىزناسى قالغىنىمۇ بار، ئورالغان زىرائەتتەك يوق بولۇپ كەتكىنىمۇ بار.
يۈسۈف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ إِلَّا رِجَالًا نُوحِي إِلَيْهِمْ مِنْ أَهْلِ الْقُرَىٰ ۗ أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۗ وَلَدَارُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ لِلَّذِينَ اتَّقَوْا ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت شەھەر ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھىي قىلدۇق، ئۇلار(يەنى پەيغەمبەرلەرگە چىنپۈتمىگۈچىلەر) يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت شەھەر ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھيى قىلدۇق، ئۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ ئەرلەرنىلا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق، بىز ئۇلارغا ۋەھىي قىلاتتۇق، ئۇلار يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىدىن ئىدى. ئىنكارچىلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئاخىرەت يۇرتى ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
12 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَانَ فِي قَصَصِهِمْ عِبْرَةٌ لِأُولِي الْأَلْبَابِ ۗ مَا كَانَ حَدِيثًا يُفْتَرَىٰ وَلَٰكِنْ تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ كُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ قىسسەسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. (قۇرئان) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس، لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ قىسسىسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. قۇرئان يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس، لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ قىسسەسىدە ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار. بۇ قۇرئان ئويدۇرما سۆز ئەمەس، لېكىن ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ تەستىقىدۇر16، ھەر نەرسىنىڭ تەفسىلىدۇر17، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر.
رەئد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ أَرْسَلْنَاكَ فِي أُمَّةٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهَا أُمَمٌ لِتَتْلُوَ عَلَيْهِمُ الَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَهُمْ يَكْفُرُونَ بِالرَّحْمَٰنِ ۚ قُلْ هُوَ رَبِّي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ مَتَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلماقتا، (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن»[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھ نى ئىنكار قىلماقتا، -ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا- ئېيتقىنكى: «ئۇ مېنىڭ رەببىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھيۇقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز بۇرۇنقى ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەندەك سېنى شۇنداق ئۇممەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇقكى، ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇممەتلەر ئۆتكەن. ۋەزىپەڭ بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىشتۇر. ئۇلار بولسا رەھمانغا كافىر بولۇۋاتىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ رەھمان مېنىڭ رەببىمدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. مەن ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىمەن».
ئىبراھىم سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ أَنْجَاكُمْ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ وَيُذَبِّحُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ ۚ وَفِي ذَٰلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۆز ۋاقتىدا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن قەۋمىدىن قۇتقۇزدى، ئۇلار سىلەرنى قاتتىق قىينايتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلايتتى، خوتۇن كىشىلىرىڭلارنى (خىزمەت قىلدۇرۇشقا) قالدۇراتتى. بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (سىلەرگە) چوڭ سىناق بار ئىدى» دېدى[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن ئائىلىسىدىن قۇتقۇزدى، ئۇلار سىلەرنى قاتتىق قىينايتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلايتتى، خوتۇن كىشىلىرىڭلارنى خىزمەت قىلدۇرۇشقا قالدۇراتتى. بۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چوڭ سىناق بار ئىدى» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار. ئۇ سىلەرنى فىرئەۋن خانىدانىدىن قۇتقۇزدى. ئۇلار سىلەرگە ئەڭ يامان ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاتقۇزۇپ، قىزلىرىڭلارنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. بۇ رەببىڭلاردىن سىلەرگە چوڭ سىناق ئىدى.
14 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَبَأُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ ۛ وَالَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ ۛ لَا يَعْلَمُهُمْ إِلَّا اللَّهُ ۚ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَرَدُّوا أَيْدِيَهُمْ فِي أَفْوَاهِهِمْ وَقَالُوا إِنَّا كَفَرْنَا بِمَا أُرْسِلْتُمْ بِهِ وَإِنَّا لَفِي شَكٍّ مِمَّا تَدْعُونَنَا إِلَيْهِ مُرِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن، (سانىنى) پەقەت ئاللاھ بىلىدىغان ئۈممەتلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە يەتمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار قوللىرى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېغىزلىرىغا ئىشارەت قىلىپ (يەنى ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى كۆرسىتىپ): «بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز، بىز سىلەر دەۋەت قىلىۋاتقان ئىشقا ھەقىقەتەن زور گۇماندىمىز» دېدى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن، سانىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدىغان ئۈممەتلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە يەتمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار قوللىرى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېغىزلىرىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز، بىز سىلەر دەۋەت قىلىۋاتقان ئىشقا ھەقىقەتەن زور گۇماندىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ، يەنى نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ، ئاد، سەمۇد ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە كەلمىدىمۇ؟ ئۇ كېيىنكىلەرنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدۇ. ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار قوللىرىنى ئېغىزلىرىغا قويۇپ2: «بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارنى قەتئىي ئىنكار قىلىمىز، بىزنى چاقىرغان نەرسەڭلەردىن قاتتىق شەك قىلىۋاتىمىز!» دېدى.
14 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَكَنْتُمْ فِي مَسَاكِنِ الَّذِينَ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ وَتَبَيَّنَ لَكُمْ كَيْفَ فَعَلْنَا بِهِمْ وَضَرَبْنَا لَكُمُ الْأَمْثَالَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى (ھالاك قىلغىنىمىزدىن كېيىن) سىلەر ئۇلارنىڭ جايلىرىدا تۇردۇڭلار (ئۇلارنىڭ جايلىرىدىن ئىبرەت ئالساڭلارچۇ!)، ئۇلارنى قانداق جازالىغانلىقىمىز سىلەرگە ئېنىق مەلۇم بولدى. سىلەرگە نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈردۇق (يەنى پەيغەمبەرلەرگە چىنپۈتمىگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلدۇق)[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ جايلىرىدا تۇردۇڭلار، ئۇلارنى قانداق جازالىغانلىقىمىز سىلەرگە ئېنىق مەلۇم بولدى. سىلەرگە نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈردۇق
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ يۇرتلىرىغا يەرلەشكەن ۋە ئۇلارغا نېمە قىلغانلىقىمىزنى ئېنىق بىلگەن ئىدىڭلار، بىز سىلەرگە بۇ ھەقتە ھەرخىل مىساللارنى بايان قىلغان ئىدۇق».
ھىجىر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَهْلَكْنَا مِنْ قَرْيَةٍ إِلَّا وَلَهَا كِتَابٌ مَعْلُومٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلمايلى، پەقەت ئۇنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلمايلى، پەقەت ئۇنىڭ ھالاك بولىدىغان مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ھالاك قىلغان ھەر يۇرتنىڭ ئەلۋەتتە بەلگىلەنگەن ھۆكۈمنامىسى بار.
15 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يُؤْمِنُونَ بِهِ ۖ وَقَدْ خَلَتْ سُنَّةُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، بۇ بۇرۇندىن ئادەت بولۇپ قالغان (يەنى بۇرۇندىن تارتىپ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋملەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشى ئادەت بولۇپ كېلىۋاتقان) ئىش[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، ھالبۇكى بۇرۇنقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر كۆز ئالىدىلىرىدا
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاۋۋالقىلارغا ئىجرا قىلغان قانۇنىنى بىلىدۇ3.
15 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ كَذَّبَ أَصْحَابُ الْحِجْرِ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھىجرىلىكلەر ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى (يەنى ئۇلارنىڭ سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقى باشقا پەيغەمبەرلەرنىمۇ ئىنكار قىلغانلىقىدۇر)[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھىجر خەلقى ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقاردى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ھىجرلىكلەر ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېدى.
15 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَانُوا يَنْحِتُونَ مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا آمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئازابتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تاغلارنى تېشىپ (بۇ بىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدۇ دەپ) ئۆي سالاتتى[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئازابتىن ئەمىن بولغان ھالدا تاغلارنى تېشىپ ئۆي سالاتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئەمىنلىكتە بولۇش ئۈچۈن تاغلارنى ئويۇپ ئۆيلەرنى ياسايتتى.
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ هَدَى اللَّهُ وَمِنْهُمْ مَنْ حَقَّتْ عَلَيْهِ الضَّلَالَةُ ۚ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ، (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ھەر ئۇممەتكە ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن ساقلنىڭلار» دېدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشتى، بەزىسى ئازغۇنلۇققا لايىق بولدى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار.
ئىسرا سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَضَيْنَا إِلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ فِي الْكِتَابِ لَتُفْسِدُنَّ فِي الْأَرْضِ مَرَّتَيْنِ وَلَتَعْلُنَّ عُلُوًّا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابتا (يەنى تەۋراتتا): «(پەلەستىن) زېمىنىدا چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە زۇلۇم قىلىش بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن تولىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابتا: «پەلەستىن زېمىنىدا چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە زۇلۇم قىلىش بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن تولىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز كىتابتا ئىسرائىل ئەۋلادىغا مۇنۇ ھۆكۈمنى بەلگىلىدۇق: زېمىندا چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە تولىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر.
17 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا أَرَدْنَا أَنْ نُهْلِكَ قَرْيَةً أَمَرْنَا مُتْرَفِيهَا فَفَسَقُوا فِيهَا فَحَقَّ عَلَيْهَا الْقَوْلُ فَدَمَّرْنَاهَا تَدْمِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: بىرەر شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى دۆلەتمەن ئادەملەرنى (بىزگە ئىتائەت قىلىشقا) بۇيرۇيمىز، ئۇلار ئىتائەت قىلماي، پىسقى ـ پاسات قىلىدۇ ـ دە، ئۇلارغا ئازابىمىز تېگىشلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورقۇنچلۇق رەۋىشتە ھالاك قىلىمىز[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىرەر شەھەر - ئاھالىسى-نى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى دۆلەتمەن ئادەملەرنى بىزگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيمىز، ئۇلار ئىتائەت قىلماي، پىسقى ـ پاسات قىلىدۇ ـ دە، ئۇلارغا ئازابىمىز تېگىشلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورقۇنچلۇق رەۋىشتە ھالاك قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز بىرەر يۇرتنى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇ يۇرتنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرىگە ئەمر بېرىمىز، ئۇلار ئۇ يۇرتتا فاسىقلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇرت ھالاك بولۇشقا لايىق بولىدۇ. ئاندىن بىز ئۇ يۇرتنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمىز.
17 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ أَهْلَكْنَا مِنَ الْقُرُونِ مِنْ بَعْدِ نُوحٍ ۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ بِذُنُوبِ عِبَادِهِ خَبِيرًا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇھتىن كېيىن (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرۇشتا، كۆرۈپ تۇرۇشتا يېتەرلىكتۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، رەببىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرۇشتا، كۆرۈپ تۇرۇشتا يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: مەسىلەن، بىز نۇھتىن كېيىنكى ئۇممەتلەردىن نۇرغۇنلىرىنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى رەببىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرىدۇ، ئېنىق كۆرۈپ تۇرىدۇ.
17 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ مِنْ قَرْيَةٍ إِلَّا نَحْنُ مُهْلِكُوهَا قَبْلَ يَوْمِ الْقِيَامَةِ أَوْ مُعَذِّبُوهَا عَذَابًا شَدِيدًا ۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي الْكِتَابِ مَسْطُورًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان) ھەرقانداق بىر شەھەر بولمىسۇن، ئۇنى بىز قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھالاك قىلىمىز ياكى ئۇنى قاتتىق ئازابلايمىز، بۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتۈلۈپ كەتكەن (ھۆكۈم) دۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرقانداق بىر شەھەر بولمىسۇن، ئۇنى بىز قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھالاك قىلىمىز، ياكى ئۇنى قاتتىق ئازابلايمىز، بۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتۈلۈپ كەتكەندۇر
ئەنەس ئالىم: قانچىلىك يۇرت بولسا، بىز ھەممىسىنى قىيامەت كۈنىدىن ئىلگىرى يا ھالاك قىلىمىز ياكى قاتتىق ئازابلايمىز. بۇ كىتابتا يېزىلغاندۇر.
17 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا مَنَعَنَا أَنْ نُرْسِلَ بِالْآيَاتِ إِلَّا أَنْ كَذَّبَ بِهَا الْأَوَّلُونَ ۚ وَآتَيْنَا ثَمُودَ النَّاقَةَ مُبْصِرَةً فَظَلَمُوا بِهَا ۚ وَمَا نُرْسِلُ بِالْآيَاتِ إِلَّا تَخْوِيفًا
مۇھەممەد سالىھ: (قۇرەيش مۇشرىكلىرى تەلەپ قىلغان) مۆجىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەسلىكىمىز پەقەت بۇرۇنقىلار (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ) مۆجىزىلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈندۇر. بىز سەمۇدقا چىشى تۆگىنى روشەن (مۆجىزە) قىلىپ بەردۇق، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. بىز مۆجىزىلەرنى پەقەت (بەندىلەرنى) قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۆجىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەسلىكىمىز پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ مۆجىزىلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈندۇر، بىز سەمۇدقا چىشى تۆگىنى روشەن مۆجىزە قىلىپ بەردۇق، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. بىز مۆجىزىلەرنى پەقەت بەندىلەرنى قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ مەككە مۇشرىكلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى ئەۋەتمەسلىكىمىز، ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنىڭ بۇ خىل مۆجىزىلەرنى يالغان دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر، خالاس. بىز سەمۇد قەۋمىگە ھەقىقەتنى كۆرسەتكۈچى چىشى تۆگىنى بەرگەن ئىدۇق، ئۇلار ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلدى. بىز بۇنداق مۆجىزىلەرنى پەقەت ئىنسانلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز.
17 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَادُوا لَيَسْتَفِزُّونَكَ مِنَ الْأَرْضِ لِيُخْرِجُوكَ مِنْهَا ۖ وَإِذًا لَا يَلْبَثُونَ خِلَافَكَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار) سېنى زېمىندىن (يۇرتۇڭدىن) چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئۇ يەردە سېنى خاتىرجەم تۇرغۇزماسلىققا ئورۇندى. شۇنداق بولغاندا، سەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايتتى (يەنى ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن ھالاك بولاتتى)[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يېقىندا سېنى يۇرتۇڭدىن چىقىپ كېتىشكە زورلايدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئۇلار سەندىن كېيىن ئۇ يەردە بەك ئاز تۇرالايدۇ.
17 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَىٰ تِسْعَ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ ۖ فَاسْأَلْ بَنِي إِسْرَائِيلَ إِذْ جَاءَهُمْ فَقَالَ لَهُ فِرْعَوْنُ إِنِّي لَأَظُنُّكَ يَا مُوسَىٰ مَسْحُورًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇساغا ھەقىقەتەن توققۇز روشەن مۆجىزە ئاتا قىلدۇق، مۇسا پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كەلگەن چاغدا بىز مۇساغا: «(ئۇلاردىن) ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قويۇۋېتىشنى) سورىغىن» (دېدۇق). پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! سېنى مەن چوقۇم جادۇ قىلىنغان دەپ ئويلايمەن» دېدى[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇساغا ھەقىقەتەن توققۇز روشەن مۆجىزە ئاتا قىلدۇق، مۇسا پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كەلگەن چاغدا بىز مۇساغا: «ئۇلاردىن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋېتىشنى سورىغىن» -دېدۇق-. پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! مەن سېنى چوقۇم جادۇ قىلىنغان دەپ ئويلايمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا روشەن توققۇز مۆجىزە بەردۇق. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىن: مۇسا ئۇلارغا كەلگەندە فىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن سېنى سېھىرلەنگەن ئادەم دەپ ئويلايمەن» دېگەن ئىدى.
17 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرَادَ أَنْ يَسْتَفِزَّهُمْ مِنَ الْأَرْضِ فَأَغْرَقْنَاهُ وَمَنْ مَعَهُ جَمِيعًا
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئۇلارنى (مىسىر) زېمىنىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولدى، بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى ـ ھەممىسىنى (دېڭىز) غا غەرق قىلىۋەتتۇق[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولدى، بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى دېڭىزدا غەرق قىلىۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن ئىسرائىل ئەۋلادىنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولدى. بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى - ھەممىسىنى غەرق قىلىۋەتتۇق.
17 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلْنَا مِنْ بَعْدِهِ لِبَنِي إِسْرَائِيلَ اسْكُنُوا الْأَرْضَ فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ الْآخِرَةِ جِئْنَا بِكُمْ لَفِيفًا
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋننى غەرق قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا: «(مىسىر) زېمىنىدا تۇرۇڭلار، ئاخىرەت ۋەدىسى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا سىلەرنى (قەبرەڭلاردىن مەھشەرگاھقا) (كاپىرلار بىلەن مۆمىنلەرنى) ئارىلاش ئېلىپ كېلىمىز» دېدۇق[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋننى غەرق قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا: «-مىسىر- زېمىنىدا تۇرۇڭلار، ئاخىرەت ۋەدىسى-قىيامەت- كەلگەن چاغدا سىلەرنى ئارىلاش ئېلىپ كېلىمىز» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىغا: «بۇ يەرگە سىلەر يەرلىشىڭلار. قىيامەتنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ھەممىڭلارنى ئارىلاش ھالەتتە ئېلىپ كېلىمىز» دېدۇق.
17 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ آمِنُوا بِهِ أَوْ لَا تُؤْمِنُوا ۚ إِنَّ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ مِنْ قَبْلِهِ إِذَا يُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ يَخِرُّونَ لِلْأَذْقَانِ سُجَّدًا
مۇھەممەد سالىھ: «قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار (مەيلى، چۈنكى ئىشىنىشىڭلار قۇرئانغا كامالەت، ئىشەنمەسلىكىڭلار قۇرئانغا نۇقسان ئېلىپ كەلمەيدۇ)» دېگىن. شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (تەسىرلىنىپ) دەرھال سەجدىگە بارىدۇ[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيقىنكى، «قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار بەرىبىر». شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا دەرھال سەجدىگە بارىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: قۇرئانغا خالىساڭلار ئىشىنىڭلار، خالىساڭلار ئىشەنمەڭلار. شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىلىم بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىلگەن چاغدا، دەرھال سەجدىگە بارىدۇ،
كەھف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَبِثُوا فِي كَهْفِهِمْ ثَلَاثَ مِائَةٍ سِنِينَ وَازْدَادُوا تِسْعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئەسھابۇلكەھف) ئۆز غارىدا ئۈچيۈز توققۇز يىل تۇردى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆز غارىدا ئۈچيۈز توققۇز يىل تۇردى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ غارىدا ئۈچيۈز يىل تۇردى. ئۇلار توققۇزنى زىيادە قىلدى.
18 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
وَتِلْكَ الْقُرَىٰ أَهْلَكْنَاهُمْ لَمَّا ظَلَمُوا وَجَعَلْنَا لِمَهْلِكِهِمْ مَوْعِدًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى (يەنى ھۇد، سالىھ، لۇت، شۇئەيب پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئوخشاش ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا مۇئەييەن ۋاقىتنى بەلگىلىدۇق[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا مۇئەييەن ۋاقىتنى بەلگىلىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئەنە شۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىنى زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشى ئۈچۈنمۇ ۋاقىت بەلگىلىگەن ئىدۇق.
18 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْأَلُونَكَ عَنْ ذِي الْقَرْنَيْنِ ۖ قُلْ سَأَتْلُو عَلَيْكُمْ مِنْهُ ذِكْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سورىشىدۇ. «سىلەرگە مەن ئۇنىڭ قىسسەسىنى (ۋەھىي ئاساسىدا) بايان قىلىمەن» دېگىن[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سورىشىدۇ. «سىلەرگە مەن ئۇنىڭ قىسسىسىنى -ۋەھيى ئاساسىدا- بايان قىلىمەن» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سوئال سورايدۇ. ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە ئۇنىڭ توغرىسىدا زىكىر6 تىلاۋەت قىلىمەن» دېگىن.
مەريەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هُمْ أَحْسَنُ أَثَاثًا وَرِئْيًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇلاردىن بۇرۇن (بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار مەيلى مال ـ مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، بۇلاردىن ئارتۇق ئىدى[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، بۇلار مەيلى مال ـ مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، بۇلاردىن ئارتۇق ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرى بايلىقتا ۋە چىراي - شەكىلدە ئۇلاردىن ئۈستۈن نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق.
19 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هَلْ تُحِسُّ مِنْهُمْ مِنْ أَحَدٍ أَوْ تَسْمَعُ لَهُمْ رِكْزًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن بىرەر ئەھەدىنى كۆرەلەمسەن ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋاز ئاڭلىيالامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق تەلتۆكۈس ھالاك قىلىندىكى، ئۇلاردىن كۆرگىلى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى ھېچ ئەھەدى قالمىدى)[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن بىرەر ئەھەدىنى كۆرەلەمسەن؟ ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋاز ئاڭلىيالامسەن؟
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. سەن ئۇلاردىن بىرەر كىشىنى بايقىيالامسەن ياكى ئۇلارنىڭ بىرەر شەپىسىنى ئاڭلىيالامسەن؟
تاھا سۈرىسى
18 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبْ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋنگە بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋنگە بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى».
20 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى
ئەنەس ئالىم: ئىككىڭلار بىرلىكتە فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.
20 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
فَأْتِيَاهُ فَقُولَا إِنَّا رَسُولَا رَبِّكَ فَأَرْسِلْ مَعَنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ وَلَا تُعَذِّبْهُمْ ۖ قَدْ جِئْنَاكَ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكَ ۖ وَالسَّلَامُ عَلَىٰ مَنِ اتَّبَعَ الْهُدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، بىز ئىككىمىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋەتكىن، بىز بىلەن كەتسۇن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. ساڭا بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەم (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئامان قالىدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، بىز ئىككىمىز رەببىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋەتكىن، بىز بىلەن كەتسۇن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. ساڭا بىز ھەقىقەتەن رەببىڭنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەمگە ئامانلىق بولسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: ‹بىز ئىككىمىز رەببىڭنىڭ ئەلچىلىرى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن كەتكىلى قويغىن، ئۇلارنى ئازابلىمىغىن. بىز ساڭا رەببىڭدىن مۆجىزە ئېلىپ كەلدۇق. ھىدايەتكە ئەگەشكەن كىشىگە سالام.
20 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَمَنْ رَبُّكُمَا يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار پىرئەۋنگە كېلىپ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان نەرسىلەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن) پىرئەۋن: «ئى مۇسا، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كىم؟» دېدى[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن: «ئى مۇسا، سىلەرنىڭ رەببىڭلار كىم؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «ئى مۇسا! سىلەرنىڭ رەببىڭلار كىم؟» دېدى.
20 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَمَا بَالُ الْقُرُونِ الْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئۆتۈپ كەتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ھالى قانداق؟ (يەنى قانداق بولغان؟) »[51]
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئۆتۈپ كەتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ھالى قانداق؟»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «ئۇنداق بولسا، ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟» دېدى.
20 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرَيْنَاهُ آيَاتِنَا كُلَّهَا فَكَذَّبَ وَأَبَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ ھەممە مۆجىزىلىرىمىزنى كۆرسەتتۇق. ئۇ ئىنكار قىلدى ۋە (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتى[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ ھەممە مۆجىزىلىرىمىزنى كۆرسەتتۇق. ئۇ ئىنكار قىلدى ۋە ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتتى
ئەنەس ئالىم: بىز فىرئەۋنگە مۆجىزىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتتۇق. لېكىن فىرئەۋن ئۇلارنى يالغان دېدى ۋە باش تارتتى.
20 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَجِئْتَنَا لِتُخْرِجَنَا مِنْ أَرْضِنَا بِسِحْرِكَ يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئى مۇسا ! سېھرىڭ بىلەن بىزنى زېمىنىمىز (مىسىر) دىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟[57]
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئى مۇسا! سېھرىڭ بىلەن بىزنى زېمىنىمىز - مىسىر- دىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى مۇسا! سەن سېھرىڭ بىلەن بىزنى يۇرتىمىزدىن چىقىرىۋەتكىلى كەلدىڭمۇ؟
20 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَنَأْتِيَنَّكَ بِسِحْرٍ مِثْلِهِ فَاجْعَلْ بَيْنَنَا وَبَيْنَكَ مَوْعِدًا لَا نُخْلِفُهُ نَحْنُ وَلَا أَنْتَ مَكَانًا سُوًى
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا بىز شۇنىڭغا ئوخشاش سېھىر بىلەن تاقابىل تۇرىمىز، سەن بىزگە ئۆز ئارا يىغىلىدىغان ۋاقىتنى ۋە مۇئەييەن جاينى بەلگىلەپ بەرگىن، سەنمۇ، بىزمۇ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايلى»[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا بىز شۇنىڭغا ئوخشاش سېھىر بىلەن تاقابىل تۇرىمىز، سەن بىزگە ئۆز ئارا يىغىلىدىغان ۋاقىتنى مۇئەييەن جاينى بەلگىلەپ بەرگىن، سەنمۇ، بىزمۇ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايلى»
ئەنەس ئالىم: بىزمۇ ساڭا سېنىڭكىگە ئوخشاش سېھىر كۆرسىتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئارىسىدا ئۇچرىشىش ۋاقتى بەلگىلىگىن. ئۇنىڭغا ھېچ قايسىمىز خىلاپلىق قىلمايلى. ئۇچرىشىدىغان يېرىمىزمۇ ئۇيغۇن يەر بولسۇن».
20 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَوَلَّىٰ فِرْعَوْنُ فَجَمَعَ كَيْدَهُ ثُمَّ أَتَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن قايتىپ كېتىپ ھىيلە ـ مىكرنى (يەنى سېھىرگەرلەرنى) توپلىدى. ئاندىن ئۇ (سېھىرگەرلەرنى ۋە سېھرىدە ئىشلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا) كەلدى[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن قايتىپ كېتىپ ھىيلە ـ مىكر-سېھىرگەرلەرنى- توپلىدى. ئاندىن ئۇ -سېھىرگەرلەرنى ۋە سېھرىدە ئىشلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا- كەلدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرىشىپ، تەۋەلىكىدە قانچىلىك سېھىرگەر ۋە سېھىر ئەسۋابى بولسا ھەممىسىنى يىغدى. ئاندىن ۋەدىلەشكەن يەرگە كەلدى.
20 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ آمَنْتُمْ لَهُ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّهُ لَكَبِيرُكُمُ الَّذِي عَلَّمَكُمُ السِّحْرَ ۖ فَلَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ مِنْ خِلَافٍ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ فِي جُذُوعِ النَّخْلِ وَلَتَعْلَمُنَّ أَيُّنَا أَشَدُّ عَذَابًا وَأَبْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە مەن رۇخسەت بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قول بىلەن سول پۇتنى، ئوڭ پۇت بىلەن سول قولنى) كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن، سىلەر قايسىمىزنىڭ (يەنى مېنىڭ ياكى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ) ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىسىلەر»[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ ـ چەپ قىلىپ كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن، سىلەر قايسىمىزنىڭ ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت بەرمەستىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلار! دېمەككى، ئۇ سىلەرگە سېھىر ئۆگەتكەن چوڭۇڭلاردۇر! مەن سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ۋە پۇتلىرىڭلارنى چاپراس قىلىپ كەستۈرىمەن ۋە سىلەرنى خورما دەرەخلىرىگە ئاستۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن قايسىمىزنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ۋە ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسىلەر».
20 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَتْبَعَهُمْ فِرْعَوْنُ بِجُنُودِهِ فَغَشِيَهُمْ مِنَ الْيَمِّ مَا غَشِيَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن لەشكەرلىرى بىلەن ئۇلارنى قوغلىدى، ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ لەشكىرىنى) دېڭىزدا دەھشەتلىك ھالەت ئورىۋالدى (يەنى ئۇلار دېڭىزدا غەرق بولدى)[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن لەشكەرلىرى بىلەن قوغلىدى، ئۇلارنى دېڭىزدا دەھشەتلىك ھالەت ئورىۋالدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىققان ئىدى، فىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن ئۇلارنى قوغلاپ كەلدى. نەتىجىدە فىرئەۋن ۋە قوشۇنلىرى دېڭىزنىڭ دەھشەتلىك سۇلىرى ئاستىدا قالدى.
20 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَضَلَّ فِرْعَوْنُ قَوْمَهُ وَمَا هَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئۆز قەۋمىنى ئازدۇردى، (ئۇلارنى) توغرا يولغا باشلىمىدى[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئۆز قەۋمىنى ئازدۇردى، -ئۇلارنى- توغرا يولغا باشلىمىدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن قەۋمىنى ئازدۇردى ۋە توغرا يولغا باشلىمىدى.
20 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ قَدْ أَنْجَيْنَاكُمْ مِنْ عَدُوِّكُمْ وَوَاعَدْنَاكُمْ جَانِبَ الطُّورِ الْأَيْمَنَ وَنَزَّلْنَا عَلَيْكُمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرنى ھەقىقەتەن دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، (مۇناجات ئۈچۈن ۋە مۇساغا تەۋراتنى نازىل قىلىش ئۈچۈن) سىلەرگە (تۇرسىنا) نىڭ ئوڭ تەرىپىنى ۋەدە قىلدۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرنى ھەقىقەتەن دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، -مۇناجات ئۈچۈن ۋە مۇساغا تەۋراتنى نازىل قىلىش ئۈچۈن- سىلەرگە - تۇرسىنا- نىڭ ئوڭ تەرىپىنى ۋەدە قىلدۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! بىز سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، سىلەر بىلەن سىينا تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئەھدىلەشتۇق، سىلەرگە تەييار ھالۋا بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق.
20 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَإِنَّا قَدْ فَتَنَّا قَوْمَكَ مِنْ بَعْدِكَ وَأَضَلَّهُمُ السَّامِرِيُّ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «سەندىن (يەنى سەن كەتكەندىن) كېيىن قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئۇلارنى سامىرى ئازدۇردى»[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «سەن كەتكەندىن كېيىن قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئۇلارنى سامىرى ئازدۇردى»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «بىز سەندىن كېيىن قەۋمىڭنى سىنىدۇق. سامىرىي ئۇلارنى ئازدۇردى» دېدى.
20 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا مَا أَخْلَفْنَا مَوْعِدَكَ بِمَلْكِنَا وَلَٰكِنَّا حُمِّلْنَا أَوْزَارًا مِنْ زِينَةِ الْقَوْمِ فَقَذَفْنَاهَا فَكَذَٰلِكَ أَلْقَى السَّامِرِيُّ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ساڭا بەرگەن ۋەدىگە ئۆزلۈكىمىزدىن خىلاپلىق قىلغىنىمىز يوق، لېكىن بىز (پىرئەۋن) قەۋمىنىڭ زىننەتلىرىدىن نۇرغۇن ئېلىپ چىققان ئىدۇق، (سامىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە) ئۇلارنى (ئوتقا) تاشلىدۇق، سامىرىمۇ (ئۆزى ئېلىپ چىققان زىبۇ- زىننەتلىرىنى) تاشلىدى»[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ساڭا بەرگەن ۋەدىگە ئۆزلۈكىمىزدىن خىلاپلىق قىلغىنىمىز يوق، لېكىن بىز - پىرئەۋن- قەۋمىنىڭ زىننەتلىرىدىن نۇرغۇن ئېلىپ چىققان ئىدۇق، -سامىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە- ئۇلارنى - ئوتقا- تاشلىدۇق، سامىرىمۇ تاشلىدى»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز ساڭا بەرگەن ۋەدىمىزگە ئۆز ئىرادە ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن خىلاپلىق قىلمىدۇق. لېكىن بىز ئۇ قەۋمنىڭ زىننەتلىرىدىن يۈكلەر كۆتۈرۈۋېلىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئىدۇق. بىز ئۇلارنى تاشلىدۇق. سامىرىي شۇنداق كۆرسەتتى».
20 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا لَنْ نَبْرَحَ عَلَيْهِ عَاكِفِينَ حَتَّىٰ يَرْجِعَ إِلَيْنَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «مۇسا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا چوقۇنىۋېرىمىز» دېيىشتى[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «مۇسا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا چوقۇنىۋېرىمىز» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «مۇسا يېنىمىزغا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر بىز بۇنىڭغا چوقۇنىمىز» دېيىشتى.
20 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ نَقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنْبَاءِ مَا قَدْ سَبَقَ ۚ وَقَدْ آتَيْنَاكَ مِنْ لَدُنَّا ذِكْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) شۇنىڭدەك، ساڭا ئۆتكەنكىلەرنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى بايان قىلىمىز، ساڭا ئۆز تەرىپىمىزدىن قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- شۇنىڭدەك، ساڭا ئۆتكەنكىلەرنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى بايان قىلىمىز، ساڭا ئۆز تەرىپىمىزدىن قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئۆتمۈشتە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىپ بېرىمىز. ساڭا ئۆز تەرىپىمىزدىن زىكىر5 ئاتا قىلدۇق.
20 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَمْ يَهْدِ لَهُمْ كَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنَ الْقُرُونِ يَمْشُونَ فِي مَسَاكِنِهِمْ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِأُولِي النُّهَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ ئۇلار شۇ ئۈممەتلەرنىڭ ماكانلىرىدا مېڭىپ يۈرىدۇ، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ ئۇلار شۇ ئۈممەتلەرنىڭ ماكانلىرىدا مېڭىپ يۈرىدۇ، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىز ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا تۈرتكە بولمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار ئۇ ئۇممەتلەر ياشىغان يەرلەردە مېڭىپ يۈرۈيدۇ. بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرىگە ئايەتلەر بار.
ئەنبىيا سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
مَا آمَنَتْ قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا ۖ أَفَهُمْ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى، بىز ھالاك قىلغان شەھەرلەردىن (يەنى ئاھالىسىدىن) ھېچقايسىسى ئىمان ئېيتمىغان تۇرسا، (مۆجىزىلەرنى كۆرسەتسەڭ) ئۇلار ئىمان ئېيتامدۇ؟[6]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى، بىز ھالاك قىلغان شەھەرلەردىن ھېچقايسىسى ئىمان ئېيتمىغان تۇرسا، ئۇلار ئىمان ئېيتامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھالاك قىلغان ئاھالىلەردىن ھېچبىرى ئىمان ئېيتمىغان تۇرسا، ئۇلار ئىمان ئېيتامدۇ؟
21 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ قَصَمْنَا مِنْ قَرْيَةٍ كَانَتْ ظَالِمَةً وَأَنْشَأْنَا بَعْدَهَا قَوْمًا آخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز (ئاھالىسى) كۇففار بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلاردىن كېيىن (ئورنىغا) باشقا قەۋمنى پەيدا قىلدۇق[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز - ئاھالىسى- كۇففار بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلاردىن كېيىن باشقا قەۋمنى پەيدا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئاھالىسى زالىم بولغان نۇرغۇن يۇرتلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتۇق، ئاندىن كېيىن باشقا قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق.
21 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَحَسُّوا بَأْسَنَا إِذَا هُمْ مِنْهَا يَرْكُضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ (كەلگەنلىكىنى) ھېس قىلغان چاغدا ئۇشتۇمتۇت قاچىدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى ھېس قىلغان چاغدا ئۇشتۇمتۇت قاچىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ زالىملار شىددەتلىك ئازابىمىزنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغاندا دەرھال يۇرتلىرىدىن قېچىشقا ئۇرۇناتتى.
21 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا زَالَتْ تِلْكَ دَعْوَاهُمْ حَتَّىٰ جَعَلْنَاهُمْ حَصِيدًا خَامِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ئورۇلغان زىرائەتتەك ھالاك قىلىپ، جانلىرىنى ئالغىنىمىزغا قەدەر، ئۇلار يۇقىرىقى پەريادىنى تەكرارلاپ تۇردى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ئورۇلغان زىرائەتتەك ھالاك قىلىپ، جانلىرىنى ئالغىنىمىزغا قەدەر، ئۇلار يۇقىرىقى پەريادىنى تەكرارلاپ تۇردى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئورالغان زىرائەتتەك ۋە ئۆچۈرۈلگەن ئوتتەك بولۇپ كەتكەنگە قەدەر بۇ سۆزىنى تەكرارلىشىپ تۇردى.
21 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِنْ قَبْلِكَ فَحَاقَ بِالَّذِينَ سَخِرُوا مِنْهُمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر مەسخىرە قىلىندى، ئۇلارنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا مەسخىرە قىلغانلىقنىڭ جازاسى بولغان ئازاب نازىل بولدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر مەسخىرە قىلىندى، ئۇلارنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا مەسخىرە قىلغاننىڭ جازاسى بولغان ئازاب نازىل بولدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ مەسخىرە قىلىندى. مەسخىرە قىلغانلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى6.
21 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ مَتَّعْنَا هَٰؤُلَاءِ وَآبَاءَهُمْ حَتَّىٰ طَالَ عَلَيْهِمُ الْعُمُرُ ۗ أَفَلَا يَرَوْنَ أَنَّا نَأْتِي الْأَرْضَ نَنْقُصُهَا مِنْ أَطْرَافِهَا ۚ أَفَهُمُ الْغَالِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنى (دۇنيانىڭ مال ـ مۈلكىدىن) بەھرىمەن قىلدۇق، ھەتتا (شۇ نېمەت ئىچىدە) ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى. ئۇلار بىزنىڭ زېمىننىڭ ئەتراپىنى قەدەممۇ قەدەم تارايتىۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ (ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن) ئۇلار غالىب ھېسابلىنامدۇ؟[44]
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنى دۇنيانىڭ مال ـ مۈلكىدىن بەھرىمەن قىلدۇق، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى. ئۇلارنىڭ زېمىننىڭ ئەتراپىنى قەدەممۇقەدەم تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ -ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن- ئۇلار غالىب ھېسابلىنامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: بەلكى بىز ئۇ كافىرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاتتۇق. بۇ، ئۇلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ھەددىن ئاشقۇچىلىك داۋاملاشتى. ئۇلار بىزنىڭ زېمىننى ئەتراپىدىن كېمەيتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى كۆرمەمدۇ؟ يەنىلا ئۇلار غالىبمۇ؟
21 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا مَنْ فَعَلَ هَٰذَا بِآلِهَتِنَا إِنَّهُ لَمِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار بايرىمىدىن قايتىپ كېلىپ بۇتلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ) «بۇتلىرىمىزنى مۇنداق قىلغان كىم؟ ئۇ ھەقىقەتەن زالىم ئىكەن» دېدى[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار:«بۇتلىرىمىزنى مۇنداق قىلغان كىم؟ ئۇ ھەقىقەتەن زالىملاردىن ئىكەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بارغان يېرىدىن قايتىپ كېلىپ: «ئىلاھلىرىمىزغا بۇنى كىم قىلدى؟ كىم قىلغان بولسا ئۇنىڭ زالىملاردىن بىرى ئىكەنلىكىدە شەك يوق» دېيىشتى.
21 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا سَمِعْنَا فَتًى يَذْكُرُهُمْ يُقَالُ لَهُ إِبْرَاهِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنىڭ بەزىسى) «ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق (يەنى شۇ قىلغان بولۇشى مۇمكىن)» دېدى[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ بەزىسى :«ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ بەزىسى: «بىز ‹ئىبراھىم› دېيىلىدىغان بىر يىگىتنىڭ ئۇلارغا تىل تەگكۈزىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان» دېدى.
21 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَلُوطًا آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا وَنَجَّيْنَاهُ مِنَ الْقَرْيَةِ الَّتِي كَانَتْ تَعْمَلُ الْخَبَائِثَ ۗ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمَ سَوْءٍ فَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لۇتقا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق (لۇت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان، ئەگەشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھىجرەت قىلغان ئىدى)، ئۇنى (ئاھالىسى بەچچىۋازلىق، قاراقچىلىق قاتارلىق) يامان قىلىقلارنى قىلىدىغان شەھەردىن قۇتقۇزدۇق، ھەقىقەتەن ئۇلار يامان، پاسىق قەۋم ئىدى[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇتقا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق ۋە ئۇنى يامان قىلىقلارنى قىلىدىغان شەھەردىن قۇتقۇزدۇق، ھەقىقەتەن ئۇلار يامان پاسىق قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز لۇتقا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇنى ئاھالىسى قەبىھ ئىشلارنى قىلىدىغان يۇرتتىن قۇتقۇزدۇق. ئۇلار ھەقىقەتەن يامان ۋە فاسىق قەۋم ئىدى.
21 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَصَرْنَاهُ مِنَ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمَ سَوْءٍ فَأَغْرَقْنَاهُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە قارشى ئۇنىڭغا ياردەم بەردۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن يامان قەۋم ئىدى. ئۇلارنىڭ (بىرىنىمۇ قويماي) ھەممىسىنى غەرق قىلدۇق[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە قارشى ئۇنىڭغا ياردەم بەردۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن يامان قەۋم ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇنى ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمدىن قۇتقۇزدۇق. ئۇلار ھەقىقەتەن يامان قەۋم ئىدى. بۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلدۇق.
21 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَرَامٌ عَلَىٰ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا أَنَّهُمْ لَا يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھالاك قىلغان شەھەر (ئاھالىسى) نىڭ دۇنياغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھالاك قىلغان شەھەر ئاھالىسىنىڭ دۇنياغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس
ئەنەس ئالىم: بىز ھالاك قىلغان يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ ھۇزۇرىمىزغا كېلىپ ھېساب بەرمەسلىكى مۇمكىن ئەمەستۇر.
ھەج سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالصَّابِئِينَ وَالنَّصَارَىٰ وَالْمَجُوسَ وَالَّذِينَ أَشْرَكُوا إِنَّ اللَّهَ يَفْصِلُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار، ناسارالار، مەجۇسىيلەر (يەنى ئاتەشپەرەسلەر) ۋە مۇشرىكلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، (يەنى ئاللاھ تائالا مۆمىنلەر بىلەن مەزكۇر بەش پىرقە ئارىسىدا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ، مۆمىنلەرنى جەننەتكە، كۇففارلارنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، يەھۇدىيلار، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار، ناسارالار، مەجۇسىيلەر ۋە شېرىك كەلتۈرگەنلەر ئارىسىدا قىيامەت كۈنى ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، سابىئىيلار، ناسارالار، مەجۇسىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىنى ئاللاھ قىيامەت كۈنى چوقۇم ئايرىيدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
22 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَعَادٌ وَثَمُودُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟[42 ـ 44]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا، بىلگىنكى، ئۇلاردىن بۇرۇنمۇ نۇھ قەۋمى، ئاد خەلقى، سەمۇد خەلقى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر بۇ مۇشرىكلار سېنى يالغانچى دېسە، بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد ۋە سەمۇدلەرمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېگەن ئىدى.
22 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا وَهِيَ ظَالِمَةٌ فَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَبِئْرٍ مُعَطَّلَةٍ وَقَصْرٍ مَشِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى زالىم بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن (شەھەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ) ئۆگزىلىرى ئۆرۈلۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان، نۇرغۇن تاشلاندۇق قۇدۇقلار ۋە ئېگىز ئىمارەتلەر (ئاھالىسىز) قالغان[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم بولغانلىقلىرى ئۈچۈن شەھەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرى ئۆرۈلۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان نۇرغۇن تاشلاندۇق قۇدۇقلار ۋە ئېگىز ئىمارەتلەر ئاھالىسىز قالغان
ئەنەس ئالىم: بىز نۇرغۇن يۇرتلارنى ھالاك قىلدۇق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاھالىلىرى زالىم ئىدى. ئۇ يۇرتلار يىقىلىپ خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتتى. بىز نۇرغۇن قۇدۇقلارنى تاشلاندۇق، نۇرغۇن ھەشەمەتلىك سارايلارنى ئىگە - چاقىسىز قىلىپ قويدۇق.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَنْشَأْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ قَرْنًا آخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا بىر قەۋم پەيدا قىلدۇق[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن كېيىن باشقا نەسىللەرنى ياراتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن بىز نۇھ قەۋمىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا بىر نەسىل پەيدا قىلدۇق.
23 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذَتْهُمُ الصَّيْحَةُ بِالْحَقِّ فَجَعَلْنَاهُمْ غُثَاءً ۚ فَبُعْدًا لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەقلىق رەۋىشتە قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك بولدى. ئۇلارنى بىز لۆجە قىلىۋەتتۇق، زالىم قەۋم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى قاتتىق ئاۋاز ھەقلىق رەۋىشتە ھالاك قىلدى؛ ئاندىن بىز ئۇلارنى كۆپۈك قىلىۋەتتۇق، ھالاكەت زالىم قەۋملەرگە بولسۇن!
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېلىشكە تېگىشلىك بولغان دەھشەتلىك ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى. بىز ئۇلارنى لۆجە قىلىۋەتتۇق. يوقالسۇن زالىملار گۇرۇھى!
23 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَنْشَأْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ قُرُونًا آخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، باشقا بىر قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن كېيىن باشقا نەسىللەرنى ياراتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا نەسىللەر پەيدا قىلدۇق.
23 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا تَتْرَىٰ ۖ كُلَّ مَا جَاءَ أُمَّةً رَسُولُهَا كَذَّبُوهُ ۚ فَأَتْبَعْنَا بَعْضَهُمْ بَعْضًا وَجَعَلْنَاهُمْ أَحَادِيثَ ۚ فَبُعْدًا لِقَوْمٍ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇ ئارقا ئەۋەتتۇق، ھەر ئۈممەتكە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى ئارقىمۇ ئارقا ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى (كىشىلەرگە) ھېكايە قىلىپ قالدۇردۇق، ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق، ھەر ئۈممەتكە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى ئارقىمۇ ئارقا ھالاك قىلدۇق ۋە ئۇلارنى كىشىلەرگە ھېكايە قىلىپ قالدۇردۇق، ھالاكەت ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە بولسۇن
ئەنەس ئالىم: ئاندىن بىز ئەلچىلىرىمىزنى ئارقا - ئارقىدىن ئەۋەتتۇق. قاچانىكى بىرەر ئۇممەتكە ئۆز ئەلچىسى كەلسە، ئۇ ئۇممەت ئۇ ئەلچىنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇلارنى بىر - بىرلەپ ھالاك قىلىپ ئىبرەتلىك قىسسەلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق. يوقالسۇن ئىمان ئېيتمىغانلار گۇرۇھى!
23 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا عَالِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى[45ـ46].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا. ئۇلار بولسا ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئىماندىن باش تارتتى، ئۇلار مۇتەكەببىر قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە. ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ ئىمان ئېيتمىدى. ئۇلار تەكەببۇر قەۋم ئىدى.
فۇرقان سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُلْنَا اذْهَبَا إِلَى الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَدَمَّرْنَاهُمْ تَدْمِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە بېرىڭلار» دېدۇق، (ئۇ قەۋم كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن) ئۇلارنى دەھشەتلىك تۈردە ھالاك قىلدۇق[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە بېرىڭلار» دېدۇق، ئاخىرىدا ئۇلارنى دەھشەتلىك تۈردە ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇ ئىككىسىگە: «ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ يېنىغا بېرىڭلار» دېدۇق. ئاخىرىدا بىز ئۇ قەۋمنى تەلتۈكۈس ھالاك قىلىۋەتتۇق.
25 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَوْمَ نُوحٍ لَمَّا كَذَّبُوا الرُّسُلَ أَغْرَقْنَاهُمْ وَجَعَلْنَاهُمْ لِلنَّاسِ آيَةً ۖ وَأَعْتَدْنَا لِلظَّالِمِينَ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا ئۇلارنى غەرق قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنى كىشىلەرگە ئىبرەت قىلدۇق، زالىملارغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا ئۇلارنى غەرق قىلدۇق ۋە ئۇلارنى كىشىلەرگە ئىبرەت قىلدۇق. زالىملارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلدۇق. بىز ئۇلارنى، ئەلچىلىرىمىزنى ئىنكار قىلىشقان چاغلىرىدا سۇغا غەرق قىلدۇق ۋە ئۇلارنى ئىنسانلار ئۈچۈن ئىبرەت قىلدۇق. زالىملارغا ناھايىتى ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق.
25 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَادًا وَثَمُودَ وَأَصْحَابَ الرَّسِّ وَقُرُونًا بَيْنَ ذَٰلِكَ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاد قەۋمىنى، سەمۇد قەۋمىنى، رەس ئاھالىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھەم (ھالاك قىلدۇق)[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاد قەۋمىنى، سەمۇد قەۋمىنى، رەس ئاھالىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنىمۇ ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئادنى، سەمۇدنى، رەسسىلىكلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زامانلاردا ياشىغان نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق.
25 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَكُلًّا ضَرَبْنَا لَهُ الْأَمْثَالَ ۖ وَكُلًّا تَبَّرْنَا تَتْبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ھەربىر قەۋمگە نۇرغۇن مىساللارنى بايان قىلدۇق، (ۋەز ـ نەسىھەت ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن) ھەربىر قەۋمنى ھالاك قىلدۇق[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەربىر قەۋمگە نۇرغۇن مىساللارنى بايان قىلدۇق ۋە ھەربىر قەۋمنى ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە مىساللارنى بايان قىلىپ ئاگاھلاندۇردۇق ۋە ھەممىسىنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتتۇق.
25 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَتَوْا عَلَى الْقَرْيَةِ الَّتِي أُمْطِرَتْ مَطَرَ السَّوْءِ ۚ أَفَلَمْ يَكُونُوا يَرَوْنَهَا ۚ بَلْ كَانُوا لَا يَرْجُونَ نُشُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەقىقەتەن (شامغا بېرىپ كېلىشتە) يامان يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇرۇلغان شەھەردىن ئۆتىدۇ، ئەجەبا ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ (ئىبرەت ئالمامدۇ؟) ياق (يەنى ئىبرەت ئالمايدۇ)، ئۇلار (قىيامەت كۈنى) قايتا تىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەقىقەتەن -شامغا بېرىپ كېلىشتە- يامان يامغۇر -تاش- ياغدۇرۇلغان شەھەردىن ئۆتىدۇ، ئەجەبا ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ ئىبرەت ئالمامدۇ؟ ياق، ئۇلار قايتا تىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ مۇشرىكلار تاش ياغدۇرۇلغان يۇرتقا كەلدى. ئۇلار ئۇ يۇرتنى كۆرمەمدۇ؟ بەلكى ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ.
شۇئەرا سۈرىسى
42 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
قَوْمَ فِرْعَوْنَ ۚ أَلَا يَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار) پىرئەۋننىڭ قەۋمىدۇر، ئۇلار (ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن) قورقمامدۇ؟»[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋننىڭ قەۋمىگە، ئۇلار قورقمامدۇ؟»
ئەنەس ئالىم: يەنى فىرئەۋننىڭ قەۋمىنىڭ يېنىغا بارغىن. ئۇلار تەقۋادار بولمامدۇ؟»
26 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَأْتِيَا فِرْعَوْنَ فَقُولَا إِنَّا رَسُولُ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر پىرئەۋنگە بېرىپ: بىز ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىسىمىز[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر پىرئەۋنگە بېرىپ: «بىز ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمىز
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: ‹بىز ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىدۇرمىز.
26 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَلَمْ نُرَبِّكَ فِينَا وَلِيدًا وَلَبِثْتَ فِينَا مِنْ عُمُرِكَ سِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار پىرئەۋنگە كېلىپ ئەلچىلىكنى يەتكۈزدى)، پىرئەۋن (مۇساغا) ئېيتتى: «سېنى بىز ئۆيىمىزدە كىچىكىڭدىن تەربىيەلەپ چوڭ قىلمىدۇقمۇ؟ ئارىمىزدا كۆپ يىللار تۇرمىدىڭمۇ؟[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «سېنى بىز ئۆيىمىزدە كىچىكىڭدىن تەربىيلەپ چوڭ قىلمىدۇقمۇ؟ ئارىمىزدىمۇ كۆپ يىللار تۇردۇڭ
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «بىز سېنى بالا چېغىڭدا ئارىمىزغا ئېلىپ تەربىيەلىمىدۇقمۇ؟ ئۆمرۈڭدىن يىللارنى ئارىمىزدا تۇرۇپ ئۆتكۈزدۈڭ،
26 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَفَعَلْتَ فَعْلَتَكَ الَّتِي فَعَلْتَ وَأَنْتَ مِنَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ھېلىقى قىلغان ئىشىڭنى قىلمىدىڭمۇ؟ (يەنى قىبتىنى ئۆلتۈرمىدىڭمۇ؟) سەن تۇزكورلاردىنسەن»[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئاخىرىدا سەن قىلغان ھېلىقى يامان ئىشچۇ؟ سەن تۇزكورلاردىنسەن»
ئەنەس ئالىم: قىلغان ھېلىقى قىلمىشىڭنى قىلدىڭ. سەن تۇزكورلاردىنسەن!».
26 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَتِلْكَ نِعْمَةٌ تَمُنُّهَا عَلَيَّ أَنْ عَبَّدْتَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلدىڭ، سېنىڭ ماڭا مىننەت قىلغان نېمىتىڭ ئەنە شۇدۇر»[
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ ماڭا مىننەت قىلغان ئۇ نېمىتىڭ» سېنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلىشىڭدۇر
ئەنەس ئالىم: سېنىڭ ماڭا مىننىتىنى قىلغان ياخشىلىقىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلىشىڭدىن بولغان».
26 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فِرْعَوْنُ وَمَا رَبُّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى دېگەن نېمە؟»[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئالەملەرنىڭ رەببى دېگەن نېمە؟»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «ئالەملەرنىڭ رەببى دېگەن نېمە؟» دېدى.
26 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لِمَنْ حَوْلَهُ أَلَا تَسْتَمِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: «(ئۇنىڭ جاۋابىنى) ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دېدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: «ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: «ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دېدى.
26 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّ رَسُولَكُمُ الَّذِي أُرْسِلَ إِلَيْكُمْ لَمَجْنُونٌ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن (بۇ) ئەلچى ئەلۋەتتە مەجنۇندۇر»[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە ئەۋەتىلگەنئەلچى ئەلۋەتتە مەجنۇندۇر»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ ئەلچىڭلار جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېدى.
26 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَئِنِ اتَّخَذْتَ إِلَٰهًا غَيْرِي لَأَجْعَلَنَّكَ مِنَ الْمَسْجُونِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر مەندىن غەيرىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلايمەن»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر مەندىن غەيرىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلايمەن»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «ئەگەر مەندىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلانغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلىۋېتىمەن» دېدى1.
26 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَأْتِ بِهِ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر سۆزۈڭ راست بولسا روشەن دەلىلىڭنى كەلتۈرگىن»[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، روشەن دەلىلىڭنى كەلتۈرگىن»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «قېنى دەلىلىڭنى ئوتتۇرىغا قويغىن، ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ!» دېدى.
26 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لِلْمَلَإِ حَوْلَهُ إِنَّ هَٰذَا لَسَاحِرٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن چۆرىسىدىكى (قەۋمنىڭ) چوڭلىرىغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، (بۇ ھەقتە) نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»[34ـ35]
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن چۆرىسىدىكى قەۋمنىڭ چوڭلىرىغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن چۆرىسىدىكى مەرتىۋىلىك كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن.
26 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُ أَنْ يُخْرِجَكُمْ مِنْ أَرْضِكُمْ بِسِحْرِهِ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن چۆرىسىدىكى (قەۋمنىڭ) چوڭلىرىغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، (بۇ ھەقتە) نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»[34ـ35]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن سېھرى بىلەن چىقىرىۋەتمەكچى. نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟».
26 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَرْجِهْ وَأَخَاهُ وَابْعَثْ فِي الْمَدَائِنِ حَاشِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تەخىر قىلغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغقۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «مۇسانى ۋە قېرىندىشىنى تەخىر قىلغىن ۋە شەھەرلەرگە يىققۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنى ۋە قېرىندىشىنى نەزەربەند قىلغىن ۋە شەھەرلەرگە توپلىغۇچىلار يوللىغىن.
26 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
يَأْتُوكَ بِكُلِّ سَحَّارٍ عَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سېنىڭ ھوزۇرۇڭغا ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلسۇن»[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سېنىڭ ھوزۇرۇڭغا ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلسۇن»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئەڭ ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يېنىڭغا ئېلىپ كەلسۇن».
26 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
فَجُمِعَ السَّحَرَةُ لِمِيقَاتِ يَوْمٍ مَعْلُومٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇئەييەن كۈندىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا سېھىرگەرلەر توپلاندى[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئەييەن كۈندىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا سېھىرگەرلەر توپلاندى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مەلۇم بىر كۈننىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەر توپلاندى.
26 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَقِيلَ لِلنَّاسِ هَلْ أَنْتُمْ مُجْتَمِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب چىقسا ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى[39 ـ 40].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارغا مۇنداق دېيىلدى: «قېنى توپلىنىڭلار.
26 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
لَعَلَّنَا نَتَّبِعُ السَّحَرَةَ إِنْ كَانُوا هُمُ الْغَالِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب چىقسا ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى[39 ـ 40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب چىقسا ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى
ئەنەس ئالىم: سېھىرگەرلەر غالىب كەلسە ئۇلارغا ئەگىشەرمىز».
26 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَ السَّحَرَةُ قَالُوا لِفِرْعَوْنَ أَئِنَّ لَنَا لَأَجْرًا إِنْ كُنَّا نَحْنُ الْغَالِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار پىرئەۋنگە: «ئەگەر غەلىبە قىلساق بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار پىرئەۋنگە: «ئەگەر غەلىبە قىلساق بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر كېلىپ فىرئەۋنگە: «ئەگەر غالىب كەلگۈچىلەر بىز بولساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟» دېدى.
26 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ نَعَمْ وَإِنَّكُمْ إِذًا لَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن: « ھەئە، ئۇ چاغدا (سىلەرگە مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن ئادەملىرىمدىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدى[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن: « ھەئە، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن ئادەملىرىمدىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «ئەلۋەتتە، ھەمدە چوقۇم يېقىنلىرىمدىن بولىسىلەر» دېدى.
26 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَلْقَوْا حِبَالَهُمْ وَعِصِيَّهُمْ وَقَالُوا بِعِزَّةِ فِرْعَوْنَ إِنَّا لَنَحْنُ الْغَالِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئارغامچىلىرىنى، ھاسىلىرىنى تاشلىدى. ئۇلار: «پىرئەۋننىڭ كاتتىلىقى بىلەن قەسەمكى، بىز شەك شۈبھىسىز غەلىبە قىلىمىز» دېدى[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئارغامچىلىرىنى، ھاسسىلىرىنى تاشلىدى ۋە «پىرئەۋننىڭ كاتتىلىقى بىلەن قەسەمكى، بىز شەك شۈبھىسىز غەلىبە قىلىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئارغامچىلىرىنى، ھاسىلىرىنى تاشلىدى ۋە: «فىرئەۋننىڭ ئىززىتى بىلەن قەسەمكى، بىز چوقۇم غالىب كېلىمىز» دېيىشتى.
26 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
فَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سَاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىھىرگەرلەر سەجدىگە باردى[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن سىھىرگەرلەر سەجدىگە باردى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە باش قويۇپ،
26 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ آمَنْتُمْ لَهُ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّهُ لَكَبِيرُكُمُ الَّذِي عَلَّمَكُمُ السِّحْرَ فَلَسَوْفَ تَعْلَمُونَ ۚ لَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ مِنْ خِلَافٍ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن: «مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ سىلەر مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول قولۇڭلار بىلەن ئوڭ پۇتۇڭلارنى) كېسىمەن، ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن» دېدى[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن: «مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ سىلەر مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، مەن قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ كېسىمەن ۋە ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلماستىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار. دېمەككى، ئۇ سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن بۈيۈكۈڭلاردۇر. يېقىندا كۆرگۈلۈكىڭلارنى كۆرىسىلەر. قوللىرىڭلارنى ۋە پۇتلىرىڭلارنى چوقۇم چاپراس شەكىلدە كەستۈرىمەن. ئاندىن كېيىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاستۇرىمەن».
26 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرْسَلَ فِرْعَوْنُ فِي الْمَدَائِنِ حَاشِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن شەھەرلەرگە (ئەسكەر) توپلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن شەھەرلەرگە توپلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن شەھەرلەرگە توپلىغۇچىلار ئەۋەتتى.
26 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰؤُلَاءِ لَشِرْذِمَةٌ قَلِيلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (پىرئەۋن ئېيتتىكى:) «بۇ كىشىلەر ھەقىقەتەن بىر ئوچۇم ئادەملەردۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: -پىرئەۋن ئېيتتىكى-: «بۇ كىشىلەر ھەقىقەتەن بىر ئوچۇم ئادەملەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن ئاز سانلىق گۇرۇپپىلاردىن تەركىب تاپقان قەدىرسىز گۇرۇھتۇر.
26 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّهُمْ لَنَا لَغَائِظُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرۈپ قويدى[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرۈپ قويدى
ئەنەس ئالىم: ھەقىقەتەن ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرمەكتىدۇر.
26 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّا لَجَمِيعٌ حَاذِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ئېھتىياتچان جامائەمىز»[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ئېھتىياتچان جامائەمىز»
ئەنەس ئالىم: بىز بولساق، ئېھتىياتچان بىر جامائەمىز».
26 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخْرَجْنَاهُمْ مِنْ جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق[57ـ58].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز ئولارنى باغلاردىن، بۇلاقلاردىن ئايرىۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: نەتىجىدە بىز ئۇلارنى باغلاردىن ۋە بۇلاقلاردىن چىقىرىۋەتتۇق.
26 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَكُنُوزٍ وَمَقَامٍ كَرِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق[57ـ58].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل ماقامدىن ئايرىۋەتتۇق.
26 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ وَأَوْرَثْنَاهَا بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بەنى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەردۇق[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بەنى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: ئىش ئەنە شۇنداق بولدى. بىز ئۇ نەرسىلەرنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا مىراس قىلىپ بەردۇق.
26 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَتْبَعُوهُمْ مُشْرِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى) ئۇلارنى كۈن چىققان چاغدا قوغلاپ چىقتى[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار -يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى- ئۇلارنى كۈن چىققان چاغدا قوغلاپ چىقتى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن ۋە ئادەملىرى ئۇلارنى كۈن چىقىپ ئەتراپنى يورۇتقاندا قوغلاپ كەلدى.
26 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا تَرَاءَى الْجَمْعَانِ قَالَ أَصْحَابُ مُوسَىٰ إِنَّا لَمُدْرَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىككى توپ (يەنى پىرئەۋن توپى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توپى) بىر ـ بىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشقان چاغدا، مۇسانىڭ ئادەملىرى: «ئۇلار: (يەنى پىرئەۋن بىلەن قوشۇنى)بىزگە چوقۇم يېتىشىۋالىدىغان بولدى» دېدى[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىككى توپ بىر ـ بىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشقان چاغدا، مۇسانىڭ ئادەملىرى: «ئۇلار: بىزگە چوقۇم يېتىشىۋالىدىغان بولدى» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى كۆرگەن ئىدى، مۇسانىڭ قېرىنداشلىرى: «چوقۇم تۇتۇلۇپ قالىدىغان بولدۇق» دېيىشتى.
26 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَزْلَفْنَا ثَمَّ الْآخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىككىنچى بىر گۇرۇھنى بۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق (يەنى پىرئەۋن بىلەن قوشۇنىنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارقىسىدىن دەرياغا كىرگۈزدۇق)[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىككىنچى گۇرۇھنى بۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق
ئەنەس ئالىم: باشقىلارنى ئۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق.
26 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَغْرَقْنَا الْآخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئىككىنچى گۇرۇھنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمىنى) غەرق قىلدۇق[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئىككىنچى گۇرۇھنى غەرق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن باشقىلارنى غەرق قىلدۇق.
26 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ عَادٌ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاد -خەلقى- پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاد قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى.
26 : 139 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَأَهْلَكْنَاهُمْ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇنى (يەنى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى بىز ھالاك قىلدۇق، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى[139].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھۇدنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
ئەنەس ئالىم: دېمەك، ئۇلار ھۇدنى يالغانچى دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى.
26 : 141 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ ثَمُودُ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى[141].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇد -خەلقى- پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: سەمۇد قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېدى.
26 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَقَرُوهَا فَأَصْبَحُوا نَادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نادامەتكە قالدى[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمما ئۇلار ئۇ چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نادامەتكە قالدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بۇنىڭغا قارىماي ئۇ تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى، ئارقىسىدىنلا پۇشايمان قىلدى.
26 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ دَمَّرْنَا الْآخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق[172].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن باشقىلارنى ھالاك قىلدۇق.
26 : 173 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ مَطَرًا ۖ فَسَاءَ مَطَرُ الْمُنْذَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان![173].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر ياغدۇردۇق، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر تۈرلۈك يامغۇر ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ يامغۇرى نېمىدېگەن يامان!
26 : 189 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمْ عَذَابُ يَوْمِ الظُّلَّةِ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى سايە كۈنىنىڭ ئازابى ھالاك قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى ئىدى[189].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى سايە كۈنىنىڭ ئازابى ھالاك قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى ئىدى
ئەنەس ئالىم: دېمەك، ئۇلار شۇئەيبنى يالغانچى دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سايە كۈنىنىڭ ئازابى تۇتتى. ئۇ ھەقىقەتەن چوڭ كۈننىڭ ئازابى ئىدى4.
26 : 197 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَكُنْ لَهُمْ آيَةً أَنْ يَعْلَمَهُ عُلَمَاءُ بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئابدۇللا ئىبنى سالام ۋە ئۇنىڭ ئىمان ئېيتقان ھەمراھلىرىغا ئوخشاش) بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى مۇشرىكلارغا (قۇرئاننىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بولمامدۇ؟[197]
تەرجىمە ھەيئىتى: بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى مۇشرىكلارغا دەلىل بولمامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى ئۇلار ئۈچۈن دەلىل بولمامدۇ؟
26 : 208 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَهْلَكْنَا مِنْ قَرْيَةٍ إِلَّا لَهَا مُنْذِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قانداقلىكى شەھەر بولمىسۇن، ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگۈچە، ئۇنى ھالاك قىلمىدۇق، (ئۇلارنى جازالاشتا) بىز زالىم بولمىدۇق[208ـ209].
تەرجىمە ھەيئىتى: قانداقلىكى شەھەر بولمىسۇن، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگىچە، ئۇنى ھالاك قىلمىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ھېچبىر يۇرتنى ئاگاھلاندۇرغۇچىلىرى بولماستىن ھالاك قىلمىدۇق.
نەمىل سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ مَكْرِهِمْ أَنَّا دَمَّرْنَاهُمْ وَقَوْمَهُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنكى، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنكى، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: قارىغىنا! ئۇلارنىڭ پىلانىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ بىز ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق.
27 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَتِلْكَ بُيُوتُهُمْ خَاوِيَةً بِمَا ظَلَمُوا ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەنە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى (ئادەمزاتتىن) خالىي بولۇپ قالدى. ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا (چوڭ) ئىبرەت بار[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەنە ئۇلارنىڭ چۆكۈپ كەتكەن ئۆيلىرى. بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئىبرەت بار
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ، زالىملىقلىرى تۈپەيلىدىن خارابىگە ئايلانغان ئۆيلىرى. بۇنىڭدا بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن چوقۇم ئايەت بار.
27 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىن: «زېمىندا سەير قىلىڭلار، گۇناھكارلار (يەنى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغۇچىلار) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار» (ئۇلارنى ئاللاھ ھالاك قىلمىدىمۇ؟ ئىلگىرىكى كۇففارلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن كېيىنكى كۇففارلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ)[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئېيتقىنكى: «زېمىندا سەير قىلىڭلار، گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار!».
27 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰذَا الْقُرْآنَ يَقُصُّ عَلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ أَكْثَرَ الَّذِي هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان) بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرىنىڭ كۆپىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ قۇرئان، ھەقىقەتەن ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلغان نەرسىلىرىنىڭ كۆپىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ قۇرئان ئىسرائىل ئەۋلادىغا، ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرىنىڭ تولىسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
قەسەس سۈرىسى
18 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
نَتْلُو عَلَيْكَ مِنْ نَبَإِ مُوسَىٰ وَفِرْعَوْنَ بِالْحَقِّ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ساڭا مۇسا ۋە پىرئەۋن قىسسەسىنى ھەقلىق ئاساستا ئوقۇپ بېرىمىز[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ساڭا مۇسا ۋە پىرئەۋن قىسسىسىنى توغرا رەۋىشتە ئوقۇپ بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ساڭا مۇسا بىلەن فىرئەۋننىڭ بىر قىسىم خەۋەرلىرىنى ئىمان ئېيتىدىغانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئەينەن ئوقۇپ بېرىمىز.
28 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِرْعَوْنَ عَلَا فِي الْأَرْضِ وَجَعَلَ أَهْلَهَا شِيَعًا يَسْتَضْعِفُ طَائِفَةً مِنْهُمْ يُذَبِّحُ أَبْنَاءَهُمْ وَيَسْتَحْيِي نِسَاءَهُمْ ۚ إِنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن (مىسىر) زېمىنىدا (زومىگەرلىكتە) ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپە (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى بوزەك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇردى، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن -مىسىر- زېمىنىدا -زومىگەرلىكتە- ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپە -ئىسرائىل- نى بوزەك قىلدى. ئۇلاردىن ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى تىرىك قالدۇردى، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مەملىكىتىدە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ زومىگەرلىك قىلدى، مەملىكىتىنىڭ خەلقىنى پىرقىلەرگە ئايرىدى. ئۇ ئۇلاردىن بىر تائىپىنى بوزەك قىلاتتى: ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى بوغۇزلاتقۇزۇپ، قىزلىرىنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. ئۇ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى.
28 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُمَكِّنَ لَهُمْ فِي الْأَرْضِ وَنُرِيَ فِرْعَوْنَ وَهَامَانَ وَجُنُودَهُمَا مِنْهُمْ مَا كَانُوا يَحْذَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگە قىلماقچىمىز، بىز پىرئەۋنگە، (ۋەزىرى) ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا ئۇلار (يەنى بوزەك قىلىنغانلار) دىن قورقىدىغان نەرسىنى كۆرسىتىمىز[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدا كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگە قىلماقچىمىز، بىز پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا ئۇلار قورققان نەرسىلىرىنى كۆرسىتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز يەنە ئۇلارنى ئۇ مەملىكەتتە ھاكىمىيەت ئىگىسى قىلىشنى، فىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ قوشۇنلىرىغا ئۇلاردىن قورققان نەرسىلىرىنى كۆرسىتىشنى ئىرادە قىلاتتۇق.
28 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْتَقَطَهُ آلُ فِرْعَوْنَ لِيَكُونَ لَهُمْ عَدُوًّا وَحَزَنًا ۗ إِنَّ فِرْعَوْنَ وَهَامَانَ وَجُنُودَهُمَا كَانُوا خَاطِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى. ئاقىۋەت (مۇسا) ئۇلارغا دۈشمەن ۋە خاپىلىق بولدى. شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى ئاقىۋەت ئۆزلىرىگە دۈشمەن، ۋە خاپىلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇنى سۈزۈۋالدى. شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسانى فىرئەۋننىڭ ئائىلىسى تېپىۋالدى. ئۇ، ئاقىۋەت ئۇلارغا دۈشمەن ۋە باشلىرىغا دەرد بولاتتى. فىرئەۋن، ھامان ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ قوشۇنلىرى ھەقىقەتەن خاتالاشقان ئىدى.
28 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتِ امْرَأَتُ فِرْعَوْنَ قُرَّتُ عَيْنٍ لِي وَلَكَ ۖ لَا تَقْتُلُوهُ عَسَىٰ أَنْ يَنْفَعَنَا أَوْ نَتَّخِذَهُ وَلَدًا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋننىڭ ئايالى: «(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا كۆز نۇرى (يەنى خۇشاللىق) بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار (پىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى) ئۇقمايتتى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋننىڭ ئايالى: «-بۇ بالا- ماڭا ۋە ساڭا كۆزنۇرى بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار -ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى- ئۇقمايتتى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ ئايالى: «بۇ ماڭىمۇ، ساڭىمۇ خۇشاللىق مەنبەسى بولىدىغان ئوماق بىر بالا! ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، كەلگۈسىدە بىزگە ئەسقېتىشى مۇمكىن ياكى ئۇنى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن خاتا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى تۇيمايتتى.
28 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
اسْلُكْ يَدَكَ فِي جَيْبِكَ تَخْرُجْ بَيْضَاءَ مِنْ غَيْرِ سُوءٍ وَاضْمُمْ إِلَيْكَ جَنَاحَكَ مِنَ الرَّهْبِ ۖ فَذَانِكَ بُرْهَانَانِ مِنْ رَبِّكَ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز (بىر پارچە ئايدەك پارلاپ) ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭنى يىغىۋالغىن (يەنى قوينۇڭغا سېلىۋالغىن)، بۇ ئىككىسى پىرئەۋنگە (ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ) چوڭلىرىغا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن (بىزنىڭ ئىتائىتىمىزدىن چىققۇچى) پاسىق قەۋم ئىدى»[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭنى يىغىۋالغىن، بۇ ئىككىسى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى»
ئەنەس ئالىم: قولۇڭنى قوينۇڭغا تىققىن، نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق چىقىدۇ. قورققانلىقىڭ ئۈچۈن ئېچىلغان قوللىرىڭنى يىغىۋالغىن. ئەنە شۇ ئىككىسى، فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە قارشى رەببىڭ ساڭا بەرگەن ئىككى دەلىلدۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋمدۇر».
28 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَهُمْ مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا بَيِّنَاتٍ قَالُوا مَا هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُفْتَرًى وَمَا سَمِعْنَا بِهَٰذَا فِي آبَائِنَا الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردۇر، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ (زامانىدا) بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدۇق» دېدى[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردۇر، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىدا بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدۇق» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا روشەن ئايەتلىرىمىزنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «بۇ پەقەت ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردىنلا ئىبارەت. بىز بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا بۇنداق نەرسە بارلىقىنى ئاڭلىمىدۇق» دېدى.
28 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ مَا عَلِمْتُ لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرِي فَأَوْقِدْ لِي يَا هَامَانُ عَلَى الطِّينِ فَاجْعَلْ لِي صَرْحًا لَعَلِّي أَطَّلِعُ إِلَىٰ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُ مِنَ الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ۋن ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان، مېنىڭ ئۈچۈن پىششىق خىش پىشۇرۇپ ئېگىز بىر بىنا سالغىن، مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرۈشۈم مۇمكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى (ئاسماندا بىر پەرۋەردىگار بار دېگەن دەۋاسىدا) يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمەن»[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان، مېنىڭ ئۈچۈن پىششىق خىش پىشۇرۇپ ئېگىز بىر بىنا سالغىن، مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرۈشۈم مۇمكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى يالغانچىلاردىن بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمەن»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى جانابلار! سىلەرنىڭ مەندىن باشقا ئىلاھىڭلار بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان! مەن ئۈچۈن لاينىڭ ئۈستىگە ئوت ياققىن. ئاندىن مەن ئۈچۈن ساراي سالغىن، چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. مەن مۇسانى يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمەن».
28 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْتَكْبَرَ هُوَ وَجُنُودُهُ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ إِلَيْنَا لَا يُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى (مىسىر) زېمىنىدا زۇلۇم قىلىپ (ئىمان ئېيتىشقا) بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى بىز تەرەپكە قايتۇرۇلمايمىز (يەنى قىيامەت ۋە قايتا تىرىلىش يوق، ھېساب ئېلىنىشمۇ، جازاغا تارتىلىشمۇ يوق) دەپ گۇمان قىلدى[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى زېمىندا زۇلۇم قىلىپ بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىزتەرەپكە قايتۇرۇلمايدىغانلىقلىرىنى گۇمان قىلدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۇ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشقا ھەققى يوق ئىدى. ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا «قايتۇرۇلمايمىز» دەپ گۇمان قىلدى.
28 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذْنَاهُ وَجُنُودَهُ فَنَبَذْنَاهُمْ فِي الْيَمِّ ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتۇق (يەنى ئۇلارنى دېڭىزدا غەرق قىلىۋەتتۇق، ئۇلاردىن بىر ئادەممۇ ساق قالغىنى يوق). (ئى مۇھەممەد!) زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىغىن[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق؛ ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتۇق، ئۇنداقتا زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا ئاتتۇق. قارىغىنا، ئۇ زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
28 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَاهُمْ أَئِمَّةً يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ لَا يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى بىز دوزاخقا ئۈندەيدىغان پېشۋالار قىلدۇق (يەنى ئۇلارنى بىز دۇنيادا گۇمراھلار ئەگىشىدىغان كۇفرىنىڭ باشلىقلىرى قىلدۇق)، قىيامەت كۈنى ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ (يەنى قىيامەت كۈنى ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىدىغان مەدەتكار بولمايدۇ)[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى بىز دوزاخقا ئۈندەيدىغان پېشۋالار قىلدۇق، قىيامەت كۈنى ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى دوزاخقا چاقىرىدىغان كاتتىۋاشلار قىلدۇق. قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ياردەم قىلىنمايدۇ.
28 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَتْبَعْنَاهُمْ فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا لَعْنَةً ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ هُمْ مِنَ الْمَقْبُوحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەتنى ئەگەشتۈردۇق (يەنى ئۇلارغا بۇ دۇنيادا ئاللاھ، پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر لەنەت ئوقۇيدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغۇچىلاردۇر[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەتنى ئەگەشتۈردۇق، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت ئەگەشتۈردۇق. ئۇلار قىيامەت كۈنى يىرگىنچلىك ھالەتكە كەلتۈرۈلىدىغانلاردىن بولىدۇ.
28 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَهُمُ الْحَقُّ مِنْ عِنْدِنَا قَالُوا لَوْلَا أُوتِيَ مِثْلَ مَا أُوتِيَ مُوسَىٰ ۚ أَوَلَمْ يَكْفُرُوا بِمَا أُوتِيَ مُوسَىٰ مِنْ قَبْلُ ۖ قَالُوا سِحْرَانِ تَظَاهَرَا وَقَالُوا إِنَّا بِكُلٍّ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىز ۋەھىي قىلغان ھەقىقەت نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «(تەۋرات بىلەن قۇرئان) بىر ـ بىرىنى تەستىق قىلىدىغان سېھىردۇر» دېدى. ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن (ئىككى كىتابنىڭ) ھەربىرىنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېدى[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىزنىڭ تەرىپىدىن ھەقىقەت كەلگەندە ئۇلار: «ئۇنىڭغا نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەنلەر بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەنلەرنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «تەۋرات بىلەن قۇرئان، بىر ـ بىرىنى تەستىق قىلىدىغان سېھىرلەردۇر» دېدى. ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن ھەممىسىنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلارغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ھەق كەلگەندە: «بۇنىڭغا، نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىلەرگە ئوخشاش مۆجىزىلەر بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «بىر - بىرى بىلەن ياردەملەشكەن ئىككى سېھىر1» دېدى ۋە: «بىز ھېچبىرىگە ئىشەنمەيمىز» دېدى.
28 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِهِ هُمْ بِهِ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئاندىن ئىلگىرى بىز كىتاب (يەنى ئىنجىل، تەۋرات) نازىل قىلغانلار (يەنى ناسارا ۋە يەھۇدىيلارنىڭ مۆمىنلىرى) قۇرئانغا ئىشىنىدۇ[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاندىن ئىلگىرى بىز كىتاب نازىل قىلغانلار قۇرئانغا ئىشىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىتاب بەرگەنلەر قۇرئانغا ئىشىنىدۇ.
28 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا يُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ قَالُوا آمَنَّا بِهِ إِنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّنَا إِنَّا كُنَّا مِنْ قَبْلِهِ مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار: «بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر. بىز ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدۇق» دەيدۇ[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار: «بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ رەببىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر. بىز ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدۇق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار، ئۆزلىرىگە قۇرئان ئوقۇلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇنىڭغا ئىشەندۇق. بۇ، چوقۇم رەببىمىزدىن كەلگەن ھەقتۇر. بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇسۇلمان ئىدۇق».
28 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَرْيَةٍ بَطِرَتْ مَعِيشَتَهَا ۖ فَتِلْكَ مَسَاكِنُهُمْ لَمْ تُسْكَنْ مِنْ بَعْدِهِمْ إِلَّا قَلِيلًا ۖ وَكُنَّا نَحْنُ الْوَارِثِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز نۇرغۇن شەھەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى كەيىپ ـ ساپالىق تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدۇر، ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن (ئۇ جايلاردا) ئازغىنا ۋاقىتتىن تاشقىرى ئادەم تۇرغان ئەمەس، ئۇلار (نىڭ مال ـ مۈلكى ۋە يۇرتىغا) بىز ۋارىسلىق قىلدۇق[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز نۇرغۇن شەھەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى كەيىپ ـ ساپالىق تۇرمۇش كۆچۈرەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدۇر، ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن ئازغىنا ۋاقىتتىن تاشقىرى ئادەم تۇرغان ئەمەس، ئۇلارغا بىز ۋارىسلىق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئاھالىسى باياشاتچىلىق ئىچىدە كەيپ - ساپا سۈرگەن نۇرغۇن يۇرتلارنى ھالاك قىلدۇق. ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ ماكانلىرى! ئۇلاردىن كېيىن ئۇ يەرلەرنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ھېچكىمگە قارارگاھ بولمىدى. ئۇلارغا بىز ۋارىس بولدۇق.
28 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّمَا أُوتِيتُهُ عَلَىٰ عِلْمٍ عِنْدِي ۚ أَوَلَمْ يَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ قَدْ أَهْلَكَ مِنْ قَبْلِهِ مِنَ الْقُرُونِ مَنْ هُوَ أَشَدُّ مِنْهُ قُوَّةً وَأَكْثَرُ جَمْعًا ۚ وَلَا يُسْأَلُ عَنْ ذُنُوبِهِمُ الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قارۇن: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېدى. قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان (مېلى) تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى ئۇ بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ سورىلىشى (ئاللاھ بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن) ھاجەتسىزدۇر[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارۇن: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېدى. قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان پۇل-مېلى تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى ئۇ بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلار گۇناھلىرىدىن سورالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: قارۇن: «مەن بۇ بايلىققا ئۆزۈمنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بىلەن ئېرىشتىم» دېدى. قارۇن بىلمەمدۇكى، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭدىن كۈچلۈك ۋە باي نەسىللەرنى ھالاك قىلغان. گۇناھكارلار گۇناھلىرى توغرۇلۇق سورالمايدۇ.
28 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَصْبَحَ الَّذِينَ تَمَنَّوْا مَكَانَهُ بِالْأَمْسِ يَقُولُونَ وَيْكَأَنَّ اللَّهَ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَيَقْدِرُ ۖ لَوْلَا أَنْ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْنَا لَخَسَفَ بِنَا ۖ وَيْكَأَنَّهُ لَا يُفْلِحُ الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: تۈنۈگۈن تېخى قارۇننىڭ دەرىجىسىنى ئارزۇ قىلغانلار دېيىشتىكى، «پاھ، كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدىكەن، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدىكەن، ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلمىغان (يەنى ئارزۇ قىلغىنىمىزنى بەرگەن) بولسا ئىدى، بىزنى ئەلۋەتتە يەر يۇتاتتى، ۋاي كۆردۈڭمۇ؟ كاپىرلار نىجات تاپمايدۇ»[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: تۈنۈگۈن تېخى قارۇننىڭ دەرىجىسىنى ئارزۇ قىلغانلار دېيىشتىكى، «پاھ كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدىكەن، خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدىكەن، ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلمىغان بولسا ئىدى، بىزنى ئەلۋەتتە يەر يۇتاتتى، ۋاي كۆردۈڭمۇ؟ كاپىرلار نىجات تاپمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: تېخى تۈنۈگۈن قارۇننىڭ ئورنىدا بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلار بۈگۈن ئەتىگەن مۇنداق دېيىشتى: «پاھ، دېمەككى ئاللاھ رىزىقنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدىكەن، خالىغان كىشىگە تار قىلىدىكەن. ئەگەر ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلمىغان بولسا ئىدى، بىزنىمۇ يەرگە يۇتقۇزۇۋېتەتتى. پاھ، دېمەككى كافىرلار مۇرادىغا يېتەلمەيدىكەن».
ئەنكەبۇت سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ تَرَكْنَا مِنْهَا آيَةً بَيِّنَةً لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: چۈشۈنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئىبرەت قىلىپ) ئۇنىڭدىن (يەنى شەھەر خارابىسىنىڭ ئىزلىرىدىن) روشەن نىشاننى ھەقىقەتەن قالدۇردۇق[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن روشەن نىشاننى ھەقىقەتەن قالدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ يۇرتتىن، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋمگە روشەن ئايەت قالدۇردۇق.
29 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَادًا وَثَمُودَ وَقَدْ تَبَيَّنَ لَكُمْ مِنْ مَسَاكِنِهِمْ ۖ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ فَصَدَّهُمْ عَنِ السَّبِيلِ وَكَانُوا مُسْتَبْصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئادنى ۋە سەمۇدنى (ھالاك قىلدۇق)، (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ (ھىجازدىكى، يەمەندىكى) تۇرالغۇ جايلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھالاك بولغانلىقى مەلۇم بولدى، شەيتان ئۇلارغا (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن ئىبارەت) ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ئەقىل ئىگىلىرى ئىدى (لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلۇق يۈزىسىدىن ئەقلىنى جايىدا ئىشلەتمىدى)[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئادنى ۋە سەمۇدنىمۇ -ھالاك قىلدۇق-، -ئى ئەھلى مەككە!- سىلەرگە ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھالاك بولغانلىقى مەلۇم بولدى، شەيتان ئۇلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ئەقىل ئىگىلىرى ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنى ھالاك قىلدۇق. بۇنى سىلەرگە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. شەيتان ئۇلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن توسقان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئىدى.
29 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَارُونَ وَفِرْعَوْنَ وَهَامَانَ ۖ وَلَقَدْ جَاءَهُمْ مُوسَىٰ بِالْبَيِّنَاتِ فَاسْتَكْبَرُوا فِي الْأَرْضِ وَمَا كَانُوا سَابِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (دۇنيا ـ دەپنىسى نۇرغۇن) قارۇننى، پىرئەۋننى ۋە (ئۇنىڭ زۇلۇمدا ياردەمچى بولغان ۋەزىرى) ھاماننى (ھالاك قىلدۇق)، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن بويۇنتاۋلىق قىلدى)، ئۇلار (ئازابىمىزدىن) قېچىپ كېتەلمىدى[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: قارۇننى، پىرئەۋننى ۋە ھاماننىمۇ -ھالاك قىلدۇق-، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى، ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمىدى
ئەنەس ئالىم: قارۇن، فىرئەۋن ۋە ھاماننىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولدى. مۇسا ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى. لېكىن بىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.
29 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
فَكُلًّا أَخَذْنَا بِذَنْبِهِ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِ حَاصِبًا وَمِنْهُمْ مَنْ أَخَذَتْهُ الصَّيْحَةُ وَمِنْهُمْ مَنْ خَسَفْنَا بِهِ الْأَرْضَ وَمِنْهُمْ مَنْ أَغْرَقْنَا ۚ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ گۇناھكارلارنىڭ) ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق ئاۋاز ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (مال ـ مۈلكى بىلەن قوشۇپ) يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق، ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق تاۋۇش ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى سۇدا غەرق قىلدۇق، ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ئۆز گۇناھى سەۋەبىدىن جازالىدۇق: ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاشلار ياغدۇرىدىغان قاتتىق بوران ئەۋەتتۇق، بەزىسىنى قاتتىق ئاۋاز ھالاك قىلدى، بەزىسىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق، بەزىسىنى غەرق قىلدۇق. ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى.
29 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُجَادِلُوا أَهْلَ الْكِتَابِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ إِلَّا الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ ۖ وَقُولُوا آمَنَّا بِالَّذِي أُنْزِلَ إِلَيْنَا وَأُنْزِلَ إِلَيْكُمْ وَإِلَٰهُنَا وَإِلَٰهُكُمْ وَاحِدٌ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار ۋە فىدىيە بېرىشتىن باش تارتقۇچىلار) بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئېيتىڭلاركى، «بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز»[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئېيتىڭلاركى، «بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز»
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتاب بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار - ئۇلاردىن زۇلۇم قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا -، مۇنداق دەڭلار: «بىز، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق. بىزنىڭ ئىلاھىمىز ۋە سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىردۇر. بىز ئۇنىڭغا تەسلىم بولغۇچىلارمىز».
29 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ ۚ فَالَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يُؤْمِنُونَ بِهِ ۖ وَمِنْ هَٰؤُلَاءِ مَنْ يُؤْمِنُ بِهِ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِآيَاتِنَا إِلَّا الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) شۇنىڭدەك (يەنى سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە كىتاب نازىل قىلغاندەك) ساڭىمۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) نازىل قىلدۇق. بىز كىتاب بەرگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) دىن قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بۇلاردىن (يەنى مەككە ئاھالىسىدىن) مۇ قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت كاپىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئەنە شۇ شەكىلدە ساڭا كىتاب- قۇرئان- نى نازىل قىلدۇق، بىز كىتاب بەرگەنلەردىن قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بۇلاردىنمۇ قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت كاپىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىزگە كىتاب نازىل قىلغاندەك، ساڭىمۇ بۇ كىتابنى نازىل قىلدۇق. بىز كىتاب بەرگەنلەر بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. شۇلاردىنمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار بار. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت كافىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ.
رۇم سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
غُلِبَتِ الرُّومُ
مۇھەممەد سالىھ: رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر[2ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: رۇملۇقلار يېڭىلدى
ئەنەس ئالىم: رۇملۇقلار مەغلۇب بولدى،
30 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
فِي أَدْنَى الْأَرْضِ وَهُمْ مِنْ بَعْدِ غَلَبِهِمْ سَيَغْلِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر[2ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېقىن بىر جايدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن غەلىبە قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەڭ يېقىن يەردە. ئۇلار بۇ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن يېقىندا غەلىبە قىلىدۇ،
30 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً وَأَثَارُوا الْأَرْضَ وَعَمَرُوهَا أَكْثَرَ مِمَّا عَمَرُوهَا وَجَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ ۖ فَمَا كَانَ اللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يەر يۈزىدە كېزىپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار (يەنى ئۆتكەنلەر) قۇۋۋەتتە بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار زىرائەت تېرىشتا، ئىمارەت سېلىشتا بۇلار (يەنى قۇرەيشلەر) دىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى (لېكىن ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى). ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھسىز ھالاك قىلغىنى يوق)، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى (كۇفرى ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولۇشقا تېگىشلىك بولدى)[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇلار يەر يۈزىدە كېزىپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار قۇۋۋەتتە بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار يەر يۈزىنى قېزىپ ئاستىنى ئۈستىگە كەلتۈرگەن ئىدى ۋە ئۇلار يەريۈزىنى بۇلاردىن كۆپرەك تەرەققى قىلدۇرغان ئىدى. ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار زېمىننى قازغان ئىدى ۋە ئۇنى بۇلارنىڭ ئاۋاتلاشتۇرغىنىدىن بەكرەك ئاۋاتلاشتۇرغان ئىدى. ئۇلارغا ئۆز ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى.
30 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلُ ۚ كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار (ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ جايلىرىغا قاراڭلاركى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان، ئاللاھتائالا ئۇلارنىڭ دىيارلىرىنى خاراپ قىلىپ، ئۇلارنى ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت قىلدى). ئۇلارنىڭ تولىسى مۇشرىك ئىدى[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار، ئۇلارنىڭ تولىسى مۇشرىك ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «يەر يۈزىدە سەير قىلىپ بۇرۇنقىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار!» ئۇلارنىڭ تولىسى مۇشرىك ئىدى.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَهْدِ لَهُمْ كَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَبْلِهِمْ مِنَ الْقُرُونِ يَمْشُونَ فِي مَسَاكِنِهِمْ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ ۖ أَفَلَا يَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن قانچىلىغان ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ ئۇلار (يەنى مەككىلىكلەر) ئۇلار (يەنى ھالاك بولغانلار) نىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنىڭ كاتتىلىقىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار، ئۇلار ئاڭلىمامدۇ؟[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن قانچىلىغان ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ بۇلار، ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار، ئۇلار ئاڭلىمامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىز ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا تۈرتكە بولمىدىدۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار ئۇ نەسىللەر ياشىغان يەرلەردە مېڭىپ يۈرۈيدۇ! بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئايەتلەر بار. ئۇلار يەنىلا ئاڭلىمامدۇ؟
سەبەئ سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَانَ لِسَبَإٍ فِي مَسْكَنِهِمْ آيَةٌ ۖ جَنَّتَانِ عَنْ يَمِينٍ وَشِمَالٍ ۖ كُلُوا مِنْ رِزْقِ رَبِّكُمْ وَاشْكُرُوا لَهُ ۚ بَلْدَةٌ طَيِّبَةٌ وَرَبٌّ غَفُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سەبەئ قەۋمىگە ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايىدا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك) دەلىل بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر تۈركۈم باغلار، سول تەرىپىدە بىر تۈركۈم باغلار بار ئىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «پەرۋەردىگارىڭلار بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، (سىلەرنىڭ جايىڭلار) بەلەن جايدۇر، (سىلەرگە رىزىق بەرگەن پەرۋەردىگارىڭلار شۈكۈر قىلغۇچىنى) مەغپىرەت قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇر[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سەبەئ قەۋمىگە ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايىدا دەلىل بار ئىدى، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر تۈركۈم باغلار، سول تەرىپىدە بىر تۈركۈم باغلار بار ئىدى. -ئۇلارغا ئېيتتۇقكى،- «رەببىڭلار بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، سىلەرنىڭ جايىڭلار ئىنتايىن ياخشى جاي، رەببىڭلار مەغپىرەت قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇر
ئەنەس ئالىم: سەبەئـ قەۋمى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تۇرالغۇ جايىدا ئايەت بار ئىدى: ئوڭ ۋە سولدىن قورشاپ تۇرىدىغان ئىككى باغ. ئۇلارغا: «رەببىڭلار ئاتا قىلغان رىزىقتىن يەڭلار، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار. بۇ گۈزەل شەھەردۇر، رەببىڭلار مەغپىرەت قىلغۇچى رەبتۇر!» دېيىلدى.
34 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَعْرَضُوا فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ سَيْلَ الْعَرِمِ وَبَدَّلْنَاهُمْ بِجَنَّتَيْهِمْ جَنَّتَيْنِ ذَوَاتَيْ أُكُلٍ خَمْطٍ وَأَثْلٍ وَشَيْءٍ مِنْ سِدْرٍ قَلِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (شۈكۈردىن) باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق سەلنى ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ باغلىرىنى ئاچچىق مېۋىلىك، يۇلغۇنلۇق، ئاز ـ تولا سىدرىلىق (يەنى ياۋا چىلانلىق) باغلارغا ئايلاندۇردۇق[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمما ئۇلار شۈكۈردىن باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق سەلنى ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ باغلىرىنى ئاچچىق مېۋىلىك، يۇلغۇنلۇق، ئاز ـ تولا سىدرىلىق - يەنى ياۋا چىلانلىق - باغلارغا ئايلاندۇردۇق
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلار يۈز ئۆرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا ئەرىم كەلكۈنىنى ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىككى بېغىنى، ئىچىدە ئاچچىق مېۋىلىك دەرەخلەر، يۇلغۇنلار ۋە بىرئاز گىلاس دەرەخلىرى بولغان ئىككى باغقا ئايلاندۇرۇۋەتتۇق.
34 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا بَيْنَهُمْ وَبَيْنَ الْقُرَى الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا قُرًى ظَاهِرَةً وَقَدَّرْنَا فِيهَا السَّيْرَ ۖ سِيرُوا فِيهَا لَيَالِيَ وَأَيَّامًا آمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىلەن بىز بەرىكەتلىك قىلغان قىشلاقلار ئارىسىدا، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان (تۇتىشىپ كەتكەن) نۇرغۇن قىشلاقلارنى بەرپا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپىنى ئۆلچەملىك قىلدۇق (يەنى سەپەردە يېمەك ـ ئىچمەك ئېلىۋالمىسىمۇ بولىدىغان، ئەتىگەن چىققان يولۇچى چۈشتە بىر ئۆتەڭگە يېتىپ بارسا، كەچتە بىر ئۆتەڭگە يېتىپ بارىدىغان قىلدۇق)، (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېچىلەردە ۋە كۈندۈزلەردە تىنچ ـ ئامان مېڭىڭلار!»[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىلەن بىز بەرىكەتلىك قىلغان قىشلاقلار ئارىسىدا، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان نۇرغۇن قىشلاقلارنى بەرپا قىلدۇق، ئۇلار ئارسىدىكى مېڭىشنى ئۆلچەملىك قىلدۇق، -ئۇلارغا ئېيتتۇقكى،- «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېچىلەردە ۋە كۈندۈزلەردە تىنچ ـ ئامان مېڭىڭلار!»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىلەن بىز بەرىكەتلىك قىلغان يۇرتلار ئارىسىدا بىر - بىرىگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يۇرتلارنى بەرپا قىلغان ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بېرىش - كېلىشنى ئۆلچەملىك قىلىپ ئاسانلاشتۇرغان ئىدۇق ۋە ئۇلارغا: «بۇ يۇرتلارنىڭ ئىچىدە كېچىلىرى ۋە كۈندۈزلىرى خاتىرجەم مېڭىڭلار» دېگەن ئىدۇق.
34 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالُوا رَبَّنَا بَاعِدْ بَيْنَ أَسْفَارِنَا وَظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ فَجَعَلْنَاهُمْ أَحَادِيثَ وَمَزَّقْنَاهُمْ كُلَّ مُمَزَّقٍ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! سەپەرلىرىمىز ئارىسىنى (يەنى ئۆتەڭلار ئارىسىدىكى مۇساپىنى) يىراق قىلغىن» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. ئۇلارنى بىز (كېيىنكى كىشىلەرگە) قىسسە قىلىپ قالدۇردۇق. ئۇلارنى تىتما - تىتما قىلىۋەتتۇق، بۇنىڭدا ھەر بىر (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى، (نېمەتكە) شۈكۈر قىلغۇچى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىمىز! سەپەرلىرىمىز ئارىسىنى يىراق قىلغىن» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. ئۇلارنى بىز كېيىنكىلەرگە چۆچەك قىلىپ قالدۇردۇق. ئۇلارنى تىرە-پىرەن قىلىۋەتتۇق، بۇنىڭدا ھەر بىر سەۋرچان، نېمەتكە شۈكۈر قىلغۇچى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلار: «رەببىمىز! سەپەرلىرىمىزنىڭ ئارىسىنى يىراقلاشتۇرغىن» دېدى ۋە ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئىبرەتلىك قىسسەلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق، ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلۋەتتۇق. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا كۆپ سەۋر قىلغۇچىلار ۋە كۆپ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.
34 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ وَمَا بَلَغُوا مِعْشَارَ مَا آتَيْنَاهُمْ فَكَذَّبُوا رُسُلِي ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) ئۇلار (يەنى ئىلگىرىكىلەر) ئېرىشكەن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشمىگەن، ئۇلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا مېنىڭ جازايىم قانداق بولدى؟[45]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ ئىنكار قىلغان، بۇلار ئىلگىرىكىلەر ئېرىشكەن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشەلمىدى، ئۇلارمۇ مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغا ئىدى. ئۇلارغا مېنىڭ جازايىم قانداق بولدى؟
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ راستنى يالغانچى دېيىشكەن ئىدى. بۇلار، بىز ئۇلارغا ئاتا قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشمىدى. ئۇلار ئەلچىلىرىمنى يالغانچى دېدى، مېنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟
فاتىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ وَكَانُوا أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً ۚ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُعْجِزَهُ مِنْ شَيْءٍ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَلِيمًا قَدِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەر (يەنى ھالاك بولغان ئۈممەتلەر) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) بۇلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھنى ئىلاجىسىز قالدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھ نى ئىلاجسىز قالدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، قادىردۇر.
ياسىن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَنْزَلْنَا عَلَىٰ قَوْمِهِ مِنْ بَعْدِهِ مِنْ جُنْدٍ مِنَ السَّمَاءِ وَمَا كُنَّا مُنْزِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىنى (جازالاش ئۈچۈن) ئاسماندىن قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەر) چۈشۈرمىدۇق (ھەر قەۋمنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى) چۈشۈرۈۋەرگۈچى بولمىدۇق[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىگە ئاسماندىن قوشۇن چۈشۈرمىدۇق، چۈشۈرگۈچىمۇ بولمىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن قوشۇن چۈشۈرمىدۇق. بىز چۈشۈرمەيتتۇق.
36 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَرَوْا كَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنَ الْقُرُونِ أَنَّهُمْ إِلَيْهِمْ لَا يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى) ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلار بۇلارنىڭ يېنىغا (يەنى دۇنياغا ئەبەدىي) قايتمايدۇ[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلار بۇلارنىڭ يېنىغا ئەبەدىي قايتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇلار كۆرمىدىمۇ؟ بىز بۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار بۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلمەيدۇ.
ساففات سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ ضَلَّ قَبْلَهُمْ أَكْثَرُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازدى[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازدى
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلارنىڭ تولىسى ئېزىپ كەتكەن ئىدى.
37 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُنْذَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: قارىغىنا، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
37 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَغْرَقْنَا الْآخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن بىز باشقىلارنى (يەنى نۇھ قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىنى سۇدا) غەرق قىلدۇق[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن بىز باشقىلارنى غەرق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن بىز باشقىلارنى غەرق قىلدۇق.
37 : 136 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ دَمَّرْنَا الْآخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن قالغانلارنى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمىدىن بولغان كۇففارلارنى) ھالاك قىلدۇق[136].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن باشقىلارنى ھالاك قىلدۇق.
37 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّكُمْ لَتَمُرُّونَ عَلَيْهِمْ مُصْبِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟[137 ـ 138].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەندە ئۆتۈپ تۇرىسىلەر،
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەتىگەنلىرى ئۆتۈپ تۇرىسىلەر.
37 : 138 - ئايەت
كۆرۈش
وَبِاللَّيْلِ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟[137 ـ 138].
تەرجىمە ھەيئىتى: كەچتىمۇ ئۆتۈپ تۇرسىلەر. ئەقلىڭلارنى ئىشقا سېلىپ باقمامسىلەر
ئەنەس ئالىم: كېچىلىرىمۇ ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
37 : 177 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا نَزَلَ بِسَاحَتِهِمْ فَسَاءَ صَبَاحُ الْمُنْذَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان![177].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئازابىمىز ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەندە، ئاگاھلاندۇرۇلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەتىگىنى بەك يامان بولىدۇ!
ساد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
كَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَبْلِهِمْ مِنْ قَرْنٍ فَنَادَوْا وَلَاتَ حِينَ مَنَاصٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى (كۇفرى تۈپەيلىدىن) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (ئازابنى كۆرگەندە) پەرياد قىلدى، ھالبۇكى، (بۇ) قاچىدىغان ۋاقىت ئەمەس[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار -ئازابنى كۆرگەندە- پەرياد قىلدى، ھالبۇكى، بۇ قاچىدىغان ۋاقىت ئەمەس
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلار ئازابىمىزنى كۆرۈپ پەرياد قىلىشتى، لېكىن زامان قېچىپ قۇتۇلۇش زامانى ئەمەس ئىدى.
38 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَعَادٌ وَفِرْعَوْنُ ذُو الْأَوْتَادِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرىدىن) ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، ئاد (قەۋمى) ۋە قوزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋن (قەۋمى) (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (ئىزاھات: پىرئەۋن جازالىماقچى بولغان كىشىنى قول ـ پۇتلىرىدىن تۆت قوزۇققا باغلاپ قىيناپ ئۆلتۈرەتتى، شۇڭا قوزۇقلار ئىگىسى دەپ نام ئالغان.) (ئىزاھات: پىرئەۋن جازالىماقچى بولغان كىشىنى قول ـ پۇتلىرىدىن تۆت قوزۇققا باغلاپ قىيناپ ئۆلتۈرەتتى، شۇڭا قوزۇقلار ئىگىسى دەپ نام ئالغان.)[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، ئاد قەۋمى ۋە قوزۇقلار ئىگىسى[1] پىرئەۋن پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد ۋە قوزۇقلارنىڭ ئىگىسى بولغان فىرئەۋن راستنى يالغان دېگەن ئىدى.
38 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَثَمُودُ وَقَوْمُ لُوطٍ وَأَصْحَابُ الْأَيْكَةِ ۚ أُولَٰئِكَ الْأَحْزَابُ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇد قەۋمى، لۇت قەۋمى ۋە ئەيكىلىكلەر (يەنى شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەۋمى) مۇ (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى)، ئەنە شۇلار (پەيغەمبەرلەرگە قارشى ئۇيۇشقان) جامائەلەر ئىدى[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇد قەۋمى، لۇت قەۋمى ۋە ئەيكىلىكلەرمۇ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى، ئەنە شۇلار ئىتتىپاقداشلار ئىدى
ئەنەس ئالىم: سەمۇد، لۇتنىڭ قەۋمى ۋە ئەيكەلىكلەرمۇ شۇنداق قىلغان. ئەنە شۇلار ئەلچىلىرىمگە قارشى ئۇيۇشقان گۇرۇھلار ئىدى.
زۇمەر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَذَاقَهُمُ اللَّهُ الْخِزْيَ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَكْبَرُ ۚ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خارلىقنىڭ (تەمىنى) تېتىتتى، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ بۈيۈكتۇر، ئۇلار (ئاخىرەتنىڭ ئازابىنى) بىلسە ئىدى (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلمايتتى)[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خارلىقنىڭ تەمىنى تېتىتتى، ئۇلار بىلىدىغان بولسا ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ بۈيۈكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارغا بۇ دۇنيا ھاياتىدا خارلىقنى تېتىتتى. ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ چوڭدۇر. ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسىچۇ!
39 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ قَالَهَا الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَمَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇنداق سۆزنى ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ قىلغان، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن مال ـ مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇنداق سۆزنى ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ قىلغان، لېكىن ئۇلارنىڭ قولغان كەلتۈرگەنلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ ئەنە شۇنداق سۆزلەرنى دېيىشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى.
غافىر سۈرىسى
14 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَالْأَحْزَابُ مِنْ بَعْدِهِمْ ۖ وَهَمَّتْ كُلُّ أُمَّةٍ بِرَسُولِهِمْ لِيَأْخُذُوهُ ۖ وَجَادَلُوا بِالْبَاطِلِ لِيُدْحِضُوا بِهِ الْحَقَّ فَأَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئۇيۇشقان ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش) جامائەلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن) ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرى بىلەن) مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟[5]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن جامائەلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى گۇرۇھلار راستنى يالغان دېدى، ھەر ئۇممەت ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىنى جازالاشقا ئۇرۇندى ۋە ھەقنى باتىل بىلەن يوق قىلىشقا تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى جازالىدىم. جازالىشىم قانداق بولدى؟
40 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ كَانُوا مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا هُمْ أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً وَآثَارًا فِي الْأَرْضِ فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ وَمَا كَانَ لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَاقٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بولسا زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي ـ ئىمارەت قۇرۇش) جەھەتتە بۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرى) دىن ئۈستۈن ئىدى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بولسا زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى
ئەنەس ئالىم: بۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى، ئۇلار زېمىندا ئەسەرلەر قالدۇرۇش جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن جازالىدى. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچبىر ساقلاپ قالغۇچى چىقمىدى.
40 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَهَامَانَ وَقَارُونَ فَقَالُوا سَاحِرٌ كَذَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى[23ـ24].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا. بىراق، ئۇلار مۇسانى يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن، ھامان ۋە قارۇنلارغا. ئۇلار: «بۇ سېھىرگەردۇر، يالغانچىدۇر» دېدى.
40 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَهُمْ بِالْحَقِّ مِنْ عِنْدِنَا قَالُوا اقْتُلُوا أَبْنَاءَ الَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ وَاسْتَحْيُوا نِسَاءَهُمْ ۚ وَمَا كَيْدُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن ھەق (يەنى پەيغەمبەرلىك) بىلەن كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى (نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن) ئۆلتۈرۈڭلار، ئاياللىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى پەقەت بەربات بولىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن ھەق بىلەن كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى -نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن- ئۆلتۈرۈڭلار، ئاياللىرىنى قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى پەقەت بەربات بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «مۇسا بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلىشى ئۈچۈن تىرىك قالدۇرۇڭلار» دېدى. كافىرلارنىڭ ھىيلىسى بەربات بولۇشقا مەھكۇمدۇر.
40 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِي أَقْتُلْ مُوسَىٰ وَلْيَدْعُ رَبَّهُ ۖ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَنْ يُظْهِرَ فِي الْأَرْضِ الْفَسَادَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا -ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن- رەببىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار مۇسانى ئۆلتۈرۈۋېتەي. مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن».
40 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ رَجُلٌ مُؤْمِنٌ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَكْتُمُ إِيمَانَهُ أَتَقْتُلُونَ رَجُلًا أَنْ يَقُولَ رَبِّيَ اللَّهُ وَقَدْ جَاءَكُمْ بِالْبَيِّنَاتِ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ وَإِنْ يَكُ كَاذِبًا فَعَلَيْهِ كَذِبُهُ ۖ وَإِنْ يَكُ صَادِقًا يُصِبْكُمْ بَعْضُ الَّذِي يَعِدُكُمْ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر "پەرۋەردىگارىم ئاللاھ" دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ (پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا) يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر «رەببىم ئاللاھ» دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن خانىدانىدىن بولۇپ شۇ ۋاقىتقىچە ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «سىلەر بىر ئادەمنى ‹رەببىم ئاللاھتۇر› دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى! ئەگەر ئۇ يالغان سۆزلىگەن بولسا، يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە. ناۋادا ئۇ راست سۆزلىگەن بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى بېشىڭلارغا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە يالغانچى كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ.
40 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
يَا قَوْمِ لَكُمُ الْمُلْكُ الْيَوْمَ ظَاهِرِينَ فِي الْأَرْضِ فَمَنْ يَنْصُرُنَا مِنْ بَأْسِ اللَّهِ إِنْ جَاءَنَا ۚ قَالَ فِرْعَوْنُ مَا أُرِيكُمْ إِلَّا مَا أَرَىٰ وَمَا أَهْدِيكُمْ إِلَّا سَبِيلَ الرَّشَادِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىدۇر، (مىسىر) زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلگىڭلاردىدۇر، -مىسىر- زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! سىلەر بۈگۈن بۇ مەملىكەتتە ھۆكۈمرانسىلەر، غالىبسىلەر. ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، بىزنى ئۇنىڭدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟». فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە پەقەت ئۆزۈم توغرا كۆرگەن نەرسىنى توغرا دەپ كۆرسىتىۋاتىمەن. مەن سىلەرنى پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن».
40 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
مِثْلَ دَأْبِ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَالَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ ۚ وَمَا اللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِلْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ[30ـ31].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش! ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: يەنى نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد، سەمۇد ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى قەۋملەر دۇچار بولغان جازاغا ئوخشاش جازاغا دۇچار بولۇشىڭلاردىن قورقىمەن. ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى ئىرادە قىلمايدۇ.
40 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَا هَامَانُ ابْنِ لِي صَرْحًا لَعَلِّي أَبْلُغُ الْأَسْبَابَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى[36ـ37].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى ھامان! ماڭا ئېگىز بىر بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا؛ ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى ھامان! مەن ئۈچۈن بىر ساراي سالغىن، يوللارنى تاپاي،
40 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
أَسْبَابَ السَّمَاوَاتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُ كَاذِبًا ۚ وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوءُ عَمَلِهِ وَصُدَّ عَنِ السَّبِيلِ ۚ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِي تَبَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى[36ـ37].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەلەشىم مۇمكىن. چۈنكى مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن». پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى ۋە يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى بىكارغىلا كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ يوللىرىنى. ئاندىن چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. مەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن». فىرئەۋنگە ئۆزىنىڭ يامان ئەمىلى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇ توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. فىرئەۋننىڭ ھىيلىسى بەربات بولدى.
40 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَقَاهُ اللَّهُ سَيِّئَاتِ مَا مَكَرُوا ۖ وَحَاقَ بِآلِ فِرْعَوْنَ سُوءُ الْعَذَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب چۈشتى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب نازىل بولدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇ مۇئمىن ئادەمنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. فىرئەۋن خانىدانىنى بولسا ئەڭ يامان ئازاب قورشىۋالدى.
40 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
النَّارُ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا غُدُوًّا وَعَشِيًّا ۖ وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ أَدْخِلُوا آلَ فِرْعَوْنَ أَشَدَّ الْعَذَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ)[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا كىرىڭلار!» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئازاب ئوتتۇر. ئۇلار ئەتە - ئاخشامدا ئۇ ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ. قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «فىرئەۋن خانىدانىنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا كىرگۈزۈڭلار» دېيىلىدۇ.
40 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا أَكْثَرَ مِنْهُمْ وَأَشَدَّ قُوَّةً وَآثَارًا فِي الْأَرْضِ فَمَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ بۇلاردىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى، زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي ـ ئىمارەت) جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ بۇلاردىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى، زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى
ئەنەس ئالىم: بۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى، ئۇلار زېمىندا ئەسەرلەر قالدۇرۇش جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ھېچنېمىگە ئەسقاتمىدى.
40 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمْ يَكُ يَنْفَعُهُمْ إِيمَانُهُمْ لَمَّا رَأَوْا بَأْسَنَا ۖ سُنَّتَ اللَّهِ الَّتِي قَدْ خَلَتْ فِي عِبَادِهِ ۖ وَخَسِرَ هُنَالِكَ الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، بۇ (يەنى ئازابنى كۆرگەندە ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىلىق بولماسلىقى) ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇتقان يولىدۇر، بۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتقۇچى بولدى[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىمانلىرىنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، بۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇتقان يولىدۇر، شۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتقۇچى بولدى
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىمانلىرى پايدا بەرمىدى. بۇ ئاللاھنىڭ، ئىلگىرىكىلەرگە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. كافىرلار ئەنە شۇ يەردە زىيان تارتىدۇ.
فۇسسىلەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ أَعْرَضُوا فَقُلْ أَنْذَرْتُكُمْ صَاعِقَةً مِثْلَ صَاعِقَةِ عَادٍ وَثَمُودَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (بۇ بايانلاردىن كېيىن ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (سەن ئۇلارغا): «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار يەنە يۈز ئۆرۈسە ئېيتقىنكى: «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇدنىڭ باشلىرىغا كەلگەن گۈلدۈرمامىغا ئوخشاش گۈلدۈرمامىدىن ئاگاھلاندۇردۇم».
41 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا صَرْصَرًا فِي أَيَّامٍ نَحِسَاتٍ لِنُذِيقَهُمْ عَذَابَ الْخِزْيِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَخْزَىٰ ۖ وَهُمْ لَا يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈن، شۇم كۈنلەردە قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتتۇق، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر، ئۇلار (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈن، شۇم كۈنلەردە قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتتۇق، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر، ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا شۇم كۈنلەردە سوغۇق ۋە ئاۋازلىق قارا بوران ئەۋەتتۇق. بۇنى ئۇلارغا بۇ دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن قىلدۇق. ئاخىرەت ئازابى بولسا تېخىمۇ رەسۋا قىلغۇچىدۇر. ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلىنمايدۇ.
زۇخرۇف سۈرىسى
14 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَهْلَكْنَا أَشَدَّ مِنْهُمْ بَطْشًا وَمَضَىٰ مَثَلُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۈستۈن بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىسسەلىرى قۇرئاندا ئۆتتى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلاردىن كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۈستۈن بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىسسىلىرى قۇرئاندا ئۆتتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ مۇشرىكلاردىنمۇ كۈچلۈك بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق1. ئىلگىرىكىلەرنىڭ مىسالى قۇرئاندا زىكىر قىلىندى.
43 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ مَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ فِي قَرْيَةٍ مِنْ نَذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتْرَفُوهَا إِنَّا وَجَدْنَا آبَاءَنَا عَلَىٰ أُمَّةٍ وَإِنَّا عَلَىٰ آثَارِهِمْ مُقْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك سەندىن ئىلگىرى ھەر قاچان بىرەر شەھەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتسەكلا، ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز» دېيىشتى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك سەندىن ئىلگىرى ھەر قاچان بىرەر شەھەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەكلا، ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، بىز سەندىن ئىلگىرى قانداقلا يۇرتقا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرى: «بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى بىر يول ئۈستىدە بىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭغۇچى كىشىلەرمىز» دېدى.
43 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْتَقَمْنَا مِنْهُمْ ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارنى جازالىدۇق، (توغرا يولنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى جازالىدۇق، توغرا يولنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق. قارىغىنا، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
43 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَقَالَ إِنِّي رَسُولُ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە (ئۇنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان شانلىق) مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق، مۇسا (پىرئەۋنگە): «مەن ھەقىقەتەن جىمى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ (سېنى ۋە قەۋمىڭنى بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) ئەلچىسىمەن» دېدى[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق، مۇسا پىرئەۋنگە: «مەن ھەقىقەتەن جىمى ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسانى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. مۇسا ئۇلارغا: «مەن ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى.
43 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَهُمْ بِآيَاتِنَا إِذَا هُمْ مِنْهَا يَضْحَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار ناگاھان مۆجىزىلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلدى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار ناگاھان مۆجىزىلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئۇلارغا مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار بىردىنلا مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشتى.
43 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا نُرِيهِمْ مِنْ آيَةٍ إِلَّا هِيَ أَكْبَرُ مِنْ أُخْتِهَا ۖ وَأَخَذْنَاهُمْ بِالْعَذَابِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىر ـ بىرىدىن كاتتا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق، ئۇلارنى (كۇفرىدىن) قايتسۇن دەپ (تۈرلۈك) ئازابلار بىلەن جازالىدۇق[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىر ـ بىرىدىن كاتتا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق، ئۇلارنى كۇفرىدىن قايتسۇن دەپ تۈرلۈك ئازابلار بىلەن جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا كۆرسەتكەن ھەر مۆجىزە ئىلگىرىكسىدىن چوڭ ئىدى. بىز ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ ئازابلار بىلەن جازالىدۇق.
43 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا يَا أَيُّهَ السَّاحِرُ ادْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِنْدَكَ إِنَّنَا لَمُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە) «ئى سېھىرگەر! پەرەۋردىگارىڭغا ئۇنىڭ ساڭا بەرگەن (دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشتىن ئىبارەت) ئەھدى بويىچە بىز ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ (ئەگەر ئۇ دۇئايىڭ بىلەن بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتسە)، بىز چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز» دېدى[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە: «ئى سېھىرگەر! پەرەۋردىگارىڭغا ئۇنىڭ ساڭا بەرگەن ئەھدى بويىچە بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغىن، بىز چوقۇم توغرا يول تاپىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى سېھىرگەر! رەببىڭنىڭ ساڭا بەرگەن ئەھدىسى بويىچە بىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىن، بىز ئەلۋەتتە توغرا يولغا كېلىمىز» دېدى.
43 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُمُ الْعَذَابَ إِذَا هُمْ يَنْكُثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇسانىڭ دۇئاسى بىلەن) ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىنىمىزدە، ناگاھان ئۇلار (ئەھدىنى) بۇزۇپ (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىنىمىزدە، ناگاھان ئۇلار ئەھدىنى بۇزۇپ كۇفرىدا چىڭ تۇردى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلار بىردىنلا سۆزلىرىدىن يېنىۋالدى.
43 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَادَىٰ فِرْعَوْنُ فِي قَوْمِهِ قَالَ يَا قَوْمِ أَلَيْسَ لِي مُلْكُ مِصْرَ وَهَٰذِهِ الْأَنْهَارُ تَجْرِي مِنْ تَحْتِي ۖ أَفَلَا تُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە (پەخىرلەنگەن ھالدا) نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ (مېنىڭ بۇ بۈيۈكلۈكۈمنى) كۆرمەمسىلەر؟ بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن»[51ـ52].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە پەخىرلەنگەن ھالدا نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن قەۋمىنىڭ ئىچىدە نىدا قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى مەندە ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۆستەڭلەر مېنىڭ ئاستىمدىن ئېقىۋاتمامدۇ؟ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟
43 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ أَنَا خَيْرٌ مِنْ هَٰذَا الَّذِي هُوَ مَهِينٌ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە (پەخىرلەنگەن ھالدا) نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ (مېنىڭ بۇ بۈيۈكلۈكۈمنى) كۆرمەمسىلەر؟ بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن»[51ـ52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا، مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەم- مۇسا- دىن ياخشىراق ئەمەسمۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ياكى مەن بۇ ئەرزىمەس ۋە ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان ئادەمدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟
43 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا أُلْقِيَ عَلَيْهِ أَسْوِرَةٌ مِنْ ذَهَبٍ أَوْ جَاءَ مَعَهُ الْمَلَائِكَةُ مُقْتَرِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا (ئاسماندىن) ئالتۇن بىلەيزۈكلەر تاشلانمىدى؟ ياكى نېمىشقا (ئۇنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟»[53]
تەرجىمە ھەيئىتى: نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاسماندىن ئالتۇن بىلەيزۈكلەر تاشلانمىدى؟ ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟»
ئەنەس ئالىم: نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەزۈكلەر تاشلاپ بېرىلمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟».
43 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَخَفَّ قَوْمَهُ فَأَطَاعُوهُ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن، قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن، قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن قەۋمىنى بۇ شەكىلدە ئەخمەق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىرئەۋنگە ئىتائەت قىلدى. چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋم ئىدى.
43 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا آسَفُونَا انْتَقَمْنَا مِنْهُمْ فَأَغْرَقْنَاهُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىزنى دەرغەزەپ قىلغاندا، ئۇلارنى بىز (ئەڭ قاتتىق جازالار بىلەن) جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (دېڭىزدا) غەرق قىلدۇق[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىزنى دەرغەزەپ قىلغاندا، ئۇلارنى بىز جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېڭىزدا غەرق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىزنى غەزەپلەندۈرگەن ئىدى، بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلىۋەتتۇق.
43 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
فَجَعَلْنَاهُمْ سَلَفًا وَمَثَلًا لِلْآخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى بىز (كۇففارلارنىڭ ئازابقا تېگىشلىك بولۇشىدا) كېيىنكىلەرگە نەمۇنە ۋە ئىبرەت قىلدۇق[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى بىز كېيىنكىلەرگە نەمۇنە ۋە ئىبرەت قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى كېينكىلەرگە ئىبرەت ئېلىنىدىغان ئەجداد ۋە مىسال قىلىنىدىغان ئۈلگە قىلدۇق.
دۇخان سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ فَتَنَّا قَبْلَهُمْ قَوْمَ فِرْعَوْنَ وَجَاءَهُمْ رَسُولٌ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىدۇق، ئۇلارغا ئېسىل بىر پەيغەمبەر كەلدى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىدۇق، ئۇلارغا ئېسىل بىر پەيغەمبەر كەلدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز بۇلاردىن ئىلگىرى فىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىغان ئىدۇق. ئۇلارغا ھۆرمەتلىك ئەلچى كەلگەن ئىدى.
44 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
فَدَعَا رَبَّهُ أَنَّ هَٰؤُلَاءِ قَوْمٌ مُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا پەرۋەردىگارىغا: «بۇلار گۇناھكار قەۋمدۇر» دەپ دۇئا قىلدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا رەببىغا: «بۇلار گۇناھكار قەۋمدۇر» دەپ دۇئا قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن رەببىگە: «بۇلار گۇناھكار قەۋمدۇر» دەپ دۇئا قىلدى.
44 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَسْرِ بِعِبَادِي لَيْلًا إِنَّكُمْ مُتَّبَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ ئېيتتى) «مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، سىلەر ھەقىقەتەن قوغلىنىسىلەر[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداق بولسا مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە تىزدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، سىلەر ھەقىقەتەن قوغلىنىسىلەر
ئەنەس ئالىم: رەببى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «بەندىلىرىمنى ئېلىپ كېچىدە يولغا چىققىن. شۈبھىسىزكى، سىلەر قوغلىنىسىلەر3.
44 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتْرُكِ الْبَحْرَ رَهْوًا ۖ إِنَّهُمْ جُنْدٌ مُغْرَقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دېڭىزنى تىپتىنچ (يەنى سەن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن قۇرۇق ھالىتى بويىچە) قويغىن، ئۇلار ھەقىقەتەن غەرق قىلىنغۇچى قوشۇندۇر»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: دېڭىزنى تىپتىنچ قويغىن، ئۇلار ھەقىقەتەن غەرق قىلىنغۇچى قوشۇندۇر»
ئەنەس ئالىم: دېڭىزدا ئېچىلغان يولنى ئۆز ھالىتى بىلەن قويغىن. ئۇلار چوقۇم غەرق قىلىنغۇچى قوشۇندۇر».
44 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
كَمْ تَرَكُوا مِنْ جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى قالدۇردى[25ـ26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى قالدۇردى؛ باغلارنى، بۇلاقلارنى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى قويۇپ كەتتى: باغلارنى، بۇلاقلارنى،
44 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَزُرُوعٍ وَمَقَامٍ كَرِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى قالدۇردى[25ـ26].
تەرجىمە ھەيئىتى: زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى
ئەنەس ئالىم: ئېكىنلەرنى، ئېسىل ماقاملارنى
44 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ ۖ وَأَوْرَثْنَاهَا قَوْمًا آخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنى باشقىلارغا (يەنى بەنى ئىسرائىلغا) مىراس قىلىپ بەردۇق[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنى باشقىلارغا مىراس قىلىپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: ئىش ئەنە شۇنداق بولدى. بىز ئۇ نەرسىلەرنى باشقا قەۋمگە مىراس قىلىپ بەردۇق.
44 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا بَكَتْ عَلَيْهِمُ السَّمَاءُ وَالْأَرْضُ وَمَا كَانُوا مُنْظَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يىغلىمىدى، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يىغلىمىدى، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئاسمان ۋە زېمىن يىغلىمىدى. ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى.
44 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ فِرْعَوْنَ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَالِيًا مِنَ الْمُسْرِفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋن (ئازابى) دىن قۇتقۇزدۇق، پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى[30 ـ 31].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنى پىرئەۋندىن قۇتقۇزدۇق. پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋندىن قۇتقۇزدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ زومىگەر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى.
44 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدِ اخْتَرْنَاهُمْ عَلَىٰ عِلْمٍ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدۇق[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز زامانىدىكى جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغانىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسرائى ئەۋلادىنى، بىلىپ زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق.
44 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
أَهُمْ خَيْرٌ أَمْ قَوْمُ تُبَّعٍ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ أَهْلَكْنَاهُمْ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۈچلۈكمۇ ياكى تۈببە قەۋمىمۇ؟ ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (نۇرغۇن) قەۋملەرنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار گۇناھكار ئىدى[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ياخشىراقمۇ؟ ياكى تۈببە قەۋمىمۇ؟ ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن قەۋملەرنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار گۇناھكار ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇلار كۈچلۈكمۇ؟ ياكى تۇببەئـنىڭ قەۋمى4 ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ؟ بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار گۇناھكار ئىدى.
جاسىيە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى)، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى (زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب - تەۋرات - نى، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەردۇق، ئۇلارغا پاك رىزىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنى زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق،
45 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتَيْنَاهُمْ بَيِّنَاتٍ مِنَ الْأَمْرِ ۖ فَمَا اخْتَلَفُوا إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِي بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا دىن ئىشىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، پەقەت ئۇلارغا ئىلىم (يەنى دىننىڭ راستلىقىغا قەتئى دەلىللەر) كەلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا دىن ئىشىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، پەقەت ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. رەببىڭ ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار توغرىسىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا دىن ئىشىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن ئارىلىرىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن ئىختىلاپ قىلىشتى. سېنىڭ رەببىڭ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
ئەھقاف سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كَانَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَكَفَرْتُمْ بِهِ وَشَهِدَ شَاهِدٌ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَلَىٰ مِثْلِهِ فَآمَنَ وَاسْتَكْبَرْتُمْ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان تۇرسا، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ؟) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن سالام) قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان كەلتۈرسە، سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتساڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ؟) شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئېيتقىنكى: «سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولۇپ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭلار ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى قۇرئاننىڭ بىر ئوخشىشىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان كەلتۈرسە، سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلغان بولساڭلارچۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى توغرا يولغا باشلىمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر بۇ قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بولسا، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى ئۇنىڭ ئوخشىشىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان ئېيتقان بولسا، سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ ئىمان ئېيتمىغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئۆزۈڭلار زۇلۇم قىلغان بولمامسىلەر؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ».
46 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ حَقَّ عَلَيْهِمُ الْقَوْلُ فِي أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِمْ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا خَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە (ئاللاھنىڭ ئازاب قىلىش) سۆزى ھەقلىق بولدى، ئۇلار بولسا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان ئۈممەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچى بولدى[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە سۆز ھەقلىق بولدى، ئۇلار بولسا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان ئۈممەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچى بولدى
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇنداقلار ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن جىن ۋە ئىنسان ئۇممەتلىرى قاتارىدا ئازاب ئىچىدە بولىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
46 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ أَخَا عَادٍ إِذْ أَنْذَرَ قَوْمَهُ بِالْأَحْقَافِ وَقَدْ خَلَتِ النُّذُرُ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئادنىڭ قېرىندىشى (يەنى ھۇد ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئۆز قەۋمى بىلەن بولغان قىسسەسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئەھقاف (دېگەن يەر) دىكى قەۋمىنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردى، ئۇنىڭدىن (يەنى ھۇدتىن) ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتتى. ئۇ (يەنى ھۇد) (قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرۇپ) ئېيتتى: «سىلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ (ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلساڭلار) بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن»[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئادنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئۆز قەۋمى بىلەن بولغان قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئەھقاف -دېگەن يەر- دىكى قەۋمىنى ئاگاھلاندۇردى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتتى. ئۇ ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئادنىڭ قېرىندىشىنى زىكىر قىلغىن2. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قۇم دۆۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ نۇرغۇن ئاگاھلاندۇرغۇچىلار ئۆتتى. ئۇ ئۇلارغا: «ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقۇۋاتىمەن» دېگەن ئىدى.
46 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَأَوْهُ عَارِضًا مُسْتَقْبِلَ أَوْدِيَتِهِمْ قَالُوا هَٰذَا عَارِضٌ مُمْطِرُنَا ۚ بَلْ هُوَ مَا اسْتَعْجَلْتُمْ بِهِ ۖ رِيحٌ فِيهَا عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر» دېيىشتى. (ھۇد ئېيتتى) «ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ بىر بوران بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئازاب بار[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر» دېيىشتى، ھۇد بولسا: «ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ بىر بوران بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئازاب بار
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ ئازابنى، ئۆزلىرىنىڭ ۋادىلىرىغا قاراپ كېلىۋاتقان كەڭ بۇلۇت ھالىتىدە كۆرۈپ، «بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرىدىغان بۇلۇت» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياق، ئۇ سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر: ئەلەملىك ئازاب ئۆز ئىچىگە ئالغان شامالدۇر.
46 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
تُدَمِّرُ كُلَّ شَيْءٍ بِأَمْرِ رَبِّهَا فَأَصْبَحُوا لَا يُرَىٰ إِلَّا مَسَاكِنُهُمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْقَوْمَ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ پەرۋردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ» (يەنى بوران كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرىنىڭ (يەنى تۇرغان ماكانلىرىنىڭ ئىزىدىن) باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ پەرۋردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ»، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرى كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇ رەببىنىڭ ئەمرى بىلەن ھەر نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ». شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ماكانلىرىدىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ كەتتى. بىز گۇناھكار قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.
46 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ مَكَّنَّاهُمْ فِيمَا إِنْ مَكَّنَّاكُمْ فِيهِ وَجَعَلْنَا لَهُمْ سَمْعًا وَأَبْصَارًا وَأَفْئِدَةً فَمَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ سَمْعُهُمْ وَلَا أَبْصَارُهُمْ وَلَا أَفْئِدَتُهُمْ مِنْ شَيْءٍ إِذْ كَانُوا يَجْحَدُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارنى (يەنى ئاد قەۋمىنى) (پۇل ـ مال، كۈچ ـ قۇۋۋەت جەھەتتە) سىلەرنى قادىر قىلمىغان نەرسىلەرگە قادىر قىلدۇق. (ئۇلارنىڭ شۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىپ، بۇ ئارقىلىق نېمەتلەرنى بەرگۈچى ئاللاھنى تونۇشى ئۈچۈن) ئۇلارغا قۇلاق، كۆز، قەلبلەرنى بەردۇق، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى، دىللىرى ئۇلاردىن (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلمىدى، ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارغا نازىل بولدى[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلارنى سىلەرنى قادىر قىلمىغان نەرسىلەرگە قادىر قىلدۇق. ئۇلارغا قۇلاق، كۆز، قەلبلەرنى بەردۇق، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى، دىللىرى ئۇلاردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى، ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارغا نازىل بولدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا سىلەرگە بەرمىگەن كۈچ - قۇۋۋەتلەرنى بەردۇق. ئۇلارغا ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ۋە دىللارنى ئاتا قىلدۇق. لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان چاغدا ئۇلارنىڭ ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ۋە دىللىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى. ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى.
46 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَهْلَكْنَا مَا حَوْلَكُمْ مِنَ الْقُرَىٰ وَصَرَّفْنَا الْآيَاتِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مەككە ئاھالىسى!) بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى شەھەرلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى (كۇفرىدىن) يانسۇن دەپ ئايەتلەرنى تەكرار بايان قىلدۇق[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مەككە ئاھالىسى!- بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى شەھەرلەردىن نۇرۇغۇنلىرىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى يانسۇن دەپ ئايەتلەرنى تەكرار بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مەككە ئاھالىسى! بىز سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلارنى قايتسۇن دەپ ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا بايان قىلدۇق.
مۇھەممەد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ دَمَّرَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ ۖ وَلِلْكَافِرِينَ أَمْثَالُهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. كاپىرلىرىمۇ شۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. بۇ كاپىرلارمۇ شۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋەتتى. بۇ كافىرلارغىمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتلەر بار.
47 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ هِيَ أَشَدُّ قُوَّةً مِنْ قَرْيَتِكَ الَّتِي أَخْرَجَتْكَ أَهْلَكْنَاهُمْ فَلَا نَاصِرَ لَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەرنىڭ (يەنى مەككىنىڭ) ئاھالىسىدىن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا ھېچ قانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەرنىڭ ئاھالىسىدىن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا ھېچ قانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سېنى ھەيدەپ چىقارغان يۇرتتىن كۈچلۈك نۇرغۇن يۇرتلار بار ئىدى، بىز ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھېچ ياردەمچىسى بولمىدى.
قاف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَأَصْحَابُ الرَّسِّ وَثَمُودُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى[12ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، رەس ئاھالىسى ۋە سەمۇد قەۋمىمۇ پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغان
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، رەسسىلىكلەر1 ۋە سەمۇد2 يالغانچى دېگەن.
50 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَادٌ وَفِرْعَوْنُ وَإِخْوَانُ لُوطٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى[12ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئاد قەۋمى، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قىرىنداشلىرى
ئەنەس ئالىم: ئاد3، فىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى،
50 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَصْحَابُ الْأَيْكَةِ وَقَوْمُ تُبَّعٍ ۚ كُلٌّ كَذَّبَ الرُّسُلَ فَحَقَّ وَعِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى[12ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەيكە ئاھالىسى - شۇئەيبنىڭ قەۋمى- ۋە تۈببە قەۋملىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم ئۇلارغا تېگىشلىك بولدى
ئەنەس ئالىم: ئەيكەلىكلەر4 ۋە تۇببەئنىڭ5 قەۋمىمۇ يالغانچى دېگەن ئىدى. ھەممىسى ئەلچىلىرىمنى يالغانچى دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تەھدىتىم ئەمەلگە ئاشتى.
50 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هُمْ أَشَدُّ مِنْهُمْ بَطْشًا فَنَقَّبُوا فِي الْبِلَادِ هَلْ مِنْ مَحِيصٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرىدىن) ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (يەنى شۇ ئۈممەتلەر) ھەر قايسى جايلارنى كەزدى، (ئۇلارغا) ئۆلۈمدىن قاچىدىغان جاي تېپىلدىمۇ؟[36]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ھەر قايسى جايلارنى كەزدى، ئۇلارغا ئۆلۈمدىن قاچىدىغان جاي تېپىلدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىز بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار شەھەرلەردە كېزىپ يۈرۈشكەن ئىدى. قاچقىلى يەر تېپىلدىمۇ؟
زارىيات سۈرىسى
15 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا إِنَّا أُرْسِلْنَا إِلَىٰ قَوْمٍ مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن بىر گۇناھكار قەۋمنى (ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق (يەنى لۇت قەۋمىنىڭ ئۈستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق)[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن گۇناھكار بىر قەۋمگە ئەۋەتىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز گۇناھكار قەۋمگە ئەۋەتىلدۇق.
51 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
لِنُرْسِلَ عَلَيْهِمْ حِجَارَةً مِنْ طِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان)، لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز»[33ـ34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن ياسالغان تاشلارنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن كەلدۇق.
51 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
مُسَوَّمَةً عِنْدَ رَبِّكَ لِلْمُسْرِفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان)، لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز»[33ـ34].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن تامغۇلانغاندۇر.»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە سېلىنغان تاشلاردۇر».
51 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخْرَجْنَا مَنْ كَانَ فِيهَا مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ھالاك بولمىسۇن دەپ لۇتنىڭ) شەھىرىدىكى مۆمىنلەرنى (سىرتقا) چىقىرىۋەتتۇق[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭا شەھەردىكى مۇئمىنلارنى -شەھەردىن- چىقىرىۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ ئەسنادا ئۇ يەردىكى مۇئمىنلارنى چىقاردۇق.
51 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا وَجَدْنَا فِيهَا غَيْرَ بَيْتٍ مِنَ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇ شەھەردىن مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇ شەھەردىن مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ يەردە بىر ئائىلىدىن باشقا مۇسۇلمان ئۇچراتمىدۇق.
51 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَكْنَا فِيهَا آيَةً لِلَّذِينَ يَخَافُونَ الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ شەھەردە قاتتىق ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن نىشان قالدۇردۇق[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ شەھەردە قاتتىق ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن نىشان قالدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەردە، ئەلەملىك ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ئايەت قالدۇردۇق.
51 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَوَلَّىٰ بِرُكْنِهِ وَقَالَ سَاحِرٌ أَوْ مَجْنُونٌ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئۆز قوشۇنى بىلەن (ئىماندىن) يۈز ئۆرىدى، ئۇ: «(مۇسا) سېھىرگەردۇر ياكى مەجنۇندۇر» دېدى[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئۆز قوشۇنى بىلەن يۈز ئۆرىدى ۋە ئۇ: «مۇسا سېھىرگەردۇر ياكى مەجنۇندۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن سەلتەنىتىگە تايىنىپ يۈز ئۆرۈدى ۋە: «بۇ سېھىرگەردۇر ياكى جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېدى.
51 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذْنَاهُ وَجُنُودَهُ فَنَبَذْنَاهُمْ فِي الْيَمِّ وَهُوَ مُلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىدۇق، پىرئەۋن ئەيىبلەنگۈچىدۇر[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىدۇق، پىرئەۋن ئەيىبلەنگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا ئاتتۇق. ئۇ بۇ ئەسنادا ئۆزىگە مالامەت قىلاتتى.
51 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِي عَادٍ إِذْ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ الرِّيحَ الْعَقِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئادنىڭ (قىسسەسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا يامان بوراننى ئەۋەتتۇق[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئادنىڭ قىسسىسىدىمۇ ئىبرەتلەر بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق بوراننى ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئادتىمۇ ئايەت قالدۇردۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايدىغان بوراننى ئەۋەتكەن ئىدۇق.
51 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
مَا تَذَرُ مِنْ شَيْءٍ أَتَتْ عَلَيْهِ إِلَّا جَعَلَتْهُ كَالرَّمِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى بوران) ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك (تىتما ـ تالان) قىلىۋېتەتتى[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بوران ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك تىتما ـ تالاڭ قىلىۋېتەتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇ بوران نېمىنىڭ ئۈستىگە كەلسە ئۇنى چىرىپ كەتكەن نەرسىدەك قىلىۋېتەتتى.
51 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِي ثَمُودَ إِذْ قِيلَ لَهُمْ تَمَتَّعُوا حَتَّىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇدنىڭ (قىسسەسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «سىلەر ۋاقىتلىق پايدىلىنىڭلار» دېدۇق[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇدنىڭ قىسسىسىدىمۇ ئىبرەتلەر بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «سىلەر ۋاقىتلىق پايدىلىنىڭلار» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز سەمۇدتىمۇ ئايەت قالدۇردۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «ۋاقىت كەلگۈچە بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار» دېيىلگەن ئىدى.
51 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَتَوْا عَنْ أَمْرِ رَبِّهِمْ فَأَخَذَتْهُمُ الصَّاعِقَةُ وَهُمْ يَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار (ئازابنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى) كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار رەببىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەببىنىڭ ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى شىددەتلىك گۈلدۈرماما باستى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ تۇراتتى.
51 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا اسْتَطَاعُوا مِنْ قِيَامٍ وَمَا كَانُوا مُنْتَصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئازاب چۈشكەن ۋاقىتتا) ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ، ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمىدى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار -ئازاب چۈشكەن ۋاقىتتا- ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ، ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئورنىدىن تۇرالمىدى ۋە ئۆزلىرىنى قوغدىيالمىدى.
51 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَوْمَ نُوحٍ مِنْ قَبْلُ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغان ئىدۇق. چۈنكى ئۇلار فاسىق قەۋم ئىدى.
51 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ مَا أَتَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا قَالُوا سَاحِرٌ أَوْ مَجْنُونٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارغا ھەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار (ئۇنى): «بىر سېھرىگەر ياكى بىر مەجنۇن» دېدى[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار ئۇنى: «بىر سېھرىگەر ياكى بىر مەجنۇن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك1، بۇلاردىن ئىلگىرىكىلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەر ئەلچىنى «سېھىرگەر ياكى جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم» دېدى.
نەجم سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُ أَهْلَكَ عَادًا الْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئاللاھ) قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاۋۋالقى ئادنى ھالاك قىلدى،
53 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَثَمُودَ فَمَا أَبْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇدنىمۇ (ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ) قويمىدى[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇدنىمۇ ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ قويمىدى
ئەنەس ئالىم: سەمۇدنىمۇ ھالاك قىلدى، بىرىنىمۇ قويمىدى.
53 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَوْمَ نُوحٍ مِنْ قَبْلُ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا هُمْ أَظْلَمَ وَأَطْغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلغان ئىدى)، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغان ئىدى، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلغان ئىدى، چۈنكى ئۇلار ناھايىتى زالىم ۋە بەك ھەددىدىن ئاشقان ئىدى.
53 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْمُؤْتَفِكَةَ أَهْوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: . لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى[53 ـ 54].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى
ئەنەس ئالىم: كۆمتۈرۈۋېتىلگەن يۇرتلارنىمۇ ھالاك قىلىپ، يەر ئاستىغا پاتۇرۇۋەتتى.
53 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
فَغَشَّاهَا مَا غَشَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: . لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى[53 ـ 54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇنى قاپلىغان نەرسە قاپلىۋالدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ يۇرتلارنى قاپلىۋالغان نەرسە قاپلىۋالدى.
قەمەر سۈرىسى
17 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جَاءَهُمْ مِنَ الْأَنْبَاءِ مَا فِيهِ مُزْدَجَرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ھەقىقەتەن (قۇرئان) خەۋەرلىرىدىن ئىبرەت ئېلىنىدىغان مىقداردا نەرسە كەلدى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا خەۋەرلەردىن ئىبرەت ئېلىنىدىغان مىقداردا كەلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا يامان يولدىن توسىدىغان خەۋەرلەر كەلدى،
54 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ تَرَكْنَاهَا آيَةً فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى (يەنى توپان بالاسىنى) ئىبرەت قىلىپ قالدۇردۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟[15]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى ئىبرەت قىلىپ قالدۇردۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنى ئايەت سۈپىتىدە قالدۇردۇق. ئويلانغۇچى يوقمۇ؟
54 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ عَادٌ فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاد قەۋمى (پەيغەمبىرى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن![18]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاد قەۋمى -پەيغەمبىرى ھۇدنى- ئىنكار قىلدى، مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: ئاد يالغانچى دېدى. مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇم قانداق بولدى؟
54 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا صَرْصَرًا فِي يَوْمِ نَحْسٍ مُسْتَمِرٍّ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن) يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان كۈندە سوغۇق ۋە ئاۋازلىق قارا بوران ئەۋەتتۇق.
54 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
تَنْزِعُ النَّاسَ كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍ مُنْقَعِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن) يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: بوران كىشىلەرنى ئورۇنلىرىدىن يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى
ئەنەس ئالىم: بوران ئىنسانلارنى يۇلۇپ تاشلايتتى. ئۇلار خۇددى قومۇرۇۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىگە ئوخشايتتى.
54 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِالنُّذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇد ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) يالغانغا چىقاردى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇد ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: سەمۇد ئاگاھلاندۇرۇشلارنى يالغان دېدى.
54 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالُوا أَبَشَرًا مِنَّا وَاحِدًا نَتَّبِعُهُ إِنَّا إِذًا لَفِي ضَلَالٍ وَسُعُرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئارىمىزدىكى (بىزگە ئوخشاش) بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ (ئۇنداق قىلساق) ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھلىققا ۋە ساراڭلىققا مۇپتىلا بولىمىز[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئارىمىزدىكى بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھلىققا ۋە ساراڭلىققا مۇپتىلا بولىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئىچىمىزدىن بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ ئەگەر ئۇنداق قىلساق ئېزىپ كەتكەن ۋە ئۆزىمىزنى ئوتقا ئاتقان بولىمىز.
54 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
أَأُلْقِيَ الذِّكْرُ عَلَيْهِ مِنْ بَيْنِنَا بَلْ هُوَ كَذَّابٌ أَشِرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا ۋەھىي نازىل قىلىندىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يالغانچىدۇر، مۇتەكەببىردۇر»[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا ۋەھيى نازىل قىلىندىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يالغانچىدۇر، مۇتەكەببىردۇر»
ئەنەس ئالىم: ۋەھىي ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا بېرىلىپتۇمۇ؟ ياق، ئۇ ھاكاۋۇر يالغانچىدۇر».
54 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَنَادَوْا صَاحِبَهُمْ فَتَعَاطَىٰ فَعَقَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بۇرادىرىنى (تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە) چاقىردى. ئۇ قىلىچنى ئېلىپ تۆگىنى بوغۇزلىدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بۇرادىرىنى چاقىردى، ئۇ قىلىچنى ئېلىپ تۆگىنى بوغۇزلىدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلار بۇرادىرىنى چاقىردى. ئۇ ئىشقا كىرىشتى ۋە تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى.
54 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ صَيْحَةً وَاحِدَةً فَكَانُوا كَهَشِيمِ الْمُحْتَظِرِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋازنى ئەۋەتىپ (ھالاك قىلىش بىلەن) ئۇلارنى قوتان ياسىغۇچىنىڭ تاشلاندۇق شاخ ـ شۇمبىلىرىدەك قىلىۋەتتۇق[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋازنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى قوتان ياسىغۇچىنىڭ تاشلاندۇق شاخ ـ شۇمبىلىرىدەك قىلىۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا قاتتىق ئاۋاز ئەۋەتتۇق. ئۇلار دەرھال قوتاندىكى قۇرۇق ئوت - چۆپ پارچىلىرىدەك بولۇپ كەتتى.
54 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَوْمُ لُوطٍ بِالنُّذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا چىنپۈتمىدى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى يالغان دېدى.
54 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ حَاصِبًا إِلَّا آلَ لُوطٍ ۖ نَجَّيْنَاهُمْ بِسَحَرٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى تاش ياغدۇرۇپ (ھالاك قىلدۇق)، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. ئۇلارنى نېمىتىمىز يۈزىسىدىن سەھەردە قۇتۇلدۇردۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[34ـ35].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئۈستىگە تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. ئۇلارنى سەھەردە قۇتۇلدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا تاش ئەۋەتتۇق. لۇتنىڭ ئائىلىسى مۇستەسنا. بىز ئۇلارنى سەھەردە قۇتقۇزدۇق،
54 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ رَاوَدُوهُ عَنْ ضَيْفِهِ فَطَمَسْنَا أَعْيُنَهُمْ فَذُوقُوا عَذَابِي وَنُذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار لۇتتىن مېھمانلىرىنى (يەنى ئادەمزات شەكلىدە كەلگەن پەرىشتىلەرنى) (ئۇلار بىلەن لىۋاتە قىلىش ئۈچۈن) قوغدىماسلىقنى سورىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، (ئۇلارغا) «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېدۇق)[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار لۇتتىن مېھمانلىرىنى قوغدىماسلىقنى سورىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، ئۇلارغا «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قەبىھ ئىش ئۈچۈن لۇتتىن مېھمانلىرىنى تەلەپ قىلدى. بىز ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، ئاندىن ئۇلارغا: «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇمغا قۇلاق سالمىغانلىقنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دېدۇق.
54 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جَاءَ آلَ فِرْعَوْنَ النُّذُرُ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن جامائەسىگە ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن جامائەسىگە ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن خانىدانىغىمۇ ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلگەن ئىدى.
54 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا كُلِّهَا فَأَخَذْنَاهُمْ أَخْذَ عَزِيزٍ مُقْتَدِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىزنىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، ئۇلارنى غالىب، قۇدرەتلىك ھالەتتە تۇرۇپ ھالاك قىلدۇق[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىزنىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى، شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنى غالىب، قۇدرەتلىك ھالەتتە تۇرۇپ ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پۈتۈن ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېدى. بىز ئۇلارنى ئەزىز ۋە قۇدرەتلىك سۈپىتىمىزگە لايىق شەكىلدە جازالىدۇق.
54 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
أَكُفَّارُكُمْ خَيْرٌ مِنْ أُولَٰئِكُمْ أَمْ لَكُمْ بَرَاءَةٌ فِي الزُّبُرِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئەرەب جامائەسى!) ئۇلار (يەنى مەن ھالاك قىلغان ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) دىن سىلەرنىڭ كۇففارلىرىڭلار ئارتۇقمۇ؟ ياكى سىلەرگە ساماۋى كىتابلاردا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) كەچۈرۈم قىلىنىش بارمۇ؟[43]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ كۇففارلىرىڭلار ئۇلاردىن ئارتۇقمۇ؟ ياكى بولمىسا سىلەر ئۈچۈن كىتابلاردا كەچۈرۈم قىلىنىش بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ كافىرلىرىڭلار ئۇلاردىن ياخشىمۇ؟ ياكى ئىلگىرىكى كىتابلاردا سىلەرنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغانلىقىڭلار توغرۇلۇق بىرەر ھۆكۈم بارمۇ؟
54 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَهْلَكْنَا أَشْيَاعَكُمْ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەردىن كۇفرىدا) سىلەرگە ئوخشاش بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟[51]
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن بىز سىلەرگە ئوخشاشلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئوخشاشلىرىڭلارنى ھالاك قىلدۇق. ئويلانغۇچى بارمۇ؟
ھەدىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ قَفَّيْنَا عَلَىٰ آثَارِهِمْ بِرُسُلِنَا وَقَفَّيْنَا بِعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ وَآتَيْنَاهُ الْإِنْجِيلَ وَجَعَلْنَا فِي قُلُوبِ الَّذِينَ اتَّبَعُوهُ رَأْفَةً وَرَحْمَةً وَرَهْبَانِيَّةً ابْتَدَعُوهَا مَا كَتَبْنَاهَا عَلَيْهِمْ إِلَّا ابْتِغَاءَ رِضْوَانِ اللَّهِ فَمَا رَعَوْهَا حَقَّ رِعَايَتِهَا ۖ فَآتَيْنَا الَّذِينَ آمَنُوا مِنْهُمْ أَجْرَهُمْ ۖ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ فَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتتۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، رەھبانىيەتنى (تەركىدۇنيالىقنى) ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ (پەيدا قىلدى)، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بەردۇق، ئۇلاردىن نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتتۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، رەھبانىيەتنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ پەيدا قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغىمۇ لايىق دەرىجىدە رىئايەت قىلمىدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بەردۇق، ئۇلاردىن نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەلچىلىرىمىزنى ئارقا -ئارقىدىن ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچىلەرنىڭ كەينىدىن مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى بەردۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ قەلبلىرىگە شەپقەت ۋە مەرھەمەت سالدۇق. ئۇلار پەيدا قىلغان راھىبلىققا كەلسەك، بىز ئۇنى ئۇلارغا پەرز قىلمىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ پەيدا قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا رىئايە قىلمىدى. بىز ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارغا مۇكاپاتىنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقلاردۇر.
57 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
لِئَلَّا يَعْلَمَ أَهْلُ الْكِتَابِ أَلَّا يَقْدِرُونَ عَلَىٰ شَيْءٍ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ ۙ وَأَنَّ الْفَضْلَ بِيَدِ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن ھېچ نەرسىگە قادىر ئەمەسلىكلىرىنى، پەزلنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، (ئاللاھنىڭ) ئۇنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن (ئاللاھ شۇ سۆزنى قىلدى)[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز بۇلارنى، ئەھلى كىتابنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن ھېچ نەرسىگە قادىر ئەمەسلىكلىرىنى، پەزل - مەرھەمەتنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىشلىرى ئۈچۈن -بايان قىلدۇق-. ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابنىڭ شۇنى بىلىشى لازىمكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىدىن ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ، پەزل ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئاللاھ بۈيۈك پەزلنىڭ ئىگىسىدۇر.
ھەشر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي أَخْرَجَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مِنْ دِيَارِهِمْ لِأَوَّلِ الْحَشْرِ ۚ مَا ظَنَنْتُمْ أَنْ يَخْرُجُوا ۖ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ مَانِعَتُهُمْ حُصُونُهُمْ مِنَ اللَّهِ فَأَتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ حَيْثُ لَمْ يَحْتَسِبُوا ۖ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ الرُّعْبَ ۚ يُخْرِبُونَ بُيُوتَهُمْ بِأَيْدِيهِمْ وَأَيْدِي الْمُؤْمِنِينَ فَاعْتَبِرُوا يَا أُولِي الْأَبْصَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلارنى (يەنى بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنى) تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە ئۆيلىرىدىن ھەيدەپ چىقاردى، سىلەر ئۇلارنى (كۈچلۈك تۇرۇپ مۇنداق خار ھالدا) چىقىپ كېتىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىنى ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ (ئازابىدىن) توسىيالايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى، ئۇلار قورغانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قوللىرى ۋە مۆمىنلەرنىڭ قوللىرى بىلەن بۇزدى، ئى ئەقىل ئىگىلىرى! (ئۇلارنىڭ ھالىدىن) ئىبرەت ئېلىڭلار[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلارنى تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە ئۆيلىرىدىن ھەيدەپ چىقاردى، ھالبۇكى سىلەر ئۇلارنى چىقىپ كېتىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىنىڭ ئۇلارنى ئاللاھنىڭ -ئازابىدىن- توسىيالايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى، ئۇلار ئۆيلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قوللىرى ۋە مۇئمىنلارنىڭ قوللىرى بىلەن بۇزدى، ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ئىبرەت ئېلىڭلار!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئەھلى كىتابتىن بولغان كافىرلارنى تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە يۇرتلىرىدىن چىقاردى. سىلەر ئۇلارنىڭ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدىڭلار. ئۇلار قورغانلىرىمىز بىزنى ئاللاھتىن ساقلايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالدى. ئۇلار ئۆيلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ۋە مۇئمىنلارنىڭ قوللىرى بىلەن خاراب قىلاتتى. ئى ئۆتكۈر كۆزلۈك كىشىلەر! ئىبرەت ئېلىڭلار.
59 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
كَمَثَلِ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ قَرِيبًا ۖ ذَاقُوا وَبَالَ أَمْرِهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئۇلاردىن ئىلگىرى يېقىندىلا ئۆتكەن، قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا) ئوخشايدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار، ئۇلاردىن ئىلگىرى يېقىندىلا ئۆتكەن، قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن قاتتىق ئازاب باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئەھۋالى يېقىندىلا ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغان. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
مۇمتەھىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
60 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِيهِمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ ۚ وَمَنْ يَتَوَلَّ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى!) ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەر سىلەرگە، ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارغا ياخشى نەمۇنىدۇر، كىمكى (ئىمانىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ (ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنداقلاردىن) بىھاجەتتۇر، (ئاللاھ) مەدھىيەگە لايىقتۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلاردە ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارغا ياخشى ئۈلگەلەر باردۇر، كىمكى يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سىلەرگە - ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان كىشىگە - ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر. كىمكى يۈز ئۆرۈسە بىلسۇنكى، ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
جۇمۇئە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
62 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
مَثَلُ الَّذِينَ حُمِّلُوا التَّوْرَاةَ ثُمَّ لَمْ يَحْمِلُوهَا كَمَثَلِ الْحِمَارِ يَحْمِلُ أَسْفَارًا ۚ بِئْسَ مَثَلُ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِ اللَّهِ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە (يەنى ئەمەل قىلىشقا) تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر (يەنى تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلار) خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ (يەنى پايدىلىق چوڭ ـ چوڭ كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ)، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلار، خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: زىممىلىرىگە تەۋراتقا ئەمەل قىلىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن تۇرۇقلۇق، تەۋراتقا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ ئەھۋالى چوڭ - چوڭ كىتابلارنى توشۇيدىغان ئېشەكنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
62 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ هَادُوا إِنْ زَعَمْتُمْ أَنَّكُمْ أَوْلِيَاءُ لِلَّهِ مِنْ دُونِ النَّاسِ فَتَمَنَّوُا الْمَوْتَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەر باشقىلارنى ئەمەس، پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان بولساڭلار، (ئاخىرەتنىڭ راھىتىگە تېزرەك يېتىش ئۈچۈن) ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر (بۇ دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار»[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئى يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەر باشقىلارنى ئەمەس، پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان بولساڭلار، ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر بۇ دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى يەھۇدىيلار! ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئاللاھنىڭ ۋەلىيلىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان بولساڭلار ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىڭلار، ئەگەر راستچىل بولساڭلار».
62 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَتَمَنَّوْنَهُ أَبَدًا بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۆلۈمنى ھەرگىز ئارزۇ قىلمايدۇ، ئاللاھ زالىملارنى بىلگۈچىدۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۆلۈمنى ھەرگىز ئارزۇ قىلمايدۇ، ئاللاھ زالىملارنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلالمايدۇ. ئاللاھ زالىملارنى بىلگۈچىدۇر.
تەغابۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَبَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَبْلُ فَذَاقُوا وَبَالَ أَمْرِهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ئىلگىرى كاپىر بولۇپ ئەمەللىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ئىلگىرى كاپىر بولۇپ ئەمەللىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۈچۈن قاتتىق ئازاب باردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ئىلگىرى كافىر بولۇپ، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا ئەلەملىك ئازابمۇ بار.
تالاق سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
65 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ عَتَتْ عَنْ أَمْرِ رَبِّهَا وَرُسُلِهِ فَحَاسَبْنَاهَا حِسَابًا شَدِيدًا وَعَذَّبْنَاهَا عَذَابًا نُكْرًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇرغۇن شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالىدۇق[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى رەببىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: نۇرغۇنلىغان يۇرت ئاھالىسى رەببىنىڭ ئەمرىدىن ۋە رەببىنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى. بىز ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى مىسلىسىز ئازاب بىلەن ئازابلىدۇق.
65 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَاقَتْ وَبَالَ أَمْرِهَا وَكَانَ عَاقِبَةُ أَمْرِهَا خُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى زىيان تارتىشتىن ئىبارەت بولدى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: نەتىجىدە ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى زىيان تارتىشتىنلا ئىبارەت بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تېتىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتى زىياندىن ئىبارەت بولدى.
تەھرىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
66 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا لِلَّذِينَ كَفَرُوا امْرَأَتَ نُوحٍ وَامْرَأَتَ لُوطٍ ۖ كَانَتَا تَحْتَ عَبْدَيْنِ مِنْ عِبَادِنَا صَالِحَيْنِ فَخَانَتَاهُمَا فَلَمْ يُغْنِيَا عَنْهُمَا مِنَ اللَّهِ شَيْئًا وَقِيلَ ادْخُلَا النَّارَ مَعَ الدَّاخِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كۇففارلارغا (ئۇلارنىڭ مۆمىنلەر بىلەن تۇغقانچىلىقىنىڭ پايدا بەرمەسلىكىدە) نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇلار بولسا بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ ئەمرىدە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئەرلىرىگە (ئىمان ئېيتماسلىق بىلەن) خىيانەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى (يەنى نۇھ بىلەن لۇت) (پەيغەمبەر تۇرۇقلۇق) ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى. (ئۇ ئىككىسىگە) «دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار» دېيىلدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كۇففارلارغا نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇلار بولسا بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ ئەمرىدە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئەرلىرىگە خىيانەت قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككىسىگە: «دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار» دېيىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كافىرلارغا نۇھ ۋە لۇتنىڭ ئاياللىرىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئىككى ئايال، بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىنىڭ نىكاھىدا ئىدى، ئۇ ئىككى ئايال ئۇ ئىككى ياخشى بەندىگە خىيانەت قىلدى، ئۇ ئىككى ياخشى بەندە ئاللاھتىن كەلگەن ھېچ نەرسىنى ئۇ ئىككى ئايالدىن دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككى ئايالغا: «كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە دوزاخقا كىرىڭلار!» دېيىلدى.
مۈلك سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ أَمِنْتُمْ مَنْ فِي السَّمَاءِ أَنْ يُرْسِلَ عَلَيْكُمْ حَاصِبًا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ كَيْفَ نَذِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟ (سىلەر ئازابنى كۆرگەن چاغدا) مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى (يەنى ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلىسىلەر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟ مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ ئۈستۈڭلارغا تاش ياغدۇرۇشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر.
67 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) يالغانغا چىقاردى. (ئۇلارنى ئازاب چۈشۈرۈش بىلەن) ئەيىبلىگەنلىكىم قانداق ئىكەن؟[18]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر يالغانغا چىقارغان ئىدى، مېنى ئىنكار قىلىشنىڭ نەتىجىسى قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ راستنى يالغان دېگەن ئىدى. ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟
قەلەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا بَلَوْنَاهُمْ كَمَا بَلَوْنَا أَصْحَابَ الْجَنَّةِ إِذْ أَقْسَمُوا لَيَصْرِمُنَّهَا مُصْبِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى مەككە مۇشرىكلىرىگە ئوخشاش ۋەھىينى ئىنكار قىلغانلارنى) مەلۇم باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك (قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىش بىلەن) سىنىدۇق. ئۇلار (يەنى باغنىڭ ئىگىلىرى) ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى (كەمبەغەللەر ئۇقمىسۇن، ئۇلارغا ھېچ نەرسە بەرمەيلى دېيىشىپ) سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى مەلۇم باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك سىنىدۇق. ئۇلار ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغىنىمىزدەك سىنىدۇق. ئۆز ۋاقتىدا باغنىڭ ئىگىلىرى باغنىڭ مېۋىلىرىنى سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى.
68 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ الْعَذَابُ ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَكْبَرُ ۚ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئازاب مانا مۇشۇنداقتۇر (يەنى قۇرەيشكىمۇ باغ ئىگىلىرىگە چۈشكەن ئازاب چۈشىدۇ). ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئازاب مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئازاب ئەنە شۇنداقتۇر، ئاخىرەت ئازابى تېخىمۇ بۈيۈكتۇر، ئۇلار بىلگەن بولسىچۇ!
ھاققە سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ ثَمُودُ وَعَادٌ بِالْقَارِعَةِ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇد ۋە ئاد (قەبىلىلىرى) قىيامەتنى ئىنكار قىلدى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇد ۋە ئاد قەۋملىرى قىيامەتنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: سەمۇد ۋە ئاد قارىئە2نى يالغان دېدى.
69 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا ثَمُودُ فَأُهْلِكُوا بِالطَّاغِيَةِ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن سەمۇد ھەددىدىن زىيادە پالاكەت3 بىلەن ھالاك قىلىندى.
69 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا عَادٌ فَأُهْلِكُوا بِرِيحٍ صَرْصَرٍ عَاتِيَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاد بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاد بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى
ئەنەس ئالىم: ئاد بولسا سوغۇق ۋە ئاۋازلىق قاتتىق قارا بوران بىلەن ھالاك قىلىندى.
69 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
سَخَّرَهَا عَلَيْهِمْ سَبْعَ لَيَالٍ وَثَمَانِيَةَ أَيَّامٍ حُسُومًا فَتَرَى الْقَوْمَ فِيهَا صَرْعَىٰ كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍ خَاوِيَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارغا بوراننى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ئاپىرىدە قىلدى. (ئاد) قەۋمىنىڭ (ئۆز ماكانلىرىدا ھالاك بولۇپ) خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارغا بوراننى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ئاپىرىدە قىلدى، ئاد قەۋمىنىڭ خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇ بوراننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يەتتە كېچە ۋە سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي چىقاردى. ئەگەر ئۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئۇلارنى خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك يېقىلغان ھالەتتە كۆرەتتىڭ.
69 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
فَهَلْ تَرَىٰ لَهُمْ مِنْ بَاقِيَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟[8]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: ھازىر ئۇلاردىن قېلىپ قالغان بىرەرىنى كۆرۈۋاتامسەن؟
69 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَ فِرْعَوْنُ وَمَنْ قَبْلَهُ وَالْمُؤْتَفِكَاتُ بِالْخَاطِئَةِ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە شەھەرلىرى دۈم كۆمتۈرۈۋېتىلگەنلەر (يەنى لۇت قەۋمى) خاتا ئىشلارنى قىلدى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە شەھەرلىرى دۈم كۆمتۈرۈىۋېتىلگەنلەر خاتا ئىشلارنى قىلدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك فىرئەۋنمۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىلارمۇ، كۆمتۈرۈۋېتىلگەنلەرمۇ خاتا ئىشلارنى قىلدى.
69 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا لَمَّا طَغَى الْمَاءُ حَمَلْنَاكُمْ فِي الْجَارِيَةِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق. سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، ئېسىدە تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق)[11ـ12].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى بىز كېمىگە سالدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! توپان بالاسى يۈز بەرگەندە سىلەرنى كېمىدە بىز توشۇدۇق4.
69 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
لِنَجْعَلَهَا لَكُمْ تَذْكِرَةً وَتَعِيَهَا أُذُنٌ وَاعِيَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق. سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، ئېسىدە تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق)[11ـ12].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنى سىلەرگە ئەسلەش ۋاسىتىسى قىلىشىمىز ئۈچۈن، ھەمدە ئۇنى تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇردۇق5.
نوھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
مِمَّا خَطِيئَاتِهِمْ أُغْرِقُوا فَأُدْخِلُوا نَارًا فَلَمْ يَجِدُوا لَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَنْصَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (توپان بىلەن) غەرق قىلىندى، دوزاخقا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچى تاپالمىدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن -توپان بىلەن- غەرق قىلىندى ئاندىن دوزاخقا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچىلەر تاپالمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن سۇغا غەرق قىلىندى، ئوتقا كىرگۈزۈلدى، ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىلەر تاپالمىدى.
مۇزەممىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَصَىٰ فِرْعَوْنُ الرَّسُولَ فَأَخَذْنَاهُ أَخْذًا وَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن پەيغەمبەرگە (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا) ئاسىيلىق قىلدى (يەنى پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتماي، ئۇنى يالغانغا چىقاردى، ئى قۇرەيش جامائەسى! سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغاندەك، پىرئەۋنمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغان ئىدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن ئەلچىمىزگە ئاسىيلىق قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق.
مۇرسەلات سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
77 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ نُهْلِكِ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟[16]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىز ئاۋۋالقىلارنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟
77 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ نُتْبِعُهُمُ الْآخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشتۈرۈپ كېيىنكىلەرنى ھالاك قىلدۇق[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلارغا كېيىنكىلەرنى ئەگەشتۈرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارغا كېيىنكىلەرنى ئەگەشتۈرىمىز.
77 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ نَفْعَلُ بِالْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق قىلىمىز (يەنى جازالايمىز)[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز گۇناھكارلارغا ئەنە شۇنداق مۇئامىلە قىلىمىز.
نازىئات سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبْ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: «سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: «سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى
ئەنەس ئالىم: «فىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇ بەك ھەددىدىن ئاشتى.
79 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبَ وَعَصَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسانى) ئىنكار قىلدى ۋە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) ئاسىيلىق قىلدى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن بولسا مۇسانى يالغانغا چىقاردى ۋە ئاسىيلىق قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىراق فىرئەۋن يالغان دېدى، ئاسىيلىق قىلدى،
79 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَدْبَرَ يَسْعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن پىرئەۋن (مۇسادىن) يۈز ئۆرۈپ (ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىشكە) كىرىشتى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن پىرئەۋن ئالدىرىغان ھالدا يۈز ئۆرۈپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئىشقا كىرىشىش ئۈچۈن ئارقىسىنى قىلىپ كەتتى،
79 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَحَشَرَ فَنَادَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ سېھرىگەرلەرنى، ئەسكەرلىرىنى، تەۋەلىرىنى) توپلىدى ھەم نىدا قىلىپ[23]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇ - ئادەملىرىنى- توپلىدى ھەم نىدا قىلىپ دېدىكى:
ئەنەس ئالىم: ئاندىن توپلىدى، ئاندىن نىدا قىلدى:
79 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالَ أَنَا رَبُّكُمُ الْأَعْلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: دېدى: «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك رەببىڭلاردۇرمەن»
ئەنەس ئالىم: «مەن سىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك رەببىڭلاردۇرمەن» دېدى.
79 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَخَذَهُ اللَّهُ نَكَالَ الْآخِرَةِ وَالْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابى بىلەن جازالىدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابى بىلەن جازالىدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇنى ئاخىرقى ۋە ئاۋۋالقىنىڭ جازاسى بىلەن جازالىدى7.
79 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبْرَةً لِمَنْ يَخْشَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھتىن قورقىدىغانلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاللاھتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ئىبرەت باردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئەيمىنىدىغان كىشى ئۈچۈن ئىبرەت بار.
بۇرۇج سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
85 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
قُتِلَ أَصْحَابُ الْأُخْدُودِ
مۇھەممەد سالىھ: ئورەكلەرنىڭ ئىگىللىرىگە لەنەت بولسۇن.4
تەرجىمە ھەيئىتى: ئورەكلەرنىڭ ئىگىلىرىگە لەنەت بولسۇن
ئەنەس ئالىم: ئورەكنىڭ ئىگىلىرىگە لەنەت قىلىندى،
85 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ الْجُنُودِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ ـ پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسەسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟[17ـ18]
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ساڭا لەشكەرلەرنىڭ قىسسىسى كەلدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ساڭا قوشۇنلارنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
85 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
فِرْعَوْنَ وَثَمُودَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ ـ پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسەسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟[17ـ18]
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسىسى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ ۋە سەمۇدنىڭ.
فەجر سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِعَادٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟[6ـ7].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ ئاد قەۋمىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ: رەببىڭ ئاد قەۋمىگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟
89 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
إِرَمَ ذَاتِ الْعِمَادِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟[6ـ7].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈچلۈك ئىرەم خەلقىنى-چۇ؟-
ئەنەس ئالىم: تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىگىسى ئىرەمگە؟-
89 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
الَّتِي لَمْ يُخْلَقْ مِثْلُهَا فِي الْبِلَادِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلمىغان ئىدى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: باشقا شەھەرلەردە تېخى ئوخشاشلىرى يارىتىلمىغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ شەھەرلەر ئىچىدە ئوخشىشى يارىتىلمىغان يۇرتتۇر-
89 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَثَمُودَ الَّذِينَ جَابُوا الصَّخْرَ بِالْوَادِ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇدنى ئاللاھ قانداق جازالىدى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ -ئۆيلەرنى بىنا قىلغان- سەمۇدنى
ئەنەس ئالىم: ۋادىدا قورام تاشلارنى كەسكەن سەمۇد قەۋمىگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟
89 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِرْعَوْنَ ذِي الْأَوْتَادِ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق جازالىدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ۋە قوزۇقلارنىڭ ئىگىسى فىرئەۋنگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟
89 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَصَبَّ عَلَيْهِمْ رَبُّكَ سَوْطَ عَذَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن رەببىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئازاب قامچىسى ياغدۇردى.
شەمس سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
91 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَدْ خَابَ مَنْ دَسَّاهَا
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى سەۋەبلىك ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: سەمۇد قەۋمى ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن راستنى يالغان دېدى.
91 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِطَغْوَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئەڭ بەتبەختى ئالدىرىغاندا
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئەڭ بەتبەختى ئېتىلىپ چىقتى.
91 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ اللَّهِ نَاقَةَ اللَّهِ وَسُقْيَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن ئۇلار سالىھ پەيغەمبەرنى يالغانچى قىلىپ، تۆگىنى ئۆلتۈردى، ئاندىن گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىپ، ئۇ يەرنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلار ئۇنى يالغانچى دېدى ۋە ئۇ تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن رەببى ئۇلارغا گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازاب ئەۋەتتى ۋە ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى.
91 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمْدَمَ عَلَيْهِمْ رَبُّهُمْ بِذَنْبِهِمْ فَسَوَّاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقمايتتى.
بەييىنە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
98 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ لَمْ يَكُنِ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ مُنْفَكِّينَ حَتَّىٰ تَأْتِيَهُمُ الْبَيِّنَةُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) كاپىر بولغانلار ۋە مۇشرىكلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن ئايرىلغۇچى بولمىدى[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن كاپىر بولغانلار بىلەن مۇشرىكلەر، ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن ئايرىلغۇچى بولمىدى
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت بولغان كافىرلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر ئايرىلغۇچىلار ئەمەس ئىدى.
98 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تَفَرَّقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَةُ
مۇھەممەد سالىھ: كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىنلا ئىختىلاپ قىلىشتى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتاب بېرىلگەنلەر، پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىنلا ئىختىلاپ قىلىشتى
ئەنەس ئالىم: كىتاب بېرىلگەنلەر پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىن پىرقىلەرگە ئايرىلدى.
98 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ فِي نَارِ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ أُولَٰئِكَ هُمْ شَرُّ الْبَرِيَّةِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدۇ. دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدۇ. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت بولغان كافىرلار جەھەننەم ئوتىنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇ يەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر.
فىل سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
105 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِأَصْحَابِ الْفِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ فىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟[1]
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ فىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ رەببىڭ پىل ئىگىلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟
105 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَجْعَلْ كَيْدَهُمْ فِي تَضْلِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟[2]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ ئۇلارنىڭ پىلانىنى بۇزۇۋەتمىدىمۇ؟
105 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَرْسَلَ عَلَيْهِمْ طَيْرًا أَبَابِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ ـ توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ ـ توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ-توپ ئۇچارقاناتلار ئەۋەتتى.
105 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
تَرْمِيهِمْ بِحِجَارَةٍ مِنْ سِجِّيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ[4]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئاتاتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇچارقاناتلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئاتاتتى.
105 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَجَعَلَهُمْ كَعَصْفٍ مَأْكُولٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن رەببىڭ ئۇلارنى يېيىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى.
قۇرەيش سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
106 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ لِإِيلَافِ قُرَيْشٍ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرەيش قوغدالغانلىقلىرى ئۈچۈن[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرەيش قوغدالغانلىقلىرى ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: قۇرەيش قىزغىن مۇئامىلە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن،